تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتى

يوللىغۇچى : rukiya يوللىغان ۋاقىت : 2014-11-17 19:32:10

تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتى بەخت ئىزدەش ئىكەنلىكىدە شەك يوق. ئادەم نېمىنى ئارزۇ قىلسا، شۇنىڭغا ئېرىشەلەيدۇ، ئادەم ئۆزىنىڭ ھايۋانىي جىسمىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان قانۇنىيەتنى ئۆز ھاياتىنىڭ قانۇنىيىتى دەپ قارىغىنىدا، ئۆلۈم ۋە ئازاب شەكلى بىلەن ئىپادىلەنگەن

    تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتى
    ل.تولىستوي [رۇسىيە]
    ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى
    تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتى بەخت ئىزدەش ئىكەنلىكىدە شەك يوق. ئادەم نېمىنى ئارزۇ قىلسا، شۇنىڭغا ئېرىشەلەيدۇ، ئادەم ئۆزىنىڭ ھايۋانىي جىسمىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان قانۇنىيەتنى ئۆز ھاياتىنىڭ قانۇنىيىتى دەپ قارىغىنىدا، ئۆلۈم ۋە ئازاب شەكلى بىلەن ئىپادىلەنگەن قەبىھلىكنى كۆرەلەيدۇ. ئادەم ئۆلۈم ۋە ئازابنى كۆرمىسە، ئۆزىنى ھايۋاننىڭ ئورنىغا چۈشۈرۈپ قويغان بولىدۇ، ئۇ چاغدا ئۆلۈم بىلەن ئازاب قورقۇنۇچلۇق نەرسىگە ئوخشاش ئۇنىڭغا ئېتىلىپ كېلىپ، ئۇنى ئەقلىي قانۇنىيەتكە بويسۇنىدىغان مۇھەببەتلىك تۇرمۇش يولىغا ھەيدەپ بارىدۇ. ئادەم ئۆزىنىڭ ھاياتلىق قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلغاندىلا، ئۆلۈم بىلەن ئازاب كۈچىنى كۆرسىتىدۇ، ئۆزىنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ياشايدىغان ئادەم ئۈچۈن ئۆلۈممۇ، ئازابمۇ بولمايدۇ.
    «جاپا چېكىدىغان، ئېغىر يۈكنى كۆتۈرىدىغان ئادەم دەرگاھىمغا كەلسۇن، سىلەرنى خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرىمەن، مېنىڭ كۆڭلۈم رەھىمدىل، كەمتەر، سىلەر مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمنى ئۆزەڭلەرگە ئالغىنىڭلاردا ماڭا ئوخشاش قىلىڭلار، شۇندىلا كۆڭلۈڭلەر خاتىرجەملىكتىن لەززەتلىنەلەيدۇ. مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇم زىل، يۈكۈممۇ يېنىك...» مانا بۇ تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتى.
    ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تۇرمۇشنىڭ