ھەممىلا قىزنىڭ مەلىكە بولالىشى ناتايىن

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2011-09-03 01:38:36

ھەممىلا قىزنىڭ مەلىكە بولالىشى ناتايىنھەممىلا قىزنىڭ مەلىكە بولالىشى ناتايىن. شۇڭا مەلىكە بولماسلىق نومۇس قىلغۇدەك ئىش ئەمەس. ـــ يەھۇدىي ھېكمەتلىرىدىن جېسسى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىلل...



     

    ھەممىلا قىزنىڭ مەلىكە بولالىشى ناتايىن
    ھەممىلا قىزنىڭ مەلىكە بولالىشى ناتايىن. شۇڭا مەلىكە بولماسلىق نومۇس قىلغۇدەك ئىش ئەمەس.  ـــ يەھۇدىي ھېكمەتلىرىدىن

       جېسسى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چېغىدا يۈز بەرگەن بىر ئىش ئۇنىڭ ئېسىدىن ئەبەدىي چىقمايدۇ. ئوقۇغۇچىلار بىر مەيدان ئويۇن تەييارلىماقچى بولغانىدى، جېسسىغا مەلىكىنىڭ رولى تەقسىملەندى. شۇنىڭ بىلەن جېسسىنىڭ ئاپىسى نەچچە ھەپتە ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ، قىزىنىڭ سەھنە سۆزلىرىنى مەشىق قىلىشىغا كۆيۈپ ـ پىشىپ ياردەملەشتى. بىراق، ئۆيىدە مەشىق قىلغاندا رولنى شۇنداق تەبىئىي ئالالىغان جېسسى سەھنىگە چىقىشى بىلەنلا كاللىسىدىكى گەپلەر نەلەرگىدۇر قېچىپ كېتىپ، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالاتتى.
       مۇئەللىم ئاخىرى جېسسىنى مەلىكىنىڭ رولىنى ئېلىشتىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭغا ياندىن بېرىلىدىغان مونولوگ تەييارلاپ بەردى. مۇئەللىم بۇ ئىشنى ئىنتايىن سىلىق ـ سىياپە بىر تەرەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىش جېسسىغا ئېغىر زەربە بولدى. چۈنكى مەلىكە رولىنى ئۇ باشقا بىر ساۋاقدىشىغا تارتقۇزۇپ قويغانىدى.
       شۇ كۈنى چۈشلۈك غىزادا جېسسى بۇ ئىشنى ئاپىسىغا ئېچىپ دېمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاپىسى قىزىنىڭ كۆڭلىدىكى بىئاراملىقىنى بىلىپ بولغانىدى. شۇڭا ئۇ قىزىغا باشقا گەپ قىلماي، ئۇنى ئايلىنىپ كېرەيلى، دەپ ھويلىغا باشلاپ چىقتى.
       بۇ دەل ئىللىق باھار پەسلى بولغاچقا، گۈل جاھازىسىدىكى ئەتىرگۈل تازا بىخ سۈرۈپ كەتكەنىدى. ئاپىسى ئەتىرگۈلنىڭ ئارىسىدا ئۆسۈپ قالغان بىر تۈپ مامكاپنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئېڭىشىتى:
       ــ بۇنداق ياۋا ئوتلارنى يۇلىۋېتەيلى، بۇندىن كېيىن ھويلىمىزدا ئەتىرگۈللا قالىدۇ، ــ دەپ ئۇ ۋە ھېلىقى مامكاپنى يىلتىزى بىلەن قوشۇپ يۇلۇپ تاشلىدى.
       ــ مەن مامكاپنى ياخشى كۆرىمەن، ــ دېدى جېسسى ئاپىسىغا نارازى بولغاندەك قىلىپ، ــ گۈلنىڭ سەتى يوق ئاپا، مامكاپمۇ گۈلغۇ!
       ئاپىسى قىزىغا سىنچىلاپ قاراپ كەتتى:
       ــ توغرا دەيسىز قىزىم، گۈلنىڭ ھەرقاندىقى ئۆزىگە خاس قىياپىتى بىلەن ئادەمنى مەھلىيا قىلالايدۇ. شۇنداق ئەمەسمۇ؟
       ئاپىسىنى قايىل قىلالىغانلىقىدىن مەمنۇن بولغان جېسسى بېشىنى ئاستا لىڭىشىتتى.
       ــ ئادەملەرمۇ شۇنداق، قىزىم، ــ دېدى ئاپىسى يەنە، ــ ھەممىلا قىزنىڭ مەلىكە بولالىشى ناتايىن. شۇڭا مەلىكە بولالماسلىق نۇمۇس قىلغۇدەك ئىش ئەمەس.
       يۈرىكىدىكى ئازابلىرىنى ئاپىسىنىڭ پەرەز قىلىپ بولغانلىقىنى بىلگەن جېسسى، ئاپىسىغا بولغان ئىشنى دەپ بېرىپ، يىغلاپ كەتتى.
       جېسسىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغان ئانا ئۇنىڭغا كۈلۈپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى:
       ــ بىراق، سىز داڭلىق مونولوگچى بولالايسىز قىزىم. ئوقۇغان ھېكايىلىرىڭىزنى قانچىلىك بېرىلىپ ئاڭلايدىغانلىقىمنى بىلىسىزغۇ؟ كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ. مونولوگچىنىڭ رولىمۇ مەلىكىگە ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇيىم.
     
        يەھۇدىيلار شۇنداق دەپ ئەسكەرتىدۇ: ناۋادا قۇياش بولالمىساڭ، بىردانە يۇلتۇز بولساڭمۇ ھېساب! چۈنكى ئۆزۈڭنىڭ قىممىتىنى بىلەلىسەڭلا، كىشىلىك ھاياتىڭ بېيىپ بارىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.