ھازىرقى بالىلار كارامەت (08)

يوللىغۇچى : Hechkim يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-08 02:21:41

ۋىجدان ئازابىزەينەب:خەتلىرىمنى ياخشى دەپ قارىغىنىڭنى يېزىش بىلەن، مېنى ھەقىقەتەن ياخشى يېزىشقا قىزىقتۇرغىنىڭغا رەھمەت ئېيتىمەن. بىر خېتىڭدە مېنىڭ كۈلكىلىك ۋەقەلەرنى بايان قىلغانلىقىمنى يازغ...

     


    ۋىجدان ئازابى
     
     
    زەينەب:
     
    خەتلىرىمنى ياخشى دەپ قارىغىنىڭنى يېزىش بىلەن، مېنى ھەقىقەتەن ياخشى يېزىشقا قىزىقتۇرغىنىڭغا رەھمەت ئېيتىمەن. بىر خېتىڭدە مېنىڭ كۈلكىلىك  ۋەقەلەرنى بايان قىلغانلىقىمنى يازغانىدىڭ. لېكىن، ئەمدى بايان قىلىدىغانلىرىم ئىنتايىن ئېچىنىشلىق بىر ۋەقە. بۇ ۋەقەنى بىزگە مۇئەللىمىمىز ئېيتىپ بەرگەن.
     
    ئۆتكەن كۈنى دەرستە ھۈسەين ئوقۇش كىتابىمىزدىن بىر ماقالىنى ئوقۇغانىدى. ماقالىنىڭ ئىچىدە "ۋىجدان ئازابى" دېگەن بىر سۆز ئۇچرىدى. مۇئەللىمىمىز بىزگە "ۋىجدان ئازابى" دېگەننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى خېلى ئۇزۇن سۆزلەپ چۈشەندۈردى. ئاندىن بىزدىن:
    - ۋىجدان ئازابى دېگەننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەندىڭلارمۇ؟ - دەپ سورىدى.
    - چۈشەندۇق مۇئەللىم! – دەپ ۋارقىرىدۇق ھەممىمىز بىردەك.
    - ئۇنداق بولسا، ئەمدى ۋىجدان ئازابىغا دائىر بىر نەچچە مىسال كەلتۈرەيلى، - دېدى مۇئەللىم.
     
    ياشارنى بىلىسەن. ئۇ يەنە بۇرۇنقىدەك كەينى پارتىدا ئولتۇرىدۇ، يەنە شۇنداق سۆلەتۋاز. ئۇ يىغقان پۇللىرىنى دەرس ۋاقتىدا ساناپ ئولتۇرىدۇ ياكى ھەجۋىي رەسىملەرنى سىزىپ ئولتۇرىدۇ. 
     
    مۇئەللىم ئۇنىڭدىن:
    - ياشار، ساڭا ۋىجدان ئازابى چەكتۈرگەن بىرەر ۋەقەنى بېشىڭدىن ئۆتكۈزدۈڭمۇ؟ - دەپ سورىدى.
     
    ياشار مۇئەللىمنىڭ دېگەنلىرىگە قۇلاق سالمىغان بولسا كېرەك. بىراق، ساڭا مەلۇم، ئۇ ناھايتى ھىيلىگەر. ئەگەر شۇ تاپتا "ئۆتكۈزگەن" دېسە، مۇئەللىمنىڭ "سۆزلەپ بەر" دېيىشىنى بىلەتتى، شۇڭا: 
    - ئۆتكۈزمىدىم مۇئەللىم! – دېدى.
    - بۇ قانداق گەپ، - دېدى مۇئەللىم، - ئادەم دېگەن ۋىجدان ئازابى چەكمەسلىكى مۇمكىنمۇ؟
    ياشار تېخىمۇ كەسكىن ھالدا:
    - مەن چەكمىدىم مۇئەللىم! – دېدى.
     
    نەشە يەنە شۇنداق كۆزگە كىرىۋېلىشقا تىرىشاتتى. ئۆزىدىن سورىسۇن دەپ، مۇئەللىمنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ، ئورنىدا تۇرالماي قول كۆتۈرەتتى. ئۇ:
    - مەن ئېيتىپ بېرەي مۇئەللىم، مەن ئېيتىپ بېرەي... دەپ تۇرۇۋالدى.
    - ئېيتە نەشە، - دېدى مۇئەللىم، - ساڭا ۋىجدان ئازابى چەكتۈرگەن بىرەر ۋەقە بېشىڭدىن ئۆتكەنمۇ؟
    نەشە خۇشامەت قىلىپ:
    - كۆپ ئۆتكەن مۇئەللىم، - دېدى.
    - ئۆتكەن بولسا سۆزلەپ بېرەي...
    - قايسىسىنى سۆزلەي مۇئەللىم؟
     
    ئۇنىڭ گېپىگە ھەممىمىز كۈلۈپ كەتتۇق.
    بىچارە نەشە نېمىنى توقۇپ چىقىشنى ئويلىۋېلىشقا ۋاقىت چىقىرىش ئۈچۈن بۇ بىمەنە سوئالنى سورىغانىدى. 
     
    مۇئەللىم كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
    - بېشىڭدىن ساڭا ۋىجدان ئازابى چەكتۈرگەن شۇنچە كۆپ ۋەقە ئۆتكەنمىدى؟ قېنى ئۆزۈڭ خالىغان بىرىنى سۆزلە! – دېدى.
     
    نەشە ھەر قېتىمقىدەك يەنە دۇدۇقلاشقا باشلىدى. ئۇ دۇدۇقلاپ يۈرۈپ ئاخىر سۆزلىدى. ئېسىڭدىدۇ، نەشە ھەمىشە دەرستە ئورنىدىن تۇرسا شۇنداق دۇدۇقلايتتى، ھەر بىر سۆزنى، ھەتتا ھەر بىر بوغۇمنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئاز دېگەندە بىر قېتىم دۇدۇقلىماي كەينىدىكى بوغۇمنى ئېيتالمايدۇ. ئۇ كۈنى تارتىنچاقلىقى تېخىمۇ ئېشىپ كەتكەنىدى.
    ئۇ سۆزنى مۇنداق باشلىدى:
    - بىز چوڭلارنى ھۆرمەت، كىچىكلەرنى ئىززەت قىلىشىمىز كېرەك.
    نەشە توختىماي دۇدۇقلاۋەرگەچكە، مۇئەللىم:
    - خوپ، ھە... ئاندىن؟ - دەپ ئۇنىڭغا مەدەت بەردى. نەشە دۇدۇقلىغان ھالدا دېدى:
    - بىر ئانا بار ئىكەن. ئۇ ئوغلىغا نەسىھەت قىلىۋاتقان ئەسنادا دەرۋازا قېقىلىپتۇ. ئاندا دېرىزىدىن قارىسا، دەرۋازىنى قاققان قېيناتىسى ئىكەن. ئانا ئوغلىغا: "بوۋاڭ كەلدى، دەرۋازىنى ئېچىۋەت، بوۋاڭغا مېنىڭ ئۆيدە يوقلۇقۇمنى ئېيت!" دەپتۇ. بالا دەرۋازىنى ئېچىپ: "بوۋا، ئاپام تالاغا چىقىپ كەتتى" دەپتىكەن، ئۇ ياشانغان كىشى نەۋرىسىگە: "ئاناڭغا ئېيت، بۇنىڭدىن كېيىن تالاغا چىققاندا بېشىنى دېرىزىدە ئۇنتۇپ قالمىسۇن" دەپ، ئۆيگە كىرمەي كېتىپ قاپتۇ.
    نەشە بىر نەچچە قېتىم دۇدۇقلىغاندىن كېيىن جىم تۇردى.
    - بۇ ۋەقە سېنىڭ بېشىڭدىن ئۆتكەنمۇ؟ - سورىدى مۇئەللىم.
    - ياق، - دېدى نەشە، - بىر ژۇرنالدىن ئوقۇغانىدىم.
    - ئۇنداق بولسا، سەن نېمە ئۈچۈن بۇنىڭدىن ۋىجدان ئازابى ھېس قىلىسەن؟
    - مەن ھېس قىلمايمەن، ھېلىقى بالىنىڭ ئانىسى ھېس قىلغاندۇ مۇئەللىم...
     
    ئەمدى مۇئەللىم باشقا ساۋاقداشلاردىن سورىۋېدى، ھېچكىم ئۆزلىرى ھېس قىلغان ۋىجدان ئازابىنى ئېيتالماي، باشقىلار ۋىجدان ئازابى ھېس قىلىدىغان ۋەقەلەرنى ئېيتىشتى.
    - چۈشىنىشلىك، - دېدى مۇئەللىم، - دېمەك، سىلەر ۋىجدان ئازابىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشەنمەپسىلەر. بىر كىشى ۋىجدان ئازابى ھېس قىلىشى ئۈچۈن بېشىدىن ئېچىنىشلىق بىر ۋەقەنى ئۆتكۈزگەن ۋە بىر ۋەقەدىن پۇشايمان ھېس قىلغان بولۇشى كېرەك، - ئۇ بىر دەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن يەنە دېدى، - ئەمدى مەن سىلەرگە ۋىجدان ئازابىغا مىسال قىلىپ، بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بېرەي.
     
    سىنىپنىڭ ئىچىدە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى.
    - تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغۇچى ئىدۇق، - دەپ باشلىدى مۇئەللىم، - مۇدىرىمىز ناھايتى قوپال ئادەم ئىدى...
     
    ھەممىمىز بېرىلىپ ئاڭلاۋاتاتتۇق.
     
    - يېڭى ئوقۇش يىلى ئەمدىلا باشلانغانىدى. بىزنىڭ سىنىپقا باشقا بىر مەكتەپتىن بىر يېڭى ئوقۇغۇچى كەلگەنىدى، تېخى ئۇنىڭ ئىسمىنىمۇ بىلمەيتتۇق. بۇ بالىنىڭ سول قولى ھەمىشە بۇرۇلكىسىنىڭ يانچۇقىدىن چىقمايتتى. بىز تېخى ئۇنىڭ بىلەن ئۆزلىشىپ كېتەلمىگەنىدۇق، شۇڭا ئۇنىڭ نېمىشقا قولىنى يانچۇقىدىن چىقارمايدىغانلىقىنى سورالمايتتۇق.
     
    چۈشلۈك دەم ئېلىشتا مەكتەپ باغچىسىدا ئويناۋاتاتتۇق، تۇيۇقسىز مۇدىر كېلىپ قالدى. ئۇ قولىنى يانچۇقىدىن چىقارماي ئايلىنىپ يۈرگەن ھېلىقى بالىنى چاقىردى. بالا يەنىلا قولىنى يانچۇقىدىن چىقارماي، مۇدىرنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كەلدى.
    ھەممەيلەن ئويۇننى تاشلاپ، نېمە قىلىدىكىن، دېگەن قىزىقىش بىلەن ئۇلارغا قاراپ تۇراتتۇق. يۇقىرىدا دېگىنىمدەك، مۇدىر بەك قوپال ئادەم ئىدى. ئۇ بالىغا:
    - نېمىشقا قولۇڭنى يانچۇقۇڭدىن چىقارمايسەن؟ - دەپ ۋارقىرىدى.
    بالا جاۋاب بەرمەي بېشىنى يەرگە ئېڭىشتۈرۈپ تۇردى.
    پۈتۈن بالىلار ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغانىدۇق.
    - قولۇڭنى يانچۇقۇڭدىن چىقار! – دەپ ۋارقىرىدى مۇدىر.
    بالا قىمىرلىماي تۇراتتى.
    - ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن، ئاڭلىمايۋاتامسەن؟
    - ئاڭلاۋاتىمەن، - دېدى بالا.
    - ئاڭلىغان بولساڭ نېمىشقا قولۇڭنى يانچۇقۇڭدىن چىقارمايسەن؟ چاپسان چىقار!
    بالا بېشىنى يەردىن ئاستاغىنا كۆتۈرۈپ، ئەتراپىغا توپلانغان ساۋاقداشلىرىغا، ئاندىن مۇدىرغا قارىدى، لېكىن قولىنى يەنە چىقارمىدى.
    ئىنتايىن غەزەپلەنگەن مۇدىر:
    - بۇ يەردە لۈكچەكلىك ئاقمايدۇ! چىقار قولۇڭنى دەيمەن! – دەپ ۋارقىرىدى. بالا يەنە شۇنداق تۇرغانىدى، مۇدىر ئۇنىڭ كاچىتىغا بىرنى سالدى. شاپىلاق ناھايىتى قاتتىق تەگكەنىدى، تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتقان بالا يەرگە يىقىلدى. ئۇ يىقىلغاندا سول قولى بۇرۇلكىسىنىڭ يانچۇقىدىن چىقىپ كەتتى.
     
    بىز بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ بولۇپ قالدۇق. قورقۇنچلۇق جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى، ئاندىن پىچىرلاشلار ئاڭلاندى، مۇدىرمۇ قېتىپلا قالغانىدى. يەرگە يىقىلغان بالىنىڭ بۇرۇلكىسىنىڭ يانچۇقىدىن قولسىز بىلىكى چىققانىدى. بىچارە بالىنىڭ قولى يوق ئىكەن، سول بىلىكى تاياقتەك يەردە ياتاتتى. بىز ئۇنىڭ قولسىز بىلىكىنى ساۋاقداشلىرىنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن نومۇس قىلىپ، ھەمىشە سول قولىنى بۇرۇلكىسىنىڭ يانچۇقىغا سېلىۋالىدىغىنىنى شۇندىلا بىلدۇق.
     
    مۇدىر كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ، ئېڭىشىپ بالىنى كۆتۈرۈپ تۇرغۇزدى ۋە سىلىق ئاۋاز بىلەن:
    - نېمىشقا بالدۇر ئېيتمىدىڭ ئوغلۇم؟ - دېدى.
    ئاندىن بالىنى قولتۇقلاپ ئۆز ئىشخانىسىغا ئېلىپ كەتتى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئۇ بالىنى مەكتەپتە قايتا كۆرمىدۇق. ئۇ شۇنداق ئىزا تارتقان ئىدىكى، باشقا مەكتەپكىمۇ بارماپتۇ. ئاڭلىشىمىزچە، مۇدىر ھەم بالىدىن، ھەم ئاتا-ئانىسىدىن كۆپ كەچۈرۈم سوراپتۇ ۋە بالىنى ھەر قاچان قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. لېكىن، بالا قايتا ھېچقانداق مەكتەپكە بارماپتۇ.
    مانا بۇ ئېچىنىشلىق خاتىرىنى سۆزلەپ بەرگەن مۇئەللىمىمىز سۆزىنى ئاياغلاشتۇرغىنىدا، سىنىپتا چوڭقۇر جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. بىزمۇ بۇ ۋەقەنىڭ تەسىرىگە چۆكتۇق.
     
    تەنەپپۇسقا قوڭغۇراق چېلىندى. مۇئەللىمىمىز سىنىپتىن چىقماي تۇرۇپ:
    - بىزنىڭ ئۇ مۇدىرىمىز بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەنىڭ ئازابىنى ئۆمۈر بويى چەككەن بولۇشى مۇمكىن... مانا بۇ ۋىجدان ئازابى دېيىلىدۇ، - دېدى.
     
    مۇئەللىمىمىز سۆزلەپ بەرگەن بۇ ۋەقەنىڭ تەسىرىدىن ئەمدىلا قۇتۇلۇپ تۇراتتىم، نەشە:
    - مۇئەللىمىمىز ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەنى سۆزلەپ بەرمىدىغۇ؟ - دېدى.
    مۇئەللىممۇ ئۇ ساۋاقدىشىمىزدەك، باشقا بىرى ھېس قىلىشقا تېگىشلىك ۋىجدان ئازابىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى.
    بۇ ھەقتە ئەڭ توغرىسىنى ياشار ئېيتتى:
    - بالىلار، مەن چۈشەندىم. ۋىجدان ئازابى دېيىلگەن بۇ نەرسىنى ھېچكىم ئۆزى ئېسىگە ئالالمايدۇ، ھەر كىم باشقىلار چەككەن ۋىجدان ئازابىنى بىلىدۇ.
    ئەتىسى مەكتەپكە كەلگىنىمىزدە، دېمىر:
    - مەن دادامدىن سورىدىم، - دېدى، - دادام شۇنداق دېدى: "بالىلار ۋىجدان ئازابى چەكمەيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ۋىجدان ئازابى چېكىدىغان ۋەقەلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدىغان ۋاقتى ئەمەس. ۋىجدان ئازابى چېكىدىغان ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن چوڭ بولۇشى، چوڭ ئادەم بولۇشى كېرەك."
    بۇ سۆز مېنىڭمۇ ئەقلىمگە سىغىدۇ. بۇنى سەن قانداق چۈشىنىسەن؟
     
    ھەر ئاخشىمى مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندە ئاپامدىن، ماڭا خەت كەلدىمۇ، دەپ سورايمەن. جاۋابىنى تېز يازساڭ مېنى خۇشال قىلىسەن. ساڭا خەيرلىك كۈنلەر تىلەيمەن، زەينەب.
     
    ئەخمەت تارباي
    1963-يىلى 7-دېكابىر، ئىستانبۇل
     
     
     
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.