تەۋارىخى مۇسىقىيۇن-كىرىش سۆز(5)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-17 01:22:11

تەۋارىخى مۇسىقىيۇنموللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى5بۇ ئەسەرنىڭ تىلى ئاساسىي جاھەتتىن 14-ئەسىردىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە قوللىنىلغان ئۇيغۇر يەزىق تىلى - چاغاتاي تىلىغا مەنسۇپ بولس...


    تەۋارىخى مۇسىقىيۇن

    موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى

     

    5

     

    بۇ ئەسەرنىڭ تىلى ئاساسىي جاھەتتىن 14-ئەسىردىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە قوللىنىلغان ئۇيغۇر يەزىق تىلى - چاغاتاي تىلىغا مەنسۇپ بولسىمۇ، لېكىن، زور دەرىجىدە شۇ دەۋردىكى جانلىق ئۇيغۇر تىلىغا يېقىنلاشتۇرۇلغان، بەزى قىسىملىرى، مەسىلەن ئاماننىساخان قىسمى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا دېگۈدەك يېزىلغان؛ قوليازمىنىڭ ئىملاسىدا چاغاتاي يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىلىرىدىن چەتنەپ جانلىق تىلغا يېقىنلاشتۇرۇلغان جايلار تېخىمۇ كۆپ. مەسىلەن، چاغاتاي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى بويىچە ''چاليپ''، ''باريپ''، ''بولغانينى''، ''چالماقيدين''، ''قيلماغايسيزلار''، ''ئالالماغان'' شەكلىدە ئاجىزلاشتۇرۇلماي يېزىلىشقا تېگىشلىك سۆزلەر بەزى جايلاردا ''چيليپ''، ''بيريپ''، ''بولغينىنى''، ''چالميقيدين''، ''قيلميغايسيزلار''، ''ئالالميغان'' ؛ ''نامۇس''، ''شاگرد''، ''ئەمر'' شەكلىدە يېزىلىشقا تېگىشلىك سۆزلەر بەسىدە جانلىق تىلدىكى تەلەپپۇزى بويىچە ''نومۇس''، ''شاگرت''، ''ئەمرى'' قىلىپ يېزىلغان. چاغاتاي يېزىغىنىڭ ئىملا قائىدىسىگە توغرا كېلمەيدىغان بۇ خىل ئەھۋاللار قوليازما كېيىن كۆچۈرۈلگەندە يۈز بەرگەن بولىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. مەيلى قانداق بولمىسۇن، بۇ ئەسەر ئۇيغۇر يېزىق تىلىنىڭ چاغاتاي تىلى دەۋرىنى بولۇپمۇ چاغاتاي تىلىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا ئورۇن بېرىش جەريانىنى تەتقىق قىلىشتا بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.