تەۋارىخى مۇسىقىيۇن:مۇزىكا ئىلمىنىڭ سەككىزىنچى پىرى ھەزرىتى ئەمىر نىزام

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-18 00:51:51

تەۋارىخى مۇسىقىيۇنموللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزىمۇزىكا ئىلمىنىڭ سەككىزىنچى پىرى ھەزرىتى ئەمىر نىزامىدىن ئەلىشىر نەۋايىسەككىزىنچى پىرى ھەزرىتى ئەمىر نىزامىدىن ئەلىشىر نەۋايىد...

     



    تەۋارىخى مۇسىقىيۇن
    موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى
    مۇزىكا  ئىلمىنىڭ سەككىزىنچى پىرى ھەزرىتى ئەمىر نىزامىدىن ئەلىشىر نەۋايى

     


    سەككىزىنچى پىرى ھەزرىتى ئەمىر نىزامىدىن ئەلىشىر نەۋايىدۇر. بۇ ئەزىزنىڭ ھەممە پەزىل-شاراپەتلىرى ئۆزى يازغان شېئىر كىتابلىرىدىن ئايان بولىدۇ. مەن ئۇنىڭ <كۇللىيات>، <چاھار دىۋان>لىرىدىن، <خەمسە>سىدىن ھەم بۇلاردىن باشقا ئىلگىرى كېيىن ، ئاز-كۆپ بولۇپ، پۈتكەن 36 پارچە كىتابىدىن بەھرىمان بولۇپ، ئۇنىڭ خىسلەت ۋە ئىشقى مۇھەببىتىدىن خەۋەردار بولدۇم.

     

     ئۇ مۇشۇنداق قىممەتلىك ئىلىملەرنىڭ ئۈستىگە يەنە ئۆزىنىڭ پىر ئۇستازى بولغان ھەزرىتى جامىنىدىن مۇزىكا ئىلمىنى ياخشى ئۆگەندى. ھەر كېچىسى سەتار ياكى تەمبۇر چېلىپ، ئۆزى يازغان غەزەللەر بىلەن ھەمىد ئېيتىپ بىھۇش بولۇپ كېتەتتى. نەۋا دېگەن بىر مۇقامنى ئىجات قىلىپ ئالەمگە تارقاتتى.

     

     بۇ ئەزىز ھىجرىيە 843-يىلى [مىلادى 1439-يىلى] 6-ئايدا دۇنياغا كېلىپ، 63 يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، 63 پارچە كىتاب يېزىپ، ھىجرىيە 906-يىلى [مىلادى 1500-يىلى] ھىرات شەھىرىدە سەكتە [مېڭىگە قان چۈشۈش] كېسىلى بىلەن ۋاپات بولدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.