قارا كىتاب 13

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-19 19:12:55

قارا كىتاب 13ئورخان پامۇك4-باب ئالاۋىددىننىڭ دۇكىنىئەگەر مېنى ھەرقانداق بىر كەمچىلىكى بار دېيىلسە، ئۇ تېمىدىن چەتنىگەنلىك بولىدۇ. ــــــ بارۇن پاشامەن بىر «ئۆلۈككىمۇ جان كىرگۈزۈۋېتىدىغان&ra...



     

    قارا        كىتاب 13

     

    ئورخان پامۇك

    4-باب ئالاۋىددىننىڭ دۇكىنى

    ئەگەر مېنى ھەرقانداق بىر كەمچىلىكى بار دېيىلسە، ئۇ تېمىدىن چەتنىگەنلىك بولىدۇ.                                    ــــــ بارۇن پاشا

    مەن بىر «ئۆلۈككىمۇ جان كىرگۈزۈۋېتىدىغان» يازغۇچى. مەن بۇ تەمسىل توغۇرلۇق خېلى ئىزدەنگەن بولساممۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى يەنىلا ئانچە چۈشىنىپ كېتەلمىدىم، مەن پەقەت بۇ سۆزلەرنىڭ ئېيتىلغاندا ھاسىل قىلىنغان ئۈنۈمىنى تاسادىپىي ياخشى كۆرۈپ قالدىم. مەن دائىم ئوخشىمىغان شەيئىلەرنى يېزىشنى ئويلايمەن: جەڭ ئېتى ئۈستىدىكى چەۋەنداز، ئۈچ ئەسىر ئىلگىرىكى قويۇق تۇمانغا تولغان مەلۇم بىر تاڭ سەھەر، ئىككى تەرەپ قوشۇنى تېخى يورۇق چۈشمىگەن قاراڭغۇ يايلاقتا جەڭ ئېچىشقا تەييارلانماقتا؛ قىش كېچىسىدىكى قاۋاقخانىدا ئۆزلىرىنى يوقىتىشقان ھاراقكەشلەر ئۆز-ئارا مۇھەببەت ھېكايىلىرىنى ئېيتىشماقتا؛ سىرلىق بىر دېلوغا ئەگىشىپ ئايىغى چىقماس تەۋەككۈلچىلىكلەر ئىچىدە يۈرۈپ مەلۇم بىر شەھەردە تۇيۇقسىز غايىپ بولۇپ كەتكەن بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقلار. ھالبۇكى تەڭرى بولسا مېنى مۇشۇ يەردە، مۇشۇنداق ئاجايىپ-غارايىباتلىقلارغا تولغان ھېكايىلەرگە تولغان بۇ مەخسۇس سەھىپىنى يېزىشقا ئوررۇنلاشتۇردى ھەمدە مېنى سىلەرگە يولۇقتۇردى، مېنىڭ ئوقۇرمەنلىرىم، بىز ئاللىقاچان ئۆز-ئارا تاقەت قىلىشنى ئۆگەندۇق.

    مۇبادا مېنىڭ خاتىرە بېغىمدىكى گۈللەر قۇرۇپ كېتىشكە باشلىمىغان بولسىدى، مەن بەلكىم تەقدىرىمدىن بۇنچىۋالا ئاغرىنىپ يۈرمىگەنمۇ بولار ئىدىم، ئەمما مەن قولۇمغا قەلەمنى ئالساملا، شۇ ھامانلا سىلەرنىڭ ئىنتىزارلىق ئىچىدە كۈتۈۋاتقان چىرايىڭلار كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ، بۇ چاغدا، ئوقۇرمەنلىرىم، مېنىڭ قاغجىراپ كەتكەن شۇ بېغىمدىكى ئەسلىمە خاتىرىلىرىم بىردەمدىلا كۈلدەك توزۇپ كېتىدۇ. ئەسلىمىلىرىمنى تاپالماي، پەقەت ئۇنىڭ شۇ ئىزلىرى بىلەنلا قالىمەن. خۇددى كۆز ياشلىرىنى ئېقىتىپ يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقنىڭ سۆيگىنى ئولتۇرۇپ چىقارغان شۇ پېتىنقى ئىزىغا تىكىلىپ قاراپ قالغان ئاشىقتەك، ئۇ سېنى تاشلاپ كەتتىمۇ، ئەمدى ھەرگىز كەلمەيدۇ.

    شۇ سەۋەبتىن مەن بىۋاستە ئالاۋىددىننى ئىزدەش قارارىغا كەلدىم. مەن ئۇنىڭغا گېزىتكە ئۇنى يېزىشنى ئويلاشقىنىمنى، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئالدىن بىز زىيارەت قىلىۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغىنىمنى پۇراتقىنىمدا، ئۇ قارا كۆزلىرىنى يوغان ئاچقىنىچە:

    -ئەمما بۇنداق قىلساق مېنىڭ ھەسرەتلىرىم قايتا قوزغىلىپ قالماسمۇ؟!-دېدى.

    مەن ئۇنىڭغا بۇنداق بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا كاپالەت بەردىم. مەن ئۇنىڭغا، ئۇنىڭ دۇكىنىدىكى نەچچە مىڭلىغان ــــ ياق، نەچچە ئون مىڭلىغان ـــــ بۇيۇملار بىزنىڭ خاتىرىمىزدە ھەرخىل رەڭ، ھەرخىل پۇراقتا ئىزچىل ساقلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتىم. مەن يەنە ئۇنىڭغا ئاغرىپ قالغان كىچىك بالىنىڭ كارىۋاتتا يېتىپ تۇرۇپ ئاپىسىنىڭ ئالاۋىددىننىڭ دۇكىنىدىن بىرەر كىچىك سوۋغات: بىرەر ئۇيۇنچۇق (چۆيۈندىن ياسالغان ئۇيۇنچۇق ئەسكەر)، ياكى بىرەر پارچە كىتاب («قىزىل باشلىق تۈگىنەك»)، ۋە ياكى ئىتالىيىلىكلەر تاتقان غەربنىڭ پادا باققۇچىلار فوتو رەسىملىرى توپلىمىدىن بىرەر قىسىمنى (17-قىسمىدا ۋەقەلىك باش تېرىسى سويۇۋېتىلگەن كېنوۋانىڭ قايتىدىن تىرىلىپ، ئىندىئان خونفانى ئۆلتۈرگەن يېرىگە كەلگەن ئىدى) ئېلىپ كېلىشىنى چىن قەلبىدىن تىلەيدىغانلىقىنى ئېيتتىم. مەن ئۇنىڭغا، يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرستىن چۈشۈش قوڭغۇرىقىنى زارىقىپ كۈتۈۋاتقانلىقى، قوۇغۇراق چېلىنغان ھامان ئۇلارنىڭ ئالاۋىددىننىڭ دۇكىنىغا ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كېلىشىپ، «ئۇچقۇر» شاكىلاتلىق كەمپۈتنى ئالىدىغانلىقى، بۇنىڭدىكى مەقسىتى شۇ كەمپۈتنىڭ .ىچىدىن چىقىدىغان چولپانلارنىڭ رەسىمى: پۇتبول چولپانلىرى (قارات كوماندىسىدىكى مارتىن)، چېلىشچى چولپانلار (ھامى، كاپۇران) ياكى كىنو چولپانلىرى (جېررىي.لۇئىس) ئىكەنلىكىنى ئېيتتىم. مەن ئۇنىڭغا، قىزچاقلارنىڭ كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىگە كەچلىك كۇرسقا ماڭغاندىمۇ، ئالدى بىلەن ئالاۋىددىننىڭ دۇكىنىنى بىر يوقلاپ ئۆتكەچ قوللىرىدىكى تىرناق لاكلىرىنى چىقىرىدىغان كىچىك بوتۇلكىلىق سۇدىن ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى ــــ گەرچە بۇ قىزچاقلارمۇ كېيىن بالا ياكى نەۋرىلىرى ئۈچۈن زېرىكىشلىك ئاشخانىغا ۋە مەنىسىز نىكاھ تۇرمۇشىغا باغلانسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بەزى-بەزىدە ئۆزلىرىنىڭ نەتىجىسىز تۇنجى سۆيگۈلىرىنى ئەسلەپ قېلىشىدىغانلىقىنى، خۇددى رىۋايەتلەردىكى چۆچەكلەردىكىدەك ئالاۋىددىننىڭ دۇكىنىنىمۇ خىيال قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتىم.

    ئىككىمىز مېنىڭ ئۆيۈمگە كېلىپ، بىر-بىرىمىزگە روبىرو قارىشىپ ئولتۇردۇق. مەن ئالاۋىددىنغا خېلى ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى ئۇنىڭ دۇكىنىدىن بىر يېشىل قەلەم بىلەن بەكلا ناچار تەرجىمە قىلىنغان رازۋېتچىك رومانىنى سېتىۋالغانىدىم، مەن ئالاۋىددىنغا شۇ نەرسىلەر توغۇرلۇق ـــــ ئۇ رازۋېتكا رومانىنى ئۆزۈم ئەڭ سۆيىدىغان ئايالىمغان ئالغانلىقىمنى، ئەمما شۇكۈندىن كېيىن ئايالىمنىڭ ھېچقانداق ئىش قىلماي، رازۋېتكا رومانىلا ئوقۇيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ بەردىم. مەن ئۇنىڭغا يەنە بۇرۇن شۇنداقبىر ئىككى ئادەمنىڭ بولۇپ ـــ بىرى ۋەتەننى سۆيىدىغان ھەربىي ئەمەلدار يەنە بىرىنىڭ بىر مۇخبىر ئىكەنلىكىنى ـــ ئۇلار ئالاۋىددىننىڭ دۇكىنىدا ئۇچرىشىپ، سىياسىي ئۆزگىرىش سۈيقەستىنى يوشۇرۇن پىلانلاشقا ۋەدە بېرىشكەنلىكىنى ( بۇ پىلان بىزنىڭ تارىخىمىزنى ھەتتا پۈتۈن شەرقنىڭ تارىخىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغان سىياسىي ئۆزگىرىش ئىدى)، يەنە كېلىپ بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ۋاقتى دەل تۇنجى قېتىملىق تارىخىي خاراكتېرلىك ئاممىۋىي يىغىلىشتىن بۇرۇن ئىدى. مەن ئۇنىڭغا يەنە بۇ قېتىملىق چوڭ كاتتا يىغىن ئېچىلىش ھارپىسى كۈنى كەچقۇرۇن، ھېچنىمىنى خەۋىرى يوق ئالاۋىددىن ئۆزىنىڭ كىتاب ۋە يەشىكلەر تورۇسقا تاقاشقان شۇ پۇكىيىنىڭ ئارقىسىدا ، بارماقلىرىنى تۈكۈرۈكلىرى بىلەن نەمدىگىنىچە ئەتىسى قايتۇرۇلىدىغان گېزىت ۋە ژورناللارنى ساناۋاتقانلىقىنىمۇ دېدىم.

    شەھۋانىي ژورناللارغا كەلسەك، ئالاۋىددىن بۇ خىلدىكى ژورناللارنى دۇكىنىنىڭ دېرىزىسىگە تىزىپ قويغاندىن سىرت يەنە دۇكىنىنىڭ ئالدىدىكى يوغان بىر تۈپ كاشتان دەرىخىنىڭ غولىغىمۇ ئايلاندۇرۇپ ئېسىپ قوياتتى. مەن ئالاۋىددىنغا كۆڭلى ئارامىدا ئەمەس ھالدا ئۇنىڭ دۇكىنى ئالدىدىكى پىيادىلەر يولىدىن ئۆتكەن ھەربىر ئەركىشى شۇ كۈنى كېچىسى چوقۇملا شۇ ژورناللارنىڭ مۇقاۋىسىدىكى يېرىم يالىڭاچ قىزلار بىلەن خۇددى «مىڭ بىر كېچە»دىكى دېدەك بىلەن سۇدانلىق ئايال غوجىداردەك ۋەھشىيلەرچە كۆڭۈل ئېچىپ چۈشەيدىغانلىقىنىنىمۇ ئاشكارىلاپ قويدۇم. «مىڭ بىر كېچە»نى تىلغا ئېلىپ قالدۇق، شۇڭا مەن ئۇنىڭغا يەنە ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق بىر كېچىدە ئېيتىلغان چۆچەكنىڭ پېرسوناژلىرىدا ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ پەقەت يوقلىقىنى، بەلكى 150 يىل بۇرۇن غەربتە بۇ كىتاب تۇنجى قېتىم نەشىر قىلىنغاندا ئانتون. گارلان دېگەن كىشى يەڭ ئىچىدىلا بۇ ئىسىمنى كىتابقا كىرگۈزۈپ قويغان. مەن يەنە چۈشەندۈرۈپ ئەمەلىيەتتە ئۇ كىشى بۇ چۆچەكلەرنى شەھرىزادنىڭ ئاغزىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى يوھان. دېيبور دەۋالغان بىر ئالمانلىق خىرىستىئان دىنىي ئالىمىدىن ئاڭلىغانلىقىنى، چۆچەكتىكى ۋەقەلىكلەردىن قارىغاندا بۇ تۈركىيىدە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار ئىكەنلىكى بولۇشىدا گەپ يوق ئىكەنلىكىنى، يەنە كېلىپ چۆچەكتە تىلغا ئېلىنغان قەھۋە توغۇرلۇق تەپسىلاتلارغا قارىغاندا ئۇ يەرنىڭ دەل ئىستانبول ئىكەنلىكىنى دېدىم. شۇنداق بولسىمۇ، مەن يەنە سۆزۈمنى داۋاملاشتۇردۇم. ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ مەلۇم ۋەقەلىكنىڭ قايسى بۆلۈمىنىڭ نەدە يەردە بارلىققا كەلگەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈشىمىز خۇددى ھاياتلىقنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرەلمىگىنىمىزگە ئوخشاشلا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. مەن ئەمەلىيەتنىڭ مۇشۇنداق ئىكەنلىكىگە چەكسىز ئىشىنىمەن، چۈنكى مەن ھەممىنى، ھەممىنى ئۇنتۇپ كەتتىم. دۇرۇس، مەن ھەم قېرى، ھەم ئېچىنىشلىق بىر ھالدىمەن، مىجەزىم غەلىتە بىر قىسمىلا، غېرىب-مىسكىن، مەن پەقەت ئۆلۈشنىلا ئويلايمەن. نىشانتاش مەيدانىنىڭ ئەتراپىدىكى قاتناش ماتورلىرىدىن چىققان شاۋقۇن بىلەن رادىئودىن ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇرغان ناخشا كىشىنى ھەسرەت-نادامەتنىڭ دولقۇنلىرىغا ئىتتىرىدۇ. مەن ئالاۋىددىنغا ئۆزۈمنىڭ بىر ئۆمۈر ھېكايە سۆزلەپلا ئۆتكۈنۈمنى ئەمدى مانا شۇ ئۇنتۇپ كەتكەنلىرىم ئۈچۈن ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا ئالاۋۋىدىننىڭ ھېكايىلىرىنى ـــ ئۇنىڭ دۇكىنىدىكى ھەرقانداق بىر نەرسىنىڭ، ئەتىرنىڭ، ماركىلارنىڭ، سەرەڭگە قېپىنىڭ ئۈستىدىكى رەسىملەرنىڭ، نېلون پايپاقلارنىڭ، ئاتكېركىلارنىڭ، كىنو چولپانلىرىنىڭ ئېلان سۈرەتلىرىنىڭ، جىنىسشۇناسلىق يىلنامىلىرىنىڭ، چاچ قىسقۇچ ۋە دۇئا مۇراسىمى قوللانمىلىرىنىڭ ھېكايىلىرىنى ئاڭلىغۇم بارلىقىنى ئېيتتىم.

     (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)

    كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئورخان پامۇك قارا _