تەۋارىخى مۇسىقىيۇن:مۇزىكا ئىلمىنىڭ ئۈچىنچى پىرى مەۋلانە شەيخ ئەبۇ نەس

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-17 02:10:41

تەۋارىخى مۇسىقىيۇنموللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزىمۇزىكا ئىلمىنىڭ ئۈچىنچى پىرى مەۋلانە شەيخ ئەبۇ نەسىر فارابىئۈچىنچى پىرى ئالتاينىڭ بالاساغۇن (ھازىرقى سوۋەت ئىتتىپاقى ئىسسىق كۆ...



    تەۋارىخى مۇسىقىيۇن

    موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى

    مۇزىكا  ئىلمىنىڭ ئۈچىنچى پىرى مەۋلانە شەيخ ئەبۇ نەسىر فارابى

     

    ئۈچىنچى پىرى ئالتاينىڭ بالاساغۇن (ھازىرقى سوۋەت ئىتتىپاقى ئىسسىق كۆل بويىغا جايلاشقان توقماق شەھىرى يېنىدىكى بىر قەدىمىي شەھەر. تارىخىي ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا، بۇ شەھەر تۈرك قەۋىملىرىگە مەنسۇپ بولغان بويلا سانغۇن «بويلا جاڭجۈن» تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان. بۇ شەھەر تارىختا ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ قارلۇق خانلىقى«مىلادى 766-940-يىللىرى»، قاراخانىلار سۇلالىسى« مىلادى 932-1219-يىللىرى»، قارا خىتاي خانلىقى« مىلادى 1131-1219-يىللىرى»نىڭ پايتەختى بولغان. «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن»دا بالاساغۇن ئالتاي تەۋەسىگە كىرگۈزۈلگەن. بۇ يەردە قارلۇق قەبىلىسىنىڭ ئەسلى ماكانى نەزەردە تۇتۇلغان بولىشى مۈمكىن.) دېگەن يېرىدە ئۆتكەن مەۋلانە شەيخ ئەبۇ نەسىر فارابىدۇر. بۇ ئەزىز ھەزرىتى ئىمام مۇھەممەت غەززالى(زەينىددىن ئەبۇھامىت مۇھەممەت ئىبنى ئەخمەت تۇسى. مىلادى 1059-يىلى خۇراساننىڭ تۇس شەئىرىگە قاراشلىق غەززالە دېگەن جايىدا دۇنياغا كېلىپ، مىلادى 1111-يىلى ۋاپات بولغان.

     

    مەۋلانە شەيخ  ئەبۇ نەسىر فارابى شۇ چاغدىكى مەشھۇر ئىسلام پەيلاسوپى بولۇپ، تەرىقەتچىلىك«سوفىزىم» بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ ''ئەنئەنىچىلەر''دەپ ئاتالغان سۈننى مەزھىپىنىڭ كۆزقاراشلىرىدىكى بىرلىكنى تەكىتلەپ، تەرىقەتچىلىكنىڭ مۇھىم كۆزقاراشلىرىغا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى.) ھەزرىتى ئىمام پەخرى رازى (ئەبۇ ئابدۇللا مۇھەممەت بىننى ئەلتەمىلكە بىرى پەخرى رازى. مىلادى 1149-يىلى دۇنياغا كېلىپ، 1209-يىلى ھىراتتا ۋاپات بولغان مەشھۇر ئەرەپ پەيلاسوپى. ئۇ ئۆز ئۆمرىدە ئاساسەن ئىسلام پەلسەپەسى«تەفسىرچىلىك»، تىبابەتچىلىك، ئىلمىي رىيازەت«ماتىماتىكا»، ئىلمىي مەنتىق«لوگىكا» قاتارلىق پەنلەرنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان ۋە بىرمۇنچە ئەدەبىي ئەسەرلەرنىمۇ يازغان. ئۇ، ئۆز ئۆمرىدە 100 دىن ئارتۇق كىتاپ يېزىپ ''شەيخۇل ئىسلام'' دېگەن شۆھرەتكە ئىگە بولغان.) لاردىن ئارتۇق كامالەت تاپقان، دىننىي ئىلىملەردە يوقۇرى سەۋىيەگە يەتكەن، پەننى ئىلىملەردە ئىبنى سىنا (ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا. ئۇ مىلادى 980-يىلى بۇرۇنقى سامانىلار سۇلالىسى «مىلادى 875-999-يىللىرى» نىڭ پايتەختى بۇخارانىڭ يەنىدىكى قىشلاقتا دۇنياغا كەلگەن. 999-يىلى قاراخانىلار سۇلالىسى سامانىلار سۇلالىسىنى ئۆزىگە قاراتقاندىن كېيىن ئىبنى سىنا بۇخارا، ئۆرگەنچ قاتارلىق جايلاردا ئۆگىنىش ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىنچە ئىراندىكى ئىسپاھان، ھەمەدان قاتارلىق جايلاردا تىبابەتچىلىك، فىزىكا، ماتىماتىكا ۋە پەلسەپە پەنلىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ «ئەلقانۇن»، «كىتابۇلشىپا»، قاتارلىق ئەسەرلىرى پۈتۈم شەرق ئەللىرى تىبابەتچىلىگى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگىنىڭ ئاساسىنى ئورنىتىش بىلەن بىللە، دۇنيا تىبابەتچىلىگى ۋە ئىسلام پەلسەپەسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ئىبنى سىنا مىلادى 1037-يىلى ھەمەداندا ۋاپات بولغان.) دىنمۇ ئۈستۈن ئىدىكى، شەرىئەت ئىلمى، تەرىقەت ئىلمى، تەفسىر[قۇرئاننىڭ شەرھى]، ھەدىس، تىۋىپلىق، پەلسەپە، ئىدىئولوگىيە، ئەدەبىيات ھەتتا شاھمات، نەرد ئويۇنلىرىغىچە بىلمەيدىغىنى يوق ئىدى. جۈملىدىن مۇزىكا ئىلمىدىمۇ ناھايىتى يېتىلگەن ئىدى.

     

    قالۇننى ئۆز قولى بىلەن ياساپ، سىم تارتىپ چالغان ۋە سازەندە شاگىرتلىرىغا ئۆگەتكەن ئىدى. راك، ئۇشاق مۇقاملىرىنى ۋە ئۇشاقنىڭ مەرغۇللىرىنى ئىجات قىلىپ ئالەمگە يايغان ھەم شاگىرتلىرىغا ئۆگەتكەن ئىدى. ھازىرمۇ ھەممە سازەندىلەرگە مەلۇم بولغان ئۆزھال مۇقامىنى ۋە ئۇنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى مەرغۇللىرىنى كەشپ قىلغان ئىدى. « رىسالەئى مۇغەننىيۇن» [سازەندىلەر رىسالىسى] دېگەن كىتابىدا ''مۇزىكىنىڭ تىلسىز مۇڭلىرى ئىنساننىڭ روھىغا مەنىۋى ئوتنى تۇتاشتۇرغۇچى ئامىلدۇر. ئەگەر ئۇنىڭغا شېئىر قوشۇلسا، بۇ مۇڭنىڭ نىمە ئىكەنلىگى مەلۇم بولىدۇ'' دەپ ئېيتقان ۋە يەنە '' يۈز يىل ئىبادەت قىلىپ ئالالمىغان پەيزىنى مېنىڭ قالۇنۇمنىڭ سىملىرىدىن ئالغايسىزلەر'' دېگەن. بۇ ئەزىز تۈرلۈك ئىلىملەر ھەققىدە 114 پارچە كىتاپ يازغان. بۇ كىتاپلارنىڭ بىرى «رىسالەئى مۇغەننىيۇن»دۇر. لېكىن بۇ كىتاپ ھازىرغىچە ئەرەپچىدۇر.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.