شائىر روھىي كەسەلمۇ؟( ئالىپ ئوغۇز )

يوللىغۇچى : alipoguz يوللىغان ۋاقىت : 2008-02-06 16:59:00

شائىر روھىي كېسەلمۇ ؟ نۇر مۇھەممەت تۇرسۇن ئالىپ ئوغۇز ئاپتوردىن :ھۆرمەتلىك ئوقارمەن ! بۇ ئەسەرنى تەپسىلى ئوقۇپ دادىل تەھىل ۋە پىكىر بېرىشڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن !!! بۇ سۇئالغا تەپسىلىرەك جاۋاپ بېر...

    شائىر روھىي كېسەلمۇ ؟
    نۇر مۇھەممەت تۇرسۇن ئالىپ ئوغۇز

     ئاپتوردىن :ھۆرمەتلىك ئوقارمەن ! بۇ ئەسەرنى تەپسىلى ئوقۇپ دادىل تەھىل ۋە پىكىر بېرىشڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن !!! 

       بۇ سۇئالغا تەپسىلىرەك جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن يەنىلا روھيى ئانالىز ئىلمىغا مۇراجەت قىلىمىز . چۈنكى روھيى كېسەل دىگەن بۇ ئاتالغۇ بۇرۇن بولغان بولسىمۇ لېكىن روھيى ئانالىز ئىلمىنىڭ پەيدا بولىشى ئۇنى نەزىريەۋى ئاساسقا ئىگە قىلغان . روھيى ئانالىزچىلار ئۆزلىرى ياراتقان نەزىريەلەرنىڭ ساراڭلارغىلا ماس كېلىپ قالماي يەنە شائىر ۋە يازغۇچىلار يازغان ئەسەرلەرگىمۇ ماس كېلىدىغانلىقىنى تەكتلەشكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە روھيى ئانالىز ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى فرېئۇد ئۆزىنىڭ روھيى تەتقىقاتىنى ئاريانلارنىڭ ئەپسانە _ رىۋايەتلىرىدىن ، يۇننان تېراگېديەچىسى سوفكلېسنىڭ تېراگېدىسى << ئودىپىس شاھى >> ، شېكىسپىرنىڭ << گامىلىت >> دېراممىسى ۋە روسيە يازغۇچسى دوستۇيېۋسكنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ئۇنىڭ ھاياتىغا باغلىنىشلىق ۋەقەلەر بىلەن ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغان .
       ئاسەمنىڭ روھينى تەتقىقى قىلىش بىلەن مۇناسىۋاتلىك بولغان روھيى ئانالىز ئىلمىدىن ئىبارەت بۇ پەننىڭ يازغۇچى ۋە شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرگە بەكىرەك قىزىقىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ شۇكى يازغۇچى ۋە شائىرلار باشقىلارغا قارىغاندا ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئەستايدىل ئۆزىگە يۈزلەنگەن ھەم يۈرەكلىك ھالدا ئۆزىنىڭ ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئىچكى پالىيىتىنى تەپسىلى ئىپادىلىگەن ، لېكىن بىز شۇنى ئېسىمىزدا چىڭ تۇتىشمىز كېرەككى روھيى ئانالىز ئىلمى دىگەنلىك پەقەتلا كېلىنكىدىكى روھيى كېسەللىكنى تەتقىقى قىلىدىغان پەن دىگەنلىكى ئەمەس ، شۇنداقلا روھيى ئانالىزچىلارنىڭ بىرەر ئەسەرنى ئۆزىنىڭ نەزىريەلىرى ئارقىلىق يېشىپ بېرىشى شۇ ئەسەرنى ئىجات قىلغان يازغۇچى ياكى شائىرنى نېرۋا كېسەل ( روھيى كېسەل ) دىگەنلىك ئەمەس . چۈنكى يازغۇچى ۋە شائىرلارنىڭ تەسۋىرلەش ئوبىيكتى بىلەن روھيى ئانالىزچىلارنىڭ تەتقىقات ئوبىيكتى ئوخشاشلىققا ئىگە ، ھەر ئىككىلىسى ئادەمنىڭ ئىچكى پالىيىتىنى ئۆزىگە مەنە قىلىدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ ئىپادىلەش ۋە چۈشەندۇرۇش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ. يازغۇچى _ شائىرلار ئىچكى پالىيەتنىڭ جەريانىنى ۋە ئىچكى پالىيەت بىلەن تاشقى مۇھىيتنىڭ زىدىيىتىنى تەسۋىرلەپ بەرسە ،روھيى ئانالىزچىلار ئىچكى پالىيەتنىڭ سەۋەبىنى يەنى پەيدا بولىشىدىكى سەۋەپ_ نەتىجىنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ مەسىلەن چۈش كۆرۈش ھادىسسى .... قاتارلىقلار .
       چۈش كۆرۈشنى ئالساق چۈشنى فرېئۇد دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ئەمەس بەلكى چۈش كۆرۈش ھادىسىسىنىڭ سەۋەبىنى بىزگە شەھىرلەپ بەردى . فرېئۇد چۈش توغرلۇق بىردىن _ بىر توختالغان ئادەممۇ ئەمەس ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆتكەن تالاي شائىر ۋە يازغۇچىلار ئۆز ئەسەرلىرىدە چۈشنى تەسۋىرلىگەن . ئۇنڭدىن باشقا ھەرقانداق مىللەت ئارسىدا چۈشكە ئېتبار بېرىش ۋە ئۇنى يېشىىش ئادىتى بار . يىغىپ ئېيتقاندا روھيى ئانالىز ئىلىمى ئىنسان ئاڭ قاتلىمىنىڭ قۇرۇلمىسىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن نەزىريەۋى سېستىما .ئۇ ھەرگىزمۇ روھيى كېسەللىكنى بىردىن بىر ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبىيكتى قىلىۋالغان پەن ئەمەس ... تارختىن بېرى شەرقتە بىرەر ئىلىم ئىگىسى بىرەر نەزريەنى ئوتتۇرغا قويغان ھامان ئۇ مۇتلەق قانۇندەك كشلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىماي ، بەلكى چوقۇنغۇچىللىرىنى كۆپەيتىپ كەلدى . ھەتتا بۇ نەزىريەلەر نەچچە يۈز يىل ، نەچچە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرۈپ ئۇنى ئىجات قىلغۇچى ئەۋلىيا دەرجىسىگە كۆتۈرىلدى ، ئۇلار ئوتتۇرغا قويغان ئىدىيەلەر ئاۋۇم ئارسىدا مۇقەددەس دىنغا ئايلاندۇرلۇپ ئۇلۇغلاندى. بىراق ئوتتۇر ئاسىيالىقلاردا ۋە غەرپلىكلەردە بۇ ھالەت گەۋدىلەنمەيدۇ.
        مەسىلەن، ئوتتۇرئاسىيالىقلارنىڭ تارختىن بېرى كۆپ خىل دىنغا ئىتقات قىلغانلىقى ھەم ھەرقانداق تاشقى ھاكىمىيەتنىڭ ئۇلار تۇپىرقىدا ۋە روھيىدا ئۇزاق مەزگىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمىغانلىقى ، ئۇلارنىڭ شاللاش ۋە ئىجات قىلىش روھيىغا باي ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ . غەرپلىكلەرنىڭ پىسخىكىسى مەلۇم جەھەتتىن ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە مەسىلەن ، غەرپتە بىرەر ئەدەبىيات _ سەنئەت ئېقىمىنىڭ ھۇجۇتقا كېلىشى ياكى بىرەر پەلسەپە سىستېمىنىڭ پەيدا بولىشى ئەسىلىدە بار بولغان ئېقىم ۋە پەلسەپە قاراشلارنى ئىنكار قىلىش ھەم ئۇنىڭ يىتىسسىزلىكىنى بايقاش ياكى ئىسپاتلاش ئاساسىدا مەيدانغا كېلىدۇ . ئۇلار بىرەر پەلسەبە سىستېمىنى ياكى نەزەريەۋى چۈشەنچىنى مەڭگۈ ئۆزگەرمەس قانۇن دەپ قارىمىغان . شۇڭلاشقىمىكىن غەرپ پەلسەپە ۋە ئەدەبىيات _ سەنئەت ئېقىمىلىرىنىڭ پۇتمەس بولىقىغا ھەم يېڭى بايقاشلارنىڭ بۆشۈكىگە ئايلانغان . شاللاش ۋە ئىجات قىلىش روھيىغا باي غەرپلىكلەرنىڭ كۆزىدىن فرۇېدمۇ قېچىپ قۇتۇلالامىدى ، ئۇنىڭ نەزىريەلىرىنىڭ يېتەرسىزلىكى ئۆز زامانىسىنىڭ روھيى ئانالىزچىللىرى ۋە پەيلاسوپلىرى شۇنداقلا كېيىنىكى روھيى ئانالىزچىلار ۋە پەيلاسوپلار تەرپىدىن تېزلا بايقىۋىلىندى ، بۇ سەۋەپلىك روھيى ئانالىز ئىلمى تېخىمۇ كۆپ قىرلىشىپ ھەتتا نۇرغۇن ئېقىملارغا پارچىلىنىپ كەتتى . مەن ماقالەمنىڭ تېمىسىدىن چەتنەپ كەتمەسلىك ئۈچۈن فروېدنىڭ نەزىريەلىرىنىڭ يىتەرسىزلىكىنى ئىسپاتلىغان پەيلاسوپ ۋە روھيى ئانالىزچىلارنىڭ نامىنى ۋە ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىشنى كىتاپخانلارغا قالدۇرىمەن . پەقەت شائىر روھيى كېسەلمۇ دىگەن سۇئالنى تېخمۇ يورتۇپ بېرش ئۈچۈن فروېدنىڭ دوستويېۋسكىگە بەرگەن باھاسى بىلەن چەكلىنىمەن .
        فىروئېد << دوستيېۋېسكى ۋە ئاتىسدىن قىساس ئالغۇچى >> (1)دىگەن ئەسىرىدە نىتچەدىن (2) ئىبارەت ياۋرۇپانى زېلزىلگە سالغان ، بىر ئۆمۈر ئۆزلۈك ئېڭىنى ، ئۆز _ ئۆزىگە خۇجا بولۇشنى ، شۇنداقلا قىزغىن ھالدا ئۆزلۈكنى مۈكەممەللەشتۇرۇشكە كشلەرنى بار ئاۋازدا چاقىرغان پەيلاسوپنىڭ چوقۇنىشىغا ئېرشكەن دوستيېۋېسكىنى ( 3):<<دوستيېۋېسكىنىڭ تۇتقاقلىقى ئۇنىڭ روھيى كېسەل ئىكەنلىكىنىڭ مۇھىم بەلگىسى ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ھاياتى ۋە خاراكتىرىدىكى ئاساسلىق تەرەپ ،>> دەپ كۆرسەتتى. (4) ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا :<< ئۇنىڭ تۇتقاقلىقىنى كەيپىيات كەلتۈرۈپ چىقارغان ،شۇڭا نېرۋا كېسەللىك ئۇنىڭغا نىسپەتەن ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئىگە بولۇپ قالماي ئۇنىڭ غېرپلىقىدىن قۇتۇلۇشىنىڭ ۋاستىسى ،>> (5)دەپ قارىدى . فروېد بۇ يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت ئەمگىگىنى ۋە ھاياتى پالىيىتىنى << روھيى كېسەل>>لىككە ، << جىنىسى ئىستەك >>كە ، << ئۆدىپوپس كوپلېكسى>> (6) غا باغلاپ چۈشەندۈردى . فروېدتنىڭ قولۇغۇچىسى بولغان روھيى ئانالىزچى ئېلزابىت دوردۇن<< ئېسكىيى ۋە تۇتقاقلىق>> (7) دىگەن ماقالىسىدا :<< تۇتقاقلىق دوستيېۋېسكىنىڭ ئەسەرلىرىگە نىسپىتەن مۇھىم ۋە ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان . دوستيېۋېسكى بىر ئۆمۈر ئۆزىنىڭ تۇتقاقلىقى جەريانىدا روي بەرگەن مىستىزمچىلار ۋە باخشىلارنىڭ خىيالىغا ئوخشاپ كېتىدىغان سىرلىق كەچۈرمىشلىرىنى ئىپادىلىگەن ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى روھيى كېسەللىك ئۈستىدىكى ئىزلىنىشتىن ئىبارەت ،>> (8) دەپ يازىدۇ . ئۇ بۇ ماقالىسىدە يەنە :<< كېسەل قوزغالغان ۋاقىتتىكى قىسقىغىنە ۋاقىت دوستيېۇۋېسكىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئاشۇنداق پۈتمەس سىرلىقلىققا ئىگە قىلدى ،>> (9) دەپ تەكىتلەيدۇ . ھەتتا << گومۇش >>(10) رومانىدىكى پىرسۇناج پۇلاڭلاتقان شەمشەرنى جىنىسى ئەزانىڭ سېموۋۇلىغا ئوخشاتتى . ئۇنداقتا دوستيېۇۋېسكى راستىنلا فروېد ۋە ئىلزابىت دوردۇن بايان قىلغاندەك روھيى كېسەلمۇ ؟ ئۇ روھيى كېسەلى قوزغالغاندىكى جۆلۈشلىرىنى ۋە قالايمىقان خىياللىرىنى ئەسەر قىلىپ يېزىپ چىقتىمۇ ؟ ياكى بولىمسا ئۇ جىنىسى ئىستىكىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندىمۇ. بىز دوستيېۇۋېسكىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەھىل قىلغىنىمىزدا يوقاردىكى سۇئاللارنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بايقايمىز .
       دوستيېۇۋېسكى << گومۇش >> رومانىدىكى ئاساسلىق پىرسۇناج ئېسكىيى بىلەن لوگۇسنى ھەرگىزمۇ ھوشىدىن كەتكەندە كۆرگەن كۆرنۈشلەردىن تېرىۋالغان قەھىرمانلار بولماستىن بەلكى دوستيېۇۋېسكىنىڭ ئىدىيەسىدىكى ئىككى خىل ئاڭ ئوتتۇرسىدىكى كۆرەشنىڭ مەھسۇلى . روماندىكى پىرسۇناج ئېسكىيى روسسيە دىننى ئەخلاقىنىڭ نەمۇنىسى ، لوگۇس ئۇنىڭ قارشىسىدا تۇرغۇچى . ئېسكىيىنىڭ مېھرىۋانلىقى ھامان پاجە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ ، چۈنكى روسسيە دىننى ئەخلاقى ئۆز _ ئۆزىنى ئىنكار قىلىش ئاساسىغا قۇرۇلغان . لوگۇس بولسا روسسيە دىننيى ئەخلاقى بىلەن ماسلىشالماۋاتقان ھەم ئېسكىيىنىڭ ھالاكىتىنى تېزلىتىۋاتقان دوستيېۇۋېسكىنىڭ ئۆزلۈك ئېڭى . بۇ ئىككى شەخىس دەل بىر تەننىڭ ئىككىگە بۆلۈنىشى ، ئىنسان خاراكتىرىدىكى << ئىككى ياقىلىمىلىق خاراكتىر >>(11) . مۇنداقچە ئېيتقاندا يېڭى بىر ئەخلاق بىلەن باشقا بىر ئەخلاقنىڭ توقۇنىشى ۋە ئۆز _ ئارا تەسىر كۆرسىتىشى . ئېسكىيىنىڭ يېڭى يەنى يازغۇچىنىڭ ئۆزلۈك ئەخلاقىنى ئىتاراپ قىلماسلىقى بۇدەل ئۇنىڭ گومۇشلىقى . بۇ يەردە روي بېرىۋاتقان كۆرەش ئىنسان روھيىنىڭ سىرلىق ۋە مۇقەددەس كۈچى بىلەن تاشقى ئىرادىنىڭ سۈركىلىشىدۇر، شۇنداقلا << گومۇش >> رومانىنىڭ ئاساسلىق ئىدىيەسىدۇر . دوستيېۇۋېسكى رومانلىرىدىكى پىرسۇناجلاردا خۇددى ئېنجىل ھېكايىللىرىدا تەسۋىرلەنگەن ئادەم بىلەن شەيتان ئوتتۇرسىدىكى ئۈزۈلمەس سۈركۈلىشكە ئوخشاپ كېتىدىغان ھادىسە ھەر ۋاقىت يۈز بېرىپ تۇرىدۇ . بۇ خىل ھالەت ئۇنىڭ رومانلىرىنى تېخىمۇ پەلسەپىۋىلىككە ۋە مۈرەككەپلككە ئىگە قىلغان .دوستيېۇۋېسكى << جىنايەت ۋە جازا >> (12) دىگەن رومانىدا ، پىرسۇناجلار تىلى ئارقىلىق :<< ئۇلار ئادەملەردە شەخسىيەتچىلىك بولىمسا شۇنچە كامالەتكە يېتىدۇ دەيدۇ . بىر ئادەم قانچە ئۆزىگە ئوخشىمىسا شۇنچە ياخشى بولارمىش ، بۇنى ئۇلار زور ئىلگىرلەش دەپ قارايدۇ ، بۇ تولىمۇ بىمەنىلىك . ئۆز ئەقىل بىلەن ئاغزىغا كەلگەنى دىيىش باشقىلارنىڭ ئەقلى بىلەن راس گەپ قىلغاندىن ياخشىراق ، >> (13) دىسە . يەنە بىر يېرىدە :<< ئادەملەر ئىككى خىلغا بولىنىدۇ ، ئۇلار ئادەتتىكى ماتىرياللار ۋە ئالاھىدە ماتىرياللار . بىرىنچى خىلدىكىلەر ئۆزىگە ئوخشاشلارنى ئاۋۇتۇشنىڭ ماتىريالى ، ئۇلار مۈتەسىپ كېلىدۇ، قايدە _ پىرىنىسىپلارغا قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ ھەم ئىتائەتمەن كېلىدۇ. بۇلار شۇنداق بولىشى كېرەك ... ئىككىنچى خىلدىكىلەر قانۇننى كۆزگە ئىلمايدۇ يەنى ئەخلەت _ چاۋالار ئۈچۈن قانۇن تۆزىدۇ ،>> (14) دەپ بايان قىلىدۇ . مانا بۇلاردىن ئېنىق كۆرىۋالىمىزكى دوستيېۇۋېسكى ھەرگىزمۇ نېرۋا كېسەل بولۇپ قالايمىقان جۆلىگەن ئەەەس ،ئەكسىچە ئىچكى ئۆزلۈكنىڭ مۇستەققىل پەرۋازىنى ۋە مۇكەممەللىكىنى تەكىتلىگەن .
        شۇڭلاشقىمىكىن بۈيۈك پەيلاسوپ نىتچە :<< ئۇنىڭدىن ھەممنى تاپقىنى بولىدىغان بىردىن _ بىر پىسىخولوگ>> دەپ دوستيېۇۋېسكىغا ئاپىرىن ئوقىغان ھەم ئۇنى ئۇستاز بىلگەن . بۈيۈك سېموۋۇلىزمچى شائىر بودېلىرنى (15) روھيى ئانالىزچىلار روھيى كېسەللىككە ئوخشىغان ئازاپ ئىچىدىن گۈزەللىكنى ۋە كۈچ _ قۇدىرەتنى بايقىدى دەپ قارىدى . تۇغما شائىرمىز ۋە خەلق قوشاقچىمىز نوزۇگۇمنى ئەينى دەۋىر قارا كۈچلىرى توپىلاڭچى ، بۆلگۈنچى ، ئوغرى ، غايىنغا چىقىرىپ ، ئۇنى نومۇسسىزلارچە غارلىدى ھەم ئۇنى رەھىمسىزلەرچە دارغا ئاستى . بودېلىر ۋە نوزۇگۇم ... قاتارلىق شائىرلار ئىنسانىيەتنىڭ ھەقىقەت ئاسمىنىنى يورتۇش ئۈچۈن كەلگەن يالقۇنلۇق قوياشلار، شۇنداقلا ھەقىقى ئۆزلۈك شائىرلىرى . بودېلىر كېسەللەنگەن مۇھىتنى ئۆزىنىڭ شېئىرللىرى ئارقىلىق ئىپادىلىدى . ئۇ روھيى كېسەل ئەمەس دەل ئۇ ياشاۋاتقان مۇھىيت ۋە كشلەر كېسەل ئىدى . ئۇنىڭ ئىنسانغا بولغان شەيتانلارچە مەسخىرسىنىڭ كېينىدە ئىنسانىيەتكە بولغان چەكسىز مۇھەببەت بار ئىدى . ئۇ چۈشكۈنلەشكەن مۇھىيتنىڭ پاتقىقىغا بېلىچە پېتىپ تۇرۇپ ، قىرغاقتىكى كشلەرگە ھەقىقەتنىڭ ئۇمىت دەستىسنى ھەدىھيە قىلدى .... نوزۇگۇم قىسقىغىنە ھاياتىنى ئىنسانغا بولغان چەكسىزسۆيگۈسى ۋە ئەركىنلىككە بولغان تەشنالىقى بىلەن مەڭگۈلىككە ئىگە قىلدى . ئۇ ساراڭ ياكى ئوغىرلارنىڭ شايكىسى بولغان بولسا :<< غەم _ غۇسسىگە باش ئەگمە ، ئەلنى باسقان تۈن كېتەر . ئوت قوياشتەك نۇر چاقناپ ، بىزنى پارلاق كۈن كۈتەر .>> (16) دەپ چوقان سالمايتى ، بىز بىر قىسىم چولتا كشلەرنىڭ ۋە يامان غەرەزگە تويۇنغان ھۆكۈم شۇناسلارنىڭ شائىر ۋە يازغۇچىلارغا بەرگەن ئەقىلگە مۇۋاپىق بولمىغان باھالىرىنى راس دەپ قارىساق ، ئۇنداقتا ئەدەبىيات _ سەنئەت ساھەسىدىكى بارلىق كشلەر روھيى كېسەل ،تارختىن بويان يېزلىغان ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق ئەدەبىيات مىراسلىرى ،مەدەنىيەت ئۇتۇقلىرى روھيى كېسەللىكنىڭ مەھسۇلى دىگەن خۇلاسە كېلىپ چىقىدۇ . ئەگەر بىز تۇرمۇشتىكى بارلىق ئۇتۇق ۋە مەغلۇبىيەتلەرنى روھيى كېسەللىك بىلەن چۈشەندۈرسەك ياكى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىشلارنى روھيى كېسەللىك كاتورىگىيەسىگە مەجبۇرى سۆرەپ ئېلىپ كىرسەك ، ئۇنداقتا ھەممىمىز نورمال ئادەم ئەەمس بولۇپ چىقىمىز .
        بىز ئاز قىسىم تەھىل شۇناسلارنىڭ يازغۇچى ۋە شائىرلارغا ماس كەلمىگەن باھاسىنى ياكى يازغۇچ ۋە شائىرلارغا بولغان تەسۋىرلىرىنى ئوقۇغىنىمىزدا شۇنى ئېسىمىزدا چىڭ تۇتىشىمىز كېرەككى ، ئۇلارنىڭ كەسپى ئۇنداق ياكى بۇنداق شەكىللەر بىلەن ئۆزىدىن ئامال بار ئۆزىنى ئېلىپ قېچىش ، يەنى سىرلىق ئىچكى تەجىربىللىرىنى يوشۇرۇش . ئۇلار غۇددى جەننەتكە كىرشكە تەشنا بولغان بولسىمۇ لېكىن جەننەتنىڭ مەۋجۇتلىقى ھەققىدىكى ۋەھىلەرنى ئېلىپ كەلگەن كشلەرنى يالغانچىغا چىقىرىۋىتىدىغان نادانلارغا ئوخشايدۇ . ئازغۇچى ۋە شائىرلارنىڭ خىزمىتى ئۇلارنىڭ ئېڭىدىكى ماھىيەتلەرنى سىموۋۇللاشقان تىل بىلەن ئىپادىلەش ۋە ئۇلارغا كۆرسۈتۈپ بېرىش . بىر سۆزنىڭ كەينىگە تالاي بېشارەت ۋە تارخ يوشۇرنغان بولىدۇ، بىر سۆز بىر شەخسنىڭ ،بىر مىللەتنىڭ ئىدىيە ۋە تەپەككۈرنىڭ شۇنداقلا غايە _ ئىستەكلىرىنىڭ روشەن كارتىنىسى ، گەپ بىزنىڭ ئۇنى قانداق قوبۇل قىلىشىمىزدا . شائىر دەل تىل قاتلىمى ئارقىلىق روھيى ئالەمگە پەرۋاز قىلغۇچى يەنى تىل ئارقىلىق ئىنساننىڭ ئۆزلۈك ئالىمىدىكى پالىيىتىنى ۋە ئۇندىكى ھەقىقەتلەرنى دۇنياغا ئاشكارلىغۇچى شۇنداقلا ئۇنىڭدىن مەستخۇش بولغۇچى . بىز ئۈزلۈكسىز شائىر ۋە يازغۇچىلار تەلپۇنگەن روھيى پەرۋازدىن قاچىمىز يەنى ئۆزىمىزدىن _ ئۆزىمىز ھۆركۈيمىز ، شۇلاشقىمىكىن كۆپ قىسمىمىز قەستەنگە ئۆزىمىزدىكى سىرلىق ئاۋازلارنى ئۇنتۇشقا تىرشىمىز . لېكىن بىز ئۇنىڭدىن مەڭگۈ قېچىپ قۇتۇلالامايمىز ، چۈنكى ئىنساننىڭ ئىستەكلىرى ھامان ئۇنى ئۆزىگە يۈزلەندۈرۈپ تورىدۇ . << روھيى باي ئادەملەر گوي رېجىستىيوۋا كېچىسدىكى ئىللىق ۋە خۇشاللققا تولغان ئۆيگە ئوخشايدۇ ، بىراق سىرتنى قار- مۇز ۋە زېمستاننىڭ شىۋرغانلىق زۈلمىتى قاپلىغان >> (17).
        تارىختىن بېرى ئاۋۇم كۆنۈپ قالغان مەلۇم ئەنئەنۋى قاراش ۋە ئادەتتىن سەللا ھالقىپ ئۆتۈپ كەتكۈچىلەر باشقىلار تەرپىدىن ساراڭغا چىقىرۋىتىلىش بىلەن تەڭ قاتتىق زەربىگە ئۇچىراپ كەلدى مەسىلەن ، مەسىھ ، بىرونى ، كولومبو ، سىماچەن ، ئابدۇقادىر داموللا ، مەنسۇر ھەلاجى ... قاتارلىق شەخىسلەرنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرى بۇنىڭ تىپىك كارتىنىسدۇر ھەم ئىنسانلارنىڭ روھيدا ساقلىنىۋاتقان يىتسسىزلىكنىڭ گەۋدىلىنىشدۇر . يىغىپ ئېيتقاندا بۇ خىل قىلمىش ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىلسىزلىكى شۇنداقلا بىر پاجەسى .
    ھېكايەت :
        1873_يىلى فىرانسىيە ئىنقىلاپچىللىرى توپىلاڭ كۆتۈرۈپ ئوردىغا بېسىپ كىرگەندە ، مۇنداق بىر قىززىقارلىق مەنزىرنى كۆرۈپ ھاڭتاڭ قالغان . فىرانسىيە پادىشاھيى لويىس16ئاللا بۇرۇن تەخىتتىن چۈشۈپ باشقا دۆلەتكە سەرگەردان بولۇپ قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ ، لېكىن ئوردىدىكى چاكارلار پادىشاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھېلىمۇ مەۋجۇتتەك تەخىت ئالدىدا يۆكۈنۈپ ئولتۇرۇشقان ... 
        بۇ يەردا زادى كىم ساراڭ ؟ ئەركىنلىكنى قولغا ئالغۇچى فىرانسىيە ئىنقىلاپچىلىرىمۇ ياكى پادىشاھنىڭ ئىرادىسىنى مەيلى ئۇ ھايات بولسۇن ياكى ئۆلۈك بولسۇن ئىتىراپ قىلغۇچى چاكارلارمۇ ؟ مېنىڭچە چاكارلارنىڭ نەزىرىدە ئىنقىلاپچىلار ساتقۇن ، ئەخلاقسىز ،ۋە ساراڭ ... ئىنقىلاپچىلارنىڭ نەزىرىدە چاكارلار بىچارە ۋە ئۆزىنىڭ قەدىر _ قىممىتىنى يوقاتقۇچى ... ئىنساننىڭ قۇل ياكى ئەركىن بولىشى ئۆزىگە باغلىق ،پەيىت كەلسە ئادەتتىكى ئىنسانمۇ پادىشاھ بولالايدۇ . بۇ يەردىكى قىيىن مەسىلە ئىنساننىڭ ئۆزىنى قانداق تونىشىدا ھەم مەۋجۇتلىقىنى قانداق ئىسپاتلىشىدا . يۇقارقىلارنى خۇلاسىلىغاندا ئىنسانىڭ روھيى ئالىمىدىكى ھەقىقەتلەرنى ۋە ئەركىنلىككە بولغان چەكسىز تەلپۈنىشلىرىنى ئىپادىلەپ بەرگۈچى شائىر ۋە يازغۇچىلار بىر قىسىم كشلەر دىگەندەك ئەخماق ياكى روھيى كېسەل ئەمەس بەلكى ئەڭ ساغلام كشلەردۇر . ساغلام ئەمەس كشلەر دەل ناددىي نىمەتلەرگە ئېرىشش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر پالاقشىيدىغان شۇنداقلا بارلىق بەخىتنى تاشقى نەرسىلەردىن ئىزلەيدىغان روھيى قۇرۇق كشلەردۇر .دىمىسىمۇ جەمىيىتىمىزدە روي بېرىۋاتقان زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ،پارخورلۇق قىلىش ، نومىسىنى سېتىش ، ، ئاتا _ ئانىسىنى خارلاش ، قارغۇلارچە يات مىللەتنىڭ ئەنئەنىسىنى دوراش ، قەستەنگە ياخشلارغا شايكا توپلاپ ھۇجۇم قىلىش ، توپلۇشۇپ قۇرۇق گەپ سېتىش ، ھەشەمەتچىلىك قىلىش ، بىلىمىنى كۆز _ كۆز قىلىش ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى بۇزۇش ...قاتارلىق مەنىۋى كىرزىس ۋە روھيى كېسەللىكلەر شائىر ۋە يازغۇچىلاردىن ئەمەس بەلكى جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم نوپوزلۇق كشلەردىن ، ماددىي نەرسىلەرگە جانجەھلى بىلەن بېرىلگەن بىر قىسىم چۈشكۈنلەشكەن كىشلەردىن چىقىۋاتىدۇ .
       شۇڭا بىز كېسىپ ئېيتالايمىزكى شائىر ۋە يازغۇچىلار روھيى كېسەل ئەمەس . بۇ ئىلىم ساھەسىدە ئاللا بۇرۇن ئىسپاتلانغان . پىسىخلوگلارنىڭ ھۆكۈمىگە ئاساسلانغاندا روھيى كېسەللەر ئىپادىلىگەن جىددىلىشىش ۋە تەڭپۇڭلىقىنى يوقۇتۇش ... قاتارلىق بىر قاتار پىسىخىكلىق ھادىسلەر يازغۇچى ۋە شائىرلاردا زادى كۆرۈلمىگەن ، ئۇلار ئىجادىيەت جەريانىدا نورمال كشلەردىنمۇ بەتەر نورمال بولغان خاراكتىرگە ئىگە بولغان . دىمەك بۇنىڭدىن شونى كۆرىۋالىمىزكى شائىر ۋە يازغۇچىلار بىزگە ئوخشاش نورمال ئىنسان . ھەرقانداق ئادەمدە خىيال ۋە تەسەۋۋۇر قىلىش ھەم چۈش كۆرۈش شۇنداقلا ئۆزلۈكنى ئايان قىلىش ، ئەركىنلىككە تەلپۈنۈش، غورورىنى قوغداش ، كەلگۈسىدىكى گۈزەل دۇنياغا ئىنتىلىش ئىقتىدارى بولىدۇ . يۇقاردىكى ئىنسان غايىللىرىنى( روھيى ئىستەكلەرنى ) كامالەتكە يەتكۈزۈپ ئىپادىلەپ بېرىش پەقەت شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ . شۇڭلاشقا بىز ھەممە ئىنسانغا ئورتاق بولغان ، ئىنساننىڭ نازۇك ئىچكى پالىيىتىنى ئىپادىلىگۈچىلەرنى روھيى كېسەل دىسەك ئۇنداقتا ئۆزىمىزنى ھاقارەتلىگەن بولىمىز . بىز يەنى بىر كشىنىڭ كەمتۈكلىكى ياكى كېسەل ئىكەنلىگىنى بانا قىلىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنپ شەخىسنىڭ ئەقلى كۈچى ۋە تالانتىغا ھۆكۈم قىلماسلىقىمىز لازىم ، شۇنداقلا روھيى كېسەللىك يازغۇچى ۋە شائىرلارنىڭ ئىجادىيىتىنڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ ئېنىرگىيەسى دەيدىغان نا مۇۋاپىق چۈشەنچىدىن ساقلىنىشىمىز لازىم .
       تارىخنى ۋاراقلىساق كۆپ قىسىم شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت ئېنىرگىيە مەنبەسىنىڭ تۈپتۈن ئوخشىماسلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقايمىز .مەسىلەن ، سادىر پەلۋان قوشاقلىرىدىكى مۇڭ ۋە غەزەپ تەبىئەتنىڭ ئەركىن روھيىغا بولغان تەلپۈنىشنى ۋە چىركلەشكەن ھاكىمىيەتكە بولغان فىجدانى غەزەپ _ نەپىرەتنى ئۆزىگە ئېنىرگىيە قىلغان . پوشكىننىڭ شېئىرللىرىدىكى ئېنىرگىيەنىڭ مەنبەسى ئەينى دەۋىر ھاكىمىيىتىگە بولغان نارازىلىقتىن ۋە روسلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان مىللىلىكىدىن كەلگەن ، شۇڭلاشقا دۇنيا خەلقى پوشكىنغا <<روسلارنىڭ مىللى شائىرى >> دىگەن شەرەپلىك نامنى بەرگەن . ماكسىم گوركىنىڭ ئىجادىيەت ئېنىرگىيەسى ماركىسىسمغا بولغان چەكسىز مۇھەببىتىدىن كەلگەن . فىرانىسىيە يازغۇچىسى زولانىڭ ئىجادىيەت ئېنىرگىيەسى ئېرسىيەت ئىلمىگە بولغان ئىخلاسىدىن كەلگەن ،شۇڭلاشقا ئۇنىڭ رومانلىرىدا ئېرسى ئامىللنىڭ قۇدرتى بەك تەكىتلىنىدۇھەم پىرسۇناجلارنىڭ تەقدىرىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. دارۋېننىڭ ( پەيلاسوپ) ئىجادىيەت ئېنىرگىيەسى ئىلاھنىڭ مەۋجۇتلىقىغا بولغان گومانلىشىدىن كەلگەن .
        ۋىجدانلىق شائىرمىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرللىرىدىكى ئېنىرگىيە ئۆز مىللىتنىڭ ئىستقپالىغا بولغان چەكسىز ئەنسىرەشتىن كەلگەن ... يوقارقىلاردىن شۇنى چۈشىنىۋالىمىزكى شائىر ۋە يازغۇچىلار روھيى كېسەللىكنى ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ئېنىرگىيەسى قىلمىغان بەكى كېسەللەنگەن كشىلەرنىڭ روھيى جەھەتتىن تىرىلىشىگە كۈچ چىقارغان . ئۇلار ئۆز دەۋرىدىن ھالقىپ كەتكۈچىلەر ۋە بىر قەۋۇمنىڭ ھەتتا ئىنسانىيەتنىڭ ئالدىدا مەشئەل يېقىپ ماڭغۇچىلارھەم ئۇلارنىڭ ئىلگىرلەش يولىدىكى توساقلارغا دادىللىق بىلەن يۈزلەنگۈچىلەر .ئەگەر بىز روھيى كېسەللىك بىلەن تالانت ۋە ئىجادىيەت ئەمگىگىنى باغلىۋالساق ئۇنداقتا، ئىنسانىيەتنىڭ تارختىن بېرى ياراتقان شانلىق مەدەنىيىتى ۋە ھاياتلىق ھەققىدىكى ھەققانى چۈشەنچىللىرى ساراڭلار دوختۇرخانىسىدىكى ئەھمىيەتسىز دىياگونۇز قەغىزىگە ئايلىنىپ قالىدۇ .
       (1) لى سي نەشىرگە تەييارلىغان << چەتئەل روھيى ئانالىز ئىلمىگە ئايىت ئەدەبىيات_ سەنئەت ماقالىلىرى >> ( خەنزۇچە) كىتاپ ، ئەنخۇي ئەدەبىيات _ سەنئەت نەشىرياتى 200_يىل ، 240_ بەت( ئامېركىلىق پىسىخلوگ( ئىلزابىت دوردۇننىڭ _ << ئېسكىينىڭ تۇتقاقلىق كېسلى >>دىگەن ماقالىسىگە قارالسۇن ) .
    (2)،فردېرخ نېتزشي ( 1844_1900) گېرمانىيەلىك پەيلاسوپ ، ھوقوق ئىرادىسىنىڭ ئىجاتچىسى.
    (3)،دوستويېۋسكى (1821_1881) روسىيەنىڭ دۇنياۋى يازغۇچىسى .
    (4)، لى سي نەشىرگە تەييارلىغان << چەتئەل روھيى ئانالىز ئىلمىگە ئايىت ئەدەبىيات_ سەنئەت ماقالىلىرى >> ( خەنزۇچە) كىتاپ ، ئەنخۇي ئەدەبىيات _ سەنئەت نەشىرياتى 200_يىل ، 243_ بەت( ئامېركىلىق پىسىخلوگ( ئىلزابىت دوردۇننىڭ _ << ئېسكىينىڭ تۇتقاقلىق كېسلى >>دىگەن ماقالىسىگە قارالسۇن ) .
    (5) ،لى سي نەشىرگە تەييارلىغان << چەتئەل روھيى ئانالىز ئىلمىگە ئايىت ئەدەبىيات_ سەنئەت ماقالىلىرى >> ( خەنزۇچە) كىتاپ ، ئەنخۇي ئەدەبىيات _ سەنئەت نەشىرياتى 200_يىل ، 245_ بەت( ئامېركىلىق پىسىخلوگ( ئىلزابىت دوردۇننىڭ _ << ئېسكىينىڭ تۇتقاقلىق كېسلى >>دىگەن ماقالىسىگە قارالسۇن )
    (6)، روھيى ئانالىز ئىلمىدىكى پەنى ئاتالغۇ بولۇپ ، بالىنىڭ ئاتسىغا بولغان دۈشمەنلىك ھالىتى .
    (7)،،لى سي نەشىرگە تەييارلىغان << چەتئەل روھيى ئانالىز ئىلمىگە ئايىت ئەدەبىيات_ سەنئەت ماقالىلىرى >> ( خەنزۇچە) كىتاپ ، ئەنخۇي ئەدەبىيات _ سەنئەت نەشىرياتى 200_يىل ، 240_ بەت( ئامېركىلىق پىسىخلوگ( ئىلزابىت دوردۇننىڭ _ << ئېسكىينىڭ تۇتقاقلىق كېسلى >>دىگەن ماقالىسى .
    (8)،،لى سي نەشىرگە تەييارلىغان << چەتئەل روھيى ئانالىز ئىلمىگە ئايىت ئەدەبىيات_ سەنئەت ماقالىلىرى >> ( خەنزۇچە) كىتاپ ، ئەنخۇي ئەدەبىيات _ سەنئەت نەشىرياتى 200_يىل ، 246_ بەت( ئامېركىلىق پىسىخلوگ( ئىلزابىت دوردۇننىڭ _ << ئېسكىينىڭ تۇتقاقلىق كېسلى >>دىگەن ماقالىسىگە قارالسۇن .
    (9)،،لى سي نەشىرگە تەييارلىغان << چەتئەل روھيى ئانالىز ئىلمىگە ئايىت ئەدەبىيات_ سەنئەت ماقالىلىرى >> ( خەنزۇچە) كىتاپ ، ئەنخۇي ئەدەبىيات _ سەنئەت نەشىرياتى 200_يىل ، 246_ بەت( ئامېركىلىق پىسىخلوگ( ئىلزابىت دوردۇننىڭ _ << ئېسكىينىڭ تۇتقاقلىق كېسلى >>دىگەن ماقالىسىگە قارالسۇن .
    (10)، دوستيوۋېسكى يازغان رومننىڭ نامى .
    (11)،ئەدبىي ئەسەرلەردىكى پىرسۇجاقلارنىڭ ئىككى ياقلمىلىق خاراكتىرى بولۇپ ،بۇ غەرىپ رومانچىلقىدىكى مۇھىم ئىپادىلەش ئۇسۇلىدۇر . ئاددى تىلدا ئېيتقاندا پىرسۇناجنىڭ زىدىيەتلىك روھيىنىڭ ئەينەن ئىپادىلىنىشى .
    (12)،دوستيوۋېسكى يازغان رومننىڭ نامى
    (13)،دوستيوۋېسكى يازغان رومان << جىنايەت ۋە جازا >> غا قارالسۇن .
    (14)،دوستيوۋېسكى يازغان رومان<< جىنايەت ۋە جازا >>غا قارالسۇن .
    (15)،بودېلىر (1821_1867)سىموۋۇلۇزىمنىڭ ئىجاتچىسى ، فىرانسيەلىك بۈيۈك شائىر .
    (16)،ئابدۇكېرىم راخمان : << ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى >> ،20- بەت . (17)،لسۇ خۇ نەشىرگە تەيارلىغان << شوپېنخاۋىرنىڭ ئەقىل پاراسىتى >> ( خەنزۇچە ) كىتاپ ، جۇڭگو كىنو نەشىرياتى ،2005- يىل 115_ بەت

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-18 9:39:14]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.