كۈنىگە بىر ئەقىل (يازنامە) 5-ئاي

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-22 20:33:24

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} كۈنىگە بىر ئەقىل(لېۋ تولىستوي)(يازنامە)5-ئايروھبىزنىڭ ۋىجدانىمىز ھەر بىرىمىزنىڭ قەلب

    كۈنىگە بىر ئەقىل(لېۋ تولىستوي)
    (يازنامە)
    5-ئاي


    روھ

    بىزنىڭ ۋىجدانىمىز ھەر بىرىمىزنىڭ قەلبىدىكى روھنىڭ ساداسىغا جايلاشقان.
    مۇبادا، سىز ئازاب چەكسىڭىز ئۆز قەلبىڭىزدىن تەسەللىي ئىزدەڭ. كىتاب ياكى ساڭرام-ئىبادەتخانىلاردىن تەسەللىي ئىزدەپ يۈرمەڭ. سىزنىڭ قەلبىڭىزگە ئولتۇراقلاشقان خۇدالا سىزگە ياردەم قولىنى سۇنالايدۇ.
    ئادەم ئۇچالمايدىغان قۇشقا ئوخشايدۇ، ئۇ پەقەت يەردىلا يۈگۈرۈپ يۈرىدۇ. بۇ قۇش ئۇشتۇمتۇتلا ئۆز قەلبىدىكى بىر خىل ئۆزىنى ئۇچۇرالايدىغان نەرسىنى سىزىپ يەتكەنىدە، ئۇ ئەركىنلىك ۋە ئىزگۈلۈكلەرنى ئىزدەيدۇ. جىسمىمىزدىن يۈكسەك بۇ نەرسىلەر بىزنىڭ ئۆز ئىچكى دۇنيايىمىزدىكى روھقا بولغان چۈشىنىشتۇر، ئۇ خرىستوس تەلىمىنىڭ ئاساسى.
    بىز ئايروپىلاننى كەشىپ قىلدۇق−بىز نەگە ئۇچۇپ بارىمىز؟ بىز تۆمۈر يول ۋە تاشيولنى بەرپا قىلدۇق−بىز نەگە بارىمىز؟ بىزنىڭ تېلېفونلىرىمىز بار−بىز نېمىلەرنى دەپ كېتەرمىز؟ بىز ئۆپكىمىزنى بېسىۋېلىپ ئاز-تولا ئويلىنىپ باقايلى: بىز دۇنيادا نېمە ئۈچۈن ياشايمىز؟ ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىپ، ئىچكى ئۆزلۈكىڭىز ۋە ئۆز روھىڭىزنى ئويلاپ بېقىڭ، ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز قۇتۇلدۇرۇڭ. شۇندىلا سىز باشقا كىشىلەرنىمۇ قۇتۇلدۇرالايسىز.

    5-ئاينىڭ 2-كۈنى

     

    بارلىق جانلىقلارنىڭ روھى بىر

    مۇبادا سىز قېرىندىشىڭىزغا ئۆچلۈك قىلسىڭىز، بۇ ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىڭىزگە ئۆچلۈك قىلغانلىق بولىدۇ.
    «ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىچكى روھى ئوخشاش» دېيىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، يەنە ئوخشاش روھ ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، مەنمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس، دېيىش كېرەك.
    سىز ياخشى ئىش قىلسىڭىز كۆڭلىڭىز كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ. باشقىلار ئۈچۈن قىلىنغان ھەر بىر ياخشى ئىش-ئەمەللەرنىڭ ھەممىسى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، سىز ئۆز جىسمىڭىزدىلا ھەقىقىي «مەن»نى بايقاپلا قالماي، ھەر بىر جانىۋار جىسمىدىمۇ ئۇنى بايقايدۇ.
    ھەر بىر ئادەمنىڭ دىلىدا خۇدا بارلىقىنى ئېتىراپ قىلساقلا ئاندىن ئۆز دىلىمىزدا خۇداغا ئىخلاس قىلىمىز.
    ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە ئوخشاش روھ بولىدۇ. ئۇ سىزنىڭ قەلبىڭىزدە ئولتۇراقلاشقان، مېنىڭ قەلبىمدىمۇ ئولتۇراقلاشقان، باشقىلارنىڭ قەلبىدىمۇ ئولتۇراقلاشقان. شۇڭا، سىز باشقىلارنى سۆيۈش بىلەنلا قالماي، باشقىلارنى مۇقەددەس بىلىڭ، چۈنكى، سىز باشقىلارنىڭ روھى بىلەن ئالاقە قىلىشىسىز، ئۇ روھمۇ سىزنىڭ روھىڭىزغا ئوخشاشتۇر.

    5-ئاينىڭ 3-كۈنى

     

    خۇدا

    خۇدا پەقەت ئۆزىنى ئىزدەپ تاپقان ئادەملەر ئۈچۈنلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرمايدۇ. خۇدانى ئىزدىسىڭىز، خۇدا ئۆزىنى سىزگە زاھىر قىلىدۇ.
    خۇدا تەنھالىقنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ سىزنىڭ يېنىڭىزدا تەنھا تۇرغان، سىز ئۇنى ياد ئەتكەندىلا ئاندىن ئۇ سىزنىڭ قەلبىڭىزگە بۆسۈپ كىرىدۇ.
    سىز خۇدانىڭ ئۆز قەلبىڭىزدە ئىكەنلىكىنى سېزەلەيسىز، بۇنداق قىلىش تامامەن مۇمكىن، يەنە كېلىپ ئۇنچىلىك تەس ئىشمۇ ئەمەس. بىراق، خۇدانى بىلىپ يىتىش مۇمكىن ئەمەس، ھەم زۆرۈرىيىتىمۇ يوق.
    خۇدانىڭ قانۇنىغا بوي سۇنغاندىلا ئاندىن خۇدانى تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگىلى بولىدۇ. ياخشى ئىش-ئەمەللەر ۋە سۆيگۈ ئارقىلىقلا خۇداغا تېخىمۇ يېقىنلاشقىلى بولىدۇ.
    «مەن خۇدانى تاپتىم» دەپ چۇقان سالغان ئادەم، ئەمەلىيەتتە خۇدانى تاپالمىغان بولىدۇ. خۇدانى تاپقان ئادەم سۈكۈتىنى ساقلايدۇ.
    −كرىشنا  تەڭرى

    5-ئاينىڭ 4-كۈنى


    روھنىڭ بىردەكلىكى
    سىزنىڭ ياخشى ئىش-ئەمەللەرنى قىلىشىڭىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئىكەنلىكىگە ئىشىنىسىز، ھالبۇكى، بۇ تامامەن سىزنىڭ چەكلىمىلىكىڭىزدىن بولغاندۇر. بىراق، ئەمەلىيەت دەرۋەقە شۇنداقتەك بېلىنىدۇ. ياخشى ئىش-ئەمەللەرنى قىلىش ئارزۇسى قەلبىڭىزدىكى خۇدانىڭ ئاۋازىدۇر، خۇدا ھەر بىرىمىزنىڭ ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي بولۇشىمىزنى كۈتىدۇ.
    كىشىلىك ھاياتنىڭ مەقسىتى، ئۆز روھىڭىزنىڭ تېنىڭىز ئاسارىتىدىن قۇتۇلغىنىنى، باشقىلارنىڭ روھى ۋە خۇدا بىلەن بىر تەن، بىر ۋۇجۇدقا ئايلانغىنىنى كۆرۈش. سىز مۇشۇ ئىدىيىنى چۈشىنىپ يەتسىڭىزلا، ھايات قۇۋناق، خۇشال-خۇرام ئۆتىدۇ.
    ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئەمەس، باشقىلار ئۈچۈن ياشاڭ، بۇ سىزنىڭ ھاياتىڭىزنى تەندىن روھقا يۈكسەلدۈرىدۇ، سىزنى بىر بۈيۈكلۈككە يەتكۈزىدۇ، ئۇندا زامان، ئۆلۈم، گۇناھلاردىن ئەسەرمۇ يوق.
    سىز ئۆزىڭىزنى بىر پۈتۈن كىشىلەر بىلەن باغلىغىنىڭىزدىلا ئاندىن سىز ھەقىقىي ھۆرلۈككە ئېرىشكەن بولىسىز.

    5-ئاينىڭ 5-كۈنى


    سۆيگۈ-مۇھەببەت

    پۈتۈن سۆيگۈڭىز بىلەن بارچە ئىنساننى سۆيۈڭ. سۆيۈش ئادىتى يېتىلدۈرسىڭىز، ئۆز ھاياتىڭىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ شادلىق ۋە بەخت-سائادەتكە تولغانلىقىنى كۆرەلەيسىز.
    سىز ياخشى ياشىسىڭىزلا كىشىلەرنىڭ ئەيىبلەش ۋە ماختاشلىرى ئەرزىمەس كىچىك نەرسە بولۇپ قالىدۇ، كىشىلەر سىزنى سۆيمەس بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ شۇنداق بولىۋېرىدۇ. مەيلى سىزنىڭ ھاجىتىڭىز چۈشسۇن-چۈشمىسۇن، ۋىجدانلىق ياخشى ئادەملا بولىدىكەن، سىزنى سۆيىدۇ، ئەسكىلەرمۇ يامان كۆزدە قارىيالمايدۇ ياكى زىيان-زەخمەت يەتكۈزەلمەيدۇ.
    ئى، خۇدايى تائالا، سېنى سۆيگۈدەك قۇدرەت ئاتا قىلغايسەن، ماڭا سۆيگۈ ئاتا قىلغايسەن، سەن سۆيگەن ئاشۇ كىشىلەرنى ماڭىمۇ سۆيدۈرگەيسەن.
    −مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام
    دۇنيادا بىر خىل ئەڭ چوڭ ئىزگۈ (سىز سۆيۈلگەندە) مەۋجۇتلۇقىنى بىلىمەن. بىراق، سىز قانداق سۆيۈلۈشنى تەتقىق قىلىپ، سۆيگۈگە ئېرىشەلمەيسىز. سۆيگۈگە ئېرىشىشنىڭ بىردىن-بىر يولى ھاياتنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە ئىتائەت قىلىش، خۇدانىڭ ئىرادىسىگە بوي سۇنۇپ، پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن روھىيىتىڭىزنى تاكامۇللاشتۇرۇش.

    5-ئاينىڭ 6-كۈنى


    خاتالىق

    باشقىلارنىڭ كەڭچىلىك قىلىشىغا تايىنىپ ئۆز خاتالىقىمدىن قۇتۇلدۇم، دېيىش دۇرۇس ئەمەس. ياق، باشقىلارنىڭ ئەپۇسىغا قاراشلىق بولماي، ئۆز خاتالىقلىرىڭىزنى تونۇپ يېتىش ئارقىلىقلا ئاڭلىق يوسۇندا ئۇ خاتالىقلاردىن قۇتۇلالسىڭىز، ئاندىن ئۇ خاتالىقلاردىن ھەقىقىي قۇتۇلغان بولىسىز.
    سىز سادىر قىلغان ھەر بىر خاتالىق ۋە سەۋەنلىكلەر سىزنى چۈشەپ قويىدۇ. دەسلىۋىدە، ئۇ خاتالىق سىزنىڭ چۈشىلىشىڭىزگە نىسبەتەن سىزنى خۇددى ئۆمۈچۈك تورىغا كىرىپ قالغاندەك قىلىپ قويىدۇ. ناۋادا، خاتالىقىڭىزنى تەكرارلاۋەرسىڭىز، ئۇ ئىنچىكە ئارقانغا، ئاندىن توم ئارقانغا ئايلىنىدۇ. ئەگەر، سىز خاتالىقىڭىزنى ئۆزلۈكسىز تەكرارلاۋەرسىڭىز، ئۇ تۆمۈر زەنجىرگە ئايلىنىدۇ.
    خاتالىق سىزنى تۇنجى قېتىم ئىزلىگەندە، ئۆيىڭىزگە تاسادىپىي كېلىپ قالغان مېھمانغا ئوخشايدۇ، ئاندىن دائىملىق مېھمىنىڭىزغا، ئاخىرى بېرىپ ئۆيىڭىزنىڭ ئىگىسىگە ئايلىنىدۇ.
    ئەگەر، جىسمىڭىزدا روھىڭىز بولمىغان بولسا، ھاياتىڭىزمۇ بولمىغان بولاتتى. تەن روھنى چۈشەپ قويىدۇ؛ روھ تەندىن ئازاد بولۇش ئۈچۈن تېپىرلايدۇ. مانا بۇ ھاياتنىڭ پۈتكۈل مەناسى.

    5-ئاينىڭ 7-كۈنى

     

    ھاۋايى-ھەۋەس ۋە شەھۋانىي ھېسسىيات

    خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى ھەر بىر ئەر-ئايالنىڭ قەلبىنى ماكان تۇتقان. خۇدانىڭ روھى ئولتۇراقلاشقان ئادەم سىزنىڭ جىسمىڭىزنى خۇشاللىق مەنبەسى، دەپ قارىسا خاتالاشقان بولىدۇ. شۇڭا، ئەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەر بىر قىز-ئايال زاتى ئەڭ ئاۋۋال ئۇنىڭ ھەمشىرىسىدۇر؛ ئايال ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەر بىر ئەر زاتى ئەڭ ئاۋۋال ئۇنىڭ قېرىندىشىدۇر.
    سىز نىكاھلانغان ۋەلى-ئەنبىيانى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز. بىر ئادەم مۇقەددەس تۇرمۇشقا قانچە يېقىنلاشقانسېرى ئۇ شۇنچە پاكلىشىدۇ.
    «ئىنجىل»دا، ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرىدىن ئايرىلغان ئىككى ئادەم ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن گەۋدە، دېيىلىدۇ. بۇ تامامەن توغرا. بۇ، ئىككى ئادەمنىڭ جىنسىي بىرىكىشى يېڭى بىر ھاياتنى شەكىللەندۈرىدۇ، بىر خىل سىرلىق شەكىل بىلەن ئىككى تەرەپنى بىر-بىرىگە باغلايدۇ.
    ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى روھ، قېرىنداشلارچە سۆيگۈ ئىككى جىنس ئوتتۇرىسىدىكى ھەر قانداق تارتىش كۈچىدىنمۇ كۈچلۈكتۇر.

    5-ئاينىڭ 8-كۈنى


    ئېزىقىش
    ئىسلاش ھەسەل ھەرىلىرىنى ئۇۋىسىدىن قوغلاپ چىقارغاندەك، ھاراق ئىچىش ۋە زىيادە تۇيۇپ كېتىشمۇ بىراۋنىڭ ئەڭ ياخشى مەنىۋى قۇدرىتىنى قوغلاپ چىقىرىدۇ.
    دائىم زىيادە تۇيۇۋېلىش، ئادەمنى ئېرىنچەك، ھۇرۇن قىلىپ قويىدۇ. ھاراققا كۆپ بېرىلىپ كەتسە، نەپسىنى يىغماق تەس بولىدۇ.
    بىراۋ چىراغ كۆتۈرۈپ، ئۆينىڭ سىرتىدىكى قاراڭغۇ كېچىدە ماڭسا ئۆز يولىنى پەرق ئەتمىكى تەسكە چۈشىدۇ. ئۇنىڭ ئىچى پۇشۇپ، چىراغنى ئۆچۈرىدۇ-دە، ئۆزىنىڭ نەلەرنى بېسىپ، نەلەرگە بېرىپ قېلىشى بىلەن ئانچە ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ. بىزمۇ مانا شۇنداق ئەھۋالغا يولۇقۇپ قالىمىز: بىز چېكىملىك، ئىچىملىكلەر بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئەقىل چىرىقىنى ئۆچۈرۈپ تاشلايمىز-دە، ئۆزىمىزنىڭ توغرا يولىدىن، ھاياتلىق نىشانىمىزدىن ئادىشىپ كېتىمىز.
    بىز يەپ-ئىچىش ئۈچۈن ياشىمايلى، بەلكى يەپ-ئىچىش بىزنىڭ ھايات ياشىشىمىز ئۈچۈن بولسۇن.
    5-ئاينىڭ 9-كۈنى

     

    ئاچكۆزلۈك ۋە بايلىق
    قېلىن-ئېغىر ئىگىنلەر بەدەن ھەرىكىتىڭىزگە ئەپسىزلىك تۇغدۇرىدۇ؛ بايلىق سىزنىڭ روھىڭىزنى بېسىپ غۇلىتىدۇ.
    نامرات كىشى بايغا ھەۋەس قىلسا، ئۇ بايدىن ياخشى كۈن كۆرۈپ كەتمەيدۇ.
    بىر مۇنچە تىرىشچانلىق ۋە گۇناھلار بىلەن ئېرىشىلگەن زور بايلىقنىڭ بىرلا ھەقىقىي قىممىتى بار: سىز ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەندە خۇشاللىققا چۆمۈلىسىز.
    ئەگەر سىز باشقىلارنىڭ پۇل، مال ۋە روزىغارلىرىنى ئېلىپ كەتسىڭىز، سىز بۇ ئالەمدىن ئۆتكەندە سىزنىڭ ئوغرىلىقىڭىز توختايدۇ، چۈنكى، بۇ نەرسىلەر ئەسلى ئورنىغا قايتىشى كېرەك. مۇبادا، سىز باشقىلارنىڭ تۇپرىقىنى تارتىۋالسىڭىز، باشقىلارنىڭ تۇپراق بىلەن بولغان باغلىنىشىنى ئۈزۈپ قويىسىز، سىزنىڭ بۇنداق تالان-تاراجلىرىڭىز مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، چۈنكى، سىز ھەر يىلى، ھەر كۈنى ھەر بىر دەۋر ئادەملىرىنى تالان-تاراج قىلىپ كۆنگەن.
    −ھېنرى گېئورگى
    تىل، تۇرمۇش شەكىللىرى ھەمدە ئەنئەنىۋىي ئادەتنىڭ ئاددىيلىقى بىر مىللەتكە كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلىدۇ.
    ئارتۇقچە ھەشەمەت ۋە تاشقى قىياپەتكە بېرىلىپ كېتىش بىر مىللەتنى زەئىپلەشتۈرۋېتىدۇ ۋە ھالاك قىلىدۇ.
    5-ئاينىڭ 10-كۈنى


    ئىشلەش ۋە بىكارچىلىق

    كۆپىنچىلىرىمىز ئىشلىمسەك بولمايدۇ، باشتىن ئاخىر جان تىكىپ ئىشلەيمىز. پەرق، سىزنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقىنىڭىزدا.
    بىر كۈنلۈك ئەمگەكتىن كېيىن ئوبدان ئارام ئېلىش، دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى، ئەڭ پاك-ساغلام خۇشاللىقلارنىڭ بىرىدۇر.
    ھېچكىممۇ باي غوجاملارنىڭ مىليونلىغان سائەتلىرىنى ئەيش-ئىشرەتتە ۋە مىڭلاپ ھاياتنى ئىسراپ قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈۋەتكىنىنى ھېسابلاپ بېرەلمەيدۇ. ئادەمنى ھەسرەتلەندۈرىدىغان بۇ ئەمەلىيەت مېنى پەرىشان قىلىدۇ.
    ھەرقانداق بىر روزىغارنى ئىشلەتكەندە، ئۇنىڭغا ئادەمنىڭ مېھنىتى سىڭدۈرۈلگەنلىكىنى ئويلىشىڭ. مۇبادا، سىز ئۇنى بۇزۇپ-چاقسىڭىز، ياكى تاشلىۋەتسىڭىز باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەتلىمىگەن بولىسىز.
    خۇشاللىقنىڭ ئارقىسى دوزاخ، مېھنەت ۋە ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ ئارقىسى جەننەتتۇر.
    −مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام

    5-ئاينىڭ 11-كۈنى

     

    سوتلاش ۋە جازالاش

    ئەسكى ئىش قىلغۇم يوقلۇقى ئۆزۈمگە بەش قولدەك ئايان. مەن ئەسكى ئىش قىلىپ قويغان تەقدىردىمۇ، شارائىت شۇنداق قىلىشقا قىستىغان بولىدۇ. كۆپىنچە ئادەملەر ماڭا ئوخشاش، ئۇلار مۇبادا ئەسكى ئىش قىلىپ قويسا، ئوخشاشلا شارائىت سەۋەبىدىن بولغان بولىدۇ. شۇڭا، مەن قانداقمۇ باشقىلارنى ئەيىبلەشكە تىلىم بارسۇن؟
    سىز، بىتاب بولۇپ قالغان ئادەمنىڭ رەڭگى-روھى جايىدا بولمىغىنى ئۈچۈن ئەيىبلەمسىز ؟ ئۇنىڭ جاراھىتىدىن يىرگىنىپ تۇرغان تەقدىردىمۇ ئۇنى ئەيبلىيەلمەيسىز. ئوخشاشلا باشقىلارنىڭ كەمچىللىكلىرىدىن يىرگىنىپ يۈرمەي، ئەقلىڭىزنى ئىشقا سېلىپ، سەۋرچان بۇلۇڭ.
    سىز مۇنداق بىر پاكىتنى ئېنىق كۆرۈپ يېتەلەيسىز: سىز ھەميېنىڭىزنى يىتتۈرۈپ قويغان ئادەم. شۇڭا، سىز ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم نەرسىلەرنى−ئەقىل-ئىدرىكىڭىز ۋە مېھرىبانلىقىڭىزنى يىتتۈرۈپ قويغىنىڭىز ئۈچۈن نېمە دەپ يىغلىمايسىز؟
    ھەمىشە مۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ: ئۆزىمىزدە يېتىپ ئاشقۇدەك يېتەرسىزلىكلەر تۇرسىمۇ، باشقىلارنىڭ جىسمىدىن نۇقسانلىرىنى كۆرگۈمىز كېلىدۇ.

    5-ئاينىڭ 12-كۈنى

     

    تەكەببۇرلۇق

    مەغرۇرلانغۇچى تالاي جازالارغا ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭدىكى چىداشلىق بېرىش ئەڭ تەس بولغان جازا شۇكى، مەيلى ئۇلار قانچىلىك ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىدە ھازىرلىغان بولمىسۇن، ئۇنى كىشىلەر ياخشى كۆرمەيدۇ.
    مۇبادا، ھېچكىممۇ ئۆزىڭىزگە يەتمەيدىغاندەك ئويلىسىڭىز، بۇ ئوي خاتادۇر. بىراق، سىز كەم دېگەندىمۇ بىرەرسىدىن ئارتۇق تۇرىمەن، دەپ قارىسىڭىز تېخىمۇ خاتالىشىسىز.
    مەغرۇرلانغۇچى باشقىلارغا ئىش ئۆگىتىشكە ئالدىرايدۇ-يۇ، ئۆزى ھەققىدە ئويلانغۇدەكمۇ ۋاقتى بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇنداق ئادەملەر ئۆزىنى ئاللىقاچان ھېچقانداق نۇقسانسىز دەپ قارىۋالىدۇ. باشقىلارغا قانچىكى ئىش ئۆگەتكەنچە شۇنچىكى قاتتىق يىقىلىدۇ.
    دېڭىزنىڭ چوڭقۇرى ۋە تاغنىڭ ئېگىزى بولىدىغىنىنى بىلىشىڭىز كېرەك، تېيىز سۇ بەكراق شاۋقۇن-سۈرەن سالىدۇ، دېڭىزدىكى چوڭقۇر سۇ شاۋقۇنسىز جىمجىت ئاقىدۇ.
    كىشىلەر ھەمىشە، باشقىلار ئۆزىگە يەتمەيدۇ ياكى ئۆزىنى ئۇلاردىن ئۈستۈن دەپ قاراپ قالىدۇ، ئۇلار شۇنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى، ھەر بىر ئادەمنىڭ روھى ئوخشاش، ئۇلارمۇ ئۆزىنى قالتىس چاغلايدۇ.

    5-ئاينىڭ 13-كۈنى

     

    شۆھرەتپەرەسلىك ۋە نام-ئاتاق

    ئۇششاق بالىلار ئويۇن ئوينىغاندا، ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلىدۇ، ئەمما ئويۇن ئاخىرلاشسىلا ئۆزلىرىنىڭ قايتىدىن بىرلىشىپ دوست بولۇپ قالىدىغىنىنى بىلمەيدۇ. بىراق، چوڭلار تەبىقە-قاتلاملار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، دۆلەتلەرگە ئايرىلغاندىن كېيىن بىر ئۆمۈر بىرلەشمەستىن شۇ توپ ئارىسىدا ئۆزىنى ساقلاپ قېلىۋېرىدۇ.
    ئەگەر، سىز ماختاشلارغا ئېرىشىشتىن زىيادە ئەندىشە قىلسىڭىز، ھەرىكەت قىلمىقىڭىز بەسى مۈشكۈل بولىدۇ. بەزىلەر سىزنى بۇ ئىشىڭىز تۈپەيلى ماختىغان بولسا، يەنە بەزىلەر ئۇ ئىشىڭىز تۈپەيلى ماختاپ ئۇچۇرۇشىدۇ. پەقەت، ئۆزىڭىزلا ئۆمرىڭىزدە نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى بەلگىلىيەلەيسىز. بۇ يوسۇن-قائىدىنى چۈشىنىپ يەتكەندىلا سىزنىڭ ھايات كەچۈرمىكىڭىز كۆپ يەڭگىللەيدۇ.
    ئومۇم ئېتىراپ قىلغان ئەنئەنىنى بۇزماق بەكمۇ تەس، بىراق، سىز تېخىمۇ ياخشى تاشلىنىدىغان ھەر بىر قەدىمىڭىزدە بەزى ۋاقتى ئۆتكەن، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد قوبۇل قىلىنغان قائىدە-تەرتىپ، ئەنئەنە ۋە قاراشلارنى بۇزۇپ تاشلاشقا مەجبۇر بولىسىز.
    مەن ئۆزۈمنىڭ ئەخلاق-پەزىلەتلىك تۇرمۇشۇمغا ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ ئەخمىقانە قائىدە-تەرتىپ، ئادەت ۋە ئەنئەنىلىرىگە بوي سۇنىمەن. مەن بۇنىڭ ئۈچۈن نومۇس قىلىمەن.

    5-ئاينىڭ 14-كۈنى

     

    سوتلاش ۋە جازالاش

    كىشىلەر، ياخشىلىققا يامانلىق قايتۇرماسلىق كېرەكلىكىگە ئىشەنمەيدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى، تامامەن ئۇلارنىڭ كىچىكىدىنلا ئەكسىچە قائىدە-يوسۇنلارنى ئۆگىنىپ قالغانلىقىدىندۇر.
    باشقىلارنى ئەپۇ قىلىش، «سىزنى كەچۈردۈم» دېگەن گەپنىلا ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قالماي، بەلكى كۆڭلىڭىزدىن بارچە ئەيىبلەشلەرنى كۆتۈرۈۋېتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئۆزىڭىزنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى تونۇپ يېتىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ.
    بارچە دىنىي ئەقىدىلەرنىڭ (خرىستىئان ئەقىدىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تۈپ ئاساسى سۆيگۈدۇر. خرىستىئان ئەقىدىلىرىنىڭمۇ نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلىرى بار، بولۇپمۇ، ئۇ «بارچە شەكىلدىكى زورلۇق كۈچلەر سۆيگۈ بىلەن چىقىشالمايدۇ» دەيدۇ.
    ھەر قېتىم زورلۇق قىلىنغاندا، سىز لوگىكىلىق خۇلاسە ئارقىلىق ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇڭ. ئۆرپ-ئادەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا، سىز بەلكىم مەلۇم دەرىجىدە زىيان تارتىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما مەنىۋى نۇقتىدىن زور پايدا ئالىسىز.

    5-ئاينىڭ 15-كۈنى

     

    زوراۋانلىق ۋە ئۇرۇش

    تارىختا، بارچە سىياسىي ئۆزگىرىش ۋە ئىنقىلابلارنىڭ شەپقەتسىزلىكى، بۇرۇنقى ھۆكۈمرانلارنىڭ شەپقەتسىزلىكىدىن دەپ ئىزاھلاشقا بولىدۇ. ئەگەر، كىشىلەر زورلۇق كۈچى ئىشلتىشنى بۇرۇنلا ئۆگىنىپ قالمىغان بولسا، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۇنى ئىشلىتىشنى بىلمىگەن بولاتتى.
    سىلەرنىڭ تەبىئىتىڭلار، باشقىلارنى مەجبۇرلاش ئۈچۈنمۇ ئەمەس، شۇنداقلا باشقىلارغا ئىتائەت قىلىش ئۈچۈنمۇ ئەمەس. بۇنداق ھادىسىنىڭ شەكىللىنىشى ھاماقەتلىك ياكى تەكەببۇرلۇق−بىراق، ھەر ئىككىلىسىدە ئادەمنى ئىززەتلەش-قەدىرلەش مەۋجۇت ئەمەس.
    −بۇددا ھېكمەتلىك سۆزلىرىدىن
    بۈگۈنكى كۈنلۈكتە، بەزى ئەللەردە ساقلىنىۋاتقان ئۆلۈم جازاسى ئېنىق بىر ئىسپات بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزنىڭ ئاساسىغا خرىستىئان دىنىي ئەقىدىلىرى ماس كەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
    ئادەمنىڭ مەقسىتى خۇدا ۋە بارچە ئادەملەرگە تەقدىم ئېتىشكە تەييار تۇرۇش، ھەرگىزمۇ مەلۇم ئادەملەرگە تەقدىم ئېتىش ئەمەس ياكى باشقىلارغا يامانلىق ئىستەش ئەمەس.

    5-ئاينىڭ 16-كۈنى

     


    ئېتىقاد

    دىنلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىلا بىردىن-بىر ھەقىقىي، باشقىسىنى بولسا يالغان، ساختا دىن دەۋالىدۇ. بۇنىڭ ئۆزى شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، دۇنيادا ھېچقانداق بىر دىن چىن ئەمەس.
    كىشىلەر ھەرقانداق دىنىي ئەقىدىلەرنى خۇدانىڭ قانۇنى دەپ قارىغۇلارچە ئىشەنگەندە، خۇدا بىزگە بەرگەن پىكىر قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئىشلەتمىگەن بولىمىز؛ پىكىر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاندىلا ئاندىن كىشىلەر خۇدانىڭ قانۇنىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ.
    ئېتىقاد بىزگە نېمە قىلىش ۋە بۇ دۇنيانى قانداق چۈشىنىش كېرەكلىكىنى ئۆگىتىدۇ. نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، كىشىلەر خۇدانىڭ قانۇنىنى قانداق قىلىپ ھەقىقىي چۈشىنىشنى بىلەلمەي كەلدى. بەزىلەر، قەدىمكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ياخشىلىقىغا ئىشىنىشىدۇ، ئەمما، ئەمەلىيەتتە ئۇنداقمۇ ئەمەس، ئۇنىڭغا ئىشىنىش زور خاتالىقتۇر.
    بىر جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە خۇشال-خۇراملىقىنى شۇ جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئەخلاقى بەلگىلەيدۇ، ئەخلاقنىڭ ئاساسىي دىندۇر.

    5-ئاينىڭ 17-كۈنى

     

    تىلاۋەت

    خۇدا ھەققىدىكى ھېكايەتلەرنى ئاڭلاش بىلەنلا خۇدانى چۈشىنىپ بولغىلى بولمايدۇ. خۇدانىڭ قانۇنلىرىغا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىقلا خۇدانى تونىغىلى بولىدۇ. خۇدانىڭ قانۇنى ھەر بىرىمىزنىڭ دىلىغا يېزىلغان.
    كىچىك ئوغۇل بالا ئۇخلايدىغان چاغدىمۇ قورچىقىنى ئويناپ تۇرۇۋالسا، بالا باققۇچى ئۇنىڭ ئۈچۈن تىلاۋەت قىلىدۇ. كىشىلەر خۇداغىمۇ مانا شۇنداق ساددا پوزىتسىيىدە بولىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ئەخلاقسىزلارچە ياشىسا، باشقىلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن تىلاۋەت قىلدۇرسا، ئۆزلىرى ئۆزىنىڭ ئويۇنىنى ئويناپ يۈرىۋەرسىمۇ بولىدۇ، دەپ قارىشىدۇ.
    ئىبادەت قىلماي ياشايدىغان ئادەم يا گۇناھنىڭ كەينىگە كىرگەن، ياكى ئۇ مۇخلىس بولۇشى مۇمكىن. ياخشى تۇرمۇشنىڭ زۆرۈر بىر شەرتى: شەھۋەتپەرەسلىك، بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە يالغانچىلىققا قارشى تۇرۇپ، سۆيگۈ مەنىسىنى ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە چۈشىنىشنى ئىستەش.

    5-ئاينىڭ 18-كۈنى


    ساختا ئىلىم
    كىشىلەر بۇ دۇنيادا داۋاملىق ياشايدىكەن، ئۇلارغا ئۇستازلار نېمىنىڭ مۇھىملىقىنى ئېيتىپ بېرىشى كېرەك.
    دۇنيادا سان-ساناقسىز ئىلىملەر بار، بىراق سىزگە نېمىنىڭ ئەڭ ياخشىلىقىنى، نېمىنىڭ ھاياتىڭىزدىكى مەقسەت ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغان بىرەر پەنمۇ مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا سىز توغرا تاللاش ئېلىپ بارالمايسىز.
    بۈگۈنكى كۈنلۈكتە، زور مىقداردىكى بىلىملەر بىزنىڭ تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. بىراق، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئىقتىدارىمىزنىڭ بەكمۇ ئاجىزلىقى چانماقتا، ھاياتىمىزنىڭمۇ تولىمۇ قىسقىلىقى مەلۇم بولماقتا، ھەتتا بۇ خىل بىلىملەرنىڭ ئەڭ ئاز، ئەڭ زۆرۈر بۆلەكلىرىنى ئۆگىنىپ بولۇشقا ئامالسىزمىز.
    ئەگەر، مۇستەقىل پىكىر قىلالىساق، زۆرۈرىيىتى بولمىغان پالاستەك توم-توم كىتابلارنى ئوقۇشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. كىتابلارنى قانچە كۆپ ئوقۇغانچە شۇنچە زىيىنىغا ئۇچرايدۇ. مەن تونۇيدىغان ئالىملار ئارىسىدا، ئەڭ بۈيۈك مۇتەپەككۇرلارنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئاز كىتاب ئوقۇغانلاردۇر.
    ناچار كىتابلارنىڭ بىرىنى ئوقۇپ قالسىڭىزمۇ يېتىپ ئاشىدۇ؛ ياخشى كىتابلارنى قانچە كۆپ ئوقۇسىڭىزمۇ ئازلىق قىلىدۇ. ناچار كىتاب قەلبنىڭ ئوغىسىدۇر.

    5-ئاينىڭ 19-كۈنى


    تىرىشچانلىق

    ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئاجىزلىقى ۋە بىر تەرەپلىمە قارىشىڭىزنى يېڭىش−بۇ نام-ئاتاق، بايلىق ۋە تەربىيىلىنىشىڭىزدىنمۇ مۇھىمدۇر.
    ئېنىق بولمىغان ئىشلارنى ئېنىق بىلىۋېلىڭ. قىيىن ئىشلارنى بىر ياقلىق قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىڭىزنى ئىشقا سېلىڭ، يېرىم يولدا بەل قويۇۋەتمەڭ.
    رېئال دۇنيادا ھاياتنى ئۆزگەرتەلەيدىغىنى، تاشقى قائىدە-نىزام ۋە رەسىم-يوسۇنلار بولماستىن، بەلكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز قەلبىدە ئىجتىھات بىلەن كۆرۈشىشىدۇر.
    بەزى ئىشلارنى قىلىشتىن ساقلىنىش تەس، بىراق تېخىمۇ تەس بولغىنى شۇكى، گۇناھلىق ياكى خاتا ئىشلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ قىلىش.
    ئەخلاق-پەزىلەت بىلەن قىلىنغان ئىش-ھەرىكەت ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى ئۆلچەم قىلمايدۇ، بەلكى سىزنىڭ قانچىلىغان تىرىشچانلىقىڭىزنى ئۆلچەم قىلىدۇ.

    5-ئاينىڭ 20-كۈنى

     

    ئۆزىنى قۇربان قىلىش

    سىزنىڭ ھەقىقىي سۆيەلەيدىغىنىڭىز پەقەت خۇدا؛ تۆۋەن كۆرۈشىڭىزگە بولىدىغىنى پەقەتلا ئۆزىڭىزدۇر.
    ھەر بىر ئادەم ھاياتقا نىسبەتەن چۈشەنچىگە ئىگە.
    ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ خاسلىقىدىن ۋاز كەچكەندىلا ئاندىن ھەقىقىي ئادەمگە ئايلىنىدۇ.
    باشقىلارنىڭ ھاياتى ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتىنى چۈشىنىپ يېتەلىسىڭىزلا ئاندىن بۇ خىل چەكسىز ھاياتنى چۈشىنەلەيسىز.
    كىشىلەر ئۆزلۈكتىن ۋاز كېچىش ئەركىنلىكنى بۇزىدۇ، دەپ بىلىۋېلىشىدۇ، ئەمما، بىزنىڭ شەخسىي ھېسسىياتىمىز ئىستىبداتلاردىنمۇ ئۆتە ئەسكىدۇر. سىز بىر كۈنلەردە ئۇلاردىن ۋاز كەچسىڭىز، ھەقىقىي ئەركىنلىككە ئېرىشەلەيسىز.

    5-ئاينىڭ 21-كۈنى


    كىچىك پېئىللىق ۋە كەمتەرلىك
    زېمىندا «ئىزگۈلۈك ۋە بىلىم قەسرى»نىڭ ئىشىكىنى تاپقىلى بولىدۇ. كىچىك پېئىل كىشىلا بۇ ئىشىكتىن پاتىدۇ. بىراق، سىز بۇ قەسىرگە كىرىش بىلەنلا زور بوشلۇق ۋە ئەركىنلىكنى ھەمدە بارچە ئىنسانغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەتنى بايقايسىز. بۇ قەسىر بىزنىڭ ھاياتىمىز، ئۇنىڭ يول خېتى ئەقىل-پاراسەت تەلىم-تەربىيىسى. ئەقىل-پاراسەت كىچىك پېئىل ئادەمگىلا زاھىر قىلىپ بېرىلىدۇ.
    پۇتنىڭ ئۇچىدا ئۆرە تۇرۇپ ئۇزۇنغا پايلىغىلى بولمايدۇ. ئۆزىدىن قانائەت قىلغۇچى مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. مەنمەنچىلەر ئاۋامدىن ئېشىپ كېتەلمەيدۇ. ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنى باشقىلاردىن يۇقىرى چاغلاپ قالماڭ، باشقىلاردا يوق ئالاھىدىلىكنى يېتىلدۈردۈم دەپ ئويلاپ قالماڭ. ئالاھىدىلىكلىرىڭىز قانچىلىك ياخشى بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئەگەر سىز بەك يۇقىرى باھالىۋەتسىڭىز، ئۇلارنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى قالماي قالىدۇ.
    ھەقەمسايىڭىز ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلغان بولسىڭىز، ئۇ ئىشنى ئۇنتۇپ كېتىڭ. يامان ئىش قىلىپ قويغان بولسىڭىز ئۇنى ھەرگىز ئۇنتۇپ كەتمەڭ. ئۆزىڭىز قىلىپ سالغان ئەسكى ئىشنى ئويلىغىنىڭىزدىلا ئاندىن ئۆزىڭىزنى ياخشى، مۇكەممال قىلىپ ئۆزگەرتەلەيسىز.

    5-ئاينىڭ 22-كۈنى


    ھەقىقەت

    يالغان سۆز بىزنىڭ ھەر بىرىمىزنى خۇدادىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا، دۇنيادا ئەڭ ياخشى نەرسە ھەقىقەت، ئۇ يالغان-ياۋىداق سۆزلەردىن غالىب كېلىشتۇر.
    ئەقىل-پاراسەتنىڭ نىشانى، يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى تۈگىتىپ، ھەقىقەتنى قوغداپ قېلىش. ھالبۇكى، ئەقىل-پاراسەت تۇراقسىز بولغان چىرايلىق ھېسسىياتنىڭ كونتروللۇقىغا ئۇچرىسا، يالغان سۆزلەرنىڭ چاپان ياپقۇچىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇ نورماللىقىنى يوقىتىپلا قالماستىن، كېسەل بولۇپ قالىدۇ، راست بىلەن يالغان، ھەق بىلەن ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىدىن ئايرىلىدۇ. ھەر خىل يالغان-ياۋىداق سۆز ۋە قارا نىيەتلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاش كېرەك، ئۇنىڭ ئاساسى قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر. چۈنكى، دۇنيادا زەرەرسىز ياكى پايدىلىق بولغان يالغان-ياۋىداق سۆزلەر مەۋجۇت ئەمەس.
    باشتىن-ئاخىر راست سۆزلۈك بولايلى، مەيلى ئۇ باشقىلارنىڭ قۇلىقىغا مۇشت ئۇرغاندەك ئاڭلانسىمۇ.
    ۋىجدانىڭىز سىزنىڭ ئەڭ زور بايلىقىڭىزدۇر. سىزنىڭ ۋىجدانىڭىز بىر خىل ئېسىل پەزىلەت، ئۇ سىزنىڭ باش-ئاخىرى يوق، مۇرەككەپ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ھەقىقىي تۈردە ھەقىقەتنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.

    5-ئاينىڭ 23-كۈنى

     

    دۇنيادا گۇناھ يوق

    بىز ئاغرىق-سىلاقنى ئازاب ۋە يۈك دەپ قارىۋالىمىز. بىراق، ئاغرىق-سىلاق ھاياتنىڭ مۇھىم بىر قىسىمىدۇر. ئۇ بىزگە، جىسمانىي ھاياتىمىزنىڭ تولىمۇ قىسقا ئىكەنلىكى، ھاياتىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
    ئىنسانلار تېخىمۇ يۈكسەك غايە تۇرغۇزسا، بۇرۇنقى بارچە غايىلىرى چېنىپ قالىدۇ، خۇددى كۆتۈرۈلىۋاتقان قۇياش نۇرىدا يۇلتۇزلار خىرەلىشىپ قالغاندەك. شۇڭا، باشقا چارە يوق، مۇشۇ خىل يېڭى غايىنى قوبۇل قىلىشقا، ئۇ تامان قەھرىمانە ئالغا ئىلگىرلەشكىلا توغرا كېلىدۇ.
    ئىپلاس، رەزىل بولماي دېسىڭىز، ئەڭ ئاۋۋال ئېغىزىڭىزدىن يامان گەپ چىقىپ كېتىشتىن ساقلىنىڭ. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۆزىڭىزدىكى بارچە يامانلىق-رەزىللىكلەرنى چۆرۈپ تاشلاڭ.
    يامان ئوي-خىياللاردىن خالىي بولۇشنى ئۆگىنىۋالسىڭىز، يامان ئىش-ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىشنى ئۆگىنىۋالغان بولىسىز.
    بىز ئېيتىۋاتقان رەزىل، ئەسكى ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى روھىي ھالىتى ياخشى بولمىغان، مىجەز-خۇلقىنى كونترول قىلالمايدىغان ئادەملەردۇر.

    5-ئاينىڭ 24-كۈنى

     

    گەپ-سۆز

    ئوق بېسىلغان مىلتىققا پەم بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىمىز، ئەمما، ئۆزىمىزنىڭ گەپ-سۆزىگە ئەنە شۇنداق ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى ئويلاپمۇ باقمايمىز.
    بىر ئېغىز گەپ بىلەن جاننى ئالغىلى بولىدۇ، بەزىدە ھەتتا ئۇ ئادەم قەلبىنى ئۆلۈمدىنمۇ ئۆتە جاراھەتلەندۈرىدۇ.
    ئېغىزدا كۆپ سۆزلىگەن ئادەمنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتەلەيدىغىنى ئاز بولىدۇ. ئەقىللىق كىشى ئۆز گەپ-سۆزىنىڭ تەسىرى ئىش-ھەرىكەتتىن چوڭراق بولىدىغىنىنى تۇيۇپ تۇرىدۇ، شۇڭا، سۆزلەشتىن ئاۋۋال ئوبدان ئويلىشىدۇ. باشقىلار ئۇنىڭ سۆزلىشىگە ھاجىتى چۈشكەندىلا ئاندىن ئېغىز ئاچىدۇ.
    چىش يېرىپ بىر نېمە دېيىشتىن ئاۋۋال ئويلىنىۋالغۇدەك ۋاقىت بولسىلا سۆزلىمەك بولغان گەپلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بارمۇ-يوق، سۆزلىرىڭىز باشقىلارنىڭ دىلىنى ئاغرىتامدۇ-يوق، پۇختا ئويلىشىپ كۆرۈڭ.
    سۈكۈت قىلىش، نادانلارغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى جاۋابتۇر. بارچە يامان گەپلىرىڭىز ۋە تەنقىدلىرىڭىز ئۆزىڭىزگە قايتىدۇ. خاتالىقىنى يۈزىگە سېلىش، ئوتقا ياغ چاچقاندەك ئىش.

    5-ئاينىڭ 25-كۈنى

     

    ئىدىيە

    ئېغىلنىڭ ئىشىكى ئىچىگە قاراپ ئېچىلسا، كالا، ئات-ئېشەكلەر ياكى باشقا ئۇلاغلار قوتاندىن چىقالمايدۇ. چارۋىلار ئاچلىقتىن ئۆلۈپمۇ قالىدۇ، چۈنكى، ئۇلار قوتان ئىشىكىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيدۇ. ئادەملەرلا بۇنى بىلىدۇ: بەزىدە مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئۆزىڭىز ياخشى كۆرمەيدىغان ئىشنى قىلىشقا مەجبۇر بولۇپمۇ قالىسىز. ئادەمدە ئەقىل بار، ئەقىل بىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ مۇھىم ئىقتىدارىمىز، بىز ئۇنى پەرۋىش قىلىشىمىز، ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.
    بىز تۇرمۇشىمىزدا يولۇققان ھەممە ئىشنى ئۆزىمىز بېكىتىۋالغان تەپەككۇر ئۇسۇلىمىز بىلەن چۈشەندۈرىمىز.
    بۇ بىر تەرەپلىمە قاراشلار ئەگەر خاتا بولسا، ئەڭ يۈكسەك ھەقىقەتنى بۇلغايدۇ. بىز بىر ئۆمۈر يۈكلىۋالغان كونا ئىدىيە، كونا قاراشلار قۇلىلىنىڭ نەگىلا بارسا يۈدۈپ يۈرىدىغان قېپىغا ئوخشايدۇ.
    تېرىقچى ياخشى ئۇرۇقنى تاللىۋالىدۇ، ئاندىن ئۇلارنى تۈجۈپىلەپ ئۆستۈرىدۇ، كۆز قارىچۇقىدەك ئاۋايلاپ پەرۋىش قىلىدۇ؛ خۇددى شۇنىڭدەك، ئەقىللىق ئادەممۇ ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىگە مانا شۇنداق كۆيۈنىدۇ. ئۇ، ناچار ئىدىيىلەرنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئەڭ ياخشى ئىدىيىنى ئېلىپ قالىدۇ، ئۇ ئېسىل ئىدىيىلەردىن پاناھ تىلەيدۇ.

    5-ئاينىڭ 26-كۈنى

     

    دۇنيادا گۇناھ يوق

    سىز پەقەت تېنىڭىز ئۈچۈنلا ياشىسىڭىز، ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنىڭ ئازاب چېكىشىنى ئەسكى ئىش دەپ قارىۋالىسىز. ئەگەر، سىز ئۆز ھاياتىڭىزنىڭ نىشانى سىزنىڭ ئىچكى ئۆزلۈكىڭىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش دەپ قارىسىڭىز، سىز بارا-بارا شۇنى چۈشۈنۈپ يېتىسىزكى، ئازاب چەككىنىڭىز سىز ئۈچۈن پايدىلىق، چۈنكى، ئازاب چەكمىگۈچە مەنىۋىيىتىڭىز مۇكەممەللەشمەيدۇ.
    بېشىڭىزغا بالايى-قازالار كېلىۋەرسە، بىمار دورا ئىچكەندەك مۇئامىلە قىلىڭ. بىزگە ئايانكى، دورا بەلكىم بەك ئاچچىق، ئادەمنى بىزار قىلغۇدەك دەرىجىدە بولسىمۇ، بىز دورا ئىچكەندىن كېيىن خېلى ياخشى بولۇپ قالىمىز. خۇددى شۇنىڭدەك، سىزمۇ ئۆزىڭىز يولۇققان قىيىنچىلىق ۋە باش ئاغرىقلىرىغا ئۈمىدۋار پوزىتسىيىدە قاراڭ. چۈنكى، ئۇلار سىزنىڭ روھىڭىزغا پايدىلىق.
    كىشىلىك دۇنيادىن ئايرىلسىڭىز، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىپ خاتا قىلمىدىم،  ئۆزۈمنىڭ ئازاب چېكىشى روھىمغا پايدىلىق ئەمەس دەپ بىلسىڭىز، بۇنىڭ ئۆزى ھەقىقىي ئازاب.
     سىز ئاللىقانداق بىر نەرسىدىن قورقسىڭىز، بىلىشىڭىز كېرەككى، قورقۇشىڭىزنىڭ سەۋەبى، جىسمىڭىزنىڭ سىرتىدا ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ ئىچىڭىزدە بولغان بولىدۇ.

    5-ئاينىڭ 27-كۈنى

     

    ھازىردا ياشاش

    سىز ئۆتمۈشىڭىز ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى ئازابلىسىڭىز، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆز كەلگۈسىڭىزنى نابۇت قىلىسىز، بۇمۇ سىزنىڭ بىكارچىلىقىڭىزدىن بولىدۇ. ئۆتمۈش ئۆتۈپ كەتتى، كەلگۈسى تېخى مەۋجۇت ئەمەس، كۆز ئالدىڭىزدا ھازىرلا مەۋجۇتتۇر.
    ياخشى ئادەملەر ئۆزىنىڭ بۇرۇن قىلغان-ئەتكەن ياخشىلىقلىرىنى تېزلا ئۇنتۇپ كېتىدۇ. ئۇلار كۆز ئالدىدىكى مەشغۇل بولىۋاتقان ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش، بۇرۇن نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ئويلىنىپ ئولتۇرغۇدەكمۇ چولىسى يوق.
    يېشىڭىز چوڭايغانچە ۋاقىت تېخىمۇ تېز ئۆتىدۇ، سىز ۋاقىتنى مۇھىم بىلمەيدىغان بولۇپ قالىسىز. «ئەتىدىكى قۇيرۇقتىن بۈگۈنكى ئۆپكە ياخشى» بولۇپ قالىدۇ.
    ماكان-زامان ئۇقۇمى ئىنسانىيەت ئەقىل-پاراسىتىدىكى ئاجىزلىقنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. ماكان-زامان ئۇقۇمىدىن ئايرىلغاندا، ھېچنەرسىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز، بىراق بۇنىڭ ئەھمىيىتىمۇ قالمايدۇ. چۈنكى بۇ لوگىكىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. زامان-زامان ھادىساتلارنىڭ تەرتىپىنى ئىپادىلىگۈچى ئۆلچەم-چەك؛ ماكان بولسا ئوبيېكتنىڭ ئورنىنى ئىپادىلەيدىغان ئۆلچەم-چەك بولۇشى كېرەك. بىراق، ماكان-زامان چەكسىزدۇر.

    5-ئاينىڭ 28-كۈنى

     

    ئۆلۈم

    سىز مەڭگۈلۈك ئىچىدە، شۇنداقلا ھازىردا ياشاڭ. سىز مېھنەت-ئەجىر قىلىۋاتقىنىڭىزدا، مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك بۇلۇڭ؛ باشقىلارنى كۈتۈۋاتقىنىڭىزدا، بۈگۈن ئاخشاملا ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك بۇلۇڭ.
    بۇ دۇنيادىكى بارچە ئىشلار بەكمۇ ئاددىي، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئۇلارغا چۈشەنچە بەرگىلى بولىدۇ. شۇڭا، «بارچە» «ئۆلۈم»دىن مۇستەسنا ئەمەس، شۇڭا، كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمنى ئامال بار ئويلىغۇسى كەلمەيدۇ. بۇ بىر خاتالىقتۇر. بىز «ھايات»نى ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك ئىشلارنىڭ بىر قىسىمى، «مامات»نى بولسا ئاددىي، چۈشىنىش ئاسان ئىش دەپلا بىلەيلى.
    مەنىۋى تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش، بىزنىڭ بىر جايدا قىمىرلىماستىن جىم تۇرۇۋېلىشقا بولمايدىغانلىقىمىزنى، بەلكى باشتىن-ئاخىرغىچە مەلۇم نىشان بويلاپ ئۇچقاندەك ئالغا بېسىشىمىز كېرەكلىكىنى ئاڭقىرالايدىغىنىمىزدۇر.
    بىز بۇ دۇنيادا پاراخوتقا ئولتۇرغان يولۇچىمىز. كاپىتان قولىدا سىرلىق تىزىملىك بار، تىزىملىكتە قايسى ئادەمنىڭ قاچان، نەدە پاراخوتتىن چۈشۈش كېرەكلىكى خاتىرىلەنگەن. پاراخوتتىكى ۋاقتىمىزدا، تۇرمۇش قانۇنىيىتىگە بوي سۇنۇشىمىز، بىزگە بېرىلگەن ۋاقىت ئىچىدە ھەممە دوستلار خاتىرجەملىك، سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە ماسلىق ئىچىدە ياشىشىمىز كېرەك.

    5-ئاينىڭ 29-كۈنى

     

    ئۆلگەندىن كېيىن

    بىرسى بىزدىن: «ئۆلگەندىن كېيىن قانداق بولىدۇ؟» دەپ سوراپ قالغۇدەك بولسا، بىز بىلمەيمىز، بىلىشكىمۇ قادىر ئەمەسمىز. بىراق، شۇ بىر نۇقتا راستكى، ئەگەر بىز ئاللىقانداق يەرگە كېتىشىمىز مۇقەررەر بولسا، بىز نەدىن كەلگەن بولساق شۇ يەرگە كېتىشىمىز مۇقەررەردۇر. بىز ئۆزىمىز كەلگەن جايغا قايتىپ بارىمىز.
    ۋاقىت-زامان ئۆلۈمنى ئېنىقسىزلاشتۇرىدۇ. سىز ۋاقىت ئىچىدە ياشاۋاتقىنىڭىزدا، ۋاقىتنىڭ قانداقلارچە توختاپ قېلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز. ئۆلۈم، ۋاقىتنىڭ تۈگەپ توختاپ قېلىشىدۇر.
    ئۆلۈمدىن قورقۇشقا بولمايدۇ. ئەكسىچە، ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى سەمىمىي ياشىيالىغان ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆلۈم خۇشاللىنارلىق.
    −ماركۇس ئاۋرېلىئۇ
    ھايات گۈزەل. بىز پانىي دۇنيا ياخشى ئەمەس، دەيمىز، ھە دېسە ئۆلگەندىن كېيىنكى باقىي دۇنياغا سېلىشتۇرىمىز، ھالبۇكى، ئۆلگەندىن كېيىنكى ئىشلار ھەققىدە ھېچنەرسە ئۇقمايمىز.

    5-ئاينىڭ 30-كۈنى

     

    بەخت

    ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى، ئەگەر بىر ئادەم بەختلىك بولالمىسا، ئۆزىنىلا ئەيىبلىيەلەيدۇ، چۈنكى، خۇدانىڭ بىزنى يارىتىشى، بىزنى بەختلىك قىلىش ئۈچۈندۇر. كىشىلەرنىڭ بەختسىزلىككە دۇچار بولۇشى، ئېرىشىش مۇمكىن بولمىغان نەرسىگە ئېرىشىشكە تەشنا بولغانلىقىدىندۇر. بەختلىك كىشى ئېرىشكەن نەرسىسىگە شۈكرى-قانائەت قىلغان بولىدۇ.
    سىز ئەگەر خۇشال، قۇۋناق ياشىيالمىسىڭىز، مۇنداق ئىككى خىل چارە بىلەن ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ: يا ياشاش مۇھىتىڭىزنى ئۆزگەرتىش، ياكى بولمىسا روھىي ھالىتىڭىزنى ئۆزگەرتىش. ئالدىنقىسىنى مەڭگۈ ئورۇنلاپ بولالمىسىڭىزمۇ كېيىنكىسىنى ئورۇنلىيالايسىز.
    جەننەتتە ئازاب ۋە دۈشمەنلىك مەۋجۇت ئەمەس، سىز جەننەتتە ياشاشنى ئازرۇ قىلامسىز؟ ئانداقتا قەلبىڭىزنى ئازاد قىلىڭ، ئۇنىڭغا ئەركىنلىك بېرىڭ، ئۇنى سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەن تولدۇرۇڭ. سىز ئۆز قەلبىڭىزدىن ئۆزىڭىز تەلپۈنۈۋاتقان جەننەتنى تاپالايسىز.
    بىز خۇدادىن مىننەتدار بولايلى، ئۇ بىزنىڭ مۈشكۈل ئىشىمىزنى ئاسان قىلىپ، بالا-قازادىن ساقلايدۇ.
    خۇشاللىق ئىزدەپ ئاۋارە بولماڭ. توغرىسىنى ئېيتقاندا، سىز ئۆزىڭىز قىلىۋاتقان بارچە ئىشلىرىڭىزدىن ھەر قاچان ھۇزۇر-خۇشاللىق سېزىشكە تەخ تۇرۇڭ.
    −يوھان رۇسكىن

    5-ئاينىڭ 31-كۈنى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.