ئۆتكەن ئىش كەتكەن ئىش (ئېزىز ساۋۇت)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-17 18:41:01

ئۆتكەن ئىش كەتكەن ئىش (ھېكايە) ئېزىز ساۋۇت 1 ئەتراپى گىياھ ئۈنمەس قىزغۇچ بوز رەڭدىكى تاشلاردىن ھاسىل بولغان دۈمبەل تاغلار بىلەن قورشالغان بۇ كەنتنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىن سۇلىرى سۈزۈك، سەل قىرتاقراق...

    ئۆتكەن ئىش كەتكەن ئىش
    (ھېكايە)
    ئېزىز ساۋۇت

     

     1

          ئەتراپى گىياھ ئۈنمەس قىزغۇچ بوز رەڭدىكى تاشلاردىن ھاسىل بولغان دۈمبەل تاغلار بىلەن قورشالغان بۇ كەنتنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىن سۇلىرى سۈزۈك، سەل قىرتاقراق بىر ئۆستەڭ يېقىملىق شىلدىرلىغىنىچە ئېقىپ ئۆتۈپ، ئاخىرى قۇملارغا سىڭىپ غايىب بولاتتى.
    مۇشۇ سۇ كەنتنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى ئىدى. ئاشۇ سۇ بولغىنى ئۈچۈن، ياز كۈنلىرى كەنت ئىچى ئەتراپتىكى قاقاسلىققا زىت ھالدا ياپيېشىل ياشىرىپ، كۆزگە چىرايلىق تاشلىنىپ تۇراتتى. پەرۋەردىگار بۇ قاقاس تاغلار ئارىسىغا قىسىلىپ قالغان تۇپرىقى مۇنبەت بۇ كەنتنىڭ ھاياتلىق رىزقىنى ئاشۇ سۇچىلىك قىلدىمۇ قانداق، يەر كۆپ بولسىمۇ سۇ قىس بولغانلىقتىن، كەنتنىڭ نوپۇسىمۇ كۆپ ئاۋۇماي بىر خىللا تۇراتتى. ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى كەنت ئاھالىسىنىڭ سۇغا بولغان ئارزۇسى، پايانسىز مۇنبەت تۇپراق، ئىستىقباللىق ئەۋزەل شارائىتلارنى ھېسابقا ئېلىپ، سۇ مەنبەسىنى ئاۋۇتۇشنىڭ چارە - ئاماللىرىنى قىلىشتى. ئىنژېنېرلارنى چىقىرىپ سۇ مەنبەلىرىنى تەكشۈردى. مەلۇم بولۇشىچە، ئېقىن بېشىدىكى بۇلاقلارنىڭ مەنبەسى تاغ ئاستىدا ئىكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇلار مەبلەغ ۋە كۈچ ئاجرىتىپ، سۇ مەنبەسىنى ئېچىشقا كىرىشتى.
    تاغ باغرىغا چېدىر - بارگاھلار تىكىلدى. ماتورلار گۈركىرەپ، بورغىلار ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ئەسىرلەردىن بېرى جىمجىت، سۈكۈتكە چۆمگەن بۇ تاغ باغرى ۋاڭ - چۇڭلۇق، قىزغىن ئىش مەيدانىغا ئايلاندى.


    
     2

                 ئىيۇن ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى، تومۇز باشلىنىپ قۇياشنىڭ تەپتى كۈچەيگەن كۈنلەرنىڭ بىر سەھىرى ئىدى. سەھەرنىڭ سالقىن شامىلىدا ئادەمنىڭ روھى ئۇرغۇپ تۇراتتى. نامازخان قېرى - چۆرىلەر مەسچىتتىن ئۆيلىرىگە تاراشماقتا. مورىلاردىن ئاچچىق - كۆكۈش ئىس كۆتۈرۈلۈپ، لەيلىشىپ ئەتراپقا تارالماقتا. كەنت كوچىسىنىڭ ئاخىرىدىكى ئېگىز يارغا يانداشقان، تاغ بۇرجىكىدە ناھايىتى يوغان ۋە باغجاللاپ كەتكەن قېرى قارىياغاچ قەد كۆتەرگەن قورۇدىكى ئەنجانچە سوقما تام بىلەن قورشالغان قاشانىڭ يۇلغۇن تاللىرى بىلەن توقۇپ ياسالغان ئىككى دەرۋازىسى ئۇلۇغ ئېچىلدى.
    دەرۋازا ئىچىدىن بويلۇق بوز ھاڭگا ئېشەك قوشۇلغان رېزىنكە چاقلىق ھارۋا، ھارۋىغا ياندىشىپ بىر قولىدا ئېشەكنىڭ چۇلۋۇرىنى مەھكەم تۇتقان ياشقىنا بىر چوكان پەيدا بولدى.  ئېتەكلىرى ئوشۇقلىرىنى يېپىپ تۇرغان گۈللۈك چىت كۆڭلىكى بوي - بەستىگە ئوبدان ياراشقان بۇ چوكاننىڭ چىرايى ئىللىق، سۆيۈملۈك ئىدى. يىگىرمە ئالتە ياشلاردىكى بۇ چوكاننىڭ ئىسمى گۈلمېھرەم ئىدى.
     ئاپا، ئاپا مەنمۇ بايىمەن! دەپ ئەگەشتى يەتتە ياشلاردىكى چىرايلىققىنا بىر ئوغۇل بالا يۈگۈرۈپ چىققىنىچە گۈلمېھرەمنىڭ ئېتەكلىرىگە يامىشىپ، ئارقىدىن ئۈچ - تۆت ياشلاردىكى دومىلاق - چىرايلىق بىر قىزچاق كېلىپ چاپلاشتى.
     جېنىم بالىلىرىم، دېدى گۈلمېھرەم بىر - بىرىدىن ئوماق پەرزەنتلىرىگە قاراپ كۆيۈنگەن ھالدا، بارساڭلارمىغۇ بولاتتى، ئەمما ئۇ يەر بەك يىراق، سۇ، يەل - يېمىش، ئوينايدىغان بالىلارمۇ يوق. قاقاس ۋە ئىسسىق، بىردەمدىلا زېرىكىپ قالىسىلەر، ھويلىدا ئويناپ تۇرۇڭلار، بەك زېرىكسەڭلار ئاۋۇ قۇلۇپنى دەرۋازىغا سېلىپ، تاغاڭلارنىڭكىگە چىقىپ ئويناپ تۇرۇڭلار، جۇمۇ قوزىلىرىم، ئۇ بالىلىرىنىڭ بېشىنى سىلاپ، مەڭزىلىرىدىن سۆيدى. بالىلار نائىلاج مەيۈسلۈك بىلەن باشلىرىنى «ماقۇل»غا لىڭشىتىپ قورۇ ئىچىدە قېلىشتى.
    گۈلمېھرەم دېھقان ئاياللىرىغا خاس چەبدەس ھەرىكىتى بىلەن يەردىن «لىككىدە» كۆتۈرۈلۈپ ھارۋىنىڭ يان تاختىسىغا ئولتۇرۇۋالدى - دە، ئېشەكنىڭ ساغرىسىغا تاياق سالدى  خىت!
    ئېشەك قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇتۇپ، قەدەملىرىنى چاققان ئېلىپ، سەگەكلىك بىلەن يولغا كىردى. ھارۋا ئۈستىگە ئىككى چىپتە تاغار، ئارغامچا، كەتمەن، ئورغاقلار تاشلاقلىق ئىدى. گۈلمېھرەم شۇ تاپتا ئۆزى يالغۇز تاغ ئارىسىدىكى جىلغىدىن تۇز، شور ۋە قالاشقا ئوتۇن ئەكەلگىلى ماڭغانىدى. كەنتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى تۇز، شور، قالايدىغان ئوتۇنلىرىنى ئاشۇ جىلغىدىن  ئېلىپ كېلىشەتتى.
    تۆت - بەش كۈن ئىلگىرى ئېرى روزاخۇن ئورۇپ يىقىتىپ بەرگەن ساي باغرىدىكى بىنەملىككە تېرىلغان بېدىنىڭ بىرىنچى ئورىمى ئەكچىپ، بۇ كەملەرگە باغلىغۇدەك بولۇپ كەتكەندۇ. كەنتنىڭ ھاۋاسى تۇراقسىز بولغاچقا، بۇغدايلىرىمۇ كېچىكىپ 7 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پىشاتتى. ئاڭغىچە بىكارچىلىق پەيت بولغاچقا، روزاخۇن ئىككى كۈن بۇرۇن كەنتتىكى يىگىتلەرگە قوشۇلۇپ، پۇل تاپقىلى سىرتقا چىقىپ كەتكەنىدى.
          ئىش - ھەرىكەت، ئۆرپ - ئادەتلىرى تېخىچە كونا قېلىپتا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان كەنتتە گۈلمېھرەم ئۈچۈن تاغ ئارىسىغا يالغۇز ئوتۇنغا بېرىش گەپ - سۆزلەرگە سەۋەب بولماسمۇ؟ «قورسىقىڭنىڭ ئاغرىقى بولمىسا، تاۋۇز يېيىشتىن قورقما» دەپ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان گۈلمېھرەمنىڭ ئۇنداق سۆز - چۆچەكلەردىن پەرۋايى پەلەك ئىدى. كەنتتىكىلەرمۇ ئۇنداق سۆز - چۆچەكلەرنى قىلىشقا پېتىنالمايتتى. چۈنكى ئۇلار گۈلمېھرەمنىڭ ياش بولۇشىغا قارىماي، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، تەمكىن، ھەممە جەھەتتىن ئابرۇيلۇق ئىكەنلىكىنى بىلىشەتتى.
    ئېشەك قىزغۇچ توپا پۇرقىراپ تۇرىدىغان يولدا بىردەم سوكۇلداپ ماڭغاندىن كېيىن، «خىت - خىت» ۋە تاياقلارغا پىسەنت قىلماستىن قەدىمىنى ئاستىلىتىپ بېسىقىغا چۈشتى. گۈلمېھرەممۇ زېرىكتى بولغاي، ئېشەكنى مېڭىشىغا قويۇۋەتتى.
    بۇ چاغدا قۇياشمۇ ئۇپۇقتىن باش كۆتۈرۈپ، ئاسماندا لەيلىشىپ يۈرگەن بۇلۇتلارنى، يىراقتىكى قارلىق تاغ چوققىلىرىنى شەپەققە پۈركىۋەتكەنىدى. ئېشەك تولا مېڭىپ تونۇش بولۇپ كەتكەن بۇ يولدا مەنزىلگە قاراپ ئازماستىن كېتىپ باراتتى. گۈلمېھرەم ھارۋىدا ئولتۇرۇپ خىيال سۈرمەكتە ئىدى. ئۇنىڭ خىياللىرى: «روزاخۇن قاچان قايتىپ كېلەر؟ پۇللۇقراق ئىش تاپالىغانمىدۇ؟ ئۇزۇن ھايال بولۇپ قالماس، بالىلارمۇ سېغىنىپ كەتتى، ئوبدانراق بىر تاپاۋەت قىلالىسا، بالىلارنىڭ، ئۆينىڭ قىشلىقىنى ئوبدانراق قىلىۋالساق بولاتتى. قادىر ئىگەم، روزاخۇننىڭ بىرەر توقۇناق بالاغا يولۇقماي ئامان - ئېسەن قايتىپ كېلىشىگە نېسىپ قىلغايسەن!» دېگەنلەردىن ئىبارەت ئىدى.
    ئۇشتۇمتۇت ئۇنىڭ خىياللىرى بۆلۈنۈپ كەتتى. چۈنكى ئېشەل يول قىرغىقىدىكى لەش بېسىپ كەتكەن چوڭ بىر كۆلنىڭ بويىغا كېلىپ تۇرۇپ قالغانىدى. نېرىدا سۆگەت تاللىرى ئاستىدا كېسەكلەر بىلەن قوپال قىلىپ سېلىنغان كونا بىر مەسچىت كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭمۇ نېرىسىدا چىڭگىلىكلەر بېسىپ كەتكەن، كېسەكلىرى كۆرۈنۈپ قالغان كونا تاملىقنىڭ ئىزلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ھەر قېتىم مۇشۇ ئېشەك بىلەن يول يۈرگەندە، ئاشۇ يەردە توختىۋېلىشنى ئادەت قىلىۋالغانىدى. بۇنىڭغىمۇ گۈلمېھرەم ئۆزى سەۋەبلىك. بۇ يەرلەر بەش - ئالتە يىل ئىلگىرى گۈلمېھرەمنىڭ دادىسىغا تەۋە يەر - زېمىن بولۇپ، گۈلمېھرەم مۇشۇ قورۇدا تۇغۇلۇپ، بالىلىق - گۈدەكلىك دەۋرىنى ئۆتكۈزگەن، ئۇ ياتلىق بولۇپ ئەرنىڭ ئۆيىگە كەتكەندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي ئاتا - ئانىسى كەينى - كەينىدىن ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ يالغۇز قىز بولغاچقا، قورۇ - جايغا قۇلۇپ سېلىپ قويۇپ بېرىپ كېلىپ يوقلاپ يۈردى. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ تام ئالدىغا كەنتنىڭ ئاساسىي چوڭ يولى چۈشۈپ، يول ۋە يول قىرغىقىغا توغرا كېلىپ قالغان ئائىلىلەر، ھازىرقى ئاھالىلەر رايونىغا كۆچۈرۈلۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇلدى. شۇنداق بولسىمۇ گۈلمېھرەم بالىلىقى ئۆتكەن بۇ جاينى تاشلىۋېتەلمىدى. ئاتايىن كېلىپ ياكى يولدىن ئۆتكەندە توختاپ ئۆتەتتى. ئېشەكمۇ بۇنىڭغا كۆنۈپ كەتكەنىدى.
    ئۇ كول بويىدا ھارۋا ئۈستىدە تۇرۇپلا ئۇ يەرگە ئۇزۇن قاراپ تۇرۇپ كەتتى. ئاتا - ئانىسى قويۇلغان قەبرىستانلىق چەتتە  خىلۋەتتەرەك بولسىمۇ دۇئا - تىلاۋەت قىلدى. ئاندىن تېزەك پۇراپ تۇمشۇقىنى ھىڭگايتقىلى تۇرغان ئېشەككە تاياق سالدى.
     خىت!...
          ئېشەك ئازراققىنا سوكۇلداپ قويۇپ يەنە بېسىقىغا چۈشتى. ئېشەكنىڭ ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن مېڭىشلىرىغا ماسلىشىپ، ئۇمۇ خىيال سۈرۈشكە باشلىدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ سۈرگىنى ئۇنتۇپ كەتكىلىمۇ بولمايدىغان ئۆتمۈش  ياشلىقىغا مەنسۇپ خىياللار ئىدى.
    بۇنىڭدىن توققۇز يىل ئىلگىرى بۇ كەنتكە، شەھەردىن ھاشىماخۇن ئىسىملىك بىر قېرى تۆمۈرچى ئون توققۇز ياشلاردىكى ئەسقەر ئىسىملىك شوخ، زېرەك شاگىرتىنى ئېلىپ ھۈنەر قىلغىلى كەلدى. گۈلمېھرەمنىڭ دادىسى ئۇنىڭ  بىلەن تونۇش ھەم كەنتتە ھال - قۇدرىتى ياخشى ئادەم بولغاچقا، ئۇلارغا قورۇسىدىن بىر ئېغىزلىق ئۆينى ئاجرىتىپ بەردى. ئۇستا دۇكاننى كەنت رەستىسىدە قۇردى. ئۇلار ئۈچۈن ھەر خىل ئىش  ئورغاق، پالتا - كەكە، پىچاق - قىڭراقتىن تارتىپ دېھقانچىلىق سايمانلىرىغىچە ئايىغى  ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇرغاچقا، ئۇلار كەنتتە ئۇزۇنراق تۇرۇپ قالدى.
         گۈلمېھرەم كۈندە ئۇلارغا تاماق سۇنۇپ بېرەتتى ياكى تاماققا تەكلىپ قىلىپ كىرەتتى. شۇ چاغلاردا ئۇ ئەسقەرنىڭ ئۇستىسىغا سەزدۈرمەي ئۆزىگە يەر ئاستىدىن ئىشقراز كۆزلىرىنى تىكىپ كۈلۈپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ يۈزى قىزىرىپ، ھودۇقۇپ كېتەتتى. ئالمان - تالمان ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ چىقىپ كېتەتتى. گۈلمېھرەم ھەقىقەتەنمۇ چىرايلىق ئىدى. ئەسقەرمۇ كېلىشكەن بالا ئىدى. ھەر ئىككىلىسى بالاغەت يېشىغا يەتكەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بىر - بىرىگە بولغان ئىنتىلىشىنى ئەيىب كۆرگىلىمۇ بولمايتتى. گۈلمېھرەم كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىنى تۈگىتىپلا ئۆيگە قايتۇرۇۋېلىندى. چۈنكى ئوتتۇرا مەكتەپ ناھىيە مەركىزىدىلا بار ئىدى. ئارىلىق يىراق بولغاچقا، يالغۇز قىزنى بەك چەتتە ئوقۇتۇشقا دادىسىنىڭ رايى بارمىدى.
       ئەسقەرنىڭ قاراشلىرى تەسىر قىلدىمۇ، گۈلمېھرەمنىڭ مىجەزىمۇ بارغانسېرى يۇمشاپ، ئەسقەرنى پات - پات كۆرۈپ تۇرۇشنى دىلى تارتىدىغان بولدى. ھەتتا ئۇلار بىرقانچە قېتىم خالىي ئۇچرىشىپ - پاراڭلىشىش پۇرسىتىنىمۇ تاپتى. ئۇستا ئەسقەرنى پات - پات ئۆيگە  كەم ئەسۋابلارنى، تۆمۈر - تەسەكلەرنى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇپ تۇراتتى. بۇنداق چاغلاردا ئۇستا دۇكاندا، ئاتا - ئانىلار بولسا ئېتىزغا كەتكەن بولاتتى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەسقەر گۈلمېھرەم خىلۋەت قالغان ھويلىدا ئۇچراشتى. گۈلمېھرەم ھويلىدا غەلۋىر بىلەن بۇغداي تاسقاپ ئۈگۈت تەييارلىقىنى قىلىۋاتاتتى.
     - نېمىش قىلىۋاتىدىلا گۈلمېھرەم؟ دەپ سورىدى ئەسقەر گەپ تېشىپ.
     - قىلىۋاتقان ئىشىمنى كۆرمەيۋاتامدىلا؟ دېدى گۈلمېھرەممۇ كۈلۈپ تۇرۇپ، بەك قۇۋ ئىكەنلا، ئۇستىلىرىنىڭ بۆكىگە جىگدە سېلىپ، ئىش قىلمايزە ئۆي بىلەن دۇكان ئارىلىقىدا قاتىراپلا يۈرۈيدىكەنلا!
    گۈلمېھرەمنىڭ ئۇدۇللا قىلغان بۇ گېپى، ئەسقەرگە يول ئېچىپ بەردى.
     - با چاتاقنى ئۆزى تېرىپ، يەنە ماڭا گۇناھ ئارتىپ يۈرگىنىنى...
    -  ۋىيەي، دېدى گۈلمېھرەم قىزارغان ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ، قايسى چاتاقنى تېرىپتىمەن؟ گۈلمېھرەمنىڭ قولى ئىشتىن توختىدى.
     - كۆڭۈلگە ئوتنى سېلىپ قويۇپ، ئۇقماس بولۇۋالغىنىنى، سىلىنى دەپ قاتىراپ يۈرمەمدىمەن دۇكان بىلەن ھويلا ئارىلىقىدا...
      -  ۋىيەي، ما قېلىننى، ئۆتەپ باسىلا نېرى...
    ئەسقەر گۈلمېھرەمنىڭ يۇمشاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قېشىغا يېقىن كېلىشكە جۈرئەت قىلدى. تەشنالىق ئوتى يانغان كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكىپ تۇرۇپ:
        - يۈرىكىمدە سىلىگە يېنىپ تۇرغان ئوت بارلىقىنى تېخىچە بىلمەي يۈرەمدىلا گۈلمېھرەم؟ ئائىلىلىرىگە كۈيئوغۇل بولسام ئاتا - ئانىلىرى قوبۇل كۆرەرمۇ؟
    ئۇشتۇمتۇت قويۇلغان بۇ تەكلىپتىن گۈلمېھرەم ھاڭ - تاڭ قالدى. ئاندىن يىگىتنى رەنجىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن سىلىقراق گەپلەرنى تېپىشقا ئۇرۇنغان ھالدا:
     - قانداق قىلاركىن؟ بۇ كەنتنىڭ رەسىم - قائىدىسىدە سىرتتىن كەلگەنلەرگە ئوڭايلىقچە قىز بەرمەيدۇ، دېدى.
       -  ھە، مۇنداق دېسىلە، سىلە ماقۇل بولسىلا ئۇنچىلامۇ قىلماس.
       -  ...
        گۈلمېھرەمدىن سادا چىقمىغاندىن كېيىن، ئەسقەر بىرئاز شۈكلەپ قالدى. ھويلا تىمتاسلىققا چۆمدى، پەقەت بۇ تىمتاسلىقنى تام ئارقىسىدىكى سامانلىقتىن كېلىۋاتقان ھېلىلا تۇخۇم تۇغۇپ بوشاپ چىققان مېكىياننىڭ ۋاقاقلاشلىرى بۇزماقتا ئىدى. ئەسقەر ئوڭايسىزلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن سۇپا لېۋىدە يەرگە قاراپ ئولتۇرغان گۈلمېھرەمنىڭ قېشىغا يېقىن سۈرۈلۈشىگە ھويلا ئىشىكى ئۇلۇغ ئېچىلدى - دە، گۈلمېھرەمنىڭ دادىسى كىرىپ كەلدى. ئۇلار ئۆرە - تۆپە بولۇشۇپ، چىرايلىرى ھودۇقۇشتىن تاتىرىپ كەتتى. ئەمما قىزنىڭ دادىسى ھەممىنى كۆرۈپ ئۈلگۈرگەنىدى. قەھر - غەزىپىدىن يېرىلىپ كېتەي دەپ قالغان دادىسى گۈلمېھرەمگە غەزەپ بىلەن ۋارقىرىدى.
       - بۇغداينى ئۈگۈت قىلماي نېمىش قىلىپ يۈرۈيسەن داپشاق. ماڭ، قازناقتىن ئۇرۇقلۇق قوناق ئېلىپ چىق! ئېتىزدا ئۇرۇق يەتمەي قالدى.
       ئەسقەرمۇ تېزلىك بىلەن كۆزدىن نېرى بولدى. شۇنداق قىلىپ قىزغىنلىق بىلەن باشلانغان سۆيگۈ پاراڭلىرى شۇنچە تېز قىرقىلدى. ئەتىسىلا    ئەسقەرنىڭ كەشى توغرىلاندى. گۈلمېھرەمنىڭ دادىسى ئۇستىغا قاتتىق سېسىق گەپلەرنى قىلىپ قوغلىدى.
     - ماڭ، تۇزكور ھارىمى! لاقا - لۇقىلارنى يىغىشتۇر!- دېدى ئۇستىسى، خىجالەتتىن نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپلا قالغان ئەسقەرگە غەزەپلىك كۆزلىرىنى تىكىپ،- كېتىمىز! خەقنىڭ مەھەللىسىگە كېلىپ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ، تۇزىنى يېگەندىن كېيىن، كۆتۈڭنى غىت قىسىپ يۈرسەڭ بولماسمىدى، ھۇ، ئىت نەسلىدىن بولغان ھارام سۈيدۈك! يۈز - ئابرۇيۇمنى ئىككى پۇل قىلىپ، بۇ يۇرتقا كەلگۈسىز قىلدىڭ! ھۈنەرنى كىمدىن ئۆگەنسەڭ ئۆگەن!
     ئۇستا كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلۇۋاتقان، تىرىشچان، زېرەك شاگىرتىغا قاراپ تىل - ھاقارەتنى توختاتتى. ئۇستىنىڭ ئەسقەرگە ئىچى ئاغرىپ قالغانىدى.
    بۇ چاغدا ئۆي ئىگىلىرىمۇ قىلغان ئىشىدىن خىجالەت بولۇشۇپ، يۈز كېلەلمەسلىك ھېس قىلىپ نەگىدۇر يوقالغانىدى. گۈلمېھرەم بولسا تام ئارقىسىدىكى باغ چىتلىقىنىڭ دالدىسىغا مۈكۈۋېلىپ لاقا - لۇقىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ ئەلەملىك كەيپىيات ئىچىدە ھويلىدىن چىقىپ كېتىۋاتقان ئەسقەرگە ياشلىق كۆزلىرىنى تىككىنىچە قاراپ قالغانىدى...
     گۈلمېھرەمنىڭ نۇرلۇق چېھرىدە ئىللىق تەبەسسۇم جىلۋىلەندى. «قىزبالا ۋاقتىمدا شۇنداق ئىشلارمۇ بولۇپ ئۆتكەن - ھە؟ توۋا!... ئەسقەر دېگەن بالا ھېلىمۇ بارمىدۇ؟ نېمىش قىلىپ يۈرۈيدىغاندۇ؟ بۇ كەمگە بالا - چاقىلىق بولۇپ كەتكەندۇ؟» گۈلمېھرەم چوڭقۇر ئۇھ تارتتى. بۇ چاغدا تاغ ئېتىكىمۇ كۆرۈنۈپ قالغانىدى.

     

                      3          

     

        گۈرۈلدەپ ئايلىنىۋاتقان ماتور نېمىشقىدۇر توختاپ قالدى. نۆۋەت ئالمىشىش ۋاقتىمۇ بولۇپ قالغانىدى.
    بۇرغىلاش ئەترىتىدىكىلەر تاغ باغرىغا كېلىپ جايلاشقان بىر ھەپتىدىن بۇيان بىر سوتكىنى ئۈچ نۆۋەتكە بۆلۈپ ئىش قىلىۋاتاتتى. تاغ باغرىدىكى قاقاس ساي - ئېدىرنىڭ ئۇيەر - بۇ يەرلىرىگە تارقاق تىكىلگەن چېدىر - بارگاھلار، قېزىش ئىشىغا كېرەكلىك ماشىنا - ئۈسكۈنىلەر، قېلىن چاڭ باسقان ھالدا چوقچىيىپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
        كەڭ يەلكىلىك، ئاق يۈزلۈك، يارىشىملىق قارا بۇرۇت قويۇۋالغان كېلىشكەن بىر يىگىت ماتور يېنىدىن بىر چەتكە ئۆتتى - دە، كىرلىشىپ كەتكەن لۆڭگە بىلەن ماي يۇقى قوللىرىنى ئېرتتى. ئۇ نۆۋەتتىكى ئىشدىشىغا ئىش ئۆتكۈزۈپ بەرگەنىدى.
     ئەسقەر، دېدى ئىش ئۆتكۈزۈۋالغان يىگىت، كەنت تەرەپلەرگە ئۆتەلەرسەنمۇ؟ بىر ئۆتمىسەم بولمايدۇ دېگەندەك قىلىۋاتاتتىڭ، ئوبدان ئاداش، مۇبادا ئۆتۈپ قالساڭ كۆك ئارىلاشتۇرۇلغان تاماكىدىن بىر - ئىككى كىلو ئالغاچ چىقساڭ بولاتتى.
        - ماقۇل، دېدى ئەسقەر بېشىنى لىڭشىتقان ھالدا، كەنتكە چۈشۈپلا قالسام ئالغاچ چىقاي، بەنجاڭ يەنە رۇخسەت قىلماي قالارمىكىن... ئۈچ قېتىم سورىسام رۇخسەت بەرمىدى.
        ئەسقەر تاشلار ئارىسىدىن «چىم - چىم» سىزىپ چىققان قۇم ئارىلاش سۈزۈك سۇدا قوللىرىنى، يۈزىنى يۇدى، قىرتاق بولسىمۇ بىر - ئىككى يۇتۇم ئىچتى.
       ئاندا - ساندا كۆكۈرۈپ تۇرغان چاكاندا، يانتاق، تىۋىلغا ئۆسۈملۈكلىرىدىن باشقا دەل  - دەرەخلەردىن ئەسەرمۇ يوق بۇ قاقاسلىقتا، سۇ چىقىرىش ئىشى بىلەن بولۇۋاتقان يۈزدىن ئارتۇق كىشىلەر زېرىكىش ھېس قىلاتتى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرى بويتاق ياكى يېڭىياچە ئۆيلۈك بولغان، بوش ۋاقىتلىرىنى، كەچكى پەيتلىرىنى دوست - يارەنلىرى، تونۇش قىزلار بىلەن ئويۇن - كۈلكە، شېرىن سۆھبەت، تانسا - زىياپەتلەر بىلەن ئۆتكۈزۈپ ئۆگىنىپ قالغان ياش يىگىتلەر ئىدى.
       ئىدارە مەسئۇللىرى، ناھىيە، يېزا، كەنت مەسئۇللىرى پات - پات چىقىپ ھال سوراپ، يېمەك - ئىچمەك شارائىتلىرىنى ياخشىلاپ، كىنو قويۇپ بېرىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئۇلارغا بۇ كۇپايە قىلمايتتى. ئۇلارنىڭ كەنت تەرەپلەرگە ئۆتكۈسى، كەنتنىڭ ئويۇن - مەشرەپلىرىگە داخىل بولغۇسى، زېرىككەن كۆزلىرىنىڭئاچچىقىنى چىقارغۇسى كېلەتتى. ئەمما ئىش ۋەزىپىسى ئېغىر، ۋاقتى قىس بولغاچقا، رەھبەرلىك ئىنتىزامنى قاتتىق تۇتۇپ كېلىۋاتاتتى.
       مۇزدەك سۇ ئەسقەرنىڭ كەيپىگە، چاڭقىغان يۈرىكىگە تازىمۇ خۇش ياقتى. قىرتاقلىقىمۇ بىلىنمىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇردى. تاغ باغرىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ياپيېشىل كۆكۈرۈپ تۇرغان كەنتكە ئۇزۇن قاراپ تۇرۇپ كەتتى: «ئۇ ھېلىمۇ كەنتتە بارمىدۇ؟ ئۆز ۋاقتىدا دادىسى ماقۇل كۆرگەن بولسا بۇ كەمگە بالىلىق بولۇپ كېتەر ئىدۇق. ئۆزىمۇ بۇ كەمگە بالا - چاقىلىق بولۇپ كەتكەندۇ تايىنلىق. تەگكەن ئېرى قانداقراق نېمىكىن؟»
       ئەسقەر چېدىر ئىچىگە سەل ئېڭىشىپرەك كىردى. سەپداشلىرىنىڭ بىرقانچىسى ئوڭغۇل - دوڭغۇل يېتىشىپ ئۇيقۇغا كەتكەن، يەنە بىرقانچىلىرى ئىچ پۇشىقى ئۈچۈن قارت ئوينىشىۋاتاتتى. ئەسقەر ئۈنچىقماستىن بېرىپ مايلاشقان ئىش كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ ئادەتتىكى كىيىملىرىنى كىيدى. چاچلىرىنى تارىدى.
        - سەپەر قاياققا ئەسقەر؟ دېدى قارت ئويناۋاتقانلاردىن بىرى كۈلگىنىچە، ھەقاچان، خۇما كۆزدىن بىرەرىنى كۆزلەپ ماڭغانسەن، راستتىنلا شۇنداق نىيىتىڭ بولسا، بىزگىمۇ ئۇچۇرلاپ قوي جۇمۇ!
    ئەسقەر بۇ گەپلەرنى پىسەنتىگىمۇ ئىلماستىن، ئاستاغىنا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەنجاڭنىڭ ئالدىغا كەلدى.
    - كەنتكە بېرىپ كەلسەم بوپتىكەن، بارمىسام بولمايدىغان زۆرۈر ئىشىم بار ئىدى.
       - ئاينا، مەن دېمىدىممۇ!
    خىر - خىر كۈلكە ئاۋازى كۆتۈرۈلدى. ئەمما بۇ كۈلكىلەرنى بەنجاڭنىڭ ئاۋازى بېسىپ كەتتى.
       - قاملاشمىغان چاقچاقنى قويۇڭلار!
       بارىگاھ ئىچى تىمتاس بولۇپ كەتتى. ھەممىسى بەنجاڭ بىلەن ئەسقەرگە قاراپ قېلىشقانىدى.
       -  ئەسقەر، ئازراق سەۋر قىلغىن، كۆپىنچىلەرنىڭ مۇشۇنداق تەلەپ - ئارزۇسى بار. يەنە ئىككى كۈندىن كېيىن ئەترەت تولۇق بىر كۈن ئىش توختىتىپ ئارام ئالىمىز. كەچتە كەنت ئورۇنلاشتۇرغان مەشرەپكە داخىل بولىمىز، شۇ چاغدا دوست - يارانلىرىڭ بىلەن كۆرۈشۈۋالارسەن، بۇ بىزنىڭ ۋە كەنت رەھبەرلىرىنىڭ، ھەرقايسىڭلارنىڭ ئارزۇسىنى نەزەردە تۇتۇپ قىلغان ئورۇنلاشتۇرۇشى...
       بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك. ئەسقەر بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپلا، ئۈنچىقماستىن چېدىردىن قايتىپ چىقتى. تۇيۇقسىز ئالدىدىكى چوقچىيىپ تۇرغان تاغ ئۈستىدە، بوينىنى ئاسمانغا سوزۇپ چۆكۈپ ئولتۇرغان تاش تۆگە چوققىغا كۆزى چۈشتى. تۆگە قىياپىتىدىكى بۇ چوققىغا ئەسقەرنىڭ كېلىپلا كۆزى چۈشكەن. چىقىپ كۆرۈپ بېقىشنى ئارزۇ قىلىپ يۈرگەنىدى. ئۇ بوش ۋاقتىنى ئاشۇ چوققىغا چىقىپ، تاماشا قىلىش بىلەن ئۆتكۈزمەكچى بولدى. ئۇ تاغقا ياماشتى. تىرمىشىپ يۈرۈپ تاغ ئۈستىگىمۇ چىقتى. چوققا ھەقىقەتەنمۇ كۆركەم ئىدى. چوققا يامغۇر، بوراننىڭ تەسىرىدە خۇددى ھەيكەلتىراش ياسىغان تۆگىنىڭ ھەيكىلىگىلا ئوخشايتتى. ئۇ تاشنى تاماشا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئەتراپقا كۆز سالدى. ئاندىن بۇرۇلۇپ تاغ ئارقىسىغا، جىلغىلارغا، يالاڭلىقلارغا كۆز يۈگۈرتتى. جىلغىدىكى بىر يالاڭلىقتا ئۇشتۇمتۇت كۆزىگە ئىلىنگەن بىر شەكىلنى كۆرۈپ، يۈرىكى دۈپۈلدەپ ئۇرۇپ كەتتى.

     

             4      

     

        ئەسقەرنىڭ كۆرگىنى راستتىنلا ئادەم  بىر ئايال ئىدى. ئۇزايىدىن قارىغاندا ئۇ بىر ياشقىنا ئايال بولۇپ، جىلغىدىكى يالاڭلىقتا قولىدىكى كەتمەن بىلەن بىرنېمىلەرنى چاپاتتى. سەل نېرىدا بىر ھارۋا تۇراتتى. ئۇنىڭمۇ نېرىراقىدا بويلۇق بىر ئېشەك ئوتلاپ يۈرەتتى. جىلغا ئىچىدە ئۇزۇندىن بېرى پەيدا بولغان بىر ھارۋا يولى يىلاندەك ئەگرى - بۈگرى سوزۇلغىنىچە تاغنىڭ يەنە بىر بېشىغا ئۇلىنىپ غايىب بولاتتى. ئېھتىمال ئۇ يول تاغنىىڭ يەنە بىر ئېغىزىدىن كېسىپ ئۆتۈپ كەنت تەرەپكە تۇتاشسا كېرەك.
             «ئايال» دەپ شىۋىرلىدى ئەسقەر ئۆز - ئۆزىگە ۋە نېمىشقىدۇر ئويناپ كەتكەن يۈرىكىنى زورىغا بېسىپ تۇرۇپ: «ھە، كەنتتىكىلەر بۇ يول بىلەن  كېلىپ، جىلغا ئىچىدىن ئوتۇن ئالىدىكەن - دە، تېخى ئوتۇنغا ئاياللارمۇ كېلىدىكەن».
        ئەسقەرنىڭ قىزىقىشى ئاشتى. «بېرىپ كۆرۈپ باقمايمەنمۇ، ھېچ بولمىغاندا گۈلمېھرەمنىڭ ئۇچۇرىنى ئالارمەن، ئەمما ئېرى بىلەن كەلگەن بولۇپ، بىرى بىرەر دالدىدا ئىش قىلىۋاتقان بولسا قانداق قىلغۇلۇق، بۇ كەنتنىڭ ئەرلىرى خوتۇن - قىزلىرىغا غەيرىي ئەر خەقلەرنىڭ كۆز سېلىشىنى ياقتۇرمايدۇ. سەللا ئالا نىيەتلىك ئارىلىشىپ قالسا ئۆلۈم ئىشى يۈز بېرىدۇ». ئۇ بۇرۇن بۇ كەنتتىن قوغلانغاندىكى كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئېسىگە ئالدى، شۇنداقتىمۇ يەنە ئايال تەرەپكە قارىدى. ئېھتىياتچانلىق ئۇنىڭ قىزىقىشىنى توساپ قالالمىدى. «ياق، يالغۇزدەك قىلىدۇ، قارىغاندا يا ئېرى يوق ئايال، ياكى ئېرى ئاغرىق، ئۆيىدە ئىشقا ياراملىق ئەر يوق، بولمىسا بۇنداق چەت خىلۋەت بىر يەرگە يالغۇز ئايال كېلەلەمتى؟ چۈشۈپ كۆرۈپ باقاي». ئەسقەر تەۋەككۈل قىلىپ پەسكە قاراپ قەدەم باستى.
        ھىم، ئەسقەر تاغ ئارقىسىغا ئۆتۈپ غايىب  بولدىغۇ؟ دېدى ماتور تۈۋىدە مەشغۇلات قىلىۋاتقان بىرسى يېنىدا ئۆزىگە ھەمكارلىشىۋاتقان يەنە بىر يىگىتكە. ئۇ ئەتىدىن بېرى ئەسقەرگە پات - پات كۆز سېلىپ تۇرغانىدى.
       - زېرىككەندۇ، دېدى يەنە بىرەيلەن، تاغنى، ئەتراپنى كۆرۈپ ئايلىنىپ كېلەي دېگەندۇ؟
      - ئىشىمىزنى قىلايلى! دېدى ئۈچىنچىسى زەردە بىلەن، چىقامدۇ - چۈشەمدۇ ئۆزىنىڭ ئىشى!
        ئەسقەر تېزلىك بىلەن جىلغا ئىچىگە چۈشۈپ بولدى - دە، ئايالغا يىگىرمە - ئوتتۇز قەدەم قالغاندا، ھاسىرىغان ۋە ھولۇققان ھالدا ئىزىدا «چىپپىدە» توختاپ قالدى. ئايالمۇ ئەسقەر تاغدىن چۈشۈۋاتقاندىلا ئۇنى كۆرگەن ۋە تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقان غەيرىي ئەرنى كۆرۈپ ۋۇجۇدىنى قورقۇنچ باسقانىدى. «بۇ كىمدۇ؟ ئادەمسىز بۇ تاغدا تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالدى يا؟ ئۇنىڭ مەن تەرەپكە كېلىشىدە ياخشى نىيەت يوق. ئەگەر يامان نىيەتلىك قىلسا قانداق قىلارمەن. كەنتكە ئۈنۈم يەتمەيدۇ. ئۇنىڭغا كۈچۈممۇ يەتمىگۈدەك، بەستلىك بىرنېمىكەن. ئەگەر نىيىتىنى بۇزسا ئورغاق بىلەن چاپاي!»
    ئەسقەر ئايالغا سىنچىلاپ قارىدى - دە، ئۇنى تونۇپ ئۆزىنى باسالمىغان قىزغىنلىق بىلەن:
     - گۈلمېھرەم! دەپ بوشقىنا ۋارقىرىۋەتتى.
       راست ئەسقەرنىڭ ئالدىدا توققۇز يىل بۇرۇن خوشلاشقان، ئەمما قايتا كۆرۈشكە زار بولۇپ ئىزلەپ يۈرگەن گۈلمېھرەم تۇراتتى. «ئۆزگىرىپتۇ، خېلىلا ئۆزگىرىپتۇ. تېخىمۇ چىرايلىقلىشىپ كېتىپتۇ. قارىغاندا ئەرگە تېگىپ، بالا - چاقىلىق بولغاندەك». گۈلمېھرەممۇ بۇ غەيرىي يىگىتنىڭ ئاغزىدىن ئۆز ئىسمىنى ئاڭلاپ، تېنى شۈركىنىپ كەتتى. «ئىسمىمنى قانداق بىلىدىغاندۇ؟» ئۇ ھاڭ - تاڭ بولغان ھالدا ئەسقەرنىڭ چىرايىغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن كۆز سالدى. ئەمما تونۇيالمىدى. قولىدا ئورغاق، تېخىچە «جەڭگىۋار» ھالەتتە تۇراتتى.
     - گۈلمېھرەم، دېدى ئەسقەر تىترەك باسقان ھاياجانلىق كەيپىياتىنى بېسىشقا تىرىشىپ، مېنى تونۇمىدىلىما؟
       گۈلمېھرەم يىگىتنىڭ كېلىشكەن بەستىگە، چىرايىغا ئەيمەنگەن ھالدا قايتا سەپسالدى. بۇ يىگىتنى ئۇ راستتىنلا تونۇيالمايۋاتاتتى. چىرايى، ئاۋازى تونۇشتەك، قەيەر ۋە قاچانلاردىدۇ  كۆرگەندەك قىلاتتىيۇ، ھېچ ئېسىگە ئالالمايۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسقەرنىڭ بۇ تاغ ئارىسىدا پەيدا بولۇپ قېلىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغانلىقى ئۈچۈن، دەرھال ئېسىگە ئالالمىغانلىقى تەبىئىي ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ، گۈلمېھرەم يىگىتنىڭ نىيىتىدە يامانلىق يوقلۇقىغا ئىشەنچ ھاسىل قىلدى.
     - سىلىنى راستتىنلا تونۇيالمىدىم!
    ئارىنى ئېغىر سۈكۈنات باستى. ئىككىيلەن بىر - بىرىگە قارىشىپ تۇرۇشماقتا ئىدى. ئەسقەرنىڭ يۈرىكىنى ھەسرەت قاپلىدى. «ھەي، مەن بولسام تېخىچە ئۇنىڭ ئېسى - يادى بىلەن سەرسان، بويتاق يۈرۈپتىمەن، ئۇ بولسا مېنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەنىكەن ئەمەسمۇ؟» شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ گۈلمېھرەمگە بولغان قىزغىن مۇھەببەتتىن كېچەلمىدى.
      - مەن ئەسقەر بولىمەنغۇ! توققۇز يىل بۇرۇن سىلىنىڭ قورۇدا تۇرغان، قوللىرىدىن تۇز - تائاملارنى يېگەن، دادىلىرى تەرىپىدىن قوغلانغان ھېلىقى تۆمۈرچى ئەسقەرچۇ؟
    گۈلمېھرەمنىڭ ئىختىيارسىز يۈرىكى ئويناپ كەتتى. چىرايى ۋىللىدە قىزاردى، خىيالىدىن ئۆتمۈش ئەسلىمىلەر غىل - پال قىلىپ ئۆتتى. چىرايى نۇرلاندى، قەلبى شادلىققا تولۇپ، تېخىمۇ گۈزەل قىياپەتكە كەلدى.
     - ۋىيەي، سىلە راستتىنلا شۇ ئەسقەرمۇ؟ راستتىنلا تونۇيالماي قاپتىمەن. جىق ئۆزگىرىپ كېتىپدىلا، ئۇ چاغدا ئورۇق، ئاق پىشماق بالا ئىدىلە، سىلىنى بۇ قاقاس تاغ ئىچىدە ئۇچرىتىپ قالارمەن دەپ پەقەت ئويۇمغا كەلتۈرمەپتىمەن.
    كونا ئاشىق - مەشۇقلار ۋۇجۇدلىرى ھاياجانغا تولغان، خۇشال، ئەمما تارتىنىشقان ھالدا بىر - بىرىگە قاراپ تۇرىشاتتى.
     - ئوبدان تۇرۇپلا! دېدى ئەسقەر ئىللىق كۈلۈمسىرەپ تۇرغان گۈلمېھرەمگە قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ، تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كېتىپتىلا، تاس قالدىلا - ھە، ئورغاق بىلەن چاپقىلى.
    جىلغا ئىچىگە گۈلمېھرەمنىڭ قوڭغۇراقتەك زىل، سۈزۈك كۈلكە ئاۋازى تارقالدى.
     - شۇنى دېسىلە، سىلىنى تېخى كۆزۈمگە ئادەم سىياقىدا كۆرۈنگەن جىن - ئالۋاستىمىكىن دەپتىمەن.
        گۈلمېھرەم ئالىقىنى بىلەن لەۋلىرىنى يېپىۋالدى. ئاندىن ئىتتىك ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ سومكىنى، سۇداننى كۆتۈرۈپ كەلدى - دە، ئەسقەر ئولتۇرغان ياپىلاق تاشنىڭ ئۈستىگە ياغلىقى بىلەن «دەستىخان» تەييارلاپ، سومكىدىن ياغلىق قاتلىمىلارنى، ئۆرۈكلەرنى ئېلىپ قويدى. نانلارنى ئۇشتۇپ، سۇداننى ئالدىغا سۈرۈپ قويدى.
     - قېنى باقسىلا، ئۆيدىكىدەك بولمىسىمۇ، دېدى ئەسقەرنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ. ئەسقەر تېخىچە ئادەمگەرچىلىكىنى يوقاتمىغان گۈلمېھرەمنىڭ يېقىملىق چېھرىگە ئامراقلىق بىلەن بىر قاراپ قويدى - دە، مەززىلىك پىياز پۇرىقى كېلىپ تۇرغان ناندىن بىر بۇردا ئوشتۇپ ئاغزىغا سالدى. ئاندىن يالتىراپ تۇرغان ئۆرۈكلەرگە قول سوزدى.
     - قانداق قىلىپ بۇ تاغ ئارىسىدا پەيدا بولۇپ قالدىلا؟ ھېلىقى بىرغىلاش ئەترىتىدىكى كىشىلەر بىلەن بىللە ئىشلەۋاتامدىلا يا؟ گۈلمېھرەم ئېچىلغان ھالدا قىزىقىش بىلەن سورىدى.
     - توغرا ئېيتتىلا، دېدى ئەسقەر ۋە بۇ يەرگە كېلىش سەۋەبلىرىنى، ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن ئۆزگىرىشلەرنى قىسقا، ئۇقۇملۇق قىلىپ سۆزلەپ بەردى. سۆزلىشىش يەنە ئۈزۈلۈپ قالدى. ئۇلار بىر - بىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىۋاتقاندەك پات - پات ئىللىق كۈلۈمسىرىشىپ قارىشىپ قالاتتى - دە، يەنە كۆزلىرىنى ئېلىپ قېچىشاتتى.
     - مېنى جىن - ئالۋاستىمىكىن دەپ قالدىم دېسىلە، دېدى ئەسقەر كۈلۈپ تۇرۇپ، ئەگەر سىلىگە قول تەگكۈزگەن بولسام، ئورغاق بىلەن راستتىنلا چاپارمىدىلە؟
     - ھە، چاپىتىم! باشقا ئىلاج بولمىسا، لېكىن سىلە ئىكەنلا، ئۇنداق قىلمىدىمغۇ؟! گۈلمېھرەم بۇ گەپنى قىلىپ بولۇپ ئالىقىنى بىلەن ئاغزىنى ئېتىۋالدى.
     - يائاللا! دېدى ئەسقەرمۇ كۈلگەن ھالدا بېشىنى ئىككى ياققا ئىرغىتىپ تۇرۇپ،- بەك يامانشىپ كېتىپلا، قىز بالا چاغلىرىدا ئۇنچىلا ئەمەس ئىدىلە، بالا - چاقىلىق بولغانلا ھەقاچان؟
     - ھى ئى، گۈلمېھرەم خىجالەت بولغان ھالدا يەرگە قاراپ سۆزلىدى،- ئېرىمنىڭ ئىسمى روزاخۇن، ياۋاش، ئاق كۆڭۈل ئادەم. سىرتقا تاپاۋەت قىلغىلى چىقىپ كەتكەن، تېخى يېنىپ كەلمىدى. ئىككى بالىمىز بار.
     - مەن بولسام، دېدى ئەسقەر خۇرسىنغان ھالدا، تېخىچە بويتاق، ئۆيسىز، پەرزەنتسىز يۈرىمەن. راست، تۆت يىل ئىلگىرى ئۆيلەنگەنىدىم. ئۇ سىلىدەك چىقمىدى. كاززاپ ئىكەن، ساداقىتى يوق بۇ ئايال بىلەن بىر يىل توشمايلا ئاجرىشىپ كەتتىم. سىلىنى زادىلا ئۇنتۇيالمىدىم.
    گۈلمېھرەم بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئەسقەرنىڭ ھالىغا ئېچىندى. گويا ئۇنىڭ بۇ خىل تەقدىرىگە ئۆزى سەۋەبچى بولغاندەك ئوڭايسىزلاندى.
       - ئەرلىرىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتىدىغانلا ھەقاچان؟
     - ھى ئى، ئېرىمنىڭ ئاتا - ئانىسى چىققان ئۆيدە تۇرىمىز. ئېزىغىلا يېڭىدىن سېلىۋالدۇق. كەنت ئاخىرىدىكى يارغا يانداش قېرى قارا ياغاچ بار قورۇچۇ؟
     - ھەئە ئېسىمدە، ھېلىقى ئابدۇنىياز سىجاڭغا ئەسكەر بولغان سۇلتان سەربازنىڭ قورۇسى...
     - ھى ئى، ئاشۇ سۇلتان سەربازغا كېلىن بولغانىدىم. رەھمەتلىك قېيناتا - قېينانام، مېنىڭ ئاتا - ئانىلىرىم... ھەممىسى قازالاپ كېتىشتى. كونا ئۆيىمىز ئالدىغا يول چۈشكەنلىكتىن، چېقىلىپ كەتتى. پەقەت مەسچىت بىلەن كۆلى قالدى...
    گۈلمېھرەمنىڭ چىرايىغا قايغۇ يېيىلدى. ئەسقەر ئوڭايسىزلاندى.
     - ياخشى كىشىلەر ئىدى، جايى جەننەتتە بولغاي! دېدى ئەسقەر تەسەللى ئېيتىپ،- بۇ جىلغا ئىچىگە ئوتۇنغا كەلگەنمىدىلە؟
     - ھى ئى، تۇز، شور ھەم ئوتۇن ھەممىسى تۈگەپ قاپتىكەن، روزاخۇن بولمىغاندىكىن ئۆزۈم كەلگەنىدىم.
     - ئىشلىرىغا ياردەملىشەي.
     - ۋىيەي، دېدى گۈلمېھرەم ئەسقەرگە قاراپ، - سىلىنى ئىشقا سالغىلى بولامدۇ؟ تۇز، شورلارنى تاغارلارغا قاچىلاپ بولدۇم. قالغان ئىشلار ئاز قالدى. ئۆزۈم قىلالايمەن.
     - نېمىشقا بولمايدىكەن گۈلمېھرەم، دېدى ئەسقەر ھەيرانلىقىنى ئىپادىلەپ، مېنى يات كۆرۈۋاتامدىلا، يات ئەمەسمەن جۇمۇ. - كۆز ئېچىپ كۆرگەنلىرى مەن ئىدىم، ئەمما قىسمەت باشقىچە بولدى. ھېلىغىچە سىلىگە پىراق تارتىپ يۈرىمەن.
    گۈلمېھرەم ئوڭايسىزلاندى. «ئۇ، ئۆتكەن ئىشلار» دېمەكچى بولسىمۇ، ئەسقەرنىڭ كۆڭلىگە تېگىپ سالماسلىق ئۈچۈن ئۈنچىقمىدى. ئەسقەرمۇ قاراپ تۇرماي، تۇز، شور قاچىلانغان تاغارلارنى دەس - دەس يەردىن ئۈزۈپ ھارۋىغا باستى، ئاندىن چانالغان ئوتۇنلارنى يىغىپ - توپلاپ باستى. بىردەمدىلا ھارۋىمۇ توشتى.
     - ئارغامچىنى ئېلىپ كەلسىلە تاڭايلى.
    گۈلمېھرەم يەردە ياتقان ئارغامچىنى ئېلىپ ئەسقەرنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۇلار بىر - بىرىگە شۇنچە يېقىن تۇرۇشتىكى، تىنىقلىرى بىر - بىرىنىڭ يۈزىگە تېگىشتى. گۈلمېھرەمنىڭ ئاياللارغا خاس ھىد - پۇرىقىدىن ئۆزىنى باسالماي قالغان ئەسقەر قىزغىن ھېسسىيات بىلەن ئۇنىڭ قولىنى ئارغامچا بىلەن قوشۇپ تۇتتى. ھەيرانلىق ھېس قىلغان گۈلمېھرەم ئىللىق كۈلۈمسىرىگەن ھالدا، ئەسقەرگە «لاپپىدە» بىر قارىدى - دە، ئۈنچىقمىدى. كۆڭلىنى ئازارلاپ قويۇشتىن ئېھتىيات قىلىپ قولىنىمۇ تارتىۋالمىدى.
     - گۈلمېھرەم، دېدى ئەسقەر گەپتىن قىينالغان ھالدا، - شۇنچە يىلدىن بېرى سىلىنى ئويلاپلا يۈردۈم. ئىشىم ئوڭغا تارتمىدى. بۈگۈن تەقدىر دىدارلىشىش پۇرسىتى ئاتا قىلغان بولسا كېرەك، ئولتۇرسىلا بىردەم...
    گۈلمېھرەم بۇ تەلەپكە قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي قالدى، ئاغزىغا كەلگىنى:
     - ۋىيەي، سەت بولارمىكىن؟ دېگەندىن ئىبارەت بولدى.
       بۇ چاغدا گۈلمېھرەم ئەسقەرنىڭ باغرىغا كىرىپ بولغانىدى. ئەسقەر گۈلمېھرەمنى ئۆزىنى باسالمىغان قىزغىنلىق بىلەن قۇچاقلىدى - دە، يېنىككىنە كۆتۈرۈپ تاش ئۈستىگە ياتقۇزدى. گۈلمېھرەمنىڭ ۋۇجۇدى ئېرىگەندەك قارشىلىق قىلىش ئويى بىردەمدىلا يوقالغاندەك بولدى، توققۇز يىل ئىلگىرىكى يېقىملىق تونۇش ھىد مەڭزىگە تېگىپ تۇراتتى. ئەسقەرنىڭ لەۋلىرى گۈلمېھرەمنىڭ ئىسسىق لەۋلىرىنى ئىزدەپ سوزۇلغاندا، گۈلمېھرەمنىڭ ۋۇجۇدى نېمىشقىدۇر سەسكەنگەندەك بولدى - دە، ئىختىيارسىز يۈزىنى بۇرىۋالدى. ئەسقەرنىڭ لەۋلىرى گۈلمېھرەمنىڭ مەڭزىگە تەگدى.
    شۇ چاغدا ئېشەك جىلغىنى بېشىغا كىيىپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن ھاڭراپ تاشلىدى. تاغ ئىچى لەرزىگە كەلگەندەك بولدى. ئۇلارمۇ چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىشتى.
     - ھېچ گەپ يوقكەن گۈلمېھرەم، دېدى ئەسقەر.
     - ياق، ياق! دېدى گۈلمېھرەم.
     - ئەمىسە، ئۆيلىرىگە مېھمان بولۇپ باراي بولامدۇ، ئۆگۈنلۈككە ھەممىمىزنى كەنتكە  مەشرەپكە ئاپىرىدىكەن. شۇ چاغ قاشلىرىغا باراي، ماقۇلمۇ؟
    گۈلمېھرەم «ياق» دېيىشكە پېتىنالمىدى. چۈنكى ئەسقەرنى رەنجىتىشنى خالىمايۋاتاتتى. شۇڭا دېلىغۇللۇق ئىچىدە ئاغزىدىن ئىختىيارسىز «ماقۇل» دېگەن گەپ چىقىپ كەتتى.

     

    5

     

       دېگەن كۈنمۇ كېلىپ قالدى. كەنت ئىچىدە: «بۈگۈن كەنت زالىدا كاتتا مەشرەپ بولىدىكەن، مەشرەپكە كەنتتىكىلەرمۇ، بۇرغىلاش ئەترىتىدىكىلەرمۇ كېلىدىكەن» دېگەن خەۋەر تارقالدى. بالىلار قىن - قىنىغا پاتماي خۇشال بولۇشۇپ، چېپىشىپ يۈرۈپ ئۆي - ئۆيلەرگە خەۋەر قىلىشاتتى. قىز - يىگىتلەر ئۆزلىرىنى تۈزۈشتۈرەتتى. چۈشتىن كېيىن بۇرغىلاش ئەترىتىنىڭ ئادەملىرى كەنتكە يېتىپ كەلدى. ئۇلار كەنت ئاھالىسى تەرىپىدىن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىندى.
    گۈلمېھرەممۇ مەشرەپكە چاقىرىلغانىدى. ئەمما نېمىشقىدۇر بارغۇسى كەلمەيۋاتاتتى. روزى ئاخۇنمۇ قايتىپ كەلمىگەنىدى. ئۇ نېمىشقىدۇر تەشۋىش ئىچىدە قالغانىدى. «ئەسقەر راستتىنلا كېلەرمۇ؟ ئۇ چوقۇم كېلىدۇ. ئۇ كۈنى ئەسقەرگە يۈز كېلەلمەي، كۆڭۈلنى ئاياپ >ماقۇل< دەپ تاشلىغىنىمنى بىلمەيلا قاپتىمەن. ئەمدى راستتىنلا كېلىپ قالسا قانداق قىلارمەن، چوقۇم كېلىدۇ، چوقۇم كېلىدۇ! ئۇ ۋەدىسىگە سادىق يىگىت، مۇبادا كېلىپ قالسا چىرايلىق يولغا سالاي». گۈلمېھرەم ئويلانغانسېرى بېرىپ قويغان ۋەدىسىدىن كۆڭلى غەش بولۇشقا، ۋەدە قىلغىنىغا پۇشايمان قىلىشقا باشلىدى. «روزاخۇننىڭ، بالىلارنىڭ يۈزىگە قانداق قارارمەن؟ راست مەن قاملاشمىغان بىر ئەقىلسىزلىككە يول قويۇپتىمەن، ئۆتكەن ئىش كەتكەن ئىش. يا ئەرسىز ئايال بولمىسام».
       قاراڭغۇ چۈشۈپ ئاسمانغا تولۇن ئاي ئۆرلىدى. كەنت كېچىسى جىمجىت ۋە گۈزەل ھالەتكە كىردى. دەم ئۆتۈپ بۇ جىمجىتلىقنى كەنت زالى تەرىپىدىن ياڭراۋاتقان داپ - دۇتار، قالۇن - غىجەك، سۇنايلارنىڭ كۆتۈرەڭگۈ ۋە قىزغىن ئاۋاز بىلەن ئوقۇلۇۋاتقان شوخ مەشرەپ ناخشىلىرىنىڭ ساداسى بۇزدى. مەشرەپ باشلىنىپ كەتكەنىدى.
       «ئۇ، چوقۇم كېلىدۇ، غەۋغالارغا سەۋەب بولماسلىق ئۈچۈن، ئىتنى بېدىلىكتىكى ساتمىغا باغلىۋېتىپ كېلەي، قالغان ئەقىل ئۇ كەلگەندە كېلەر». گۈلمېھرەم ئورنىدىن قوزغالدى - دە، ئىتنى ئادەم تىۋىشىنى ئالالمايدىغان بېدىلىكتىكى ساتمىغا باغلىۋېتىپ كەلدى، بالىلار بىردەم ئوينىشىپ ھاردى بولغاي، ئاندىن نېرىقى ئۆيدە يېتىشىپ تاتلىق ئۇيقۇغا كېتىشتى. ئەل ياتار مەزگىلىمۇ بولۇپ قالدى. مەشرەپ راسا ئەۋجىگە چىققانىدى. يېنىككىنە شامال چىقىپ، دەل - دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى شىلدىرلاشقا باشلىدى. گۈلمېھرەممۇ مۈگدەشكە چۈشتى. شۇ چاغدا ئۆگزىگە «گۈپ - گۈپ» ئاۋاز چىقىرىپ چالما چۈشكىلى تۇردى. ئارقىدىنلا بىر ئەر كىشىنىڭ يۆتەل ئاۋازى ئاڭلاندى.
       «ئۇ كەلدى!» گۈلمېھرەم نېمىشقىدۇر چۆچۈپ كەتتى. يۈرىكى ئەنسىز دۈپۈلدەيتتى. «سەت بولمىسۇن، ئالدىغا چىقىپ ئۆيگە باشلاي». ئۇ ھويلىغا چىقىپ ئەتراپقا قاراشقا باشلىدى. يار تەرەپ تام ئۈستىدە بىر ئەر كىشى چوقچىيىپ ئولتۇراتتى. ئايدىڭدا ئۇنىڭ ئەسقەر ئىكەنلىكىنى تونۇدى. تام تۈۋىگە يېقىن كېلىپ قۇلاشمىغان ئاۋازى بىلەن:
     - ئەسقەرمۇ سىلە؟ دېدى.
     - ھەئە مەن! دېدى ئەسقەرمۇ پىچىرلاپ ۋە نېمىشقىدۇر تىترەك بېسىپ قۇلاشمايۋاتقان ۋۇجۇدىغا تەمكىنلىك پەيدا قىلىشقا تىرىشىپ، ساقلىتىپ قويدۇممۇ  نېمە؟ ئادەملەرنىڭ كۆزىدە سورۇندىن سۇغۇرۇلۇپ چىقماق تەس بولدى.
    ئۇ، شوتا ئارقىلىق چۈشۈپ ھويلىدا پەيدا بولدى، گۈلمېھرەمنىڭ باشلىشى بىلەن مېھمانخانا ئۆيگە كىرىپ گىلەم سېلىنغان كاڭنىڭ لېۋىدە ئولتۇردى. لامپا چىراغ ئۆي ئىچىنى سۇس يورۇتۇپ تۇراتتى. ئەسقەر ئۆي ئىچىگە سەپسالدى. ئۆي پاكىز ۋە گىلەم، كۆرپىلەر بىلەن يېزا پاسونىدا سەرەمجانلاشتۇرۇلغانىدى.
      - يۇقىرىراق ئولتۇرسىلا! دېدى گۈلمېھرەم بايامقى كەيپىياتنى چاندۇرماسلىق ئۈچۈن ئىللىق چىراي ئېچىپ.
       - بولدى، مۇشۇ يەردە ئولتۇراي، ئەسقەر ئۆزىدىمۇ بىر خىل ئەنسىزلىك سېزىمىنىڭ ۋۇجۇدىنى ئەسىر قىلىۋالغانلىقىنى سەزگەندەك نېمىشقىدۇر تارتىنىپ قالدى. «ئۇشتۇمتۇت ئېرى كېلىپ قالماس - ھە؟! يا قولۇم - قوشنىلاردىن بىرەرسى...» ئەسقەر ئاستا گۈلمېھرەمنىڭ چىرايىغا قارىدى. شۇ چاغ ئۇنىڭغا گۈلمېھرەمنىڭ كۈلكىسى سۈنئىيدەك، ئۆتكەندىكى تەبىئىي قىزغىنلىقى يوقالغاندەك، بۇلاردىن سوغۇق بىر كەيپىياتنى سەزگەندەك بولدى. «ۋەدىسىدىن يالتىيىپ قالدىمۇ نېمە؟ كىم بىلىدۇ؟ ئادەم دېگەن ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان نېمە، ئارىدىن كۆپ يىللار ئۆتۈپ كەتتى». ئەسقەرنىڭ تېنى مۇزلاپ كەتتى.
    زېرەك چوكان ئەسقەردىكى تەشۋىشلىك ئويلارنى سېزىپ قالدى - دە، ئىشنى تومتاقلا بۇزغۇسى كەلمىدى.
     سىلىنى كېلەرمۇ - كەلمەسمۇ، دەپ دەرگۇمان ئولتۇرغانىدىم، ئۇ كۈلۈپ شۇنداق دېگىنىچە داستىخان سېلىپ، مەزە ئېلىپ كەلدى. يەل - يېمىشلەرنى قويدى.
     - قېنى مەزەگە باققاچ ئولتۇرسىلا، ھەممىنى تەييار قىلىپ قويغان. غاچچىدە تاماق قىلاي.
     - ئاۋارە بولمىسىلا، دېدى ئەسقەر كەيپى سەل جايىغا چۈشۈپ، ھېلى زىياپەتنى كۆپ يېدۇق، مۇشۇمۇ كۇپايە. ئولتۇرسىلا، بىردەم پاراڭلىشايلى. گۈلمېھرەم ئىلاجىسىز سۇپا لېۋىگە كېلىپ ئەسقەرگە يۈزمۇيۈز ئولتۇردى. ئەسقەر ئۇنىڭ چىرايىدا غەم - ئەندىشىنىڭ ئىپادىلىرىنى ئېنىق بايقىدى.
     - نېمانچە غەمگە پېتىپ  كەتتىلە، دېدى ئەسقەر كۈلۈمسىرىگەن ھالدا، كەيپىياتلىرى جايىدا ئەمەسقۇ؟ ئېچىلىپ، پاراڭلىشىپ ئولتۇرمامدۇق؟
     - ياق، ئانچە ئەمەس، زۇكامداپ قاپتىكەنمەن، تازا مىجەزىم يوق.
        جاۋاب يەنىلا قىزغىن ئەمەس ئىدى. ئەسقەر گۈلمېھرەمنىڭ ئېچىلىپ - يېيىلىپ ئولتۇرۇشقا رايى يوقلۇقىنى سەزدى. ھەيران بولۇپ بىر قاراپ قويدى - دە، يەنە چاندۇرماستىن كۆڭلىنى ئىزھار قىلىپ باقماقچى بولدى.
     گۈلمېھرەم، مېنىڭ سىلىگە قانچىلىك ئەقىدە قىلىپ يۈرگىنىمنى بىلمىسىلە كېرەك. سىلىنى ئويلىسام، دىدارلىرىغا باقسام، كۆڭلى - كۆكسۈم يايراپ باشقىچە بىر جاھانغا كۆز ئاچقاندەك بولىمەن.
       شۇ چاغ نېرىقى ئۆيدىن بالىلارنىڭ ئۇيقۇ ئارىلاش جۆيلۈشلىرى، «ئاپا، ئاپا» دەپ ئىڭراشلىرى ئاڭلاندى. گۈلمېھرەم چاچراپ ئورنىدىن تۇردى - دە، دەرھال بالىلىرىنىڭ قېشىغا چىقىپ كەتتى. ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىپ بولۇپ، شۇنداق تەبىئىي پۇشۇلدىشىپ ئۇخلىشىۋاتقان نارەسىدىلەرنىڭ چىرايىغا قاراپ تۇرۇپ قالدى. شۇئان ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا، ياقا يۇرتتا بىراۋنىڭ قورۇسىدا ئائىلەم - بالىلىرىم ئۈچۈن پۇل تاپىمەن دەپ، لايغا مىلىنىپ كېسەك قۇيۇۋاتقان، ياكى ئاپتاپلىق ئېتىزدا مۈكچىيىپ يۈرۈپ بۇغداي ئورۇۋاتقان ئېرى روزاخۇننىڭ قىياپىتى كەلدى. كۆڭلى تۈز، مىجەزى ئېغىر، جاپا - مۇشەققەتكە چىداملىق، سەۋرچان، بالىلىرىغا ئامراق روزاخۇن غەمكىن، ئازابلانغان ھالدا ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغاندەك تۇيۇلۇۋاتاتتى. ھەتتا: «سەككىز يىللىق ئەر - خوتۇن تۇرۇپ، ماڭا شۇنداق ساداقەتسىزلىك قىلدىڭىزمۇ؟ گۈلدەك ئىككى پەرزەنتىمىزنى ئويلىمىدىڭىزمۇ؟ ئۇلارنىڭ يۈز - خاتىرىسىنى قىلمىدىڭىزمۇ، يات بىر ئەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇشتىن ئۇيالمىدىڭىزمۇ؟» دەپ پىچىرلاۋاتقان ئاۋازى ئاڭلانغاندەك بولدى. گۈلمېھرەم ئۆزىگە كەلدى - دە، ئەسقەرنى ساقلىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن قايتىپ چىقتى. شۇ تاپتا گۈلمېھرەمنىڭ چىرايىدا قان قالمىغان، كۆڭلى غەش، ئېغىر روھىي ئازاب ئىچىدە قالغانىدى.
    بالىلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلانغاندا ئەسقەرنىڭ كۆڭلىمۇ غەش بولۇپ كەتتى - دە، بۇ يەرگە كېلىشىدىكى ئارزۇ - ئارمانلىرى ئوت ئىچىدە قالغاندەك بولدى.
     - ئەسقەر، دېدى بىر نىيەتكە كەلگەن گۈلمېھرەم ئەمدى گەپنى ئوچۇق قىلىشقا تىرىشىپ، - ئۇ گۈدەك ۋاقتىمدىكى ئىشلار ئىدى. ھازىر مەن ئەرلىك ئايالمەن. ئىككى بالام تۇرۇپتۇ. ئۆتكەن ئىش  كەتكەن ئىش، مېنى تەڭلىككە سالمىسىلا، ئۆزلىرىنىمۇ ئاۋارە قىلمىسىلا، سىلىگىمۇ ئوبدان لايىق چىقىپ قالار، قايتىپ كەتسىلە!
     - مېنى ئۆيلىرىگە ئەكېلىپ قويۇپ، مۇشۇنداق نائۈمىد يولغا سالاملا؟! بۇ ئىشلارنى كىم كۆرەتتى دەيلا؟
     - شۇ گەپلەرنى سىلە قىلىۋاتاملا؟ دېدى گۈلمېھرەم خاپا تەلەپپۇز بىلەن، - ھېچكىم كۆرمىگەن بىلەن ياراتقان ئىگەم كۆرۈپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟ مېنىڭ كۆڭلۈم كۆتۈرمەيدۇ، خۇدايىم كەچۈرمەيدۇ.
       ئەسقەرنىڭ يۈزى «لاپپىدە» ئوت ئالغاندەك قىزىرىپ كەتتى. سىلىق، يوللۇق ئېيتىلغان، ئەمما مىڭ قامچىدىنمۇ ئۆتكۈر بۇ سۆزلەر ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئاچچىق ئەلەم - ھەسرەتكە تولدۇردى. ئەسقەر دەيدىغىنىنى دەپ بولۇپ نۇردا پاكلانغاندەك كۈلۈمسىرەپ ئولتۇرغان بۇ ئايالغا، يۈكسەك ھۆرمەت، مۇھەببەت كۆزى بىلەن قاراپ قالدى.
       ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇردى، ئەمدى ئۇنىڭغا بۇ يەردە تۇرۇۋېرىشكە يول - ئىمكانمۇ قالمىغانىدى. گۈلمېھرەم كۆڭلىنى ئوچۇق بىلدۈردى. «ئۇنىڭ گېپى يوللۇق، ئورۇنلۇق». ئەسقەر ئۈنچىقماستىن ئىشىك تەرەپكە ماڭدى. ئۇ بوسۇغا تۈۋىگە كېلىپ ئايرىلىشقا قىيالمىغان ھالدا ئارقىسىغا بۇرۇلدى، گۈلمېھرەمگە قاراپ تەبەسسۇم بىلەن «خوش!» دېدى - دە، چىقىپ كەتتى.


       - «تەڭرىتاغ ژۇرنىلى» 2003 - يىل 2 - سانىدىن ئېلىندى

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-8-15 20:54:05]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.