غەربنىڭ ئەقىل-پاراسىتى (8)...

يوللىغۇچى : tahirhamut يوللىغان ۋاقىت : 2009-01-23 12:21:00

غەربنىڭ ئەقىل-پاراسىتى (8)...بىراندىرات رۇسسېل(تاھىر ھامۇت تەرجىمىسى) بىز يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، پىتاگوراس تەڭشەلگەن چالغۇ تارىنىڭ مۇھىملىقىنى بايقىغان ھەمدە شۇ ئارقىلىق ھارمونىيە پرىنسىپىن...

    غەربنىڭ ئەقىل-پاراسىتى (8)...
    بىراندىرات رۇسسېل
    (تاھىر ھامۇت تەرجىمىسى)

       بىز يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، پىتاگوراس تەڭشەلگەن چالغۇ تارىنىڭ مۇھىملىقىنى بايقىغان ھەمدە شۇ ئارقىلىق ھارمونىيە پرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان، شۇنداقلا، بۇ پرىنسىپ ئاساسىدا، ساغلاملىق قارىمۇ قارشى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقتىن ئىبارەت دېگەن مېدىتسىغا تەلماتىنى ياراتقان. كېيىنكى پىتاگوراس ئېقىمىدىكىلەر يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ، ھامونىيە ئۇقۇمىنى جانغا تەدبىقلىغان. بۇ نۇقتىئىينەزەرنىڭ قارىشىچە، جان تەننىڭ مۇۋازىنىتى ئىدى. شۇڭا، بۇ يەردە جان ساغلام تەننىڭ بىر خىل فۇنكىسىيىسى ھېسابلانغان:بەدەننىڭ قۇرۇلمىلىرى يېمىرىلسىلا، تەن ھالاك بولىدۇ، جانمۇ تەن بىلەن بىرگە پارچىلىنىدۇ. بىز جاننى چالغۇنىڭ تارىغا ئوخشاتساق، ئۇنداقتا، تەننى ئاشۇ تار سېلىنغان چالغۇنىڭ گەۋدىسىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ئەگەر بۇ گەۋدە بۇزۇلسا، تار بوشاپ، ھارمونىيە يوقىلىدۇ.
        بۇ كۆزقاراش دەسلەپكى پىتاگوراس ئېقىمىنىڭ مۇشۇ مەسىلە توغرىسىدىكى پىكىرلىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايتى. قارىغاندا، پىتاگوراس جاننىڭ كۆچىدىغانلىقىدىن ئىبارەت سانساراغا ئىشەنگەن، بىراق كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ نۇقتىئىينەزەر جاننىڭمۇ تەنگە ئوخشاشلا ئۆلىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئاسترونومىيە جەھەتتە، كېيىنكى پىتاگوراس ئېقىمىدىكىلەر ناھايىتى يۈرەكلىك بىر پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ پەرەزنى قارىشىچە، دۇنيانىڭ مەركىزى يەر شارى ئەمەس، بەلكى بىر «مەركىزىي ئوت». يەر شارى مۇشۇ «مەركىزىي ئوت» نى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان بىر پىلانېتا. بىراق، بىز بۇ «مەركىزىي ئوت»نى كۆرەلمەيمىز. چۈنكى يەر شارىنىڭ بىز تۇرغان بۇ تەرىپى ئاشۇ «مەركىزىي ئوت»قا ھامان دۈمبىسىنى قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، قۇياشمۇ بىر پىلانېتا بولۇپ، ئۇنىڭ نۇرى ئاشۇ «مەركىزىي ئوت»تىن قايتقان نۇردۇر.
        بۇ كېيىن ئارىستاركۇس ئوتتۇرىغا قويغان قۇياش مەركەز تەلىماتىغا قاراپ بېسىلغان چوڭ بىر قەدەم ئىدى. بىراق، پىتاگوراس ئېقىمىدىكىلەر ئوتتۇرىغا قويغان بۇ تەلىماتتا يەنىلا شۇنچە كۆپ قىيىنچىلىق بار ئىدى، شۇڭا ئارىستوتل يەر تۈز بولىدۇ دېگەن نۇقتىئىينەزەرنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ئارىستوتلنىڭ باشقا تەرەپلەردە خېلىلا نوپۇزى بولغاچقا، كېيىن بۇ نۇقتىئىينەزەرنىڭ ئەسلىگە كېلىش سەۋەبى ئۇنتۇلۇپ كەتكەندە، ئاشۇ توغرا نۇقتىئىينەزەر ئەمەس، بەلكى، يەر تۈز بولىدۇ دەيدىغان مۇشۇ نۇقتىئىينەزەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. مەۋجۇداتنىڭ شەكىللىنىش نەزەرىيىسىنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە، پىتاگوراس ئېقىمى دەسلەپكى مەزگىللەردىكى نۇرغۇن مۇتەپەككۇرلار سەل قارىغان ياكى يېڭىلىشقان بىر مۇھىم نۇقتىنى تونۇپ يەتكەن. بۇ دەل ۋاكۇئۇم ئۇقۇمى ئىدى. بۇ ئۇقۇم بولمىسا، ھەرىكەتنى قىلارلىق چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. بۇ جەھەتتە، كېيىن ئارىستوتلنىڭ تەلىماتى چېكىنگەن بىر پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان، يەنى، تەبىئەت ۋاكۇئۇمغا ئۆچ دەپ قارىغان. فىزىكا ئىلمىنىڭ توغرا تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، پەقەت ئاتومىزمچىلاردىنلا ئۈمىد كۈتۈشكە توغرا كەلگەن.
        ئەينى چاغدا، پىتاگوراس ئېقىمى ئېمپېدوكلېس قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلەشنى ئويلاپ يېتىشكە تىرىشقان. ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ ماتېماتىكا جەھەتتىكى نۇقتىئىينەزەرى ئۇلارنىڭ ئاشۇ ئېلېمېنتلارنى ئەڭ ئاخىرقى نەرسىلەر دەپ قاراشقا يار بەرمىگەچكە، ئۇلار بىر مادارا قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان، بۇنىڭ بىلەن، ماددىلارنىڭ قۇرۇلمىسىنى ماتېماتىكا ئراقىلىق چۈشەندۈرۈشكە ئاساس سېلىنغانىدى. ئۇلار ئەمدى ئېلېمېنتلارنى تەرتىپلىك ستېرېئو قۇرۇلمىغا ئىگە زەررىچىدىن تۈزۈلگەن دەپ قارىغان. بۇ نەزەرىيە كېيىن پىلاتوننىڭ «تىمائۇس» دېگەن ئەسىرىدە يەنە بىر قەدەم راۋاجلانغان. «ئېلېمېنت» دېگەن بۇ سۆزنى كېيىنكى پىتاگوراس ئېقىمىدىكى مۇتەپەككۇرلار ئىجاد قىلغان بولسا كېرەك.
       ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ (داۋامى بار)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق