بىر تەرەپلىمە قاراش(گولباخ)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-29 17:09:13

بىر تەرەپلىمە قاراش گولباخ(فرانسىيە)ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى  بىر تەرەپلىمە قاراش بىزنى تەربىيىلىگۈچىمىزنىڭ نۇقتىئىنەزەرلىرىنى چوقۇم قوبۇل قىلىشقا ئۈندەيدۇ. ئادەمنىڭ مېڭىسى يۇمشاق ھالەتتىكى شا...

    بىر تەرەپلىمە قاراش

    گولباخ(فرانسىيە)
    ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى


        بىر تەرەپلىمە قاراش بىزنى تەربىيىلىگۈچىمىزنىڭ نۇقتىئىنەزەرلىرىنى چوقۇم قوبۇل قىلىشقا ئۈندەيدۇ.


    ئادەمنىڭ مېڭىسى يۇمشاق  ھالەتتىكى شامغا ئوخشايدۇ. بولۇپمۇ بالىلىق دەۋردە شۇنداق بولىدۇ. ئۇ شامدا ئادەم ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلغان بارلىق قاراشلىرىنىڭ ئىزناسى ساقلىنىپ قالىدۇ. ئادەمنىڭ پۈتكۈل ئەقىدىسى تامامەن دېگۈدەك تەربىيىلەشكە باغلىق بولىدۇ. ئۇ ئەقىدىلەرگە ئادەم تېخى مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىغان يېشىدىلا ئېرىشكەن بولىدۇ. بىز شۇنداق دەپ قارايمىزكى، بالىلىق دەۋرىمىزدە ئېرىشكەن بىۋاسىتە قاراشلىرىمىز ياكى ساختا قاراشلىرىمىز تەبىئىتىمىزدە ئەسلىدە بار بولغان بولىدۇ. بىز بۇ ئالەمگە شۇ كۆزقاراش بىلەن بىللە ئاپىرىدە بولغان، ئۇ ئەقىدە بولسا بىزنىڭ ھەر خىل سەپسەتىلىرىمىزنىڭ تۈپ مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.

        بىزنىڭ قارىشىمىزچە، تەربىيىچىلەرنى خېلى ئەقىللىق دەپ ھېسابلايمىز، ئۇلارنىڭ بىزگە ئۆگەتكەن بىلىملىرىنى تامامەن توغرا دەپ قارايدىغانلىقىنى قىياس قىلىمىز، ئۇلارغا تامامەن ئىشىنىمىز. چۈنكى ئۇلار بىز باشقىلارنىڭ ياردىمىگە زۆرۈر تەشنا بولغاندا، بىزگە غەمخورلۇق قىلىپ تۇرىدۇ، شۇڭا »ئۇلار بىزنى ئالدىمايدىغۇ« دەپ ھېسابلايمىز. مانا بۇلار بىزنىڭ بىزنى تەربىيىلىگۈچىلەرنىڭ زىيانلىق ساۋاقلىرىغا ئاساسەن كۆپ خىل بىمەنە قاراشلارنى تۇرغۇزۇۋېلىشىمىزنىڭ سەۋەبىدۇر.

        دەسلەپكى دەۋرلەردىكى تەبىيە مېڭىمىزدە جاھىل ئوۇن ئالغان بولىدۇ. بىز  دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەربىيىچىلەردىن ئاڭلىغان گەپ - سۆزلەر توغرىسىدا ئويلىنىش چەكلەنگەن، ئۇ قاراشلارنىڭ خاتالىقى بىزگە ئىسپاتلانغان تەقدىردىمۇ، بۇلار بىزنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەربىيىچىلەرنىڭ ئەقىدىسىگە بولغان ئىشەنچىمىزگە تەسىر يەتكۈزمەيلا قالماستىن، بەلكى ئۇنى چىڭىتىپ بارىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ياسىن ھاۋازى گولباخ