ئەنۋەر ئەل سادات 1978-يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-03 16:05:49

ئەنۋەر ئەل-سادات1978-يىلى نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى ساھىبىمىسىر (1981-1918)مۇكاپاتلانغۇچىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىمۇھەممەد.ئەنۋەر ئەل-سادات 1918-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى، مىسىرمىنىفۇ ئۆلكىسىنىڭ مەت ئابۇ قوم كە...



     

    ئەنۋەر ئەل-سادات

    1978-يىلى نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى

    مىسىر (1981-1918)

    \

    مۇكاپاتلانغۇچىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

    مۇھەممەد.ئەنۋەر ئەل-سادات 1918-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى، مىسىر

     مىنىفۇ ئۆلكىسىنىڭ مەت ئابۇ قوم كەنتىدىكى بىر نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. 1936-يىلى، سادات مىسىر خان جەمەتى ھەربىي ئىشلار ئۇنۋېرسىتېتىغا كىرىپ، «مىسىر ياشلار پارتىيىسى» گە ئەزا بولغان. 1939-يىلى «ئەركىن گېنىرال» گۇرۇپپىسىنى مەخپىي ھالدا قۇرۇپ، ئەنەىلىيىگە قارشى كۈرەشكە قاتناشقان ھەمدە ئىككى قېتىم تۈرمىگە چۈشكەن. 1950-يىلى، سادات ناسىر رەھبەرلىكىدىكى «ئەركىن گېنىرال تەشكىلاتى»غا قاتنىشىپ، يادرولۇق مۇھىم بىر ئەزاغا ئايلانغان. 1952-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى، ناسىر رەھبەرلىكىدىكى ئىنقىلاب غەلبىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، سادات بىر سەكرەپلا ھاكىمىيەت بېشىدىكى «ئىنقىلابىي كومېتىت» ئەزاسى بولغان. 1966ــ1964 يىللىرى ۋە 1970-1969 يىللىرى ئىككى قېتىم مۇئاۋىن پىرىزدېنتلىققا سايلانغان. 1970-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى، ناسىر پىرىزدېنت ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، سادات مىسىر پىرىزدېنتى بولغان. ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۇ بىر قاتار بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان. 1978-يىلى 9-ئايدا، ئامېرىكىنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى مېنەچىم بېگىم بىلەن ۋاشىنگىتوندا «داۋىد لاگىرى كېلىشىمى»نى ئىمزالاپ، نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1981-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى، دىنىي ئېكسترىمىزملار تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى.

    مۇكاپاتلىنىش سەۋەبى: ئەنۋەر.ئەل-سادات بىلەن مىنەچىم بېگىم ئىمزالىغان تېنچلىق كېلىشىمى، 30 نەچچە يىل داۋاملاشقان مىسىر بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى تۇقۇنۇشقا خاتىمە بېرىشتە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان.

     

    دۇنيا ھەرگىزمۇ ئۇ، بولمىسا بۇ ئەمەس

    1978-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى

    پادىشاھ ئالىيلىرى، ھەرقايسى جانابلار، ئىسرائىلىيە پىرىزدېنتى، رەئىس خانىم ۋە نورۋىگىيە نوبېل كوممېتىتىنىڭ بارلىق ھۆرمەتلىك ھەيئەتلىرى، ھۆرمەتلىكك مېھمانلار، خانىملار، ئەپەندىملەر:

    تېنچلىق سىلەرگە يار بولسۇن. بۇ بىزنىڭ ھەر كۈندىكى ئەھۋال سوراشقاندا ئىشلىتىدىغان دائىملىق سۆزىمىزدۇر. بۇ بىر جۈملە سۆز بىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قەلب ھېسلىرىمىز ۋە ئارزۇيىمىزنى بىلدۈرىدۇ، بىز دائىم مۇشۇنداق سالاملىشىمىز ھەم خوشلىشىمىز، چىن كۆڭلىمىزدىن تېنچلىقنىڭ بىزگە مەڭگۈ ھەمراھ بولىشىنى تىلەيمىز.

    پادىشاھ ئالىيلىرى، خانىملار، ئەپەندىلەر:

    نوبېل مۇكاپاتى كومېتىتىنىڭ بۇيىلقى نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىنى بىز مىسىر خەلقىگە بېرىشنى قارار قىلغانلىقىغا تەشەككۈر بىلدۈرىمەن. بۇ مىسىر خەلقى ئۈچۈن بىر خىل شان-شەرەپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە خەلقئارا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مىسىر خەلقىنىڭ تېنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ زېمىندا ــــ بۇ زېمىندا، ئاللاھ موسا، ئەيسا ۋە مۇھەممەدلەر ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە ئەقىل-پاراسەت نۇرلىرىنى ئېلىپ كەلگەن ـــ قەتئىي بوشاشماي كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا بولغان بىر خىل ئېتىراپ قىلىشتۇر.

    پادىشاھ ئالىيلىرى، خانىملار، ئەپەندىلەر:

    نوبېل مۇكاپاتى كومېتىتى بۇرۇن بۇ تېنچلىق مۇكاپاتىنى بىر يۈكسەك دەرىجىدىكى ھەققانىي بىر كىشىگە ـــــ جىمىي.كارتېرغا بەرگەن. بۇھەقىقەتەنمۇ ئەمەلىي نەتىجىگە تۇشلۇق ئابرۇيغا ئىگە بولۇش بولغان. ئۇنىڭ تېنچلىق يولىدىكى بارلىق توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاش ئۈچۈن كۆرسەتكەن كۆرۈنەرلىك تۆھپىلىرى كۆپچىلىكنىڭ چوڭقۇر قايىل بولۇشىغا ئەرزىيدۇ.

    مىسىر ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ باشلىنىش بۇلىقى، مىسىر خەلقى ئەلمىساقتىن تېنچلىقنى مىللەت روھى ۋە ئاللاھنىڭ چاقىرىقى دەپ بىلىپ كەلگەن. بۇ دۇنيادا مىسىر خەلقىدىنمۇ بەك تېنچلىقنى سۆيۈشتە، ئادىللىق پىرىنسىپىغا ئاشىق بولۇشتا تەۋرەنمەي تۇرىدىغان ــــ ئادىللىق پىرىنسىپى مەڭگۈلۈك بولغان تېنچلىقنىڭ ھەقىقىي ئۇل تېشى ــــ مىللەت يوقتۇر.

    \

    بۇيەردە، مەن بۇنىڭدىن 3000 يىل بۇرۇنقى بىر قېتىملىق تەنتەنىلىك ئالاھىدە ئۇچرىشىشنى تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچىمەن، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا، رامسېس 2 بىلەن خىتتىتىس پادىشاھى خاتتۇسىلىس تارىختىكى تۇنجى قېتىملىق يېزىقتا خاتىرىلەنگەن تېنچلىق كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالاپ، بىرخىل « تېنچ دوستانە، قان-قېرىنداشتەك» مۇناسىۋەتنى قۇرۇپ چىقىشنى ئورتاق قارار قىلغان.

    ئەنە شۇ زاماندىن باشلاپ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد، مەيلى ئۇرۇش زۆرۈر بولغان شۇ ۋەھشىي دەۋىرلەردىمۇ، مىسىر خەلقى ئەزەلدىن تېنچلىقنىڭ كۈچلۈك قوشۇنى بولۇپ كەلگەن.... ئۇنىڭ مەقسىتى ۋەيران قىلىش بولماستىن بەلكى قۇرۇپ چىقىش، خاراب قىلىش ئەمەس بەلكى يارىتىش، يوقىتىش ئەمەس بەلكى ئورتاق گۈللىنىش. شۇڭلاشقا، مىىسىردىن ئىبارەت بۇ ئەزىز تۇپراق تارىختىن بۇيان قۇدرىتى چەكسىز ئاللاھ تەرىپىدىن ھىمايە قىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ: موسا مىسىردا ياشىغان؛ ئادىل بولمىغان مۇئامىللە ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئەيسا مىسىرغا كەلگەن؛ «قۇرئان»دىمۇ مىسىردىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس تۇپراق مەدھىيلىنىپ تىلغا ئېلىنغان. ئادىللىقىنى، ھەققانىيلىكنى ۋە ئەخلاق قىممىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان دىن ــ ئىسلام دىنى ـــ مىسىر خەلقىنىڭ روھىغا ئۈزلۈكسىز يېڭى مەدەتلەرنى قوشۇپ كەلمەكتە.

    ئۇرۇش بارلىق مەۋجۇداتنى خاراپ قىلىش سۆزى ئورنىغا ئالماشقان بۈگۈنكى دەۋردە، بىز چوقۇم شۇنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، بىز رومانتىزىم رەڭلىرىنى قوشقان شۇ سۈپەتلەر، مەسىلەن، چەۋەنداز يەنە سۇۋارىلار روھى، باتۇرلۇق، سادىقلىق ۋە ئىنتىزامچانلىق روھى تۇرمۇشىمىزنى بېيىتىشتىكى ۋاستە  بولۇشى كېرەك، ھەرگىزمۇ كىشىلەرنى ئۆلتۈرىدىغان قاتىللىق ۋاستىسى بولماسلىقى كېرەك.

    دەل مۇشۇ خىل روھنىڭ تەسىرىدە ئارفىمىد.نوبېل ئۆز ئۆز ئىسمى بىلەن ناملانغان بۇ مۇكاپاتنى تەسىس قىلىشتىكى مەقسىدىمۇ، كىشىلەرنىڭ مۇشۇ تېنچلىق، تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش يولىنى بويلاپ ئالغا مېڭىشىنى مەقسەت قىلغان.

    خانىملار، ئەپەندىلەر:

    يۇقىرىقىلار ئاساسىدا، مەنمۇ بىر يىل مۇقەددەم ئاللاھنىڭ نەزىرى چۈشكەن بۇ جايدا ئۆزۈمنىڭ تېنچلىق قۇرۇشتىكى تىرىشچانلىقىمنى باشلىۋەتتىم.

    ئۆچمەس مىسىر ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزىنى مەن ئارقىلىق سىلەرگە ئېيتماقچى  بولدى: بارلىق ئۇرۇشلارنى توختىتىڭلار! ھەممىمىز تۇرمۇشىمىز باشتىن تېنچلىق ۋە ھەققانىيەتنىڭ ئاساسىغا قۇرايلى! بۇ چاقىرىق مىسىر خەلقىنىڭ ئارزۇ-ئارمىنىڭ ئەكىس ساداسى، كۆپ ساندىكى ئەرەبلەرنىڭ ۋە ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ ئەكىس ساداسى، جۈملىدىن دۇنيادىكى نەچچە ئون مىليونلىغان ئەرلەر، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ئارزۇ-ئارمىنىنىڭ ساداسى. بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىز قەدىرلەشكە تېگىشلىك بولغىنىمۇ دەل مۇشۇنداق سادالار.

    بىز تېنچلىق مۇساپىسىدىكى بەزىبىر ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تەكىتلەپ باقايلى، بۇ مەسىلىلەر بىز ھەربىرىمىزدىن يېپيېڭى نەزەر بىلەن كۆز ئالدىمىزدىكى ۋەزىيەتنى سىنچىلاپ كۆزىتىشىمىزنى تەلەپ قىلماقتا. مەن كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنى، مېنىڭ بۇ قېتىمقى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئېرۇسالىم سەپىرىمنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنىڭ يەنى بەزى سىياسىيونلارغا ئوخشاش پەقەت ۋە پەقەت مەلۇم بىر خىل كېلىشمنى تۈزۈش ئۈچۈنلا ئەمەسلىگىنى چۈشىنىدۇ، دەپ ئويلايمەن.

    مېنىڭ ئېرۇسالىمغا بېرىشىمنىڭ سەۋەبى، مەن ئۆزۈمنىڭ مۇشۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا مەسئۇلىيىتىم ئېغىر دەپ ئويلىغىنىمدا. بۇ قېتىمقى سەپەر ئارقىلىق، مەن بارلىق ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ، تېنچلىق مۇساپىسىدىكى بەزى پۇتلىكاشاڭلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاشنى ئويلىدىم. بۇ نىشان ھەم ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ غايە، بىز ئاللىبۇرۇن بۇ جەڭگە يۈزلەندۇق، قەلبىمىزدىكى شۇ گۈزەل غايىلەرنى بىر-بىرلەپ تۇرمۇشىمىزدىكى ئەمەلىيەتلەرگە ئايلاغندۇرۇشقا ئاتلاندۇق. بۇ غايىنىڭ تەسەۋۋۇر ۋە غايىۋىيلىكتىن چىقىپ، كىشىلەرنىڭ قەلبى ۋە ئېڭى بىلەن ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولۇشقا قاراپ مېڭىشىگە جەڭ ئېلان قىلدۇق ھەمدە ھەم ئىنسانلارنىڭ نەزىرىنى ئۆتمۈشتىكى  قايغۇلۇق كۈنلەردىن كەلگۈسىگە يۆتكەش ئۈچۈن تىرىشتۇق.

    بىر يىل بۇرۇن، مەن ئىسرائىلىيە يىغىنىدا مۇنداق بىر گەپنى قىلغان ئىدىم:

    « مېنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن كۆپچىلىككە شۇنداق دېيىشىمگە ئىجازەت بەرگەيسىلەر، بىز تېنچلىقنى سەمىمىيلىك بىلەن قوغلىشىدىغانلا بولسا، نۆۋەتتە، تېنچلىقنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرىدىغان چوڭ پۇرسەتتىن، بەكمۇ تەستە ئۇچرايدىغان پۇرسەتتىن بىرسى بار، مۇبادا بىز بۇ قېتىملىق بۇ پۇرسەتنى ئۆتكۈزىۋەتسەك ياكى ئۇنىڭغا بەكمۇ يېنىكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلساق، بۇ قېتىمقى چوڭ خاتالىقنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويغان شۇ كىشىلەر پۈتۈن ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ھاقارەتلىك قاغاشلىرىغا قالىدۇ.»

    بۇ چەكسىز ھاياجانلىق ۋە تەنتەنىلىك پەيتلەردە، مەن كۆپچىلىككە يەنە بىر قېتىم كاپالەتلىك بېرىمەنكى: بىز مىسىر خەلقى ـــــ يۈرىگىمىز كېلەچەك بىلەن باغلانغان، ئۆتمۈشنى تاشلىيالايدىغان خەلق ــــ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ئەڭ سەمىمىي قەلبىمىز بىلەن تېنچلىق يولىغا ئەگىشىمىز، بۇ يۈكسەك نىشانغا يېتىش ئۈچۈن، بىز تېنچلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەر قانداق بىر پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيمىز، ھەر ئاماللار بىلەن ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن ئىسھاقنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ يارىشىشىنى قولغا كەلتۈرىمىز، مېنىڭ بۇ ۋەدەمنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىشىم، باشقا سىياسىي پارتىيىلەرنىڭمۇ مۇشۇ ۋەدىگە سادىق بولىشىنى ئۈمىد قىلغىنىمدا. بۇ يەردە، بىر يىل بۇرۇن ئىرائىلىيە يىغىنىدا بولغان بارلىق سۆزلەرنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئالغۇم كېلىۋاتىدۇ:

    «ئۇرۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان ھەر قانداق بىر جانلىق ـــ مەيلى ئىسرائىلىيىلىك ۋە ياكى ئەرەبلەر بولسۇن ھەرقانداق بىر ھايات جان ــــ نىڭ ھەممىسى ھاياتلىقتۇر.

    بەختسىزلىكە ئۇچراپ تۇل قالغان ھەر قانداق بىر ئايال ئىنساندۇر، مەيلى ئۇ ئىسرائىلىيىلىك ياكى ئەرەب بولسۇن، ئەسلىدە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىللىق ئائىلىسىدىن بەھىرلىنىشى كېرەك ئىدى.

    ئاتا مېھىرىدىن مەھرۇم قىلىنغان شۇ بىگۇناھ پەرزەنتلەر بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىزگە ئوخشاشلا بالا. مەيلى ئۇلار ئەرەبلەر ئارىسىدا ياشىسۇن ۋە ياكى ئىسرائىلىيەدە ياشىسۇن بىزنىڭ ئۇلارغا خۇشال بۈگۈن ۋە شالىق ئەتە بېرىش مەسئۇلىيىتىمىز بار.

    يۇقىرىقى ھەرخىل سەۋەبلەر ئۈچۈن، ئۆزىمىزنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ ھاياتىنى قوغداش ئۈچۈن

    بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزنىڭ بىخەتەر ۋە ئىشەنچلىك ھالدا بارلىققا كېلىشى ئۈچۈن

    ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن، ئىنسانىيەتنى غورۇرى بولغان تۇرمۇشتىن بەھىرلەندۈرۈش ئۈچۈن

    كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلىرىمىزغا بولغان مەسئۇلىيەتلىرىمىز ئۈچۈن،

    تۇپرىقىمىزدىكى ھەربىر پەرزەنتنىڭ يۈزىدىكى كۈلكە جىلۋىسى ئۈچۈن!

    مانا بۇ بىزنىڭ تېنچلىق مۇلاھىزىمىز، بۈگۈن ـــ كىشىلىك ھوقۇق كۈنى، مەن شۇڭا  بۈگۈن بۇ يەردە بۇ مۇلاھىزىلىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىپ ئۆتتۈم.

    مۇشۇنىڭغا ئاساسلىنىپ، بىز سىز ۋە بىزنىڭ تېنچلىق مۇلاھىزىمىزدىن ئورتاقلىشىپ باقايلى!

    ئالدى بىلەن، تېنچلىقنىڭ ماھىيىتى ھەققانىيەت. چۈنكى ھەققانىيەت تېنچلىقنىڭ مۇقىملىقىنى ۋە ئۇزۇنغا داۋاملىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ، ھەققانىيەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاساسى ئۈستىگە قۇرۇلمىغان ھەرقانداق بىر تېنچلىق قەغەز يولۋاستەك بىر مۇشقىمۇ يارىمايدۇ.

    تېنچلىق م ۇساپىسى باشلىنىش ۋە تەدرىجىي تەرققىي قىلىپ ئاخىرقى نۇقتىغا بېرىپ ئايلانما ھەرىكەت قىلىدىغان جەريان. بۇ جەريان ئاخىرلاشقان چاغدا، تېنچلىق نىشانى ئالدىن مۆلچەرلەنگەن شۇ نىشانغا يېتىشى كېرەك. ئۇ نىشان شۇ رايون كىشىلىرىگە بولۇپمۇ پەلەستىن خەلقىگە، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىشى، ئۇلارنى ئەركىنلىكتىن قايتا بەھرىمان قىلىشى ۋە ئىززەت-غورۇرى بىلەن ياشاشتا كېرەك بولىدىغان بارلىق ھوقۇق بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. بۇ رايوندىكى بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن، بىز سالماق قەدىمىمىز بىلەن بۇ نىشانغا قاراپ يول ئېلىشىمىز كېرەك. بۇ مېنىڭ كۆز قارىشىم، بۇ ھەم «داۋىد لاگىرى» كېلىشىمىنىڭ ئاساسىي مەقسىدى ۋە روھى.

    ئىككىنچى بولۇپ، تېنچلىق ئايرىۋەتكىلى بولمايدىغان بىر پۈتۈن گەۋدىلىك ئۇقۇم. مەڭگۈلۈك تېنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تېنچلىق ئۇنۋېرسال بولۇشى ھەم ئۆز-ئارا بولغان توقۇنۇشتىكى ھەر قايسى مەزھەپلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى كېرەك.

    ئۈچىنچىدىن، تېنچلىق بىلەن گۈللىنىش بىزنىڭ بۇ رايونىمىزدا ئۆزئارا زىچ باغلىنىشلىق ھەم كوورېلياتسىيە مۇناسىۋېتىدە. بىز بۇ ئىقككى خىل مۇناسىۋەتنى بىرلا ۋاقىتتا ئەمەلگە ئاشۇرۇپ،مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا پۈتۈن تىرىشچانلىقىمىزنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك. چۈنكى، ۋەيران قىلغۇچى قوراللار ئاستىدىن كىشىلەرنىڭھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇش بىلەن، كىشىلەرنى بەخىتسىزلىك ۋە ۋەھشىيلىك ئازابىغا ئىتتىرىشتە بۇ ئىككى خىل مۇناسىۋەت ئوخشاش مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇرۇش قىلىش بىزنىڭ رايونلىرىمىزدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ياخشى چارە ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئەڭ ئاخىرىدا، كارى چاغلىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن بولمايدىغىنى شۇكى، تېنچلىق بىر خىل ھەرىكەتچان قۇرۇلۇش جەريانى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھەربىرىمىز بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز تۆھپىمىزنى قوشىشىمىز، ئۇنىڭغا ئۆز خىش-كاھىشلىرىمىزنى تىزىشىمىز كېرەك.

    دەل مۇشۇنداق تارىخقا ۋە ئۆزىمىزنىڭ ئېتىقادىغا بولغان چوڭقۇر ئىشەنچنىڭ يىلتىز تارتىشى ئاستىدا، بىز مىسىر خەلقى ئوتتۇرا شەرقتىكى ــــ پۈتۈن دۇنيادا، ئوتتۇرا شەرقنىڭ تۇتقان ئورنى ھېچقانچە گەپ ئەمەس ــــ تېنچلىق مۇساپىسىدە ئاساسلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېنچلىق ئۈچۈن ھارماس-تالماس تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق. ھەرقانداق بىر چاغدا تېنچلىققا بولغان ئۈمىدىمىزنى ئۈزۈپ باقمىدۇق. بىز شۇنىڭغا چەكسىز ئىشىنىمىزكى، ئەڭ ئاخىرىدا، بىزنىڭ نىشانىمىز چوققم رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.

    مەن كۆپچىلىكنى مەن بىلەن بىللە دۇئا قىلىشقا چاقىرىمەن: ھەققانىيەت ۋە بارلىق بەھىرلىنىشكە تېگىشلىك كىشىلىك ھوقۇق ئاساسىدا، تېنچلىق ئۇزاق بولمىغان كەلەۈسىدىكى مەلۇم بىر كۈندە ھامان ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ. تېنچلىقنىڭ كەيپىياتى ئاستىدا، بارلىق كىشىلەر ھەققانىيەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپى ئاساسىدا ئۆز تۇرمۇشىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئۆز كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ، ھەمدە ئىنسسانىيەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئۆز تۆھپىسىنى قوشىدۇ.

    (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)

    \

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.