سىېرىلىپ قولدا تۇرمايدىغان ئالتۇن بېلىق

يوللىغۇچى : mehray يوللىغان ۋاقىت : 2011-08-09 17:20:58

سىېرىلىپ قولدا تۇرمايدىغان ئالتۇن بېلىقمۇقەددىمەبۇ ئازادلىقتىن بۇرۇنقى يىللاردا①بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار ئىكەن. بۇ ئىشلارنىڭ ئۇجۇر ـ بۇجۇرىنى دادامدىن ئاڭلىغانىدىم. چۈنكى دادام مۇشۇ ئىشلار بولۇپ...



    سىېرىلىپ قولدا تۇرمايدىغان ئالتۇن بېلىق

     

    مۇقەددىمە

     

    بۇ ئازادلىقتىن بۇرۇنقى يىللاردا①بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار ئىكەن. بۇ ئىشلارنىڭ ئۇجۇر ـ بۇجۇرىنى دادامدىن ئاڭلىغانىدىم. چۈنكى دادام مۇشۇ ئىشلار بولۇپ ئۆتكەن يۇرتتىن ھەم بۇ ئىشلارغا ئىشتىراك قىلغۇچىلار دادامغا يېقىن تۇغقان كېلەتتى.شۇڭا دادامنىڭ بۇ ئىشلاردىن تولۇق خەۋەردار بولۇشى تەبىئىي. ئوقۇشلۇقى راۋان بولۇشى ئۈچۈن «مەن» دېگەن ئىبارە بىلەن بايان قىلىپ بېرەي.

     

    1

     

      بۇ 1939-يىللادا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار. 1937- يىللاردىكى شېڭ شىسەيگە قارشى كۆتۈرۈلگەن ئابدۇنىياز، ماخۇسەن قوزغىلىڭى، شېڭ شىسەي قوزغىلاڭنى باستۇرۇش ئۈچۈن ياللاپ كەلگەن روسىيىلىك كازاكلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش مالمانچىللىقى بېسىقىپ، ئەل تىنچىپ ئارامچىلىق كۈنلەر باشلانغان ۋاقىتلار. بىزنىڭ  ئاتا – بوۋا ئەجدادلىرىمىز ئايكۆل يېزىسىنىڭ كونا بازىرىغا يانداش «موللا ئايمىقى» دېگەن كەنتتىن ئىدى. ئاتا ـ ئانا، قېرىنداش بىر جەمەت ياشلار «بىزمۇ شەھەرلىك بولۇپ جاھاندارچىلىق قىلىمىز» دېيىشىپ، شەھەرگە كۆچۈپ كېلىپ ماتاڭچىلىق كەسپى بىلەن تىرىكچىلىك قىلغان. بۇ شۇ چاغلاردا ئاقىدىغان كەسىپ بولغاچقا، تېزلا بېيىپ شەھەردە ئۆي – جايلىق بولغان. يالغۇز قالغان چوڭ ئانامنىمۇ شەھەرگە ئەكىرۋېلىشقان، لېكىن چوڭ ئانام شەھەر تۇرمۇشىغا كۆنەلمەي «مېنى كەنتكە – تۇغۇلغان مەھەللەمگە ئاپىرىپ قوي!» دەپ تۇرىۋالغانلىقتىن، ئۇلار ئىلاجىسىز موللا ئايمىقى كەنتىدىكى ئەسلىدىكى كونا قورۇغا ئەپكىلىپ قويۇشقانىدى.

    موللا ئايمىقى ئايكۆل بازىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، ئاھالىسى قويۇق، بازارنىڭ جەنۇبىغا قارارپ سوزۇلغان قۇم يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئۇزۇن بىر كوچىدىن ھاسىل بولغان  كەنت  ئىدى. كوچا ئاساسەن چالما تاملىق، ئارقىسىدا باغ ـ كۆكتاتلىقى ياشناپ تۇرغان، قەدىمى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغان بىر ماكان. بۇ كوچىنىڭ ئاخىرى «سېرىق ئوي» دەپ ئاتىلىدىغان قەدىمكى دەريانىڭ ئىزىدىن قالغان ئۇزۇن كەتكەن ئويمانلىق، ياپيېشىل چىم ۋە ئوتلار قاپلاپ كەتكەن يايلاق. ئوتتۇرسىدا ئەينەكتەك يالتىراپ تۇرىدىغان كۆل، ئالتۇن ئۈزۈككە زۇمرەت كۆز بولۇپ ياراشقان ھالدا كەنت ئىچىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭمۇ نېرىسى «چاچى...» ...قاتارلىق تۇتاش كەتكەن باغۇ بوستانلىقلارغا پۈركەنگەن گۈزەل ئۇيغۇر كەنت ـ مەھەللىلىرى ئىدى.

    ھەرقانداق ئادەمنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى كۆزىگە شۇنداق ئىللىق كۆرۈنەمدىكى، موللا ئايمىقى ھەقىقەتەن گۈزەل مەھەللە ئىدى. كەنت كوچىسىنىڭ بىر يېقىدىن لاي سۇلار ئاقىدىغان بىر ئۆستەڭ سۇ ئۆركەشلىگىنىچە ئاياغدىكى چاچى... قاتارلىق كەنتلەرنى قاندۇرغىلى يۈرۈپ كېتەتتى. كوچىنىڭ ئىككى چېتى قويۇق تېرەك، سۆگەتلەر بىلەن پۈركەنگەن ئىدى، قورۇ ـ جايلارنىڭ ئارىسىدىكى باغلار قۇياش نۇرىدا تاۋلىنىپ تۇرغان، زىرائەتلەرگە تولغان ئېتىزلار، مەھەللىنىڭ يول بويى، تام ۋە دەرۋازىلارنىڭ بېقىنلىرىدا باغجانلاپ كەتكەن ئىككى ـ ئۈچ يۈز يىللىق قاپاق تېرەك بولجالىرى، قارىياغاچلار، توغراقلار ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرگەن ھالدا ئاجايىپ سۆلەتلىك سىن بېرىپ تۇراتتى. مەھەللىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئارىلىقى كەڭ، كاتتا ئىككى تۈپ توغراقنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىستۇرۇلۇپ، چالما – كېسەكلەر بىلەن سېلىنغان مەھەللە مەسچىتى ئۆزگىچە سىرلىق قىياپىتى بىلەن كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. ئارىلاپ ـ ئارىلاپ ئۈچ ـ تۆت يەردە لاي سۇلارنى تىندۇرۇپ، ساقلاپ ئىچىش ئۈچۈن كولانغان ئىككى – ئۈچ مو چوڭلۇقتىكى، سۈزۈك سۇغا لىق تولغان كۆللەر يالتىراپ تۇراتتى. كۆل قىرغاقلىرىدا چۆرىدەپ سۇغا تېگىپ تۇرغان سۆگەت تاللىرى ئەتراپتىكى مەنزىرىلەرنى تېخىمۇ كۆركەملەشتۈرىۋەتكەنىدى. سۈيى ئۇزۇن تۇرۇپ ئايىغى چىقىرىلمايدىغان بۇ كۆللەر قۇرتلاپ كەتكىنىگە، كۆل باشلىرىغا ئات ـ كالا، ئىت – ئېشەك، توخۇ ۋە باشقا ھايۋانلارنىڭ پېتىغداپ، سىيىپ قويغىنىغا قارىماي تاتلىق پېتى تۇرغاچقا، مۇسۇلمان ئاھالىلەر شەك كەلتۈرمەي، ئەلگەكلەر، داكىلاردا سۈزۈپ ئىچىۋېرەتتى. سۇ قىس بولغاچقا باشقا ئىلاجىمۇ يوق ئىدى. كۆلدە ماكان تۇتقان پاقىلارنىڭ كوركىراشلىرى مۇڭلۇق ۋە يېقىملىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى. قۇمچاق، بېلىجان، لۆلۆ قۇرتلار (قۇلۇلە «لۆلۆ» دەپ بەرسە قېپىدىن چىقاتتى)... بىز ئۆسمۈر ـ گۆدەكلەرنىڭ زوقلىنىپ ئوينايدىغان ئەرمىكىمىز، خۇشاللىقىمىز ئىدى. ئىشقىلىپ كەنت كونا ـ قەدىمىي بولسىمۇ، بىزگە ئەشۇ قەدىمىيلىكى، خىلۋەتلىكى، بوستان ـ چىمەنزارلىقى بىلەن بەك گۈزەل كۆرۈنەتتى.

     دادامنىڭ ئاپىسى – چوڭئانام (مومام) ھاۋاخان ئايلام (مەھەللىدىكىلەر ھۆرمەتلەپ شۇنداق ئاتىشاتتى) 70 لەردىن ئاشقان ئورۇققىنا، چاچلىرى چارداپ، چىرايلىرىنى قورۇق باسقان بولسىمۇ تېتىكلىكى، كۆڭلىنىڭ ياخشىلىقى، مېھرىبانلىقى بىلەن مەھەللىدىكىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئىدى.

    ئەزان توۋلاپ قويغان ئىسمىم نۇرئەھمەد بولسىمۇ كىشىلەر، تەڭ ـ تۇشلىرىمنىڭ «نۇرقارى» دېۋېلىشىدىن ئىچىم پۇشۇپ بىر قانچە قېتىم خاپا بولۇپ ئېتىراز بىلدۈرگەن بولساممۇ ھېچ تەزدۈرەلمىدىم. بۇ ئىسمىمنىڭ قوش ۋە ئۇزۇنراق بولۇپ قالغىنى ئۈچۈن ئالدىراشچىلىقتا ئاۋارىچىلىق ھېس قىلىپ، ئېغىزغا يېقىن دەپ شۇنداق ئاتىشىۋالغان بولسا كېرەك... بارا ـ بارا مەنمۇ كۆنۈپ قالدىم.

    14ياشلار چاغلىرىم ئىدى. ئوقۇش يېشىغا يەتكىنىمدە ئايكۆل بازىرىدىكى مەۋلانەم خانىقاسىدىكى ئابلاقارى ھاجى ئىمامغا دىنىي مەكتەپكە ئەكىرىپ بەردى. بىر ـ ئىككى يىل ئوقۇپ «ھەپتىيەك» كە كىرگەندە،بازار مەركىزىدە قۇرۇلغان پەننىي باشلانغۇچ مەكتەپكە خەتلىۋالدى. بىرەر يىل ئوقۇغاندىن كېيىن شەھەرگە كۆچۈپ كېتىپ، ئۇ يەردىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان مەركىزىي پەننىي باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردۇم.

    ھاۋاخان چوڭئانام ئايكۆلگە – قەدىمىى مەھەللىسىگە قايتىۋالغاندىن كېيىن، كېيىنكى يىلى مەنمۇ چوڭئانامغا ھەمراھ بولۇش ئۈچۈن، ئۆيدىكىلەرنىڭ توسقىنىغا قارىماي موللا ئايمىقىغا قايتىپ ئىلگىرى ئوقۇغان مەكتىپىمگە كىرىۋالدىم. چوڭئانام بەك مېھرىبان، ماڭا زىيادە ئامراق بولغاچقا ئۆزۈمنى چوڭئانامسىز ياشىيالمايدىغان ھېس قىلاتتىم.

    شۇ مەھەللىدە تۇغۇلۇپ ـ قېرىغان چوڭئانام، مەھەللىدىكى بىللە ئۆسۈپ ـ ئويناپ چوڭ بولغان، تەڭ قېرىشقان جامائەتلەردىن، باغۇ بوستانلىق،

    خىلۋەت يېزا تۇرمۇشىدىن، توخۇ ـ تۇمان، مال ـ ۋاران بېقىپ ئۆگىنىپ قالغان ئادىتىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەيتتى. چوڭئانام مۇشۇ مەھەللىدىكى كونا قورۇ ئۆيدە يالغۇز كۈن كەچۈرىۋاتاتتى. شۇڭا مېىرىبان چوڭئانامغا ئىچىم ئاغرىپ يېنىدا تۇرۇپ يار – يۆلەك بولۇش ئۈچۈن قېشىغا كېلىۋاتقان ئىدىم.

     

    2

     

    كەلسەم مەھەللىدە چوڭ ئۆزگىرىش يوق. خىلۋەت، كونا پېتى تۇرۇپتۇ. مەن سېغىنىش، ھاياجانلىق ئىلكىدە يۇمشاق قۇملار بىلەن تولغان يولدا باشتىن ئاخىرىغىچە مېڭىپ، كوچىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى قىڭغىر ـ قىيسىق ئۆيلەر، دەل ـ دەرەخلەر، ئۆستەڭلەردە ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان سۇلار، قېرى بولجالار، كۆللەرگە ئالا قويماي قاراپ چىقتىم. بۇ دەل چۈش ۋاقتى ئىدى. ھەممە ئادەم ئۆيدە ياكى ئېتىزدا ئارامدا بولغاچقا بىرەر ئادەممۇ كۆزۈمگە چېلىقمىدى. كوچىنىڭ ئايىغىدا غەرپ تەرەپكە – سېرىق ئوي يايلىقىغا تۇتۇشۇپ كەتكەن يەنە بىر كالتە مەھەللە بولۇپ، شۇ يەرنىمۇ كۆرگۈم كېلىپ قالدى. ئەسلىدە بۇ مەھەللە ھەممىدىنمۇ گۈزەل، باياشات بولسىمۇ، 1937-يىللاردىكى يېغىلىقلاردا روسىيىلىك كازاكلار، ئابدۇنىيازنىڭ قوزغىلاڭچىلىرىنى قوغلاپ باستۇرۇپ كەلگەندە، قوزغىلاڭچى ئەسكەرلەرنى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىن سۈرۈپ چىقىرىش ئۈچۈن ئايروپىلان، تانكا، ئاتلىق قىسىملىرىنى ئىشقا سېلىپ ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە قاتتىق بومباردىمان قىلىپ قىرغىنچىلىق قىلىدۇ، بومبا چۈشكەن ئۆيلەرنىڭ كۆپىنچىسى خارابىگە ئايلانغان. پۇقرالار تەرەپ ـ تەرەپكە  قېچىپ پاناھلانغان. باش ـ باشتاق كازاكلار، ئايكۆلدە ئۇزۇن تۇرۇپ قېلىپ ئاياللارغا پوخۇرلۇق قىلىش، بۇلاش، قىرىپ – چېپىشلار بىلەن شوغۇللىنىپ، پۇقرالارنىڭ قەلبىدە ئىنتايىن يامان تەسىرلەرنى قالدۇرغان ئىكەن. ئۇرۇشلار بېسىقىپ، جاھان تىنچىغاندىن كېيىن بۇ مەھەللە خارابە ـ تاشلاندۇق پېتىچىلا قالغان ئىكەن. ساق قالغان ئۆيلەرگىمۇ قايتىپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىشقا پېتىنالماي تاشلاپ قويۇپ، شەرق تەرەپتىكى بىر پارچە بوش يەرگە يۆتكىلىپ يېڭىدىن مەھەللە بىنا قىلىشقان ئىكەن. خارابىلىكنىڭ ساق قالغان ئۆيلىرىگە ئىگىلىرى قۇلۇپ سېلىشىپ، مال ـ چارۋا، توخۇ ـ تۇمان باقىدىغان، ئوت ـ سامان ساقلايدىغان جاي قىلىشىۋالغان. شۇڭا كوچىسى بەك ۋەيران، يولدا دۆۋىلىشىپ كەتكەن تېزەكلەر، ئېچىپ بەد پۇراق تارقىتىپ تۇرغان سۈيدۈكلەر بىلەن تولغان، چىۋىن ـ كۇمۇتىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ قالغانىدى.

    كۆڭلۈم بەك غەشلىككە تولدى. بۇرۇن بۇ خارابىلىقلار ئاۋات مەھەللە بولۇپ، ئادەملىرى ئىناق ياشاپ كەلگەن بولغاچقا بۇنداق غېرىبانە، قۇپ ـ قۇرۇق  ئەمەس ئىدى. ئادەملەر تېزىپ كېتىۋىدى، خىلۋەت، سۈرلۈك، سىرلىق تۇيۇلىدىغان بىر جايغا ئايلىنىپ قاپتۇ. گۆدەكلىكىم ئۆتكەن بۇ يەرلەردە چوڭقۇر بالىلىق خاتىرىلىرىم، قىزىق ۋە ئاجايىپ سىرلىق ۋەقە ـ ھادىسىلەر، قايغۇ ۋە خوشاللىقلىرىمنىڭ ئىزلىرى مېنى شېرىن ئوي يايلىقىنىڭ گىرۋىكىدە مۇڭغا تولغان غېرىبانە قىياپىتى بىلەن ئۆتمۈشنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپ تۇرۇپتۇ. چوڭئانام ماڭا بەك كۆيۈمچان بولغاچقا ھەر دائىم:

    • نۇر ئەخمەت، ئاشۇ خارابىلىقلارغا بارمىغىن! ئويناپ ئۇزۇن تۇرۇپ قالما ـ ھە! –دەيتتى.
    • نېمىشقا بارمايمەن چوڭئانا؟ مەن ئۇ يەردە...
    • بارما دېگەندىكىن بارما! ئۇ يەردە جىن ـ ئالۋاستىلار بار. بۇرۇن يوق ئىدى. خارابىلىققا ئايلانغاندىن كېيىن جىن ـ ئالۋاستىلار شۇيەرگە كۆچۈپ يىغىلىۋېلىشقان. ئەسلىدىمۇ جىن ـ ئالۋاستىلار ئاشۇنداق ئادەمسىز كونا خارابىلارنى، قېرى بولجا، يالغۇز تېرەك، جىگدە، ئازغانلارنى ماكان قىلىۋالىدۇ. بۇنى مەھەللىدىكىلەرمۇ يېقىندىن بۇيان بايقاپ كۆپ بارمايدىغان، كىچىك بالىلارنىمۇ بارغۇزمايدىغان بولۇشتى، ئاڭلىدىڭمۇ؟
    • ئاڭلىدىم، لېكىن ئۇنداق بولۇشىغا ئىشەنمەيمەن. ئۇ مەن ئوينايدىغان ئەڭ كۆڭۈللۈك جاي...
    • ما بالىنىڭ تەرسالىقىنى، بارما دېگەندىن كېيىن بارما! قارا، روزى قاسساپنىڭ كەنجى ئوغلى تۆمۈر ئۆز ۋاقتىدا تەندۇرۇس، قاۋۇل، ئەقىللىق يىگىت ئىدى. ئاشۇ ساقلىنىپ قالغان كونا قورۇسىدا تۇرىۋېرىپ جىن چاپلىشىپ قالغانلىقتىن ئەقلىدىن ئېزىپ ساراڭ بولۇپ قالدى!...
    • قايسى تۆمۈر؟ ھېلىقى ... ھېلىقى... ئىلگىرى ئەسكەر بولغان تۆمۈر ئاكاممۇ؟ ياخشى ئاكاش ئىدى، قانداقسىگە؟...
    • ھە، شۇ تۆمۈر ئاكاش. ئىلگىرى ئۇ بەك ساغلام، مۇلايىم، مىجەزى ياخشى ئىدى. ئايىغى چاققان ،قولى ئىشچان بالا بولۇپ، بوش ۋاقىتلىرىدا مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئىش ـ كۈشلىرىنى قىلىشىپ بەرگەچكە، مەھەللىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئامراق ئىدى. ئەمدى ئەقلىدىن ئېزىپ قېلىۋىدى، ھەممىسى ئۇنى مازاق قىلىپ ئانىي تېپىۋاتىدۇ. بۇ زاماننىڭ ئادەملىرىدە ئىنساپ قالمىدى.

     بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ شۈكلەپ كەتتىم. كەچمۇ كىردى. كەچلىك تاماقنى يەپ ئۇخلاشقا ياتتىم. چوڭئانام ئەتىسى مەكتەپكە ۋاق قالمىسۇن دەپ بالدۇر ياتقۇزاتتى. لېكىن چوڭئانامنىڭ ھېلىقى گەپلىرى ئېسىمگە كېلىۋېلىپ زادى ئۇيقۇم كەلمەيۋاتاتتى. توساتتىن ھېلىقى خارابىلىق تەرەپتىن بىرسىنىڭ ئالا ـ تاغىل ناخشا ئېيتقان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئاۋاز ئالا تاغىل بولسىمۇ ئەمما مۇڭلۇق ـ يېقىملىق، تاۋۇش ـ تەلەپپۇزلىرى، ئاھاڭلىرى ئېنىق ئىدى.

    -چوڭئانا! بۇ كېچىدە ناخشا ئېيتىۋاتقان كىم؟ خارابىلىقتىن كېلىۋاتامدۇ ـ نېمە؟

    - ۋاي تېخى ئۇخلىمىدىڭمۇ؟ ئۇخلا! ئۇنىڭغا قۇلاق سالما! توغرا خارابىلىقتىن كېلىۋاتىدۇ. ئاشۇ تۆمۈر ساراڭ ئېيتىۋاتىدۇ. دېمىگەنمىدىم جىن چاپلىشىپ قالغان دەپ. ئەگەر گېپىمگە قۇلاق سالمىساڭ سەنمۇ شۇنداق بولۇپ قالىسەن!...

    ناخشا يەنە ئاڭلاندى:

    ئەزەم تەلەيكۇم ئوقۇيمەن،

    جىنغا توقۇم توقۇيمەن.

    جىن سەكرىسە ـ سەكرىسۇن،

    مەن سەكرىمەي ئوقۇيمەن.

    گۈليار ـ گۈليار ئەمەسمۇ،

    گۈلى ـ رەيھان ئەمەسمۇ.

    مېنى ۋەيران دېگەنلەر،

    ئۆزى ۋەيران ئەمەسمۇ؟

    مەن ناخشىنىڭ ئاھاڭ ۋە سۆزلىرىنى تۇتىۋالاي دەپ شۇنچە زەڭ قويساممۇ، ئېگىز ـ پەس، ئېنىق ـ ئېنىقسىز ئوقۇۋاتقاچقا ئېسىمدە تۇتالماي قالدىم.

     

    3

     

    چۈشتە ئۆيگە كېلىۋېتىپ ھېلىقى ساراڭغا ئۇچرىشىپ قالدىم. روزى قاسساپنىڭ چوڭ ئوغلى ئاسىپ ئاكىنىڭ بالىسى، مېنىڭ ساۋاقدىشىم پەخرىدىن بىلەن مەكتەپتىن قايتىپ كېلىۋاتقان ئىدىم. ھېلىقى ساراڭنىڭ قۇملۇق يولدا ئەتراپىغا ئولىشىۋالغان كىشىلەرگە بىردەم خىرىس قىلىپ، بىردەم چاخچاق قىلىپ كۈلۈپ تۇرغىنىغا كۆزۈم چۈشتى. ئۇ قولىغا تىغى  يالتىراپ تۇرىدىغان ساپ پولاتتىن قىلىنغان، ئىككى بىسلىق خەنجەرنى تۇتىۋالغان. دەستىسى بەكمۇ قەدىمىي، ھەر تۈرلۈك رەڭدار گۆھەر تاشلاردىن كۆز قويۇپ نەپىس نەقىشلەپ ياسالغان بۇ خەنجەر ئۇيغۇر پىچاقلىرىنىڭ نۇسخىسىدا ئەمەس، باشقىچە بىر ئەلنىڭ نۇسخىسىدا ياسالغاندەك قىلاتتى. دىققەت قىلغاندا تىغ بىلەن دەستىنىڭ ئايرىمىسى تۈز، پولات توسمىلىق بولۇپ، يەرگە چوقۇپ قارىغاندا ناسارالارنىڭ (خىرىستىئانلارنىڭ) سەلب (كرېست) بەلگىسىگە ئوخشاپ قالاتتى.

    ئۇنى «مىڭ تىللاغا ساتىمەن، راستتىنلا ئالماقچى بولسا،ئەرزانراق بېرىمەن! بۇ خەنجەرنىڭ خاسىيىتى كۆپ، يامان نىيەتلىك ئادەملەرنىڭ بولۇپمۇ جىن ـ شاياتۇنلارنىڭ ئەدىپىنى بېرەلەيدۇ!» دەپ جار سالاتتى. كىشىلەر كۈلۈشۈپ ئانىي تېپىپ ئۇنىڭغا تاش ـ چالمىلارنى ئېتىشاتتى. بىرلىرى ئارقىسىدىن كېلىپ ئۇنىڭ بىخۇدلىقىدىن پايدىلنىپ پۇتلىرىغا تەپسە، بىرلىرى خەشەكلەرگە ئېلىپ كەلگەن گەندىلەرنى كىيمىگە سۇگاپ قوياتتى. ئۇ ئاچچىقلاپ ئانىي تاپقانلارغا خەنجەر بىلەن ھەيۋە قىلىپ قوغلايتتى. قورقۇپ قاچقانلارنى كۆرۈپ خوشال بولۇپ كۈلۈپ كېتەتتى. لېكىن ھەر قانداق ئەھۋالدا خەنجەرنى شىلتىپ سالمايتتى. يەنە ھېلىقى ناخشىنى تەكرارلايتتى:

    ئەزەم تەلەيكۇم ئوقۇيمەن،

    ...

    ئۇ بۇرۇلۇپ ماڭماقچى بولغىنىدا كىشىلەر يەنە گۈررىدە ئولىشىپ كېلىپ ئارقىسىغا كىرىۋېلىپ مازاق قىلىشاتتى. ئىش شۇ تەرىقىدە نەچچە رەت تەكرارلىناتتى.

    مەن بۇ ئىشتىن بەك ئازابلاندىم. كىشىلەر نېمانداق ئوساللىشىپ كەتكەندۇ؟ نېمىشقا بىر ئاجىز، ھېچكىمگە دەخلىسى يوق ساراڭنى ئانىي تاپىدىغاندۇ؟ زېرىكىشتىن، گەندە قۇرتلىرىدەك قىمىلدىشىپ كەتكەن رەزىل كۆڭۈللىرىنى خوشال قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلسا كېرەك؟! مۇنداق ئوسال قىلىقلىرى بىلەن قانچىلىق پايدىغا ئېرىشەر؟

    ساراڭ، كونىراپ مەينەتلىشىپ كەتكەن چاپان ـ ئشتان كىيگەن، پۇتلىرى يالاڭ ئاياغ، قاسماق لاي، يۈزلىرىمۇ مەينەت، چاچ ـ ساقاللىرى ئۆسۈك، راستتىنلا «ساراڭ» قىياپىتىگە كىرگەن ئىكەن. ئۇ بىزنى كۆرۈپ قالدى ـ دە، بۇرۇلۇپ بىزگە قاراپ ماڭدى. قولىنى پۇلاڭلىتىپ ۋارقىرىدى:

    -پەخرىدىن، مەكتەپتىن قايتتىڭمۇ؟ قاچما! مەن تاغاڭ تۇرسام نېمىشقا قاچىسەن؟

    پەخرىدىن قورققىنىدىن ئالاق ـ جالاق بولغان ھالدا ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ قاچتى. تۆمۈر ھېلىقى خەنجەرنى پۇلاڭلىتىپ قوغلاشقا باشلىدى. يالتىراپ تۇرغان خەنجەر ھەقىقەتەن ئىتتىك ـ خەتەرلىك ئىدى. شىلتىگەندە دىققەتسىزلىكتىن ئادەمگە تېگىپ كەتسە كېسىپ يارىدار قىلىپ قويۇشى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىدى. ساراڭ ھەرقانچە قىلسىمۇ ئادەمگە تەگكۈزمەيتتى.

    مەن كىشىلەرنىڭ «تېز بول! ئۆزۈڭنى ياقىغا ئال!» دېگىنىگىمۇ پەرۋا قىلماستىن ئورنۇمدا قىمىر قىلماي تۇرىۋالدىم ـ دە، ھېچ قورقماستىن ساراڭنى توسىۋالدىم. ئۇ «تاپ» توختىدى ـ دە، دەھشەتلىك ئالايغان كۆزلىرى بىلەن ماڭا تىكىلدى. ئۇ گەۋدىلىك ئېگىز بولغاچقا بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ ياۋۇزلۇق چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىگە دادىل قارىدىم.

    -تۆمۈر ئاكا، بىزنى نېمىشقا قورقۇتىسىز؟ ئۇنداق قىلماڭ بولامدۇ؟

    چوڭئانام خەۋەر تېپىپ پايپاسلىغىنىچە يۈگۈرۈپ يېتىپ كەلدى ـ دە، تۆمۈر ئاكامنى بىر ئىتتىرىۋىدى، ئۇ زوڭ ئولتۇرۇپ قالدى.

    -قولۇڭنى تارت، تۆمۈر! نەۋرەمگە چېقىلغۇچى بولما! تۆمۈر سەن ئۇنى تونىمىدىڭما؟

    تۆمۈر ئاكام ئولتۇرغان پېتى كۆزىنى يوغان ئېچىپ ماڭا تىكىلدى. ئۇ بىرنېمە دەپ بولغىچە، باشقا بىر ئەر كىشى يېتىپ كەلگىنىچە ئۇنىڭ كانىيىدىن بوغدى ـ دە، كاچىتىغا شاپىلاق سالدى. ئاندىن ياقىسىدىن تارتىپ تۇرغۇزۇپ، دولىسىدىن ئىتىرگىنىچە ھېلىقى خارابىلىقتىكى ساقلىنىپ قالغان قورو جاينىڭ دەرۋازىسىدىن كىرگۈزىۋېتىپ قۇلۇپ سېلىۋەتتى. قارىساق بۇ كىشى ئاسىپ ئاكا ئىكەن. ھېلىقى ساراڭ تۆمۈر ئاكامنىڭ بىر تۇغقان ئاكىسى ئىدى. پەخرىدىنمۇ دادىسى بىلەن بىللە پەيدا بولغان ئىدى. ئۇ كۆرەڭلەپ:

    -ئەمدى يەنە قورقۇتۇپ باقسۇنچۇ قېنى؟- دېدى. ئۇنىڭ دادىسىنى باشلاپ كەلگىنى ئېنىق ئىدى. ئاسىپ ئاكام ماڭا قاراپ:

    - نۇر قارى، ئۇ يەنە سىزنى قورقۇتىدىغان بولسا قېشىمغا كېلىڭ جۇمۇ!- دېدى.

    مەن بۇ ئىشلاردىن بىر ئادالەتسىزلىكىنى ھېس قىلىپ ئوڭايسىزلاندىم. تۆمۈر ئاكامغا ئىچىم ئاغرىپ كەتتى. مېنى ئۇ قورقۇتمىغاچقا بۇنى ئۇقتۇراي دەپ تۇرۇشۇمغا، چوڭئانام گەپ قىلغىلى قويماي بىلىكىمدىن تۇتۇپ تارتىپ ئېلىپ كەتتى. چوڭ ئانامنىڭ ئىشلىرىدىن دىلىم رەنجىگەندەك بولۇپ قايتىپ كەلدىم. كۆڭلۈم غەش، ھېچنەرسە يېگۈم يوق، ئۈن ـ تىنسىز دومسىيىپ ئولتۇرۋالدىم. چوڭئانام بەزلەپمۇ يۇمشىتالماي خاپا ھالدا:

    -نېمانداق خۇيۇڭ تۇتۇپ قالدى؟- دېدى.

    -ھەممىڭلار ناھەقچىلىككە ئادەتلىنىپ كېتىپسىلەر! بىر بىچارىنى...- كۆزلىرىمدىن ياش ئەگىدى.

    -ۋاي بالام، قانداق ناھەقچىلىق  قىپتىمەن؟

    -تۆمۈر ئاكام مېنى بوزەك ئەتمىگەن تۇرسا! بىكار ئۇنى تاياققا قويۇپ ئازارلىنىشقا سەۋەپ بولدىڭىز!

    - ۋاي بالام، ئۇ بىر ساراڭ! قولىدىكى خەنجەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئالىمادىس «پوسۇققىدە»... بولدى، تامىقىڭنى يىگىن بالام، مەن ئاسىپ ئاخۇنغا دەپ، ئۇنى سولاپ قويغان ئۆينىڭ قۇلۇپىنى ئاچقۇزىۋېتەي، بولدىمۇ؟

    كۆڭلۈمدە رازى بولمىدىم. دۇنيادا ئادالەتسىزلىكتىن ئېغىر ئىش يوق، ناھەقچىلىك! ھەي ئىسىت!

     

    *  *

     

    -ئۇ ساراڭ، دادامنىڭ بىر قورساق ئىنىسى، ماڭا تاغا بولىدۇ،- دېدى پەخرىدىن بىر كۈنى ماڭا بالىلارچە كۈلۈپ تۇرۇپ.

    بۇنى بىلەتتىم، شۇنداق بولسىمۇ ھەيران قالدىم. بۇ ئاكىنىڭ ئىنىسىنى ئۇرۇشى ئىدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە تەۋە ئۆز ئىشى بولسىمۇ ماڭا غەلىتە تۇيۇلدى. ھەرقانچە ئائىلىۋى ئىش بولسىمۇ ساراڭ ئىنىسىنى ئۇرۇشى بىر رەھىمسىزلىك. شۇڭا پالاقشىپ بېرىپ دادىسىنى چاقىرىپ كەلگەن پەخرىدىنگىمۇ ئۆچلۈكۈم كېلىپ قالدى. پەخرىدىن مېنى ئۆيىگە بېرىپ ئويناشقا تەكلىپ قىلىۋىدى، يەنىلا ئاداۋەت تۇتماي ماقۇل بولدۇم.

    چوڭلار مېنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، مېھرىبانلىق كۆرسەتتى. موشۇنداق بىر مېھرىبان ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ساراڭ ئىنىسىغا قول سالىدىغانلىقىغا ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. ئاسىپ ئاكام ئايالىغا:

    - «نۇر قارى چوپ ـ چوڭلا بىر يىگىت بولۇپ قاپتۇ ئەمەسمۇ» دەپ زوقلىنىپ كۈلۈپ كەتتى. ئاسىپ ئاكامنىڭ مۇنداق خۇش مۇئامىلىسىدىن خاپىلىغىم ياندى. «تۆمۈر ئاكامنىڭ ئازغۇندۇلۇق قىلىقلىرىدىن نومۇس قىلىپ، يىغىشتۇرالماي ئۇرۇپ سالغان ئوخشايدۇ» دېدىم ئىچىمدە. شۇ ھامان بالىلىقىمغا مەنسۇپ نۇرغۇن تاتلىق ئەسلىمىلەر كۆڭلۈمدىن كەچتى.

    گۆدەك چاغلىرىمدا بۇ ئادەم دەرۋازىمىزنىڭ ئالدىدىكى قۇملاڭ يول ئۈستىدە ئويناپ ئولتۇرغىنىمنى كۆرۈپ ئىللىق كۈلۈپ قوياتتى. ئوينىشىپ ئىتنى دوراپ «ھاۋ ـ ھاۋ!» قىلىپ قورقۇتاتتى. ئەكسىچە مەن قىلچە قورقماستىن زوقلىنىپ كۈلگىنىمچە قېچىپ قوياتتىم. ئۇ ئالقىنى بىلەن ئىككى يانپىشىغا شاپىلاقلاپ قوغلىغان بولاتتى. بىر ھازا ئوينىتىپ قويۇپ، قەلبىمگە بالىلارغا خاس ھوزۇر ـ شادلىقنى تولدۇرۇپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتەتتى ئۇ يەنە، يامغۇردىن كېيىنكى تاڭ قۇياشى پارلاپ، ئەتراپ ساپ ھاۋاغا تولغان، يېشىلچىلىق بەرق ئۇرغان كۈنلەردە مېنى ھاپاش قىلىپ، سېرىق ئويدىكى يايلاققا ئويناتقىلى ئاپىراتتى. يايلاقتا ئېچىلىپ كەتكەن كاكۇك گۈل(مامكاپ)... قاتارلىق ياۋا گۈللەرنى ئۈزۈپ گۈلدەستە ياساپ بېرەتتى. شۇ چاغدا بۇ ياۋا گۈللەر كۆزلىرىمگە شۇنچە چىرايلىق، ئۇز كۆرۈنۈپ، دىمىقىمغا ئاجايىپ مەززىلىك ھىدلارنى بەخش ئېتەتتى. ئوتلاپ يۈرگەن ئات ـ كالا، مال ـ چارۋىلارغا تولغان، زۇمرەتتەك تاۋلانغان ياپيېشىل يايلاق شەرقتىن ـ غەرپكە كارىدورسىمان ھالەتتە سوزۇلۇپ ياتاتتى. مەخمەلدەك يۇمشاق ئوتلارنىڭ ئۈستىدە شادلىقىمدىن قىن ـ قىنىمغا پاتمىغان ھالدا ئېغىناپ ئويناتتىم. ئاشۇ ئادەم، مېنى كىگىز پۇشۇرىدىغان ناماتمەندەك ئۇياقتىن ـ بۇياققا دومىلتىپ ئوينىتاتتى. نېمىدىگەن بەخت- ھە! يەنە بىر كۈنلەردە ئاشۇ ئادەم، پەخرىدىن ئىككىمىزنى بىر تاغارغا سولاپ ئۆشنىىسىگە ئارتىپ «ئوغرىنى تۇتۇۋالدىم- ئوغرىنى!» دەپ جار سالغان ھالدا چوڭ ئۆستەڭنىڭ بويىغا ئەكىلەتتى ـ دە، تاغارنىڭ ئاغزانى يېشىپ:

    -ھىم ئوغرىلار، سەنلەرنىڭ جايىڭ موشۇ ئۆستەڭ جاجاڭنى تارت ئەمدى!- دېگىنىچە تاغارنىڭ ئاستىدىن تۇتۇپ كۆتۈرۈپ بىزنى ئۆستەڭگە تۆكۈۋېتەتتى، قىيا ـ چىيا، قاقاھلىغان شاد كۈلكە سادالىرىنى ياڭرىتىپ كىيىم ـ كىچەكلىرىمىز بىلەن ئۆستەڭدە شارقىراپ ئېقىۋاتقان سۇغا «تۆكۈلەتتۇق» ـ دە قىن ـ قىنىمىزغا پاتماي شادلىنىپ، ئاشۇ پېتىم سۇدا چۆمۈلۈپ ئوينايتتۇق. ئۇ ئادەم بىزنىڭ ئويۇندىن بەك خوشال بولغانلىقىمىزدىن زوقلىنىپ، ئۆزىمۇ كىيىملىرىنى سېلىپ سۇغا چۆمۈلۈپ ئوينايتتى. بۇ بىر غەم ـ قايغۇسىز بەختلىك، گۈزەللىك بىلەن تولغان چاغلارنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز پەيتلىرى ئىدى. موشۇنداق لەززەتلىك ئويۇنلارنى، بالىلارغا ئامراق ئاشۇ ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي ئادەم بىزگە بەخش ئېتىپ ئۆزىمۇ بۇنىڭدىن چەكسىز خوشاللىق تاپاتتى. ئانىلىرىمىز، قولۇم ـ قوشنىلارمۇ ئۇ ئادەمنى بىزنى ئوينىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مەستلىكى كېلىپ شادلىناتتى.

    ئاشۇ ئادەم – تۆمۈر ئاكام، ھېلىقى «ساراڭ» راستتىنلا شۇمىدۇ؟

    مەن كۆڭلۈم غەشلىككە تولغان ھالدا يۈگۈرگەن پېتى ئاسىپ ئاكاملارنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ كەتتىم. ئۇلارنىڭ چۆچۆرىگە ئېغىز تېگىپ كېتىڭ دېگىنىگىمۇ قارىمىدىم.

    ئىلگىرىكى چاغلاردا ئاسىپ ئاكاملارنىڭ قورۇسى ھېلىقى بومباردىماندا خاراب بولغان كونا مەھەللە ئىدى. باشقا قورۇ ـ جايلار خارابىلىققا ئايلانغان بولسىمۇ، ئاسىپ ئاكامنىڭ ساق قاپتۇ. مەھەللىدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى يېڭى ئۆي سېلىپ كۆچۈپ كەتكەنلىكتىن، ئاسىپ ئاكاممۇ كونا ئۆيدە قېلىشنى خالىمىغان، يېڭى جايغا قورۇ ـ جاي سېلىپ كۆچۈپ چىققان، كونا قورۇنى ئوت ـ سامان، چارۋا قويىدىغان جاي قىلىۋالغان ئىكەن. ئاسىپ ئاكاملارنىڭكىدىن چىقىپ كۆڭلۈم غەش ھالدا يۈگۈرگەن پېتىم ئاشۇ خارابىلىككە قاراپ ماڭدىم. خىرە خاتىرەمدە قېلىشىچە ئاسىپ ئاكاملارنىڭ كونا قورۇسى خېلى چوڭ، ياخشى سېلىنغان ئىدى. ئىشىك ئالدىدا ئىككى تەرىپىنى قۇم، يالپۇز، مامكاپلار باسقان بىر تېيىزغىنا ئېرىقتا كېچە ـ كۈندۈز شىلدىرلاپ سۇ ئېقىپ تۇراتتى. چوڭ ياغاچ دەرۋازا، ئىككى چەتتە ناھايىتى چوڭ ئىككى تۈپ چېقىر ئۈجمە، ھويلىنىڭ ئوتتۇرسىدا قويۇق سايە تاشلاپ تۇرىدىغان، شاخلىرى يېيىلغان بىر تۈپ قېرى ياڭاق بار ئىدى. بۇ جاي موشۇنداق مۇھىتى گۈزەل سەھراچە قورۇ ئىدى. گۆدەك چاغلىرىمدا سېرىق ئويغا ئوينىغىلى كېتىۋېتىپ ئاشۇ قورۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتكىنىمدە كىرگىم كېلىپ قالاتتى ـ دە «پەخرىدىن! بارمۇ سەن؟ يۈرە، ئوتلاقتا مال باققاچ بىللە ئوينايلى!» دەپ ۋارقىرايتتىم. كۆپىنچە ئالدىمغا مەجبۇرىي ئەسكەرلىككە تۇتۇلۇپ، كېيىن ئايكۆل، ئاۋات، غورۇچۆلدىكى كازاك ئورۇسلار بىلەن ئۇرۇشتا تارمار بولۇپ، كازاكلارنىڭ قولىغا ئەسىر چۈشكەن، كېيىن «ئاددىي ئەسكەر ئىكەن »دەپ قويۇپ بېرىلگەن ۋە مەھەللىگە قايتىپ ئاكىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرىۋاتقان تۆمۈر ئاكا چىقاتتى. تۆمۈر ئاكام ئۇ چاغلاردا ياش – قاۋۇل، سۆلەتلىك بىر يىگىت ئىدى. ھويلىغا كىرىشىمگىلا ئۇ خوشاللىق بىلەن ئىككى قولتۇقۇمدىن تۇتۇپ ئاسمانغا ئېتىپ يەنە تۇتىۋالاتتى. ماڭا قومۇشتىن نەي، يوغان ئازغان غولىدىن ياسالغان، ئوقى پاختىدىن ياسىلىدىغان پاقىمىلتىق، لەگلەك... قاتارلىق ئويۇنچۇقلارنى ياساپ بېرىپ بەك خۇش قىلىۋېتەتتى. بۇ ئىشلار تاتلىق بىر چۈشتەك ئېسىمدە. شۇڭا ئاشۇ كونا قورۇغا بەند قىلىنغان ھېلىقى ساراڭنى – تۆمۈر ئاكامنى ئىزدەپ كېتىۋاتىمەن. چوڭئانامنىڭ «جىن ـ شەيتان بار! »دېگەن ۋەھىمىسى ئېسىمدە بولغاچقا بىر ئاز قورقۇپمۇ تۇرىمەن.ھېلىقى باراقسان چېقىر ئۈجمىلەر ۋە دەرۋازا ئاخىر كۆرۈندى. ئۈجمىلەر يەنە بۇرۇنقىدەك باغجانلاپ تۇرۇپتۇ. دەرۋازا بىر ئاز كونىراپ، قىڭغىيىپ، شاللىرى ئاجرىغان بولسىمۇ يەنىلا ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىپ تۇرۇپتۇ. ۋۇجۇدۇمنى ئىللىق ھاياجان قاپلىۋالدى. ئىتتىك بېرىپ دەرۋازىنىڭ ئىككى قانىتىنى ئۇلۇغ ئېچىۋەتتىم. مانا، دەل مۇشۇ جاي – مۇشۇ قورۇ شۇ! ھويلىدىكى ياڭاقمۇ شۇ پېتى تۇرۇپتۇ. ئۆتكەندە ئاسىپ ئاكام «ساراڭ ئىنىسىنى سولاپ قۇلۇپلاپ قويغان جايمۇ دەل مۇشۇ ھويلا ئىدى. ھازىر ئىچىدە يا مال، يا ئادەم يوق. كۆڭۈلسىز مۇڭسىراپ تۇراتتى. مال ـ چارۋىلارنى ئوتلاققا چىقىرۋەتكەن بولسا كېرەك، بايامقى ئارزۇيۇمنىڭ كۈلى كۆككە سورۇلغاندەك بولدى. «ھەي تۆمۈر ئاكا» دېگىنىمچە ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتىم.

     بىردەمدىلا ئاسماندىن چۈشكەندەك پەخرىدىن قېشىمدا پەيدا بولدى ـ دە،ئەيىبلىگەندەك:

    - بىر ساراڭنى «ئاكا» دەپ كەتكىنىڭ نېمىسى؟- دېدى. ئۇ مېنىڭ نەپرەتلەنگەن ھالدا مەنسىتمەي جاۋاپسىز تۇرغىنىمنى كۆرۈپ قولۇمدىن تۇتۇپ: «جۈر، بۇ يەردىن كېتەيلى» دەپ سىرتقا سۆرىدى. ئىختىيارسىز ئەگىشىپ ماڭدىم. لېكىن خىيالىمدا يەنە ئاشۇ «ساراڭ»- تۆمۈر ئاكام...

    - شاپىلاقنى جايىدا يېدى ئۇ ساراڭ! يا ئۆلمىدى،- دەپ ۋايسىدى پەخرىدىن كېتىۋېتىپ.

    - كىمنى دەيسەن؟- دېدىم ھەيرانلىقتا ئۇنىڭغا قاراپ.

    - ۋاي ئاشۇ تۆمۈر ئاكامنىچۇ...

    - ئۇ، نېمە سەۋەپتىن شۇنداق بولۇپ قالغاندۇ؟

    -ئۇ، ئەسكەر بولغاندا بايلىق بۇلاپ تۇتۇلۇپ قېلىپ قاتتىق ئۇرۇلغانمىش ھەم ھەيدىۋېتىلگەنمىش. ئەسلى ـ ۋەسلىسىىز مەھەللىگە قايتىپ كەلگەن. باش تىققۇدەك تۇرالغۇ جاي بولمىغانلىقتىن، دادام رەھىم قىلىپ بۇ ئۆيدە تۇرۇشقا رۇخسەت قىلغان. تاياق قاتتىق ئۆتۈپ كەتكەنمىكىن كېلىپلا بىر قانچە يىلدىن كېيىن ئاشۇنداق بولۇپ قالدى.

    ئۇ مېنىڭ گەپ كوچىلاۋېرىشىمدىن نېمىشقىدۇر خۇدۈكسىنىپ، گەپ قىلماي جىم تۇرىۋالدى. مېنىڭ ئاڭلىشىمچە خاراب بولغان كونا ئۆي، يەر ـ زېمىن، مال ـ چارۋا، ئۆي ـ سەرەمجان، پۇل ـ پۇچەك... ئاكا ـ ئۇكا (ئۇلار ئىككىلا پەرزەنت، ئىككىلا ئوغۇل ئىكەن) ئىككەيلەنگە تەڭ تەۋە بولۇپ مىراس ئايرىلمىغان. ئۇ ئەسكەرلىكتە يۈرۈپ مەھەللە خاراب بولغاندا، ھەممىنى ئاسىپ ئاكام ئىگىلىۋېلىپ، «ھەممىسى ئۇرۇشتا ۋەيران بولدى »دەپ ئىششىپ تۇرىۋالغانمىش. تۆمۈر ئاكاممۇ بۇ مىراس دەۋاسىنى قىلماي: «ئاكام بولغاندىكىن، ماڭا باش تىققۇدەك ماكان بەرگەندىكىن» دەپ ئۆتىۋەرگەن.

    -ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ؟ ساڭىمۇ مەلۇم، ئۇ ئەسلىدە نىيىتى دۇرۇس، ياخشى بىر ئاكاش ئىدىغۇ؟- دېدىم پەخرىدىننىڭ گەپلىرىگە ئىشەنمەي.

    - راست شۇنداق ئىكەن. مەھەللىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ گەپلەردىن خەۋەردار.

    لېكىن، مېنىڭ بۇنداق گەپلەرگە ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. «دىلى يۇمشاق، كۆڭلى ـ كۆكسى كەڭ شۇنداق ئاق كۆڭۈل بىر ئادەم ئوغرىلىقمۇ قىلارمۇ؟»- دەيتتىم ئىچىمدە ئۆرتىنىپ.

    - ئۇ دائىم ئادەمسىز مۇشۇ مەينەت قورۇدا تۇرامدۇ؟ نېمە يەپ جان باقىدىغاندۇ؟ قىش كۈنىچۇ؟

    -ۋاي تاڭ!- دېدى پەخرىدىن بىپەرۋا ھالدا توغرا جاۋاپتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ...

    بىردىنلا چوڭئانام پەيدا بولدى. ۋارقىراپ ـ جارقىراپ ئىككىمىزنى بۇ يەردىن ئۆيلىرىمىزگە ئېلىپ كەتتى . بۇ كۈز كىرگەن، ھاۋا بۇلۇتلۇق، يامغۇرلۇق كۈنلەر ئىدى. مەن ھويلىدا مۇڭسىرىغان ھالدا ئۇششاق چۈشۈۋاتقان يامغۇر تامچىلىرىنى، قۇم ئارىلاش توپىلارنىڭ پاتقاققا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى، دەرۋازىنىڭ ئاراشلىرىدىن، كوچىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى تاملارنىڭ ئۈستىدىن، دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرىدىن مەرۋايىتتەك ئاق ـ سۈزۈك يامغۇر سۇلىرىنىڭ يەرگە چىكىلداپ چۈشۈۋاتقىنىنى تاماشا قىلىپ ئولتۇردۇم. شۇ دەمدە ساراڭ بىزنىڭ دەرۋازىنىڭ ئالدىدىن ئۆتتى. بىرەر خالىغان يېرىگە بېرىپ يەنە ھېلىقى «سارىيى» غا قايتىپ كېلىۋاتقان بولسا كېرەك . ئۇ سوغۇقتىن قورۇنۇپ يالاڭ ئاياغ سوغۇق پاتقاقلارنى كېچىپ بىردەم يولنىڭ نېرىقى چېتى، بىردەم بۇ چېتىغا ئۆتۈپ يىلان باغرى ئويۇن چىقارغان ھالدا ھېلىقى ناخشىنى تەكرارلاپ ئۆتۈپ كېتىپ باراتتى. قولىدا يەنە شۇ ھېلىقى خەنجەر.

     ئەزەم تەلەيكۇم ئوقۇيمەن،

    ...

    ئۇ ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا يۈرىكىم سېلىپ كەتتى ـ دە، ئالدىغا چىقىپ كۆرۈشكۈم، ھال سورىغۇم كېلىپ كەتتى. ئۇنىڭ تۇرقى ئېچىنىشلىق، بۇرۇنقى گەۋدىلىك، كۈچلۈك، كېلىشكەن سۇمباتىدىن ئەسەر قالمىغان، ئورۇقلاپ مۈكچەيگەن، چىرايى قارىداپ كەتكەن، يېشىنىمۇ ئېنىق بىلمەك تەس ئىدى.

    -نېمە ئويغا پېتىپ كەتتىڭ؟ تامىقىڭ سوۋۇپ كەتتى، تېز يەۋال!- دېدى چوڭئانام ئېسىمگە سېلىپ.

    خوشياقماسلىق بىلەن تاماققا باقتىم. لېكىن خىيالىمدا يەنە شۇ ئىشلار. بۇلاڭچىلىق قىلىش، پەسكەش ئادەملەرنىڭ ئىشى. تۆمۈر ئاكام راستتىنلا ئاشۇ ئىشلارنى قىلغانمىدۇ؟ گويا بۇ راستتەك بىردىنلا مېنىڭ ئۇ ساراڭغا ئۆچلۈكۈم كېلىپ قالدى. ئاڭلىشىمچە ئۇ ئەسكەرلىكتىن قايتىپ كەلگەندە قۇرۇق قول، ھالى خاراب كەلگەنلىكتىن «يارىماس» دەپ ئاسىپ ئاكام ۋە ئايالى بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۇنىڭغا بەك ئىللىق چىراي ئېچىپ كەتمىگەن. لېكىن كىشىلەرنىڭ «بىر تۇغقان ئىنىسىنى سىغدۇرمىدى، مىراسلارنى يالغۇز بېسىۋالدى» دەپ، سۆز – چۆچەك قىلىشىدىن، تۆمۈر ئاكىنىڭ مىراسخورلۇق روھىنى ئويغىتىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ ئۆيىگە كىرگۈزگەن. يەڭگىسى ئۇنى ئادەم قاتارىدا كۆرمەي چاكار ئورنىدا ئىشلەتكەن. ئېتىز ـ ئېرىقنىڭ ئېغىر ئىشلىرىغا سالغان، مال ـ چارۋا باقتۇرۇش، كىر ـ قات يۇيغۇزۇش، سۇ توشۇشتەك ئىشلارمۇ ئۇنىڭ زىممىسىگە ئارتىلغان. ئۇ يۇۋاش ئاق كۆڭۈل ئادەم بولغاچقا، ئاكىسىغا بولغان قېرىنداشلىق مېھىر –مۇھەببەت يۈزىسىدىن ھەممە ئېغىرچىلىقلارنى كۆتۈرگەن. ھەتتا قولۇم ـ قوشنىلارنىڭ ئىش بۇيرۇقلىرىغىمۇ بويسۇنۇپ قىلىشىپ بەرگەن، مۇشۇنداق ئادەممۇ بۇلاڭچىلىق قىلارمۇ؟

     

    4

     

    مەن يەنە قانچە قېتىم ئاشۇ خاراب مەھەللىگە، يايلاققا ئوينىغىلى باردىم. ئاشۇ ئۆينىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن چېغىمدا قارىغۇم كەلمىسىمۇ ئىختىيارىم يول قويماي قاراپ سالاتتىم. دەرۋازا بەزىدە ئوچۇق،بەزىدە قۇلۇپلاقلىق ئىدى، يول، دەرۋازا ئالدىدا تۆكۈلگەن ئوت ـ سامان، مال ـ  چارۋىلارنىڭ قىغ ـ سۈيدۈكلىرى بىلەن بۇلغىنىپ ئەتراپنى بەدبۇي پۇراق قاپلاپ كەتكەنىدى. مېنىڭ يەنە ئاشۇ ھويلىغا كىرىپ باققۇم، ئاشۇ كۈنى «ساراڭ» نى بىھۇدە تاياققا قويغۇنۇم ئۈچۈن ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىغۇم كېلەتتى. لېكىن «بۇلاڭچى» دېگەن گەپ كاللامدا چاقماق چېقىپ بۇ خىيالىمدىن يالتىياتتىم. ئۇ راستتىنلا شۇنداق قىلغانمىدۇ؟ بۇ سۇئال كاللامغا تۇماندەك ئورنىشىۋالدى. چوڭئانامدىن سورىسام غۇدۇڭشۇپ تۈزۈكرەك بىرەر نەرسە دەپ بىرەلمىدى. پەقەت ئۇ ئەسكەر ۋاقتىدا بىر بەندە تۇرغان ياقا يۇرتلۇق بىر ئادەمنىڭ پات ـ پات مەھەللىگە كېلىپ ساراڭنى كۈزىتىدىغانلىقىنى، ئاسىپ ئاكىنىڭ ئۆيىدە يېتىپ ـ قوپۇپ، يەپ ـ ئىچىپ سىرلىق پاراڭلارنى سېلىشىدىغانلىقىنى پەخرىدىندىن ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى، خالاس... 

    ھېس قىلىشىمچە پەخرىدىننىڭ ئائىلىسىدە بىر سىرلىق ئىش يوشۇرۇنغاندەك قىلاتتى. شۇڭا ئاسىپ ئاكام ماڭا بىر قارا كۆڭۈل ئادەمدەك بىلىندى. تۆمۈر ئاكامنىڭ «بۇلاڭچى» دېگەن نامىنى يوققا چىقىرىش خاھىشى كۈچەيدى. ئەينى چاغدىكى تۆمۈر ئاكام بەك پاك، ئاق كۆڭۈل ئەمەسمىدى؟ ئۇنىڭ ماڭا بولغان كۆيۈمچانلىقى يالغان ئەمەس. شۇڭا كېيىنكى قېتىم پەخرىدىنگە، ئاسىپ ئاكامنىڭ تۆمۈر ئاكامغا ھېلىقىدەك مۇئامىلە قىلىشىنىڭ ئادىمىيلىك ئەمەسلىكىنى ئېيتقان بولساممۇ، پەخرىدىن نېمىشقىدۇر «دادام توغرا قىلدى» دەپ، تەرسالىق قىلىپ تۇرىۋالدى. ماڭا بەك ئېغىر تۇيۇلغىنى تۆمۈر ئاكىدەك بىر ئادەمنى مال ـ چارۋىلار بىلەن بىرگە مەينەت، سوغۇق بىر ئۆيگە سولاپ قويۇشى ئىدى. ھەرقانچە خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ ئۇ ئادەم بىر تۇغقان قېرىندىشىغا مۇنداق قەبىھ چارىلەرنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك ئىدى. مەن موشۇ ئىشنى دېسەم پەخرىدىن قۇلاق سالماي ئۆز گېپىنى يورغىلىتاتتى. دېمەك ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسىنىڭ مۇددىئاسى چۈشىنىشلىك بولدى. شۇڭا جىمىپ قالدىم. بىرەر ھەپتىگىچە ساراڭنى ئۇچراتمىدىم. ناخشىلىرىمۇ ئاڭلانمىدى. ئاغرىپ قالغانمىدۇ؟ بىر كۈنى دەرستىن بالدۇر بىكار بولۇپ ئۆيگە كەلسەم چوڭئانام يوق. يىغقان ئازراق پۇلۇم بار ئىدى، بازارغا بېرىپ يۇمشاق گىردە نان ۋە ھالۋا سېتىۋېلىپ پاكىز لاتىغا ئوراپ، ساپال كومزەككە چاي ئېلىپ خارابىلىككە كەلدىم. كۈز پەسلى نەمگەرچىلىك، ھاۋا خېلىلا سالقىنداپ كەتكەن. دەرۋازا ئۇلۇغ ئوچۇق ئىكەن قورۇ ئىچىگە كىردىم. ساراڭ قورۇنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى سامان قاچىلىغان بىر ئۆيدە، سامانلارنىڭ ئۈستىدە دۈگدۈيۈپ ياتقان ئىكەن. ئۇنىڭ قولىدا يەنە غەلىتە نۇسخىلىق يالتىراپ تۇرغان خەنجەر سىقىمداغلىق، ئۇ خەنجەرنى ئۆرۈپ ـ چۆرۈپ قارىغان ھالدا ھېچنەرسىدىن پەرۋاسىز ئۆز خىيالىغا بېرىلگەنىدى. چىرايىدىن مەمنۇنلۇق ئىپادىلىرى بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ تۇيۇقسىز بېشىنى كۆتۈرۈپ مېنى كۆردى ـ دە، ھەيرانلىقتىن كۆزلىرى چاقناپ كەتتى. ئۇنىڭ شۇ تۇرقىدىكى كەيپىياتىدىن ئەسلىدىكى ھالىنى كۆرگەندەك بولدۇم.

    -تۆمۈر ئاكا! دەپ ۋارقىرىدىم ھاياجىنىمنى باسالماي.

    –يېنىپ كېتىڭ! ھېلى ھاۋاخان ئايلام كېلىپ قالسا خاپا بولىدۇ،- دېدى ساراڭ ماڭا كۆيۈنۈپ.

    بىردەمدىلا چوڭ ئانامنىڭ «نۇر ئەخمەت، نۇر ئەخمەت!» دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازى ۋە پايپاسلىغىنىچە شىپىلداپ كېلىۋاتقان قەدەم تىۋىشى ئاڭلاندى. ئەندىش قىلمىدىم. قەلبىمنى قانداقتۇر سىرلىق بىر خوشاللىق تۇيغۇسى چۇلغىۋالغان ئىدى. چۈنكى مەن «ساراڭ» نىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى بىلىۋالدىم. ئۇ ساراڭ ئەمەسكەن.

    -تۆمۈر ئاكا! گۆدەك چېغىمدا سىز ئويناتقان ھېلىقى نۇر ئەخمەت ئېسىڭىزدىمۇ؟

    ساراڭ بىراقلا ئۇياققا بۇرۇلۇپ ئۈن – تىنسىز يەرگە قاراپ ئولتۇرىۋالدى. ئايلىنىپ ئالدىغا ئۆتتۈم ـ دە ساماننىڭ ئۈستىگە ئولتۇردۇم.

    -تۆمۈر ئاكا، ئاۋۇ كۈنى سىزنى تونۇيالماپتىمەن. بىكار رەنجىپ قېلىشىڭىزغا سەۋەپ بولدۇم. لېكىن كۆڭلۈمدە قەستەنلىك يوق ئىدى، مېنى كەچۈرۈڭ!

    ساراڭ ئىللىققىنا كۈلۈپ كەتتى.

    -ھېچقىسى يوق. سىز بولمىسىڭىزمۇ بەرىبىر تاياقتىن قۇتۇلالمايتتىم. چۈنكى مەن بۇلاڭچى!

    -ئۇنداق ئەمەس تۆمۈر ئاكا! سىز بۇلاڭچى ئەمەس. ئۇنداق بولۇشىغا ئىشەنمەيمەن! بۇ باشقىلارنىڭ تۆھمىتى!

    ئۇ، ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان ئېچىنىشلىق ئەلپازدا غەلىتە بىر كۈلۈمسىرىدى ـ دە، ئۈمىدسىزلىك بىلەن:

    -ھەي نۇر ئەخمەت،سىز بىر بالا، كۆپ ئىشلارنى چۈشىنەلمەيسىز،- دېدى ۋە ماڭا مېھرى بىلەن قارىغىنىچە ئىللىق كۈلۈپ قويدى. يەنە بىردىنلا ئەكسىگە قايتىپ، ھېلىقى ناخشىنى ئاۋازلىق تەكرارلاپ، سامانلىق ئىچىدە خەنجەرنى تۆت تەرەپكە شىلتىپ چۆرىگىلى تۇردى. دېمەك ئۇ يالغان ساراڭلىق قىياپىتىگە كىرىۋېلىۋاتاتتى. مېنىڭ كەتمەي تۇرىۋالغانلىقىمنى كۆرۈپ پىرقىراشتىن تاپ توختىدى ـ دە، جىددىي قىلىپ:

    - قايتىپ كېتىڭ! ئاينا، ھاۋاخان ئايلام ئىزدەپ كېلىۋاتىدۇ!- دەپ چوڭئانامنى كۆرسەتتى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام چوڭ ئانام كۆرۈنمىدى. ساراڭ تېخىچە ئالدىنى ئۇ تەرەپكە قىلىۋالغان بولۇپ يولدىكى ئادەم ۋە ئىشلارنى كۆرەلمەتتى. ھەيران بولۇپ ئىككىلىنىپ تۇرغىنىمدا چوڭ ئانام تۇيۇقسىز دەرۋازا تۈۋىدە پەيدا بولۇپ، ھويلىغا كىرىپ كەلدى ـ دە، خاپا ھالدا ۋارقىراپ كەتتى:

    - گېپىمنى قۇلىقىڭدا تۇتمايدىكەنسەن – ھە!؟ بۇ يەرگە كەلمە دېمىدىممۇ؟- دېدى ـ دە، ساراڭغا «لاپپىدە» بىر قاراپ داۋاملاشتۇرماقچى بولغان گېپىنى توختىتۋالدى،- ماڭ! ئۆيگە كېتىلى!- دېدى قولۇمدىن سۆرەپ. ھېلىقى ئېلىپ كەلگەن نەرسىلىرىم ئسىمگە كەلدى. چوڭئانامنىڭ قولىدىن يۇلقۇپ چىقىپ ئۇلارنى ساراڭنىڭ ئالدىغا قويدۇم.

    - بۇنى سىزگە ئەكىرگەن ئىدىم، يەڭ، چاينى ئىچىڭ، ئاغرىپ يېتىپ قالماڭ يەنە!- چوڭئاناممۇ بۇ ئىشتىن تەسىرلىنىپ كۆزىگە ياش ئالدى.

    - تۆمۈراخۇن بالام، نۇرئەخمەت كىچىكىدە سىز بىلەن ئويناشنى بەك ياقتۇراتتى. ئۇ سىزنىڭ مېھىر ـ شەپقىتىڭىزنى كۆڭلىدە ساقلاپتۇ. سىز ئېسىڭىزگە ئالالىدىڭىزمۇ؟- دېگىنىچە، يەنە قولۇمدىن تۇتۇپ «ماڭ!» دەپ سىرتقا سۆرەپ ئېلىپ چىقتى. ئىلاجىسىز ئۆيگە قايتتىم. لېكىن ساراڭنىڭ بايامقى ھالەتلىرى كۆڭلۈمنى بەك بىئارام قىلىۋەتكەن ئىدى. يۈرىكىمنى چوڭقۇر ئىچ ئاغرىتىش ھەسرىتى چۇلغىۋالدى. كېتىپ بېرىپ چوڭئانام يەنە:«بۇ خارابىلىقتا جىن بار، كىچىك بالىلار بارماسلىقى كېرەك» دېگەن كونا گېپىنى تەكرارلىدى. لېكىن ئۇ گەپلەرنى ئاڭلىغىم يوق ئىدى. تۆمۈر ئاكام راست ساراڭمىدۇ؟موشۇنىلا ئويلايتتىم.

     

    5

     

    يەنە خېلى ئۇزۇنغىچە ساراڭنى كۆرەلمىدىم. ناخشىلىرىمۇ ئاڭلانمايتتى. ھاۋامۇ بارغانچە سوۋۇپ كېتىۋاتاتتى. مەكتەپكىمۇ ئىسسىقراق كىيىنىپ بارىدىغان بولدۇم. مەكتەپتە بىر كۈنى پەخرىدىندىن:

    -تۆمۈر ئاكام كۆرۈنمەيدىغۇ؟- دەپ سورىسام، ئۇ شىۋىرلاپ تۇرۇپ:

    -ئۇنىڭ جېنى ئاز قالدى. ئۆلۈپ قالىدىغان ئوخشايدۇ،- دېدى خۇشال بولغاندەك كۈلۈمسىرەپ.

    -شۇم ئېغىزلىق قىلمىساڭچۇ! شۇ گېپىڭ راستمۇ؟ يۈرىكىم سېلىپ ۋۇجۇدۇمنى قورقۇنچ قاپلىۋالدى. ئېچىنىىش، خەيرخاھلىق مېنى بىئارام قىلاتتى.

    يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى تاغام غەلىتە قىلىق چىقىرىپ، مەۋلانەم مازىرىدىكى نەچچە يۈز يىللىق ئاستى تېرەك، ئۈستى توغراق② دەرىخىنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ، ھەدەپ قولىدىكى خەنجەرنى تۆت تەرەپكە شىلتىپ، خانىقاغا ناماز ئوقۇغىلى كىرگەن ۋە مازارغا تاۋاپقا كەلگەنلەرگە بىر نېمىلەرنى دەيدىغان، ناخشا ئوقۇيدىغان بولۇۋاپتۇ. تېنى بەك ئاجىزلاپ كەتتى. كەم غىزا، دادام يەنە:«ئۆلۈپ قالىدىغان ئادەم شۇنداق بولىدۇ» دەيدۇ. گۇگۇم ـ قاراڭغۇلۇقتا خەنجەردىن ئاقۇش بىر خىل نۇر پارقىرايدىكەن. يەنە ھەرە غۇڭۇلدىغاندەك سۇس ئاۋاز چىقىدىكەن. پىچاقتىن ئاۋاز چىققاندا يېقىن ئەتراپتىكى ئادەم، ھايۋانلارنىڭ ۋۇجۇدىدا غەلىتە سېزىم، تېنى يېقىمسىز غۇژۇلداش، يۈرىكى تىقىلىش، بېشى قېيىش... دەك كىشىنى قورقۇنچقا سالىدىغان روھىي ھالەتنى پەيدا قىلىدىكەن. ئادەم ۋە ھايۋانلار بۇنداق روھىي سېزىمگە دۇچ كەلگەندە ئىختىيارسىز خەنجەرنىڭ ئەتراپىدىن يىراقلىشىدىكەن. داداممۇ نەچچە قېتىم خەنجەرنى تارتىپ ئالاي دەپ نىيەت قىلىپ پېتىنالماپتۇ. ئۇ بىخۇد، ئۇخلاۋاتقان چاغلىرىدا خەنجەر ئۆز خاسىيىتىنى جارى قىلىپ تۇرىدىكەن. ئۆتكەندە سەنمۇ كۆردۈڭغۇ!

    - نېمىنى كۆردۈم؟

    - پىچاقنى شىلتىگەندە كىشىلەرنىڭ قېچىپ كېتىشكىنىنى.

    - مەن تېخى پىچاقنى تىقىۋېتەرمىكىن دەپ قورقۇپ قاچقان چېغى دەپتىمەن.

    - ياق، ئۇ ياۋاش، بىراۋغا ھەرگىز پىچاق سالمايدۇ. ئويناپ قىلغان، خەنجەرنىڭ بىر يېرىنى باسسا شۇنداق ئاۋاز چىقىرىپ قورقۇنچ ـ بىئاراملىق پەيدا قىلىدىكەن. ئۇ خەۋپكە دۇچ كەلگەندە شۇنداق قىلسا كېرەك. ئۇخلاپ قالغاندىمۇ خەنجەرنىڭ ھېلىقى يېرىنى ئېچىپ قويۇپ ياتسا كېرەك، يەنە ئۇ پىچاقنىڭ دەستىدە زىننەت قىلىپ قويغان ناھايىتى قممەت باھا گۆھەرلەر بارمىش. قاراڭغۇدا يالتىرىغىنى شۇ! دېيىشىدۇ. يەنە دادامنىڭ دېيىشىچە ئۇ بۇ خەنجەرنى بىرسىدىن تارتىپ بۇلاپ ئالغانمىش. دادام ھېلىغىچە ئىلاج قىلالماي يۈرۈيدۇ.

    - چوڭئانام، ئۇ خارابىلىقتا ئۇزۇن تۇرغانلىقتىن جىن چاپلىشىپ قالغان دەيدۇ، لېكىن مەن بۇ گەپلەرگە ئىشەنمەيمەن. ئۇنى ساقمىكىن دەيمەن.

    - بەزىدە ساقدەكمۇ بولۇپ قالىدۇ. لېكىن ساق ئەمەس. ئۇنىڭغا ئۆلۈكنىڭ جىنى چاپلىشىپ قالغاندەك قىلىدۇ. دادام شۇنداق دەيدۇ. چۈنكى ئەسكەرلىكتە ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، ئادەم ئاتقان ئىكەن ئەمەسمۇ. شۇڭا كۈندىن ـ كۈنگە ياداپ ـ قاقشال بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. چىرايىمۇ قارىداپ غەلىتە بولۇپ قالدى، دەيدۇ.

    دەرس كاللامغا ھېچ كىرمەيۋاتاتتى. خىيالىمغا تۆمۈر ئاكامنىڭ ئىلگىرىكى پەزىلەتلىرى، مېنى خوشال قىلغان ساغلام خاراكتىرى، ھازىرقى ئېچىنىشلىق ھالى كىرىۋالدى. مۇئەللىم كەيپىمنىڭ جايىدا ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ سەۋەبىنى سورىۋىدى «مىجەزىم يوق» دېدىم. ئۆيگە قايتۇدى. ئۆيگە ئۇدۇل قايتماي، مەكتەپ ئارقىسىدىكى چىغ ـ ئەمەنلەر بېسىپ كەتكەن خىلۋەت چىغىر يول بىلەن مازار تەرەپكە يول ئالدىم. كېلىپلا ھېلىقى ئاستى تېرەك، ئۈستى توغراق گىگانت دەرەخلەرگە كۆز سالدىم. تۆمۈر ئاكام كۆرۈنمەتتى. نېمىشقىدۇر ئۆيگە قايتقۇم كەلمىدى. كېسىۋېتىلگەن بىر توغراق كۆتىكىنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرۇپ يەنە خىيالغا پاتتىم. «ياق، تۆمۈر ئاكام ساراڭ ئەمەس، ساراڭ بولسا مېنى ئېنىق تونىيالارمىدى. ئۇ چوقۇم يالغان ساراڭ بولۇۋالغان. نېمىشقا شۇنداق قىلىدىغاندۇ؟ ئەگەر ئۇ ياخشى كۈتۈپ داۋالانغان بولسا ئوبدان بولۇپ قالار ئىدى. لېكىن بۇنداق شارائىت يوقتەك قىلىدۇ. ئاسىپ ئاكام... ھەي... ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن شۇنچە ئۇزۇن ساقلىساممۇ كەلمىدى. ئەمما مېنىڭ يۈرۈش تۇرۇشۇمنى دائىم كۆزىتىپ تۇرىدىغان مېھرىبان چوڭئانام كەلدى. مەكتەپتىن قايتىدىغان ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەنلىكتىن، كۆرگەنلەرنىڭ بىرسىدىن ئۇقۇشۇپ ئىزدەپ كەلگەن گەپ. ھېلىقى كۆتەكتە خىيالغا پاتقىنىمچە قويۇق توغراقزارلىق ئارىسىدىكى چوڭ ـ كىچىك گۈمبەز، قەبرىلەر بىلەن سۈكۈتلۈك قەبرىستانلىققا قاراپ ئولتۇرغانىدىم.

    -ھەي ئىسىت!- دەپ جوراپ كەتتى چوڭئانام بېشىمنى تۇتۇپ بېقىپ يىغلامسىرىغان ھالدا،-ساڭىمۇ جىن چاپلاشقان ئوخشىمامدۇ. مازارلىقتا نېمىش قىلىسەن؟ ئۇ خارابىلىققا بارما دېسەم ئۇنىمىدىڭ. مانا ئەمدى پىشانەڭ ئوت بولۇپ كېتىپتۇ. ئاغرىپ قالدىڭمۇ ـ نېمە؟ ۋاي قانداق قىلاي يۈر ئۆيگە! چوڭئانام قولۇمدىن تارتتى. ئورنۇمدىن تۇرىۋېتىپ:

    -ئۇ ساراڭ ئەمەس! ئۇ ساراڭ ئادەم ئەمەس! ياخشى، بىجىرىم ئادەم! دەپ ۋارقىراپ كېتىپتىمەن.

    -كىمنى دەيسەن؟

    -تۆمۈر ئاكامنىچۇ؟

    -ئۇ گەپنى قويۇپ ئۆيگە ماڭ؟!- چوڭئانام مېنى سۆرەپ دېگۈدەك ئۆيگە ئېلىپ ماڭدى.

     

    6

     

    چۈش ۋاقتى ئىدى. ئۆيدە غىزالىنىپ ئولتۇرۇپ، كوچا تەرەپتىن بىرسىنىڭ ۋەھىمىلىك توۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدىم. ئۇلاپلا يەنە بىرسىنىڭ يۈگۈرگەن پېتى يىراقلاپ كېتىۋاتقان قەدەم تىۋىشىنىمۇ ئاڭلاپ قالدىم. ئاۋازىدىن ئۇنىڭ پەخرىدىن ئىكەنلىگىنى پەرەز قىلدىم. كوچىدا يەنە تۆمۈر ئاكاممۇ باردەك بىلىندى. قەلبىم شادلىققا تولۇپ دېرىزىدىن سىرتقا قارىدىم. بۇ كۈن ھاۋا بۇلۇتلۇق سوغۇق بولۇپ چىپىلداپ يامغۇر يېغىۋاتاتتى. قۇملاڭ كوچىدا باشقا ئادەم دىدارى يوق ئىدى. توۋا! تۆمۈر ئاكام دېرىزە سىرتىدا خۇددى مېنى كۈتۈۋاتقاندەك قاراپ تۇراتتى. دېرىزىنى ئېچىشىمغىلا ئۇنىڭ كۆزى ماڭا چۈشتى. ئۆتكەنكىدەك كۈلمىدى، ھېلىقى غەلىتە ناخشىمۇ ئېيتمىدى. ئۇنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزلىرى ياش ۋاقتىدىكىدەك نۇرلۇق، تېمەن ئىدى. ھېچ ساراڭدەك بىلىنمەيتتى.

    -نۇر ئەخمەت!- دېدى ئۇ ئەسلىيىتى ۋە چوڭقۇر دوستلۇق مېھرى بىلەن،- سىزنى كۆرگۈم كەلدى!

    كۈلۈپ تۇرساممۇ ئەمما بۇ روھىي جىددىيلىككە تاقىتىم يەتمەي كۆزلىرىمدىن ياش قۇيۇلدى.

    -تۆمۈر ئاكا، ئۇنتۇپ قالمىغىنىڭىز ئۈچۈن رەھمەت! مېنىڭمۇ سىزنى كۆرگۈم كەلدى. تالاي قېتىم قورۇيىڭىزغا، مازارغا بېرىپ ئۇچرىتالمىدىم. ساقلىسام كەلمىدىڭىز. بەك ئاجىزلاپ قاپسىز. ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ. سىز ياخشى بولۇپ قالغاندىن كېيىن ئىلگىرىكىدەك جاڭگالغا، ئوتلاققا، ئېتىزلىقلارغا بېرىپ ئويناپ كېلەيلى – ھە؟!

    تۆمۈر ئاكام «ماقۇل» دېگەندەك بېشىنى لىڭشىتتى. ئەمما كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلىۋاتاتتى.

    -ئاھ، تۆمۈر ئاكا! ئىچىڭىزدە دەرد ـ ھەسرەتلىرىڭىز باردەك قىلىدۇ. سىز ئاق كۆڭۈل، مەرد كىشى بولغىنىڭىز ئۈچۈن باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچراپ تۇرۇپمۇ يەنە ئۇلارغا يامانلىق ئويلىمايسىز، لېكىن ئادەملەر ئوخشاش ئەمەس. ياخشى ـ ياماننى پەرق ئېتىپ مۇئامىلە قىلغان تۈزۈك. ئاكا، قىممەتلىك ئۆمرىڭىزنى ئاسرىشىڭىز، قەدىرلىشىڭىز كېرەك.

    تۆمۈر ئاكامغا سۆزلەۋاتقىنىمدا، سىرتتىن چوڭئانام تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالدى.

    -نۇرقارى، كىمگە گەپ قىلىۋاتىسەن؟

    بۇ ئۇشتۇمتۇتلۇقتىن چۆچۈپ دەرھال دېرىزىنى يېپىۋالدىم. ئەمما چوڭئانام زېرەك ئايال بولغاچقا دەرھال سىرتقا چىقىپ كەتتى. «چوڭئانا!» دەپ ۋارقىرىساممۇ ئۇنىمىدى. چوڭئانامنىڭ سىرتتا تىل ـ ئاھانەتلىرى ئاڭلاندى.

    -ھەي ساراڭ! نۇرئەخمەتنىمۇ ئۆزۈڭگە ئوخشاش قىلاي دېدىڭمۇ؟!يەنە كېلىدىغان بولساڭ كاللاڭنى يېرىۋېتىمەن!

    -چوڭئانا، چوڭئانا! نېمىشقا ئۇنداق قىلىسىز؟! غەزەپلىنىپ ئىشىكنى مۇشتلىدىم، يەنە شۇنداق قىلىۋەرسىڭىز شەھەرگە قايتىپ كېتىمەن!

    تۆمۈر ئاكام گەپ ياندۇرماي سۈكۈتتە تۇردى. چوڭئانام مېنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى.

    -نەگە كېتىسەن، نەگە؟ مېنى يالغۇز تاشلاپما؟ جېنىم نەۋرەم، بۇنىڭ ھەممەسى سەن ئۈچۈن!

    -ئەمىسە تۆمۈر تاغامنى نېمىشقا ناھەق تىللايسىز؟ يا ماڭا چېقىلمىسا؟

    -ماقۇل تىللىماي بالام، ئەمما ئەنسىرەپ كېتىدىكەنمەن، ئۇ دېگەن...

    -ئۇ ساراڭ ئەمەس، ھەرگىز ساراڭ ئەمەس!

    -ساراڭ ئەمەس؟ قانداقسىگە ساراڭ بولمايدۇ. يۈرۈش ـ تۇرۇش، تۇرقىغا قارىمىدىڭمۇ؟

    -سىز ساراڭ! مەھەللىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ساراڭ! ئاسىپ ئاكام، پەخرىدىن ھەممىسى سااراڭ! ئۇ ماڭا ھەرگىز سارڭلىق قىلمىدى، بەلكى ساق ئادەم كەبى مۇئامىلىدە بولدى.

    -ماقۇل، ماقۇلە، مەن ساراڭ، مەن خاتا قىپتىمەن. ساڭا ئىچ ئاغرىتىپ شۇنداق قىپتىمەن، ئۇنى تىللىمىسام بوپتىكەن، كەچۈرۈم سوراي.

    چوڭئانام مېنىڭ «شەھەرگە قايتىپ كېتىمەن » دېگەن پوپوزامدىن راستتىنلا چۆچۈگەن بولسا كېرەك. كۆڭلۈمنى ئاياپ يىغلىغان ھالدا كەچۈرۈم سوراۋاتاتتى. يامغۇر سىمىلداپ ياغماقتا. سىرتتىن چىكىلداپ چۈشكەن يامغۇر تىۋىشى ئاڭلانماقتا. مېنىڭ بالىلىق قەلبىم پاك يامغۇر تامچىلىرىدەك ئىۋىپ دولقۇنلۇق بىر ھالەتكە كىردى.

    چوڭئانا،- دېدىم مېنى بوۋاق بالىدەك پەپىلەپ، مەڭزىمنى سىلاپ ئولتۇرغان مېھرىبان چوڭئانامغا شۇ تاپتىكى تەسىراتىمنى سۆزلەپ،- بىر كۈنى پەخرىدىن بىلەن سېرىق ئوي يايلىقىغا، چارۋىلاردىن خەۋەر ئالغاچ ئوينىغىلى باردۇق. نېمىدىگەن گۈزەل يايلاق! ياپيېشىلچىلىق، ھەرخىل ياۋا گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن، كېپىنەكلەر ئۇچۇپ يۈرىشىدۇ. چارۋا ـ ماللار ئوتلاققا تارىلىشىپ قورساق تويغۇزماقتا. ئوتلاقنىڭ ئوتتۇرسىدىكى كۆل، قۇياش نۇرىدا ئەينەكتەك يالتىراپ تۇرىدۇ. بۇلۇتلارنىڭ شولىسى سۇ ئىچىدە سىرلىق بىر ھالەتتە ئۈزۈپ يۈرىشىدۇ. ئويناپ يۈرۈپ ئوتلاقنىڭ قۇملۇق تەرەپتىكى چاتقاللىق قىرغاققا كېلىپ قالدۇق. شۇ ھامان بىر چاتقال تۈۋىدىن «پارتلا» قىلىپ بىر ئانا توشقان قېچىپ چىقتى. يۈگۈرۈپ بارساق چاتقال تۈۋىدىكى قۇم لەخمىدە تۈكلىرى يېتىلگەن تۆت ـ بەش ئوماق توشقان بۆجەنلىرى بار ئىكەن. تۇتۇپ ئۆيگە ئېلىپ كېتەيلى دەپ تۇرساق تۆمۈر ئاكام كېلىپ قالدى – دە، رەنجىگەندەك قىلىپ بىزنى بۇ ئىشتىن توسىدى.

    -ئۇنداق قىلماڭلار! بۆجەنلەر بەك كىچىك ئىكەن. ئۇۋال بولىدۇ. ئانىسى قايتىپ كېلىپ بۆجەنلىرىنى كۆرەلمىسە قاتتىق ئازابلىنىدۇ. ئاتا ـ ئاناڭلار سىلەرنى بىردەم كۆرەلمىسە قانداق بولۇپ كېتىدۇ – ھە!؟ تەگمەڭلەر!- دەپ تەنبىھ بەردى. بىز ئورۇنلۇق ھېس قىلىپ بۆجەنلەرگە تەگمىدۇق. چوڭئانا دەپ بېقىڭا، موشۇنداق رەھىم شەپقەتلىك، ئىنساپلىق بىر ئادەم بۇلاڭچىلىق قىلارمۇ؟

    - توغرا، توغرا، ئۇنداق قىلمايدۇ،- دېدى چوڭئاناممۇ تەسىرلەنگەن ھالدا،- ئەسلىدىغۇ ياراملىق ياخشى بىر بالا ئىدى.

    نويابىر كىرىپ ھاۋا يىلدىكىدىن بالدۇرلا سوۋۇپ كەتتى. ھاۋا تۇتۇلۇپ سۇلغۇن قار يېغىۋاتاتتى. مېنىڭ ئەس ـ يادىم تېخىچە يالاڭ كىيىم بىلەن، يالاڭغىداق يۈرىۋاتقان تۆمۈر ئاكامدا قالغان ئىدى. شۇڭا يوشۇرۇنچە ئۆيدە ئەتكەن پولودىن بىر قاچا ئالدىم. ماڭا ئاتاپ پىشۇرۇپ قويغان ئونچە تۇخۇملارنىمۇ ئېلىپ بىر ياغلىققا چەگدىم. قازناقنىڭ بۇلۇڭىغا قارىسام، قاچانلاردىدۇر ساقلىنىپ قالغان خېلى يېڭى بىر ئەرەنچە ئۆتۈك ۋە ئاسقۇدا چەكمەن تون تۇرۇپتۇ. ئۇلارنىمۇ ئالدىم ـ دە، تۆمۈر ئاكام تۇرىۋاتقان خارابىگە قاراپ ماڭدىم. شۇ تاپتا ئارزۇيۇم پارلاق، تۆمۈر ئاكام ساراڭ ئەمەس، مېنىڭ توغرا مۇئامىلەم ئۇنى ساراڭلىقتىن ئويغاتقاندەك پەخىرلىنىش ھېسياتىغا چۆمۈپ كەتكەن ئىدىم. «تۆمۈر ئاكام چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىدۇ» دېگەن شېرىن خىياللار ۋۇجۇدۇمغا شادلىق بەخش ئەتمەكتە. ئاشۇنداق شېرىن خىياللارغا چىرمىلىپ خارابىلىككە- ھېلىقى قورۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغىنىمنى تۇيماي قاپتىمەن. دەرۋازا يېپىقلىق ئىدى. ئىتتىرىپ باقسام ئېچىلمىدى. ئىچىدىن ئېتىلگەن ئوخشايدۇ. دېمەك ئۇ قورۇ ئىچىدە بار بولسا كېرەك. ئىشىكنى قاقاي دەپ تۇرسام ئىچىدە بىرسىنىڭ ئاچچىقلانغان ئاۋازى ۋە گۈلدۈر ـ غالاپلا ئاڭلاندى. تۆمۈر ئاكامنى يەنە بىرسى ئانىي قىلىۋاتقان ئوخشىمامدۇ؟ خاپىلىقىمدا دەرۋازىنى مۇشتلىدىم. دەرۋازا ئېچىلدى ـ دە، چىرايى تۈرۈلگەن ئاسىپ ئاكام چىقىپ كەلدى. مېنى كۆرۈپ سىپايىلىشىپ:

    -نۇرئەخمەت، بۇ يەرگە نېمىشقا كەلدىڭىز؟- دەپ سورىدى.

    -تۆمۈر ئاكامنى يوقلاي دەپ كەلگەنىدىم.

    ئۇ ئېلىشىپ قالغان، كەيپىياتى تازا نورمال ئەمەس، ئادەم ئۇرۇپ قويىدۇ، كىرمەڭ!

    -ياق، ئۇ مېنى ئۇرمايدۇ، ئۇ ساق، نەچچە قېتىم ئوڭلۇق گەپلەشكەن تۇرسام!

    -ئۇ راستتىنلا ساراڭ بولۇپ قالدى. كىرسىڭىز كۆڭۈلسىزلىك تېپىۋالىسىز!

    -يالغان! ئۇ راستتىنلا ساق!

    ئاسىپ ئاكامنىڭ دەرۋازا ئوتتۇرسىدا كېرىلىپ يولۇمنى توسىۋالغىنىغا قارىماستىن، يانداپ ئۆتۈپ قورۇ ئىچىگە كىردىم. تۆمۈر ئاكام يەنىلا ئاشۇ سامانخانىدا ئولتۇراتتى. قېشىدا ئىككى قوزىلىق قوي، ساماننىڭ يۇمشىقىنى مىتىلدىتىپ تېرىپ يەپ يۈرەتتى. ئۇ مېنى كۆرۈپ ئالاقزادە بولدى – دە، ئۇياققا ئۆرۈلۈپ، بېشىنى ساڭگىلتىپ يەرگە قارىغىنىچە ئولتۇرىۋالدى. يوقلاپ ئەپكەلگەن نەرسىلەرنى پاكىزراق بىر دېرىزە تاكچىسىغا قويۇپ ئاستا قېشىغا كەلدىم. ئاسىپ ئاكام نېمىشقىدۇر بىئارام ھالدا تۈرۈلگىنىچە ھەركىتىمگە سەپ سېلىپ قاراپ تۇراتتى. ئاسىپ ئاكامغا قارىمايلا، تۆمۈر ئاكام بىلەن گەپلەشتىم.

    -تۆمۈر ئاكا، مەن خېلىلا ياخشى بولۇپ قالدىم. ئەتىدىن باشلاپلا مەكتەپكە بېرىشىم مۇمكىن. شۇڭا سىزنى يوقلاپ كەلگەنىدىم. دېرىزە تەكچىسىدىكى نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا سۇندۇم. تۆمۈر ئاكام، بۇرۇلۇپ قاراپ مىيىقىدا كۈلگىنىچە بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى. يەنە بۇرۇلۇۋېلىپ يىغلاشقا باشىلىدى. تۇرۇپ قولى بىلەن يېشىنى سۈرتۈپ قوياتتى. چاچ – ساقاللىرى ئۆسۈپ كەتكەن، ئورۇقلاپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان تۇرقىغا ئېچىنىپ، يۈرىكىم ئازاپلىق غەشلىككە تولدى. ئاسىپ ئاكام غەلىتە بىر تەرىزدە،- مەھەللىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە زىيانكەشلىك قىلغىنىڭنى ئاز دەپ، ئەمدى موشۇنداق بىر كىچىك بالىنى ئازدۇرۇپ ساراڭ قىلاي دەمسەن!- دەپ ۋارقىرىدى ئىنىسىغا.

    - تۆمۈر ئاكام ماڭا ھېچقانداق زىيانكەشلىك قىلمىدى،- دېدىم ئاسىپ ئاكامغا نەپرەت بىلەن ھومايغان ھالدا،- ئۇ قانداقچە ساراڭ بولىدۇ؟ ئاشۇنداق ناتۇغرا مۇئامىلىدە بولۇپ قەستەن ساراڭ قىلىپ قويغان ئۆزۈڭلار!

    ئاسىپ ئاكام بۇ گەپتىن قاتتىق ئاچچىقلىنىپ چىچاڭشىغان ھالدا ۋارقىراپ كەتتى.

    -مەھەللىدىكى كىشىلەر ئۇنىڭ ساراڭلىقى ئۈچۈن يول قويۇپ كېلىۋاتىدۇ. بولمىسا ئۇنىڭ قىلغان قىلىقلىرى ئۈچۈن ئاللىقاچان دۇمبالاپ ئۇ ئالەمگە ئۇزىتىپ قويغان بولاتتى.

    -نېمىشقا دۇمبالايدۇ؟ «بۇلاڭچى» ئاتىلىپ قالغىنى، سىزگە ئاھانەت تېپىپ بەرگىنى  ئۈچۈنما؟ شۇنىڭ ئۈچۈنلا بىر تىرىك جاننى دۇمبالاپ ئۆلتۈرۈش كېرەكما؟ ئەگەر ئاشۇنداق قىلسا ھۆكۆمەتتە قانۇن بار، بىر تۇغقان قېرىندىشىڭىزغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلامسىز؟

    ئاسىپ ئاكام بىلەن تۆمۈر ئاكام، گېپىمگە ئەجەپلىنىپ قاراپلا قالدى. مەنمۇ ھېيىقماستىن ئاسىپ ئاكامغا ھومايدىم. ئىككىمىز بىر دەقىقە بىر ـ بىرىمىزگە ھومىيىشىپ قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ئاسىپ ئاكام مېنىڭ بىلەن تەڭ بولغۇسى كەلمەي، «ھىھ... !» دېگىنىچە چىقىپ كەتتى. ئۇ يىراقلاپ كەتكەندىن كېيىن تۆمۈر ئاكامغا بۇرۇلۇپ قارىدىم. ئۇ يەنە يىغلاۋاتاتتى.

    -تۆمۈر ئاكا بىھۇدە يىغلاپ ئۆزىڭىزنى خوراتماڭ. ئۇ گەپلەر بىر ئىغۋا! تاماق، تۇخۇملارنى ئىسسىقىدا يەۋىلىڭ. ئۆتۈك، چاپانلارنى كىيىۋېلىڭ، بولامدۇ؟

    «ساراڭ» بىردىنلا بېشىنى كۆتەردى ـ دە، تەسۋىرلەپ بولغۇسىز قىزغىن ھېسسىيات بىلەن ماڭا قاراپ كۈلدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى ھوشيار، بىجىرىم ئادەمنىڭكىدەك چاقناپ تۇراتتى.

    -ماقۇل، ئىسسىقىدا يەۋالاي، كىيىۋالاي.

    ئۇ ساپ روھىي كەيپىيات بىلەن، سوغۇقتا قارىداپ يېرىلىپ كەتكەن پۇتىغا ئۆتۈكنى، ئۇچىسىغا تون چاپاننى كەيدى. ئۇياق ـ بۇياققا مېڭىپ كۆردى. ئاندىن ئاش، تۇخۇملارنى يىگىلى تۇردى. ئۇ تائاملارنى يەۋاتقاندا گېلىدىن قىيىندا يۇتۇۋاتاتتى. پەقەت مېنىڭ كۆڭلۈم ئۈچۈنلا يەۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى. راستىنى ئېيتقاندا ئۇ بەك زەئىپلىشىپ كەتكەچكە تاماق يېگۈسى كەلمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقى ئېھتىمال. ئۇ پولۇ يېيىلىپ يېرىم بولغاندا يېيىشنى توختاتتى.

    -نۇر ئەخمەت، مېنىڭ ئاشقازىنىم بىلەن جىگىرىم چاتاقمىكىن دەيمەن. زادىلا تائام يېگۈم يوق. قالغىنىنى كېيىن يەي،- دېدى ئۇ ئۆزرىلىك بىلەن. ئاشقان تاماقنى دېرىزە تاكچىسىغا ئاپىرىپ قويدى. ئاندىن ئۆتۈك كىيگەن پۇتىنى ۋە تون كىيگەن ئۇچىسىنى مەمنۇنلۇق بىلەن سىلاپ تۇرۇپ، سەمىمىي، خوشاللىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ ماڭا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

    -نۇر ئەخمەت، سىزگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت! ياخشىلىقنىڭ چوڭ ـ كىچىك دەپ مىقدار دەرىجىسى بولسىمۇ ھەممىسى ياخشىلىق. ماھىيەتتە ئىنساننىڭ ئىنسانغا قىلغان خالىس مېھىر ـ شەپقىتى، ئادىمىلىكنى كۆرسىتىدۇ. سىز تېخى كىچىك، بېشىڭىزدىن ھېچقانچە ئىسسىق ـ سوغۇق ئۆتمىگەن. جاھاننىڭ مۇرەككەپ ئىشلىرىنى چۈشىنىپ يېتىشكە تېخى گۆدەكلىك قىلسىڭىزمۇ، مېنىڭ نەزىرىمدە، مەن ئۇچراتقان ئەڭ ياخشى بىر ئىنسان دەپ باھا بېرىشكە، ئۆزىڭىزنىڭ ئىنسانىي پەزىلىتىڭىز بىلەن قايىل قىلدىڭىز. ئەتراپىمىزدىكى بىر توپ ئادەملەر ئىچىدە سىزلا مېنى توغرا چۈشەندىڭىز ۋە بايقىدىڭىز. توغرا! مەن ساراڭ ئەمەس. بىجىرىم ـ ساق ئادەممەن. لېكىن ھازىر كاردىن چىققان، زىيانكەشلىك قىلىنغان ناكا بىر بەندىمەن خالاس. مېنىڭ مۇشۇنداق بولۇپ قېلىشىمغا پۇل ـ مالغا خۇشتار، ئاچكۆز ئاشۇ قېرىنداشلىرىم ۋە بىر قىسىم ئادەملەر سەۋەپ بولدى. بۇنىڭ سىر ـ ئەسرارىنى سۆزلەپ بېرىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلدۈرۈپ ئاندىن بۇ دۇنيادىن كۆز يۇمۇشقا بىر ياخشى دوست ئىزدەپ، كۈتۈپ يۈرگەنىدىم. بۇ دوست سىز بولۇپ چىقتىڭىز. ئولتۇرۇڭ، ھاۋاخان ئايلام ئىزدەپ كېلىپ بولغىچە بۇ ئەسرارنى سۆزلەپ بېرەي،- دېدى ئۇ. ئىتائەتمەنلىك بىلەن يېنىدا ئولتۇرۇپ گېپىگە قۇلاق سالدىم.

     

    7

     

    ئايكۆلدىكى ئۇرۇش ناھايىتى دەھشەتلىك بولدى③. مەن شۇ چاغدا مەجبۇرى ئەسكەرلىككە تۇتۇلغاندىن كېيىن ئابدۇنىيازنىڭ قول ئاستىدىكى بىر لىيەنگە ئەسكەر قىلىپ قوشۇۋېتىلگەنىدىم. قىسىملىرىمىز يەكەن، مارالبېشى، كەلپىن، ئۈچتۇرپان... قاتارلىق جايلاردا، شېڭ شىسەيگە قارشى مۇۋەپپەقىيەتلىك جەڭلەرنى قىلغان بولساقمۇ، ئوق ـ دورا، ئوزۇق ـ تۈلۈكلىرىمىز تۈگەپ كېتىپ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدۇق ۋە ئايكۆل بازار، ئەتراپىدىكى كەنت ـ مەھەللىلەرگە، پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگە چۈشۈپ پاناھلىنىپ تۇرغان ئىدۇق. كۈتۈلمىگەندە شېڭ شىسەينىڭ ئۆلكە ئارمىيىسى ۋە روسىيىلىك ياللانما كازاك ئورۇس قىسىملىرى موتۇرلاشقان تانكا، ئايروپىلانلار بىلەن جابدۇلغان كۈچلۈك ھەربىي ئۈستۈنلۈكىگە تايىنىپ بىزنى قورشىۋالدى. ئابدۇنىياز قىسىملىرى بەرداشلىق بېرەلمەي ئاۋاتقا قاراپ چېكىنىپ، غورو چۆلدە پۈتۈنلەي تارمار قىلىندى.

    مەن ۋە بىر بەندە ئەسكەر بولغان شايارلىق بارات ئىككىمىز قىسىملىرىمىز چېكىنىۋاتقاندا بۆلۈنۈپ كېتىپ ئايكۆلدىلا كازاكلارنىڭ قولىغا ئەسىرگە چۈشۈپ قالدۇق. بىزنى ئەسىرگە ئالغىنى كازاك ئورۇسلاردىن تەشكىللەنگەن قىسىمنىڭ بىر پېيى ئىدى.

    -ھە، سەنمىدىڭ؟- دېدى بىرسى ئۆزبېكچە شېۋە بىلەن، ماۋۇ باراتقۇ دەيمەن!

    چارچاش، قورقۇنچ سەۋەبىدىن ماغدۇرسىزلىنىپ يەرگە ساڭگىلاپ كەتكەن بېشىمنى پىشانەمدىن تۇتۇپ كۆتۈرگەن ھالدا ئالدىمدا دىميان زاخارۇۋىچ تېفۇنۇف شاڭۋىي ئەجەبلىنىپ قاراپ تۇراتتى. ئۇنىڭ يوغان ـ گەۋدىلىك قامىتى، ئاق سېرىق چىراي، چېقىر كۆزلىرى، يارىشىملىق بۇرۇتلىرى، ئۆز ۋاقتىدىكىدەك تۇرۇپتۇ. شېڭ شىسەي ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي فورمىسىنى كىيگەن، تاسما، كەمەرلەر بىلەن ئورالغان بەللىرىدە قىلىچ، تاپانچا ئۇنى سۈرلۈك، ھەيۋەتلىك كۆرسىتىپ تۇراتتى. مەن 32-تۈۋەندىكى④چاغدا بۇ كازاك ئوفىتسېر، بىزگە قورال ـ ياراغ ھەربىي تەلىم ـ تەربىيە دەرسلىرىنى ئۆتىدىغان ھەربىي ئوقۇتقۇچى⑤ئىدى. مىجەزىم ئوبدان، يۇۋاش، سەمىمىي بولغىنىم ئۈچۈن ئۇنىڭغا ياراپ قېلىپ ئۆزىگە مۇھاپىزەت خىزمەتچىسى قىلىۋالغانىدى. مەنمۇ ئۇنىڭغا سەمىمىي، سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلغانىدىم. يولىمىز ئوخشىماي دۈشمەنلىشىپ ئاخىرىدا قىسمەت يەنە ئۇنىڭ ئالدىغا ئەسىر قىلىپ ئەپكېلىپ قويغىنىنى قارىمامدىغان!

    -دىميان شاڭۋېي، مېنى كەچۈرۈڭ!- دېدىم ئۇنىڭغا خىجالەت ئارىلاش ئۈمىد بىلەن تىكىلىپ.

    -سەن ئەقىللىق، ياخشى بالىدىڭ. قانداقسىگە ئىسيانچىلارنىڭ ئارىسىغا قېتىلىپ قالدىڭ؟

    -كەچۈرۈڭ شاڭۋىي، ئەسكەر دېگەن شۇ ئىكەن. گاھ ئۇياققا، گاھ بۇياققا ئۆتۈپ قالىدىكەنمىز. شارائىت ئۆزگەرگەندە تاللىۋىلىش قىيىن بولىدىكەن. بۇيرۇققا بويسۇنمىساق كاللىمىزغا ئوق يەيمىز ـ شۇ!

    -31 ـ تۈەندىكىلەر ئىسيانچىلارغا قوشۇلماي⑥بىز تەرەپتە قالدىغۇ؟ ھازىر بىز بىلەن بىر سەپتە ئىسيانچىلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ. سېنىڭمۇ بىز تەرەپكە ئۆتۈش ئىمكانىيىتىڭ بار ئىدىغۇ؟

    - ئىمكانىيىتىم بولسا شۇنداق قىلىمەنمۇ شاڭۋېي، ئۈستىمىزدە ئوفىتسىرلار نازارەت قىلىپ تۇرسا، بايا دېدىمغۇ سەللا كېتىپ قالساق بېشىمىزغا ئوق يەيمىز دەپ. بۇنى سىزمۇ چۈشىنىسىز...

    -ئەقىللىق ھە! تۆمۈر،- دېدى دىمىيان شاڭۋېي قۇۋلۇق بىلەن يوللۇق ئاساس تېپىپ بەرگەن جاۋابىمدىن مەمنۇن بولغان ھالدا كۈلۈپ كېتىپ،- يارايسەن، جاۋابىڭ ئورۇنلۇق. ئەمدى نېمە قىلساق بولار سېنى؟

    -قانداق قىلسىڭىز ئىختىيارىڭىز شاڭۋېي. لېكىن سىز بىر ھىممەتلىك، كېرەملىك ئادەمسىز، مەن بىر مەجبۇرىي ئەسكەرلىككە تۇتۇلغان ئادەم. ئاددىي ئەسكەر، سىزنى رەھىم قىلار دېگەن ئۈمىدتىمەن.

    -ھىم،- دېدى دىمىيان شاڭۋېي قىينالغاندەك بىر ئەلپازدا ۋە بىردەم شۈكلەپ كەتتى ـ دە، ئاندىن بىردىنلا جانلىنىپ،- ھۆكۆمەتنىڭ بۇيرۇقى ئىسيانچى ئەسىرلەرنى توپلاپ دۇبەننىڭ رىژىم ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇش ئىدى. خەير، بوپتۇ. مەن ساڭا ئىشىنىمەن تۆمۈر. ساڭا رەھىم، ياخشىلىق قىلىپ ئۆلۈم ۋە تۈرمە كۈلپىتىدىن خالاس قىلىپ قوياي. لېكىن ماڭىمۇ ئالا كۆڭۈللۈك قىلماي ياخشىلىق قىلىسەن، نازۇك بىر خىزمىتىم بار. شۇنى سادىقلىق بىلەن بېجىرىسەن!

    -جان ـ تېنىم بىلەن!...

    -بۇلارغا مۇسۇلمانچە تاماق ۋە چاي كەلتۈر!- دەپ بۇيرىدى شاڭۋېي بىر كازاك ئەسكەرگە.

     

    • *

     

    بىزنى بىر دېھقاننىڭ ئۆيىگە سولاپ قويدى. ئاش تامىغىمىز ياخشى ھاردۇقلىرىمىزمۇ چىقىپ قالغانىدى. تاڭ سەھەردىلا كارناي ئاۋازىنى ئاڭلاپ قىسىملار ئالدىراپ سەپ بولۇشقا باشلىدى. ئۆلكە ۋە ياللانما كازاك قىسىملىرى، ئايكۆلدىن، ئاۋاتقا چېكىنگەن ئىسيانچى قىسىملارغا قوغلاپ زەربە بېرىشكە ئاتلىنىش ئالدىدا تۇراتتى.

    ئىشىك ئېچىلىپ بىر ئەسكەر «سىلەرنى دىمىيان شاڭۋېي چاقىرۋاتىدۇ» دېدى.

    ھويلىغا چىقساق دىمىيان شاڭۋېي بىزنى يالغۇز كۈتۈپ تۇرغان ئىكەن. ئۇ قول ئاستىدىكىلەرگە مۇئاۋىن ليەنجاڭنى مەسئۇل قىلىپ ماڭغۇزىۋېتىپ ئايرىلىپ قالغان چېغى. نېرىدىكى تۈۋرۈكتە تومپايغان خۇرجۇن قاچىلار ئارتىلغان بىر قېچىر ۋە ياخشى ئىگەرلىنىپ جابدۇلغان دىمىيان شاڭۋېينىڭ قارا ئارغىمىقى تىپىرلاپ تۇراتتى.

    -تۆمۈر بۇياققا كەل!- دەپ چارقىردى دىمىيان شاڭۋېي ئاندىن باراتقا قاراپ،- سەن شۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇر – دېگىنىچە مېنى باشلاپ خاس بىر ئۆيگە ئېلىپ كىردى. ئولتۇرغاندىن كېيىن بىردەم ئولتۇرۇپ كېتىپ ئاندىن ئوچۇق ـ يورۇق ھالدا مۇددىئاسىنى بىلدۈردى.

    -تۆمۈر، ئەمدى ماڭا خىزمەت قىلىدىغان پۇرسىتىڭ كەلدى. بۇنىڭ بەدىلىگە سەن ئەركىنلىككە، ھاياتلىققا ئېرىشىسەن ۋە ساڭا تۈەن شتابىنىڭ تامغىسى بېسىلغان كاپالەت خېتى يېزىپ بېرىمەن. ھەرقانداق جايدا، ھەرقانداق ئەھۋالدا، مەيلى ھۆكۆمەت ياكى باشقا تەرەپ بولسۇن، «ئىسيانچى» دەپ تۇتماقچى بولسا بۇ خەتنى كۆرسەتسەڭ نىجاتلىققا ئېرىشەلەيسەن. سەن بۇ خىزمەتنى سەمىمىي نىيىتىڭ، ماڭا بولغان ئىخلاس ساداقىتىڭ بىلەن، ھەرقانداق قىيىن ئەھۋالدىمۇ، ئازدۇرغۇچى بېسىملارغىمۇ بەرداشلىق بېرىپ ئاخىرىغىچە قىلىسەن. ئەگەر مەن يۈرۈشكە ئاتلىنىپ كېتىپ قالسام ۋە ياكى جەڭ مەيدانىدا بىر خېيىمخەتەرگە يولۇقسام، تەلەي كېلىپ ھايات قالسام، «ئۇ كازاك ئەمدى مېنى تاپالمايدۇ، بۇ يەرلەرگە قايتا كېلىپ يۈرمەيدۇ» دەپ خام خىيال قىلىپ، نىيىتىڭنى بۇزۇپ سەمىمىيەتسىزلىك قىلساڭ، ھاياتىڭ ھەمىشە ئۆلۈم خەتىرى ئىچىدە بولىدۇ. مېنىڭ موشۇ قىسىمنىڭ باشقا بىر ليەندە خىزمەت قىلىۋاتقان سىتپان زاخارۇۋىچ تىفۇنوف ئىسىملىك بىر ئىنىم بار. شۇنىڭغا ھەممە ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ تاپىلايمەن. ئاكا ـ ئۇكا ئىككىمىزنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ھادىسىگە ئۇچرىشىمىز ناتايىن. ئۇ ھەرقانداق ئەھۋالدا، ھەرقانداق سالاھىيەت بىلەن بۇ يەرنى ئىزدەپ تېپىپ كېلەلەيدۇ. ئۇمۇ كېلەلمىسە كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىز تاپالايدۇ. ئەگەر ۋەدىگە ۋاپاسىزلىق قىلساڭ چوقۇم ھالاك قىلىنىسەن. سەنلا ئەمەس، ئۇرۇق ـ ئەۋلادىڭ، مەھەللە، خەلقىڭمۇ بۇنىڭ سىرتىدا قالمايدۇ. چۈنكى ۋەدە ـ ۋاپاغا خىيانەت قىلدى دەپ شۇنداق قىلىمىز. بىز كازاكلار ۋاپا ـ ساداقەتنى بەك چوڭ بىلىمىز. شۇ قاتاردا دۈشمىنىمىزگە رەھىمسىز، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كۈچ ئۇلاپ ئىز قوغلاپ قىساس ئېلىش خاراكتىرىگە ئىگە بىر خەلقمىز. گېپىمنى چۈشىنىۋاتامسەن؟

    دىميان شاڭۋېي ماڭا سىناق نەزىرى بىلەن جىددىي بىر قاراپ قويدى.

    -چۈشىنۋاتىمەن شاڭۋېي.

    -چۈشەنگەن بولساڭ ناھايىتى ياخشى. مەن نېمىشقا بۇ خىزمەتكە ئۆزىمىزنىڭ كازاكلىرىدىن ياكى باشقىلاردىن ئادەم تاللىماي سېنى تاللاپ قالدىم؟ چۈنكى سېنىڭ سەمىمىيىتىڭگە، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە توغرا مۇئامىلە قىلالايدىغان بىر يىگىت ئىكەنلىكىڭگە ئىشەنگەنلىكىمدىن، بۇ خىسلەتلىرىڭنى ماڭا كانۋوي بولۇپ يۈرگەن چېغىڭدىلا بايقىغانىدىم. قارا ئۇكام، ھازىر قىلىدىغان خىزمىتىڭ پەقەت خۇسۇسىي ئىشلار دائىرسىگە كىرىدۇ. ھۆكۆمەت ۋە ھەربىي خىزمىتى بىلەن ئالاقىسى يوق.

    -ماڭا بولغان ئىشەنچىڭىزگە رەھمەت! ماڭا ئاخىرغىچە ئىشىنىڭ. ئىشەنمىسىڭىز خىزمەت تاپىلىماڭ! قېنى ئېيتىڭ، قانداق خىزمەت ئىدى؟

    -يارايسەن يىگىت! بىر ئاز كۈت. گېپىمنى ھەممىسىنى دەۋالاي ئاندىن...

    ئۇ تاماكا ئوراپ ئىككى ـ ئۈچ شورىۋالدى ـ دە، ئاندىن كۈلۈمسىرىگەن چېقىر كۆزلىرى بىلەن ماڭا تىكىلىپ گېپىنى داۋام قىلدى.

    -بىز ئورال كازاكلىرىنىڭ ئەۋلادىدىن بولىمىز. ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئەسكەرلىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈپ كەلگەنلەر. 20 ـ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاتام قىسىمدىن ئاجراپ تاشكەنتتە تۇرۇپ قالغان. مەن شۇ يەردە ئوقۇپ، ئۆزبېك ۋە باشقا تۈرك بالىلىرى بىلەن ئارىلىشىپ ئۆستۈم. ئۇلارنىڭ تىل ـ تۇرمۇشىنى ئوبدان ئۆگەنگەنمەن. ئىنىم بىلەن ھەربىي مەكتەپنى تاماملاپ خىزمەتكە چىقىدىغان چاغدا، سوۋېت ھاكىميىتى دەۋرى باشلاندى. ئائىلىۋى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەسكەرلىك تارىخىدا مەسىلە بار دەپ قارالغانلىقتىن بىر توپ كازاكلار بىلەن جۇڭگوغا = ئىلى تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ يەرلەشتۇق. ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۆلكىدە يېغىلىق⑦ بولۇپ، شېڭ شىسەيگە ھەربىي كۈچ لازىم بولغانلىقتىن، سوۋېت ھۆكۆمىتىنىڭ ئارىغا كىرىشى بىلەن، ئىلىدا يەرلەشكەن كازاكلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، يۇقىرى مائاش ۋە ئىمتىيازلار بەدىلىگە كاتتا بىر ئەسكىرى قىسىم تۈزدى. ياخشى ياشاش، ياخشى تۇرمۇش ئۈچۈن ئەسكەر بولدۇق. مانا كۆرۈپ تۇرۇپسەن، ئاشۇ ئىش ئۈچۈن سېنىڭ بىلەن دۈشمەنلىشىپ، قانسىرىشىپ يۈرۈپتىمىز، خوش...

    -دەۋېرىڭ شاڭۋېي.

    -كۆردۈڭ، قېچىر ئۈستىدىكى يۈكلەرنىڭ ھەممەسى تىللا ۋە زىقچا ئالتۇنلار. راستىنى ئېيتسام مەن بۇنى جەنوبىي شىنجاڭدا تىنچ ۋە ئۇرۇش دەقىقىلىرى ئىچىدە، توپ ۋە پارچە ھالدا ئولجا يىغىپ توپلىغانمەن. ئۇدۇل ئېيتساق بۇلاڭ ـ تالاڭ دەپ چۈشەنسەڭمۇ بولىدۇ. نامرات پۇقرالاردىن ئەمەس، ئۇلاردا كۆپ ئالتۇن ـ كۆمۈشمۇ يوق. بايلاردىن، ئەمەلدارلاردىن يۇلۇپ ئېلىپ ناھايىتى قىيىندا توپلاپ يۆتكەپ يۈرۈپ چاندۇرماي بۇ يەرلەرگە ئېلىپ كېلەلىدىم. قىل كەتسە سېزىلىپ قېلىپ بېشىمنىڭ كېتىدىغانلىقىنى، بۇ ئالتۇنلارنىڭ باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشى قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا تۇرىدۇ. نېمىشقا شۇنداق قىلىۋاتقىنىمنى چۈشەنگەنسەن؟ شۇ كۈنلەردە ھەممىسى، ئاۋارىچىلىق تارتماي ياخشى يېيىش، ياخشى كىيىش، ياخشى كۈن ئۆتكۈزۈش، كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا خارلانماي ياشايدىغان ياخشى بىر تۇرمۇش ئىزى قالدۇرۇش ئۈچۈن پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي مال ـ دۇنيا توپلاۋاتىدۇ. قارىماققا بۇ بىر ئىپلاسلىقتەك كۆرۈنىدۇ. تىنچ ۋاقىتلاردا دېھقانچىلىق قىلىپ ياكى باشقا ھالالراق بىر كەسىپ تېپىۋېلىپ جاپا تارتساممۇ توغرا ياشاي دەپ ئويلىۋىدىم، ھېلىمۇ شۇ ئويۇم بار. ئەمما ھازىر دېگەن ئۇرۇش بولۇۋاتقان ۋاقىت. ھەممىسى شۇنداق قىلىشىۋاتىدۇ. ئوبدانراق بىرەر نەرسە كۆزىگە ئىلىنسا «ھۆكۆمەت غەزىنىسىگە تاپشۇر!» دەپ بۇيرۇيدۇ ـ دە، ئېپىنى تېپىپ چۆنتىكىگە سالىدۇ. مەن قىلسام نېمىشقا بولمايدىكەن؟! قارا ئۇكام، شېڭ شىسەينىڭ ئۆزىمۇ، ھۆكۆمەت ئاپپاراتلىرىمۇ چىرىك، پۇرسەتپەرەس، ئەمەلدارلىرى قانداق بولماقچى؟ ھازىرقى ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە ھەممە ئىشلار مالىماتاڭ. بىزنىڭ كازاك گېنىراللىرىمىزمىغۇ سېپى ئۆزىدىن نەپسانىيەتچى ـ ئوغرىلار! ئەقەللىيسى بۇ يىغقان ئالتۇنلارنى ئەخلاق ـ ساداقىتىم بىلەن خەزىنىگە تاپشۇرسام بولاتتى. لېكىن خەزىنىگە كىرگەندىن كېيىن خەلققە پايدىلىق ئىشلارغا ئىشلىتەمدۇ ياكى ئاشۇنداق لاي سۇدا بېلىق تۇتىۋاتقانلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كېتەمدۇ؟ بىر نېمە دېمەك تەس. شۇڭا ئۆزۈملا بىر تەرەپ قىلىش نىيىتىگە كەلدىم. ئىلگىرى چاندۇرماي ئېلىپ يۈرگەن بولسام، ئەمدىلىكتە يۈك زورۇيۇپ ئېلىپ يۈرمەك قىيىنلاشتى. ئالدىمىزدا قاتتىق قانلىق جەڭلەر بولىدىغاندەك قىلىدۇ. ئىسيانچىلارنىڭ قارشىلىقى قاتتىق. ھايات ـ ماماتلىق جەڭدە تەقدىرىمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. ھازىر شتاپ تاپشۇرغان خىزمەت پۇرسىتى بىلەن يىگانە بولۇشقا يول چىقىپ قالدى. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلنىپ، ئالتۇنلارنى موشۇ يۇرتنىڭ خىلۋەت ـ بەلگىلىك بىر يېرىگە سېزىلمىگىدەك قىلىپ يوشۇرۇپ قويايمىكىن دەيمەن. كېيىن جاھان تىنچىغاندا، ئىشەنچىلىك سالاھىيەت بىلەن كېلىپ ئېلىپ كەتمەمدىمەن. ئۇرۇشمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلمايدۇ. شۇڭا بۇ ئىشقا سېنى ۋاستىچى، ئامانەتچىم قىلىپ تاللىدىم. ھەرقانداق قىيىنچىلىق، خەۋپ ـ خەتەرگە قارىماي ساقلاپ بېرىسەن!

    -مۇددىئايىڭىزنى تامامەن چۈشەندىم. ئىشەنچىڭىزنى رەھمەت! ئويلىغىنىڭىزدەك قىلايلى. سىزگە ئاخىرغىچە سادىق بولىمەن.

    -ماۋۇ خەنجەر،- دېدى دىميان شاڭۋېي دەستىسىگە گۆھەرلەردىن كۆز قويۇلغان، يالتىراپ تۇرغان بىر قوش بىسلىق خەنجەرنى قولىغا ئېلىپ، سېنى ياخشى ـ يامانلاردىن ساقلىيالايدۇ. ۋاقتىنچە بۇنى ساڭا قالدۇرىمەن. ئېتىلىدىغان قورال قالدۇرسام ئەپسىز. ھۆكۆمەتنىڭ نەزىرىگە چۈشىسەن. قارا! بۇ ئاجايىپ خاسىيەتلىك خەنجەر، قىممەتلىك قورال. بوۋام ئۆز ۋاقتىدا مالۇروسىيە (ھازىرقى ئوكرائىنا) چېگرالىرىدا تۈركلەر بىلەن بولغان جەڭدە، بىر يوقۇرى دەرىجىلىك تۈرك ئوفىتسېرىنىڭ قولىدىن ئولجا ئالغان ئىكەن. بۇنىڭ خاسىيىتى شۇكى دەستىسىدىكى ماۋۇ كونۇپكىنى باسساڭ خەنجەرنىڭ تىغىدىن ئادەمنى ۋەھىمىگە سېلىپ قورقۇنچ پەيدا قىلىدىغان، پېتىنالماس قىلىپ قويىدىغان، كۆزگە كۆرۈنمەس، ئاۋازى چىقماس بىرخىل دولقۇن تارىلىدۇ. ئۇخلىغان چېغىڭدا ئېچىپ قويساڭ ئۈنۈمى كۈچلۈك بولىدۇ. بۇ خەنجەر ئەسلىدە فىرانسىيىدە فىرانسۇز پىچاق ئۇستىلىرىنىڭ پاراسىتى بىلەن كاتتىلار ئۈچۈن مەخسۇس بۇيرۇتۇپ ياسالغان بولسا كېرەك. كېيىن ھېلىقى تۈرك ئوفىتسېرىنىڭ قولىغا ئۆتكەن، ئاندىن بوۋامنىڭ قولىغا، ھازىر بولسا مېنىڭ قولۇمدا. ئەمدىلىكتە  ۋاقىتلىق بولسىمۇ سېنىڭ قولۇڭغا ئۆتىدۇ. ئاسراپ تۇت، كېيىن قايتۇرۇپ بېرىسەن. تۇرمۇشۇڭنى يولغا سېلىشىڭ ئۈچۈن ھازىرچە ماۋۇ 100 تىللانى ئېلىپ تۇرغىن، كېيىن ئىش پۈتكەندە ساداقىتىڭگە قاراپ سېنى ئوبدان رازى قىلىمەن!

    -خەنجەرنى قولۇمغا ئالدىم. (تۆمۈر ئاكام ھېلىقى، ئۆزىنى بوزەك قىلماقچى بولغانلارغا شىلتىپ قورقىتىدىغان خەنجەرنى كۆرسەتتى) تىللالارنى رەت قىلسام دىمىيان شاڭۋېي:

    -ئالغىن! ئاز كۆرۈپ قالدىڭمۇ يە؟ ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە پۇل ئادەمنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى. تۇرمۇشىمىز بار ئەمەسمۇ؟ لازىم بولىدۇ. ساندۇقلار پېچەتلىۋىتىلگەنلىكتىن جىقراق ئالالمىدىم. كېيىن ياخشى رازى قىلىمەن.

    -ياق، مەقسىتىم پۇل ئەمەس شاڭۋېي.

    -كۆڭلۈڭنى چۈشەندىم. لېكىن بۇ تىللالارنى ئالغىن! رەت قىلما! تېزرەك بولايلى، مەن قىسىمغا يېتىشۋېلىشىم كېرەك. ئىشەنچىلىك بىر يەرنى تاللا، كۆمىۋېتەيلى. ئىككى پارچە خەرىتە سىزىمەن بىرى مەندە، بىرى سەندە بولىدۇ. كېيىن توغرىلاشتۇرۇپ تېپىپ ئالىمىز.

    -بولىدۇ، مېنىڭچە ئايكۆلنىڭ تامباغ كەنتى دائىرسىدىكى چوڭ ئەشمە كۆلنىڭ نېرىقى قىرغىقىغا يانداش پايانسىز قۇملۇق ئەڭ بىخەتەر ـ خىلۋەت جاي. شۇ قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرسىدا بىر تېتىر تۈزلەڭدە چوختا دەپ ئاتىلىدىغان ئېگىز، قەدىمكى بىر تور بار. شۇ ئەتراپقا جايلاشتۇرايلى.

    -كۆزگە چۈشۈپ قالماس ـ ھە؟ كېيىن تاپالماي قېلىپ...

    -تور بار ئەمەسمۇ؟ ناۋادا قۇم كۆچۈپ قالسىمۇ، تور كۆچمەيدۇ. تورنى بەلگە قىلىپ تېپىۋالىمىز. مېنىڭچە مۇقىملىنىپ كەتكەن بۇ قۇملار كۆچمەيدۇ. خەرىتىنى ئەشمە ۋە تورنى ئاساس قىلىپ سىزىڭ.

    -ياخشى، جۈرە ئەمىسە!

    سىرتقا چىقتۇق. كۈن ناماز دىگەرگە قايرىلغان، ئەتراپ جىمجىت بىرەر ئەسكەرمۇ قالمىغان. بازار ۋە مەھەللە ئىچىدىمۇ ئادەم قارىسى كۆرۈنمەيتتى. ھەممىسى ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكى بىلەن چۆچۈشۈپ ئۆزلىرىنى خىلۋەتكە ئېلىشقان، بىزگە ھېچكىممۇ دىققەت قىلمايتتى. باراتمۇ بىزگە قوشۇلىۋالدى. بازارنىڭ چېتىگە چىققاندا دىميان شاڭۋېي بىردىنلا توختىدى ـ دە، مېنى چەتكە تارتىپ خەۋپسىرىگەن ھالدا:

    -باراتنى نېمىشقا قوشىۋالىمىز؟ بۇ ئىش ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرسىدىلا بولسۇن، مەن ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن، ئۇنى ئېتىۋېتەي،- دېدى.

    -مېنى قويۇپ ئۇنى ئېتىۋەتسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ ئۇ مېنى ساتقىن دەپ قالمامدۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن يىل بىللە بولدۇق. خېلى تۈزۈك ئادەم، بارىۋەرسۇن.

    -سەن بەك ئاق كۆڭۈل يىگىت تۆمۈر. بەزىدە زىيادە ئاق كۆڭۈللۈكمۇ باشقا بالا بولىدۇ. ئۇنىڭ ھەربىر ھەرىكىتى، قاراشلىرىدىن شۇملۇق چىقىپ تۇرىدۇ. گەپ ـ سۆزلىرىدە سەمىمىيەت يوق. قىسىمدىكى چېغىمدىمۇ كاززاپ بىرنېمە ئىدى. تۆمۈر، ئادەمنى چۈشەنمەك بەك تەس. بىز جان بىلەن ئوينىشىۋاتىمىز. توسما ئۇنى ئېتىۋېتەي!

    -ئۇنداق قىلماڭ شاڭۋېي! شاياردا قېرى ئاتا ـ ئانام بار دېگەن ئىدى. پىراق تارتىپ قالمىسۇن، ھېچ بولمىغاندا ئۆز يۇرتىغا قايتۇرىۋېتەيلى!

    -ھەي، سەن يامان ئارىغا كىرىۋالدىڭ، ئاخىر بېشىمىزغا بالا بولامدىكىن دەپ قورقۇۋاتىمەن. دېدىمغۇ، ئۇنىڭدا سەمىمىيەت يوق دەپ، خەير لەۋزىڭنى ئالاي!

    دىميان شاڭۋېي باراتقا قارىدى ـ دە بۇيرۇق تەلەپپۇزدا:

    -ھەي بارات! سەن نېمە بىزگە ئەگىشىپ يۈرۈيسەن؟ بىز بىر مەخپىي ھەربىي مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن كېتىۋاتىمىز. سېنى ئېتىۋېتىشىم ياكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئەسىر سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈپ بېرىشىم مۇمكىن ئىدى. بىراق سەبدىشىڭ تۆمۈر پاناھىغا ئېلىپ يالۋۇرۇپ تۇرىۋالدى. تۆمۈرگە مىننەتدارلىق بىلدۈر! دەرھال بىزدىن ئايرىلىپ يۇرتۇڭغا كېتىۋال! ئەگەر ئارقىمىزدىن ئەگەشسەڭ، كۆزەتسەڭ مانى كۆردۈڭمۇ؟- ئۇ تاپانچىسىنى ئوينىتىپ قويدى. بارات رەھمەت ـ تازىملارنى قىلىپ بىزدىن ئايرىلدى ـ دە، كۆزدىن غايىپ بولدى. شاڭۋېي ئىككىمىز ئىشلارنى پىلاندىكىدەك جايلاشتۇرۇپ ئاندىن چوڭقۇر ۋىدالىشىپ ئىككى تەرەپكە ئايرىلدۇق.

     

                            *   *

     

    مەجبۇرىي ئەسكەرلىككە تۇتۇلۇپ ئۆيدىن ئايرىلغىلى تۆت يىل بوپتۇ. شۇندىن بېرى ئائىلىمىزگە بىر قېتىممۇ كېلىپ باقمىغان ئىدىم. بۇ قېتىم قىسىملىرىمىز ئايكۆلدە پاناھلىنىپ تۇرغاندىمۇ يىراق بىر كەنتكە چۈشكەنلىكتىن يوقلاپ كېلىشكىمۇ ۋاقىت چىقىرالمىغان ئىدىم. ھەربىي تۈزۈم قاتتىق ئىدى.

    مەھەللىگە قايتتىم. كەلسەم بىزنىڭ ئائىلىمىز جايلاشقان مەھەللە بومباردىماندا ئاساسەن ۋەيران بولۇپ كېتىپ، بىزنىڭ قورۇ جايىمىز ساق قاپتۇ. كىشىلەر تېڭىرقىشىپ يۈرگەندە مەھەللىنىڭ مويسىپىت دانالىرى باشقا يەرگە يېڭىدىن مەھەللە قۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن ئىكەن. جامائەت بىر پارچە يەرنى تاللاپ ئۆي ـ جاي سېلىشقا تۇتۇش قىلىۋېتىپتۇ. ئاكام جامائەتتىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىماي يېڭى قورۇ ـ جاي سېلىشنى پىلانلاپ يۈرگەن ئىكەن.

    -قايتىپ كەلدىڭمۇ؟- دېدى ئاكام، مېنىڭ تەقى ـ تۇرقۇمغا قاراپ بىئاراملانغان كەيپىيات بىلەن،- ھالىڭ بىزدىنمۇ خاراب كۆرۈنىدۇ. ئەسكەرلىكتە تۈزۈكرەك بىرەر نەرسىگە ئېرىشەلمىگەندەك قىلىسەن. چاپىنىڭنىڭ ئەستەر قېتىدا ساقلىغان تەڭگە ـ پەڭگە دېگەنلەردىن باردۇ؟ ئەسكەر بولغانلارنى بېيىپ كەتتى دەپ ئاڭلىدۇق. ئەمدى قانداق قىلاي دەيسەن؟

    ئاتا ـ ئانام ھايات ۋاقتىدا بىز بەك مېھرىبان ئاكا ـ ئۇكىلاردىن ئىدۇق. ئاكامنىڭ گەپلىرى يۈرىكىمگە بەك قاتتىق تەگدى. ئۇ يات ئادەمدەك گەپ قىلىۋاتاتتى.

    -قانداق قىلاتتىم ئاكا، تۇغۇلغان يۇرتۇم، ئاتا ـ ئانام چىققان زېمىن، ئۇرۇق ـ تۇغقان، دوست ـ بۇرادەرلىرىم توپلاشقان ماكان دەپ يەنە مۇشۇ يەرگە قايتىپ كەلدىم. بىر ـ بىرىمىزگە باشپاناھ بولۇشۇپ، مېھرىبان ئاكا ـ ئۇكىلاردىن بولۇشۇپ، ئۆتەرمىز ـ شۇ! ئەسكەرلىك دېگەن شۇكەن، باشقىلار بېيىدىمىكىن تاڭ، لېكىن مەن ئەسىرگە چۈشۈپ قالدىم. مىڭ بىر جاپادا ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قېچىپ كەلدىم. ئاپام ـ دادامنىڭ قازالاپ كەتكىنىنى بىر دېھقاندىن ئاڭلىدىم. لېكىن كېلەلمىدىم. ئاكام، يەڭگەم، بالىلار ماڭا ئۇزۇنغىچە يەر تېگىدىن قاراپ ئولتۇردى. ئاخىر ئاكام ئوڭايسىزلىنىپ ئېغىز ئاچتى.

    - دادام ـ ئاپام سەن ئەسكەرلىككە كېتىپ قالغاندىن كېيىن ئارقا ـ ئارقىدىن كېسەل بولۇپ قازالاپ كەتتى. مەۋلانەم مازىرىدا قويدۇق. مەن بالا ـ چاقىلىق بولدۇم. قورۇ ـ جاي سېلىپ يېڭى مەھەللىگە كۆچۈپ چىقماقچىمەن، سەن كونا قورۇدا قالغىن.

    - تېخىچە ئۆيلىنەلمىدىم. ئادەم قالمىغان بۇ خارابىلىكتە ھوقۇشلار بىلەن سىردىشىپ ئولتۇرىمەنمۇ؟ ئاكا، مەنمۇ سەن بىلەن يېڭى مەھەللىگە كېتەي. خالىساڭ بىرگە تۇرايلى. بولمىسا مەنمۇ يېڭى قورۇ ـ جاي سېلىپ ئولتۇراي. ئۆيلىنىۋالاي. بىر ـ بىرىمىزگە يار ـ يۆلەك بولۇپ ئۆتەيلى ئاكا!

    -ئۆزۈڭ كۆردۈڭ، بومباردىماندا ھەممە نەرسە ۋەيران بولدى. ئاتا ـ ئانامنى يەرلەپ، نەزىر ـ چىراغلىرىنى قىلدىم. چىقىمدار بولدۇم. ئۇششاق بالىلىرىم بىلەن مېنىڭمۇ ھالىم خاراب. ساڭا ياردەم بېرەلمەيمەن. مادارىڭ يەتسە باشقا قورۇ ـ جاي سېلىپ ئۆز كۈنۈڭنى ئۆزۈڭ ئال. ۋاقتىنچە مۇشۇ كونا قورۇدا يېتىپ قوپۇپ يۈرگىن. ئۆزۈڭنى ئوڭشىۋالغىچە ئاش تامىغىڭنى بىزنىڭكىدە يەپ تۇرارسەن...

    ھەممە ئىش ئايان بولدى. بۇرۇنقى مېھرىبان ئاكام قالماپتۇ. ئۇ پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن. ئاتا ـ ئانام ھايات چېغىدا يەر ـ زېمىن، باغ ـ قورۇ، مال ـ چارۋىلار، پۇل ـ بىساتلار تەل، خېلى ھاللىق ئائىلە سانىلاتتۇق. بومباردىماندا قورۇ ـ جايلىرىمىز ساق قاپتۇ. پۇل ـ بىسات، چارۋا ـ ماللارنىمۇ قۇتقۇزۇپ قالغاندۇ؟ لېكىن ئاكام ئۇرۇشنىڭ كۈلپەتلىرىنى باھانە قىلىپ، مىراسخورلۇق قىلامدىكىن دەپ ھەممىنى يوققا چىقارغىلى،تۈگۈلىۋېلىپ مېنى شۇنداقلا چەتكە چىقىرىۋېتىشنى نىيەت قىلىۋاتقانلىقى گەپ ـ سۆز مۇئامىلىلىرىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرۇپتۇ.

    ئەسلىدە مەن بېشىمدىن ئۆتكەنلەرنى، ھېلىقى كازاكنىڭ ئامانەت ـ ۋەسىيىتى، ماڭا بەرگەن تىللالار... ھەممىسىنى راستچىللىق بىلەن ئاكامغا يورۇتۇپ، ۋەدىگە بىرلىكتە ۋاپا قىلىشنى، ئۇ كازاك قاچان كەلسە ئامانىتىنى ساق ـ سالامەت تاپشۇرۇشنى دەپ، قولۇمدىكى تىللالارنى ئالدىغا قويۇپ «تاپقىنىم شۇ ئاكا! ئاتاممۇ سەن، ئاناممۇ سەن، مەن تەجرىبىسىز بىر يېتىم، سەن باش بولۇپ بېشىمنى ئوڭلا، ئىناق قېرىنداشلاردىن بولۇپ بىرگە ئۆتەيلى» دىمەكچى ئىدىم. ئاكامنىڭ نىيەت ـ ئەلپازىنى كۆرۈپ، بۇ ئويۇمدىن دەرھال يالتايدىم. ھەي دەپىن ـ دۇنيا! ئۇ ئادەمنى شۇنداق تېز ئۆزگەرتەلەيدىغان قۇدرەتلىك نەرسىمىدۇ؟ ئەگەر ھېلىقى گەپلەرنى دېسەم ئاكام دەرھال نىيىتىنى بۇزغىدەك. ئۇ چاغدا چاتاقنىڭ يوغىنى چىقىدۇ. ئەتراپقا يېيىلىدۇ. ھۆكۆمەتنىڭ قۇلىقىغا يېتىدۇ. تىنچ ئۆتۈپ كەتسىغۇ مەيلى، «بۇلاڭچىلىق» دېگەن بۆھتانغا ئايلىنىپ، بۇ دەپىن ـ دۇنيالار يەنە بىر بۇلاڭچىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشتىن سىرت، بىزمۇ ئامان قالمايتتۇق. ئەسكىرى تۇرمۇش ئىچىدە كاللا كېسىشكە كۆنۈپ كەتكەن ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ سەرسان بولۇپ يۈرگەن بۇ بىر توپ كازاكلارنىڭ قولىدىن ھەرقانداق شۇملۇقلار كېلەتتى. قۇتراپ توپلۇشۇپ كېلىپ «ۋەدەڭدە تۇرمىدىڭ» دەپ پۈتۈن كەنت مەھەللىلەرنى قىرغىن ـ ۋەيران قىلىۋېتىشتىن يانمايتتى.

    ئەسلىدە مەن ھېلىقى كازاكنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىشنىمۇ ئويلىغان. لېكىن ئۇ مېنى ئېتىۋېتەتتى. يەنە باشقا بىر ئادەم تاپالايتتى ياكى ئۆزى بىر ئامال قىلاتتى. مېنىڭ ئۆلگۈم يوق ئىدى. يەنە كېلىپ ئۇ كازاك بۇ ئىشتا ماڭا زور ئىشەنچ قىلىپ گەپنى ئوچۇق ـ راستچىللىق بىلەن قىلدى. شۇڭا يالتايغىلى بولمايتتى. مەندە ئۇنداق مەككارلىق خىسلەت يوق تۇرسا... شۇڭا ساقلاپ بەرگۈچى بۇرچۇمنى ئادا قىلسام بولدى، دەپلا ئويلاپتىمەن. لېكىن ئىشنىڭ ئاخىرىدا مۇرەككەپلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى، جېنىمغا ئېغىر خەۋپ كەلتۈرىۋالىدىغانلىقىمنى ئويلىماپتىمەن.

    قولۇمدىكى كازاك بەرگەن ئالتۇنلار بىلەن شەھەرگە ياكى باشقا بىرەر جايغا كېتىپ ماكانلىشىپ تىرىكچىلىك قىلىپ كېتەلەيتتىم. بۇ ئالتۇنلار تۇرمۇشۇمغا باياشات يېتەتتى. لېكىن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرت مېھرى، ئاتا ـ ئانامنىڭ قەدىم جايىدىن ئايرىلىشقا كۆڭلۈم ئۇنىمىدى. يەنە ھېلىقى ئامانەتلەرمۇ مېنى بۇ يەرگە مەھكەم باغلىۋالغان ئىدى. شۇڭا ئاكامنى چەتكە تارتىپ:

    -ئاكا، سېنىڭدىن نېمىنى يوشۇراتتىم. ئەسكەرلىكتە قىمار ئەۋج ئالغاندا مېنىڭ بىر پەيجاڭىم بىر قېتىملىق قىماردا ئامىتى كېلىپ نۇرغۇن تىللا ـ ئالتۇنلارنى ئۇتۇۋالدى. شۇ چاغدا كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن پەيجاڭنى قۇراللىق مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرغان ئىدىم. قىمار تۈگىگەندە ئازراق سۈركىلىشلەر بولسىمۇ، مېنىڭ سۈر ـ ھەيۋە قىلىشىم بىلەن تىنچ ئۆتۈپ كەتتى. پەيجاڭ خۇش بولۇپ كېتىپ، شۇ يەردىلا ماڭا 10 تىللا چوتا ئىنئام قىلدى. بىر ئامال قىلىپ ساقلاپ كەلدىم. ھەممىسىنى ساڭا بېرەي ئۆزۈڭگە ۋە ماڭا قورۇ ـ جاي سېلىۋالايلى. ئاتا بولۇپ ئۆيلەپ قويغىن،- دەپ ئايرىپ قويغان 10 تىللانى ئالدىغا قويدۇم. ئاكام تىللالارنى قولىغا ئېلىپ بەك خۇش بولۇپ كەتتى ـ دە، دەرھال مۇئامىلىسىنى ئۆزگەرتتى.

    -ۋاي ئۇكام، سەن دېگەن قېرىندىشىم. ئۆتكەندىكى گەپلەرنى كۆڭلۈڭگە ئالما! قولىمىزدا بولمىغاندىن كېيىن شۇنداق بولۇپ قالىدىكەن كىشى. بولىدۇ بىللە تۇرايلى. ئايرىم قورۇ ـ جاي سالايلى. پۈتكەندىن كېيىن ئۆيلەپ چىقىرىپ قوياي. لېكىن تېرىلغۇ ـ تىرىكچىلىگىمىز بىرگە بولسۇن. يەر ئاز ئەمەسمۇ؟

    قورۇ ـ جاي سېلىشقا تۇتۇش قىلدۇق. ئىشلار ياخشى كېتىۋاتاتتى. يەڭگەمنىڭ مۇئامىلىسى تازا ياخشى ئەمەس بولسىمۇ، ئاكامدىن ئەيمىنىپ چاندۇرماي يۈرىۋاتاتتىم. لېكىن ئاش ـ تاماقتا چاندۇراتتى. ئاشنىڭ سۇيۇقىنى، ناننىڭ كۆيۈكىنى بېرەتتى ـ يۇ، ئۆينىڭ ئېغىر ـ يىنىك ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئۈستۈمگە ئارتىغلىق ئىدى. تېخى يۈگۈر ـ يېتىم ئىشلار ئېتىز ئىشلىرىدىن يانغان بوش چاغلاردىكى ۋەزىپىلەر. مەنمۇ «ياق!» دېمەي ئىشلەپ يۈردۈم. ئاكامنىڭ قورۇسى پۈتۈپ كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن، مېنىڭكىگە تۇتۇش قىلىمىز دەۋاتقاندا ئەھۋالدا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولدى.

    بىر كۈنى سېرىق ئويدا مال بېقىپ يۈرسەم يولدىن بىرسى يېڭى مەھەللىگە قاراپ كېتىۋېتىپتۇ. يىراقتىن قارىسام باراتقا ئوخشاپ كەتتى. ئۇمۇ ماڭا يىراقتىن بىر قاراپ ئىتتىك يۈزىنى بۇراپ تېز چامدىغىنىچە ئۆتۈپ كەتتى. يۈرىكىم «قارتتىدە» قىلىپ قالدى. «بارات بۇ مەھەللىدە نېمىش قىلىپ يۈرۈيدىغاندۇ؟ تېخىچە يۇرتىغا قايتماپتۇ ـ دە؟» قاراپ تۇرسام ئۇ يېڭى مەھەللە ئىچىگە كىرىپ كەتتى. «بۇنىڭ پەيدا بولىشىدا بىر گەپ بار» دېدىم ئىچىمدە. كەچتە مالنى كونا قورۇغا سولىۋېتىپ بالدۇرراق قايتىپ كەلدىم. ئۆي ئىچىدىن ئاكامنىڭ ئايالىغا ئۈنلۈك قىلىپ دەۋاتقان گەپلىرى قۇلىقىمغا كىردى.

    -تۆمۈر دېگەن بەدنىيەت ماڭا راست گەپ قىلماپتۇ ئەمەسمۇ. بايامقى بارات دېگەن ئادەمنىڭ دېيىشىچە ئورۇس باشلىق ئۇنىڭغا 100 تىللا بەرگىنىنى دېرىزىدىن كۆرۈپ تۇرۇپتىكەن. يەنە بىر قېچىرغا ئېغىر يۈك ـ تاقلار ئارتىقلىقكەن. ئۇ ئورۇس باراتنى قايتۇرىۋېتىپ تۆمۈرنى بىللە ئېلىپ كېتىپتۇ. باراتنىڭ گۇمانىچە ئۇلار قۇم چۆل ئىچىگە، قېچىردىكى دەپىن ـ دۇنيانى يوشۇرۇپتىدەك. ئۇ يەنە «ئاشۇ دۇنيالارنى تېپىپ ئالالىساق ئىككىمىزنىڭ ئۇرۇق ـ ئەۋلادىمىزغىچىلىك يېتەتتى. بۇ سىرنىڭ ئاچقۇچى تۆمۈردە» دەيدۇ. ئەگەر باراتنىڭ گېپى راست بولسا ئاشۇ دۇنيالارنى قولغا چۈشۈرمەك لازىم!

    بېشىم «پىررىدە» قېيىپ كەتتى. ئۆزۈمنى ئاران تۇتىۋالدىم. «ھەي رەزگى ئەبلەخ! دىمىيان شاڭۋېي ھەقىقەتەن كۆزلۈك ئادەم ئىكەن. باراتنى باشقا بالا بولىدۇ، ئېتىۋېتەي! دېسە توسۇۋاپتىمەن. مانا ئەمدى... »

    بارات، مېنىڭ بىلەن بىۋاستە كۆرۈشسە ئۇنىمايدىغانلىقىمنى بىلىپ، ئۇقۇشۇپ يۈرۈپ ئاكامنى تاپقان ۋە ئۇنىڭ قولى بىلەن مېنى باپلاپ، بايلىقنى قولغا كىرگۈزۈشنىڭ قەستىگە چۈشكەن. ئۇ ئەسلىدە ھەممە ئىشلارنى دېرىزىدىن كۆرۈپ تۇرۇپتىكەندە؟! «ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەيسىلەر! نىيىتىڭلار شۇنداق بولىدىغانلا بولسا!» دېدىم ئىچىمدە. ئۆيگە كىرىشىمگىلا ئاكام گەپتىن تاپ توختىدى. چىرايىم تاتىرىپ كەتكەن بولسا كېرەك، ھەممىسى تاتىرىشىپ ئالاقزادە بولۇشۇپ كېتىشتى. بىردەمدىكى قۇلايسىزلىق سۈكۈتتىن كېيىن ئاكام:

    -تۆمۈر ئولتۇر! چارۋىلارنى بالدۇرلا سولىۋېتىپسەن ھە؟- دېدى.

    -تويۇندى، بالدۇر سولىۋەتتىم!

    -قورسىقىم ئاچتى دېگىنە؟ قارا ئۇكام، سەن بىزگە راست گەپ قىلماپسەن. ھېلىقى كازاك ئورۇس بەرگەن تىللالار زادى قانچە ئىدى؟

    -قايسى كازاك؟ ھېچقانداق كازاك ـ پازاك دېگەنلەر ماڭا تىللا بەرگىنى يوق!

    -ماڭا بەرگەن تىللالار نەدىن كەلگەن؟

    -دېدىمغۇ، قىماردا چوتا ئالغان دەپ!

    -يالغان ئېيتما! تىللالار يۈز ئىكەن، كۆرگەنلەر بار!

    -كىمكەن ئۇ؟

    -بۇنى ساڭا دېمەيمەن. تىللالارنى تەڭ بۆلىشەيلى. يەنە كۆرگەنلەرنىڭ دېيىشىچە، سەن ئاشۇ كازاك بىلەن بىرلىشىپ بىر قېچىر مال ـ دۇنيانى قۇم چۆل ئىچىگە يوشۇرۇپسىلەر. شۇنى تېپىپ ئالايلى. ئىككىمىز بېيىپ كېتىمىز ھە ئۇكام!

    شۇ زامان بارات كۆز ئالدىمغا كەلدى. ھەممىسى ئاشۇ گۇيىنىڭ ئىشى ئىكەندە! دىمىيان شاڭۋېي ئېتىۋېتەي دىگەندە توسىۋالمىساممۇ بوپتىكەن. مانا ئەمدى شاڭۋېينىڭ گېپى راست بولۇپ چىقىۋاتىدۇ. ھەي ئېسىت! جۇدۇنۇم ئۆرلىدى. قېرىنداش، دوست دېگەنلەردىن كېلىۋاتقان بۇ شۇملۇقلاردىن كەيپىياتىم قايتتى. قەتئىي سىر بەرمەسلىككە نىيەت قىلدىم.

    -ساڭا قارا نىيەت ئادەملەر يالغان ئۇچۇر يەتكۈزۈپتۇ. ئۇ كازاك، قىسىمدىكى باشلىقىم، ھەربىي ئوقۇتقۇچۇم. كېيىن دۈشمەنلىشىپ قولىغا ئەسىر چۈشتۈم. قېچىردىكىسى تۈەن شىتابىنىڭ مەخپىي ھەربىي ئارخىپلىرى ئىكەن. ھەربىي قىسىمدا بۇ ماتىرىياللار بەك مۇھىم سانىلىدۇ. شاڭۋېي قىسىمدىن ئايرىلىپ قېلىپ قوغدىغۇچىسىز قالغاچقا ماڭا ئىشەنچ قىلىپ يولغا كىرگۈزۈپ، قوشۇنغا يەتكۈزۈپ قويدۇم. ئېتىۋەتمەي قويۇپ بەردى ـ شۇ!

    -قىپقىزىل يالغان ئېيتىۋاتىسەن!

    -قارا ئاكا! نىيىتىم ئالا بولغان بولسا بۇ يۇرتقا كەلمەيمۇ، ساڭا بەرگەن 10 تىللانى دەسمايە قىلىپ،جېنىمنى گۈلدەك جان ئېتەلەيتتىم. بەرمىسەڭ قانداق قىلالايتتىڭ؟ ئۇنداق قىلما ئاكا! يات ـ غەيرىي، ئوسال ئادەملەرنىڭ گېپىگە كىرىپ يۈرمىگىن!

    ئاكام، يەڭگەم بىلەن كۆز ئۇرىشىۋالدى ـ دە، بىردىنلا يۇمشاپ قالدى.

    -بوپتۇ ئۇكام، سېنى سىناپ باقتىم. ئېيتقىڭ كەلمىسە ئۆزۈڭ بىلەرسەن،- دېدى.

    ئىشلار شۇ تەرىقىدە ماڭدى. لېكىن ماڭا سېلىنىدىغان قورۇ ـ جايدىن گەپ يوق. تېخىچە ئاشۇ كونا قورۇ، چارۋا ـ ماللار بىلەن بىللە سامانلىقتا يېتىپ ـ قوپۇپ يۈردۈم. ئاش ـ تاماق، كىيىم ـ كېچىكىم كۈندىن ـ كۈنگە ناچارلاشتى. باشقا يەرگە كېتەي دېسەم ھېلىقى ئامانەت مېنى چۈشەپ قويغانىدى. بارات پات ـ پات ئاكامنىڭ ئۆيىگە كىرىپ تۇرىدىغان بولۇپ قالدى. ھەر قېتىم كەلگەندە ئەھۋالدا يېڭى ئۆزگىرىش، ئاكامنىڭ سۇئال ـ سورىقى. ھەتتا كېچىلىرى مەن ياتقان يەرگە بېرىپ، چۈشەكەپ ـ جۆيلۈپ بولسىمۇ يىپ ئۇچى بىرەمدىكىن ـ دەپ، ئۇيقۇلۇق ھالىتىمنى كۆزىتىپ يۈردى. تۇيۇپ قېلىپ خەنجەرنىڭ كونۇپكىسىنى بېسىپ قويىدىغان، يېنىمدىن ئايرىمايدىغان بولدۇم. خەنجەرنىڭ كونۇپكىسى ئوچۇق ھالدا ئادەم تۈگۈل، ھايۋان، ھاشارەتلەرمۇ قورقۇنچلۇق ۋەھىمە ئىچىدە قېلىپ ماڭا يېقىن يولىمايدىغان بولدى. دەسلەپتە مەنمۇ ئۇنىڭ تەسىرىدىن بىئارام بولغان بولساممۇ بارا ـ بارا كۆنۈپ قالدىم. سالامەتلىكىمگە تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ، چىشىمنى چىشلەپ بەرداشلىق بەردىم. بىر كۈنى ھويلىغا كىرسەم يەڭگەم، ئاكامغا دەۋاتققان مۇنۇ گەپلىرى قۇلۇقۇمغا كىرىپ قالدى.

    -ھېلىقى ئادەم ماۋۇ دورىنى، تۆمۈراخۇننىڭ ئېشى ياكى چېيىغا قوشۇپ ئىچۈرىۋەتسەڭلار، ئۇنىڭ جىگىرىگە تەسىر قىلىپ خامۇشلۇققايۈزلىنىدۇ. گەپ ـ سۆز، ھەرىكەتلىرىنى كونترول قىلالمايدىغان بولىدۇ. ئاندىن سىر ـ ئەسرارىنى ئاشكارا قىلىدىغان بولىدۇ. شۇ چاغدا ھېلىقى دەپىن ـ دۇنيالارنى قولغا چۈشۈرگىلى بولىدۇ ـ دەيدۇ. مەن «ئەگەر زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ ـ تارتىپ قالسىچۇ؟ ئۇ چاغدا بىز...» ـ دېسەم، ياق، ئۆلمەيدۇ، ئاجىزلاپ كېتىدۇ ـ شۇ! دەيدۇ. ئاكام رەت قىلىپ:

    -ئۇ، مېنىڭ بىر تۇغقان قېرىندىشىم تۇرسا، پۇل ـ دۇنيانى دەپ ساپ ـ ساق بىر ئەرنى ناكا قىلىپ قويساق ئاخىرەتتە سۇئال ـ سوراقلارغا نېمە دەپ جاۋاپ بېرىمەن. ياق! ئۇنداق قىلمايلى! ئەپكېلىڭلار دورىنى... دېدى ـ دە، قولىغا ئېلىپ سىرتقا ماڭدى. مەن دەرھال بۇرۇلۇپ كوچىغا چىقىۋالدىم. ئاكام خىلۋەت بىر يەرنى تېپىپ تۆكۈۋەتكەن ئوخشايدۇ. ھەر ھالدا ئاكامدىن خۇشال بولدۇم، نېمىلا بولسا قېرىنداش.

    ھەرھالدا يېمەك ـ ئىچمىكىدىن ئېھتىيات قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. بارات دېگەن نائەھلى كېلىپ ـ كېتىپ يۈردى، لېكىن ماڭا يولۇقمايتتى. ھەر كەلگىنىدە بولۇپمۇ يەڭگەمگە ئەپسۇنلىرىنى ئوقۇپ ـ ئۆگىتىپ تۇراتتى. ئاخىرى يەڭگەم باراتنىڭ ئەپسۇنلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمىدى، ئاكاممۇ بوشاپ كەتتى. شۇنچە ھوشيارلىق قىلساممۇ، يەڭگەم ئۆز قۇلايلىقلىرىدىن پايدىلنىپ ماڭا ھېلىقى دورىنى ئىچۈرىۋەتتى. بەلكى بىر قانچە قېتىم بولسا كېرەك. شۇندىن باشلاپ ھوشۇم بار، ماغدۇرۇم يوق بىر لۆتۆگە ئايلىنىپ قالدىم. تاماق يېگۈم كەلمەيدۇ. ئىسسىق ـ سوغۇقنىمۇ سەزمەيمەن. كىيىم ـ كېچەك، ئائىلە ـ روزىغار، خوشاللىق دېگەن ئارزۇ ـ خىياللار ماڭا ياتلاشتى. ئۇلار مېنى بىخۇدلاشتۇرالمىدى، ئۇلار مېنى ئەيۋەشكە كەلتۈرەلمىگەندىن كېيىن، ماڭا بەك ئۆچ بولۇپ كەتتى. كىشىلەر ئارىسىدا «بۇلاڭچى»، «ئۇ ساراڭ بولۇپ قالدى. چۈنكى، ئەسكەر بولغاندا ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈپ بۇلاڭچىلىق قىلغاچقا، خۇدايىم ئۇنىڭغا كۆرسەتتى. ھەزەر قىلىڭلار! ئۇ خۇنۈكلەشكەنسېرى ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن يانمايدۇ» دېگەن بۆھتان ـ ئىغۋالارنى تارقاتتى. «يالغاننى 3 قېتىم تەكرارلىسا راستقا ئايلىنىدۇ» دېگەندەك، نادان ئادەملەرمۇ ئاڭلاۋېرىپ، مېنىڭ ئىنكاسسىزلىقىمدىن بارا ـ بارا بۇ گەپلەرگە ئىشىنىشتى. ئۆچلۈكى ئاشتى، مازاقلاپ ئانىي تاپىدىغان بولدى. ئاكاممۇ پۇل ـ دۇنيانىڭ كويىدا، مېنى مۇشۇ كونا سامانلىققا سولاپ قويۇپ، تامىقىمنى قىسىپ قىيناۋاتىدۇ. ئاخىر ئۇلار مېنى، بۇ دۇنيادا تىرىك قويمايدىغان ئوخشايدۇ. ھالىم خاراب، پات ئارىدا ئۆلۈپ قالىمەنمىكىن، دەپ قورقۇمەن. نۇر ئەخمەت، سەنمۇ مەھەللىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھەممە، ئەھۋالنى كۆردۈڭ ـ چۈشەندىڭ. باشقا ياققا كېتەي دېگەن ئىدىم. ئەمما ھېلىقى ئامانەت، خەرىتىلەرنى تۇتقۇزۇپ بېرىدىغان ۋىجدانلىق، ئادىمىيلىكىنى ساقلىغان، توغرا نىيەتلىك ئادىمىمسەن، پەقەت سەنلا مېنىڭ قانداق ئادەملىكىمنى، كىچىكىڭدە ساڭا كۆرسەتكەن تەسىرىمنى ئۇنتۇپ قالماپسەن، سەنلا ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي ئادىمىيلىك مىجەز ـ خىسلەتلىرىڭنى ساقلاپ تۇرۇپسەن. ھازىرمۇ سەن، مېنى توغرا چۈشەنگەن، توغرا باھا بەرگەن، مېنىڭ «ساراڭ» ئەمەس، «ساق» لىقىمنى ئېتراپ قىلىپ ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىكىنى پاش قىلىپ، تۆھمەتلىرىنى رەت قىلغان، ماڭا ھەقىقىي پاك ئىنسان خىسلىتى بىلەن ئىچ ئاغرىتقان، شەپقەت قولۇڭنى سوزغان بىر ياخشى دوستۇمسەن. مەن سېنىڭدىن ئەمدى مىننەتدارمەن.

    كۆزلىرىمدىن ياش قۇيۇلۇۋاتاتتى. تۆمۈر ئاكامنىڭ سەمىمىيەتكە تولغان ئەسرارىدىن خەۋەردار بولۇپ، ئۆزۈمنى ئۇنى توغرا كۆزەتكەنلىكىمدىن پەخىرلەندىم، ۋۇجۇدۇمنى، يۈرۈكىمنى ياۋۇز ئادەملەرگە بولغان غەزەپ ـ نەپرەت، ئۆچمەنلىك، تۆمۈر ئاكامنىڭ قىسمىتىگە ئىچ ئاغرىتىش، ياردەم بېرىش تۇيغۇسى چىرمىۋالدى. «لەنەت سەنلەرگە! ئۇرۇق ـ تۇغقان قېرىنداشمۇ شۇنداق بولامدۇ؟ تۆمۈر ئاكامغا قانداق ياردەم بېرەلىشىم مۇمكىن؟»

    -ئەمدى قانداق قىلاي دەيسىز تۆمۈر ئاكا؟

    -ھېچ بىلەلمىدىم. ئىشەنچىلىك بىر ئادەم تاپقىنىمدا ئىدى. بۇ ئاۋارچىلىقلاردىن بىراقلا قۇتۇلۇشقا ھەرىكەت قىلىپ باقاتتىم. لېكىن ھېچ ئامال تاپالمايۋاتىمەن.

    مەنمۇ ئىلاجىسىز تۇرۇپ قالدىم. شەخسسەن غەزەپ ـ نەپرەتتىن باشقا ئۇ ئادەملەرگە ھېچنىمىدىن ـ ھېچنىمە يوقلا قارشى چىققىلى، ئېلىشقىلى بولمايتتى. بۇ بەك نازۇك بىر ئىش تۇرسا!...

    تۆمۈر ئاكام يەپ بولالمىغان ئاشنى باشقا بىر قاچىغا تۆكۈۋالدى ـ دە، ماڭا سۇنۇپ:

    -قايتىڭ، ھاۋاخان ئايلام كېلىۋاتىدۇ،- دېدى. ئارقامغا قارىسام راست يىراقتىن چوڭئانام پايپاسلاپ كېلىۋاتىدۇ. غەزىپىم كەلدى: «قاچانلا بولسا كەينىمگە كىرىۋالغان!»، چاندۇرماي قورۇنىڭ ئارقا تەرىپىدىن كوچىغا چىقىپ، چوڭئانامغا باشقا بىر تەرەپتىن كېلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈش بېرىپ، بىرگە ئۆيگە قايتتىم.

     

    8

     

    تالادا لەپىلدەپ قار ياغماقتا. يىلدىكى پەسىل ئۇدىمىدىن بالدۇر يېغىۋاتاتتى. دېمەك، سوغۇق يىلدىكىدىن بالدۇر چۈشۈپ كەتتى دېگەن گەپ. سىنىپتا مۇئەللىمنىڭ سۆزلەۋاتقان دەرسى زادىلا قۇلىقىمغا كىرمەيۋاتاتتى. ئەس ـ يادىم قايسى كۈنى تۆمۈر ئاكام سۆزلەپ بەرگەن خاتىرىلەردە، بېشىغا چۈشكەن كۈلپەتلەردە ئىدى. قەلبىم ئاشۇ بىر توپ ئادەملەرنىڭ قىلىۋاتقان ئوساللىقلىرىغا نەپرەت يالقۇنى بىلەن يانماقتا ئىدى. بۇ سوغۇقتا تۆمۈر ئاكام قانداق قىلغاندۇ؟ ئاشۇ نائەھلىلەر ئۇنى ئىسسىق ئۆيگە يۆتكەپ ئالماي، سوغۇق خارابىدە توڭلىتىپ ئۆلتۈرۈپ قويارمۇ؟ ھېچ نەرسىگە قارىماي باشقا يەرگە كەتسىمۇ بوپتىكەن. شۇئان چوڭئانامنىڭ ماڭا بولغان مېھىر ـ مۇھەببىتىنىڭ چوڭقۇرلىقىنى بىلىمەن. شۇنداقتىمۇ دائىم كەينىمگە كىرىۋېلىشىدىن بەكمۇ بىزار بولۇپ كەتكەن ئىدىم. شۇڭا چوڭئاناممۇ ئاشۇ بىر توپ ئادەملەر تەرەپتە تۇرۇپ، ناھەقچىلىقنىڭ چاقىنى ئايلاندۇرۇپ بېرىۋاتىدۇ. تۆمۈر ئاكامنىڭ ساراڭ ھالەتتە يۈرىشىگە چوڭئاناممۇ سەۋەپكار ئىكەن، دېگەن پىكىر كاللامغا كىرىۋالدى. تۆمۈر ئاكامنى ئاشۇ بىر توپ كىشىلەر ۋە چوڭئانام بىرلىشىپ ماماتلىق دۇنياسىغا ئىتتىرۋاتقاندەك بىلىندى. مەكتەپتىن غەمكىن قايتىپ كېلىپ، ئەمدىلا ئۇلۇغ ئوت قالانغان يان ئوچاققا قاقلىنىپ ئوتسىنىپ تۇراتتىم. چوڭئانامنىڭ بىرسىگە ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.

    -تام تۈۋىدە نېمە ئىش قىلىسەن؟ نەۋرەمگە يەنە جىن ئولاشتۇراي دەپ كەلدىڭمۇ؟ ماڭ، كەت!

    دېرىزىدىن قارىسام تۆمۈر ئاكام تام تۈۋىدە دۈگدۈيۈپ ئولتۇرغان ئىكەن. ئۇزايىدىن ماڭا بىر گېپى باردەك قىلاتتى.

    -چوڭئانا، تۆمۈر ئاكامنى ئۆيگە كىرگىلى قويۇڭ، ئوتسىنۋالسۇن!

    -ما بالىنى ـ زە... ماقۇل كىرگىن!

    لېكىن تۆمۈر ئاكام كىرگىلى ئۇنىمىدى. ئۇ كۆزىدە شەرەت قىلىپ مېنى سىرتقا چاقىردى. چاپىنىمنى كىيىپ سىرتقا چىقتىم. چوڭئاناممۇ ئۆز ئىشى بىلەن بولۇۋاتاتتى. تۆمۈر ئاكام پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ پەس ئاۋازدا شۇنداق دېدى:

    -نۇر ئەخمەت، مېنىڭ ئەمدى چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى. ئۇلار ئاخىر مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىدىغان ئوخشايدۇ. سىزگە دەيدىغان مۇھىم گېپىم بار ئىدى. ئەتە ھاۋاخان ئانامنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەي ئاشۇ قۇملۇقتىكى تورنىڭ قېشىغا بارسىڭىز دەل چۈش ۋاقتىدا.

    -ماقۇل،- دېدىم مەن.

    تۆمۈر ئاكام لەپەڭلەپ ماڭغىنىچە قايتىپ كەتتى. ئۆيگە كىرسەم چوڭئانام گۇمانسىراپ:

    -تۆمۈر ساڭا نېمىلەرنى دېدى؟ - دەپ سورىدى.

    -ھەممە ئىشقا چېپىلىۋالىدىكەنسىز! قېرى ئادەم چوڭ سۈپەت بولىدىغان، نېمە دەيتتى! ئۈلۈشكۈن ئاپارغان تاماق، چاپان، ئۆتۈك ئۈچۈن كۆپ رەھمەت،- دېدى شۇ!

    -شۇنداق نەرسىلەرنى ئاپارغانمىدىڭ؟

    -ھە، ئاپارغان ئىدىم قانداق؟سوغۇقتا توڭلاپ، ئېچىرقاپ ئۆلۈپ قالسا بولامتى ئەمىسە؟ بۇ مەھەللىدىكى ئادەملەر ئىنتايىن رەھىمسىز، نادان ئىكەنسىلەر!

    چوڭئانام خىجىل بولغاندەك ئۆمچۈيۈپ ئاندىن :

    -ئۇنداق ئەمەس بالام، مېنىڭمۇ بەك ئىچىم ئاغرىيدۇ. تېگىدىن ياخشى بالا ئىدى. شۇنداقتىمۇ بالام بىراۋلارنىڭ ئىشىغا كەلسە ـ كەلمەس ئارىلاشقىلى بولمايدۇ! – دېدى.

    ئەتىسى، دەل چۈشلۈك ئارام ۋاقتىدا باشقىلارنىڭ كۆزىنى غەلەت قىلىپ، تۆمۈر ئاكام دېگەن يەرگە يۈگۈردۈم. بۇ كۈن قارمۇ توختاپ، قۇياش پارقىراپ چىققان، ھاۋا خېلى ئىسسىغان بىر كۈن ئىدى.

    «دەرسكە كېچىكسەممۇ مەيلى» دەيتتىم ئىچىمدە. سېرىق ئويدىكى ئوتلاقتىن ئۆتۈپ نېرىدا تاغ چوققىلىرىدىن چوخچىيىپ سوزۇلغان، بىر ـ بىرىگە مىنگىشىپ كەتكەن قۇملۇققا كىردىم. قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەسىرلەرنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بەرگەن ھالدا 10 مېتىر ئېگىزلىكتىكى، توپا ۋە يۇلغۇن تاللىرىنى گىرەلەشتۈرۈپ تىزىپ ـ قاڭداپ سوقۇۋالغان قەدىمىي تور، ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. قارىسام تور ئەتراپىدا ئىنس ـ جىن يوق. تۆمۈر ئاكاممۇ كۆرۈنمەيتتى. ئەتراپقا سىنچىلاپ قارىسام، بىر قۇم دۆۋىسىنىڭ ئارقىسىدىن ئۇشقىتقان ئاۋاز كەلدى ـ دە، ئارقىدىنلا تۆمۈر ئاكام پۇلاڭشىپ چىقىپ كەلدى. مۆكۈنۈپ تۇرغان ئىكەن. 

    -تېزراق،- دېدى ئۇ جىددىي كەيپىيات بىلەن: - نۇر ئەخمەت، ئەمدى كۆزدىن يوقالمىسام مال ـ دۇنيا خاپىلىقىدا ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن. ئويلاپ ـ ئويلاپ سېنىڭدىن ئىشەنچلىك، سادىق، ساپ دىل دوستنى تاپالمىدىم. مېنىڭ يۈكىمنى ئەمدى سەن ئۈستۈڭگە ئېلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. ياق، دېمىسەڭ! سەن بۇنى قىلالايسەن ۋە سېنىڭدىن ھېچكىم گۇمانلانمايدۇ. بۇ سىرنى ھېچكىمگە ھەتتا ئاتا ـ ئاناڭغىمۇ تىنما. قانداق ئىلتىجايىمنى قوبۇل قىلالامسەن؟!

    ئۇ ماڭا شۇنداق سەمىمىي، پاك روھىي ئىلتىجا بىلەن تىكىلدىكى، گەرچە بۇ بەك ئېغىر بىر مەسئۇلىيەت بولسىمۇ رەت قىلىشقا ئامالسىز قالدىم.

    -ماقۇل، خاتىرجەم بولۇڭ تۆمۈر ئاكا، ئاخىرغىچە ۋەدەمدە تۇرىمەن!

    -ئەمىسە سۆزلىرىمنى دىققەت قىلىپ ئاڭلا ھەم تەرەپ، ئورۇنلارنى تازا سىنچىلاپ قاراپ ئېسىڭگە ئېلىۋال. پۇختا كۆرۈۋال. ئاشۇ تۆت بۇرجەك تورىنىڭ جەنۇب تەرەپكە قارىغان تېمىدىن ئۇدۇل يەنە جەنۇبقا ـ قۇم دۆۋىسىگە 300 قەدەم چامداپ قۇم ئارىسىغا كىرىسەن. بۇرۇلۇپ غەرپ تەرەپكە 200 قەدەم يەنە بۇرۇلۇپ جەنۇبقا 200 قەدەم ماڭغنىڭىزدا تاقىر قېتىپ كەتكەن بىر قىزغۇچ قۇم دۆۋىسىگە دۇچ كېلىسەن. بايلىق ئەشۇ قۇم دۆۋىسىنىڭ ئارقىسىدىكى پەس تەرەپكە كۆمۈلگەن. ئاسانلىقچە بايقىغىلى بولمايدۇ. بۇ قۇم ھەرقانداق بوران ـ چاپقۇندىمۇ كۆچمەيدۇ. مانا بۇ خەرىتە، مەھكەم ساقلا! ئامانەت ئىگىسى – مەيلى كىملا بولمىسۇن، موشۇ خەرىتە بىلەن كېلىدۇ. خەرىتە ـ شەرت. ئىككى خەرىتە ئوخشاش بولغاندىلا ئىشەنچ تۇرغۇزۇلغان بولىدۇ. ئاندىن بۇ دۆۋىنى كۆرسىتىپ ئامانەتنى ئۆتكۈزۈپ بېرىسەن. كەلگۈچىلەر مېنى تاپالماي مەھەللىدىكىلەرگە زوراۋانلىق ئىشلىتىپ قالغۇدەك بولسا ئۆزۈڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلىنىپ ئامانەتنى تاپشۇر. مۇشۇ ئامانەتنى ئىزدەپ كەلگۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرىنى ئالغان ھامان تەڭلا ئۇلارنى كۆزەت، شۇلار ئىكەنلىكىگە جەزم قىلالىساڭ ئۆزۈڭ كۆرۈشكىن. جەزم قىلالمىساڭ جىم تۇرۇۋال. ۋاقىت كۈت، كازاك دىمىيان شاڭۋېي 45 ياشلاردا ئېگىز، گەۋدىلىك، ئاق ـ سېرىق يۈز، چېقىر كۆز، سېرىق چاچ، پىشانىسىدە قىلچ ئىزىدىن قالغان تارتۇقى بار ئادەم، ئەگەر باشقىسى كەلسە خەرىتە ئاساس. گەپ ـ سۆزىنىڭ ئورامىغا قاراپ ئىش قىل، ئېزىپ خاتا قىلىپ قويما.

    ئۇ، تور، تەرەپلەر، قەدەم ئۆلچەملىرىنى، مېنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرۈپ تەكرار ـ تەكرار تەقلىدىي كۆرسەتتى. مەنمۇ سىنچلاپ قاراپ، پۇختىلاپ تەكرارلاپ زېھنىمگە قۇيۇۋالدىم.

    -مۇبادا، - دېدىم مەن ئېھتىماللىقنى كۆزدە تۇتۇپ،- ۋاقىت ئۇزىراپ، تەقدىرى ـ قىسمەت ۋە سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئامانەت ئىگىسى كېلەلمىسىچۇ؟ ئالتۇنلار قۇم  ئاستىدا ئەبەدىي قالامدۇ؟

    -سەنمۇ،- دېدى تۆمۈر ئاكام كۈلۈپ كېتىپ،- ئۆز ۋاقتىدا دىمىيان شاڭۋېيغا دېگەن سۇئالىمنى تەكرارلىدىڭ. ئۇ كازاك شۇنداق دېگەنىدى: « گېپىڭ ئورۇنلۇق تۆمۈر، ناۋادا ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولۇپ مەن ياكى مېنىڭ ئادەملىرىممۇ كېلەلمىسە، ئالتۇنلار قۇم ئاستىدا قېلىش ئېھتىماللىقى كۆرۈلسە، ئۆزۈڭ ئىشلەتكىن. قورۇنساڭ دىلىڭ تارتمىسا، بىئەپ كۆرسەڭ نامراتلارغا، ئىشلەمچى دېھقانلارغا تارقىتىپ بەر ياكى ئۆزۈڭ ساۋاپلىق دەپ قارىغان بىرەر ئىشقا سەرپ قىلىۋەت. ئەمما ھەرگىز ئاچكۆز، بېخىل، رەزىل ئادەملەرنىڭ، باي ـ غەنىلەرنىڭ، خىيانەتكار ئەمەلدارلارنىڭ، يەرلىك بەگ ـ بوجاڭلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمىسۇن، ئۇلار ئىمتىيازلىرىغا تايىنىپ، پۇقرالارنى شىلىپ بايلىق توپلىغان. بۇ دۇنيالارمۇ، ئاشۇلاردىن تارتىپ ئېلىنغانىدى. نامرات ئىشلەمچىلەرگە تارقىتىپ بەرسەڭ، ھەقىقىي ئىگىلىرىگە قايتۇرغان بولىسەن، ئۇقتۇڭمۇ!» سەنمۇ دىمىيان شاڭۋېي دېگەندەك قىل!

    -ئۇقتۇم تۆمۈر ئاكا!

    -ئەمىسە ئايرىلايلى، 30 تىللانى ساڭا ئاتىدىم. مەندە يەنە 60 تىللا بار. تۇرمۇشۇمغا يېتىدۇ. تىللالار مەن ياراتقان خارابىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى قېرى ئۈجمىنىڭ كاۋىكىدا. سېنىڭكىنى شۇيەردە قالدۇرىمەن. پات ـ پات يوقلاپ تۇرغىن، بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە ئىشلىتەرسەن.

    -ماڭا ھېچنەرسە كېرەك ئەمەس تۆمۈر ئاكا، كىچىك تۇرسام، ئۆيدىكىلەر بىلسە گۇمان قىلىدۇ. چاتاق چىقىدۇ. ھەممىسىنى ئېلىپ كېتىڭ.

    -ھەي ئۇكام، تۇرمۇش دېگەن ياخشى ئادەمنى ئاسان تونۇپ بولالمايدۇ، ئەمما پۇل ـ دۇنيانى تونۇيدىكەن ئەمەسمۇ؟ ئاشپۇزۇلغا كىرىپ تاماق يېسەڭ، سەن مىڭ ياخشى بولغىنىڭدىمۇ پۇلۇڭ بولمىسا تاماق بەرمەيدۇ، مۇبادا قەبىھ ئادەم بولساڭمۇ پۇلۇڭ بولسىلا تاماق يېيەلەيسەن، ئېلىپ قوي، زىيىنى يوق.

    -تۆمۈر ئاكا...

    -ئەمىسە شۇنداق بولسۇن، خەير، خۇداغا ئامانەت! ئامان بولساڭ كۆرىشەرمىز. لېكىن بۇ يەردە ئەمەس، ئەمدى مېنى زادىلا ئىزدىمىگىن. تاپالمايسەن.

    ھەر ئىككىلىمىزنىڭ كۆزى ياش. خەيرلىشىپ ئىككى تەرەپكە ئايرىلدۇق. بىر قانچە كۈنلەرگىچە يا كوچا ـ بازاردا، يا خارابىلىكتە «ساراڭ» نىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. مەكتەپتە پەخرىدىن ماڭا:

    -قارا نۇر ئەخمەت، بىر نەچچە كۈن بولدى «ساراڭ» كۆرۈنمەيدۇ. ھەممە يەرنى ئاختۇرۇپ ئىزدىدۇق ـ تاپالمىدۇق. دادام «بىرەر خىلۋەتتە ئۆلۈپ قالدىمىكىن » دەيدۇ. كېيىنچە خەۋىرى كېلىپ قالار، - دېدى. ئېچىنغان قىياپەتتە ئەمما تېگىدىن خوشال بولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى... «ئەمدى ئۇنى مەڭگۈ تاپالمايسىلەر » دېگەنلەرنى كۆڭلۈمدىن كەچۈردۈم، كۈلگۈم كەلگەن ۋە خاتىرجەم ھالدا يەنە زەردەم تېشىپ تەنە بىلەن:

    -ئەمدىغۇ خۇش بولغانسىلەر؟ كۆزۈڭلاردىن نېرى قىلالماي بىئارام بولۇپ يۈرەتتىڭلار! ـ دېدىم پەخرىدىن ۋىللىدە قىزىرىپ كەتتى ـ دە، ھودۇققان ھالدا:

    - نېمىشقا ئۇنداق دەيسەن؟ بىز نېمىشقا خۇش بولىدىكەنمىز؟ ئۇ دادامنىڭ ئىنىسى تۇرسا!- دېدى.

    شۇندىن كېيىن ساراڭ ھېچنەردە كۆرۈنمىدى. جامائەت ئىچىدە: «ساراڭ، تۇيۇقسىز غايىپ بولۇپ كېتىپتۇ! »دېگەن گەپلەر ۋە ھەرخىل قىياسلار پەيدا بولۇپ، سۆز ـ چۆچەك، ئىغۋالارنىڭ بازىرى چىقتى ـ دە، يەنە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بىر كۆڭۈلسىزلىك سەۋەبى بىلەن ئۆزلىكىدىن بېسىقىپ قالدى. تۆمۈر ئاكام راستتىنلا بۇ يەردىن ئەبىدىي غايىپ بولغانىدى. مەنمۇ ئەبىدى ئۇچرىتالمىدىم.

     

    **

     

    بىر ئايچە ئۆتۈپ يانۋار ئېيىنىڭ قەھرىتان سوغۇقىدا پەخرىدىن يۈگۈرگەن پېتى ئۆيىمىزگە يىغلاپ كىردى ـ دە، زارلانغان ھالدا:

    -دادام بىلەن ھېلىقى بارات دېگەن ئوغرىنى تور بېسىۋېلىپ يانچىۋېتىپتۇ! ۋاي نۇر ئەخمەت جېنىم ئادىشىم!

    -ئەمدى قانداق قىلارمىز،  يېتىم ـ ۋەيران بولدۇق ئەمەسمۇ، - دەپ بوينۇمغا ئېسىلدى.

    -قانداقلارچە تور بېسىۋالىدىغاندۇ؟ - دېدىم ھاڭ – تاڭ ۋە ئېچىنغان ھالدا پەخرىدىننى بەزلەپ تۇرۇپ. تۈنۈگۈن كەچتە ھېلىقى بارات دېگەن ئوغرى يەنە پەيدا بولۇپ، دادام بىلەن ئۇزاققىچە گۇدۇڭلىشىپ كەتكەنىدى. قاراڭغۇ چۈشۈشى بىلەنلا كەتمەنلەرنى ئېلىشىپ «بىر يەرگە بارىمىز» دەپ چىقىپ كېتىشكەنىدى. كېچىنىڭ ياقى تورنىڭ ئاستىنى كولىغان چېغى. ھەممىسى پۇل، نەپسىنىڭ ئېزىقتۇرىشى بىلەن دېگىنە ئاداش! ھەممىنى قىلغان ئاشۇ بارات ئوغرى!

    تور ئاستىدىن پۇت ـ قوللىرى چىقىپ قالغان ئاشۇ جەسەتلەرنى، سەھەردە قاراكۆل جاڭگىلىغا ئوتۇنغا ماڭغانلار (يول شۇنداق ئۆتەتتى) كۆرۈپ خەۋەر قىلغان ئىكەن. مەھەللىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى كۆرگىلى، جەسەتلەرنى ئالغىلى قۇملۇققا قاراپ مېڭىشتى. پەخرىدىنمۇ:« يېتىم بولدۇق دادام» - دېگىنىچە يىغلاپ توپقا قوشۇلدى. ئاجايىپ تەقدىر ـ قىسمەت! يۈرىكىمنى ئېچىنىش ـ ئازاب چۇلغىۋالدى. كۆزلىرىمدىن ياش تاراملاپ قۇيۇلغان ھالدا مەنمۇ جامائەت توپىغا قوشۇلدىم. ئەھۋال راست شۇنداق ئىكەن.

    ئەسىرلەردىن بېرى چىدام بىلەن مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تور، مال ـ دۇنيا خاپىلىقىدا نىيىتى بۇزۇلغانلارنىڭ كەتمەنلىرى تەگكەن ھامان بۇ ھاراملىقنى ھار ئالدىمۇ ياكى غەزەپلىنىپ جازالىغۇسى كېلىپ قالدىمۇ، گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن.

    بۇ ئىشنىڭ سىر – ئەسراسى كۆپلىگەن جامائەتكە چۈشىنىكسىز ئىدى. پەقەت مەنلا چۈشىنىمەن ۋە پەرەز قىلالايمەن. بارات پەيدا بولۇپ، «ساراڭ» نىڭ غايىپ بولغانلىقىغا قاتتىق ئۆكۈنگەن. يىپ ئۇچىنىڭ قولىدىن چىقىپ كەتكىنىنگە ھەسرەت چەككەن. قارا نىيەت بۇ مەلئۇن يەنە بىر دىلى قارا ئاسىپ ئاكىغا يېڭى بىر رەزىل پىلاننى كۆرسەتكەن. ئۇ شۇنداق دېگەن بولۇشى مۇمكىن:«يىپ ئۇچى يوقالسىمۇ لېكىن قۇيرۇقى بار. شۇنىڭدىن بىز بۇ مال ـ دۇنيالارنى تېپىپ ئالالايمىز. ئاشۇ كۈنى تۆمۈر ھېلىقى كازاك ئورۇس بىلەن يۈك ئارتىلغان قېچىرنى ئالدىغا سېلىپ قۇملۇق تەرەپكە قاراپ ماڭدى. مېنى بولسا قوغلىۋەتتى. گۇمانىم قوزغالدى. يېقىندىن ئەگىشىپ كۆزەتسەم، سېزىپ قالسا ئېتىۋېتەتتى. شۇڭا يىراقتىن كۆزەتتىم. ئۇلار تور ئالدىدا توختاپ، چامداپ ئۆلچىگىلى تۇردى. ‹ھە، قېچىردىكى يۈك چوقۇم دەپىن ـ دۇنيا ئىكەن، تورنىڭ ئاستىغا كۆمۈشنى ئويلاۋېتىپتۇ. تور دېگەن ھەرقاچاندا قوزغالماس ئېنىق بەلگە› دەپ ئىشەنچ ھاسىل قىلدىم. كۆرۈپ قويۇپ قايتىپ كەلدىم. ئىككىمىز كېچىلەپ بېرىپ تور ئاستىدىن دۇنيالارنى ۋاقتىدا قېزىۋالايلى!»...

    پۇل ـ دۇنيا مەستانىلىقىدا ئەقلىدىن ئازغان ئاسىپ ئاكام: «راست، بولمىسا، ھېلىقى ئورۇس بىكاردىن ـ بىكار تۆمۈرگە 100 تىللا بېرەمدۇ؟ قىماردا چوتا ئالدىم دەيدا تېخى!» دېگىنىچە باراتنىڭ گېپىگە ئىشىىنىپ ئەگىشىپ تور قېشىغا كەلگەن ۋە بۇ پاجىئەگە يولۇققان...

    بۇ پاجىئەدىن كەنت ـ مەھەللە، يېقىن ـ يىراق جامائەت ئارا تەۋرەپ كەتتى. نامازغا بەك كۆپ ئادەم كەلدى. يىغلاشتۇق، قاقشاشتۇق، مېيىتلارنى يۇيۇپ ـ تاراپ، يەرلەپ نەزىرىنى يەۋەتتۇق. پاجىئەگە بەكمۇ ئېچىندىم. ھەممە ئىشلارغا يېقىندىن ياردەمدە بولدۇم. جامائەت ئىچىدە بۇ پاجىئەنىڭ سەۋەب ئەسرارىنى بىلىشكە قىزىقىدىغانلار، ھەرخىل گەپ، سۆز ـ چۆچەكلەر ھادىسىلەرنىڭ ئەسلىي قىياپىتى ئەمەس. ئەسلىي قىياپىتىنى پەقەت مەنلا بىلىمەن، خالاس. بىلسەممۇ چىداملىق ـ تەمكىنلىك بىلەن ھېچكىمگە تىنمىدىم...

     

    9

     

    1945 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ بېشىدا ئىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ جەنۇبىي يۆنىلىش پارتىزان قىسىملىرى تەڭرى تېغىدىن ئېشىپ غەلبىلىك جەڭ قىلىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۆمىتىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئۇگىسى ـ ئاقسۇ شەھىرىنى سېپىل سىرتىدىن قورشىۋالدى. سېپىل ئىچىدە ئاقسۇنىڭ مۇداپىئەسىگە مەسئۇل گومىنداڭ 5 ـ ئاتلىق تۈەنىنىڭ ئەسكەرلىرى قاتتىق قارشىلىق بىلەن مۇداپىئەدە تۇردى. لېكىن قامال قاتتىق بولغاچقا، ھەربىيلەر ۋە ھۆكۆمەت مەمۇرىي ئاپپاراتلىرى سېپىل ئىچىگە سولۇنۇپ قالغانلىقتىن، باشقا ناھىيە ـ يېزىلار، يەرلىك ھۆكۆمەت ئورگانلىرى تىزگىنسىز، ھۆكۆمەتسىز، پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغانىدى. مىلتىق، پىلموت، مىنامىيونلاردىن ئېتىلغان ئوقلارنىڭ ئاۋازلىرى، گىرانىتلارنىڭ پارتلاشلىرى يىراق ـ يېقىن يېزىلارغىمۇ ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بىزمۇ ئاڭلاپ تۇردۇق. ھەممە يەرنى ئۇرۇش ۋەھىمىسى قاپلاپ كەتكەن، خاتىرجەمسىزلىك لېكىن بەزى دېھقانلار:«بىز دېگەن پۇقرا، بىزگە نېمە كېلەتتى؟ ئاش بولمىسا قورساق ئاچ قالىدۇ. ئىشىمىزنى قىلغاچ تۇرايلى !» دېيىشىپ كۈزلۈك يىغىم ـ تېرىم بىلەن ئاۋارە ئىدى. شۇنداقتىمۇ كۆپلىگەن دېھقانلار ئۆي ـ زېمىنلەرنى تاشلاپ ئۆزلىرىنى چەتكە ئېلىشقانلىقتىن، كەنت ـ مەھەللە ئىچى جىمجىت چۆلدەرەپ قېلىشقان ئىدى. بىرسى بىلەن بىرسىنىڭ كارى يوق، ھەممىسى ئۆز ھەلەكچىلىكى بىلەن قالغان چاغلار ئىدى. 9 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئۇرۇش تازا قىزىۋاتقاندا، مەھەللىمىزگە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ئارمىيىسىنىڭ فورمىسىنى كىيگەن قوراللىق ئۈچ كىشى – ئىككى ئورۇس، بىر تاتار پەيدا بولۇپ قالدى. بىرسىدىن،ئۇلارنىڭ ھېلىقى «ساراڭ» نىڭ يەنى تۆمۈر ئاكامنىڭ ئىز ـ دېرىكىنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم. كۆڭلۈمگە گۈپپىدە: «ھە، بۇلار چوقۇم ئاشۇ ئامانەتنى ئىزدەپ كەلگەنلەر، ئىلگىرى شېڭ شىسەيگە يان بېسىپ كەلگەن بولسا، ئەمدىلىكتە گومىنداڭغا قارشى قىياپەتتە كەپتۇ. ھەممىسى پۇل ـ دۇنيانىڭ كويىدا. مەيلى نېمە بولسۇن، ئامانەتنى بېرىپ ئېغىر يۈكتىن خالاس بولاي» دەپ ئويلىدىم ـ دە، ھېچكىمگە سەزدۈرمەي ئۇلار چۈشكەن جاينى ئىزدەپ تاپتىم. بۇ چاغدا خېلى كۆزگە كۆرۈنگەن يىگىت بولۇپ قالغانىدىم. ئۇلار باشقا بىر كەنتتىكى غازى بېگىم دېگەن بىر باينىڭ قورۇسىغا چۈشكەن ئىكەن. باي ئۆي ـ جايىنى يىللىقچىسىغا قالدۇرۇپ ئۆزلىرىنى چەتكە ئېلىشقان. كىرسەم ئۇلار ھەيرانلىق بىلەن ماڭا تىكىلدى. مەنمۇ ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈردۈم. بىرسى ئورۇس، بىرسى تاتار ياشلا يىگىتلەر ئىكەن. يەنە بىرسى 45 ياشلاردا گەۋدىلىك، سالاپەتلىك، مۈرىلىرىگە پاگون تاقىغان يان قورالى بار بىر ئورۇس ئىكەن، كاتتىسى شۇ بولسا كېرەك. لېكىن ئۇ تۆمۈر ئاكام سۈپەتلەپ بەرگەن دىمىيان شاڭۋېيغا تازا ئوخشىماي تۇراتتى.

    -ئىشىڭىز بارمىدى؟- دېدى سالاپەتلىك ئورۇس كىشى ئۇيغۇر تىلىدا ۋە كۈلۈمسىرەپ قويدى.

    -ھە، گېپىم بار ئىدى،- دېدىم دادىل تۇرۇپ،- سىلەر تۆمۈر ئاكامنى ئىزدەمسىلەر؟! ئۇنى نېمىشقا ئىزدەيسىلەر؟ ئۇ، ھازىر يوق!- كوماندىر بىردىنلا جانلىنىپ كەتتى – دە، قىزغىنلىق بىلەن:

    -ھە يىگىت، ئۇنى تونۇيدىكەنسىز، ئۇنىڭدا ئامانىتىمىز بار ئىدى. ئۇ نەگە كەتتى؟- دېدى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئامانەتنىڭ ئىگىسىنىڭ شۇ ئىكەنلىكىگە جەزم قىلدىم ـ دە، تارتىنمايلا:

    سىز بىلەن ئايرىپ كۆرۈشسەم دەيمەن،- دېدىم،ئۇ، جەڭچىلەرنى قالدۇرۇپ ئىشىك ئالدىغا چىقتى ـ دە، سۇ شارقىراپ ئېقىپ تۇرغان ئېرىق بويىدىكى شاخلىق سۆگەتنىڭ تۈۋىگە كەلدى. يۇمشاق قۇم ئۈستىدە ئولتۇرۇشتۇق.

    -سىز دىمىيان ئاكام بولامسىز؟

    -مەن ئۇنىڭ ئىنىسى سىتىخان جۇڭۋېي بولىمەن، يەنى سىتىخان زاخارۇۋىچ تىخونوف. ھازىر ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مىللىي ئارمىيىسى، جەنۇب يۆنىلىش پارتىزان قىسىمنىڭ بىر لىيەنجاڭى، ئاكام غورۇ چۆلدىكى جەڭدە ئوق تېگىپ ئۆلۈپ كەتتى. شۇ يەردە قويۇلدى. مەن باشقا بىر ليەندە ئىدىم. بارلىق ۋەسىيەتلەرنى ماڭا قالدۇرغان. ھازىر ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مىللىي ئارمىيىسىگە قاتناشتىم. قىسىملىرىمىز ئاقسۇنى قورشاپ ياتماقتا پۇرسەت چىقىرىپ ئامانەتلەرنى تاپشۇرۇپ ئالاي، دەپ كېلىشىم. سىز؟!...

    -مېنىڭ ئىسمىم نۇر ئەخمەت، شۇ يەرلىك. تۆمۈر ئاكامنىڭ ۋاكالەتچىسى. ھازىر ئۇ يوق. ھەممىسىنى ماڭا تاپشۇرۇپ كەتكەن. مېنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت قىلسىڭىز بولىدۇ. ئىسپاتىڭىزنى چىقىرىڭ! ئۇ مەمنۇنىيەت بىلەن خەرىتىسىنى ئالدى. مېنىڭكى بىلەن سېلىشتۇردۇق. ئوخشاش چىقتى. بىرلىككە كەلدۇق. مەن، مۇشۇ پۇل ـ دۇنيا خاپىلىقىدا مەھەللىمىزدە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى راستچىللىق بىلەن سۆزلەپ بەردىم. سىتىخان جۇڭۋېي ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇزۇنغىچە ئۈنچىقماي ئولتۇرۇپ كەتتى. چامامدا ئۇنى ھاياجان ۋە ئىزتىراپ چۇلغىۋالغانىدى. ئۇ بىردىنلا ماڭا قاراپ:

    -تۆمۈر ۋە سىز نېمە دىگەن ئېسىل ـ ساپ ئادەملەر ـ ھە؟! ئاكاممۇ خاتا تونۇماپتىكەن. بولدى، بۇ پۇل ـ دۇنيالاردىن مەنمۇ كەچتىم. ئېلىپ كەتسەم مېنىڭمۇ بېشىمغا چىقىدىغاندەك قىلىدۇ. قاراڭ ئۇكام، ئاكاممۇ مۇشۇ دۇنيا خاپىلىقىدا ئوق يەپ، ئۆلۈكى ۋەتەندىن يىراقتا ـ چۆلدە قالدى. ئىككى پاسىقمۇ تور ئاستىدا ئۆلۈپتۇ. تۆمۈردەك بىر ساپ دىل ئەزىمەت ئېغىر كۈلپەتلەر دەستىدىن غايىپ بوپتۇ. بۇ پۇل ـ دۇنيا ماڭىمۇ قانچىلىك ۋاپا قىلىپ كېتەر؟ بىز كېتەيلى. ئۇ، سىزدەك ساپ نىيەت بىر يىگىتكە قالسۇن، سىز بەھرىمان بولۇڭ. خالىمىسىڭىز ئىشلەمچى پۇقرالارغا تارقىتىۋېتىڭ ياكى جامائەتنىڭ ئىشى ئۈچۈن ساۋاپلىق دەپ قارىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىۋېتىڭ!- دېدى قولۇمنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ، مەن بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن سىلىققىنە رەت قىلدىم.

    -سىزنىڭ ياخشى كۆڭلىڭىزگە، ئىشەنچىڭىزگە رەھمەت سىتىخان ئاكا! ياق. بۇ دەپىن ـ دۇنيالارنى مەنمۇ قوبۇل قىلالمايمەن. ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايمەن. ئەگەر ئۇ مېنىڭ قولۇمغا ئۆتسە خەۋىرى يىراق ـ يېقىنغا تارىلىدۇ. جامائەت دېگەننىڭ ئاغزى كەڭ، ھەرخىل سۆز ـ چۆچەك، پىتنە ـ ئىغۋالار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. پۇلنىڭ كويىدا دۈشمەنلىك كۆپىيىدۇ. ھۆكۆمەت مەمۇرىلىرىنىڭ قۇلىقىغا يېتىدۇ. «بۇنى قانداق تاپتىڭ؟» دەيدۇ. تىنچلىقمۇ، خاتىرجەملىكىمىزمۇ بۇزۇلىدۇ. بېشىمىزغا پىت سېلىۋالىمىز، ياخشىسى سىز ئېلىپ كېتىپ بىر تەرەپ قىلىۋېتىڭ. مۇشۇنداق پەيت سىزگە قۇلايلىق، پايدىلىق. بىز جاپا تارتساقمۇ ئىككى بىلىكىمىزگە تايىنىپ ياشاپ ئۆتۈپ كېتەيلى،- دېدىم.

    سىتىخان ئاكا ھەيران بولغان ھالدا كۆزىنى يوغان ئېچىپ ماڭا بىردەم تىكىلىپ قاراپ تۇردى ـ دە، ھاياجانلىق كەيپىياتى بىلەن:

    -ئۇيغۇرلار ئاساسەن مەرد، ئوچۇق ـ يورۇق، سەمىمىي ـ ساددا كېلىدىغان بىر خەلق،بۇنى مەن يەنە بىر ئەمەلىيەت ئارقىلىق چوڭقۇر ھېس قىلدىم. گېپىڭىزمۇ ئورۇنلۇق ئىنىم. ئۇنداق بولسا بۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ كېتىپ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۆمىتى مىللىي ئارمىيە خوجىلىق خەزىنىسىگە تاپشۇراي. ئەھۋالنى راستچىللىق بىلەن ئىزھار قىلاي. بۇ دۇنيالار ئەسلىدە ئەمگەكچى پۇقرالارنىڭ قان ـ تەر بەدىلىگە كەلگەن. ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلارنىڭ، پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ، يەرلىك فېئودال بەگ ـ بوجاڭلارنىڭ، ئەمگەكچى خەلقىنى ھەرخىل ۋاستىلەر ئارقىلىق ئېزىشى بىلەن ساندۇقلىرىغا توپلانغان. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ـ ئەمگەكچى خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىنقىلابى. گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئىنقىلابى بىلەن مەسىلەكداش. شۇڭا مۇشۇنداق قىلىشىم ناھايىتى توغرا بولىدىكەن.

    -قانداق ئويلىغان بولسىڭىز، شۇنداق قىلىڭ سىتىخان ئاكا. بىزنى بۇ ئاۋارچىلىقتىن خالاس قىلىڭ. ئۇ ئىللىق كۈلگەن ھالدا يەنى شۇنى سورىدى.

    -ئىنىم، ئاكام بىر خاسىيەتلىك خەنجەرنىڭ گېپىنى قىلغان ئىدى. پۇل ـ مال قولغا كەلمىسىمۇ خەنجەرنى چوقۇم قايتۇرۇپ ئال دېگەن. دېمىسىمۇ ئۇ خەنجەر بوۋىمىزدىن مىراس قالغان يادىكارلىق. ئىنتايىن مۇھىم بايلىق ئىدى، ئۇ قېنى؟

    - توغرا ئۇ خەنجەرنى مەنمۇ تۆمۈر ئاكىنىڭ قولىدا كۆرگەن ئىدىم. ھەقىقەتەن سىرى ـ ھېكمىتى قالتىس. تۆمۈر ئاكام بۇ خەنجەر بىلەن ئەتراپىدىكى قارا نىيەت، خىرىس كۈچلەرگە تاقابىل تۇرغان ئىدى. ئۇ كېتەر چېغىدا ماڭىمۇ بۇ خەنجەرنىڭ تارىخىنى، سىرى ـ ھېكمىتىنى، ۋىجدانەن بىر ئامانەت ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن. ئەمما كېتەر چېغىدا خەنجەرنى ئېغىزغا ئالمىدى. مەنمۇ سوراشقا ئوڭايسىزلاندىم، كەچۈرۈڭ...

    سىتىخان جۇڭۋېي ئەپسۇسلۇق كەيپىيات ئىچىدە بىر دەم ئېرىقتا ئېقىۋاتقان سۇغا تىكىلىپ تۇرۇپ كەتتى ـ دە، بىردىنلا بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قاراپ مەردانىلىق بىلەن:

    -ئۇ ھەقىقەتەنمۇ قىممەتلىك مۈلۈك ئىدى. خەير بوپتۇ، سالاۋات! تۆمۈردەك ۋە سىزلەردەك، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەقىقىي، پەزىلەتلىك مەرد ئوغلانلىرى ئالدىدا، بىر خەنجەر دېگەن نېمىتى؟- دېدى.

    -رەھمەت سىتىخان ئاكا!- دېدىم مەنمۇ بۇ كازاكنىڭ ،مەردلىكىگە سۆيۈنۈش ئىچىدە قايىل بولغان ھالدا ۋە قىزىقىپ سورىدىم:

    -سىتىخان ئاكا، ئۆز ۋاقتىدا ئاكا ـ ئۇكا ئىككىڭلار قانداقلارچە ئەكسىيەتچى زالىم شېڭ شىسەينىڭ كەتمىنىنى چاپىدىغان، خەلقنى باستۇرىدىغان ئەكسىيەتچى بىر ئەسكىرى قوشۇنىغا كىرىپ قالغان؟ شېڭ شىسەي مۇشۇ يۇرتنىڭ نوپۇزلۇق چوڭلىرىنى، مېنىڭ ئانا جەمەت بوۋامنى تۇتۇپ كېتىپ، ئۈرۈمچىدە ئۆلتۈرىۋېتىپتىكەن. شېڭ شىسەي ئۈچۈن شۇ چاغدىكى باستۇرۇپ بېرىشكە كەلگەن كازاك ئورۇسلار، تۈەنىنىڭ كۆپلىگەن ئادەملىرى، كەنت مەھەللىلەردە ئىنتايىن ناچار قىلىقلارنى قىلىپ، يامان تەسىرلەرنى قالدۇرغان ئىكەن. بۇ يەردىكى خەلق ئۇلارنى ئىنتايىن ئۆچمەنلىك بىلەن تىلغا ئېلىشىدۇ. سىزنىڭ ھازىرقى روھىي كەيپىياتىڭىزنى كۆرۈپ، كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىپ، شۇ چاغلاردا قانداقلارچە ئاشۇنداق بىر قوشۇنغا قاتنىشىپ قالغىنىڭىزغا ھەيرانمەن. ئەمدى بولسا باشقىچە تەزردە ئۈچ ۋىلايەت خەلق ئازادلىق ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ بىر توغرا يولنى تېپىۋاپسىز.

    -نۇر ئەخمەت، سىز ھەقىقەتەنمۇ چوڭقۇر پىكىرلىككەنسىز، بۇنى بىر دېمەڭ، ئۆتكەن ئىشلارنى ئويلىسام قاتتىق ئۆكۈنىمەن. ئىنىم، بىز روسىيەنىڭ ئورالى ئۆلكىسىدىكى كازاكلاردىن، كازاكلار بىر قەدەر جەڭگىۋار، باتۇر، ئوچۇق ـ يورۇق، رەھىمسىزراق كېلىمىز. چار پادىشاھنىڭ بۇ خىسلەتلىرىمىزگە كۆزى چۈشۈپ، ئۆز ھاكىميىتىنى، روسىيە تۇپرىقىنىڭ پۈتۈنلىكىنى ۋە كەڭلىكىنى قوغداشتا، كازاكلارنىڭ كۈچىگە تايىنىشنى ھېس قىلغان. شۇڭا جەڭگىۋار، چەۋەنداز قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئاساسىنى كازاكلاردىن تەشكىللىگەن، كازاكلارنى ماختاپ ـ ئۇچۇرۇپ يۈرۈپ تۈركۈملەپ ئەسكەر ئېلىپ ئۇرۇش ـ يېغىلىقلارغا سالغان. شۇڭا كازاكلارنىڭ كۆپىنچە ئەركەكلىرى ئەسكەرلىك كەسپىگە، نام ـ شۆھرەتكە كۆنۈپ كەتكەن. بىزنىڭ بوۋا ـ ئەجدادلىرىمىزمۇ چار پادىشاھ قىسىملىرىدا ئۆمرى ئەسكەرلىك بىلەن ئۆتكەن، بىزمۇ كىچىكىمىزدىلا كازاكلاردىن تۈزۈلگەن قىسىمغا قاتنىشىپ قالدۇق. كېيىن روسىيىدە خەلق ئىنقىلابى پارتلاپ، بىزنىڭ چار پادىشاغا سادىق كازاك قىسىملىرىمىز ئېغىر زەربە يەپ تارمار بولۇشقا يۈزلەندى. شۇڭا بىز ئۈچۈن روسىيەدە تۇرۇش خەتەرلىك ئىدى. سالايىھىتىمىزگە «چار پادىشاھنىڭ ئەسكىرى» دېگەن تامغا بېسىقلىق ئەكسىيەتچى ئەسكەرلەر دەپ قارالغاچقا تۇرۇپ قېلىش ئىمكانىيىتىمىز بولمىدى. شۇ ۋەجىدىن پىترىغان بىر توپ كازاكلار، ئاتامانلىرىمىزنىڭ قايمۇقتۇرۇشى بىلەن پاناھلىق ئىزلەپ جۇڭگو تەۋەلىكىگە قېچىپ ئۆتۈپ، ئىلى ۋىلايىتى دائىرسىگە يەرلەشتۇق. بىزدە قورال، ئوق ـ دورىدىن باشقا، يەر، سۇ، ئۆي ـ ماكان بولمىغاچقا قورالغا تايىنىپ، جېنىمىزنى سېتىپ جان باقماقتىن باشقا يولىمىز يوق ئىدى. شېڭ شىسەي بىزگە مائاش، يەر، ماكان ۋەدە قىلدى. شۇڭا ئۇنىڭ كەتمىنىنى چاپىدىغان قوشۇنغا قاتنىشىپ قالدۇق، چار پادىشاھ ئارمىيىسىنىڭ كازاكلىرىنىڭ ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش زوراۋانلىق روھى، بىزنى يەرلىك خەلقلەرنىڭ كۆزىگە سەت كۆرسىتىپ قويدى. مەن ئۇلاردىن ئەپۇ سورايمەن. شېڭ شىسەي ئۆزىنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن، ۋەدىسىگە تۇرماقتا يوق، تۇزكورلۇق قىلىپ كىرژاك كازاكلارنى ئېغىر ھالغا قويدى. مەن بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتكەچكە، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمى بولغان شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت دېموكراتىك خەلق ئازادلىق ئىنقىلابى پارتلاپ چىقىۋىدى، ئىككىلەنمەيلا بۇ ئىنقىلابقا جەڭچى بولۇپ قاتناشتىم.

    مەن ئۇنى، مۇھاپىزەتچىلىرى بىلەن قوشۇپ قۇم چۆلدىكى ھېلىقى دۆڭگە باشلاپ باردىم. تور خارابىسىگە ئاساسەن خەرىتىنى توغرىلاپ، بەلگىلەنگەن ئۆلچەم ۋە قەدەملەر، بۇرۇلۇشلار ئارقىلىق ئاخىرى بۇ جاينى تاپتۇق. مۇھاپىزەتچىلەر، مەن كەتمەن ۋە باشقا ئىش قوراللىرى ئارقىلىق قۇمغا كۆمۈلگەن ساندۇقلارنى ساق ـ سالامەت قېزىۋالدۇق. سىتىخان (سىتىپان) زاخاروۋىچ تىخونوف جۇڭۋېي قۇم دۆۋىسى ئالدىدا بىر دەم سۈكۈتتە تۇردى ـ دە، ئاندىن مېنىڭ بىلەن چىڭ قۇچاقلىشىپ بولۇپ، خوشلىشىپ يۈرۈپ كەتتى.

     

    خاتىمە

     

    خاتىرىلەر ئاياغلىشىپ قالدى. بۇ = بىرەر رومان ياكى بەدىئىي توقۇلما ئەسەر بولغىنىدا ئىدى، خاتىرىنىڭ ئاخىرىنى خالىغانچە سوزۇپ، تەسۋىرلەپ، ھېلىقى دۇنيالارنىڭ سىتىپان جۇڭۋېينىڭ قولى بىلەن تىنچ ـ خاتىرجەم، ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۆمىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ خوجىلىقىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى تەسۋىرلەپ كۆڭۈللۈك ئاخىرلاشتۇرساق بولاتتى.

    بىراق ئەمەلىيەت ئۇنداق بولمىغان. ئېچىنارلىق ـ ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا، يەنە دۈشمەننىڭ، گومىنداڭ ئارمىيىسى ئاقسۇ شەھەر مۇداپىئەسى 5 ـ ئاتلىق تۈەنىنىڭ تۈەنجاڭى جياۋ خەنچى شاڭشياۋنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن. يېزىۋاتقىنىمىز راست ئىشلار خاتىرىسى بولغاچقا، بىزمۇ راستچىللىققا سادىق بولغان ھالدا، ئەمەلىيەتتە يۈز بېرىپ ئۆتكەن ئىشلار قانداق بولغان بولسا، شۇنداق خاتىرلەشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. بۇ خاتىرىدىكى ئاساسلىق كىشى نۇر ئەخمەت شۇنداق دەيدۇ:

    1950 ـ يىللاردا مەن ئاقسۇ 1 ـ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ يۈرگەن چاغلىرىمدا سالى ھۈسەن ئىسىملىك بىر پۇتى ناكار ياشقىنا بىر كىشى بىلەن ئۈلپەتلىشىپ قالدىم. بىر كۈنى گەپتىن ـ گەپ چىقىپ 1945 ـ يىلدىكى ئاقسۇ دائىرسىدە يۈز بەرگەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتىزانلىرىنىڭ پائالىيەت ئەھۋالى سۆزلىنىپ قالدى. شۇ چاغلاردا سالى ئاكام گومىنداڭ ئارمىيىسى ئاقسۇ 5 ـ ئاتلىق تۈەنىنىڭ 3 ـ ليەنى، تاللانما (گۋاردىيە) 2 ـ پەيدە ئەسكەرلىك سالاھىيەت بىلەن ئاشۇ جەڭلەرگە بىۋاستە قاتناشقان. كېيىن بۇ قىسىم يەكەنگە يۆتكەلگەن. بىر قېتىملىق ھەربىي يۈرۈشتە يېنىدىكى ئەسكەرنىڭ مىلتىقىدىن تۇيۇقسىز ئوق چىقىپ كېتىپ ئوڭ پۇتى ئېغىر زەخىملىنىپ ناكا بولۇپ ساقايغان. 1949 ـ يىلى ھەقىقەتكە قايتىپ، ئۆز يۇرتىغا يېنىپ كېلىپ پۇقرادارچىلىق قىلغان. (بۇ كىشى 2002 ـ يىلى كۈزدە قازالاپ كەتتى). ئۇ شۇنداق ئەسلەيدۇ: «1945 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى. كېچىسى تۇيۇقسىز ھەربىي ھالەت كارناي چېلىندى. ئالدىراش سەپ بولدۇق. كېچىدە ئارغامچا شوتىلار بىلەن سېپىلدىن سىرتىغا يامىشىپ چۈشتۇق. تاڭ سۈزۈلۈپ بولغۇچە ئۇيقىدا ياتقان پارتىزانلىق شىتابىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدىكەنمىز. بۇ بىر كېلىشىمگە، ۋەدىگە خىلاپ بولغان مەككارلىق بىلەن تۈزۈلگەن سۇيىقەست ئىدى. چۈنكى جياۋ تۈەنجاڭ تۈنۈگۈن تېخى پۈتۈن ئەسكەرلەرنى سەپكە تۇرغۇزۇپ:

    -ئۇرۇش توختىتىلدى. تىنچلىق سۆھبىتى بولىدۇ. دۈشمەنلەشكەن ھەر ئىككى تەرەپ قوراللىق ئېتىشىشنى توختىتىپ 10 كىلومېتىر ئارىلىق قالدۇرۇپ يىراقلىشدۇ. تىنچلىق ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈلىدۇ. پارتىزانلار ئىلىغا چېكىنىپ كېتىدۇ. مۇز داۋان ياشلار چېگرا پاسىلى بولىدۇ!- دەپ ئۇقتۇرغان.پارتىزانلار بۇيرۇققا ئەمەل قىلىپ، ئالدى چېكىنىشكە باشلىغانىدى.

    تاڭ سەھەردىلا كاناي ئارقىلىق ھۇجۇم سېگنالى چېلىندى. ‹سا... سا...! › دېگەن چۇقانلار بىلەن، كېلىشىمگە ئالدىنىپ، ئوبورۇن، ئاكوپلىرىدا بىخارامان ئۇخلاپ ياتقان، پارتىزانلارغا تاشلاندۇق. ھۇجۇمنى كۈتمىگەن پارتىزانلار قاتتىق مەڭدەپ كېتىپ، ساراسىمگە چۈشۈپ قېچىشقا باشلىدى. كۆپلىرى ئوق تېگىپ ئۆلۈپ كەتتى ۋە يارىلاندى. بىر قىسمى ئەسىرگە چۈشۈپ قالدى. شۇنداقتىمۇ پارتىزان ئەترەتنىڭ كوماندىر، ئوفىتسېرلىرى ھودۇقۇشنى كونترول قىلىپ، قاتتىق قارشىلىق بىلەن قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىپ كەتتى.

    بىزنىڭ 3 ـ ليەن ئاسوق مەھەللىسى خۇمدان بېشىغا چۈشكەن پارتىزانلارغا ھۇجۇم قىلغانىدۇق. تەرەپ ـ تەرەپكە قاچقانلارنى قوغلاپ كىرىش ئېغىزىغا بېرىپ قاپتىمەن. قارىسام كىرىش ئېغىزىدىكى (بۇ جاي ھازىر شەھەرلىك تۈرمىنىڭ جەنۇبىي تەرىپى، ھېلىقى شەرق تەرەپ يار قولتۇقىدا، يار ئۈستى يېزىلىرىدىن، ئاقسۇ شەھىرىگە كىرىدىغان يول ۋە ئېغىز، غەرب تەرىپىدە ئونسۇ بازىرىغا بارىدىغان، يار بويلاپ كەتكەن قەدىمكى خان يولى، يەنى ھازىرقى دۆلەت تاشيولى مەۋجۈت) ئاچال تۆپىلىك ئۈستىدە بىر جەسەت ئىككى قولىنى ئىككى تەرەپكە تاشلىغان ھالدا ئوڭدامچە يېتىپتۇ. 3 مېتىر نېرىدا، ئارقىسىغا ئېغىر خۇرجۇن قاچىلار غانجۇغىلانغان، ياخشى ئىگەر ـ جابدۇقلانغان قاشقىلىق بىر بويى زور قاراگىر ئارغىماق قورقۇپ كەتكەنلىكتىن خارتىلداپ ـ پۇشقۇرۇپ، چۆرۈلۈپ يۈرۈپتۇ. ‹ئولجا!› = دېدىم ئىچىمدە خوشال بولۇپ، ‹ئەمدى خىزمەت كۆرسىتىدىغان بولدۇم. › شۇ نىيەت بىلەن ھېلىقى جەسەتنىڭ قېشىغا باردىم. جەڭدە ئولجا ئالساق تۆھپىمىزگە قاراپ مۇكاپاتلايتتى. دەرىجىمىزنى ئۆستۈرەتتى. قارىسام ئۇ ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ فورمىسىنى كىيگەن جۇڭۋېي دەرىجىلىك بىر ئورۇس ئوفىتسېرى ئىكەن. بېلىدە تاپانچا، بىر قولىدا سېۋىتكى دىگتار ئاپتومات تۇتۇقلۇق. ئوق ئوڭ بېقىنىدىن كىرىپ، تاغاق سۆڭەكنى چېقىپ چىقىپ كەتكەن. قان تېخى توختىماپتۇ. كۆلچەك ھاسىل قىپتۇ. بۇ ئىشلار مەن يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقاندا يۈز بەرگەن بولسا كېرەك. تېنى سوۋۇمىغاچقا، تېنى تېخى قاتمىغان ئىكەن. جەسەتنىڭ ئوچۇق كەتكەن كۆزى كۆپ ـ كۆك ئاسمانغا تىكىلگەن. چىرايىدا قانداقتۇ بىر ئەپسۇسلۇق ھەسرەت ئىپادىلىرى قېتىپ قالغان ئىدى.

    جەسەتنى ئۆرۈپ، كەمەرنى يېشىپ تاپانچا ۋە ئاپتوماتنى ئوقلىرى بىلەن ئالدىم. يانچۇقلىرىنى ئاختۇرسام قۇپقۇرۇق. پەقەت سول تەرەپ تۆش يانچۇقىدىن، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيە شىتابىدىن بەرگەن ئۇنىڭ كىملىكى ۋە سالايىھىتىنى ئىپادىلەيدىغان بىر دانە كىنىشكا چىقتى. قارىسام بىر چېتىدە ئۆلگۈچىنىڭ رەسىمى ۋە ئۇيغۇرچە، روسچە تىل ـ يېزىقتا بېسىلغان گىرافا مەزمونلىرى بار ئىكەن. ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى خەتلەرنى ئوقۇيالايتتىم. ئوقۇپ باقسام، ئوفتسېر، فودفورۇچىك (جۇڭۋېي) رۇس. 40 ياش، مۇئاۋىن ليەنجاڭ. سىتىپان زاخارۇس تخونوف دېگەن مەزمۇنلار ئېنىق يېزىلغان. ئاساسەن بىزنىڭ ھەربىي خىزمەت سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئوخشاپ كېتىدىكەن. ئامما بىزنىڭ جىگەررەڭ تاشلىق، ئۇلارنىڭ توق يېشىل تاشلىق، ئېلىپ يانچۇقۇمغا سالدىم. ئاتنى تۇتۇۋالاي دەپ يېقىنلاشسام خارتىلداپ، چاپچىپ يېقىن يولاتمىدى. ئەتراپلارغا يېيىلىپ، قېچىۋاتقان پارتىزانلارنى ئەسىرگە ئېلىش، ئولجىنى قولغا كەلتۈرۈش تاماسىدا يۈرگەن بىر پەيدىكى بىر قانچە سەپداشلار مېنى كۆرۈپ يۈگۈرۈپ كېلىپ ئولاشتى.

    -سالى! بۇ ئورۇسنى سەن ئاتتىڭما؟ قالتىس! ئولجىغا بىزنىمۇ شېرىك قىل جۇمۇ!

    -ھە، مەن ئاتتىم!- دېدىم. (ئەسلىدە مەن ئاتمىغان،باشقىلارنىڭ قارىسىغا ئاتقان ئوقى ئۇچۇپ كېلىپ تەگكەن ئىكەن. ئولجىنى تارتتۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن مەن ئاتتىم!- دېگەنتىم) يەنە پەيجاڭىمىز خاچىڭ (ھەمدۇللا = تۇرپانلىق) ليەنجاڭىمىز خۇڭيادۇڭلار (خەنزۇ) يېتىپ كەلدى ـ دە: ‹نېمە ئىش ـ نېمە ئىش› ـ دېيىشىپ ئولاشتى. ئاتنى بىر ئامال قىلىپ تۇتۇۋالدۇق. دەل شۇ پەيتتە جياۋ تۈەنجاڭ ئاتلىق يېتىپ كەلدى. ئەھۋالنى ئۇقتى. جەسەتنى، كىنىشكا، تاپانچا ـ ئاپتوماتلارنى كۆرۈپ ناھايىتى خوشال بولدى. ئاتنىڭ غانجۇغىسىدىن خۇرجۇنلارنى يېشىپ ئېچىۋىدى،چاققانغىنە ئىككى تۆمۈر ساندۇق چىقتى. قۇلۇپقا ئوق ئېتىپ ئېچىۋىدى. بىرسىدە لىق تىللا، بىرسىدە لىق زىقچە ئالتۇن بار ئىكەن. نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەن قۇياش نۇرىدا ئىللىق يالتىراپ تۇراتتى. ھەممىمىزنىڭ كۆزى ئالتۇنلارغا تىكىلدى. ‹ۋاي ئىست!› دەپ قالدۇق ئىچىمىزدە، چۈنكى ئادەم كۆپ، شەخسنىڭ قىلىۋېلىشىغا ئىلاج يوق ئىدى.

    -مۇخەيجاڭ! (سالى ئاكىنىڭ خەنزۇچە ئىسمى) سەن جۇڭخۇا مىنگو ئۈچۈن، جۇڭخۇا مىنگو قۇراللىق ئارمىيىسىنىڭ شان ـ شەرىپى ئۈچۈن چوڭ تۆھپە ياراتتىڭ! شۇڭا ئاددىي ئەسكەرلىكتىن شاڭشى، مۇئاۋىن پەيجاڭلىققا ئۆستۈرۈلدۈڭ! 1 ـ دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتىڭ. بىر ئالتۇن مېدال، بۇ ئولجىدىن 20 دانە تىللا مۇكاپات قىلىندى. بۇ مۇكاپاتلار شىتاپقا قايتقاندا تۈەندىكى بارلىق ئوفىتسىر ـ ئەسكەرلەر ئالدىدا تەنتەنىلىك مۇراسىم بىلەن ئەمىيللەشتۈرىلىدۇ!- دېدى. (كېيىن شۇنداق قىلىندى. لېكىن بۇ تىللالارنى مەن يەكەندا قىماردا ئۇتتۇرىۋەتتىم.)

    -خۇڭ ليەنجاڭ!- دەپ بۇيرۇق قىلدى يەنە جياۋ تۈەنجاڭ، سەن بۇ ساندۇقلارنى ھازىرلا پېچەتلەپ ياراملىق 10 ئەسكەرنىڭ ھىمايىسىدە دەرھال شىتاپقا ئېلىپ بار، نازارەتنى كۈچەيتىپ كومىسسىيە تەشكىللەپ، ئالتۇنلارنى بىر ـ بىرلەپ ساناپ رويىخەتكە ئېلىپ، قايتا پېچەتلەپ تۈەن خەزىنىسىگە ئۆتكۈز، كېيىن باش شتاپقا يوللاپ بېرىلىدۇ. قىلچە شەخسىي غەرەز ـ سەۋەنلىك كۆرۈلمىسۇن! خىلاپلىق قىلغۇچىلار بۇلاڭچىلار قاتارىدا ئېتىپ تاشلىنىدۇ! ئۇقتۇڭمۇ؟!- دېدى.

    -خوپ تۈەنجاڭ!

    خۇڭيادۇڭ چاست بەردى ـ دە، ساندۇقلارنى پېچەتلەپ ئاتقا قايتىدىن غانجۇغلىدى. مەن باشلىق 10 ئەسكەرنى تاللاپ ئاتلاندۇردى. بىزنىڭ مۇھاپىزىتىمىز بىلەن جەڭگاھتىن ئايرىلىپ سېپىل ئىچىگە شتابقا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق...»

     

    ـــــــــــــــــــــــــــــــ

    ① 1949 ـ يىلى 10 ـ ئايدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرىكى تارىخنى كۆرسىتىلىدۇ.

    ② ئىلگىرىكى چاغلاردا مەۋلانەم مازىرىدا تېرەككە ئۇلانغان غايەت زور توغراقلار بار ئىدى. ھازىرمۇ بار.

    ③ 1937 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ ئاخىرىلىرىدا ئايكۆلنى بېسىپ ياتقان ئابدۇنىياز، ماخوسەنلەرنىڭ ئىسيانچى قوشۇنلىرىغا قارشى شىڭ شىسەينىڭ ئۆلكە ئارمىيىسى ۋە شېڭخا ياردەملەشكۈچى روسىيە كازاكلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە ئارمىيە ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن جەڭلەرنى كۆرسىتىدۇ.

    ④ 32 ـ تۈەن 1934 ـ 1937 ـ يىللاردىكى قەشقەر يەكەنلەردە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئاتلىق 13 ـ شىسىنىڭ 32 ـ تۈەنىنى كۆرسىتىدۇ.

    ⑤ شېڭ شىسەي قوشۇنلىرىغا روسىيىدىن ھەربىي ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىپ قويغانىدى.

    ⑥ 13 ـ شىنىڭ 31 ـ تۈەنى ئابدۇنىيازنىڭ ئىسيانچى قوشۇنلىرىغا قوشۇلماي شېڭ شىسەينىڭ كونتروللىغىدا قالغانىدى.

    ⑦ 1932 ـ 1937 ـ يىللاردا بولۇپ ئۆتكەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ شېڭ شىسەينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي ياردىمىگە تايانغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.