غەربنىڭ ئەقىل-پاراسىتى(7)-تاھىر ھامۇت

يوللىغۇچى : tahirhamut يوللىغان ۋاقىت : 2007-07-03 13:40:00

ــ غەرپ پەلسەپىسىنى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي- سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىدىن تارىخىي تەكشۈرۈشبېرتراند رۇسسېل (ئەنگلىيە)تاھىر ھامۇت تەرجىمە قىلغان سوقراتتىن ئاۋۋال(5) بىزنىڭ ھېكايىمىز مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ...

    ــ غەرپ پەلسەپىسىنى ئۇنىڭ  ئىجتىمائىي- سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىدىن تارىخىي تەكشۈرۈش
     بېرتراند رۇسسېل (ئەنگلىيە)
     تاھىر ھامۇت تەرجىمە قىلغان

        سوقراتتىن ئاۋۋال(5) بىزنىڭ ھېكايىمىز مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، بىز ئاللىقاچان مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىرگە كىرىپ بولدۇق. "سوقراتتىن بۇرۇنقى پەلسەپە" دېگەن مۇشۇ ماۋزۇ ئاستىدا مۇلاھىزە قىلىنىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار ئەمەلىيەتتە سوقرات دەۋرىگە تەۋە.  شۇڭا بەزى تەكرارلىنىشلاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.  بىز بايانلارنى ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇش ئۈچۈن دائىم نوقۇل ھالدىكى يىلنامە دائىرىسىدىن ھالىقىپ چىقىشقا مەجبۇر بولىمىز.  تارىخ توغرىسىدىكى بارلىق تەتقىقاتلارنىڭ ھەممىسى بۇنداق قىيىنچىلىقتىن ساقلىنالمايدۇ. تارىخ يىلنامەشۇناسلارغا  ئوڭايلىق يارىتىپ بېرىشنى ئانچە ئويلاپ كەتمىسە كېرەك.  سەل تۇرۇپ، بىز يەنە ئاتېن توغرىسىدا تەپسىلى توختىلىمىز. ھازىر مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىردىكى گرىتسىيىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئەھۋاللىرىنى بىر قۇر بايان قىلىش زۆرۈر. 

       پارىسلار بىلەن بولغان ئۇرۇشلار گەرچە گرىكلارنى ئۆز تىلى،  كۈلتۈرى ۋە مىللىيلىقىغا قارىتا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلغان بولسىمۇ،  بىراق ھەرقايسى پولىسلار (شەھەر دۆلەتلىرى) يەنىلا ئۇلارنىڭ پايدا-زىيان مۇناسىۋىتىدىكى مەركەز ئىدى. گرىك تىلىدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئەنئەنىسىدىن باشقا، ھەر بىر شەھەرنىڭ يەرلىك ئۆرپ-ئادەتلىرى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ۋە خاسلىقىنى ساقلاپ تۇراتتى.
       ھومېر ئورتاق مىراس بولۇشى مۇمكىن، بىرەق سپارتا بىلەن ئاتېن خۇددى بىر تۈرمە بىلەن بىر تەنتەربىيە مەيدانىغا ئوخشاش ئاسمان-زېمىن پەرقلىنەتتى، شۇنداقلا مەيلى سپارتا ياكى ئاتېن بولسۇن، كورىنىسقا ياكى تېبېسقا ئوخشىمايتتى.  سپارتانىڭ تەرەققىياتىدا ئاللىقاچان ئالاھىدە بىر خىل ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى تۈپەيلىدىن، سپارتالىقلار ئۆزىگە قوشنا بولغان مىسسېنې قەبىلىسىنى بويسۇندۇرۇشقا مەجبۇر بولغان، بۇنىڭ بىلەن، مېسسېنېلا بېقىدا ئەسكىرىي مىللەت بولۇپ قالغان. نەتىجىدە، سپارتا بىر ھەربىي گازارمىغا ئايلانغان.  سپارتا ھۆكۈمىتى بىر ئاۋام مەجلىسىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، بۇ مەجلىس بىر ئاساقاللار كېڭىشى (سېنات)نى ۋە ئىككى نەپەر مەمۇرىي ئەمەلدار ياكى تەپتىشنى تەيىنلەيتتى.  يەنە ئاقسۆڭەكلەر جەمەتىدىن بولغان ئىككى نەپەر پادىشاھمۇ بار ئىدى، بىراق ئەمەلىي ھوقۇق يەنىلا مەمۇرىي ئەمەلدارلارنىڭ ئىلكىدە بولاتتى. مائارىپنىڭ مۇددىئاسى پۈتۈنلەي قاتتىق ئىنتىزامچان ئەسكەرلەرنى يىتىشتۈرۈپ چىقىش ئىدى. سپارتانىڭ ساۋۇتلۇق ئەسكەرلىرى پۈتكۈل گرىتسىيىدە مەشھۇر بولۇپ، ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى كۈچلۈك ھەربىي قىسىم ئىدى. لېئونىداس ئۆزىنىڭ ئۈچ يۈز ئەسكىرى بىلەن تېموبىلدا شېركىسېس قوماندانلىقىدىكى پېرسىيە ئارمىيىسىگە تاقابىل تۇرغان،  بۇنى تارىختىكى مەشھۇر غەلىبە دېمەي بولمايدۇ . 
       سپارتالىقلار تاۋى نازۇك خەلق ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىنتىزامى قاتتىق بولۇپ، شەخسىي ھېسسىياتنى تىزگىنلىيەلەيتتى. ئۇلار مىللەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى خورىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن،  غەيرىي تۇغۇلغان بوۋاقلارنى تاشلىۋەتكەن. بالىلار ناھايىتى بالدۇرلا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلىپ، ھەربىي گازارمىغا ئوخشايدىغان ئاممىۋىي ئورگانلاردا ئۆسۈپ يېتىلگەن. ئومۇمەن ئېيتقاندا، قىزلار بىلەن ئوغۇللارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنغان.  ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ئەرلەرنىڭكى بىلەن ئاساسەن باراۋەر بولغان. 
       ئەپلاتوننىڭ غايىۋى دۆلىتى نۇرغۇن تەرەپلەردە سپارتادىن ئىبارەت مۇشۇ ئەمەلىي ئۈلگىدىن ئىلھام ئالغان.  ئىككى قۇرۇقلۇنىڭ تۇتاشقان يېرىگە جايلاشقان كورىنىس شەھىرى سودا-سېتىق جەھەتتە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇراتتى. ئۇ ئولىگارخىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا تۇرغان ھەمدە سپارتا رەھبەرلىكىدىكى پېلوپوننېسىيە ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. پېرسىيىلىكلەر بىلەن بولغان ئۇرۇشتا كورىنىسلىقلار ئەسكەر چىقارغان، بىراق ئۇلار رەھبەرلىك ئورنىغا ئۆتۈپ باقمىغان. ئۇلار ئاساسلىقى سودىغا قىزىققان. كورىنىس سىياسىئونلار ۋە مۇتەپەككۇرلارنىڭ يۇرتى سۈپىتىدە ئەمەس،  بەلكى ئۆزىنىڭ كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى بىلەن مەشھۇر ئىدى. ئۇ ھەم گرىكلارنىڭ بارلىق مۇستەملىكىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ پولىسلارنىڭ بىرى بولۇپ، سىسىلىيە ئارىلىدىكى سىراكۇس شەھىرىنىڭ ھامىيسى ئىدى. بۇ ئىككى شەھەر ئوتتۇرىسىدا ھەمدە ئۇلار بىلەن پۈتكۈل گرىتسىيە ئارىسىدا كورىنىس قولتۇقىدىكى بوران- چاپقۇندىن دالدا دېڭىز يولىنى بويلاپ ناھايىتى جانلانغان سودا قاتنىشى بار ئىدى.  سىسىلىيىدە گرىكلار كۈچلۈك فېنىك شەھىرى كارتېج بىلەن يېقىن قوشنا ئىدى. 
       شېركىسېس گرىتسىيىگە تاجاۋۇز قىلغاندا،  كارتېجلىقلار ئۇنىڭغا ھەمكارلىشىپ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 480-يىلى بۇ ئارالنى ئىگىلىۋالماقچى بولغان . سىراگۇسنىڭ غايەت زور بايلىق مەنبەسى بىلەن ئىستىبدات پادىشاھ گېرا بۇ يامان غەرەزنى پۈتۈنلەي بىتچىت قىلىۋەتكەن. بۇ خۇدىى گرىتسىيە زېمىنىدىكى خەلقنىڭ پارىس شاھى شېركىسېسنىڭ قارام قىلىش خەۋپىنى پۈتۈنلەي توسۇپ قالغىنىغا ئوخشايتتى. 
       مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىردە ئاتېنا بارا-بارا كورىنىسنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن.  شەكسىزكى، بۇ پېلوپوننېسىيە ئۇرۇشىنىڭ پىلتىسىگە ئوت ياققان. تالاپەت ناھايىتى ئېغىر بولغان سىراگۇ جېڭى ئاخىر ئاتېننى يەر بىلەن يەكسان قىلغان.  ئاتېننىڭ غەربىي شىمالىدىكى بوئېدىيە تۈزلەڭلىكىدە مەشھۇر ئودىپۇس رىۋايىتى① بىلەن مۇناسىۋەتلىك قەدىمىي شەھەر تېبېس بار ئىدى.
        مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىردە تېبېسكىمۇ ئاقسۆڭەكلەر ئولىگارخىيىسى ھۆكۈمرانلىق قىلغان. پېرسىيىگە قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئۇ ناھايىتى شەرەپسىز رول ئوينىغان. تېبېسنىڭ بىر ئەترەت ئەسكىرى سپارتا پادىشاھى لېئونىداس بىلەن بىللە گۇمران بولغان، بىراق شېركىسېس تېبېسنى ئاياغ ئاستى قىلغاندىن كېيىنمۇ، تېبېسلىقلار پولاتائىيىدە پارىسلار بىلەن بىللە باشقىلارغا قارشى جەڭ قىلغان. ئاتېنلىقلار تېبېسلىقلارنىڭ بۇ خائىنلىقىنى جازالاش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بوئېدىيە تۈزلەڭلىكىدىكى رەھبەرلىك ئورنىنى ئېلىپ تاشلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئاتېنلىقلار تېبېسلىقلارنى ئانچە كۆزگە ئىلمايدىغان بولۇپ قالغان. لېكىن ئاتېننىڭ كۈچى بارا-بارا زورايغاندا، بۇنى توسۇش ئۈچۈن سپارتا تېبېسقا ياردەم قىلغان.
        پېلوپوننېسىيە ئۇرۇشىدا ئاتېنلىقلار تېبېس شەھىرىنىڭ ئەتراپىنى پۈتۈنلەي قامال قىلىۋالغان ئەھۋالدىمۇ، تېبېسلىقلار تەسلىم بولماي قەتئىي تاقابىل تۇرغان. بىراق سپارتا غەلىبە قىلغاندا بولسا، تېبېسلىقلار يەنە ئاتېن تەرەپكە ئۆتىۋالغان.  كۆپ ساندىكى پولىسلار ئۆزىگە قوشنا زېمىنلارنى كونترول قىلىپ تۇراتتى. يېزىدىكى كىشىلەر تېرىقچىلىق قىلاتتى، بىراق ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقى شەھەرگە مەركەزلەشكەنىدى.  خۇددى دېموكراتىك دۆلەتلەرگە ئوخشاش، پۇقرالاردا ئاممىۋىي ئىشلارنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىش پۇرسىتى بار ئىدى. سىياسىيغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ئادەم كەمسىتىلەتتى ھەمدە "ئىدىئوت"(idiot) دەپ ئاتىلاتتى،  بۇ سۆز گرىك تىلىدا "مەنپەئەتپەرەس"دېگەنلىك بولاتتى. 
       گرىتسىيىنىڭ تۇپرىقى كەڭ كۆلەمدە تېرىقچىلىق قىلىشقا يار بەرمەيتتى.  نوپۇس بارا-بارا كۆپەيگەچكە،  باشقا جايلاردىن ئاشلىق كىرگۈزۈش زۆرۈر ئىدى.  قارا دېڭىز بويىدىكى جايلار ئاسالىق تەمىنلەش مەنبەسى قىلىنغان بولۇپ، نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان، ئۇ يەرلەردە نۇرغۇن مۇستەملىكىلەر قۇرۇلغان ئىدى.  گرىتسىيە ئۇلارغا زەيتۇن يېغى بىلەن ساپال بۇيۇملارنى ئېكسپورت قىلغان.  گرىكلارنىڭ كۈچلۈك شەخسىيەتچىلىك تەبىئىتى ئۇلارنىڭ قانۇنغا تۇتقان پوزىتسىيىسىدە ئىپادىلەنگەن.
       بۇ جەھەتتە ئۇلار ناھايىتى ئالاھىدە بولۇپ، شۇ دەۋردىكى ئاسىيالىقلارغا قەتئىي ئوخشىمايتتى. ئاسىيادا بىر ھۆكۈمراننىڭ نوپۇزى ئۇنىڭغا خۇدا ئاتا قىلغان دەپ قارىلىدىغان قانۇن ئارقىلىق ساقلىناتتى، بىراق گرىكلار قانۇننى ئادەم تۈزىدۇ، ئۇ ئادەم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ دەپ قارىغان. ئەگەر مەلۇم بىر تۈرلۈك قانۇن زامانغا ماسلاشمايدىغان بولۇپ قالسا، ئاۋامنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق ئۇنى ئۆزگەرتىشكە بولاتتى.  بىراق ئۇنى ئاۋام داۋاملىق قوللىسا، ئۇنىڭغا چوقۇم رىئايە قىلىش زۆرۈر ئىدى. سوقراتنىڭ ئاتېن سوتى چىقارغان ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈمىدىن قېچىشنى رەت قىلىشى قانۇنغا بولغان مۇشۇ خىل ھۆرمەتنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ يەنە شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، ھەر بىر شەھەرنىڭ ئۆز ئالدىغا قانۇنى بار ئىدى، شۇڭا شەھەر بىلەن شەھەر ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشلارنى تېنچ ھەل قىلالايدىغان بىرەر نوپۇز يوق ئىدى.
        دېمەك، گرىكلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى گۇمانخورلۇق بىلەن بۆلۈنۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى شەخسىيەتچىلىك ناھايىتى زور پارچىلاش كۈچىگە ئىگە ئىدى، شۇڭا گرىكلار ئەزەلدىن مىللىي مۇقىملىققا ئېرىشەلمىگەن. گرىتسىيىنى ئاۋۋال ئلېكساندېر بويسۇندۇرغان، كېيىن ئۇ يەنە رىمغا قارام بولغان. شۇنداقتىمۇ ئورتاق ئۆرپ-ئادەت ۋە غايە تۇپەيلىدىن، ئۇ يەنىلا بىر پۈتۈن كۈلتۈر گەچدىسى سۈپىتىدە داۋالىق مەۋجۇد بولۇپ تۇرالىغان. بىز گرىكلارنىڭ مىللىي داستانلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتۈق، ئۇلاردا بۇنىڭدىن باشقا ئۇيۇشۇش كۈچىمۇ بار ئىدى. بارلىق گرىكلار كورىنىس قولتۇقىنىڭ شىمال تەرىپىگە توغرا كېلىدىغان تاغدىكى دېلفى ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ تاۋاپ قىلاتتى ھەمدە دېلفىنىڭ ئىلاھىي كالاملىرىدىن خېلىلا ئەيمىنەتتى.  دېلفى قۇياش ئىلاھى ئاپوللوغا تاۋاپ قىلىدىغان مەركەز ئىدى. ئاپوللو يورۇقلۇق بىلەن ئەقىلنىڭ كۈچىگە سىمۋۇل قىلىناتتى.
        قەدىمقى رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇ پېتوننى ئۆلتۈرگەنىكەن، پېتون غايەت زور بىر بوغما يىلان بولۇپ، زۇلمەتنىڭ سىمۋولى ئىكەن. ئاپوللونىڭ مۇشۇ تۆھپىسىگە ئاتاپ، كىشىلەر دېلفىغا ئىبادەتخانا سالغان. بۇ جايدا ئاپوللو گرىك روھىنىڭ نەتىجىلىرىنى قوغدايدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئاپوللوغا چوقۇنۇش يەنە پاكلىنىش مۇراسىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئېتىكىلىق خاھىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئاپوللو پېتوننى ئۆلتۈرۈش جەريانىدا ئۆزىگە يۇقتۇرىۋالغان زەھەرنى تازىلىۋېتىشى كېرەك ئىدى، شۇڭا ئۇ قان بىلەن ئۆزىنى بۇلغىغان كىشىلەرگە پاكلىنىش ئۈمىدى ئاتا قىلغان. بىراق ئانىسىنى ئۆلتۈرگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، ئۇلارنى كەچۈرىۋېتىشكە بولمايتتى. ئامما مۇنداق بىر ئىش ئاتېنلىقلارنىڭ ئىشەنچىسىنىڭ ئۆسكەنلىكىدىن دېرەك بەرگەن : ئەسكىلۇسنىڭ تراگېدىيىسىدە ئورېستېس ئانىسىنى ئۆلتۈرىۋېتىدۇ، ئەمما ئىلاھە ئاتېنا بىلەن ئەينى چاغدا ئازراق ۋاقتى ئۆتكەن ئېلىئوپاگېس مەجلىسى ئۇنى گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ.
        يەنە بىر ئاپوللو ئىبادەتخانىسى دېلوس ئارىلىدا ئىدى. بۇ ئارال ئەسلىدىلا ھەرقايسى ئىئونىيە قەبىلىلىرىنىڭ دىنىي يىغىلىش ئورنى بولۇپ، دېلوس ئىتتىپاقىنىڭ خەزىنىسى بىر مەزگىل مۇشۇ يەردە ئىدى.  پۈتكۈل گرىتسىيە بويىچە ئادەتكە ئايلانغان يەنە بىر بۈيۈك مۇراسىم پېلوپوننېسىيىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مەيدانىدا ئۆتكۈزىلىدىغان مۇسابىقە ئىدى. بۇ مۇسابىقە ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان بولۇپ، مۇسابىقە مەزگىلىدە ئۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق ئىش ئۇنىڭغا يول بېرەتتى. ھېچقانداق شان-شەرەپ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ غەلىبىسىگە يەتمەيتتى، غەلىبە قىلغۇچىغا دارچىن شېخىدىن توقۇلغان تاج كىيدۈرىلەتتى، ئۇ قايسى شەھەردىن بولسا، شۇ شەھەردىكى ئولىمپىيە ئىبادەتخانىسىغا ئۇنىڭ ھەيكىلى ئورنىتىلىپ خاتىرە قالدۇرۇلاتتى.
        بۇ مۇسابىقە مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 776-يىلى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن، گرىكلار ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئارقىلىق يىل ھېسابلىغان.  ئولىمپىك مۇسابىقىسى گرىكلارنىڭ تەنگە ئەھمىيەت بېرىشنى ئىپادىلەيدىغان تىرىك نامايەندە ئىدى. بۇ ھەم ھارمونىيىگە بولغان ئالاھىدە ئېتىباردىن دېرەك بەرگەن. ئادەمدە قەلىبمۇ بار، تەنمۇ بار، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنى چېنىقتۇرۇش زۆرۈر. شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، گرىك مۇتەپەككۇرلىرى ئوتتۇرا ئەسىر مەدرىس ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، پىل چىشى مۇنارىغا بېكىنىۋالغان ھازىرقى زامان زىيالىيلىرىغا قەتئىي ئوخشىمايتتى.  بۇلاردىن باشقا، ئاخىردا قۇللۇق تۈزۈم ئۈستىدە ئازراق توختىلىش زۆرۈر. بەزىلەر دائىم گرىكلار ئەمەلىي ئىشقا كەلگەندە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ قولىنى مەينەت قىلىشتىن قورقاتتى، ئەمەلىي ئىش قىلىش پۈتۈنلەي قۇللارغا قالدۇرۇلغان ئىدى، دېيىشىدۇ. ئالدىراقسانلىق بىلەن كېسىپ ئېيتىلغان بۇ ھۆكۈم كىشىلەردە ھەممىدىن بەكرەك خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىدۇ.
        گرىكلارنىڭ پەننىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدىكى خاتىرىلەر ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەيكەلتاراشلىق ۋە مىمارچىلىق جەھەتتىكى ساقلانمىلىرى ئەمەلىيەتنىڭ دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. گەرچە ئەينى چاغلاردا يۇقۇرى قاتلامدىكى كىشىلەر ئۆزى قول سېلىپ ئىشلىمىسىمۇ بولىدۇ دەپ غادىيىۋالىدىغان پوزىتسىيە بار بولسىمۇ، بىراق قۇللارنىڭ مۇھىملىقىنى زىيادە يۇقۇرى مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ. لورىئان كۈمۈش كېنىدا ئىشلەيدىغان قۇللارنىڭ ھايۋان كەبى تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكى راست، بىراق ئومۇمەن ئېيتقاندا، شەھەرلەردىكى قۇللار قەستەن خورلانمايتتى، چۈنكى قۇل ناھايىتى قىممەت ئىدى، ئەگەر ئۇنىڭ بىرەر ھۈنىرى بولسا تېخىمۇ شۇنداق بولاتتى. نۇرغۇن قۇللار ئاخىر ھۆر ئادەملەرگە ئايلانغان. كەڭ كۆلەملىك قۇللۇق تۈزۈمى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى سەل كېيىنكى گرىتسىيىدە بارلىققا كەلگەن.  مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىردىكى ئادەمنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغان ئىش بەلكىم ئەقلىي تەجرىبىلەر ۋە كەشپىياتلارنىڭ تۇيۇقسىز پارتلىشى بولسا كېرەك. پەلسەپە جەھەتتە شۇنداق ئىدى، سەنئەت جەھەتتىمۇ شۇنداق بولغان. ئالدىنقى ئەسىردىكى ھەيكەللەردە ساقلىنىپ كەلگەن مىسىر پروتوتىپىنىڭ قاتمال شەكلىگە ئەمدى تۇيۇقسىز جان كىرگەن.
        ئەدەبىيات جەھەتتە، شەكىلگىلا ئېسىلىۋالىدىغان بۇرۇنقى ئۆلۈك قېلىپ ئاتېن تىياتىرلىرىدىكى بىرقەدەر ئىلاستىك ئەندىزىگە ئايلانغان. خۇددى ئادەم يېتەلمەيدىغان ھېچقانداق نىشان يوقتەك، ھەممە ئىش قانات يايغانىدى. سوفوكلېسنىڭ «ئانتىگون» ناملىق ترىگېدىيىسىدىكى ئاشۇ مەشھۇر خوردا بۇ خىل مۇتلەق ئىشەنچ ئەڭ ۋايىدا ئىپادىلەنگەن:«ياشىماقتا نۇرغۇن بۈيۈك نەرسىلەر، ھېچبىرى ئادەگە يېتەلمەس بىراق. » بۇ خىل ھېسسىيات كېيىن يوقالغان، ئەمما يېقىنقى دەۋردىكى رېنايزېنس (ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى) مەزگىلىدە يەنە تىرىلگەن. ئىتالىيىلىك ھيۇمانىزمچى ئالبېرتى (Alberti) نىڭ ئەسەرلىرىدىن بىز ئادەمنىڭ ئورنى توغرىسىدىكى بۇنىڭغا ناھايىتى ئوخشايدىغان پىكىرلەرنى تاپالايمىز. بۇنداق جاسارەتكە تولغان دەۋر ئۆزىنى ئانچە چاغلاپ كەتمەيتتى. بىراق ئۆزىگە ئىشىنىش ناھايىتى ئاسانلا مەنمەنلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئاشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە سوقرات كىشىلەرنى نېمىنىڭ «ياخشىلىق» ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىشقا ئاگاھلاندۇرۇشقا باشلىغان.  مانا بۇ گرىك مەدەنىيىتىنىڭ تەڭداشسىز يۈكسەكلىككە يېتىشىدىكى ئارقا كۆرۈنىشتۇر.
        گرىك مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپى ھارمونىيە ئىدى. گەرچە ئۇ ئىچكى نىشالار تۈپەيلىدىن بۆلۈنۈش ھالىتىدە تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن، نەتىجىدە ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقى تېخىمۇ گەۋدىلەنگەن. چۈنكى، گەرچە ئۇ پۈتكۈل گرىكلارنىڭ داۋاملىق مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇش كۈچىگە ئىگە بىر پۈتۈن دۆلىتىنى بارلىققا كەلتۈرەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن گرىكلارنىڭ بۇ زېمىنىنى بويسۇندۇرغان بارلىق كىشىلەرنى بويسۇندۇرغان. تا بۈگۈنگە قەدەر، ئۇ يەنىلا غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ كەلمەكتە.

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 17:20:26]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.