خۇدا ۋە يېڭى فىزىكا 19

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-21 18:12:19

خۇدا ۋە يېڭى فىزىكا 19گۇمانلانغۇچى: بايا مەن ئېينىشتېيىننىڭ «شۇنى ئېتىراپ قىلىشىڭىز كېرەككى، سۇبېكتىپ ۋاقىت مۇھىم نۇقتىنى ھازىرغا قويىدۇ، ئەمما سۇبېكتىپ ۋاقىتنىڭ ئوبېكتىپ ئەھمىيىتى بولما...



      خۇدا ۋە يېڭى فىزىكا 19

    گۇمانلانغۇچى: بايا مەن ئېينىشتېيىننىڭ «شۇنى ئېتىراپ قىلىشىڭىز كېرەككى، سۇبېكتىپ ۋاقىت مۇھىم نۇقتىنى ھازىرغا قويىدۇ، ئەمما سۇبېكتىپ ۋاقىتنىڭ ئوبېكتىپ ئەھمىيىتى بولمايدۇ، ... ئۆتمۈش، ھازىر، كەلگۈسى ئارىسىدىكى پەرق بىر خىل خىيالىي تۇيغۇدىن ئىبارەت، كىشىلەرنىڭ قانچىلىك چىڭ تۇرۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ خىل پەرقنىڭ پايدىسى يوق» دېگەن بىر جۈملە سۆزىنى كۆردۈم. ئېينىشتېيىن جەزمەن ساراڭ بولۇپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟

    فىزىكا ئالىمى: ھەرگىز ساراڭ بولۇپ قالغىنى يوق. سىرتقى دۇنيادا قانداقتۇر ئۆتمۈش، ھازىر، كەلگۈسى دېگەنلەر مەۋجۇت ئەمەس. سىز ئۇلارنى ئۈسكۈنە بىلەن ئۆلچەپ چىقالامسىز؟ چىقالمايسىز. ھازىر نوقۇل پىسخىكىلىق ئۇقۇمدىن ئىبارەت.

    گۇمانلانغۇچى: ۋوي، سىز چاقچاق قىلىۋاتىسىزغۇ دەيمەن؟ كەلگۈسىنىڭ تېخى يۈز بەرمىگەنلىكىنى، ئەمما ئۆتمۈشنىڭ ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى كىم بىلمەيدۇ، بىز ئۆتمۈشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئەسلىيەلەيمىز. سىز قانداقسىگە تۈنۈگۈن بىلەن ئەتىنى ياكى بۈگۈننى ئارىلاشتۇرۇپ قويىسىز؟

    فىزىكا ئالىمى: ئەلۋەتتە، سىز شۇنچە كۆپ كۈنلەرنىڭ تەرتىپىنى رەتلەپ چىقىشىڭىش كېرەك، لېكىن مېنىڭ قارشى تۇرىدىغىنىم سىز قوللانغان ئاشۇ بەلگىلەردىن ئىبارەت. ئېھتىمال سىزمۇ ئەتىنىڭ مەڭگۈ يېتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئېتىراي قىلىدىغانسىزئ

    گۇمانلانغۇچى: سۆز ئۇيۇنى ئوينىماڭ، بولامدۇ؟ ئەتە قانداقسىگە يېتىپ كەلمىگۈدەك؟ بىراق ئۇ يېتىپ كەلگەندىن كېيىن بىز ئۇنى بۈگۈن دەپ ئاتايمىز شۇ.

    فىزىكا ئالىمى: ئازراقمۇ خاتا ئەمەس، ھەربىر كۈن شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە بۈگۈن دەپ ئاتىلىدۇ. ھەربىر پەيت كىشىلەر تەرىپىدىن ھېس قىلىنغان چاغدا «ھازىر» دېيىلىدۇ. ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسى دەپ ئايرىش تىل قالايمىقانچىلىقىنىڭ نەتىجىسى. مەن بۇ قالايمىقانچىلىقنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىڭىزغا ياردەم بېرەي. ۋاقىتنىڭ ھەربىر پەيتىنى بىر ئېنىق چېسلا بىلەن ئىپادىلەشكە بولىدۇ. مەسىلەن: 2027-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت2. چېسلانى خاتىرىلەش سىستېمىسى خالىغانچە بولىدۇ، ئەمما ھەممە كىشىلەر تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنىپ مۇقىملاشقان چېسلا خاتىرىلەش سىستېمىسىدا، ھەرقانداق بىر ئىش ياكى ۋاقىتنىڭ چېسلاسى ئېنىق بەلەىلىنىدۇ. بارلىق ئىشلارنى بىز بىر چېسلا بەلگىسى بىلەن خاتىرىلەيمىز. بۇنىڭ بىلەن، بىز دۇنيادىكى بارلىق ئىشلارنى بايان قىلغان چېغىمىزدا، ئۆتمۈش، ھازىر، كەلگۈسى دېگەندەك مۈجمەل نەرسىلەردىن پايدىلانمايمىز.

    گۇمانلانغۇچى: لېكىن، 2027-يىلى ھەقىقەتەن كەلگۈسى، چۈنكى 2027-يىلى تېخى يېتىپ كەلمىدىغۇ. سىز دەۋاتقان چېسلا سىستېمىسىدا ۋاقىتنىڭ ئاچقۇچلۇق بىر تەرىپىگە، يەنى ۋاقىتنىڭ ھەرىكەتلىنىدىغانلىقىغا سەل قارالغان.

    فىزىكا ئالىمى: سىزنىڭ «2027-يىلى ھەقىقەتەن كەلگۈسى» دېگىنىڭىزنىڭ مەنىسى نېمە؟ 2027-يىلى 2028-يىلنىڭ ئۆتمۈشىغۇ.

    گۇمانلانغۇچى: ئەمما ھازىر 2028-يىلى ئەمەس.

    فىزىكا ئالىمى: ھازىر؟

    گۇمانلانغۇچى: دۇرۇس، دەل ھازىر.

    فىزىكا ئالىمى: قايسى ۋاقىت ھازىر ھېسابلىنىدۇ؟ ھەربىر پەيت بىز ئۇنى ھېس قىلغان چېغىمىزدا ھازىر بولۇۋېرىدۇ.

    گۇمانلانغۇچى: مۇشۇ پەيتنىڭ ئۆزى ھازىر. مەن دەۋاتقان ھازىر مۇشۇ پەيتنى كۆرسىتىدۇ.

    فىزىكا ئالىمى: سىزنىڭ دەۋاتقىنىڭىز 2012-يىلىدىكى ھازىرمۇ؟

    گۇمانلانغۇچى: شۇنداق دېسەكمۇ بولىدۇ.

    فىزىكا ئالىمى: 2027-يىلىدىكى ھازىر ئەمەس؟

    گۇمانلانغۇچى: ئەمەس.

    فىزىكا ئالىمى: مەيلى، ئۇنداقتا، سىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭىز، 2027-يىلى 2012 يىلىنىڭ كەلگۈسى، ئەمما 2028-يىلنىڭ ئۆتمۈشى. بۇنى مەن ئىنكار قىلمايمەن. مېنىڭ ھېسلا سىستېمامدا بايان قىلىنىدىغىنىمۇ مۇشۇنداق ئىش. شۇڭا، سىز قاراپ بېقىڭ، ئۆتمۈش، كەلگۈسى دېگەندەك نەرسىلەرنى دەپ يۈرۈشىڭىزنىڭ ئەسلا ھاجىتى يوق.

    گۇمانلانغۇچى: ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسى دەپ ئايرىمايمىز؟ بۇ تازىمۇ بىمەنىلىكقۇ. 2027-يىلىنىڭ تېخى يېتىپ  كەلمىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىڭىز كېرەكقۇ دەيمەن؟

    فىزىكا ئالىمى: ئەلۋەتتە ئېتىراپ قىلىشىم كېرەك. دېگەنلىرىڭىزنىڭ مەنىسى، بىزنىڭ سۆھبىتىمىز 2027-يىلىدىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن. مەن يەنە بىر قېتىم تەكرارلاپ ئۆتەي: مەن نۇرغۇن ئىشلارنىڭ رەتكە تىزىلغان بىر قاتارى بولىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىلگىرى-كېيىنلىك ياكى ئۆتمۈش-كەلگۈسى مۇناسىۋىتىنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئىكار  قىلمايمەن. ئەمما مېنىڭ ئىنكار قىلىدىغىنىم ئۆتمۈش، ھازىر، كەلگۈسىنى مەۋجۇت دەپ قاراش. ئېنىقكى، بىرلا ھازىر مەۋۇجۇت ئەمەس، سىز ۋە مەن ئۆمرىمىزدە ناھايىتى جىق «ھازىر»لارنى ھېس قىلىمىز. بەزى ئىشلار باشقا بەزى ئىشلارنىڭ ئۆتمۈشى ياكى كەلگۈسى. ئەمما ئىش پەقەت شۇ يەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ھەرگىز بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى يۈز بەرمەيدۇ.

    گۇمانلانغۇچى: بەزى فىزىكا ئالىملىرى، ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسى ھازىر بىلەن بىللە مەۋجۇت بولىدۇ، ئۆتمۈش، ھازىر، كەلگۈسى بىر يەردە، پەقەت بىز ئۆتمۈش، ھازىر، كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى رەت تەرتىپى بويىچە بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىنى ئۇچرىتىمىز، خالاس، دېيىشىدۇ. سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىز مۇشۇ فىزىكا ئالىملىرىنىڭكى بىلەن بىر مەنىدىمۇ؟

    فىزىكا ئالىمى: ئەمەلىيەتتە بىز ئىشلارنى «ئۇچراتمايمىز». بىز پەقەتلا ئۆزىمىز ھېس قىلغان ئىشلارنى سېزىمىز. ۋاقىت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بىر دۆۋە ئىشلار ئۇ يەردە بىزنىڭ ئاستاغىنە بېرىپ يېقىنلىشىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرغان بولمايدۇ. ئىشلار ئۇ يەردە تۇرۇۋېرىدۇ، ئادەمنىڭ كاللىسى ئۇلارنى بىر-بىرىگە چېتىۋالىدۇ. سىزنىڭ بايا دېگەن گەپلىرىڭىزدىن خۇددى بۈگۈنكى روھ ئەتىكى ئىشلارنى ئۇچرىتىش ئۈچۈن قانداقتۇر بىر خىل ئۇسۇل بىلەن ئالدىغا يۆتكىلىدۇ، دېگەندەك مەنە چىقىپ تۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، سىزنىڭ روھىڭىزنىڭ داۋاملىشىشى ۋاقىت ئىچىدە بولىدۇ. ئەتىكى روھىي ھالىتىڭىز ئەتىدىكى ئىشلارنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ، بۈگۈنكى روھىي ھالىتىڭىز بۈگۈنكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

    گۇمانلانغۇچى: ئەجەبا، مېنىڭ ئېڭىم بۈگۈندىن ئەتىگە يۆتكىلەمدۇ؟

    فىزىكا ئالىمى: ياق! سىزنىڭ روھىڭىز بۈگۈنمۇ، ئەتىمۇ ئوخشاشلا مەقسەتلىك بولىدۇ. ئالدىغا، كەينىگە ياكى ئوڭغا، سولغا يۆتكىلىدىغان ئىش يوق.

    گۇمانلانغۇچى: لېكىن مەن ۋاقىتنىڭ تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېنىق سېزىۋاتىمەن.

    فىزىكا ئالىمى: بىر مىنۇت تۇرۇپ تۇرۇڭ. راستلا كەچۈرۈڭ. «بىر مىنۇت تۇرۇپ تۇرۇڭ» دېگەن بۇ گەپنىڭ مەنىسى سىز ئالدىرىماي تۇرۇڭ، مەن ئالدى بىلەن بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلاي دېگەنلىك بولىدۇ. ئەمما بۇ گەپ ئاڭلىماققا خۇددى ۋاقىت سىزنىڭ قولىڭىزدىكى نەرسە، ئۇنى ئارقىغا سۆرىيەلەيسىز، دېگەندەك بىلىنىدۇ. ئاساسىي تېمىغا قايتىپ كېلەيلى. ئالدى بىلەن، سىز روھىڭىزنى ۋاقىت جەھەتتە ئالدىغا يۆتكىلىدۇ دېدىڭىز، كېيىن، يەنە ۋاقىتنىڭ ئۆزى ئالدىغا يۆتىكىلىدۇ دېدىڭىز، سىز زادى قايسىسىنى دەۋاتىسىز؟

    گۇمانلانغۇچى: مەن ۋاقىتنى ئېقىۋاتقان دەريا، كەلگۈسىدىكى ئىشلار ماڭا قاراپ ئېقىپ كېلىدۇ دەپ قارايمەن. مەن ئېڭىمنى مۇقىم، ۋاقىت ئېڭىمدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ، كەلگۈسىدىن ئۆتمۈشكە قاراپ ئاقىدۇ دەپ قارىسام بولىدۇ؛ مەن يەنە ۋاقىتنى مۇقىم، مېنىڭ ئېڭىم ئۆتمۈشتىن كەلگۈسىگە قاراپ يۆتكۈلىدۇ دەپ قارىساممۇ بولىدۇ. مېنىڭچە، بۇ ئىككى خىل قاراش ئوخشاش بىر ئىش. ھەرىكەت نىسپىي بولىدۇغۇ.

    فىزىكا ئالىمى: سىز دەۋاتقان ھەرىكەت خىيالىي نەرسە! سىزدىن سوراپ باقاي، ۋاقىت قانداق ھەرىكەت قىلىدۇ؟ ئەگەر ۋاقىتنى ھەرىكەت قىلىدۇ دېسەك، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ جەزمەن تېزلىكى بولىدۇ. ئېيتىپ بېقىڭا، ۋاقىتنىڭ تېزلىكى قانچىلىك چوڭلۇقتا؟ ھەر كۈنى بىر كۈنمۇ؟ بۇ گەپ ئويۇنى ئەمەسمۇ؟ بىر كۈن بىر كۈن ئىچىدىكى 1 كۈننىڭ ئۆزىغۇ.

    گۇمانلانغۇچى: ئەگەر ۋاقىت ھەرىكەت قىلمىسا، شەيئىلەردە قانداقسىگە ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ؟

    فىزىكا ئالىمى: بۇنى چۈشىنىش ئاسان. جىسىملار ۋاقىت ئىچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ، شۇڭا ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. ئەمما ۋاقىت ھەرىكەت قىلمايدۇ. مەن كىچىك چېغىمدا ھەمىشە: «نېمە ئۈچۈن بۇ چاغ ھازىر دېيىلىدۇ، نېمە ئۈچۈن ئۇ چاغ ھازىر دېيىلمەيدۇ؟» دەپ ئويلىنىپ قالاتتىم. چوڭ بولغاندىن كېيىن ئاندىن بىلدىمكى، بۇنداق سۇئاللارنىڭ ئەھمىيىتى يوق ئىكەن. «بۇ چاغ»نىڭ ھەرقانداق بىر چاغ  بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

    گۇمانلانغۇچى: مەن ئەكسىچە سىزنىڭ كىچىك ۋاقتىڭىزدىكى ئاشۇ سۇئالىڭىزنىڭ ناھايىتى ئاساسى  بار، دەپ قارايمەن. نېمە دېسەكمۇ مەيلى، نېمە ئۈچۈن مۇشۇ چاغ 2012-يىلى بولىدۇ؟ سىز  بۇنىڭ بىرەر سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟

    فىزىكا ئالىمى: نېمە ئۈچۈن نېمە 2012-يىلى بولىدۇ دېمەكچىمۇ؟

    گۇمانلانغۇچى: ھەئە، نېمە ئۈچۈن ھازىر 2012-يىلى بولىدۇ؟

    فىزىكا ئالىمى: سىز سورىغان سۇئال بەئەينى «نېمە ئۈچۈن مەن  باشقا ئادەم ئەمەس، مەن بولىمەن؟» دەپ سورىغانغا ئوخشايدۇ. ئېنىقلىما جەھەتتىن ئېيتقاندا، مەن دېگەن مەن ئۆزۈم، ھېلىقى سىزدىن سۇئال سوراۋاتقان ئادەم. ئېنىقكى، 2012-يىلىدا بىز 2012-يىلىنى «ھازىر» دەپ قارايمىز. ئەمەلىيەتتە، سىز: «مەن نېمە ئۈچۈن مىلادىيە 5000-يىلىدا ئەمەس،  بەلكى 2012-يىلىدا ياشاۋاتىمەن؟» دەپ سورىشىڭىز لازىم ئىدى. سىز «نېمە ئۈچۈن بىز بۇ ېقتىملىق سۆھبەتنى 2028-يىلى ئەمەس، بەلكى 2012-يىلى ئۆتكۈزدۇق؟» دەپ سورىسىڭىزمۇ بولىدۇ. قاراڭ، مۇشۇنداق سورىسىڭىز، ئۆتمۈش، ھازىر، كەلگۈسى دېگەندەك ئۇقۇملارنى ئىشقا سېلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ.

    گۇمانلانغۇچى: مەن يەنىلا چۈشىنەلمىدىم. كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى تەپەككۈر پائالىيەتلىرىمىز، مەسىلەن: تىلىمىزدىكى زامان قۇرۇلمىلىرى، ئۈمىد، قورقۇش، ئېتىقاد دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى دېەۈدەك ئۆتمۈش، ھازىر، كەلگۈسىنىڭ تۈپ پەرقى ئۈستىگە قۇرۇلغان. مەن ئۆلۈمدىن قورقىمەن. چۈنكى مەن تېخى ئۇنى يولۇقتۇرۇپ باقمىدىم، ئۆلگەندىن كېيىن قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. ئەمما، مەن تۇغۇلۇشتىن ئىلگىچى قانداق  بولىدىغانلىقىنى بىلمىسەممۇ، ئەمما مەن ئۇنىڭدىن قورقمايمەن. بىزنىڭ ئۆتمۈشتىن قورقىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. مەن يەنە بىر قېتىم ئېيتىپ ئۆتەي، ئۆتۈپ كەتكەن ئىشنى ئۆزگەرتكىلى  بولمايدۇ. خاتىرىمىزگە تايىنىپ، ئۆتمۈشتە نېمە ئىشلار يۈز بەرگەنلىكىنى بىلەلەيمىز. لېكىن بىز كەلگۈسىنى بىلمەيمىز. شۇنداقتىمۇ كەلگۈسىنىڭ تېخى بېكىتىلمىگىنىگە، ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق كەلگۈسىنى ئۆزگەرتكىلى  بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ھازىرغا كەلسەك، شۇنداق دېيىشكە  بولىدۇكى، ھازىر دېگەنلىك، بىز سىرتقى دۇنيا بىلەن ئۇچراشقان بىر دەقىقىدىن ئىبارەت. مۇشۇ بىر دەقىقە ئىچىدە، بىزنىڭ روھىمىز تېنىمىزنى ھەرىكەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. بايرون: (ئەنگىلىيىلىك شائىر) «ھەرىكەت قىلايلى، بىز تىرىك تۇرغان ھازىرنىڭ ئۆزىدە ھەرىكەت قىلايلى» دېگەن. ئۇنىڭ بۇ گېپى مېنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىمنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.

    فىزىكا ئالىمى: دېگەنلىرىڭىزنىڭ كۆپ قىسمى توغرا، ئەمما سىزنىڭ يەنىلا يۆتكىلىۋاتقان «ھازىر»دىن  پايدىلىنىپ مەسىلىنى چۈشەندۈرۈشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. دەرۋەقە، ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاسسممېتىرىيىلىك مەۋجۇت. بۇ ئاسىممېتىرىيىلىكنى يالغۇزلا ئەستە تۇتۇش دېگەندەك سېزىملار ئارقىلىق سەزگىلى بولۇپ قالماستىن، سىرتقى دۇنيادىمۇ ھەقىقەتەن ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىنىڭ ئاسىممېتىرىيىلىكى مەۋجۇت. مەسىلەن: تېرمودىنامىكىنىڭ 2-قانۇنىدىن مەلۇمكى، بارلىق سىستېمىلار ئۆزگەرگەنسېرى شۇنچە قالايمىقان، شۇنچە تەرتىپسىز بولىدۇ. بىزنىڭ چوڭ مېڭىمىزنىڭ سىرتىدىككى باشقا سىستېمىلارمۇ جۇغلاپ خاتىرىلەش ۋە «ئەستە تۇتۇش» خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئاي شارىدىكى شۇنچە كۆپ ئايلانما تاغلارنى ئويلاپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. ئۇلار كەلگۈسىدىكى ئىشلارنىڭ خاتىرىسى ئەمەس، بەلكى ئۆتمۈشتىكى ئىشلارنىڭ خاتىرىسىدۇر. بايا دېگەنلىرىڭىزنىڭ مەنىسى، كېيىنكى چوڭ مېڭە بۇرۇنقى چوڭ مېڭىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى ساقلىغان بولىدۇ، دېگەنلىكتىن ئىبارەت. ئەمما بىز بۇنىڭغا ئۇلاپلا بىر خاتالىق ئۆتكۈزدۇق، يەنى شۇنچە چۈشىنىشلىك پاكىتنى ھەم قالايمىقان، ھەم مۈجمەل قىلىپ: «بىز ئۆتمۈشنى ئېسىمىزدە تۇتالايمىز، ئەمما كەلگۈسىنى ئېسىمىزدە تۇتالمايمىز» دېدۇق. 2028-يىلىگە بارغاندا، بىز 2027-يىلىنى ئېسىمىزدە تۇتالايمىز، گەرچە 2027-يىلى 2012-يىلىنىڭ كەلگۈسى  بولسىمۇ سىز پەقەت چېسلا بويىچە ئېيتسىڭىزلا چۈشەندۈرەلەيسىز، تىلىمىزدىكى زامان ياكى ۋاقىت ئېقىمى، ھازىر دېگەنلەرنى قوللىنىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.

    گۇمانلانغۇچى: بايا ئۆزىڭىزمۇ «كەلگۈسىنى ئېسىمىزدە تۇتالمايمىز» دەپ، كەلگۈسىنى قوللاندىڭىزغۇ.

    (داۋامى بار)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر خۇدا فىزىكا