بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گىيوگو)

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-06 21:31:55

بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ) بيۇگ ژارگال ۋېكتور گىيوگو 1 كاپىتان لېوپولددې ئوۋېرنە ئۆزىنىڭ سۆزلەش نۆۋىتى كەلگەندە، ئېسەنكىرەش بىلەن بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئەتراپىدا ئولتۇرغانلارغا نەزەر تاشلىدى ۋە كۆپچىل...


    بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ)

    بيۇگ ژارگال

    ۋېكتور گىيوگو

     

    1

    كاپىتان لېوپولددې ئوۋېرنە ئۆزىنىڭ سۆزلەش نۆۋىتى كەلگەندە، ئېسەنكىرەش بىلەن بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئەتراپىدا ئولتۇرغانلارغا نەزەر تاشلىدى ۋە كۆپچىلىكنى قىزىقتۇرالىغىدەك بىرەر ئالاھىدە سەرگۈزەشتىسى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

    - نىمە دىگىنىڭىز بۇ، كاپىتان، - دىدى لېيتنانت ئانرى ئۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلىپ، ـ ئاڭلىساق، كۆپ ساياھەتلەردە بولۇپ، دۇنيانىڭ خېلى جايلىرىغا بارغان ئىكەنسىز، ئېھتىمال، ئانتىل ئاراللىرىدا، ئافرىقىدا، ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيىلەردىمۇ بولغان بولغىيتتىڭىز؟... كاپىتان، قارىڭا، سىزنىڭ توكۇر ئىتىڭىز كېلىۋاتىدۇ!

    ئوۋېرنە چۆچۈپ، قولىدىكى تاماكىسىنى تاشلىدى- دە، بۇرۇلۇپ چېدىرنىڭ ئىشىكى تەرەپكە قارىدى، شۇ ئەسنادا چوڭ بىر ئىت ئاسقاقلاپ يۈگۈرگىنىچە ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئىت كىرىپ كېلىۋېتىپ، كاپىتاننىڭ تاماكىسىنى دەسسىۋەتتى، كاپىتان بۇنىڭغا ئىرەڭ قىلمىدى.

    ئىت كاپىتاننىڭ پۇتلىرىنى پۇراپ، قۇيرۇقىنى شىپاڭلىتىپ قاۋاپ قويدى، خۇشاللىقىدىن ئۇياق – بۇياققا سەكرىدى ۋە ئاخىرى ئۇنىڭ ئايىغىغا كېلىپ ياتتى. كاپىتان ھاياجانلانغان ۋە كۆڭلى بۇزۇلغان ھالدا، سول قولى بىلەن ئىتنى سىلىدى ۋە ئوڭ قولى بىلەن قالپىقىنىڭ بوقۇچىنى بوشاتتى. «بۇ سەنمۇ، راسك؟ راستىنلا سەنمۇ؟» دەپ پىچىرلايتتى ئۇ ۋە بىردىنلا ئۈنلۈك خىتاپ قىلدى:

    - سېنى بۇ يەرگە كىم ئېپكەلدى، ھە؟

    - سۆزلەشكە رۇخسەتمىكىن، جانابى كاپىتان…

    شۇ بىر نەچچە مىنۇت مابەينىدە، سېرژانت تادې چېدىرنىڭ ئىشىكىنى قايرىۋېتىپ، ئوڭ قولىنى قوينىغا تىققان ھالدا بوسۇغىدا تۇراتتى ۋە لىققىدە ياشقا تولغان كۆزلىرى بىلەن بۇ داستاننىڭ خاتىمىسىنى ئۈنچىقماستىن كۈتمەكتە ئىدى. ئاخىرى ئۇ «سۆزلەشكە رۇخسەتمىكىن، جانابى كاپىتان» دىيىشكە جۈرئەت قىلالىدى.

    ئوۋېرنە ئۇنىڭغا قارىدى ۋە دىدى:

    - بۇ سەنمۇ، تاد؟ ئوھو، قانداقلارچە بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقتىڭ؟ بىچارە ئىت، مەن ئۇنى ئىنگلىزلار لاگىرىدا قالغان بولسا كېرەك، دەپ ئويلىغان ئىدىم، سەن ئۇنى قەيەردىن تاپتىڭ؟

    - خۇداغا شۈكرى، جانابى كاپىتان، كۆرۈپ تۇرۇپسىزكى، مەن خۇددى سىزنىڭ جىيەنىڭىزنى تېپىۋالغاندەك  خوشال بولىۋاتىمەن سىز ئۇنىڭغا لاتىنچە“cornu-por, cornu-pora” دىگەن سۆزلەرنىڭ تۈرلىنىشىنى  ئۆگەتكەن ۋاقتىڭىزدا، ئۇ خۇددى مۇشۇنداق خوشال بولۇپ كېتەتتى...

    - بەس، ماڭا چۈشەندۈرۈپ ئېيتقىنا، راسك قەيەردىن تېپىلدى؟

    - ئۇ تېپىلمىدى، جانابى كاپىتان، ئۇنى ئالايىتەن ئىزلەپ تېپىشقا توغرا كەلدى.

    كاپىتان ئورنىدىن تۇرۇپ سېرژانتقا قولىنى ئۇزاتتى، ئۇ تادېنىڭ تېخىچە ئوڭ قولىنى قوينىغا تىقىپ تۇرغانلىقىنى بايقىمىغان ئىدى.

    - بۇ مۇنداق گەپ، جانابى كاپىتان، - دىدى تادې، - بىچارە راسك يوقىلىپ كەتكەندىن كېيىن، جانابىڭىزنىڭ بەكمۇ بىئارام بولغانلىقىڭىزنى بايقىدىم، راستىنى ئېيتقاندا، ئۇ ئاشۇ كېچىسى مەن بىلەن بىللە نان يېيىشكە كەلمىگەندە، پېقىر قېرى تادې خۇددى گۈدەك بالىدەك يىغلىۋېتىشكە تاس قالغان. شۇنداقتىمۇ، خۇاداغا شۈكۈر، يىغلىمىدىم، مەن ئۆمرۈمدە ئىككى قېتىملا يىغلىغان ئىدىم، بىرىنچىسى – ھېلىقى كۈنى...ھېلىقى چاغدا...- سېرژانت تەشۋىش بىلەن باشلىقىغا قارىدى،- ئىككىنچىسى بولسا، يەتتىنچى پولكنىڭ كاپرالى، ھېلىقى بىكار تەلەپ بالتازار مېنى بىر باغلام پىيازنى ئاقلاشقا مەجبۇر قىلغاندا.

    - لېكىن، تادې، سىز بىرىنچى قېتىم نىمە ئۈچۈن يىغلىغانلىقىڭىزنى بىزگە ئېيتمىدىڭىزغا؟- دىدى ئانرى كۈلۈپ. 

    - ئېھتىمال، فرانسىيىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك گرىنادىيورى لاتوردې ئوۋېرن سىنى قۇچاقلىغاندا يىغلىغان بولغىيدىڭ، چال،- دىدى كاپىتان ئىتىنى ئەكىلىتىپ، سىلاپ ئولتۇرۇپ.

    - ياق، جانابى كاپىتان، ئەگەر سېرژانت تادې يىغلىغان ئىكەن، بۇ يىغلاش پەقەت پيېرۇ لەقەملىك بيۇگ – ژارگالنى ئاتىدىغان چاغدا، تادېنىڭ ئۆزى «ئات!» دەپ بۇيرۇق بەرگەندە يۈز بەرگەن، دەپ بىلىڭلار!

    كاپىتان ئوۋېرنەنىڭ چىرايى بىلىنەر – بىلىنمەس ئوڭگەندەك بولدى، بۇ تېز – تېز قەدەم تاشلاپ سېرژانتنىڭ ئالدىغا كەلدى – دە، ئۇنىڭ قوللىرىنى قىسماقچى بولدى، لېكىن بۇنداق چوڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشقا قارىماي، قېرى سېرژانت قولىنى قوينىدىن چىقارمىدى.

    - شۇنداق، جانابى كاپىتان، - دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى تادې ۋە ئۇنىڭغا ئېچىنىش بىلەن قاراپ تۇرغان كاپىتاندىن بىر نەچچە قەدەم كەينىگە داجىپ، - مەن ئەنە شۇ چاغدا يىغلىغان ئىدىم. راست گەپنى ئېيتسام، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ يىغلاشقا ئەرزىيدىغان ئادەم ئىدى! توغرا، ئۇ قارا تەنلىك، ئەمما مىلتىق دورىسىمۇ قارىغۇ، ھىم... ئىسسىت، ئىسسىت!...

    ئاقكۆڭۈل سېرژانت ئۆزىنىڭ بۇ غەلىتە ئوخشىتىشى بىلەن باشلىغان سۆزىنى راستچىللىق بىلەن ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇشقا ئىنتىلىپ تۇراتتى، بۇنداق ئوخشىتىشتا ئۇنىڭ كۆڭلىگە تازا ياقىدىغان بىر نەرسىنىڭ بارلىقى كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ، ئۇ ئۆز پىكىرىنى ئەينەن ئىپادىلىيەلمەي، ئوڭايسىزلىنىپ قالدى، ئەمما، بىردەم بايقاپ كۆرگەندىن كېيىن، گويا قەلئەنى بىرلا ھۇجۇم بىلەن ئېلىشقا كۆزى يەتمىگەن قوماندانغا ئوخشاش، بىردىنلا قامالنى بوشىتىپ، ياش ئوفىتسىرلەرنىڭ كۈلكىلىرىگە قۇلاق سالماستىن، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

    - جانابى كاپىتان، ئۇ بىچارە نېگىرنىڭ ئون نەپەر يولدىشىنى ئېتىشقا ئېلىپ چىققان پەيتتە، ئۇنىڭ ئېتىش مەيدانىغا دەل ۋاقتىدا ھاسىراپ – ھۆمىدەپ يۈگۈرۈپ كەلگىنى بىلەن ئۇلار ئاللىقاچان باغلاپ بولۇنغان ئىدى. شۇ چاغدا بيۇرگ – ژارگال يۈگۈرۈپ يېتىپ كەلدى – دە، بۇ ئون نەپەر يولدىشىنىڭ قوللىرىنى يەشتى ۋە ئۇنىمىغىنىغا قارىماي، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۆزى كېلىپ تۇردى، قىلچە ئىككىلەنمىدى! ئاھ، نىمە دىگەن ئىنسان – ھە! ھەقىقىي گېبرالتارنىڭ ئۆزى! كېيىن، جانابى كاپىتان ئۇنىڭ خۇددى تانسىغا چۈشكىلىۋاتقاندەك خاتىرجەم، بىخارامان كۆكرەك كېرىپ تۇرغانلىقى، ئۇنىڭ ئىتى – مانا بۇ راسك ئۆز خوجايىنىنىڭ نىمە بولىدىغانلىقىنى سېزىپ، بىردىنلا مېنىڭ كۆكرىكىمگە ئېسىلغىنى ئېسىڭىزدە بولسا كېرەك؟

    - تاد، سەن بۇ ھەقتە سۆزلىگەندە،- دەپ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى كاپىتان،- ھىكايەڭنى مەشەدە توختىتىپ، راسكىنىڭ دۈمبىسىنى سىلاپ قوياتتىڭ. قارىغىنا، ئۇنىڭ ساڭا تەلمۈرۈپ تۇرغىنىنى.

    - دىگىنىڭىز توغرا،- دىدى تادې خىجالەت بولغان قىياپەتتە،- بىچارە راسك ماڭا تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرىدۇ. بىراق....مالاگىرىدا موماينىڭ ئېيتىشىچە، ئىتنى سول قول بىلەن سىلاش ياخشى ئەمەسمىش، بەختسىزلىك كەلتۈرەرمىش.

    - نىمە ئۈچۈن ئوڭ قولۇڭ بىلەن سىلىمايسەن؟-دەپ سورىدى ئوۋېرنە ھەيران بولۇپ ۋە بىردىنلا ئۇنىڭ ئوڭ قولىنى قوينىغا تىقىپ تۇرغانلىقىنى ۋە رەڭگىنىڭ ناھايىتى تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ.

    سېرژانت تېخىمۇ خىجىل بولدى.

    - رۇخسەت قىلىڭ، جانابى كاپىتان، - دىدى تادې، - مەسىلە شۇ يەردىكى، سىز ئەمدى توكۇر ئىتتىن باشقا يەنە بىر چۇلاق سېرژانتقىمۇ ئىگە بولغانلىقىڭىزنى ئېيتىشتىن تەپ تارتىۋاتىمەن.

    كاپىتان ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى.

    - نىمە، سەن نىمە دەۋاتىسەن، بۇرادەر؟ بۇ مۇمكىن ئەمەس! قېنى، قولۇڭنى كورسەتچۇ، ئاھ، پەرۋەردىگارىم، قولۇم چۇلاق دەمسەنا؟

    ئوۋېرنە تىترەپ كەتتى. سېرژانت ئاستا مۇندىرىنىڭ پېشىنى قايرىدى، كاپىتان ئۇنىڭ قانغا بويالغان لاتا بىلەن تېڭىلغان قولىنى كۆردى.

    - ئاھ، تەڭرىم! – دەپ پىچىرلىدى كاپىتان تېڭىلغان قولىنى ئاۋايلاپ كۆتىرىپ،- ئېيتقىنا، دوستۇم، قولۇڭغا نىمە بولدى؟

    - بۇ ئادەتتىكىلا بىر ئىش. ئاشۇ قاغىش تەككۈر ئىنگلىزلار سىزنىڭ بۇ ئىسىل ئىتىڭىزنى، بىچارە راسكنى ئوغرىلاپ كەتكەن كۈندىن باشلاپ، سىزنىڭ پەرىشان بولۇپ قالغانلىقىڭزنى سەزگەنلىكىمنى دەپ ئۆتتۈم. بۇ بيۇگ – ژارگالدىن سىزگە قالغان ئىت ئىدى – دە، خەير، بۇ گەپنى قويۇپ تۇرايلى. شۇنداق قىلىپ، مەن شۇ كۈنى ئىتنى قانداق قىلىپ بولۇپ تېپىپ قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولدۇم، ئىتنى تېپىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىز بىلەن بىللە كۆڭۈللۈك غىزالىنىشىنى ئويلىدىم. سىزنىڭ كىيىملىرىڭىزنى پاكىز تازىلاپ قويۇشنى جەڭچى ماتلېگە تاپىلاپ قويۇپ، (چۈنكى، ئەتىسى جەڭ باشلىناتتى ئەمەسمۇ)، قولۇمغا قىلىچنى ئالدىم – دە، سەزدۈرمەستىن لاگىردىن چىقتىم ۋە ئىنگلىزلارنىڭ لاگىرىغا تېزرەك يېتىپ بېرىش ئۈچۈن توساقلاردىن ئارتىلىپ ئۆتۈپ ماڭدىم، ئالدىنقى ئىستىھكاملارغا يېتەر يەتمەيلا سول تەرەپتىكى توقايلىقتا بىر توپ قىزىل كىيىملىك ئەسكەرلەرنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇلارنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقۇش ئۈچۈن، ئاستا ئۆمىلەپ يېقىنراق باردىم، مېنى ھېچكىم سەزمىدى. شۇنداق قارىسام، راسك ئاشۇ ئەسكەرلەر ئارىسدا تۇرۇپتۇ، ئۇنى تېرەككە باغلاپ قويۇپتۇ. ئەتراپىدا بولسا، خۇددى ياۋايى ئادەملەردەك قىپ يالىڭاچ بولۇشىۋالغان ئىككى ئىنگلىز ئەپەندى راسا مۇشتلاشقىلى تۇرۇپتۇ. ئۇلارنىڭ بىر – بىرىگە ئاتقان مۇشتلىرىنىڭ ئاۋازى خۇددى تۈرك دۇمبىغىنىڭ گۈمبۈردەك ئاڭلىناتتى. كۆردىڭىزمۇ، جانابى كاپىتان، ئۇ ئىككى ئىنگلىز بايۋەچچە سىزنىڭ ئىتىڭىزنى تالىشىپ، دۇئېلغا چىقىپتۇ! دەل شۇ پەيتتە، راسك مېنى كۆرۈپ قالدى ۋە شۇنداق كۈچىنىپ يۇلقۇندىكى، ئاغامچا ئۈزۈلۈپ كەتتى. بۇ قۇۋ ئىت ئوقتەك يۈگۈرۈپ كەينىمدىن ئىزمۇ – ئىز ئەگىشىپ مەن بىلەن بىللە قاچتى. بۇ چاغدا باندىتلارنىڭ بىزنى قوغلىغانلىقى، ئەلۋەتتە، چۈشىنىشلىك. مەن توقايلىققا قاراپ يۈگۈردۈم، راسكمۇ كەينىمدىن قالمىدى. قۇلىقىمنىڭ تۈۋىدىن بىر نەچچە پاي ئوق ۋىژىلداپ ئۆتۈپ كەتتى. راسك قاۋاشقا باشلىدى. بەختكە يارىشا، ئىنگلىزلار«فرانسۇز ئىتى، فرانسۇز ئىتى» دەپ چۇقان كۆتىرىشكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار راسكنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىدى. بۇ ئىت فرانسۇز ئىتى بولماستىن، بەلكى سان – دومىنگو ئىتى ئىكەنلىكىنى ئۇلار بىلمەيتتى – دە! مەيلى، بۇنىڭ ئەھمىيىتى يوق. مەن توقايلىقتىن ئەمدىلا ئوچۇقچىلىققا چىقىۋىدىم، بىردىنلا ئالدىمدا ئىككى قىزىل كىيىملىك ئەسكەر پەيدا بولۇپ قالدى. مېنىڭ قىلىچىم ئۇلارنىڭ بىرىدىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بەردى. ئەگەر ئىككىنچىسىنىڭ قولىدىكى تاپانچا بەتلەگلىك بولمىغان بولسا، ئۇنىمۇ جايلىۋەتكەن بولاتتىم. بىراق، ئاقىۋەت، كۆرۈپ تۇرۇپسىزكى، مېنىڭ مانا بۇ ئوڭ قولۇم مۇشۇنداق بولۇپ قالدى. شۈكرى، ھېلىمۇ چوڭ پالاكەت يۈز بەرمىدى! راسك ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلدى – دە، خۇددى قەدىردان دوستلار قۇچاقلاشقاندەك ئۇنىڭ بوينىنى قۇچاقلىۋالدى. ئەزبىرايى، بۇ شۇنداق قاتتىق قۇچاقلىشىش بولدىكى، ئىنگلىز شۇ ھامانلا تۇنجۇقۇپ يىقىلدى. گۇناھ ئۆزىدە! ئۇ شور پىشانە ئىنگلىز، بايۋەچچىنىڭ كەينىگە كىرىۋالغان قەلەندەردەك، مېنى قوغلاپ نىمە قىلاتتى! مانا ئەمدى تادېمۇ، راسكمۇ لاگېرغا قايتىپ كەلدى. مېنىڭ ئېچىنىدىغىنىم بىرلا: ياراتقان ئىگەم ماڭا بۇ يارىنى نىمىشقا ئەتىكى جەڭدە بەرمىدى. ئەپسۇس! گەپ شۇ، جانابى كاپىتان.

    قېرى سېرژانت ئۆزىنىڭ جەڭدە يارىدار بولمىغانلىقىنى تىلغا ئالغاندا، ئۇنىڭ چىرايى ئەلەملىك تۈس ئالدى.

    - تادې!- دەپ ۋاقىرىدى كاپىتان غەزەپلىنىپ، كېيىن بىر ئاز يۇمشاپ،- بىر ئىتنى دەپ جاننى ئالقانغا ئېلىپ، ئەقلىڭدىن ئازدىڭمۇ؟

    - ئىت ئۈچۈن ئەمەس، جانابى كاپىتان، بەلكى راسك ئۈچۈن.

    كاپىتان ئوۋېرنەنىڭ كۆڭلى يۇمشىدى، سېرژانت سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

    - راسك ئۈچۈن، يەنى بيۇگ – ژارگالنىڭ ئىتى ئۈچۈن...

    - بولدى، بەس، دوستۇم تاد،- دىدى كاپىتان كۆزىنى قولى بىلەن توساپ تۇرۇپ،- قېنى، يۈر، ماڭا ئەگىشىپ ماڭ، شىپاخانىغا بارىمىز.

    تادې ئەدەپ يۈزىسىدىن بىر ئاز تۈزۈت قىلغاندىن كېيىن ماقۇل بولدى، گەپلەر تامام بولغىچە ئۆز خوجايىنىنىڭ بىر ئوبدان ئېيىق تېرىسىنى يېرىمىغىچە غاجىلاپ تاشلىغان راسك ئورنىدىن قوپۇپ بىر كېرىلدى –دە، ئۇلارنىڭ كەينىدىن چىقىپ كەتتى.

    2

    بۇ ۋەقە سۆھبەتداشلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى ۋە چوڭ قىزىقىش قوزغىدى.

    كاپىتان لېوپولددې ئوۋېرنە ئۆزىنىڭ شەخسى ھاياتىدا، تۈرلۈك تاساددىپىي ۋەقەلەر ۋە تۇرمۇش ھادىسىلىرى قانداق ھالغا چۈشۈرۈپ قويسۇن، ھامان باشقىلاردا ئۆزىگە نىسبەتەن ئىختىيارسىز ھۆرمەت ۋە قىزىقىش قوزغىتالايدىغان بىر كىشى ئىدى، ھالبۇكى، كىشىلەر ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئالاھىدىلىكنى كۆرمەيتتى. ئۇ مىجەزدە تەمكىن، مۇئامىلىدە مۇلايىم ئىدى. ئىسسىق ئىقلىمنىڭ ئاپتىۋى ئۇنىڭ رەڭگىنى كۆيدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھەركىتىگە كىرىوللارنىڭ خۇشخۇي تەبىئىتى بىلەن ئارىلاشقان تېتىكلىكىنى سىڭدۈرەلمىگەن ئىدى. دې ئوۋېرنە كەم سۆزلەيتتى. تېز چۈشىنەتتى، ئىش-ھەرىكەتكە ھەر دائىم تەييار تۇراتتى، ئۇ ھەرقاچان ھەممىدىن بۇرۇن ئاتلىنىپ، ھەممىدىن كېيىن چېدىرغا كېلەتتى. ئۇ گويا جىسمانىي ھارغىنلىق بىلەن ئۆزىدىكى تۈرلۈك خىياللارنى قاچۇرۇشنى ئىزلەيدىغاندەك تۇيۇلاتتى. لېكىن ئۇنىڭ پېشانىسىگە مەزگىلسىز قورۇق چۈشۈرەن كۆڭۈلسىز ۋە ئېغىر خىياللاردىن بىرەر ئادەم بىلەن مۇڭدىشىش ئارقىلىقمۇ قۇتۇلالمايتتى، بۇ خىياللار قۇرۇق پاراڭ سوقۇپ ئولتۇرۇش بىلەن ياكى باشقىلارنىڭ مۇلاھىزىلىرى بىلەن ئاسانلىقچە يەڭگىللىتىپ كېتىدىغان خىياللاردىن ئەمەس ئىدى.

    دې ئوۋېرنە جەڭگىۋار ئىشلاردا ھېرىش – چارچاشنى بىلمىسىمۇ، «ئەقىل – پاراسەت مۇسابىقىسى» دە چەكسىز ھارغىنلىق ھېس قىلاتتى، ھەمىشە جەڭگە ئىنتىلىپ تۇرغىنىنىڭ ئەكسىچە، بىراۋ بىلەن سۆز تالىشىشتىن ئۆزىنى تارتاتتى. بەزىدە سۆز تالىشىشقا توغرا كېلىپ قالسا، چوڭقۇر مەنىلىك بىر نەچچە ئېغىز سۆز بىلەنلا چەكلىنەتتى. ئەگەر رەقىبى سۆزدە يېڭىلىپ قالغۇدەك بولسا، دەرھال تەلەپپۇزىنى ئۆزگەرتىپ: «مۇشۇنداق گەپلەرنىڭ نىمە ھاجىتى؟» دەيتتى-دە، چىقىپ كېتەتتى ۋە كوماندىرنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ھۇجۇم باشلانغىچە ئىشلەپ تۇرىدىغان بىرەر ئىش يوقمۇ؟ دەپ سورايتتى.

    ئۇ دائىم باتۇر، ئاقكۆڭۈل ۋە مېھرىبان بولغانلىقتىن، يولداشلىرى ئۇنىڭ قاپىقىنىڭ يامانلىقى، سىر ساقلىشى ۋە جىمغورلۇقىنى ئەپۇ قىلىشاتتى. دې ئوۋېرنە ئۆز ھاياتىنىڭ خەۋپ – خەتىرىگە تەۋەككۈل قىلىپ، يولداشلىرى ئىچىدىن نۇرغۇنلىرىنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان. گەرچە ئۇ كەم سۆز بولسىمۇ، ئۇنىڭ مەرد، سېخى ئىكەنلىكىنى يولداشلىرى ياخشى بىلەتتى. پولك ئىچىدە ھەممىسى ئۇنى ياخشى كۆرەتتى، ھەتتا ئۇنىڭ ئالاھىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغانلىقىغىمۇ ھەسەت قىلمايتتى.

    ئېيتماقچى، ئۇ تېخى ياش ئىدى. قىياپىتى ئوتتۇز ياشلاردىكىدەك كۆرۈنەتتى، ئەمەلىيەتتە خېلىلا ياش ئىدى. دې ئوۋېرنە جۇمھۇرىيەتچىلەر سېپىدە، خېلى ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بۇيان، جەڭلەرگە قاتنىشىپ يۈرەتتى. شۇنىڭغا قارىماي، ھېچكىم ئۇنىڭ ئۆتمۈشى ھەققىدە ھېچنەرسە بىلمەيتتى. راسكنى ھېسابقا ئالمىغاندا، پەقەت ئاقكۆكۈل قېرى سېرژانت تادېلا كاپىتاننىڭ كۆڭلىنى ئاچالايتتى. ئۇ پولكقا كاپىتان بىلەن بىللە كەلگەن ۋە شۇندىن بۇيان ئۇنىڭدىن ئايرىلمىغان، ئۇ بەزى چاغلاردا كاپىتاننىڭ ھاياتىدا بولۇپ ئۆتكەن ئايرىم ۋەقەلەرنى ئانچە – مۇنچە سۆزلەپ قوياتتى. كاپىتاننىڭ ئامېرىكىدا ياشىغانلىقى ۋە ئۇ يەردە قانداقتۇ بىر بەختسىز ھادىسىلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى، سان-دومىنگودا ئويلىنىپ، كېيىن قىرغىنچىلىق ۋاقتىدا خوتۇنى ۋە پۈتۈن ئائىلىسىدىن ئايرىلغىنى، شۇنداقلا ئۇ باي مۇستەملىكىدە قۇللارنىڭ چوڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنلىكى تادېغا مەلۇم ئىدى. ئۇ تارىخىي دەۋردە بۇنداق بەختسىزلىك ئادەتتىكى ھادىسە قاتارىدا ئىدى. شۇڭا، بىر تەرەپتىن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا ئومۇمەنلا ھىسداشلىق بىلدۈرۈلسە، يەنە بىر تەرەپتىن، پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن ھەر كىم ئۆزى ئۈچۈن بىرەر نەرسە ئۈندۈرۋېلىشقا ئىنتىلەتتى. كاپىتان دې ئوۋېرنەگىمۇ، ھەر ھالدا، ھېسداشلىق بىلدۈرۈشتى، ئەمما ئۇ بېشىغا كەلگەن بەختسىزلىك نەتىجىسىدە ناھايىتى چوڭقۇر ھىجران ئازابىغا، تۈگىمەس غەم – ھەسرەتكە گىرىپتار بولدى، ئاجايىپمۇ باتۇرلۇق كۆرسەتتى.

    ئېيتقاندەك، ئۇنىڭ ئېغىر – بېسىق، بىپەرۋا مىجەزىدە پات – پاتلا قانداقتۇ بىر چوڭقۇر ھىجران سېزىلىپ تۇراتتى، ئەمما جەڭ باشلانغان ھامان ئۇ يايراپ ئېچىلىپ كېتەتتى، گويا گېنراللىققا كۆتىرىلىشنى ئۈمىد قىلغان جەڭچىدەك جاسارەت بىلەن جەڭ قىلاتتى، غەلىبە قازانسا، خۇددى ئاددى ئەسكەرگە ئوخشاش، يۇۋاش ۋە كەمتەر بولۇپ قالاتتى. ئۇنىڭ بەزى يولداشلىرىنىڭ ئۇنىڭ شان – شۆھرىتىنى مەنسىتمەيدىغان مۇنداق مىجەزىگە تارلىقى كېلەتتى: نىمە ئۈچۈن جەڭگە كىرىدىغان چاغدا بىرەر نەرسىنى ئارزۇ قىلغان كىشىدەك زور غەيرەت بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ، نىمە ئۈچۈن جەڭ داۋامىدا ھاياتىغا يېتىشى ئېھتىمال بولغان خەۋپ – خەتەرگە قارىماي، جاسارەت كۆرسىتىدۇ؟ بۇ ئۇلار ئۈچۈن بىر تېپىشماق ئىدى.

    ئارمىيىگە ئەۋەتىلگەن خەلق ۋەكىللىرى بىر قېتىم جەڭ ۋاقتىدا ئۇنى بىرىگادا قوماندانلىقىغا تەيىنلىمەكچى بولۇشقاندا، ئۇ قوبۇل قىلمىغان، چۈنكى، پوكتىن كەتسە، سېرژانت تادىدىن ئايرىلىپ كېتىشكە توغرا كېلەتتى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇ خەتەرلىك بىر جەڭگە كىرىشنى تەلەپ قىلدى ۋە بۇ جەڭدىن يولداشلىرىنىڭ كۈتكىنىگە ۋە بەزىلەرنىڭ ئۈمىدىگە قارشى ھالدا، ئامان – ئېسەن قايتىپ كەلدى، شۇ ۋاقىتتا ئۇ يۇقىرى مەنسەپتىن باش تارتقانلىقىغا پۇشايمان قىلىپ، «ئەپسۇسكى، دۈشمەن ئوقى مېنى دائىم ئاياپ قويۇۋاتىدۇ. ئەگەر مەن باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان يۇقىرى مەنسەپتىن بولىدىغان بولسام، ۋاقتى كەلگەندە، كاللا كېسىدىغان جادۇ بېشىمنى ھەرگىزمۇ ئاياپ قويمىغان بولاتتى!» دەيدۇ.

    3

    لېوپولددې ئوۋېرنە ئاشۇنداق ئادەم ئىدى. ئۇ چېدىردىن چىقىپ كېتىشى بىلەنلا ئۇنىڭ ئۈستىدە پاراڭ باشلاندى:

    -بەسلىشىمەنكى،-دىدى لېيتنانت ئانرى قىزىل ئۆتۈگىنى تازىلاۋېتىپ،-بۇ كاپىتان ئۈچۈن گېنىرالنىڭ ياسىداق مەپىسىدىكى ئون بوتۇلكا ھاراقتىن ئۆز ئىتىنىڭ بىر توكۇر پۇتى ئەۋزەل.

    -جىم، ۋاراڭ – چۇرۇڭ قىلىشماڭلار!-دىدى ئاديۇتانت پاسكال خۇشچاخچاقلىق بىلەن،-بۇ سېلىشتۇرۇش ئانچىمۇ ماس كەلمەيدۇ، چۈنكى، ھاراق بوتۇلكىلىرى ئاللىقاچان بوشىتىپ بولۇنغان، ھەئە دەڭلار، مەن بۇنى بىلىمەن. ئوتتۇزلىغان قۇرۇق بوتۇلكىدىن نىمە ھاسىل بولاتتى؟-ۋە جىددى ھالدا قوشۇمچە قىلدى، ئۇلار، ئەلۋەتتە، بىچارە ئىتنىڭ بىر تال پۇتىغىمۇ ئەرزىمەيدۇ-دە، نىمە ئۈچۈن دىسەڭلار، ئىت پۇتىدىن، ھېچبولمىغاندا، ئىشىڭ قوڭغۇرىقىنىڭ تۇتقۇچىنى ياساش مۇمكىن، قانداق دىدىم، لېيتنانت؟

    ئاديۇتانتنىڭ پەس، لېكىن جىددى ئاۋاز بىلەن قىلغان ئاخىرقى سوزى ھەممەيلەننى كۈلدۈرۋەتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت باسكىيىلىك ياش چەۋەنداز ئالفىرىدلا كۈلمىدى، ئۇنىڭ چىرايىدىن نارازىلىق ئالامىتى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

    -ئەپەندىلەر،-دىدى ئۇ،-سىلەرنىڭ بۇ يەردە نىمىنى شاڭخو قىلىۋاتقانلىقىڭلارنى ھېچ چۈشىنەلمەيۋاتىمەن. مېنىڭ بىلىشىمچە، دې ئوۋېرنەنىڭ ئەتراپىدا ئۇزۇندىن بېرى بىللە يۇرۇۋاتقان ئىت ۋە سېرژانت ۋەقەسى چوڭ قىزىقىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ ۋەقە...

    ئالفىرىدنىڭ نارازىلىقىدىن ئاچچىقى كەلگەن پاسكال باشقىلارنىڭ ۋاراڭ – چۇرۇڭىنى توختىتىپ شۇنداق دىدى:

    -بۇ ۋەقەنىڭ نىمىسى تەسىرلىك؟ ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، بۇنىڭ نىمە قىزىقى بار؟ ئىتنىڭ تېپىلىشى، سېرژانتنىڭ بىر قولىنىڭ چۇلاق بولۇشى، پەقەت شۇلىما؟

    -بۇ گېپىڭىز توغرا ئەمەس، كاپىتان پاسكال،-دىدى ئانرى يېڭىلا بوشاتقان بوتۇلكىنى چېدىرنىڭ سىرتىغا تاشلاۋېتىپ،-پيېرو دەپ لەقەم قويۇۋالغان ھېلىقى بيۇگ مېنى راستىنلا ھەيران قالدۇردى.

    بۇ گەپنى ئاڭلىغان پاسكالنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقى كەلدى، ئەمما ئۇ يېڭىلا بوشىتىپ قويۇلغان ئىستاكاننىڭ يەنە تولدۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئاچچىقىدىن ياندى. خۇددى شۇ پەيتتە دې ئوۋېرنە كىرىپ كەلدى-دە، ئۈندىمەستىن ئاۋۋالقى جايىغا كېلىپ ئولتۇردى. ئۇ خىيالچان، شۇنداقلا خاتىرجەم كۆرۈنەتتى. ئۇ ئۆز خىيالى بىلەن بەنت بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ نىمە دىيىشىۋاتقانلىقىغا ئانچىمۇ قۇلاق سېلىپ كەتمىدى. ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كىرگەن راسك قۇلىقىنى دىڭگايتىپ، خوجايىنىنىڭ ئايىغىغا كېلىپ، ئۇنىڭ چىرايىغا تىكىلگىنىچە ياتتى.

    - ئىستاكانىڭىزنى ئۇزىتىڭ، كاپىتان دې ئوۋېرنە. بۇ ۋىنودىن بىر يۇتۇپ بېقىڭ، تەمى قانداقكىن.

    - خۇداغا شۈكرى، يارىسى خەتەرلىك ئەمەسكەن، قولىنىڭ ئۇستىخىنىمۇ ساق ئىكەن،-دىدى ئوۋېرنە خىيالچان ھالدا پاسكانىڭ تەكلىپىگە جاۋاپ بېرىش ئورنىغا.

    ئانرى پاسكالنىڭ بۇ ھالىتىگە راسا كۈلمەكچى ئىدى. بىراق يولداشلارنىڭ قورال ئىشى بويىچە كاپىتان پاسكالنى ئىختىيارسىز ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، كۈلكىسىنى زورغا باستى-دە، دىدى:

    -تادې ئۈچۈن ئانچىمۇ ئەنسىرەپ كەتمەڭ، كاپىتان، بىز سەپەرنىڭ بۇ ئۇزۇن كېچىلىرىنى قىسقارتىش ئۈچۈن، ھەركىم ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن سەرگۈزەشتىلىرىنى سۆزلەپ بېرىشكە كېلىشكەن ئىدىققۇ، قەدىردان دوستۇم ۋەدىگە ۋاپا قىلىپ، بۇ توكۇر ئىت ۋە بيۇگ – ژارگال توغرىسىدىكى تارىخنى بىزگە سۆزلەپ بېرىدۇ، دەپ ئىشىنىمەن. مەن ئىسمىنى تولۇق بىلمەيدىغان ئۇ پيېرونى تادې «ھەقىقى جەبرالتار» دەپ ئاتىدىغۇ!

    ھەم جىددى، ھەم چاخچاق ئارىلاش ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ تەكلىپكە دې ئوۋېرنە بىر نىمە دەپ جاۋاپ بەرمەكچى ئەمەس ئىدى. بىراق بۇ يەردە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى لېيتنانتنىڭ بۇ تەكلىپىنى بىردەك قوللىغانلىقتىن، نائىلاج ئۇلارغا شۇنداق دىدى:

    -خوپ، مەيلى، مەن سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارنى ئورۇنلايمەن، جاناپلار. بىراق مېنىڭ سۆزلەپ بېرىدىغىنىم ئاددىلا بىر تارىخ. ئۇنىڭدا مەن پەقەت ئىككىنچى دەرىجىلىك رول ئوينىشىم مۇمكىن. ئەگەر سىلەر مەن بىلەن تادې ۋە راسكلار ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇققا قاراپ، قانداقتۇ، ئاجايىپ بىر سەرگۈزەشتىلەرنى ئاڭلايمىز دەپ ئويلىساڭلار، خاتالىشىسىلەر. ئالدىنئالا ئېيتىپ قويىمەنكى، بۇلار-ئاددى ۋەقەلەر. قېنى، ئۇنداق بولسا باشلايمەن.

    ھەممەيلەن جىم بولۇشتى، پاسكال ئالدىدىكى ۋودكىنى بىر كۆتىرىپلا ئىچىۋەتتى. ئانرى كېچىنىڭ سالقىن ھاۋاسىدا سوغاق تەككۈزۋالماي دەپ، ئېيىق تېرىسىگە يوگىنىۋالدى. گالىتسىيە ناخشىسى «ئىت ئوۋچىسى» نى غىڭشىپ ئېيتىۋاتقان ئالفىرىدىمۇ جىم بولدى.

    داۋامى بار

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.