مۇھەببەت ئارمانى 6

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-09 15:03:58

مۇھەببەت ئارمانى-سەن بىلەن بىللە بولغان شۇ مىنۇتلارنى ئەسلەش، سېغىنىشتىن زىدە بولغان يۈرىكىمنىڭ بىردىنبىر ئارامى (كۈندىلىك خاتىرەمدىن)داۋاي، تۈگىدى جېنىم، بىر ئاڭلىۋەتكىن ھە!-دېدى رائىلە قو...



     

            مۇھەببەت       ئارمانى

     

     -سەن بىلەن بىللە بولغان شۇ مىنۇتلارنى ئەسلەش، سېغىنىشتىن زىدە بولغان يۈرىكىمنىڭ بىردىنبىر ئارامى     (كۈندىلىك خاتىرەمدىن)

     

     \

    • داۋاي، تۈگىدى جېنىم، بىر ئاڭلىۋەتكىن ھە!-دېدى رائىلە قوللىرىدىن قاس چىقىرىپ.
    • توۋا! ناخشىغا ئاكورت ئالسا باشقىچە چىقىدىكەن ھە؟!- دېدىم ناخشىنى ئاڭلاپ بولۇپ.
    • ئەلۋەتتە، جىق نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىڭىزدە شەھەرلىكلەردىن ھە؟! سەھرادىمۇ بارمىتى-يا؟!-دەپلا ئالدىمغا كەلدى ئەزىمەت ، قولىدا مېنىڭ رەسىملىك كىتابىم تۇراتتى، كۆزلىرىمنى ئالايتتىم قولىدىكى كىتابنى تارتقاچ:
    • سىز شەھەرلىك غوجاممۇ ئانچە - مۇنچە ئەدەپ - قائىدە ئۆگىنىپ قويۇڭ، بولمىسا بىز تەرەپلەرگە ئۆتۈڭ، ئوبدان ئۆگىتىپ قويىمىز!-دېدىم زەردە بىلەن. ئۇ كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە ماڭا قاراپ < ۋۇي، بۇ، بۇ مېنىڭ كىتابىم >دەپ دۇدۇقلاۋاتاتتى،
    • ئىززا تارتماي كىتابىم دەۋاتقىنىنى، نومۇسسىز ئەبلەخ!-دېدىم ئىشىكتىن چىقىپ كېتىۋاتقاچ.

     

    **********************************************************
       -نەگە باردىڭ ئات؟ بىر چۈشتىن كېيىن يوققۇ؟-دېدى ياتاقتا خاتىرىسىگە بىرنېمىلەرنى يېزىۋاتقان خوتەنلىك قىز رىزۋان قۇلىقىدىكى نائۇشنىكنى ئېلىۋەتكەچ. بەك ئۇماق گەپ قىلىشى بۇنىڭ، خوتەن شىۋىسى بار، ئەمما بەك يېنىك، ئۆزىنىڭ ئاۋازىمۇ بەك تاتلىق، نۇرغۇن بالىلار ئاۋازىغا كۆيۈپ قالغان بۇنىڭ. ئۆزىمۇ چىرايلىق. بۇغداي ئۆڭ، قاش - كۆزى ئاتتەك چىرايلىق. بۇرۇن بەك ياۋايى ئىدى، ھېچكىمگە تۈزۈك گەپمۇ قىلمايتتى، ئوغۇللارغا ئابايلا گەپ قىلمايتتى. چۈنكى ئۇ چاغدا بۇنىڭ بىر ئالتە يىللىق ئوغۇل دوستى بار ئىدى، ئالىم دەپ، ساقچى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان. بۇ ئىككىسى ئوتتۇرا مەكتەپتىلا مۇھەببەتلىشىپتىكەن. ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىنمۇ ئىككىسى بىللىلا زادى، بۇ بارىدۇ يا ئۇ كېلىدۇ، دېگەندەك. ئىقتىسادنىمۇ بىرلەشتۈرۋەتكەن تېخى، ئۇ چاغدا بىز بىر يەرلەرگە ئوينىغىلى چىقساق رىزۋان ئالىمنى بار دەپ چىقمايتتى. بىزنىمۇ بالدۇرراق بىرەرسىنى تېپىپ، يۈرۈۋېلىشقا ئۈندەيتتى تېخى. ئون ئېغىز گەپ قىلسا توققۇز ئېغىزىدائېلىم بار ئىدى. بەزى كۈنلىرى ئىچىم سىقىلىپ:

    • ئاداش، شۇنچە ئۇزۇننىڭ ياقى بىللە بولغاندىن كېيىن، بىز بىلەن بىللە بولغاندا بولسىمۇ ئۇنتۇپ كەتكىنە بىردەم ئۇ ئالىممىڭنى!- دەيتتىم.
    • ئۇنتىيالمىسام،،ئۇنتۇغىلى بولامتى. ھى ھى... -دەپ كۈلەتتى، مۇشۇ كۈلىشى بەك ئۇماق. بۇ ئىككىسىنىڭ دېيىشمەيدىغان گېپى يوقتى ھە. يانفونلىرىنى بىر - بىرسىگە ھېلىقىدەك ئۇرۇق - تۇغقان نومۇر قىلىۋېلىپ، توختىماي تېلىفون سۆزلىشەتتى. بىركۈنى
    • ھەي ئاداش ، ئىككىڭلار نېمىلەرنى دېيىشىسىلەر زادى؟ نېمانداق تۈگىمەيدىغان گەپ ئۇ؟ زېرىكمەمسىلەر؟-دېسەك
    • شۇ كۆرۈشكەندە، كۆرۈشمىگەن ۋاقىتتىكى گەپ، كۆرۈشمەي تېلىفونلاشقاندا، كۆرۈشكەندە بولغان ئىشلارنىڭ گېپى.-دېگەن ئىدى، ئۇچۇپ كەتكەن ئىدۇق، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ توغۇرلۇق سورىمىغان. ئالىي مەكتەپكە يېڭى كەلگەندە بەك ئورۇقتى بۇ، كېيىنچە سەمىرىپ كەتتى.

    - ئالىم بىلەن تاماق يېسەك ئۇ بىر لەغمەننىمۇ يەپ بولالمايدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ بىر لەغمىنىنى يەۋېتىپ ئۇنىڭكىنىمۇ يەۋېتىمەن، تېخى جيامىيەننىمۇ!-دېگەنتى، ھەممىمىز كۈلۈپ تېلىقىپ قالغان ئىدۇق. ئۈچ يىل ئۆتكەن يىلى ئۇ ئالىم ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خوتەنگە كەتتى. بۇمۇ بىللە كەتكەن تەتىلدە. مەكتەپكە يىغىلغاندا شۇنداق ۋەيرانە كەپتۇ.

    - نېمە بولدۇڭ ؟

    - ئالىم بىلەن ئايرىلىپ كەتتۇق، ئۇ بىرسىنى تېپىۋالدى!-دەيدۇ. ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ بىزمۇ يىغلاپ ھازا ئېچىپ، ھاي دەيدىغان ئادەم يوق. ئاخىرى مەرخاننىڭ

    - ۋاي بولدى قىلىڭلار! نېمىتى ئۇ ئالىم دېگەن، ئۇ تاپقان بولسا باشقىسىنى ساڭا چىقمامتى؟ سىلەر نېمىگە تەڭ ھۆكىرەپ؟ قىپقىزىلغۇ بۇلار!-دەپ ئۇيغۇرچە - قازاقچىنى ئارىلاشتۇرۇپ تىللىشى بىلەن توختىغانىدۇق. رىزۋانمۇ شۇ بىر قېتىم يىغلىغان ياقى بۇ ئىش ئۈچۈن قايتا كۆڭلىنى بۇزۇپ باقمىدى. (يا بىزگە كۆرسەتمەي يىغلىغانمۇ يەرلىرى بارمىكىنتاڭ).

    \

    ئادەم ئۆزگەرسە مۇنداق ئۆزگەرسە ئەڭ يامان ئىكەن، تاشقى قىياپىتى ئۆزگەرگەن مەرخان ھېچكىمنى رىزۋان ئۆزگەرگەنچىلىك ھەيران قالدۇرالمىغان جۇمۇ. رىزۋان پۈتۈنلەي باشقا ئادەمگە- مۇھەببەتكە ئىشەنمەس، ئوغۇللارغا ئىشەنمەس، ئوغۇللارنىڭ ھېسىياتى بىلەن ئوينىشىدىغان بىر ئادەمگە يەنى <دېسۋان>غا ئۆزگەردى. بۇ دېسۋان دېگەن گەپكە كەلسەك كۆپچىلىك، ئەسلى مەنىسى رىزۋاندىن كەلگەن بولۇپ،بۇ دوستىمىز ئۆزى تىل ئۆگىنىشكە بەك قىزىقىدۇ، چەت ئەلچە ناخشىلارنى سۆيۈپ ئاڭلايدۇ. (بولۇپمۇ ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن). شۇڭا ئۆزىنى THIS ONE دەۋالدى. بىز بۇ پەرەڭچە ئىسىمنى دەمەللىققا قۇبۇل قىلالماستىن، ئىسلاھ قىلىپ<دېسۋان>دېدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن شۇنداق ئاتايمىز. بۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشنى سىنىپىمىزدىكى ئۆگىنىشتىن باشقا نەرسىلەرگە دىققەت قىلىش ئېھتىمالى نۆل بولغان شۇ <پىراففېسورلار>مۇ بىلىۋاپتۇ ئەمەسمۇ. لېكىن بۇنىڭ ھازىرقى مۇشۇ ھالىتىنى ياقتۇرىمەن. بۇرۇنقى ئۇ مىشچان، مەيدانى يوق، بايرىقى تېخىمۇ روشەن ئەمەس، ئۇ رىزۋاندىن بۈگۈنكى مۇستەقىل ئېڭى كۈچلۈك، ئۆزىگە تايىنىشنى بىلىدىغان دېسۋاننى ياخشى كۆرىمەن، مەيلى باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا قانداق قارىشىدىن قەتئىينەزەر.

    -رائىلە بىلەن بىر يەرگە بارغانتىم، ئۇف ئەجەب ھاردىمما،-دېدىم سومكامنى كارىۋىتىمغا قويغاچ.

    • رافائىل بەك ئىزدەك كەتتىغۇ سېنى، يانفۇنىڭغا قىلسام ئېلىنمىدى دەيدىغۇ؟-دېدى دېسۋان خاتىرىسىدىن بېشىنى كۆتۈرمەي.
    • ھە. يانفونىمنىڭ توكى يوق.

    - دەپ قويساڭچۇ ھەر چارشەنبە كېلىدىغىنىنى بىلگەندىن كېيىن. بىچارە بالا پەستە نەچچە سائەت تۇردىغۇ دەيمەن

    - ئۇنى كىم كەلسۇن دەپتۇ، ئۇنىڭغا نېمە دەپ دەپ قوياتتىم.

     \

    *******************************************************

    رافائىل- مېنىڭ كىچىك ۋاقتىمدا، ئۆسمۈرلەر سارىيىدا، رەسىم سىنىپىدا تونۇشۇپ قالغان بىر دوستۇم ئەمدى. مەندىن بىر ياشلا چوڭ. كىچىكىمىزدە، 8 - 9 ياش ۋاقىتلىرىمدىكى ئۇ ئەسلىمىلەرنى،< رافائىل>نى، پاك - پاكىز ئۇنتۇپلا كېتىپتىكەنمەن ئەسلى. بىر قېتىملىق نورۇز بايرىمىدا، تىببى ئۇنۋېرسىتىتتىكى دوستۇم ئامىنە (ھېلىقى ئىسپىراپكا بېرىدىغان) مەكتىپىدىكى نورۇز پائالىيىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان ئىدى. ئەلۋەتتە مەن بېرىپ كۆرىمەندە؟! شۇ چاغدا بۇ رافائېل سەھنە سۆزى قىلدى. ‹‹ بۇ ناخشامنى كىچىكىمدە، بىللە رەسىم سىزغان، لېكىن ھازىرغىچە ئۇچرىتالمايۋاتقان ئەسلىمە دوستۇم گۈللالەگە بېغىشلايمەن، ناخشامنىڭ ئىسمى خىيالىمدىكى يارە ››. ئەينى ۋاقىتتا، مەن ھەقىقەتەن بەك ھەيران قالغان ئىدىم.‹‹ مەنمۇ نېمە ؟ ››دەپ ئويلىغانىدىم. لېكىن مەن بىرەرسى بىلەن رەسىم سىزغاندەك قىلمىغان. ئويۇن تۈگەپ ئامىنەنى ساقلاپ ئولتۇردۇم، (كەچتە شۇنىڭ ياتىقىغا كىرىپ كەتمىسەم، بىزنىڭ ياتاقنى مەن بارغىچە تاقىۋېتىدۇ). تۇيۇقسىز شۇنچىلا جىق ئادەملەرنىڭ ئارىسىدىن بىر جۈپ كۆزنىڭ ماڭا تىكىلىپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ رافائىل ئىدى.

    \

    توغرا ئۇ رافائىل ئىدى. كۆزلىرىمنى ئىتتىك ئېلىپ قاچتىم، لېكىن يەنە ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا قارىدىم. كۈلۈپ قويدۇم. نېمە ئۈچۈن كۈلگەنلىكىمنى ئۆزۈممۇ بىلمىدىم، بەلكىم، ئۇنىڭ خىيالىدىكى قىز بىلەن ئىسىمداش بولغانلىقىم ئۈچۈنمۇ ۋە ياكى ئۇنىڭغا ئىچ ئاغىرتىۋاتامدىم ئۇنى بىلمىدىم.

    • ۋىيىي ئاداش ، تازا ساقلىدىڭ ھە؟!

    چۆچۈپ كەينىمگە قارىدىم. ئامىنە قوللىدا سومكا - كىيىملىرىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قاراپ تۇراتتى.

     - كىمگە قاراۋاتىسەن؟ ھە. ئاۋۇ بالىمۇ؟ ۋاي ئالدىنقى قېتىم گىتتار مۇسابىقىسى بولغاندا، بۇ بالا مەكتىپىدىن ئىككى دوستى بىلەن كېلىپ چاڭ چىقىرىۋەتتى، قىزلار دېگەن چېرقىراپ رافائىل دەپ، ھە شۇ چاغدا دېگەنتىمغۇ ئاداش ساڭا، ناخشىنى باشلاشتىن بۇرۇن بۇ ناخشامنى كىچىك ۋاقتىمدىكى دوستۇم گۈللالەگە بېغىشلايمەن، دېدى، دەپ. بۈگۈن دەپ قويدۇم. مېنىڭ ئاۋۇ دوستۇمنىڭ ئىسمىمۇ گۈللالە دەپ!

       توغرا! ئامىنە بىر ۋاقىتتا شۇنداق دېگەندەك قىلغان، كېيىن سورايمەن دەپ ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن.

    • ساراڭمۇ سەن؟ نېمە دەپ مېنى دەيسەن؟

     - ۋاي خوش بول، خەقچۇ، ئاشۇ قىزنىلا ئويلايدىكەن، بىزنىڭ بەزى قىزلارمۇ تىڭتىڭلىدى بۇ بالىنى. قىزلارغا ئېرىمايمىش.خېنىم!-دېدى ئامىنە قۇلۇقۇمغا پىچىرلاپ. - يۈرە بولدى، كىرىپ كېتەيلى...

         شۇ ئىش بولۇپ ئىككى كۈندىن كېيىن، بىر كۈنى ياتاقتا ئولتۇرسام

    • ئاداش، سېنى پەستە بىرسى سېنى ساقلاۋاتىدۇ. ئاتتەك بىرسى!-دېدى دېسۋان ھاياجانلانغان ھالدا.
    • كىمكەن؟ تېلىفون قىلسىلا بولمىدىمۇ، قانچىنچى ئەسىر بۇ...
    • ۋاي بىز نەدىن بىلەيلى! چۈشمىسەڭ پۇشايمان قىلىسەن!ھە راست، قولىدا گېتتارمۇ ئىشقىلىپ بىر نەرسە بارغۇ دەيمەن. بىر قارىسىلا مۇزىكانت چىراي

     ھىــــــــــــــــــــــم؟ ئۇ ئەمەستۇ؟ ياق، مۇمكىنمۇ بۇ؟ ئەمىسە كىمدۇر؟

      ئۇنى كەينىدىن كۆرۈپلا تونۇدۇم. سوغۇقتىن سەل دۈگدەيگەنىدى.

    • مېنى ئىزدىگەنمىدىڭىز؟- دېدىم ئالدىغا كېلىپ.
    • ھە، ھە شۇ باشقا ئىشمۇ يوق... بىر دوستۇمنىڭ ياتىقىغا كەلگەن، سىزنى كۆرۈپ ئۆتۈپ كېتەي دەپ،-قارىغاندا سەل تەمتىرەۋاتقاندەك قىلاتتى.
    • شۇنداقمۇ؟ مېنى قانداق تاپتىڭىز؟
    • بۇنى سورىمايلا قويۇڭە، مۇھىم ئەمەسقۇ؟- دېدى ئۇ ئاۋازى سەل گاراڭ - گۇرۇڭ چىقاتتى. كۆزلىرى كۆزۈمگە قاراشقا پېتىنالمايتتى. ماڭا قارايتتى -يۇ، يەنە ئىتتىك ئېلىپ قاچاتتى.
    • چوقۇم ئامىنە! شۇنداقمۇ؟-دېدىم بېشىمنى سەل سىڭايان قىلىپ سۇئال نەزىرىدە.
    • ئامىنە دېگەن كىمۇ؟

    ۋاي خۇدايىم بۇ نېمە دەيدۇ ئەمدى!

    • ھېلىقى كۈنى رىياسەتچىلىك قىلغان قىزچۇ؟ ئاڭلىسام شۇ سىزگە مېنىڭ ئىسمىمنى دەپ بېرىپتىكەن.
    • ھە راست. ماڭا نۇرغۇن دوستلۇرۇم گۈللالە ئىسىملىك دوستلىرىنى تونۇشتۇرغان. مەن خۇددى شۇ ئىسىمنى ئىزدەۋاتقاندەك!- دېدى ئۇ. بۇ بالىنىڭ كاللىسى جايىدا ئەمەسمۇ نېمە؟ ئاخىرى ئۇ خېلى غەيرەت قىلىپ كۆزلىرىمنىڭ ئىچىگە قارىدى.
    • مەن شۇ كۈنى، سىزنى مەكتەپنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا كۆرگەن. سىز تېلىفۇندا بىرسىگە، مەن گۈللالە، دەپ بىرنېمىلەرنى دەۋېتىپتىكەنسىز، سىزگە شۇنداق ئۇزۇن قاراپ تۇردۇم. سىز تېخى پەلىيىڭىزنى ئېلىپ بۇرنىڭىزنى ئېيتتىڭىز...
    • ھا ھا ھا... راست، ئۇ كۈنى يەنە بىر قىزنى ساقلايمەن دەپ. ياتىقىدا تېلىفون قىلسام يوق، شۇڭا سىرتتا مۇزلاپ...-دېدىم شۇ كۈنىنى ئەسلىگەچ. ئۇنىڭ كۆزلىرى سەل سارغۇچ، كىرپىكلىرى شۇنداق ئۇزۇن ئىدى. بۇلار ماڭىمۇ ئازراق بىر ئىشلارنى ئەسلەتكەندەك قىلدىيۇ، يەنە ئەسلىيەلمىدىم. ئۆزى ئاق سېرىق، مەندىن بىر باش ئېگىز، كۆزلىرىدىن بىر خىل مەنا چىقىپ تۇرىدىغان بۇبالىنى راستلا ئەسلىيەلمەيۋاتاتتىم. مۇزلاپ كەتتىم.
    • ياتاقنى تاقايدىغان ۋاقىتمۇ بولۇپ قاپتۇ. مەن كىرىپ كېتەي. سوغۇقتا سىزمۇ بالدۇرراق قايتىڭ.-دېدىم پۇتۇمنىڭ ئاستىدىكى قارنى ئۇياققا-بۇياققا دەسسىگەچ
    • بولىدۇ، گۈللالە!

    ئىسمىمنى بۇ ئۆمرۈمدە ھېچكىمنىڭ بۇنداق چىرايلىق چاقىرغىنىنى بىلمەيمەن. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىدىم.

    \

    • بۇنى ئوقۇپ باقارسىز، سىزنى يەنە ئىزدىسەم بولامدۇ؟ -دېدى ئۇ كۆزلىرىمگە قاراپ تۇرۇپ.
    • بولىدۇ،مۇشۇنداق دوستىڭىزنىڭ ياتىقىغا كەلگەندە مېنى كۆرۈپ كەتسىڭىز بولىدىغۇ؟!

     ئامال بار ئۆزۈمنى ئەركىن تۇتۇشقا تىرىشاتتىم. ياتاققا يۈگۈرۈپ دېگۈدەك قايتىپ كىردىم. ھاسىرىغىنىمدىنمۇ ياكى ھاياجاندىنمۇ بىلمىدىم، يۈرۈگۈم ئاتتەك سوقاتتى...

    كەچتە، قىزلار ئۇخلاپ، جاھان تىنجىغاندا، ئاستا ياستۇقۇم ئاستىدىكى خەتنى ئالدىم-دە، كونۋېرتتىن چىقىرىپ خەتكە كۆز يۈگۈرۈتتۈم. خەت شۇنچىلىك رەتلىك يېزىلغان ئىدى.

    « گۈللالە! ئۇلۇغ ئاللاھ ماڭا مۇشۇ ئىسىمنى ئىچىمدە، خىيالىمدا، چۈشلىرىمدىلا ئاتاش ئەمەس، رىئال تۇرمۇشتىمۇ گۈللالە دەپ نىدا قىلىشمغا نىسىپ قىلغانلىقىغا چەكسىز شۈكرىلەر ئېيتىمەن. سىزنى ئوڭۇمدا ئۇچرىتارمەن، دەپ شۇنچە ئارزۇ قىلساممۇ، لېكىن ئۈمىد چوڭ ئەمەس ئىدى. ھەتتا خىيالىمدىكى شۇ گۈللالەنى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر ئەمما بەكمۇ مۇھىم يەرلىرىگە كۆمۈۋېتەرمەن، دەپ ئويلىغانىدىم. ئۇلۇغ ئىگەمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، بەلكىم شۇ ئۇلۇغ نورۇز بايرىمىنىڭ، بىزنىڭ يېڭى يىلىمىزنىڭ خاسىيىتىدىن بولسا كېرەك، شۇ كۈنى سىزنى شۇنداق تۇيۇقسىز ئۇچرىتىپ قالدىم. كىچىكىمدىكى شۇ گۈللەر ئارىسىدىكى ئاق كېپىنەككە ئوخشايدىغان شۇ قىزنى، 15يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە ئۇچراتتىم. بەلكىم مېنىڭ شۇ چاغدىكى ھېسىياتىمنى سىز چۈشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن! بۇنى ھەقىقەتەن ھېچكىم ھېس قىلالمايدۇ!

    بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇن شۇ ھەر ھەپتىدە ئىككى سائەتلا ئوقۇيدىغان رەسىم سىنىپىمىزغا بىر كۈنى بىر قىز كىردى. چاچلىرىنى ئىككى بوغۇۋالغان، كۆزلىرى چاقناپ تۇرىدىغان، ئاغزىدىن تەبەسسۇم ئۆچمەيدىغان، ئۇچىسىدىكى ئاق كۆينىكى بىلەن كېپىنەكلەرگىلا ئوخشاپ قالغان بىر قىز كەلدى. بىلمىدىم، شۇ قىز كەلگەن ياقى يەكشەنبىنى سېغىنىدىغان بولۇپ قالدىم.گەرچە ئۇ ۋاقىتتا ياخشى كۆرۈش، مۇھەببەت دېگەنلەرنى بىلمىسەممۇ، ئەمما سىزنىڭ شۇ ئوماق كۈلكىڭىزنى، نۇر چاقناپ تۇرىدىغان كۈلكىلىرىڭىزنى سېغىناتتىم. سىنىپتا سىز خۇددى نۇرغۇن گۈللەر ئارىسىدىكى ئۇچۇپ يۇرگەن ئۇماق كېپىنەككە ئوخشايتىڭىز. بىركۈنى مۇئەللىم بىزنى ئۆزىمىز ئەكەلگەن ئالمىنى سىزىشقا بۇيرىدى. سىز مېنىڭ يېنىمدىكى ئورۇننىڭ ئالدىدىلا ئىدىڭىز، سىز قانداقلا قىلىپ ئۇ ئالمىنى سىزالمىدىڭىز، نەچچە ۋاراق قەغەزنى يىرتتىڭىز. تۇيۇقسىزلا ئالدىڭىزغا قويۇپ قويغان ئالمىنى ئالدىڭىز-دە، چىشلەپ - چىشلەپ يەۋەتتىڭىز! ھەممىمىز سىزگە قاراپلا قالدۇق. ئۇ تۇرقىڭىز بەكمۇ ئۇماق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مۇئەللىم سىزنى مەن بىلەن بىللە سىزىشقا ئورۇنلاشتۇردى. سىز بوياقلىرىڭىزنى كۆتۈرۈپ يېنىمغا كەلدىڭىز-دە، مەن سىزغان رەسىمگە قاراپ. ‹‹نەشپۈت سىزىپ قويۇپسىزغۇ؟ ھى ھى ھى...›› دەپ ئاغزىڭىزنى تۇتۇپ كۈلۈپ كەتتىڭىز. سىز شۇنچە مەغرۇر، مەن شۇنچە تارتىنچاق، بىچارە ئىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن سىزنى قايتا ئۇچرىتالمىدىم. قانچە قېتىم سىزنى، شۇ رەسىمنى چۈشىگىنىم ئېسىمدە يوق.

    ھېلىقى كۈنى دەرۋازا ئالدىدا سىزگە قاراپ قانچىلىك تۇرغىنىمنى بىلمەيمەن. تېلىفون سۆزلەشكەن ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىغىنىمدا، كىچىكىمدىكى شۇ سىنىپ ئىچىدە كۈلگەن جاراڭلىق، قوڭغۇراقتەك ئاۋازىڭىزنى قايتا ئاڭلىغاندەك بولدۇم. پەلىيىڭىز بىلەن بۇرنىڭىزنى سۈرتكەندە، رەسىم سىزىپ بولالماي، يۈزلىرىڭىزنى بوياق قىلىۋەتكەن ھالىتىڭىزنى ئەسلىدىم. ئۇچىڭىزدىكى ئاق چاپىنىڭىزغا قاراپ شۇ ئاق كېپىنەكنى ئەسلىدىم. بوينىڭىزدىكى قىزىل شارپا، چېچىڭىزدىكى ھېلىقى قىزىل لېنتىڭىزنى ئەسلەتتى. گۈللالە! سىزدىن يوشۇرمايمەن. شۇنچە ۋاقىتنىڭ ياقى، نۇرغۇن قىزلارنى ئۇچراتتىم. بەزىلىرىنىڭ كۆزلىرى سىزگە ئوخشىغاچقا، بەزىلىرىنىڭ ئاۋازى سىزنىڭكىگە ئوخشاپ قالغاچقا، يەنە بەزىلىرىنىڭ كۈلكىلىرى سىزنى ئەسلەتكەچكە ئۇلار بىلەن بىللە يۈرگەنمۇ بولدۇم. ئەمما... ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن شۇنى ھېس قىلاتتىم، مېنىڭ كۆڭلۈم، قەلبىم، يۈرۈگۈم ئاللىقاچان شۇ سىنىپتا قالغان ئىكەن...

     دەرۋازىنىڭ ئالدىدىن ئويۇن بولىدىغان زالغىچە كەينىڭىزدىن ماڭدىم. سىز بىر قىز بىلەن بىر نېمىلەرنى دەپ كېتىپ باراتتىڭىز، شوخ كۈلكىڭىز قۇلۇقۇمغا كىرىپ تۇراتتى. «قانداق قىلارمەن؟» نەچچە ۋاقىتنىڭ ياقى ئوچراتسام بولمامدۇ، دەپ ئويلايتتىم، ئەمدى سىز راست ئۇچرىغاندا سىزگە گەپ قىلغۇدەك ماجال قالمايۋاتاتتى. شۇ كۇنى شۇنچە قىلىپمۇ سىزگە بىر ئېغىز گەپ قىلالمىدىم. كەينىڭىزدىن مۆكۈپ- مۆكۈپ ماڭدىم. دوستىڭىز بىلەن قىزلار ياتىقىغا كىرىپ كەتكۈچە مۆكۈپ قاراپ تۇردۇم. ياتاققا قايتىپ كەلدىم، يۈرۈگۈم سىقىلاتتى. كېچىچە ئۇخلىيالمىدىم. ئەتىسى سەھەردە تۇرۇپلا تىببى ئۇنۋېرسىتىتقا قاراپ ماڭدىم. سىزنى قىزلار ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدا يەنە بىر قېتىم ئۇچرىتالىغىنىمدا، ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ تەلەيلىك ئادەمدەك ھېس قىلدىم. كەينىڭىزدىن مەكتىپىڭىزگىچە كەلدىم. سىز كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ياتاق بىناسىغا قارايدىغان ھەدەشتىن سىزنى، ياتىقىڭىزنى سورىدىم.    

     گۈللالە! ھاياتىمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرىدە سىزنى يۈتتۈرۈپ قويۇشنى خالىمايمەن. سىزنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىڭىزدىن بىخەۋەرمەن. قانداقلا بولىشىدىن قەتئىينەزەر ماڭا بىر پۇرسەت بېرىشىڭىزنى سورايمەن.

            سىزنى كېچە - كۈندۈز ياد ئەتكۈچى

                                                         رافائىل »

     

     خەتنى ئوقۇپ بولدۇم. پۈتۈن زېھنىم بىلەن شۇ نەچچىلا قېتىم بارغان، ياش - ئۆسمۈرلەر سارىيىنى، شۇ 2-قەۋەت بۇلۇڭدىكى ئاپتاپ چۈشۈپ تۇرىدىغان سىنىپنى ھەم چاچلىرى كۈن نۇرىدا تېخمۇ سېرىق بولۇپ كېتىدىغان، كۆزلىرى يېشىل ئارىلاش قوڭۇر، ئاڭ سېرىق شۇ رافائىلنى غۇۋا ئەسلىيەلىگەندەك قىلدىم.

    نەچچە كۈن ئۆتۈپ،ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدا ئۇنى يەنە ئۇچراتتىم. كۆزلىرىمگە خىجىللىق بىلەن ئەمما چوڭقۇر مېھىر بىلەن تىكىلىپ تۇراتتى.

    • ۋوي. بۇياققا ئۆتۈپ قاپسىزغۇ؟ بۇ مەكتەپتە ئوقۇمايدىغانسىز؟-دېدىم ئۇنىڭ ئالدىدىكى يولنىڭ قىرغىقىغا دەسسىگەچ
    • ياقەي... مەن مالىيە- ئىقتىساد ئىنىستوتىدا ئوقۇيمەن،-دېدى ئۇ بېشىنى تاتلىغاچ
    • ھە؟ ۋاي خۇدايىم، جاھاننىڭ ئۇ تۆرىدىن كەپسىزدە؟ مېنى ئىزدەپ كەلدىڭىزمۇ- يا؟ دوستىڭىزنى ئىزدىگەچ مېنى كۆرۈپ كېتەي دېدىڭىزمۇ؟-دېدىم كۈلۈپ تۇرۇپ.
    • ئەستاغپۇرۇلللا. شەيتان قىز، سىز شۇ پېتى تۇرۇپسىز جۇمۇ،- دېدى ئۇ ئوڭايسىزلىنىپ.
    • سىزمۇ شۇ پېتى تۇرۇپسىزغۇ؟- دېدىم تۇمشۇقۇمنى ئۇچلاپ
    • مېنى ئەسلىيەلىدىڭىزمۇ؟ گۈللالە!

    ئۇنىڭ ئاۋازى ھاياجاندىن تىترەيتتى

    - ھىــــــــــــم... ئىشقىلىپ مەن شۇ ۋاقىتنى ئەسلىيەلىدىم. مۇئەللىمىمىز كۆزەينەك تاقايدىغان بىر مۇڭغۇل مۇئەللىممىتى ئىشقىلىپ...-دېدىم ئالدىرىماي.

    - شۇ، شۇ،گۈللالە! بەك خوشال بولدۇم. سىزچۇ؟ سىز خوشالمۇ؟ 

    - ھە؟! مەنمۇ خوش بولدۇم. كىچىك ۋاقتىمدىكى دوستتىن بىرنى تېپىۋالدىم.-دېدىم مەنمۇ كۆزلىرىمنى قاچۇرۇپ.

     شۇ كۈنى ئۇ مېنى ھېلىقى ياش - ئۆسمۈرلەر سارىيىغا ئېلىپ باردى. ھەتتا ئىچىگە كىرىپ سىنىپىمىزنى كۆرۈپ چىقتۇق. ھەممە يەرلەرنى قايتىدىن ئوڭشاپ، يېڭىچە قىلىۋەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا سىنىپىمىزنى، ھېلىقى ئاپتاپ چۈشۈپ تۇرىدىغان چوڭ دېرىزىسى بار سىنىپىمىزنى تاپالىدۇق. شۇ ۋاقىتتا مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم. ئۆسمۈرلەر سارىيىنىڭ ھويلىسىدىكى كونا تىك ئۇچار ئايروپىلاننى كۆرۈپ، ھەر قېتىم مېنى مۇشۇ يەرگە ئەكىلىدىغان چوڭ دادامنى ئەسلەپ قالدىم. دائىم شۇ ئايرۇپىلانغا چىقىمەن دەپ خاپا قىلاتتىم.

     رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ چاپلىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.