زوردۇن سابىرنىڭ «ئىزدىنىش» رومانىدىكى ھېكمەتلەردىن تاللانما
گۈلنىڭ ئېچىلىدىغان ۋاقتى بولىدۇ. ۋايىغا يەتكۈزمەي ئۇنى مەجبۇرى ئېچىلدۇرىمەن دېسەڭ، ئۆلتۈرۈپ قويىسەن، سىرمۇ خۇددى شۇنداق.
《كۆرۈشەرمىز》دېگەن گەپنى ئېيتماق ئاسان، لېكىن پۇرسەت كەلمىكى قىيىن.
ناپالېئوننىڭ: 《پاسكىنا كىيىملىرىڭنى ئۆيگە مۆكۈنۈۋېلىپ يۇي》دېگەن سۆزى، ئۆز ئەيىۋىڭنى سازايى قىلما دېگەن مەنىدە ئېيتىلىدۇ.
ياخشىلارنىڭ جەم بولمىقى كاككۇك بىلەن زەينەپنىڭ ئۇچراشمىغىنىدەك تەس بولىدىكەن، يامانلار بولسا، توپ قاغىدەك دائىم بىللە يۈرىشىدىكەن.
غايىسىز چىراي مۇزدىن ياسىغان بۇتقۇ بىر؟!
چىرايلىق ئايال ئەرگە زادى ئاراملىق بەرمەيدۇ.
پەرھاد شېرىننى ئېتى بىلەن قوشۇپ كۆتۈرۈۋالغان.
بىر مەسىلىدىكى كۆز قاراشقا قاراپلا بىر ئادەمگە باھا بېرىشكە بولمايدۇ، كۆز قارىشى توغرا بولمىغان ياخشى ئادەملەرمۇ بولىدۇ.
مۈشۈكنى قويلار ئارسىدا باقسا، مىياۋلاشنى ئۇنتۇپ، مەرەيدىغان بوپقالامدىكىن دەيمەن، تىل دېگەن شۇنداق نېمىكەن.
ئىنساننىڭ غەمدىن خالاس بولۇشى، دەرەخنىڭ شامالدىن ساقلىنالمىغىنىغا ئوخشاشلا بىر ئىشكەن.
تۇرمۇش ئادالەتسىز ئانىغا ئوخشايدىكەن، يارىشىدىغان كىيىملەرنى كۆرۈمسىزلەرگە كىيگۈزۈپ، چىرايلىقلارنى خورلايدىغان.
خاتالىقتىن قايتىش، ھەقىقەتكە يېنىش - چۈشتىن ئويغىنىشقا ئوخشايدۇ.
_____________________________________________________
مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيىتى
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر
چەتئەل كۆرگەن ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت-ئۇيغۇرلاردا پەلسەپە بولامدۇ؟
2009-03-18