تۆتىنچى باب: نېمە ئۈچۈن ئالەم مەۋجۇت بولىدۇ
نېمە ئۈچۈن مەلۇم بىر شەيئى مەۋجۇت ئەمەس بولماستىن، بەلكى مەۋجۇت بولىدۇ؟ بۇنىڭ تەبىئەتتە بىرەر سەۋەبى بولىدۇ.
ــــ لېيبنىز
ئالەم قانچىكى چۈشىنىشلىك بولغانسېرى، ئۇ شۇنچىكى ئەھمىيەتسىز بولىدۇ.
ـــ ستېۋېن ۋېينىبېرگ
ياراتقۇچى خۇدا ئۆز ئىرادىسى بويىچە ئالەمنى ياراتقان، دېگەن بۇ خىل قاراش خىرىستىئان ــ يەھۇدىي دىنى مەدەنىيىتىدە پۇختا ئاساسقا ئىگە. لېكىن بىز شۇنى كۆرمەكتىمىزكى، بۇ خىل قىياس كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەر ھەل قىلغان مەسىلىلەردىن كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قانچە ئەسىردىن بۇيان ئۇ ئىلاھىيەتشۇناسلارنىڭ قاتتىق گۇمانلىنىشىغا ئۇچراپ كەلدى. مەسىلە ۋاقىتنىڭ خاراكتېرى جەھەتتە كېلىپ چىقتى. بۈگۈنكى كۈندە، بىز ۋاقىت بىلەن بوشلۇقنىڭ ئايرىلماس ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ماددىغا ئوخشاشلا، ۋاقىت ــ بوشلۇقمۇ تەبىئىي ئالەمنىڭ بىر قىسمى. توققۇزىنچى بانتا ۋاقىتنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆزگىرىش ۋە ھەرىكەت قانۇنىيىتى بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئېنىق ھالدا فىزىكىغا تەۋە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز. ئەگەر ۋاقىت تەبىئىي ئالەمگە تەۋە بولسا، بەلكى فىزىكىلىق قانۇنىيەتلەرنىڭ ئىدارە قىلىشىغا ئۇچرايدىغان بولسا، ئۇنداقتا، ۋاقىت خۇدا تەرىپىدىن يارىتىلغان دەپ تونۇلۇۋاتقان ئالەمنىڭ ئىچىدە بولۇشى مۇقەررەر. بىزنىڭ ئادەتتىكى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋېتىگە بولغان چۈشەنچىمىز بويىچە، سەۋەب ۋاقىت جەھەتتە جەزمەن نەتىجىدىن بۇرۇن بولىدۇ. ئۇنداقتا، خۇدا ۋاقىتنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدىكى سەۋەب دېگەننىڭ مەنىسى نېمە؟ سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى بىرخىل ۋاقىت خاراكتېرلىك ھەرىكەتتۇر. ھەرقانداق شەيئىي مەلۇم خىل سەۋەبنىڭ نەتىجىسى بولۇشتىن ئىلگىرى جەزمەن ئالدى بىلەن ۋاقىت بولۇشى كېرەك. ئەگەر ۋاقىت مەۋجۇت بولمىسا، ئەگەر «تىن بۇرۇن» يوق بولسا، خۇدا ئالەم پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرىلا مەۋجۇت بولغان دەيدىغان بۇخىل گۆدەكلەرچە قاراش روشەن ھالدا بىمەنە بولىدۇ.
ۋاقىتتىن تاشقىرى خۇدا «ھەرقانداق ئالەمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىگىلەپ تۇرۇش»تەك بۇخىل تېخخمۇ كۈچلۈك ئۇسۇلدا ئالەمنى «ياراتقان» دەپ قارىلىدۇ. ۋاقىتتىن تاشقىرى خۇدا ئالەمنى ئاددىي ھالدىلا ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن بولماستىن، بەلكى ئىزچىل ھەرىكەتلىنىدىغان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن، چەكسىز ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى مۇشۇ جايدا مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە پائالىيەت قىلىۋاتىدۇ دەيدىغان بىرخىل تېخىمۇ كۈچلۈك بىۋاستىلىك تۇيغۇسى بېرىدىغان قىلىنغان. بۇنداق بولغاندا، ئۇنىڭ ئوبرازى سەل غۇۋالىشىدۇ، چۈنكى ۋاقىتتىن تاشقىرى خۇدا دېگەن بۇ ئۇقۇمنى چۈشىنىش تەس.
بىر خىل خۇدا ۋاقىتنىڭ ئىچىدىكى خۇدا بولۇپ، ئۇ ئالەمنى ياراتقان، ئۇ ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى سەۋەب. يەنە بىر خىل خۇدا ۋاقىتتىن تاشقىرى خۇدا بولۇپ، ئۇ ئالەم (جۈملىدىن ۋاقىت)نىڭ مەۋجۇت بولۇشىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرىدۇ. بۇ ئىككى خىل خۇدانى بەزىدە كىشىلەر تۆۋەندىكى سخېما ئارقىلىق تەسۋىرلەيدۇ. بىر قاتار ئىشلار بار، ھەربىر ئىش ئالدىنقى بىر ئىشقا تايىنىپ مەۋجۇت بولىدۇ دەپ پەرەز قىلايلى.