خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كەچمىشلىرى(1-خۇنەندىن خوتەنگىچە)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-13 09:37:13

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى(بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە)نۇرمۇھەممەت توخ

    خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى
    (بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە)
    نۇرمۇھەممەت توختى

     

    1-خۇنەندىن خوتەنگىچە


    مىلادىيە 1917-يىلى ياز ئايلىرىنىڭ ئاخىرىدا، تۆتتىن-تۆتتىن بولۇپ سەككىز كىراكەش كۆتۈرگەن بىر جۈپ تەختىراۋان گەنسۇنىڭ غەربىدىكى سۇجۇ )جيۇچۇەن( شەھىرىگە كىرىپ توختىدى. ھارغان، دولىلىرى ئاغرىپ كەتكەن كىراكەشلەر تەختىراۋاننى كارۋان ساراينىڭ كەڭ سەيناسىغا قويۇشتى ۋە ئالدىراپ تەختىراۋان پەردىسىنى قايرىدى. تۇنجى بولۇپ ئارقىدىكى تەختىراۋاندىن ئۈستىگە نىمچە كىيگەن، قېلىن كۆزەينەك تاقىغان، بېشىغا قارا رەڭلىك دۇخاۋا تەقىيە كىيگەن، ئۇزۇن چاچلىق بىر ئەر چۈشۈپ ئۈلگۈرگەنىدى. ئۇ قۇچاقلىرىنى كېرىپ بالىنى باغرىغا باستى ۋە ئۇنى كۆتۈرگىنىچە ئارقىسىدىكى تەختىراۋاننىڭ يېنىغا كەلدى. بىر قولىنى ئۇزىتىپ تەختىراۋاندىن چۈشكۈچىگە تىرەك قىلىپ بەردى. تەختىراۋاندىن چۈشكۈچى بىر ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ قارا لاتا خەي ئىچىدىكى پۇتلىرى شۇنچىلىك كىچىك ۋە دىقماق ئىدىكى، يەردە تايتاڭلاپ ئاران-ئاران ئۆرە تۇراتتى. ئۇلار ھال سورىشىۋاتقان ئەسنادا ئوخشاشلا نىمچە كىيگەن، ئۇزۇن چېچىنى كېسىۋەتكەن ساراي خوجايىنى يېتىپ كېلىپ، ئىككى قولىنى جۈپلەپ سالام قىلدى ۋە ئەزىز مېھمانلارنى ساراينىڭ ئالاھىدە خانىسىغا باشلىدى.
    تەختىراۋاندىن چۈشكەن ئاشۇ ئەزىز مېھمانلار خۇنەن چاڭشالىق يۈ يىڭخەن دارىن، ئايالى لى مېيزى ئاغىچا ۋە ئوغلى يۈ شۇنچىڭ ئىدى. ئۇلار تولىمۇ يېراقتىن كەلگەن ۋە تولىمۇ يىراققا كېتىۋاتاتتى. سەپىرىنىڭ قاچان ئاياغلىشىپ، قاچان مەنزىلىگە يېتىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى. پەقەت مۇشۇ سەپەرنىڭ ئۆزلىرىنى پۇشايمان-نادامەت مەنزىلىگە ئەمەس، بەلكى ئۇتۇق، ئامەت، بەخت مەنزىلىگە ئېلىپ بېرىشىنى ئارزۇ قىلاتتى، ئۇلار ئەمدى مانا مۇشۇ جيۇچۇەن شەھىرىدە تەختىراۋاننى ھارۋىغا ئالماشتۇرۇشى، كېيىنكى يوللارنى ھارۋىلىق، ئات، تۆگە ۋە باشقىلار بىلەن بېسىشقا تەييارلىنىشى كېرەك ئىدى. ئېيتىلىشىچە، يولنىڭ نېرىسىغا ئەمدى تەختىراۋان ماڭالمايتتى. پەقەت كۈچلۈك ئاتلار قوشۇلغان ھارۋا ۋە تۆگىلەرلا ماڭالايتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار سەپىرىنى يەنىلا داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك ئىدى.
    يۈ يىڭخەن دارىن ئۈچۈن ئېيتقاندا، كېيىنكى يىللار تازا ئوڭۇشلۇق كەلمەي قالدى. ئۇزۇن يىل ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئەمدى خانلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن چاغدا خان ئاغدۇرۇلدى. كىشىلەر ئۇزۇن چاچلىرىنى كېسىپ، پۆپۈكلۈك قالپاقلىرىنى چۆرۈپ تاشلايتتى. ئىنقىلاب بولۇۋاتاتتى. «تۆت كىتاب»، «بەش دەستۇر»، «24 تارىخ»نىڭ سىرتىغا چىقىپ باقمىغان يۈ يىڭخەن دارىن كۆپ ئىشلارنى ئەقلىگە سىغدۇرالمىدى. بولۇپمۇ پادىشاھنىڭ يوقىتىلغانلىقىنى ئەقلىگە سىغدۇرالمىدى. ئائىلە-ئۇرۇقتا ئائىلە باشلىقى، دۆلەتتە پادىشاھ بولمىسا قانداق بولىدۇ؟ مېڭزى ھەزرەتلىرى «ئالىيجانابلار بولمىسا ياۋايىلارنى باشقۇرغىلى بولماس، ياۋايىلار بولمىسا ئالىيجانابلارنى باققىلى بولماس» دەپ ئېيتقانغۇ. پادىشاھ بولمىسا پۇقرانى قانداق باشقۇرغۇلۇق؟ يۈ يىڭخەن دارىن مانا شۇنداق ئويلايتتى. ئاشۇ ئويلىرى ئۇنى تارىخ ئېقىمىنىڭ سىرتىغا ئىرغىتىپ تاشلىدى. ئۇ بىر كېچىدىلا ئۇزۇن ئۆرۈمە چاچلىرىنى كېسىپ، پۆپۈكلۈك قالپىقىنى دۇخاۋا تەقىيىگە ئالماشتۇرغانلارنىڭ سېپىدىن چۈشۈپ قالدى. ۋەزىر-ۋۇزرالىقىدىن بىر كېچىدىلا «مىنگو»نىڭ ئەمەلدارىغا ئايلانغانلار ئۇنى قېتىغا ئالمىدى. ئىش ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەكلا بولۇۋاتاتتى. پادىشاھسىز ئالەم قالايمىقانلىشىپ كەتتى. ئالىيجانابلار ئالىيجانابلارغا، پۇقرا پۇقراغا ئوخشىماي قالدى. ئۇنىڭ چاڭشانىڭ سىرتىدىكى ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان زېمىنلارغا ئىجارە ھەققى تاپشۇرۇشمىدى. تېخى ئۇلارنى بۆلۈپ پارچە-پارچە قىلىپ ئىگىلىۋېلىشتى. ئەرز قىلاي دېسە ئەرز قىلغۇدەك ھۆكۈمەت يوق ئىدى. ھەممە يەرنى بۇلاڭچى ئەسكەرلەر قاپلاپ كەتكەنىدى. يۈ يىڭخەن دارىننىڭ كۈن ئالمىقى تەسلەشتى. تۇغۇلۇپ-ئۆسكەن چاڭشا ھارام بولغاندەك، باشنى ئېلىپ ياقا يۇرتلارغا چىقىپ كەتمىسە بولمايدىغاندەك تۇيۇلاتتى. مانا شۇ ئېغىر كۈنلەرنىڭ بىرىدە گويا ئاسماندىن چۈشكەندەك يۈ يىڭخەن دارىننىڭ قولىغا بىر پارچە خەت كېلىپ تەگدى. خەتنى چىڭ يۇڭچىڭ دېگەن ئادەم يازغانىدى. يۈ دارىن ئاشۇ چىڭ يۇڭچىڭنى ئېسىگە ئالدى. خېلى يىللار ئىلگىرى خانلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جەم بولغاندا ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقان، ئىمتىھان ئالدىدىكى بوش ۋاقىتلاردا بىللە يۈرۈپ، ئوبدانلا ئېچەكىشىپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ ئېسىدە چىڭ يۇڭچىڭ ئىلىم-تەھسىلىدە چولتىراق بولسىمۇ، لېكىن بەكلا ئىش بىلەر ئادەم ئىدى. كاتتا ئىشلارنى تەۋرىتىش توغرىسىدا سۆزلەپلا يۈرەتتى. ئۇ خانلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەيدۇ. كېيىنرەك خان ئاغدۇرۇلغان يىللاردا ئاشۇ چىڭ يۇڭچىڭ چاڭشادىن غايىب بولغانىدى. نەگە، نېمىشقا كەتكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمىگەنىدى. مانا ئەمدى ئاشۇ غايىب بولغۇچىدىن مەكتۇپ كېلىپ قالدى. خەتتىن مەلۇم بولدىكى، ئاشۇ چىڭ يۇڭچىڭ ھازىر تولىمۇ يىراق بىر يەردە، شىنجاڭنىڭ خوتەن دېگەن يېرىدە ئامبال ئىكەن. ئادەتتىكى چىڭ يۇڭچىڭ ئەمەس، چىڭ دارىن ئىكەن. تارىختىكى كاتتا تۇتۇق-ھىراۋۇللاردەك يىراق چېگرانى قوغداش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئاپتۇ... چىڭ دارىن خەت ئارقىلىق يۈ يىڭخەن دارىننى خوتەنگە كېلىشكە، چىگرا رايوننى بىرلىكتە قوغداش ۋە بىرلىكتە گۈللەندۈرۈشكە تەكلىپ قىلغانىدى.
    خەتتە يېزىلىشىچە، خان ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ شىنجاڭدا، خوتەندە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولماپتۇ. بۇرۇنقى دوتەي-ئامباللار ھېلىمۇ ئۆز ئورنىدا ئىكەن. بۇرۇن قانداق باشقۇرۇلغان بولسا ھازىرمۇ شۇنداق باشقۇرۇلۇۋېتىپتۇ. باش تۇتۇق ياڭ زىڭشىن خان تەختتە ئولتۇرۇۋاتقان يىللاردىكىدەكلا كونا-قائىدە تۈزۈملەرگە بەكلا سادىق ئىكەن... يەنە يېزىلىشىچە، يەرلىك خەلق نامرات ۋە بەكلا ياۋاش ئىكەن. ئۆزىنىڭ بەگ-بايلىرى ئارقىلىق ئۆز_ ئۆزىنى باشقۇرۇش يولغا قويۇلغاچقا، ئارتۇق غەلۋىسىمۇ يوق ئىكەن. لېكىن، ئۇلارنىڭ تىل بىلمەسلىكى چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈشكە، چېگرا رايوننى مۇستەھكەملەشكە پايدىسىز ئىكەن. بىر-ئىككى تەرجىماندىن باشقا تىل بىلىدىغان ئادەم يوق ئىكەن. چىڭ دارىن مەكتەپ ئېچىپ يەرلىكلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، خەلپەت-ئوقۇتقۇچى بولمىغاچقا ئىش يۈرۈشمەپتۇ. شۇڭا، يۈ يىڭخەن دارىننى خەلپەتلىككە تەكلىپ قىلىدىكەن...
    يۈ يىڭخەن دارىن چىڭ دارىننىڭ مەكتۇپىنى كۆرۈپ دەسلەپ ھەيران بولدى. كېيىن ئەستايىدىل ئويلىنىپ قالدى. ئۇ خەتنىڭ پەقەت ئۆزىگىلا ئەۋەتىلمىگەنلىكىنى پەرەز قىلدى. چىڭ دارىن ئەلۋەتتە كۆپرەك كىشىنىڭ چېگراغا كېلىشىنى، چېگرا رايوننى مۇستەھكەملەشكە قاتنىشىشىنى خالايتتى. يۈ يىڭخەن دارىن شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىدى. قانداق قىلىش كېرەك؟
    ئۇ ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆردى. تارازىنىڭ بىر پەللىسىدە خان ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنكى قالايمىقانچىلىق، باشباشتاقلىق، نامراتلىق، ئىمتىيازسىزلىق، خورلۇق تۇراتتى، يەنە بىر پەللىسىدە ئىلگىرىكىدەكلا تىنچ-خاتىرجەملىك، ھۆرمەت بىلەن تەكلىپ قىلىش، ئېرىشىدىغان ئىمتىياز ۋە ئىززەت-باياشاتلىق بار ئىدى. ئەمما، ئۇنىڭدا يەنە يىراق ۋە يات يۇرتنىڭ نامەلۇم كەلگۈسىمۇ بار ئىدى. ئۇنىڭغا ھەرخىل خەتەرلەر يوشۇرۇنغانىدى. يۈ يىڭخەن دارىننىڭ ئوي-پىكىرلىرىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، تارازىنىڭ ھېلى ئۇ پەللىسى، ھېلى بۇ پەللىسى بېسىپ تۇردى. ئەمما، يىراق چېگرا رايوننى مۇستەھكەملەپ تارىختا نام قالدۇرۇش، ھاياتتا ھەردائىم ئىززەت-ھۆرمەتكە ئېرىشىش پەللە باسقاندا، تارازىنىڭ خوتەن پەللىسى خۇنەن پەللىسىنى بىراقلا بېسىپ كەتتى. دېمىسىمۇ يۈ يىڭخەن دارىننىڭ قەلبى بارلىق ئوقۇمۇشلۇق ئادەملەرنىڭ قەلبىدەكلا توختاۋسىز ئىززەت-ھۆرمەت تەلەپ قىلىپ تۇراتتى. يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇشنى، ئىمتىيازغا ئىگە بولۇشنى، ھۆرمەتلىنىشنى ئارزۇ قىلاتتى. كاتتا ئىشلارنى تەۋرىتىپ تارىختا نام قالدۇرۇشنى خالايتتى. ئىگە بولىدىغان ئورۇن-ئىمتىياز بەك يۇقىرى بولمىسىمۇ بولاتتى. پەقەت ھۆرمىتى، قەدىر-قىممىتى كاپالەتكە ئىگە بولسىلا بولاتتى. ئەمما، خۇنەندە ئۇنىڭغا بۇلار ئارقىسىنى قىلغان، خوتەندە بولسا قۇچاق ئېچىپ كۈتۈپ تۇراتتى. شۇنداق ئىكەن، تارازىنىڭ خۇنەن پەللىسىنى خوتەن پەللىسى نېمىشقا بېسىپ كەتمىسۇن؟
    يۈ يىڭخەن دارىن ئاخىر خوتەنگە بېرىشنى قارار قىلدى. ئەر نەدە بولسا خوتۇن-بالا شۇ يەردە بولىدۇ. بۇ ئۆزگەرمەس قانۇنىيەت. لى مېيزى ئاغىچىنىڭ بويۇن تولغاشقا ھەددى بارمۇ؟
    شۇنداق قىلىپ يۈ يىڭخەن دارىن خەتتە كۆرسىتىلگىنى بويىچە چىڭ دارىننىڭ ئاكىسىنى ئىزدەپ تېپىپ، يول كىراسىغا كېتىدىغان تەڭگىنى ئالدى. ئەلۋەتتە ھۆججەت يېزىپ، قول بېسىپ بېرىپ ئالدى. ئەپيۈن غاڭزىسى ئالدىدا يانپاشلاپ ياتقان تۆرە، ئىنىسى چىڭ دارىن ئەۋەتكەن بايلىقلار بىلەن خېلىلا ئەتلىنىپ قالغاندەك تۇراتتى. ئەپيۈن چېكىدىغان غاڭزىنىڭ سۈزۈك قاشتېشىدىن ياسالغانلىقىمۇ بۇنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. شىرە ئۈستىگىمۇ يوغان ۋە ئېسىل قاشتېشى تىزىپ قويۇلغانىدى. يول كىراسىغا كېتىدىغان تەڭگىنى ئېلىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن يۈ يىڭخەن دارىن شاڭجياڭ دەرياسىنىڭ گۈزەل قىرغاقلىرى بىلەن خوشلاشتى. ئۇ «قايتىپ كېلىمەن، سەككىز-ئون يىلدىن كېيىن قايتىپ كېلىمەن، تۆھپە يارىتىپ قايتىپ كېلىمەن» دەپ ئويلايتتى ئىچىدە.
    ئۇلار تەختىراۋانغا ئولتۇرۇپ چاڭشادىن يولغا چىقتى. كېيىن كېمە بىلەن، ھارۋا بىلەن، ئات-ئۇلاغ بىلەن سەپىرىنى داۋام قىلدى. سەپىرىنىڭ كۆپ قىسمى تەختىراۋاندا داۋام قىلدى. تەختىراۋاندا ئولتۇرۇپ سەپەر قىلىش راھەت ئىدى. ھارۋىدا، ئات-ئۇلاغلاردا ئولتۇرغاندەك چاقمايتتى، خەتەرسىز ئىدى. تەختىراۋاننى كۆتۈرگۈچىلەر ئېگىز-پەس يەرلەردىن ئەلۋەتتە ئاۋايلاپ ئۆتكۈزۈشەتتى. ئۇلار ئىككى تەختىراۋان ياللىغانىدى. يۈ دارىننىڭ ئۈچ-تۆت ياشلاردىكى كىچىك ئوغلى بەزىدە ئاتىسى بىلەن بىر تەختىراۋاندا ئولتۇرسا، بەزىدە ئانىسى بىلەن بىر تەختىراۋاندا ئولتۇراتتى. ئاتىسىغا، ئانىسىغا ئەركىلەپ قانمايتتى.
    ئۇلار ئەنە شۇنداق سەپەر قىلىپ، مانا ئەمدى ئىچكىرى جۇڭگونىڭ ئەڭ غەربىدىكى شەھەر سۇجۇغا يېتىپ كەلگەنىدى. ئۇلار سۇجۇغا يېتىپ كەلگەندە، سۇجۇ باشقا بىر ئىسىم بىلەن جيۇچۇەن دەپ ئاتىلىشقا باشلىغانىدى. يۈ يىڭخەن دارىن بۇ چېگرا شەھەرنىڭ ئىسمىنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى يادىغا ئالدى. يۇرتدىشى زو زۇڭتاڭ دارىننىڭ خان ئەۋەتكەن بىر كومزەك ھاراقنى لەشكەرلەرگە تولۇق يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن بۇلاققا تۆككەنلىكىنى، لەشكەرلەرنىڭ ئاشۇ بۇلاق سۈيىدىن ئېچىپ شاھانە ھاراققا ئېغىز تېگىش شەرىپىگە نائىل بولغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇ ئاشۇ سىمۋول خاراكتېرلىك ھاراق ئىچىشنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ ئىستىھزا بىلەن كۈلۈمسىرەپ قويدى.
    يۈ يىڭخەن دارىن سۇجۇ (جيۇچۇەن)دىن خوتەنگىچە بولغان يوللارنى ھارۋىدا بېسىپ ئۆتتىمۇ ياكى ئات-تۆگىگە مىنىپ تاماملىدىمۇ، بۇلارنىڭ ئۇچۇرى بىزگە يېتىپ كەلمىدى. بەلكىم بەزى يەرلەردە ھارۋىلىق، يەنە بەزى يەرلەردە ئات-تۆگىدە سەپەر قىلغان بولۇشى مۇمكىن. قانداقلا بولسۇن، ئۇ ئادەمگە دوزاخ ئازابىنى ئەسلىتىدىغان ئاشۇ بىپايان قۇملۇقنى بېسىپ ئۆتتى. نەچچە مىڭ چاقىرىملىق سەپەرنى تاماملىدى. «ئاتقان ئوق ئارقىغا قايتماس، يىگىت باسقان ئىزىدىن يانماس». يۈ يىڭخەن دارىن ئىرادىلىك ئەزىمەت ئىدى. كىتاب-دەستۇرلارنىڭ يېنىدىن نېرى كەتمەس موللا-ئەپەندى بولۇشىغا قارىماي، جاپا-مۇشەققەتكە پىسەنت قىلمايتتى. خۇنەندىن چىققان ئاشۇ ئەزىمەت چاڭشادىن ئايرىلىپ سەككىز ئاي ئۆتكەندە، يىراق غەربىي چېگرادىكى كونا، قەدىمىي ۋە يېرىم خارابە ھالەتتىكى خوتەن شەھىرىگە يېتىپ كەلدى.

    [admin تەستىقلىدى . 2010-4-15 21:21:52]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.