تەۋارىخى مۇسىقىيۇن-كىرىش سۆز(6)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-17 01:24:51

تەۋارىخى مۇسىقىيۇنموللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى6«تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» رىسالىسى بىزنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزنى، بولۇپمۇ مۇزىكا تارىخىمىز بىلەن ئەدەبىيات تارىخىمىزنى تەتقىق ...



    تەۋارىخى مۇسىقىيۇن

    موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى

     

    6


    «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» رىسالىسى بىزنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزنى، بولۇپمۇ مۇزىكا تارىخىمىز بىلەن ئەدەبىيات تارىخىمىزنى تەتقىق قىلىشتا بىزنى خېلى مۇھىم ماتىرياللار بىلەن تەمىنلەيدىغان ياخشى ئەسەر بولۇش بىلەن بىر ۋاقتتا، بىرمۇنچە ئېغىر نۇقسانلاردىنمۇ خالى ئەمەس. مۆجىزى پەقەت كۆپرەك شائىرلار ۋە زىيالىلار دائىرىسىدە ئەۋج ئالغان چاچما ئۇدارلىق يەككە نەغمىلەرنىلا (تار مەنىدىكى ''مۇقام''لارنىلا) مۇزىكا ھىساپلاپ، خەلق مۇزىكىلىرىغا بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرى ئىچىدە ئەسىرلەردىن بۇيان ئىجات قىلىنىپ، رەتلىنىپ، يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ كېلىۋاتقان چوڭ نەغمىلەرگە (كەڭ مەنىدىكى ''مۇقام''لارغا) پۈتۈنلەي ئەتىبارسىز قارىغان، شۇڭا پەقەت شۇ چاچما ئۇدارلىق يەككە نەغمىلەرنىڭ ئىجاتچىلىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەنلا بولۇپ، خەلق مۇزىكىلىرىنىڭ، يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن چوڭ نەغمىلەرنىڭ ئاساسىي ئىجاتچىسى بولغان خەلق ئاممىسىنى، خەلق مۇزىكىچىلىرىنى نەزەرگە ئالمىغان؛ بىرمۇنچە جايلاردا ئاساسسىز ھەتتا ئەپسانىلەشتۈرۈلگەن رىۋايەتلەرنى ھەقىقى پاكىت سۈپىتىدە ئۆز ئەسىرىگە كىرگۈزگەن، مەسىلەن، نەينىڭ كەشپ قىلىنىشىنى جەمشىتنىڭ خوتۇنى مەلىكە دىلسۇزغا، داپنىڭ كەشپ قىلىنىشىنى دىۋىلەرگە باغلاپ قويغان؛ مەۋلانە ساھىپ بەلخىنىڭ تەمبۇر چېلىشتىكى يۈكسەك ماھارىتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مەۋلانە ساھىپ بەلخى بابۇرشاھنىڭ كابۇل شەھرىدىكى بىر باغدا ئۆتكۈزگەن شاھانە ئولتۇرۇشىدا تەمبۇر چالغاندا بىر بۇلبۇل ئۇچۇپ كېلىپ تەمبۇرنىڭ قۇلىغىغا قونغانلىقىنى ۋە ئۆزىنى بىرنەچچە قېتىم تەمبۇرغا ئۇرۇپ ئۆلگەنلىكىنى، بۇ ھالنى كۆرۈپ ئولتۇرۇشتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ھۇشسىزلىنىپ كەتكەنلىكىنى يازغان؛ كۆپچىلىك ئىسلام تارىخچىلىرىغا ئوخشاش، مۆجىزىمۇ ئىنسانىيەتنىڭ پەيدا بولۇشىنى نوھ ۋە ئۇنىڭ ھام، سام، يافەس ناملىق ئوغۇللىرى توغرىسىدىكى يەھۇدى-خىرىستىيان دىنى رىۋايەتلىرىگە تاقاپ، مۇزىكىنىڭ پەيدا بولۇشىنىمۇ شۇلار بىلەن باغلىغان؛ بەزى يەر ئىسمى ۋە يىلنامىلەرنى خاتا قىلىپ قويغان، ۋاھاكازا.


    بىز «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» رىسالىسىنى ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا ئۇنىڭغا تەنقىدىي مۇئامىلىدە بولۇپ، ئۇنى ئوبدان تەھلىل قىلىشىمىز، شاكىلىنى چىقىرىپ تاشلاپ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىشىمىز لازىم.
    سەۋىيىمىز چەكلىك بولغانلىقى سەۋەبىدىن بىزنىڭ بۇ ئەسەر ئۈستىدىكى مۇلاھىزىمىز، قوليازمىنىڭ تىرانسكىرىپسىيىسى، تەرجىمىسى ۋە ئىزاھلاردا كەمچىلىك، خاتالىقلارنىڭ بولۇشى تەبىئى. كىتابخانلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەنقىدىي پىكىرلىرىنى سەمىمى قارشى ئالىمىز.
    ئەنۋەر بايتۇر، خەمىت تۆمۈر.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.