سۇنزىنىڭ ئۇرۇش سەنئىتى(2-ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش)

يوللىغۇچى : elqem يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-20 17:12:15

سۈنزىنىڭ ئۇرۇش سەنئىتى (2. ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ) سۈنزى ئېيتىدۇلەركى، ئۇرۇش قىلىشنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيتى مۇنداق : مىڭلىغان ئۇرۇش ھارۋىسىنى، يۈز مىڭلىغان ئەسكەرنى ئىشقا سالساڭ ھەمدە جاپالىق يوللار...



      سۈنزىنىڭ ئۇرۇش سەنئىتى

    (2. ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش )

     

    سۈنزى ئېيتىدۇلەركى، ئۇرۇش قىلىشنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيتى مۇنداق : مىڭلىغان ئۇرۇش ھارۋىسىنى، يۈز مىڭلىغان ئەسكەرنى ئىشقا سالساڭ ھەمدە جاپالىق يوللارنى بېسىپ، يىراق جايلارغا ئاشلىق، يەم - خەشەك توشۇساڭ، بۇنداقتا ئالدىنقى سەپ ۋە ئارقا سەپ خىراجىتى، مېھمان ۋە ئەلچىلەرنى كۈتۈش خىراجىتى، ئۇرۇش ئەشيالىرى خىراجىتى، ھارۋا ۋە قورال - جابدۇقلارنى ئاسراش چىقىمى ئۈچۈن ھەر كۈنى غايەت زور پۇل چىقىم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ . شۇندىن كېيىنلا 100 مىڭ كىشلىك قۇشۇننى جەڭگە ئاتلاشدۇرۇشقا بولىدۇ . بۇنداق زور قوشۇن بىلەن قىلغان ئۇرۇش تېز غەلبە قازىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ . ، ۋاقىت بەك ئۇزۇققا سوزىلىدىغان بولسا، قوشۇن قاتتىق چارچاپ، جاسارىتى ئاجىزلاپ كېتىدۇ . شەھەرگە ھۇجۇم قىلغاندا كۈچ خوراپ تۈگەيدۇ، قوشۇن ئۇزاق مۇددەت سىرىتتا ئۇرۇش قىلسا، دۆلەت مالىيەسىدە قىينچىلىق توغىلىدۇ . قوشۇن چارچاپ، جەڭگىۋارلىقى ئاجىزلاپ، كۈچى خوراپ كېتىدىغان دۆلەتنىڭ مالىيە كۈچى تۈگەپ كېتىدىغان بولسا، ھەرقايسى بەگلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھوجۇم قىلىدۇ . ئۇ چاغدا، ئەقىل - پاراسىتى ھەممىدىن ئۈستۈن كېلىدىغان كىشىمۇ جەتەرلىك ۋەزىيەتنى ئوڭشىيالمايدۇ .

    دېمەك، ئۇرۇشتا قوپال يول تۇتسىمۇ تېز غەلبە قازىنىشنى كۆزلىگەنلەرلا ئاڭلاپ باققانۇ، ئەپچىل يول تۇتىمەن دەپ ئۇرۇشنى ئۇزاققا سوزىشنى كۆزلىگەنلەرنى كۆرۈپ باقمىغان . ئۇرۇش ئۇزاققا سوزۇلسا، دۆلەتكە پايدا يېتىدىغان ئىش ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان . شۇڭا، ئۇرۇش قىلىشنىڭ زىيانلىق تەرىپىنى تولۇق چۇشەنمەيدىغان كىشىلەر ئۇرۇش قىلىشنىڭ پايدىلىق تەرەپىنىمۇ تولۇق چۈشەنمەيدۇ .

    ئۇرۇش قىلىش يولىنى ئوبدان بىلىدىغان كىشى ئەسكەرلىككە قايتا - قايتا ئادەم ئېلىپ يۈرمەيدۇ، ئاشلىق ۋە خام - خەشەكنى كۆپ قېتىم توشۇيدىغان ئىشنى قىلمايدۇ؛ قورال - ياراغنى مەملىكەت ئىچىدىن ، ئاشلىق ۋە يەم - خەشەكنى دۈشمەن تەرىپىدىن ئالىدۇ . شۇ يول بىلەن قوشۇنغا كېرەكلىك ئاشلىق ۋە يەم _ خەشەكنى تولۇق تەمىن ئېتەلەيدۇ .

    دۆلەتنىڭ ئۇرۇش قىلىپ نامراتلىشىپ كېتىشىگە قوشۇننىڭ يىراققا يۇرۇش قىلىشى، ئاشلىق ۋە يەم _ خەشەكىنىڭ يىراققا توشىلى سەۋەب بولىدۇ، قوشۇن يىراققا يۈرۈش قىلسا، ئاشلىق ۋە يەم - خەشەك يىراققا توشۇلسا، پۇقرارلار ۋە تۆرە جەمەتى نامراتلىشىپ كېتىدۇ . قوشۇن جايلاشقان ئورۇنغا يېقىن جايلاردا مال باھاسى جەزمەن ئۆلەپ كېتىدۇ . ، مال باھاسىنىڭ ئۆلەپ كېتىشى دۆلەت مالىيسىنى قۇرۇقداپ قويىدۇ . دۆلەت مەلىيسى قورۇقدىلىپ قالسا ، ئالۋان - ياساق ئېغىرلىشىدۇ . جەڭگاھتا ئەسكىرى كۈچ خوراپ تۈگىسە، مەملىكەتتىن ھەممە ئائىلە قورۇقدىلىپ قالىدۇ . پۇقرار بىلەن تۆرە جەمەتى مال - مۈلىكىنىڭ ئوندىن يەتتىسى زايا بولۇپ كېتىدۇ، ھۆكۈمەت مالىيە كۈچىنىڭمۇ ئوندىن ئالتىسى ھارۋىلارنىڭ بۇزۇلىشى، ئات - ئۇلاقلارنىڭ ھالسىزلىنىشى، دۇبۇلغا - ساۋۇت، ئوقيا، ياللانما نەيزە، قالقان، تىغ - تەبەرنىڭ ياسىلىشى ۋە تولۇقلىنىشى، ئۇي - كالا ۋە ھارۋىلارنىڭ ئېلىپ ئشلىتىلىشى ئارقىسىدا زىيانغا ئۇچرايدۇ .

    شۇڭا، پەم - پاراسەتلىك سەركەردىلەر ئۇزۇق - تۈلۈكنى دۈشمەن دۆلەتتىن ھەل قىلىشقا تىرىشىدۇ : دۈشمەن دۆلەتتىن بىر << كۈرە >> ئاشلىقىنى سەرىپ قىلىش ئۆز دۆلىتىنىڭ 20 << كۈرە >> ئاشلىقىنى توشۇپ ئېلىپ بارغانغا باراۋەر تۇرىدۇ، دۈشمەن دۆلەتتىن بىر دادەن تەم _ خەشەك ئېلىپ ئىشلىتىشىتىن ئۆز دۆلىتىنىڭ 20 دادەن يەم _ خەشىكىنى توشۇپ ئېلىپ بارغانغا باراۋەر تۇرىدۇ .

    ئەسكەرلىرىم دۇشمەنلىرىمنى باتۇرلۇق بىلەن قىرسۇن دىگەن كىشى ئۇلارنىڭ دۈشمەنگە بولغان نەپرىتىنى قوزغىشى كېرەك؛ ئەسكەرلىرىم دۇشمەننىڭ ئەشيالىرىنى تارتىۋالسۇن دىگەن كىشى ئەسكەرلىرىنى نەرسىلەر بىلەن مۇكاپاتلىشى لازىم . دېمەك، ھارۋا ئۇرۇشىدا دۈشمەننىڭ ئوندىن ئارتۇق ئۇرۇش ھارۋىسى غەنىمەت ئېلىنغان بولسا، ئۇرۇش ھارۋىسىنى ھەمممىدىن بۇرۇن قولغا چۈشۈرگەن ئەسكەرنى مۇكاپاتلاش ھەمدە دۈشمەننىڭ ھارۋىدىكى توغىنى ئۆز توغىمىزغا ئالماشتۇرۇش، ئاندىن ئۇ ھارۋىلارنى ئۆز ھارۋىلىرىمىزغا قۇشۇۋېتىش كېرەك، دۈشمەننىڭ ئەسىرگە چۈشكەن ئەسكەرلىرىگە ئوبدان مۇئامىلە قىلىش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش لازىم . دۈشمەننى يەڭگەنسېرى ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ بېرىش دېگەن ئەنە شۇ .

    دېمەك، ئۇرۇشتا تېز غەلبە قىلىش پايدىلىق ، ئۇرۇشنى ئۇزۇنغا سۇزۇش مۇۋاپىق ئەمەس .

    ئۇرۇش قىلىش يولىنى ئوبدان بىلىدىغان سەركەردە ئاۋامنىڭ ھايات - ماماتىغا ئىگە بولغۇچى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھاكىم بولغۇچى دېمەكتۇر .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر سۈنزى ئۇرۇش قوشۇن جەڭ _