قىممەت ئۆلچىمى

يوللىغۇچى : alipbay يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-09 16:11:35

قىممەت ئۆلچىمى«قىلۇر ياخشىلىق ئۇ پۈتۈن ئىلىگە،يەنە مىننەت ئۇرماس كىشى يۈزىگە»(857-بىيىت)نىمىنى كىشى قىممىتىگە باھا بىرىشنىڭ ئۆلچىمى قىلىش كىرەك؟خەلىقنىڭ مەنپەتىنى،ئەلنىڭ مەنپەتىنى كۆزلەش...

    قىممەت ئۆلچىمى

     

    «قىلۇر ياخشىلىق ئۇ پۈتۈن ئىلىگە،يەنە مىننەت ئۇرماس كىشى يۈزىگە»(857-بىيىت)

    نىمىنى كىشى قىممىتىگە باھا بىرىشنىڭ ئۆلچىمى قىلىش كىرەك؟خەلىقنىڭ مەنپەتىنى،ئەلنىڭ مەنپەتىنى كۆزلەشنى،ئۆزىنىڭ مەنپەتىنى كۆزلىمەسلىكنى،يەتكۈزگەن مەنپەتى ئۈچۈن بەدەل كۆزلىمەسلىكنى ئۆلچەم قىلىش كىرەك.يۇقۇرقىلارنى «ياخشىلىقنىڭ تەبىئىتى»دەپ ھىساپلاش لازىم. مانا بۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قىممەت ئۆلچىمى توغۇرسىدىكى بايانى.ئۇنىڭ كىشىلىك قىممەت قارىشى توغۇرسىدىكى ئاساسىي قارىشى تۆۋەندىكى نوختىلار ئاساسىدا ئىزاھلانغان.

    بىرىنچى، ئەل مەنپەتىنى كۆزلەش.
    «ئەل مەنپەتىنى كۆزلىگەن ئادەمنى چىن ئادەم،كۆيۈمچان ئادەم دىگىلى بولىدۇ،ئۆز مەنپەتىنى كۆزلىگەن كىشىلەرنى ئادەم ھىساپلىغىلى بولمايدۇ».(3931-،3933-بىيىت).«كىشىلەرگە نەپ بەرمىگەن ئادەم،تىرىك ئۆلگەن ئادەمگە ئوخشايدۇ»(3930-بىيىت).

    ئىككىنچى، يىڭىلىقنى قوللاش،كونىغا قارشى تۇرۇش.
    «پۈتۈن تەم،لەززەت  يىڭىدا»(689-بىيىت)«كونا نەرسە يىقىمسىز»(687-بىيىت)،«يىڭى بولسا كونىنىڭ نىمە كىرىكى»(688-بىيىت)،«تۇراقسىز بولۇشۇم ماڭا ئەيىپ ئەمەس»(687-بىيىت).

    ئۈچىنچى، خەلىقنى باي قىلىش ئەلنى گۈللەندۈرۈش.
    «خەلىقنى باي ئەلنى گۈللۈندۈرۈش»(1039-بىيىت)،«خەزىنىنى تولدۇرۇش،»«ئەلنىڭ قارنى توق،كىيىمى پۈتۈن بولۇش»(3113-،5355-بىيىتلار).

    تۆتىنچى، ئەلدىن زۇلۇمنى تۈگىتىش.
    «خەلىقنىڭ بەزىللىرى زۇلۇم سەۋەبىدىن بەختى قارا،(5242-بىيىت)،بەزىللىرى يوقلۇق غىمىدە بىنەۋا،بەزىللىرى ئاچ،بەزىسى غەم قايغۇ چەكمەكتە»(5243-بىيىت)،«بەزىسى تاۋار مال تىلەيدۇ،بەزىسى مال شەرەپ ئىزدەيدۇ»(5518-بىيىت)،«كىشىلەرنىڭ بىرى يەنە بىرىنى ئىزىدىغان ئەھۋالنى كۆتۈرىۋىتىش»(5876-بىيىت) لازىم.

    بەشىنچى، خەلىقنى بىيىتىش.
    «بۇ يۇرىتتا پىقىر كۆپمۇ ياكى باي؟»(3098-بىيىت)،«ئاۋام خەلق-باي،ئوتتۇرا،يوقسۇلدىن ئىبارەت ئۈچ گورۇھتىن تەشكىل تاپقا»(5560-،5561-،5562-،5563—بىيىتلار)«ھەرگىز باي يۈكىنى ئوتتۇرىغا،ئوتتۇرىلارنىڭ يۈكىنى پىقىرغا يەتكۈزمە»(5565-بىيىت)،«پىقىر ئوتتۇرا ھالغا يەتسۇن،ئوتتۇرا بولسا باي بولسۇن»(5513-،5566- بىيىت)،«مۇشۇنداق بولغاندا ئەل بىيىيدۇ»(5569-بىيىت).

    ئالتىنچى، توغرا قانۇن بولۇش.
    «توغرا قانۇن تۈزۈپ ئەلنى ئىدارە قىلىش،بەگلىك ئۈلى ئادالەتتە»(5576-بىيىت)«ھۆكۈمدە بەگ،قۇل دەپ ئايرىماسلىق»(809-بىيىت)،«ئادەم قورساق ۋە كىيىمنىڭ قۇلى بولماسلىق»(4775-بىيىت)،«زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش»(848-بىيىت)كىرەك.

    يەتتىنچى، جەمئىيەتنى گۈللەندۈرۈش.
    «ئالىم بىلىم بەرسۇن!»(5538-بىيىت)،«ھۈنەرۋەن شاگىرت تەربىيلىسۇن»(5642-بىيىت)،«دىھقانلار تىرىلغۇ قىلسۇن»(5645-بىيىت)،«چارۋىچى چارۋىنى كۆپەيىتسۇن»(5591-بىيىت)،«خۇدانى تائەت بىلەن تاپالمايدۇ قۇلى»(3986-بىيىت)،«تائەت خۇداغا ھاجەت ئەمەس»(3251-بىىيىت)،«خەلىق شەھەرنى تاشلىسا جاھان بۇزىلىدۇ،ئادەم يوقىلىدۇ»(3652-بىيىت)،«تائەتكە ئىشىنىپ يۈرسە قۇل،خۇدانىڭ سۆيۈنچىسىگە ئىرىشەلمەيدۇ»(3249-بىيىت).

    سەككىزىنچى، بىلىملىك بولۇش.
    «ئەل بىشى بىلىملىك بولسۇن (5329-بىيىت)،قازى خەلپەت ۋە ۋەزىر ياخشى بولسۇن(5331-بىىيىت)».

    توققۇزىنچى، سىنىپى پەرىقنى تۈگىتىش.
    «بۆرە بىلەن قوي بىللە يۈرىيدىغان بولسۇن»(1040-بىيىت)،«بىر يەردىن سۇ ئىچىدىغان بولسۇن»(461-بىيىت).

    يۇقىرىقى نۇقتىلار يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىتىكىلىق قىممەت ئۆلچىمىنىڭ ئاساسى مەزمۇنلىرىدىن ئىبارەت.ئۇنىڭ ئىتىكىلىق قىممەت ئۆلچىمى ئەنئەنىۋى ئىتىكا قىممەت قارىشىنىڭ ئەھمىيىتى بار ئامىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئىلىپلا قالماستىن،مور ۋە كامپانىللانىڭ خىيالى سوتسىيالىزىمىغا ئوخشاپ  كىتىدىغان مەزمۇنلارنى،شۇنىڭدەك ئۇنىڭ جەمىئيەتنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىسلاھ قىلىش ئارزۇسىنى گەۋدىلەندۇرگەن.ئۇ ئەل مەنپەتىنى كۆزلەپ،خەلىققە كۆيۈمچان بولۇپ،گال ۋە كىيىمنىڭ قۇلى بولماسلىقنى يىڭىلىقنى قوللاپ كونىلىققا قارشى تۇرۇشنى،ئىلم-پەننى راۋاجلاندۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشنى روناق تاپقۇزۇشنى پۇقرانىڭ قارنى توق كىيىمىنى پۈتۈن قىلىپ خەلىقنى بىيىتىپ يوقسۇزلۇقنى تۈگۈتۈشنى،زاھىتلىققا قارشى تۇرۇپ خەلىقنى بىيىتىپ ئەللنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشىغا قاراپ ھەق بىرىشنى (ئەمگىكىگە قاراپ ھەق بىرىشكە ئاساسەن ئوخشاش)،كىرىمگە قاراپ چىقىم قىلىشنى،كىشىنى كىشى ئىزىدىغان ئەھۋالنى تۈگىتىپ،قوزى بىلەن بۆرىنى بىر يەردىن سۇ ئىچىدىغان قىلىشنى،ئەلنى ئادىل قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىدىغان قىلمىشلارنى تۈگىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.ئۇنىڭ بۇ خىل قارىشى ئىلىم-پەننىڭ رولىغا سەل قارايدىغان،نامرات ۋە تەڭ تەخسىماتچىلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان ھەم قانۇن تۈزۈمنى ئىنكار قىلىدىغان كۆز قاراشلاردىن ناھايىتى روشەن يوسۇندا پەرىقلىنىدۇ.يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ۋۇجۇدىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان مول ماتىرىيالىزىم ۋە دىيالىكتىك ئىددىيىسى ئۇنىڭ يۇقۇرقىدەك قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا تۈرىتكىلىك رول ئوينىغان.«كىشىنىڭ قىممىتى ئۆز قىممىتىدىن ئىبارەت»دەيدىغان سارترېنىڭ قارىشىغا تۈپتىن قارمۇ قارشى بولغان«ئەل ۋە خەلىقنىڭ مەنپەتىنى كۆزلەش »لازىم دىگەن قاراش يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئېتىكىلىق قىممەت قارىشىدا يادرولۇق ئورۇن ئىگەللىگەن.لىكىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تارىخىي ۋە سىنىپىي چەكلىمىلىكى ئۇنىڭ قىممەت ئۆلچىمى توغۇرسىدىكى قاراشلىرىدا ئۆز ئىزلىرىنى قالدۇرغان.

     

     

    مەنبەسى: سەمەت خېۋىرنىڭ «يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دۇنيا قارىشى»دىگەن كىتاۋىدىن ئىلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.