ھازىرقى بالىلار كارامەت (11)

يوللىغۇچى : Hechkim يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-08 23:30:20

ئوقۇرەك سۆڭىكىساۋاقدىشىم زەينەپ:سەندىن ئىككى-ئۈچ كۈندە بىر پارچە خەت تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئۆگىنىپ قالغانلىقىم ئۈچۈن، ھەر كۈنى كۆزۈم پوچتىنىڭ يولىدا، ھەر كۈنى كەچقۇرۇن مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ ئاپام...



     

    ئوقۇرەك سۆڭىكى
     
     
    ساۋاقدىشىم زەينەپ:
     
    سەندىن ئىككى-ئۈچ كۈندە بىر پارچە خەت تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئۆگىنىپ قالغانلىقىم ئۈچۈن، ھەر كۈنى كۆزۈم پوچتىنىڭ يولىدا، ھەر كۈنى كەچقۇرۇن مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ ئاپامدىن: "خەت كەلدىمۇ؟" دەپ سورايمەن، خېتىڭ كەلمىسە بەك بىئارام بولىمەن. ھەر قېتىم مەن خەت يوللاپ تۆت-بەش كۈندىن كېيىن سېنىڭ خېتىڭ كېلەتتى. ئەمما، بۇ قېتىم توققۇز كۈن بولدى، سەندىن خەۋەر يوق، ئەنسىرەپ قالدىم. شۇڭا، جاۋاب خېتىڭنى كۈتمەيلا بۇ خەتنى يازدىم.
     
    ئۆتكەنكى خېتىمنى يوللاپ ئەتىسى، تەبىئەت بىلىملىرى دەرسىدە مەكتەپ مۇدىرى بىلەن يەنە بىر كىشى سىنىپقا كىردى. ئۇ كىشى مۇپەتتىش ئىكەن، ئوقۇتقۇچىمىز بىلەن بىردەم سۆزلەشكەندىن كېيىن، ئوغۇزنى ئورنىدىن تۇرغۇزدى. سەن ئوغۇزنى تونۇمايسەن. ئۇ مەكتىپىمىزگە بۇ يىل دەرس باشلىنىپ كەتكەندىن كېيىن كەلدى. شەھەر سىرتىدا بىر مەكتەپتە ئوقاتتىكەن، كېيىن ئىستانبۇلغا كۆچۈپ كەپتۇ. مەكتەپكە كەلگەن كۈنى ھەممىمىز ھەيران قالدۇق. نېمىشقا دېسەڭ، مۈشۈكتەك چاققان بىر بالا ئىكەن... بايقۇش كېكەچلەپ گەپ قىلىدىكەن. دەسلەپ بەزى ساۋاقداشلار ئۇنى دوراپ زاڭلىق قىلسىمۇ، خۇددى بۇرۇندىن كۆنۈپ قالغاندەك زادى تېرىكمىدى، زاڭلىق قىلغانلارغا كۈلۈمسىرەپ ئۆتكۈزىۋەتتى، بالىلار ئۇنى تېرىكتۈرەلمەي، ئاخىر زاڭلىق قىلمايدىغان بولدى. ئوغۇزنىڭ ئۆزىنى زاڭلىق قىلغانلارغا كۈلۈمسىرىگىنىگە ھەيران بولغانىدىم، ئەسلىدە ئۆزىگە ئىشەنچىسى بار ئىكەن.
     
    تەنەپپۇستا مەكتەپ باغچىسىغا چىققانىدۇق، ئۇ: "كىم مەن بىلەن دەرەخكە چىقىش مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ؟" دەپ، ھەممىمىزگە جەڭ ئېلان قىلدى. بىچارە ئوغۇز بۇ سۆزنى دۇدۇقلاپ دېيەلمىدى، خېلى ئۇزۇن كېكەچلىگەندىن كېيىن ئاران ئۇقتۇرالىدى. بالىلار مېنى كۆرسىتىپ ئالدىغا ئىتتىرىشتى. لېكىن، مەن بۇ كېكەچ بالىنى كۆزگە ئىلمىغانلىقىم ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن مۇسابىقىلىشىشنى خالىمىغانىدىم. بىردىنلا چىنگىز ئېتىلىپ چىقىپ:
    - سەن كېكەچلەپ، بىر سائەتتىمۇ چىقالمايسەن،- دەپ مەسخىرە قىلدى.
     
    بالىلار كۈلۈشۈپ كەتتى.
     
    سۇ تۇرۇبىسىنىڭ ئالدىدا كاشتان دەرىخى بار ئىدىغۇ، مانا شۇ دەرەخنىڭ ئالدىغا بىر سىزىق سىزدۇق. ئوغۇز بىلەن چىنگىز سىزىققا كەلدى. مەن: "بىر، ئىككى، ئۈچ" دېيىشىمگە، ئۇلار دەرەخكە ئۇچقاندەك ئۆزىنى ئاتتى. چىنگىز دەرەخكە ياماشقۇچە، ئوغۇز دەرەخنىڭ ئۇچىغا چىقىپ ئۆرە تۇرۇۋېلىپ بىر نېمىلەرنى دەپ كېكەچلىگىلى تۇرغانىدى، نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاران ئۇقتۇق. ئۇ دەرەخنى قۇچاقلىۋالغان چىنگىزگە:
    - قۇچاقلىۋالغىنىڭغا قارىغىنا، بۇ دەرەخنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئوخشىمامسەن؟- دەپ چاقچاق قىلىۋاتاتتى.
     
    چىنگىز ھەپىلىشىپ دەرەخنىڭ ئوتتۇرىسىغىچە بارغاندا، ئۇچىغا چىقالىشىغا كۆزى يەتمىدى. ئوغۇز دەرەختىن مۈشۈكتەك چاققانلىق بىلەن چىنگىزنىڭ يېنىغا چۈشۈپ، ئاندىن غىرلا قىلىپ سىيرىلىپ يەرگە چۈشتى ۋە:
    - قېنى، يەنە كىم چىقىدۇ؟ كارامىتى بارلار چىقسۇن!- دەپ يەنە بىر قېتىم جەڭ ئېلان قىلدى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئوغۇز بىردىنلا كۆزگە كۆرۈنۈپ قالدى.
     
    مەكتەپتىن قايتىپ كېلىۋېتىپ، ئۇ مازارلىقتىكى قارىياغاچقا چىقىپ ئويۇن كۆرسەتتى.
     
    ئوغۇز مىنە بىلەن بىر قاتاردا ئولتۇراتتى. مىنە بۇنداق كارامىتى بار بالا بىلەن بىر قاتاردا ئولتۇرغىنىدىن ماختىناتتى.
     
    ئوغۇز ئارىدا ئىككى كۈن ئاغرىپ قېلىپ مەكتەپكە كەلمىدى. ئۇ مەكتەپكە كەلمىگەن كۈنى، مىنە:
    - بالىلار، ئوغۇزنىڭ قانداقچە كېكەچ بولۇپ قالغىنىنى بىلەمسىلەر؟- دېدى.
    - قانداقچە ئىكەن؟- دەپ سوراشتۇق ھەيرانلىق بىلەن.
     
    مىنە ئوغۇزنىڭ بۇ سىرىنى بىلىدىغانلىقىدىن ماختىنىپ:
    - ئۇ ماڭا دەپ بەرگەن،- دېدى،- دادىسى ئۇنى كۆپ ئۇرىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن... كىچىك ۋاقتىدا تاياقتىن قورقۇپ كېكەچلەپ گەپ قىلىدىغان بوپقاپتۇ.
     
    مىنە تېخىمۇ كۆرەڭلەپ يەنە:
    - قانداقچە دەرەخلەرگە بۇنداق مۈشۈكتەك يامىشىپ چىقالايدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟- دېدى.
    - ياق.
    - دادىسىنىڭ ئاچچىقى تۇتسىلا، ئۇ تاياق يېيىشتىن قورقۇپ قاچىدىكەن. دادىسى قوغلاپ تۇتۇۋالاي دېگەندە، دەرەخلەرگە چىقىۋېلىشقا مەجبۇر بولىدىكەن. ئۇ ئېگىز دەرەخلەرگە چىقىۋالسا، دادىسى ئۇ يەرگە چىقالمىغانلىقتىن، تاياقتىن قۇتۇلۇپ قالىدىكەن. شۇنداق قىلىپ، دەرەخكە چىقىش ئۇستىسى بولۇپ قاپتۇ...
     
    تەبىئەت بىلىملىرى دەرسىدە مۇپەتتىش ئورنىدىن تۇرغۇزغان مانا شۇ ئوغۇز ئىدى. تامدا ئادەم ئىسكىلىتى، مۇسكۇللار ۋە ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنى كۆرسىتىدىغان ئۈچ ئاسما رەسىم بار ئىدى. مۇپەتتىش ئىسكىلىت رەسىمىدىن بىر سۆڭەكنى كۆرسىتىپ:
    - بۇ قايسى سۆڭەك؟- دەپ سورىدى.
     
    ئوغۇز زۇۋان سۈرمىدى.
    - بۇ قايسى سۆڭەك؟
     
    يەنە جىمجىت.
     
    ئوغۇزنىڭ كەينىدىكى مىنە ئېڭىشىپ تۇرۇپ:
    - ئوقۇرەك سۆڭىكى،- دەپ پىچىرلىدى.
     
    ئوغۇز بىر نەچچە قېتىم: "ئو... ئو... ئو..." دەپ زورۇققاندىن كېيىن:
    - ئوقۇرەك سۆڭىكى!- دەپ ۋارقىرىدى.
     
    مۇپەتتىش يەنە بىر سۆڭەكنى كۆرسىتىپ:
    - ئەمىسە، بۇ نېمە؟- دېدى.
     
    "ئەمىسە، بۇ نېمە" دەپ سورالغىنىغا قاراپ، ئوغۇز، بايا خاتا جاۋاب بەرگەن ئوخشايمەن، ئەسلى ئوقۇرەك سۆڭىكى بۇ ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ، يەنە:
    - ئوقۇرەك سۆڭىكى،- دېدى.
     
    مۇپەتتىش ئاياغ سۆڭىكى پارچىلىرىنى كۆرسىتىپ سورىدى:
    - خوپ، بۇچۇ؟
    - ئۇ... ئۇ... ئوقۇرەك سۆڭىكى...
     
    مۇپەتتىش بۇ قېتىم بويۇن مۇسكۇللىرىنى كۆرسەتكەنىدى.
    - ئوقۇرەك سۆڭىكى، ئەپەندى...
     
    ئوغۇز ھەر قېتىم، مۇشۇ ئوقۇرەك سۆڭىكى بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ، نېمىنى كۆرسەتسە: "ئوقۇرەك سۆڭىكى" دەۋەرگەنىدى. ئۇ كېكەچلەپ تەرگە چۆمدى. مۇپەتتىشنىڭ شۇنداق ئاچچىقى كەلدىكى، ئۇمۇ ئاخىرىدا ئوغۇزغا ئوخشاش كېكەچلەپ:
    - خو... خو... خوپ، ئەمىسە بۇ نېمە؟- دەپ ۋارقىرىدى.
    - ئوقۇ... ئوقۇرەك سۆڭىكى...
    - بولارمىكىن!- دېدى مۇپەتتىش،- ئادەم بەدىنىدە ئوقۇرەك سۆڭىكىدىن باشقا نەرسە يوقمۇ؟ ئولتۇر!
     
    كېيىنكى بىر نەچچە كۈندە بولغان ۋەقە مانا شۇ.
     
    ئۆتكەنكى خېتىمگە بۈگۈنگىچە جاۋاب ئالالمىغانلىقىم ئۈچۈن، سېنى ئاغرىپ قالدىمۇ يا، دەپ ئەنسىرەۋاتىمەن. خەۋەرلىرىڭنى كۈتىمەن.
     
     
     
    ئەخمەت تارباي
    1963-يىلى 14-دېكابىر، ئىستانبۇل
     
     
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.