ۋاپادار ئىت(راست ئىشلار خاتىرىسى)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-22 23:23:08

ۋاپادار ئىت(راست ئىشلار خاتىرىسى)ئېزىز ساۋۇت 1 ئىت بىلەن ئىنساننىڭ دوستلۇقى، ئىتنىڭ سادىق-ۋاپادارلىق خىسلىتى ھايۋانلار بىلەن ئىنسانلار مۇناسىۋىتىدىكى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھادىسە، ۋەقە...

    ۋاپادار ئىت
    (راست ئىشلار خاتىرىسى)
    ئېزىز ساۋۇت

              1   

    ئىت بىلەن ئىنساننىڭ دوستلۇقى، ئىتنىڭ سادىق-ۋاپادارلىق خىسلىتى ھايۋانلار بىلەن ئىنسانلار مۇناسىۋىتىدىكى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھادىسە، ۋەقەلەر كۆپىنچە رىۋايەت، چۆچەك شەكلىدە ياكى يازغۇچىلارنىڭ قەلىمى ئارقىلىق توقۇلما ھېكايە، گۈزەل خىيالىي ئەسەرلەر سۈپىتىدە كىشىلەرگە بەدىئىي زوق، بەدىئىي ئۇچۇرلارنى بېرىپ كەلگەنىدى. مەن سۆزلەپ بەرمەكچى بولغان بۇ بىر قاتار ھادىسە-ۋەقەلەر، رىۋايەت-چۆچەك ياكى توقۇلما ھېكايە ئەمەس، بەلكى زېمىندا راست بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ خاتىرىسى بىر ئوۋچى دوستۇمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرنىڭ ئىزناسى.

            2

    1962-يىلى 5-ئايدا مەن يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات خىزمەت خادىمى سۈپىتىدە ئونسو ناھىيىسىنىڭ بوزدۆڭ چارۋىچىلىق تاغلىق يېزىسىغا كەلدىم. يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ (ئۇ چاغلاردا گۇڭشې ياكى كوممۇنا دېيىلەتتى) ئىش تەقسىماتى بىلەن بايلىق ئاتا كەنتىگە چۈشتۈم. بۇ كەنت−ئاقبۇلاق كەنتىنىڭ شىمالىدا، تەڭرىتېغىنىڭ غەربىي جەنۇبى ئېتىكىدىكى، شىمالدىن جەنۇبقا پەسلەپ سوزۇلغان تۇپرىقى مۇنبەت، سۇلىرى ئەلۋەك، ئوت-چۆپلىرى مول خىلۋەت بىر جىلغا ئىچىگە جايلاشقان، ئاھالىسى شالاڭراق بىر كەنت ئىدى.
    كەنتنىڭ مەنزىرىسى تولىمۇ گۈزەل ئىدى. شىمالدا ئاپئاق قۇياش نۇرىدا ئالماستەك چاقناپ تۇرغان قارمۇزلار بىلەن قاپلانغان گىگانت چوققىلار، ئويغا پاتقان بوۋايدەك تۆۋەنگە سۆلەت بىلەن نەزەر تاشلاپ تۇرىدۇ. ئېتىكى شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان ياپيېشىل مەخمەل ئوتلار بىلەن قاپلانغان ئېگىز-پەس ئېدىر-تاغلىق، قارىغايزارلىق يايلاق، ئۇنىڭ ئاخىرىسى شەرق، غەرب، جەنۇب تەرەپلىرى تاقىر تاشلىق ياكى ئۇششاق شېغىل تاشلىق ئارىلاش بوز توپىلىق تاغلىقلار «كۈزلەك» دېيىشىدىغان پۈرمە تاغلار. بايلىق ئاتا ئەنە شۇ تاغلارنىڭ قىسىلچىقىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىر گۈزەل ۋادا ئىدى. كەنتنىڭ گۈزەللىكىگە تەڭرىتاغنىڭ «چېچەكلىك» يايلىقى ئۈستىدىكى مۇزلۇقلاردىن ئېقىپ كېلىدىغان «بۇرۇلتاي» ئېقىنى بىر تال كۈمۈش يىپتەك ئەگرى-بۈگرى سوزۇلۇپ، بايلىق ئاتا كەنتىنى ئىككىگە بۆلگەن ھالدا شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ، جەنۇبتىكى قاقاس تاغلىق «ئاچچىق» جىلغىسىغا بۆسۈپ كىرىپ، قۇملۇقلارغا سىڭىپ كېتەتتى. تاغنىڭ بىرەر ئېگىز چوققىسىغا چىقىپ پەسكە نەزەر سالىدىغان بولسىڭىز، ئايھاي. . . ! يۈرىكىڭىز خۇشاللىقتىن يايراپ كېتىدۇ. كۆز ئالدىڭىزدا رەڭدار گىلەمدەك بىر گۈزەل مەنزىرە−ياپيېشىل ئورمان، رەڭدار ئېچىلغان گۈللەر، ئېتىزلارغا لىققىدە تولغان ئاشلىق، زىرائەتلەر نامايان بولىدۇ. شىمالدىن ئەسكەن مەيىن تاغ شامىلى، يايلاقتىكى دورىلىق ئۆسۈملۈكلەر، گۈللەرنىڭ خۇش ھىدلىرىنى دىماغلارغا ئۇرۇپ، يۈزىڭىزنى يۇمشاق سىلاپ جەنۇبقا، يىراق-يىراقلارغا لەرزان ئۇچۇپ كېتىدۇ.
    بىر ئايدىن كېيىن مەن ئادەملىرى خۇشخۇي، ئويۇنپەرەس، ئىشچان، تۇرمۇشى باياشات بۇ كەنتكە ئوڭايلا ئۆزلىشىپ كەتتىم. كۆپلىگەن ياشلار ۋە قېرى-چۆرىلەر مېنىڭ ياخشى دوست-سىرداشلىرىم بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە مېنىڭ ئەڭ ياخشى دوستۇم بولۇپ قالغان، ھېلىمۇ ھايات ياشاۋاتقان، ئىزدىشىپ تۇرىدىغان بوزدۆڭ چارۋىچىلىق تاغلىق يېزىسىدا داڭقى كەتكەن ئوۋچى، مەردلىكى، تۇتاملىقلىقى، قەيسەرلىكى بىلەن تاغ ئاھالىلىرى ئارىسىدا ئابرۇيى چوڭ ئابدۇرېشىت ئاتا ۋە ئۇنىڭ مەندە قالدۇرغان ياخشى تەسىرى، رىۋايەت تۈسىنى ئالغان كەچمىشلىرى ئېسىمدىن زادى كەتمەيدۇ.
    مەن تونۇشقان چاغدىكى ئابدۇرېشىت ئاكىنىڭ قورۇسى كەنت بېشىدىكى بىر پىچانزار ئوتلاقنىڭ قېشىدا، ئىككى قەۋەت بىنا ئېگىزلىكىدىكى ناھايىتى زور بىر بوز رەڭلىك قورام تاشنىڭ تۈۋىدە ئىكەن. تېمىنىڭ ئارقىسى ئاشۇ قورام تاشقا ياندىشىپ تۇراتتى. قورام تاشنىڭ ئوتتۇرىسى كىچىكرەك ئۆڭكۈر بولۇپ، ئابدۇرېشىتكام ئۈچۈن ئېغىل-قوتان ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىكەن. قورام تاشنىڭ ئارقىسىدىن يامىشىپ ئۈستىگە چىققىنىڭىزدا بايلىق ئاتا ۋە تۆۋەندىكى ئاقبۇلاق كەنتلىرىنىڭ گۈزەل قىياپىتى كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ. ئاشۇ زېمىن ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن كىچىككىنە بىر قۇش ياكى يەردە ئۆمىلەپ يۈرگەن ھايۋانات-ئادەملەرگىچىلىك نەزىرىڭىزدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. شىمالدىن ئېقىپ كەلگەن بۇرۇلتاي دەرياسى دەل ئاشۇ قورام تاشنىڭ بىر چېتىگە سوقۇلۇپ، ياندىغىنىچە ئاپئاق بۇزغۇنلارنى چاچرىتىپ نېرىغا بۇرۇلۇپ كېتىدۇ.
    ئابدۇرېشىت ئاكا بەكمۇ ئەقىللىق ئادەم ئىدى. چوڭ ئائىلىدىن بۆلۈنۈپ چىققاندا ئىلگىرى ھېچكىممۇ ئۆي سېلىشنى ئويلاشمىغان، تاشلىنىپ قالغان ئاشۇ قورام تاش تۈۋى، خۇشبۇي پىچانزارلىقنى تاللاپ، قورۇ سېلىۋالغان ۋە كۆچۈپ بېرىپ كېيىنكى ھاياتىنى شۇ قورۇدا ئۆتكۈزگەن. ئابدۇرېشىت ئاكا شۇ كەنتتىكى ئابدۇۋايىت بوۋاينىڭ (كېيىنكى يىللاردا قازا قىلىپ كەتكەن) ئوغلى ئىدى. ئۇ كىشىنىڭ ئىككىلا ئوغلى بولۇپ، چوڭى ئابدۇرېشىت ئاكا، شۇ چاغلاردا 35 ياشلاردا ئىدى. كىچىكى خېلىل ۋايىت، 26 ياشلاردا، بايلىق ئاتا ئاقبۇلاق كەنتلىرىنىڭ پارتىيە ياچېيكا سېكرىتارى ئىدى. ئابدۇۋايىت بوۋاي ياشلىقىدا ئوۋغا قىزىقىدىغان كىشى بولسىمۇ، كېيىن بۇ ھەۋەسنى تاشلىۋەتكەن. كېيىنچە چوڭ ئائىلە ئۇلارغا كىچىكلىك قىلىپ، ئابدۇرېشىت ئاكا بۆلۈنۈپ چىقىقىپ كەتكەن. ئابدۇرېشىت ئاكا ئوتتۇرا بوي، كەڭ گەۋدىلىك، ئېگىز تاغلارغا تولا چىقىپ-چۈشۈپ تۇرغانلىقتىن سەل دۈمچىيىپ ماڭىدىغان بولۇپ قالغان. چىرايى مىس رەڭلىك، كۆك كۆز، يۈزلىرىدە سۇيۇق چېچەك داغلىرى بار، كەمسۆز، چىداملىق بىر ئادەم ئىدى.
    بىز دوستلىشىپ قالدۇق. كېيىن ئۇنىڭ ئوۋچىلىق ئىشلىرىغا قىزىقىپ قالدىم. ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بىرنەچچە قېتىملىق ئوۋ پائالىيەتلىرىگە ھەمراھ بولۇپ قاتناشتىم. بۇ ئىشلار ھېلىغىچە گۈزەل سۈرەتتەك ئېسىمدە تۇرماقتا.
    بىر كۈنى ئۇ مېنى ئۆيىگە مېھمانغا تەكلىپ قىلدى. ئەلۋەتتە بۇ مېھماندارچىلىقتا كەنتنىڭ ئابرۇيلىق قېرى-چۆرىلىرى، كەسىپداشلىرى، ۋەزىپىدار خىزمەتچىلىرى، كۆڭلى يەتكەن يارۇ-بۇرادەرلىرىمۇ بار ئىدى. تاغلىقلار ھويلا-ئارام، مېھمانخانا ئۆيلىرىنى يوغان سالىدۇ. كېچىكىپرەك بېرىپتىمەن. دەرۋازا تۈۋىدە 25-30 چە ئىگەرتوقۇقلۇق ئاتلار قوزۇقلۇق لىم ياغاچلارغا قاڭتۇرۇلۇپ قويۇلۇپتۇ. بۇ قورۇغا تۇنجى كىرىشىم ئىدى. قورغان شەكلىنى ئالغان بۇ ئازادە قورۇ ماڭا بەك گۈزەل تۇيۇلدى. مېھمانلار بىلەن كۆرۈشۈپ تېگىشلىك ئورۇندا ئولتۇردۇم. تاغلىقلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ رام-روجەكلىرى تولىمۇ كىچىك، ئۆي ئىچى قاراڭغۇراق، دەرھال كىرگەندە كۆزلەر تورلىشىپ قالاتتى. كۆزۈم ئۆي ئىچى يورۇقلۇقىغا كۆنگەندىن كېيىن، مېھمانلارنى ۋە ئۆي ئىچىنى كۆزەتتىم. كۆزۈم ئاخىرىدا «تۆر» دەپ ئاتىلىدىغان ئابرۇيلىق ئورۇننىڭ قېشىدىلا تۆت ئەتراپى شادىلىنىپ توسۇلغان قېلىن كۆرپىلەر سېلىنغان غالتەك ئىچىدە ياتقان بىر ئىتقا چۈشتىدە، ھەيرانلىقتىن تۇرۇپلا قالدىم. «بۇ نېمە ئىش ئەمدى؟ مۇسۇلمانلارنىڭ ئادىتىدە يوق بىر ئاجايىباتقۇ بۇ! بىر قوتۇر ئىتنى كۆرپە سېلىپ ئەتىۋارلاپ، مېھمانلار قاتارىدا داستىخان ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇش!. . . »
    ھەقىقەتەن ئۇ قېرىپ تۈكلىرى چۈشۈشكە باشلىغان، كۆزلىرىنى چاپاق بېسىپ ئىككى جاۋغاي، كالپۇكلىرى ساڭگىلاپ كەتكەن، جاۋغايلىرىدىن شۆلگەيلىرى ئېقىپ تۇرىدىغان، ئورۇق، رەزگى، كاردىن چىققان بىر ناكا قېرى ئىت ئىدى. رەڭگى ئاق-قارا، ئالا-بۇلىماچ تايغان نەسلىدىن ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرغان بۇ قېرى ئىت ئۆزىگە قونغان چىۋىندىنمۇ قوغدىنىشقا مادارى يوق ھالدا ئېڭىكىنى جۈپلىۋالغان ئالدى قوللىرىغا قويۇپ كۆزىنىمۇ ئاچماستىن پۇشۇلداپ ياتاتتى. ماڭا ئۇنىڭ ساناقلىق كۈنلىرى قالغاندەك بىلىندى. ئورنۇمدا ئولتۇرغىنىمچە ھەيرەتكە چۆمدۈم. كۆپىنچىسى تاغلىقلاردىن بولغان مېھمان جامائەتتە بولسا، بۇ ھالغا ھېچقانداق ئەجەبلىنىش، نارازىلىق، يىرگىنىش ئىپادىلىرى يوق. گويا بۇ ئۆز تۇرمۇشلىرىدا ئادەتلەنگەن ئىشتەك ئىتقا نەزەرمۇ سالماي كۆڭۈللۈك پاراڭلىرىنى سېلىشىپ ئولتۇرۇشاتتى.
    قوللارغا سۇ بېرىلىپ، داستىخانلار سېلىندى. ئەپسۇسكى، تۇنجى تاماق ئىنسانغا مېھمانلارغا تارتىلماي، ھېلىقى ئىتقا تارتىلدى. كېيىك-مارالنىڭ لوق يەرلىرىدىن قىيما قىلىنىپ خام پېتى كەلتۈرۈلگەن بىر لېگەن گۆش ئىتنىڭ ئالدىغا قويۇلدى. تېخى پۇراش سەزگۈسىنى يوقاتمىغان، گۆشنىڭ ھىدىنى ئالغان ئىت كۆزىنى قىيا ئېچىپ لېگەنگە نەزەر سالدى-دە، بىرئاز جانلاندى. زەئىپ ھەرىكەتلىرى بىلەن ئالدى قوللىرىدا ئۆرە بولۇپ، گۆشكە ئېغىز تېگىشكە باشلىدى. كەينىدىن مېھمانلارغا لېگەن-تاۋاقلاردا ھورى چىقىپ تۇرغان كېيىك، جەزەن، تاغ تېكە، ئارقار گۆشلىرى، ئاپقۇرلاردا شورپىلار، ياغاچ كاساڭلاردا نارىن چۆپلەر تارتىلدى. مېھمانلار ھېچ ئىش يوقتەك تاماقلارغا تۇتۇش قىلىشقا باشلىدى.
    − مېھمان، ئىتقا قاراپ ئولتۇرۇپلا كەتتىلىغۇ؟ تاماققا باقسىلا!
    مېھمانلاردىن بىرسى كۈلگەن ھالدا ماڭا يۇمشاق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. بىر ئەندىكىپ تاماققا تۇتۇش قىلدىم. كەچتە تارقاشتۇق. كىشىلەر ئۇزاپ بولغاندىن كېيىن ئايرىلىپ قالدىم-دە، ئابدۇرېشىت ئاكىدىن ھەيرانلىقىمنى يوشۇرماي، ئىتقا بولغان ئىززەت-ھۆرمەتنىڭ سەۋەبلىرىنى سورىدىم. ئۇ راھەتلىنىپ-قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
    − تاماق يېمەي ئىتقا قاراپ قېتىپ قالغان ھالدا ئولتۇرۇپ كەتكەنلىكلىرىنى كۆرۈپلا خىياللىرىنى چۈشەنگەنىدىم. بۇ ئىشنىڭ جەريانى ئۇزۇن، بۈگۈن كەچ بولۇپ كەتتى. ئەتە ئوۋغا بارماي ئۆيدە دەم ئالىمەن. خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇۋېتىپلا كەلسىلە، سۆزلەپ بېرەي!−دېدى. ئەتىسى كەچكىچە ئىت ھەققىدىكى كەچمىشلەرنى ئاڭلىدىم.

    3

    ئۇ چاغلاردا چوڭ ئۆيىمىز كەنتنىڭ ئوتتۇرىسىدا، مۇنبەت تېرىلغۇ دالاسىنىڭ سول ياقىسىدىكى ھەيۋەتلىك بوراتاش (يەنى تاغ) تۈۋىدە، تولىمۇ يوغان قاپاق تېرەك سايە تاشلاپ تۇرغان زىرىقزارلىق، بىر تەرىپى بۇرۇلتاي ئېقىننىڭ يالىشى بىلەن پەيدا بولغان چوڭقۇر ساييار تۈۋىدە ئىدى. ئىنىم خېلىل ۋايىت كىچىك، ئاقبۇلاقتىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئاتلىق بېرىپ كېلىپ ئوقۇپ يۈرەتتى. مەن بولسام 15-16 ياشلىق بالا ئىدىم. مەكتەپتە ئوقۇماي، ئۆينىڭ، ئېتىز-ئېرىقنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ ياكى دادام ئابدۇۋايىت ئاخۇننىڭ ھەۋەسمەن ئوۋ ئىشلىرىغا قاتنىشىپ يۈرەتتىم.
    بىر كۈنى ئاخشىمى ئۇشتۇمتۇت ئاق-قارىسى گىرەلىشىپ كەتكەن بىر ئالا كۈچۈك ئىشىك ئالدىمىزدا پەيدا بولۇپ قالدى. ھەممىمىز كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ ئولتۇرۇشقانىدۇق. ئېچىنىشلىق غىڭشىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ، ئاكا-ئۇكا ئىككىمىز يۈگۈرگەن پېتى ئىشىك ئالدىغا چىقتۇق. ئۇ تايغان نەسلىدىن بولغان بەكمۇ كىچىك، ئەمدىلا كۆزى ئېچىلغان ئەركەك كۈچۈك ئىكەن. ئۈستۋېشى لاي، زەئىپ، ئاران دەسسەپ تۇراتتى. كۈچۈك ئاچ قالغان، ئۆلۈپ قېلىشتىن بەك قورقۇپ كەتسە كېرەك، دىرىلدەپ تىترەپ، تىنماي ئېچىنىشلىق غىڭشىپ تۇراتتى. ئاڭغىچە ھەممە ئىشقا قىزىقىپ باش تىقىپ باقىدىغان دادام، مېھرىبان ئانام زورىخانمۇ ئىشىك ئالدىغا چىقىشتى-دە، كۈچۈككە نەزەر سېلىشتى. توۋا! ئانام چىققاندىن كېيىن كۈچۈك كىچىك، ئوماق پاچاقلىرىنى ئاران يۆتكىگەن ھالدا، مىسىقلاپ يۈرۈپ ئانامنىڭ قېشىغا كەلدىدە، پۇتىنى پۇراشقا باشلىدى. يىغلىغاندەك ئېچىنىشلىق غىڭشىپ كەتتى. ھەممىمىز بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ ھەيران بولدۇق. «ئانامنىڭ مېھرىبانلىقىنى بۇ كۈچۈك قانداق بىلگەندۇ!؟» ئانامنىڭ ئىچى ئاغرىپ كۈچۈكنى سىلاپ-سىيپاپ قويدى. كۈچۈك تېخىمۇ ئېچىنىشلىق غىڭشىپ كەتتى.
    − بىچارە كۈچۈكنىڭ بېشىغا نېمە كۈلپەتلەر كەلگەندۇ؟−دېدى ئانامدەك دىلى يۇمشاق ئىنىم ئېچىنغان ھالدا. «ئانىسى ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ قېلىپ بېقىش تاپالماي قالغان كۈچۈك ئوخشايدۇ، لېكىن ئۇ بەكمۇ كىچىك، مۇشۇ ئەپتى بىلەن شۇنچە يىراقتىن بۇ قورۇنى قانداق تېپىپ كەلگەندۇ؟ بەلكى بۇ بىر ياخشىلىقنىڭ ئالامىتىدۇر، نېمىلا بولسا بولسۇن، بېقىپ قويساقمىكىن دەيمەن» دېدى كۈچۈككە ھېسداشلىق قىلىپ تۇرۇپ. دادامنىڭ دىلى قاتتىقراق ئادەم ئىدى.
    − بۇ، تۆۋەن مەھەللىدىكى راخمان قوماشنىڭ بالىلىرى ئاقبۇلاقتىن باقىمىز دەپ ئەكەلگەن كۈچۈك. ئەتىگەندە كىچىك ئوغلىنىڭ كۈچۈكنى ئوينىتىپ ئولتۇرغىنىنى ئىشىك ئالدىدا كۆرگەنىدىم. ئانىسىدىن ئايرىلمىغان كۈچۈكنى ئەكېلىپ نېمە قىلار ئىدى؟ راخمان قوماشمۇ بالىسىغا «كىچىك ئىكەن، ئەكەلگەن جايغا ئاپىرىۋەت!» دېگەندۇ تايىنلىق. بالىسى قىيالماي، بىزنىڭ تامنىڭ ئارقىسىغا تاشلاپ قويۇپ قاچقان گەپ. ئۆيدە ئىككى ئىت تۇرسا! بۇنى بېقىپ نېمە قىلىمىز؟ ئاچىقىپ تاشلىۋەت!
    دادامنىڭ پەرەزلىرى ئورۇنلۇق ئىدى. شۇنداقتىمۇ كىچىككىنە بىر كىچىك جان ئېچىنىشلىق ھالدا ياردەمگە موھتاج بولۇپ تۇرسا، تاش يۈرەكلىك قىلىپ قانداقمۇ تاشلىۋەتكىلى بولىدۇ؟ ئانامنىڭ كۆڭلى قىيمىدى، گەپ قىلمايلا كۈچۈكنى كۆتۈرۈپ تېخى چوغلىرى ئۆچمىگەن ئوچاقنىڭ ئالدىغا قويدى. داداممۇ گەپ قىلالمىدى. ئۈستۋېشى لاي، قورساقلىرى تارتىلىپ تىترەپ تۇرغان كۈچۈكنىڭ ئىسسىق ئۆتكەندىن كېيىن دىرىلدەشلىرى، ئادەمنى بىزار قىلىدىغان غىڭشىشلىرىمۇ توختىدى. ئانام ئۆيگە كىرىپ بىر قاچىغا يېڭى ساققان سۈتتىن قۇيۇپ كۈچۈكنىڭ ئالدىغا قويدى-دە، بېشىنى سۈتكە تىقتى. ئېچىرقاپ كەتكەن كۈچۈك شالاپشىتىپ ئىچىشكە باشلىدى. قانائەت قىلماي ئىتلىق ئادىتىنى قىلىپ قاچىنى تارتىشقا باشلىۋىدى، ئانام ئۆرۈلۈپ كەتمىسۇن دەپ قاچىنىڭ بىر چېتىدىن چىڭ تۇتۇۋالدى. ئاچچىقىنى كۆرمەمدىغان، كۈچۈك قاچىنى تارتىۋېلىپ «مۇستەقىل، ئۆزى خالىغانچە قىلىقلار بىلەن ئىچىش» ئۈچۈن، ئانامدىن ھەدەپ قاچىنى تالىشاتتى. قورسىقى تويۇشقا باشلىغاندا تېخى خىرىس قىلىپ خىرىلداپ ئىنچىكە ئاۋاز بىلەن ھاۋشىۋەتتى. ھەممىمىز كۈچۈكنىڭ قىلىقلىرىغا مەستلىكىمىز كېلىپ كۈلۈشۈپ كەتتۇق. داداممۇ كۈلۈپ كېتىپ:
    − ئىنتايىن زېرەك، يامان، يۈزسىز ئىت بولىدىكەن بۇ!−دېدىيۇ، ئانام ۋە بىزنىڭ كۆڭلىمىزدىكى كۈچۈكنى بېقىۋېلىش ئارزۇيىمىزنىڭ كۈچلۈكلىكىنى بايقاپ ئارتۇقچە گەپ قىلالمىدى. ئۇ ھېچ ۋاقىتتا ئانامنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتقان ئەمەس ئىدى.
    قارنى تويغان كۈچۈك ئىسسىق جان كىرگەندىن كېيىن، بىردىنلا كۈچۈكلۈك قىياپىتى بىلەن كىچىككىنە قۇيرۇقىنى «گىدىك-گىدىك» ئويناقشىتىپ، ھاۋشۇپ بىز بىلەن ئوينىشىشقا باشلىدى. تۇم قارا، گۈدەكلىكى چىقىپ تۇرغان ئوماق كۆزلىرىدىن خۇشاللىق نۇرلىرى چاقناپ تۇراتتى. مەن بىر يەردىن خەشەك تېپىپ كېلىپ، لايلىرىنى قىرىپ، ئۇۋۇلاپ تازىلىدىم. كۈچۈككە باشقىدىن سىن كىردى، شۇنداق قىلىپ كۈچۈكنى بېقىۋالىدىغان بولدۇق. بۈگۈنچە ئۇنىڭغا ئۇۋا ياساپ ئۈلگۈرتەلمەي، دەرۋازا تۈۋىدىكى ياغاچ كاتنىڭ ئاستىغا ئورۇن راسلاپ بەردۇق. تۈن كېچە تاتلىق ئۇيقۇدا ياتساق كۈچۈكنىڭ ئاچچىق قاۋاشلىرى، ئارقىدىكى كاتەكلەردىن توخۇلارنىڭ ۋەھىمىلىك قاقاقلاشلىرى ئاڭلاندى. دادام، مەن چاچراپ ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ھويلىغا چىقتۇق. بۇ چاغدا ئىككىلا ئىتىمىز يايلاقتا−مالنىڭ قېشىدا كۆزەتتە ئىدى. ئارقىغا ئۆتۈپ توخۇلار ئېغىلىغا كىرىپ ئاجايىپ بىر ئىشقا كۆزىمىز چۈشتى. يوغان بىر چىشى تۈلكە شورا تۈۋىگە قويۇلغان قاپقانغا پاتاڭدىنلا بېسىلىپ قاپتۇ. كۈچۈك بولسا خۇددى كاداڭ ئوۋچى ئىتلاردەك تۈلكىنىڭ قۇيرۇقىنىڭ ئۇچىنى چىشلەپ غەزەپ بىلەن بۇلغۇشلاپ تۇرۇپتۇ. قورقۇپ كەتكەن توخۇلار قاقاقلاپ پالاقشىپ ئۇيان-بۇيان قېچىشىپ يۈرۈپتۇ. ئەھۋال ئېنىق بولدى. ئەتراپتا تۈلكە جىق ئىدى. قاپقاندىكى ئانا تۈلكە ئېغىلىمىزغا ئۆگىنىۋالغان، كۆپ قېتىم ئوغرىلىقچە كېلىپ، كۆپلىگەن توخۇ-چۆجىلىرىمىزنى ئوغرىلاپ كېتىپ ئارام بەرمىگەنىدى. قاپقان قويساقمۇ زادىلا دەسسمىگەن. توخۇلارغا تېگىش قىلغىلى كەلگەن تۈلكىنىڭ تىۋىشىنى ئالغان كۈچۈك، كىچىك ۋە ئاجىزلىقىغا قارىماي جاسارەت بىلەن دەرۋازا تۈۋى ھەم ئېغىل ئارىلىقىدىكى 12 مېتىر مۇساپىنى بېسىپ، تۈلكىگە «خىرىس» قىلغان. تۇيۇقسىز تۇرغان تۈلكە قورقۇپ كېتىپ، ئۆزىنى شورىغا ئاتقان-دە، قاپقانغا بېسىلغان. كۈچۈك كېلىپ تۈلكىنىڭ قۇيرۇقىنى كىچىككىنە ئېغىزى، يىڭنىدەك ئۇششاق چىشلىرى بىلەن قاساپ «تۇتۇپ تۇرغان». مۇشۇ كەچتە بىرمۇ توخۇ چىقىم بولماپتۇ.
    − سۈت ئاچىق!−دەپ بۇيرۇدى باغرى قاتتىق دادامنىڭ بىردىنلا دىلى يۇمشىغان ھالدا ئىنىمنى بۇيرۇپ.
    − سۈتكە كۆنەلگە سېلىۋەتكەن، ئىچەرمۇ؟
    − تېخى ئۇيۇغىچە بولمىدى، ئىچىدۇ.
    ئىنىم سۈتنى ئاچىقىپ كۈچۈكنىڭ ئالدىغا قويۇپ قاچىنى تۇتۇپ تۇردى. كۈچۈك دۇنياغا كۆز ئېچىپلا، ئۆز ئەجرىسى بەدىلىگە كەلگەن بۇ مۇكاپاتنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى. كىشىنىڭ مەستلىكىنى قوزغايدىغان چىمچىلاقتەك ئوماق قۇيرۇقىنى ئويناقشىتىپ پۇتلىرىنى كىرىپ، تۇمشۇقىنى سۈتكە پاتۇرۇپ ئىچىشكە باشلىدى. تۇرۇپ-تۇرۇپ «قاچىنى قويۇۋەت! نېرى تۇر! مۇستەقىل ئىچىمەن!» دېگەندەك ئىتلىق ئادىتى بويىچە قىزغىنىپ خىرىلداپ كالتە-كالتە قاۋاپ قويىدۇ. سۈتنىڭ يېرىمىنى ئىچىپ بولدى. قورسىقى تويدى بولغاي، ئەيمەنمەيلا ئارقا پۇتىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ قاچىغا، يېرىم قالغان سۈتنىڭ ئۈستىگە «كوركىرىتىپ» سىيىپ تاشلىدى-دە، ئاندىن قېشىمىزغا كېلىپ ئويناقلاشقا باشلىدى. باشقا ۋاقىت، باشقا ئىت بولسا، بۇ قىلىقى ئۈچۈن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلەتتى. ئەمما بىز ئۇنداق قىلمىدۇق. كۈچۈككە ئازار بېرىش خىيالىمىزدىمۇ يوق. ئۇنىڭ ئوماق قىلىقلىرىغا زوقىمىز تېشىپ، ھەيران بولغان ھالدا تۇرۇپ قالدۇق. قولىدا چىراغ تۇتۇپ قاراپ تۇرغان داداممۇ ئۇشتۇمتۇت كۈلۈپ كەتتى.
    − بەك زېرەك كۈچۈك ئىكەن!−دېدى ئۇ، كۈچۈكنى پۇتىدا ئەركىلىتىپ تۇرۇپ، بىر بولسا ناھايىتى سادىق، ۋاپادار ئىت چىقىدۇ. بىر بولسا ئىنتايىن يامان، ھازازۇل، ئىگىسىنى ئالىدىغان ئىت چىقىدۇ.
    − ياق!−دېدىم مەن دادامنىڭ سۆزىگە قوشۇلماي، ئۇ چوقۇم ئىنتايىن ئەقىللىق، جاسارەتلىك، سادىق-ۋاپادار ئىت چىقىدۇ. كۆرمىدىڭىزمۇ ئۇنىڭ قىلىقىنى؟ يېڭى كۆزى ئېچىلغان بىر سۈت ئەممە كۈچۈك تۇرۇپ، بېشىغا كۈن كەلگەندە قۇتقۇزۇپ قالغۇچىلار ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، خىزمەت كۆرسەتكىنىنى! ھالىغا باقماي توخۇلىرىمىزنى مۇھاپىزەت قىلىپ، ئۆزىدەك ئون ھەسسە چوڭ كېلىدىغان بىر كاداڭ تۈلكىنى قاپقانغا دەسسەتكىنىنى، يەنە تېخى. . .
    دادام تۈلكىنى دەرھال تۇلۇمچىلاپ سويۇپ، تېرىسىنى شوردا ئاشلاپ، ئاندىن ھويلىدىكى ئاچىغا ئېسىۋەتتى. ئەتىسى ئۆرۈپ، ئىچىگە سامان تىقىۋېتىشنى بۇيرۇدى.
    − كەم دېگەندىمۇ 100 سومغا يارايدۇ!−دېدى دادام خۇشال بولۇپ،−گۆشىنى تۇزلاپ ئېسىپ قويۇڭلا، ئەتە مەن يايلاققا ئېلىپ چىقىپ ئىتلارغا بېرىۋېتەي!
    كېلىپلا خىزمەت كۆرسەتكىنى ئۈچۈن ئۇنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆيىمىزنىڭ بوسۇغا تۈۋىگە كېسەك بىلەن جاي راسلاپ، يۇمشاق ئارپا پاخىلى سېلىپ بەردۇق-دە، يېتىپ قالدۇق.
    كۈچۈككە مېھرىمىز چۈشۈپ قالغانىدى. قايسىمىز نېمە تېپىپ كەلسەك بېرىپ، ياخشى قارىدۇق. ئاناممۇ ئۇنى قوي گۆشلىرىنىڭ مايسىز يەرلىرىدىن قىيما قىلىپ بېرىپ ياكى سۈت بىلەن بەك ئوبدان باقتى. شۇنداق قىلىپ كۈچۈك بىزدە قالدى. بىزگە شۇنداق ياخشى ئۆگىنىپ كەتتى. كىچىكلىكىگە باقماي كۆزەتچىلىكنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تىرىشىپ ئادا قىلىدىغان بولدى. تۈلكىلەرنىڭمۇ قەدىمى كېسىلدى. توخۇلارمۇ خاتىرجەم بولۇپ، تۇخۇم، چۆجىلەرمۇ ئاينىپ قالدى. ئىككى ھەپتىلىك بولغاندا سەمرىپ، يوغىناپ تۈكلىرى پارقىراپ، ئادەمنىڭ زوقى كەلگۈدەك، قومۇشقۇلاق بىر تايغان كۈچۈككە ئايلىنىشقا باشلىدى. ئاۋازىمۇ كۆتۈرۈلۈپ چىقىدىغان بولدى. كۈچۈك بىزگە كۆپ خاتىرجەملىك، خۇشاللىق بېغىشلىغانىدى. كۈچۈك ھەققىدىكى پاراڭلار مەھەللىنىڭ يىراق-يېقىنلىرىغا تارقالدى. كىشىلەر قىزىقىپ كۈچۈككە ئاپىرىن ئوقۇشتى. ھەتتا بەزىلەر ئاتايىن كېلىپ كۆرۈپ كېتىدىغان بولۇشتى. بالىلار بەك بىئارام قىلىۋېتىدىغان، ئىشىك ئالدىغا توپلىشىۋېلىپ «تۈلكە تۇتقان كۈچۈك ئاشۇ ئىكەن!» دېيىشىپ، كۈچۈكنى ئوينىتىپ بېقىشقا ئۇرۇنىدىغان بولۇشتى. بىز ھەر تەرەپتە ئۆز ئىشىمىز بىلەن. ئانام كىم، قاچان بۇ كۈچۈكنى ئېلىپ قېچىپ كېتەركىن دەپ غەم-غۇسسىدە ئولتۇراتتى. ھەتتا راخمان قوماچنىڭ بالىسى «كۈچۈك مېنىڭ ئىدى» دەپ داۋا قىلىپمۇ باقتى. «ئۇنى تاشلىۋېتىپتىكەنسەن، ئىشىكىمىزگە ئۆزى كەلدى، بېقىپ مۇنچىلىك قىلدۇق» دەپ سەۋەب كۆرسىتىپ بەرمىدۇق.
    گۈلنىڭ تىكىنى بار دېگەندەك، بىر ئايدىن كېيىن باشقا بىر ئىش يۈز بەردى.
    بىر كۈنى باينىڭ قاراباغ تەرەپتىن، دادامنىڭ شىرەم بىر تۇغقىنى مېھمان بولۇپ كەلدى-دە، بىرقانچە كۈن تۇرۇپ قالدى. ئۇ گەپدان، جىن-شەيتان، غەلىتە ئىشلار ھەققىدە بىمەنە گەپنى كۆپ قىلىدىغان ئادەم ئىدى. كۈچۈكنىڭ كېلىش تارىخىنى بىلگەندىن كېيىن كۈچۈكنى يېنىشلاپ كۆردى-دە، ۋەھىمىلىك چىرايى بىلەن:
    − ھىم، ئابدۇۋايىتئاخۇن، بۇ كۈچۈكنىڭ ئىشىك ئالدىغا كېلىشى، رەڭگىنىڭ ئالىبۇلماچ بولۇشى ياخشىلىقتىن ئەمەس. ئۆتكەن ئىشلار بىر سەۋەب. لېكىن بۇ كۈچۈكتىن ئاقىۋەت سىلىنىڭ ئۆيگە بىر بەختسىزلىك كېلىپ قېلىشى مۇمكىن. پەخەس بولسىلا جۇمۇ! بولسا بۈگۈنلا كۆزدىن يوقاتسىلا!−دېدى.
    ئۇنىڭ گېپى ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىۋەتتى. لېكىن ھېچبىرىمىز، ھەتتا بۇ ئادەمگە چوڭقۇر ئىخلاس قىلىدىغان داداممۇ ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئىشىنىپ كەتمىدۇق.
    − قېنى كۆرۈپ باقارمىز!−دەپ كالتىلا جاۋاب بەردى دادام.
    ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا يايلاقتىكى ماللىرىمىزغا بۆرە تېگىپ، بىر كېچىدىلا ئوتتۇزدىن ئارتۇق قوي-قوزىنى بوغۇۋەتتى. ئىگىلىكىمىزنىڭ بەشتىن بىر قىسمى ۋەيران بولدى، دېگەن سۆز. ئارقىسىدىنلا بورتاغنىڭ ئېگىز چوققىسىغا چۈشكەن چاقماق تاغنىڭ بىر قىسمىنى پاچاقلاپ چېچىلغان چاچ دۆۋىلىرى گۈلدۈرلەپ كېلىپ ئۆيىمىزنى بېسىپ ۋەيران قىلغىلى تاس قالدى. ئەگەر بىقىنىمىزدا چوڭقۇر جىلغا بولمىغان بولسا ئۆيىمىز تاش دۆۋىسى ئاستىدا قېلىپ مىجىلىپ تۈگىشەركەنمىز. نەچچە كۈنگىچە تاش دۆۋىلىرىنى جىلغىغا تاشلاپ تازىلاپ، ئىگىلىكىمىزنى ئاران ساقلاپ قالدۇق. ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتە-ئۆتمەيلا، دادام يايلاقتىن كېلىۋېتىپ تاغ ئېغىزىغا كەلگەندە ئات تاشقا پۇتلىشىپ مۈدۈرۈپ كېتىپ، ئىگەردىن ئاجرىغىنىچە جىلغىغا دومىلاپ چۈشۈپ كېتىپتۇ. بىر تۈپ قارىغاچقا توسۇلۇپ قالمىغان بولسا، كېيىنكىسىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئىدى. دادامنىڭ بىلەكلىرى سۈرۈلۈپ سول قولىنىڭ بېغىشىنىڭ تومۇرى چۆچۈپ كېتىپتۇ. ئىششىپ كەتكەن قولىغا تۇخۇم چىقىپ تېڭىپ قويدۇق. چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن دادامنىڭ خۇراپى كەيپى قوزغالدى.
    − مەن دېمىدىممۇ!−دېدى ئۇ نارازى قىياپەتتە، بىر بولسا ياخشى ئىت چىقىدۇ، بىر بولسا بالا-قازالىق ئەسكى ئىت چىقىدۇ، دەپ. قاراباغرىكى سايىمئاخۇنمۇ خاتا كۆرمىگەن. ئۇ دېگەن بەش نامازنى تەرك قىلمايدىغان، بەزى بېشارەتلەرنى ئالدىن كۆرەلەيدىغان مۇنەججىم بىر ئادەم. كۈچۈكنى بۈگۈنلا كۆزدىن يوقاتقىن! ئۆلتۈرۈۋەت ياكى يىراق بىر يەرگە ئاپىرىپ تاشلاپ كەل!
    بېشىمدىن بىر قاپاق سۇ قۇيغاندەك شۈركىنىپ كەتتىم. چۈنكى كۈچۈككە بەكمۇ ئۆگىنىپ كېتىۋېدىم، كۈچۈكمۇ ئۆيدىكىلەرگە، بولۇپمۇ ماڭا ھېرىس بولۇپ كەتكەنىدى. مەن كەلگۈسىدە ياخشى بىر ئوۋچى بولۇشنى، كۈچۈكنى ياخشى بىر ئوۋ ئىتى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ، ھەمراھ قىلىۋېلىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەنىدىم. دادامنىڭ دېگەنلىرى پۈتۈنلەي ھاماقەتلىك، بىر تىيىنگىمۇ ئەرزىمەيدىغان خۇراپىي قاراش ئىدى. چاقماق چۈشۈش ئەزەلدىن بار بولغان تەبىئەت ھادىسىسى. بىزنىڭ قېشىمىزغا چۈشمىسە، باشقا يەرگە چۈشۈپ تۇرىدۇ. قويلارغىمۇ بۆرە دېگەن تېگىپ تۇرىدۇ. ئۇ قورساق غېمىدە تەييارغا ھەييار بولۇپ يۈرگەن بىر يىرتقۇچ، ئۇنىڭدىن ھەر ۋاقىتتا ئىنسانغا ھەر بالا كېلىدۇ. دادامنىڭ ئاتتىن يىقىلىشى بولسا ئۆزىنىڭ دىققەتسىزلىكى، ئات ئۈستىدە مۈگدەپ قالغانلىقى، ئاتنىڭ پەمسىزلىكىدىن بولغان. بۇنىڭ كۈچۈك بىلەن نېمە ئالاقىسى؟ ئىچىم سىقىلىپ، گۇناھسىز كۈچۈكنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن دادامغا كۆپ يالۋۇردۇم. ئاناممۇ مەن تەرەپ بولۇپ كۆپ گەپلەرنى قىلدى. دادام بەك تەرسا، قاتتىق ئادەم، گېپىدىن زادىلا يانمايتتى. ئاچچىقلاپ كۈچۈكنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلماقچى بولدى. نېرىدا چۆجىلەر بىلەن بىر ئوبدان ئويناپ يۈرگەن گۇناھسىز كۈچۈكنىڭ گەجگىسىدىن كاپلا قىلىپ قىسىپ ئېگىز كۆتەرگىنىچە سىلكىدى. ھېچ ئىشتىن خەۋەرسىز بىچارە كۈچۈك بوينى ئاغرىپ ئېچىنىشلىق كاڭشىۋەتتى. قورقۇپ كەتكەنلىكتىن دادامنىڭ مۈرىسىگە سىيىپ تاشلىدى. غەزەپلەنگەن دادام كۈچۈكنى يەرگە ئاتتى. نارەسىدە كۈچۈك قېچىشنى بىلمەي، ئۆزىنى شۇنچە ئېزىزلاپ بېقىپ كەلگەن كىشىدىن كېلىۋاتقان بۇ خورلۇقنىڭ سەۋەبىنى ئۇقالماي توپىغا مىلىنىپ ياتاتتى. كۈچۈكنىڭ زارى يۈرىكىمنى تىلغاندەك بولدى. ئاڭغىچە دادام قورۇغا كىرىپ كېتىپ، يوغان پالتىنى كۆتۈرۈپ چىقتى. كۈچۈكنى شۇ يەردىلا ئۇجۇقتۇرماقچى بولدى. ئەمدى بولمىدى، ئانامغا «لاپپىدە» قارىدىم. ئۇ ئارىغا چۈشتى.
    − ھاي، ئابدۇۋايىتئاخۇن! ساراڭ بوللىمۇ؟ كىچىككىنە كۈچۈكتا نېمە گۇناھ؟ خالىمىسىلا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەي، ئابدۇرېشىتقا بۇيرۇپ يىراققا ئاپىرىپ تاشلىۋېتەيلى! ئىت بولسىمۇ ناھەق خۇن تۆكمەيلى! ماڭ بالام، ئاتنى توقى! ئۇنى يىراق بىر جايغا−تاغ ئىچىگە ئاپىرىپ، كۆزىنى باغلاپ تاشلىۋېتىپ كەل!−دېدى. ئانامنىڭ گېپىنى يىرالمايدىغان دادام:
    − ما، نىجىس، چاپاننى كاردىن چىقاردى. ئەمدى نېمە بىلەن ناماز ئوقۇيمەن؟ «ئىت سۈيدىكى شەيتان سۈيدىكى»،−دەپ غۇدۇڭشىدى ئۆيگە كىرىپ كېتىۋېتىپ.
    − باشقا چاپان تىكتۈرۈپ بېرەي،−دېدى ئانام ئاندىن ماڭا «تېز بول» دېگەندەك كۆز ئىشارىسى قىلدى. ئېغىلدىن ئاتنى توقۇپ چىقتىم، توپىغا مىلىنىپ ئىسكەتى بۇزۇلغان، شوخلۇقىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان، بىھۇدە ئازار يېگىنى ئۈچۈن شۈمشىيىپ يەرگە قاراپ تۇرغان كۈچۈكنى ئېچىنىش بىلەن ئاۋايلاپ تۇتۇپ، يەردىن ئالدىم. ئۇ ئاغرىنغان ئەلپازدا ماڭا قاراپمۇ، ئەركىلەپمۇ قويمىدى. بېشىنى ساڭگىلىتىپ تۇراتتى. كۈچۈكنى ئېغىلنىڭ ئۆگزىسىدىن تاپقان، قەدىمكى زامان ئۇسلۇبىدا توقۇلغان تاشلىۋەتكەن تۆشۈك چىغ سېۋەتكە سالدىم-دە، ئاتقا مىنىپ يۈرۈپ كەتتىم.
    *   *   *

    كۈچۈكنى ئۆلتۈرۈۋېتىشكە ياكى كۆزىنى باغلاپ يىراق تاغلار ئارىسىغا تاشلىۋېتىشكە زادى كۆزۈم قىيمىدى. ئۇنى قانداق ئۆلتۈرەلەيمەن؟ تاشلىۋەتسەم بۆرىلەر يەيدۇ ياكى ئاشلىقتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. كۈچۈك سېۋەت ئىچىدە تۇرۇپ ھەيرانلىق بىلەن مۆلدۈرلەپ تۇرغان قاپقارا كۆزلىرىنى ئۈمچەيتىپ، بېشىنى ئۈستۈن قىلىپ ماڭا پات-پات قاراپ قوياتتى. «مېنى نەگە ئېلىپ بارىسىز؟» دېگەندەك ئاجىزغىنە غىڭشىپ، ئەركىلەپ ئويناقشىپ قوياتتى. ئىچىم سىيرىلىپ كەتكەندەك بولدى. «ياق، ئۇنى چوقۇم ساقلاپ قالىمەن» خىيالىمغا چاقماقتەك بىر پىلان كەلدى. ئۆيىمىزنىڭ يېنىدىكى بىر تاغنىڭ ئارقىسىدا تۈگمەنچى بىر دوستۇم بار ئىدى. شۇنىڭكىگە يوشۇرۇپ قويماقچى بولدۇم. تۈگمەن پاراڭ-چۇرۇڭلۇق جاي بولغىنى بىلەن ئۇنىڭ چەتتىكى قورۇسى ئىنتايىن خىلۋەت يەردە ئىدى. دوستۇمغا كېلىش مەقسىتىمنى چۈشەندۈردۈم.
    − خاتىرجەم بولۇڭلار!−دېدى ئۇ،−چوقۇم ياخشى ئاسرايمەن. سىر ساقلايمەن، كېرەك بولغاندا قايتۇرۇپ بېرىمەن.
    بىر ھەپتە ئۆتۈپ دادام يايلاقتىن ناھايىتى خاپا قايتىپ كەلدى.
    − ھەي، كۆرمەمدىغان ماۋۇ بالاقازانى! يايلاقتىكى موزايلىق چوڭ ئىنەكنى ئېيىق يەپ كېتىپتۇ!−دېدى ئۇ ۋايساپ. ھەممىمىز دادامغا قاراپ قويدۇق. كۆڭلىمىزدە «كۈچۈكنى كۆزدىن يوقاتتۇق، ئەمدى بۇنى كىمگە دۆڭگەيمىز؟» دېگەن نارازىلىق سوئال ئىپادىلىرى بار ئىدى. كۈچۈك يوقىلىپ ئىچىمىز پۇشۇپ يۈرەتتى. ھەتتا داداممۇ ئېسىدە يوق بىر قېتىم «قېنى كۈچۈك؟ ماۋۇ جىگەرنى توغراپ. . . » دەپ سالدى-دە، دەرھال ئېسىگە ئېلىپ خىجالەت بولۇپ، ئۆيگە كىرىپ كەتكەنىدى.
    − دادا،−دېدىم تەنە ئارىلاش، بۇرۇن ۋە كېيىنمۇ، كۈچۈك كەلمەستىن بۇرۇنمۇ كەنتىمىزدە مەيلى بىز ياكى باشقىلاردا مۇشۇنداق كۆڭۈلسىزلىكلەرمۇ بولۇپ تۇرامتى؟
    − ھە، بولۇپ تۇراتتى. بۇ دېگەن تاغ تۇرسا، بولۇپ تۇرمامدىغان! بۇنى نېمىشقا سوراپ قالدىڭ؟
    − ئۆزۈمچە،−دېدىم ۋە كۈلۈپ سالماسلىق ئۈچۈن يانغا قارىۋالدىم.
    يەنە تۆت-بەش كۈن ئۆتۈپ، توخۇلارغا تۈلكە تەگدى. قاپقانغا دەسسىمىدى. بۇ تۈلكىمۇ بەك ھىيلىگەر ئىدى. بۇ ئەھۋال كۈندە تەكرارلىنىۋەردى. كۈچۈكنى سېغىنىشقا باشلىدۇق. داداممۇ بىر قېتىم ئىختىيارسىز: «كۈچۈكنى راستتىنلا ئۆلتۈرۈۋەتكەنمىدىڭ؟» دەپ سوراپ قالدى. «ھەئە!» دېگەندەك باش لىڭشىتتىم-دە، ئۈندىمىدىم. ئىچىمنى كۈلكە قاپلىۋالدى.
    ئون كۈنچە ئۆتۈپ ھويلىدا تاماق يەپ ئولتۇرساق دەرۋازا سىرتىدا كۈچۈكنىڭ قاۋىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. يۈرىكىم ئويناپ يۈگۈرۈپ چىقسام، ئاشۇ كۈچۈك! سەمرىپ تۈكلىرى پارقىراپ كېتىپتۇ. دېمەك، دوستۇم ياخشى قارىغان، لېكىن بوينىدا ئۈزۈلگەن تانا. ئۇ يەرگە كۆنەلمەي قېچىپ كەلگەن چېغى. ئۇ قىسىق كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ، كالتە قۇيرۇقىنى لىكاڭشىتىپ، ئەركىلەپ تۇراتتى. كەينىمدىن دادام باشلىق ھەممەيلەن يۈگۈرۈپ چىقىپتۇ. ئانامنىڭ خۇشاللىقتىن چىرايى ئېچىلىپ كېتىپتۇ. كۈچۈك ھەممىمىزگە ئەركىلەپ دادامغا كۆز قۇيرۇقىدا قاراپ-قاراپ قويۇپ، نېرى كەتتىدە، تېرەك تۈۋىدىكى ئوت-چۆپ ئۈستىدە سۇنايلىنىپ ياتتى. «ما كۈچۈكنىڭ ئەقىللىقلىقىنى، غۇرۇرى نېمىدېگەن يۇقىرى-ھە! ئىلگىرى دادامنىڭ ناھەق خورلاشلىرىنى كۆڭلىدىن چىقىرالماپتۇ-دە». ھەممىمىز كۈلۈپ تاشلىماسلىق ئۈچۈن لېۋىمىزنى ھىمىرىپ يەرگە قارىۋالدۇق. دادام بىر ھازاغىچە كۈچۈككە قاراپ تۇرۇپ كەتتى-دە، ئاندىن چىن كۆڭلىدىن زوقلىنىپ كۈلۈپ كەتتى.
    − يائاللا!−دېدى ئۇ پېشانىسىگە بىرنى ئۇرۇپ،−ئۆمرۈمدە ئۇچراتمىغان ئاجايىپ كۈچۈك بولدى بۇ! نېمىدېگەن ئەقىللىق، بۇ شۇمتەكنىڭ ئاداۋەت تۇتۇپ كەتكىنىنى قارىمامدىغان. . . دادام بىردىنلا ئۇنىڭ «گۇناھ»ىدىن ئۆتتى-دە، ھەممىمىزنى خۇشال قىلىپ «ئۇنى ئۆيگە ئېلىپ كىرىڭلار، باقايلى!» دېدى.

    4

    دادام يايلاققا ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا، ئۇ-بۇ ئىشلارغا. . . ئالدىراش. ئىنىم مەكتەپكە ئالدىراش، ئانام بولسا ئۆينىڭ ئاش-تاماق ۋە باشقا ئۇششاق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولغانلىقتىن كۈچۈككە قاراشقا چولىسى تەگمەي قالاتتى. كۈچۈكنى بېقىش، پەرۋىش قىلىش، ئەمەك بولۇش ئىشلىرى ماڭا قالدى. ئىنىممۇ پۈتۈنلەي چەتتە قالغىنى يوق، بۇنداق ئوماق، چېچەن كۈچۈكنى قانداقمۇ تاشلىۋېتەلىسۇن. ۋاقتى بولسىلا مەن يوق چاغلاردا كۈچۈككە ئەمەك بولۇپ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ يۈردى. شۇڭا كۈچۈكمۇ ئىنىمغا ئامراق ئىدى.
    كۈچۈكتىن ھەقىقەتەن ياخشى خەۋەر ئېلىشقا باشلىغانىدۇق. بىردەم بولسىمۇ قېشىمدىن ئايرىلمايتتى. قۇلىقىنى دىڭگايتىپ، قىسىق كۆزلىرىنى ئوينىتىپ، كالتە، ئىنچىكەكىچىككىنە قۇيرۇقىنى لىكاڭشىتىپ مايماقراق، كالتە، توم پاچاقلىرىنى يوغا-يوغان ئېلىپ چامداپ، ئارقامدىن ئەگىشىپ يۈرەتتى. كىپەك بارمۇ، موزاي بېشى بارمۇ، چاچقان ۋە باشقا ئەررەندە-پەرەندە بارمۇ كۆرسىلا ئوينىشاتتى ياكى ئېلىشىپ ئۇلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ چىشلىگەن پېتى ئالدىمغا ئەكېلىپ تاشلايتتى-دە، غەلىبىسىنى نامايان قىلغان ھالدا «توغرا قىپتىمەنمۇ؟» دېگەندەك يېقىملىق، دىغماق تۇمشۇقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ماڭا قارايتتى. لېكىن ئۇ توخۇ-چۆجىلەر بىلەن ئىناق، ئۇلارغا تەگمەيتتى. كۈلۈپ كېتىپ ئۇنىڭغا ئۆگىتەتتىم. ئەكەلگەن نەرسىلەرنى تۈرگە ئايرىپ كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
    − ماۋۇ قۇرت-ھاشاراتلار، چاشقانلارنى تۇتساڭ بولىدۇ. لېكىن يېمەيسەن! ئۆيگە كۆتۈرۈپ كەلمەيسەن! ماۋۇ قارلىغاچ، سۈندۈك بالىلىرىنى خاتا ئۆلتۈرۈپسەن، ئۇلار بىزگە−ئۆزۈمنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ،−پايدىلىق، بۇنداق قۇشلارنى تۇتساڭ بولمايدۇ. ياخشىسى سەن−ئۆيدىكى قاپقاندا تۇتۇلغان، مىلتىقتا ئوۋلانغان ئۆلۈك توشقان، قىرغاۋۇل، چىللارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ،−ماۋۇ قۇشلارنى ئوۋلىساڭ بولىدۇ. ئەمما كىچىكلىرىنى−ھويلىدىكى چۆجىلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ،−ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ. سەن تېخى كىچىك، چوڭراق بولغاندا ئاندىن مۇنداق چوڭلىرىنى تۇتقىن، ئۇقتۇڭمۇ!−دېدىم. ئۇ بېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ماڭا قاراپ قۇلىقىنى دىڭ تۇتقىنىچە سۆزۈمنى چۈشەنگەندەك زەن سېلىپ تۇردى. ئاخىرىدا «ئۇقتۇم» دېگەندەك ئالدى ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، ئىنچىكە ئاۋازى بىلەن «ھاۋ!» دېدى. شۇ چاغدا ئەتراپىمغا قوشنىلارنىڭ ئۇششاق بالىلىرى، يولدىن ئۆتكەن چوڭلارمۇ قىزىقىپ توپلىنىپ كۆزىتىپ تۇرغانىكەن، ئۇلار كۈلۈشۈپ كېتىشتى.
    − نېمىدېگەن ئەقىللىق كۈچۈك-ھە! گەپلەرنى چۈشەندى!
    راست، گەپلەرنى چۈشىنىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆيگە، ھويلا-ئارام ۋە تام ئەتراپىغا ئىلگىرىكىدەك قۇرت-قوڭغۇز، چاشقانلارنىڭ ئۆلۈكلىرىنى دۆۋىلىمەيدىغان بولدى. كېچىسى كۆزەتچىلىكنى كۈچەيتتى. مۈگدىمەي تۈلكىنىڭ كېلىشىنى پايلاپ ياتىدىكەن. تۈلكە ئېغىلغا ھېلىقى قاپقان قويغان تۆشۈكتىن ئەمەس، ئۆگزىدىكى پاخالنى يېرىپ، تۆشۈك ئېچىپ كىرىپ توخۇلارغا ھۇجۇم باشلىغىچىلىك تىۋىش چىقارماي جىم يېتىۋالىدىكەن. تۈلكە خاتىرجەم ھالدا توخۇلارغا تېگىش قىلىشقا باشلىغاندا سەزدۈرمەي ئۇنىڭ قۇيرۇق تەرىپىدە پەيدا بولۇپ، تۇيۇقسىز قاۋاپ قۇيرۇقىغا ئېسىلىدىكەن. قورقۇپ مەڭدەپ كەتكەن تۈلكە، ئۇنىڭ بىر كىچىك كۈچۈك ئىكەنلىكىنىمۇ بىلەلمەي، ئۆي ئىگىسىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشتىن قورقۇپ تېز قېچىش ئۈچۈن، جان-جەھلى بىلەن ئۆزىنى ھېلىقى قاپقان قويۇلغان تۆشۈككە ئاتىدىكەن-دە، «قارس» قىلىپلا چۈشۈپ قالىدىكەن. كۈچۈك باتۇرلۇق بىلەن ئۇنىڭ قۇيرۇقىدىن چىشلەپ تۇرۇپ، كالتە-كالتە قاۋاپ بىزگە خەۋەر قىلىدىكەن. شۇنداق قلىپ يەنە ياراملىق يوغان تۈلكىدىن ئىككىنى تۇتۇپ بەردى. ئەپسۇسكى، كېيىنكى تۈلكە قاپقانغا يانپىشىدىن ئېلىنغانىكەن. باش-گەۋدە تەرىپى قاپقان سىرتىدا بولغان تۈلكە غەزەپ بىلەن كۈچۈكنىڭ قۇلىقىنى تالىۋېتىپتۇ. ھېلىمۇ ئەقىللىق كۈچۈك تېزلا كەينىگە داجىپ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇپ قاپتۇ. بۇ كۈچۈككە چوڭ ساۋاق بولدى. بەلكى ئوۋچىلىق ھاياتىدا دەرسلىك بولدى دېسەممۇ بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ھەرقانداق ھادىسە، ئۆلۈك-تىرىك نەرسىلەرگە يېقىنلاشقاندا ئاۋايلايدىغان، پۇرسەت كۈتۈپ، قۇلايلىق تەرىپىدىن يېقىنلىشىدىغان، ئەپچىل ئىش قىلىدىغان بولدى. ئېغىلغا كىرىپ ئېچىنىشلىق كاڭشىۋاتقان كۈچۈكنىڭ ھالىنى كۆرۈپ، ئىچىم سىيرىلدى. غەزىپىنى باسالماي، تۈلكىنى قاپقاندىن ئاجراتمايلا كاللا-ماللىسىغا كالتەك بىلەن دۇمبالاپ ئۆلتۈرۈۋەتتىم. تۈلكىلەر ئارىسىدىكى بىرقانچە ئەزالىرىنىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈمىدىن خەۋەر تېپىپ، يىغىن ئېچىپ قارار قىلدىمۇ، توخۇ ئېغىلىمىز بىلەن ۋىدالاشتى. كۈچۈكنىڭ قۇلىقىنى شۇنچە كۆڭۈل قويۇپ داۋالاپ باققان بولساممۇ، ساقايدىيۇ، ئەمما ئىلگىرىكىدەك دىڭ بولمىدى. يىرتقۇچلارنىڭ ئېسىلىدىغان يېرى قۇلاق بولغانلىقتىن ئىككىلا قۇلىقىنى كېسىۋېتىپ كۆتمەك قىلىپ قويدۇم. بارا-بارا ئىگىلىك ئىشلىرىمىزمۇ ياخشىلىنىپ، ئىلگىرى تارتقان زىيانلىرىمىزمۇ تولدۇرۇۋېلىندى. دادام بىلەن بىر قېتىم ئوۋغا بىللە بېرىپ ئىككى غۇلجا، بىر تېكە، بىر تاغ ئۆچكە ئاتتۇق. غۇلجا بىلەن تېكىلەر بەك زور ئىدى. مۈڭگۈز، تېرە، گۆشلىرى خېلى پۇلغا يارىدى. زور، موزىيى بار، سېغىنى ياخشى بىر ئىنەك قوتاز سېتىۋالدۇق. كۈزدە چارۋا-ماللار تۇغۇپ، تۆللەپ، بۆرىلەر بوغۇۋەتكەن ساندىن ئېشىپ كەتتى. داداممۇ ئەمدى خۇراپاتلىقلارنى قوزغاپ يۈرمىدى، جىمىپ قالدى.

    *   *  *

    بىر قېتىم ئاجايىپ قىزىق ئىش بولدى. بۇ قىش ئۆتۈپ يېڭىلا باھار كىرگەن چاغ ئىدى. تاغلىق رايونلاردا باھار كېچىكىپرەك كېلىدۇ. بوران-قاتىلاڭچىلىق ئۆتۈپ كېتىپ يامغۇر-يېشىن دەۋرى باشلاندى. دەل-دەرەخلەر ياپراق چىقىرىپ، ئېتىز-دالىلار يېشىل مايسىلار بىلەن قاپلاندى. تەرەپ-تەرەپتىن ئۇچۇپ كېلىشكەن قۇشلار يېقىملىق سايراپ، تاغ-دالىلارنى نەغمە-ناۋاغا تولدۇرۇۋەتكەنىدى. كۈچۈكمۇ خېلىلا يوغىناپ، بەستلىك سىن كىرىپ قالغانىدى.
    بىر كۈنى مەن شەھەرگە بىر ئىش بىلەن كېتىپ قېلىپ، ئىككى ھەپتىدەك تۇرۇپ قالدىم. كۈچۈككە ئىنىم قاراپ يۈرگەنىدى. ئۇنىڭ ھېرىسمەنلىكى مېنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولغاچقا، كۈچۈك بىلەن ئايرىلماس دوستلاردىن بولۇپ قالدى. ئىنىم قاچان بولمىسۇن كۈچۈك بىلەن بىرگە بولغان، ئۇنىڭغا ئۇنى-بۇنى يېگۈزۈپ، تەلىپىنى قاندۇرۇپ يۈرگەن. شۇڭا ئىنىمنىڭ ئارقىسىغا كىرىپلىۋالغان. گەپ ئۇقىدىغاندەك كىتابتىكى ھېكايە-چۆچەك، لەتىپىلەرنى ئوقۇپ بەرگەن. كۈچۈكمۇ ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئاڭلىغان. قىسقىسى، كۈچۈككە قىلچە ئازار بەرمەي ياخشى ھەمراھدارچىلىق قىلغان. كۈچۈكمۇ ئىنىم نېمىنى ئىزدىسە دەپتەر، قەلەممۇ، سومكىمۇ. . . تېپىپ، چىشلەپ ئەكېلىپ ئۇنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە ماسلاشقان، تاپشۇرۇق ئىشلەپ ئولتۇرسا ئۇشتۇمتۇت يوقاپ كېتىپ، بىردەمدىن كېيىن تاغ ئارىسىدىكى جىلغا ئىچىدىن ئۇچۇرۇم بولغان بىر چىل چۆجىسىنى تۇتۇۋېلىپ، چىشلەپ كۆتۈرۈپ كەپتۇ. ئىنىم خۇش بولۇپ كېتىپ، تازىلاپ كاۋاپ قىلىپ ئىككىسى مەزە قىلىپ يەپتۇ.
    ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكى كەنت مەركىزىدە ئويۇن قويغاندا ئەگىشىۋېلىپ خاپا قىلغان. ئېزىقتۇرۇپ ئۆزى كەتكەنىكەن، بىردەمدىن كېيىن سولاپ قويغان يەردىن قېچىپ چىقىپ، ئويۇن مەيدانىغا بېرىپ سانجاق-سانجاق ئادەملەرنىڭ ئايىغىدىن يول ئېچىپ ئىنىمنى تېپىۋالغان، ئىنىم بىرسىنىڭ ئىشتىنىنىڭ پۇشقىقىنى تارتىۋاتقانلىقىنى تۇيۇپ قارىسا كۈچۈك، ئۇ زوقلانغان ھالدا كۈچۈكنى قولىغا ئېلىپ مەيدىسىگە يېقىن تۇتقان ھالدا كۈچۈككە «ئويۇن كۆرسەتكەن». ئىتلارنى تۇتۇش، سىيلاش، قۇچاقلاش مۇسۇلمانلار ئادىتىدە يوق ئىش ئىدى. كەنتىكىلەرمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. لېكىن ئوۋچىلارغا يول قويۇلاتتى. شۇڭا ئويۇن كۆرۈۋاتقان جامائەت بۇ ئىشتىن غەلىتىلىك ھېس قىلمىغان بولسا كېرەك.
    كۈچۈك ھەتتا ئىنىمغا قىيالماي مەكتەپكىچە بېرىۋالىدىغان بولغانىكەن. مەكتەپ ئىچىگە كىرگۈزمىگەندىن كېيىن، دەرۋازا تۈۋىدە تىللىرىنى ساڭگىلىتىپ ساقلاپ يېتىپتۇ. سىرتتا ئىككى ياش تاغلىق مەكتەپ دەرۋازىسى تۈۋىدە ياتقان كۈچۈككە كۆزى چۈشۈپ، ئەقىللىق، ياخشى ئىت بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ، ئۇنى ناھايىتى قىيىندا تۇتۇۋاپتۇ. تۇتۇلغان چاغدا يات، غەيرىي كىشىلەرنىڭ قوللىرىنى غاجاپ قارشىلىشىپ يېغىر قىلىۋەتكەن جازاسى ئۈچۈن تاياقمۇ يېگەن.
    ئىنىم كۈچۈكسىز قايتىپ كېلىپ يىغلاپ تاشلىغان. ئۆي ئىچىنى كۆڭۈلسىزلىك قاپلىغان. ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن جۈدەپ، كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ، سالپىيىپ كەتكەن كۈچۈك بىر ئامال تېپىپ قېچىپ كەپتۇ. «تۇتقۇن»لۇقتا يات-غەيرىلەرنىڭ قولىدىن تاماق يېيىشنىمۇ خالىماي مەردانىلىك بىلەن ئاشلىق ئېلان قىلىپ مۇشۇ ھالغا يەتكەنلىكى ئېنىق ئىدى. ئۆيىمىزدە يېڭىدىن خۇشاللىق پارلىغان، ئىنىمنىڭ روھىي كەيپىياتى قايتىدىن جانلانغانىدى.
    دەم ئېلىش كۈنى ئىنىم ئاياغ مەھەللىدىكى ساۋاقداش، دوستلىرىنىڭكىگە بېرىپ ئويناپتۇ. كۈچۈكمۇ ئەگىشىپ بىللە بارغانىكەن، بىردەمدىن كېيىن بالىلار ئارىسىدا چېلىش ئويۇنى بولۇپ ئىنىم بىزنىڭ مەھەللىدىكى بىر ساۋاقدىشى بىلەن چىلىشىپتۇ. ئۇ ئىنىمنى ئۈچ قېتىم يىقىتىپ ئۈستىدىن چۈشمەي، نامەردلىك بىلەن نىقتاپتۇ. بۇنىڭغا چىدىمىغان كۈچۈك ئېتىلىپ كېلىپ «غار-غۇر» قىلىپ پاقالچىقىدىن قاسىۋاپتۇ. باشقىلار «كەت، كەت!» دېيىشىپ ھەيدىسىمۇ ئۇنىماي ئۇنىڭ چىلىشقاندا سېلىپ قويغان ئايىغىنىڭ بىر پېيىنى چىشلەپ كۆتەرگىنىچە، نېرىدىكى جىلغا ئېقىنىغا تاشلىۋېتىپتۇ. قاراپ تۇرغان بالىلار كۈچۈكنىڭ توغرا قىلمىغانلىقىنى بىلسىمۇ، ئەمما قارشى تەرەپنىڭ نامەردلىكىگە چىدىمىغان كۈچۈكنىڭ ئىگىسىگە بولۇشۇپ كۆرسەتكەن ساداقىتىگە زوقلىنىپ كۈلۈشۈپ كېتىپتۇ. يىقىتقان بالا خاپا ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ ئاچچىقلىنىپ:
    − ھەي ئابدۇخېلىل، كۈچۈڭ يەتمىسە كۈچۈكىڭنىمۇ ئىشقا سالىدىكەنسەن-ھە؟ خەپ توختا! كۈچۈكىڭنى ئاخىر ئۆلتۈرۈۋېتىمەن،−دەپ ساپتۇ. ئەسلىدە ئۇنداق نىيىتى يوق ئىكەن.
    شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بالا ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانا، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرى ھەتتا ئىت، مۈشۈكلىرىگىچىلىك ئۆچ بولۇپ كەتكەن. ئۇلاردىن بىرەرسى دەرۋازا تۈۋىگە كېلىپ قالسا ياكى يولدىن ئۆتسە، تىۋىشىنى ئالغان زامان ھويلىدىن ئېتىلىپ چىقىپ قاۋاپ كەينىگە كىرىۋېلىپ ئارام بەرمىگەن. بولۇپمۇ قارشىلىق كۈچى ئاجىز، كىچىك ئوغۇل-قىز ئۇكىلىرىنى قورقۇتۇپ، جىرقىرىتىپ، يىغلىتىپ «ئۆچ ئالغان». ئۆينىڭ چوڭلىرى دادامنىڭ ئالدىغا كېلىپ يېلىنىپ:
    − ئابدۇۋايىتئاخۇن، بۇ كۈچۈكلىرى بىزگە نېمانچە ئۆچ بولۇپ كەتكەندۇ؟−ھە دېسىلا قاۋاپ قوغلاپ ئارام بەرمەيدۇ، كىچىك بالىلار بەك يۈرەكزادە بولۇپ كەتتى، كۈچۈكلىرىنى ئوبدانراق باشقۇرغان بولسىلا،−دەپتۇ.
    شەھەردىن قايتىپ چىقىپ، ئىشىك ئالدىغا كېلىپ تۇرسام، ئىنىم دەرۋازا تۈۋىدە كۈچۈككە نەسىھەت قىلىۋاتقانىكەن. سەزدۈرمەي ئارقىسىدىن تىڭشاپ تۇردۇم.
    − ماڭا قارا، ئۆتكەن ئىش سالاۋات. ئەمدى ئۇلارنىڭ ھېچبىرىگە، ھېچنېمىسىگە چېقىلما. بولمىسا خاپا بولىمەن. ئۇ دېگەن ئويۇن، يىقىتىش-يىقىلىش بولۇپ تۇرىدۇ، ھەممىسىدىن قارا-قويۇق ئۆچ ئالساق، ئاداۋەت تۇتساق قانداق بولىدۇ؟ مەنمۇ بۇ ئىشلاردىن ئۆتتۈم. سەنمۇ ئۆت بولامدۇ؟ ئارقا پۇتىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، ئالدى ئىككى قولىدا تىرەپ ئۆرە بولۇپ، ئىنىمنىڭ نەسىھىتىنى پۈتۈن دىققىتى بىلەن تىڭشاپ تۇرغان كۈچۈك «ھاۋ!» دەپ بوشقىنە قاۋاپ قويدى. بۇ «چۈشەندىم، ئەمدى بولدى قىلىمەن!» دېگىنى ئىدى. كۈچۈك نەسىھەتلەرنى ئۆمۈر بويى ئاڭلاپ، كۆڭۈلسىزلىكلەر يۈز بەرسىمۇ، ئاداۋەت تۇتمىدى، زادىلا ئىككى يۈزلىمىلىك قىلمىدى.
    ئىنىم بىلەن سالاملىشىپ، كۈچۈككە قارىسام، مېنى تونۇيالمىغاندەك، جىلمىيىپ قارىغىنىچە قۇيرۇقىنى يېنىك شىپاڭلىتىپ يېقىن كەلمەي تۇرىدۇ.
    − ھەي يۈزسىز!−دېدىم مەستلىكىم ئېشىپ، ئۇنى قولۇم بىلەن ئالدىمغا تارتىپ:− سەندە يۈز يوق ئىكەن-دە؟ يېڭى ئىگەڭنىڭ تامىقى تاتلىقمىكەن. كىم سىلاپ قويسا شۇنىڭغا ئەكىلەيدىغان يۇمىلاق تاۋۇز!−دېدىم-دە، شاپىلاق بىلەن ئىككى مەڭزىگە يېنىككىنە ئۇرۇپ، پېشانىسىگە بارمىقىم بىلەن نوقۇپ قويدۇم. كۈچۈك مېنى تونۇغان بولسىمۇ، بىرقانچە ھەپتىلىك ئايرىلىش ئۇنىڭدا ياتسىراش سېزىمى پەيدا قىلغان. ئۇ خىجالەت بولۇپ ئەپۇ سورىغاندەك ئىنچىكە غىڭشىپ قوللىرىمنى يالاپ كەتتى. مۇسۇلمانلاردا ئىتنى سۆيۈش ئادىتى يوق، بولمىسا ئۇنىڭ ئاشۇ ئوماق تۇرقى، قىلىقى ئۈچۈن باغرىمغا بېسىپ، تۇمشۇقلىرىغا سۆيۈپ كەتكەن بولار ئىدىم.

    5

    كۈچۈك بارا-بارا زورىيىپ، تولىمۇ كېلىشكەن، ئالا-بويناق، كېيىك قورساق، گەۋدىلىك، قاۋۇل، زور بىر تايغان ئىتقا ئايلاندى. ئۆيدىكىلەر ئۇزاق تالىشىپ يۈرۈپ ئۇنىڭغا تۇتقاق دەپ ئىسىم قويدۇق. ئىت ئۇ ئىسىمغا شۇنداق كۆنۈپ كەتتىكى، تۇتقاق دەپ چاقىرمىسا، ئىشارە قىلسا «مە-مە»، «ئالە-ئالە»، «باس-باس»، «كۇش-كۇش» دېگەنلەرگە قۇلاقمۇ سالمايتتى، پىسەنتمۇ قىلمايتتى. بۇ ئىسىم ھەممىمىزگە قوپال، يېقىمسىز، ئۇنىڭغا ماس ئەمەستەك تۇيۇلسىمۇ، ياقمىسىمۇ ئىلاجىسىز شۇ ئىسىمنى قويۇپ كۆنۈكتۇق. ئىتقا ئادەملەرنىڭ ياكى تەبىئەتتىكى ھەيۋەتلىك نەرسىلەرنىڭ، ھادىسىلەرنىڭ نامىنى قويغىلى بولمايدىكەن، تۇتقاق، «بويناق». . . دېگەندەك ئىسىملار مۇناسىپ كېلىدىكەن. قوشنا-قولۇم، مەھەللىداشلاردىن: «يولۋاس»، «بۆرە ئالار»، «ئارسلان» ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھەيۋەتلىك ئىسىملارنى قويۇشنى تەۋسىيە قىلغۇچىلارمۇ چىقىشتى، بىراق ھېچقايسىسى بىزگە ياقمىدى-دە، ئاشۇ تۇتقاق دېگەن ئىسىمنى مۇقىملاشتۇردۇق. كۈچۈك قېرىغانغا قەدەر شۇ نام بىلەن ئاتالدى.
     راستىنى ئېيتسام، تۇتقاقنىڭ ئون سەككىز يىللىق ئوۋچىلىق ھاياتىمدا ماڭا بىلدۈرگەن ۋاپادارلىقى-دوستلۇقىنى ئىنسانلارمۇ قىلالمىدى. ئوۋچىلىق تۇرمۇشىدىن خەۋەرسىز كىشىلەر «ئوۋچىلىق ئانچىكى بىر ئىش، ئاتىدۇ-يىغىدۇ ياكى قۇشلايدۇ، ئالىدۇ، قاپقاندىكىنى ئاجرىتىپ تاغارغا سالىدۇ» دەپ ئويلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا ئوۋچىلىق چوڭ بىر جەڭ. يا جان ئالىسەن، يا جان بېرىسەن. يولۇڭدا جېنىڭغا تىكىلىپ تۇرغان كۈرمىڭ توساق ئەجەللەر، يول خەتىرى، تىك داۋان، چوڭقۇر ھاڭ، دەھشەتلىك قىيان سۇلىرى، قار-يامغۇر، بوران، ئاچلىق، يولدىن ئېزىپ كېتىش، ئوۋ قوغلىشىپ سۇ لاقمىسىغا كىرىپ قېلىش. . . دەك ئازابلىق جەريانلارغا دۇچ كېلىپ تۇرىسەن. ھەممىدىنمۇ بەك قورقۇنچلۇقى يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ خىرىسى ياكى ئۆچ ئېلىشى. ئۇلار تۇيۇقسىز دۇچ كېلىپ قالىدۇ ياكى ئالدىنقى قېتىم ئوۋدىن ئايرىلىپ قالغان ۋە ياكى يارىلانغان، بالا-چاقىلىرى، جۈپتىلىرى ئەجەل قىسمىتىگە دۇچ كېلىپ ئۆلۈپ كەتكەن، ئېيىق، بۆرە، يىلپىز. . . لەرنىڭ ھەر خىل ئۇسۇل بىلەن مۈكۈپ، توسۇپ، كېچىلىرى مەھەللەڭگە باستۇرۇپ كېلىپ، ئىنس-جىنسىز بوشلۇقتا تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ، سېنىڭدىن ئەجەللىك قىساس ئېلىشقا ئۇرۇنۇپ تۇرىدۇ. ئادەملەر ئاداۋەتنى ئەپۇ قىلغان بىلەن يىرتقۇچ ھايۋانلار كىچىككىنە كۆڭۈل ئازارلىقىنىمۇ ئەپۇ قىلمايدۇ، بولدى قىلمايدۇ، مۇھەببەت-نەپرىتى بەك ئېنىق.
    ئوۋچىلىققا كىرىشكەندىن تارتىپ، تۇتقاق تالاي ئوۋلاردا دوست-ۋاپادارى، ساداقەتمەن ھەمراھىم بولدى. تالاي قېتىم بېشىمغا تىكلەنگەن ئەجەلگە ئۆزىنى ئۇرۇپ، زېرەك، چاققان، پەم-پاراسەتلىك ھەرىكىتى بىلەن مېنى ئۆلۈملەردىن ساقلاپ قالدى. ئۇنى ئاللانىڭ ماڭا قىلغان ئىلتىپاتىمىكىن، ئوۋچىلىق ھاياتىمدا توشمىغان ئەجىلىمنىڭ ۋاقتىنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئىت سۈرىتىدە ئەۋەتكەن بىر پەرىشتىمىكىن دەپ قالىمەن (بۇنى سىلىگىلا دېدىم، مەھەللىداشلارغا دېگىلى بولمايدۇ. بولمىسا «دەھرى»لىكتە ئەيىبلىنىپ مەھەللە ئىچىدە يۈرەلمەيمەن). ئىت ھايۋاناتلارمۇ جەننەت ياكى دوزاخقا كىرەمدۇ؟ بىلمەيمەن. ئەتراپىمدىكىلەردىن مەھەللە مەسچىتىنىڭ ئىمامىدىن سوراشقا پېتىنالمىدىم. ئەگەر ساۋاپلىق ئىش قىلغان مەۋجۇدات جەننەتكە كىرىدىغان بولسا، ئۆمرۈم بويى ماڭا يار-ۋاپادار بولۇپ ياخشىلىق قىلىپ جېنىمغا جان ئۇلىغان ئاشۇ تۇتقاق جەننەتكە كىرسىكەن دەپ تىلەيمەن. چۈنكى تىلسىز، ئاق كۆڭۈل تۇتقاقنىڭ ھەممىسى ساۋاپلىق ئىشلارغا كىرەر دەيمەن. ئۇنىڭ قايسى بىر ياخشىلىقىنى، ساداقەت-ۋاپادارلىقىنى، كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى سۆزلەپ تۈگىتەلەي. شۇڭا ھاياتىمدا ئەڭ زور ۋەقە دەپ تونۇغان، جېنىمنى ئەزرائىلنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇپ قالغان، يۈرىكىمگە ئەبەدىي ئۆچمەس خاتىرە بولۇپ پۈتۈلگەن بىرقانچە ھادىسىلەرنى سۆزلەپ بەرسەم كۇپايە قىلار.

    *   *   *

    بۇ تۇتقاقنى، يىراق تاغ-جىلغىلار ئارىسىدا چوڭ ئوۋغا بىرىنچى قېتىم ئېلىپ چىقىشىم ئىدى. ئىلگىرى بولسا كەنت ئىچىدىكى ئۇششاق-چۈششەك ئوۋلارغا ئېلىپ چىقىپ خېلى كۆندۈرۈپ قويغانىدىم.
    ئوۋغا كېتىۋاتىمەن. مەن ياۋاش، ئەمما زېرەك، چىداملىق قارا تورۇق ئاختا ئىتىمنىڭ ئۈستىدە، تۇتقاق بولسا ياياق قېشىمدىن ئەگەشكىنىچە تاغ باغرىدىكى ئەگىم تار يولدا كېتىپ باراتتۇق. ئوۋ تەييارلىقىنى ئاخشاملا قىلىپ قويغان، ئاتنى يەم-بوغۇز بېرىپ تاڭشۇرغان، ئىگەر-جابدۇقلارنى تەييارلاپ خورجۇنغا نان-توقاچ، ئالتە كىلولۇق سۇدانغا قاقاس تاغلار ئارىسىدا ئەسقاتىدۇ دەپ سۇ قاچىلاپ قويغان، يەنە ئۆتكەن يىلى تەستىق ئارقىلىق سېتىۋالغان قوش ئېغىزلىق يېپيېڭى «-سىنترال»ناملىق ئوۋ مىلتىقنى يىگىرمە پاي ئوقى بىلەن ئىچىنى سۇمبۇلاپ تازىلاپ، مايلاپ تامغا يۆلەپ قويغان. تۇتقاققا كەچتىلا يوغان بىر توشقان گۆشىنى يېگۈزگەن. . . ھەر ھالدا تەييارلىقىمىز پۇختا بولدى. تاڭ قاراڭغۇسىدا تورغاي چۇۋ-چۇۋلىماستا ئورنۇمدىن تۇردۇم. تەييارلىقنى يەنە بىر قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈپ، قورساقنى ئوبدان توقلىدۇق. مەن سۈرگۆش، نان يېدىم، ئات ئارپا بوغۇزى، ئىت بولسا يەنە بىر قىرغاۋۇلنىڭ گۆشىنى يېدى. تاڭ سۈزۈلۈش ئالدىدا ئوۋغا يۈرۈپ كەتتۇق. دادام، ئانام ئۆيدىكىلەر دۇئا بىلەن ئوۋغا ياخشىلىق تىلەپ ئۇزىتىپ قېلىشتى.
    ئاش ۋاقتىغىچە مېڭىۋاتقان تاغ قىياسىدىكى چىغىر يول بەزىدە قىيان يالاپ كەتكەن چىملىق تۆپىلىكلەر ئارىسىدا، بەزىدە زىرىق-ئازغانلار توپى ياكى زىچ قارىغايزارلىق، ئىرەن-قىيىنزارلىق ئارىسىدا يوقىلىپ كېتەتتى. ئالدىمىزدا تۇيۇقسىز تىك ھاڭلارمۇ پەيدا بولۇپ قالىدۇ. تۇتقاق قاۋاپ بەلگە بېرىپ، توختىتىۋالمىغان بولسا، چۈشۈپ كېتەر ئىكەنمىز. مېنىڭمۇ بۇ تەرەپلەرگە تۇنجى قېتىم ئوۋ قىلىپ چىقىشىم ئىدى. يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىپ مېڭىشقا مەجبۇر بولدۇق. بۇ ئاخىرقى كۈز ۋاقتى، تاغلاردا قارىغايدىن ئۆزگە يېشىلچىلىق قالمىغان، ئوتلار ۋە باشقا دەرەخ-چاتقاللار سارغىيىپ يوپۇرماقلىرى چۈشۈپ، قاقشاللىشىپ كەتكەن. تاغ تەرەپتىن ئۇرۇلغان سوغۇق شامال ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرۈپ تۇراتتى.
    ئوۋچىلارنىڭ مۇنداق بىر ئېرىمى بار ئىدى. ئوۋغا كېتىۋاتقاندا ئوۋ قىلماستىن بۇرۇن مەيلى قۇش، ئەرەندە-پەرەندە ۋە ياكى چوڭ-كىچىك ھايۋانلار بولمىسۇن ئالدىغا ئادەم، كۆندۈرۈلگەن ھايۋانلاردىن باشقا ھەرقانداق بىرەر جانلىقلارنىڭ ئۇچرىشىشىنى، ئامال بار ئاشۇ تۇنجى ئۇچرىغان جانلىقنى ئېتىپ يىقىتىشنى، ئوۋنىڭ ئەڭ بەرىكەتلىك، مۇۋەپپەقىيەتلىك شەرتى دەپ قارايتتى. ئەگەر جانلىقلار ئۇچرىمىسا ياكى تەگكۈزەلمىسە، بۇ ئۇۋدىن ئامەت يوقلۇقىنى بىلدۈرەتتى. ئۇچرىشالمىغان ياكى ئېتىپ تەگكۈزەلمىگەن كۆپىنچە ئوۋچى، ئۈمىد ئۈزۈپ قايتىپ كېتىپ قالاتتى. يۈرىكىم دەككە-دۈككىدە، ھېلىغىچە بىرەر جانلىق ئۇچرىمىدى. ئەمما بۇ كونا ئېرىملارغا ئىشىنىپ قايتىپ كەتكۈم يوق. ھېچبولمىسا بىرەر قۇرت-قوڭغۇز ئۇچرىسىمۇ بىرىنچى ئوقنى ئاتاي دەپ يوللارغا، تاغ يالاڭلىرىغا قاراپ ماڭىمەن. تۇيۇقسىز تۇتقاق يېنىك غىڭشىدى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۈستۈمدىكى قارىغايزارلىققا قارىسام، راسا يوغان، تۈكلىرى سارغىرىپ، قىزىرىپ يالقۇندەك بولۇپ كەتكەن بىر كۈز تۈلكىسى، ئاغزىدا ئەجىلى توشقان بىر قۇشنى چىشلىگىنىچە غەم تارتماستىن ئۆتۈپ كېتىپ بارىدۇ. دەرھال مىلتىقنى قورۇلغا ئېلىپ ئېتىۋەتتىم. ئىس تارقىغاندىن كېيىن قارىسام، بېشى پاچاقلانغان تۈلكە سۇنايلىنىپ ياتىدۇ. يېرىم جان قۇش (يوغان بىر دوغداق ئىكەن) تۈلكىنىڭ ئاغزىدىن قۇتۇلۇپ قېچىشقا ئۇرۇنۇۋىدى، تۇنجى غەلىبىدىن خۇشال بولۇپ كەتكەن تۇتقاق ئويناقلىغىنىچە بېرىپ دوغداقنى «كاپ» قىلىپ بوشقىنە چىشلەپ تۈلكىنىڭ ئاغزىدىن تارتىۋالدى-دە، قېشىمغا كېلىپ تۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىپ تۇردى. ئاتتىن چۈشتۈم-دە، دەرھال دوغداقنى بوغۇزلاپ «ھالال» قىلدىم. بەكمۇ چوڭ، سېمىز دوغداق ئىكەن. تۆت كىلو چىقار، ئۇ تاغدا دورىلىق ئوتلارنىڭ ئۇرۇقلىرىنى يەپ، گۆشى دورا پۇراپ تۇرىدىغان ئەتىۋارلىق قۇش. مۇزتاغنىڭ كۈز پەسلىدىكى دوغداقلىرى ئاشۇنداق يوغان، سېمىز، تولغان كېلەتتى.
    تۈلكىنى سويماق بەك ئاسان، تېرىسىنى بوينىدىن ئاجرىتىپ ئۆتۈك قونجىنى ئۆرىگەندەك، ئازراق ئۆرۈۋالىمىز-دە، ئاستا، سىلىق ھەرىكەتلەر بىلەن تۈكىنى ئىچىگە قىلىپ سىيرىپ-تارتىپ زىيان-زەخمەتسىز تۇلۇمچە قىلىپ، قۇيرۇقى بىلەن قوشۇپ سويۇۋالىمىز. ئاندىن ئەسلىگە ئۆرۈپ-ئاشلاپ ئىچىگە سامان تىقىپ ساقلاپ قويىمىز.
    ئىشلار پۈتتى، تۈلكىنىڭ ئىچ ئەزايىنى ئېلىۋېتىپ بېغىر، تال، بۆرەكلىرىنى تۇتقاققا تۆھپە قىلىپ بەردىم. ئەجرىسىنى بىلگىنىم ئۈچۈن قورسىقى توق، يېگىسى كەلمىسىمۇ كۆڭلۈمنى ئىزدەپ كۆز ئالدىمدىلا يەۋەتتى. گۆشىنى ئىتقا بېرىش ئۈچۈن تۈلكە تېرىسى ئىچىگە قايتا سولاپ غانجۇغىغا ئېسىپ قويدۇم. ئاشلىغىدەك تۇز، تىققۇدەك سامانمۇ يوق ئىدى. بەك خۇش بولۇپ كەتتىم. تۇنجى سىناق ئوۋدا بىر دوغداقلىق ۋە بىر قىران تۈلكىلىك بولۇپ قالدىم. كېيىنكى ئوۋلىرىم تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ دېگەن گەپ. تۇتقاقنىڭ شادلىقىنى دېمەمدىغان، ئالدىمدا ئويناقلاپ گاھ ماڭا ئۆرىدەپ ئېسىلىپ ھاۋشۇپ قويىدۇ، گاھىدا ئويناقشىپ چاپقىنىچە قارىغايزارلىق ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ.
    بىرىنچى قېتىملىق ئوۋنى ئارقار، ياكى تاغ تېكىسى ئوۋلاشقا ئاتاپ ئۆيدىن چىققان. چۈنكى مۇز تاغلار ئارىسى بىلەن ئوتلاق تاغلار ئارىسىدىكى تىك قىيا جىلغىلاردا ئۈششۈك تەگمىگەن، يېشىل مايسا ئوتلار ساقلىنىپ قالغان بولىدۇ. سالقىن تاغلاردىن پەسكە چۈشكىسى كەلمىگەن ئارقار ياكى تېكىلەر تۆۋەن تەرەپتىكى پەس تاقىر تاغلار-كۈزلەكلەرگە كۆچۈپ بولغۇچە بىر مەزگىل مۇشۇ چوڭقۇر جىلغىلاردىكى ئاخىرقى ئوتلارنى يەپ ئۆزلىرىگە قىشلىق دەرمان يىغىۋالىدۇ.
    ئەمدى جىلغا ئىچى بىلەن كېتىپ بارىمىز. مەنزىلىمىز خېلى ئۇزاقتا، ھاۋا تۇمانلىق، ئاسماندا تۆت-بەشچە غىجىرمادا (تاپ قۇشى) لەيلەپ ئۇچۇپ ۋەھىمىلىك چىرقىراپ سايرىغىنىچە گاھ پەسىيىپ، گاھ ئېگىزلەپ، گاھ يېقىنلاپ، گاھ يىراقلاپ تاپ ئىزلەپ ئەگىپ يۈرىدۇ. دېمەك، ئۇلار تاپنىڭ، ئوزۇقنىڭ ھىدىنى ئالدى، كۆردى ياكى سەزدى دېگەن گەپ. يا مەنزىلىمىزگە كېلىپ قالدۇق، ياكى بىزنىڭ ئوۋچى ئىكەنلىكىمىزنى يىراقتىن كۆرۈپ، سېزىپ «ئوۋ بولۇپ قالسا بىزگىمۇ ئازراق نېسىۋە تېگەرمىكىن» دېگەن تەمەدە ئۈستىمىزدە پەيدا بولدى. راست، مەنزىلىمىزگىمۇ كېلىپ قاپتىمىز. سەزگۈر تۇتقاق تۇيۇقسىز ئويناقشىپ ئالدى تەرەپنى ئىما-ئىشارە قىلىپ غىڭشىپ قويدى. قارىسام چوققىلىرى ئاسمانغا تاقاشقان تاقىر تاشلىق «كىچىك قوزاباي» يىغىسىنىڭ ئۈستىدىنلا چۈشۈپتىمىز. بىز چېچەكلىك يايلىقىنىڭ شىمالى بىلەن ئايلىنىپ قاش يايلاقنىڭ شىمالىدىكى بەھەيۋەت گىگانت خادا تاش «بۈركۈتلۈك»نىڭ ئارقىسى بىلەن يانداپ يولنى قىسقارتىپ ماڭغانىدۇق. ئوۋغا كىرىشتىن بۇرۇن بىرئاز ھاردۇق ئېلىپ، قورساق تۇيغۇزماقچى بولۇپ، ئوتى سارغىيىپ كەتكەن تۆپىلىك ئۈستىگە ئولتۇردۇم. تەرلەپ كەتكەن ئاتنىڭ يۈگىنىنى ئېلىۋېتىپ، ئوتقا قويۇپ بەردىم. ئات سارغايغان ئوتلارنى كالپۇكى بىلەن يالماپ، چىشلىرى بىلەن چىمدىپ يۇلۇپ ئېلىپ «گىرت-گىرت» قىلىپ چايناشقا باشلىدى. مەن يەنە نان بىلەن سېرىق ماي يېدىم. ئىتقا يېرىم توشقاننىڭ گۆشىنى تاشلاپ بەردىم. مەنزىلگە يېتىپ كەلگەن بىلەن رەسمىي ئوۋ قىلىدىغان تاغ ئارىسىغا يەنە ئىككى كىلومېتىرچە بار ئىدى. شىمالدا قاتلاملىرى قارىغاينىڭ غول سىزىقلىرىدەك قالايمىقان بۆرىتىپ كەتكەن ئۈستىنى قارىغاي، قىيىن ساڭگىلاپ كەتكەن قېلىن ئوتلار قاپلىغان. 300 مېتىرچە ئوتلاق تاغ ئۈستىدىن ئۇلۇغ بىر ئېقىن سۇ تۆۋەندىكى جىلغىغا شارقىراتما ھاسىل قىلىپ گۈلدۈرلەپ چۈشۈپ تۇراتتى. شەرقتە تۆگە لوكىسىدەك ھەيۋەتلىك تاقىر تاشلارمۇ يوق. قارىغاي، قىيىنسىز، پۈتۈن گەۋدىسىنى سارغىپ كەتكەن ئوتلار قاپلىغان، مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتىكى ھەيۋەتلىك بوۋاخان تېغى قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. مەنزىرىسى نېمىدېگەن گۈزەل! خىرامان ھاردۇق ئېلىپ ئولتۇرغانىدىم، يېنىمدا توشقان گۆشىنى يەپ بولاي دەپ قالغان تۇتقاق گۆشنى چالا تاشلاپ بىرنەرسىنى تۇيغاندەك زېرەكلىشىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى-دە، بىلىنەر-بىلىنمەس غىڭشىدى. ماڭا بىر قاراپ ئاندىن ئالدىدىكى بۆرتۈپ چىققان بىر تەرىپى تىك قىيالىق تەرەپكە ئىشارە قىلغاندەك تۇمشۇقىنى سوزدى. قىيالىقنىڭ ئاستىدا ئىنچىكە، ئەگرى-بۈگرى كۈمۈش يىپتەك كىچىك قوساباي ئېقىنى جىلغا ئىچىنى شاۋقۇنغا تولدۇرۇپ ئېقىپ تۇراتتى. سەزگۈر ئىت ئوۋ مەزگىلىدە قاتتىق ئاۋاز بىلەن ھاۋشىسا ئوۋ نىشانلىرىنىڭ ئۈركۈپ يىراقلاپ كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقتىن، ئاشۇنداق ئادەمگە ئوخشاش بىلىنەر-بىلىنمەس ئىما-ئىشارە، سۇس غىڭشىشلار بىلەن ھەرىكەت قىلاتتى.
     تۇتقاق ئىشارە قىلغان ئالدىمدىكى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان ئەللىك مېتىرچە ئېگىز ئۈچ تەرىپى تىك قىيالىق قورام تاش ئۈستىدە مۈڭگۈزلىرى غالتەك ھارۋىسىنىڭ چاقىدەك يوغان، ساقاللىرى ساڭگىلاپ، سىلكىنىپ تۇرغان تولىمۇ بەستلىك، سۆلەتلىك، سېمىز بىر تاغ تېكىسى گۈزەتتە تۇرغاندەك بىزگە كۆز تىكىپ تۇراتتى. «ھە، تاغ تېكىلىرىنىڭ توپ بېشى ئىكەن-دە، دېمەك، ئارقىسىدا ئۇنىڭ ئەركەك-چىشى، تېكە-ئۆچكە ۋە ئوغلىرىدىن ئىبارەت چوڭ توپ بار دېگەن سۆز. قۇسۇباي ئېقىنىغا سۇ ئىچكىلى كەلگەندە، بىزنى−دۈشمىنىنى كۆرۈپ قېلىپ توپنى خەۋپسىز سۇ بويىغا ئۆتكۈزۈۋېتىش ئۈچۈن جېنىنى دوغا تىكىپ كۆزەتتە تۇرغان، ھايۋانلاردىكى بۇنداق تۇغما پىداكارلىق ئىنسانلاردا سەل كەم نىسبەتتە بولىدۇ.
    تېكە، ئارقارلارنىڭ ئادىتى، كۆزىتىپ تۇرغان نىشان قىمىرلىمىسىلا كەچكىچە قاراپ تۇرىدۇ. پەسكە قارىسام، يىراقتا−يىلانباغرى چىغىر يولدا چوڭ-كىچىك ئەللىكچە تېكىلەر توپى تاشلارنى شاراقشىتقىنىچە سۇ بويىغا كېتىۋېتىپتۇ. بىر تۇرۇپ «بالىلىرى بار توپ ئىكەن، توپ سەردارىنى ئاتماي، يەنە ئوۋ چىقىپ قالار» دېدىم. يەنە بىر تۇرۇپ «ئۇچرىغانلىكى ئوۋنى ئېتىپ تۇرمىسا، ئامەت كېتىپ، كېيىنكى ئوۋ ياخشى بولمايدۇ» دېگەن ئوۋچىلار قائىدىسىنى بۇزغۇم كەلمىدى. رەھىمسىز ھەۋەسكە بېرىلگەن يۈرىكىم تەقەززالىقتىن دۈپۈلدەپ كېتىپ باراتتى. رەھىمسىزلىكىم غالىب كەلدى. ئوۋنى چىقارغۇم كەلمىدى-دە، تەۋەككۈل قىلىپ سىنترالغا يەككە، توم ئوت بېسىپ نىشاننى قۇرۇلغا ئالدىم. تېكە، ئۆز توپىنى قوغداش ئۈچۈن ئەجەلگە تەۋەككۈل قىلىپ قىيا تاش ئۈستىدە مەندىن كۆزىنى ئالماي قەد كېرىپ تىك تۇراتتى. ئۇنىڭ شۇ تۇرقى بەكمۇ مەردانە، ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل ئىدى. چاقماقنى باساي دەپ تۇرۇشۇمغا تېكىنىڭ ئارقىسىدا «يالت-يۇلت» قىلغان بىرنەرسىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. تۇتقاقمۇ تىپىرلاپ كەتتى. تولىمۇ ئۇز، ئالاچىپار بىر يىلپىز بىزگە قاراپ تۇرغان، يىلپىزدىن خەۋەرسىز تېكىنىڭ كەينىدىكى قىيالىقتىن سىلىق ئۆمىلەپ چىقىپ تېكىگە ئېتىلماقچى ياكى ئېتىلغاندىن كېيىن، ئولجا قىلىپ ئېلىپ قاچماقچى بولۇپ، تەمشىلىپ تۇرۇپتۇ. بۇ مۇتتەھەملىكتىن ئىتنىڭمۇ غەزىپى تېشىپ تىپىرلاپ تۇرالماي قالدى. مېنىڭمۇ غەزىپىم تاشتى، «ما مۇتتەھەمنى! ئەيمەنمەستىن ئوۋغا چاڭگال سېلىۋاتقىنىنى!».
    يىلپىز ئادەتتە قاتتىق ئاچ قالمىسا، كۆپىنچە كېچىسى ھەرىكەت قىلىدىغان، تەڭرىتاغلىقنى ماكان قىلغان مۈشۈكلەر ئائىلىسىگە مەنسۇپ بىر يىرتقۇچ. قارىغاندا ئوزۇق تاپالماي جېنىغا تەۋەككۈل قىلىپ كۈندۈزى ئوۋغا چىقىپتۇ.
    شۇئان تېكىگە ھېسداشلىقىم يىلپىزغا ئۆچلۈكۈم قوزغالدى. ئەلۋەتتە تېكىدىن كېچىپ يىلپىزنى يوقىتىش كېرەك. تېكە ئىنسانلارغا زىيانسىز ياۋاش ھايۋان. يىلپىز بولسا ئەڭ رەزىل قۇۋ، چارۋا-ماللارنى قىرغىن قىلىدىغان ۋەھشىي يىرتقۇچ. ئىككىلىنىپ تۇرمايلا ئولجىنىڭ غېمىدە قالغان يىلپىزنىڭ بېشىنى چەنلەپ ئېتىۋەتتىم. تاغ ئىچى گۈلدۈرلەپ كەتتى. ئىس تارقىغاندىن كېيىن قارىسام، قورام تاش ئۈستىدە نە تېكە، نە يىلپىز يوق. سۇ بويىغا قارىسام تېكىلەر توپىمۇ غايىب بوپتۇ. ئوق ئاۋازى بىلەن تەڭلا ھەممىسى ئۆزىنى ياقىغا ئالغان. تۇتقاق مىلتىق ئېتىلىشى بىلەنلا تاش تەرەپكە ئۇچقاندەك قىلىۋىدى، «گەپ بار» دېدىم-دە، ئاتنى مىنىپ يانتۇلۇقنى ياقىلاپ قورام تاش تۈۋىگە كەلدىم. ئاتنى يالغۇز تاشلاپ كېتىشكە بولمايتتى. تاش بىلەن ئارىلىقىمىز يۈز مېتىرچە كېلەتتى. تاش ئارقىسىدا تۇتقاقنىڭ ئاچچىق غىڭشىغان، ھاسىرىغان، يىلپىزنىڭ ماۋلاپ-چىرقىراپ قىلغان خىرىسلىرىنىڭ شەپىسى كەلدى. يۈرىكىم بىرنېمىنى تۇيغاندەك «جىغغىدە» قىلىپ قالدى. دەرھال ئاتنى تاشلاپ قويۇپ مىلتىقنىڭ تەپكىسىنى قايرىپ، تاش ئارقىسىغا ئۆتتۈم. كۆز ئالدىمدا بېشى پاچاقلانغان، قورام تاش ئۈستىدىن دومىلاپ چۈشكەن ھېلىقى ئۆلۈك يىلپىز يەردە سۇنايلىنىپ يېتىپتۇ. تۇتقاقنىڭ دۈمبىسى تۆمۈر تاغاقتا تاراپ تىلغاندەك تىلىنغان، تېرىلىرى ئۈستىدىن قان تەپچىپ تۇرغان، ئالدىدا راسا تولغان كۈلرەڭ سارغۇچ تۈكلىرىدىكى قارا چېكىتلىرى ئېنىق جۇلالىنىپ تۇرغان چوڭ ئىتتەك بار بىر ئەركەك يىلپىز. قەھرىلەنگەن ھالدا ئېغىزىنى يوغان ئېچىپ، چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ چىرقىراپ بىلەك توملۇقىدىكى سەكسەن سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قاتتىق كۈچلۈك قۇيرۇقىنى ئويناقشىتىپ (يىلپىزلارنىڭ قۇيرۇقىمۇ بىر قورال، قول، يەنچە-تىرناقلىرى ئېلىشىشلاردا يېتىشەلمىگەندە توم، قاتتىق، كۈچلۈك قۇيرۇقىنى ئىشقا سېلىپ، رەقىبىنى قاتتىق ساۋاپ يىقىتىدۇ، زەربە بېرىدۇ ۋە ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىدۇ. قىسقىسى، ئۆرۈمە تاسما قامچا رولىنى ئوينايدۇ) تۇتقاقنى چەيلىۋېتىش ئۈچۈن خىرىس قىلىۋېتىپتۇ. ئەركەك يىلپىزنىڭ كۆزلىرى يوغىناپ ئوتتەك يېنىپ تۇراتتى. تىرناقلىرى(يىلپىزنىڭ تىرناقلىرى ئادەتتىكى چاغلاردا پەنجىلىرىنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ. ئوۋغا، دۈشمىنىگە ئۇچرىغاندا ياكى ئېلىشقاندا ئۈچ-تۆت سانتىمېتىر ئۇزىراپ چىقىدۇ. تۆمۈر ئىلمەك پىچاقتەك قورالغا ئايلىنىدۇ. قاتتىق مۈڭگۈزسىمان تىرناقلىرى قاراقۇش (ئەڭ زور قارا بۈركۈت)نىڭ پەنجە تىرناقلىرىدىنمۇ چوڭ بولىدۇ. رەقىبلىرىگە مۇشۇ پەنجىلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلىدۇ، زەربە بېرىدۇ ۋە قوغدىنىدۇ) ئۇزىراپ چىققان، ئەلپازى ۋەھشى، قورقۇنچلۇق ئىدى. تۇتقاق يىلپىزغا تۇتۇق بەرمەي چاققانلىق بىلەن ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلاتتى. يىلپىز تۇتقاقنى بېسىۋېلىپ چايناپ تاشلاش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ بارلىق چاققان ھەرىكەت-ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ قوغلاپ يۈرەتتى. ئىت گاھ «قېچىپ» بېرىپ، گاھ يىلپىزنىڭ بىقىنلىرىدا پەيدا بولۇپ ھۇجۇم قىلىپ تۇراتتى. تۇتقاقنىڭ جارائىتى خېلى ئېغىر بولسىمۇ، چاندۇرماي جاسارىتىنى نامايان قىلاتتى. مېنىڭ كەلگىنىمنى بىلىپ، باشقىدىن جانلىنىپ كەتتى. مەلۇم بولدىكى، يىلپىزلەر جۈپ ئىكەن. بەلكى ئۇۋىلىرىدا قالغان بالىلىرى باردۇ! مۇزتاغ ۋە ئۇنىڭ بىقىنلىرىغا سوغۇق چۈشۈپ، چارۋىلار، ئوتخور ياۋايى ھايۋانلار يەيدىغان ئوتلار قالمىغان، چارۋىچىلار چارۋىلىرىنى مەھەللە ئىچىگە كۈزلەكلەرگە ھايداپ كەتكەن، ئارقار، تېكە، جەرەن ۋە ئەرەندە-پەرەندىلەرمۇ قاقاسلاشقان تاغلاردىن زېرىكىپ، كۈزلەكلەرگە يۆتكىلىشكە باشلىغان. يىلپىزلارغا ئوۋ مەنبەسى ئازلاپ كەتكەنلىكتىن، قاتتىق ئاچ قالغان، ئىلاجىسىز كۈپكۈندۈزدىلا ئوۋغا چىقىشقان، تېكىلەر توپىنى كۆرۈپ بىزنى كۆرمىگەن. ئەركىكى توپقا، چىشىسى قورام تاش ئۈستىدىكى توپ بېشى تېكىگە تېگىش قىلىش ئۈچۈن بۆلۈنگەن. بەختكە قارشى چىشىسى ئۆلگەندىن كېيىن، ئەركىكى يولدىن قايتىپ دەرھال يېتىپ كەلگەن. تۇتقاق بىلەن ئىككىسى تەڭ دوقۇرۇشقان، تېخى يىلپىزدەك ھايۋانلارنىڭ ھۇجۇمىنى كۆرۈپ باقمىغان تەجرىبىسىز تۇتقاق باشتا تەمتىرەپ قالغان، قۇتراپ كەتكەن يىلپىز جۈپتىنىڭ، جۈپلۈك ئىشقى-ەسرىتى، مېھرى-ساداقىتىنىڭ كۈچى بىلەن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن تۇتقاققا ئېتىلغان ۋە ئۆتكۈر پەنجىسى بىلەن دۈمبىسىنى تىلىۋەتكەن. تۇتقاق ھوشىنى يوقىتىپ قويمىغان، ئاغرىقلارغا چىداپ چاققانلىق بىلەن يىلپىزنىڭ پەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ چىققان. مادارى ھۈنىرىگە (تاكتىكىغا) ئۆتكەن. غەزىپىم تېشىپ دەرھال مىلتىقنى قۇرۇلغا ئېلىپ بولغۇچە، سەزگۈر يىلپىز تۇيۇپ قالدى-دە، ئىتنى تاشلاپ كەينىگە بۇرۇلۇپ، قەھرى بىلەن ماڭا ئېتىلدى. قۇرۇلغا ئېلىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالدىم. بىر سەكرەپلا دولامغا چىقىپ، پاتىڭىمغا ئېغىز سالدى. قاتتىق سىرقىرىغان ئاغرىق پۈتۈن تېنىمگە تاراپ كەتتى. «ھە، ئەجىلىم يەتكەن ئوخشايدۇ». مىلتىق قولۇمدىن چۈشۈپ كەتتى-دە، «ۋاڭ»لا قىلىپ ئېتىلىپ كەتتى. خېلى ياخشى ئوق تاشقا تېگىپ قاڭقىپ كەتكەن چېغى، ئادەتتە ھەر قانداق زور ۋەھشىي ھايۋانمۇ ھەتتا ئېيىقمۇ ئاەمدىن ئۈركۈيدۇ. ئەيمىنىپ قاچىدۇ ياكى تىركىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۆزىنى ياقىغا ئالىدۇ. پەقەت قاتتىق ئاچ قالغاندا، يارىلانغاندا ياكى ئۆزىنى ياقىغا ئېلىپ بېقىپمۇ، ئادەمنىڭ تەھدىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرالماي ئىلاجىسىز قالغاندا، چىقىش يولى تاپالمىغاندا ئاندىن خىرىس قىلىدۇ، ئېلىشىدۇ. يىلپىز بولسا ئانچە زور بولمىغان ئىتچىلىك بار بىر يىرتقۇچ ھايۋان. ئىنسانغا تەھدىت شەكىللەندۈرەلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئادەمنىڭ قارىسىنى كۆرە-كۆرمەي ئورمانلارنىڭ ئىچىگە مۆكۈپ كىرىپ كېتىدۇ.
    يىلپىز ھەرقانچە غەزەپلەنگەن بولسىمۇ، مىلتىق ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان ئۈركۈپ قېچىپ كېتىشى كېرەك ئىدى. لېكىن بۇ يىلپىز قېچىشتا يوق، تۆت ئايىغى بىلەن دۈمبە-دولامنى بېسىپ پاتىڭىمنى چىشلەپ، مېنى بۇ ئالەمدىن يوق قىلىۋېتىشنىڭ كويىدا بولماقتا. ئۇنىڭ بۇنداق غەزەپ جاسارىتى جۈپتىنىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈمى، بالىلىرىنىڭ يېتىم قېلىشى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ھەسرەتلىنىش، پىغان چېكىشنىڭ كۈچ تۈرتكىسىدىن كەلگەنلىكى ئېنىق ئىدى. جېنىم قىل ئۈستىدە تۇراتتى. شۇ چاغ تۇتقاق بىردىنلا جانلاندى، كۆزلىرى غەزەپتىن يېنىپ كەتتى. تۇيۇپ تۇرىمەن، تەسەۋۋۇرغا سىغمايدىغان چاققانلىق بىلەن بىرلا سەكرەپ يىلپىزنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ ئاستى تەرىپىدىن كەلگىنىچە، ساڭگىلاپ تۇرغان بىر جۈپ تېشى بىلەن قوشۇپ، ئالتىنى قاتتىق چايناپ، ئېزىۋەتتى ۋە كۈچ بىلەن تارتىپ، تېرىلىرى بىلەن خېلى يەرگىچە قوشۇپ يۇلۇپ ئېلىۋەتتى-دە، نېرىغا ئاپىرىپ تاشلىدى.
    يىلپىزنىڭ قايتا ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىككى-ئۈچ قەدەم ئارقىغا چېكىندى. يىلپىز ئېچىنىشلىق بىر چىرقىرىدى-دە، «لاسسىدە» بولۇپ، ئۈستۈمدىن چۈشكەن پېتى زەخىملەنگەن يېرىنى يەرگە چاپلاپ، ئالدى ئىككى قولىنى تىرىگەن ھالدا زوڭزىيىپ ئولتۇردى. ئېچىنىشلىق ئىڭرىغان، ھاسىرىغان ھالدا ماڭا ۋە ئىتنىڭ ھەرىكىتىگە ھوشيارلىق بىلەن تەلمۈرۈپ قالدى. ئولتۇرغان يېرىگە قىپقىزىل قان يامرىدى.
    ئەركەكلىك غۇرۇر-جاسارىتىگە كۈچ بېغىشلاپ تۇرىدىغان جىنسىي ئەزاسى ئېغىر زەخمەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، يىلپىزدا ئەمدى قارشىلىق قىلغۇدەك كۈچ-جاسارەت قالمىغان، ھالى خاراب ئىدى. بۇ ئىشلار چاقماق تېزلىكىدە بولۇپ ئۆتتى. ئېتىۋېتىش ئۈچۈن مىلتىقنى قايتا ئوقلاپ ئۇنىڭ دەل بېشىنى قارىغا ئالدىم، تەمتىرەپ قالدىم. نۇرى ئۆچۈپ كېتىپ بارغان يىلپىزنىڭ كۆزلىرىدە ئاغزىنى يېرىم ئېچىپ «ھى. . . ھى. . . ھى. . . » دەپ چىقارغان نىداسىدا بىر خىل يېلىنىش، ئەپۇ سوراش، جان سوراش ئىلتىجاسى باردەك بىلىندى. گويا ئۇ تىلسىز ۋۇجۇدى بىلەن: «بالىلىرىمىز بار ئىدى، ئاچ قالغانىدۇق، سىلەرگە تېگىش خىيالىمىزدىمۇ يوق ئىدى. بالىلىرىمنىڭ ئانىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتتىڭىز، جېنىمغا خىرىس قىلدىڭىز، بۇ ئىش ئىلاجىسىزلىقتىن بولدى، كەچۈرۈپ جېنىمغا ئامانلىق بەرگەيسىز. . . » دېگەندەك ئىلتىجالار بار ئىدى. قوللىرىم تىترىدى، «راست، شۇنداق!» ۋۇجۇدۇمنى بىردىنلا ئىچ ئاغرىتىش، قىلىۋاتقان ئىشلىرىمدىن يىرگىنىش تۇيغۇسى قاپلىۋالدى. نېرىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ھەرىكىتىمىزنى كۆزىتىپ تۇرغان، ھاسىراپ تىللىرى ساڭگىلىغان تۇتقاققا قارىدىم. . . «قانداق قىلىمىز؟» زېرەك جانىۋار كۆڭلۈمدىكىنى چېھرىمدىن ئۇقتى-دە، بىر يىلپىزغا، بىر ماڭا قاراپ قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتقان ھالدا: «ھاۋ. . . ھاۋ!» دەپ قاتتىق قاۋىدى. بۇ ئۇنىڭ «يىلپىز ئېغىر زەخىملەندى، قويۇپ بەرسىڭىزمۇ بەرىبىر ھايات قالمايدۇ. ئوۋ قىلىۋېلىڭ!» دېگىنى ئىدى. ئىتنىڭ ئويلىغىنى توغرا. ئەمدى تەمتىرەپ تۇرماستىن بېشىنى قايتا قۇرۇلغا ئېلىپ ئېتىۋەتتىم. يىلپىز لاسسىدە يىقىلىپ ئازابتىن بىر يولى ئارام تاپتى. «ئۇھ، خۇداغا شۈكرى!» رىزقىم بار ئىكەن».
    تۇنجى ۋە بىرىنچى قېتىملىق ھايات-ماماتلىق جەڭ بىزنىڭ غەلىبىمىز بىلەن ئاخىرلاشتى. لېكىن بۇ غەلىبىگە تۇتقاق ۋە مەن بەلگىلىك دەرىجىدە زەخىملىنىش بەدىلى بىلەن ئېرىشتۇق. سارغىيىپ كەتكەن چۆپلۈككە سۇنايلىنىپ ياتتىم. ئولجىلارغا قارار رەخدىم يوق. يىلپىزنىڭ چىشلىرىدا زەھەر بارمىكىن، پاتىڭىم چىدىغۇسىز دەرىجىدە لوقۇلداپ ئاغرىپ كېتىپ باراتتى. سىرغىپ چىققان قان ئىششىشقا باشلىغان پاتىڭىمدا قېتىپ قالغانىدى. تۇتقاقنىڭ ئەقلىنى قانداق تەسەۋۋۇر قىلاي! ئېيتىڭلارچۇ، ئۇنىڭغا قانداق رەھمەت ئېيتاي، ئۇنىڭمۇ يارىسى ئېغىر، قاتتىق ئاغرىپ تۇرسىمۇ يەنە ئاستا بېسىپ قېشىمغا كەلدى-دە، «بىردەم مىدىرلىماي يېتىپ تۇرۇڭ» دېگەندەك بېشارەت بىلەن غىڭشىپ قويدى. پاتىڭىمدىكى جاراھەتلەرگە شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ بولۇپ، ئاندىن تەكشى يالاپ چىقتى. دەم ئۆتۈپ ئاغرىقمۇ خېلىلا پەسەيدى، ئىتنىڭ شۆلگىيى كۆپلىگەن جاراھەتلەرگە داۋا دەپ ئاڭلىغانىدىم. راست بولۇپ چىقتى. ئاندىن مەن تۇتقاقنىڭ شۆلگىيىنى ئوچۇمۇمغا ئېلىپ ئىتنىڭ تىلىنغان دۈمبىسىگە تەكشى سۇۋاپ، ئۇۋۇلاپ چىقتىم، دەم ئۆتۈپ ئۇمۇ سەل ئارام تاپتى، تاكى ئىككىمىزنىڭ يارىمىز ساقايغىچە ئىت مېنى يالاپ، مەن ئىتقا شۆلگەي سۇۋاپ بىر-بىرىمىزنى داۋالاپ چىقتۇق. باشقا دورا ئىشلەتمىدۇق. بىر ئاي بولغاندا جاراھىتىمىز ئاران پۈتتى.
    ئەسلىمگە كەلگەندىن كېيىن، قېشىمدا سۇنايلىنىپ ياتقان قەدىردان دوست تۇتقاققا قارىدىم. كۆزلىرىمدىن ياش سىرغىپ چۈشتى. «ئى تىلسىز جانىۋار، سەن بولمىساڭ جاھاندىن ئەبەدىي ۋىدالاشقان بولاتتىم. ساڭا قانداق رەھمەت ئېيتاي!»، «كاپ» قىلدىم-دە، مۇلايىم غىڭشىپ، تەمەسىز ئەركىلەپ تۇرغان ئىتنى قۇچاقلىغىنىمچە ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتتىم. تىلسىز جانىۋار ماڭا تەسەللى بەرمەكچى بولغاندەك يۈزلىرىمنى تىللىرى بىلەن يالاپ غىڭشىدى. بۇ ئۇنىڭ «بۇ گەپلەرنى قويۇڭ، ئۇ قانچىلىك ئىش ئىدى، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ» دېگىنى ئىدى. ئىتنىڭ مېھرى-ۋاپاسىغا تۇيالماي، مۇسۇلمانلارنىڭ ئادەت-ئېتىقادىغا خىلاپ ھالدا، ئىككى ئالىقىنىم بىلەن قۇلاق ئارىلاش ئىككى مەڭزىدىن تۇتۇپ تۇمشۇقلىرىغا، كۆزلىرىگە سۆيۈپ كەتتىم. «مەيلى كىشىلەر نېمە دېسە دېمەمدۇ؟»
    ئارقار-تېكە ئوۋلاش نىيىتىدە كېلىپ، ئوۋلىغىنىمىز ئىككى يىلپىز، بىر تۈلكە، بىر دوغداق بولدى. بۇ بەك چوڭ، ئىقتىسادىي قىممىتى يۇقىرى ئوۋ ئىدى. ئونلىغان ئارقار، تېكىلەرنىڭ قىممىتىدىن يۇقىرى تۇراتتى. بېشى كېرەكتىن چىققان بولسىمۇ، ئىكى يىلپىزنى شۇ يەردىلا تولۇمچىلاپ سويۇۋالدىم. تېنى ئىسسىق چېغىدا ئاجرىتىۋالمىسا، كېيىن قىيىن توختايتتى. تۈلكە بىلەن قوشۇپ سۆڭەكلىرىنى ئايرىم-ئايرىم ئاجراتتىم. قېرىن-ئۈچەيلىرى تاشلىۋېتىلدى. بېغىر، تال، بۆرەكلىرىنى تۇتقاققا يېگۈزدۈم. گۆشلىرىنى ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز تېرىسىگە جايلاشتۇردۇم. تۇتقاق ۋە چارۋا باقىدىغان ئىتلارغا بىرقانچە كۈنلۈك ئوزۇق بولاتتى. ھەممىنى سەرەمجان قىلىپ، ئاتقا ئارتىپ تەييارلىدىم. قوسۇۋاينىڭ باش غول تەرىپىگە تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرغان تۇتقاققا قارىدىم. «ئەمدى قانداق قىلىمىز»، تۇتقاقنىڭ ئوۋنى داۋاملاشتۇرغۇسى باردەك قىلاتتى. زېرەك ئىت كەيپىياتىمنى بايقاپ قالدى-دە، «سىز نېمىنى خالىسىڭىز شۇنى قىلايلى» دېگەن مەنىدە «ھاۋ!» دەپ قويدى.
    − بولار ئەمدى تۇتقاق،−دېدىم ئۇنىڭ تۈكلىرىنى سىلىغاچ، مۇشۇمۇ تازا ئامەتلىك ئوۋ بولدى. مۇنداق ئامەت خېلى-خېلى كاداڭ ئوۋۋچىلارغىمۇ نېسىپ بولمايدۇ ھەم قولىدىن كېلىۋەرمەيدۇ. ھالىمىزمۇ خاراب، قايتايلى. ھالىمىز ئوڭشالغاندىن كېيىن، يەنە سەن بىلەن تالاي ئوۋلارغا چىقىمىز، ماقۇلمۇ!
    تۇتقاق «ھى. . ھى. . . ھى»لاپ يۇمشاق غىڭشىپ ماقۇللۇقىنى بىلدۈردى. بۇ نامازدىگەرگە ئاز قالغان ۋاقىت ئىدى. كۈن نۇرلىرى مۇزلۇق چوققىلارنىڭ كۈنگەي يۈزىنى ئالتۇندەك جۇلالاندۇرۇپ تۇراتتى. ھېلىقى شارقىراتما ئولجا غېنىمىتىمىزنى تەبرىكلىگەندەك كۈچلۈك شاۋقۇنى بىلەن ئىككى يۈز مېتىر پەس جىلغا ئىچىگە سوزۇلۇپ چۈشۈۋاتاتتى. ئەمدى ئەسلىدىكى يول بىلەن ئەمەس ئايلانما، كەنتكە يېقىن «بۇغا ئېشىق» داۋان يولى بىلەن ئارقىمىزغا قايتتۇق.

    6

    − چاتاق بولدى!−دەپ ۋايساپ كەتتى دادام سۇپىغا ئولتۇرۇۋېتىپ، ئۇنىڭ ھېلىلا يايلاقتىن قايتىپ كېلىشى ئىدى.
    − نېمە ئىش بولدى؟ دەپ سورىدى ئانام، دادامنىڭ غەزەپلىك، خاپا چىرايىغا قاراپ تەشۋىشلەنگەن ھالدا.
    − يايلاقتا قوتاندىكى ماللىرىمىزغا بۆرىلەر توپى ئۆگىنىۋېلىپ ئارامىمىزنى قويمىدى. ئۇلار بەك چوڭ توپ ئىكەن، ئونچە بار. ئەڭ خەتەرلىكى بۇ توپقا بەكمۇ زور ئېشەكتەك، بېشى يوغان يايلىلىق بىر ئەڭ ياش بۆرە باش ئىكەن. بىزنى، ئىتلارنى كۆزىگىمۇ ئىلمايدۇ، تېخى كېچىسىنى ئاز دەپ ھېيىقىش يوق كۈپ-كۈندۈزدە ماللارغا چاپىدۇ. مۇشۇ بىرقانچە كۈن ئىچىدە بەش قويىمىزنى بوغۇپ كۆزىمىزدىلا يەۋەتتى. سېرىق ئىتىمىزنى تالاپ قۇلىقىنى ناكا قىلىپ قويدى. ئەتراپتىكى قوشنا چارۋىچىلارنىڭ ھالى بىزدىنمۇ ئېغىر. بىر كۈنى ئۇ يەرگە، بىر كۈنى بۇ يەرگە تېگىش قىلىدۇ. يېزىغا مەلۇم قىلدۇق. «ھازىرچە ئۆزۈڭلار بىر ئامال قىلىپ تۇرۇڭلار!» دەپتۇ.
    − قانداق قىلارمىز ئەمدى!. . . −ئانام سۈزمە بىلەن دوغاپنى دەستىخانغا قويۇۋېتىپ دادامنىڭ چىرايىغا قارىدى. بۇ ئالتىنچى ئاي مەزگىلى، يايلاق راسا كۆكلەملەشكەن، مال-چارۋىلارنىڭ سەمرىۋاتقان ۋاقتى ئىدى. دادام ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇپ بولۇپ ماڭا:
    − ئابدۇرېشىت، سەن ئوبدان تەييارلىق قىلىپ، مىلتىق، ئوق-دورا ھەم تۇتقاقنى ئېلىپ، يايلاققا چىقمىساڭ بولمىدى. چوڭ بۆرىگە سەنلا تاقابىل تۇرالىشىڭ مۇمكىن، تېزرەك بول! كۈن ئولتۇرۇپ بولغۇچە مالنىڭ قېشىغا بېرىۋالايلى،−دېدى.
    − ماقۇل،−دېدىم-دە، تەييارلىققا كىرىشتىم. كۈن چۈش بولاي دېگەنىدى. ئوق-دورا، قوش ئېغىزلىق زامانىۋى «سىنترال» ناملىق ئوۋ مىلتىقى، ئاش-ئوزۇق، ئارغامچا، جۇۋا (يايلاق ئىچى سوغۇق ئىدى). . . قاتارلىقلارنى ئالدىم. پۇتۇمغا كالا تېرىسىدىن چورۇق تارتتىم، تەييارلىقنى پۈتتۈرۈپ، ئىگەرلەنگەن ئاتقا مىنىپ، يولغا چىقتۇق. چاققانلىقىم، پەرمانبەردارلىقىمدىن دادامنىڭ خاپىلىقى سەل يېشىلدى-دە، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا:
    − يارايسەن ئوغلۇم!−دەپ قويدى. قوتان تەڭرىتېغى قاپتىلىدا «چېچەكلىك» يايلىقىنىڭ غەربىي تەرەپ قىر ئارقىسىدىكى «قوڭۇر دۆۋە» دېگەن ئويمانلىق يايلاقتا ئىدى. بۇرۇلتاي ئېقىنىنىڭ ئىككى قاپتىلىنى بويلاپ چېچەكلىك يايلىقىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ داۋاندىن ئېشىپ ئاندىن قوڭۇر دۆۋىگە يېتىپ باراتتۇق. ئاتلارنىڭ تەرلىگىنىگە قارىماي داۋاملىق ئىچكىرىلەپ ماڭدۇق. مەنزىل يىراقراق ئىدى، ماللارنىڭ قېشىغا ئالدىرىدۇق.
    تۇتقاق ئاللىقاچان مۇددىئايىمىزنى چۈشىنىپ بولغان، شۇڭا كۆزلىرى ئوتتەك يانغان، خۇشال ھالدا تۆت تەرەپكە سەپسېلىپ، ئويناقلاپ كېتىپ باراتتى. گاھىدا ئالدىمىزغا چىل، دوغداق، سۇ ئىچىشكە چۈشكەن تاغ ئۆچكىلىرى ئۇچراپ قالاتتى. بۇ چاغدا تۇتقاقنىڭ ئوۋ ھەۋىسى قوزغىلىپ ئېتىلىشقا تەمشىلەتتى-دە، مېنىڭدىن رۇخسەتسىز ئىش قىلىشقا پېتىنالماي «قانداق قىلىمىز؟» دېگەندەك تەلمۈرۈپ قاراپ قويىدۇ. مېنىڭمۇ ئالدىمدىكى ئوۋنى كەتكۈزۈۋېتىشكە رايىم بارمىسىمۇ، چارۋا-ماللار، بۆرىلەرنىڭ ئىشى مۇھىم بولغاچقا، ئەپسۇسلۇق بىلەن ئوۋدىن ۋاز كەچتىم. «بولمايدۇ!» دەپ باش لىڭشىتتىم. زېرەك ئىت چۈشەندى-دە، مەنزىلگە يەتكۈچە نەرسىلەرگە كۆز سالمىدى. كۈن بىلەن تەڭ يايلاققا ئۆيىمىزگە يېتىپ كەلدۇق. بۆرىلەر كۈندۈزى تېگىش قىلىپ چوڭ بىر قوينى بوغۇپ يەپ كېتىپتۇ. قېتىق، ئارپا نېنى بىلەن غىزالاندۇق. تەييارلىققا كىرىشىپ كەتتۇق. ئىتلارنى تويغۇزۇپ قويۇۋەتتۇق، ئاتلارنىڭ پۇتىنى چۈشەپ ئاق ئۆينىڭ قېشىدىكى ياپما قورام تاش تۈۋىگە قويۇۋەتتۇق. مال-چارۋىلارنى سولايدىغان كارز يەردىكى ئوچۇق قوتان ئەتراپىنى ئارغامچىلار بىلەن دائىرە قىلىپ توسىدۇق. يەنە دائىرە قىلىپ يەتتە-سەككىز يەرلەرگە شاخ-شۇمبا، قۇرۇتۇلغان تېزەكلەرنى دۆۋىلەپ گۈلخان تەييارلىدۇق. راستتىنلا بۆرىلەر ئوت ۋە ئارغامچىدىن نېمىشقىدۇر ئەيمىنىشەتتى. مەن مىلتىققا ئوقلارنى سېلىپ، ئوق-دورىلارنىڭ نەملىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن (يايلاقنىڭ مۇھىتى ھېمىشە نەم سوغۇق بولاتتى) يۇڭلۇق تېرە قاپ ئىچىگە جايلاشتۇردۇم.
    دادام ھالقىلىق پەيتتە چىقىدىغان بولۇپ ئاق ئۆيدە ئارام ئېلىپ قالدى. مەن ياللاپ ئىشلىتىۋاتقان مالچى بالا، ئۈچ ئىت (بىرى يارىدار بولسىمۇ) گۈزەتكە چىقتۇق. تۇتقاق دەم ئەتراپنى ئايلىنىپ قاۋاپ، دەم مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ يۈرمەكتە. كەچ كىرىپ ئاسمان بوشلۇقىغا قاراڭغۇلۇق قانات يايدى، بۆرىلەر توپى ۋە ئۇنىڭ ھېلىقى باتۇر يولباشچىسى، رەقىبلىرىنىڭ تاللىنىپ كەلگەنلىكى، تەييارلىقنىڭ پۇختا قىلىنغانلىقىنى سەزگەندەك ھېلىغىچە كەلمەيتتى.
    تۈن كېچە، ئويمانلىققا جايلاشقان يايلاقنىڭ ئىچى گويا يەر قەرىگە چۆكۈپ كېتىۋاتقاندەك تىنچ ۋە سۈكۈتلۈك ئىدى. يايلاقنىڭ شىمالىدا−غەربىي جەنۇبىي تەڭرىتاغلىقىنىڭ دائىرىسىگە مەنسۇپ، قاراڭغۇدىمۇ ئاقىرىپ كۆرۈنىدىغان قار باسقان تىك قىيا تاشلىق چوققىلار ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ، يۇلتۇزلۇق ئاسماننى توسۇپ تۇراتتى. يايلاق ئۈستىدىكى بۇلۇتسىز ئاسماندا يۇلتۇزلار توپى تېخىمۇ روشەن، تېخىمۇ گۈزەل چاقناپ تۇراتتى. ئېغىر سۇكۇناتقا چۆمگەن ئويمان يايلاق ئىچى، خۇددى ئۇيقۇسىراۋاتقان غەيرىي بىر ئالەمنى ئەسلىتەتتى.
    ھەر بىر تىۋىش، «تىرىق-تىرىق»لار بىلەن بېشىمنى كۆتۈرەتتىم-دە، ئەتراپقا كۆز سالاتتىم. ئىتلارمۇ ئەقىللىق، قاۋاشنى ئۇنتۇپ كەتكەندەك، ھوشيارلىق بىلەن «ياۋ»نى كۈتۈپ تۇرماقتا. قاۋاشنىڭ پايدىسىزلىقىنى، ياۋنى چۆچۈتۈپ، ئۆزلىرىنى ئاشكارىلاپ قويىدىغانلىقىنى بىلىشىدۇ. شۇڭا يېقىنلاشقاندا بىر يولى يوپۇرۇلۇپ ھەرىكەت قىلماقچى. ئاق رەڭلىك يۇڭ كىگىزلەردىن قۇراشتۇرۇلغان يايلاققا مۇناسىپ كىگىز ئۆي، قاراڭغۇلۇق ئىچىدە گويا دېڭىز ئۈستىدە يۈرگەن ئاق قالپاقتەك كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بىز كۈتۈۋاتقان بۆرىلەردىن تېخى بەلگە-تىۋىش يوق. بۆرىلەر بەك قۇۋ، تاكتىكىغا ئۇستا، ۋەھشى كېلىدۇ. ئېيىق، يىلپىز. . . لاردەك قورسىقىغا تۇشلۇق بىرنى ئېلىپ ماڭمايدۇ. ئاچكۆز ئاپەت، بىر چىشىدا ئالدىغا ئۇچرىغاننى بوغۇپ-چىشلەپ ئون-ئونبەشنى نابۇت قىلىۋېتىدۇ. يەيدىغىنى بىرەر پاقلان. . . بۆرىنىڭ خۇپىيەنتىنى بايقاش بەك تەس. بەزىدە ھەيۋە-سۈر، داغدۇغا، شەپە بىلەن ئاشكارا كەلسە، بەزىدە تىۋىشسىز، كۆرۈنمەي، دالدىلىنىپ كۈتمىگەن يەردىن پەيدا بولىدۇ. بۇنىسى بەك خەتەرلىك. بۈگۈن كېچە بۆرىلەر كەلسە راسا قاتتىق جەڭ بولىدۇ-دە! كۈتە-كۈتە مۈگدەشكە باشلىغاندا، ئالدىمىزدىكى يايلاق تاغنىڭ ئارقىسىدىن بۆرىلەرنىڭ ئۇزۇن ھۇۋلاشلىرى ئاڭلاندى. جاۋابەن يەنە باشقا يايلاق، يىراقلاردىن ھۇۋلاش ئاۋازلىرى جور بولدى. دېمەك، بۈگۈن كېچە بۆرىلەر كەلمەيدىغاندەك. باشقا قوتانلاردا مېھمان بولىدىغان ئوخشايدۇ. ئۇلار كىچىك بۆلەكلەرگە بۆلۈنسە كېرەك، ئەسەبىيلىك بىلەن چىققان بۇ ئاۋاز خۇددى يىغىدەك بوغۇق، لېكىن ئېنىق ئىدى. ئادەمنى سۈر باساتتى. ئىتلارمۇ تىنچسىزلىنىپ، ئەتراپنى ئايلىنىپ قۇتراشقا، قاۋاشقا باشلىدى. ئاخىر بۆرە كەلدى، بۇ قېتىم ئىككىدەك قىلاتتى. قوتاننىڭ شىمال ۋە جەنۇب ئىككى تەرەپتە، قول چىراغنىڭ كۆزىدەك بىر جۈپتىن نۇر توچكىسى كۆرۈندى (بۆرىلەرنىڭ كۆزلىرى قاراڭغۇدا چىراغدەك يېنىپ كۆرۈنىدۇ). ئۇلار ئىككى ياقتىن قىسىپ كەلمەكچى. . . گۈلخانلارنى يېقىۋەتتۇق. قوتان ئەتراپى يورۇپ كەتتى. داداممۇ ئۆيدىن چىقتى-دە، قولىغا يوغان سويلا ئېلىپ، «قايت-قۇيتلاپ» قوتان ئەتراپىنى ئايلاندى. ئىتلارمۇ، بۆرىلەرنى قوتانغا يېقىن يولاتماسلىق ئۈچۈن، ئاچچىق قاۋىشىپ، ئايلىنىپ يۈرمەكتە. بۆرىلەر يۆتكىلىپ ھەرىكەت قىلىپ تۇرغاچقا، كېچىسى مىلتىق ئېتىش خەتەرلىك، باشقىغا تېگىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا قولۇمغا پالتا ئېلىپ بىر تاشنىڭ تۈۋىدە، دەل بۆرىلەر قوتانغا ھۇجۇم قىلىدىغان ئېغىزدا تۇرۇۋالدىم. تۇتقاقمۇ ئەتراپىمدا مېنى قوغداپ پەرمانبەردارلىق بىلەن ئايلىنىپ يۈرىدۇ. بۆرە راستتىنلا بىر جۈپ ئىكەن. قارىغاندا ھېلىقى يولباشچى بۆرە بۇ يەرگە كەلمىگەندەك. باشقا بۆلەككە باش بولۇپ كەتكەندەك قىلاتتى. بۆرىلەر يەنە بىر قېتىمدىن ھۇۋلاشتى-دە، ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئىككى ئىت جەنۇپ تەرەپتىكى بۆرىگە قاراپ ئېتىلدى. ھەرھالدا ئۇنى قوتاندىن يىراقلاشتۇردى. شىمال تەرەپتىكىسى مەن تۇرغان ئېغىزغا كېلىۋېتىپ، ئۇشتۇمتۇت پارقىراپ تۇرغان بىر جۈپ كۆزى غايىب بولدى. «نېمە قىلغىنىدۇ بۇ بۆرىنىڭ»، تۇتقاق ئاچچىق قاۋاپ بىر تەرەپكە چىقىپ كەتتى. يايلاقنىڭ مۇداپىئە تەدبىرلىرى كۈچەيتىلگەندىن كېيىن ئوزۇق تېپىپ يېيەلمەي ئاچ قالغان چېغى، بۇ قېتىم ھەرقانچە بەدەل كەتسىمۇ، ئوزۇقسىز قايتماسلىق نىيىتىگە كېلىشكەن بولسا كېرەك. كىرىش يولىنى قاتتىق توسۇۋالغىنىم ئۈچۈن ئىلاجىسىز قىلىپ، غەزەپ بىلەن تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ قۇتراۋاتاتتى.
    تۇيۇقسىز ئارقا تەرىپىمدىن بىرنەرسىنىڭ پۇشۇلدىغان ئاۋازى، سېسىق تىنىقى گەجگەمگە ئۇرۇلدى. چۇپۇرلۇق ئىككى پۇتىنى ئىككى مۈرەمگە ئالغىنىنى سەزدىم. «بۆرە!» توغرا بۆرە ئىكەن. يولى توسۇلغان ئاچ بۆرە غالجىرلاشقان ھالدا قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، مېنى تالاپ چەتلىتىپ قوتانغا كىرمەكچى بولغان. بۆرىنىڭ ئۆتكۈر چىشلىرى پاتىڭىمغا تېگىش ئارىلىقىدا بۆرە «غىڭ-غاڭ» قىلدى-دە، مۈرەمدىن چۈشۈپ كەتتى. دەل شۇ پەيتتە تۇتقاق ئۈلگۈرۈپ كېلىپ، بۆرىنىڭ تېقىمىدىن ئالقاندەك گۆشنى چىشلەپ يۇلۇۋالغان. بۆرە ئۈستۈمدىن چۈشۈپ ئىت بىلەن ئېلىشپ كەتتى. تۇتقاق بوي بەرمەي چاققانلىق بىلەن قېشىمغا كېلىۋالدى. بۆرە جان ئاچچىقىدا ئىتقا ئېتىلىمەن دەپ ئالدىمغىلا كېلىپ قالدى. پالتىنى چەبدەسلىك بىلەن ئۇنىڭ پاتىڭىغا چاپتىم. بۆرە چاققانلىق بىلەن ئۆزىنى يانغا تاشلىمىغان بولسا، بېشى ئۈزۈلۈپ چۈشەتتى. پالتا ئۇنىڭ دولىسىغا چالا-پۇچۇق تەگدى-دە، غاڭشىپ كەتتى. تۇتقاق ياندىن كېلىپ، ئالاقزادە بولۇپ كەتكەن بۆرىنىڭ يەنە بىر تېقىمىدىن بىر پارچە گۆشنى يۇلۇۋالدى. خەۋپنىڭ ئېغىرلىقىنى چۈشەنگەن بۆرە چېكىنمەكچى بولۇپ بۇرۇلۇشىغا، ئالدىمغا توغرا كېلىپ قالغان قۇيرۇقىدىن «كاپ» قىلىپ تۇتۇۋالدىم-دە، كۈچ بىلەن يەردىن يۇلۇۋېلىپ بىرقانچە رەت ئايلاندۇرۇپ ئالدىمدىكى قورام تاشقا زەرب بىلەن ئۇردۇم. «غىرىس» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ بۆرىنىڭ ئۇمۇرتقىسى ئېزىلىپ ئۇجۇقتى. يەنە بىرسى ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى تۇيۇپ بەدەر تىكىۋەتتى-دە، تۈن قوينىدا غايىب بولدى. بۈگۈن كېچىدىكى جەڭ ئاياغلاشقان بولدى. تاڭ سۈزۈلگەندىن كېيىن قارىساق، ماللار چىقىم بولماپتۇ. بۆرە ئەركەك ئىكەن، دادامغا قاراپ، «سىلە ئېيتقان ھېلىقى يولباشچى چوڭ بۆرە شۇمۇ؟» دەپ سورىدىم. دادام كېلىپ قاراپ بېقىپ باش چايقىغان ھالدا:
    − ياق، ئۇ ئەمەس!−دېدى. بۇ ئادەتتىكى بۆلتۈرۈك ئىكەن. قېچىپ كەتكىنى چىشى بۆرە بولسا كېرەك. بىزنى كۆزگە ئىلماي ئاشۇ بۆرىلەرنى ئەۋەتكەن چېغى. ئۇ بەك سۈرسۆلەتلىك، زور بۆرە ئىدى.
    −. . .
    سۈكۈنات باستى. نېمىشقىدۇ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىنى يەنە ئالدىمىزدا كېلىدىغان يېڭى كۆڭۈلسىزلىكنىڭ ۋەھىمىلىك غەشلىكى بېسىۋالغانىدى.
    − بۆرىلەر بىلەن بولىدىغان ماجىرا بۇنىڭ بىلەن تۈگىمەيدۇ. دەھشەتلىكرەكى ئەمدى بولارمىكىن. ھېلىقى چىشى بۆرە چوڭ توپقا قېچىپ بارىدۇ. كۆرگىنىنى مەلۇم قىلىدۇ. ئۆلگەن سەپدىشىنىڭ قىساسى ئۈچۈن، چوڭ توپ بولۇپ ھۇجۇمغا كېلىدۇ. تەييار تۇرايلى!
    دادام ھېلىقى بۆرىنى تۇلۇمچىلاپ سويۇپ، تېرىسىگە ئوت-چۆپلەرنى تىقىپ ئاق ئۆينىڭ ئۈستىگە ئېسىپ قويدى. يېڭىۋاشتىن ئوتۇن، تېزەكلەرنى يىغىپ گۈلخانلارنى تىزىپ قويدۇق. بار ئارغامچىلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، قوتاننى ئايلاندۇرۇپ يۆگەپ قات-قات توسۇق تەييارلىدۇق. كالتەك، پالتا، پىچاقلارنى تەل قىلدۇق. ئىتلارمۇ ئوبدان ھاردۇق ئېلىپ تويۇندى. ئەمدى بۆرىلەرنىڭ ھۇجۇمىنى كۈتۈپ، ھوشيار بولۇپ ئارامسىزلىق بىلەن يۈرىمىز. ئۈچ كۈنگىچە بۆرىلەر يا كېچە، يا كۈندۈزى كەلمىدى. «بۆرىلەر ئەيمىنىپ باشقا تاغلارغا كېتىپ قالغان ئوخشايدۇ» دەپ يۈرۈپتىمىز. دەل تۆتىنچى كۈنى كۈپ-كۈندۈز، چۈش ۋاقتىدا ئوندىن ئارتۇق بۆرىلەرنىڭ تولۇق توپى يايلىقىمىزدا پەيدا بولدى. بۆرىلەرنىڭ تۈكلىرى پارقىراق، كەيپىياتى كۆتۈرەڭگۈ، جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇراتتى.
    − مەن ئېيتقان بۆرە ئاينا ئاشۇ!−دېدى دادام قولىدىكى چېتىن دەرىخىنىڭ نوتىسىدىن قىلىنغان سويلا بىلەن توپ ئارىسىنى كۆرسىتىپ. قارىسام راست، بويى زور، بېشى يوغان، يايلىلىق، تۈكلىرى كۆكيېشىل رەڭدە تاۋلىنىپ تۇرىدىغان، كۆزىدىن قەبىھلىك چىقىپ تۇرغان يېشىل نۇر چاقناۋاتقان، ۋۇجۇدىدىن نوچىلىق، كۆرەڭلىكى ئۇرغۇپ تۇرغان بىر بۆرە ئىكەن. ئوۋچىلىق ھاياتىمدا مۇنداق شانى-شەۋكەتلىك بۆرىنى ئۇچراتمىغانىدىم. ئىتلار بۆرىلەرنى كۆرۈپ قورققىنىدىن قۇيرۇقىنى قىسىپ دىر تىترەشتى ۋە سىيىپ تاشلىدى. ئەگەر ھۇجۇم باشلانسا قاچىدىغاندەك قىلاتتى. مالچىمۇ سالپىيىپ كەتكەن، تۇتقاقلا چاندۇرماي بۆرىلەرگە قاراپ تۇراتتى.
    − بالام، ئەھۋال خەتەرلىك! بىزدىن بىر ئۈمىد سەندە، مىلتىقىڭدا ھەم تۇتقاقدا. قەتئىي بوشاشمايلى. تۇتقاق ئاشۇ بۆرىنىڭ كەينىگە چۈشۈپ ساڭا توغرىلاپ قىستاپ بەرسۇن، ئاشۇنى ئېتىۋېتەلىسەك، قالغىنى بۇ يايلاقلاردىن تىزىپ كېتىدۇ. بولمىسا خېلىغىچە بۇ ئاپەتنىڭ ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلالمايمىز!−دېدى دادام بىزنى رىغبەتلەندۈرۈپ. مالچى بالىغىمۇ چۈشەندۈردى. ئىتلارغىمۇ ۋارقىراپ يۈرۈپ «قاچماسلىق» توغرىسىدا بېشارەتلەرنى بەردى.
    − ئاڭلىدىڭمۇ!−دېدىم تۇتقاققا، غەيرەت قىل، ماھارىتىڭنى ئىشقا سال! قاچىدىغان ئىشنى قىلما!
    تۇتقاق گەپلەرنى ھەم ۋەزىيەتنى چۈشەنگەندەك ھاۋشىپ قويدى.
    يولباشچى باشچىلىقىدىكى بۆرىلەر توپى بىزنى پىسەنتىگىمۇ ئالماي، ئەركىن-ئازادە كەيپىيات ئىچىدە قۇراپ كەلگىنىچە 300 مېتىر نېرىدا، بىر دۆڭدە توختاشتى. يولباشچى بۈگۈن ئۆزىنىڭ «قوماندانلىقى»دا بولىدىغان جەڭنىڭ مەيدانىنى، ۋەزىيەتنى بىر قۇر كۆزىتىپ چىقتى. ئۇنىڭ كېچىسى كەلمەي، كۈندۈزى ئاپ-ئاشكارا كېلىشى، بۆرىلەرنىڭ ھايۋاناتلار ئىچىدە چېقىلىشقا بولمايدىغان بىر ئەلا ئېرىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويۇش، كېچە ئۆلتۈرۈلگەن بىر ئەزاسىنىڭ خۇن-قىساسىنى ئېلىش نىيىتىدە ئۆزلىرىنى مەردانە كۆرسىتىپ، كېيىنكى ھايات ياشاش يولىنى داغداملاشتۇرۇش ئىكەنلىكى شەك-شۈبھىسىز.
    كېچە قىچىپ كەتكەن بۆرە بولسا كېرەك، ئالدىغا ئۈزۈپ چىقتى-دە، ماڭا ئاندىن ئاسمانغا قاراپ قاتتىق بىرنى ھۇۋلىدى، «جۈپتۈمنى ئۆلتۈرگىنى ئاشۇ!» دەپ كۆرسىتىۋاتاتتى يولباشچىسىغا. يولباشچى بۆرە ئورنىدىن قوزغالماي يېنىك غىڭشىپ قويۇۋىدى، بۆرىلەر دەرھال تارىلىپ، بىزنى قورشاشقا باشلىدى. يولباشچى جايىدىن قىمىرلىماي باشچىلىق قىلماقتا.
    − بالام،−دېدى دادام شىۋىرلاپ، ئۇلار كېلىشىگىلا ئوق چىقىرىدىغان گەپ ئىدى. پۇرسەت كېتىپ قالدى. ئاشۇ بۆرىنى ئېتىۋەت! بول، چاپسان!
    يولباشچى مىلتىق بارلىقىنى نەزەرگە ئالمىغان بولسا كېرەك (ئىلگىرى ھۇجۇملاردا مىلتىققا دۇچ كەلمىگەن چېغى)، شۇڭا ئۇ قورۇلغا ئېلىنغاندىمۇ پىسەنت قىلىپ قويمىدى. بەلكى ئورنىدىن قوزغىلىپ سالماق قەدەم بىلەن قۇتراپ كېلىپ يۈز مېتىر ئارىلىقتا توختىدى. بۆرىنىڭ كۆزىدىن يىرگىنىشلىك يېشىل ئۇچقۇن چاقناپ تۇراتتى. ئۇ ماڭا قانداق ھۈنەر ئىشلەتمەكچىدۇ؟ مەنمۇ تەمتىرىمەي تۇرۇپ سىنترالنىڭ قوش ئېغىزىنى دەل كۆكسىگە توغرىلاپ ئېتىۋەتتىم. ئىس تارقىغاندىن كېيىن قارىسام، غەزەپلەنگەن، تۈكلىرى، يايلى ھۈرپەيگەن يولباشچى ساق-سالامەت ماڭا ئېتىلىپ كېلىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ بايامقى ئورنىدا ئىككى بۆرىنىڭ ئۆلۈكى ياتىدۇ. بىرسى ھېلىقى چىشى بۆرىدەك قىلاتتى. مەلۇم بولدىكى، ئاشۇ ئىككى بۆرە چاقماق تېزلىكىدە يېتىپ كېلىپ، يولباشچىغا نېسىپ بولىدىغان ئوقلارنى تېنىدە توسۇۋېلىپ جان پىدالىق بىلەن ئۇنى قوغداپ قالغان. بۆرە ۋە ئىت تائىپىسى، ساداقەتمەنلىكتە بارلىق ھايۋانلاردىن ئۈستۈن تۇرسا كېرەك، دادام ھولۇققان ھالدا:
    − بالام، مىلتىقنى ئوقلا، بۆرە يېتىپ كەلدى!−دېدى. قارىسام ئون مېتىردەك ئارىلىق قاپتۇ. چاقماق تېزلىكىدە مىلتىققا ئوق باستىم. باشقا بۆرىلەر قوتان ئەتراپىدا ئىتلار بىلەن ئېلىشىپ، مالچى بالىنىڭ قايت-قۇيتلىرىغا پىسەنتمۇ قىلماي ئولجا ئۈچۈن پىرقىراپ يۈرىشەتتى. بۆرىلەرنىڭ مەقسىتى قوتاندىكى ماللارنىڭ ھەممىسىنى بوغۇپ تاشلاپ، بىزنى، ئىتلارنى تالاپ ئۆلتۈرۈپ، ئۆي-پۆيلىرىمىزنى ئۆرۈۋېتىپ يەر بىلەن يەكسان قىلىپ يۈرىكىمىزنى مۇجۇۋېتىش، بۇ يەردىن قوغلاش ئىدى. تۇتقاق شۇ زامان يولباشچىنىڭ ئارقىسىدا پەيدا بولدى. يۈرەكلىك ھالدا تېقىمىغا ئېغىز سالدى. يولباشچى مېنى تاشلاپ غەزەپ بىلەن تۇتقاققا ئېتىلدى، تۇتقاق ئەپچىللىك بىلەن ئۆزىنى چەتكە ئېلىۋالدى. شۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ يولباشچىنىڭ بېشىنى چەنلەپ ئېتىۋەتتىم. بوشقىنا «غىڭغاڭ» ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ئوق ئۈزۈلگەندە، يولباشچى تېزلىكتە ئۆزىنى ياقىغا ئالغانلىقتىن جايىغا تەگمەي يوتا گۆشىنى تېشىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. تۇتقاق يەنە پەيدا بولۇپ يولباشچىغا تاشلاندى. يەرلەر بۆرىنىڭ قىپقىزىل قېنى بىلەن بويالدى. ئۇ ئەمدى ئېلىشىشنىڭ پايدىسىزلىقىنى سەزدى-دە، پۇتىنى سۆرىگەن ھالدا جەڭ مەيدانىدىن چېكىندى. مىلتىقنى ئوقلاپ قايتا ئاتسام ئەچەبكى، ئېتىلمىدى. بۇ يولباشچىغا تەقدىر بەخش ئەتكەن تەلەيمىدۇ؟ سېتۋول قىزىپ كەتكىنى ئۈچۈن ئېتىلمىغانمىدۇ يا؟ قايتىلاپ ئېتىۋېرىش خەتەرلىك. سېتۋول يېرىلىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا بۆرىلەرنىڭ قېچىپ كېتىشىگە يول قويدۇم. يولباشچى بۆرە ئىڭرىماستىن، يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرمەسلىككە تىرىشىپ، كۆرەڭلىك بىلەن چېكىنىپ ھېلىقى دۆڭلۈككە يېتىپ باردى. شۇنداقتىمۇ يارىدار پۇتىنى ئاياپ دەسسىگەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. دۆڭلۈكتە زوڭ ئولتۇردى-دە، قان كۆپ چىقىپ كەتكەن يانپىشىنى ئۇزاق يالىدى. ئالدىنى ماڭا قىلىپ ئۇزۇنغىچە تىكىلىپ قاراپ كەتتى. ئۇنىڭ قىپقىزىل ئاغزى، ئۆتكۈر چىشلار بىلەن تولغان جاۋغايلىرى، ھىڭگىيىپ يوغان ئېچىلغان، سۈركۆك رەڭلىك تۈكيايلىرى تىك بولۇپ كەتكەن، ئۇ بۈگۈنكى مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمىگەن ھالدا قىساس يانغان يېشىل كۆزلىرىنى غەزەپ بىلەن تىكەتتى. ئۇنىڭ كۆرەڭ-شەۋكەتلىك بۇ ھالىتى بىر سەنئەتلىك ھەيكەلگە ئوخشاپ كېتەتتى. قىساس، ئۆچلۈك، كۆرەڭلىك ھېسسىياتى قوشۇلغان ھالدا، ئادەم ۋە جانلىقلارنىڭ تېنى شۈركىنىپ كېتىدىغان ۋەھشىيلىكى ئەۋجى قىلىپ، شۇملۇق يېغىپ تۇرغان، يېشىل كۆزلىرىگە مەركەزلەشكەنىدى. ھەتتا مەن ۋە تۇتقاقمۇ بۇ كۆزلەربۇ قاراشلارغا بەرداشلىق بېرەلمىدۇق. مەن يەرگە قارىۋالدىم. تۇتقاقمۇ دىرىلدەپ تىترەپ، يۇمشاق غىڭشىغان ھالدا، ئاق ئۆينىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ كەتتى. باشقىلارنىڭ تەشۋىشى بىزدىنمۇ بەتتەر ئىدى.
    يولباشچى بۆرە دۆڭدە ئولتۇرۇپ، شۇملۇق چىقىپ تۇرغان كۆزىنى بىزگە تىكىپ بولغاندىن كېيىن، ئاسمانغا قاراپ تەنتەنە بىلەن قاتتىق ئاۋازدا بىرقانچىنى ھۇۋلىۋەتتى-دە، بۇرۇلغىنىچە بۆرىلەرنى باشلاپ يۈرۈپ كەتتى. ئۇ تاكى قارىسى يۈتكىچە پات-پات ئارقىسىغا قاراپ بىزگە ھۇۋلاپ قوياتتى. بۇنىڭدا: «بۇ ئېلىشىش ھېساب ئەمەس، ھامان سېنىڭدىن ھېساب ئالىمەن!» دېگەن مەنە باردەك قىلاتتى.
    − ھەي بالام،−دېدى دادام، بۆرىلەرنىڭ قارىسى يۈتكەندىن كېيىن ئېغىر ئۇھ تارتىپ، ئەمدى ئاشۇ بۆرە ئۆلمىگىچە خاتىرجەم ئۆتەلمەيدىغان بولدۇق. ئۇنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋېتىدىغان ئىش ئىدى. ئەجىلى توشماپتىكەن، يېنىك يارىلاندى، ئەگەر ساقىيىۋالسا ئىش چاتاق. بۆرىلەر قىساسچى كېلىدۇ. بولۇپمۇ سەن بۆرىلەرگە دۈشمەنلىك بولۇپ قالدىڭ. ئوۋدا، تاغدالادا، يالغۇز سەپىرىڭدە بەك ھوشيار بول! ئەمدى ئۇ ھەمىشە سېنىڭ پېيىڭدە بولىدۇ. ئەپسىز ھالىڭنى كۈتىدۇ. ھامان بىر كۈنى سەندىن ھېساب ئالماي قويمايدۇ. خۇدا ساقلىسۇن، ھەممىڭلار پەخەس بولۇڭلار!. . .
    − قايتا ئاتاي دېگەنىدىم، مىلتىق قىزىپ كېتىپتۇ. ئامال بولمىدى. . . −ئۆزۈمنى ئاقلىدىم. ھەمىشە دەككە-دۈككە، پەخەسلىك ئىچىدە يۈردۇق. لېكىن يولباشچى بۆرە باشچىلىقىدىكى توپ بىر مەزگىللەرگىچە بۇ ئەتراپ تاغ-يايلاقلاردىن يوقاپ، كۆڭلىمىز بۆرىلەر غەۋغاسىدىن خېلى تىنجىپ قالدى. ئۇ ئۆلدىمىكىن ۋە ياكى ساقايسىمۇ باشقا يىراق تاغ-يايلاقلارغا يۆتكىلىپ تىرىكچىلىكى ئۈچۈن پاراكەندىچىلىك سېلىپ يۈرەمدىكىن. . . يېزا، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تۆھپەم ئۈچۈن لەۋھە، بەش يۈز يۈەن پۇل بىلەن مۇكاپاتلىدى. . .

    7

    تەكرار-تەكرار «ئوۋ قىلمايمەن!» دەپ باققان بولساممۇ، يەنە ئۇنىڭ شۇ بىردەملىك شېرىن مۇھەببىتىدىن كېچەلمىدىم. راستىنى ئېيتسام، بۇ ئىش ئەمدىلىكتە ھەۋەس-مۇھەببەتتىن، تىرىكچىلىك قىلىشتىكى كەسپىي ھەرىكىتىمگە رىزقىمغا ئايلىنىپ كەتكەنىدى. قولۇڭ مىلتىققا، پۇتلىرىڭ مېڭىشقا-يۈگۈرۈشكە ئادەتلىنىپ كەتكەچكە، تېرىقچىلىق ۋە باشقا ھۈنەر-كەسىپكە رايىڭ بارمايدىكەن.
    سېنتەبىرنىڭ باشلىرى تاغلىق رايونلاردا كۈز پەسلى ئوتتۇرا بولغان بولىدۇ. يازدىكى يېشىل يايلاقلارنىڭ ئوتلىرى سارغىيىپ، پەجمۇردە بولغان، تەڭرىتاغلىقنىڭ يۇقىرى يوتىلىرىدىكى قارىغاي، ئارچىلار ئۈستىگە نېپىز بىر قەۋەت قار چۈشكەن، يازنىڭ ئوتى ئەلۋەك، سۈيى مول چاغلىرىدا چارۋىلىرىنى سەمرىتىۋالغان چارۋىچىلار غەمكىن ھالدا، يايلاقلاردىن ئايرىلىشقا قىيالمىغاندەك ئارقىسىغا قاراپ-قاراپ قويۇشۇپ، جەنۇب تەرەپتىكى شىۋاق، چىغلار قاپلىغان قاقاس تاغلار ئارىسىغا كۈزلەكلەرگە كۆچمەكتە. غۇلجا-ئارقارلار، تېكە-ئۆچكىلەر تېخى كۈزلەكلەرگە كۆچۈش نىيىتىدىن يىراق. نېمىشقا دېگەندە، قار باسقان، ئوتلىرى ئۈششىگەن ئېگىز يايلاق تاغلارنىڭ ئاستىدا، جىلغا، تاغ قىيالىرىنىڭ دالدىسىدا تېخى سوغ تەگمىگەن، يەلپۈنۈپ تۇرغان يېشىل ئوتلار تولۇپ يېتىپتۇ. ئۇلار ئاشۇ ئوتلارنى تۈگەتمىگىچە كۈزلەكلەرگە چۈشمەيدۇ. كۈزلەك تاغلاردا ھازىر قىرغاۋۇل، توشقان، كەكلىكلەردىن باشقا قوۋۇز توشقۇدەك يىرىك-چوڭ ئوۋلار يوق. ھەممىسى ئاشۇ تاغلاردا. چېچەكلىك يايلىقىنىڭ باش تەرىپىدىن شەرققە يانداپ ياكى قاش يايلاقنىڭ شىمالىدىكى قارلىق تاغ يوتىلىرىدا «بۈركۈتلۈك» ناملىق غايەت زور تىك، ياپىلاق قىيا تاشنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ بۇرگىلىك دېگەن بىر قاراڭغۇ ئورمانزارلىققا چىقىمىز. بۇ يەرلەرگە كۈندۈزى كۈن نۇرى قىسقىلا ۋاقىت چۈشىدۇ. ئىپتىدائىي ئورمانلارنىڭ ساقلىنىپ قالغان كۆپلىگەن تۈر-ئەۋرىشكىلىرى مۇشۇ يەردىن تېپىلىدۇ. ھېلىقى يوللار ئارقىلىق مۇشۇ بۈرگىلىككە چىقىمىزدە، چوڭ قوسىۋاي جىلغا ئېقىنىغا، ئېقىننىڭ قارشى قىرغىقىدا ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بوۋىخان تېغىغا يۈزلىنىمىز. يەنە شىمالغا بۇرۇلۇپ سۇ بېشىغا يېتىپ بېرىۋالىمىزدە، توپ-توپى بىلەن يۈرگەن، ئارقار، تاغ تېكىلىرىگە دۇچ كېلىمىز. بۇ يەردە ئوۋ چوقۇم نەتىجىلىك بولىدۇ. بىراق بۇ مەنزىلگە يېتىدىغان سەپەر يولى قىس، تار جىرا، چىغىر يوللار، تىك قىيا تاشلار ئارىسىدا بولىدىغان بولغاچقا، ئوۋغا پىيادە چىقمىسا، ئاتلىق مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا بۈركۈتلۈك قىيا تېشى ئارىلىقىدىكى جىرا يول بىلەن بۈرگىلىككە چۈشۈپ ئوۋ قىلىپ كېلىش تەييارلىقىنى قىلدىم. دادام سەپىرىمگە ئېسەنلىك-ئامەت تىلىگەن ھالدا شۇلارنىمۇ جېكىلىدى.
    − بالام، خەتەرلىك يولنى تاللاپسەن، پەخەس بول! بۈرگىلىكتە ئېيىق بار!. . .
    باشتىكى سەپىرىمىز بىخەتەر بولدى (كېتىۋېتىپ ئوۋچىلىق ئىرىمى بويىچە ئالدىمغا تۇنجى قېتىم «ھالال مال» ئۇچرىمىغانلىقتىن، ئىلاجىسىز بىر قۇزغۇن قاغىنى ئېتىۋەتتىم. كۆڭلۈم غەش، قىلچە خۇشال بولمىدىم. قاغا−كىشىلەرنىڭ ئىرىسىدە نىجاسەت يەيدىغان، شۇملۇقنى تىلەيدىغان بىر ناكەس پەرەندە. كۆڭلۈمگە بۈگۈنكى ئوۋنىڭ تازا كۆڭۈللۈك بولمايدىغانلىقى، خەتىرى باردەك بىلىندى. قايتىپ كېتەيمۇ يا؟ تۇتقاقمۇ ئەتراپىمنى چۆرۈلۈپ غىڭشىپ، پۇشقاقلىرىمدىن چىشلەپ ئۆي تەرەپكە تارتتى. «قايتايلى، چاتاق بار» دېگەندەك قىلاتتى. يەنىلا قايتىپ كەتكۈم كەلمىدى. جاپا تارتىپ كۆپ يولنى بېسىپ بوپتىمىز. قاغا بولسىمۇ ئۇچرىدى. ئوقمۇ تەگدى. دېمەك، ئوۋنىڭ يولى ئوچۇق دېگەن گەپ!
    − مېڭىۋېرەيلى-ھە! دېدىم−«قانداق قىلىمىز؟» دېگىنىچە قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىپ تەلمۈرۈپ تۇرغان تۇتقاققا قاراپ ۋە ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ،−ئوۋ بولۇپ قالار. . .
     «ھاۋ!» دەپ قاۋىدى تۇتقاق «مەيلى ئەمىسە» دېگەندەك ئويناقلىغىنىچە ئالدىمدا يۈرۈپ كەتتى.
    بۈرگىلىك ئورمانلىقنىڭ شىمالىي قاپتىلىدا، ئېگىز ئۆسكەن ئوتلار ۋە تاغ چاتقاللىرى بىلەن قاپلانغان، كۈن نۇرى ئاز چۈشكەنلىكتىن گۇگۇم كۆرۈنىدىغان 300 مېتىرچە ئېگىزلىكتىكى تۆپىلىكتىن خېلىلا چوڭ بىر تاشقىن سۇ شارقىراتما بولۇپ سوزۇلۇپ چۈشىدۇ. تۆۋەندە بىر كۆلچەك ھاسىل قىلىپ تاشقىنداپ ئاققىنىچە نېرىدىكى چوڭ قوسۋاي ئېقىنغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ. يىلدا مۇشۇ دائىرىگە ئوۋغا كەلگىنىمدە، ئاللا ئاپىرىدە قىلغان بۇ گۈزەل ھاسىلچىلىقتىن زوق-بەھرە ئالماي ئۆتەلمەيمەن. سۈپسۈزۈك، مۇزدەك سۇدا يۈزۈمنى يۇيۇۋالىمەن. ئارپا نېنىمنى چىلاپ يەپ، تۇزى يوق تەملىك بۇ سۇدىن ئۇچۇملاپ ئىچىۋالىمەن. ئىتمۇ نېمە قىلسام دوراپ شۇنى قىلىدۇ. ئىشقىلىپ ئۇ ھەر بىر ھەرىكەتلىرىدە مېنى خۇشال قلىشقا تىرىشىدۇ. بۇ قېتىم يەنە شارقىراتما تۈۋىگە بۇرۇلسام، نېمىشقىدۇر تۇتقاق غىڭشىپ ئالدىمنى توسىغاندەك قىلىقلارنى قىلدى. ئېتىۋار قىلماي شارقىراتما تۈۋىگە كەلدىم. كېلىشىمگىلا يوغان ھەم كىچىك مۈڭگۈزلۈك ئون-ئونبەشچە ئارقار (ئەركىكى غۇلجا دېيىلىدۇ) «پارت-پۇرت» قىلىپ، شارقىراتمىنىڭ يېنىدىكى تارچۇقتىن جىرا بويلاپ تۆپىلىككە قېچىپ چىقىپ كەتتى. يۇقىرىقى تاغدىن ئوتلاپ كېلىپ سۇ ئىچكىلى چۈشكەنىكەن. دەرھال ئارقارلار قاچقان تارچۇق جىلغىدىن تۆپىلىككە قاراپ يۈگۈردۈم. تۇتقاق ئالدىمدا ئاللىقاچان چىقىپ كەتكەنىكەن. ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ يۇقىرىغا چىقسام ئارقارلاردىن ئەسەرمۇ يوق. ئالدىمدا غايەت زور، گىياھ ئۈنمەس قوغۇشۇن رەڭلىك تاشلاردىن ئىبارەت بىر تاغ كۆككە بوي سوزۇپ تۇرۇپتۇ. تاغ ئەتراپىدا بىرەر جانلىق دەسسەپ تۇرغۇدەك يەرمۇ يوق، ساپلا قىيالىق. . .
    ئارقارلار ئاشۇنداق قىيالىقتىن نېرىغا قانداق ئۆتكەندۇ؟ ياندىكى بۆلۈنگەن بىر تاغ پارچىسىنىڭ چوققىسىدا مۈڭگۈزلىرى غالتەك چاقىدەك بار زور بىر غۇلجا بىزدىن كۆز ئۈزمەي قاراپ تۇراتتى. دېمەك، ئۇ توپ بېشى، گۈزەت قىلىۋېتىپتۇ. تاغ ئارقىسىدا ئارقارلار توپى بار دېگەن گەپ. ئۇ تاغقا ئىتمۇ چىقالمايدۇ. ئۇنى ئاتسام، ئادەم چۈشكىلى بولمايدىغان ھاڭغا چۈشۈپ كېتىپ ئەجرە بىكار بولىدۇ. باشقا يەردىن ئوۋ ئىزدەي دېسەم، ئۇچرامدۇ-يوق. تالاي مۇشەققەتلەر چېكىلدى. ۋاقىت ئىسراپ بولدى، كۈن چۈشتىن قىيىلدى. ئەسلى نىشانغا يەتكىلى بولمايدۇ. قايتىشقا توغرا كېلىدۇ. ئالدىمىزدا تەييار ئوۋ «مېنى ئات!» دەپ قاراپ تۇرسا. . . ياق! ئوۋچىنىڭ خۇشاللىقى، شان-شەرىپى ئولجىدىلا ئەمەس، ئوۋ ئوۋلاشتا، ئېتىپ يىقىتىشتا. . . تەۋەككۈل، ئېتىپ باقاي!. . .
    چوققىدىكى غۇلجىنى قۇرۇلغا ئالدىم. تەپكىنى باساي دەپ تۇرسام تۇتقاقنىڭ ئارقامدا تۇرۇپ ئاچچىق قاۋىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئىتنىڭ ھەر بىر كەيپىياتى ماڭا تونۇش. دېمەك، ئارقامدا خەۋپ بار دېگەن گەپ. مىلتىقنى قارىلىغان پېتى ئارقامغا بۇرۇلدۇم-دە، مەڭدەپ تۇرۇپلا قالدىم. ئالدىمدا يۈز قەدەمچە نېرىدا، قىياتاغ يانتۇلۇقىنىڭ قىسىلچىقىدا، ئۆكۈزدەك بار بىر كۆك قوڭۇر ئېيىق، تۇتقا بىلەن ئېلىشقىلى تۇرۇپتۇ. ئەسلىدە ئېيىق ھېلىقى شارقىراتمىنىڭ ئەتراپىدىكى بۆك ئورمان، ئوتلارنىڭ ئارىسىدا ئوۋ ئىزلەپ يۈرگەنىكەن. سۇ ئىچكىلى چۈشكەن ئارقارلارنى پايلاپ يۈرگەندە بىز كېلىپ قاپتىمىز. ئېيىق باشقا ئايلانما يول بىلەن تاغ ئۈستىگە چىقىپ نېسىۋىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كېلىۋاتقانىكەن. مېنى كۆرۈپ قېلىپ، تىرناقلىرى بىلەن تاشلارنى قاماللاپ، ئاستا ھەرىكەتلەر بىلەن بۇ ياققا ئۆتۈۋېلىشقا ھەم ماڭا ھۇجۇم قىلىشقا نىيەت قىلغان چېغى. تۇتقاق كۆرۈپ قېلىپ، قاۋاپ ئېيىقنى ئۆتكۈزمەي تۇتۇپ تۇرغان، مۇنداق زور ئېيىققا، تۈزلەڭ، ئەپلىك يەردە تۇتقاق ھېچقانچىلىك رەقىب ئەمەس. ئۆتكۈر تىرناقلىرى بىلەن بىردەمدىلا پارە-پارە قىلىۋېتىدۇ. ھازىر ئەھۋال باشقىچە، ئېيىق قەدىمىنى ئاۋايلاپ، ئالدىرىماي يۆتكىمىسە بولمايدىغان تىك قىيالىققا چاپلىشىپ ھۆركىرەپ تۇرۇپتۇ. بىخەستىلىك بىلەن بىھۇدە ھەرىكەت قىلسا، كېلەڭسىز ئېغىر گەۋدىسى تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ ئاغدۇرۇلغان پېتى يەل توشقۇزۇلغان تۇلۇمدەك قىرلىق تاشلارغا سوقۇلۇپ، قاڭقىپ تېگى كۆرۈنمەيدىغان ھاڭغا چۈشۈپ كېتىپ كۇكۇم مەلەق بولۇپ كېتەتتى. ئېيىق بۇنى چۈشەنگەچكە، يۇقىرىدىن قاپسىۋالغان تۇتقاقنى تالىيالماي، يا مەن تەرەپكە ئۆتەلمەي، يا ئارقىسىغا يانالماي ئەپسىز ۋەزىيەتتە قالغانىدى. شۇندىمۇ ئېيىقلىق شۆھرىتىنى كۆز-كۆز قىلىپ ھۆركىرەپ خىرىس قىلىپ تۇراتتى. ئىت بىلەن مەن ئايلىنىپ قاچقىلى بولىدىغان بوشلۇقتا ئىدۇق. ئېيىقنىڭ ئەلپازىدىن قورقۇپ كەتكەچكە، تېنىمدە دەرمان قالمىدى. تېنىم غال-غال تىترەيتتى. شۇندىمۇ مىلتىقنى قويۇۋەتمىدىم. ئېتىشقا جۈرئىتىم يەتمىدى. ئېيىققىمۇ مۇشۇنداق پۇرسەت كېرەك ئىدى. دەل شۇ پەيتتە تۇتقاق جان پىدالىق بىلەن ئېيىقنىڭ ئۈستۈن تەرىپىدىن تاشلارغا يامىشىپ يېقىنلاشتى-دە، ئاچچىق قاۋىدى. ئىتنىڭمۇ تۇرغان يېرى خەتەرلىك، غۇلاپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. غەزەپلەنگەن ئېيىق بۇ ھۇجۇمنى ھار ئېلىپ، ئىتنى غولىتىۋېتىش ئۈچۈن، ئۆتكۈر، ئۇزۇن تىرناقلار قاپلىغان ئوڭ قولىنى غەزەپ بىلەن شىلتىدى. شىلتىدى-دە، تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ ھاڭغا غۇلاپ كەتتى. . .
    − خۇداغا شۈكۈر!. . .
    تاشقا ئولتۇرۇپ شۈكلەپ كەتتىم. جېنىم ئامان قالدى تۇتقاق سەۋەبىدىن. . . تۇتقاقمۇ قىيا-قىستاڭلاردىن ئەپچىللىك بىلەن ئارقىسىغا چېكىنىپ ئويناقلىغان پېتى قېشىمغا كەلدى. ئۇ ئۆز غەلىبىسىدىن خۇشال ئىدى. ئىتنى ئالدىمغا تارتتىم. مەڭزىگە-مەڭزىمنى ياقتىم. تۇغۇلۇپ ئۆلگىچە ۋە باقىي ئالەمدىمۇ ھەممە قايغۇ-خۇشاللىقىمىز، مەغلۇبىيەت-غەلىبىمىزنىڭ سەۋەبكارى، تەقدىرچىسى سۈپىتىدە ئاللاغا ھەمدۇ-سانا، مەدھىيە ئوقۇيمىز. يېلىنىمىز، مەدەت تىلەيمىز، بۇ بىزنىڭ ئېتىقادىمىز. بىراق، شۇدەمدە مېنى ئېيىقنىڭ چاڭگىلىدىن تۇتقاق قۇتقۇزغانىدى. بەلكى تۇتقاق مېنىڭ رىزقىمغا، سالامەت ھايات كەچۈرۈشۈمگە ھەمراھ قىلىنغان، ئاللا تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بىر تەقدىردۇ؟ نېمىشقا تۇتقاققا ھەمدۇسەنا ئوقۇمايمەن؟ ئىت بولغىنى ئۈچۈنمۇ؟
    ئۇنىڭ يۇڭلۇق مەڭزىلىرىنى ئالىقانلىرىم ئارىسىغا ئېلىپ ئۆزۈمگە قاراتتىم. ئوتلۇق كۆزى تەمەسىز يېنىپ تۇراتتى. يوغان ئېچىلىپ، تىللىرى ساڭگىلاپ، شۆلگەيلىرى ئېقىپ ھاسىراپ تۇرغان ئېغىزىدىن ئىتلارغا خاس سېسىق بىر پۇراق كېلىپ تۇراتتى.
    − دوستۇم،−دېدىم تۇتقاققا مېھرىم تاشقان ھالدا،−سېنى نېمە بىلەن مۇكاپاتلاي؟ ئادەم بولساڭ ئىدىڭ، ئادەملەرچە كىيىم-كېچەككە، زىبۇ-زىننەتكە، ئۆي-ماكان، جاھازغا، پۇلغا، ئاش-ئوزۇق، روزىغارغا ئېرىشكەن بولاتتىڭ. يەنە چىرايلىق خوتۇنغا ئىگە بولۇپ، بالا-چاقا، روزىغارلىق بولاتتىڭ. بىراق سەن بىر ئىت، ھايۋان. ساڭا بۇ نەرسىلەر بىھاجەت. ئۆزۈڭگە خاس خەيرىخاھلىق ۋە رىزقىدىن بەھرىمەن بولىسەن. ئەڭ ياخشىسى مەن ساڭا ئۆز ئىرقىڭدىن بولغان، كېلىشكەن چىرايلىق قانجۇق قىزدىن بىرنى تېپىپ ئېلىپ بېرەي. ھەمراھ جۈپ بولۇپ پەرزەنتلىك بولغىن.
    تۇتقاققا ئوقۇيدىغان ھەمدۇ-ساناھىم، مۇكاپاتىم، بىلمىدىم ئاڭقىرىپ قالغىنىمدا ئاشۇ كۈلكىلىك نىيەت-ئىرادە بىلەن ئېسىمگە كېلىپ قاپتۇ. تۇتقاق بوش غىڭشىغىنىچە، مەڭزىلىرىنى ئالىقانلىرىم ئارىسىدىن سۇغۇرۇپ ئالدى-دە، نېرىغا بېرىپ زوڭ ئولتۇردى. يەنە ماڭا «ھاۋ. . . ھاۋ» دەپ قاۋاپ قويدى. بۇ قاۋاشتا «ساراڭ بولدىڭىزمۇ؟ ئېسىڭىزگە بۇنداق ئەخمىقانە پىكىر نەدىن كەلدى؟ يا مېنى ئىت دەپ مەسخىرە قىلىۋاتامسىز؟ ئىت دېگەن خوتۇن ئالمايدۇ، ئۆي تۇتمايدۇ، بىر چىشى جىنسدىشىنى بەش-ئالتە ئەركەك ئىت تالىشىپ يۈرۈپ خوتۇن قىلىدۇ. نەسىل قالدۇرىدۇ. بۇ ئىتلارنىڭ ئەلمىساقتىن قالغان ئىتلىق ئادىتىمىز. ياخشىسى سىز مېنى ئورۇنسىز رەنجىتمىسىڭىز، ئازار بەرمىسىڭىز، يات-ياۋا رەقىبلەردىن قوغدىسىڭىز. قورسىقىمنى ئاچ قويمىسىڭىز، زەنجىرگە بەنت قىلمىسىڭىز، قېرىغاندا خورلاپ تاشلىۋەتمىسىڭىز، شۇنىڭ ئۆزى ماڭا ئەڭ ياخشى مۇكاپات» دېگەن مەنىلەر بار ئىدى. ئويلىغانلىرىمدىن ئۇيۇلۇپ غەمكىن كۈلۈپ قويدۇم.
    − بوپتۇ ئەمىسە!. . .
    تۇتقاق ئەركىلەپ قۇيرۇق شىپاڭلاتتى-دە، ھاڭغا قاراپ قاۋاپ قويدى.
    − ئۇ يەرگە قانداق چۈشكىلى بولىدۇ؟−دېدىم تۇتقاقنىڭ نىيىتىنى چۈشىنىپ، ئېيىقنى ئالىمىز دېسەك، ئۆلۈكىمىز ئاشۇ ھاڭدا قالىدۇ. ئىسىت! تېرىسى، گۆشى، يېغى، سۆڭىكى، تاپىنى، ئۆتى. . . قىممەتلىك دورا-بايلىق، پۇل ئىدى. زايە كەتتى، ئامال يوق!
    تۇتقاق چۈشىنىپ ئەمدى ئالدىنى ھېلىقى ئارقار گۆزەتتە تۇرغان چوققىغا قاراتتى. لېكىن چوققىدا ئارقار يوق ئىدى.
    − قايتايلى تۇتقاق!−دېدىم ئورنۇمدىن تەستە تۇرۇپ ۋە بەدەن، قول-پۇتلىرىمنى ئالىقىنىم بىلەن شاپىلاقلاپ كۆرسىتىپ تۇرۇپ،−تېنىمدا ماغدۇر قالمىدى. بەك قورقۇپ كېتىپتىمەن. ئوۋ قىلغۇدەك ھالىم يوق. يەنە بىر ئايغىچە ئوۋغا چىقماي ئۆيدە بارنى يەپ ياتايلى!. . .
    ئىت «ھاۋ. . . ھاۋ!. . . » دەپ ماقۇل بولدى-دە، پەسكە قاراپ ئارقامدىن ئەگەشتى.

    8

    − مۇشۇ خوتۇننىمۇ،−دېدى ئابدۇرېشىتكام سۆھبەت تازا قىزىۋاتقاندا زەزىلە ئارىلاش كۈلۈپ تۇرۇپ،−بىر موچەن پۇل خەجلىمەي بىكارغا ئالغان، قىماردا ئۇتۇۋالغان. ئاشۇ تۇتقاق ئۇتۇپ بەرگەن. تۇتقاقنىڭ شاراپىتى بىلەن پۇلسىزلا، ئاشۇنداق ئىشچان، ئاشۇنداق چىرايلىق خوتۇنغا ئېرىشكەن.
    لەمپە ئاستىدىكى ئوچاق بېشىدا تاماققا خېمىر قىلىۋاتقان ئابدۇرېشىتكامنىڭ ئايالى ئىقلىمخان ئاچا خىجالەت ئارىلاش كۈلۈپ قويدى-دە، تەئەددى بىلەن:
    − ھەي زاڭ! بۇ ئىشلاردىن خەۋەردار قىلمىغان ئېزىز ساۋۇت قالدىمۇ؟ ئالجىغاندەك كۆرگەنلا يەردە، كۆرگەنلا ئادەمگە سۆزلەپ يۈرۈپ ئادەمنىڭ يۈزىنىمۇ قويمىدى. زۇۋانداز!−دەپ كايىپ قويغان بولدى.
    − ئاشۇ گەپكىمۇ يۈزىڭلە چۈشۈپ كېتەمدۇ-ھە؟ يۈزى چۈشكۈدەك ئەسكى قىلىقلارنى قىلىپ يۈرگەنلەر خىرامان يۈرۈشىدۇ. بىز ئەڭ ساۋاپلىق ئىشلارنى قىلىپ ئۆي-ئوچاقلىق بولدۇق. ھالال تىرىكچىلىكىمىز بىلەن ئۆزىمىزنى روناق تاپقۇزدۇق. شۇڭا ئەل ئىچىدە بېشىمىز ئېگىز، سىلىمۇ «ۋاي ئىقلىمخان» بولۇپ ئىززەت-ھۆرمەتكە كۆمۈلدۈڭلا. ئۇ گەپلەر راست بولغاندىكىن سۆزلىگەننىڭ ھېچقانداق زىيىنى يوق. تاغدىكى يىراق-يېقىن ھەممە ئادەم بۇنىڭدىن خەۋەردار. كادىرىمىز ئېزىز ساۋۇتمۇ ئۆز ئىنىمىزدەك، ھېچگەپ بولمايدۇ!. . .
    − ئۇغۇ شۇنداق. بوپتۇ ئەمىسە!. . .
    ئىقلىمخاچام شۇنچىلىك كايىپ قويۇپ ئۆز ئىشىغا بەنت بولدى. ھەيرانلىق بىلەن ئىقلىمخان ئاچىغا قارىدىم. تاغ رايونىدا ساناقلىق گۈزەللەردىن سانىلىدىغان ئوتتۇرا بوي، تولغان ئايدەك يۇمىلاق يۈزلۈك، تېنى ئەتلىك، قاش-كۆزلىرى كېلىشكەن، بۇلاقتەك كۆزلىرى ھەمىشە كۈلۈمسىرەپ، پارلاپ تۇرىدىغان ئۇزۇن سۇمبۇل چاچ بۇ ئايال مېنىڭدە ياخشى تەسىر قالدۇردى. باشلاپ قويغان گەپنى داۋاملىق ئاڭلاشقا تەقەززا بولۇپ تۇرغىنىمنى سەزگەن ئابدۇرېشىتكام تەمكىن، روھىي ھالەت ئىچىدە گېپىنى داۋام قىلدى.
    ياشلىقىمدىلا يېقىن-يىراققا «ئابدۇرېشىت پاۋان ئابدۇرېشىت ئوۋچى» دەپ شۆھرىتىم يېيىلدى (ئۇ چاغلاردا ئوۋچىلىق قانۇن جەھەتتىن چەكلەنمىگەنىدى). ياش-قېرى ئەر-ئاياللار، يىگىت-قىزلار ئارىسىدا ھۆرمىتىم چوڭ، تۆر بېشى مەن. ھەۋەسلىك كۆزلەر ماڭا تىكىلىگلىك، يېشىممۇ يىگىرمىلەرگە بېرىپ قالغان، ئەسلىدە تاغلىقلار خۇراپىي ئەنئەنىسى بويىچە يېشىنى يوشۇرۇپ، كىچىكلىتىپ، چوڭايتىپ. . . دېگەندەك چارىلەر بىلەن قىزلارنى ئون تۆت-ئونبەشتە، ئوغۇللارنى ئون ئالتە، ئون سەككىزدىن ھالقىتماي ئۆي-ئوچاقلىق قىلىۋېتەتتى. دېمەك، مېنىڭ يېشىم ئېشىپ كەتكەنىدى. مەھەللىدە مېنى كۈيئوغۇل قىلىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان خېلى كۆپ ئائىلىلەر بار ئىدى. ماڭا خوتۇن بولۇشنى «ھۆرمەت-تەلەي» دەپ بىلىشىدىغان خېلى كۆپ قىزلارمۇ بار ئىدى. نېمىشقا شۇنداق؟ شۇنچە قىلغۇدەك كىم ئىدىم؟ سەۋەبى: شۇ چاغلاردىكى قىيىنچىلىق شارائىتتا، ئائىلىنى «گۆشكە تويغۇلازايدىغان»، قولىدىن پۇل ئۆكسىمەيدىغان «ئوۋچى يىگىت» بولغانلىقىمدا. شۇنىڭغا يانداپ تېنىم ساق، تىرىشچان، مۇلايىم، گېپىدە تۇرىدىغان ئەركەك، ئەزىمەت بولغانلىقمدا. شۇ چاغقىچە بويتاق يۈرەتتىم. ئۆيدىكىلەر ياكى باشقىلار تاپقاننى رەت قىلىپ تۇردۇم. نېمىشقىدۇر خوتۇنغا قىزىققۇم يوق، ھەممە ھەۋەس-قىزغىنلىقىم ئوۋغا بېغىشلانغانىدى. ئۆيدىكىلەر نارازى بولۇشاتتى، كۈتمىگەندە ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولدى.
    ياز ۋاقتى ئىدى، دادام يايلاقتىن چۈشكەن، مەنمۇ «ئەتە ئوۋغا ماڭىمەن» دەپ تەييارلىنىپ تۇرغانىدىم. تۇيۇقسىز ئىشىك سىرتىدا بىر ئەرنىڭ:
    − ئابدۇۋايىتئاخۇن! ئابدۇۋايىتئاخۇن!−دەپ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى. دادام چىقىپ كەتتى. ئارقىسىدىن مەنمۇ چىقتىم. ئىشىك ئالدىدا دادام دېمەتلىك، گەۋدىلىك قىرىق ياشلاردا بار، چېچەك يۈزلۈك (چوقۇر)، ساقال-بۇرۇتلۇق، پالكۆز بىر ئادەم، دادام بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئارقىسىدا ئۆزىدەك بويلۇق، يىگىرمە تۆت ياشلاردا بىر يىگىت، ئىگەرلەنگەن ئىككى ئاتنى، يەنە بىر قولىدا يۇلقۇنۇپ تۇرغان بەكمۇ زور بىر سېرىق ئىتنى زەنجىردىن تۇتۇپ تۇراتتى.
    − ۋاي ھوشۇراخۇن! قانداق شامال ئۇچۇرۇپ كەلدى؟ ئۆي ئىچى، ئۆزلىرى تىنچلىقمۇ؟ قېنى ئۆيگە، ئابدۇرېشىت ئاتلارنى ئال!
    مېھمانلار ئۆيگە كىرىپ كەتتى. مەن ئاتلارنى قاڭتۇردۇم. ئىت يات ئادەمنى يېقىن كەلتۈرمىگىنى ئۈچۈن، ھېلىقى يىگىت نېرىدىكى تۈۋرۈككە پۇختا زەنجىرلەپ باغلىۋەتتى. شۇندىمۇ ئىت يۇلقۇنۇپ قاۋاپ-ھەيۋە قىلىپ تۇراتتى. مېھمان باينىڭ قارىباغ يېزىسىدىن كېلىدىكەن. دادام بىلەن ياشلىقىدىنلا تونۇشلۇقى بار. شۇ يەرنىڭ كاتتا ئوۋچىسى، نوچىسى ئىكەن. يىگىت ئوغلى ئىكەن.
    − ئاڭلىسام سىلىدە بىر ئىت بارمىش. زېرەك، ئوۋغا بەك يامان دېيىشىدۇ. بىر ئوغۇللىرىنى نوچى-ياراملىق ئوۋچى يىگىت بولدى، دېگەن گەپلەرمۇ قۇلىقىمغا يەتتى. مېنى ئوبدان بىلىدىلا، ئۆزلىرىدەك ئوۋغا ھەۋەسمەن، ئىت خۇمار بىر ئادەم. شۇڭا ئۆز ئىتىمنىمۇ ئالغاچ كەلدىم. ھېلىقى ئىت شۇ! سىلىنىڭ ھېلىقى داڭدار ئىت بىلەن بىر تالاشتۇرۇپ كۆرسەك دەيمەن،−دېدى. كۈتۈلمىگەن بۇ گەپتىن دادام ھودۇقۇپ، نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالدى.
    − بۇ. . . بۇ. . . مەن ئەزەلدىن ئىت تالاشتۇرۇپ ئويناپ باقمىغان. بىزنىڭ ئىتلارمۇ تالاشچى ئىتلار ئەمەس، ئوۋچى ئىتلاردىن. ئىتلارمۇ ھازىر يايلاقتا. . .
    دادام نارازى بولغاندەك چىرايى تۈرۈك ماڭا قارىدى.
    − تالاشتۇرۇپ باقمايمىزمۇ؟ ھېچ ئىش بولمايدۇ. ئىتلارنى يايلاقتىن ئەكەلدۈرسىلە!
    ھوشۇركام گېپىدىن يانمىغان ھالدا ئۆي ئىچىگە تەكشى سەپسېلىپ چىقتى.
    − ئۇ دېگەن مالچى ئىت تۇرسا،−دېدى دادام ئىككىلىنىپ، مالغا قارىمىسا بولمايدۇ-دە.
    − يېڭىدىن بىر ئىت بېقىۋالدى، بەك نوچى ئىت دەپ ئاڭلىۋىدىمغۇ؟ ئۆيدە باردۇ؟
    −. . .
    ئىتلارنىڭ پۇراق سېزىمى ئۆتكۈر كېلىدۇ. تۇتقاق ئېغىلدا ئىدى. تالادىكى ئىت تۇتقاقنىڭ پۇرىقىنى ئېلىپ، نوچىلىق بىلەن قاۋاپ كەتتى. تۇتقاقمۇ بوش كەلمەي «مەن مايەردە نوچىلىق قىلما، كۆزۈڭگە كۆرسىتىمەن!» دېگەندەك ئاچچىق قاۋاپ كەتتى.
    − ئاينا، ئېغىلدا بار ئىكەنغۇ؟−دېدى ھوشۇركام تەنە بىلەن، نېمانچە. . .
    − ئۇ دېگەن تېخى ياش، تالاشقا چۈشمىگەن، بويى كىچىك. سىلىنىڭ يولۋاستەك بار كاداڭ تالاشچى ئىتلىرى بىلەن ئېلىشالارمۇ؟ قويسىلا شۇ گەپنى! ياخشىسى يايلاققا چىقىپ مېھمان بولۇپ ئويناپ قايتسىلا.
    − تالاشتۇرغىنىمىز-تالاشتۇرغان، مەن شۇ نىيەت بىلەن تەييارلىق قىلىپ كەلدىم. خېلى گاڭگۇڭ ئادەم ئىدىلە، بۈگۈن ئەجەب خوتۇن كىشىدەك مىكى-مىكى گەپلەرنى قىلىپ كەتتىلىغۇ؟ مەن گېپىمدىن يانمايمەن!. . .
    ھوشۇركامنىڭ مۇتتەھەملىكىگە دادامنىڭ «غۇژژىدە» ئاچچىقى كەلدىيۇ، «مېھمان» دەپ ئۆزىنى بېسىۋالدى. «قانداق قىلىمىز؟» دېگەندەك ماڭا قارىدى. مېنىڭمۇ تۇتقاقنى تالاتقۇزۇپ زايە قىلغۇم يوق ئىدى. تالاشتا يېڭىلگەن ئىت قورقۇنچاق بولۇپ قېلىپ ئوۋدىنمۇ چىقىپ كېتەتتى. ئۇ كىشى قاتتىق تۇرۇۋالدى. ئۇنىمىساق «قورقتى»، «بەغەرەز»، «مەن يەڭدىم» دەپ كۆرەڭلەپ تاغ رايونلىرىغا جار سالاتتى. ئائىلىمىزنىڭ ئىناۋىتىگە، ئوۋچىلىق شۆھرىتىمىزگە، تۇتقاقنىڭ نامىغا داغ چۈشكەن بولاتتى. شۇڭا مەن ئويلاپ كۆرۈپ قەتئىي نىيەتكە كەلدىم.
    − تالاشتۇرساق-تالاشتۇرايلى دادا. بۇ قانچىلىق ئىش ئىدى،−دېدىم.
    − ئوغۇل بالا!−دېدى ھوشۇركام خۇشال بولۇپ،−ئەمىسە. . .
    − ئەمىسە ھازىرلا باشلامدۇق؟
    − ئالدىرىماڭ ئوغلۇم!−ھوشۇركام كۈلۈپ كەتتى، ئابدۇۋايىتئاخۇن، ئەمىسە مەھەللە چوڭلىرىنى، كۆڭۈللىرى يەتكەن دوست-يارەنلىرىنى چاقىرىپ بىر كالتە چاي قىلسىلا. بۇ ئىشنى چاي ئۈستىدە، جامائەت ئالدىدا كېڭىشىپ بېكىتەيلى. ئەتە ئىش باشلايلى.
    دادام مەھەللە چوڭلىرىنى، دوست-يارەنلىرىنى قوي سويۇپ زىياپەتلىك كېڭەشكە چاقىردى. چاي ئۈستىدە بۇ ئىشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جامائەت: «ئىككىڭلار رازى بولۇشۇپسىلەر، باشقا گېپىمىز يوق» دېيىشتى. ھوشۇركام دەل شۇ پەيتتە پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلگەن مۇددىئاسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
    − ئابدۇۋايىتئاخۇن، بۇ بىر چوڭ بەس-مۇسابىقە. شۇڭا بۇنىڭغا تىكىشمە قىلمىساق قىزىقى بولمايدۇ. مەن نىيەت قىلىپ كەلگەن ئىشىمنى قىلماي كەتمەيمەن. بۇ گەرچە بىر قىمارغا ئوخشاپ كەتسىمۇ ھېچقىسى يوق. ئوغۇل بالىچىلىق. ئەمىسە ئىتلارنى تالاشتۇرىمىز، مەن رەسىدە بولغان قىزىم ئىقلىمخاننى ۋە ئىتىمنى، سىلە بالاغەت بولغان ئوغۇللىرى ئابدۇرېشىتجان ۋە ئىتلىرىنى دوغا تىكىشىمىز. بىزنىڭ ئىت يەڭسە ئابدۇرېشىتجان بىزنىڭ ئۆيگە بالىچىلاپ كىرىدۇ. ئىتىمۇ بىزگە ئۆتىدۇ. سىلىنىڭ ئىت يەڭسە قىزىمىز ئىقلىمخان قىزچىلاپ سىلىگە ئۆتىدۇ، ئىتمۇ شۇنداق. ئىقلىمخاننى سىلىگە بىر پۇڭ چىقىم قىلدۇرماي، ئىككى ئائىلە توي چىقىمىنى ئۆزۈملا كۆتۈرۈپ ئەھلى-جامائەت ئالدىدا كاتتا مەرىكە قىلىپ بىر تەكىيگە باش قويدۇرىمەن. قانداق بولامدىكەن؟
    دادام ۋە جامائەت ئەلمىساقتىن تارتىپ ئاڭلىنىپ بېقىلمىغان، بىزمۇ ئويلاپ يەتمىگەن بۇ غەلىتە تەلەپ ۋە ئويۇنغا ھەيران قېلىپ كۇسۇرلىشىپ كېتىشتى. . .
    − بۇ قانداق مۇسابىقە بولدى؟ ئادەم تىكىپ ئىت تالاشتۇرۇپ ئوينىغاننى ئەزەلدىن ئاڭلاپمۇ، كۆرۈپمۇ باقماپتىكەنمىز. قاملاشمىغان ئىشتەك بىلىنىدىكەن، يەنە شەرىئەتكە. . .
    − ئادەم تىكىشىپ؟!. . . بۇ يا قىمار بولمىسا، قىماردىمۇ پۇل تىكىشىپ ئوينىغاننى ئاڭلىغان. ئادەم تىككەننى. . . دۆلەت ئازاد بولۇپ بۇنداق قىمار ئويۇنلار چەكلەنگەن تۇرسا؟
    − ھۆكۈمەت، قانۇننىڭ قۇلىقىغا يەتسە بىرەر كاشىلا چىقمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ.
    − ھوشۇرئاخۇن، بالىلارنى بىر تەكىيگە باش قويدۇرۇش نىيەتلىرى بولسا، مۇنداق پەس ئويۇن بىلەن ئەمەس، ئادىمىيلىك-ئەلچىلىك يولى بىلەن قۇدىلىشىپ، توي قىلىپ چېتىپ قويساق بولماسمىدى؟
    مەسلىھەت-تەلەپ، غۇلغۇلىلار ئۇ ئادەمگە قىلچە تەسىر قىلمىدى. تۈرمەل، بۇقا مىجەز، كاج بۇ ئادەم تەرسالىق بىلەن ئۆز گېپىنى يورغىلىتىپ تۇرۇۋالدى.
    − ھەممىڭلار خوتۇن مىجەز ئادەملەركەنسىلەر! بۇنىڭ نېمە يامىنى بار؟ ئىلگىرى كۆرۈلمىگەن بولسا ئەمدى كۆرۈلسۇن، ئاڭلانمىغان بولسا ئاڭلانسۇن. بۇ قىمار ئەمەس، بىر ئويۇن-ھەۋەس. ئاخىرىدا ئىككى ياشنىڭ تويى بولىدىغان قىزىقارلىق ساۋاپلىق ئويۇن! قانۇن، ھۆكۈمەت ئاڭلىسىمۇ ھېچنېمە دېمەيدۇ. ئەگەر «يولسىزلىق» دەپ ئېغىز ئېچىپ قالسا مېنى چىقىرىپ قويۇڭلار، مەن جاۋابكار بولىمەن. ھەرگىز سىلەرگە گەپ كەلتۈرمەيمەن. بارلىق ئاغرىق-ئاداۋەتلەرگە مانا مەن ئۆزۈم ئىگە. بولدىمۇ ئەمدى. يەنە شۇنىمۇ قايتىلاپ دەي! بۇ ئويۇننى ئوينىغىنىم ئوينىغان! ئەگەر ماقۇل بولمىسىلا ئىككىلا ئىتنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن! بېشىمغا كەلگەننى كۆرىمەن. چاتاق تېرىيمەن، ئوسال بولىدىلا، قانداق جامائەت؟!
    دادام ۋە جامائەت كۈلۈشۈپ كەتتى. ياقىلىرىنى تۇتۇشۇپ پىچىرلاشتى.
    − ئەستا، ما تەرسالىقنى! تازا بىر مۇتتەھەم ئادەممۇ نېمە ئۆزى؟
    − ئابدۇۋايىتئاخۇن ئەمدى بولمىدى. شەرتلەرگە كۆنۈپ بىر ئويناپ باقمامدىلا؟ كېيىنكى ئىشنى كېيىن كۆرمەمدىمىز؟
    − شۇنداق قىلمايمۇ بولمىدى ئابدۇۋايىتئاخۇن. ئوغۇلبالىچىلىق، بىزمۇ گۇۋاھ بولايلى، «ماقۇل» دېسىلە-ھە!؟
    جامائەت بىردىنلا بوشاپ، دادامغا سالا-سۇلىھ قىلغىلى تۇردى. مەنمۇ ياشلىق ھەۋەسكارانە قىزغىنلىقىم بىلەن:
    − بوپتۇ دادا، بىر ئويناپ باقايلى! ھەرنە ئىش يۈز بەرسە كۆرەرمىز!−دېدىم. شۇنداق قىلىپ پۈتۈمگە كېلىشتۇق. ئەتە بورتاغ ئارقىسىدىكى كەڭ مەيداندا ئويۇننى باشلايدىغان بولدۇق. مەھەللە، قوشنا كەنتلەرگە «تاماشا كۆرۈڭلار» دەپ خەۋەرمۇ قىلىۋەتتۇق. ياشلىقى تاماشا بىلەن ئۆتكەن بۇ تەنتەك-شۆھرەتپەرەس ئادەمنىڭ مۇددىئاسى، مېنى ئۇتۇۋېلىپ بالا كۈيئوغۇل قىلىۋېلىپ ئۆز ئوۋچىلىقىنىڭ شان-شەرىپىنى ساقلاپ قېلىش، ئىتىمىزنى كاردىن چىقىرىپ، شۆھرەت تېپىۋاتقان ئوۋچىلىق ئابرۇيىمىزنى بەربات قىلىش، بايدىن ئونسۇغىچە سوزۇلغان تاغلار دائىرىسىدە بىردىنبىر بولۇش ئىكەن. ئۇ زور كاداڭ ئىتىغا ئىشەنگەن، ئۇتۇۋېلىشنى مۇقەررەرلەشتۈرۈپ بولغان ئوخشايدۇ.
    مەنمۇ جاسارەتلك تۇتقاققا ئىشىنەتتىم. تەلەي دېگەن ئاجايىپ ئىش. گاھىدا كىچىكى چوڭىنى مەغلۇپ قىلىۋېتىدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئۇتتۇرۇۋەتسەك، مەن بالىچىلاپ ئۇ ئائىلىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتسەممۇ يەنىلا كۈيئوغۇل بولىدىكەنمەن. بىرقانچە ۋاقىتلاردىن كېيىن بالىلىق بولسام، ئايىلىمنى ئېلىپ قايتىپ كەلمەمدىم. ئارىدا باردى-كەلدى مۇناسىۋەت بولۇپ تۇرىدىغان گەپ. دەڭسەپ كۆرۈپ «زىيان يوق» دېدىم ئىچىمدە. ئويۇن بەلگىلەنگەن مەيداندا باشلاندى. قوشنا كەنتلەردىكى ھەۋەسمەنلەر، ھەتتا يېزا كادىرلىرىمۇ تاماشا كۆرگىلى كەپتۇ. ئۇلار باشقىچە پىكىردە بولمىدى. سانجاق-سانجاق ئادەملەر مەيداننى چۆرىدەپ تىقىلىشىپ تۇرۇشتى. ھەتتا تاغ ئۈستى، ئېگىز دۆڭلەرمۇ خالىي قالمىدى. ئويۇننىڭ ۋاقتى قىسقىلا بولدى.
    ئىككى ياقتىن ئېلىپ كىرىلگەن ئىتلار، يەرنى تاتىلاپ پوپاڭ كۆتۈرۈپ بىر-بىرىگە خىرىس قىلىشاتتى. بولۇپمۇ قارىۋاغدىن كەلگەن تۇم سېرىق ئىتنىڭ بويى-ھەيۋىسى بەك كاتتا، ئەلپازى بەك يامان كۆرۈنەتتى. ئۇ كۆرەڭلىك بىلەن تۇتقاقنى چايناپ-پۈركىۋېتىدىغاندەك ئېتىلىپ تۇراتتى. تۇتقاق ئۇنىڭ ئالدىدا خېلىلا كىچىك، ئاجىز كۆرۈنەتتى. بەك ھەيۋە قىلماي تەمكىنلىكىنى ساقلاپ ئويناقشىماقتا ئىدى. مەيداندىكى جامائەتنىڭ كۆپى كۆڭلىدە، سېرىق ئىتنى غەلىبىگە، تۇتقاقنى مەغلۇبىيەتكە چىقىرىپ بولۇشقانىدى. تۇتقاق مېنىڭ قولۇمدا، سېرىق ئىت ھوشۇركامنىڭ ئوغلىنىڭ قولىدا ئىدى. ئىتلار قويۇپ بېرىلدى. سېرىق ئىت ھەيۋە بىلەن ئېتىلىپ كەلدى-دە، تۇتقاقنىڭ خىرىنىكىگە ئېغىز سالدى (خىرنەكچى ئىت ئىكەن)، ئۇ ھەرقانداق رەقىبىنى خىرنەكتىن ئېلىپ بوغۇپ ئۆلتۈرۈشتە داڭق چىقارغان. تالاشلاردا ئون بەشتىن ئارتۇق ئىتنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنىكەن. تۇتقاق تاكتىكىچى ئىدى. سېرىق ئىتنىڭ ئەلپازىدىن قىلچە تەمتىرىمىدى. چاققانلىق بىلەن ئۆزىنى يانغا ئېلىۋىدى. كۈچ بىلەن ئۆزىنى ئاتقان سېرىق ئىتنىڭ ھەرىكىتى بىكار كېتىپ، پۇشتەك ئۇرۇپ دومىلاپ كەتتى. تۆت پۇتى ئاسمانغا بولۇپ، ئوڭشىلىۋاتقان پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن تۇتقاق ئېتىلىپ كەلدى-دە، ئۆتكەندىكى يىلپىزغا قوللانغان ئۇسۇل بىلەن سېرىق ئىتنىڭ ئەرەنلىك تېشى ۋە ئالتىگە ئېغىز سېلىپ چاينىۋەتتى، ئاندىن تېرىسى بىلەن قوشۇپ بۆسۈۋالدى-دە، يۇلۇپ ئالغان پېتى نېرىغا ئاپىرىپ تاشلاپ، ئورنىدىن قوپالماي كاڭشىپ ياتقان ئىتقا بىر قارىۋەتتى. قايتا ھۇجۇم قىلمىدى. تەنتەنە قىلغاندەك مەيداننى بىر ئايلىنىپ چىقتى. بارلىق ئەركەك جىنسلارنىڭ ھاياتلىق كۈچ-قۇدرىتى، مادارى، يۈرەك ۋە مېڭىدىن قالسا ئەركەكلىك جىنسىي ئورگىنىدا بولىدىغان ئوخشايدۇ. يۇلۇنۇپ ئېلىنغان يەردىن قان شىرقىراپ ئېقىپ تۇراتتى. سېرىق ئىت ئاغرىق ئازابىدىن ئۈچ-تۆت يۇمىلاپ ئورنىدىن تۇرۇشقا، قايتا ئېلىشىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولسىمۇ، مادارى يەتمىدى. بارغانسېرى ئاجىزلاپ خىرقىراپ يېتىپ قالدى. مەيداننى قىقاس-بارىكاللا ساداسى قاپلىدى.
    بۇ مەغلۇبىيەتتىن ھوشۇراخۇنكامنىڭ چىرايى قارىداپ ئۆمسە بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنە مەردلىكىگە ئېلىپ ئۆزىنى بېسىۋالدى. جامائەتكە قاراپ:
    − مۇشۇنچىلىك ئىش جامائەت. بولدى، مەن مەغلۇپ بولدۇم. گېپىم گەپ! ئىقلىمخاننى ئابدۇۋايىتئاخۇنغا قىزچىلاپ بەردىم. ئابدۇرېشىتجانمۇ مېنىڭ بالامدەك. كېلەركى ھەپتە دەل مۇشۇ مەھەللە، مۇشۇ جامائەت بىلەن ئابدۇۋايىتئاخۇننىڭ قورۇسىدا ئىككى ياشنىڭ تويىنى قىلىپ قويىمەن. ئۇلارغا بىر پۇڭ چىقىم قىلدۇرمايمەن. بارلىق چىقىم مەندىن، ئەمىسە يىراق-يېقىن مەھەللە-جامائەت، ھەممىلىرىنى تويغا تەكلىپ!
    يەنە مەيداننى گۈلدۇراس ئالقىش-چۇقانلار لەرزىگە سالدى. بۇ قېتىمقىسى باشقىچە ئىدى. جامائەت ھوشۇراخۇنكامنىڭ مەرد-لەۋزى ھالاللىقىغا قايىل بولغانىدى.
    − ئابدۇرېشىتجان، مىلتىقنى ئوقلاپ ئېلىپ چىقسىلا بالام،−دېدى ھوشۇركام جان تالىشىپ قىينىلىپ كەتكەن ئىتقا قاراپ ئېچىنغان ھالدا،−ياخشى ئىت ئىدى، ماڭا ئۇزۇن يىل ھەمراھ بولۇپ جان پىدالىق قىلغان. تەقدىرى شۇ ئىكەن، نېمە چارە؟! ئېتىۋېتەيلى، ئارام تاپسۇن!
    سىنترال مىلتىقنى ئوقلاپ ئېلىپ چىقىپ بولغۇسى قېيناتامغا سۇندۇم. ئۇ ئۇزۇن يىل خىزمىتىدە بولۇپ ياخشى-يامان كۈنلەردە جېنىغا جان ئۇلىغان ۋاپادارىنى ئۆز قولى بىلەن ئېتىۋېتىشكە رايى بارمىدى بولغاي، ماڭا قاراپ:
    − بالام، سىلە ئېتىۋەتسىلە، جان كېسەر يېرىگە تەگسۇن!−دېدى. نازلاپ تۇرمايلا ئېتىۋەتتىم. جېنى ئارام تاپتى. ھوشۇركام چەتكە قارىۋالدى، كۆزى ياشلىق ئىدى، ئوغلىدىمۇ شۇ ھال.
    مەيدان، جامائەت، دادام سۈكۈت ئىچىدە قايغۇغا پاتتى. تىمتاسچىلىق چىرايلاردا خىجالەت. . . بولۇپمۇ ھوشۇركامنىڭ كۈتۈلمىگەن مەردلىكى قەلبىمىزگە كۈچلۈك تەسىر قىلدى. ھۆرمىتىمىز ئاشتى.
    − ئىت بولسىمۇ ئۆلۈكى خارلىنىپ قالمىسۇن. خىلۋەت بىر يەرگە ئاپىرىپ كۆمۈۋېتەيلى، ئازراق توپا قىلىپ قويساقمىكىن دەيمەن.
    تەلەپنى بىجانىدىل قوبۇل قىلىپ، ئىتنىڭ ئۆلۈكىنى بىر يېڭى تاغارغا سالدۇق. مەھەللە ياشلىرىدىن بىرقانچىسىنى ھەمراھ قىلدىم-دە، ھازىرقى ئۆيۈمنىڭ ئارقىسىدىكى چوڭ قورام تاشنىڭ ئارقىسىغا كۆمۈپ توپا قىلىپ قويدۇق. بولغۇسى قېينىنىممۇ بىللە بولدى (كېيىن قېيناتام ھەر كەلگىنىدە، تاش ئارقىسىغا خۇپىيانە ئۆتۈپ ئىتنىڭ توپىسىنى يوقلاپ تۇردى).
    − تون-سەرپاي ئېلىپ چىقىڭلار!−دەپ بۇيرۇدى دادام، ھوشۇركامنىڭ مەردلىكىگە جاۋابەن مەردلىك قىلىپ. بىزمۇ تەييارلىق قىلىپ قويغانىدۇق. ھوشۇركامغا، ئايالى، ئوغلى ۋە ئىقلىمخانغا تېگىش كىيىم ۋە رەختلەر تۇتۇلدى.
    − ئاز بولسىمۇ كۆڭلۈم ھوشۇرئاخۇن. سىلە بىلەن قۇدا بولغىنىمدىن بەك خۇشال. پۈتۈم شۇنداق بولسىمۇ، مەنمۇ ئادەمدەك ئىش قىلاي دەيمەن. چامامنىڭ يېتىشىچە توي تەييارلىقى قىلىمەن. ئەمىسە جامائەت! مېنىڭ بېرىدىغان چېيىمغىمۇ تەكلىپ. يەنە دادام ئىگەرلەنگەن چىلان تورۇق ئىككى ياشلىق غۇنان تاينى (ئەسلى ئىنىمنىڭ مىنىشىگە ئاتاپ قويۇلغانىدى) ھوشۇركامغا تۇتتى.
    بۇنداق مەردانىلىك ئۈستىدە بولۇنۇۋاتقان مۇناسىۋەتلەر مەيداندىكى بارلىق جامائەتتە، بىزدە ياخشى تەسىرات قالدۇردى. گۈلدۇراس ئالقىش-چۇقانلار ساداسى مەيداننى يەنە بىر قېتىم لەرزىگە كەلتۈردى.
    توي كاتتا بولدى. توينىڭ ئاساسى پەۋقۇلئاددە قىزىقارلىق ۋەقەلەر ئۈستىگە قۇرۇلغاچقا، بايدىن تارتىپ ساۋاپچىغىچە ئارىلىقىدىكى تاغ خەلقى، دادامنىڭ دوست-يارەنلىرى، يېزا، كەنتلەرنىڭ كادىرلىرى-مەسئۇللىرىغىچىلىك تويغا كېلىپ قاتناشتى. مېھمانلار مىژ-مىژ، قىزىقارلىق ئوغلاق، چېلىشىش. . . پائالىيەتلىرى توي قىزىقىنى ئەۋجىگە كۆتۈردى. ئانكىت. . . قاتارلىق قانۇنىي توي رەسمىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلغىنىمىز ئۈچۈن قانۇن، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىمۇ باشقىچە پىكىردە بولمىدى. ئىش تىنچ ئاياغلاشتى. مانا، ئىككى پەرزەنتلىكمۇ بولۇپ قالدۇق. . .
    خاتىرىلەر مېنىڭ قەلبىمگىمۇ ياخشى تەسىرلەرنى بەخش ئەتتى. سۈكۈتكە چۆمدۈم. ئىقلىمخاچامنىڭ كونا خاتىرىلەردىن ھاياجانلىنىپ كۆڭلى يۇمشىدىمۇ، كۆز يېشى قىلدى.
    − ھوشۇركام پاتپات كېلىپ تۇرىدىغاندۇ؟−دەپ سورىسام، ئابدۇرېشىتكام ئېچىنىش بىلەن:
    − ئۈچ يىلچە بولدى قازالاپ كەتتى، يۇرتى قارىباغ تۇپرىقىدا ياتتى،−دەپ جاۋاب بەردى.
    − روھى جەننەتتە بولغاي!−دەپ تىلىدىم چىن كۆڭلۈمدىن،−ئېسىل، مەرد كىشى ئىكەندۇق. . .

    9

    ئوۋ ھەۋىسى−ئوۋ خۇمارى، ئەپيۈن خۇمارىغا ئوخشايدۇ. بىرلا كىرىشىپ قالغاندىن كېيىن، مېھرىدىن ئوڭايلىقچە كېچەلمەيسەن. ئوۋچىلىقنى تاشلايمەن، ئوۋ قىلمايمەن، ئوۋچىلىقنى تاشلايمەن،−دەپ تالايلاپ ۋەدە-قارارلارنى قىلغان بولساممۇ، يەنە ۋاقتى كەلگەندە زادى ئەمەل قىلالمىدىم، بۇ قېتىممۇ شۇنداق بولدى.
    باش باھاردا بىر قېتىم ئوۋغا چىققانچە، ئۆينىڭ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرى بىلەن بولۇپ ھېچ ياققا قوزغالمىغانىدىم. ئارىدىن تۆت ئاي ئۆتۈپتۇ. ئىيۇل كىرىپ تومۇز يازنىڭ گۈزەل، مەمۇرىچىلىق ۋاقتىمۇ بولۇپ قاپتۇ. بۇرنۇمغا تاغ-قىرلارنىڭ، يايلاقلارنىڭ خۇش ھىدى، تالايلاپ ئوۋ خاتىرىلىرىنىڭ ئىزى قالغان كۈزلەكلەرنىڭ ئاجايىپ قىزىقارلىق سىرلىق جىلغىلىرى، شىرقىراپ ئاققان سۇلار، ياۋا جانىۋارلارنىڭ كۆركەم قىيىاپىتى، كۆڭۈللۈك، جاپالىق سەپەر، يۈگۈرۈشلەر، ئاتلاشلار، گۈلخان ئوتىدا چالا پىشۇرۇلغان، تەمىنى ھېچبىر يېمەكلىككە تەڭلەشتۈرۈپ بولمايدىغان مەززىلىك كاۋاپ. . . پۇراپ كەتتى. . . قىسقىسى، ئوۋنى يىقىتىپ-بوغۇزلاپ، ئىچ باغرىدىكى جىگەر، تال، بۆرەك. . . قاتارلىق يۇمشاق ئەزالىرىنى يۇمايلا زىخلاپ، گۈلخانغا تۇتۇپ قىلىنغان كاۋاپقا بىر تويۇۋالغىنىڭدا، ئەتىگەندىن بېرى ئوۋ ئىزدەپ، ئوۋ قوغلاپ تارتقان مۇشەققەتلىرىڭ بىراقلا ئۇنتۇلۇپ ھاردۇقۇڭ چىقىپ قالىدۇ. ئاشۇلار ئوۋچىنى تۇتىدىغان خۇمار. . . ئىشىككە چىقسام، زېرىكىپ موزاينى ئانىي تېپىپ قوغلاپ، ئوينىشىپ يۈرگەن تۇتقاق، موزاينى تاشلاپ ئويناقلىغىنىچە قېشىمغا كەلدى. غىڭشىپ، پېشىمدىن چىشلەپ تاغدالا تەرەپكە سۆرەيتتى. تۇتقاقمۇ ئوۋ سېغىنغاندەك. . .
    ئىتنىڭ مەڭزىگە يېنىك بىرنى ئۇرۇپ قويدۇم-دە:
    − ئەتە ئوۋغا چىقىمىز، سەھەر تۇر! بۇ قېتىم شىمال قارلىق تاغقا ئەمەس، جەنۇب كۈزلەك تاغقا، «جىگدە بۇلاق» ئەتراپىغا بارىمىز. يەنە كېلىپ ئاتلىق ئەمەس پىيادە، ئۇقتۇڭمۇ! دەپ قويدۇم. ئىت «ھاۋ. . . ھاۋ. . . » دېگىنىچە ئويناقلاپ كەتتى. كەچكىچە ئوۋ تەييارلىقىنى قىلدۇق. «ئىشنىڭ بېشى سەھەردىن» دېگەن ئەقلىيەت بويىچە سەھەر تۇرۇپ كەتتىم.
    سەھەر، ئىيۇل ئېيىنىڭ كۆپكۆك، غۇبارسىز، تىنىق گۆھەردەك سوزۇلۇپ تۇرغان ئاسمىنى، يۇمشاق ئۇرۇلۇپ تۇرغان، روھنى ئۇرغۇتۇۋېتىدىغان، شىمالىي يايلاقلاردىن كەلگەن گۈل ھىدى ئارىلاشقان شاماللار، كەيپىياتىمغا خۇشاللىق بېغىشلىدى. مېنىڭدىنمۇ سەھەر تۇرۇۋالغان تۇتقاق «چاققان بولمامسىز» دېگەندەك خۇش قىلىقلىرى بىلەن چىشلەپ، تارتىپ ئويۇن چىقىرىپ سەپەرگە ئالدىراتماقتا. جەنۇبقا بىز سەپەر قىلىدىغان ئوۋ ساھىلىغا نەزەر سالسام، تاڭ سۈزۈكلۈكىنىڭ مېھىرلىك، ھايات-بەخىش روشەنلىكى بىلەن پۈركىلىشكە باشلىغان گىياھسىز تاقىرتاغ تىزمىسى، ئاستا-ئاستا كۆركەم بىر سىنغا ئورالغان ھالدا يالتىراپ كۆرۈنۈشكە باشلىدى.
    سەپەرگە ئاتلاندۇق. يۈرىكىمدە ھاياجان، ۋۇجۇدۇمدا قىزغىنلىق، يەڭگىللىك، تاغلار ئاقارماقتا. بىردەمدىن كېيىن شەرقىي ئۇپۇقتا كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغان قۇياشنىڭ شەپىقى چەكسىز ئالەمگە، ئاشۇ تاغلارغا، يوللىرىمغا ئوتقاش جامالى بىلەن تەبەسسۇم قىلماقتا. سۆيۈملۈك تىرىكچىلىكنىڭ شۇ كۈنلۈك مۇقەددىمىسىنى ئاچماقتا.
    «قاراقىر» داۋىنىدىن ئېشىپ، «كوناتۈز» ئېدىرلىقىغا يۈزلەندۇق. بۇ تۈزلەڭ ئېدىرلىقنىڭ پايانسىز باغرىغا تېرىلىپ ئۆستۈرۈلۈۋاتقان، بولۇق، ياپيېشىل تۈس ئالغان ئارپا، بۇغداي، تېرىق. . . مايسىلىرى مەيىن سەھەر شامىلىدا يىپەكتەك دولقۇنلايتتى. توپ-غۇژمەك بولۇپ ئۆسۈشۈپ، ھاياتقا تەنتەنە قىلىشىۋاتقان چاتقاللار قونۇۋالغان قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى، سەپىرىمگە قۇت-ئامەت تىلەپ كۆڭلۈمگە ئەۋج شادلىق بېغىشلاپ، سۈزۈك ئاۋازى ئەتراپقا شوخ-لەرزان يېيىلماقتا. ھايات ئويغانماقتا. جاپالىق، كۆڭۈللۈك تىرىكچىلىكى ئۈچۈن ھەرىكەتكە كىرىشمەكتە. . .
    ئانا تەبىئەتنىڭ بۇنداق سېھىرلىك، مەپتۇنكارلىق، كۈندە يېڭى تۇيۇلىدىغان لۇتپى-كەرەشمىلىرىدىن مەست بولۇپ كېتىپ، چوڭقۇر خىيالغا پاتقان ھالدا مېڭىپ قاپتىمەن. بىر چاغدا قېشىمدا ئويناقلاپ كېتىپ بارغان تۇتقاقنىڭ يېنىك قاۋىشىدىن ئېسىمگە كەلدىم-دە، ئىشارە قىلغان تەرەپكە كۆز سالدىم. ئارپىزارلىقنىڭ چېتىدە بىر ئانا چىل، ئون-ئونبەشچە چۆجىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرۈپتۇ. «خۇداغا شۈكرى! ئەتىگەندىلا پال ئېچىلدى. ئەمدى گەپ تەگكۈزۈشتە!» چىل ئۇشتۇمتۇت «چاك-چاك» سايرىغىنىچە كېسەل بولۇپ قالغاندەك پالاقشىپ يېتىۋالدى. جۈپلىرى دەرھال ئۆزلىرىنى ئارپىزارنىڭ قوينىغا ئېتىپ غايىب بولدى. بۇ چىلنىڭ ھايات قېلىش، چۆجىلىرىنى قوغداشتىكى بىر خىل كۈرەش ئۇسۇلى−ھىيلىسى ئىدى. رەقىبىنىڭ دىققىتىنى «كېسەل» بولۇۋېلىپ پالاقشىپ ئۆزىگە تارتىپ بالىلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش چارىسى. مەن چىللارنىڭ بۇ ھىيلىسىنى بىلىمەن، شۇڭا پالاقشىپ «يېتىپ» قالغان چىللارنى تۇتۇۋېلىش ھەرىكىتىدە بولمايمەن، مىلتىققا تايىنىمەن. ئانا چىل بالىلىرىنى مۆكتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، «ساقايدى»-دە، يورغىلاپ قاچماقچى بولدى. تېخى مىلتىق كۆرۈپ باقمىغان بىچارە چىل، ئالدىدىكى رەقىبىنىڭ قۇۋ، ئەقىللىق، رەھىمسىز ئەڭ ياۋۇز ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن. . . «گوم» قىلىپ ئاتتىم، تەگدى. غەلىبە! تۇنجى قېتىملىق پال ئوڭ چۈشتى. دېمەك، بۈگۈنكى ئوۋدا نەتىجە بار دېگەن گەپ. يۈرىكىم شادلىقتىن ئويناپ كەتتى. ۋۇجۇدۇمغا يېڭىدىن بىر جۇشقۇن روھ-كەيپىيات قوشۇلدى. ئوقتا چىل ئۈچ پارچە بولۇپ كېتىپتۇ. تۇتقاققا تاشلاپ بەردىم، مەزە قىلىپ چايناپ سوقۇۋەتتى.
    − تۇر، تۇتقاق!
    ئالدىمىزغا قاراپ كېتىپ بارىمىز. تۆت ئەتراپى پۈرمە تاغلار بىلەن ئورالغان پايانسىز تېرىلغۇ دالاسى كونا تۈزدىن ئاشتۇق. قۇم-سېغىز ئارىلاش تاشلاردىن ئاپىرىدە بولغان، ئۈستىنى ئەمەن، شىۋاق، چىغ. . . ۋە باشقا چۆل ئوتلىرى قاپلىغان كۈزلەكلەرنىڭ جىلغىلىرىغا كىردۇق. «دارا»، «چۆرۈلمە»، «ئىرغايلىق». . . قا ئوخشاش ئوۋ قارارگاھلىرىنى ياراتماي تاشلاپ ئۆتتۇق. ئەسىرلەردىن بۇيان يامغۇر-بورانلارنىڭ يالىشى بىلەن شەكىللەنگەن تاش ئادەم، تاش ئېيىق، قەۋەتلىك تاش بىنالار، كارىدور، ھەشەمەتلىك تاش دەرۋازا، گۈمبەز نەقىشلەر گۈزەل سەنئەت ئەسىرىدەك ياكى رىۋايەتلەردىكى تىلسىم قىلىۋېتىلگەن شەھەرلەرنى ئەسلىتىپ كۆز ئالدىمدا نامايان بولۇپ، پارلاق قۇياش نۇرىدا چاقنىغىنىچە ئەقلىمنى لال قىلاتتى.
    ئەتراپقا «ئوۋ ئۇچراپ قالارمىكىن» دەپ ھوشيارلىق بىلەن كۆز سېلىپ كېتىپ بارىمىز. نىشانىمىز ئۇتى ئەلۋەك، سۈيى مول، ئارقار، كېيىكلەر، توشقان، جەرەنلەر قىش-ياز توپلىشىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان «جىگدە بۇلاق» جىلغىسى. بۇلاق سۇلىرى بار بۇ جىلغا كۆڭۈللۈك ئوۋ رايونى ھېسابلىناتتى. بىراق جىلغىلىرى تار، تاغلىرى تىك، ئېگىز قىيالىق، مۇشەققىتى كۆپ، غەربىي قاپتىلى مەشھۇر «تېرەڭ» دەرياسى، كۈچلۈك شارقىراشلىرى بىلەن ئەتراپقا سېھىرلىك كۈي تارقىتىپ، سۇغا تولۇپ جەنۇبقا ئېقىپ تۇرىدۇ. جىگدە بۇلاق دائىرىسىدىكى بىر چوڭ جىلغىنىڭ ئېغىزىغا كېلىپ تۇرىشىمىزغا، سۇ ئىچكىلى كېتىۋاتقان ئوندىن ئارتۇق كېيىكلەرگە (جەرەن ياكى دالا بۆكەنلىرىنىڭ بىر تۈرى) كۆزىمىز چۈشتى. كېيىكلەرمۇ بىزنى كۆردى-دە، «پارت-پۇرت» قىلىپ قاچقىنىچە تاغلار ئارىسىغا كىرىپ كەتتى. قارىسام، شەمشەردەك ئۇزۇن ۋە تىك-بوغۇم مۈڭگۈزلۈك توپ بېشى ئەركەك كېيىك، ئالدىمدىكى چوققىدا بىزنى كۆزىتىپ قاراۋۇللۇقتا تۇرۇپتۇ. قالغان كېيىكلەرنىڭ تاغ ئارقىسىغا مۈكۈنگەنلىكى مەلۇم بولدى. «ئۇلارنى تېپىپ بولغۇچە ۋاقىت كېتىدۇ. ئاۋۇ نەق نوچىنى ئاتمايمەنمۇ؟»
    قۇرۇلغا ئالدىم-دە، ئوق ئۈزدۈم، تەگدى. كېيىك ئىككى مېتىرچە ئېگىز سەكرەپ كەتتى، ئاندىن تاغ ئارقىسىغا غۇلاپ غايىب بولدى. ئوق چالا تەگكەن چېغى، ئەگەر جان كېسەر يېرىگە تەگسە جايىغا يىقىلاتتى. تۇتقاق دەرھال تاغ ئۈستىگە يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى. مەنمۇ تاغ يانتۇلىرىدىن ئايلىنىپ ئارقىسىغا ئۆتتۈم. بۇ يەردىمۇ غەربكە قايرىلغان شاخچە بىر جىرا بار ئىكەن. توپ كېيىكلەردىن ئەسەرمۇ يوق. يارىدار كېيىك 300 مېتىرچە يىراقتا يانپىشىنى سۆرەپ ئاستا كېتىۋېتىپتۇ. تۇتقاقمۇ تاغ ئۈستى بىلەن تىمسىقىلاپ پەسكە چۈشتى-دە، يارىدار كېيىككە ئېتىلدى. ئەركىن ئۆگەنگەن شاش كېيىك يارىدارلىقىغا قارىماي ئورنىدىن دەس تۇرۇپ قاچقىنىچە كۆزدىن غايىب بولدى. يارىدار كېيىكنى كۆزدىن يوقىتىپ قويدۇم. تۇتقاق يەرنى پۇراپ بىردىنلا قاۋاپ كەتتى. كېيىكنىڭ يانپىشىدىن تامچىغان قانلار بەلگە بولۇپ قاپتۇ. ئىت قان ئىزى بويىچە كېيىكنى ئىزدەپ ئالدىمدا يۈگۈرۈپ كەتتى. جەھلىم قاتتى. يۈرىكىمدە رەھىم-شەپقەت كۆتۈرۈلدى. تەرسايى شۆھرەتپەرەستلىك بىلەن: «قولغا كىرەي دېگەن ئوۋنى تاشلىۋېتىمەنمۇ؟ يارىلاندى، بەرىبىر مەن تۇتمىسام باشقا يىرتقۇچلار يەيدۇ ياكى بىر خىلۋەتتە قانسىراپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. تارتقان مۇشەققىتىم بىھۇدە بولىدۇ. ئەبلەخ كېيىك! يارىلانغاندىن كېيىن تەقدىرگە تەن بېرىپ تۇرۇپ بەرمەي. . . سالغان جەۋرى-جاپالىرىڭ ئۈچۈن ھامان تۇتىمەن سېنى! جىگىرىڭنى كاۋاپ ئېتىپ مەزە قىلىپ يەپ پۇخادىن چىقىمەن! ئىچ ئەزايىڭنى تۇتقاق يەپ پۇخادىن چىقىدۇ، خەپ توختا!. . . » دەيتتىم ئىچىمدە.
    قان ئىزى بارغانسېرى يۇقىرىلاپ مېڭىش، ئۆتۈش قىيىن بولغان تىك يالتۇڭ، تىكەن-چاتقاللار، ئاتلاپ ئۆتۈش قىيىن بولغان يامغۇر ئاققان جىرالارغا ئۇلىنىپ كېتەتتى. مېڭىشمۇ قىيىنلاشقىلى تۇردى. ئۆمرۈمدە يارىدار كېيىكنى مۇنداق ئۇزۇن، جاپالىق قوغلاشمىغانىدىم. تۇيۇقسىز ئالدىمدىكى بىر تۆپىلىك ئۈستىدىن تۇتقاقنىڭ ئاچچىق قاۋىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، «ئوۋ مەيەردە!» دېگىنى ئىدى. تۆپىلىككە چىقىپ بولغۇچە ھېرىپ مادارسىزلىنىپ كەتتىم. تۆپىلىككە چىقىپ قارىسام پەستە ئۈستىدىن چۈشكەن يامغۇر سۇلىرى ئېقىپ تەشمە نوكەش يول قىلغان كىچىككىنە بىر تۆشۈكنىڭ ئاغزىدا، تۇتقاق تۇمشۇقىنى تۆشۈككە تىقىپ، ئاندىن ماڭا قاراپ قاۋاپ كەتتى. ئەتراپقا قارىسام قان ئىزى تۆپىلىكنىڭ ئوتتۇرىسىغىچە بېرىپ غايىب بوپتۇ. يېقىن بېرىپ كۆرۈپ ھەيران قالدىم. تۆپىلىكنىڭ ئوتتۇرىسىدا كىچىكرەك بىر ئۆينىڭ ئورنى چوڭلۇقىدا تىك بىر غار ئاغزى تۇرۇپتۇ. غار ئاغزىدىن پەسكە قاراپ شۈركىنىپ كەتتىم. غار تىك، خۇددى يەرلىك خۇمدانغا ئوخشاش كۈن نۇرى سۇس چۈشكەنلىكتىن ئاستى غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. چوڭقۇرلۇقى ئەللىك-ئاتمىش مېتىرچە كەلسە كېرەك. يارىدار كېيىكمۇ غار ئىچىدىكى يەر يۈزىدە تىركاڭشىپ، جان تالىشىپ يېتىپتۇ. قەيەردىن كىرگەندۇ؟ پەسكە چۈشۈپ ئىت قاۋاپ تۇرغان تۆشۈكنىڭ تۈۋىگە كەلدىم. بۇ يەردە قان ئىزى يوق ئىدى. ئاشۇ تۆپىلىكتىكى غار ئېغىزىدىن ئۆزىنى تاشلىغان گەپ. بېشىم قاتتى، «بولدى قىلايمۇ يا؟ ياق! زادى سەن تەرسا كېيىكنى قولۇم بىلەن تۇتۇپ بوغۇزلايمەن، سەن تەرسا بولساڭ مەنمۇ تەرسا!» نىيىتىمدىن يانغۇم يوق. قاراپ تۇرغان ئىتقا: «ئاشۇ تۆشۈكتىن بىر ئامانلاپ كىر!» دەپ بۇيرۇدۇم. ئىت ئۆمىلىگىنىچە قىسىلىپ-غىڭشىپ يۈرۈپ كىرىپ كەتتى. مەنمۇ قايتا تۆپىلىككە چىقىپ غار ئاغزىغا كەلدىم. غار ئاغزىنىڭ سەل يانتۇ لېۋىنى تېپىپ، كۆزۈمنى يۇمدۇم-دە، ھەممە ئەسلىيىتىم بىلەن دۈمبەمنى غار تېمىغا چاپلاپ «تەۋەككۈل» دەپ، ئۈزۈمنى پەسكە سىيرىلدۈرۈپ قويۇۋەتتىم. تالاي خەتەرلەردە مۇشۇنداق چارىلەر بىلەن ئۈمىد يولىنى ئاچقانىدىم. غار تاملىرىىڭ ئاستى تىك ئىكەن. بورتۇپ چىققان تاش ۋە جەينەكلەرگە سوقۇلۇپ يۈرۈپ «گۈپ!» قىلىپ غار تېگى يۈزىگە چۈشتۈم. ئىچىم قېقىلىپ كۆڭلۈم ئېلىشىپ كەتتى. ئۇستىخانلىرىم سىرقىراپ ئاغرىپ كەتتى. ئىتمۇ كىرىپ بولغانىكەن. ئۈستۋېشى توپا سۈرۈلگەن، قانىغان. قېشىمغا كېلىپ «بىرنېمە بولمىغانسىز؟» دېگەندەك پۇراپ-يالاپ يۈلەشتۈردى. دەرھال كېيىك ئېسىمگە كېلىپ غەيرەتلىنىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. «ياشىسۇن ياشلىق!» پارلاق شوئار ئېسىمگە كەچتى. پىچاقنى ئېلىپ ئاخىرقى نەپسى قالغان كېيىكنى بوغۇزلاپ «ھالال» قىلدىم. «ئۇھ!» ياز. تاغ ھاۋاسى سالقىن بولسىمۇ تومۇز كىرگەن بولغاچقا ئولجا گۆشىنى ئۇزۇن ساقلىغىلى بولمايتتى. كۆپ ئويلاپ تۇرماستىنلا كېيىكنىڭ قارنىنى يېرىپ ئىچ باغرىنى ئالدىم. قورساقمۇ ئېچىپ قاپتىكەن. ئىت ئۆزىگە تېگىشلىكلىرىنى يېدى. ماڭا تېگىش تال-بېغىرلارنى خام يېگىلى بولمايتتى. غار ئىچىدە. . . قارىسام سىرتقا چىقىپ كېتىش ئىمكانىيىتى يوقتەك. «بۇ چوڭقۇر تىك غارغا چۈشۈش ئاسان بولغىنى بىلەن، چىقماق بىر مۈشكۈل گەپ ئوخشايدۇ. قاپسىلىپ قالدىممۇ نېمە؟ بولمىغاندا ھېلىقى ئىت كىرگەن غار ئاستى يولى بىلەن چىققىلى بولارمۇ يا؟ ئاۋۋال قورساقنى تويغۇزاي، كېيىن بىر گەپ بولار. «قارىسام غار تاملىرىنىڭ قول يەتكىدەك يېرىقلىرىدا ئۆسكەن، قۇرۇپ قالغان تىۋىلغا، ئىرغاي تاللىرى تۇرۇپتۇ. ئېرىنمەي يىغىپ بىر دۆۋە قىلدىم. بىر قىسمىنى قالدۇرۇپ، بىر قىسمىنى گۈلخان ياقتىم. تال-بېغىرلارنى كاۋاپ قىلىپ يەپ نەپسىمنى قاندۇردۇم. دىمىمنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن چىقىپ كېتىشنىڭ كويىغا چۈشتۈم. غارنىڭ چەمبەرسىمان تاملىرى تىك-سىيرىلما. تۇتقۇدەك، پۇت قويغۇدەك يەرلىرىمۇ يوق. يەتتە-سەككىز يەرگە تىرەجەپ ئېسىلىپ باقتىم. بەزىلىرىگە قولۇم ئېلىنمىدى. بەزىلىرىدە ئىككى-ئۈچ مېتىر ئۆرلەپ بېقىپ يەنە سىيرىلىپ چۈشۈپ كەتتىم. چىقىپ كېتىش ئىمكانىيەت يولى كېسىلگەندەك قىلاتتى. ئۈستۈمدە ئۆي ئورنىدەك چەمبەرسىمان بوشلۇقتىن ئاسماننىڭ كىچىككىنە بىر پارچىسى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. يۈرىكىمنى ئۈمىدسىزلىك قاپلىۋالدى. تېنىم شۈركىنىپ كەتتى. قورقۇنچ باستى. ئەندىشە ئىچىدە كېيىكنىڭ ئۈلۈكىگە بىر قارىدىم. «مۇشۇ غاردا قاپسىلىپ ئۆلۈپ كەتمەسمەن-ھە؟! كېيىكنىڭ قىساسى. . . ». قۇتۇلۇش ئۈمىدى ئۈزۈلمەكتە ئىدى. ئۆلۈم كۆزۈمگە كۆرۈنگەندەك بولدى. ئاتا-ئانام، قېرىنداشلىرىم، سۆيۈملۈك ئايالىم ئىقلىمخان، جان-جىگەر پەرزەنتلىرىم، ئىناق ئۆتكەن يۇرت-جامائەت، تەڭتۇش يارۇ-دوستلىرىم، ئۆي-روزىغار، كۆڭۈللۈك تۇرمۇشىمىز بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتمەكتە. مادارسىزلىنىپ يەرگە «لاسسىدە» ئولتۇرۇپ قالدىم. ياش تامچىلىرى مەڭزىم بويلاپ دومىلاپ چۈشمەكتە. گويا ئۈمىد ئاسماندا تۇرغاندەك غار ئېغىزىغا پات-پات قاراپ قويىمەن. يەنە شۇ بارغانسېرى قارىيىۋاتقان ئاسمان پارچىسى، غۇۋا بوشلۇق. . . قۇياش نۇرى، نە بىرەر ھاياتلىقنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيدۇ. ۋاقىت قايسى چاغ بولغاندۇ؟
    ۋاقىت ئۆتكەنسېرى غار ئېغىزىنىڭ ئاسمىنى غۇۋالىشىۋاتاتتى. قۇياش پېتىپ كەچ كىرىۋېتىپتۇ. بىردەمدىلا قاراڭغۇ چۈشۈپ مۇدھىش-قورقۇنچلۇق قارا تون قاپساپ كېلىدۇ. ئۈمىدسىزلىك ئىلكىدە تېنىم مۇزلاپ تىترەشكە باشلىدىم. «زادى ئامال تېپىلماسمۇ؟» دەيتتىم ئىچىمدە ئۈزۈمنى ئۈمىدكە يۈزلەندۈرۈشكە تىرىشقان، جىددىيلەشكەن ھالدا. «ئارغامچا!» ئۇشتۇمتۇت ئېسىمگە شۇ كەلدى. «ئارغامچام بولغان بولسا ئېسىلىپ چىقىپ كەتكىلى بولاتتى. نېمىشقا ئارغامچا ئېلىۋالمىغاندىمەن؟». ئۆتۈپ كەتكەن ئوۋچىلىق ھاياتىمدا جاندارلار بىلەن ھەپىلەشكەندە ھېچقاچان مۇنداق ئاجايىپ ھادىسىگە دۇچ كەلمىگەن. ئۈزۈمگە ئىشەنگەن. شۇڭا ئارغامچا ئېسىمگە كەلمىگەن. . .
    مانا غار ئېغىزىدىكى ئاسماننى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ يۇلتۇزلار كۆرۈنۈشكە باشلىدى. پۈتكۈل كائىناتقا تۈن قانىتىنى كېرىپ ھۈكۈمران بولدى. كىشىنىڭ تېنى شۇرقۇيدىغان دەرىجىدە قاراڭغۇلىشىپ كېتىپ بارغان غار ئىچىدە ئۇيان-بۇيان پىرقىراشقا باشلىدىم. «ئوۋغا تويۇڭە ئەمدى!». مەن قانداق كەيپىياتتا بولسام، تۇتقاقمۇ شۇنداق كەيپىياتتا ئىدى. ئۇمۇ مېنىڭ بىلەن تەڭ پىرقىرايتتى، غىڭشىيتتى، قوللىرىمنى يالايتتى. زېرەك ئىت ئۆزى كىرگەن تۆشۈكنىڭ ئاغزىغا كېلىپ قاۋاپ كەتتى. «توغرا! مەن پاتماسمەنمۇ؟ كېيىكچۇ؟ شۇ يەردە قالسۇن. ئۇنى ئاتتىم، تۇتتۇم، خۇماردىن چىقتىم. قىساسىغا بۇ كۈلپەتكە يولۇقتۇم. بىرەر كېيىكنىڭ گۆشى نېمىتى؟ ئاتاي دېسەم كېيىك ئازمۇ؟ جان ئامان بولسا ئۇنداق كېيىكلەردىن تالاينى. . . ياخشىسى چىقىپ كېتىش كېرەك». مىلتىقنى باغرىمغا چىڭ تېڭىپ ھېلىقى تۆشۈككە يەر بېغىرلاپ ئۆمىلەپ كىرىپ باقتىم. بەكمۇ قىستاڭ. ئىككى مېتىرچە مېڭىپ قاپسىلىپ قالدىم. مىدىر-سىدىر قىلالمىدىم. پاتمىدىم. تېخىمۇ سىغدىلىپ-سىلجىسام قورقۇنچلۇق كەپلىشىپ قېلىش يۈز بېرىدىغاندەك تۇرىدۇ. سۇغۇرۇلۇپ غار ئىچىگە يېنىۋالدىم. تۇيۇقسىز تۇتقاق پېشىمدىن چىشلەپ تارتقىنىچە تۆشۈكنىڭ قېشىغا ئېلىپ كېلىپ غىڭشىپ كەتتى. بىردە قولۇمنى پۇراپ بىردە تۆشۈككە قاۋاپ بىرنىمىلەرنى ئۇقتۇرماقچى بولاتتى. تۇيۇقسىز ئۇنىڭ غەرىزىنى چۈشەندىم. ئۈمىد نۇرى ياندى. «بولىدىغان بىردىنبىر چارە. شۇ تاپتا ئەڭ ياخشىسى مۇشۇنداق قىلىش. ياشاپ كەت تۇتقىقىم!» ئىتنىڭ مەڭزىنى سىلىدىم. خەت يېزىشقا قەغەز-قەلەم، ساۋادىممۇ يوق. شۇڭا ئۆيدىكىلەر تونۇيدىغان پىچاقنى غىلاپ بىلەن بەلۋېغىمغا ئۆتكۈزدۈم-دە، بوينىغا پۇختىلاپ چەگدىم.
    − سەن بۇ تۆشۈكتىن چىقىپ ئۆيگە بار، ئادەم باشلاپ كەل!
    ئىت «ھاۋ!» دېگىنىچە قىستىلىپ يۈرۈپ چىقىپ كەتتى. تەنھا قالدىم. «كۈلپەتلەرگە پايلىشارمەن. بۇ ئىشمۇ ئوڭۇشلۇق ئاياغلىشار. بىر كېچە سولىنىپ يېتىش قانچىلىك ئىش ئىدى. ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھەممە ئىش ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. «مىلتىقنى ئوقلاپ، نەم تارتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن زاپاس ئوقلار بىلەن قوشۇپ چاپىنىمنىڭ ئىچىگە تىقتىم. تېنىمنىڭ ئىسسىقىدا قۇرۇق تۇرۇشى مۇمكىن ئىدى. ۋاقىت ئۆتمەكتە. غاردىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئاسماندا يۇلتۇزلارمۇ غايىب بولغان. ئاسمان يۈزىنى بۇلۇت قاپلاپ كەتسە كېرەك. قاراڭغۇ كۆرۈنىدۇ. نەم-سوغۇق ھاۋا دىمىغىمغا ئۇرۇلماقتا. يامغۇر يېغىۋېتەرمۇ؟ «كۆزدىن ئايرىغان خۇدايىم، ھاسىدىن ئايرىماپتۇ» دەپ، پەستە تۆشۈك بار ئىكەن. يامغۇر يېغىپ قالسا غار ئىچىمۇ كۆللەپ كەتمەيدىكەن. ئاشۇ تۆشۈكتىن سىرتىغا چىقىپ كېتىدىكەن. «توپان بالاسى»غىمۇ قالمىغۇدەكمەن. يامغۇردىن قانداق دالدىلىنارمەن؟ تاغ يامغۇرى شىددەتلىك، مىقدارى كۆپ بولىدۇ. بۇنىڭغىمۇ چارە تېپىلدى. يورۇق چاغدا غار تېمىدا مەسچىتنىڭ مېھرابىدەك ئۈستى ئەگمە يېپىق، ئىككى-ئۈچ ئادەم سىغىپ كېتىدىغان، يامغۇردا ھاسىل بولغان بىر ئۇيۇقچىغا كۆزۈم چۈشكەنىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى تەقدىر ئالدىن ئورۇنلاشتۇرغان تەييارلىقلارمىدۇ؟ كېيىكنىڭ گۈشىنى ئۇيۇق ئىچىگە ئەكىرىۋالدىم. ئۆزۈممۇ كېيىكنىڭ قېشىدا ئولتۇرۇپ تاڭنىڭ ئېتىشىنى، ئۆيدىكىلەرنىڭ كېلىپ قۇتقۇزۇشىنى كۈتۈپ ئولتۇردۇم. «ھەي، شۇ ئىت باشلاپ كېلەلەرمۇ؟». كۈتۈپ ئولتۇرۇپ مۈگدەپ قالغان چېغىم، چۈشەكەپ قاپتىمەن، چۈشۈمدە: غارنىڭ ئۈستۈن لېۋىدە زور، يايىلىق بىر ئەركەك بۆرە زۇڭزىيىپ ئولتۇرارمىش. قارىسام، بىرقانچە يىللار ئىلگىرى يايلاقتا ماللىرىمىزغا كۈندۈزى ھۇجۇم قىلغان، ئوقۇمدا يارىلىنىپ ئەپلەشتۈرەلمەي، «خەپ توختاپ-تۇر!» دېگەندەك يېشىل يېنىپ تۇرغان كۆزلىرىدىن قىساس ئۇچقۇنلىرىنى چاچقىنىچە، بۇرۇلۇپ قاراپقاراپ كېتىپ قالغان ھېلىقى يولباشچى بۆرە ئىمىش. ئۇ زۇڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ئاسمانغا قاراپ غەزەپ بىلەن ھۇۋلايمىش. ئاندىن بېشىنى غار ئىچىگە ساڭگىلىتىپ بىردىنلا ئادەملەردەك زۇۋانغا كىرگۈدەك: «ھەي، ھايۋاناتلارنىڭ خۇنخۇرى−ئادەم. بىر زامانلاردا پۇتۇمنى يارىلاندۇرغانىدىڭ، ئۆلمىدىم. ئۆمۈر بويى ناكا ساقايدىم. قىساس ئېلىش يۈرىكىمدە ئىدى، پۇرسەت كۈتتۈم. ياخشى پۇرسەت ئەمدى كەلدى. تېنىڭنى پارەپارە قىلىپ، يۈرىكىڭنى مەزە قىلىپ يەيمەن. شۇنداقمۇ كۆپچىلىك!»
    قېشىدا غار ئاغزىنىڭ گىرۋەكلىرىنى چۆرىدەپ قورشىۋالغان توپ بۆرىلەر: «شۇنداق، شۇنداق!» دەپ ۋارقىرايمىش.
    چۆچۈپ كۆزۈمنى ئېچىپ يۇقىرىغا قارىدىم. راستتىنلا غار گىرۋەكلىرىنى قورشىۋالغان قاراقارا بىرنېمىلەر ئولتۇرۇشىدۇ. بىرسى سوزۇپ ھۇۋلاۋاتىدۇ. ئېلېكتر قول چىراغنىڭ كۆزىدەك، يېشىل بىر جۈپتىن چىراغلار ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپتۇ. تېنىم شۈركىنىپ كەتتى. «بۆرىلەر!». ئۇلار راستتىنلا بۆرە توپى ئىدى. «چۈشۈمدىكى ئاشۇ قىساسخور بۆرىلەرمىدۇ؟ راستتىنلا ھېلىقى يولباشچى بۆرە باشلاپ كەلگەنمىدۇ؟ ئەمدى قانداق قىلارمەن؟ ئۆيدىكىلەر يېتىپ كەلگۈچە مېنى پارە-پارە قىلىپ خام تالاش قىلىۋېتىدىغان بولدى. ئەلۋىدا، ئاتا-ئانام، قېرىنداشلىرىم، ئەلۋىدا، خوتۇن-بالىلىرىم. ئەلۋىدا يۇرت، ئەلۋىدا دۇنيا!. . . »
    بۆرىلەر، بولۇپمۇ ئايرىم بىر بۆرە ئۆزگىچە ئاۋاز بىلەن ھۇۋلايتتى. شىپىقاپ ھەيۋە قىلاتتى. بىراق غارغا سەكرەشكە جۈرئەت قىلىشالمايتتى. يەنە غار ئاستىدا كۈتۈلمىگەن خەۋپ بارمۇ-يوق، ئېھتىيات قىلىشاتتى.
    قورقۇپ تۇرساممۇ بوشاپ كەتمىدىم. قوينۇمدىن مىلتىقنى چىقاردىم-دە، غار گىرۋەكلىرىنى قورشىۋالغان بۆرىلەرنىڭ بىرىگە نىشانلاپ ئوق ئۈزدۈم. بۆرىلەر چېكىنىشكە ئۈلگۈرەلمەي قالدى. بىرسى بوشقىنا غىڭشىغاندەك قىلدى. بۆرىلەر غار گىرۋىكىدىن غايىب بولدى. قېچىپ كەتسە كېرەك. يېنىمدا يەنە ئون پايچە ئوق بار. مىلتىقنى قايتىدىن ئوقلاپ تەييار تۇردۇم. پەستىكى تۆشۈكنىڭ ئاغزى شىلدىرلىغاندەك بولدى. قورقۇنچ بىلەن قارىسام بايامقىدەك بىر جۈپ يېشىل كۆز كۆرۈندى. بۆرىلەر نېمىدېگەن يامان. تۆشۈكتىن كىرىشكە بۇيرۇغان بولسا كېرەك. غار ئىچىگە ئۆتۈپ بولالمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تۆشۈككە قارىتىپ ئاتتىم. «غىڭ!» قىلىپلا ئۇجۇقتى.
    يامغۇر شارقىراپ قۇيۇۋەتتى. بۆرىلەر قايتا كەلمىدى. ھېلىقى بۆرىمۇ بېشى پاچاقلىنىپ ئۆلگەنىكەن. يامغۇر يولىنى توسىۋالمىسۇن دەپ، غار ئىچىگە سۆرەپ ئەكىردىم. يامغۇر سۇلىرى تاشقىنلاپ ھېلىقى تۆشۈكتىن سىرتقا چىقىپ كەتتى. «بۆرىلەر يەنە كېلەرمۇ؟» دەپ ئەندىشە ئىچىدە بىدار تۇردۇم. بۆرىلەر كەلمىدى. يامغۇرمۇ توختاپ قالدى.
    تاڭ ئاتتى. سۈبھى يورۇقى غار ئىچىگە چۈشتى. ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتكىنىنى بىلمەيلا قالدىم. قۇياش خېلىلا ئېگىز كۆتۈرۈلگەن بولسا كېرەك. غار ئىچى يورۇپ، قۇياش نۇرىدا يۇيۇلغان چىرايلىق سۈزۈلگەن ئاسمان كۆرۈندى. يىراقتىن تۇتقاقنىڭ يەڭگىل-يەڭگىل قاۋاشلىرى ۋە ئاتلارنىڭ دۈپۈرلەشلىرى ئاڭلاندى. «تۇتقاق! بۇ چوقۇم تۇتقاقنىڭ ئاۋازى. ئەقىللىق ۋاپادارىم، ئاخىر ئادەم باشلاپ كەپتۇ. قۇتۇلدۇم. يەنە بىر قېتىم ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇم. ئاشۇ تۇتقاق قۇتقۇزدى!» يۈرىكىم خۇشاللىقتىن گۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى. غار ئاغزىغا، ئۇلار قاچان يېتىپ كېلەر؟ دەپ قارايمەن. ھېچبىر كېلىشمەيتتى. شادلىق ۋە ئېچىنىش ئارىلىشىپ كەتكەن مۈجىمەل ھېسسىيات ئىچىدە، غار ئىچىدىكى بۆرىگە سەپسالدىم. ۋىجىكرەك كەلگەن، بېشى پاچاقلانغان، يامغۇر سۈيىدە چۆپ-چۆپ بولۇپ تاشتەك قېتىپ قالغان بۆرىنىڭ ئۆلۈكى كۆڭلۈمگە غەشلىك سالدى. بۇمۇ بىر قار باسقان ياش ئەركەك بۆرە ئىكەن. بىرىنچى بولۇپ غار گىرۋىكىدە تۇتقاق پەيدا بولدى. ئويناقشىپ-غىڭشىپ ماڭا تەلمۈرۈپ تۇراتتى.
    − تۇتقاق، تۇتقاق، ۋاپادارىم! كەلدىڭمۇ، باشقىلارچۇ؟−كۆزۈمدىن ياشلار تۆكۈلدى.
     «ھاۋ. . . ھاۋ. . . !» تۇتقاق ئارقىسىغا قاراپ قاۋاپ قويدى. مانا ئۇلارمۇ غار گىرۋىكىدە پەيدا بولۇشتى. دادام، ئىنىم، يەنە مەھەللىدىكى تەڭتۇش ئاغىنە بالىلاردىن تۆتى.
    − بالام، ئامان-ئېسەنمۇ سەن؟ بەك ئېغىر ھادىسىگە ئۇچراپسەن. قېنى يىگىتلەر، غار ئىچىگە ئارقان تاشلاڭلار!
    − دادا، ئىنىم، بۇرادەرلەر! مەن ئامان! مەن ئامان! ئارقانغا كېيىكنى باغلاپ بەردىم، تارتىۋېتىپ:
     ئەجەب يوغان بۆرە ئىكەن ئاۋۇ، ئەمما قېرى ئىكەن، تېخى جېنى بار ئىكەن، دەۋاتاتتى.
    − راست، يوغان-كاداڭ بۆرە ئىكەن، قاراڭلار، بۇ بىر زامانلاردا يايلاقتا بىزنى پاراكەندە قىلىپ، ئاخىر ئابدۇرېشىتنىڭ ئوقىدا يارىلىنىپ قېچىپ كەتكەن بۆرىدەك قىلىدۇ. توغرا، شۇ ئىكەن، ئاۋۇ ئارقا پۇتىنىڭ تۆۋەن تەرىپى ناكا ئىكەن. دەل ئاشۇ پۇتىنى يارىلاندۇرغانىدى. ئۆلمەپتىكەن-دە؟ پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغانىكەن. قىساس ئالىمەن دەپ، يەنە ئاخىر ئۆز بېشىنى يەپتۇ. بۇ قېتىم ئوق ئوڭ دولىسىنى چېقىۋېتىپتۇ. قاچالماي قانسىراپ كېتىپتۇ. دادام يېنىدىكىلەرگە شۇنى دەۋېتىپ، غارغا قايتا ئارقان تاشلىدى.
    − بالام، جېنىڭ ئامان قالغاندىكىن بولدى. باشقا نەرسىلەرنى تاشلىۋېتىپ ئۆزۈڭ چىقە ئەمدى!
    شۇنداقتىمۇ غاردىكى ئۆلۈك بۆرىنى تاشلىۋېتىشكە كۆزۈم قىيمىدى. تېرىسى، يېغى، سۆڭىكى. . . ھەممىسى دورا، ھەممىسى پۇل! گەپلەرگە قۇلاق سالماي بۇ قېتىم يەنە بۆرىنى باغلاپ بەردىم، غۇدۇڭشۇپ تارتىۋالدى.
    − غار ئىچىگىمۇ كىرىپتىكەن ئەمەسمۇ بۇ نىجىسلەر، ئەزىمەت، ئوغۇل بالا! ئاۋۇ تىرىك بۆرىنى كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتەيمۇ؟ تېخى ماڭا ئالىيىپ قاراۋاتىدۇ!−يىگىتلەردىن بىرسى شۇنداق دېدى.
    − ياق! ئابدۇرېشىت ئۆز قولى بىلەن بىر تەرەپ قىلسۇن، تەگمەڭلار!
    ئارقان ئۈچىنچى رەت تاشلانغاندا مىلتىق، ئوق-دورا، لاقا-لۇقىلار بىلەن قوشۇپ ئۆزۈمنى باغلىدىم. ئۈستىگە ئامان-ئېسەن چىقىپ، ئۇلار بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۈم.
    − تۈن نىسپىدىن ئاشقاندا،−دېدى دادام، ئارغامچىدىن بوشىتىپ تۇرۇپ، ئىشىك سىرتىدا تۇتقاقنىڭ قاۋىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. چىقىپ قارىسام راست شۇ! بوينىدا پىچاق، بەلۋاغ. سەن تەرەپنى كۆرسىتىپ قاۋاپ تۇرىدۇ. پېشىمدىن چىشلەپ سەن تەرەپكە سۆرەۋاتىدۇ. «ھە، ئابدۇرېشىتقا بىر ئىش بولۇپتۇ!» دېدىم-دە، تەييارلىنىپ ئاتلاندۇق. ئىتنىڭ باشلامچىلىقى بىلەن بۇ يەرنى تېپىپ كەلدۇق. تۇتقاق ۋاپادار ياخشى ئىت.
    ئىت بۇ گەپلەرنى چۈشىنىپ، پەخىرلەنگەن ھالدا ئويناقلاپ كەتتى.
    − قارا، ئاۋۇ بىر يىلدىكى يولباشچى بۆرە شۇ! تېخى جېنى بار ئىكەن. ئۆزۈڭ بىر تەرەپ قىل!−بۆرىنىڭ قېشىغا كەلدىم. راست، شۇ بۆرە ئىكەن، خېلىلا قېرىپتۇ. يايىلىرى سولاشقان، تۈكلىرى يالتىراقلىقىنى يوقاتقان. بۇ قېتىم ئوق دولىسىنى چېقىپ تاشلاپتۇ. شۇنچە كۆپ قانسىراپ كەتكەن بولسىمۇ، تېخى ئۆلمەپتۇ. بۆرە مېنى كۆرۈپ، پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ بېشىنى كۆتەردى. نۇرى ئۆچمىگەن كۆزىنى ماڭا تىكتى. بۆرە مېنى تونۇۋالدى. كۆزلىرى چاقناپ كەتكەندەك بىلىندى. پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ قاتتىق بىرنى ھۇۋلىدى. ھۇۋلىشىدا: «سەن غەلىبە قىلدىڭ، مەن مەغلۇپ بولدۇم. لېكىن بۆرىلەر ھامان مەغلۇپ بولمايدۇ! سىلەرنى پاراكەندە قىلغىنىمىز قىلغان. مەن مۆكۈپ ئەمەس، يۈزمۇ-يۈز ئېلىشىپ تۇرۇپ ئۆلدۈم. نېمە قاراپ تۇرىسەن؟ ئېتىۋەت!» دېگەن مەنە بار ئىدى. بىردەم قاراپ تۇردۇم-دە، مىلتىقنى ئېلىپ يوغان بېشىغا توغرىلاپ ئوق ئۈزدۈم. «ھۇ رەزىل دۈشمەن، كېچە جېنىمنى ئالغىلى تاس قالدىڭ، ئەگەر قىسمەت ساڭا باققان بولسا مېنى پارە-پارە قىلىپ يۈرىكىمنى يېگەن بولاتتىڭ. تۇز يالىغان ئىت كالتەكتە ئۆلەر. قىسمىتىڭ شۇ ئىكەن، ئەلۋىدا!» بىر پاي ئوقتىلا بۆرىنىڭ مېڭىسى چۇۋۇلۇپ ھەيۋە-سۈرىدىن ئەسەرمۇ قالمىدى.
    − ھەممە ئولجىلارنىڭ تېرىسىنى سويۇڭلار!−دەپ بۇيرۇدۇم. تەڭ تەقسىم قىلىۋېتەي.
    − ئوۋچىلارنىڭ بۇ ئادىتىنى بىزگە ئىشلەتمىسەڭمۇ بولار بالام. ھەممىمىز بىر ئائىلە، ئاپارساق يەنە شۇ ئۆيگە بارىدۇ ئەمەسمۇ؟ بۆرىلەرنى ماۋۇ يىگىتلەرگە بېرەيلى!
    − ياق، مەن دېگەندەك بولسۇن، كېيىنكى ئوۋلىرىم ياخشى بولمايدۇ، قېنى سويۇڭلار!
     راست، ئوۋچىلىقنىڭ ئوۋدىكى ئادەم قانچە بولسا، ئەجرىسىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئوۋ نىمىتى قانچىلىكتىن تەگسە شۇنچىلىكتىن (ھەتتا بىر تال قوۋۇرغا بولسىمۇ) تەڭ تەقسىم قىلىدىغان نىزامى بار ئىدى. كېيىكنى باراۋەر تەقسىملىدىم. ئىككى بۆرىنى تۆت يىگىتكە بېرىۋەتتىم. پەقەت چوڭ بۆرىنىڭ تېرىسىنى خاتىرە قىلىپ ئېلىپ قالدىم. ئاشۇ تېرە شۇ! (تامغا تارتىپ قويۇلغان چوڭ، كۆكبوز رەڭلىك، ئاشلانغان بىر تېرىنى كۆرسەتتى). تىنچ-ئامان قايتىپ كەلدۇق. دەيدىغانلىرىم شۇنچىلىك. . .
    كۈنمۇ كەچ كىرىپ قاپتۇ. خوشلىشىپ ياتىقىمغا قايتىپ كەلدىم.

    *   *  *
    يىللار ئۆتتى. ناھىيىدە ئىشلەپ يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرى. 1967-يىلى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» باشلىنىپ كەتتى. ئۇ يىللاردا، ھەر يازلىق تەتىلدە، ناھىيە تەۋەسىدىكى يېزا-قىشلاق، شەھەر-بازارلاردىكى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ناھىيە مەركىزىگە يىغىۋېلىپ، «سوتسىيالىستىك ئاڭ تەلىم-تەربىيىسى ئىدىيە ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى»گە يىغىۋالاتتى. ھەرىكەت ئەۋجىگە چىقىپ تەنقىد-كۈرەش باشلىنىپ كېتەتتى. شۇ يىلدىكى ھەرىكەتنىڭ ئاش-تاماق ئىشلىرىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن تەشكىل مېنىڭ باشچىلىقىمدا بىرقانچە يولداشنى بوزدۆڭ يېزىسىنىڭ ئاقبۇلاق، بايلىق ئاتا كەنتلىرىدىن قوي-چارۋا ئېلىشقا چىقاردى.
    بايلىقئاتىدا ئىلگىرى بىرگە بولغان دوست-يارەنلەر بىلەن كۆرۈشۈپ-يوقلاپ ئۆتتۈم. شۇ قاتاردا ئابدۇرېشىت ئاكىنىمۇ يوقلىدىم. ئۆي ئاۋۋالقى جايىدا ئۆز پېتى تۇرۇپتۇ. ئابدۇرېشىتكام، ئىقلىمخان ئاچام، چوڭ بولۇپ كەتكەن بالىلىرى قىزغىن قارشى ئالدى. ئەر-خوتۇن خېلىلا قېرىپ قاپتۇ. ئۆتكەن-كەچكەنلەرنى ئەسلەپ، ھۆكۈمەت قانۇنى چەك قويغانلىقتىن ئابدۇرېشىت ئاكىنىڭ ئوۋچىلىقتىن قول يىغقانلىقىنى ئۇقتۇم. تۇتقاقنى سورىدىم.
    − ۋاي، ئۇ سىلەر كېتىپ ياندۇرقى يىلىلا ئۆلۈپ قالغان،−دېدى ئابدۇرېشىتكام، قايغۇ بىلەن.
    − ئۆلۈكىنى تاشلىۋەتكەنلا ھەرقاچان؟ ئىت بولغاندىكىن. . .
    − شۇنداق قىلىشقا تېگىشلىك ئىدى. ئەمما مەن ئۇنداق قىلمىدىم. باشقا ئىتلارغا ئوخشىمايتتى. نەچچە مەرتەم جېنىمغا جان ئولىغان ئەمەسمۇ؟ شۇڭا پاكىز تاغارغا سېلىپ مۇشۇ زور تاشنىڭ ئارقىسىغا، ھېلىقى سېرىق ئىتنىڭ قېشىغا كۆمۈپ توپا قىلىپ قويدۇم. ئەسلى جىنازىغا سېلىپ ئادەملەردەك دەپنە قىلغۇم بار ئىدى. بىراق مۇسۇلمانچىلىققا سىغمايدىكەن. سېغىنسام كىشىلەرگە كۆرۈنمەي پات-پات يوقلاپ تۇرىمەن.
    تەلىپىم بويىچە ئابدۇرېشىتكام ئارقىغا ئېلىپ چىقتى. يېقىن-يېقىن دۈۋىلەپ قويۇلغان ئىتلارنىڭ يەرلىك توپىسىنى كۆرسەتتى.
     قەبرە قىلىپ قوياي دېگەنىدىم، يۇرت-جامائەتتىن ئەيمەندىم. چۈنكى ئادىتىمىزدە يوق ئىش قىلىنىپ قالسا، ئەل ئىچىگە سىغماق تەس بولىدىكەن. . .
    ئۈنچىقمىدىم. قايغۇلۇق ھېسسىيات ئىچىدە ئابدۇرېشىتكاملار بىلەن خوشلاشتىم. كەلگەن-كەتكەنلەردىن پات-پات سوراپ تۇرىمەن. ئۇلار بەك قېرىپ كەتتى. ھېلىمۇ ھايات. . .
    تەھرىرلىگۈچى: ئەركىن نۇر

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-8-15 20:55:40]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.