سەپەر ئۈستىدە(دىك)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-29 17:03:16

سەپەر ئۈستىدەدىك (ئامېرىكا)ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى بىز توختاپ قالغان ھالەتتە ئەمەس، بەلكى سەپەر ئۈستىدە. سېنىڭ كىم ۋە قەيەردە بولۇشۇڭدىن قەتئىينەزەر، مۇشۇ ۋاقىتتا ھاياتلىقتىكى قىسقىغىنە مۇشۇ...

    سەپەر ئۈستىدە
    دىك (ئامېرىكا)
    ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى

     

        بىز توختاپ قالغان ھالەتتە ئەمەس، بەلكى سەپەر ئۈستىدە.


        سېنىڭ كىم ۋە قەيەردە بولۇشۇڭدىن قەتئىينەزەر، مۇشۇ ۋاقىتتا ھاياتلىقتىكى قىسقىغىنە مۇشۇ دەقىقىلەردە سەن بىلەن مەن بىر جەھەتتە پۈتۈنلەي ئوخشاشمىز، ئۇ بولسىمۇ، بىز توختاپ قالغان ھالەتتە ئەمەس، بەلكى سەپەر ئۈستىدە. بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز كۆرگىلى بولمايدىغان بىر نىشانغا قاراپ ئالغا بېسىۋاتقان بىر خىل ھەرىكەت، يۈزلىنىش، شۇنداقلا مۇقىم ۋە توختاۋسىز ئىلگىرىلەش ھېسابلىنىدۇ. بىز ھەر كۈنى پايدا ئېلىپ ۋە زىيان تارتىپ تۇرىمىز، مەرتىۋىمىز ۋە ئەخلاقىمىز قارىماققا ئىلگىرىكى بىلەن ئوخشاشتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. چۈنكى نوقۇل ۋاقىتنىڭ ئىلگىرىلىشى بىر خىل ئۆزگىرىشتىن ئىبارەت بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، سېنىڭ بىر پارچە ئېتىزىڭ بولسا، ئۇنىڭ 1 - ئايدىكى ھالىتى بىلەن 7 - ئايدىكى ھالىتى جەزمەن ئوخشاش بولمايدۇ. يەنى پەسىل پەرقىنى ھاسىل قىلغان بولىدۇ. بالىنىڭ كەمتۈكلۈكى  مەسۇم سەبىيلىك دەپ قارالسىمۇ، ئۇ چوڭلاردا ئىپادىلەنسە بالىلىق بولۇپ قالىدۇ.

        بىز قىلغان ھەر بىر ئىش مۇئەييەن يۆنىلىشكە قاراپ بېسىلغان قەدەمدۇر. ھەتتا قىلمىغان ئىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر تۈرلۈك ھەرىكەتتىن ئىبارەتتۇر. ئۇ بىزنى يا ئالغا باستۇرىدۇ ياكى ئارقىغا چېكىندۈرىدۇ. ماگنىت ئىسترېلكىسىنىڭ مەنپىي قۇتۇپلۇق رولى ۋە مۇسبەت قۇتۇپلۇق رولى ئوخشاشلا يا رەت قىلىش يا قوبۇل قىلىش بولىدۇ.

        سەن بۈگۈن ئۆز پرىستانىڭغا تۈنۈگۈنكىگە قارىغاندا تېخىمۇ بەكرەك يېقىنلاشتىڭمۇ قانداق؟ شۇنداق، مەلۇم پرىستانغا ئازغىنە بولسىمۇ يېقىنلىشىشىڭ تۇرغانلا گەپ. چۈنكى سېنىڭ كېمەڭ ھاياتلىق دېڭىزىدا تۇنجى قېتىم سۇغا چۈشكەندىن ئېتىبارەن بىرەر دەقىقىمۇ توختاپ قالمىدىڭ. ھاياتلىق ئوكيانى شۇ قەدەر چوڭقۇركى، توختىغىلى بولغۇدەك بىرەر جايمۇ تاپالمايسەن. پرىستانغا يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن توختىشىڭغا زادى بولمايدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.