قەلب (كۇڭزى)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-15 23:14:08

قەلبكۇڭزىياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى ئادەم قەلبىنىڭ خەتەرلىكلىكى تاغ - دەريالاردىن ئېشىپ چۈشىدۇ. ئۇنى چۈشىنىش ئاسماننى چۈشىنىشتىنمۇ مۈشكۈل بولىدۇ. تەبىئەتتىكى باھار، ياز، كۈز ۋە قىش، كېچە، كۈندۈز...

    قەلب
    كۇڭزى
    ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى



       ئادەم قەلبىنىڭ خەتەرلىكلىكى تاغ - دەريالاردىن ئېشىپ چۈشىدۇ. ئۇنى چۈشىنىش ئاسماننى چۈشىنىشتىنمۇ مۈشكۈل بولىدۇ. تەبىئەتتىكى باھار، ياز، كۈز ۋە قىش، كېچە، كۈندۈز دېگەنلىرىنىڭ نېمىلا دېگەن بىلەن مەلۇم ئۆلچىمى بولىدۇ، ئادەمنىڭ تاشقى قىياپىتى قېلىن قاسراققا ئوخشاش بولۇپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى مەھكەم چۈمكەپ تۇرىدۇ. شۇڭا بەزى قىياپەت سەمىمىي كۆرۈنسىمۇ، ئىچكى كۆڭلى شاللاق كېلىدۇ؛ بەزى قەلب مويسىپىتلاردەك بىلىنسىمۇ، قىياپىتى ئەخلاقسىزدەك كۆرۈنىدۇ؛ بەزى تاشقى قىياپەت چېچىلاڭغۇدەك كۆرۈنسىمۇ، ئىچكى قەلبى غەرەز ئۇقىدىغان بولىدۇ؛ بەزى تاشقى قىياپەت ئاجايىپ سۈرلۈك كۆرۈنسىمۇ، قەلبى ئىنتايىن يېقىملىق بولىدۇ. بەزى تاشقى قىياپەت ئاق كۆڭۈلدەك بىلىنسىمۇ، قەلبى ئىنتايىن ياۋۇز بولىدۇ. ئەخلاقسىزلىق ئۈستىدىن ئەڭ قاتتىق ۋايسايدىغان ئادەم ئەڭ ئەخلاقسىز ئادەم  بولۇشى مۈمكىن، رەھىمسىزلەرگە ئەڭ قاتتىق نەپرەتلىنىدىغان ئادەم ئۆزى ئەڭ رەھىمسىز بولۇشى مۈمكىن. 
        ۋاپادارلىقنى تەشنالىق بىلەن قوغلىشىدىغان بەزى ئادەملەر ۋاپادارلىقتىن قاچىدۇ. ئىلىمدىن سۆز ئاچىدىغان بەزىلەر ئەمەلىيەتتە ئىلىمگە دۈشمەنلىك قىلىدىغان جاھىللاردىن بولۇپ چىقىدۇ.  شۇڭا ئالىيجاناب ئادەم بەزىلەرنىڭ سادىق ياكى سادىق ئەمەسلىكىنى ئۇلارنى يىراق جايلاردا خىزمەتكە قويۇش ئارقىلىق كۆزىتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ سەمىمىي ياكى سەمىمىي ئەمەسلىكىنى ئۇلارنى يېقىنغا خىزمەتكە قويۇش ئارقىلىق كۆزىتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئۇلارنى قىيىن ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا سېلىش ئارقىلىق كۆزىتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بىلىم - مەلۇماتىنى ئۇلاردىن ئۇشتۇمتۇت سوئال سوراش ئارقىلىق كۆزىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىشەنچلىك ياكى ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنى ئۇلار بىلەن ئالدىراش ھالدا كېلىشىپ قويۇش ئارقىلىق كۆزىتىدۇ؛ ئۇلارغا پۇل - مالنى ھاۋالە قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مال - مۈلۈككە ھېرىس ياكى ھېرىس ئەمەسلىكىنى كۆزىتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ دىيانىتىنى ئۇلارغا ئەھۋالنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ قويۇش ئارقىلىق كۆزىتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قائىدە - يوسۇنلارغا رىئايە قىلىدىغان - قىلمايدىغانلىقىنى ئۇلارنى ھاراققا غەرق مەست قىلىۋەتكەندىن كېيىن كۆزىتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھاۋايى - ھەۋەسكە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئۇلار ئەر - ئاياللار ئارىلاش يۈرگەن جايدا كۆزىتىدۇ. ئاشۇ توققۇز تەرەپنى ئومۇملاشتۇرغاندا، ياخشى بىلەن ياماننى ئېنىق ئايرىۋالغىلى بولىدۇ.

    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-7-28 0:00:26]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر كۇڭزى ياسىن ھاۋازى