غەرپنىڭ ئەقىل-پاراسىتى(4)-تاھىر ھامۇت

يوللىغۇچى : tahirhamut يوللىغان ۋاقىت : 2007-03-31 17:11:00

«غەرپنىڭ ئەقىل-پاراسىتى»(4) «غەرپنىڭ ئەقىل-پاراسىتى»(4)‏ ــ غەرپ پەلسەپىسىنى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىدىن تارىخىي تەكشۈرۈش بېرتراند رۇسسېل(ئەنگلىيە) تاھىر ھامۇت تەرجىمە قىلغان ‏ ‏ ...

                                                    «غەرپنىڭ ئەقىل-پاراسىتى»(4)

     

          «غەرپنىڭ ئەقىل-پاراسىتى»(4)‏ ــ غەرپ پەلسەپىسىنى ئۇنىڭ  ئىجتىمائىي-سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىدىن تارىخىي تەكشۈرۈش بېرتراند رۇسسېل(ئەنگلىيە) تاھىر ھامۇت تەرجىمە قىلغان ‏ ‏ سوقراتتىن ئاۋۋال(2)     تۇنجى ئىلمىي پەيلاسوپلار ئېقىمى مىلېتۇستا بارلىققا كەلگەن.ئىئونىيە دېڭىز ساھىلىغا جايلاشقان بۇ ‏شەھەر ناھايىتى ئاۋات سودا ئۆتىڭى ئىدى.ئۇنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا سىپرۇس،فېنىكىيە ۋە ‏مىسىر،شىمالىدا ئېگەي دېڭىزى بىلەن قارا دېڭىز بار ئىدى.ئۇنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى ئېگەي دېڭىزى ‏ئارقىلىق گرىتسىيە چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن كرېت ئارىلىغا بارغىلى بولاتتى.شەرقىي تەرەپتە ئۇ لېدىيە ‏بىلەن تۇتۇشۇپ تۇراتتى.ئۇنىڭ نېرىسىدا مېسسوپوتامىيە ئىمپېرىيىلىرى بار ئىدى. مىلېتۇسلۇقلار ‏لىدىيىدىن تىللا قۇيۇشنى ئۆگەنگەن.مىلېتۇس پورتىغا نۇرغۇن دۆلەتلەردىن كەلگەن كېمىلەر ‏توپلاشقان بولۇپ،ئامبارلاردا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن توشۇپ كېلىنگەن ماللار بېسىلىپ ‏تۇراتتى.ھەممىگە قادىر تەڭگە پۇل ساقلانما قىممەت ۋە ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىسى قىلىنغاچقا مىلېتۇسلۇق ‏پەيلاسوپلارنىڭ «مەۋجۇداتلار نېمىدىن بەرپا بولغان؟»دېگەن سۇئالنى قويۇشى ئەجەپلىنەرلىك ‏ئەمەس ئىدى.‏ ‏  
        ئېيتىلىشىچە، مىلېتۇسلۇق تالېس(‏Thales‏) «مەۋجۇداتلار سۇدىن بەرپا بولغان» دېگەنىكەن. ‏پەلسەپە بىلەن پەن مانا شۇنىڭدىن باشلانغان.گرىك رىۋايەتلىرىدە تالېس يەتتە ئەۋلىيانىڭ ‏بىرى،دېيىلگەن.تارىخچى ھېرودوتنىڭ بىزگە قالدۇرغان مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا،تالېس بىر قېتىملىق ‏كۈن تۇتۇلۇشنى مۆلچەرلىگەنىكەن.ئاسترونوملار شۇ قېتىمقى كۈن تۇتۇلۇشنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى ‏‏585-يىلى يۈز بەرگەنلىكىنى ھېسابلاپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن تالېسنىڭ مۇشۇ مەزگىلدە ياشىغانلىقى ‏بېكىتىلدى.گەرچە تالېسنىڭ كۈن تۇتۇلۇش توغرىسىدىكى نەزەرىيىنى ئىگەللىگەنلىكى ناتايىن ‏بولسىمۇ،بىراق ئۇ چوقۇم بابىلونلۇقلارنىڭ شۇ خىل ھادىسىلەر توغرىسىدىكى خاتىرىلىرىنى پىششىق ‏بىلگەن، شۇڭا قايسى چاغدا كۈن تۇتۇلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىيەلىگەن.ئوڭ كەلگىنى،بۇ قېتىمقى كۈن ‏تۇتۇلۇشنى مىلېتۇسلۇقلار كۆرەلىگەن، بۇ يىلنامە تەتقىقاتچىلىرى ئۈچۈن شۇنداقلا تالېسنىڭ نام-ئابرويى ‏ئۈچۈنمۇ بىر ياخشى ئىش بولغان. بۇنىڭدىن باشقا،گېئومېترىيە جەھەتتە ئۇنىڭ ئۈچ بۇلۇڭلارنىڭ ‏ئوخشاشلىقى توغرىسىدىكى تېئورمىلارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ناھايىتى گۇمانلىق.بىراق ئۇنىڭ ‏مىسىرلىقلارنىڭ ئېھرامنىڭ ئېگىزلىكىنى ئۆلچەيدىغان نوقۇل تەجرىبىۋىي ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ‏دېڭىزدىكى كېمىلەرنىڭ ھەمدە يېقىنلاشقىلى بولمايدىغان باشقا نىشانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ‏ئارىلىقنى ھېسابلاپ چىققانلىقى ئېنىق. دېمەك،ئۇنىڭدا گېئومېترىيىلىك قائىدىلەرنىڭ ئومۇمىي ‏قوللىنىلىش دائىرىسىگە قارىتا بەزى چۈشەنچىلەر شەكىللەنگەن.بۇ خىل ئومۇمىيلىققا ئىگە چۈشەنچە ‏گرىكچە خاس ئىجادچانلىققا ئىگە ئىدى.‏
     ‏   ئېيتىلىشىچە،تالېس يەنە ماگنېتنىڭ جېنى بار، چۈنكى ئۇ تۆمۈرنى مىدىرلىتالايدۇ، دېگەنىكەن. ‏ئۇنىڭ يەنە ھەممە نەرسە ئىلاھلارغا توشۇپ كەتكەن بولىدۇ،دېگەن گېپى تېخىمۇ پۇت دەسسەپ ‏تۇرالمايدۇ.ئۇ بۇنداق دېيىشتە بەلكىم ئۆزىنىڭ ئالدىنقى گېپىنى ئاساس قىلغان بولسا ‏كېرەك،بىراق،بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئالدىنقى گېپى ئارتۇقچە بولۇپ قالغان.چۈنكى،ماگنېتتا جان بار ‏دېيىش پەقەت باشقا نەرسىلەردە جان بولمىغاندىلا ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ.‏ ‏    تالېس بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ھېكايىلەر بار،ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەقىقەتەن راست بولۇشى ‏مۇمكىن.ئېيتىلىشىچە،بىر قېتىم باشقىلار ئۇنىڭ چىشىغا تەگكەچكە،ئۇ زەيتۇن يېغى بازىرىنى مونوپول ‏قىلىۋېلىپ،ئۆزىنىڭ پۇل تېپىش جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى كۆرسەتكەنىكەن.ئۇ مېتېئورولوگىيە ئىلمىنى ‏پىششىق بىلگەچكە،مول ھوسۇل ئېلىنىدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلىپ،زەيتۇندىن ياغ تارتىدىغان ‏جۇۋازلارنى ئىمكانىيىتىنىڭ يىتىشىچە ئىجارە ئېلىۋېلىپ،ھوسۇل پەسلى يىتىپ كەلگەندە يۇقۇرى باھادا ‏ئىجارە بېرىپ بىرمۇنچە پايدا ئالغان ھەمدە ئۆزىنى مازاق قىلغۇچىلارغا پەقەت پەيلاسوپلار خالىسىلا ‏چوقۇم پۇل تاپالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويغان.‏ ‏ 
         تالېسنىڭ ئەڭ مۇھىم تەشەببۇسى «دۇنيا سۇدىن بەرپا بولغان» دېيىشتىن ئىبارەت.بۇ ھەرگىزمۇ ‏قارىماققا مۇستەھكەم ئەمەستەك كۆرىنىدىغان ئۇنداق كۆزقاراش ئەمەس،شۇنداقلا كۆزىتىشتىن ‏ئايرىلغان نوقۇل خام خىيالمۇ ئەمەس.بىز ھازىر باشقا بارلىق ئېلېمېنتلار سۇنى ھاسىل قىلىدىغان ‏ھىدروگىندىن ئىبارەت خېمىيىۋى ئېلېمېنتتىن تەركىپ تاپالايدۇ دەپ قارايمىز.مەۋجۇداتلار بىر دەپ ‏قارايدىغان بۇنداق كۆزقاراش ناھايىتى قالتىس بىر ئىلمىي پەرەزدۇر.بۇ نۇقتىنى كۆزىتىش ‏جەھەتتە،دېڭىز بويىدا ياشايدىغان كىشىلەر قۇياشنىڭ سۇنى پارلاندۇرىدىغانلىقىنى،سۇ يۈزىدىن ‏كۆتىرىلگەن پارنىڭ بۇلۇتلارنى ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى،بۇلۇتنىڭ يەنە يامغۇرغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ‏كۆرگەن.مۇشۇنداق كۆزىتىش بويىچە بولغاندا،يەر سۇنىڭ قېتىشمىسىدىن شەكىللىنىدۇ.بۇنداق ‏تەپسىلاتلار بەلكىم پۇت دەسسەپ تۇرالماسلىقى مۇمكىن.بىراق، بىر ماددىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ‏بېرىكىش ھالىتىدىمۇ ئۆزگەرمەي ساقلىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇنداق بايقاشنى يەنىلا خېلى ئېسىل ‏نەتىجە دېيىشكە بولىدۇ.‏ ‏ 
          تالېستىن كېيىكى مىلېتۇسلۇق يەنە بىر پەيلاسوپ ئاناكسىماندېر (‏Anaximander‏ ) بولۇپ،ئۇ ‏تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 610-يىللىرى تۇغۇلغان.ئۇ تالېسقا ئوخشاشلا كەشپىياتچى ۋە ‏ئەمەلىيەتچىل ئادەم ئىدى.ئۇ تۇنجى خەرىتە سىزغۇچى ئىدى ،شۇنداقلا يەنە قارا دېڭىز ساھىلىدىكى ‏مىلېتۇسقا تەۋە بىر مۇستەملىكە شەھەرنىڭ رەھبىرى ئىدى. ‏     ئاناكسىماندېر ئۆزىدىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئالەم قارىشىنى تەنقىت قىلغان.شۇ ئەمەسمۇ،نېمە ‏ئۈچۈن سۇلا تاللىنىشى كېرەك ئىكەن؟مەۋجۇداتلارنى ھاسىل قىلىدىغان ئاساسىي ماتىرىيال ھەرگىزمۇ ‏مۇشۇ ماتېرىيالنىڭ ئالاھىدە شەكىللىرىنىڭ بىرى بولماسلىقى كېرەك.شۇڭا بۇ ئاساسىي ماتىرىيال چوقۇم ‏مۇشۇ بارلىق شەكىللەرگە ئوخشىماسلىقى،چوقۇم تېخىمۇ تۈپكىي بولغان مەلۇم نەرسە بولۇشى ‏كېرەك.چۈنكى ماددىنىڭ ھەر خىل شەكىللىرى ئۆزئار توختىماي تىركىشىدۇ،سوغۇق بىلەن ئىسسىق ‏چىقىشالمايدۇ،قۇرۇق بىلەن ھۆل توقۇنىشىدۇ،بۇلارنىڭ ھەممىسى توختىماي بىر بىرىگە ھۇجۇم قىلىشىدۇ، ‏ياكى گرىكلارنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا«ھەققانىيەتسىز ئىش» قىلىدۇ، «ھەققانىيەتسىز» دېگەن سۆز ‏گرىك تىلىدا تەڭپۇڭلۇقنىڭ كەملىكىنى كۆرسىتىدۇ.ئەگەر مۇشۇ شەكىللەرنىڭ مەلۇم بىرى ئاساسىي ‏ماددا بولىدىكەن،ئۇنداقتا،ئۇ ئەزەلدىنلا باشقا شەكىللەرنى بېسىپ چۈشۈشى كېرەك.ئىپتىدائىي ماددا ‏دەل ئارستوتل ئېيتقان«ماددىي سەۋەبىيات»تۇر.بۇنى ئاناكسىماندېر«چەكسىزىيەت»دەپ ئاتىغان.ئۇ ‏ھەممە جاينى قاپلىغان چەكسىز مىقداردىكى ماددا بار بولۇپ،دۇنيا شۇنىڭدىن ھاسىل بولغان،ئەڭ ‏ئاخىردا يەنە شۇنىڭغا قايتىدۇ،دېگەن. ‏  
         ئاناكسىماندېرنىڭ قارىشىچە،يەر ئەركىن لەيلەپ تۇرىدىغان سىلىندېرسىمان گەۋدە،بىز ئۇنىڭ ‏بىر بېشىدا تۇرىمىز،ئۇنىڭ ئۈستىگە،بىز تۇرغان بۇ دۇنيانى باشقا سانسىزلىغان دۇنيالار قورشاپ ‏تۇرىدۇ( بۇ يەردە ئېيتىلغان دۇنيالارنى بىز ھازىر سامانيولى دەپ ئاتىشىمىز كېرەك).ھەر بىر دۇنيانىڭ ‏ئىچكى فۇنكىسىيىسى بىر قاينامسىمان ھەرىكەتنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ،بۇ خىل قاينامسىمان ‏ھەرىكەت يەرنى مەركەزگە تارتىپ تۇرىدۇ.ئاسمان جىسىمىلىرىنىڭ ھەممىسى ئوت چاقلار بولۇپ،ئۇلار ‏ھاۋانىڭ مەھكەم قورشاۋى ئىچىدە تۇرىدۇ،پەقەت بىر نۇقتىلا بۇنىڭ سىرتىدا.بىز مەلۇم بىر ئاسمان ‏جىسىمىنى ۋېلسىپىتنىڭ چاقىغا ئوخشاتساق،ھاۋا توسۇپ تۇرمايدىغان ئاشۇ نۇقتا چاقنىڭ ۋېنتىلىغا ‏‏(كىندىكىگە ) ئوخشايدۇ.ئەلۋەتتە بىز شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى،ئاشۇ دەۋردىكى ‏گرىكلارنىڭ نەزەرىدە ھاۋا كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان نەرسىلەرنى ھاسىل قىلالايتتى.‏    ئىنسانىيەتنىڭ مەنبەسى جەھەتتە ، ئاناكسىماندېرنىڭ كۆز قارىشى بەكلا «ھازىرقى زامانچە» ‏ئىدى. ئۇ ئادەمنىڭ كىچىك ۋاقتىدا ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ۋە قوغداشقا ‏مۇھتاج بولىدىغانلىقىغا ئاساسەن ، ئەگەر ئىنسانىيەت ئەزەلدىنلا ھازىرقىغا ئوخشاش بولىدىكەن، ‏ئۇنداقتا ئۇ ھازىرغىچە مەۋجۇد بولۇپ تۇرالمايتتى، شۇڭا ئۇ بۇرۇن ھازىرقىغا ئوخشىمايتتى، يەنى، ئۇ ‏ناھايىتى تېزلا مۇستەقىل ياشىيالايدىغان مەلۇم ھايۋاندىن ئۆزگىرىپ كەلگەن ، دەپ ھۆكۇم قىلغان. ‏بۇنداق ئىسپاتلاش ئۇسۇلى خاتالاشتۇرۇش ئۇسۇلى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدا سىز بەلگىلىك  بىر پەرەزدىن ‏ئېنىقلا خاتا بولغان بەزى نەرسىلەرنى تۇرلەپ چىقىسىز.
        بۇ مىسالدىكى خاتالىق دەل ئىنسانىيەتنىڭ ‏ھازىرغىچە مەۋجۇد بولۇپ تۇرالمايدىغانلىقىدۇر.شۇڭا ئۇ پەرەزنى ئىنكار قىلماي بولمايدۇ. ناۋادا ‏بۇنداق دەلىللەش توغرا بولسا ، يەنى، ئەگەر«ئادەم ئەزەلدىن ھازىرقىغا ئوخشاش ئىدى» دېگەن ‏پەرەزدىن ئۇنىڭ ھازىرغىچە مەۋجۇد بولۇپ تۇرالمايدىغانلىقىغا ھۆكۇم قىلغىلى بولسا (مېنىڭچە ‏مۇشۇنداق ھۆكۇم قىلغىلى بولىدۇ)، ئۇنداقتا ، بۇ دەلىللەش قىلچە كۈچ سەرپ قىلمايلا مەلۇم خىل ‏ئۆزگىرىش جەريانىنىڭ بولغانلىقىنى ئىسپاتلىيالايدۇ. بىراق ئاناكسىماندېر بۇ دەلىللەشكە تېخى ‏قانائەت قىلمىغان. ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ، ئادەم دېڭىزىدىكى بېلىقتىن ئۆزگىرىپ كەلگەن دېگەن ‏ھەمدە تاشقا ئايلانغان قاتلىمىلارنى ۋە ئاكۇلانىڭ ئۆز بالىلىرىنى بېقىش ئۇسۇلىنى ئىسپات قىلغان. ‏شەكسىزكى، ئۇ مۇشۇ  سەۋەپتىن كىشىلەرنى بېلىق يېمەسلىككە ئاگاھلاندۇرغان. بىراق، دېڭىزدىكى ‏قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ بىزگە نىسبەتەن ئوخشاش ئالىيجاناپ ھېسياتتا بولىدىغان ياكى ‏بولمايدىغانلىقىغا قارىتا ئۇ ھېچقانداق خاتىرە قالدۇرمىغان. ‏  
         مىلېتۇسلۇق ئۈچىنچى مۇتەپەككۇر ئاناكسىمېنېس (‏Anaximenes‏)بولۇپ،ئۇنىڭ بۇ ‏ئۈچىيلەننىڭ ئىچىدە ئەڭ ياش ئىكەنلىكىدىن باشقا،زادى قايسى يىللاردا ياشىغانلىقى ئېنىق ‏ئەمەس.ئۇنىڭ نەزەرىيىلىرى بەزى تەرەپلەردە ئالدىنقىلاردىن ئازراق چېكىنگەن،بىراق يەنە بىر ‏تەرەپتىن،ئۇنىڭ ئىدىيىلىرى ئۇنچە رادىكال ئەمەس،شۇڭا ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا تېخىمۇ ‏ئېىنىق.ئۇ ئاناكسىماندېرغا ئوخشاشلا بىر ئاساسىي ماددىنىڭ بولىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلغان،بىراق ‏ئۇ بۇنى ھاۋادىن ئىبارەت ئالاھىدە ماددا دەپ قارىغان: بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى ماددىلارنىڭ ‏بىزكۆرۈپ تۇرىدىغان ھەر خىل شەكىلللىرى ھاۋانىڭ ئۇيۇشى ۋە تارقىلىشى ئارقىلىق ‏شەكىللەنگەن.دېمەك،بارلىق پەرقلەرنىڭ ھەممىسى مىقدار جەھەتتىكى پەرق ئىكەن،ئۇنداقتا مەلۇم ‏خىل ماددىنى ئاساس قىلىش ئەلۋەتتە يوللۇق.جان ھاۋادىن ھاسىل بولغان ،ئۇ بىزنىڭ ھاياتىمىزنى ‏قامدايدۇ،ئوخشاشلا دۇنيانىڭ ھاياتنىمۇ قامدايدۇ.بۇ كۆزقاراشنى كېيىن پېتاگوراسچىلار قوبۇل ‏قىلغان.ئالەمشۇناسلىق جەھەتتە ئاناكسىمېنېس يولنى خاتا ماڭغان.بەختكە يارىشا،پىتاگوراسچىلار بۇ ‏جەھەتتە ئاناكسىماندېرغا ئەگەشكەن،باشقا تەرەپلەردە ئۇلار بىردەك ئاناكسىمېنېسنى ياقلىغان،مەلۇم ‏مەندىن ئېيتقاندا،بۇنداق قىلىشمۇ ئورۇنلۇق ئىدى.ئاناكسېمېنېس مىلېتۇس ئېقىمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ‏ۋەكىلى بولۇپ،بۇ ئېقىمنىڭ بارلىق ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان.بۇنىڭدىن باشقا، دەل ئۇنىڭ ‏ئۇيۇش ۋە تارقىلىش تەلىماتى بۇ ئېقىمنىڭ دۇنيا قارىشىنى ھەقىقىي تاماملىغان.‏    
       مىلېتۇسلۇق پەيلاسوپلار خىسلەت جەھەتتە ھازىرقى ئاتالمىش مۇتەخەسىسلەرگگە ‏ئوخشىمايتتى.ئۇلار شەھەرنىڭ ئەمەلىي ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولغاچقا،بارلىق تاقابىل ‏تۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغانىدى.بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە،ئاناكسىمېنېنىڭ تەلىماتلىرى جۇغراپىيىگە ‏ئائىت بىر ئىلمىي ماقالىدە كەڭ مەنىدە بايان قىلىنغان.ئاللىقاچان يوقاپ كەتكەن بىر قىسىم ‏قەدىمكى ماقلىلەردىن بىر ماۋزۇ ساقلىنىپ قالغان بولۇپ،ئۇ«شەيئىلەرنىڭ ماددىيلىقى ‏توغرىسىدا»دەپ قويۇلغان.كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،بۇ ماقالىدە سۆزلەنگەن مەسىلىلەرنىڭ دائىرىسى ‏ناھايىتى كەڭ بولسىمۇ،بىراق ئۇنىڭدىكى مۇلاھىزە ئانچە چوڭقۇر بولمىسا كېرەك.ئېنىقكى كېيىن ‏ھېراكلىت دەل مۇشۇنداق «كۆپ خىل ئىشلار توغرىسىدىكى بىلىم»گە قارشى تۇرغان.پەلسەپىدە ‏مۇھىمى قانداق جاۋاپقا ئېرىشىش ئەمەس،بەلكى قانداق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش.بۇ جەھەتتە ‏مىلېتۇس ئېقىمى ماختىلىشقا مۇناسىپ.ھومېرنى يېتىشتۈرگەن ئىئونىيە يەنە پەن بىلەن پەلسەپىنىڭ ‏بۆشۈكى بولغان، بۇ ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس.بىز ھومېرنىڭ ئەسەرلىرىدىكى دىن ماھىيەتتە ‏ئولىمپىكچە ئىدى،دەپ ئۆتتۇق،گرىتسىيىدە كېيىمۇ شۇنداق بولغان.ئومۇمەن مىستىسىزم جەمئىيەتتە ‏كۈچلۈك ئورۇنغا ئىگە بولالمىغانلا جايدا ئىلمىي ئىدىيىلەر تېخىمۇ ئاسان ۋۇجۇتقا كېلىشى ‏مۇمكىن.گەرچە كېيىنكى خېلى كۆپ گرىك پەلسەپە ئېقىملىرىدا مىستىسىزملىق تەركىپلەر ‏بولسىمۇ،بىراق شۇنى ئەستە تۇتۇش كېرەككى،بۇ ئېقىملارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ مىلېتۇسلۇقلارنىڭ ‏پايدىسىنى كۆرگەن.‏    
        مىلېتۇس ئېقىمى ھەرقانداق دىنىي ھەرىكەتلەر بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز ئىدى.سوقراتتىن ‏بۇرۇنقى پەيلاسوپلارنىڭ گەۋدىلىك بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى،ئۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ دەۋردە ئەۋج ‏ئالغان دىنىي ئەنئەنە بىلەن چىقىشالمىغان.ھەتتا پىتاگوراسچىلارغا ئوخشاش ئېقىممۇ شۇنداق ‏ئىدى.ھالبۇكى،پىتاگوراسچىلار ماھىيەتتە دىنغا قارشى تۇرمايتتى.گرىتسىيىلىكلەرنىڭ دىنىي ئادەتلىرى ‏ئومۇمىي جەھەتتىن ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.پەيلاسوپلار ‏ئۆزىگە خاس يول تېپىپ ماڭسىلا،شۇ جاينىڭ دىنى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىدۇ،بۇ ئەجەپلىنەرلىك ‏ئەمەس.ھەرقانداق چاغدا ۋە ھەرقانداق جايدا مۇستەقىل ئىدىيىگە ئىگە كىشىلەر ئاسانلا ئېچىنىشلىق ‏قىسمەتكە قالىدۇ.‏ ئىئونىيە دېڭىز ساھىلىدىن بىر ئوق يىتىمى يىراقلىقتا ساموس ئارىلى بار ئىدى.بۇ ئارال گەرچە ‏دېڭىز ساھىلىغا ناھايىتى يېقىن بولسىمۇ،بۇ ئارالنىڭ ئەنئەنىسى بەزى مۇھىم تەرەپلەردە قۇرقلۇقتىكى ‏شەھەرلەرنىڭ ئەنئەنىلىرىدىن كونسېرۋاتىپراق ئىدى.بۇ ئارالدا بۇرۇنقى ئېگەي مەدەنىيىتى تېخىمۇ ‏زور ئىزچىللىقنى ساقلاپ قالغانىدى.تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇغاندا،ئەڭ ياخشىسى مۇشۇ ‏پەرقلەرنى ئەستە تۇتۇش كېرەك.ھومېرنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئىئونىيە بىلەن دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ‏مىلېتۇس ئېقىمى ئومۇمەن دىنغا ئانچە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغان ئەمەس،بىراق ئارال دۇنياسى ‏باشتىن ئاخىر مىستىسىزمنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ،بۇ خىل تەسىر كېيىن كرېت ‏ئاچىئانلىرى دەۋرىدىن قالغان ئورفېئۇس دىنى ئېتىقادىغا ئۇلانغان.‏  
         ئولۇمپىيە ئىلاھلىرىغا چوقۇنۇش ھەممە يەرنى قاپلىغان بولسىمۇ،بىراق ئۇنىڭ قاتتىق ‏بېكىتىلگەن دىنىي ئەھكاملىرى يوق ئىدى.ئەمما،ئورفېئۇس مىستىسىزمىنىڭ مۇقەددەس كىتاپلىرى بار ‏بولۇپ،ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ئورتاق ئېتىقات تۈپەيلىدىن ئۇيۇشقاندى.شۇڭا پەلسەپە بىر خىل ياشاش ‏شەكلىگە ۋە شەيئىلەر توغرىسىدىكى كۆزقاراشلارغا ئايلىنىپ قالغان،كېيىن بۇنى سوقرات قوبۇل ‏قىلغان.پەلسەپىدەكە بۇ خىل يېڭى روھنىڭ پېشۋاسى پىتاگوراس (‏Pythagoras‏)تۇر.ئۇ ساموس ‏ئارىلىدا تۇغۇلغان بولۇپ،ئۇنىڭ ھاياتىغا ئائىت تەپسىلىي مەلۇماتلار ئېنىق ئەمەس.ئېيتىلىشىچە،ئۇ ‏مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 532-يىلى،يەنى مۇستەبىت پولىكراتېس (‏Policrates‏) ھۆكۈمرانلىق قىلغان ‏مەزگىلدە ئەڭ جانلانغان.ئەينى چاغدا ساموس شەھىرى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى مىلېتۇس ۋە باشقا ‏شەھەرلەر بىلەن رىقابەتلىشەلىگەن بولۇپ،ئۇ شەھەرلەر مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 544-يىلى تاجاۋۇز ‏قىلغان پېرسىيىلىكلەر ساردېس شەھىرىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن شۇلارغا قارام ‏بولغانىدى.ساموسنىڭ كېمىلىرى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ ھەممە يېرىدە قاتناپ تۇرغان.پولىكراتېس بىر ‏مەزگىل مىسىر پادىشاھى ئاماسىس بىلەن يېقىن ئىتتىپاق تۈزگەن.ئېنىقكى،پىتاگوراس مىسىرغا بارغان ‏ھەمدە شۇ جايدىن ماتېماتىكا بىلىملىرىگە ئېرىشكەن،دېگەن رىۋايەت مۇشۇنىڭدىن پەيدا ‏بولغان.مەيلى قانداقلا بولمىسۇن،ئۇ پولىكراتېسنىڭ زالىم ھۆكۈمرانلىقىغا چىدىيالماي ساموستىن ‏ئايرىلىپ،جەنۇبىي ئىتالىيىدىكى گرىك شەھىرى كروتوندا ئولتۇراقلاشقان ھەمدە ئۆز جەمئىيىتىنى ‏قۇرغان.
        ئۇ كروتوندا مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 510-يىلىغىچە 20 يىل تۇرغان.بۇ ئېقىمغا قارشى بىر قېتىملىق ‏يوپىلاڭدىن كېيىن،ئۇ ئۆز ئىشىنى تاشلاپ مېتاپونتىئونغا بېرىپ زاھىدلىقتا ياشىغان،تا ۋاپات بولغۇچە ‏شۇ يەردە تۇرغان.‏     بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك،مىلېتۇسلۇقلارنىڭ نەزەرىدە پەلسەپە ناھايىتى ئەمەلىي نەرسە ‏بولۇپ،پەيلاسوپلار ئەمەلىيەتچى بولالايتتى ھەم شۇنداق ئىدى.پىتاگوراسنىڭ ئەنئەنىسىدە بۇنىڭغا ‏قارشى كۆزقاراش ئەڭ گەۋدىلىك ئورۇندا تۇرغان.بۇ يەردە پەلسەپە دۇنيۇادىن تاشقىرى بولغان ‏چوڭقۇر خىيالغا ئايلانغان.بۇ پىتاگوراسچە ياشاش پوزىتسىيىسىدىكى ئورفېئۇس مىستىسىزمىنىڭ ‏تەسىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.پىتاگوراسنىڭ پوزىتسىيىسى بويىچە،ئادەملەرنى ئۇلارنىڭ ياشاش ‏شەكلىگە ئاساسەن ئۈچ خىل تىپقا ئايرىشقا بولىدۇ.خۇددى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى كۆرگىلى ‏كېلىدىغان ئادەملەر ئۈچ خىل بولغاندەك،جەمئىيەتتىمۇ ئۈچ خخل ئادەم بولىدۇ.ئەڭ تۆۋەن ‏قاتلامدىكىلەر تىجارەت قىلغىلى كەلگەنلەر،ئىككىنچىسى مۇسابىقىگە قاتناشقىلى كەلگەنلەر،ئەڭ ‏ئاخىردىكىسى مۇسابىقە كۆرگىلى كەلگەنلەر بولۇپ،ئۇلار ئېگىزدە تۇرۇپ كۆزەتكۈچىلەردۇر.ئەڭ ‏ئاخىردىكى ئاشۇ كىشىلەرنى پەيلاسوپلارغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ.پەقەت پەيلاسوپلارچە ياشاش ‏پوزىتسىيىسى بولغاندىلا،ھاياتلىقتىكى تاسادىپىيلىقلاردىن ھالقىغىلى،سانسارادىن قۇتۇلغىلى ‏بولىدۇ.چۈنكى پىتاگوراسچىلارنىڭ گېپى بويىچە،جان توختىماي كۆچۈپ تۇرىدۇ.‏     پىتاگوراس ئەنئەنىسىنىڭ مۇشۇ تەرىپى نۇرغۇنلىغان ئاسكېتىكىزملىق ئىپتىدائىي پەرھىز ۋە ‏بەلگىلىمىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك.ياشاش ئۇسۇلىنىڭ ئۈچكە بۆلۈنىشى ئەپلاتوننىڭ «دۆلەت» ‏دېگەن ئەسىرىدە يەنە ئۇچرايدۇ،ئەمەلىيەتتە،پىتاگوراسىزمدىكى ۋە سوقراتتىن بۇرۇنقى ھەرقايسى ‏ئېقىملاردىكى بىرمۇنچە نەرسىلەرمۇ شۇنداق.دېمەك،ئەپلاتون دەسلەپكى مەزگىللەردىكى پەيلاسوپلار ‏ئوتتۇرىسىدىكى بەس-مۇنازىرىلەرنى خۇلاسىلىگەن. ‏
          يەنە بىر تەرەپتىن،پىتاگوراس ئېقىمى پەننىي ئەنئەنىنى،بولۇپمۇ ماتېماتىكا ئەنئەنىسىنى ‏ياراتقان.پىتاگوراسىزمنىڭ ھەقىقىي ۋارىسلىرى ماتېماتىكلاردۇر.گەرچە ئورفېئۇس دىنىنىڭ قايتا ‏گۈللىنىشى مىستىسىزملىق تەركىپلەرنى پەيدا قىلغان بولسىمۇ،بۇ ئېقىمنىڭ مۇشۇ پەننىي تەرىپى دىنىي ‏ئىدىيە تۈپەيلىدىن بۇرمىلانمىغان.ھەتتا ئىلمىي ياشاش شەكلىگە بولغان ئىنتىلىش دىنىي تۈس ئالغان ‏تەقدىردىمۇ،پەننىڭ ئۆزى دىنىي خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ قالسا بولمايدۇ.‏     بۇ خىل ياشاش شەكلىدە روھنى ساپلاشتۇرىدىغان كۈچلۈك تۈرتكە مۇزىكا ئىدى.پىتاگوراسنىڭ ‏مۇزىكىغا بولغان قىزىقىشى شۇنىڭدىن كەلگەن بولسا كېرەك.قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ‏پىتاگوراس ئاتالمىش ئىنتېرۋاللار ئوتتۇرىسىدىكى سانلىق مۇناسىۋەتنى بايقىغان.تەڭشەلگەن بىر تال ‏تارنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىن بېسىلسا،بۇ تارنى چەككەندە 8-ئاۋاز چىقىدۇ؛ ئوخشاشلا،ئەگەر ئۇزۇنلۇق ‏تارنىڭ تۆتتىن ئۈچىگە قىسقارتىلسا،بىز بۇنىڭدىن 4-ئاۋازغا ئېرىشىمىز؛تار ئۇزۇنلۇقىنىڭ ئۈچتىن ‏ئىككىسى بېسىلسا،بۇنىڭدىن 5-ئاۋاز چىقىدۇ.بىر 4-ئاۋاز بىلەن بىر 5-ئاۋاز قوشۇلسا بىر 8-ئاۋاز ‏بولىدۇ،يەنى‎1/2‎‏ ‏‎3/4×2/3 =‎‏ بولىدۇ.بۇنىڭ بىلەن،بۇ ئىنتېرۋاللارنىڭ ھارمونىك قاتاردىكى نىسبىتى ‏‎/3:1‎‏2:4 بولىدۇ.بەزىلەر تارنىڭ بۇ ئۈچ ئىنتېرۋالىنى ئۈچ خىل ياشاش شەكلىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ ‏دەپ قارىغان.گەرچە بۇ قارىسىغا ئېيتىلغان گەپ بولسىمۇ،لېكىن شۇنىسى شەكسىزكى،شۇنىڭدىن ‏باشلاپ چالغۇنىڭ تارى گرىك پەلسەپە ئىدىيىلىرىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان.«ھارمونىيە» ‏نۇقتىئىنەزىرى (مۇۋازىنەتلىك سىممېترىيە دېگەن مەنىدىن كەلگەن)،قارمۇ قارشىلىقنىڭ ماسلىشىشى ۋە ‏بىرلىكى ( مەسىلەن،مۇزىكىدىكى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن تۆۋەن ئاۋاز)،ئېتىكىدىكى مۇرەسسە-مادارا يولى ‏ئۇقۇمى،شۇنداقلا تۆت خىل مىزاج تەلىماتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا ‏پىتاگوراسنىڭ بايقاشلىرىدىن كەلگەن.بۇ جەھەتتە،بىز كۆپلىگەن مۇشۇ خىل ئەھۋاللارنى يەنە ‏ئەپلاتوننىڭ پەلسەپىسىدە ئۇچرىتىمىز.‏     مۇزىكا جەھەتتىكى بۇ بايقاشلار «مەۋجۇداتلارنىڭ ھەممىسى سانلاردۇر» دېگەن چۈشەنچىنى ‏كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن.شۇڭا،ئەتراپتىكى دۇنيانى چۈشىنىش ئۈچۈن مەۋجۇداتلاردىكى ‏سانلارنى تېپىپ چىقىشىمىز زۆرۈر.سانلارنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئىگىلىۋالساقلا،دۇنيانى كونترول قىلالايمىز.بۇ ‏ھەقىقەتەن ئىنتايىن مۇھىم بىر پىكىر ئىدى.گەرچە بۇ پىكىرنىڭ مۇھىملىقى گرىك دەۋرىدىن كېيىن بىر ‏مەزگىل خىرەلىشىپ قالغان بولسىمۇ،بىراق ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش مەزگىلىدە ‏كىشىلەرنىڭ قەدىمكى ماتېرىياللارغا يېڭىۋاشتىن قىزىقىشىغا ئەگىشىپ يەنە بىر قېتىم ئېتىراپ ‏قىلىنغان.بۇ پىكىر يېقىنقى زامان پەن قارىشىنىڭ گەۋدىلىك بىر ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالغان.
       بۇنىڭدىن ‏باشقا،بىز يەنە پىتاگوراسنىڭ ماتېماتىكىغا بولغان قىزىقىشىنىڭ ھەرگىزمۇ ئەمەلىي ئېھتىياجنى مۇددىئا ‏قىلمىغانلىقىنى بايقىدۇق، بۇ جەھەتتە ئۇ تۇنجى ئىدى.بۇرۇن مىسىرلىقلار بەزى ماتېماتىكا بىلىملىرىگە ‏ئىگە بولغان،بىراق بۇ ئۇلارنىڭ ئېھراملارنى ياساش ۋە يەرلەرنى ئۆلچەش ئېھتىياجى بىلەنلا ‏چەكلەنگەن.گرىكلار بۇ نەرسىنى «ئىزدىنىش ئۈچۈن»(ھېرودوتنىڭ گېپى) تەتقىق قىلىشقا ‏باشلىغان،ھالبۇكى،پىتاگوراس بۇنىڭ باشلامچىسى ئىدى.‏     ئۇ چېكىتلەرنى ياكى ئۇششاق تاشلارنى تىزىش ئارقىلىق سانلارنى ئىپادىلىگەن.بۇ ئەسلىدە بىر ‏خىل ھېسابلاش ئۇسۇلى بولۇپ،ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىپ كەلگەن.لاتىن ‏تىلىدىكى ‏calculation‏ (ھېسابلاش) دېگەن سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى «تاشلارنى تىزىش» ئىدى.‏     بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغىنى بەزى ئارفمېتىكىلىق پروگرېسسىيىلەر توغرىسىدىكى تەتقىقات ‏ئىدى.ئەگەر بىز تاشلارنى قاتار تىزساق،بىردىن باشلاپ ھەر بىر قاتاردىكى تاش بىردىن كۆپىيىپ ‏ماڭسا،بىز بىر «ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدىكى» سانلارغا ئېرىشىمىز.بۇنىڭدا بولۇپمۇ تۆت قاتاردىن تۈزۈلگەن ‏ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدىكى سانلار ئىنتايىن مۇھىم،ئۇلار ‏‎1+2+3+4=10‎‏ بولىدىغانلىقىنى ‏ئىسپاتلايدۇ.ئوخشاشلا،قاتار تىزىلغان تاق سانلارنىڭ يىغىندىسىدىن بىر «كۋادرات شەكىللىك» سانلار ‏ھاسىل بولىدۇ،قاتار تىزىلغان جۈپ سانلارنىڭ يىغىندىسىدىن بىر «تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىللىك» سانلار ‏ھاسىل بولىدۇ.‏ گېئومېترىيە جەھەتتە،پىتاگوراس: تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچ بۇلۇڭنىڭ ئىككى تىك تەرەپ ‏كۋادراتلىرىنىڭ يىغىندىسى يانتۇ تەرەپنىڭ كۋادراتىغا تەڭ بولىدۇ، دېگەن مەشھۇر تېئورېمىنى ‏بايقىغان،بىراق ئۇنىڭ بۇنى قانداق ئىسپاتلىغانلىقى بىزگە نامەلۇم.
        بۇنىڭدىن بىر ئومۇمىي ‏قانۇنىيەتنىڭ ئەمەلىي مىسالى بىلەن يۈزە ھالدا ئەمەلىي تەجرىبە قىلىش ئۇسۇلى ئوتتۇرىسىدىكى ‏ئىختىلاپنىڭ ئىسپاتلىنىشىنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.بىراق بۇ تېئورېمىنىڭ بايقىلىشى بۇ ‏ئېقىمنىڭ ئىچكى قىسمىدا زور قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان.چۈنكى بۇ تېئورېمىدىن يەنە شۇنداق يەكۈن ‏چىقىرىشقا بولىدۇكى،كۋادراتنىڭ دىئاگونالىنىڭ كۋادراتى بىر تەرەپ كۋادراتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە ‏تەڭ بولىدۇ.بىراق بىر «كۋادرات شەكىللىك» سانلارنى ئۆزئارا تەڭ بولغان ئىككى كۋادرات شەكىللىك ‏سانلارغا بۆلگىلى بولمايدۇ.شۇڭا بۇ مەسىلىنى ھازىرقى ئاتالمىش راتسىئونال سانلار ئارقىلىق ھەل ‏قىلغىلى بولمايدۇ.چۈنكى دىئاگونال بىلەن تەرەپلەرنىڭ ئۇزۇنلىقى تەڭ بولمايدۇ.بۇ مەسىلىنى ھەل ‏قىلىش ئۈچۈن،ئىرراتسىئونال سان نەزەرىيىسىنى ئىشقا سېلىشىمىز زۆرۈر.‏     بۇ نەزەرىيىنى كېيىنكى پىتاگوراسچىلار ئوتتۇرىغا قويغان.بۇ يەردىكى «ئىرراتسىئونال» دېگەن سۆز ‏ئېنىقكى ماتىكېتىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئيەپلىنىشكە تېگىشلىك بىر ئىشتىن كېلىپ ‏چىققان.ئېيتىلىشىچە،بۇ ئېقىمنىڭ بىر ئەزاسى مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقى ئۈچۈن دېڭىزدا ‏تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن.‏     دۇنيا توغرىسىدىكى نەزەرىيە جەھەتتە،پىتاگوراس بىۋاسىتە ھالدا مىلېتۇس ئېقىمىنى ئاساس ‏قىلغان ھەمدە مىلېتۇس ئېقىمىدىكىلەرنىڭ تەلىماتلىرىنى ئۆزىنىڭ سان توغرىسىدىكى نەزەرىيىسى ‏بىلەن بىرلەشتۈرگەن.يۇقىرىدا ئېيتىلغان سانلارنىڭ قاتار تىزىلىشى«چېگرا تېشى»دەپ ‏ئاتالغان،ئېنىقكى،بۇ ئۇقۇم يەر ئۆلچەشتىن ياكى «گېئومېترىيە» دېگەن سۆزنىڭ ئەسلى ‏مەنىسى(يەرنىڭ ئۆلچىمى)دىن كەلگەن.لاتىن تىلىدىكى ‏terim‏ (چېگرا ) دېگەن سۆزنىڭ ئەسلى ‏مەنىسىمۇ شۇنداق.پىتاگوراسنىڭ نەزەرىدە،چەكسىز ھاۋا بولغاچقا بىرلىكلەر بىر بىرىدىن ئايرىلىپ ‏تۇرىدۇ، بىرلىكلەر بولغاچقا چەكسىزلىكنى ئۆلچىگىلى بولىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە،چەكسىزلىك ‏قاراڭغۇلۇقتۇر،چەلىكلىك ئوتتۇر.بۇ خىل چۈشەنچىنىڭ ئاسمان بلىەن يۇلتۇزلاردىن كەلگەنلىكى ‏ئېنىق.خۇددى مىلېتۇسلۇقلارغا ئوخشاشلا،پىتاگوراسمۇ نۇرغۇن دۇنيا بار دەپ قارىغان ،بىراق،ئۇنىڭ ‏سان توغرىسىدىكى نۇقتىئىنەزىرى بويىچە بولغاندا، ئۇ دۇنيالارنى سانسىز دەپ قارىمىسا ‏كېرەك.پىتاگوراس ئاناكسىماندېرنىڭ قاراشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ،يەرنى يۇمۇلاق گەۋدە، دەپ ‏قارىغان،شۇنداقلا مىلېتۇسلۇقلارنىڭ قاينام تەلىماتىنى بىكار قىلغان.بىراق،قۇياش مەركەز تەلىماتىنى ‏كېيىن يەنە بىر ساموسلۇق ئوتتۇرىغا قويغان.‏  
         بىز كېيىن ئىدىيىلەر تەلىماتى ياكى ئومۇمىيەت ئۈستىدە توختىلىمىز.بۇ تەلىمات دەل پىتاگوراسنىڭ ‏ماتېماتىكا جەھەتتىكى قاراشلىرىنى مەنبە قىلغان.بىر ماتېماتىك ئۈچ بۇلۇڭ توغرىسىدكى بىر تېئورېمىنى ‏ئوتتۇرىغا قويغاندا،ئۇنىڭ كۆزدە تۇتقىنى ھەرگىزمۇ مەلۇم يەرگە سىزىلغان ھەر قانداق بىر شەكىل ‏ئەمەس،بەلكى ئۇنىڭ قەلبىدە ئايان بولغان مەلۇم نەرسىدۇر.دېمەك،بۇ يەردە بىلىش بىلەن ھېس ‏قىلىش ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئايرىلىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە،تۇرغۇزۇلغان تېئورېما مۇتلەق ۋە مەڭگۈ توغرا ‏بولىدۇ.پەقەت ئالدىغا بىر قەدەم چامدالسىلا،ئىدراك ئارقىلىق بىلىنگىنىلا راست، مۇكەممەل،ئەبەدىي ‏بولىدۇ،ھېس قىلىنغىنى يۈزەكى،كەمتۈك،ۋاقىتلىق بولىدۇ،دەيدىغان تەشەببۇس بارلىققا كېلەتتى.كېيىن ‏ئوتتۇرىغا چىققان بۇ تەشەببۇس پىتاگوراسىزمنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىدىن كەلگەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ‏تەسىر كېيىن پەلسەپىۋى ئىدىيىلەر بىلەن تېئولوگىيىگە ئىزچىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان.‏     بىز يەنە شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى،گەرچە پىتاگوراس ئېقىمىنىڭ ئېتىقادىدا ئورفېئۇس ‏مىستىسزمىنىڭ تەركىپلىرى بولسىمۇ،لېكىن ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئىلاھى يەنىلا ئاپوللو ئىدى.ياۋرۇپا ‏راتسىئونالىزمىنىڭ تېئولوگىيىسى بىلەن شەرق مىستىسىزمىنى ئايرىپ تۇرغىنى دەل مۇشۇ خىل ئاپوللو ‏خاھىشىدۇر. ‏                                                                   (داۋامى بار)

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 17:13:49]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.