غەرب پەلسەپە تارىخى

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-01-11 17:30:39

غەرب پەلسەپىسىنىڭ ھېكايىسى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىردىكى گرېتسىيە تاقىم ئاراللىرى ھەم ئۇنىڭ مۇستەملىكىلىرىدىن باشلانغان. بەزى ئىجادچان پەيلاسوپلارنىڭ ئېغىر تىڭىرقاشقا يولۇقۇشى بىلەن، «شەيئىلەر ئەمەلىيەتتە نېمە؟» ھەم «بىز شەيئىلەردىكى ئۆزگىرىش جەريانىنى

     
    غەرب پەلسەپە تارىخى
     
    − سوقراتتىن سارتر ھەم ئۇنىڭدىن كېيىنگە قەدەر
    سامۇئىل ئىنىك سىتومپ
    جامىس فىسىر
    تەرجىمە قىلغۇچى: ئىدرىس نۇرۇللا
    بىرىنچى بۆلۈم
    گرېك پەلسەپىسى


    1- باب سوقراتنىڭ ئەجدادلىرى

    ئىنسانلار مەزكۇر پىلانتتا نەچچە مىليون يىل ياشىدى. ئەلۋەتتە، ئەڭ بۇرۇنقى كىشىلەرنىڭ تەجرىبىسى ۋە بىلىمىنى بىلەلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. شۇنداقتىمۇ، ئاشۇ دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ ھازىرقىغا ئوخشاش دۇنيانى چۈشىنىپ بېقىش ئىستىكىنىڭ دالالىتىدە بولغانلىقىنى تامامەن تەسەۋۋۇر قىلالايمىز. ئەڭ دەسلەپكى ئەجدادلىرىمىز دۇنيانىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكى، ئۆزىنىڭ جانلىقلار ئارىسىدىكى ئەڭ بۈيۈكى ياكى ئەمەسلىكى، ئۆزىنى قورشاپ تۇرغان زېمىننىڭ سىرتىدا يەنە بىر دۇنيانىڭ بار- يوقلۇقىنى تەسەۋۋۇر قىلغان بولسا كېرەك. ئۇلار ئەخلاقىي ھەرىكەت ياكى ئىجتىمائىي تەرتىپكە قارىتىلغان بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەمنىڭ بولۇش-بولماسلىقى، بۇ ئۆلچەمنى ئۆزلىرى يولۇققان تۈرلۈك قەبىلىلەرگە تەتبىقلاشقا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى بىلىشنى ئويلىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇ مەسىلىلەر خۇسۇسىدا نېمىلەرنى ئويلىغان بولسۇن، ئۇلارنىڭ نۇقتىئىنەزەرلىرى ۋاقىتنىڭ ئۇزاق ئېقىنلىرىدا ئۇپراپ تۈگىگەن. ئەجدادلىرىمىزنىڭ توغرا ئىدىيسىنى پەقەت كېيىن پەيدا بولغان كەشپىيات-يېزىق بىلەن پۈتۈش ئارقىلىقلا بىلەلەيمىز. پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئەڭ دەسلەپكى پۈتۈكلەرنى تەكشۈرگەندە، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئالاھىدە ئەنئەنىسى، مەسىلەن، شەرقىي ئاسىيا ئەنئەنىسى، ھىندىستان ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەنئەنىسى، ئوتتۇرا شەرق ئەنئەنىسى ھەم ئافرىقا ئەنئەنىسى بولىدىغانلىقىنى بايقايمىز. بۇ كىتاب مانا مۇشۇنداق بىر ئەنئەنىنى بايان قىلىدۇ، بۇ ئەنئەنە ياۋروپادا تەرەققىي قىلىپ، كېيىن ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا تارقالغان. بۇ ئەنئەنە ئادەتتە «غەربنىڭ» دېيىلىدۇ، بۇنداق ئاتاشتا ئۇنىڭ ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ غەربىدە پەيدا بولغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغان.
    غەرب پەلسەپىسىنىڭ ھېكايىسى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىردىكى گرېتسىيە تاقىم ئاراللىرى ھەم ئۇنىڭ مۇستەملىكىلىرىدىن باشلانغان. بەزى ئىجادچان پەيلاسوپلارنىڭ ئېغىر تىڭىرقاشقا يولۇقۇشى بىلەن، «شەيئىلەر ئەمەلىيەتتە نېمە؟» ھەم «بىز شەيئىلەردىكى ئۆزگىرىش جەريانىنى قانداق چۈشىنەلەيمىز؟» دېگەن سوئاللار ئىنتايىن دىققەتكە سازاۋەر بولغان. ئۇلارنىڭ بۇ سوئاللارغا بەرگەن جاۋابلىرى ئۇزاق ئۆتمەي «پەلسەپە»−ئەقىل-پاراسەتنى سۆيۈش دەپ ئاتالغان. بۇ ئويلىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى كىشىلەرنىڭ شەيئىلەر ھەرگىزمۇ تاشقىي قىياپىتىدە كۆرۈنگەندەك بولمايدىغانلىقىنى تەدرىجىي تونۇپ يېتىشىدۇر. ھادىسە دائىم رېئاللىققا ئوخشىمايدۇ. تۇغۇلۇش، ئۆلۈش، پەيدا بولۇش، يوقىلىش−يەنى شەيئىلەرنىڭ شەكىللىنىشى ۋە غايىب بولۇشى شەپقەتسىز رېئاللىقتۇر. مەزكۇر رېئاللىق بەزى ئۈزۈل-كېسىل مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شەيئى ۋە ئادەم قانداق پەيدا بولىدۇ؟ يەنە قانداق قىلىپ ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتتا ئوخشاش بولمىغان ئۆزگىرىشتە بولىدۇ؟ ئۇلار يەنە قانداق يوقىلىپ، باشقا شەيئىلەر ۋە ئادەملەرگە ئورۇن بېرىدۇ؟ ئەڭ دەسلەپكى پەيلاسوپلارنىڭ بۇ سوئاللارغا بەرگەن جاۋابلىرى ئىچىدە نۇرغۇنلىرى پەقەتلا مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئۇلارنىڭ بۇ ئالاھىدە مەسىلىگە ئېتىبار بەرگەنلىكىدۇر. ئۇلار بۇ مەسىلىلەرنى پۈتۈنلەي يېڭى نەزەردە كۆزەتكەن، بۇ نەزەر ئاشۇ دەۋردىكى ئۇلۇغ شائىرلارنىڭ ئىنتايىن مىستىك كۆرۈش بۇلۇڭىدىن تامامەن پەرقلىنەتتى.
    گرېك پەلسەپىسى ئافىنا (ئاتسېن Athens)، بىلەن ئېگىي دېڭىزى ئارقىلىق ئايرىلىپ، روبىرو قارىشىپ تۇرىدىغان پورت شەھىرى مىلېتۇس (Miletus) تا تۇغۇلدى، مىلېتۇس كىچىك ئاسىيادىكى ئىئونىيە رايونىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا ئىدى. ئۆزلىرى تۇرغان جۇغراپىيىلىك ئورۇن سەۋەبلىك تۇنجى تۈركۈمدىكى گرېك پەيلاسوپلىرى مىلېتۇسچىلار ياكى ئىئونىيەچىلەر دەپ ئاتالغان. تەخمىنەن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 585- يىلى مىلېتۇسچى پەيلاسوپلار ئۆزىنىڭ سىستېمىلىق پەلسەپە خىزمىتىنى باشلىغاندا، مىلېتۇس دېڭىز سودىسى گۈللەنگەن، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئىدىيىلىرى توپلانغان جايغا ئايلىنىپ قالغانىدى. شەھەردىكى باياشاتچىلىق كىشىلەرنى يېتەرلىك بوش ۋاقىتقا ئىگە قىلغان، بۇنداق بولمىغان بولسا، سەنئەت ۋە پەلسەپە تۇرمۇشى تەرەققىي قىلالمايتتى. بۇنىڭدىن سىرت، مەزكۇر شەھەردىكى كىشىلەرنىڭ يۈكسەك جاسارىتى ۋە تېگى-تەكتىگىچە ئېنىقلاش روھىمۇ پەلسەپىنىڭ ئىدراكىي پائالىيىتىگە ئىنتايىن مۇۋاپىق كەيپىيات ياراتقان. ئالدى بىلەن ئىئونىيە «ئىلىئاد «(Iliad) ۋە «ئودىيسېي« (Odyssey)  نى ئىجاد قىلغان ھومېر (Homer، تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 700- يىللىرى) نى تۇغدى. بۇ مەڭگۈلۈك كلاسسىك ئىپوسلاردا، ھومېر ئولىمپىس تېغىنىڭ كارتىنىسىنى سۈرەتلىدى، ئۇ يەردە ئىلاھلار يەر يۈزىدىكى ئادەملەرگە ئوخشاش ياشايتتى. دۇنيا ھەققىدىكى بۇنداق شائىرانە نۇقتىئىينەزەرمۇ ئىلاھلار ئىنسانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان شەكىلدە تەسۋىرلەندى. بولۇپمۇ، ھومېرنىڭ ئىلاھلىرى كىشىلەردە تىزگىننىڭ كەملىكى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى ۋە گەدەنكەشلىكى−گېرىكلار بۇنى تەكەببۇرلۇق (hubris)  دەپ ئاتىغان−سەۋەبىدىن ئۇلارنى جازالايتتى. بۇ ھەرگىزمۇ ھومېرنىڭ ئىلاھلىرى ئىنتايىن ئەخلاقلىق دېگەنلىك ئەمەس. ئەكسىچە، ئۇلار بىزدىن قۇدرەتلىك، بويسۇنۇشىمىز تەلەپ قىلىدۇ.
    گەرچە ھومېر ئادەم ئوبرازى ئارقىلىق ئىلاھلارنى ئەڭ زور دەرىجىدە تەسۋىرلىگەن بولسىمۇ، ئويلىمىغان يەردىن تەبىئەت دۇنياسىدا بىر كەسكىن تەرتىپ بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىپ قويدى. بولۇپمۇ، ئۇ «تەقدىر» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كۈچنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ھەتتا ئىلاھلارنىڭمۇ ئۇنىڭغا بويسۇنىدىغانلىقى، شۇڭا، بارلىق ئادەملەر ۋە شەيئىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بويسۇنۇشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئالدى. لېكىن، ھومېرنىڭ شائىرانە تەسەۋۋۇرى ئادەمنىڭ چەكلىمىسىنى ئۈزۈل-كېسىل قوبۇل قىلغان، ئۇنىڭ دۇنياسىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئادەم تىپىدىكى مەۋجۇدات ئولتۇراقلاشتى. ھەتتا، ئۇنىڭ تەبىئەت ئۇقۇمىمۇ تەبىئەت قانۇنىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئەمەس، بەلكى تۇتۇرۇقسىز ئىرادىنىڭ رولى ئىدى. ھومېر بىلەن بىر دەۋردە يېزىقچىلىق قىلغان (تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 700- يىللىرى) ھېسيودوس (Hesiod) ئىلاھ ۋە تەقدىر ئۇقۇملىرىنى ئۆزگەرتتى. ئۇ ئىلاھلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى پۈتكۈل تۇتۇرۇقسىزلىقلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئۇلارنى ئەخلاقىي باغلىنىشقا ئىگە قىلدى. ھېسيودوس ئىلاھلار تەبىئەتنى كونترول قىلىدۇ، دېگەن ئىدىيەنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، ئالەمنىڭ ئەخلاق قانۇنىيىتىنىڭ ئادەمسىزلەشتۈرۈش رولىنى تەكىتلەش ئارقىلىق، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىدىكى ئادەملىشىش ئامىللىرىنى ئاجىزلاشتۇردى. ھېسيودوسنىڭ قارىشىچە، ئەخلاقىي تەرتىپ زىۋېس (Zeus)  نىڭ پەرمانىنىڭ مەھسۇلىدۇر. ھومېرنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان يېرى، بۇ پەرمان تۇتۇرۇقسىز ئەمەس، ئىلاھلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقىمۇ ئىشلىتىلمەيدۇ، بەلكى ئىنساننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن. ھېسيودوسقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئالەم بىر ئەخلاقى تەرتىپ بولغان. شۇ سەۋەبتىن، بىز سەل ئىلگىرىلەپ شۇنداق دېيەلەيمىزكى، ئادەمسىزلەشكەن بىر خىل كۈچ ئالەمنىڭ قۇرۇلمىسىنى كونترول قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆزگىرىش جەريانىنى بەلگىلەيدۇ، بۇلارنىڭ ئىلاھلار بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق.
    بۇ كىچىككىنە قەدەمنى مىلېتوسلۇق ئۈچ ئۇلۇغ پەيلاسوپ−تالېس (Thales، تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 585- يىللىرى)، ئاناكسىماندرو (Anaximander، تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 610−مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 546- يىللىرى) ئاناكسىمىنىس (Anaximenes، تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 6- ئەسىر) باستى. ھېسيودوس ئەنئەنىۋى ئەپسانىلەرگە ئاساسلىنىپ پىكىر يۈرگۈزگەنىدى. ئەمما، مىلېتۇسچىلارنىڭ پەلسەپەسى مۇستەقىل پىكىر قىلىش ھەرىكىتىدىن باشلاندى. ئۇلار «شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى نېمە؟»، «بىز شەيئىلەردىكى ئۆزگىرىش جەريانىنى قانداق قىلغاندا چۈشەندۈرەلەيمىز؟» دەپ سورىدى. بۇ ھومېر ۋە ھېسيودوسنىڭ شېئىرلىرى بىلەن ھەقىقىي خوشلىشىپ، تېخىمۇ ئىلمىي ئوي يولىدا ماڭغانلىقتۇر. ئەمەلىيەتتە، تارىخنىڭ بۇ باسقۇچىدا پەن بىلەن پەلسەپە ئوخشاش بىر نەرسە ئىدى، كېيىن ھەرقايسى پەنلەر پەلسەپىدىن بۆلۈنۈپ چىقتى. تېبابەتچىلىك ئەڭ ئاۋۋال ئايرىلىپ چىققان. شۇڭا، بىز مىلېتۇسچىلارنى ئەڭ دەسلەپكى ئالىملار، شۇنداقلا ئەڭ دەسلەپكى گرېك پەيلاسوپلىرى دەپ ئاتىساق تامامەن بولىدۇ. شۇنى ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەككى، گرېك پەلسەپىسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باشلىنىشى بىر خىل ئىدراكىي پائالىيەتتۇر. ئۇ كۆزىتىش ياكى ئىشىنىش مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى ئىدىيە مەسىلىسىدۇر، پەلسەپە ساپ، ئەركىن ئىزدىنىش پوزىتسىيەسىدە ئاشۇ ئاساسىي مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشتىن دېرەك بەردى.
    1.1 قانداق نەرسە داۋاملىق مەۋجۇت بولىدۇ؟
    تالېس
    مىلېتۇسلۇق تالېس ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمىز كۆپ ئەمەس، بىلگەنلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسىنى رىۋايەت دېسەكمۇ بولىدۇ. تالېس ھېچقانداق بىر ئەسەر قالدۇرمىغان. ھازىر ئېرىشەلەيدىغانلىرىمىز كېيىنكى كۈنلەردە ئۇنىڭ ھاياتىدىكى خاتىرىلەشكە ئەرزىيدىغان ئىشلارنى خاتىرىلەپ قويغان ئاپتورلارنىڭ بەزىبىر پارچە-پۇرات مەلۇماتلىرىدۇر. ئۇ گرېتسىيە پادىشاھى كىروسوس ۋە مەمۇرى ئەمەلدار سولوننىڭ دەۋردىشىدۇر. ئۇنىڭ ياشىغان مەزگىلى تەخمىنەن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 624- يىلىدىن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 546- يىلىغىچە بولغان ئارىلىققا توغرا كېلىدۇ. پىرسىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشتا، ئۇ بىر قوشۇننىڭ ئارقا سەپ مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، پادىشاھ لودىئاننىڭ قوشۇنىنى ھارىس دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ قويغان. ئۇنىڭ چارىسى ئۆستەڭ قېزىپ، دەريا سۈيىنىڭ بىر قىسمىنى بۆلۈپ ئېقىتىۋىش ئىدى، بۇنداق بولغاندا چوڭ دەريا كىچىك ھەم تېيىزرەك بولغان ئىككى دەرياغا ئايلىنىپ، كۆۋرۈك سېلىش ئاسان بولاتتى. مىسىرغا ساياھەتكە بارغاندا، تالېس ئەلئىھرامنىڭ ئېگىزلىكىنى ئۆلچەش ئۇسۇلىنى ئويلاپ چىققان. بىر كۈن ئىچىدە، ئۆزىنىڭ بوي ئېگىزلىكى بىلەن سايىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى باراۋەر بولغاندا، ئۇ ئىھرام سايىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچەش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئېگىزلىكىنى بىلگەن. مىسىردىكى ساياھەت ئۇنىڭغا بەزى بىلىملەرنى چۈشەندۈرگەن بولسا كېرەك، ئۇ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 585-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى يۈز بەرگەن كۈن تۇتۇلۇشتىن بىشارەت بەرگەن. مىلېتۇستىكى چېغىدا، ئۇ ئەمەلىي قوللىنىشنى نەزەردە تۇتۇپ، دېڭىزدىكى كېمىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنى ئۆلچەشكە ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكىنە ياسىغان. تالىس ماتروسلارنىڭ كىچىك ئىيىق يۇلتۇزلار تۈركۈمىنى يول باشلىغۇچى قىلىپ شىمالىي قۇتۇپنى بەلگىلىشىگە تۈرتكە بولغان، بۇنىڭ دېڭىز قاتنىشىغا ناھايىتى زور ياردىمى تەگكەن.
    ئەنئەنىلەر بەزى گۇمانلىق رىۋايەتلەرنى تالىستىن ئىبارەت بۇ مەشھۇر كىشىنىڭ زېممىسىگە يۈكلەپ قويۇشتىن مۇستەسنا بولالمىغاندەك قىلىدۇ. مەسىلەن، ئەپلاتۇن (مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 427−مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 347-يىللار): «تالېس توغرىلىق بىر رىۋايەت بار. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراپ كېتىۋاتقاندا، ئېھتىياتسىزلىقتىن ئورەككە چۈشۈپ كەتتى. سىلىسلىق ئەقىللىق ھەم زېرەك بىر چۆرە يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋىتىپ: ‹ئۇ ئاسماندىكى ئىشلارنى بىلىشنى ئارزۇ قىلىپ مېڭىپ، پۇتىنىڭ ئاستىدىكى نەرسىنى كۆرمىدى› دېدى» دەپ يېزىپ، «بۇ مەسخىرە بارلىق پەيلاسوپلارغا ماس كېلىدۇ» دېگەن جۈملىنى قوشۇپ قويغان. ئارستوتىل (مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 384−مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 322-يىللار) يەنە بىر رىۋايەتنى خاتىرىلىگەن:
    مىلېتۇسلۇق تالېس ھەققىدە مۇنداق بىر ھېكايە بار. بۇ ھېكايە پۇل تېپىش پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئەقىللىقلىقى بىلەن داڭ قازانغان... كىشىلەر ئۇنىڭ نامراتلىقىنى ئەيىپلەپ، بۇ پەلسەپىنىڭ كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، دەپ قارايتتى. مەزكۇر ھېكايىدە دېيىلىشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ ئاسترونومىيىلىك بىلىمىدىن پايدىلىنىپ (كېيىنكى يىلى يازدا) زەيتۇندىن مول ھوسۇل ئېلىنىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ، ئىلكىدىكى ئازغىنە پۇلغا مىلېتۇسلۇق ھىكئوسنىڭ بارلىق جۇۋازلىرىنى ئىجارە ئالغان. ئەينى چاغدا ھېچكىم ئۇنىڭدىن باھا تالاشمىغان، ئۇنىڭ ئىجارە ئالغان باھاسى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان. ھوسۇل يىغىش مەزگىلىگە كەلگەندە، تۇيۇقسىز نۇرغۇن جۇۋازغا ئېھتىياج چۈشكەن، ئۇ بۇ جۇۋازلارنى ئىجارىگە بەرگەن، ھەتتا ئىجارە باھاسىنى ئۆزى خالىغانچە ئۆستۈرگەن، بۇنىڭ بىلەن ئۇ ناھايىتى كۆپ پۇل تېپىپ، پەيلاسوپلار خالىسىلا ناھايىتى ئاسان بېيىپ كېتىدىغانلىقى، ئەمما بۇنىڭ ئۇلارنىڭ ھەقىقى قىزىقىشى ئەمەسلىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىسپاتلاپ بەرگەن.
    تالېسنىڭ مەشھۇرلۇقى ئۇنىڭ ئۆتكۈر ئەقىل پاراسىتى ۋە ئەمەلىيەتتىكى چىچەنلىكى سەۋەبىدىن بولمىغان. ئۇ يېڭى بىر ئىدىيە ساھەسىنى ئاچقانلىقى ئۈچۈن، غەرب مەدەنىيىتىدىكى تۇنجى پەيلاسوپلۇق نامىغا مۇيەسسەر بولدى.
    تالىسنىڭ يىپيېڭى سوئاللىرى شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. شەيئى نېمىدىن تەركىب تاپىدۇ؟ ياكى ئاشۇ خىل «ماددا» كۈللى شەيئىلەرنى قۇرۇپ چىقامدۇ؟ تالېس بۇ سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق بىر ئەمەلىيەتنى، يەنى ئوخشاش بولمىغان تۈرلۈك مەۋجۇت شەيئىلەر، مەسىلەن، تۇپراق، بۇلۇت ۋە دېڭىزنى شەرھىلىمەكچى بولغان. بەزىدە بۇ شەيئىلەرنىڭ بىرمۇنچىسى باشقا شەيئىلەرگە ئۆزگىرىپ قالاتتى-يۇ، ئۇلارنىڭ مەلۇم تەرەپلىرى يەنىلا ئاۋۋالقىدەك بولاتتى. تالىسنىڭ ئىدىيەگە قوشقان ئۆزگىچە تۆھپىسى ئۇنىڭ تۆۋەندىكى ئىدىيىسىدە، يەنى، شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدا قانچىلىك زور پەرق بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنىلا بىر خىل ماھىيەتلىك ئوخشاشلىق مەۋجۇت. كۆپ خىل يول ئارقىلىق بىر-بىرىگە باغلىنىدۇ. تالىس مەلۇم بىر خىل يېگانە ئېلېمىنت، مەلۇم بىر خىل «ماددا» نىڭ ئۆز پائالىيىتى ۋە ئۆزگىرىش پىرىنسىپى بولىدۇ، ئۇ بارلىق ماددىلارنىڭ ھەقىقى ئاساسىدۇر، دەپ قىياس قىلغان. تالېسقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئېلېمىنت، بۇ ماددا−سۇ ئىدى.
    تالىسنىڭ بۇ خۇلاسىنى قانداق چىقارغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق خاتىرە قالدۇرۇلمىغان بولسىمۇ، ئارستوتىل ئۇ ئاددى پاكىتلارنى كۆزىتىش ئارقىلىق بۇ خۇلاسىنى چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ يازغان. «كۈللى شەيئىلەرنىڭ ھۆل نەرسىلەردىن ئوزۇق ئالىدىغانلىقى، ئىسسىقلىقنىڭمۇ نەم ھاۋادىن پەيدا بولىدىغانلىقى، نەم ھاۋاغا تايىنىپ ساقلىنىپ قالىدىغانلىقىنى كۆزەتكەنلىكتىن بولسا كېرەك» تالېسنىڭ «بۇ كۆز قاراشقا ئېرىشىشى شۇنى ئاساس قىلغان بولۇشى مۇمكىنكى، بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئۇرۇقىدا نەملىك خۇسۇسىيىتى بولىدۇ، سۇ نەملىكنىڭ مەنبەسىدۇر». باشقا بەزى ھادىسىلەر، مەسىلەن، پارغا ئايلىنىش ۋە قېتىشىشمۇ سۇنىڭ تۈرلۈك ھالىتىنى ئىپادىلەيدۇ. تالېسنىڭ شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى ھەققىدىكى تەھلىلىنىڭ توغرا بولۇش-بولماسلىقى مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان «دۇنيانىڭ ماھىيىتى نېمە؟» دېگەن سوئالدۇر. ئۇنىڭ سوئالى بىر خىل يېڭى تەتقىقاتقا شارائىت ياراتتى، بۇنداق تەتقىقات تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا مۇنازىرە قوزغايتتى، ئىلگىرىلەپ تەھلىل قىلغاندا ئىسپاتلىنىشىمۇ، ئىنكار قىلىنىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. دەرۋەقە، تالېس يەنە «پۈتكۈل شەيئىلەر ئىلاھقا تولغان» دېگەن. ئىنىقكى، بۇ ئىدىيەنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھېچقانداق نەزەرىيىۋى ئەھمىيىتى بولمىغان. شۇڭا، ئۇ شەيئىلەردە بولىدىغان كۈچ، مەسىلەن، ماگنىتنىڭ تارتىش كۈچىنى چۈشەندۈرمەكچى بولغاندا، بۇ سوئاللارنى مۇھاكىمە قىلىشتىكى مەۋقەسىنى ئەپسانىدىن پەنگە بۇرىغان. ئۇنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، باشقا پەيلاسوپلار داۋاملىق ئۆزلىرىنىڭ مەسىلە ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسىمۇ، ھامان ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ.
    ئاناكسىماندىرو
    ئاناكسىماندىرو تالېسنىڭ ئۆزىدىن خېلىلا كىچىك دەۋردىشى، شۇنداقلا شاگىرتىدۇر. ئۇ ئۇستازىنىڭ مەلۇم بىر خىل يېگانە ئاساسى ماددا مەۋجۇت، شەيئىلەر ئۇنىڭدىن قوراشتۇرۇلغان، دېگەن قارىشىغا قوشۇلغان. ئەمما، ئاناكسىماندىرونىڭ تالېستىن پەرقى، ئۇ بۇنداق ئاساسى ماددا سۇ ئەمەس، باشقا ھەرقانداق ئالاھىدە ئېلېمىنتمۇ ئەمەس، دېگەن. سۇ ۋە باشقا ئېنىق بەلگىلەنگەن نەرسىلەر پەقەت مەلۇم بىر خىل تېخىمۇ ئاساسى نەرسىنىڭ ئالاھىدە ۋارىيانتى ياكى ھاسىلىۋىي ماددىدۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، بىز ھەرقانداق جايدىن سۇ ياكى ھۆل نەرسىلەرنىڭ تۈرلۈك دىففۇرماتسىيەسىنى بايقىيالىشىمىز تامامەن مۇمكىن، ئەمما سۇ نۇرغۇن ئېلېمنتلار ئىچىدىكى ئالاھىدە نەرسىدۇر، شۇڭا، بۇ ئالاھىدە نەرسىلەر تېخىمۇ ئاساس بولىدىغان بىر ماددىنى ئۆزىگە مەنبە قىلىشقا مۇھتاج. ئاناكسىماندىرونىڭ قارىشىچە، بۇ ماددىلار ئەڭ ئىپتىدائىي ماھىيەتتىن كېلىدۇ، ئۇ ئېنىقسىز ياكى چەكسىز رېئاللىقتۇر. شۇڭا، بىز بىر تەرەپتىن دۇنيادىكى ئالاھىدە، ئېنىق شەيئىلەر، مەسىلەن، قورام تاش، سۇ ئازگىلىنى بايقىساق، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ شەيئىلەرنىڭ مەنبەسىنى بايقايمىز، ئۇ ئېنىقسىز چەكسىزىيەت (the indeterminate boundless) دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمەلىيەتتىكى شەيئىلەر ئالاھىدە بولسا، ئۇلارنىڭ مەنبەسى ئېنىقسىزدۇر؛ شەيئىلەر چەكلىك بولسا، ئىپتىدا ماددا چەكسىز ياكى چەكلىمىسىز بولىدۇ.
    ئاناكسىماندىرو ئىپتىدا ماددا توغرىسىدا يېڭى ئىدىيەنى ئوتتۇرىغان قويغاندىن سىرت، ئۆزىنىڭ يېڭى ئىدىيىسىگە مەلۇم چۈشەندۈرۈشلەرنى بېرىشكە تىرىشقان، بۇ پەلسەپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. ئىپتىدا ماددىنىڭ قانداق قىلىپ بىز دۇنيادا كۆرۈپ تۇرغان نۇرغۇن ئوخشاش بولمىغان نەرسىلەرگە ئايلىنىدىغانلىقىنى تالېس تەپسىلى چۈشەندۈرمىگەن. ئاناكسىماندىرو بۇ مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشى ئاڭلىماققا ئىنتايىن غەلىتە تۇيۇلسىمۇ، بىلىم جەھەتتىكى ئىلگىرىلەشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بولۇپمۇ، مىستىك ياكى مۇنازىرە قىلغىلى بولمايدىغان شەرتلەر ئارقىلىق تەبىئەت ھادىسىلىرىنى چۈشەندۈرۈشكە چېتىلماي، شەكىللىنىشىدىن قىياس قىلغىلى بولىدىغان بىلىنگەن پاكىتلارغا چېتىلىدۇ. ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشى مۇنداق: ئېنىقسىز چەكسىزىيەت كۈللى شەيئىلەرنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي، يىمىرىلمەس ماددىي ماھىيىتىدۇر، بىراق، ئاناكسىماندىرو ئۇنىڭ مەڭگۈ ھەرىكەت ئىچىدە ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن. بۇ ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە تۈرلۈك ئالاھىدە ئېلېمنتلار ئەڭ ئىپتىدا ماھىيەتتىن «بۆلۈنۈپ» چىقىدۇ. شۇڭا، «ئاسمان مەڭگۈلۈك ھەرىكەتتىن پەيدا بولغان». ئاۋۋال سوغۇق بىلەن ئىسسىق بۆلۈنگەن، ئاندىن بۇ ئىككىسىدىن نەملىك پەيدا بولغان، كېيىن بۇ نەرسىلەردىن تۇپراق ۋە ھاۋا پەيدا بولغان.
    ئىنسان ھاياتىنىڭ مەنبەسىنى تىلغا ئالغاندا، ئاناكسىماندىرو پۈتكۈل ھاياتلىق دېڭىزدىن كەلگەن، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ھاياتلىققا ئىگە نەرسىلەر دېڭىزدىن ئايرىلىپ قۇرۇقلۇققا چىققان، دېگەن. ئۇ ئىنسانلارنىڭ باشقا بىر خىل ئوخشاش بولمىغان جانلىقتىن تەدرىجى تەرەققىي قىلغانلىقىنى قىياس قىلغان. ئۇ دەلىللەپ، بۇ كۆز قاراشنىڭ ئاساسى شۇ يەردىكى، ئەمەلىيەتتە باشقا جانلىقلار ناھايىتى تىزلىكتە ئۆزىنى بېقىپ كېتەلەيدۇ، پەقەت ئىنسانلا ئۆسۈپ يېتىلىشتە ئۇزاققىچە بېقىلىش ۋاقتىغا موھتاج بولىدۇ، دېگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ئىنسانلار باشتىلا مۇشۇنداق ھالەتتە بولساق، ئاللىبۇرۇن مەۋجۇت بولالمايتتۇق. پلۇتاك (Plutach) ئاناكسىماندىرونىڭ ئىنسانلارنىڭ مەنبەسىنى چۈشەندۈرۈشىگە باھا بېرىپ شۇنداق دېگەنكى، سۈرىيەلىكلەر:
    ئەمەلىيەتتە بىلىقنى بىزگە تۈركۈم ۋە بېقىلىش شەكلىدە ئوخشىشىپ كېتىدىغان تۈر دەپ ھۆرمەت قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدا ئۇلارنىڭ پەلسەپىۋى ئويى ئاناكسىماندىرونىڭكىدىنمۇ مۇۋاپىق. چۈنكى، ئۇ شۇنداق جاكارلىدىكى، بىلىق بىلەن ئادەم ئوخشاش بىر ئەجدادتىن كەلمىگەن، بەلكى ئادەم ئەڭ دەسلەپتە بېلىقنىڭ قارنىدا شەكىللەنگەن. ئۇلار−لەھەڭگە ئوخشاش−بېلىقنىڭ قارنىدا ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغۇدەك چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئانا تېنىدىن ئايرىلىپ، قۇرۇقلۇققا چىققان.
    بىزنى يەنە ماكرو ئالەم تەسۋىرىگە قايتۇرىدىغىنى شۇكى، ئاناكسىماندىرونىڭ قارىشىچە، بىرلا ۋاقىتتا نۇرغۇن دۇنيا ۋە ئالەم سىستېمىلىرى تەڭ مەۋجۇت بولىدۇ. ئۇلار يوقىلىدۇ، ئۇلارنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن گۇمران بولۇشى ئوتتۇرىسىدا بىر خىل ئۈزۈكسىز نۆۋەتلىشىش بولىدۇ. ئۇ بۇ ئايلىنىش جەريانىنىڭ كەسكىن مۇقەررەرلىككە ئىگە بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. تەبىئەتتىكى بىر-بىرىگە قارىمۇ- قارشى كۈچلەر توقونۇشۇپ، بىر خىل «ئادالەتسىزلىك» پەيدا قىلىدۇ− شائىرانە ئېيتقاندا، تەبىئەت ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى گۇمرانلىقىنى تىلەيدۇ. ئاناكسىماندىرونىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدىكى تارقىلىپ يۈرگەن بىردىنبىر جۈملە شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇمۇ بىر ئاز شائىرانىدۇر: «كۈللى شەيئىلەر تۇغۇلغان نەرسە كۈللىي شەيئىلەر گۇمران بولغاندىن كېيىن، مۇقەررەرلىك تۈپەيلىدىن ئۆزىگە قايتىدۇ؛ كۈللىي شەيئىلەر ۋاقىت تەرتىپىگە ئاساسلانغاچقا، بىر-بىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئادالەتسىزلىك ئۈچۈن جازاغا ئۇچراپ، بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ.«
    ئاناكسىمىنىس
    ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان، شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى مىلېتۇسچى پەيلاسوپ ئاناكسىمىنىس (تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 585−مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 528- يىللار) دۇر، ئۇ ئاناكسىماندىرونىڭ ياش ھەمراھى ئىدى. ئۇ ئاناكسىماندىرونىڭ تەبىئىي شەيئىلەرنىڭ قۇرۇلمىسىدىن ئىبارەت بۇ مەسىلىگە بەرگەن جاۋابىنى مۇلاھىزە قىلغان بولسىمۇ، بۇنىڭدىن قانائەلەنمىگەن. چەكسىزىيەت بارلىق شەيئىلەرنىڭ مەنبەسىدۇر، دېگەن مەزكۇر ئىدىيە مۈجىمەل، چۈشىنىكسىز ئىدى. ئۇ ئاناكسىماندىرونىڭ نېمە ئۈچۈن مەزكۇر ئىدىيەنى تالىسنىڭ سۇ كۈللى شەيئىلەرنىڭ مەنبەسى دېگەن نۇقتىئىينەزەرىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەنلىكىنى چۈشىنەلىگەن. چەكسىزىيەتنى بۇنداق شەرھىيلەش ئەڭ بولمىغاندا، ئىنتايىن كۆپ خىل بولغان چەكلىك ۋە ئالاھىدە شەيئىلەرنى «چەكسىز» لىك ئارقا كۆرۈنۈشى بىلەن تەمىنلەشكە ياردەم بېرىدۇ. لېكىن، ئېنىقسىز چەكلىمىسىزلىكنىڭ ئاناكسىمىنىسغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ھېچقانداق كونكرېت ئەھمىيىتى بولمىغاچقا، ئۇ تالېسنىڭ ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بىر خىل ئېنىق ماددىغا مەركەزلەشتۈرۈشنى تاللىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە ئاناكسىماندىرو قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلەشنى قوبۇل قىلماقچى بولغان.
    ئاناكسىمىنىس ئۆزىنىڭ ئىككى ئەجدادىنىڭ ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلىرى بىلەن ئالاقە ئورناتماقچى بولۇپ، ھاۋانىڭ كۈللى شەيئىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ئىپتىدا ماددا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. تالېس ئوتتۇرىغا قويغان سۇ ئىدىيەسىگە ئوخشاش، ھاۋامۇ بىر خىل ئېنىق ماددىدۇر، بىز ئۇنى ناھايىتى پاكىتلىق ھالدا بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئاساسى دەپ قارىيالايمىز. مەسىلەن، ھاۋانى كۆرگىلى بولمايدۇ، ئەمما بىز پەقەت نەپەس ئالالىغاندىلا تىرىك تۇرالايمىز، «بىزنىڭ روھىمىز − جان − بىزنى بىر تەنگە مۇجەسسەملىگەندەك، نەپەس ۋە ھاۋا پۈتكۈل دۇنيانى ئوراپ تۇرىدۇ.» ئاناكسىماندىرو ئوتتۇرىغا قويغان چەكسىزىيەت داۋاملىشىۋاتقان ھەرىكەت ئىچىدە بولىدۇ دېگەن كۆز قاراشقا ئوخشاش، ھاۋامۇ ھەممىلا جايدا كېزىپ يۈرىدۇ، گەرچە ئۇ چەكسىزىيەتكە ئوخشىمىسىمۇ، بىر خىل ئالاھىدە، ھەقىقىي تۇتۇلۇپ، پەرقلەندۈرۈلىدىغان ماددىي سۇبىستانسىيەدۇر. ئۇنىڭدىن سىرت، ھاۋانىڭ ھەرىكىتى ئاناكسىماندىرونىڭ «بۆلۈنۈش» ىدىنمۇ ئالاھىدە جەريان. ھاۋانىڭ قانداق قىلىپ كۈللى شەيئىلەرنىڭ مەنبەسى بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، ئاناكسىمىنىس شەيئىلەرنىڭ ئۆز تۇرقىغا ئايلىنىشى ئۇشبۇ شەيئىلەرنى تەشكىل قىلىدىغان ھاۋانىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئۇيۇشۇش ۋە كېڭىيىشىگە باغلىق بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. مۇشۇنداق دەۋاتقاندا، ئۇ بىر خىل مۇھىم، يېڭى ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغانىدى: سۈپەتتىكى پەرقنىڭ سەۋەبى ساندىكى پەرقتە. ھاۋانىڭ كېڭىيىشى ۋە تارىيىشى ساندىكى ئۆزگىرىشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، بىر يەككە ماددىدا بولىدىغان بۇنداق ئۆزگىرىش بىز دۇنيادا كۆرىدىغان ئوخشاش بولمىغان شەيئىلەرنىڭ كۆپ خىللىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ھاۋانىڭ كېڭىيىشى ئىسسىقلىق پەيدا قىلىدۇ، ئىسسىقلىقنىڭ ئاخىرقى نۇقتىغا يېتىشى ئوتنى پەيدا قىلىدۇ، ھاۋانىڭ تارىيىشى ياكى توپلىنىشى سوغۇقنى پەيدا قىلىدۇ، ھاۋا پەيدىنپەي ئۆزگىرىش ئارقىلىق قاتتىق جىسىمغا ئايلىنىدۇ، ئاناكسىمىنىس ئېيتقاندەك: «ھاۋانىڭ ئۇيۇشۇشى شامالنى شەكىللەندۈرىدۇ.... بۇ جەريان داۋاملاشسا سۇ پەيدا بولىدۇ، تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلسا تۇپراق پەيدا بولىدۇ، ئەڭ قويۇقلاشقاندا تاشقا ئايلىنىدۇ.«
    بۇ مىلېتۇسچى پەيلاسوپلار پەننى كۆڭۈل بۆلۈشكە ئۈندەيدىغان مەسىلىلەر ۋە تەتقىقات ئۇسلۇبىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرگەن بولسىمۇ، ھازىرقى زامان ئالىملىرى قوللىنىدىغان ئۇسۇل بويىچە ئۆزىنىڭ قىياسىنى ۋۇجۇدقا چىقارمىغان، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ نەزەرىيىسىنى بىرەر تەجرىبە لايىھەلەش ئارقىلىق سىناپ باقمىغان. ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى ئۆز بېشىمچىلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان − ئۇلارنىڭ پوزىتسىيەسى مۇئەييەنلەشتۈرۈش خاراكتېرىدە ھۆكۈم چىقارغان- يۇ، ھەقىقىي مەنىدىكى قىياسنىڭ سىناق خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولمىغان. ئەمما، شۇنى ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەككى، ئىنسان بىلىمىنىڭ ماھىيىتى ۋە چېكى توغرىسىدىكى ھۆكۈم خاراكتېرلىك مەسىلە ئوتتۇرىغا چىقىرىلمىغان. مىلېتۇسلۇق پەيلاسوپلار روھ بىلەن تەن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئالاقىدار بۇ مەسىلىنى ھېچقانداق شەكىلدە تىلغا ئالمىغان. ئۇلار پۈتكۈل رېئاللىقنى بىر خىل ئىپتىدا ماددىغا دىدوكسىيەلىسە، چوقۇم مەزكۇر مەسىلە پەيدا بولاتتى، پەقەت كېيىنكى پەيلاسوپلارلا ئۇنىڭ بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. ئۇلارنىڭ سۇ، چەكسىزىيەت ۋە ھاۋا شەيئىلەرنىڭ ئىپتىدا ماھىيىتى ئىكەنلىكىگە ئائىت ئىدىيىسى ئۈنۈملۈك بولسۇن-بولمىسۇن، يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ قويۇشىمىز كېرەككى، مىلېتۇسچىلارنىڭ ھەقىقىي ئەھمىيىتى شەيئىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ماھىيىتى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، ھەتتا تۇنجى قېتىم ئىككىلەنگەن بولسىمۇ، تەبىئەتنىڭ ئەمەلىيەتتە نېمىدىن قۇرۇلىدىغانلىقىنى بىۋاسىتە تەكشۈرگەنلىكىدە.
    2.1 كۈللى شەيئىلەرنىڭ ماتېماتىكىلىق ئاساسى
    پىتاگوراس
    ئىگەي دېڭىزىدا مىلېتۇس بىلەن سۇ ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان كىچىك بىر ئارال − سامۇس ئارىلى بار. ئۇ − پەۋقۇلئاددە ئەقىللىق پىتاگوراس  (Pythagoras، تەخمىنەن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 570−مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 497-يىللار ئارىلىقىدا ياشىغان) تۇغۇلغان جايدۇر. قولىمىزدىكى پىتاگوراس ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك پارچە-پۇرات خاتىرىلەردىن، ئۇنىڭ يېڭىچە پەلسەپە تەپەككۇرىنىڭ كارتىنىسىغا ئىگە بولىمىز، بۇ ئانچە مۇكەممەل ئەمەس، ئەمما، ھېلىھەم ناھايىتى جەلىپكار. باي پولوكراتىسنىڭ ۋەھشىيانە ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە، پىتاگوراس ساموس ھەم پۈتكۈل ئىئونىيە رايونىنىڭ مۇھىتىدىن ئىنتايىن نارازى بولغان. ئۇ ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىغا كۆچۈپ بېرىپ، ئۇ يەردىكى گۈللەنگەن گرېتسىيە پولىسى[1] كروتوندا ئولتۇراقلاشقان. ئادەتتە، ئۇنىڭ بۇ يەردىكى پەلسەپە پائالىيىتىنىڭ جانلانغان مەزگىلى تەخمىنەن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 525- يىلىدىن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 500- يىلىغىچە، دەپ قارىلىدۇ. ئارستوتىل بىزگە پىتاگوراسچىلار «پۈتۈن كۈچى بىلەن ماتېماتىكىنى تەتقىق قىلغان، ئۇلار ئەڭ ئاۋۋال بۇ تۈردىكى تەتقىقاتنى ئىلگىرى سۈرگەن، ئۇلار ئۇزۇن مەزگىلگىچە ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ كەتكەنلىكتىن، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ساننىڭ پرىنسىپى ھەممە شەيئىنىڭ پرىنسىپى دەپ قارىغان» دەيدۇ. مىلېتۇسچىلار بىلەن سېلىشتۇرما شەكىللەندۈرىدىغان يېرى شۇكى، پىتاگوراسچىلارنىڭ قارىشىچە، شەيئىلەر سانلاردىن قۇرۇلغان. بۇنداق چۈشەندۈرۈش غەلىتە ئاڭلانسىمۇ، پىتاگوراسنىڭ نېمە ئۈچۈن سانغا قىزىقىپ قالغانلىقى ھەم ئۇنىڭ سان ئۇقۇمىنىڭ زادى نېمى ئىكەنلىكىنى مۇلاھىزە قىلساقلا، بۇ نەزەرىيە ئۇنچىۋالا چۈشىنىكسىز بولمايدۇ.
    پىتاگوراسنىڭ ماتېماتىكىغا قىزىقىشى دىن سەۋەبىدىن بولغاندەك قىلىدۇ. ئۇنىڭدىكى ئىجادچانلىقنىڭ بىر قىسمى ماتېماتىكىنى تەتقىق قىلىشنىڭ روھنى پاكلايدىغان ئەڭ ياخشى شەكىل ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەنلىكىدە. ئەمەلىيەتتە، ئۇ بىر دىنى مەزھەپنىڭ باشلامچىسى، بىر ماتېماتىكا ئېقىمىنىڭ باشلامچىسىدۇر. پىتاگوراسنىڭ دىنى ئېقىمى كىشىلەرنىڭ چوڭقۇر مەنىۋى دىنغا بولغان ئۈمىدىدىن پەيدا بولغان، بۇنداق دىن روھنى پاكلاپ ئۇنىڭ ئۆلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ۋاسىتە بىلەن تەمىنلىيەلەيتتى. ھومېرنىڭ ئىلاھلىرى تىئولوگىيە مەنىسىدە ئىلاھ ئەمەس، چۈنكى ئۇلار ئادەملەرگە ئوخشاش ئەخلاقسىز. بۇ ھالدا، ئۇلار چوقۇنۇش ئوبيېكتى بولالمايتتى، ھەرقانداق مەنىۋى قۇدرەتنىڭ بۇلىقىغا ئايلىنىپ، ھەممە جايدا بار ئەخلاقىي ناپاكلىق ۋە كىشىلەردىكى ھاياتنىڭ قىسقىلىقى ۋە ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇتۇلالماسلىق تەشۋىشىنى تۈگىتەلمەيتتى. دىئونىيسۇس   (Dionysus)  دىنى دەسلەپتە ئىنسانلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇشۇ ساھەگە قەدەم بېسىپ، مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 7-ئەسىر ۋە 6-ئەسىردە كەڭ تارقالغان. دىئونىيسۇسقا چوقۇنۇش مەلۇم دەرىجىدە كىشىلەرنىڭ پاكلىق ۋە ئۆلمەسلىك ئارزۇسىنى قاندۇرغان. چوقۇنغۇچىلار كىچىك تىپتىكى مەخپىي، ھەتتا مىستېك تۈسكە ئىگە جامائەت بولۇپ تەشكىللىنىپ، تۈرلۈك ھايۋان سىياقىغا كەلتۈرۈلگەن دىئونىيسۇسقا بەيئەت قىلغان. ئۇلار ئەسەبىيلەرچە ئۇسسۇل ۋە ناخشىغا غەرق بولۇپ، مەستلىكتىن ئەس- ھۇشىنى يوقاتقاندا، بۇ ھايۋانلارنى پارچە- پارچە قىلىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ قېنىنى ئىچەتتى. ئەڭ ئاخىرى ھىرىپ ھالىدىن كېتىپ، يەرگە يىقىلاتتى. ئۇلار ئەسەبىيلىكنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسىدە، دىئونىيسۇس روھى ئۇلارنىڭ تېنىگە كىرىش ئارقىلىق، ئۇلارنى پاكلاپ، ئۆزىنىڭ ئۆلمەسلىكىنى ئۇلارنىڭ روھىغا بەخشەندە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.
    پىتاگوراسچىلار پاكلىنىش ۋە ئۆلمەسلىكتىن ئىبارەت مىستىك مەسىلىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن. مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇلار پەن ۋە ماتېماتىكىغا بۇرىلىپ، بۇلارنى تەتقىق قىلىش روھنى ئەڭ ياخشى پاكلايدۇ، دەپ قارىغان. ئۇلار پەن ئىدىيىسى ۋە ماتېماتىكا ئىدىيىسىدىن ھەرقانداق تۇرمۇشتىن ساپ بىر خىل تۇرمۇشنى بايقىغان. پىكىرلىنىش[2] پايدا ئۈندۈرىدىغان تىجارەت ۋە نام-ئاتاق قوغلىشىدىغان رىقابەتكە قەتئىي ئوخشىمايدىغان تۇرمۇشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. پىتاگوراس ئۈچ خىل ئوخشاش بولمىغان تۇرمۇشنى پەرقلەندۈرگەن، شۇنداقلا بۇنىڭدىن روھنىڭ ئۈچ مۇھىم پەرقىنى يوشۇرۇنچە ھاسىللاپ چىققان. ئۇ شۇنداق دەيدۇكى، ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە كېلىدىغان ئۈچ خىل ئادەم بار. ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىكى ئېلىپساتارلىق قىلىدىغانلار، ئۇلار پايدا ئۈندۈرۈش ئۈچۈن كېلىدۇ. ئىككىنچىسى مۇسابىقىگە قاتناشقىلى كېلىدىغانلار، ئۇلار شان- شەرەپ ئۈچۈن كېلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، تاماشىبىن سۈپىتىدە كېلىدىغانلار ئەڭ ياخشىدۇر، ئۇلار يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ئويلىنىپ، تەھلىل قىلىدۇ. بۇ ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەر ئىچىدە، تاماشىبىنلار پەيلاسوپلارنىڭ پائالىيىتىنى نامايان قىلىدۇ، ئۇلار كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئۇنىڭ تۈرلۈك كەم-كۈتىلىرىدىن قۇتۇلغان. «كۆرۈش» گرېك تىلىدىكى «نەزەرىيە» دېگەن سۆز بىلەن بىر مەنىدە. پىتاگوراسچىلار نەزەرىيىۋى ئويلىنىش ياكى ساپ پەن ۋە ماتېماتىكىنى روھنى پاكلايدىغان دورا، دەپ قارىغان. ماتېماتىكىلىق ئىدىيە كىشىلەرنى ئالاھىدە ئىشلار توغرىسىدا ئويلىنىشتىن ئازاد قىلىپ، ئويلىنىشنىڭ مەڭگۈلۈك، تەرتىپلىك سان دۇنياسىغا يېتەكلىيەلەيدۇ. پىتاگوراسىزمچىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىستىك غەلىبىسى «ھاياتلىق سانساراسى» دىن قۇتۇلۇش، جان مەڭگۈ داۋام قىلىدىغان ھايات-ماماتلىق جەريان ئارقىلىق ھايۋان ھەم باشقا شەكىلگە كىرىدىغان قايتا تۆرىلىش دۇنياسىدىن قۇتۇلۇشتۇر. كۆزەتكۈچى بۇنداق ئۇسۇلدا ئىلاھ بىلەن بىردەكلىككە يېتىپ، ئۇنىڭ ئۆلمەسلىكىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
    بۇنداق دىنىي خاراكتېرنى پىتاگوراسچىلارنىڭ پەلسەپىسىگە باغلاش ئۈچۈن، ئاۋۋال ئۇلارنىڭ مۇزىكىغا بولغان قىزىقىشىنى تىلغا ئېلىشىمىز كېرەك. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، مۇزىكا ئېلىشىپ قالغانلارنى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە. ئۇلار مۇزىكىنىڭ ھارمۇنىيە (Harmony) سى بىلەن ئادەمنىڭ ئىچكىي تۇرمۇشىدىكى ھارمۇنىيە ئوتتۇرىسىدا مەلۇم باغلىنىش بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. لېكىن، ئۇلارنىڭ مۇزىكا ساھەسىدىكى ھەقىقىي بايقىشى ئاھاڭلار ئوتتۇرىسىدىكى ئېنتېرۋالنى سان ئارقىلىق ئىپادىلىگىلى بولىدىغانلىقىدۇر. ئۇلار ساز تارىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن ئۇ ئەمەلىيەتتە چىقىرىدىغان ئېنتېرۋالىنىڭ تاناسىپ تۈزىدىغانلىقىنى بايقىغان. مەسىلەن، ئىسكىرىپكىنىڭ بىر تال تارىسى چېلىنسا، سىز بىر ئېنىق بەلگىلەنگەن ئاھاڭغا ئىرىشەلەيسىز. بۇ تارىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىنى بېسىۋالسىڭىز، بىر ئوكتاۋا ئاۋازغا ئېرىشىسىز، بۇ يەردىكى نىسبەت 2:1 بولىدۇ. باشقا ئېنتېرۋاللارنى مۇشۇ رەۋىشتە سان بىلەن نىسبەتلەشتۈرۈپ ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. شۇڭا، پىتاگوراسچىلارنىڭ نەزىرىدە، مۇزىكا سانلار بىلەن پۈتكۈل شەيئىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك باغلىنىشى بولىدىغانلىقىنىڭ ياخشى مىسالىدۇر. ئارستوتىلنىڭ تۆۋەندىكى خېلى بولىدىغاندەك تۇرىدۇ: «ئۇلار گامما[3] نىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە نىسبىتىنى سان ئارقىلىق ئىپادىلىگىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان؛ باشقا شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ماھىيەتتە ساننى مودىل قىلغاندەك، سان پۈتكۈل تەبىئەتتىكى ئەڭ ئاۋۋال مەۋجۇت بولغان نەرسىدەك، پۈتكۈل ئالەم بىر گامما ۋە بىر ساندۇر[4].«
    پىتاگوراسچىلارنىڭ سانلارنى ھېسابلايدىغان ۋە خاتىرىلەيدىغان بىر خىل ئالاھىدە ئۇسۇلى بولغان، بۇ ئۇلارنىڭ كۈللى شەيئىلەر ساندۇر، دېگەن كۆز قارىشىغا ئىمكان بەرگەن بولسا كېرەك. ناھايىتى ئىنىقكى، ئۇلار يەككە شەيئىنى ئاساسى بىرلىك قىلىش ئارقىلىق ھەرقايسى سانلارنى ئىپادىلىگەن، شىغىلنى ھېسابلاشقا ئىشلەتكەن. «بىر» دېگەن سان يەككە شىغىل بولغاچقا، باشقا سان شىغىلنىڭ كۆپىيىشىدىن پەيدا بولغان، ئۇ بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى شىشخالغا چېكىت قويۇپ سانغا ۋەكىل قىلىش ئۇسۇلىمىزغا ئوخشىشىپراق كېتىدۇ. چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە تەرىپى شۇكى، پىتاگوراسچىلار ئارفمىتىكا بىلەن گىئومېتىرىيە ئوتتۇرىسىدىكى بىر خىل مۇناسىۋەتنى بايقىغان. بىر يەككە شىغىل بىر تال چېكىت سۈپىتىدىكى «بىر» گە ۋەكىللىك قىلىدۇ، «ئىككى» ئىككى تال شىغىل ياكى ئىككى چېكىتتىن قۇرۇلىدۇ، بۇ ئىككى چېكىت بىر سىزىق شەكىللەندۈرىدۇ. ئۈچ چېكىت ئۈچ بۇلۇڭنىڭ ئۈچ دانە بۇلۇڭىغا ئوخشاش، بىر يۈز ياكى رايوننى قۇرۇپ چىقىدۇ، تۆت چېكىت بىر ستېرېئو جىسىمنى ئىپادىلىيەلەيدۇ. بۇ سان بىلەن چوڭ- كىچىكلىك ئوتتۇرىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، پىتاگوراس بۈگۈنكى كۈندە بىز بىلىدىغان پىتاگوراس تېئورېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان: تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچ بۇلۇڭنىڭ ئىككى تىك تەرەپ كۋادراتىنىڭ يىغىندىسى يانتو تەرەپ كۋادراتىغا تەڭ. سانلىق مىقدار بىلەن چوڭ كىچىكلىكنىڭ باغلىنىشچانلىقى ئالەمدىكى قۇرۇلما ۋە تەرتىپتىن قائىدە ئىزدەشكە ئامراق كىشىلەرگە ئىنتايىن ياخشى تەسەللىيدۇر. بىز قىزىقارلىق، ئەمما ئىشەنگۈدەك دەرىجىدە ئەمەسلىك ئېھتىماللىقى بار بىر ھېكايىنىڭ نېمە ئۈچۈن پەيدا بولغانلىقىنى خېلىلا چۈشىنەلەيمىز. بۇ ھېكايىدە سۆزلىنىشىچە، پىتاگۇراسچىلارنىڭ ھىپپاسۇس ئىسىملىك ئەزاسى ھېللېسپوند بوغۇزى[5] غا چۆكتۈرىۋېتىلگەن، چۈنكى، ئۇ بىر مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىۋەتكەن−مەزكۇر قائىدە تەڭ يانلىق تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچ بۇلۇڭدا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. يەنى، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنىڭ يانتو تەرىپى بىلەن ئىككى تىك تەرىپىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ھەرقانداق سانلىق نىسبەتتە ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ، پەقەت بىر ئىررراتسىئونال سان ئارقىلىقلا كۆرسىتىلىدۇ.
    پىتاگوراسچىلارنىڭ قارىشىچە، سان بىلەن چوڭ-كىچىكلىك ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ مۇھىملىقى ساننىڭ مەلۇم ھالەت، مەسىلەن، ئۈچ بۇلۇڭ، كۋادرات، تىك تۆتبۇلۇڭ قاتارلىقلاردىن دېرەك بېرىدىغانلىقىدا. يەككە چېكىت «پاسىل تېشى» دۇر، ئۇ «دائىرە» نى بەلگىلەيدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، پىتاگوراسچىلار بۇ «ئۈچ بۇلۇڭ سان»، «كۋادرات سان»، «تىك تۆتبۇلۇڭ سان» ۋە «چەمبەر سان» لارنى تاق سان ۋە جۈپ سانغا ئايرىغان، بۇ ئۇلارنى قارىمۇ-قارشى تەرەپلەرنىڭ توقۇنۇشۇش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ يېڭى مىتۇدىغا ئىگە قىلغان. شۇڭا، بۇ شەكىللەردە سانلار ئىنتايىن ئابستراكىت نەرسە، ئۇلار ئالاھىدە تۈرلەرنىڭ سۇبستانسىيەسىدۇر. شۇڭا، پىتاگوراسچىلار ئېيتقاندەك، ھەممە شەيئى ساندۇر، بۇ ئۇلارنىڭ ھەممە شەكىللىك ۋە چوڭ-كىچىك شەيئىلەرنىڭ بىر سانلىق ئاساسى بار، دەپ قارايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇلار بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئارفمېتىكىدىن گېئومېتىرىيىگە، ئاندىن يەنە رېئاللىقنىڭ قۇرۇلمىسىغا بۇرالغان. شەيئىلەرنىڭ ھەممىسىدە سان بار، ئۇلارنىڭ تاق سانى ياكى جۈپ سانىنىڭ قىممىتى شەيئىلەردىكى قارىمۇ-قارشىلىقنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، مەسىلەن، بىرلىك بىلەن كۆپلۈك، كۋادرات بىلەن تىك تۆتبۇلۇڭ، تۈزلۈك بىلەن ئەگرىلىك، ھەرىكەت بىلەن جىملىق، ھەتتا يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغولۇقمۇ قارىمۇ-قارشىدۇر، بۇ ئەركەك بىلەن چىشىنىڭ، ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ قارىمۇ-قارشىلىقىغا ئوخشايدۇ.
    سانغا قارىتىلغان بۇنداق چۈشەنچە پىتاگۇراسچىلاردا ئەڭ مۇھىم پەلسەپە ئىدىيىسى−شەكىل ئۇقۇمىنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. مىلېتۇسچىلار ئىپتىدا ماددا ياكى ماتېرىيال كۆز قارىشىنى شەكىللەندۈرۈپ بولغانىدى، ھەممە شەيئىلەر ئۇنىڭدىن تۈزۈلەتتى، بىراق، ئالاھىدە شەيئىلەر بۇ يىگانە ئىپتىدا ماددىدىن قانداق بۆلۈنۈپ چىقىدۇ؟ ئۇلاردا بۇنىڭغا نىسبەتەن ئىزچىللىققا ئىگە ئۇقۇم بولمىغان. بۇلار بىر خىل چەكلىمىسىز ماددىنى تىلغا ئالغان، مەيلى سۇ، ھاۋا ياكى ئېنىقسىز چەكسىزىيەت بولسۇن، ھەممىسى مەلۇم تۈردىكى ئىپتىدا ماددىنى بىلدۈرەتتى. پىتاگوراسچىلار شەكىل ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، شەكىل لىمىت ( (limit، چەك دىن دېرەك بېرىدۇ، لىمىتنى سان ئارقىلىق تېخىمۇ چۈشەنگىلى بولىدۇ. ئۇلار لىمىت ئۇقۇمىنىڭ مۇزىكا ۋە تېبابەتچىلىكتە ئەڭ ياخشى ئىپادىلىنىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. بۇ ئىككى ھۈنەردىكى ئەڭ يادرولۇق مەسىلە ھارمۇنىيە بولغاچقا، ھارمۇنىيەگە يېتىشتە نىسبەت بىلەن لىمىتنى ئويلىشىش كېرەك. مۇزىكىدا بىر ساننىڭ نىسبىتى مەۋجۇت، ئوخشاش بولمىغان ئاھاڭ مۇشۇ نىسبەت بويىچە تارقىلىپ ئىنتىرۋالنىڭ ماسلىقىغا يېتىشى كېرەك. ھارمۇنىيە−سان نىسبىتىدىكى لىمىت قۇرۇلمىسى ساز تارىسىغا قوشۇلۇپ پەيدا قىلالايدىغان تۈرلۈك ئاۋازلارنىڭ چەكسىز مۇمكىنچىلىكىدىكى شەكىلدۇر. پىتاگوراسچىلار تېبابەتچىلىك جەھەتتىمۇ ئوخشاش قائىدىنىڭ رول ئوينايدىغانلىقىنى بايقىغان. ساغلاملىق بەزى قارىمۇ- قارشى تەرەپلەرنىڭ ھارمۇنىيەسى، مۇۋازىنىتى ۋە ياكى دەلمۇ-دەل نىسبىتىدۇر، مەسىلەن، ئىسسىق بىلەن سوغۇق، ھۆل بىلەن قۇرۇق ھەم كېيىن بىئو-خىمىيىدە بايقالغان تۈرلۈك ئالاھىدە ئېلېمېنتلارنىڭ سان مۇۋازىنىتى. ئەمەلىيەتتە، پىتاگۇراسچىلار تەننى بىر چالغۇ ئەسۋابى دەپ قارىغان. ئۇلار تەن «رىتىم» لىق بولغاندا كىشىلەر ساغلام بولىدۇ، كېسەللىك تارىنىڭ چىڭ تارتىلىشى ياكى ئاۋازىنىڭ ياخشى تەڭشەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن بولىدۇ، دېگەن. دەسلەپكى تېبابەتچىلىك ۋەسىقىلىرىدە سان كۆز قارىشى دائىم ساغلاملىق ۋە كېسەللىككە باغلاپ ئىشلىتىلگەن، بولۇپمۇ، سان «شەكىل» دەپ شەرھىيلەنگەندە. ھەقىقىي سان ياكى شەكىل تەننىڭ ئېلېمېنتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ۋە فۇنكسىيىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇۋازىنەتنى كۆرسەتكەن. شۇڭا، سان لىمىت (شەكىل) نىڭ چەكسىزىيەت (ماتېرىيال) دا قوللىنىلىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، پىتاگوراسچىلار مۇزىكا بىلەن تېبابەتچىلىكنى ئۆزلىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭ ئۇقۇمى، يەنى كۈللى شەيئىلەر ساندۇر، دېگەن ئۇقۇمنىڭ روشەن دەلىلى، دەپ قارىغان.
    پىتاگوراس ھەم ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ شان- شەرىپى مەلۇم دەرىجىدە ئۇلارنىڭ كېيىنكى پەيلاسوپلار، بولۇپمۇ ئەپلاتونغا كۆرسەتكەن تەسىرىدە ئىپادىلەندى. ئەپلاتۇن پەلسەپىسىدىكى نۇرغۇن مەزمۇنلار پىتاگوراسنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېرىشىلگەن بايانلاردۇر، بۇ روھنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئۇنىڭ ئۈچ قاتلاملىق پەرقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ماتېماتىكىنىڭ مۇھىملىقىمۇ بار، چۈنكى ئۇ شەكىل ياكى «ئىدىئال» ئۇقۇمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
    3.1 ئۆزگىرىشنى چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇش
    ھېراكلىتۇس
    ئەڭ دەسلەپكى پەيلاسوپلار ئەتراپىمىزدىكى دۇنيانى قۇرۇپ چىققان ئامىللارنى تەسۋىرلىمەكچى بولغان. ئېفېسىيەلىك ئاقسۆڭەك ھېراكلىتۇس (Heraclitus، تەخمىنەن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 540-يىلىدىن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 480-يىلىغىچە ياشىغان) دىققىتىنى بىر يېڭى مەسىلىگە−ئۆزگىرىش مەسىلىسىگە بۇرىغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىدىيىسى شۇكى، «ھەممە داۋاملىق ئۆزگىرىش ئىچىدە»، ئۇ تۆۋەندىكى گېپى ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ئۆزگىرىش ئىدىيىسىنى ئىپادىلىگەن: «بىز ئوخشاش بىر دەرياغا ئىككى قېتىم كىرەلمەيمىز»، دەريا ئۈزۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، چۈنكى «يېڭى سۇ ئۈزۈكسىز جىسمىڭىز تەرەپكە ئېقىپ كېلىدۇ». ھىراكلىتۇسنىڭ قارىشىچە، بۇنداق داۋاملىق ئۆزگىرىش ئىدىيىسى دەرياغىلا ئەمەس، ھەممە شەيئىگە تەتبىقلىنىدۇ، بۇ ئىنسان روھىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دەريا ۋە ئادەم كىشىنى ئېزىقتۇرىدىغان پاكىتنى ئايان قىلىدۇ، ئۇلار ئۆزگىرىپ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ ھەم ئەسلىي قىياپىتىنى ساقلاپ قالىدۇ. گەرچە يېڭى سۇ ئۈزۈكسىز ئېقىپ تۇرسىمۇ، بىزنىڭ كىرگىنىمىز «ئوخشاش بىر» دەريادۇر. بىر ئادەم قۇرامىغا يەتكەندە ۋە كىچىك ۋاقتىدا يەنىلا شۇ ئادەمنىڭ ئۆزى. شەيئىلەر ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، شۇڭا، تۈرلۈك ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە زاھىر بولىدۇ، بىراق، پۈتكۈل داۋاملىق ئۆزگىرىش جەريانىدا ئۇلار باشتىن ئاخىرى ئوخشاش بولىدىغان مەلۇم نەرسىلەرگە ئىگە. ھىراكلىتۇس مۇنداق كۆرسەتكەن، بۇ شەكىللەر بىلەن يەككە ھالەتتە داۋاملىق مەۋجۇت بولىدىغان ئېلېمىنت ئوتتۇرىسىدا، كۆپ بىلەن بىر ئوتتۇرىسىدا چوقۇم مەلۇم تۈپكى بىردەكلىك بولىدۇ. ئۇنىڭ سۆزلەش ئۇسۇلى تەسەۋۋۇرغا باي بولغان، شۇڭا، نۇرغۇن پىكىرلىرى كېيىن ئەپلاتۇن ۋە سىتوئىكىزمچىلارنىڭ پەلسەپىسىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن؛ ئۇ يېقىنقى بىر نەچچە ئەسىردە خېگېل ۋە نىتچېنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە نائىل بولدى.
    ئۆزگىرىش ۋە ئوت ئۆزگىرىشنىڭ كۆپ خىللىقتىكى بىردەكلىكىنى بايان قىلىش ئۈچۈن، ھىراكلىتۇس چوقۇم مەلۇم ئۆزگىرىدىغان نەرسىنىڭ بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن، ئۇ بۇ نەرسىنى ئوت دېگەن. ئەمما، ئۇ ئاددى ھالدا ئوتتىن ئىبارەت بۇ ئېلېمېنتى تالېس ئېيتقان سۇنىڭ ياكى ئاناكسىمىنىس ئېيتقان ھاۋانىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ قويمىغان. ھىراكلىت شۇنىڭ ئۈچۈن ئوتنىڭ كۈلى شەيئىلەرنىڭ ئاساسى ئېلىمېنتى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنكى، ئوتنىڭ ھەرىكەت شەكلى ئۆزگىرىش جەريانىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئوت ئوخشاش بىر پەيىتتە بىر خىل يېتەرسىزلىك ھەم بىر خىل ئوشۇقچىلىقتۇر−ئۇ توختىماستىن (يېقىلغۇ) كۆپەيتىشى، شۇنداقلا توختىماستىن بەزى نەرسىلەر−ئىسسىقلىق، تۈتۈن ۋە كۈلنى قويۇپ بېرىشى كېرەك. ئوت بىر ئايلىنىش جەريانى، بۇ جەرياندا، ئوتقا قېتىلغان نەرسە باشقا نەرسىگە ئايلىنىدۇ. ھىراكلىتۇسقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەلۇم تۈپ ئېلېمېنت، مەسىلەن، سۇنى رېئاللىقنىڭ تۈپكى ماھىيىتى دەپ قويۇشلا كۇپايە قىلمايتتى، بۇ ھال مۇنداق بىر سوئالغا جاۋاب بېرەلمەيتتى: بۇ تۈپ ماددا قانداق قىلىپ ئوخشاش بولمىغان شەكىلگە كېلىدۇ؟ شۇڭا، ھىراكلىتۇس ئوتنى تۈپ رېئاللىق دەپ دەپ ئېتىراپ قىلغاندا، ئۆزگىرىدىغان نەرسىنىڭ نېمىلىكىنى جەزملەشتۈرگەن، ھەتتا ئۆزىنى ئۆزگىرىش پىرىنسىپىنى بايقىدىم، دەپ قارىغان. ھىراكلىتۇسقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەممە شەيئى داۋاملىق ئۆزگىرىش ئىچىدە دېيىش دۇنيانىڭ «مەڭگۈ يالقۇنجاپ تۇرىدىغان ئوت» ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى، ئوتنىڭ «كۆيۈش ۋە ئۆچۈش ئۆلچىمى» ئۇنى مەڭگۈلۈك ھەرىكەت ئىچىگە قويغان. «ئۆلچەم» − ئوتنىڭ كۆيۈشى بىلەن ئۆچۈشى ئوتتۇرىسىدىكى مۇۋازىنەتتۇر. ئۇ پۇل سودىسى ئاتالغۇسى ئارقىلىق بۇ مۇۋازىنەتنى تەسۋىرلىگەن، «ھەممە نەرسە ئوتقا ئايلىنىدۇ، ئوت يەنە ھەممە نەرسىگە ئايلىنىدۇ، خۇددى ئالتۇن مالغا ئايلىنىپ، مال يەنە ئالتۇنغا ئايلانغاندەك». ئالمىشىشنى مۇشۇنداق چۈشەندۈرۈش ئاساسىدا، ھىراكلىتۇس تەبىئەت دۇنياسىدا ھەقىقىي يوقىلىدىغان نەرسىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلغان. ئالتۇن مالغا ئايلانسا، ئالتۇن ۋە مال داۋاملىق مەۋجۇت بولۇۋېرىدۇ، گەرچە ئۇلار ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ قولىدا بولسىمۇ. شۇنىڭدەك، بارلىق شەيئىلەر شەكىل جەھەتتە ئۈزۈكسىز رەۋىشتە بىر-بىرىگە ئايلىنىدۇ، ئەمما ئۇلار داۋاملىق مەۋجۇت.
    ئۆزگىرىش ياكى داۋاملىق ئۆزگىرىشنىڭ جەريانى تەرتىپلىك ۋە مۇۋازىنەتلىك بولغاچقا، ئالەمدە بىر خىل تۇراقلىقلىق بولىدۇ. پەيدا بولۇشتا ۋە يوقىلىشتا ئوخشاش بىر «ئۆلچەم» بولىدۇ، رېئاللىق گويا سۈمۈرۈشى ۋە چىقىرىشى ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغان غايەت زور ئوتتۇر، شۇڭا، دۇنيانىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئۆزگەرمەيدۇ. بۇ ئومۇمى مىقدار ھەممە شەيئىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇلار ئوتنىڭ ئوخشاش بولمىغان ھالەتلىرىدۇر. داۋاملىق ئۆزگىرىش ۋە ئۆزگىرىش ئوتنىڭ ھەرىكىتىدۇر، ھىراكلىتۇس بۇ ھەرىكەتنى «يۇقىرىغا ئۆرلەيدىغان يول ۋە تۆۋەنگە چۈشىدىغان يول» دەپ ئاتىغان. ئوتنىڭ تۆۋەنگە چۈشىدىغان يولى بىز تەجرىبە قىلغان شەيئىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئوت ئۇيۇشقاندا نەم ھاۋاغا ئايلىنىدۇ، ئۇچرىغان بېسىمنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ نەم ھاۋا سۇغا ئايلىنىدۇ، سۇ قېتىشقاندا تۇپراققا ئايلىنىدۇ. يۇقىرىغا ئۆرلەش يولىدىكى بۇ جەريان ئالماشتۇرۇۋېتىلسە، تۇپراق سۇيۇقلۇققا ئايلىنىدۇ، بۇ سۇدىن تۈرلۈك ھاياتلىق ھالەتلىرى پەيدا بولىدۇ. بۇ ئايلىنىش جەريانىدا ھېچقانداق نەرسە مەڭگۈلۈك يوقىلىپ كەتمەيدۇ، چۈنكى، ھىراكلىتۇس ئېيتقاندەك: «ئوت تۇپراقنىڭ ئۆلۈمىدە تۇغۇلىدۇ، ھاۋا ئوتنىڭ ئۆلۈمىدە تۇغۇلىدۇ، سۇ ھاۋانىڭ ئۆلۈمىدە تۇغۇلىدۇ، تۇپراق سۇنىڭ ئۆلۈمىدە تۇغۇلىدۇ.» شەيئىلەرنىڭ ئوتتىكى مەڭگۈ توختىماي ئايلىنىپ تۇرۇشىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق، ھىراكلىتۇس ئۆزىنى بىر خىل تۈپ ماددا ۋە دۇنيادىكى نۇرغۇن ئوخشاش بولمىغان شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى بىردەكلىك قائىدىسىنى چۈشەندۈرۈپ بولدۇم، دەپ قارىغان. ئوت ئۇقۇمىدىن باشقا، ھىراكلىتۇس ناھايىتى ئەھمىيەتكە ئىگە يەنە بىر ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ ئومۇميۈزلۈك قانۇنىيەت سۈپىتىدىكى ئەقلىيلىك ئىدىيىسىدۇر.
    ئومۇميۈزلۈك قانۇنىيەت سۈپىتىدىكى ئەقلىيلىك ئۆزگىرىش جەريانى تەرتىپسىز ھەرىكەت ئەمەس، بەلكى ئىلاھنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەقلىيلىكى (لوگوس، logos) نىڭ مەھسۇلى. ئەقلىيلىك كۆز قارىشى ھىراكلىتۇسنىڭ دىنى ئىتىقادىدىن كەلگەن، ئۇ شۇنىڭغا ئىشەنگەنكى، ئەڭ رېئال نەرسە روھتۇر، روھنىڭ ئەڭ خاس، ئەڭ مۇھىم خۇسۇسىيىتى ئەقىل-پاراسەت ياكى ئىدىيە. بىراق، ئۇ ئىلاھ بىلەن روھنى تىلغا ئالغاندا، مۇستەقىل ئادەمىي سۇبستانسىيەنى ھەرگىز ئويلىمىغان. ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پەقەت بىر خىل تۈپكى رېئاللىقلا مەۋجۇت، بۇ ئوتتۇر، ھىراكلىتۇس ئوتتىن ئىبارەت بۇ ماددى سۇبستانسىيىنى بىر ياكى ئىلاھ دەپ ئاتىغان. شۇڭا، ھىراكلىتۇس بىر پانتېئستتۇر، ئۇ ئىلاھ ئالەمدىكى كۈللى شەيئىلەرنىڭ ئومۇمى گەۋدىسىدۇر، دەپ قارىغان. ھىراكلىتۇسنىڭ قارىشىغا كۆرە، ھەممە شەيئى ئوت/ ئىلاھتۇر. ئوت/ ئىلاھ ھەممە شەيئىدە بار بولغاچقا، ئادەمنىڭ روھىمۇ ئوت/ ئىلاھنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئەقىل- پاراسەت ئوت/ ئىلاھنىڭ ئەڭ مۇھىم خۇسۇسىيىتى بولغانلىقتىن، ئادەمنىڭمۇ ئاساسلىق پائالىيىتىدۇر. جانسىز شەيئىلەرمۇ ئەقلىيلىك پىرىنسىپىغا ئىگە، چۈنكى ئوتنىڭ ماددىيىتى ئۇلارغا توشۇپ كەتكەن. ئوت/ ئىلاھ ئەقلىي، ھەتتا ئوت/ ئىلاھ بىر، ھەممە شەيئىگە توشۇپ كەتكەن، شۇڭا، ھىراكلىتۇس شۇنىڭغا ئىشەنگەنكى، ئوت/ ئىلاھ ئومۇميۈزلۈك ئەقىلدۇر. شۇ سەۋەبتىن، ئوت/ ئىلاھ ھەممە شەيئىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ئىدىيە ۋە ئەقلىيلىك پىرىنسىپى بويىچە ھەرىكەت قىلىش ۋە ئۆزگىرىشكە بۇيرۇغان. بۇ ئەقلىيلىك پىرىنسىپى قۇرۇپ چىققان قانۇنىيەت − ھەممە شەيئىنىڭ ئىچىدە بولىدىغان ئومۇميۈزلۈك قانۇنىيەتنىڭ ماھىيىتىدۇر. شۇڭا، ئادەم ئۆز تەبىئىيىتىدە بولىدىغان ئوت/ ئىلاھنىڭ چوڭ- كىچىكلىك دەرىجىسى−ئۆزىدە بولىدىغان ئىدىيە ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك، ئاجىزلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن بۇ ئومۇميۈزلۈك قانۇنىيەتكە ئىگە بولىدۇ.
    قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، بىزنىڭ ئەقلىيلىك تەبىئىتىمىزنى بۇنداق چۈشەندۈرۈش ھەممە ئىدىيىمىزنىڭ ئىلاھنىڭ ئىدىيىسى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، چۈنكى، بىرلىك بىلەن كۆپلۈك، ئىلاھ بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدا بىردەكلىك بار. چوقۇم ھەممىمىز ئوخشاش بىلىمگە ئىگە، چۈنكى، ئىلاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ئوخشايدۇ. ھەتتا تاشمۇ ئىلاھنىڭ قىسمەن ئەقلىيلىكىگە ئىگە، شۇڭا، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئېغىرلىق كۈچى «قانۇنىيىتى» گە ئەمەل قىلىدۇ. لېكىن، ھەممىگە مەلۇمكى، ئىنسانلاردا پىكىر بىرلىكى يوق، ھەر كىم ئويلىغىنى بويىچە ئىش كۆرىدۇ. ھىراكلىتۇس ئىنسانلاردىكى بۇنداق بىردەكسىزلىك پاكىتلىرىنى ئېتىراپ قىلغان، ئەمما مۇنداق دېگەن: «كىشىلەر ئويغاق چېغىدا ئورتاق ھالدا بىر تەرتىپلىك ئالەمگە ئىگە بولىدۇ، ئۇخلىغاندا، چۈشىدە ھەركىم ئۆز دۇنياسىغا قايتىپ كېتىدۇ.» ھىراكلىتۇسقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، «ئۇيقۇ» ئىدىيەسىزلىك، ھەتتا نادانلىقتىن دېرەك بەرگەن. ئەگەر كىشىلەرنىڭ روھى ۋە قەلبى ئىلاھنىڭ بىر قىسمى بولسا، ئۇلارنىڭ بىلىمسىزلىك ھالىتىدە تۇرۇشى قانداقسىگە مۇمكىن بولىدۇ؟ ناھايىتى ئەپسۇسكى، ئۇ بۇنى چۈشەندۈرمىگەن. ھىراكلىتوسنىڭ نەزەرىيىسىدە چەكلىمىلىك مەۋجۇت بولسىمۇ، كېيىنكى مۇتەپەككۇرلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. بولۇپمۇ، بۇ تەسىر ئۇنىڭ تۆۋەندىكى كۆز قاراشقا ئىشەنگەنلىكىگە زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك: ئىدىيىسى بار ھەممە كىشىدە يەتكىلى بولىدىغان بىر ئورتاق ئالەم مەۋجۇت بولغاچقا، كىشىلەر ئىلاھنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەقلىيلىكى ياكى ئومۇميۈزلۈك قانۇنىيىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ. شۇڭا، كېيىنكى ئەسىردە بۇ كۆز قاراش سىتوئىكىزمچە دۇنياۋىزم ئىدىيىسىنى ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن: ھەممە ئادەم باراۋەر دۇنيا پۇقراسىدۇر، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئايرىم بىر بار، ئايرىم ئىلاھنىڭ ئەقلىيلىكى بار. سىتوئىكىزمنىڭ قارىشىچە، ھەممىمىز ئوتنىڭ بىر قىسمىغا ئىگىمىز، بۇ ئوت ئىلاھنىڭ ئوتىدۇر. بۇ ئۇقۇم تەبىئىي قانۇن كلاسسىك نەزەرىيىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن. تەبىئىي قانۇن ھىراكلىتۇستىن سىتوئىكىزمغا، ئاندىن ئوتتۇرا ئەسىردىكى تىئولوگلارغا كېلىپ، ئەڭ ئاخىرى ئامېرىكا ئىنقىلابىغا تۈرتكە بولدى، بۇ جەرياندا بىر يۈرۈش تۈزىتىشلەرنى باشتىن كەچۈردى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ تەبىئىي قانۇن قانۇنشۇناسلىق نەزەرىيىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىدۇر.
    قارىمۇ- قارشىلىقنىڭ توقۇنۇشى ئىنسانلار كۈللى شەيئىلەرنى ئىدارە قىلىدىغان مەڭگۈلۈك ئەقىل- پاراسەتنى تونۇيالىسىمۇ، بىز بۇ ئەقىل-پاراسەتكە دىققەت قىلىپ باقمىدۇق. شۇڭا، بىز ئەمەلىيەتتە شەيئىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشەنمەيمىز. تېتىقسىز قالايمىقانچىلىق بىزنى چۈشكۈنلەشتۈرۈۋەتتى، ياخشىلىق، يامانلىقنىڭ تەرتىپسىز پەيدا بولۇشى بىزنى ھىيلىگەرلىككە بەند قىلىۋەتتى، بىز خاتىرجەملىكنى ئۈمىد قىلىمىز، ئۇ توقۇنۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ نۇقتىدا ھىراكلىتۇس ھېچقانداق تەسەللى بېرەلمەيدۇ، چۈنكى، ئۇنىڭ قارىشىچە، كۈرەش−ئۆزگىرىشنىڭ ماھىيىتىدۇر. بىز دۇنيادا كۆرىدىغان قارىمۇ-قارشىلىقلارنىڭ توقۇنۇشى بىر مەيدان ئاپەت ئەمەس، بەلكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك شەرتى. ھىراكلىتنىڭ كۆز قارىشىغا كۆرە، بىز ئۆزگىرىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى نامايان قىلالىساق، شۇنى كۆرەلەيمىزكى، «ئۇرۇش ئومۇميۈزلۈكتۇر، ئادىللىق كۈرەشتۇر، ھەممە شەيئى كۈرەش ۋە مۇقەررەرلىكتىن پەيدا بولىدۇ.» موشۇ كۆز قاراشنى چىقىش قىلىپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: «قارىمۇ-قارشى نەرسىلەر بىر يەرگە كېلىدۇ، ئوخشاش بولمىغان نەرسىلەر ئەڭ گۈزەل ھارمۇنىيە پەيدا قىلىدۇ.» ھەتتا ئۆلۈممۇ قازايى-قەدەر ئەمەس، چۈنكى «ئۆلگەندىن كېيىن كىشىلەر پەملىگەن ۋە قىياس قىلغاندىنمۇ ئۈستۈن تۇرغىدەك نەرسىلەر ئۇلارنى ساقلاپ تۇرىدۇ.» ھىراكلىتۇس كۈرەش ۋە تەرتىپسىزلىك مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا باشتىن-ئاخىر «كۆپ» نىڭ «بىر» دىن ئۆزىنىڭ بىردەكلىكىنى تاپالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇڭا، قارىماققا ئايرىمدەك كۆرۈنىدىغان ئىشلار ۋە ئۆز-ئارا توقۇنۇشىدىغان كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا ئەمەلىيەتتە ئايرىلماس ھارمۇنىك مۇناسىۋەت بار. شۇڭا، ئۇ مۇنداق دېگەن، كىشىلەر «ئۆزگەرگەن نەرسىنىڭ قانداقسىگە ئەسلىگە ئوخشاش بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرمەيدۇ. بۇ دەل قارىمۇ-قارشىلىقنىڭ زىددىيىتىنىڭ ياراشقانلىقىدۇر، خۇددى كامالەك ۋە چىلتارغا ئوخشاش.» ئوتتىمۇ قارىمۇ- قارشىلىقنىڭ مۇشۇنداق توقۇنۇشى بار، ئەمەلىيەتتە ئۇمۇ مۇشۇ بويىچە بولىدۇ. ئوت قارىمۇ-قارشىلىقنىڭ زىددىيىتىدۇر. كۆپ بىردە بىردەكلىكنى نامايەن قىلىدۇ. بىردە «يۇقىرىغا ئۆرلەش بىلەن تۆۋەنگە چۈشۈش ئوخشاش بىر يول»، «ساغلاملىق بىلەن كېسەللىك بىر نەرسە»، «بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزدا تۇغۇلۇش ۋە ئۆلۈم، ئويغاقلىق ۋە ئۇيقۇ، ياشلىق ۋە قېرىلىق ئوخشاش بىر نەرسە». قارىمۇ-قارشىلىقنىڭ زىددىيىتىنى ھەل قىلىشتا ھىراكلىتۇس تۆۋەندىكى ئاساسى قىياسقا تايانغان: ھېچنەرسە مەڭگۈلۈك يوقالمايدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ھالىتىنى ئۆزگەرتىدۇ. مەڭگۈلۈك ئوت ئەقلىيلىككە ھۆرمەت قىلىپ، مۇئەييەن ئۆلچەم بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ، ھەممە ئۆزگىرىش قارىمۇ- قارشى ۋە كۆپ خىل شەيئىنى تەلەپ قىلىدۇ. لېكىن، «ئىلاھقا نىسبەتەن ئېيتقاندا ھەممە نەرسە ئادىل، ئىزگۈ، توغرىدۇر، لېكىن، كىشىلەر بەزى نەرسىلەرنى خاتا، بەزى نەرسىلەرنى توغرا دەپ قارايدۇ.» ھىراكلىتۇسنىڭ يۇقىرىقى بايانلاردىكى خۇلاسىگە كېلىشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئادەملەشتۈرۈلگەن ئىلاھنىڭ كۈللى شەيئىلەرنىڭ ئىزگۈلۈكىگە كېسىپ ھۆكۈم قىلغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكىدىن ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، ھىراكلىتۇس شۇنداق قارىغانكى، «ھەممىنىڭ بىر ئىكەنلىكىگە قوشۇلۇش دانالىق»، بىر كۆپ خىل شەكىللەر ئىچىدە مۇقىم ھالەتتىدۇر ۋە زاھىردۇر.
    پارمېندىس
    پارمېندىس (Parmenides) ھىراكلىتۇسنىڭ خېلىلا ياش دەۋردىشىدۇر. ئۇ تەخمىنەن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 510- يىلى تۇغۇلغان، ئۇنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتى ئېلېئا (Elea) دا ئۆتكەن، ئىتالىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بۇ شەھەرنى گرېتسىيە قاچقۇنلىرى بەرپا قىلغانىدى. بۇ شەھەردە تۇرغان مەزگىلىدە، پارمېندىس نۇرغۇن ساھەلەردە پەۋقۇلئاددە داڭ چىقارغان، ئېلئالىقلارغا قانۇن تۈزۈپ بەرگەن، ئىلئا ئېقىمى دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى بىر پەلسەپە تەلىماتىنى ياراتقان. پارمېندىس ئەجدادلىرىنىڭ پەلسەپە كۆز قاراشلىرىدىن چوڭقۇر قانائەتسىزلىك ھېس قىلغان، ئۇ ئادەمنى ئىنتايىن جەلپ قىلىدىغان مۇنداق بىر نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان: پۈتكۈل ئالەمدە پەقەت بىرلا نەرسە بار، ئۇ ئەزەلدىن ئۆزگەرمىگەن، ھېچقانداق بۆلىكى يوق، مەڭگۈ گۇمران بولمايدۇ. ئۇ بۇ يىگانە نەرسىنى بىر (One) دەپ ئاتىغان. توغرا، شەيئىلەر دۇنيادا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، مەسىلەن، بىر تال كىچىك دۇپ دەرىخى ئۇرۇقى يېتىلىپ دۇب دەرىخىگە ئايلىنىدۇ؛ دۇنيادىكى شەيئىلەر ھەر تۈرلۈك، مەسىلەن، تاش، ياغاچ، ئۆي ۋە ئادەم. بىراق، پارمېندىسنىڭ قارىشىچە، بۇ ئۆزگىرىشلەر ۋە كۆپ خىللىقلار خىيالىي تۇيغۇدۇر؛ ھادىسە مەيلى قانداق قىياپەتتە بولسۇن، مەۋجۇت بولىدىغىنى يېگانە، ئۆزگەرمەس، مەڭگۈلۈك نەرسىدۇر. پارمېندىس نېمە ئۈچۈن ھادىسىگە پۈتۈنلەي قارشى نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان؟ بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇ كۆز كۆرگەن نەرسىگە ئەمەس، بەلكى لوگىكىلىق ھۆكۈمگە تېخىمۇ بەكرەك ئىشەنگەن.
    پارمېندىس نەزەرىيىسىنىڭ لوگىكىسى مۇنداق ئاددى باياندىن باشلانغان: ياكى مەۋجۇدات مەۋجۇت، ياكى مەۋجۇدات مەۋجۇت ئەمەس. مەسىلەن، ئىنەك مەۋجۇت، ئەمما تاق مۈڭگۈزلۈك مەخلۇق (قىئات) مەۋجۇت ئەمەس. تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئويلىنىش ئارقىلىق، پارمېندىس بىزنىڭ يۇقىرىقى باياننىڭ ئالدىنقى يېرىمى−مەۋجۇدات مەۋجۇت − غا ھۆكۈم قىلالايدىغانلىقىمىزنى تونۇپ يەتكەن. چۈنكى، بىز مەۋجۇت نەرسە توغرىسىدا ئۇقۇم شەكىللەندۈرەلەيمىز، مەۋجۇت ئەمەس نەرسە توغرىسىدا شەكىللەندۈرەلمەيمىز. ئارىمىزدىن كىم كاللىسىدا مەۋجۇت بولمىغان نەرسىنىڭ ئوبرازىنى پەيدا قىلالايدۇ؟ شۇڭلاشقا، پارمېندىسنىڭ قارىشىچە، بىز مەۋجۇدات مەۋجۇت ئەمەس دېگەن نۇقتىئىينەزەرنى رەت قىلىشىمىز كېرەك. پارمېندىس كېيىن بۇ نۇقتىئىينەزەرنىڭ بىر قانچە يوشۇرۇن مەنىسىنى ئاشكارىلىغان. ئالدى بىلەن ئۇ ئۆزگىرىشنىڭ بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. بىزگە ئايانكى، ھىراكلىتۇس ھەممە داۋاملىشىۋاتقان ئۈزۈكسىز ئۆزگىرىش ئىچىدە دەپ قارىغان؛ پارمىندىس پۈتۈنلەي ئەكسىچە كۆز قاراشتا بولدى. بىز ئادەتتە شەيئىلەرنىڭ پەيدا بولۇش ۋە يوقىلىش ئارقىلىق ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى كۆزىتىمىز. مەسىلەن، بىر تال دۇپ دەرىخى ئۇرۇقى زورىيىپ بىر تۈپ دۇپ دەرىخىگە ئايلىنىدۇ؛ ئۇرۇق ئۆلسە، دۇپ دەرىخى مەۋجۇت بولمايدۇ. شەيئىلەر كۆز ئالدىمىزدا مۇشۇنداق پەيدا بولسىمۇ، پارمىندىس شۇنداق كۆرسەتكەنكى، بۇ ئۆزگىرىش جەريانىدا لوگىكىلىق يېتەرسىزلىك بار. بىز ئاۋۋال دەرەخ مەۋجۇت ئەمەس دەيمىز، ئاندىن يەنە ئۇنى مەۋجۇت دەيمىز، ئارقىدىنلا يەنە ئۇنى مەۋجۇت ئەمەس دەيمىز. بۇ يەردە بىز باشتا ۋە ئاخىرىدا مەۋجۇدات مەۋجۇت ئەمەس دېگەن پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان نۇقتىئىينەزەرنى سۆزلەيمىز. لوگىكا جەھەتتىن ئېيتقاندا، بىز بۇ ئۆزگىرىش جەريانىنى رەت قىلىپ، ئۇنى ئىنتايىن زور خىيالى تۇيغۇ دېمەي تۇرالمايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ.
    شۇنىڭدەك، پارمىندىس دۇنيا ئايرىلماس بىر نەرسىدىن قۇرۇلغان، دەپ كۆرسەتكەن. بىز ئادەتتە دۇنيانىڭ نۇرغۇن ئوخشاش بولمىغان نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى كۆزىتىمىز. مەسىلەن، مەن بىر مۆشۈكنىڭ گىلەمدە ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم دەپ قىياس قىلايلى. بۇنىڭغا نىسبەتەن مېنىڭ ئادەتتە تۇيىدىغىنىم شۇكى، مۈشۈك بىلەن گىلەم پەرقسىز نەرسە، شۇنداقلا، پەقەت پەرقى بولمىغان ماددا ئەمەس. ئادەتتىكى بۇنداق فىزىكىلىق پەرق نۇقتىئىينەزىرى لوگىكىدا يېتەرسىزلىككە ئىگە. مەن ئەمەلىيەتتە مۆشۈكنىڭ تىرنىقىنىڭ ئاستىدا مۈشۈك مەۋجۇت ئەمەس، مۆشۈكنىڭ تىرنىقىدىن بېشىغىچىلا مۈشۈك مەۋجۇت، مۆشۈكنىڭ بېشى ئۈستىدە مۈشۈك مەۋجۇت ئەمەس، دەۋاتىمەن. شۇ سەۋەبتىن مەن مۆشۈكنىڭ فىزىكىلىق چېگرىسىنى ئايرىغاندا، باشتا ۋە ئەڭ ئاخىرىدا مەۋجۇدات مەۋجۇت ئەمەس، دېگەن بۇ نۇقتىئىينەزەرنى سۆزلىگەن بولىمەن. شۇڭا، مەن فىزىكىلىق پەرقنىڭ ئەمەلىيەت ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ، ئۇنى بىر خىيالى تۇيغۇ دەپ قارىشىم كېرەك. قىسقىسى، ئايرىۋەتكىلى بولمايدىغان بىر نەرسە مەۋجۇت.
    پارمېندىس مۇشۇنىڭغا ئوخشاش لوگىكا ئارقىلىق شۇنى كۆرسەتكەنكى، بىر چوقۇم ھەرىكەت قىلمايدۇ، ئەگەر ئۇ ھەرىكەت قىلسا، ئەسلىدىكى ئورنىدا مەۋجۇت بولمايدۇ، بۇ مەۋجۇدات مەۋجۇت ئەمەس دېگەن لوگىكىغا چۈشمەيدىغان ھۆكۈمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پارمېندىس يەنە بىر چوقۇم مۇكەممەل شار دەپ كۆرسەتكەن. ئەگەر شار ھەرقانداق نىشاندا قائىدىسىز بولىدىكەن، بۇ گويا دومىلاتما توپتىكى ئۈچ تال تۆشۈكنىڭ دومىلاتما توپ ئىچىدە مەۋجۇت ئەمەس بىر رايوننى پەيدا قىلغانلىقىغا ئوخشايدۇ. بۇمۇ مەلۇم شەيئىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىگە خاتا ھۆكۈم قىلىشتۇر.
    بىز پارمېندىسنىڭ ئىسپاتلىشىنىڭ لوگىكىلىق كۈچىنى ئىتىراپ قىلىمىز، شۇنداقلا دۇنيا ئۆزگىرىش ۋە كۆپ خىللىقتا زاھىر، دېگەن ئادەتتىكى نۇقتىئىينەزەرىمىزدىن ئاسان ۋاز كېچەلمەيمىز. بىز ھەممىلا جايدا شەيئىلەرنىڭ داۋاملىق ئۆزگىرىش ئىچىدە تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز، بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇ ھەقىقىي ئۆزگىرىشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بىراق، پارمېندىس بۇ ئاددىي ئىدىيەنى رەت قىلىپ، ھادىسە بىلەن رېئاللىقنى پەرقلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرغان. ئۇ ئۆزگىرىش ۋە كۆپ خىللىق ھادىسە ۋە رېئاللىقنى مالىماتاڭ قىلىۋەتتى، دېگەن. ھادىسە بىلەن رېئاللىقنىڭ پەرقىدىن كېيىنكىسى پارمىندىسنىڭ يەنە بىر مۇھىم پەرقلەندۈرۈشى، يەنى پىكىر بىلەن ھەقىقەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرقتۇر. ھادىسە پەقەت پىكىرنىلا پەيدا قىلالايدۇ، ئەمما رېئاللىق ھەقىقەتنىڭ ئاساسىدۇر. ئادەتتىكى ساۋاتلار بىزگە شەيئىلەر داۋاملىق ئۆزگىرىش ئىچىدە بولغاچقا، سىجىل ئۆزگىرىش جەريانىدا تۇرىدۇ، دەيدۇ. لېكىن، پارمېندىس ھېسسىيلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان بۇ پىكىر چوقۇم ئەقلىيلىكنىڭ پائالىيىتىگە ئورۇن بېرىشى كېرەك، دېگەن. ئەقلىيلىك شەيئىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھەقىقەتنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ، ئۇ بىزگە شۇنى دەپ بېرىدۇكى، ئەگەر بىر يېگانە سۇبستانسىيە مەۋجۇت بولسا، ھەتتا ھەممە شەيئى ئۇنىڭدىن تۈزۈلسە، ھەرىكەت ياكى ئۆزگىرىشنىڭ مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. تالىس ھەممە سۇدىن كەلگەن دېگەندە، بۇ نۇقتىئىينەزەرنى مەلۇم دەرىجىدە ئوتتۇرىغا قويغان. تالېس بېشارەت بېرىپ، شەيئىلەرنىڭ ھادىسىسى بىزگە ھەرگىزمۇ رېئاللىقنى قۇرۇپ چىققان ماددىنى زاھىر قىلىپ بەرمەيدۇ، دېگەن. پارمېندىس بۇ پەرقلەرنى ناھايىتى ئېنىق تەكىتلىگەن، بۇلار ئەپلاتوننىڭ پەلسەپىسىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان. ئەپلاتۇن پارمېندىسنىڭ بارلىق (مەۋجۇت) نىڭ ئۆزگەرمەسلىكىدىن ئىبارەت تۈپ ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلىپ، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەقىقەتنىڭ ئىدراك دۇنياسى بىلەن پىكىرنىڭ كۆرگىلى بولىدىغان دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئوتتۇرىغا قويغان.
    پارمېندىس 65 ياشقا كىرگەندە، مۇھىم ئوقۇغۇچىسى زېنونىڭ ھەمراھلىقىدا ئاتېن (ئافىنا) غا بارغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ ياش سۇقرات بىلەن دىئالوگلاشقان ئىكەن. پارمىندىسنىڭ ئۆزگىرىش ۋە كۆپ خىللىق توغرىسىدىكى رادىكال نۇقتىئىينەزىرى كىشىلەرنىڭ گۇمانى ۋە كۈلكىسىنى قوزغاشتىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. بۇ نۇقتىئىينەزەرلەرنى قوغداپ، ئۇنىڭ مۇخالىپلىرىغا قايتۇرما زەربە بېرىش پارمېندىسنىڭ ئوقۇغۇچىسى زېنونىڭ زېممىسىگە چۈشكەن.
    زېنو
    زېنو (Zeno) تەخمىنەن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 489- يىلى ئىلئادا تۇغۇلغان. ئۇ پارمېندىسقا ھەمراھ بولۇپ ئاتېن (ئافىنا) نى زىيارەت قىلغاندا، 40 ياشقا كىرىپ كىرىپ قالغانىدى. زېنونىڭ پارمېندىسنى ئاقلاشتىكى ئاساسلىق تاكتىكىسى دۇنياغا مۇناسىۋەتلىك ئادەتتىكى بىلىملەرنىڭ پارمېندىسنىڭكىدىنمۇ بىمەنە خۇلاسىنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش بولغان. مەسىلەن، پىتاگوراسچىلار پارمېندىس قوبۇل قىلغان رېئاللىق بىردىن ئىبارەتتۇر، دېگەن تۈپكى قىياسنى رەت قىلغان. ئەكسىچە ئۇلار شەيئىلەر كۆپ خىل − زور دەرىجىدە ئايرىلىپ تۇرىدىغان ئۆز- ئارا پەرقلىق شەيئىلەر مەۋجۇت − بولغانلىقتىن ھەرىكەت ۋە ئۆزگىرىشنىڭ رېئاللىق بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. ئۇلارنىڭ كۆز قارىشى گويا ئادەتتىكى بىلىم ۋە سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ دەلىللىشىگە بەكرەك مۇيەسسەر بولالايتتى. بىراق، زىنو ئەگەشكەن ئىلئا ئېقىمى ھادىسە بىلەن رېئاللىقنى پەرقلەندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. پارمېندىس بىلەن زېنونىڭ قارىشىچە، پەلسەپىۋى ئىزدىنىشتە دۇنيانى كۆزىتىپلا قويساق بولمايدۇ، دۇنيانى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇنى تەپەككۇر قىلىشىمىز زۆرۈر.
    زېنو شۇنى ھېس قىلغانكى، سەزگۈ ئەزالىرىمىز بىزنى رېئاللىق توغرىسىدىكى ھېچقانداق يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىمەي، پەقەت ھادىسە توغرىسىدىكى يىپ ئۇچى بىلەنلا تەمىنلەيدۇ. شۇڭا، سەزگۈ ئەزالىرىمىز بىزنى ئىشەنچلىك بىلىم بىلەن تەمنلىمەي، پەقەت پىكىر بىلەنلا تەمىنلەيدۇ. ئۇ سۆك ئۇرۇقىنى مىسالغا ئېلىپ، بۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرگەن. بىز بىر تال سۆك ئۇرۇقىنى يەرگە تاشلىساق، ئاۋاز چىقمايدۇ. ئەگەر يېرىم بۇشېل[6] سۆك ئۇرۇقنى يەرگە تاشلىساق ئاۋاز چىقىدۇ. زېنو بۇنىڭدىن خۇلاسە چىقىرىپ مۇنداق دېگەن: سەزگۈ ئەزالىرىمىز بىزنى ئالدايدۇ. ياكى بىر تال ئۇرۇق چۈشكەندىمۇ ئاۋاز چىقىدۇ، ياكى نۇرغۇن ئۇرۇقلار چۈشكەندىمۇ ئاۋاز چىقمايدۇ، ئىككىسى چوقۇم بىر. شۇڭا، شەيئىلەرنىڭ ھەقىقىتىگە يېتىشتە ئىدىيە يولى تۇيغۇ يولىدىنمۇ ئىشەنچلىك.
    زېنونىڭ تۆت پارادوكسى پارمېندىسقا قارىتىلغان تەنقىدكە قايتۇرما زەربە بېرىش ئۈچۈن، زېنو ئۆزىنىڭ دەلىلىنى پارادوكس[7] شەكلىگە كەلتۈرگەن. دۇنيا توغرىسىدىكى ئادەتتىكى نۇقتىئىينەزەرلەر (1) ئۆزگىرىش زامان (ۋاقىت) دا يۈز بېرىدۇ، ھەم (2) تۈرلۈك ئوخشاش بولمىغان شەيئىلەر ماكان (بوشلۇق) دا داۋاملىشىدۇ، دېگەن ئىككى ئاساسى قىياسنى ئىشقا سالغان. زېنو پارمېندىسقا ئەگەشكەچكە، ئۇمۇ ئەلۋەتتە بۇ ئىككى قىياسنى رەت قىلغان. ئادەتتىكى نۇقتىئىينەزەرلەرگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن، زېنو ۋاقتىنچە يۇقىرىقى ئىككى قىياسنى قوبۇل قىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭدا پەيدا بولىدىغان پارادوكسنى ئېچىپ تاشلىغان. بۇنىڭدىن چىقىدىغان نەتىجە ئەمەلىيەتتە شۇنداق بېمەنە ئىدىكى، ئادەتتىكى كۆز قاراشلار ئەمدى قارىماققا ئۇنچىۋالا ئەقىلگە مۇۋاپىق كەلمەيتتى. ئىككىسىنى سېلىشتۇرغاندا، پارمىندىسنىڭ بىر توغرىسىدىكى نۇقتىئىينەزىرى دۇنيانى تېخىمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق چۈشەندۈرەتتى. زېنو تۆت ئاساسلىق پارادوكسنى ئوتتۇرىغا قويغان.
    1. تەنتەربىيە مەيدانى پارادوكسى. ھەرىكەتنىڭ بۇ پارادوكسىقا ئاساسلانغاندا، بىر يۈگۈرگۈچى يۈگۈرۈش يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئاخىرلىشىش نۇقتىسىغا بارغۇچە بىر يۈرۈش ئارىلىق بىرلىكلىرىدىن ئۆتىدۇ. زېنو مۇنداق سورايدۇ: بۇ مىسالدا زادى نېمە يۈز بەردى؟ بۇ يەردە ھەرقانداق ھەرىكەت ھەقىقىي يۈز بەردىمۇ؟ پىتاگوراسچىلارنىڭ قىياسىغا ئاساسلانغاندا، يۈگۈرگۈچى پۈتۈن مۇساپىنى تاماملاشتا، چەكلىك مىقداردىكى ۋاقىت ئىچىدە چەكسىز مىقداردىكى نۇقتىلاردىن ئۆتىدۇ. ھالقىلىق مەسىلە شۇكى، بىر ئادەم چەكلىك ۋاقىتتا چەكسىز مىقداردىكى نۇقتىلاردىن قانداق ئۆتۈپ بولالايدۇ؟ يۈگۈرگۈچى ئاخىرقى نۇقتىغا يېتىپ بېرىشتا ئاۋۋال يۈگۈرۈش يولىنىڭ ئوتتۇرا نۇقتىسىغا بېرىشى كېرەك، باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئوتتۇرا نۇقتىسىغىچە بولغان ئارىلىقنى يەنە تەڭ يېرىمدىن بۆلگىلى بولىدۇ، ئوتتۇرا نۇقتىغا بېرىش ئۈچۈن، يۈگۈرگۈچى ئالدى بىلەن تۆتتىن بىر نۇقتىغا بېرىشى كېرەك. ئوخشاشلا، باشلىنىش نۇقتىسىدىن تۆتتىن بىر نۇقتىغىچە بولغان ئارىلىقنى يەنە بۆلگىلى بولىدۇ، بۇ بۆلۈش جەريانى مۇقەررەركى چەكسىز داۋاملىشىدۇ، چۈنكى، بۆلۈنگەندىن كېيىن ھامان قالدۇق بولىدۇ، قالدۇقنى يەنە بۆلگىلى بولىدۇ. شۇڭا، ئەگەر يۈگۈرگۈچى ئاۋۋال مەلۇم نۇقتىغا يېتىپ بېرىشتىكى بىر ئارىلىق نۇقتىغا بارمىسا، ئۇ نۇقتىغا يېتەلمەيدۇ، ئەگەر چەكسىز نۇقتا بار بولسا، ئۇنىڭ چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە چەكسىز مىقداردىكى نۇقتىلاردىن ئۆتۈشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، زېنو مۇنداق خۇلاسە چىقارغان: ھەرىكەت مەۋجۇت ئەمەس.
    2. ئاكىللىسنىڭ تاشپاقىنى قوغلاش پارادوكسى. بۇ پارادوكس تەنھەرىكەت مەيدانى پارادوكسىغا ناھايىتى ئوخشايدۇ. بىز سۈرئىتى تېز ئاكىللىس بىلەن سۈرئىتى ئاستا تاشپاقا ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان مۇسابىقە بولدى، دەپ تەسەۋۋۇر قىلايلى. ئاكىللىس پالۋان بولغاچقا، تاشپاقىنىڭ مەلۇم بۆلەكنى ئالدىن بېسىپ بولۇشىغا يول قويۇپ، ئۆزى تاشپاقىنىڭ كەينىدىن قوغلايدۇ. زېنو مۇنداق كۆرسىتىدۇ: ئاكىللىس مەڭگۈ تاشپاقىغا يېتىشەلمەيدۇ، چۈنكى، ئۇ ھامان تاشپاقا ئۆتۈپ بولغان نۇقتىلارغا بېرىشى كېرەك. ئاكىللىس بىلەن تاشپاقا ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنى تەنھەرىكەت مەيدانى پارادوكسىدىكى ئەھۋالدىكىدەك بۆلگىلى بولىدۇ. ئاۋۋال بىر نۇقتىغا يېتىپ بارغاندا ئاندىن كېيىنكى نۇقتىغا بارغىلى بولىدۇ. ئەگەر ھەرقانداق ھەرىكەتنىڭ يۈز بېرىشى قەتئىي مۇمكىن بولمىسا، بۇ قىياستا ئاكىللىس مەڭگۈ تاشپاقىغا يېتەلمەيدۇ. زېنونىڭ قارىشىچە، ئۇ بۇ يەردە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پىتاگوراسچىلار ھەرىكەتنىڭ رېئاللىق ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ دۇنيانىڭ مۇرەككەپ، كۆپ خىللىقى ھەققىدىكى نەزەرىيىسى بىزنى ئىلگىرى-كېيىنلىكنىڭ بىردەكلىكى بويىچە ھەرىكەت نۇقتىئىينەزىرى توغرىسىدا تەپەككۇر قىلدۇرۇشقا ئامالسىز.
    3. ئۇچۇۋاتقان ئوق پارادوكسى. مەرگەن بىر نىشاننى قارىغا ئېلىپ ئوق ئاتقاندا، ئوق ھەرىكەت قىلامدۇ؟ پىتاگوراسچىلار ماكان (بوشلۇق) نىڭ رېئاللىقى ۋە بۆلگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، ئۇلار ھەرىكەتتىكى ئوق ھەربىر پەيتتە ماكاندا بىر ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە بولىدۇ، دېگەن. بىراق، ئوق ماكاندا ئۆزىنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا تەپمۇ- تەڭ ئورۇننى ئىگىلىسە، بۇ دەل بىز ئېيتقان ئوق ھەرىكەت قىلمىغان چاغدا ئىپادىلىنىدىغان مەنادۇر. ئۇچۇۋاتقان ئوق چوقۇم ماكاندا ئۆزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن باراۋەر ئورۇن ئىگىلىسە، مۇقەررەركى ئۇ ھامان تىنچ ھالەتتە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، تەنھەرىكەت مەيدانى مىسالىدا كۆرگىنىمىزدەك، ھەرقانداق مىقدارنى چەكسىز بۆلگىلى بولىدۇ، شۇڭا، ئۇچۇۋاتقان ئوق ئىگىلەيدىغان ماكان چەكسىز، بۇنىڭدا ئۇ باشقا شەيئىگە جىپسىلىشىشى كېرەك، بۇنداق ئەھۋالدا، شەيئىلەر چوقۇم بىردۇركى، كۆپ ئەمەس. شۇڭا، ھەرىكەت بىر خىيالى كۆرۈنۈشتۇر.
    4. ھەرىكەتنىڭ نىسبىيلىكى پارادوكسى. مۇنداق تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى: ئوخشاش ئۇزۇنلۇقتىكى ئۈچ يولۇچىلار ئاپتوبۇسى بار، ئۇلار پاراللېل يولدا كېتىۋاتىدۇ، ھەربىر ماشىنىنىڭ بىر تەرىپىدە سەككىزدىن دېرىزە بار. بىر ماشىنا ھەرىكەت قىلماي، باشقا ئىككى ماشىنا ئوخشاش قارىمۇ- قارىشى يۆنىلىشتە كېتىۋاتىدۇ. 1- رەسىمدە، A ماشىنا ھەرىكەت قىلمىغان، B ماشىنا بىلەنC ماشىنا ئوخشاش سۈرئەتتە 2- رەسىمدىكى ئورۇنغا كەلگىچە قارىمۇقارشى يۆنىلىشتە ھەرىكەت قىلغان. 2- رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئورۇنغا بېرىش ئۈچۈن، B ماشىنىنىڭ بېشى A ماشىنىنىڭ تۆت دېرىزىدىن ئۆتۈشى، C ماشىنىنىڭ بېشى B ماشىنىنىڭ سەككىز دېرىزىسىدىن ئۆتۈشى كېرەك. ھەربىر دېرىزە بىر ئارىلىق بىرلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، مۇشۇنداق دېرىزىنىڭ ھەر بىرىدىن ئۆتۈشكە بىر بىرلىك ۋاقىت (زامان) كېتىدۇ. ھازىر، B ماشىنا A ماشىنىنىڭ تۆت دېرىزىسىدىن ئۆتۈپ بولدى، C ماشىنا B ماشىنىنىڭ سەككىز دېرىزىسىدىن ئۆتۈپ بولدى. ھەربىر دېرىزە ئوخشاش بىرلىك ۋاقىت (زامان) قا ۋەكىللىك قىلىغان ئىكەن، بۇنىڭدىن شۇنىڭغا ئېرىشكىلى بولىدۇكى، تۆت بىرلىك ۋاقىت (زامان) سەككىز بىرلىك ۋاقىت (زامان) قا تەڭ بولىدۇ ياكى تۆت بىرلىك ئارىلىق سەككىز بىرلىك ئارىلىققا تەڭ بولىدۇ، بۇ ئىنتايىن بېمەنە. بۇ دەلىللەشنىڭ مەزمۇنىدا قانچىلىك قالايمىقانچىلىق بولسۇن، زېنونىڭ ئاساسلىق نۇقتىئىينەزىرى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ھەرىكەتنىڭ ئېنىق تەبىرى يوق، ئۇ نىسپىي ئۇقۇم.
    1- رەسىم:
                A:
    1    2  3  4  5  6  7  8
                B:→
    8  7  6  5  4  3   2   1 
                C:←
    1  2  3  4  5  6   7   8
    2- رەسىم
               A:
    1  2  3  4  5  6   7   8
               B:
    8  7  6  5  4  3   2   1
               C:
    1  2  3  4  5  6   7   8
    بۇ دەلىللەشلەردە زېنو پارمېندىس مۇخالىپلىرىنىڭ نۇقتىئىينەزىرىنى مات قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ مۇرەككەپ كۆپ خىل دۇنيا توغرىسىدىكى قىياسىغا قاتتىق ئەمەل قىلغان، مەسىلەن، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تال سىزىق ياكى ۋاقىت بۆلگىلى بولىدىغان دۇنيادۇر. بۇ قىياسلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان لوگىكىلىق خۇلاسە ئارقىلىق، زېنو مۇرەككەپ، كۆپ خىل دۇنيا ئىدىيسىنىڭ ئادەمنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغان بىمەنىلىك ۋە پارادوكسقا كىرگۈزۈپ قويىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان. شۇڭا، ئۇ پارمېندىسنىڭ مۇھاكىمە تېمىسىنى قايتىدىن بايان قىلغان: ئۆزگىرىش ۋە ھەرىكەت خىيالىي كۆرۈنۈشتۇر، پەقەت بىرلا مەۋجۇدات بار، ئۇ ئۇدا، ماددى، ھەرىكەتسىز. زېنونىڭ قالتىس جاسارەت بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، دۇنيا توغرىسىدىكى ئادەتتىكى بىلىملەر يەنىلا مەۋجۇت بولىۋەردى، ئەمما، بۇ كېيىنكى پەيلاسوپلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە ئۆزگىرىش بىلەن مەڭگۈلۈكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ھەل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.
    ئېمپېدوكلېس
    ئېمپېدوكلېس (Empedocles) يۇرتى ئاكراگوستىكى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان شەخس ئىدى، ئۇ يەردە ئېمپېدوكلېس تەخمىنەن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 490-يىلىدىن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 430-يىلىغىچە ياشىغان. ئۇنىڭ قىزىقىشى ۋە پائالىيىتى سىياسىيشۇناسلىقتىن تېبابەتچىلىك ۋە پەلسەپەگىچە بولغان كەڭ ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، كىشىلەرنى ئۆزىگە چوقۇندۇرۇش ئۈچۈن، ئېمپېدوكلېس ئېتنا يانار تېغى ئېغىزىغا ئۆزىنى تاشلاپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان، بۇ ئىشتا ئۇنىڭ بەدىنىدە ھېچقانداق زەخمە قالمىغانمىش، كىشىلەر ئۇنى ئاسمانغا چىقىپ كەتتى دەپ قارىغان. ئۇ شېئىرىي شەكىلدە پەلسەپە ئەسىرى يازغان بولۇپ، ئاز بىر قىسمىلا ساقلىنىپ قالغان. بىز ئۇنىڭ ئەسىرىدىن بىر خىل ئىجادىي يېڭى پەلسەپە كۆرىمىز دېگەندىن كۆرە، ئۆز ئەجدادلىرى ئيتقان نەرسىلەرنى قايتىدىن بىرلەشتۈرگەن دېسەك ياخشىراق بولىدۇ. ئېمپېدوكلېسنىڭ قارىشىچە، ھەرىكەتنىڭ ئۆزگىرىشى توغرىسىدىكى دەلىللەشلەرنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئىنكار قىلىش ئۆزىگە خاس قىممەتكە ئىگە. ئۇ ھېچقانداق بىر تەرەپنىڭ نۇقتىئىينەزىرىنى ئىشقا سالماي، ئۆز تالانتى بىلەن ئىككىسىنى بىرلەشتۈرگەن، بۇ ئۇنىڭ ئەجدادلارنىڭ پەلسەپە تۆھپىسىنى بىرلەشتۈرۈشكە تۇنجى قېتىم ئۇرۇنۇپ بېقىشىدۇر. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ بىر خىل كېلىشتۈرۈش ئۇسۇلىنى بايقىغان، بىز ئۆزگىرىش مەۋجۇت دېسەك بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كېسىپ ئېيتالايمىزكى، رېئاللىق نېگىزىدىن ئېيتقاندا ئۆزگەرمەيدۇ.
    ئېمپېدوكلېس تۆۋەندىكى كۆز قاراشتا پارمېندىسقا قوشۇلغان، مەۋجۇدات مەڭگۈلۈك، يوقالماستۇر، ئۇ پەقەت مەۋجۇتلا بولىدۇ. ئۇ مۇنداق يازغان: «مۇتلەق ھەقىقىي مەۋجۇت بولمىغان نەرسىدىن ھەرقانداق مەۋجۇداتنىڭ پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، مەۋجۇداتنىڭ يوقىلىشى پۈتۈنلەي ئەمەلگە ئاشمايدۇ ھەم تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئىزچىل مەۋجۇت بولىدۇ، مەيلى كىم ئۇنى ھەرقانداق بىر شارائىتقا قويسۇن، بەرىبىر شۇنداق.» بىراق، ئېمپېدوكلېس پارمېندىسقا ئوخشىمايدۇ، ئۇ ھەقىقىي مەۋجۇت شەيئى «بىر» دىن قۇرۇلغان دېيىشكە قوشۇلمىغان. بىز «بىر» ئۇقۇمىنى قوبۇل قىلىشتا ھەرىكەتنىڭ رېئاللىقىنى ئىنكار قىلىشىمىز كېرەك. بىراق، ئېمپېدوكلېسقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەرىكەتنىڭ ھادىسىسى شۇ قەدەر ئېنىق، جەلىپكاركى، شۇ سەۋەبتىن ئۇنى ئاسانلىقچە ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ئۇ «بىر» ئۇقۇمىنى رەت قىلغان. ئېمپېدوكلېس پارمىندېسنىڭ مەۋجۇدات مەڭگۈ ھايات، يوقالمايدۇ دېگەن نۇقتىئىينەزىرىگە قوشۇلغان، ئەمما، ئۇنىڭ قارىشىچە، مەۋجۇدات بىر ئەمەس، كۆپ. ئۆزگەرمەس، مەڭگۈلۈك نەرسە كۆپ.
    ئېمپېدوكلېسنىڭ قارىشىچە، بىز كۆرگەن ۋە تەجرىبە قىلغان جىسىم ئەمەلىيەتتە بار بولىدۇ ھەم يوقىلىدۇ. بۇنداق ئۆزگىرىش ۋە ھەرىكەت شۇنىڭ ئۈچۈن مۇمكىن بولىدۇكى، جىسىم نۇرغۇن ماددى زەررىچىدىن تۈزۈلگەن. شۇڭا، جىسىم ھىراكلېتوس ئېيتقاندەك ئۆزگەرسىمۇ، ئۇلارنى قۇرۇپ چىققان مىكرو زەررىچىلەر پارمىندېس مۇھاكىمە قىلغان «بىر» گە ئوخشاش ئۆزگەرمەيدۇ. بۇ مىكرو زەررىچىلەر نېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ ئېپېدوكلېسنىڭ قارىشىچە، بۇ مىكرو زەررىچىلەر تۆت خىل مەڭگۈلۈك ماددىي ئېلېمنت، يەنى تۇپراق، ھاۋا، ئوت، سۇنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ تالېس بىلەن ئاناكسىمىنېسنىڭ پەلسەپىسىنى قايتا چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئىدىيەنى تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇلار ئۆز ئالدىغا سۇ ۋە ئوتتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىپتىدا ئېلېمنتنى تەكىتلىگەنىدى. ئېمپېدوكلېس قەدىمكى گرېتىسىيىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، تۇپراق، ھاۋا، ئوت، سۇدىن ئىبارەت بۇ تۆت تۈپ ئېلېمنتنى تەكىتلەپ، تالىس بىلەن ئاناكسمىنېسنىڭ نەزەرىيەسىنى كىڭەيىتكەن. ئۇ شۇنىڭغا ئىشەنگەنكى، بۇ تۆت ئېلېمنت ئۆزگەرمەس، مەڭگۈلۈك، مەڭگۈ باشقا نەرسىگە ئايلانمايدۇ. بىز كۆرگەن جىسىملاردىكى ئۆزگىرىشنى چۈشەندۈرۈشكە ئىشلىتىلىۋاتقىنى تۆت ئېلېمېنتنىڭ ئۆزگىرىشى ئەمەس، بەلكى ئارىلاشمىسىدۇر. ئۇ مۇنداق يازغان: «پەقەت ئارىلاشما ۋە ئارىلاشمىنىڭ بىر- بىرىگە ئايلىنىشىلا مەۋجۇت.» تۇپراق، ھاۋا، ئوت، سۇ ئۆزگەرمەس زەررىچە، ئۇلار بىرىكىپ جىسىمنى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆرگەن ئۆزگىرىشنى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇرغان.
    ئېمپېدوكلېسنىڭ تۇپراق، ھاۋا، ئوت، سۇنى چۈشەندۈرۈشى ئۇنىڭ نەزەرىيىسىنىڭ بىرىنچى قىسمى. نەزەرىيەنىڭ ئىككىنچى قىسمى ئۆزگىرىش جەريانىغا تۈرتكە بولىدىغان ئالاھىدە كۈچنى چۈشەندۈرۈشتۇر. ئىئونىيە ئېقىمى تەبىئىي ماددا ئۆزلۈكىدىن تۈرلۈك جىسىملارغا ئايلىنىدۇ، دەپ پەرەز قىلغان. پەقەت ئاناكسىمېنىسلا قويۇقلۇق ۋە كىڭىيىش نەزەرىيىسى بويىچە ئۆزگىرىشنىڭ جەريانىنى كونكرېت تەھلىل قىلىپ باقماقچى بولغان. ئېمپېدوكلېسنىڭ بۇلارنىڭكىگە روشەن سېلىشتۇرما شەكىللەندۈرگەن يېرى، ئۇ ئۇ تەبىئەتتە ئىككى خىل كۈچ مەۋجۇت دەپ قىياس قىلىپ، ئۇلارنى مۇھەببەت ۋە نەپرەت (ھارمۇنىيە ۋە ئىختىلاپ دېيىشكىمۇ بولىدۇ) دەپ ئاتىغان. ئۇلار تۆت ئېلېمېنت ئۆز ئارا بىرىككەندىن كېيىن، يەنە ئۇلارنىڭ ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كۈچتۇر. مۇھەببەتنىڭ كۈچى ئېلېمېنتلارنىڭ بىر- بىرىنى تارتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مەلۇم ئالاھىدە ھالەت ياكى مەلۇم ئالاھىدە ئادەمنى شەكىللەندۈرىدۇ. نەپرەتنىڭ كۈچى شەيئىلەرنىڭ بۆلۈنۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، تۆت ئېلېمېنتنىڭ ئۆز ئارا بىرىكىپ بىرلىككە كېلىشى ياكى ئۆز ئارا ئايرىلىپ كېتىشى قانچىلىك مۇھەببەت ياكى نەپرەت پەيدا قىلغانلىقىغا باغلىق. ئەمەلىيەتتە، ئېمپېدوكلېس تەبىئەتتە ئوخشاش بولمىغان مەزگىلدە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زاھىر بولىدىغان مۇھەببەت بىلەن توقۇنۇشنىڭ دەۋرىيلىكى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. ئېمپېدوكلېس بۇنداق مەڭگۈ توختاپ قالمايدىغان دەۋرىيلىكنى شائىرانە ئۇسلۇبتا بايان قىلىپ، مۇنداق يازغان:
    بۇ جەريان ئادەم بەدىنىدە ئېنىق كۆرۈلىدۇ: بەزىدە بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرى ھايات جانلىنىپ تۇرىدىغان پەسىللەردە مۇھەببەت ئارقىلىق بىرىكىپ، بىر پۈتۈنلۈككە ئايلىنىدۇ. يەنە بەزىدە، رەھىمسىز ئىختىلاپ ئۇلارنى پارچىلىۋېتىدۇ، ھەرقايسىسى ھاياتنىڭ گىرۋەكلىرىدە قارىغۇلارچە جان تالىشىدۇ. ئۆسۈملۈكلەر ۋە سۇدىكى بېلىقلار، تاغ- دالىدىكى ياۋايى ھايۋانلار، قانات كىرىپ ئۇچىدىغان قۇشلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق.
    بۇ دەۋرىيلىكنىڭ تۆت باسقۇچى بار. بۇ باسقۇچتا مۇھەببەت تۇغۇلىدۇ، نەپرەت پۈتۈنلەي يوق بولىدۇ. تۆت خىل ئېلېمېنت تولۇق بىرىكىپ، مۇھەببەت پىرىنسىپىنىڭ يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىپ، ھارمۇنىيە ئىچىدە تۇرىدۇ. ئىككىنچى باسقۇچتا بىر چەتكە يوشۇرۇنۇۋالغان نەپرەتنىڭ كۈچى شەيئىگە كىرىشكە باشلايدۇ، ئەمما بۇ چاغدا مۇھەببەت يەنىلا نەپرەتتىن كۆپ بولىدۇ. ئۈچىنچى باسقۇچتا نەپرەت يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتۈپ، ھەرقايسى مىكرو زەررىچىلەر ئەپلىشەلمەي بۆلۈنۈشكە باشلايدۇ. ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچتا پەقەت نەپرەتلا كۆرۈلىدۇ، تۇپراق، ھاۋا، ئوت، سۇنىڭ بارلىق مىكرو زەررىچىلىرى ئايرىلىپ، ئۆز تۈرى بويىچە تۆت گۇرۇپپا تەشكىل قىلىدۇ. بۇ چاغدا، ئېلېمنتلار تۈرى بويىچە ئۆز ئورنىدا تۇرىدۇ، مۇھەببەتنىڭ كۈچى قايتىپ كېلىپ، ئۇلارنى ھارمۇنىك رەۋىشتە بىرلەشتۈرۈشكە ھازىرلانغاندا، يەنە بىر قېتىم يېڭى دەۋرىيلىك باشلىنىدۇ. بۇ جەريان ئۈزۈكسىز داۋام قىلىپ، مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ.
    ئاناكساگوراس
    ئاناكساگوراس (Anaxagoras، تەخمىنەن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 500- يىلىدىن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 428-يىلىغىچە ياشىغان) كلازومېنا دەپ ئاتىلىدىغان دېڭىز ساھىلى شەھىرىدە تۇغۇلغان، بۇ جاي ھازىر تۈركىيە تەۋەسىدە. كېيىن ئاتېن (ئافىنا) غا كېلىپ مەمۇرى ئەمەلدار پېرىكلېس (Pericles)[8]  قا ئەگەشكەن بولسا كېرەك. ئۇنىڭ ئاساسلىق پەلسەپە تۆھپىسى نوس[9] ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنى ماددىلاردىن پەرقلەندۈرگەنلىكىدۇر. ئاناكساگوراس ئېمپېدوكلېسنىڭ مەۋجۇداتلارنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە يوقىلىشى مەۋجۇت بولغان ماددىلارنىڭ بىرىكىشى ۋە ئايرىلىشىدۇر، دېگەن كۆز قارىشىغا قوشۇلغان. ئەمما، ئېمپېدوكلىسنىڭ شەيئىلەر مۇھەببەت ۋە نەپرەتتىن پەيدا بولغان دەپ قارايدىغان تۇتۇق، ئەپسانىۋى تۈسكە ئىگە ئىدىيەسىنى قوبۇل قىلمىغان. ئاناكساگوراسنىڭ قارىشىچە، بۇ دۇنيا ۋە دۇنيادىكى ھەممە شەيئى تەرتىپلىك، شۇنداقلا مۇرەككەپ نەپىسلىككە ئىگە قۇرۇلما، شۇڭا، ماددىي دۇنيانىڭ مۇشۇ قىياپىتىنى تەشكىللىگەن مەلۇم بىر بىلىملىك، كۈچلۈك مەۋجۇدات بار. ئاناكساگوراسنىڭ نوس ئۇقۇمىدا ئوتتۇرىغا قويغىنى مۇشۇنداق بىر ئەقلىيلىك پىرىنسىپىدۇر.
    ئاناكساگوراسنىڭ قارىشىغا كۆرە، رېئال شەيئى نوس بىلەن ماددىدىن قۇرۇلغان دەپ چۈشىنىلگىنى ياخشى. نوس ماددىلارنىڭ ھالىتى ۋە ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىشتىن ئىلگىرى ماددا ئاللىقاچان مەۋجۇت، ئۇ تۈرلۈك ماددىي سۇبستانسىيەلەرنىڭ بىرىكمىسىدۇر، بۇ ماددىي سۇبستانسىيەلەر پەيدا بولمايدۇ، يوقالمايدۇ. بۇ ماددىي خام ماتېرىياللار ئەمەلىي سۇبستانسىيەگە ئايرىلغاندا، ئايرىپ چىقىلغان ھەربىر قىسمى يەنىلا باشقا ئېلېمنتلار «ئۇرۇقى» نىڭ مىكرو زەررىچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، قار قارا رەڭنى ھەم ئاق رەڭنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭ ئاق دەپ ئاتىلىپ قېلىشىدىكى سەۋەب ئاق رەڭنىڭ ئۇنىڭدا يېتەكچى ئورۇندا تۇرغانلىقىدۇر. شۇڭا، مەلۇم مەنىدە رېئاللىقنىڭ ھەربىر قىسمى رېئاللىقنىڭ پۈتۈن قىسمىغا ئوخشاش تەركىبكە ئىگە، چۈنكى، ھەربىر قىسىمدا ھەر بىر خىل ئېلېمېنتنىڭ «بىر ئۈلۈشى» بار.
    ئاناكساگوراسنىڭ قارىشىغا كۆرە، ئىپتىدا ماددا بۆلۈنۈش جەريانى ئارقىلىق تۈرلۈك شەيئىلەرنى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ بۆلۈنۈشنىڭ يۈز بېرىشىگە نوسنىڭ كۈچى تۈرتكە بولىدۇ. كونكرېت ئېيتقاندا، نوس ئاۋۋال بىر ئايلانما ھەرىكەتنى پەيدا قىلىپ، قاينام شەكىللەندۈرىدۇ، قاينام كىڭىيىپ بارغانسېرى كۆپ ئىپتىدا ماددىلارنى تارتىدۇ. بۇ تۈرلۈك ماددىلارنى «بۆلۈنۈش» كە مەجبۇرلايدۇ. مەزكۇر قاينام ھەرىكىتى ئەڭ دەسلەپتە ماددىلارنى ئىككى چوڭ قىسىمغا ئايرىيدۇ، ئۇنىڭ بىر قىسمى ئىسسىقلىق، يورۇقلۇق، شالاڭلىق ۋە قۇرۇقلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالسا، يەنە بىر قىسمى سوغۇقلۇق، قاراڭغۇلۇق، زىچلىق ۋە نەملىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ بۆلۈنۈش جەريانى ئۇدا بولىدۇ، مەڭگۈ ئۈزۈلمەي داۋام قىلىدۇ. ئالاھىدە شەيئىلەر ھامان ماددىلارنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولىدۇ، ئۇنىڭدىكى بەزى ئالاھىدە ماددىلار ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدۇ. مەسىلەن، سۇدا نەملىك ئېلېمنتى يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەمما باشقا ئېلېمنتلارمۇ مەۋجۇت. ئەڭ ئاخىرى كىتابىنىڭ ساقلىنىپ قالغان پارچىلىرىدا، ئاناكساگوراس بۇ جەرياننى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:
    ئۆتمۈشتە مەۋجۇت بولغان نەرسىلەر، ھازىر مەۋجۇت بولۇۋاتقان نەرسىلەر، كەلگۈسىدە مەۋجۇت بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى نوس ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ھازىر ئايرىلىپ كەتكەن بىر- بىرى بىلەن پېتىشمايدىغان ئايلىنىش ھەم ئايرىلىپ كەتكەن ھاۋا بىلەن ئېتېر (ether)[10] نىڭ ئايلىنىشىنىمۇ نوس ئورۇنلاشتۇرغان. ... بۇ ئايلىنىش بۆلۈنۈشنى پەيدا قىلغان، شۇنىڭ بىلەن زىچلىق بىلەن شالاڭلىق ئايرىلغان، ئىسسىقلىق بىلەن سوغۇقلۇق ئايرىلغان، قاراڭغۇلۇق بىلەن يورۇقلۇق ئايرىلغان، قۇرۇقلۇق بىلەن نەملىك ئايرىلغان. ئۇنىڭدا كۆپ خىل شەيئىلەرنىڭ كۆپ خىل تەركىبى بار.
    ئاناكساگوراس شەيئىلەرنىڭ داۋاملىق بىرىكىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېگەن: «نوسنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا نەرسىلەردىن بۆلۈنۈپ كېتىدىغان نەرسە يوق.» قاينام ھەرىكىتىنى ئاشۇرىدىغان كۈچ يادرو قىسىمدىكى زىچلىق ۋە نەملىكنى، گىرۋەك قىسىمدىكى شالاڭلىق ۋە ئىسىسقىلىقنىڭ پەيدا بولۇشى، يەنى تۇپراق بىلەن ھاۋانىڭ پەيدا بولۇشنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئايلانما كۈچ قىززىق قۇرام تاشلارنىڭ تۇپراقتىن چىقىپ، ئاسمانغا كىرگۈزۈلۈشىنى پەيدا قىلغان، مانا بۇ تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ مەنبەسىدۇر. زېمىن دەسلەپتە نەم ئىدى، كېيىن قۇياشتا قۇرۇتۇلۇپ، ھاۋادىكى مىكرو جانلىقلار ئۇنى مۇنبەتلەشتۈرگەن. ھازىر ھېچ بولمىغاندا، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھاياتلىقى ۋە ئىنسانلارنىڭ ھېسسىي سەزگۈسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق شەيئىلەر نوس سەۋەبلىك ھاياتى كۈچكە ئېرىشىدۇ. نوس ھەممە يەردە بار، ياكى ئاناكساگوراس ئېيتقاندەك، نوس: «باشقا شەيئىلەر مەۋجۇت ھەر بىر جايدا بار، ئەتراپىمىزدىكى ماددىلاردا مەۋجۇت.«
    ئاناكساگوراس نوسنى ئالەمدىكى ۋە ئادەم تېنىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ياكى كونترول قىلغۇچى كۈچ دەپ قارىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ نوسنىڭ ئەمەلىي رولىنى چۈشەندۈرۈشى چەكلىمىلىككە ئىگە. بىرى، نوس ماددىلارنىڭ ياراتقۇچىسى ئەمەس، چۈنكى، ئۇنىڭ قارىشىچە، ماددىلار مەڭگۈلۈك. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇ نوستا دۇنيانىڭ ھېچقانداق مەقسىتىنى كۆرمىگەن. ئاساسلىقى «بۆلۈنۈش» جەريانى ئارقىلىق نوسنىڭ ئالاھىدە شەيئىلەرنىڭ مەنبەسىدە رول ئوينايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلى قارىماققا مېخانىك چۈشەندۈرۈشتۇر. شەيئى ماددا سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ، ئەمما نوس ئەڭ دەسلەپ تۈرتكە بولغاندىن باشقا، ئاساسەن ھېچقانداق ئالاھىدە رول ئوينىمايدۇ.
    ئارستوتىل كېيىن ئوخشاش بولمىغان تۈرلەرنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، ئاناكساگوراسنىڭ كۆز قارىشىنى ماختىغان ھەم تەنقىدلىگەن. ئۇ ئاناكساگوراسنى ئۇنىڭ ئەجدادلىرى بىلەن سېلىشتۇرغان، ئەجدادلار شەيئىلەرنىڭ مەنبەسىنى ئىستىخىيىلىك ۋە تاسادىپىي يىغىنچاقلىغانىدى. ئارستوتىلنىڭ كۆز قارىشىغا ئاساسلانغاندا، ئاناكساگوراس مۇنداق دەيدۇ: «ئەقلىيلىك جانلىقلار ئارىسىدا، شۇنداقلا پۈتكۈل تەبىئەتتە تەرتىپ ۋە ھەممىنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققاندا، ئۇ ناھايىتى سالماق، ئەجدادلىرىغا ئوخشىمايدىغاندەك قىلاتتى.» بىراق، ئارىستوتېل يەنە ئاناكساگوراسنىڭ «نوس» ئۇقۇمىنى ئىشلىتىشى «قەتئىي يېتەرسىز» دېگەن. ئۇنىڭ تەنقىدى مۇنداق: «ئاناكساگوراس ئەقلىيلىكنى دۇنيانى يارىتىدىغان بىر خىل سىرلىق ئەسۋاب قىلىپ قويغان. ئۇ مەلۇم شەيئىنىڭ مۇقەررەر مەۋجۇت بولۇش سەۋەبىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئېنىق دېيەلمىگەندە ئەقلىيلىكنى سۆرەپ كىرگەن، باشقا ئەھۋاللاردا شەيئىلەرنىڭ سەۋەبىنى ئەقلىيلىكنىڭ سىرتىدىكى نەرسىلەرگە تەۋە قىلغان.» ئاناكساگوراس گويا ماددىلارنىڭ قانداق قىلىپ قاينامدا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنىلا چۈشەندۈرگەن، تەبىئەت تەرتىپىنىڭ باشقا مەزمۇنلىرى مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ مەھسۇلى ئىدى، خالاس.
    لېكىن، ئاناكساگوراسنىڭ ئەقلىيلىك توغرىسىدىكى كۆز قارىشى پەلسەپە تارىخىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن، چۈنكى ئۇ مۇشۇ سەۋەبلىك بىر خىل ئابستراكىت پىرىنسىپنى شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىگە ئېلىپ كىرگەنىدى. ئۇ نوس بىلەن ماددىنى ئايرىغان. ئۇ نوسنى پۈتۈنلەي نا ماددىي دەپ سۈرەتلىمىگەن بولسا كېرەك، بىراق، ئۇ نوسنى ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقان شەيئىلەردىن پەرقلەندۈرگەن. ئۇ مۇنداق جاكارلىغان، نوس ماددىغا ئوخشىمايدۇ، «ئۇ باشقا ھەرقانداق مادا بىلەن بىرىكمەيدۇ، يەككە- يېگانە، ئۆز-ئۆزىدىن مەۋجۇتتۇر.» نوسنىڭ ماددىغا ئوخشىمايدىغان تەرىپى شۇ يەردىكى، ئۇ «ھەممە شەيئىلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ نەپس، ئەڭ ساپ، ئۇ ھەربىر شەيئى توغرىسىدىكى پۈتكۈل بىلىملەرگە ئىگە، ئەڭ زور كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە.» شۇڭا، ماددا بىرىكىدۇ، نوس يېگانە. بىراق، ئاناكساگوراس ئىككى ئوخشاش بولمىغان دۇنيانى، يەنى نوس دۇنياسى بىلەن ماددىي دۇنيانى پەرقلەندۈرمىگەن، ئۇلارنى ھەمىشە ئۆز ئارا باغلىنىدۇ، دەپ قارىغان. شۇڭا، نوس «ھەر بىر شەيئى مەۋجۇت جايدا» بار، دېگەن. گەرچە ئاناكساگوراس ئۆزىنىڭ نوس ئۇقۇمىنىڭ پۈتكۈل مۇمكىنچىلىكلىرىنى قانات يايدۇرمىغان بولسىمۇ، بۇ ئۇقۇم شۇنىڭدىن كېيىنكى گرېك پەلسەپىسىگە ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسەتكەن.
    4.1 ئاتومىزمچىلار
    لۇكىپپۇس (Leucippus) بىلەن دېموكرېتۇس (Democritus) شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر خىل نەزەرىيەنى تۇرغۇزغان، ئۇ ھازىرقى زامان پەنلىرىنىڭ بەزى قاراشلىرىغا ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئوخشايدۇ. لېكىن، بۈگۈنكى كۈندە بىز لۇكىپپۇس بىلەن دېموكرىتۇسنىڭ بۇ نەزەرىيىگە ئۆز ئالدىغا قوشقان تۆھپىسىنى ناھايىتى تەستە پەرقلەندۈرىمىز. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى يوقىلىپ كەتكەن، شۇنداقتىمۇ بىز ھېچ بولمىغاندا لۇكىپپۇسنىڭ ئاتومىزمنى بەرپا قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بۇ نەزەرىيىگە قارىتىلغان تەپسىلى ئىزاھات دېمۇكرېتۇستىن كەلگەن. لۇكىپپۇس ئېمپدۇكلېس بىلەن دەۋرداش، ئۇنىڭ ھاياتى توغرىسىدا بۇنىڭدىن باشقا ھېچنەرسە بىلمەيمىز. دىمۇكرېتۇس سېلستىكى ئابدېرادا تۇغۇلغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ 100 يىل ئۆمۈر كۆرگەن، مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 460- يىلى تۇغۇلۇپ، مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 360- يىلى ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ بىلىمى مول ئىدى، ئۆزىنىڭ ئابستراكىت ئاتومىزمىنى ئېنىق شەرھىيىلەشكە كۈچىگەن، بۇلار تەبىئىيكى لۇكىپپۇسنى چاندۇرۇپ قويغان. شۇنداقتىمۇ، بىز شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمىزكى، لۇكىپپۇس ئاتۇمىزمدىكى ئاساسى كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان: ھەممە شەيئى قۇرۇق ماكان (بوشلۇق) دا ھەرىكەت قىلىدىغان ئاتومدىن تۈزۈلىدۇ.
    ئاتوم ۋە قۇرۇق ماكان
    ئارستوتىلنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئاتومىزم ئېلئا ئېقىمى ئىنكار قىلغان ماكان (بوشلۇق) نىڭ لوگىكىلىق نەتىجىسىنى يېڭىش ئۈچۈن پەيدا بولغان. پارمېندېس ھەرقانداق مۇستەقىل شەيئىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان، چۈنكى، ھەممىلا جايدا بارلىق بار، بۇنداق ئەھۋالدا پۈتكۈل بارلىق «بىر» دۇر. بولۇپمۇ ئۇ غەيرىي بارلىق ياكى قۇرۇق ماكان (بوشلۇق) نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان، چۈنكى، قۇرۇق ماكان (بوشلۇق) نى مەۋجۇت دېيىش قۇرۇق ماكان (بوشلۇق) مەلۇم بىر خىل بارلىق دېگەنلىكتۇر. ئۇ بىز بارلىقنى يوق دېيەلمەيمىز، دەپ قارىغان. لۇكىپپۇس ئۆزىنىڭ يېڭى نەزەرىيەسىنى ئېلئا ئېقىمىنىڭ ماكان (بوشلۇق) ياكى قۇرۇق ماكان (قۇرۇق بوشلۇق) نى بىر تەرەپ قىلىش شەكلىگە قارشى ئوتتۇرىغا قويغان.
    لۇكېپپۇس ماكان (بوشلۇق) نىڭ رېئال ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ھەرىكەت ۋە ئۆزگىرىشنىڭ باغلىنىشى توغرىسىدىكى نەزىرىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا شەرت ھازىرلىغان. پارمىندىسنىڭ ماكان (بوشلۇق) ئۇقۇمىنى قىيىنچىلىقتا قويغان نەرسە شۇكى، ئۇ ھەرقانداق مەۋجۇت نەرسە ماددىي بولۇشى كېرەك، شۇڭا، ئەگەر ماكان (بوشلۇق) مەۋجۇت بولسا، ئۇ چوقۇم ماددىي، دەپ قارىغان. لۇكېپپۇسنىڭ قارىشىچە، بىز ماكان (بوشلۇق) نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمىز، شۇنداقلا، ماكان (بوشلۇق) نى ماددىي دېيىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. شۇڭا، ئۇ ماكان (بوشلۇق) نى بىر قاچا دەپ تەسۋىرلىگەن، ئۇنىڭ مەلۇم بىر جايى قۇرۇق، يەنە مەلۇم بىر جايى توشقۇزۇقلۇق. ماكان (بوشلۇق) ياكى قۇرۇق ماكان (قۇرۇق بوشلۇق) جىسىم يۆتكىلىدىغان قاچىدىن ئىبارەت، لۇكېپپۇسنىڭ قارىشىچە، ناھايىتى ئېنىقكى، بىزنىڭ ماكان (بوشلۇق) نىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىنى ئىنكار قىلىشقا ھېچقانداق ئاساسىمىز يوق. مۇشۇنداق ماكان (بوشلۇق) ئۇقۇمى بولمىغان بولسا، لۇكېپپۇس بىلەن دېمۇكرىتۇسنىڭ كۈللى شەيئىلەر ئاتومدىن تۈزۈلگەن دېگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن بولمايتتى.
    لۇكېپپۇس بىلەن دېمۇكرېتۇسنىڭ قارىشىچە، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى «ئاتوم» دەپ ئاتىلىدىغان چەكسىز مىقداردىكى مىكرو زەررىچە ياكى بىرلىكتە. لۇكېپپۇس بىلەن دېمۇكرېتۇس ئاتومنى يوقالماسلىق ۋە مەڭگۈلۈكلۈكدىن ئىبارەت ئىككى ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلغان، بۇ ئالاھىدىلىكلەر پارمېندىسنىڭ قارىشىدىكى «بىر» دىمۇ بار. پارمېندىس رېئاللىق يېگانە «بىر» دۇر دېگەن، ئەمما ئاتومىزمچىلار ھازىر شۇنداق دەيدۇكى، چەكسىز ئاتوم مەۋجۇت، ھەربىر ئاتوم ئىنتايىن زىچ. بۇ ئاتوملار ھېچقانداق قۇرۇق ماكان (بوشلۇق) نى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، شۇڭا، ئىچىگە كىرگىلى، ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ. بۇ ئاتوملار مەڭگۈلۈك بولغاچقا، يارىتىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، تەبىئەت ماكان (ياكى ۋاكۇئوم) ۋە ئاتومدىن ئىبارەت ئىككى نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى ئۇلاردىن بىز تەجرىبە قىلغان جىسىملارنى شەكىللەندۈرىدۇ.
    ئاتومىزمچىلارنىڭ قارىشىچە، ئاتومنىڭ ئەڭ دەسلەپتە ماكان (بوشلۇق) دا قانداق ھەرىكەت قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇلار بۇ ئاتوملارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ھەرىكىتى چاڭ- توزانلارنىڭ يورۇقلۇقتىكى ھەرىكىتىگە ئوخشايتتى، شامال ھەرىكەتلەندۈرمىسىمۇ چاڭ-توزانلار شۇنداق ھەرىكەت قىلىۋېرىدۇ، دەپ قارىغان. دىمۇكرېتۇس مۇتلەق «ئۈستۈن» ياكى «ئاستىن» يوق دېگەن، ئۇ ئاتومنى ئېغىرلىق مىقدارىغا ئىگە قىلمىغاچقا، ئۇنىڭ قارىشىچە، ئاتوملار ئۆز يۆنىلىشى بويىچە خالىغانچە ھەرىكەت قىلىدۇ. بىز بىلىدىغان شەيئىلەر ئاتومنىڭ ھەرىكىتىنى مەنبە قىلغان. ئەڭ دەسلەپتە ئاتوملار ماكان (بوشلۇق) دا ھەرىكەت قىلىۋاتقاندا، يەككە بىرلىكلەر ئىدى. ئۇلار قېچىپ قۇتۇلغۇسىز رەۋىشتە ئۆز- ئارا سوقۇلغان. بەزى ئەھۋاللاردا، ئۇلارنىڭ ھالىتى ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ، كاللەك شەكىللەندۈرگەن. بۇ نۇقتىدا ئاتومىزملار ھەممە شەيئىلەر ساندۇر، دەپ قارايدىغان پىتاگوراسچىلارغا يېقىن. شەيئىلەر سانغا ئوخشاش ئۆز-ئارا بىرىكەلەيدىغان بىرلىكلەردىن تەشكىل تاپقان؛ ئاتومىزمچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شەيئىلەر تۈرلۈك ئوخشاش بولمىغان ئاتوملارنىڭ بىرىكمىسىدۇر. ماتېماتىكىلىق شەكىللەر ۋە فىزىكىلىق شەكىللەرمۇ شۇنداق.
    ئاتوم دەسلەپتە ماكاندا مەۋجۇت بولغان. گەرچە ھەربىر ئاتوم پارمىندىسنىڭ «بىر» ىغا ئوخشىسىمۇ، ئۇلار يوقالمايدۇ، مەڭگۈ ھەرىكەت ئىچىدە تۇرىدۇ. ئاتومىزمچىلار تۇپراق، ھاۋا، ئوت، سۇنى تۈپتىن ئۆزگەرمەيدىغان ئاتوم شەكىللەندۈرگەن تۈرلۈك ئوخشاش بولمىغان ئۇيۇشۇشلاردۇر، دەپ تەسۋىرلىگەن، بۇ ئۇيۇشۇشلار ئەڭ دەسلەپكى يىگانە ئاتومنىڭ ھەرىكىتىدىن پەيدا بولغان. بۇ تۆت ئېلېمېنت ئەڭ دەسلەپكى پەيلاسوپلار ئويلىغاندەك باشقا شەيئىلەرنىڭ ئەڭ ئىپتىدا مەنبەسى ئەمەس، ئۇلار سېپى ئۆزىدىن مۇتلەق ئىپتىدا ماددا−ئاتومنىڭ مەھسۇلىدۇر.
    ئاتومىزمچىلار شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىگە قارىتا مېخانىكا نەزەرىيىسى ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بارلىق شەيئىلەر ماكان (بوشلۇق) دا ھەرىكەت قىلىدىغان ئاتوملارنىڭ ئۆز-ئارا سوقۇلۇشىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئۇلارنىڭ نەزەرىيەسى ھەرقانداق بىر ئىمكانىيەت قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلمىغان ياكى لايىھىلىمىگەن، ئۇلار پۈتكۈل رېئاللىقنى مېخانىك ھالدا ئاتومغا تەۋە قىلىۋەتكەن، بۇ ھەرقانداق ياراتقۇچى ياكى لايىھىلىگۈچىگە ئىمكانىيەت قالدۇرمىغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئاتومنىڭ مەنبەسىنى چۈشەندۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، ئاتومغا تۈرتكە بولغان ئەڭ ئىپتىدا ھەرىكەتنى چۈشەندۈرۈشنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوق. چۈنكى، بۇ مەنبە مەسىلىسىنى ھامان سورىغىلى بولىدۇ، ھەتتا بۇنداق مەسىلىنى خۇدادىن سورىساقمۇ بولىدۇ؛ ماددىنىڭ ئاتومىغا مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇق بېغىشلاش باشقا ھەرقانداق چۈشەندۈرۈشتەك ئادەمدە قانائەتسىزلىك پەيدا قىلمايدۇ.
    لوكېپپوس بىلەن دېموكرېتۇس قىياس قىلغان ئاتوم نەزەرىيىسى تارىختا ناھايىتى ئۇزۇنغىچە چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلغان. بۇ نەزەرىيەنىڭ ھاياتى كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان، گەرچە، ئوتتۇرا ئەسىردە بىر مەھەل ئاجىزلاشقان بولسىمۇ، رېنايزېنىس مەزگىلىگە كەلگەندە قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ، كېيىنكى بىر قانچە ئەسىرلىك پەن خىزمىتىنى مودېل بىلەن تەمىنلىگەن. ئىساك نيۇتون (1642−1727) مەشھۇر ئەسىرى «ماتېماتىكا قائىدىلىرى» (Principia Mathematica)[11] نى يازغاندا، ئاتومىزمنىڭ ئاتالغۇلىرىغا تايىنىپ مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن. مەزكۇر ئەسىرىدە ئۇ پىلانت، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز، ئاي ۋە دېڭىزنىڭ ھەرىكىتىنى يەكۈنلىگەن؛ ئۇ 1686- يىلى مۇنداق يازغان:
    مەن بىزنىڭ مېخانىكا پىرىنسىپى ئارقىلىق ئېرىشىدىغان ئوخشاش ئەقلىي خۇلاسىمىزنىڭ تەبىئەتنىڭ باشقا ھادىسىلىرىنى زاھىر قىلىپ بېرەلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى، نۇرغۇن سەۋەبلەر بىزگە ئۇلار بەزى كۈچلەرنى شەرت قىلىپ، ئۇلارغا تايانسا كېرەك دېگەننى قىياس قىلدۇرىدۇ، نۆۋەتتە تېخى ئېنىقلانمىغان مەلۇم بىر كۈچ سەۋەبىدىن، بۇ ماددىلارنىڭ مىكرو زەررىچىلىرى ئۆز-ئارا تارتىشىپ، قانۇنىيەتلىك ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن ياكى بىر-بىرىنى سىقىپ چىقىرىپ، ئۆز- ئارا يىراقلاپ كەتكەن.
    گەرچە نيۇتون خۇدانىڭ شەيئىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى قىياس قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تەبىئەتكە قارىتىلغان فىزىكىلىق ئانالىزى ماكان (بوشلۇق) دا ھەرىكەت قىلىدىغان ماددىلارنىڭ مېخانىكا پىرىنسىپى بىلەن چەكلەنگەن. نيۇتوندىن كېيىن ئاتومىزم تاكى كۋانت نەزەرىيەسى ۋە ئېنىشتىېين ھازىرقى زامان پېنىنى بىر خىل يېڭى ماددا ئۇقۇمى بىلەن تەمىنلەپ، ئاتومنىڭ يوقالماسلىق خۇسۇسىيىتى بولىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلغىچە ئىزچىل يېتەكچى ئورۇندا تۇرغان.
    بىلىم نەزەرىيەسى ۋە ئېتىكا
    تەبىئەتنىڭ قۇرۇلمىسىنى بايان قىلغاندىن سىرت، دىمۇكرېتۇس يەنە بىلىم ۋە ئىنساننىڭ ھەرىكىتىدىن ئىبارەت ئىككى پەلسەپىۋى مەسىلىگە دىققەت قىلغان. دېمۇكرېتۇس ئۈزۈل-كېسىل ماتېرىيالىستتۇر، ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىدىيەنىمۇ باشقا ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرۈش شەكلى ئارقىلىق چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ، يەنى ئىدىيە ئاتومنىڭ ھەرىكىتىدۇر. ئۇ ھېسسىي سەزگۈ ۋە ئەقلىي سەزگۈدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئوخشاش بولمىغان سەزگۈنى پەرقلەندۈرگەن، ئۇلار فىزىكىلىق جەرياندۇر. بىزنىڭ كۆزىمىز مەلۇم نەرسىنى كۆرگەندە، ئەمەلىيەتتە ئۇ جىسىم پەيدا قىلغان «تەسىر»، جىسىمدىكى ئاتومنىڭ ئېقىپ چىقىشىدۇر، بۇنىڭدىن بىر «سۈرەت» شەكىللىنىدۇ. بۇ شەيئىلەر ئاتومىنىڭ سۈرىتى كۆز ۋە باشقا سەزگۈ ئەزالىرىغا كىرىپ، روھقا تەسىر كۆرسىتىدۇ، روھنىڭ ئۆزىمۇ ئاتومدىن تەركىپ تاپقان.
    دىمۇكرېتۇس تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ شەيئىلەرنى بىلىشنىڭ ئىككى خىل شەكلىنى پەرقلەندۈرگەن: «ھەقىقىي بىلىم ۋە خۇپىيانە بىلىمدىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكىلدىكى بىلىم مەۋجۇت. خۇپىيانە بىلىم كۆرۈش سەزگۈسى، ئاڭلاش سەزگۈسى، پۇراش سەزگۈسى، تەم سەزگۈسى ۋە تېگىشىش سەزگۈسىگە مەنسۇپ. ھەقىقىي بىلىم بۇنىڭدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق». بۇ ئىككى ئىدىيەنى پەرقلەندۈرىدىغان نەرسە شۇكى، «ھەقىقىي» بىلىم پەقەت ئوبيېكتقىلا تايىنىدۇ، ئەمما «خۇپىيانە» بىلىم شۇ كىشىنىڭ ئالاھىدە تەن شارائىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئىككى ئادەم ئالمىنى تېتىپ بېقىشقا قوشۇلدى دەيلى (ھەقىقىي بىلىم). ئۇلارنىڭ ئالمىنى تېتىغاندىكى پىكرى ئوخشىماسلىقى مۇمكىن (خۇپىيانە بىلىم)، بىرى ئالما تاتلىق دېسە، بىرى ئالما ئاچچىق دەيدۇ. شۇڭا، دېمۇكرېتۇسنىڭ كۆز قارىشىغا ئاساسلانغاندا، «بىز سەزگۈ ئەزالىرى ئارقىلىق ھەرقانداق ھەقىقىي چىنلىقنى بىلەلمەيمىز، بىزنىڭ بىلگىنىمىز تېنىمىزنىڭ خاھىشى ھەم تېنىمىزگە كىرگەن ياكى قارشى تۇرغان نەرسىلەرنىڭ خاھىشى بويىچە ئۆزگەرگەن نەرسىدۇر.» بىراق، دېمۇكرېتۇس يەنە تۇيغۇ بىلەن ئىدىيەنىڭ ئوخشاش تىپلىق مېخانىك جەريان ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.
    ئېتىكا توغرىسىدا، دىمۇكرېتۇس ئىنسانلارنىڭ ھەرىكىتىگە قارىتا زور جاسارەت بىلەن بىر يۈرۈش نىزاملارنى ئوتتۇرىغا قويغان. قىسقىسى، ئۇنىڭ قارىشىچە، تۇرمۇشتىكى ئادەمنى ئەڭ تەلپۈندۈرىدىغان نەرسە شادىمانلىقتۇر، بىز بارلىق ئىشلاردىكى چەكلىمە ۋە كۈلتۈرەل تەربىيەلىنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئېرىشىمىز. ئېتىكىنىڭ پەلسەپە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، پەلسەپە ئۆزىنىڭ ئاساسلىق بۆلۈنۈش نۇقتىسىغا يېتىپ كەلگەن، پەلسەپىنىڭ بىرىنچى دەۋرى ئاخىرلاشقان، بۇ دەۋردىكى مۇھىم مەسىلە تەبىئەتنىڭ تەرتىپى ئىدى. ھازىر كىشىلەر نۇرغۇنلىغان تېخىمۇ ئۆتكۈر مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قانداق ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى مۇھاكىمە قىلىشىدۇ.
    ــــــــــــــــــــــ
    ئىزاھلار:
    [1] پولىس − قەدىمكى گرېتسىيىنىڭ سىياسى تۈزۈلمىسىدىكى مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە ياكى ئاپتونومىيە ھوقۇقى بولغان شەھەرلەرنى كۆرسىتىدۇ. گېرىك تىلىدىكى «سىياسىي» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «پولىس (Polis)» سۆزى مۇشۇ نامدىن كەلگەن. − ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچىدىن.
    [2] پىكىرلىنىش (خەنزۇچىسى: 沉思)، ئەستايىدىل، چوڭقۇر ئويلىنىش، جىمجىتلىق ۋە تەنھالىق ئىچىدە رېئاللىققا ئارىلاشماي، مەلۇم بىر مەركىزى چۈشەنچە ياكى ئىماگ توغرىسىدا خىيال سۈرۈش بىلەنلا كۆن ئۆتكۈزۈشنى كۆرسىتىدۇ.−ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچىدىن.
    [3] پۈتۈن ئاھاڭ، يېرىم ئاھاڭ ۋە باشقا ئېنتېرۋاللار تەرتىپ بويىچە تىزىلغان ئاھاڭ. − ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچىدىن.
    [4] «سان» ئىنگلىز تىلىدا number دېيىلىدۇ، بۇ سۆزنىڭ يەنە «رىتىم» دېگەن مەنىسىمۇ بار. −خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچىدىن.
    [5] بۈگۈنكى كۈندىكى داردانىل بوغۇزى. −خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچىدىن.
    [6] بۇشېل (Bushel) قىسقارتىلىپBu دەپ ئېلىنىدۇ. بىر خىل ھەجىم ھىسابلاش بىرلىكى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇشېل ئۆلچىمى ئوخشاشمايدۇ. ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بىر بۇشېل سەككىز گالۇنغا تەڭ بولىدۇ. −ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچىدىن.
    [7] پارادوكس (paradox) −قەدىمكى گېرىك تىلىدىكى «كۆپرەك ئويلاش» مەنىسىدىكى «παρα δοκειν» (para dokein) دېگەن سۆزدىن تۈرلەنگەن. لوگىكا جەھەتتە بىر-بىرىگە زىت خۇلاسە چىقارغىلى بولىدىغان، ئەمما ھېچقانداق خاتالىق تاپقىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدىغان ھۆكۈم ياكى نەزەرىيە سىستېمىسىنى كۆرسىتىدۇ.
    [8] پېرىكلېس (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 495-يىلىدىن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 429-يىلىغىچە ياشىغان) ئاتېنلىق چوڭ سىياسىئون، ئۇ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 444-يىلى ئاتېننىڭ باش گېنېرالى بولۇپ تەيىنلىنىپ، ئاتېننىڭ ئەمەلىيەتتىكى ھۆكۈمرانىغا ئايلانغان. −ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچىدىن.
    »[9] نوس« (nous)  بىرلا ۋاقىتتا ھەم بىلىمنى، ھەم ئەقىلنى ھەم روھنى كۆرسىتىدۇ. ئاناكساگوراس «نوس» نى دۇنيانى پەيدا قىلغان بىلىملىك، كۈچلۈك مەۋجۇدات دەپ قارىغان. −ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغۇچىدىن.
    [10] ئېتېر−«روھنىڭ مەۋجۇت بولۇش مۇھىتى» دېگەنلىك بولۇپ، پەلسەپىۋى مەنىسى «يوق» بىلەن «بار» ئوتتۇرىسىدىكى «ماددا» نى كۆرسىتىدۇ. يەنى ئېتېر بىرلا ۋاقىتتا ھەم «بار» ھەم «يوق» نەرسىدۇر. ئارستوتىل ئۇنى بىر خىل ماددا دەپ تەسەۋۋۇر قىلىپ، بەش ئېلېمېنتنىڭ بىرى دەپ قارىغان.
    [11] نيۇتۇننىڭ «تەبىئەت پەلسەپىسىنىڭ ماتېماتىكىلىق قائىدىلىرى» ناملىق ئەسىرىنى كۆرسىتىدۇ. −خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچىدىن.
     مەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىرى
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.