ھازىرقى بالىلار كارامەت (14)

يوللىغۇچى : Hechkim يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-16 07:50:51

تاما-تاما كۆل بولارساۋاقدىشىم ئەخمەت:ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا خېتىڭنى، خېتىڭدىن بىر كۈن ئاۋۋال يېڭى يىلىمنى تەبرىكلەپ ئەۋەتكەن ئاتكىرتكاڭنى تاپشۇرۇۋالدىم. ھەر ئىككىلىسىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتى...

     


    تاما-تاما كۆل بولار

     

    ساۋاقدىشىم ئەخمەت:

     

    ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا خېتىڭنى، خېتىڭدىن بىر كۈن ئاۋۋال يېڭى يىلىمنى تەبرىكلەپ ئەۋەتكەن ئاتكىرتكاڭنى تاپشۇرۇۋالدىم. ھەر ئىككىلىسىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. مەنمۇ ساڭا ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنى يېڭى يىلنى تەبرىكلەپ بىر دانە ئاتكىرتكا ئەۋەتكەنىدىم. ھەر ھالدا تاپشۇرۇۋالغانسەن. لېكىن، سېنىڭ ئاتكىرتكاڭ بەكمۇ چىرايلىق ئىكەن. ساڭا ئوخشاش، مەنمۇ ساڭا بىر پارچە رەسىم سىزىپ ئەۋەتىش زادى ئەقلىمگە كەلمەپتۇ. راستىمنى ئېيتسام، ساڭا ئوخشاش چىرايلىق رەسىم سىزالمايمەن-دە... ئاتكىرتكىغا سىزغان رەسىمىڭنى بۇ يەردىكى ساۋاقداشلىرىمغا كۆرسەتتىم، ئۇلار ناھايىتى ياقتۇردى.

     

    يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى بىزنىڭ ئۆيدە يېڭى يىل كېچىسىدىنمۇ قىزىق بىر كۈن بولدى، بۇنى ساڭا يېزىشىمغا ئەرزىيدۇ.

     

    ئاپاممۇ، داداممۇ ئىنتايىن ئىقتىسادچىل. خاتا چۈشىنىپ قالمىغىن، ئۇلارنى پىخسىق دېمەكچى ئەمەسمەن. لېكىن، ھەر ئىككىلىسى، يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنىمىز، دەپ ئويلايدۇ. سىياھ قەلىمىمنىڭ قالپىقىنى سېلىشنى ئۇنتۇپ ئۈستەل ئۈستىگە تاشلاپ قويسام، دادام ماڭا: «قەلىمىڭنىڭ قالپىقىنى سالمىساڭ، ئۇچىدىكى سىياھى قۇرۇپ كېتىپ يازالماي قالىسەن. يەرگە چۈشۈپ كەتسە ئۇچى سۇنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى زىيان. ئادەم ئىقتىسادچىل بولۇشى كېرەك» دەپ نەسىھەت قىلىپ كېتىدۇ.

     

    ئىنىم دەپتەر ۋارىقىنىڭ بىر بېتىگىلا يازسا ياكى بىر-ئىككى ۋاراقنى تاشلاپ كەتسە، ئاپام ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ: «زىيانداش بولما، ئوغلۇم، تاما-تاما كۆل بولىدۇ. ھەر كۈنى مۇشۇنداق بىر ۋاراقتىن زايە قىلساڭ، يىلدا يوغان بىر توپلام بولىدۇ. بۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئەمەسمۇ؟» دەيدۇ.

     

    مەتىن قېرىندىشىنى كۆپ يىتتۈرىدۇ. بۇنداق چاغلاردا، ئاپام: «ساڭا قېرىنداش ئېلىشتىن زېرىكتىم!» دەپ ۋارقىراپ كېتىدۇ.

     

    ئىقتىسادچىللىق ئەلۋەتتە ياخشى ئىش. لېكىن، بىزنىڭ ئۆيدىكى ھەددىدىن زىيادە ئىقتىسادچىللىق ئىچىمنى پۇشۇرۇشقا باشلىدى. مومام مېنىڭ ئىقتىسادچىل بولمىغانلىمىدىن ئاغرىنىپ: «قىزىم، بىر بولمىسا، مىڭ بولماس... تاما-تاما كۆل بولار» دەيدۇ.

     

    بوۋام ماڭا پارچە پۇل يىغىدىغان تۆشۈكلۈك قۇتا ئېلىپ بەرگەنىدى، ئۇنى بېرىدىغان چاغدا: «ئۇنتۇما، تاما-تاما كۆل بولار. قېنى دەپ باققىنا، قانداق بولىدىكەن؟» دېگەنىدى.

     

    بوۋام ھەمىشە شۇنداق، بىزگە بىر نەرسە ئېلىپ بەرسە، كەينىدىنلا: «تاما-تاما نېمە بولاتتى؟» دەپ سورايدۇ. «كۆل بولىدۇ، بوۋا» دەپ جاۋاب بېرىمىز بىز. ئاندىن ئۇ سوزۇپ تۇرۇپ: «ئاپىرىن!» دەپ كېتىدۇ.

     

    مەن «تاما-تاما كۆل بولار» دېگەن بۇ ماقالنى تولا ئاڭلاپ زېرىكتىم. بىزنىڭ ئۆيدە بۇ ماقالنىڭ بىر كۈندە بىر نەچچە قېتىم تەكرارلانمايدىغان كۈنى يوق.

     

    يېڭى يىل كېچىسى ئاپام بىلەن دادام قوشنىلىرىمىز بىلەن بىر كۇلۇبقا بېرىشتى. ئىلگىرىكى يېڭى يىل كېچىلىرىنى ھەممىمىز بىللە ئۆيدە ئۆتكۈزەتتۇق.

     

    دادامنىڭ ساۋاقدىشى بولغان قوشنىلىرىمىزدىن بىرى كۇلۇبتا ئالدىنئالا ئورۇن تۇتۇپ قويۇپتىكەن. ئۇلار كۇلۇبقا كەچلىك تاماق ۋاقتىدا كېتىشتى. دادام بىزنىڭ يېڭى يىل كېچىسى ئۆتكۈزۈش ئادىتىمىزنى بۇزمىدى، ھەممىمىز بىرلىكتە كەچلىك تاماقنى يېدۇق، بىللە كۆڭۈل ئاچتۇق. خېلى كەچ بولغاندا، ئاپام بىلەن دادام ھەدەمنى ئېلىپ كېتىشتى. بوۋام، مومام ئىككىسى بىز بىلەن ئۆيدە قالدى. بىز قارتا ئوينىدۇق ۋە باشقا ياخشى ئويۇنلارنى ئورۇنلاشتۇردۇق.

     

    يېڭى يىل كىرگەندىن كېيىن يېتىپ قالدۇق.

     

    ئەتىسى ئويغانسام، ئۆيدە ھېچكىم يوق. ئاپاملار تېخىچە قايتىپ كەلمىگەن ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ، ئورنۇمدا ئويغاق ياتتىم. بىر ئازدىن كېيىن مەتىن ھۇجرامغا كىرىپ:

    - ئۇلارغا نېمە بولغاندۇ؟- دېدى.

    - نېمە بولدىكىنتاڭ؟

    - قاراپ باققىنا، ھەدەم كىيىملىرى بىلەنلا سافادا ئۇخلاپ قاپتۇ، دادام گىلەمنىڭ ئۈستىدە ئۇخلاۋېتىپتۇ، ئاپام يوق تۇرىدۇ.

     

    ئورنۇمدىن تۇرۇپ قارىسام، بوۋام بىلەن مومام ئۆيىگە كېتىپتۇ، ھەدەم مېھمانلىق كىيىملىرىنى سالمايلا ساپادا يېتىپتۇ. چاچلىرىدا قەغەز قىيىقچىلىرى، بوينىغا رەڭگارەڭ قەغەز لېنتىلار ئورالغان، گىلەمنىڭ ئۈستىدە ئۇخلاۋاتقان دادامنىڭ يۈزىدە قىزىقچىلىق نىقابى بار، بىر پۇتىغا قەغەز قالپاق كىيىلىپ قاپتۇ. يالغۇز ئاپاملا ئورۇن ئىچىدە يېتىپتۇ. لېكىن توپلىيىنىڭ بىر پېيى كارىدوردا، بىر پېيى ھۇجرىسىدا تۇراتتى...

     

    ئاپامنىڭ ئۈستىنى يېپىپ قويدۇم، ھەدەمنى ئاران دېگەندە ئويغىتىپ كارىۋىتىغا ياتقۇزدۇق. بىراق دادامنى ھەرقانچە قىلىپمۇ ئويغىتالمىدۇق.

     

    چۈشتىن كېيىن ئۇلار بىر-بىردىن ئويغىنىپ ئېسىگە كېلىشتى. باشتا ئويغانغان ئاپام ئىدى، ئۇ دادامنى ئويغاتتى. ھەدەم ھەممىدىن كېيىن ئۇيقۇسىنى ئاچتى، بىر ئازدىن كېيىن بوينىدىكى زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتتى، كېچىدە بىر يەردە چۈشۈرۈپ قويغان بولۇشى مۇمكىن.

     

    ئاپام بىلەن دادامنىڭ يېڭى يىل كىرگەندە تەلىيىنى سىنىغانلىقى ۋە نۇرغۇن پۇلدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن بىلدىم. بىر چاغدا ئاپام دادامغا:

    - خوش، بۇ ئاينى قانداق ئۆتكۈزىمىز؟- دېدى.

    - شىركەتتىن قۇتقۇزۇش پۇلى ئالىمەن،- دېدى دادام.

     

    ئادەتتە بىزنىڭ ئۆيدە بۇنداق گەپلەر بولمايتتى. چۈشتىن كېيىن بوۋام بىلەن مومام كەلدى. مومام:

    - ياخشى ئوينىدىڭلارمۇ؟- دەپ سورىدى.

    - يا ئاللا، ئەمدى بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن يېڭى يىل كېچىسىنى ئۆيۈمدىن باشقا يەردە ئۆتكۈزمەيمەن،- دېدى ئاپام.

     

    ئاپام مەتىن بىلەن ئىككىمىزنى بىر چەتكە تارتىپ:

    - بالىلار، پۇلۇڭلار بولسا بېرىپ تۇرۇڭلار، ئەتە قايتۇرۇپ بېرىمەن،- دېدى.

     

    پۇللىرىمىزنى ئاپامغا بەردۇق. بىر ئازدىن كېيىن ئىشىك قېقىلدى. قوشنىمىزنىڭ قىزى نۇرتەن دادامغا دادىسى يېزىپ بەرگەن بىر باغاقچىنى ئېلىپ كىرگەنىكەن. باغاقچىنى دادامغا ئەكىرىپ كېتىۋېتىپ ئوقۇپ باقتىم:

     

    «دوستۇم، تۈنۈگۈن كېچىدىكى ئەھۋالدىن خەۋىرىڭ بار، مەندە بىر تىيىنمۇ قالماپتۇ. ئۆيگە قانداق كەلگەنلىكىمىزنى بىلمەيمەن. ھەر ھالدا سىلەر        ئەپكەلدىڭلار. ماڭا يۈز لىرا بېرىپ تۇرالامسەن؟ ساڭا كۆپ رەھمەت...»

     

    خەتنى دادامغا بەرسەم، ئاپام بىلەن بىر نېمىلەرنى دېيىشتى، دادام دوستىغا: «پۇل يوق، بېرىپ تۇرالمايمەن» دەپ قاندق ئېيتالىسۇن؟ ئاخىر كەلگۈلۈك ھەدەمنىڭ پۇل قاپچۇقىغا كەلدى. ئۇلار بۇ ئىشنى بىزگە ئۇقتۇرماي ھەدەمگە ئېيتتى. ئاندىن ئۇنىڭ پۇل قاپچۇقىنى ئېچىپ، ئىچىدە بارىنى مەتىندىن نۇرتەننىڭ دادىسىغا چىقىرىپ بەردى.

     

    شۇ كۈنى مەتىن قېرىندىشىنى ئىزدەپ تاپالمىدى. ئۇ يەنە ھەر قېتىمقىدەك قېرىندىشىنى يىتتۈرۈپ قويغانىدى. ئاپام ئاچچىقلاپ:

    - بۇ بالىزە، ئەزەلدىن بەتخەج، ئەمدى ساڭا قېرىنداش ئېلىشتىن زېرىكتىم!- دەپ ۋارقىراپ كەتتى.

    بوۋاممۇ ھەر قېتىمقىدەك نەسىھەت قىلىشقا باشلىدى:

    - بىر بولمىسا، مىڭ بولماس! ئېيتىپ باققىنا، نېمە بولمىسا، نېمە بولماس؟

    - بىر بولمىسا، مىڭ بولماس!- دېدى مەتىن.

    - ئاپىرىن! تاما-تاما كۆل بولار، ئېيتىپ باقە، قانداق بولىدىكەن؟

    مەتىندىن ئاۋۋال مەن جاۋاب بېرىۋەتتىم:

    - كۆل بولماس!

    - نېمە؟ كۆل بولماس دېدىڭمۇ؟

    - شۇنداق، بوۋا.

    - ھە... ئەمىسە نېمە بولىدۇ؟- دېدى بوۋام قاپىقىنى تۈرۈپ.

    - تامچىلار چۈشكەن يەر چوڭقۇر بولسا كۆل بولىدۇ، بىراق چوڭقۇر بولمىسا... تاما، تاما، تاما...

    - ھە... ئاندىن؟

    - سەل بولۇپ ئېقىپ كېتىدۇ...

    دادام ماڭا ھومىيىپ قارىدى.

     

    يېڭى يىلنى مۇشۇنداق باشلىدۇق. ئاپام بىلەن دادام كېلەر يىلقى يېڭى يىل كېچىسىنى ئۆيدە بىز بىلەن بىللە ئۆتكۈزمەكچى.

     

    سەن يېڭى يىل كېچىسىنى قانداق ئۆتكۈزدۈڭ؟

     

    يېڭى يىلدا ساڭا مۇۋەپپەقىيەت ۋە بەخت تىلەيمەن.

     

    زەينەب يالقىر

     1964-يىلى 2-يانۋار، ئەنقەرە

     

    مۇندەرىجىگە قايتىش

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.