ھازىرقى بالىلار كارامەت (16)

يوللىغۇچى : Hechkim يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-17 23:03:20

بولۇمسىز قىزقەدىرلىك ساۋاقدىشىم ئەخمەت:ئالدى بىلەن ساڭا ھېكمەت توغرۇلۇق خەۋەر بېرەي. ھېكمەت مەكتەپكە كېلىشكە باشلىدى. دادىسى ئاپىسى بىلەن يارىشىپ قاپتۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بەكمۇ خۇشال.يەنە بىر خ...



     

     
    بولۇمسىز قىز
     
     
    قەدىرلىك ساۋاقدىشىم ئەخمەت:
     
    ئالدى بىلەن ساڭا ھېكمەت توغرۇلۇق خەۋەر بېرەي. ھېكمەت مەكتەپكە كېلىشكە باشلىدى. دادىسى ئاپىسى بىلەن يارىشىپ قاپتۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بەكمۇ خۇشال.
     
    يەنە بىر خەۋەرنى ئېيتاي، ماڭا ئەۋەتكەن خەتلىرىڭنى توپلاپ ھەممىسىنى چېسلاسى بويىچە رەتلەپ چىقتىم. بۇ ئىشنى ئۆز ئەقلىم بىلەن قىلغىنىم يوق. قارا، قانداق بولغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەي. بىزنىڭ ئۆيدە مېنىڭ يەنە بىر ئىسمىم «بولۇمسىز قىز». ئاپام، دادام، ھەدەملەر مېنىڭ رەتسىزلىكىمنى، بىپەرۋالىقىمنى ئەيىبلەيدۇ. رەتلىك بولۇشقىغۇ قىزىقىمەن، بىراق قولۇمدىن كەلمەيدۇ.
     
    يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، تاپشۇرۇق دەپتىرىمنى نەگە قويغىنىمنى بىلمەي، ئۆينىڭ ئىچىنى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋاتاتتىم، ئاپام: «قىزىم، ساڭا نېمە بولدى؟ تۇتقانلىكى نەرسەڭنى يوقىتىسەن... » دەپ كايىپ كەتتى.
     
    ئۆز-ئۆزۈمگە: «مەن نېمىشقا شۇنداق؟ » دەپ بىئارام بولۇپ تۇرسام، داداممۇ كايىشقا باشلىدى. بوۋام بىلەن مومام بىزنىڭ ئۆيدە ئىدى، ئۇلارمۇ چېچىلاڭغۇلۇقۇمدىن ئاغرىنىشتى، ھەدەممۇ ئۇلاردىن قېلىشمىدى. پەقەت مەتىن مەن تەرەپ بولغاچقا، يېنىمغا كېلىپ:
    - بۇ ئۆينىڭ ئىچىدە ئادەم ئۆزىنىمۇ يىتتۈرۈپ قويىدۇ... - دېدى.
     
    ھەممەيلەننىڭ بەس-بەستە ئەيىبلەپ كېتىشلىرى ماڭا شۇنچىلىك ئېغىر كەلدىكى... دەرھال ئۈستىلىمنى، كىتابلىرىمنى، ھۇجرامدىكى نەرسە-كېرەكلىرىمنى رەتلەشكە باشلىدىم. ئۈستىلىمنىڭ تارتمىسىدىن، كىتابلىرىمنىڭ ئارىسىدىن بىر تال لەۋ گىرىمى، ئىككى ئاتكىرتكا ۋە ئەرلەرنىڭ بىر پاي پايپىقى چىقتى. بۇلارنىڭ ئېلىپ مېھمانخانىغا كىردىم. ئۇلار مېھمانخانىدا ئولتۇرۇپ تېخىچە مېنى ئەيىبلىشىۋاتاتتى.بىر پاي ئەرلەر پايپىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ:
    - بۇ پايپاق كىتابلىرىمنىڭ ئارىسىدا تۇرىدۇ، كىمنىڭ؟- دەپ ۋارقىرىدىم.
    دادام ئاپامغا:
    - ھە... تۈنۈگۈن ئەتىگەندە سەن ئىزدەپ تاپالمىغان پايپىقىم ئەمدى چىقتى،- دېدى.
    - بۇ لەۋ گىرىمى كىمنىڭ؟- دەپ سورىدىم ئارقىدىنلا يەنە.
    - قەيەردىن چىقتى؟ مەنمۇ ئۇنى ئىزدەپ تاپالماي تۇراتتىم،- دېدى ئاپام.
    - بىرى ئۈستىلىمنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويۇپتۇ...
    - ھە... ئۆتكەن كۈنى شۇ يەردە ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن-دە،- دېدى ئاپام.
    مەن ئاتكىرتكىلارنى كۆتۈرۈپ:
    - بۇلار كىمنىڭ؟- دېدىم.
    ھەدەم شەلپەردەك قىزىرىپ كەتتى.
    - ئۇلارنى قەيەردىن ئالدىڭ؟- دېدى ئۇ.
    - بىرى كىتابلىرىمنىڭ ئارىسىغا سېلىپ قويۇپتۇ، كەينىدىكى خەتلەرنى ئوقۇمىدىم- دەپ ئاتكىرتكىلارنى ئۇنىڭغا بەردىم.
     
    ئاندىن دەرس تەكرارلاش ئۈچۈن ئۈستىلىمدە ئولتۇردۇم، قېرىشقاندەك قەلىمىمنى تاپالمىغانىدىم، ئاپام سەل ئاچچىقلاپ:
    - يەنە نېمىنى ئىزدەۋاتىسەن؟ نېمەڭ يوق تۇرىدۇ؟- دېدى.
    - قەلىمىمنى كۆردۈڭلارمۇ؟- دېدىم.
    - بىر تال قەلىمىڭگە ئىگە بولالمايسەن،- دەپ، ئاپامنىڭ ئېچىلدى ئاغزى، يۇمۇلدى كۆزى.
    - ھەي قىز، سەن بولۇمسىزلىقىڭنى قاچان تاشلايسەن؟- دېدى موماممۇ كايىپ.
    - قىزىم، ساڭا ھەممە نەرسەڭنى جاي-جايىغا قوي دەپ قانچە قېتىم ئېيتتىم؟ سەن زادى گەپ ئاڭلىمامسەن؟- دېدى دادام.
    ھەدەممۇ ئۇلارغا يان بېسىپ چىشىمغا تەگدى.
    - ھازىرچە مېنىڭ قەلىمىمنى ئىشلىتىپ تۇر، لېكىن بۇنىمۇ يوقىتىپ قويما يەنە!- دېدى ئۇ.
    ھەدەم قەلىمىنى ئاچىقىپ بېرىش ئۈچۈن ھۇجرىسىغا كىرىپ كېتىپ، ئۇ يەردىن ۋارقىرىدى:
    - مېنىڭ قەلىمىمنى كىم ئالدى؟ كۆرگەن كىشى بارمۇ؟
     
    پەرىشان بولۇپ كەتكىنىمنى كۆرگەن مومام چاچلىرىمنى سىلاپ:
    - قىزىم، سەن دېمەتلىك قىزلار چوڭ بىر ئۆينى چۆرۈۋاتىدۇ. سەن بولساڭ تېخىچە دەپتەر-قەلىمىڭنىمۇ جايلاشتۇرالماي يۈرىسەن... چېچىلاڭغۇلۇق ياخشى ئىش ئەمەس،- دېدى.
    بىر ياقتىن ئاپام كوتۇلدىغىلى تۇردى:
    - ئائىلىمىز بويىچە ھېچكىم بىپەرۋا ئەمەس ئىدى، توۋا خۇدايىم، بۇ قىز كىمنى دورىدىكىنتاڭ...
     
    بۇلار بىزنىڭ ئۆيدە ھەمىشە ئاڭلاپ كېلىۋاتقان سۆزلەر ئىدى، ھازىر ئۇنىڭغا كۆنۈپ قالدىم. مەن ھەممىدىن بەك بوۋامدىن تەپ تارتاتتىم، مەنلا ئەمەس، ھەممەيلەن تەپ تارتاتتۇق. پېنسىيىگە چىققان پولكوۋنىڭ بوۋام ناھايىتى قوپال ئادەم ئىدى، ئاپام ئۇنىڭدىن تېخىمۇ قورقاتتى، داداممۇ تەپ تارتاتتى.
    - ھاياتلىقتا مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ شەرتى تەرتىپلىك بولۇش،- دېدى بوۋام.
     
    بوۋامنىڭ مىجەز-خۇيىنى ئۆتكەن قېتىمقى خېتىمدە ساڭا يازغانىدىم. ئۇ بىرىگە گەپ قىلدىمۇ، جاۋابىنى ئالماي قويمايدۇ.
     
    - دەپ باققىنا، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ شەرتى نېمىكەن؟- دەپ سورىدى ئۇ مېنىڭدىن.
    - تەرتىپلىك بولۇش، بوۋا.
    - ئاپىرىن! ھەر نەرسىنىڭ قويىدىغان ئايرىم ئورنى بولۇشى كېرەك. قېنى، نېمىسى بولۇشى كېرەك؟
    - ھەر نەرسىنىڭ ئورنى بولۇشى كېرەك.
    - ئاپىرىن! قولۇڭنى ئۇزاتتىڭمۇ، ئىزدىگەن نەرسەڭنى «شارتتىدە» قولۇڭغا ئالىسەن. قېنى، دەپ باققىنا، قانداق قىلىدىكەنسەن؟
    - قولۇڭنى ئۇزاتقان ھامان ئىزدىگەن نەرسەڭنى ئۆز جايىدىن ئالالايسەن...
     
    دادامنىڭ دېيىشىچە، بوۋامنىڭ دېگەن ھەربىر سۆزىنى قايتۇرۇپ سورىشى ھەربىيلىكتە قېلىپ قالغان ئادىتى ئىكەن. ئەرلەرگە دەرس بەرگەندەك گەپ قىلىشى ھەربىيلىكتە ئادەت بولۇپ قالغانمىش.
     
    - راست ئېيتىسىز،- دېدى دادام بوۋامغا،- مەن بىرەر نەرسەمنىڭ نەدىلىكىنى كۆزۈمنى يۇمۇپ تۇرۇپ تاپالايمەن، چۈنكى ھەممە نەرسەمنى بەلگىلىك يەرگە قويىمەن. قولياغلىقىمنىڭ، چاقمىقىمنىڭ قايسى يانچۇقۇمدا ئىكەنلىكىنى يادا بىلىمەن. پۇل قاپچۇقۇم ھەر دائىم بىر يانچۇقۇمدا تۇرىدۇ.
    - ناھايىتى ياخشى، مانا شۇنداق بولۇش كېرەك،- دېدى بوۋام.
     
    مەتىن بىلەن ماڭا تەلىم بېرىش ۋە ئۈلگە بولۇشنى ئويلايدىغان دادام:
    - قاراڭلار، ھازىر سىناپ باقايلى،- دېدى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ كۆزلىرىنى يۇمدى،- ياخشى قاراڭلار، كۆزلىرىم يۇمۇقلۇق، نېمەمنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى تاپىمەن. چاقمىقىم ھەر دائىم پىنجىكىمنىڭ سول تەرەپ پەستىكى يانچۇقىدا تۇرىدۇ... ئىشەنمىسەڭلار قاراپ بېقىڭلار.
     
    ئۇ كۆزلىرىنى يۇمۇپ، سول قولىنى ئۆزى ئېيتقان يانچۇقىغا سالدى، خېلى ئاختۇرۇپ چاقمىقىنى تاپالمىدى.
    - بۇ قانداق گەپ؟- دېدى بىر چاغدا ئۇ ئاچچىقلاپ،- ھەيران قالارلىق ئىشقۇ...- يانچۇقلىرىنى يەنە بىر ھازاغىچە ئاختۇرۇپ چاقمىقىنى تاپالمىدى، ئاخىر چاندۇرماسلىق ئۈچۈن سۆزىنى ئۆزگەرتتى،- مەسىلەن، قەلىمىمنى ھەر دائىم قويىدىغان يېرىمدىن كۆزۈمنى يۇمۇپ تۇرۇپ تاپالايمەن... قەلىمىم كاستۇمۇمنىڭ سول تەرەپ قويۇن يانچۇقىدا تۇرىدۇ. ئىشەنمىسەڭلار قاراپ بېقىڭلار...
     
    لېكىن، دادام ئوڭ قولىنى كاستۇمىنىڭ سول تەرەپ قويۇن يانچۇقىغا سېلىپلا قەلىمىنى ئەمەس، تېرمومېتىرنى ئالدى ۋە: 
    - مانا دېمىدىممۇ...- دېگىنىچە كۆزلىرىنى ئاچتى-دە، قولىدىكى تېرمومېتىرنى كۆرۈپ ھەيران بولغىنىدىن ئاچچىق كۈلۈپ قويدى،- ئۆتكەندە مەتىن ئاغرىپ قالغانىدى، ئەتىگەنلىكى ئىشقا ماڭغۇچە قىزىتمىسىنى كۆرۈپ باققانىدىم. شۇ چاغدا تېرمومېتىر يانچۇقۇمدا قاپتۇ. ئەمدى خاتىرە دەپتىرىمنى تاپاي... خاتىرە دەپتىرىم ھەر دائىم كاستۇمۇمنىڭ مەيدە يانچۇقىدا تۇرىدۇ...
     
    ئۇ يەنە كۆزلىرىنى يۇمۇپ قولىنى يانچۇقىغا سالدى-دە:
    - مەيدە يانچۇقۇم نەدە قالدى؟- دەپ كۆزلىرىنى ئاچتى.
    - ئۇ كاستۇمىڭىزنى ماشىنىچىغا ئۆرۈتكەنىدىڭىزغۇ،- دېدى ئاپام،- سول تەرەپتىكى مەيدە يانچۇق ئوڭ تەرەپكە ئۆتۈپ قالغىنىنى تېخىچە بىلمەيدىكەنسىز-دە؟
     
    دادام ئۆزىنىڭ قىيىن ئەھۋالىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىرەر نەرسىنى بولسىمۇ ئۆز جايىدىن ئېلىپ كۆرسەتمەكچى بولدى:
    - توغرا، كىچىك خاتىرە دەپتىرىم ھەمىشە كاستۇمۇمنىڭ قولياغلىق سالىدىغان يانچۇقىدا، يەنى مانا بۇ يەردە...
     
    ئۇ ئۆرۈتۈپ تىكتۈرگەن كاستۇمۇمنىڭ ئوڭ تەرەپكە ئۆتۈپ قالغان مەيدە يانچۇقىدىن بىر غالتەك يىپنى ئالدى.
     
    چاقچاقچى بوۋام:
    - ئېيتىڭلارچۇ، داداڭلارنىڭ خاتىرە دەپتىرى قەيەردىن چىقىپتۇ؟- دېدى. بىز گەپ قىلغۇچە، ئاپام:
    - بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا كاستۇمۇمنىڭ سۆكۈلۈپ كەتكەن ئەستىرىنى تىككەنىدىم، شۇ چاغدا يىپنى يانچۇقىدا ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن-دە،- دېدى.
     
    قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن دادام نېمىلا بولسۇن يانچۇقىدىن بىر نەرسە تېپىش ئۈچۈن قولىنى كاستۇمىنىڭ قويۇن يانچۇقىغا سېلىپ سىنچىلاپ ئاختۇرۇشقا باشلىدى. بوۋام:
     
    - نېمانچە كولايسەن، يانچۇقۇڭ تېشىلىپ كەتمىسۇن يەنە؟- دېدى چاقچاق قىلىپ.
     
    بوۋام قاتتىق كۈلگىنىدىن ئاخىر يۆتىلىپ ۋە ئۆزىنى ئاران بېسىۋېلىپ:
    - پەلتويۇمنىڭ يانچۇقىدىن قولياغلىقىمنى ئېلىۋېتىڭلار، ئوڭ يانچۇقىدا،- دېدى.
     
    يۈگۈرۈپ بېرىپ كىيىم ئاسقۇچتىكى پەلتوسىنىڭ ئوڭ يانچۇقىغا قارىدىم، قولياغلىق يوق ئىدى.
    - بوۋا، ئوڭ يانچۇقىڭىزدا يوق ئىكەن...
    - دېگەن گەپنىمۇ ئاڭلىمايسىلەر... مەن ئوڭ يانچۇقتا دېمىدىم، سول يانچۇققا قارا!
    - سول يانچۇقىڭىزدىمۇ يوق...
    - يوق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس... پەلتونى ئەپكەل! قىرىق يىلدىن بېرى قولياغلىق شۇ يەردە...
     
    پەلتوسىنى ئەپكەلدىم. ئىككىلا يانچۇقىغا قاراپ قولياغلىقنى تاپالماي:
    - بىرى قولياغلىقىمنى يانچۇقۇمدىن ئېلىۋاپتۇ،- دېدى.
     
    بۇ چاغدا ئاپام يۈگۈرۈپ چىقىپ، بىر پاكىزە قولياغلىقنى بوۋامنىڭ پەلتوسىنىڭ ئوڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويغانىدى، بوۋام:
    - ھە، مەن دېدىممۇ، مانا بۇ يەردە ئىكەن،- دېدى.
     
    يۆتىلى توختىغان بوۋام ئۇ يەر-بۇ يېرىنى ئاختۇرۇپ تاماكا قۇتىسىنى تاپالمىغاندىن كېيىن:
    -ئەمدى تاماكا قۇتام يوققۇ؟ تاماكامنى كىم ئالدى؟ چاپسان تېپىڭلار!- دەپ ۋارقىرىدى.
     
    بوۋامنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن، ھەممىمىز ئۆينىڭ ئىچىگە تارقىلىپ تاماكا قۇتىسىنى ئىزدەشكە باشلىدۇق. شۇ ئەسنادا ئىشىك قوڭغۇرىقى چېلىنىپ، دادامنىڭ قوشنىسى ئەر-ئايال ئىككىسى كىرىپ كەلدى. ئۇلار بىزنىڭ ناھايىتى جىددىي ھالدا تاماكا قۇتىسىنى ئىزدەۋاتقىنىمىزنى كۆرۈپ، بىز بىلەن تەڭ تاماكا قۇتىسىنى ئىزدەشكە باشلىدى.
     
    بىر چاغدا بوۋام غەزەپلەنگەن ھالدا:
    - چاپسان تېپىڭلار تاماكامنى، بولمىسا ئارىلاشمايمەن-ھە!- دەپ ۋارقىرىدى.
     
    دادامنىڭ دوستى ئۆز تاماكىسىنى سۇنۇپ:
    - ھازىرچە بۇنى چېكىپ تۇرامسىز؟- دېدى. لېكىن دېگىنىگە تويدى.
     
    بوۋام تېخىمۇ ئاچچىقلاپ ۋارقىراپ كەتتى:
    - تاماكامنى چاپسان تېپىش!
     
    مەتىن ئاياللارنىڭ بىر چۈپ پايپىقىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ:
    - بۇلار كىمنىڭ؟- دەپ سورىدى.
    - ۋىيەي، ئۇزۇندىن بېرى ئۇنى ئىزدەپ يۈرەتتىم، نەدىن تاپتىڭ؟- دېدى ئاپام.
    - بوۋامنىڭ تاماكا قۇتىسىنى ئىزدەۋاتسام، ئاشخانىدىكى توڭلاتقۇنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپتۇ،- دېدى مەتىن.
     
    بوۋامنىڭ تاماكا قۇتىسىنى ئىزدەۋاتقاندا، ئويلىمىغان يەردىن مۇھىم نەرسىلەر تېپىلىپ قالدى.
     
    مېھمان خانىم سافانىڭ تېگىدىن رادىئونىڭ ئىسچوتىنى تېپىۋالدى.
    - بىر ئايدىن بېرى بۇ ئىسچوتنى ئىزدەپ يۈرەتتىم،- دېدى دادام.
     
    دادامنىڭ قەلىمى چىنە-قاچا جاۋىنىدىن چىقتى، ئەخلەت ساندۇقىدىن خاتا تاشلىنىپ قالغان پىچاق تېپىلدى.
     
    كىم بىر نەرسىنى تاپسا، «بۇ كىمنىڭ؟ بۇ كىمنىڭ» دەپ سورايتتى.
     
    شۇ ئارىدا بوۋام:
    - يائاللا، بۇ قۇتىنى مېنىڭ تېگىمگە كىم تىقىپ قويغاندۇ؟ قۇتىنى مېنىڭ تېگىمگە تىقىپ قويغان قايسى ئەخلاقسىز؟- دەپ ۋارقىراشقا باشلىدى.
     
    بوۋام بىز باياتىن ئىزدەۋاتقان قۇتىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇۋالغانىكەن.
     
    بوۋام ئاچچىقلاپ بىر ھازا كوتۇلدىدى، ھېچكىم زۇۋان سۈرمىدى...
     
    مانا شۇ كۈندىكى گەپلەر ماڭا ئېغىر كېلىپ، ھۇجرامنى باشتىن-ئاياغ رەتلىۋالدىم. راستىمنى ئېيتسام، ھەممە نەرسەم قالايمىقان ئىكەن. ئەمدى «بولۇمسىز قىز» دەپ ئەيىپلىنىشتىن قۇتۇلماقچىمەن. سېنىڭ خەتلىرىڭمۇ ئۇيەر-بۇيەردە چېچىلىپ يېتىپتىكەن، ئۇلارنىمۇ يىغىشتۇرۇپ چىسلاسى بويىچە بىر ئارخىپقا سالدىم.
     
    ئۇ يەردىكى ساۋاقداشلىرىم ئىچىدە باشقىلارغا قارىغاندا سەندىن كۆپ خەت تاپشۇرۇۋالىمەن. دېمىر بىلەن ياشارمۇ بىردىن ئاتكرىتكا ئەۋەتىپتىكەن، ھەممىسىگە جاۋاب يازدىم.
     
    پات-پات خەت يېزىپ تۇرغىن.
     
    ساڭا مۇۋەپپەقىيەت تىلەپ:
     
     
    زەينەب يالقىر
    1964-يىل 8-يانۋار، ئەنقەرە
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.