ھازىرقى بالىلار كارامەت (17)

يوللىغۇچى : Hechkim يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-17 23:53:16

بىر سەت گەپقەدىرلىك ساۋاقدىشىم زەينەب:بىز سېنى تۆت يىللىق ساۋاقداشلىقىمىز جەريانىدا سىنىپىمىزنىڭ ئەڭ تەرتىپلىك ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرى دەپ تونۇيتتۇق. شۇنداق تۇرۇقلۇق، «بولۇمسىز» دېگىنىگە ...

     
    بىر سەت گەپ
     
     
    قەدىرلىك ساۋاقدىشىم زەينەب:
     
    بىز سېنى تۆت يىللىق ساۋاقداشلىقىمىز جەريانىدا سىنىپىمىزنىڭ ئەڭ تەرتىپلىك ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرى دەپ تونۇيتتۇق. شۇنداق تۇرۇقلۇق، «بولۇمسىز» دېگىنىگە ھەيران بولدۇم. بىزنىڭ ئۆيدە مېنىڭ ئىسمىممۇ «ئىقتىدارسىز» غا ئايلىنىپ قالدى. لېكىن، مېنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىم راست. ھەر كۈنى ناشتا قىلغاندا، چاي ئىستاكىنىنى ئۆرۈۋەتمەي ئورنۇمدىن تۇرغان ۋاقتىم ناھايىتى ئاز. لېكىن، شۇنداق دىققەت قىلىمەنكى...
     
    ئاپاڭنىڭ مەتىنگە ھەمىشە «ئاغزىڭغا ئوت ياقىمەن» دەيدىغانلىقىنى يازغانىدىڭ. ھەممە ئانىلارنىڭ سۆزى شۇ... مېنىڭ ئاپاممۇ سىڭلىم پاتوشقا ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسىلا شۇنداق دەيدۇ. پاتوش تېخى مەكتەپكە كىرمىدى، ئىككى يىلدىن كېيىن كىرىدۇ. مەن كىچىك ۋاقتىمدا ئاپام ماڭىمۇ: «ئاغزىڭغا ئوت ياقىمەن» دەيتتى. لېكىن، ھېچقاچان بۇنداق قىلىپ باقمىدى. ئۆتكەندە ئاپام پاتوشقا ناھايىتى خاپا بولۇپ: «ھېلى ئاغزىڭغا ئوت ياقىمەن» دەپ ۋارقىرىغانىدى، پاتوش، راستتىنلا ئاغزىمغا ئوت ياقىدىغان ئوخشايدۇ، دەپ قاپتۇ. بۇ ئەھۋالنى ساڭا باشتىن سۆزلەپ بېرەي.
     
    دادامنىڭ ئاغزى ئۆگىنىپ قالغان بولسا كېرەك، ھەر قانداق گەپنىڭ بېشىغا «ئەبلەخ»، «ھارىمى»، «ۋاي ئانىسىنى» دېگەن سەت تىللارنى قوشۇۋالىدۇ. پاتوشمۇ كىمدىن نېمە ئاڭلىۋالغان بولسا، تۇتى قۇشتەك شۇنى تەكرارلايدۇ، نېمە كۆرسە شۇنى قىلىدۇ. پاتوش دادامنى دوراپ «ئەبلەخ»، «ۋاي ئانىسىنى!» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلسا، بىزنىڭ ئۆيدە ھەممەيلەننىڭ مەستلىكى كېلىدۇ. ئۇنى بەك تاتلىق دەپ قارايدىغانلار: «گويا چوڭ ئادەمنى كىچىك قىلىپ قويغاندەك» دېيىشىدۇ.
     
    بىر كۈنى كەچتە بىزنىڭكىگە بىر قوشنىمىز مېھمان بولۇپ كىردى. ئۇ ناھايىتى قىزىقچى ئادەم ئىدى، نېمىلا گەپ قىلسا كىشىنى كۈلدۈرۈپ تېلىقتۇرۇۋېتەتتى. ھەممىدىن بەكرەك كۈلىدىغىنى يەنە شۇ پاتوش ئىدى. ئۇ دېيىلگەن گەپلەرنى ئانچە چۈشەنمىسىمۇ، ھەممەيلەن كۈلۈۋاتىدۇ، دەپ، ھەممىمىزدىن كۆپرەك كۈلەتتى. كۆزەينەكلىك ئۇ مېھمان بىزگە ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بەردى. ئۇلار ئىشلەيدىغان يەرگەن بىر گېرمانىيە مۇتەخەسسىسى كەپتۇ. بىر  كۈنى مۇتەخەسسىس نېمىسچە شۇنداق دەپتۇ:
    - بۇ يەردە ھەممە كىشى بىر-بىرىنى ھەمىشە «ئەبلەخ» دەيدىكەن. كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىنى «ئەبلەخ» دەپ چاقىرىشى مېنى ھەيران قالدۇردى. تىلىڭلاردا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆز «ئەبلەخ» بولسا كېرەك. لېكىن، مەنىسىنى كىمدىنلا سورىسام چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىدى. «ئەبلەخ» نېمە دېگەنلىك بولىدۇ؟
     
    كۆزەينەكلىك قوشنىمىز ئۇ مۇتەخەسسىسنىڭ سۆزلىرىدىن ناھايىتى خىجالەت بوپتۇ. راستىنى ئېيتسا، چەت ئەللىكنىڭ ئالدىدا سەت بولىدۇ، شۇڭا ئۇ باشقىچە چۈشەندۈرۈپتۇ.
    - شۇنداق،- دەپتۇ ئۇ،- بىزدە «ئەبلەخ»سىز گەپ بولمايدۇ. دېھقىنى، ئىشچىسى، كادىرى بولسۇن، ھەممىسى «ئەبلەخ» دەيدۇ. تىلىمىزدا «ئەبلەخ» دېگەن سۆز «ھۆرمەتلىك» دېگەنگە ماڭىدۇ. بىز بىر-بىرىمىزنىڭ ئىسمىنىلا ئاتىمايمىز، ئىسمىمىزنىڭ ئالدىغا «ئەبلەخ»نى قوشۇپ ئاتايمىز.
     
    بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇ كارخانىدا باش رەھبەرلىك ھەيئىتىنىڭ يىغىنى بوپتۇ. كەنان ئىسىملىك باش مۇدىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىپتۇ. نېمىس مۇتەخەسسىس ئۇ يىغىندا رەھبەرلىك ھەيئىتى ئەزالىرىغا ئىزاھات خاراكتېرلىك سۆز سۆزلەپتۇ.
     
    نېمىس مۇتەخەسسىسى يىغىندىكى تۈركلەرگە يېقىنلىق ئىزھار قىلىش مەقسىتىدە نېمىسچە سۆزلەۋېتىپ، يېڭى ئۆگىنىۋالغان بىر قانچە تۈركچە سۆزنى ئارىغا قىستۇرۇۋاپتۇ. ئۇنىڭ ئۆگىنىۋالغان تۈركچە سۆزلىرى «مەرھابا»، «بەگ»، «بەك گۈزەل» ۋە ئاخىرىدا ئۆگەنگەن «ئەبلەخ» دېگەن سۆزلەر ئىكەن.
     
    مۇتەخەسسىس سۆزىنىڭ ئەڭ مۇھىم يېرىگە كەلگەندە، بىردىن:
    - ئەبلەخ كەنان بەگ...- دېگىنىدە، ئۇ يەردىكىلەر ھاڭ-تاڭ قاپتۇ.
     
    مۇتەخەسسىس پات-پات: «ئەبلەخ كەنان بەگ» دەۋېرىپتۇ. باش مۇدىر ئۆزىنى «ئەبلەخ» دېگىنىگە خاپا بوپتۇ، لېكىن چاندۇرماپتۇ. ئۇ بىرەيلەننىڭ مۇتەخەسسىسكە خاتا بىر سۆزنى ئۆگىتىپ قويغانلىقىنى سېزىپتۇ. مۇتەخەسسىس ھە دېسىلا «ئەبلەخ كەنان بەگ» دەۋېرىپتۇ، ئەزالارمۇ خىرىلداپ كۈلگىلى باشلاپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن باش مۇدىرنىڭ ئىسمى «ئەبلەخ كەنان بەگ» بولۇپ قاپتۇ.
     
    كۆزەينەكلىك مېھمان بۇ ۋەقەنى شۇنداق قىزىق ئېيتىپ بەردىكى، ھەممىمىز قاقاقلاپ كۈلۈپ، ئۈچىيىمىز ئۈزۈلەي دەپ قالدى. بۇ قېتىممۇ ھەممىدىن قاتتىق كۈلگىنى يەنە پاتوش ئىدى. ئۇ بىر نەرسىنى چۈشەنگەنلىكىدىن ئەمەس، ھەممەيلەن كۈلدى دەپ، ھەممىدىن بەكرەك كۈلەتتى.
     
    شۇ كۈنى يەنە بىر مېھمانمۇ بار ئىدى، ئۇ:
    - بىز شۇنداق ئادەتلىنىپ كېتىپتۇقكى... مەسىلەن، مەنمۇ «ئەبلەخ»، «ھەي»سىز گەپ قىلالمايمەن...- دېدى.
     
    دادام ئۇ مېھماننىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلەپ، بېشىدىن ئۆتكەن بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بەردى: دادام ئىشلەيدىغان زاۋۇتقا يېڭى ئەكەلگەن ماشىنىلارنى قوراشتۇرۇش ئۈچۈن بىر ئامېرىكىلىق ئىنژېنېرنى تەكلىپ قىلىپتۇ. زاۋۇتتىكىلەر بىر-بىرىگە ھەمىشە سەت بىر سۆزنى قىلىشىدىكەن. دادام بۇ سەت گەپنىمۇ ئەينى بويىچە دېدى، بۇ ئادەتتىكى بىر سەت گەپ ئىدى.
     
    ئامېرىكىلىق ئىنژېنېر دادامدىن ھەممە يەردە كىشىلەردىن ئاڭلايدىغان بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى سوراپتۇ. دادام راستىنى ئېيتىشتىن خىجىل بولۇپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ سۆزنىڭ ئىنگلىزچىسىنى بىلمەيدىكەن، شۇڭا:
    - بۇ سۆز «رەھمەت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ،- دەپ قويۇپتۇ.
    ئامېرىكىلىق بۇ گەپكە ئىنتايىن ھەيران بوپتۇ.
    - پاھ،- دەپتۇ ئۇ،- سىلەر ئىنتايىن تەربىيە كۆرگەن ئادەملەر ئىكەنسىلەر. بىز يەر يۈزىدىكى ئەڭ قائىدە-يوسۇنلۇق ئادەملەر دەپ جۇڭگولۇقلارنى بىلەتتۇق. ئىنگلىزلارنى ياۋروپانىڭ ئەڭ قائىدە-يوسۇنلۇق ئادەملىرى دەپ بىلىمىز. ئۇلارمۇ ھەمىشە بىر-بىرىگە ھەر قانداق ئىش ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىدۇ. لېكىن، سىلەر بىر-بىرىڭلارغا تېخىمۇ ياخشى رەھمەت ئېيتىدىكەنسىلەر. مەن كۆپ يەرلەرگە باردىم، لېكىن ھېچ يەردە سىلەردەك رەھمەت ئېيتىدىغان كىشىلەرنى ئۇچراتمىدىم. بۇنىڭدىن كېيىن نەگىلا بارسام سىلەرنىڭ قائىدە-يوسۇنلۇق ئىكەنلىكىڭلارنى سۆزلەپ بېرىمەن.
     
    دادام، يالغان سۆزۈم بىر ياخشى ئىشقا سەۋەب بولىدىغان بولدى، دەپ خۇشال بوپتۇ.
     
    بۇ سۆھبەتنىڭ ئەتىسى ئامېرىكىلىق ئىنژېنېر تۆت كۈن زاۋۇتقا كەلمەپتۇ. قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار ئىكەن، قوراشتۇرۇلىدىغان ماشىنىلار قورۇدا چېچىلىپ يېتىپتۇ. زاۋۇتتىكىلەر ئەنسىرىشىپ ئۇنى ئىزدىشىپتۇ، ئىنژېنېر چۈشكەن مېھمانخانىغا بېرىپتۇ، بارىدىغان يەرلىرىنىمۇ ئارىلاپ چىقىپتۇ. ئەمما ئىنژېنېرنىڭ قارىسىنىمۇ ئۇچرىتالماپتۇ. تۆتىنچى كۈنى بولغاندا، ئىنژېنېر زاۋۇتقا ئۆزى كەپتۇ، لېكىن قولى، يۈز-كۆزلىرى داكا بىلەن تېڭىلغان ئامېرىكىلىقنى كۆرگەن زاۋۇتتىكىلەر، ئۇنى ئېغىر بىر قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغان ئوخشايدۇ، دەپ قاپتۇ.
     
    ئەسلىدە، ئامېرىكىلىق ئىنژېنېر زاۋۇتتىن چىقىپ، ئۆزى چۈشكەن مېھمانخانىغا قايتىش ئۈچۈن بىر تاكسىغا چۈشۈپتۇ. كىشىلەر يېڭى ئۆگەنگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە قىزىققاندەك، ئامېرىكىلىقمۇ شوپۇرغا پۇل بەرگەندە تۈركچە رەھمەت ئېيتماقچى بوپتۇ. نەتىجىدە، ئۇ دادامدىن مەنىسىنى ئۇقۇۋالغان ھېلىقى گەپتنى ئېيتقاندا، شوپۇر ئۇنىڭغا:
    - ئۆزۈڭ!- دەپ ۋارقىراپتۇ.
    شوپۇرنىڭ خاپا بولغىنىنى چۈشىنەلمەي قالغان ئامېرىكىلىق ھېلىقى سەت گەپنى يەنە بىر قېتىم دەپتۇ. بۇ سۆز ئاغزىدىن چىقىشى بىلەنلا، شوپۇر ئۇنىڭ تۇمشۇقىغا كېلىشتۈرۈپ بىر مۇشت ئۇرۇپتۇ. نېمە بولغىنىنى بىلەلمەي ھاڭ-تاڭ بولغان ئامېرىكىلىق شوپۇرغا خۇشامەت قىلىپ، توختىماي ھېلىقى سۆزنى تەكرارلاۋېرىپتۇ. شوپۇر ئۇنىڭ گەدىنىگە يەنە بىر مۇشت ساپتۇ. ئاخىر ئىلاجسىز قالغان ئامېرىكىلىقمۇ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن مۇشتۇملىرىنى ئىشقا ساپتۇ. يولدا ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار ئامېرىكىلىقنى شوپۇرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇۋاپتۇ. ئامېرىكىلىق ياخشىلىق قىلغان كىشىلەرگە ھېلىقى گەپنى تەكرارلاپ رەھمەت ئېيتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئارىغا چۈشكەنلەر شوپۇرغا يان بېسىپ، بىرلىكتە ئامېرىكىلىقنىڭ ئەدىپىنى بېرىپتۇ. مۇشت، تېپىك ئاستىدا قالغان ئامېرىكىلىق تاياقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇلارغا يەنە تۈركچە سۆز بىلەن رەھمەت ئېيتىۋېرىپتۇ. كۆپچىلىك ئۇنى تېخىچە ھوشىنى تاپمىدى دەپ، بولۇشىغا ئۇرۇپتۇ.
     
    ساقچىلار يېتىپ كېلىپ ئامېرىكىلىقنى قۇتقۇزۇۋاپتۇ. ئامېرىكىلىق ساقچىغىمۇ ئاشۇ سەت گەپنى قىلىپ رەھمەت ئېيتماسمۇ! ئۇ خەلقىئالەم  ئالدىدا ساقچىنى ھاقارەتلەپتۇ...
     
    ساقچى ئامېرىكىلىقنى تۇتۇپ ساقچى ئىدارىسىگە ئېلىپ كېتىپتۇ. كومىسسار جىنايەتچىنىڭ چەت ئەللىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ، قويۇۋېتىپتۇ. لېكىن، ئامېرىكىلىق كومىسسارغىمۇ شۇ سۆز بىلەن رەھمەت ئېيتىپتۇ. ھەر ھالدا ئامېرىكىلىق ئاخىر قۇتۇلۇپ چىقىپتۇ. ساقچىدىن چىقىپ ئۇدۇل دوختۇرخانىغا بېرىپ، تۆت كۈن بالنىستتا يېتىپتۇ.
     
    دادام ئېيتىپ بەرگەن بۇ قىزىق ۋەقەگە ھەممىمىز قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتۇق.
     
    بىر كۈنى دادام ئاپامغا، ئەتە كەچتە ئۆيىمىزگە مېھمان كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. كېلىدىغان مېھمانلار مۇھىم كىشىلەر ئىكەن. ئاپام كاتتا داستىخان ھازىرلىدى. ئۈچ ئەر-ئايال مېھمان ئىكەن. ئۇلار سىڭلىم پاتوشنى ئەركىلىتىپ: «ۋاي، نېمىدىگەن ئوماق، نېمىدىگەن ئەقىللىق قىز...» دېيىشتى ۋە پاتوشنى بۇنداق ئەدەپلىك تەربىيىلىگەن ئاپامغا ئاپىرىن ئېيتىشتى. بۇ چاغدا، دادام:
    - ئەپەندىلەر،- دېدى،- بالىلىرىمىزنى ئانىلىرى تالاغا چىقارمايدۇ. ئۇلار ئۆزى يالغۇز تالاغا چىقالمايدۇ، شۇڭا ئۇلار ئەدەپلىك چوڭ بولىدۇ،- دېدى.
    - كوچا بالىلىرىدىن سەت گەپلەرنى ئۆگىنىۋالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كوچىغا چىقارمايمەن،- دېدى ئاپاممۇ.
    مېھمان ئاياللاردىن بىرى:
    - راست دەيسىز، خانىم،- دېدى،- ھەتتا مەكتەپتىمۇ بالىلىرىمىزنىڭ تەربىيىسى ياخشى ئەمەس، كۆز تەگمىسۇن، ھەر ھالدا ناھايىتى ئەدەپلىك قىزىڭىز بار ئىكەن.
     
    بۇ ماختاشلاردىن مەغرۇرلىنىپ كەتكەن پاتوش مېھمانلارغا ئۆزىنى تېخىمۇ ماختىتىش ئۈچۈن پۈتۈن ئارتۇقچىلىقلىرىنى كۆرسەتكىلى تۇردى. ئۇشتۇمتۇت دادامغا:
    - ئەبلەخ دادا!- دېدى ئۇ.
     
    شۇ زامات ئۆي ئىچىدە كۆڭۈلسىز بىر جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. دادام نېمە دېيىشىنى بىلمەي قالدى. پاتوش ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن كۈلمىگەنلىكىنى چۈشىنەلمەي، سەت گەپنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى. ئاندىن كۈلۈمسىرەپ، قاراڭلار، مەن نېمىلەرنى دەپ كەتتىم، دېگەندەك قىلىپ، مېھمانلارنىڭ چىرايلىرىغا قارىدى. دادام قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئاۋازىنى ئاران سىلىقلاشتۇرۇپ دېدى:
    - ئاپئاق قىزىم...
    - ئەبلەخ دادا...
    قاپاقلىرى تۈرۈلگەن دادام:
    - ئېيت، قوزام، نېمە دەيسەن؟- دەپ ۋارقىرىدى.
    لېكىن، پاتوش، ئۆيدىكىلەر نېمە ئۈچۈن ئىلگىرىكىدەك كۈلمەيدىغاندۇ، دەپ ئويلىنىپ قالدى.
    - دادا، يائاللا... ئەبلەخ دادا...
     
    ئاپام سوغۇق كۈلۈپ قويدى. پاتوشنىڭ مېھمانلارنى كۈلدۈرگۈسى بار ئىدى. تېخى ئۇ دادام ئامېرىكىلىق ئىنژېنېرغا ئۆگەتكەن ھېلىقى سەت سۆزنىمۇ دەۋەتتى...
     
    ئۇ ئاخىر غەلىبە قىلدى. مېھمانلار ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالالماي قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى. لېكىن، دادامنىڭ ئاچچىقى ئوبدانلا كەلگەنىدى. ئۆزىنى قالتىس ھېسابلىغان پاتوش سەت گەپنى بىر قانچە قېتىم تەكرارلىدى. ئاخىر ئاپام ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي:
    - تىنچ تۇر، ئەمدى ئاغزىڭغا ئوت ياقىمەن!- دېدى ئاچچىقلاپ.
     
    پاتوش ماختىلىشنىڭ ئورنىغا، ھەممەيلەننىڭ ئالدىدا ئازار يەپ يىغلاشقا باشلىدى. يىغلاش بىلەنلا قالماي، ئاغزىغا كەلگىنىنى دېگىلى تۇردى. ئۇنى زادىلا باسقىلى بولمىدى. ئاپام قولىدىن سۆرەپ ئاچىقىپ ئورنىغا ياتقۇزۇپ قويدى. لېكىن، ئۇ يەردىنمۇ يىغىسى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
     
    مېھمان ئاياللاردىن بىرى ئاپامغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن:
    - خاپا بولماڭ، خانىم، سىزنىڭ تېخى ياخشىكەنغۇ، بىزنىڭكىلەرنى ئاڭلىسىڭىز نېمە دەپ كېتەرسىز... تېخى كىچىك ئەمەسمۇ، نېمىنى بىلىدۇ،- دېدى.
     
    دادام پاتوشنىڭ سۆزلىرىگە ھەيران بولغاندەك قىياپەتتە:
    - بۇ سۆزلەرنى كىمدىن ئۆگىنىۋالغاندۇ!- دېدى.
    - كوچىغا زادى چىقارمايمىز. شۇنداقتىمۇ بۇ گەپلەرنى قەيەردىن ئاڭلاپ ئۆگىنىۋالدىكىنە...- دېدى ئاپام.
    - ئۆيدە دېيىلگەچكە ئاڭلاپ ئۆگىنىۋالىدۇ-دە،- دېدىم مەن.
    دادام بىردىن چېچىلىپ:
    - ئەبلەخ، بىزنىڭ ئۆيدە بۇنداق گەپ نەدىن بولسۇن-ھە!- دەپ ۋارقىرىغاندا، مېھمانلار ئۆزلىرىنى تۇتالماي كۈلۈپ كەتتى. داداممۇ ئىختىيارسىز كۈلۈۋەتتى.
     
    مېھمانلار قايتقاندا، دادام مېنى خېلى ئەدەپلىدى. مەنمۇ:
    - مەن نەدىن بىلەي، سىزنى راستتىن سوراۋاتامدىكىن دەپتىمەن...- دېدىم.
     
    زەينەب، خېتىمنى قىسقىراق يازاي دېگەنىدىم، قارا، يەنە ئۇزىراپ كەتتى.
     
    يازلىق تەتىلدە ئىستانبۇلغا كېلەمسىلەر؟ كەلسەڭ كۆرۈشەرمىز. سەن ھېچبولمىغاندا ئەنقەرەنى كۆردۈڭ، مەن ئىستانبۇلدىن باشقا يەرنى بىلمەيمەن. 
     
    ئامانلىقىڭنى تىلەپ، خېتىمنى مۇشۇ يەردە ئاياقلاشتۇرىمەن.
     
     
    ئەخمەت تارباي
    1964-يىلى 11-يانۋار، ئىستانبۇل
     
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.