ئەينى ئاۋات كېچىكى 2(راست ئىشلار خاتىرىسى)

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-20 18:54:13

ئەينى ئاۋات كېچىكىراست ئىشلار خاتىرىسىئېزىز ساۋۇت2بىكار چاغلىرىمدا، ياتىقىمنى بىرەر قۇر تازىلاپ پاكىر تۈسكە كىرگۈزدۈم. يوتقان-كۆرپىلىرىم رەتلىك تىزىلدى.تامنىڭ يېرىقلىرىغا گېزىتلەرنى چاپلاپ ئ...



      ئەينى ئاۋات كېچىكى
    راست ئىشلار خاتىرىسى
    ئېزىز ساۋۇت

     2

    بىكار چاغلىرىمدا، ياتىقىمنى بىرەر قۇر تازىلاپ پاكىر تۈسكە كىرگۈزدۈم. يوتقان-كۆرپىلىرىم رەتلىك تىزىلدى.تامنىڭ يېرىقلىرىغا گېزىتلەرنى چاپلاپ ئەتتىم. غۇۋاراق يالاڭ قەغەز بىلەن چاپلانغان كۆزنەك ئاستىدىكى ئۇيۇقچىغا گېزىتلەردىن قۇيۇپ، ئۈستىگە كىتابلىرىم ۋە ئەينەكنى قويدۇم. ياتىقىمغا خېلى ھۆسىن كىردى. قازان-قۇمۇچلارنىڭ داتلىرىنى چىقىرىپ، يۇيۇپ-تازىلاپ تاماق ئېتىپ يىگۈدەك قىلدىم. چايدان-قاچىلارنى سېتىۋالدىم. مەدەكلەرنى قايناتتىم. ئىسسىق سۇلىرىممۇ بار بولدى. ئەينى ئاۋات مەھەللىسى ھەقىقەتەن گۈزەل ئىدى. «بۇ پەقەت قىشتا كۆرگىنىم، يازدا قانچە گۈزەللىشىپ كىتەر-ھە؟!» بولۇپمۇ ياتىقىمنىڭ ئالدىدىكى يار ئاستىدا كۆرۈنۈپ تۇرغان دەريا گۈزەل مەنزىرىلەرنىڭ نادىرى ئىدى. ئىشىكتىن چىقسام دەريا، دەريا ساھىلى، خاماننىڭ جەنۇبىدىكى ھېلىقى يارغا ياندىشىپ تۇرغان ئاشلىق ئىسكىلاتىنىڭ ئارقىسىدىلا دەرياغا-ئەينى ئاۋات كېچىكىگە چۈشىدىغان 10مېتىر كەڭ، ئىككى تەرىپى يارنى يېرىپ كېچىككە، دەريا لېۋىگە پەسلەپ چۈشىدىغان قۇم-توپىلىق يول. كۈندۈزى قاچانلا قارىساڭ بۇ يولدىن ئۈتۈشۈپ تۇرىدىغان ئادەم، ئات، ئېشەك، ھارۋىلار ئۈزۈلمەيدۇ. دەريا لېۋىدىكى كىچىك ئېغىزدا ئىككى دانە زور كېمە يولۇچىلارنى ئۇقات-بۇقاتقا ئۆتكۈزۈپ، تاپاۋەت كىرىم قىلىش ئۈچۈن دائىم پەرمانبەردارلىقى بىلەن خېرىدار كۈتۈپ سۇدا لەپەڭشىپ يۈرۈشىدۇ. يولۇچىلارنىڭ قارىسى كۆرۈنۈش بىلەن كېمىچىلەر دەرھال كېمىنى قوزۇقتىن يېشىپ سەپەرگە تەييارلايدۇ-دە، ئات، ھارۋا، چارۋا، ئادەم، يۈكلەرنى بېسىپ ئۇقات-بۇقاتقا توشۇيدۇ. دەريانىڭ قارشى قىرغىقى-ئاۋات ناھىيەسىگە قاراشلىق بەشئېرىق يېزىسى يېشىللىشىپ كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. يېزىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەمىساقتىن بېرى داڭلىق قاينام-تاشقىنلىق كاتتا بازار-بەشئېرىق چاھار بازىرى بار. ھەر كويدىكى ھۆپپىگەرلەر بۇ بازار سودىسىنىڭ قاينام-تاشقىنىغا ئۆزنى تاشلاپ تىرىكچىلىكنىڭ ھەمەرىسىنى سۈزۈپ ئالماقچى بولۇپ، تەلەي سىناشقا ئالدىرىشىدۇ. ئېغىر يۈك بېسىلغان كېمە قۇلاققىچە سۇغا پتىپ، كۈمۈش رەڭ لايقا سۇ دولقۇنلىرىنى يېرىپ، ئېغىرلىق بىلەن قارشى قىرغاققا يۈرۈپ كېتىدۇ. پۇت-پاچاق، بىلەكلىرىنىڭ بۇلجۇڭ گۆشلىرى بۆرتۈپ چىققان ئېگىز بوي، قامەتلىك، كەڭ يەلكىلىك، ئېڭەكلىرىنى قويۇق ساقال باسقان ئىككى-ئۈچ كېمىچىلەر، كېمىنىڭ باش، يان ۋە قۇيرۇق تەرەپلىرىدە تۇرۇپ، پاچاق توملۇقىدىكى6-7مېتىر كەلگۈدەك بادرا-خادىلارنى دەريا تېگى-قۇملارغا تېرەپ كېمىنى قوزغىتىدۇ. كېمىنى قېيىپ، ئاغدۇرۇلۇپ كېتىشتىن ساقلاپ چېچەنلىك بىلەن قارشى قىرغاققا ئامان-ئېسەن يەتكۈزىدۇ. يولۇچىلارنىڭ پۇلىنى ھالاللاپ ئالىدۇ. بۇ كېمىلەر ئەينى ئاۋات ئەترىتىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكىگە تەۋە ئىدى.

     

     

    ھازىر قارا قىش مەزگىلى بولغاچقا مۇز قاتقان دەريا كېمىلەر يۈرەلمىگەنلىكتىن، قۇم قىرغاققا سۆرەپ ئېلىپ چىقىپ، قۇلۇپلانغان زەنجىر-كىشەنلەر بىلەن يوغان تۆمۈر قۇزۇققا باغلاپ توختىتىپ قۇيۇلغان ئىدى. كېمىلەر ئىشسىزلىقتىن زېرىكىپ مۇڭسىراپ ياتقاندەك كۆرۈنەتتى.

    ياتىقىمدا ئىسسىق سۇ شارائىتى ھازىرلانغان بولسىمۇ، نېمىشقىدۇر يەنە ئاشۇ دەريادىكى كۆلچەك ئارقىلىق سوغوق سۇ بىلەن يۇيۇنۇپ يۈرەتتىم ۋە پات-پات غۇنچەم بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالاتتىم. غۇنچەمنىڭ دادىسى ئىسرائىل ئاكىمۇ ئىككى قېتىم كېلىپ ياتاق شارائىتىمنى كۆزدىن كەچۈرگەن بولدى.

    -نېمىشقا تارتىنىلا؟ بىزنىڭ ئۆيدە ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇپ، تاماققا داخىل بولسىلا بولمامدۇ؟-ئۇ شۇنداق دەپ بىر قانچە قېتىم تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، نېمىشقىدۇر بارغۇم كەلمىدى. ئىسرائىل ئاكام چاشقانلارنىڭ خاپىلىقىنى كۆرۈپ ئۆيدىكى يولۋاسقا ئوخشايدىغان زور، سېرىق قارا تاغىل مۈشۈكنى ئەكېلىپ بەردى. مۈشۈكنىڭ تىۋىشىنى ئاڭلىغان چاشقانلار كۈدە-كۆرپىسىنى كۆتۈرۈشۈپ نەگىدۇر يوقالدى. مۈشۈك ماڭا ئۆگىنىپ كەتتى ۋە مېنىڭ ھەمراھىم، دوستۇمغا ئايلىنىپ، ماڭا ئەمەك بولدى.

    -بەك تەرسا، ھاكاۋۇر ئادەم ئىكەنلا!-بىر كۈنى دەريا بويىغا چىققان غۇنچەم قىزارغىنىچە ماڭا ئالىيىپ قاراپ،-دادام كېلىپ تەكلىپ قىلسىمۇ ئۆيىمىزگە بارمىدىلا!؟ كادىر دىگەنغۇ شۇنداق بولىدىغان. بوپتۇ بارمىسىلا!

    ئۇ مەندىن خاپا بولۇپ قالغانىكەن. شۇ دومسايغىنىچە ماڭا قايتا گەپ قىلماس بولدى ۋە دەريانىڭ شىمالى-تېخىمۇ نېرىسىدىكى ماڭا ئاران كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىرغىقىغا بېرىپ كۆكتات يۇيىدىغان بولۇۋالدى. مەنمۇ بۇ ئىشتىن خىجىل بولۇپ بىئەپ ھالغا چۈشۈپ قالدىم. ئۇزاق ئۆتمەي كۈتمىگەن بىر سەۋەب بىلەن يەنە ئاۋالقىدىنمۇ بەك يېقىنلىققا ئېرىشىپ غۇنچەم ۋە ئائىلىسى بىلەن ئۇرۇق-تۇغقانلاردەك بولۇپ قالدۇق.

    قارا قىشمۇ ئاخىرلاشتى. دالادىكى قارلار ئېرىشكە باشلاپ، ئېچىلىشقا باشلىغان ئېتىزلارنىڭ سارغىيىپ كۆرۈنۈشى، قاش-قىرغاقلارنىڭ قارامتۇل قىياپىتى، ئېگىز ئىككى يار بىلەن قاپسالغان دەريانىڭ ئەكچىگەن مۇزلىرى، تېيىز يەرلەردە چىرىمدان مۇز سۇلىرىنىڭ كۆپۈپ قېلىشى...كەنت-مەھەلىلەرگە باھارنىڭ شەپىسىنى ئېلىپ كەلدى. ئەمدى دەريادا مۇزلار يېرىلىپ، يىلىدىكىدەك مۇز كۆچۈش ھادىسلىرى يۈز بېرىدۇ. مۇز ئۈستىدە قاتناش بىر مەزگىل توختايدۇ. ھەي!... ئاشۇ خىياللار بىلەن ئېچىنغانچە دەريا كېچىكىگە مەيۈس نەزەر تاشلىدىم. دەريانىڭ ئۈستۈن ۋە ئاياغ تەرەپلىرىدە ئانچە-مۇنچە مۇز يېرىلىش ھادىسلىرى كۆرۈنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەينى ئاۋات كېچىكىنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن مۇز قېلىن، ئاستى چوڭقۇر، سۈيى جىق، سۇن يۈزى تەكشى بولغاچقا، مۇز كۆۋرۈكنىڭ سۇ يۈزىگە تېگىپ تۇرىشىمۇ تەكشى بولۇپ«ۋاكۇئۇم بوشلۇق» لار يوق ئىدى. ھېلىغىچە يېرىلىش يۈز بەرمەي بېجىرىم تۇرغانلىقتىن كىشىلەر بەخىرامان يۈرۈشۈپ، قاتناشنى ئۈزۈپ قۇيۇشمىغان ئىدى. ئەلۋەتتە، دەريا سۇغا لىق تولمىغىچە كېمە سالغىلى بولمايتتى.

    كۈن ئىللىغانسېرى مۇزلارنىڭ ئۆمرىمۇ قىسقىراپ، سۇ كۆپۈشكە باشلىغان ئىدى. كەنتنىڭ شەرقىي تەرىپىگە تۇتاش قۇم شورلۇق دالىدىن كۈچلۈك ۋە ئىللىق شامال قوزغىلىشى بىلەن تەڭ ئېرىپ، پارچىلانغان مۇزلار سۇ ئۈستىدە لەيلىگىنىچە بىر-ئىككى مو چوڭلۇقتىكى كۆلەمدە مۇز چىرىمدانلىرىنى ھاسىل قىلاتتى. تىقىلىشىپ كەتكەن مۇزلار بىر-بىرىگە سوقۇلۇپ، قاراسلىغان سادالار ئىچىدە 4-5مېتىر ئېگىز كۆتۈرۈلەتتى-دە، يەنە غىرىسلاپ سۇ يۈزىگە چۈشەتتى. سۇلار قاينام بولۇپ، مۇز ئۈستىگە ئېتىلىپ چىقىپ، پۈتۈن دەريا ۋە ئەتراپ لەرزىگە كېلەتتى... مانا بۇ مۇزنىڭ كۆچۈشى بولۇپ، بىر مەھەل قورقۇنچلۇق مەنزىرىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەب بولاتتى.

    دەريا ساھىلىغا جايلاشقان بارلىق مەھەلىلەردىكى ئاھالە، قېرى-ياش، ئەر-ئايال، ئوغۇل-قىز، ھەم كىچىك بالىلار دەريا قىرغىقىدا تۇرۇپ بۇ مەنزىرىلەرنى قانغۇچە تاماشا قىلىشاتتى. ھەر يەكشەنبە كۈنى دەريانىڭ غەربىي قىرغىدىكى بەشئېرىق يېزا بازىرىدا چاھار بازار بولاتتى. ئەينى ئاۋاتتىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئارام ئېلىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەي مۇزنى دەسسەپ دەريادىن ئۆتۈپ، سودا سېتىق ھەم تاماشا-سەيلە قىلىش كۆڭۈللىرىنى خۇش قىلىشاتتى.

     بىر يەكشەنبە كۈنى ئەترەتنىڭ بىر قانچە ياش مەھەللە كادىرلىرى مېنى زېرىكىپ قالدى دەپ، ئوينىتىپ كەلمەكچى بولۇشۇپ بازارغا بېرىشقا تەكلىپ قىلدى. مەنمۇ خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدۇم. مۇز كۆۋرۈك يېرىلىپ، ئۇيۇلۇپ كېتىشتىن بۇرۇن سەھەردە ناشتا قىلىپلا پىيادە يولغا چىقتۇق. بازار يېقىن بولۇپ، دەريا قىرغىقىغا 500 مېتىرچە كېلەتتى. بازارغا بېرىش ئۈچۈن دەريادىن ئۆتىدىغانلارمۇ كۆپ بولغاچقا توپلىشىپ مېڭىشقا بولمايتتى. ئىسرائىل ئاكاممۇ غۇنچەم ۋە 12ياشلاردىكى كېلىشكەن ئوغلى روزى قارىينى ئەگەشتۈرۈپ بازارغا ئېشەك ھارۋىسىغا بېسىلغان ئورۇندۇق، ئەمبەل، شىرە، پەشخۇن... قاتارلىقلارنى ساتقىلى ماڭغان ئىكەن. ئۇلار بىزنى كۆرۈپ ئىللىق سالاملاشتى. بىز ئۇلارنىڭ ئالدىدىراق ماڭدۇق. قىرغاققا يېقىنلاشقاندا ئىسرائىل ئاكامنىڭ ھارۋىسىدىن ئۈچ-تۆتچە كىچىك ئورۇندۇقلار مۇز ئۈستىگە تاراقلاپ چۈشۈپ قالدى. غۇنچەم ئارقىغا يېنىپ، ئورۇندۇقلارنى يىغىۋاتقاندا كۈتۈلمىگەن بىر كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەردى. مۇز كۆۋرۈكنىڭ ئوتتۇرىسى قاراسلاپ يېرىلدى-دە، ئاستىدىكى سۇلار بۇلدۇقلاپ فونتاندەك ئېگىزگە ئېتىلىپ چىقتى. يېرىلغان مۇز شىمالدىن جەنۇبقا 500 مېتىرچە كېلەتتى. غۇنچەم مۇزنىڭ شەرقىدە-مەھەلىلەر تەرەپتە قالدى. بۇ چاغدا بىز ۋە ئىسرائىل ئاكام غەربىي قىرغاق قۇم ئۈستىگە چىقىپ بولغان ئىدۇق. ئەتراپتا كۆرۈپ تۇرغان جامائەتتىن «ۋاي ئىسىت!چاتاق بولدى!» دېگەن چۇقانلار كۆتۈرۈلدى. ئىسرائىل ئاكام قاتتىق ۋەھىمە ئىچىدە:

    -غۇنچەم قىزىم! ئورۇندۇقلارنى تاشلىۋېتىپ دەرھال مەھەللە تەرەپكە قېچىڭ!-دەپ ۋارقىرىدى. غۇنچەم دادىسىنىڭ گېپى بويىچە ئارقىغا قاراپ قاچماقچى بولۇپ تۇراتتى. توساتتىن يېڭى خەتەر يۈز بېرىپ، مۇز بىر قانچە پارچىغا بۆلۈنۈپ كەتتى، غۇنچەم كاكچا ناندەك بۆلۈنۈپ چىققان يۇمىلاق مۇز ئۈستىدە قېپقالدى. قىرغاقتا ۋەھىمىلىك، ئەپسۇسلۇق چۇقان-سۈرەنلەر كۆتۈرۈلدى. ئىسرائىل ئاكام يىغلامسىراپ:

    -ۋاي ئىسىت قىزىم!- دېگىنىچە يۇقىرى-تۆۋەن پىرقىراپ يۈرەتتى. قىزغاقتىكىلەر كۆيۈنگەن بولسىمۇ، بىراق، ئۈنۈملۈك بىر تەدبىرنى تاپالماي باخشىدەك پىرقىرىشاتتى. قىز ناھا ۈرەكلىك ئىدى، شۇنچە ئېغىر خەتەر ئىچىدە قېلىپمۇ قىلچە قورقماستىن تەمكىنلىكىنى ساقلاپ، مۇز ئۈستىدە مەزمۇت قاراپ تۇراتتى. ئىسرائىل ئاكام تاقەت قىلالماي مۇزدىن-مۇزغا سەكرەپ ئۆتۈپ قۇتقۇزماقچى بولدى:

    -ئىسرائىل ئاكا، سەۋر قىلىپ تۇرسىلا، كۆرۈنۈپ تۇرغان خەتەرگە تەۋەككۈل قىلمىسىلا!- كاللامغا ئۇشتۇمتۇت بىر ئەقىل كېلىپ ئۇنى توسۇپ قويدۇم ۋە قىرغاقتا تۇرغان جامائەتكە قاراپ،- ھەممىڭلار ئارغامچا، شوينا، بەلباغلىرىڭلارنى يېشىپ بىر-بىرىگە ئۇلاڭلار، غۇنچەمنى ئارغامچا ئارقىلىق مۇزدىن سىيرۇلدۇرۇپ ئەكېلىپ قۇتقۇزۇۋالىمىز،- دەپ ۋارقىرىدىم. ئۇلار نىيىتىمنى دەرھال چۈشەندى-دە، بىردەمدىلا 50 مېتىرچە ئۇزۇنلۇقتا بىر قۇتقۇزۇش قورالى تەييارلاشتى. بىر ئۇچىغا ئوتتۇرىسى بەلدەم، ئۇزۇنچاق بىر تاشنى تېپىپ چەگدىم. بۇ چاغدا مۇزلار پارچىلىنىپ دەريادا چىرىمدان بولۇپ ئېقىشقا باشلىدى. غۇنچەم ھېلىقى ئارالچە مۇز ئۈستىدە تېخىچەمەزمۇت قاراپ تۇراتتى. مۇز ئارىلى باشقا مۇزلارغا سوقۇلۇپ بىز تۇرغان قىرغاق تەرەپكە بۇرۇلۇش بىلەن ۋەزىيەتتە ئوڭشىلىش ئەھۋالى كۆرۈلدى. مەن غۇنچەمگە قاراپ:

    -غۇنچەم، قورقماڭ! بۇ ئارغامچىنى چاققان تۇتۇپ ئېلىپ، پۇتىڭىزنى مۇزغا تىرىپ تۇرۇڭ! بىز قىرغاققا تارتىپ چىقىرىمىز!- دەپ ۋارقىرىدىم.

    غۇنچەممۇ زېرەكلىك بىلەن چۈشىنىپ، تەييارلاندى. ئارغامچىنىڭ تاش بار ئۇچىنى غۇنچەمگە قارىتىپ، بىر قانچە قېتىم كۈچ بىلەن ئېتىپمۇ ئۇنىڭغا يەتكۈزەلمىدىم. بىر قېتىم يېتىۋېدى، تۇتۇپ ئالالمىدى. شۇ چاغ يېنىمغا بەستلىك، ئېگىز  بوي بىر يىگىت پەيدا بولدى-دە:

    -ئېزىز ساۋۇت، ئارغامچىنى ماڭا بەرسىلە!- دېگىنىچە قولۇمدىن ئېلىپ ئېتىپ، يەتكۈزگەن بولسىمۇ غۇنچەم يەنە تۇتۇپ ئالالمىدى. شۈكرى، قايتا-قايتا ئېتىش بىلەن ئارغامچا ئاخىرى ئۇنىڭ قولىغا يەتتى. ھەممىمىز قاتارى ئارغامچىغا ئېسىلىپ قىرغاققا تارتىشقا باشلىدۇق. بىر مۆجىزە كۆز ئالدىمىزدا زاھىر ئىدى، غۇنچەم دەسسەپ تۇرغان مۇز ئارال باشقا مۇز پارچىلىرىنىڭ سوقۇشلىرىغا بويۇن ئەگمەي قايناپ، كۆۋەجەپ، بۇلدۇقلاپ تۇغان سۇ يۈزىدە ئېغىرلىق بىلەن سىيرىلغىنىچە بىز تەرەپكە يېقىنلاشماقتا. بىزمۇ مۇز ۋە سۇ ئېقىمىغا ماسلىشىپ ئاياغ تەرەپكە ئاستا، ئۇششاق قەدەملەر بىلەن يۆتكەلمەكتە ئىدۇق. يېرىم سائەتچە ھەپىلىشىش ئارقىلىق ئەۋۋەلقى تۇرغان يېرىمىزدىن يۈز مېتىرچە ئاياغدىن مۇز ئارالنى قىرغاق تۈۋىگە تارتىپ، غۇنچەمنى بۇ خەتەرلىك بالايىئاپەتتىن ساق-سالامەت قۇتقۇزۇۋالدۇق. ئەتراپىمدىن ماڭا «بارىكاللا!» چۇقانلىرى كۆتۈرۈلدى.

    -ۋاي بۇ ئېزىز ساۋۇت قالتىس يىگىتكەن ئەمەسمۇ! 365 كۈن دەريا بىلەن ھەپىلىشىپ تۇرىدىغان بىز سەھرالىقلاردىن ئەقىللىق ئىكەن!

    -مىڭ قىلغان بىلەن ئوقۇغان بىلىم ئىگىسى، كادىر-دە!

    ئىسرائىل ئاكام كۆز يېشى قىلىپ، «جېنىم قىزىم» دېگىنىچە غۇنچەمنىڭ يۈزىنى سىلاپ كەتتى ۋە ئالدىمغا كېلىپ قولۇمنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ:

    -ئېزىز ساۋۇت، خەلقنىڭ ياخشى كادىرى! قىزىمنى پاجىئەلىك ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ ئالدىلا، كۆپ رەھمەت!- دەپ مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

    -ھېچ ئىش يوق ئىسرائىل ئاكا!- دېدىم مەنمۇ ئۇ كىشىنىڭ قولىنى چىڭ سىققىنىمچە تەسەللى ئېيتىپ،- بىر كىشى خەتەرگە ئۇچرىسا قاراپ تۇرساق بولامدۇ؟ غۇنچەمنىڭ ئامان قالغىنىغا ھەممىمىز خۇشال،- دېدىم. باشقىلارمۇ بىر-بىرلەپ كېلىپ ھۆرمەت بىلدۈرۈپ مەن بىلەن كۆرۈشۈپ كەتتى. بىر چەتتە قاراپ تۇرغان غۇنچەمگە بۇرۇلدۇم، ئۇنىڭ بۇلاقتەك كۆزلىرىدىن ياشلار قۇيۇلۇپ تۇراتتى...

    بازار تارقىغاندا، بىز باشقا يەردىن ـــ ئەينى ئاۋاتقا يانداش ئاياغدىكى بىر مەھەللە تەرەپتىكى مۇز كۆۋرۈكى ساك كېچىكتىن بىرنى تېپىپ مەھەللىگە قايتىپ كەلدۇق. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىش ئېغىزدىن-ئېغىزغا تارقىلىپ ھېكايە بولۇپ كەتتى ۋە ئىناۋەت-ئابرۇيۇممۇ خېلىلا كۆتۈرۈلۈپ قالدى. ھەتتا يېزا، ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭمۇ قۇلاقلىرىغا يېتىپتۇ.

    شۇ ئىشتىن ئۈچ كۈن ئۆتۈپ، كەچتە ياتاقتا ئولتۇرۇپ شوۋىگۈرۈچ قاينىتىپ، ئوپچە ئاشخانىدىن ئالغان 200 گراملىق زاغرا نان بىلەن قورساق بېقىۋاتسام، ئىشىك قېقىلدى. ئاچسام قولىدا بىر كورىنى تۇتقىنىچە ئىسرائىل ئاكام، قېشىدا 60 ياشلاردىكى بىر ئايال تۇراتتى. غۇنچەمنىڭ ئانىسى ئىكەن-دە؟ دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.

    -بالام!- دېدى موماي، لىڭشىما كارىۋاتقا ئاۋايلاپ ئولتۇرۇۋېتىپ،- نېمانداق تارتىنچاق سىلە، ئىسرائىل ئاخۇن بىر نەچچە قېتىم ئۆيگە تەكلىپ قىلسا ئۆزلىرىنى قاچۇرۇپ بارمىدىلا، بىز يا پومىشچىك، باي دېھقان (ئۇ چاغلاردا «سىنىپىي كۈرەش نەزەرىيىسى» بويىچە جەمئىيەت سىنىپىي قاتلام تەركىبىگە ئايرىلىپ، پومىشچىك، باي دېھقان قاتارلىقلار ئەزگۈچىلەر «سىنپىي دۈشمەن» دەپ قارىلاتتى) كەمبەغەل دېھقان سىنىپىي قېرىندىشىمىز ئەمەسمۇ؟ ئەمدىغۇ بارالا؟ غۇنچەمنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدىلا، بىز سىلىگە ۋىجدانىي قەرزدار!- مەن نېمە دېيىشىمنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم. ئۇ ئارىسىدكى سۈكۈتنى بۇزۇپ، ئانىلارچە مېھرىبانلىق بىلەن يەنە ئېغىز ئاچتى.

    -كوممۇنا ئاشخانىسىنىڭ ئېشىغا قورساق تازا تويماي قالىدۇ. كىر-قاتلىرىنى ئۆزلىرى يۇيۇپ ئاۋارە بولۇپ يۇرۈيدىكەنلا،  بىزنىڭ بۇ يۇرتتا ئەرخەق كىر يۇيسا مازاق قىلىدۇ. ھە بولدى، كورىدا توخۇ گۆشى ۋە شورپىسى بار. ئىسسىقىدا ئىچىۋالسىلا. بۇندىن كېيىن تارتىنىپ يۈرمەي، ئۆيىمىزگە بېرىپ-كېلىپ يۈرسىلە. يىغىلغان كىر-قاتلىرىنى بىزنىڭ ئۆيگە تاشلاپ بەرسىلە!

    ئىسرائىل ئاكام كورىنى ئوچاق بېشىغا قويۇپ قويدى ۋە يەنە گەپ قوشتى.

    -قېنى ئىسسىقىدا ئىچىۋالسىلا، تارتىنمىسىلا. ئاتا-ئانا، ئۆيلىرى يىراقتا، مۇساپىرچىلىق يامان. بىز كۆز قاراپ قويمىساق، ئادەمگەرچىلىككە سىغامدۇ؟

    ئۇلارنىڭ بۇ سەمىمىي گەپلىرىدىن تەسىرلەندىم سەم خىجىل  بولدۇم. بولۇپمۇ: «بىز يا پومىېشچىك، باي دېھقان ــ سىنىپىي دۈشمەن ئەمەس، كەمبەغەل دېھقان، سىنىپىي قېرىنداش» دېگەن سۆزى مېنى قاتتىق خىجىل قىلدى. ئەسلىدە مەن ئۇلارنى ئاۋارە قىلماسلىقنى ھەم «خىزمەت كۆرسەتتىم» دەپ غادىيىپ، مىننەت قىلغاندەك تەسىر بەرمەسلىكنى نەزەردە تۇتقان ئىدىم.

    -ماقۇل، بېرىپ تۇرىمەن،- دېدىم كورىنى قولۇمغا ئېلىۋېتىپ،- سىلەردىن سىنىپىي چەك ئايرىغانلىق ئەمەس، ئاۋارە قىلماسلىقنى نەزەردە تۇتقان ئىدىم. ھەممىڭلار ئوپچە قازاندىن تاماق يەيسىلەر، ئايرىم تېرىم يېرىڭلار، ئاشلىقڭلار كەمچىل، بۇ ھالدا سىلەرنى قىيناپ قۇيۇشتىن ئۇيالدىم،- دېدىم مەن قەلبىمدىكىنى تېخىمۇ سەمىمىي ئېيتىپ.

    -ھەرگىز ئۇنداق ئويلىمىسىلا، كۈن دېگەن ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئاۋارە بولمايمىز. كىر-قات، ياماقلارنى تارتىنماي ئاپارسىلا جۇمۇ؟- ئۇلار قايتا-قايتا تاپىلاپ قايتىپ كېتىشتى. مەن تەسىرلەنگەن ھالدا شوۋىگۈرۈچ بىلەن زاغرىنى «ئەتە» ئۈچۈن بىر چەتتە قويۇپ، كورىدىكى توخۇ گۆشى ۋە شورپىلارغا تۇتۇش قىلدىم. شۇنداق تەملىك، مەززىلىك ئىدى. بىر چاغلاردا تويغىنىمنى سەزدىم. ئېشىپ قالغىنىنى يەنە «ئەتە» ئۈچۈن ئېلىپ قويدۇم.

    شۇنداق قىلىپ، ئۇلار بىلەن مېنىڭ ئارامدا ئۇرۇغ-تۇغقاندەك مۇناسىۋەت شەكىللەندى. ھەپتىدە بىر-ئىككى قېتىم بېرىپ-كېلىپ، خۇپىيانە ئەتكەن تاماقلىرىغا داخىل بولۇپ تۇردۇم. غۇنچەم كىر-قاتلىرىمنى يۇيۇپ بەردى. ئىسرائىل ئاكام 45 ياشلاردىكى قارا ساقال، زەربەدەس، كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان كىشى ئىدى. ئايالى سەلىمىخان ئاچام بولسا ئەمدىلا قىرىق ياشلاردىن ھالقىغىنىغا قارىماي سولاشقان، ئاغرىقچان، ئورۇق، ۋىجىك كۆرۈنەتتى، كەم سۆز بولسىمۇ ئاق كۆڭۈل، مېھماندوست ئىدى. ئىسرائىلكامنىڭ ئانىسى زىۋىدىخان ئاچام 65 ياشلاردا بولسىمۇ خېلىلا تېمەن بولۇپ، ئىش-ھەرىكىتى چاققان ئىدى. سەلىمىخان ئاچامنىڭ 90 ياشلاردىكى ئانىسى پاشاخان چوڭ ئانىمىز تېتىك، خۇشخۇي، گەپ-سۆزلىرى ساددا، قۇلىقى ئۆتكۈر، چاچلىرى ئاقىرىپ كەتكەن ئۇلۇغ سۈپەت بىر ئايال ئىدى. بۇ ئائىلىدە يەنە غۇنچەمنىڭ ئىنىسى روزى قارىي، سىڭلىسى پاتىمەلەرمۇ بار ئىدى. مەن قاچانكى بۇ ئۆيگە كىرىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا، پاشاخان ئايلام ھەمىشە گەپكە ئارىلاشماي، پەقەت كۈلۈمسىرىگىنىچە ئولتۇراتتى. ئۇ، «باشقىلارنىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلاشنى بەك ياخشى كۆرىمەن» دەيتتى. ئىسرائىلكام ئىشنىڭ ئېپىنى بىلىدىغان، كەڭ قورساق ئادەم ئىدى. بولمىسا بەش جان ۋە قېرى ئانىلىرىنى باقماق، شۇ قاتىلاڭچىلىق ئېغىر دەۋرلەردە، كوللېكتىپ دېھقانچىلىق ئەمگىكىگە تايىنىپ كۈن كەچۈرىدىغان بىر ئەر ئۈچۈن ئاسانغا چۈشمەيتتى.

    (داۋامى بار)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.