كۈنىگە بىر ئەقىل (باھارنامە) 1-ئاي

يوللىغۇچى : enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-18 22:33:28

كۈنىگە بىر ئەقىل(لېۋ تولىستوي)(باھارنامە) ئېتىقاد خۇدانىڭ قانۇنىيىتى خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. ھەممە ئىنسان تۇغۇلغاندىلا باب-باراۋەر، شۇڭا خۇدانىڭ قانۇنىيىتى بىزنىڭ ھەممىمىزگە ئۈچۈن ...

    كۈنىگە بىر ئەقىل(لېۋ تولىستوي)
    (باھارنامە)


    ئېتىقاد

       خۇدانىڭ قانۇنىيىتى خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. ھەممە ئىنسان تۇغۇلغاندىلا باب-باراۋەر، شۇڭا خۇدانىڭ قانۇنىيىتى بىزنىڭ ھەممىمىزگە ئۈچۈن ئوخشاش. بىز خۇدانىڭ قانۇنىيىتىنى چۈشىنىپ يەتكەن ھەم ئاڭا ھۆرمەت قىلغان چېغىمىزدىلا ئاندىن بىزگە ياخشى تۇرمۇش نېسىپ بولىدۇ.
    يەھۇدىيلارنىڭ ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان مۇنداق تەمسىلى بار: «خۇدانىڭ چىرىقى ئادەمنىڭ روھىدۇر.» خۇدانىڭ چىرىقى يانمىسا، كىشى بەكمۇ يار-يۆلەكسىز قالىدۇ؛ خۇدانىڭ چىرىقى يانسا، كىشى تېخىمۇ قۇدرەت تېپىپ ھۆر-ئازاد بولىدۇ. بۇ سۆزنى ئاستۈن-ئۈستۈن قىلىپ قويۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى، ئۇ ئادەمنىڭ ئۆز قۇدرىتى بولماستىن، بەلكى تەڭرىنىڭ قۇدرىتىدۇر.
    بىز نىچۈك مېھرىبان، بۇنى بىلمىسەكمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئالىيجانابلىق قانۇنىيىتىنى ھۈرمەتلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلىمىز، مېھرىبانلىق-ئالىيجانابلىق كىشىلەرنىڭ پسىخىكىسىدا ۋە بىزنىڭ قەلبىمىزدە مەۋجۇت.
    مۇبادا، بىز ئۇنى رەسىم-قائىدە ۋە تىلاۋەت دەپ بىلىپ ئەمەلىيىتىمىز بىلەن كۆرسەتمىسەك، خۇدانىڭ كۆڭلىنى ئالساقمۇ خۇدا ھەمدە ئۆزىمىزنى ئالدىغان بولۇپ قالىمىز.

    1-ئاينىڭ 1-كۈنى


    روھ

    «ئىچىمدىكى ئۆزۈم»نى قانداق ئاتاي؟ ئۇ مېنىڭ روھىم، ئۇنىڭ تۇرارگاھى قەلبىمدۇر، ئۇندا ۋۇجۇد-تېنىم بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. بىز كۈنسېرى قېرىيمىز، ھاياتنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىنى بېسىپ ئۆتىمىز. بىز ئەڭ دەسلەپ مەسۈم بوۋاق ئىدۇق، ئاندىن بالىلىققا قەدەم قويدۇق، ئاندىن يەنە يىگىت-قىز بولدۇق، ئەڭ ئاخىرى ئاستا-ئاستا قېرىۋاتىمىز. بۇ باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتكەن بولساقمۇ، قەلبىمىزدىكى ئۆزىمىز يەنىلا دەسلەپكى پېتىچە تۇرماقتا. قەلبىمىزدىكى ئۆزىمىز دەل بىزنىڭ روھىمىزدۇر.
    ئۆزىنى چۈشىنىشتە، ھاياتنىڭ تەندە ئەمەس، روھتا ئىكەنلىكىنى بىلگۈلۈك.
    تۆمۈر تاشتىن، تاش ياغاچتىن، ياغاچ سۇدىن، سۇ ھاۋادىن قاتتىق. بىراق، بىر خىل نەرسە باركى، بىز ئۇنى تۇتۇپ كۆرەلمەيمىز، ئاڭلىيالمايمىز، ئۇ ھەرقانداق نەرسىدىن قۇدرەتلىك بولغان بولسىمۇ. ئۇ بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىدى، شۇدەممۇ مەۋجۇت، كەلگۈسىدىمۇ مەۋجۇت، مەڭگۈ يوقالماستۇر. ئۇ زادى نېمە؟ ئۇ، روھ، ھەر بىرىمىزنىڭ قەلبىنى ماكان تۇتقان روھ.
    بەھەيۋەت تاغلار، قۇياش ۋە كائىناتتىكى يۇلتۇزلارنىڭ يوغانلىقى بىزنى ھەيرەتتە قالدۇرسىمۇ بۇ غايەت زور مەۋجۇداتلار بىزنىڭ روھىمىزنىڭ قۇدرىتى، سىرلىقلىقى ئالدىدا ھېچنەرسە ئەمەس. دۇنيادا ئەڭ قۇدرەتلىك، ئەڭ سىرلىق، مەڭگۈلۈك ھەيرەتتە قالدۇرىدىغىنى، پەقەت ئۆزىمىزگە تەۋە بولغىنى، يېڭىلمەس بولغىنى بىزنىڭ روھىمىز.

    1-ئاينىڭ 2-كۈنى

     


    بارلىق جانلىقلارنىڭ روھى بىر

    دەريا-ئېقىنلار كۆلچەككە، كۆلچەك سوغىغا، سوغا قەدەھكە ئوخشىمىسمۇ، ئۇنىڭدىكى سۇنىڭ ھەممىسى ئوخشاش. خۇددى شۇنىڭدەك، ساغلام چوڭلار، كېسەلچان بالىلار، قىران شاھ، يوقسۇل ئاياللار−ھەر خىل كىشىلەرنىڭ روھىمۇ ئوخشاش. ئوخشاش بىر روھ ھاياتلىقنى ھەر بىرىمىزگە ئاتا قىلغان.
    باشقىلار بىلەن بىزنىڭ ئوخشاش روھىمىزغا قاراپ، بىز ئېغىر ئۇيقىدىن ئويغاندەك بولىمىز.
    بىز باشقا بارچە ئادەملەر، كۈللى جانلىقلار بىلەن تامامەن ئوخشاشمىز. شۇڭا، بىز ئۆز ئارزۇ-ئىستەكلىرىمىزنى باشقىلاردىنلا ئەمەس، ھەيۋناتلاردىنمۇ قاندۇرالايمىز.
    تەڭرى ھەر بىرىمىزنىڭ قەلبىدە.
    ئادەم يەككە-يىگانە ياشىيالمايدۇ، ئادەمنىڭ ھاياتى ۋە روھى باشقىلار بىلەن باغلانغان. ئەگەر، كىشىلەر بۇنى چۈشۈنىپ يېتەلىسە، باشقىلارغا قىلغان ياخشىلىقى ماھىيەتتە ئۆزىگە قىلىنغان ياخشىلىق ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونىيالايدۇ.

    1-ئاينىڭ 3-كۈنى

     

    خۇدا

    خۇدا سۆيگۈدۇر، ياكى سۆيگۈ خۇدادۇر، دېيىشىدۇ كىشىلەر. خۇدا ئەقىل-پاراسەتتۇر، ياكى ئەقىل-پاراسەتتە خۇدانىڭ قۇدرىتى بار، دېيىشىدۇ ھەم. ئەمما، ئۇنداقمۇ ئەمەس. سۆيگۈ ۋە ئەقىل-پاراسەت بىزگە ئايان بولمىش خۇدانىڭ سۈپەتلىرى. خۇدا زادى نېمە، بىز ئەلۋەتتە بۇنى بىلىپ يېتەلمەيمىز.
    ھەر بىر كىشى خۇدانى سېزەلەيدۇ، ئەمما ئۇنى چۈشىنەلەيدىغان ھېچكىم مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا، خۇدانى چۈشىنىشكە ئورۇنۇشنىڭ ھاجىتى يوق، بەلكى خۇدا قەلبىڭىزدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى سېزىپ تۇرسىڭىزلا كۇپايە. ئەگەر، سىز خۇدانى ئۆز قەلبىڭىزدىن تاپالمىسىڭىز، ئۇنى مەڭگۈ ھېچيەردىن تاپالمايسىز.
    ئۆز ئىچىڭىزنى ئۆزىڭىز تەكشۈرگەندە، سىز «ئۆز-ئۆزىڭىز» ياكى ئۆز روھىڭىزنى كۆرەلەيسىز. سىز ئۇنى تۇتۇپ باقالمايسىز، بىر جۈپ كۆزدە كۆرەلمەيسىز، ئۇنى چۈشىنەلمەيسىز، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ئىچىڭىزدە مەۋجۇتلۇقىنى بىلەلەيسىز. سىزنىڭ بۇ بۆلىكىڭىز−سىز چۈشىنەلمەيدىغان قىسمىڭىز−دەل كىشىلەر ئېيتىۋاتقان خۇدادۇر. خۇدا بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا، ھەم بىزنىڭ قەلبىمىزدە−بىزنىڭ روھىمىزدىدۇر.
    سىز ئۆزىڭىزنىڭ خۇدا بىلەن بىللە ئىكەنلىكىڭىزنى قانچىكى چۈشۈنۈپ يەتكەنچە ئۆزىڭىز بىلەن ئۇنىڭ پۈتكۈل پانىي دۇنيادىكى زاھىرەنلىكىنىڭ بىردەكلىكىنى بىلىپ يېتەلەيسىز.

    1-ئاينىڭ 4-كۈنى

     

    روھنىڭ بىردەكلىكى

    بىراۋ، سوقراتتىن نەدە تۇغۇلغانلىقىنى سورىغانىكەن، ئۇ: «مۇشۇ يەر شارىدا تۇغۇلغان» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئۇنىڭدىن يەنە قايسى ئەلنىڭ پۇقراسى ئىكەنلىكىنى سورىغاندا، ئۇ: «مەن دۇنيانىڭ پۇقراسى» دېگەنىكەن جاۋابەن. بىز بۇ چوڭقۇر ھىكمەتكە تۇيۇنغان سۆزلەرنى ئەستە چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. بىز ئوخشاش بىر يەر شارىدا ياشايمىز، خۇدانىڭ ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرىتى (ئۇ، ئادەمنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدىن يۇقىرىدۇر) ۋە خۇدانىڭ قانۇنى ئاستىدا ياشايمىز.
    قەلبىمىزگە شۇنىسى ئايانكى، بارچە ئادەملەر ماسلىشىشى، بىردەكلىككە ئىنتىلىشى كېرەك. بىز قانچىكى ئۆم-ئىجىل بولغانچە ھاياتىمىز شۇنچىكى ياخشىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، بىز قانچىكى چېچىلىپ كەتسەك، بىزنىڭ ھاياتىمىز شۇنچە خارابلىشىدۇ. ئادەمنى تەن ۋە روھتىن ئىبارەت ئىككىلا نەرسە ئىدارە قىلىدۇ، تەن ئىدارە قىلغىنىدا، باشقىلار بىلەن كۈرەش-ئۇرۇش قىلىدۇ، ھەمدە باشقىلاردىن يىرگىنىدۇ. ئەمما، ئادەمنىڭ مەنىۋى ئىدرىكى قانچە تەرەققىي قىلغانچە روھقا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئىچكىي كۈچ-قۇدرەت شۇنچە كۆپ بولىدۇ−يەتكۈزۈپ بېرلگەن مەنىۋى ئىچكىي كۈچ-قۇدرەت قانچە كۆپ بولغانچە روھ باشقىلارنىڭ روھىي بىردەكلىكىگە ئېرىشىشنى شۇنچە ئىستەيدۇ.

    1-ئاينىڭ 5-كۈنى

     

    سۆيگۈ-مۇھەببەت

    ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى سۆيىدۇ، بۇنىڭ قىلچە خاتاسى يوق. بىراق، تەننىلا سۆيۈش، باشقىلارغا ئازاب ئەپكېلىدۇ.
    سىز ئۆزىڭىزنىڭ سۆيگۈسىگە ئايلىنالايسىز. پانىي دۇنيا نېمەتلىرىنى سۆيسىڭىز، ئادەتتىكى ئادەم بولۇپ قالىسىز. خۇداغا ئىشىق باغلىسىڭىز، خۇدانىڭ ۋىسالىغا يېتەلەيسىز.
    باشقا نەرسە پەيدا قىلغان سۆيگۈ، مەلۇم سەۋەب تۈپەيلى پەيدا بولغان مۇھەببەت ھەقىقىي مۇھەببەت ئەمەس. پەقەت چەكسىز سۆيگۈ-مۇھەببەت−غەرەزسىز، شەرتسىز سۆيگۈ-مۇھەببەتلا مەڭگۈلۈك مۇھەببەتتۇر. ئۇ، ئەبەدىي يوقالمايدۇ، ئەكسىچە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ بارىدۇ.
    سۆيگۈ-مۇھەببەت بولمىسا، گۈزەل ئەخلاق-پەزىلەتمۇ بولمايدۇ، ئىزگۈ-ئالىيجانابلىقمۇ بولمايدۇ.

    1-ئاينىڭ 6-كۈنى

     

    مەغرۇرلۇق

    نومۇس قىلىشقا تېگىشلىك نەرسىلەردىن كىشىلەر ھەمىشە ئىناۋەت تاپىدۇ، ئالايلۇق، ئۆزىنىڭ بايلىقى ياكى باشقىلارنى باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن.
    باشقىلارنىڭ خاراكتېرىنى ھەقىقىي چۈشەنمىگىنىڭىزدىلا، ئۆزىڭىزنىڭ باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىسىز.
    سىز ئالىيجانابلىق قىلىۋاتقىنىڭىزدا، بۇنى ئۆز روھىڭىز ئۈچۈن قىلىۋاتامسىز، خۇدالىق ئۈچۈنمۇ ياكى ئۆزىڭىزنىڭ ئىپتىخارلىنىشىڭىز ئۈچۈنمۇ، بۇنى ئېنىق، دەل ئايرىۋالغىلى بولمايدۇ. بىراق، بۇنى ئايرىش ئۇنچىۋالا تەسمۇ ئەمەس، سىز ئۆز-ئۆزىڭىزدىن شۇنداق سوراڭ: مەن قىلغان ياخشىلىق-ئالىيجانابلىقلارنى ھېچكىم بىلمىسە، مەن يەنە قىلىۋېرىشىم كېرەكمۇ؟ سىزنىڭ ياخشىلىق-ئالىيجانابلىقلارنى قىلىشىڭىز نام-ئاتاققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆز روھىڭىز ئۈچۈن، خۇدالىق ئۈچۈندۇر.
    كىشىلەر قىلغانلىرىڭىزنى ئەلبەتتە بەك ياخشى، دەپ ماختىشىدۇ. ئەمما ماختاشقا نائىل بولۇش ئۈچۈنلا قىلىش، خاتادۇر.

    1-ئاينىڭ 7-كۈنى

     

    شۆھرەتپەرەسلىك ۋە نام-ئاتاق

    سىز ھەممىلا كىشىنىڭ سۆيىشى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشىپ بولالمايسىز. ئەمىلىيەتتە، ئەگەر سىز ياخشى ئادەم بولغان بولسىڭىز ئەسكىلەر سىزنى مازاقلايدۇ. مۇبادا، سىز ئەسكى بولسىڭىز ياخشىلارنىڭ سىزگە ئىچى پۇشىدۇ. ئەڭ ياخشى ئامال، ياخشىلاردىن بولۇش، باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشىگە پەرۋا قىلماسلىق.
    نام-ئاتاق ۋە ماددىي بايلىق ئۈچۈنلا ئۆز روھىنى چۆرىۋەتكەن ئادەم، باشقىلارنىڭ قارىشىنى كۆڭلىگە كەلتۈرۈپ ئولتۇرمايدۇ.
    ئۆز روھىڭىزنى تاۋلاش ئۈچۈن شان-شۆھرەت ۋە نام-ئاتاققا بېرىلمەڭ.
    شان-شۆھرەت ۋەسۋەسىدىن قۇتۇلغاندىلا ئاندىن خۇداغا يېقىنلاشقىلى بولىدۇ.
    ھاياتنى ھەقىقەي ياشايدىغان كىشىگە ماختاش-ئۇچۇرۇشلار ۋە نام-ئاتاقلار ھاجەت ئەمەس.

    1-ئاينىڭ 8-كۈنى

     

    ئاچكۆزلۈك ۋە بايلىق

    يوقسۇل-نامراتلار ئارىسىدا ياشاپ تۇرۇپمۇ ئۆزى بايلىققا ئىگە بولۇۋېلىش، بايلىقنى شەرەپ دەپ بىلىش ھەقىقەتسىز تۇرمۇشتۇر.
    بىر ئۆمۈر بايلىققا ئېرىشكۈچى مەڭگۈ قانائەت ھاسىل قىلمايدۇ. ئۇلار قانچە بېيىغانسېرى ئارزولايدىغىنى شۇنچە كۆپ بولىدۇ، ئۇلار ئەنە شۇنداق چەكسىز كېتىۋېرىدۇ.
    ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، تۇرمۇش بىر دەرس. بۇ دەرس سىزگە ئۆز روھىڭىزنى قانداق تەربىيىلەشنى ئۆگىتىدۇ. ئۆز روھىنى تەربىيىلىمەستىن، بەلكى پۈتكۈل ھاياتىنى بايلىق توپلاشقىلا سەرىپ قىلىش، خاتادۇر.
    ناھايتى ئېنىقكى، بايلار بايلىقىنى ئۆزلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقى دەپ بىلىشىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن كېرىلىپ يۈرۈشىدۇ. يوقسۇل-نامراتلارنىڭ بايلارغا ھۆرمەت قىلىشى، بايلارنىڭ بايلىققا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ چۈنكى، نامراتلار بىلەن بايلار ئوخشاشلا بايلىقنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئېرىشىشكە ئەرزىيدىغان نەرسە دەپ قارىۋالىدۇ.

    1-ئاينىڭ 9-كۈنى

     

    تەكەببۇرلۇق

    بىز ئوخشاش بولمىغان مەنسەپ-مەرتىۋە ئارقىلىق باشقىلارنى چاقىرىمىز، ئالايلۇق، كاتتىلىرى، تەقسىر، ئالىيلىرى، ھەزرەتلىرى دېگەندەك. بىراق، ھەممە ئادەمگە باپ كېلىدىغان چاقىرىش بىرلا: قېرندېشىم. «قېرىنداش» ھەممىمىزنىڭ خۇدا ئالدىدا ئوخشاشلا قېرىنداش ياكى ھەمشىرە ئىكەنلىكىمىزنى ئېسىمىزگە سالىدۇ.
    باراۋەرلىكنىڭ ماھىيەتلىك ئىپادىلىنىشىدە، ھېچكىم مەسۈم بالىلارچىلىكمۇ بولالمايدۇ. بالىلار جىمى كىشىگە باراۋەر قارايدۇ، چوڭلار بولسا بالىلارغا پادىشاھ، باي-غوجاملار، داڭلىق زاتلارنى ئىززەتلەپ، نامرات-يوقسۇللار ۋە تىلەمچىلەرنى پەس كۆرشنى ئۆگىتىشىدۇ.
    ئۆزىڭىزنى باشقىلاردىن ئۈستۈن ئەمەس، بەلكى باشقىلارنى ئۆزىڭىزدىن ئۈستۈن كۆرسىڭىز، سىزنىڭ باشقىلار بىلەن ئىچ قويۇن، تاش قويۇن بولۇپ كەتمىكىڭىز ئاسانغا چۈشىدۇ.
    بالىلار دوستانە شاد-خۇراملىق ئىچىدە ئۆز ئارا بىر-بىرىنى ھۆرمەتلىشىدۇ، قارشى تەرەپنىڭ قايسى تەبىقە، دۆلەت ياكى مىللەت ئىكەنلىكىنى سوراپمۇ ئولتۇرمايدۇ. نېمە ئۈچۈن بىز چوڭلار ئەنە شۇ بالىلارچىلىكمۇ بولالمايمىز؟

    1-ئاينىڭ 10-كۈنى

     

    سوتلاش ۋە جازالاش

    ئىتنى باشقا بىر ئىت چىشلىۋالسا، ئۇمۇ بۇ ئىتنى چىشلەپ-تالايدۇ. ئادەممۇ شۇنداق. بۇ خىل ئىشلارغا دۇچار بولغان ئادەم، ھەقىقەتەن ئالاقزادە بولۇپ كېتىدۇ. بىراق، باشقا بىر خىل ئۇسۇل تېخىمۇ زىيانلىق، ئۇ بولسىمۇ باشقىلارغا ئۈگۈت-نەسىھەت قىلىش: ئادەملىرىمىز جازانى قوبۇل قىلالمايدۇ.
    «كۆزىنى ئويغاننىڭ كۆزىنى ئوي، چىشىنى تۆككەننىڭ چىشىنى تۆك، قانغا قان، جانغا جان ئال»−مانا بۇ ئىنسانچە مىزان ئەمەس، بەلكى ھايۋانچە مىزاندۇر.
    بىز ئۆزىمىز خاتا قىلغاندا، ئۆزىمىزنى، ئۆزىمىزنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىمىزنى، ئۆزىمىزنىڭ روھىنى ئەيىبلىمەيمىز. بىز ھەرھالدا، ئۆز ئىش-ھەرىكىتىمىزنى بولسىمۇ ئەيىبلەيمىز. باشقىلارغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلايلى. باشقىلار خاتا قىلغاندا، بىز ئۇنىڭ روھىنى ئەمەس، خاتا قىلغان ئىش-ھەرىكىتىنى ئەيىبلەيلى.
    يامانلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش، بۇ دۇنيادىكى ياخشىلىقلارنى كۆپەيتىدۇ.

    1-ئاينىڭ 11-كۈنى

     

    زوراۋانلىق ۋە ئۇرۇش

    قورال كۈچى بىلەن باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىمەن دېيىش، خاتا.
    زوراۋانلىق ئىنسانلار پەيدا قىلغان ئەڭ يامان توسالغۇ، ئۇ كىشىلەرنى پانىي ئالەمدىكى خۇدا ھۇزۇرىغا كىرىشتىن توسۇپ تۇرىدۇ.
    ئەگەر، بىز تەھدىت ۋە زورلۇق كۈچكە تايانساق، ئادەمنى ھايۋان ئورنىدا كۆرگەن بولىمىز. بىزگە ئەقىل-ھوش شۇنىڭغا بېرىلگەنمىدى؟ مۇھىمى، قەلبىمىزگە سۆيگۈ نېمە دەپ بېرىلگەن؟
    بىراۋ، خرىستوستىن تەڭرى قانۇنىنى سورىغانىكەن، خرىستوس جاۋابەن: «خۇدانى سۆيسەڭ، ھەقەمسايەڭنى سۆي» دەپتۇ. كىشىلەر خۇدادىن ئوخشاشلا سورىغانىكەن، خۇدا: «پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال، ئاغرىمىسا خەققە» دەپتۇ جاۋابەن. مانا بۇ خۇدانىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەس قانۇنى. بۇددا ئەقىدىسىدىمۇ، كۇڭزى تەلىماتىدىمۇ شۇنداق دېيىلگەن. شۇغىنىسى، قانۇن-پەرمان چىقارغۇچىدىن قانۇن نېمىگە چىقىرىلغان دېسىڭىز، سىزگە تولىمۇ ئاددىي بىر جاۋابنى بېرىشىدۇ. ئۇلار: «سەن بىلىشىڭ كېرەك بولغان قانۇن تېخى كۆپ» دەيدۇ.

    1-ئاينىڭ 12-كۈنى

     

    ساختا ئىلىم

    كىشىلەر، بىلگەنلىرى قانچە كۆپەيگەنچە شۇنچە ياخشى ياشىغىلى بولىدۇ، دەپ ئىشىنىشىدۇ. بىراق، كۆپ بىلگەندىن ئاز بولسىمۇ چوڭقۇر بىلگەن تۈزۈك.
    سوقرات، دۆتلۈك ئاز بىلگەنلىكتە ئەمەس، بەلكى بىلمەي تۇرۇپ بىلگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىشتا، دېگەنىدى.
    بىراۋ ئىلىم ئۆگەنسە، ھەمىشە باشقىلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئەستە ساقلايدۇ ۋە قايتىلايدۇ−ئۆزى تۆمۈرچى، ياغاچچى ياكى موزدۇز ئالدىدا تۇرغاندا ئۆزىنى ئۈستۈن قويىدۇ. مېنىڭ ھۈنەرۋەن-كاسىپلارغا بولغان ھۆرمىتىم، ئىلىم ئەھلىگە بولغان ھۆرمىتىمدىن ئېشىپ چۈشىدۇ.
    كۆپ ساندىكى كىشىلەر، ئۆزلۈكسىز ئېرىشىش ھاياتنى قۇلاي بىلىملەرگە ئىگە قىلىپ، ئىنسان تەبىئىتىنى ياخشىلايدۇ، دەپ ئىشىنىدۇ. بۇ تامامەن خاتا. ئىنسان تەبىئىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن سىزنىڭ چوقۇم ھاياتتىكى ھەقىقىي مۇھىم مەسىلىگە جاۋاب تېپىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. كىشىلەرنىڭ مۇشۇنداق بەزى ھەقىقەتلەرنى بايقاش ئېھتىماللىقى بولىدۇ.

    1-ئاينىڭ 13-كۈنى

     

    ھاۋايى-ھەۋەس ۋە شەھۋانىي ھېسسىيات

    ئەڭ قىممەتلىك نەرسىڭىز، قەلب ماكانىڭىز. ئەگەر، سىز ئەڭ قىممەتلىك نەرسىڭىزنى جىسمانىي جەھەتتىلا دەپ قارىسىڭىز−ئالايلۇق، يېمەك-ئىچمەك، ئازادە ئۆي، چىرايلىق ئېگىن ھەمدە باشقا خۇشاللىقلار−سىز بۇ نەرسىلەرنى قوغلاشقىنىڭىز ئۈچۈن بارچە كۈچىڭىزنى ئىشقا سالىسىز. ئەمەلىيەتتە، زېھنىڭىز قانچىكى ئۆز تېنىڭىزنى راھەتلەندۈرۈش ئۈچۈن سەرپ قىلىنسا، سىز مەنىۋى تۇرمۇشقا شۇنچىكى روھىي زېھنىڭىزنى بېرەلمەيسىز.
    تېنىمىزنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرى گويا بىر كىچىك بالا، ئۇ مەڭگۈ قانائەت قىلمايدۇ. سىزنىڭ بېغىشلىغىنىڭىز قانچە كۆپ بولسا، ئۇلارنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ، ئەنە شۇنداق كېتىۋېرىدۇ، ئۇنىڭ ئاخىرى−چېكى بولمايدۇ.
    تەننىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇش، بەدەننى زەئىپلەشتۈرىدۇ. تەننى زىيادە چەكلەشمۇ بەدەننى زەئىپلەشتۈرۋېتىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەقىقىي مەركىزىي نۇقتا پەقەت بىرلا بولىدۇ.

    1-ئاينىڭ 14-كۈنى

     

    ئاچچىقلىنىش ۋە ئۆچمەنلىك

    سوغىنىڭ كىچىككىنە يېرىقىدىنمۇ سۇ ئېقىپ كېتىدۇ، خۇددى شۇنىڭدەك، سىز بىرلا ئادەمدىن نەپرەتلەنسىڭىزمۇ ئۆز تۇرمۇشىڭىز مەنىسىز ئۆتىدۇ.
    غەزەپ-نەپرىتىڭىز تۇتقاندا، ئاۋۋال ئونغىچە ساناڭ، ئاندىن سۆزگە ئېغىز ئېچىڭ. ئاچچىقىڭىز يەنىلا بېسىلمىسا، ئانداقتا 100 گىچە ساناڭ. ئاچچىق يېنىپ ئۆزىڭىزگە كەلگەندە، شۇ ئەرزىمەس كىچىككىنە ئىشقىمۇ چېچىلىپ يۈرگىنىڭىز ئۈچۈن ھەيران قالىسىز.
    ئادەم ئاچچىقىنى يېڭەلىسە بۇ ئۇنىڭ قىلغان ئەڭ قىممەتلىك ئىشى بولۇپ قالىدۇ.
    مۇبادا، بىراۋ چىشىڭىزغا تەگسە، سىزمۇ ئىت، كالا، ئاتتەك يا قاچىسىز، ياكى ئۇنىڭغا يانىسىز. بۇ چاغدا، ئادەملەرچە ئىنكاس قايتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ: «بۇ كىشى مېنى خورلىدى، بۇ ئۇنىڭ تاللىشى، بىراق، مېنىڭ تاللىشىم توغرا ئىش كۆرۈش.»

    1-ئاينىڭ 15-كۈنى

     

    تىرىشچانلىق

    مۇھىمى، باشقىلارنىڭ خاھىشى بويىچە ئەمەس، ئۆزىڭىزنىڭ خاھىشى بويىچە ياشاڭ. بىراق، شۇنداق قىلىش ئۈچۈن، سىز ئۆز روھىڭىز ئۈچۈنلا ياشىشىڭىز، بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىز كېرەك.
    مەيلى كىچىك بالا ياكى چوڭ ئادەم بولسۇن، ھەممىسى ھەقىقەتنىڭ ئىزگۈلۈك مەنبەسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ئەمما، خاتا قاراش ۋە يالغان-ياۋىداق سۆزدىن قۇتۇلۇپ، تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىز كېرەك، شۇندىلا ھەقىقەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
    تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىز، ئۆزىڭىزنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتالايسىز. خۇددى شۇنىڭدەك، سىز تۇرمۇشتىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئويغىنىشىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ھايۋانىي ئۆزلۈكىدىن ئۆزىڭىزنىڭ مەنىۋى ئۆزلۈكىگە يۈزلىنىشىڭىز كېرەك.
    جۇڭگو ئۆلىماسى لاۋزى، ھېچنېمە ئۈچۈن ياشاش، ھەممىدىن ئەلا ئەخلاقتۇر دېگەنىكەن. بۇ ئېيتىلما قارىماققا تولىمۇ غەلىتە كۆرۈنسىمۇ، بىز بۇ دۇنيادا ئۆتكۈزگەن بارچە جىنايەتلىرىمىزنى ئويلىغىنىمىزدا، ئۇ غەلىتىمۇ تۇيۇلمايدۇ.

    1-ئاينىڭ 16-كۈنى

     

    ئىدىيە

    بىز ھەمىشە، باشقىلار بىلەن تونۇشقاندىلا ئىشلىرىمىز ئالغا باسىدۇ، دەپ ئىشىنىمىز. بۇ ئوي خاتادۇر. ئۆزىمىز تىكەندەك يالغۇز ياشاۋاتقىنىمىزدا، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىدىيىسى بىلەن بىۋاسىتە پىكىر ئالماشتۇرالىغىنىمىزدىلا بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ھەقىقىي ئىلگىرى باسىدۇ.
    ئىدىيە غايەت زور قۇدرەت. بۇ خىل قۇدرەت گەپ-سۆزلەردىن ئۆزىگە يول تاپىدۇ، كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى يا ھىممەتكە ياكى قارغىشقا ئېرىشتۈرىدۇ. قانداق بولۇشى، ئىدىيىنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا باغلىق.
    زەمبىرەك ئوقى ئېتىلغاندىلا ئاندىن يىراقتىن ئۇنىڭ ئېتىلغان ئاۋازىنى ئاڭلايمىز. خۇددى شۇنىڭدەك، مۇدھىش ئىدىيە ئۆزىنى ئاشكارىلىغاندىلا جىنايەت روي بېرىدۇ، بىز شۇندىلا مۇدھىش ئىدىيە پەيدا قىلغان جىنايەتنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.
    ئۇرۇق تۇپراققا كۆمۈلگەن، ئۇنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇرۇق ئاخىرى دەرەخكە ئايلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، ئادەمنىڭ ئىدىيىسىمۇ سەزدۈرمەستىن ھەرىكەت قىلىدۇ، ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىدۇ. ھالبۇكى، ئىنسانىيەت تارىخىدا ئاشۇ ئۇلۇغ ئىشلار دائىم مانا شۇنداق ئىدىيىدىن شەكىللىنىدۇ.

    1-ئاينىڭ 17-كۈنى

     

    گەپ-سۆز

    سۆزلىگۈچىنىڭ يامان سۆز-ئىبارىسى، ئۈچ تەرەپكە زىيانلىق: سۆزلەتكۈچىگە، ئاڭلىغۇچىغا، مۇھىمى، سۆزلىگۈچىنىڭ ئۆزىگە.
    ئېسىڭىزدە بولسۇن، گەپمۇ ھەرىكەتتۇر، ئۇنىڭ باشقا ھەرىكەتتىن پەرقى مۇنۇ كىچىككىنە يەردە: كىشىلەر گەپ-سۆزنىڭ كېيىنكى كەلتۈرىدىغان ئاقىۋىتىنى ئېنىق ھېس قىلىپ يېتەلمەيدۇ. شۇڭا، ئويناپ سۆزلىسىڭىزمۇ ئويلاپ سۆزلەڭ.
    سەمىمىي گەپنىڭ قۇدرىتى پوپ، باش روھانىي، پادىشاھ ۋە باي-غوجاملارنىڭ گەپ-سۆزلىرىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.
    كىشىلەر قانداق سۆزلەش ۋە نېمە دېيىش كېرەكلىكىنى ئۆگىنەلەيدۇ، بىراق، بىر خىل ئىلىم بەكمۇ مۇھىم: قانداق ۋاقىتتا سۈكۈت قىلىشنى ئوڭايلىقچە ئۆگىنىپ بولمايدۇ.
    چىن سۆز زېھىننى ئاچار.
    −جۇڭگو تەمسىلىدىن

    1-ئاينىڭ 18-كۈنى

     

    ھەقىقەت

    بىز بالىلىرىمىزغا ھەممىگە باب كېلىدىغان تەرتىپ-قائىدە−بۇ دۇنيادىكى ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەر بىرلىشىشتىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئۆگىتىشىمىز زۆرۈر.
    ھەقىقەت تۇغما ئاددىي ھەم ساپ كېلىدۇ. يالغان-ياۋىداق سۆزلەر ھەمىشە مۇرەككەپ بولۇپ، تۈگىمەس گەپ-سۆز ۋە باھانە-سەۋەبلەرگە تولغان بولىدۇ.
    سىز ھەقىقەتنى سۆزلىگۈچىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىيالىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما ھەقىقەت سۆزلەپ قالسا، ئۇ مەڭگۈ تىرىك تۇرۇۋېرىدۇ.
    باشقىلارنىڭ ھۆكۈمىدىن ئۆگىنىۋالغان ھەقىقەت بىزنىڭ تېنىمىزگە چاپلىشىپ تۇرىدۇ، خۇددى شامدا ياسالغان يالغان بۇرۇندەك بىزگە تەئەللۇق بولمايدۇ. ئەمما، ئۆزىڭىز بايقىغان ھەقىقەت ئۆز تېنىڭىزنىڭ بىر قىسىمىغا ئوخشاش سىزگە تەئەللۇق بولىدۇ.
    ھەقىقەتنى بىلىشتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ، يالغانچىلىقنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى يالغانچىلىقنىڭ ئۆزىنى ھەقىقەتتەك قىلىپ كۆرسىتىشتە.

    1-ئاينىڭ 19-كۈنى

     

    كەمتەرلىك ۋە كىچىك پېئىللىق

    بىز باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشىدىن قورقۇپ، ھەمىشە ئۆز نۇقسانلىرىمىزنى يوشۇرىمىز. بۇ خاتادۇر، چۈنكى تەنقىدنىڭمۇ پايدىسى بولىدۇ.
    ئېزىقىش تەمەننادىن كېلىدۇ. ئارزۇ-ئىستەكلەر ئېزىقىشقا ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن، كىچىك پېئىل بولماق كېرەك.
    مۇبادا، خەيرلىك ئىشنىڭ ھەقىقىي لەززىتىنى تېتىيمەن دېسىڭىز، ھېچكىمگە بىلدۈرمەي، مەخپىي رەۋىشتە، غەرەزسىز قىلىڭ. شۇنداق قىلغاندىلا، خەيرلىك ئىش سىزنىڭ سىرتىڭىزدا ۋە ئىچىڭىزدە پەيدا بولىدۇ.
    ھەر بىر ئادەمنىڭ ھاياتتىكى ئاساسلىق ۋەزىپىسى پاك نىيەتلىك، تېخىمۇ ياخشى ئادەم بولۇش. ئەگەر، سىز ئۆزىڭىزنى مەن ياخشى ئادەم بولۇپ بولدۇم دەپ قارىۋالسىڭىز، سىز قانداقمۇ ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئادەم بولالايسىز؟
    كەمتەرلىك بەخش ئەتكەن لەززەتكە شەخسىيەتچىل ۋە تەكەببۇر ئادەملەر نائىل بولالمايدۇ.

    1-ئاينىڭ 20-كۈنى

     

    ئۆزىنى قۇربان قىلىش

    «ئىنجىل»دا، ھاياتىنى يوقاتقان كىشى ھەقىقىي ھاياتقا ئېرىشۇر دېيىلىدۇ. شۇڭا، سىز تېنىڭىز ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پەقەت ئۆز روھىڭىز ئۈچۈنلا ياشىغىنىڭىزدا، ھەقىقىي ھاياتىڭىز ئاندىن باشلانغان بولىدۇ.
    ئادەمنىڭ ھاياتى بىخەتەر ئەمەس، شۇڭا، ئادەم ئۆزىنىڭ ھەرقاچان ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقىنى ئويلاپ تۇرۇشى كېرەك. شۇندىلا ھايات تېخىمۇ ئەركىن-ئازادىلىشىدۇ، ئادەم باشقىلارنى سۆيۈش ئارقىلىق ئۆز روھىنى مۇكەممەللىككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن كۆرۈشىدۇ.
    قۇربان بېرىش بولمىسا، ھاياتمۇ بولمايدۇ. سىزنىڭ پۈتكۈل ھاياتىڭىز روھىڭىز ئۈچۈن قۇربان بېرىدىغان تېنىڭىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
    ھاياتتىكى ئەڭ خۇشاللىنارلىق، ئەڭ ھەقىقىي ئىش ئۆز روھىڭىزنى پەرۋىش قىلىش. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، قۇربان بېرىشىڭىز زۆرۈر. چوڭ قۇربان بېرىشلەر كىچىك قۇربان بېرىشلەردىن كېلىدۇ.
    ھاياتىڭىزنى مۇكەممەللىككە ئىگە قىلاي دېسىڭىز، ئۇنى قۇربان قىلىشقا تەييار تۇرۇڭ.

    1-ئاينىڭ 21-كۈنى

     

    تىلاۋەت

    تىلاۋەت چوڭقۇر ئوي-پىكىرلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ھەقىقىتىدۇر، ئۇ تەڭرىنىڭ ھەقىقىتى بىلەن ئۆزىنى دەڭسەش.
    ھەقىقىي تىلاۋەت خەير-ئېھسان ياكى پانىي دۇنيانىڭ مەئىشەتلىرىنى تىلەش ئەمەس، بەلكى ئىچكى دۇنيادىكى ئۆز-ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش، پاك نىيەتلىك ئىدىيىنى كۈچەيتىشتۇر.
    ھەقىقىي تىلاۋەت روھنىڭ زۆرۈرىيىتى، چۈنكى، سىز تىلاۋەت ئارقىلىق تەڭرىگە سۆزلەۋاتقىنىڭىزدا، سىزنىڭ ئىدىيىڭىز ئەڭ يۈكسەك پەللىگە يەتكەن بولىدۇ.
    ھەقىقىي تىلاۋەت روھىي تۈۋرۈك، بۇرۇنقى ئىش-ھەرىكىتىمىزنى بوينىمىزغا ئېلىش ۋە ئۆزىمىزنى چەكلەش، كەلگۈسىدىكى ئىش-ھەرىكىتىمىزگە يول كۆرسىتىش.
    مەن خۇدادىن مۈشكۈل ئشلىرىمنى ئاسان قىلىڭ، دەپ مەدەت تىلەيمەن. بۇ مېنىڭ تىلاۋىتم. بىراق، خۇدانىڭ ۋىسالىغا ھېچكىم يېتىپ باقمىغان، شۇنداق تۇرۇغلۇق بىز يەنە قانداقسىگە ئۇنىڭغا گەپ قىلالايمىز؟ بىز ئۇنىڭغا سۆيگۈ ئارقىلىق سۆزلەيمىز. بىز باشقىلارنى ئۆز ئەمەلىي ئىش-ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق سۆيسەك (بۇ خۇدانىڭ بىزگە قىلغان مەرھەمىتى-ياردىمى)، مانا بۇ بىز ئېرىشكەن ئەڭ زور ھەممەتتۇر.

    1-ئاينىڭ 22-كۈنى

     

    ئىشلەش ۋە بىكارچىلىق

    بىراۋ ئىشلىمىسە جېنىنى جان ئېتەلمەيدۇ. ئىنسانلار ئىشلىمىسە، مېھنەت قىلمىسا ئاچ-زارلىقتا ياكى دىشۋارچىلىقتا قالىدۇ. بۇنىسى ھەممىگە ئايان. بىراۋ ئىشلىمەي، راھەت-پاراغەتكە بېرىلسە، باشقىلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىگە چاڭ سالىدۇ.
    يوقسۇل-نامراتلارغا پۇل بېرىش قىلچە خاتا ئەمەس، پەقەت شۇ پۇلنى ئۆزىڭىز ھالال تاپقان بولسىڭىزلا. «قان-تەر تۆكمىگەن قول ئاچكۆز قول، قان-تەر تۆككەن قول سېخىي قول» دېيىلىدۇ ماقالدا. 12 مۇرىت «نامرات-يوقسۇللارغا ھەدىيە قىلغان نەرسىگە قان-تەرىڭىز سىڭسۇن» دېيىشىدۇ تەلىم بېرىپ.
    جىسمانىي ئەمگەك پايدىلىق، ئۇنىڭ باشقا پايدىسىنى دېمىگەندىمۇ ئۇ سىزنىڭ مېڭىڭىزنى بىر ئىشقا بەند قىلىپ، ئارتۇقچە غەم-غۇسسىدىن خالاس قىلىدۇ.
    جىسمانىي ئەمگەك، جۈملىدىن، ئېتىز-ئېرىقتىكى جىسمانىي ئەمگەك سىزنىڭ تېنىڭىز ۋە روھىڭىز ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. ئۇ، سىزنىڭ مېڭىڭىزنى ئارام تاپقۇزۇپلا قالماي، سىزنى ئانا تەبىئەتكە يېقىنلاشتۇرىدۇ. جىسمانىي ئەمگەك قىلىپ باقمىغانلار بۇنى چۈشىنىپ يېتەلىشى قىيىن.

    1-ئاينىڭ 23-كۈنى

     

    سۆيگۈ

    چىن ئۆلىماسىدىن كىشىلەر: «نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىسىز؟» دەپ سورىسا، ئۇ: «ئادەمنى چۈشىنىش ئۈچۈن» دېگەنىكەن. كىشىلەر يەنە: «نېمە ئۈچۈن سەمىمىي ئادەم بولماق كېرەك؟» دەپ سورىسا، «ئادەمنى سۆيۈش ئۈچۈن» دېگەنىكەن جاۋابەن.
    خۇدانىڭ قانۇنلۇق تۇرمۇشىغا ئەمەل قىلىش ئۈچۈن قۇش كۆكتە ئۇچۇشى، بېلىق سۇدا ئۈزۈشى، ئادەم سۆيۈشى كېرەك. ئادەم باشقىلارنى سۆيمەي، زىيانكەشلىك قىلىپ قويسا، ئۇنىڭ قىلمىشى قۇشنى سۇدا ئۈزدۈرۈپ، بېلىقنى سامادا ئۇچۇرغاندەك ئىش بولىدۇ.
    ئۆزئارا بىر-بىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى مال-دۇنيا، سوغا-سالام، سەمىمىي مەسلىھەت، ھەتتا خىزمەتمۇ ئەمەس، بەلكى سۆيگۈدۇر.
    ھەر بىر ئادەمنىڭ بۇرچى، سۆيگۈ-مۇھببەت يېتىلدۈرۈش، سۆيگۈ-مۇھببىتىنى بۇ دۇنياغا يەتكۈزۈش.

    1-ئاينىڭ 24-كۈنى

     

    ھازىردا ياشاش

    بىز ۋاقىتنى ئۆتمۈش، ھازىر ۋە كەلگۈسى دەپ ئۈچكە ئايرىيمىز. رېئاللىقتا، كەلگۈسى بىلەن ئۆتمۈشنىڭ تۇتىشىش نۇقتىسى ئىنتايىن كىچىك. بۇ نۇقتا ئىنتايىن كىچىك كۆرۈنسىمۇ، ئۇ پۈتكۈل ھاياتىمىزنىڭ مەركىزىدۇر.
    سۆيگۈ-مۇھەببەت ناھايىتى مۇھىم ئىش. شۇغىنىسى، ئۆتمۈشىڭىز ياكى كەلگۈسىڭىزنى سۆيەلمەيسىز، پەقەت ھازىرنى، كۆز ئالدىڭىزدىكىنى، مۇشۇ پەيتنىلا سۆيەلەيسىز.
    ياشاشنىڭ مەقسىتى، گۈزەللىك يارىتىش. ئەلمىساقتىن ھازىرغا قەدەر، بۈگۈنگە قەدەر شۇنداق.
    سۆيگۈ خۇدانىڭ ئوچۇق جاكاسى، سۆيگۈ ئۈچۈن ئېيتقاندا، ۋاقىت-زاماندىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا، ھازىرنى، ئەتراپىڭىزدىكىنى، ھەر بىر دەقىقىدىكى ئاشۇنداق ئوچۇق جاكانى سۆيۈپلا ياشاشقا بولىدۇ.

    1-ئاينىڭ 25-كۈنى

     


    دۇنيادا گۇناھ يوق

    زۇلمەت بولمىسا، رەڭ ۋە يورۇقلۇقنى بىلمىگەن بولاتتۇق. خۇددى شۇنىڭدەك، رەزىللىك-ئىپلاسلىق بولمىسا، ئىزگۈ-ياخشىلىق ۋە مېھىر-شەپقەتنىمۇ بىلەلمەيمىز.
    دۇنيادا، رەزىللىك-ئىپلاسلىق تولىمۇ كۆپ، بىراق، بۇ كىشىلەردىكى ياخشىلىقنىڭ يېتەرلىك بولمىغىنىدىن ئەمەس، بەلكى قىلىشقا بولمايدىغان ئىشنى جېنىنىڭ بارىچە قىلىۋاتقىنىدىندۇر.
    بىز ئىشەنسەك ھەمدە ئۆز قۇدرىتىمىزنى ئىدىيىمىزگە قويۇپ تۇرۇپ ئويلاپ كۆرسەك، شۇ قەدەر كۆپ رەزىللىكلەر غايىب بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىزگۈ-ياخشىلىقلار بۇ دۇنياغا كىرىپ كېلىدۇ.
    بىزگە ئازاب كەلتۈرگەن ياكى جىسمانىي تۇرمۇشىمىزغا ماس كەلمىگەن شەيئىلەرنى بىز سەت ياكى رەزىل دەيمىز. ئەمما، بىزنىڭ ياشاش نىشانىمىز ئۆز روھىمىزنى تېنىمىزنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇش. شۇڭا، ھاياتنى مەنىۋى ياقتىن چۈشەنگەن ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا، دۇنيادا رەزىللىك مەۋجۇت ئەمەس.

     1-ئاينىڭ 26-كۈنى

     

    ئۆلۈم

    ئۆلۈمنىڭ يېقىنلاپ قالغىنىنى بىلسەك، بۇ دۇنيادا قىلىپ بولۇشقا ئۈلگۈرەلمىگەن ئىشلىرىمىزنى قىلىۋېلىشقا ئالدىرىشىمىز كېرەك. بىراق، تاماملىيالايدىغان بىردىن-بىر ئىشىمىز، بۇ ھاياتىمىزدا باشقىلارنى سۆيۈش، كۆز ئالدىمىزدىكى شۇ بىر دەقىقىدىمۇ باشقىلارنى سۆيۈش.
    ئۆلۈم بىزنىڭ روھىي قاچىمىزنى چېقىپ تاشلايدۇ. قاچىنى قاچىدىكى نەرسە بىلەن ئارىلاشتۇرۋېتىشكە بولمايدۇ.
    سىز ئۆلۈمدىن قورقسىڭىز، سىزنىڭ قورقۇشىڭىز ئۆلۈمنىڭ ئۆزىدىن ئەمەس، ئۆزىڭىزدىن قورققان بولىسىز. بۇ، بەك ياخشى ئادەمنىڭ ئۆلۈمدىن قورقۇپ قالمايدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ. مەيلى سىز نېمىلا ئىش قىلىڭ، خۇدا بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتسىڭىز، مەڭگۈ خۇشاللىق تاپالايسىز.
    كۈنلەرنىڭ بىرىدە، سىز ياشاپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەن بولسىڭىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي تۇغۇلۇپ باقمىغانلىقىڭىزنى ھامان ھېس قىلىپ يېتىسىز. مانا بۇنى ھېس قىلغىنىڭىزدىلا ئاندىن ئۆزىڭىزنىڭ مەڭگۈ ئۆلمەيدىغانلىقىڭىزنى چۈشىنەلەيسىز.

    1-ئاينىڭ 27-كۈنى

     

    ئۆلگەندىن كېيىن

    بىز ئادەتتە، ھاياتنى تۇغۇلۇپ ئۆلگىچە داۋاملىشىدۇ، دەپ قارايمىز. بۇ خۇددى دەريانىڭ قاش-قىرى بۇزۇلۇپ، سۇ ئېقىپ كەتسىلا دەريامۇ يوقىلىدۇ، دېگەندەكلا بىر ئىش.
    پۈتكۈل قەلبىڭىز بىلەن خۇدانى سۆيگىنىڭىزدە، شۇنى ھېس قىلىسىزكى، سىزنىڭ ھاياتىڭىز سىزنىڭ ئۆلۈمىڭىز بىلەنلا ئاخىرلاشمايدۇ.
    كىشىلەر ئۆلىمادىن مەڭگۈلۈك ھايات خۇسۇسىدا سوراپتۇ: «ئەجەل يېتىپ كەلسە، بىز قانداق بولۇپ كېتەرمىز؟» ئۆلىما جاۋابەن شۇنداق دەپتۇ: «ماڭا بۇ دۇنيانىڭ لازىمى يوق، ئەجەلدىن قورقمايمەن، چۈنكى، مېنىڭ روھىم ئۆلمەيدىغانلىقى ئۆزۈمگە ئايان.»
    خۇدا مەڭگۈلۈكتۇر، ئۇ ھەممىنى ئۆز قوينىغا ئالىدۇ، ماكان-زاماندىن ھالقىپ تۇرىدۇ. خۇدا پۈتكۈل بولۇملاردۇر. كۈللىيات خۇدا ۋۇجۇدىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بارچە ھاياتلىق پەيدا بولغاندا، يوقلۇقتىن بار بولۇپ قالغان ئەمەس، بەلكى ھەممىسى خۇدادىن تۆرەلگەن. ئەزرائىل بىزنى ئېلىپ كەتكەندە، بىزنى يوقلۇققا ئېلىپ كەتمەيدۇ، بەلكى بىزنى خۇدانىڭ ئالدىغا قايتۇرۇپ كېلىدۇ.

    1-ئاينىڭ 28-كۈنى

     

    ھايات بىزگە كۆرسىتىلگەن ھىممەت

    دۇنيادىكى كۈللىيات بىز ئۈچۈن بېرىلگەن ھىممەتتۇر. ئەگەر، سىز توغرا كۆزەتسىڭىز، ئىزگۈلۈك بار يەردىن ياخشىلىق ئىزدەش−ئۆز روھىڭىز خۇدا بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلانغان يەردىن ئىزدەش ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك بولغان ھەممە نەرسىگە ئېرىشەلەيسىز.
    ھايات دۇنيادىكى ئەڭ يۈكسەك بەخت-سائادەتتۇر. بىز ھەمىشە بۇ ھاياتىمىزدىكى خۇشاللىقلارغا سەل قارايمىز، بىر كۈنلەردە ئاللىقانداق بىر جايلاردا تېخىمۇ زور بەخت-سائادەتكە ئېرىشىشنى ئىستەيمىز. ھالبۇكى، دۇنيادا بۇ ھاياتتىنمۇ ئۆتە بەخت-سائادەت بولمايدۇ−ئۇ سىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىزدا.
    ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي بەخت-سائادىتىگە قول سوزسىڭىزلا ئېرىشەلىشىڭىز مۇمكىن. ئۇ كۆلەڭگىگە ئوخشايدۇ، ھالال نىيەتلىك تۇرمۇشقا ئەگىشىپ بارىدۇ.
    سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز مۇبادا چەكسىز بەخت-سائادەت ۋە چەكسىز خۇشاللىققا ئوخشىماي قالسا، ئۇنىڭ نىشانى تېخىمۇ يىراقلاپ كېتىدۇ.
    بۇ خىل تۇرمۇشنى بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ بېقىڭ: ھايات ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرغاندا، قالدى ۋاقىتلار سىز ئويلاپمۇ باقمىغان ھەدىيەگە ئايلانسۇن.

    1-ئاينىڭ 29-كۈنى

     

    بەخت

    سىزنىڭ قەلبىڭىز، ھەقىقىي بەخت-سائادەتنىڭ بۇلىقى. ئۇنى باشقا يەردىن ئىزدەش ھاماقەتلىكتۇر. سىز مالچىغا ئوخشايسىز، ئەس-يادىڭىز قويدا، ئۇنى ئىزدەپلا تۇرىسىز.
    پاراسەتنىڭ ئەڭ مۇھىم پرىنسىپى ئۆزىنى بىلىش. بىراق، ئۆزىنى بىلىش بەكمۇ تەس. پەزىلەتنىڭ مۇھىم پرىنسىپى كىچىك ئىشتىنمۇ خۇشاللىق تېپىش؛ ھالبۇكى بۇنداق قىلىشمۇ تەس. پەقەت مۇشۇنداق پرىنسىپلارغا ھۆرمەت قىلغان كىشىلا كۈچلىنىپ، باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئەخلاق-پەزىلەتكە ماسلاشقان بولىدۇ.
    ئەگەر، سىز ئۆزىڭىزنىلا سۆيسىڭىز، ھەقىقىي بەختلىك بولالمايسىز. باشقىلار ئۈچۈنلا ياشىغىنىڭىزدا، ئاندىن ھەقىقىي بەختنى تاپقان بولىسىز.
    قوۋناق ياشاشنى بىلمەيدىغانلار، سىلەر نەلەردە ئارىسالدى بولۇپ ئۇياقتىن بۇ ياققا مېڭىپ يۈرىسىلەر؟ سىلەر تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشنى ئىزدەۋاتامسىلەر؟ سىلەر باشقا يەرلەردە قېچىپ يۈرىسىلەر، ئەمما بەخت سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردا. ئەگەر، قەلبىڭلاردا بەخت بولمىسا ئۇنى ھېچ يەردىن تاپالمايسىلەر. بەخت سىزنىڭ باشقىلارنى سۆيۈش ئىقتىدارىڭىزدا.

    1-ئاينىڭ 30-كۈنى

     

    سۆيگۈ-مۇھەببەت

    سىز تۇغۇلغاندىن باشلاپ تاكى قازا قىلغانغا قەدەر ياخشى ئادەم بولسام دەپلا ئويلايسىز، ھەمدە شۇنداق شەرتنى ئۆزىڭىزدە ھازىرلاپ بولغان بولىسىز. مۇبادا، سىز توغرا يولدىن ئىزدىسىڭىز بۇنداق ئىزگۈ-ياخشىلىقلارنى ئوڭايلا تاپالايسىز. بەلكى، ئىزگۈلۈك خۇدانى، باشقا بارچە كىشىنى سۆيۈشتۇر.
    بەختلىك بولاي دېسىڭىز، مۇنۇ بىر ئىشنى قىلىشىڭىز−باشقىلارنى سۆيىشىڭىز كېرەك. ھەر بىر كىشىنى سۆيۈڭ، مەيلى ئۇ ئەسكى ياكى ياخشى بولىشىدىن قەتئىي نەزەر. ئۆزلۈكسىز سۆيۈش، سىزنى ئۇزاق مۇددەتلىك خۇشاللىق ۋە بەخت-سائادەتكە نائىل قىلىدۇ.
    بارچە جانلىقلارغا بولغان سۆيگۈڭىزنى ۋە خۇداغا بولغان سۆيگۈڭىز بىلەن بىرلەشتۈرۈڭ، ئۆز ھاياتىڭىزدا بۇنىڭغا دىققەت قىلسىڭىز، سىزنىڭ ھاياتىڭىز بىردىنلا ئۆزگىرىدۇ. ئازاب چېكىشتىن، بەختنىڭ خۇشاللىقىغا چۆمۈلىسىز.
    سىز خۇدانىڭ ئىرادىسىگە مەيلى ھۆرمەت قىلىڭ ياكى قىلماڭ، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرمىقىڭىز كېرەك. سىزنىڭ قىلالايدىغىنىڭىز، پەقەت ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلىش ياكى سۆيگۈ شەكلىدە ئۆز قەلبىڭىزنى ئۇنىڭ بىلەن تولدۇرۇش−شۇ سەۋەبلىك چەكسىز بەخت-سائادەتكە ئېرىشىش.
    خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىزنىڭ قەلبىڭىزدە. قەلبىڭىزدە سۆيگۈ شارابى لىق تولدۇرۇلغان بولسىلا قەلبىڭىزدە بەختىڭىز چېچەك ئاچىدۇ.

    1-ئاينىڭ 31-كۈنى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.