قارا كىتاب 7

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-09 11:58:50

قارا كىتابئورخان پامۇك3-باب: مەندىن رۇياغا سالام دېگىن بوۋام ئۇلارنى بىر ئائىلە كىشىلىرى، دەپ ئاتىغانىدى. – لېرىكغالىبنىڭ ئايالى ئۇنىڭدىن ئايرىغان ھېلىقى كۈنى ئەتىگەن، غالىب كونا شەھەرنىڭ ...



     

    قارا        كىتاب

    ئورخان پامۇك

    3-باب:  مەندىن رۇياغا سالام دېگىن

     

             بوۋام ئۇلارنى بىر ئائىلە كىشىلىرى، دەپ ئاتىغانىدى. – لېرىك

     

    غالىبنىڭ ئايالى ئۇنىڭدىن ئايرىغان ھېلىقى كۈنى ئەتىگەن، غالىب كونا شەھەرنىڭ بابىل ئىمارىتىدىكى پەلەمپەيدىن بايىلا كۆرگەن گېزىتىنى قولتۇقىغا قىستۇرغىنىچە ئىشخانىسىغا ئاستا چىقىپ كېتىۋاتقاچ، نەچچە يىللار ئىلگىرى، ئۆزىنىڭ بوسپۇرۇس بوغىزىغا چۈشۈرۈۋەتكەن ھېلىقى يېشىل رەڭلىك سىياھ قەلىمىنى، رۇيا ئىككىسىنىڭ قۇلاق ئالدى بېزى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ئاپىلىرىنىڭ ئۇلارنى ئېلىپ دەريا بويىغا بارغانلىرىنى ئەسلىدى.

     شۇ كۈنى كەچتە، ئۇ رۇيانىڭ ئۆزىگە قالدۇرغان خېتىگە سىنچىلاپ قايتا بىر قېتىم تەپسىلىي قارىغىنىدا، ئۈستەل ئۈستىدىكى رۇيا ئىشلەتكەن بۇ يېشىل رەڭلىك سىياھ قەلەمنىڭ، ئۆزىنىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ھېلىقى سىياھ قەلىمى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش ئىكەنلىكىنى تاسادىپىي بايقاپ قالدى.  يىگىرمە ئالتە يىلنىڭ ئالدىدا، ھېلال غالىبنىڭ بۇ قەلەمنى بەكلا ياقتۇرۇپ قلغانلىقىنى كۆرۈپ، قەلەمنى ئۇنىڭغا بېرىۋەتكەنىدى. كېيىن ھېلال ئۇ قەلەمنىڭ كېمىدىن سۇغا چۈشۈپ كەتكىنىنى بىلگەنىدى.  كېيىن غالىبتىن قەلەمنىڭ سۇنىڭ قانداقراق يېرىگە چۈشۈپ كەتكىنىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن:

    -ئەمەلىيەتتە قەلەم يۈتۈپ كەتمىدى، چۈنكى بىز قەلەمنىڭ بۇبوسپۇرۇش بوغىزىنىڭ قانداق يېرىگە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمىز،- دېگەنىدى.

    غالىب ئىشخانىسىغا كىرىشنىڭ ئالدىدىلا، ھېلالنىڭ «ئاپەتلىك كۈن» ماۋزۇلۇق مەخسۇس سەھىپىسىنى ئوقۇپ تۈگەتتى. ئۇ تولىمۇ ھەيران بولدى، ھېلال بۇ سەھىپىسىدە، گەرچە يانچۇقىدىن سىياھ قەلىمىنى ئېلىپ، دېرىزىگە چاپلىشىپ كەتكەن سۇس يېشىل رەڭلىك مۇخنى قىرغانلىقىنى يازغان بولسىمۇ، يۈتۈپ كەتكەن بۇ سىياھ قەلەمنى ئېغىزىغا ئېلىپمۇ قويمىغانىدى. قانداقلا بولمىسۇن، ھېلال كونىراپ كەتكەن بەزى تاسادىپىيلىقلاردىن - مەسلەن، بوسپۇرۇس بوغىزىدىكى لاي-لاتقىلارنىڭ ئىچىدىن تېپىۋالغان شۇ خەزىنە ياكى گاز سۈيىنىڭ بوتۇلىكىلىرىنى- پەقەت ئۇ ئويلاپ يېتەلىسىلا، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۇنى مەخسۇس تېمىسىغا يازاتتى. ئەمما، ئەگەر ھېلالنىڭ يېقىنقى بىر قېتىملىق زىيارەتتە ئۆزى ئېيتقىنىدەك، ئۇ راستىنلا يېقىننىڭ ياقى تۇتىۋېلىش قابىلىيىتى زور دەرىجىدە رۇدىمېنتلىشىپ كەتكەن بولسا، ئۇ باشقا گەپ. «ئەسلىمە-خاتىرىنىڭ گۈللۈگى ئاستا-ئاستا قاقاسلاشقاندا».  ئۇلار يېقىندا، بىرنەچچە قېتىملىق يىغىلىش قىلغاندا ھېلال بىر قېتىم مۇنداق دېگەنىدى:

    -بىرسى ئەڭ ئاخىرىدا قېلىپ قالغان گۈل-گىياھلارنى قەدىرلەشكە باشلىدى.

    ئۇلارنىڭ قۇرۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، مەن ئەتىدىن كەچكىچە ئۇلارنى سۇغۇرىمەن، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىمەن. چۈنكى مەن ئۇلارنى ئۇنتۇپ كېتىشتىن قورقىمەن، شۇڭا مەن توختىماي سېغىنىمەن، قايتا-قايتا ئويلايمەن.

    غالىب بۇرۇن ھېلالنىڭ مۇنداق دېگنىنى ئاڭلىغان، مېررى تاغىسى پارىژغا كېتىپ بىر يىلدىن كېيىن، يەنى ۋاسېف قولىدا بېلىق قاچىسىنى تۇتقىنىچە پەيدا بولغان ھېلىقى يىلى، بوۋىسى بىلەن دادىسى مېررى تاغىسىنىڭ بابېل بىناسىدىكى ئادوۋكاتلىق ئىش بېجىرىش ئورنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ بارلىق ماتېرىياللىرى ۋە سايمانلىرىنى بىر ئات ھارۋىسىغا بېسىپ، مىڭ تەستە نىشان تاشقا ئېلىپ كەلگەنىدى. ئاندىن ئۇ نەرسىلەرنى بىنانىڭ ئۈستىدىكى ھېلىقى كىچىك ئۆيگە نىقتاپ تىقىۋەتكەنىدى. خېلى يىللاردىن كېيىن، مېررى تاغا ئۆزىنىڭ چىرايلىق ئايالى ۋە رۇيانى ئېلىپ ۋەتەنگە قايتقىنىدا، ھەممە سودىلارنى قىلىپ ئاقتۇرالماي، ئاخىرى يەنىلا ئۆزىنىڭ كونا كەسپى ئادوۋكاتلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئويلاپ، ئۆزىنىڭ كونا جابدۇقلىرىنى يېڭى ئىشخانىسىغا كۆچۈرۈپ كىرگەنىدى. ئۇ، بۇنداق قىلغاندا كونا خېرىدارلارغا ياخشى تەسىر قالدۇرغىلى بولىدۇ، دەپ ئويلايتتى. كېيىن، مەلۇم بىر ئاخشىمى، ھېلال ئاچچىق كۈلگىنىچە غالىب بىلەن رۇياغا ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىنى سۆزلەپ، شۇ ۋاقىتتا بىر دەرۋازىۋەننىڭ كونا جابدۇقلارنى ھېلىقى ئېگىز بىنانىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى بىر ئۆيگە كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىققنىنى، يىگىرمە نەچچە يىلدىن كېيىنمۇ يەنە شۇ دەرۋازىۋەننىڭ توڭلاتقۇ ۋە رېيالنى شۇ ئۆيدىن كۆچۈرۈپ چىققانلىقىنى، ھالبۇكى ئارىلىقتا ئۆتكەن شۇنچە ئۇزۇن يىللار ئۇ دەرۋازىۋەنگە چاچلىرىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنى تاقىر قىلىپ قويغاندىن باشقا يەنە ئۇنىڭغا يۆتكەش قىيىن بولغان نەرسىلەرنى پەم بىلەن يۆتكەپ كۆچۈرەلەيدىغان ماھارەتلەرنىمۇ قوشۇپ بەرگەنلىكىنى ئېيتقانىدى.

    ۋاسېف نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ چىققان ھېلىقى دەرۋازىۋەنگە بىر ئىستاكان سۇنى ئۇنىڭغا تازا سىنچىلاپ قاراپ تۇرۇپ بەرگىنىدىن  يىگىرمە بىر يىل ئۆتكەندە، بۇ ئىشخانا ۋە كونا جابدۇقلار غالىبقا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، بۇنىڭ سەۋەبىگە قارىتا كۆپچىلىكنىڭ قارىشى بىردەك ئەمەس ئىدى: غالىبنىڭ دادىسىنىڭ گېپىگە ئاساسلانغاندا، مېررى تاغا ئۆزىنىڭ خېرىدارلىرى تەرەپتە تۇرۇپ قارشى تەرەپكە نىسبەتەن ھېچقانداق ھۇجۇمغا ئۆتمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ خېرىدارلىرىغا زەربە بەرگەنمىش؛ غالىبنىڭ ئاپىسى قېرىپ، يولنىمۇ ئوڭشاپ ماڭالمايدىغان بولۇپ قالغاندىن كېيىنلا غالىبقا بەزى مەخپىيەتلىكلەرنى دېگەن: مەسلەن، مېررى تاغا ئەزەلدىن سوت خاتىرىسى ۋە ئەرزنامىلەرنى چۈشىنىپ باقمىغان ھەم چۈشىنەلمىگەنمىش، ئۇلارنى پەقەت ئاشخانىلاردىكى تاماق تىزىملىكى ۋە كېچىك كېمىسىنىڭ ۋاقىت تىزىملىكى ئورنىدا كۆرۈپلا ئوقۇپ قويغانمىش؛ ئەمدى رۇيانىڭ قارىشىچە، ئۇنىڭ سۆيۈملۈك دادىسى ئۆز قىزىنىڭ ئۆزىنىڭ جىيەنى بىلەن توي قىلىدىغانلىقىنى خېلى بۇرۇنلا پەرەز قىلىپ بولغاچقا، ئۆزىنىڭ ئادوۋكاتلىق ئىش بېجىرىش ئورنىنى غالىبقا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، گەرچە ئۇ ۋاقىتتا غالىب پەقەت ئۇنىڭ جىيەنى بولۇپ، تېخى كۈيئوغۇل بولمىغان بولسىمۇ؛ شۇڭا غالىبنىڭ بۇ ئىشخانىسىدا ئىسمى ھەم نام-شۆھرىتى ئاللىبۇرۇن كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن غەربنىڭ تاقىر باش قانۇنشۇناسلىرىنىڭ پورتېرت سۈرىتى ھېلىھەم ئېسىقلىق؛ يەنە بىر نەچچە پارچە بۇنىڭدىن يېرىم ئەسىر بۇرۇن قانۇن ئىنىستىتۇتلىرىدا دەرس ئۆتكەن، بېشىدا تۈركلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي دوپپىسىنى كىيگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۈرىتى بار؛ سوتچىلىرى، دەۋاگەرلىرى ۋە جاۋابكارلىرى ئاللىبۇرۇن ئالەمدىن ئۆتۈپ كەتكەن ئۆتمۈشتىكى كونا ئەرزنامە ھۆججەتلەر؛ بىر دانە، كېچىلىرى ھېلال كىتاب ئوقۇيدىغان، كۈندۈزى ھېلالنىڭ ئاپىسى كىيىملەرنىڭ نۇسخىسىنى ئېلىشتا ئىشلىتىدىغان ئۈستەل؛ ئۈستەلنىڭ بىر بۇرجىكىدە، ئالاقىلىشىش ئۈسكىنىسىگە قارىغاندا، تېخىمۇ بەك بىر دانە جەڭ قورالىغا ئوخشايدىغان، تولىمۇ پۇختا قارا رەڭلىك تېلىفون بار.

    بۇ تېلىفون جىرىڭشىپلا قالسا ئادەمنى چۆچۈتمەي قالمايدۇ، تېخى بەزىدە ئۆزىچىلا جىرىڭشىپ قويىدۇ. رەڭلىرى ئۆڭگەن تېلىفون تۇرۇپكىسى چېنىققۇچىلار ئىشلىتىدىغان گانتېلنىڭ ئۆزىلا، ھەر قېتىم نومۇر بۇرىغاندا بۇ تۇرۇپكا خۇددى پورتتىكى كېچىك كېمىسىنىڭ بېشىدىكى پېرقىرىغۇچ پىرقىرىغاندىكى غاژ-غۇژ ئاۋازدەكلا يېقىمسىز ئاۋاز چىقىرىدۇ. تېخى بەزىدە ئۆزىچىلا بىر نومۇرلارغا ئۇلىنىپ قالىدۇ، قايسى نومۇرنىڭ بېسىلغانلىقىدىن قەتئىينەزەر.

    غالىب ئۆيىنىڭ تېلىفونىنى ئۇلىغاندا، ئويلىمىغان يەردىن رۇيا راستىنلا  تېلىفوننى ئېلىپ، ئۇنى چۆچۈتىۋەتتى:

    -ئويغاندىڭىزمۇ؟

    غالىب رۇيانىڭ ئۆزىگىلا مەنسۈپ بولغان شۇ ئەسلىمە گۈللۈگىدە تەركىدۇنيا بولۇپ ياشىماستىن، ھەممىمىزگە تونۇش بولغان بۇ رېئال دۇنيادا يۈرگەنلىكىدىن خوشال بولدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا تېلىفون، تېلىفون قۇيۇلغان ئۈستەل، رەتسىز ھۇجراۋە رۇيانىڭ ھازىرقى ھالەت-تۇرىقى كەلدى.

    -ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويغان باغاقچىنى كۆردىڭىز؟ ھېلال قىزززىق تېمىدىن يەنە بىرنى يېزىپتۇ.

    -تېخى كۆرمىدىم، سائەت نەچچە بولدى؟

    رۇيا ئىزلەڭگۈلۈك بىلەن سورىدى.

    -ئاخشام بەك كەچ ياتتىڭىز، شۇنداقمۇ؟

    غالىب ئېھتىياتچانلىق بىلەن سورىدى.

    -ناشتىنى ئۆزىڭىز قىلىپ يېدىڭىزمۇ؟

    رۇيا  سۇئال بىلەن جاۋاب قىلدى.

    -سىزنى ئويغىتىۋېتىشنى خالىمىدىم.

    غالىب يەنە قايتۇرۇپ سورىدى.

    -يەنە چۈش كۆردىڭىزمۇ؟

    -ئاخشام يېرىم كېچىدە كارىدوردا بىر سۈۋەرەكنى كۆردۈم.

    رۇيانىڭ بىرخىللا ئاھاڭدىكى جانسىز ئاۋازى، رادىئو دېكتورىنىڭ دېڭىزدىكى ماتروسلارنى قارا دېڭىزدىكى بىر سۇ مىناسىدىن ئاگاھلاندۇرغان چاندىكى غىڭىلداپ چىققان ئاۋازىغا ئوخشايتتى. ئەمما كەينىدىنلا ئۇ تۇيۇقسىز  تەشۋىشلەنگەن ئاھاڭدا:

    -ئاشخانىنىڭ ئىشىكى بىلەن كارىدوردىكى پارۋاينىڭ ئارىسىدا... سائەت ئىككى ئەتراپىدا... بەك چوڭسۈۋەرەكتىن بىرسىنى كۆردۈم.

    سۈكۈت.

    -ھازىرلا كىرا ماشىنىسى توسۇپ ئۆيگە قايتايمۇ؟

    غالىب ئەندىشە بىلەن سورىدى.

    -دېرىزىنىڭ پەردىسىنى چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۆينىڭ ئىچى تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولۇپ كەتتى.

    رۇيا يەنە شۇ گەپنى قىلدى.

    -بۈگۈن كەچتە بىللە كىنو كۆرۈپ كېلەمدۇق؟

    غالىب سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.

    -خان ئوردىسى تىياتىرخانىسىغا بارامدۇق؟ ئۆيگە قايتقاچ ھېلالنى ئېلىۋالساق بولىدۇ.

    ئىككىلىسى سۈكۈت ئىچىدە تۇردى. غالىب رۇيانىڭ يەنە بىر قېتىم ئەسنىگىنىنى غۇۋا ئاڭلىغاندەك قىلدى-دە، تېلىفوننى قويىۋەتتى.

     (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)

    بۇ سەھىپىدە ئورخان پامۇكنىڭ ‹قارا كىتاب› ناملىق رومانى ئۇيغۇرچە تەرجىمى قىلىنىپ يوللىنىدۇ، كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.