مۇھەببەت ئارمانى 8 (گۈليارە تۇرسۇن)

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-11 12:09:33

مۇھەببەت ئارمانى-سەن بىلەن بىللە بولغان شۇ مىنۇتلارنى ئەسلەش، سېغىنىشتىن زىدە بولغان يۈرىكىمنىڭ بىردىنبىر ئارامى (كۈندىلىك خاتىرەمدىن)********************************************************«نېمە كارىڭىز؟ قىز بولسام...



     

    مۇھەببەت       ئارمانى

     -سەن بىلەن بىللە بولغان شۇ مىنۇتلارنى ئەسلەش، سېغىنىشتىن زىدە بولغان يۈرىكىمنىڭ بىردىنبىر ئارامى     (كۈندىلىك خاتىرەمدىن)

    ********************************************************

    \

    «نېمە كارىڭىز؟ قىز بولسام ئوغۇل بولسام سىز بىلەن نېمە ئالاقىسى»

     دەپ قايتۇردۇم. نېمە بالا قالدىم بۇ ساراڭغا دەيمەندە! ئۇچۇر قايتتى: «خاتىرجەم بولۇڭ، دېدىمغۇ ئۇ 100كوي ئۇنتۇپ كەتتىم، دەپ»

     ماۋۇ نېمە نېمانداق ئادەمنىڭ چىشىغا تېگىدۇ!

     «مەن ئوغۇل بالا! كېلە يامان بولساڭ، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىدا ئوقۇيمەن»

     دەپ يازدىم.

     «ھە. شۇنداقمۇ؟ مەكتەپداشكەنمىز...»

    مانا، بۇياق بىلەنمۇ بىر مەكتەپتىكەنمەن، توۋا! مۇشۇ كۈنلەردە نېمە بولىۋاتىدۇ ماڭا؟! ئاپامغا دېمىسەم بولمىدى. ماڭا ئىسرىق سېلىپ قويسا بولغۇدەك.
        خاتىرەمنى ئېلىپ، ئۇنى - بۇنى يېزىشقا باشلىدىم، بۇ خاترىگە نېمىنى قانداق ئويلىسام شۇنداق يازاتتىم، جۈملىلەرنىڭ تەرتىۋىگىمۇ دىققەت قىلىپ كەتمەيتتىم. بىر قېتىم، ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇيدىغان بىر نەۋرە ھەدەم كۆرۈپ:

    - سېنىڭ بۇ يازغانلىرىڭنى مۇشۇ پېتى ئوقۇسا ئەڭ جانلىق چىقىدىكەن، قالايمىقان ئۆزگەرتمە! بۇمۇ تېخى كېيىنچە ئەدەبىياتىمىزدىكى  يېڭى بىر خىل ژانىر بولۇپ قالامدۇ؟- دېگەنىدى. دېمىسىمۇ بۇ خاتىرە يازمامدا، ئوي - پىكىرلەر بەك ئەركىن، ھېچنىمىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغان. « قانداق يازغۇم كەلسە شۇنداق يازغان» ئىدىم. تېخى بەزى يەرلىرىگە تىلىم ئاجىزلىق قىلسا، رەسىم سىزىپ قويغانىدىم.

     مۇشۇ كۈنلەردە سىرتقا چىقسام، بولۇپمۇ، چەت ئەل تىللىرى فاكولتېتىنىڭ ئالدىدىن ئۆتسەم، بىر خىل خۇدۈكسىرەيدىغان بولۇپ قالدىم. ئەزىمەتنى ئۇچرىتىشتىن شۇنداق قورقىمەنيۇ، يەنە نېمىشقىدۇر ئۇنى كۆزلىرىم يەنە ئىختىيارسىز مەيدانلاردىن، ئاشخانىلاردىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىن ئىزدەيدۇ. كەچلىرى ياتقىنىمدا، ئىختىيارسىز ئۇنىڭ كىتابىنى قولۇمغا ئېلىپ قاراپ كېتىمەن، مۇشۇنداق قىلىپ يۈرۈپ ئۇ كىتابنىمۇ ئىككى قېتىم ئوقۇپ بولدۇم. (خۇددى ئۇنىڭ كىتابى ئىچىدىكى مەزمۇن مېنىڭكىدىن پەرقلىنىدىغاندەك). ئىچىدىكى قوليازمىسىمان شۇ خەتلەرنىمۇ يادلاپ بولاي دېدىم. لېكىن ئەزىمەتتىن خەۋەر يوق، جىمجىت.

     كۈنلەر بىرخىل ئۆتمەكتە، چارەكلىك ئىمتىھانلار باشلىناي دېگەندە، رافائىلنىڭ پۇتى سۇنۇپ كەتتى، بۇ چاغ دەل ئۇنىڭ ۋە ئۇنىڭ مۇزىكا ئەترىتىنىڭ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان كۈنلىرى ئىدى. قىيىشقاندەك مەكتىپىدە پۇتبۇل ئويناۋېتىپ، پوتبۇلنىڭ ئۈستىگە دەسسىۋېلىپ يىقىلىپ كېتىپ پۇتىنى سۇندۇرۋاپتۇ. (توۋا دېمىسە ئەمدى، مۇشۇنداقمۇ يىقىلىش بولامدۇ؟)

    دوختۇرخانىغا گېزىتكە ئورالغان گۈلنى كۆتۈرۈپ كىرگىنىمدە، رافائىل قۇلىقىغا نائۇشنىك سېلىۋېلىپ مۇزىكا ئاڭلاۋاتاتتى. بۇ مېنىڭ ئۇ دوختۇرخانىدا ياتقان ياقى بىرىنچى قېتىم يوقلاپ كىرىشىم ئىدى. ئاستا مېڭىپ ئۇنىڭ كارىۋېتىنىڭ يېنىغا باردىم. كىچىكىمدىكى شۇ رافائىلنى يەنە بىر قېتىم كۆرگەندەك بولدۇم. رافائىل ھەقىقەتەن قاملاشقان يىگىت، بوي - تۇرۇق، مىجەز - خاراكتېرىدىن ئىۋەن تاپالمايمەن. لېكىن، بۇ لەنىتى كۆڭلۈم، ھەي... بىلمىدىم جۇمۇ، رافائىل بىلەن مەڭگۈ مۇشۇنداق يېقىن دوست بولۇپ ئۆتۈشنى قانداق ئارزۇ قىلاتتىم-ھە!...

    -گۈللالە!

    ئۇ مېنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتىن ئاغزىنى ئېچىپلا قالدى. ئەمما يەنە ئىتتىكلا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ:

    -مېنى بەك خوش قىلىۋەتتىڭىز! گۈللالە

    نېمىشقىكىن، ئۇنىڭ ئىسمىمنى چاقىرىشىنى بەك ياقتۇرىمەن. كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدىن ئېتىلىپ چىققان نىدالارغا ئوخشايدۇ ھەر قېتىم ئىسمىمنى چاقىرىشى.

    -ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟ قاچان كارىۋاتتىن چۈشەلەيدىكەنسىز؟- دېدىم پۇتلىرىدىكى گېپىسقا قارىغاچ.

    -سىزنى شۇنداق سېغىندىم، گۈللالە، ئاۋازىڭىزنى، كۈلكىڭىزنى شۇنچىلىك سېغىندىم!

    ئۇنىڭ كۆزلىرى يالتىرايتتى. مەن شۇ كۆزلىرىدىن، قارچۇقلىرى يېشىل ئارىلاش كۆكۈش شۇ كۆزلىرىدىن  قورقىمەن. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئاجايىپ ئۇچقۇنلار چاچراپ تۇرىدۇ، خۇددى كىمگىلا تەگسە، كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋېتىدىغاندەك. ئەمما مەن ئۇ ئۇچقۇننىڭ مېنى كۆيدۈرىۋېتىشى ئەمەس، بەلكى شۇ ئۇچقۇنلاردىمۇ لەنىتى ۋۇجۇدۇم رافائىلغا مۇز بولۇپ تۇرىۋېرىشىدىن قورقىمەن.

    -مېنى بۇنداق تاشلىۋەتمەڭ، گۈللالە. يۈرۈگۈم چىدىمايدىكەن!

    -بۇنداق دېمەڭە رافائىل، بۇنداق دېسىڭىز مېنىڭ يۈرۈگۈممۇ چىدىمايدىكەن.- دېدىم كۈلۈپ تۇرۇپ.

     ھەقىقەتەن شۇنداق، ھەر قېتىم ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى ھېسىياتلىرىنى دېگىنىدە، يۈرۈگۈم ئىختىيارسىز ئاغرىيدۇ. ئەگەر مەندىمۇ شۇنداق ھېسىيات بولغان بولسا، مەن بەلكىم بۇ دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئادەم بولۇپ قالار ئىدىم. گۈلنى ئېلىپ لوڭقىغا قويۇپ قويدۇم. ئۇنىڭغا مېۋىلەرنى ئاقلاپ بەردىم. (ئۆزۈم جىقراق يەۋەتتىم). كىتاب ئوقۇپ بەردىم. رافائىل بىلەن بىللە بولسام بەك خاتىرجەم. ئۇ مېنى ھېچنىمىدىن ئەنسىرەتمەيدۇ ھەم مېنىڭ ھېسىياتىم بويىچە ئىش كۆرىدۇ. شۇڭلاشقىمىكىن، بىر خىل راھەت ھېس قىلىمەن. ئۇ پەقەت مۇھەببەت توغۇرۇلۇق ئېغىز ئاچمىسىلا، شۇنىڭغا چەكسىز ئىشىنىمەنكى، ئىككىمىز بەك ياخشى ئۆتكەن بولاتتۇق. لېكىن ئۇنىڭ نەچچە يىلنىڭ ياقى كۈتكىنى مەندەك بىر دوست ئەمەستە؟! نەچچە قېتىملاپ، ماڭا تېلىفون قىلىپ، يىغلامسىراپ تۇرۇپ: «مېنى تۆلەڭ، سىز مېنى تۆلەڭ، مېنى 15يىلنىڭ ياقى مۇشۇنداق ئازابلاپ كەلدىڭىز، بىلدىڭىزمۇ، گۈللالە! ئەمما كېرەك يوق گۈللالە، مەن كۈتىمەن، شۇنچە يىل كۈتتۈمغۇ؟! يەنە كۈتەلەيمەن. سىز ماڭا بەك مۇھىم. مۇزىكىدەك مۇھىم. مۇزىكا بىلەن مېنىڭدىن بىرنى تاللا دېسە، قايسىنى تاللايتىڭىز دېدىڭىزغۇ؟!  ھېلىقى كۈنى تېلىفوندا، ئۆزىڭىزچە مېنى مەس بولۇپ قالدى، بىلمىدى دەپ ئويلىدىڭىز-ھە، گۈللالە! راست، مەن ئۇ كۈنى بىلمىگەن نېمە دېيىشىمنى ھەقىقەتەن. ئەمما، ئىككى كۈن ياقى سىناپ باقتىم، گۈللالە. مۇزىكا ئاڭلىماي، مۇزىكا چالماي، مۇزىكىنىڭ گېپىنى قىلماي بىر كۈن ئۆتىدىكەن، ئەمما، گۈللالە سىز بىلمەيسىز، سىز بىلمەيسىز. سىزنى ئويلىماي بىر سائەتمۇ ئۆتمەيدىكەن، بىر سائەتمۇ! ماڭسام، تۇرسام، مۇزىكا چالسام، تاماق يېسەم، سىنىپتا دەرس ئاڭلىسام خىيالىمدا سىزلا. بۇ يۈرەكنىڭ ئوتىنى ئۇقماي قالدىم ئۆزۈممۇ. نېمە بولدىمكىن-تاڭ! كىمگىلا قارىسام سىز كۆرۈنىدۇ دەيمەندە! يوللاردا مېڭىپ كېتىپ بېرىپ، سىزنى ئويلاپ كۈلۈپ كېتىمەن. مەن- رافائىل، بۇ ئۆمرۈمدە ھېچنىمىنى بۇنداق ئارزۇ قىلىپ باقمىغان، سىزنى كۆرۈشتىن باشقا. گۈللالە، سىز شۇنچە ئۇماق، شۇنچە ئەركىن، شۇنچە گۈزەل... مەن ئالدىڭىزدا بىر قۇل. كۈلسىڭىز كۈلىمەن، يىغلىسىڭىز يىغلايمەن. چۇنكى گۈللالە، سىز مېنىڭ پۈتكۈل دۇنيارىم...» دېگەنىدى.

    \

    قانچە قېتىملاپ مۇشۇنداق دېگەنلىكىنى بىلمەيمەن. بۇنداق گەپلىرى يۈرۈكۈمنى ئېيتقۇسىز ئازابلايتتى. مەندە نېمە گۇناھ؟ مەن ئۇنى بىر يېقىنىم سۈپىتىدە كۆرىمەن. ئۇنىڭ ماڭا قىلغانلىرىغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ئەمما بۇ مۇھەببەت ئەمەستە؟! مەندە مۇھەببەتتىن خەۋەر بولماي تۇرۇپ ئۇنىڭغا ھېچقانداق ۋەدە بېرەلمەيمەن. ئۇنىڭدا نېمە گۇناھ دەيسىز؟ مېنى ياخشى كۆرۈش گۇناھ ئەمەسقۇ؟! بىر ئۆزى 15يىلنىڭ ياقى، ئۇنۇتماي ئەسلەپ كېلىۋاتقان بىر قىزنى ئۇچرىتىپ ئۇنى سۆيۈشى ئۇنىڭ گۇناھ ئەمەسقۇ؟! نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولىدۇ؟! زادى نېمە ئۈچۈن؟! يۈرۈگۈم، سەن زادى كىم ئۈچۈن سوقىۋاتىسەن؟ ئۇلۇغ خۇدا! رافائىلنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغىن! ئۇنى بەختلىك قىلغىن! ئۇنىڭ بەختىنى باشقا بىر قىزدىن بەرگىن! ئۇنىڭ قەلبىدىكى مېنى چىقىرىۋەتكىن!!!
     كۈنلىرىم مەكتەپكە كېلىش، دوختۇرخانىغا بېرىش بىلەن ئۆتىۋاتىدۇ. پۈتۈن خىيالىم رافائىل ساقايسا، مۇسابىقىسىگە قاتنىشالىسىلا بولاتتى دەپ ئويلاشلا. بۇنىڭدىن باشقىنى ۋاقتىنچە ئويلىغىنممۇ يوق. كۈندە دوختۇرخانىغا بارىمەن. رافائىلنى چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ، پەسكە ئېلىپ چۈشىمەن. ئۇنىڭ مۇزىكا ئەترىتىدىكى بىر بالىنىڭ ئاكىسى 2-دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش ئۈسكىنىلىرىنى ساقلايدىغان بىر ئۆينى ۋاقتىنچە بۇلارنىڭ رېپىدىس قىلىشىغا بېرىپ تۇردى.

     ھەر كۈنى دېگۈدەك رافائىلنى ئېلىپ شۇ يەرگە كىرىمەن. ئۇلار ئولتۇرۇپ قايتا - قايتا مەشىق قىلىدۇ. «دۇمباقنىڭ ماۋۇ يېرى ئېگىز چىقىپ كەتتى، باسقا دىققەت قىل. بۇ كىرىشىڭ بولمىدى...» رافائىل ھېلى ئۇنىڭدىن، ھېلى بۇنىڭدىن قۇسۇر تېپىپ سۆزلەپ تۇراتتى، بەزىدە ئۇلار تالىشىپمۇ قالاتتى. بەزىدە سىرتقا چىقىپ، ئۆتكەن - كەچكەنگە قاراپ تۇراتتىم. بىر كۈنى يەنە شۇلارنىڭ رېپىدىس ئۆيىنىڭ ئالدىغا چىقىپ تۇرۇشۇمغىلا، بىردەمدىلا كەينىمدىن دۇمباق چالىدىغان بالا يۈگرۈپ چىقتى:

    -گۈللالە، خاپا بولماي ئىچىگە كىرىپ، بىز بىلەن بىللە ئولتۇرامسىز؟ رافائىل مۇشۇ ئىشىك تەرەپكە قاراپ، كاللىسىنى پەقەت يىغالمايۋاتىدۇ.

    يۈزلىرىم ئوت بولۇپ يېنىپ كەتكەندەك بولدى. رېپىدىس ئۆيىگە كىرىپ رافائىلغا ئەيىبلەش نەزىرىدە قاراپ قويدۇم-دە، يېنىغا بېرىپ ئولتۇردۇم. ئانچە - مۇنچە نوتا تونۇيتتۇم. ئالدىمدىكى نوتىغا قاراپ، قوللىرىمنى ئېلىكتىرونلۇق چالغۇنىڭ تىللىرىغا قويغاندەك ھەرىكەتلەرنى قىلىپ ئولتۇردۇم. ( ئىچىم پۇشۇپ كېتىپ). كىچىكىمدە غۇلجىدا تۇرغان ۋاقتىمدا، ئاپامنىڭ ئاكىسىنىڭ قىزى سابائەت ھەدەم (ھازىر يېزا - ئىگىلىك ئۇنۋېرسىتىدا ئوقۇۋاتىدۇ) بىلەن ئىككىمىز تۇيۇقسىز، مۇشۇ ئېلىكتىرونلۇق چالغۇغا قىزىقىپ قالدۇق. قاھار چوڭ دادام (سابائەتنىڭ دادىسى) قاخشاپ يۈرۈپ ئىككىمىزگە ئىككى ئېلىكترونلۇق چالغۇ ئېلىپ بەردى. مۇئەللىمىمىز تىببەت مۇئەللىم ئىدى. ئىسمى چولا. بىزگە بەك كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىتەتتى. ئاساسىي مەشىقلەرنى، بەش سىزىقلىق نوتىنى ئۆگىنىپ بولغاندا، مەن داداملار بىلەن كېتىپ قېلىپ ئۆگىنەلمەي قالغانىدىم. شۇڭا، كىچىكىمدە ئۆگەنگەن بولغاچقىمىكىن، ئېسىمدىن قەتئىي چىقمىدى. تېخى كېيىن سوۋېتتىكى ۋاقتىمدا، نەچچە روس مۇزىكىسىغا چېلىشنىمۇ ئۆگىنىۋالغان ئىدىم..

     -ۋاھ،گۈللالە، بەك ئۆلچەملىك قىلىۋاتىسىزغۇ؟ قول مەشىقى قىلىپ باققانمىدىڭىز؟ نوتا تونۇيدىكەنسىز-ھە؟

     رافائىلنىڭ كۆزلىرى ھەيرانلىق، خوشاللىقتىن چاقناپ كەتتى.

    -ھەئە، مۇنداقلا ئۆگىنىپ قويغان كىچىكىمدە، ئېسىمدە قالغىنى بويىچە قىلىپ باقتىم.- دېدىم سەل ئوڭايسىزلىنىپ.

    -گۈللالە! سىز مېنى ھەر قېتىم مۇشۇنداق ھەيران قالدۇرىسىز جۇمۇ؟!

     رافائىل ھاياجانلىنىپ ئۆزىنى يوقىتىپ قويىۋاتاتتى.

    -ۋاي، ھېچنىمە ئەمەسقۇ بۇ. مۇنداقلا قىلىپ باقتىم.

       ئەمەلىيەتتە، مەن دۇمباقنى (架子鼓) نى بەك ياخشى كۆرەتتىم. دۇمباق چوكاممۇ بار ئىدى. «يانى مۇزىكا چالغۇ ئەسۋابلىرى» دۇكىنىدىن ئالغان. ئىنىمنىڭ ۋاسكىتبولىغا   ئۇرۇپ مەشىق قىلاتتىم. كېيىنچە ئۇ- بۇ ئىشلار بىلەن تاشلاپ قويغان. لېكىن، دۇمباقچىلارنى كۆرسەملا، ئىككى - ئۈچ قول ئۇرۇپ خۇمارىمنى بېسىۋالاتتىم.

    شۇنداق قىلىپ، مەن ھەر كۈنى ئۇلار بىلەن بىللە مەشىق قىلىدىغان بولدۇم. دۇمباقچىمىز ئاتتەك بىر بالا ئىدى. قاپىقىنى تۈرۈپلا تۇراتتى، ماڭىمۇ تەلەپنى يۇقىرى قوياتتى. ئۆزۈمچە، ئاساسىي ماھارەتنى تۈزۈك ئىگەللىمەي تۇرۇپ، چوكا ئوينىتىشقا ئامراقتىم. ھە دېسىلا، قولۇمدا چوكا پىرقىرىتىشنى مەشىق قىلىپ تۇرۇۋالاتتىم، (خېلى يامان ئەمەس پىرقىرىتىمەن ھى ھى) . رافائىلدىن گېتتار ئۆگىنىمەن، دەپ بارماقلىرىمنىمۇ يارا قىلىۋالدىم. ئىشقىلىپ ئۆزۈم قىززىققاچقىمىكىن، كۈندە دېگۈدەك مۇشۇلار بىلەن مۇزىكا مەشىق قىلىپ، نەچچە سائەتنى ئۆتكۈزىۋېتەتتىم. ماڭىمۇ ئانچە -مۇنچە بىرنېمە يۇقۇپ قالدى. ھېچ بولمىغاندا، ئوڭ ئۇدار، تەتۇر ئۇدارنى بىلدىم، ئانچە – مۇنچە پاس ئۇرالايدىغان بولدۇم.

    \
        ئىمتىھانىمغا نەچچە كۈن قالغاندىن باشلاپ، رافائىلنىڭ يېنىغا بارمىدىم، ئۇ ھازىر خېلى ياخشى بولۇپ قالدى، ھاسا تاياققا تايىنىپ ماڭالايدۇ. شۇڭا مەنمۇ خاتىرجەم مەكتەپتە ئۆزەمنىڭ ئىشلىرىنى قىلىپ يۈرىۋاتىمەن. نەچچە كۈننىڭ ياقى، كېچىسى كىتاپ كۆرۈش، تەكرار قىلىش بىلەن، كۈندۈزلىرى ئۇخلاپ، ئانچە - مۇنچە كۈتۈپخانىغا چىقىش بىلەن ئۆتىۋاتىدۇ. كۈتۈپخانىدا ئولتۇرغانلىرىمدا، تۇيۇقسىزلا كاللامغا ئەزىمەتنىڭ سىيماسى كىرىۋالاتتى-دە، پۈتۈن نېرۋىلىرىم خىزمەتتىن توختاپ، ئۆلۈك بىر خىل ھالەت شەكىللىنەتتى. خۇددى پۈتۈن جىسمىمدە قىلچە ماغدۇر قالماي، ھازىرلا ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغاندەك. بۇ چاغدا ئورنۇمدىن تۇرىمەندە، يېنىمدىكى گۈزەلنىڭ:

    -نەگە بارىسەن؟ ھەي ئات...

    دېيىشىگە پەرۋامۇ قىلماي، كارىدورغا چىقىپ، «بىخەتەر چىقىش ئېغىزى» دېگەن يەردە تۇرىۋالىمەن. بۇ بىخەتەر چىقىش ئېغىزىنى، بىناغا تاساددىپى ئوت كېتىپ قالسا ۋە ياكى يەر تەۋرەش دېگەندەك ئىشلار بولۇپ قالسا (خۇدايىم ساقلىسۇن)، بىنا ئىچىدىكىلەرنى بىخەتەر چىقىۋالسۇن، دەپ ئورۇنلاشتۇرغان بولغىيتتى. مەنمۇ ھەر قېتىم قەلبىمدىكى شۇ رەزگى ئوت گۈررىدە قىلىپ پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى كۆيدۈرۈشكە باشلىغاندا، ئېختىيارسىز مۇشۇ بىخەتەر چىقىش ئىشىگىگە ئۆزۈمنى ئاتىمەن. بۇ ئىشىك، توۋا دېمىسە، ھەقىقەتەن «بىخەتەر چىقىش» ئىشىگى جۇمۇ! مۇشۇ يەرگە كېلىپ، ئازراق تۇرۇۋالسام، قەلبىمدىكى، ۋۇجۇدۇمدىكى غەلىيانلار بېسىقىپ، بۇرۇنقى ئۆزۈمگە قايتىمەندە، ئاستا كىرىپ كېتىمەن.

       بەزى كۈنلىرى، كەچلىرى تەكرار ۋاقتىدا، قىزلار ئەزىمەتنىڭ گېپىنى «تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك» تۇيۇقسىزلا قىلىپ قويىدۇ. (رافائىلنىڭلا گېپىنى قىلىدىچۇ ئادەتتە بۇلار)، بۇنىڭ بىلەن تېنىچ نېرۋام يەنە قالايمىقانلىنىشقا باشلىنىدۇ

    -كىتابىنى بېقىۋالدىڭ دېگىنە؟- دېسە بىرسى، يەنە بىرسى:

    -بېرىۋەتسەڭ بولاتتى جۇمۇ!- دەيدۇ

    -ئۇنىڭدىن ئالغىنىم كىتاپ ئەمەسكەن. بىر پارچە ئوت!!! جېنىم قېرىنداشلىرىم، مۇشۇ ئوتنى شۇ ئەبلەخنىڭ ئۆزىگە قايتۇرۇپ بەرگىلى بولارمۇ زادى؟!- دەپ ۋارقىرىغۇم كېلىدۇ. لېكىن بوغۇزۇمدىكى شۇ ئاچچىقنى كۈچەپ ئىچىمگە يۈتىمەندە، پەرۋازسىزلارچە:

    -ۋاي، بىر گەپ بولار!- دەپ قويىمەن. (ئارتىس بولساممۇ بولىدۇ جۇمۇ بەزىدە). ئەمما خېلىغىچە دىققىتىمنى يىغالماي، بىر قارىغان يەرگە قاراپ تۇرۇپ كېتىمەن.

     يېقىننىڭ ياقى پات - پات مۇشۇنداق كاللام توختاپ قالىدىغانلا بولۇپ كالدى. ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەم، مەندەك ئاجىز بەندەڭنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغىن، بەندىلىرىڭگە خار قىلمىغىن. بەزىدە ئۇخلىمىغان بىلەن ئۇخلىغاننىڭ ئارىسىدا، ئەزىمەتنى «چۈشەپ» كېتىمەن. ئىشقى - بالاغا مۇپتىلا بولۇش، دېگەندەك دەبدەبىلىك سۆزلەرنى قەدىمقى بىر چۆچەكلەردە كۆرگەن. ئەسلى رېئال تۇرمۇشتىن كەلگەن چۆچەكلەر ئىكەن ئۇ! يا مېنىڭ بۇ كەچمىشلىرىممۇ  شۇ ساماۋىي چۆچەكلەرگە ئوخشاپ قېلىۋاتامدىكىنە؟! ياتاقتا كىمنىڭ بېشىغا بىر ئىش كەلسە، قىزلارغا دەيمىز. ئاساسەن بىر - بىرىمىزدىن سىر يوشۇرۇپ كەتمەيمىز. بەلكىم مەنمۇ مۇشۇنداق غەلىتە قىينىلىىشلىرىمنى ئۇلارغا دېسەم، ياخشى بولۇپ قالار ئىدىم.  ئەمما، يامان يېرى «سەۋزىدىن خەۋەر يوق، گۈرۈچ دەم يەپتۇ» بولىۋاتقىنىدە؟! ھەي... ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ بۇ ياتاقتىكى قىزلارنىڭ ھەممىسى رافائىلنىڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرى، ئەگەشكۈچىلىرى. رافائىل دوختۇرخانىدا ياتقان ياقى بەش قېتىم يوقلاپ بولدى، مېنى سۆكىدۇ بېرىپ ئۇ يەرگە. رافائىل، ھېلىقى يېشىلغا مايىل كۆزلىرى بىلەن بېشىنى پەس قىلىپ كۈلۈپ كېتىدۇ، مەن توغرۇلۇق ھەرخىل ئەپسانىلەرنى ئاڭلىغىنىدا. (بەك تارتىنچاق، باشقىلارنىڭ كۆزىگە قارىيالمايدۇ ئالدىراپ). رافائىلمۇ بۇلارنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممە گەپلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايدۇ ھەم بۇلارغىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ، مەندىن سوراپ كېتىدۇ بەزىدە:

    -مەرخان بىلەن رىشات ئەپلىشىپ قالدىمۇ؟

    -سەبىرەنىڭ سىڭلىسى كۆنۈپ قاپتىمۇ؟

    -مەستۇرەنىڭ ئۇكىسىنىڭ مۇسابىقىسى قانداق بوپتۇ؟

    -...

    دېگەندەك. ئىشقىلىپ، ياتاقتىكىلەر رافائىلنى قارار قىلىۋەتتى، بىزنىڭ ياتاقنىڭ كۈيئوغلى، دەپ. ئامال يوق بۇلارغا، مەنمۇ بۇرۇن باشقىلارغا ياندىن شۇنداق قارارلارنى چىقىرىپ قوياتتىم.

    -مۇنداق قىلسا بولمامدىغاندۇ!- دەپلا جەزملەشتۇرۈشكە ئالدىرايتتىم. ئۆزۈمگە كەلگەندە بىلىۋاتىمەن، باشقىلارنىڭ ھېسىيات ئىشى ئارىلىشىدىغان ئىش ئەمەس ئىكەن.

    ھە راست. ئاخشام ئولتۇرۇپ «يۈز كوي ۋەقەسى»نىڭ گېپى چىقىپ قالدى. ئۇنتۇپ كېتەي دەپتىكەنمەن ئەسلى ئۇ ئىشنى. قىزلار مۇلاھىزە قىلىشتى ئۆزلىرىچە. سەبىرە دېدى:

    -سەن، مەن ئوغۇل بالا دەپ يازساڭ، شۇنىڭ ياقى جىمىپ كەتكىنىگە قارىغاندا، ئۇمۇ چوقۇم ئوغۇل بالا. شۇڭا بولدىلا، دەپ يوقاپ كەتتىمىكىن.

    -ياق، مەنچە ئۇنداقمۇ ئەمەس جۇمۇ، قىزلار.- دېدى مەستۇرە ئالدىدىكى كىچىك ئەينىكىدە چېچىنى تۈزىگەچ.- مەنچە ئۇ چوقۇم قىز بالا. قانداق دېسەڭلار، ھازىرقى ئادەملەر بىر - بىرسىنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئالدىراپ راست سۆزلىمەيدۇ. سەن ئۆزەڭنى ئوغۇل بالا دېگىنىڭ بىلەن، ئۇياق ئاللىبۇرۇن بىلىپ بولدى قىز بالا ئىكەنلىكىڭنى!

    ھە؟ بۇ قانداق گەپ ئەمدى!

    -توغرا!- مەرخان قوپتى ئەمدى (بۇ مۇشۇنداق  تەستىق سېلىشقا ئامراق دېسە. سوتچىدەك، توغرا خاتا دەپ).- مەنچىمۇ ئۇ چوقۇم قىز بالا. يەنە كېلىپ ئۇمۇ ئويلىغاندۇ 100يۈەن پۇلۇمنى  قايتۇرۇپ بەرمىگەندىن كېيىن قىز بالا ئوخشايدۇ،  دەپ.

     بۇ تەھلىللەرنى ئانالىز قىلىپ بولالماي، قەلەم بىلەن بېشىمنى تاتىلاپ ئولتۇردۇم. بۇ قىزلارنىڭ تەسەۋۋۇرى كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ دېسە. ئۆزلىرىنىڭ شۇنداق مۇھىم ئىشلىرى بولسىمۇ، بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، باشقىلارنىڭكىنى «پىداكىرانىلىق بىلەن» تەھلىل قىلىپ كېتىدۇكى، بەزىدە راستلا تەسىرلىنىمەن جۇمۇ

    -مەنچە، ئۇ قىزمۇ ئەمەس ئوغۇلمۇ ئەمەس، ئۇ بىر غەلىتە مەخلۇق!

    دېمەسمۇ ئادىلە، تۇيۇقسىزلا مۇز تامغا كالتەك ئاتقاندەكلا، تاس قالدىم ئاغزىمدىكى چاينى پۈركۈۋەتكىلى.

    -ھەي، ھەي، ھەي،  بولدى قىلىڭلار. ئۇ بىچارە مەيلى ئوغۇل بولسۇن قىز بولسۇن، 100كويىنى خاتا قاچىلىغىنىغا تويغۇزىۋەتمەيلى!- دېدىم. شۇندىلا ئويلاپ قالدىم، بۇرۇن مەنمۇ مۇشۇلارغا ئوخشاش، باشقىلارغا خوشياقسۇن يا خوشياقمىسۇن، مۇشۇنداق تەھلىل قىلىپ، پىكىر يۈرگۈزۇپ، خەقنى زېرىكتۈرىۋەتكەن ۋاقىتلىرىممۇ بولغان بولغىيتى-ھە؟! بەزىدە جىمجىت بىر يەرلەرگە كەتكۈم كېلىدۇ. كاللامنىڭ ئىچىدە بىر نەرسە توختىماي ئايلىنىدۇ، كېچە – كۈندۈز. شۇڭا ئۇخلاپ قوپساممۇ، بىر خىل ھارغىن. ئىچىمدىن شۇنداق بىر ئۇف، چىقىدىكىن، شۇنىڭدىن قەلبىمدىكى يالجىۋاتقان ئوتنىڭ تەپتىنى ھېس قىلىمەن.

    \

    نېمىشقىكىن كۈز كەلسىلا، روھىي - كەيپىياتىممۇ كۈز يۇپۇرماقلىرىغا ئەگىشىپ سولىشىدۇ. بەدىئي جەھەتتىن مۇشۇ كۈز پەسلىنى قانداقلا قىلىپتۇر ياخشى كۆرەلمەيمەن. يازنىڭ يامغۇرى بىلەن قىشنىڭ لەپ - لەپ ياغقان قارىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەن. ئەمما، مۇشۇ كۈزدە ياققان يامغۇر، مۇزلاپ تۇرغان ئادەمگە مۇز بەرگەندەك خوشياقمايدۇ. دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ، پۈتۈن جاھاننى غەم - قايغۇ بېسىۋالغاندەك ھېس قىلدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈنۈگۈن ياقى ياغقان يامغۇر، بۈگۈن يەرلەردە بىر قەۋەت نىپىز مۇز تۇتقۇزغانىدى. قەلبىممۇ مۇزلاپ - ئېرىپ شۇ نىپىز مۇزغا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ، شۇ ئەسلىمىلەر ئىچىدە.

    بۈگۈن ئەڭ ئاخىرقى بىر پەن ئىمتىھان. مۇشۇنداق سىياسەت خاراكتېرىنى ئالغان پەنلەر بىلەن، مىڭ يىل بىر قازاندا قايناتسىمۇ قېنىم قۇشۇلمايدۇ دە، مېنىڭ! دەرسلىك كىتابىمنىڭ 13-بېتىنى ئېچىپ قۇيۇپ بىر كۈن ئۆتكۈزۋەتتىم. كاللامغا بىر نې مە چۈشىدىغاندەك ئەمەس. رافائىل قىسقا ئۇچۇر يوللاپتۇ: «ئۇماق، ئىمتىھانىڭىز تۈگىسە بىرىنچى بولۇپ مېنى كۆرگىلى بىر كېلىۋېتەمسىز؟ سىزنى كۆرمىگىلى ئون كۈندىن ئاشتى. كۆزلىرىمدىن ئۇچۇپ كەتتىڭىز؟». شۇنچە كۈنلەر بولۇپ كېتىپتۇ-ھە؟! توۋا، كېچە - كۈندۈزنى ئالماشتۇرۇپ قويدۇم ، كېچە - كۈندۈز تەكرار قىلىمەن دەپ.

    -نېمە بولدۇڭ، ئاداش سەن؟ يېقىننىڭ ياقى غەمكىنلىغۇ؟- دېدى ئادىلە. ئۆزۈممۇ مۇشۇنداق كەيپىم چاغ ئەمەس ۋاقتىدا، ئادىلەنى خالاپ قالىمەن. بەك ئادەمگە تەسەللىي بېرىشنى بىلىدۇ. باغرى يۇمشاق، بەك ئىشچان. ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تاماق ئېتىش، كىر يۇيۇش، ئۆي تازىلاشتىن تارتىپ، ھويلا - ئارام ئاقارتىش، نان يېقىش، ئېغىر - يېنىك ئىشنىڭ ھەممىنى مۇشۇ قىلىدىكەن. ئادىلەدىن مۇشۇلارنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىغىنىمدا ھەيران بولۇپ:

    -ئاپاڭ نېمە ئىش قىلىدۇ؟- دەۋەتكىنىمنىمۇ بىلمەي قالغانىدىم.

    -ئابدۇللا بىلەن قانداق يۈرۈپ قالغانتىڭلار؟- سورىدىم ئادىلەدىن.

    -قانداق بولاتتى يەنە بۇرۇنقى شۇ كونا سەنەم. ئالىي مەكتەپنىڭ تەييارلىقىدا بىللە ئوقۇغاندا، بىر سىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى - بۇنى دېيىشىپ ياخشى كۆرۈشكەن، كېيىن ئۇ غوجام رەسمىيەتنى ئۆتىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن يۈرگەن بولدۇق!- دېدى ئادىلە كارىۋاتتا پۇتنى پۇلاڭلاتقاچ ئولتۇرۇپ

    -ماڭا ۋاي، ئۇنى بۇنى دېسە ياخشى كۆرۈشۈپ قالىدىغان ئىش بولسا، ھەممە ئادەم يۈرۈپ كەتمەمدۇ؟! سەن بېشىدا ياخشى كۆرگەنمۇ، يا ئۇمۇ؟- دېدىم ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغاچ.

    -راست گەپنى دېسەم، مەن بېشىدا ياقتۇرۇپ قالغان، ھەممىسى ئابدۇللا مېنى قوغلىشىپ كەلتۈرۈپ يۈردى، دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بېشىدىلا مەن ياخشى كۆرۈپ قالغانىدىم ئۇنى

    -قانداق قىلىپ؟ قانداق قىلىپ ياخشى كۆرۈپ قالغانتىڭ؟

    -بىر كۈنى سىنىپتا قەرت ئويناپ ئۇتتۇرۇپ قويغانلار نومۇر ئورۇنلاپ بېرىدىغان بولغان. ئابدۇللا شۇ چاغدا بىر خەنزۇچە ناخشا ئېيتىپ بەرگەن، شۇ ناخشىنى ئېيتقان ۋاقىتتىن باشلاپلا ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم.

    توغرىكەن! بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈش ئۈچۈن، بەزىدە جىق جەريانمۇ كەتمەيدىكەن، كۆڭۈل دېگەنمۇ ھەجەپ نەرسىكەن دەيمەن. كۈندە ئالدىڭدا تۇرغان نەرسىنى خالىماي، سەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈش ئېھتىمالىڭمۇ بولمىغان ئادەمنى خالايدىكەن.

    «ھەي ئاغىنە، بىردەم پاراڭلاشساق بولامدۇ؟» ھەيران قالدىم. قولفۇنۇمدا «100كوي ۋەقەسى»نىڭ نومۇرى تۇراتتى. توۋا، راستلا ئوغۇل بالىكەندە! مېنىمۇ راست ئوغۇل بالا ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتۇ-دە، بۇ قاپاقباش. ئىچىم پۇشۇپ تۇرغاندا پاراڭلاشساممۇ پاراڭلىشاي.

    «ۋوي! سەنمۇ ئوغۇل بالىكەنسەندە؟!» دەپ ئەۋەتتىم يەنە بىر قېتىم ئېنىقلاش مەقسىتىدە

    «ئاپام ئوغۇل بالا دەپ تۇغۇپتىكەنغۇ، ئۇنداق  بولغاندىن كېيىن راست ئوغۇل بولارمەن! قانداق؟! سەن تازا ھەقىقىيسىدىن ئەمەس ئوخشىمامسەن ؟!»

    زادى ياخشى گەپ قىلىدىغان نەرسە ئەمەس بۇ !!!

    «يالغان راستلىقىنى كېيىن بىلىپ قالارسەن؟! ئوغۇل بالىغا پاراڭلىشايلى دەپ ئۇچۇر ئەۋەتكەندىن كېيىن راستمۇ؟ يالغانمۇ؟ دەپ سورىدىم» دەپ ئەۋەتتىم.

    «ھا ھا ھا... يېقىننىڭ ياقى كۆڭلۈم سەل پاراكەندە، يېنىمدىغۇ ئەل - ئاغىنە جىق، لېكىن كۈندە كۆرگەن ئادەملىرىڭگە دېيىشنى خالىمىغان بەزى گەپلەرنى مۇشۇنداق كۆرۈپ باقمىغان يا بەك ئاز كۆرىشىدىغان ئادەملەرگە دېگۈڭ كېلىپ قالىدىكەن...»  

    راست... قارىغاندا بۇنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش باشقىلار چۈشىنەلمەيدىغان، باشقىلارغا قانداق دېيىشنىمۇ بىلمەيدىغان كۆڭۈل ئازابلىرى بولسا كېرەك.

    «ئۇغۇ شۇ، قېنى ئەمىسە دەپ باقمامسەن؟ ياردەم قىلغۇدەك يېرى بولسا قاراپ ئولتۇرمايمىز.» دەپمۇ يېزىپ قويدۇم ئارقىسىغا، (خەقنىڭ 100كويچىنىنى جىممىدىلا خەجلىۋالغاندىكىن ئىززا تارتىپ)

    «ھا ھا ھا... ئاغىنە، باشقىلار ياردەم قىلالايدىغان ئىش بولسا ساڭا دېمەيتتىم. ياردەم كېرەك ئەمەس، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايدىغان ئادەم كېرەك زادى»

    ئۆزۈمنىڭ دەردىمۇ يېتىپ ئاشاتتى، مۇشۇ ئاي، مۇشۇ كۈنلەردە. يېگەننىڭ تىلى قىسقا دەپ، بوپتىلا ئاڭلاپ قوياي

    «ھە، قېنى دېمەمسەن؟ كىمنىڭ دەردى يوق بۇ دۇنيادا. دېگىنە»

    «مانا مېنىڭ يوق ئىدى دەردىم بۇرۇن، بولسىمۇ دەرت دېگۈچىلىكى يوق، كىچىك غەملەر ئىدى، خالاس. يېقىننىڭ ياقى ھەجەپ بولۇپ قالدىم دېسە، بىر نەرسەم كامدەكلا. ئۇ نەرسىنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيمەن. مېنى بەك قىيناپ كېتىپ بارىدۇ...»

    ۋوي... راستلا بىچارىكەن بۇ.

    «ئەمىسە بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئوخشايسەن. چاققانراق قىزدىن بىرنى تېپىپ مۇھەببەتلىشىۋالساڭ، ياخشى بولۇپ كېتىسەن»

    «يۈرىۋاتقان مۇھەببىتىم بار، 6يىل بولدى. ئۆزى ياخشى قىز. چىرايلىق، ئەخلاقلىق، مۇھىمى مېنى بەك ياخشى كۆرىدۇ»

    ئوھۇش... نېمداق ئادەمنى ساراڭ تاپىدۇ ماۋۇ.

    «ئەمىسە نېمەڭ كام ، ئاغىنە. سەن ياخشى كۆرمەمسەن يا؟!»

    «بۇرۇن ياخشى كۆرۈش شۇلا ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ ئۇنى سۆيىمەن دەپتىكەنمەن، دېگىنە.  ھازىر ئويلىسام ئۇنى ياخشى كۆرمەيدىكەنمەن، بۇنى مەن، يەنە بىر قىزنى ئۇچراتقاندىن كېيىن ئاندىن ھېس قىلدىم...»

     يۈرۈگۈم ئاغقاندەك بولدى.

    «ھە، شۇنداقمۇ؟ ئۇنداق بولسا ئۇ قىز بىلەن كۆرۈشۈپ سۆزلىشىپ باقمىدىڭمۇ؟»

    «مەن ئۇ قىز بىلەن ئىككى قېتىملا پاراڭلاشقان، لېكىن ئۇنى مەكتەپتە كۆرۈپ تۇرىمەن. ئۇمۇ مۇشۇ مەكتەپتە دېگىنە. بۇرۇن قەتئىي كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن...»

    توۋا! دۇنيادا غەلىتە ئىشلاربولۇپ تۇرىدۇ دېسە؟!....

    رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ چاپلىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.