سۆيگۈ ئاچاللىرىدا 6

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-16 11:32:16

سۆيگۈ ئاچاللىرىدابۇ ئىدارىگە خىزمەتكەچۈشكىنىمگىمۇ خېلى بولدى، نەچچە ئاي جەريانىدا خىزمەتكە خېلى ئوبدانلا كىرىشىپقالدىم، ئالماسنى ئاۋارە قىلىدىغان ۋاقىتلىرىممۇ ئازدىن ئاز. ئەمما قاچان ھايتد...



     

    سۆيگۈ ئاچاللىرىدا

    بۇ ئىدارىگە خىزمەتكە چۈشكىنىمگىمۇ خېلى بولدى، نەچچە ئاي جەريانىدا خىزمەتكە خېلى ئوبدانلا كىرىشىپ قالدىم، ئالماسنى ئاۋارە قىلىدىغان ۋاقىتلىرىممۇ ئازدىن ئاز. ئەمما قاچان ھايت دېسەم ھۇيتلا دەپ پەيدا بولىدۇ بۇ شاپائەتچى جىگۇڭ! مانا ئەمدى ئىدارىدىن مېنى ئۆگىنىشكە چىقىرىپ بەردى، يائاللا مەكتەپتىلا خوش ياقىدىكەن بۇ ئوقۇش دېگەن جۇمۇ، بۈگۈن بىرىنچى كۈنلۈك دەرس تەتۈر ساناپ تولا سائەتكە قاراپ ئاران توشتى، ئەتىنى قانداق ئۆتكۈزەرمەن ئەمدى دەپ كېتىۋاتسام بىرسى چاقىرىپ قالدى.

    -لەيلى. ھەي، لەيلى ئەلى.

     مەكتەپتە ھەممىسى مېنى ئادەتتە فامىلەم بىلەن قوشۇپ چاقىراتتى. مۇھەممەد ئەلىنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئىسمىغا ئوخشاش بولغاچقىمىكىن يا!

     كەينىمگە بۇرۇلۇپلا كۆزۈم پەلەمپەيدىن ئۇچقاندەك چۈشىۋاتقان كوت-كوتلار شاھى ئەزىزگە چۈشتى.

    - ئەزىز؟ ۋاي بارمۇ سەن! يوقاپلا كەتتىڭ؟

    ئەزىز مېنىڭ ھەم فۇئاتنىڭ ساۋاقدىشى، ئۇ ئىككىسىغۇ كىچىكىدىنلا بىللە ئويناپ چوڭ بولغان، كېيىن مەكتەپتىمۇ بىر ياتاقتا ياتتى. شۇڭا مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بەك يېقىن ئۆتەتتىم.

    - ماگېستىرلىق ئوقۇۋاتقان، شۇڭا ئىدارىدىن مۇشۇ ئۆگىنىشكە چىقىرىپتۇ دېمەيسەن.

    - ياخشى بوپتىغۇ؟-دېدىم ئۇنىڭ مەندىن ئېلىپ قېچىۋاتقان كۆزلىرىگە قاراپ.

    - ھەنىم بولسا ياخشى تۇرىۋېتىپسەنغۇ مانا. بىر ئوبدان! سەندىن بەك ئەنسىرىگەنتۇق جۇمۇ.- دېدى ئەزىز بىربىچارىگە ئىچ ئاغرىتقاندەك قىلىپ.

    نېمە ئىش نېمە بولۇپ كەتتى زادى. كۈلكىلىرىم يۈزۈمدە قېتىپ قالدى.

    - نېمە ئىشنى دەيسەن، نېمىگە مەن نېمە بوپتىمەن زادى؟!- دېدىم ھېچنىمىنى ئاڭقىرالماي.

    - ھەممىنى ئاڭلىدىم!-  ئەزىز ئۇھسىنىپ قويدى،-بىزمۇ ئىككىڭلارنى توي قىلىپ كېتىدۇ دەپ ئويلىغان، كىم بىلىدۇ  بۇنداق بولىشىنى...

    يۈرۈگۈم تېگى يوق قاپقاراڭغۇ ھاڭغا چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك ئاغماقتا، ئەزىز مېنىڭ مۇردىدەك تاتارغان يۈزۈم، ئۈنسىز ھالىتىمنى كۆرۈپ يەنە سۆزلىدى:

    - ئۇنىڭدىن ھەممىسىگە دەپ يۈرۈپتۇ دەپ رەنجىمىگىن، مەنمۇ تېخى نەچچە كۈن بۇرۇن بىر ئىش بىلەن شەھەر سىرتىغا بېرىپ ئۇنى شۇ يەردە قىز دوستى بىلەن ئۇچرىتىپ قېلىپ ئاندىن بىلدىم.-ئەزىزنىڭ ئاۋازى يەرنىڭ ئاستىدىن چىقىۋاتقاندەك ئاڭلاندى، بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئەزىزگە قارىدىم، خۇددى بىرى ‹قات› دەپ قاتۇرۇپ قويغان ئادەمدەك بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمىدىم، نەپىسىم سىقىلىۋاتاتتى، نېمىشقا مۇشۇنداق غەلىتە ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟ مەن خاتالىشىۋاتامدىمەن يا باشقىلار مېنى ئەخمەق قىلىۋاتامدۇ؟!!

    - قىززىق ھە؟! ماڭا سەل تەپسىلىي دەپ بەرگىنە ئەزىز؟- ئۈمچىيىپ تۇرۇپ بىچارىلەرچە ئاران دېيەلىدىم.

    كەچتە ئاران -ئاران تېپىپ كەلدىم ئۆيۈمگە، خىيال سۈرۈپ مېڭىپ، ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىن ئىككى قېتىم ئۆتۈپ كېتىپ، ئۈچىنچى قېتىمدا ئاران كەلدىم، بەكمۇ چارچىدىم، ھەقىقەتەنمۇ  بەك ھاردىم، يۈرۈگۈم، مېڭەم، ھەممە ھەممە نەرسەم چارچىدى، چارچىغانلىقتىن ھېچ بىرنەرسىنى ئويلاشقا مادارىم يەتمىدىم، بەلكىم ئۇخلىساملا ياخشىدۇر؟!

    ئەتىسى كۆزلىرىمنى قىزارتىپ ئىشخانىغا باردىم.  يېرىم كۈنلۈك ئۆگىنىش ئادەتتە چۈشتىن كېيىن ئىدى. ئىشخانىدىكىلەرگە ئوغۇرلۇقچە قاراپ باقتىم ھېچكىممۇ نېمە بولدى دەپ سوراشقا پېتىنالمايۋاتاتتى. دېمىگەن بىلەن ئىشنىڭ يولىنى بىلىدۇ بۇ ماشىنىسىمان ئادەملەر!  ئۆزەمنى خىزمەتكە زورلاپ، باشقائىشلارنى ئويلىماسلىققا تىرىشتىم، ئەمما راستلا بەك تەسكەن. ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ، يۈرۈگۈمنى بىرسى تاتىلاۋاتقاندەكلا تۇرىدۇ، ئۆزەمنى يېڭىشقا پەقەتلا ئامالىم يوق، جان تىركىشىۋاتقان ئادەمگە ئوخشاپ قالدىم، توۋا! ئۇنىڭغا تېلىفون قىلىپ ھارغىچە تىللاپ بولسىمۇ ئاچچىقىمنى چىقارمىغىنىمغا ئۆزەممۇ ھەيران. بەلكىم راستىنلا بەك چارچىغاندىمەن، ئادەم تىللاشقىمۇ جىق كۈچ كېتىدۇ-دە؟

    ئىشتىن چۈشەي دېگەندە ئەڭ يېقىن دوستۇم، مۇنداقچە ئېيتقاندا باشقا كۈن چۈشكەندە ئىزدەيدىغان سىردىشىم مىنەشكە تېلىفون قىلدىم،  كۆڭلۈم شۇنى تارتىۋاتاتتى.

    - مىنەش، كەچتە ۋاقتىڭ بارمۇ؟ كۆرۈشەي دېگەن سەن بىلەن.

    - بار ئاداش بار، سەن ئالدىراش خېنىمنىڭ ماڭا ۋاقتى چىققاندا مېنىڭ ۋاقتىم بولمىسا سەت تۇرار لەيلى ئەلى!

    ئۇ ئاۋازىمدىن بىرنەرسىنى سېزەلمىدى. چۈشتىن كېيىنكى ئۆگىنىشتىن يېنىپ، مىنەش بىلەن دېيىشكەن يەرگە كەلدىم، چەترەك بۇلۇڭدىكى يەرنى تاللاپ ئولتۇردۇم.

    - خېنىم سىزگە بىر نەرسە لازىممۇ؟! مۇلازىم كۈلۈپ سورىدى، ئۇ قىزنىڭ كۈلۈپ تۇرغان چىرايىغا ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ باش چايقىدىم، مۇشۇنداق ھاڭقىيىپ قانچىلىك ئولتۇردۇمكىن تاڭ! بىر ۋاقىتتا مىنەش  كەلدى، سەنئەت ئۆمەكتە ئۇسسۇلچى بۇ دوستۇم كېپىنەكتەك ئۇچۇپلا يۈرەتتى، بىر گۈلدىن بىر گۈلگە. ئەمما ھەممەيلەن ئۇنى يەنە ياخشى كۆرەتتى، خوشال ئۆتەتتى، بۇ جاھان قىززىق جاھاندە!

    - ۋاي ئاداش، بىر رىپىدىس بارتى شۇ تۈگىمەي، سەت بولدى جۇمۇ ئاداش ئاران بىركۆرۈشكەندە،-دېدى مىنەش ھەسىرىگىنىچە ئورۇندۇققا جايلىشىۋېتىپ.- ئەمما لەيلى ئەلى خېنىم مېنى نېمىگە بۇنچە جىددىي ئىزدىگىنىڭنى بىلەلمەي ئىچىم بىر قىسمىلا يۈردۈم جۇمۇ يېرىم كۈن.

    - بىز كۆرۈشىدىغانغىمۇ سەۋەپ كېتەمدۇ، ئاداش؟- كۈلۈپ قويدۇم.

    -ياق،- مىنەش ماڭا تازا زەڭ سېلىپ  قاراپ كېتىپ،-ئاداش سەن بۈگۈن بىر قىسمىلىغۇ؟! -دېدى كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ.

    - شۇ ئاداش، قانداق قىلىشىمنى پەقەتلا بىلەلمىدىم، ماڭا بىر ياردەم قىلمىساڭ بولمىدى، ئۆلۈپ كەتمەي يەنە مەن.- ئۆزەمنى قانچە ئېغىر بېسىق تۇتۇشقا تىرىشساممۇ،  گېلىمگە بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك بولۇپ، گەپمۇ قىلالماي قېلىۋاتاتتىم بۇغۇزۇمغا شۇنداق بىر يىغا كەپلەشتى،- تۈنۈگۈن ئەزىز ئۇچرىغان، ئەزىز شاتۇت، شۇ ماڭا شەھەر سىرتىدا فۇئاتنى يېڭى قىز دوستى بىلەن كۆردۈم، ھەنىم بولسا سەن ياخشىكەنسەن، دەيدۇ. كۆزلىرىمدىن ياش يىپى ئۈزۈلگۈن مارجاندەك تورۇكلاپ تۆكۈلۈشكە باشلىدى.

    - نېمە؟ قىز دوستى؟- مىنەش كۆزلىرىنى تېخىمۇ يوغان چەكچەيتتى- نېمە ئاداش، يېڭى قىز دوستى؟ ئىككىڭلار ئايرىلىپ كەتكەنمىتىڭلار؟

    -ياق.- مۆلدۈردەك چۈشۈشكە باشلىغان يېشىمنى مىنەش بەرگەن قەغەزدە سۈرتۈپ ئۈلگەرتەلمەيۋاتاتتىم،- شۇ ئايرىلىپ كەتمىگەچكە ئاداش... مەن ئۆلۈپ قالىدىغان ئوخشايمەن...

    - يوقىلاڭ گەپ قىلمىغىنا بىر. جېنىڭنى ئۇ بەرمىگەندىن كېيىن، نېمە دەپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلگۈدەكسەن!- مىنەش تەرىنى تۈرۈپ ئۆزى سۈرتتى ياشلىرىمنى،- توۋا!!! بۇ نېمە ئىش بولۇپ كەتتى ئەمدى. ئۇ يېڭىسى دېگنى كىمدۇ ؟!

    - ئەزىزنىڭ گېپىگە قارىسام ھېلىقى ساقچى قىز شۇمىكىن دەيمەن، ئىدارىسىدىكى!- نەچچە قېتىم چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋەتتىم، بولمىسا تۇنجۇقۇپ قالىدىغاندەكلا،-ئەزىز ئىككىسىنىڭ قولتۇقلىشىپ ماڭغىنىنى كۆرۈپ ئاندىن سوراپتىكەن.

    - قولتۇقلىشىپ؟! ۋىيىي ما ئەبلەخنىڭ قارا يۈزسىزلىگىنى! مىنەش چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ كەتتى،-قارا سېنى! ئالدىنقى قېتىملا ھېلىقى ئىش چىققاندا ئايرىلىپ كەت دېسەم ئۇنىمايسەن، ئۇ ئەزىز دېگەن كالۋامۇ؟! نېمە دېسە ھە دەپ ئاڭلاپ بېرىپ قايتىپ كەپتىمۇ؟!بىر نېمە دېمەپتىمۇ زادى؟! ھەقنى مۇشۇنداق ئادەملەر ئېگىز - پەس قىلىدۇ زادى...

    - دەي دېگۈچە فۇئات چۈشەنشۈرۈپ كېتىپتۇ. مىجەزىمىز كېلىشمىدى، رىسقىمىز قوشۇلمىدى دېگەندەك...

    - جىڭ نومۇسسىز بىر نېمىكەن بۇ! ئادەم دەيدىغان گەپمۇ ئاشۇ؟!

    - قانداق قىلارمەن ئاداش، يۈرۈگۈم كۆيىۋاتىدۇ!

    ئىلتىجا بىلەن ئاچچىقتىن  ئاران ئاران ئۆزىنى بېسىپ تۇرغان مىنەشكە قارىدىم.

    - بۇنىمۇ دېيىش كېتەمدۇ؟- مىنەش قىلچە ئويلانمايلا دېدى،-ئايرىلىپ كەت. ھېلىمۇ ياخشى توي قىلىپ سالماپتىكەنسەن بۇ سولتەك بىلەن، توي قىلغانلارمۇ ئاجرىشىدىغۇ، ئايرىلىش نېمىتى؟!

    - ياق، ئاداش بۇنداق قىلالمايمەن!

     بىچارىلەرچە بېشىمنى چايقاپ ئۈستەلگە قويدۇم.

    - ئۇف... مانا مۇشۇنداق ئەمەسمۇ جېنىم ئادىشىم سەن، ھە بوپتۇ، ئەمىسە ئاۋۇ ھايۋان قانداق قىلماقچىكەن زادى؟!

    - ئەگەر ئۇ ناۋادا راستلا ئاشۇ قىزنى تاللاپ قالسا مەن قانداق قىلارمەن؟

    راستلا قورقىۋاتاتتىم.

    - ۋاي جېنىم لەيلى، ئۇ ساراڭ باشقا بىرسىنى تاللىسا ئۆزىنىڭ شورى، سەن يەنە نېمىدىن ئۈمىد كۈتەتتىڭ؟! نېمانداق قىلىسەن دوستۇم توۋ!!!ا

    - باشقا ھېچقانداق ئامال يوقمىدۇ مىنەش؟

     ئۈمىد بىلەن مىنەشنىڭ قولىنى تۇتتۇم.

    - كاللاڭ جايىدىمۇ لەيلى سېنىڭ، خەقنى زاڭلىق قىل دېسە كالۋا كومشا دەپ بەك دەيسەن، قارا ماۋۇ ئەپتىڭگە، ۋوي دەرسكە ئىشلەتكەن كاللاڭنى، ھېسىيات ئىشىڭغىمۇ ئوبدان ئىشلەتسەڭ زىيان قىلمايدۇ لەيلى! ھەي... زادى بولمىسا ئەڭ ئاخىرقى ئەڭ بىچارە، ئەڭ پەسلەرچە ئامال،  شۇ قىزنىڭ ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈپ باق، ئۇ دەلتە قىزمۇ  نېمە دەيدىكىن؟!

    راست گەپنى قىلسام، بۇنداق ئىشتا بىرلىرى بىلەن يۈز تۇرانە دېيىشىشنى ئەسلا خالىمايمەن، ئەمما بۇ ئىشتا مېنىڭ باشقا تاللىشىم ئەسلا يوق. ئىشقىلىپ مۇشۇنداقلا بولدى قىلىۋەتكۈم يوق، مەيلى نېمە دېسە دېسۇن، كېيىنچە شۇ ۋاقىتتا مۇنداق قىلماپتىكەنمەن، دېگەن ئۆكىنىشتىن ئاللاھ ئۆزى ساقلىسۇن.

    - قېنى قاراپ باقاي... ئاۋازلىرىم پۈتۈپ كەتكەنىدى.

    كەچلىك تاماقنىمۇ مىنەش بىلەن يېدىم، ئۇ مېنى ئۆينىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قويۇپ قايتتى. كېچىنىڭ سوغۇق سالقىن ھاۋاسىدىن ئىچىمگە قېنىپ قېنىپ سۈمۈردۈم، بىنانىڭ ئالدىدىكى راۋاقنىڭ مۇزدەك تۈۋرۈكلىرىگە دۈمبەمنى يېقىپ ئولتۇردۇم، راستىنلا مۇشۇنداق تۈگىگەنمىدۇ؟! يا ئەزەلدىن باشلىنىپ باقمىغانمۇ؟ مۇھەببىتىمىز  قاچاندىن باشلاپ مۇشۇنداق ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق ئەرزىمەس بىر تالاش - تارتىش ئويۇنىغا ئايلىنىپ  قالدى؟  نېرۋام چېچىلدى، ئوي - خىيالىممۇ چېچىلدى. يانفونۇم سايرىدى بىر چاغدا.

    - نەدە يۈرۈيسىز لەيلى تېخىچە ئۆيگە قايتماي؟

     فۇئات ئىدى.

    - ھە شۇ، مىنەش بىلەن بىللە تاماق يېگەن.  

    ھېچقانداق كەيپىياتسىزلا دېدىم خۇددى مۇشۇنچىۋالا ئازابلىنىشىمنىڭ بۇ ئادەم بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوقتەك.

    • غەيۋەت قىلغۇڭلار كېلىپ، دەڭە؟

    ئۆزىچە چاقچاق قىلىپ كۈلۈۋاتاتتى.

    نېمە ئۈچۈن  ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرۈيمەن؟ ئۆز ئۆزۈمدىن سوراۋاتىمەن، راستىنلا چۈشىنەلمىدىم، ئۇ نېمە ئۈچۈن ئىككى قىز بىلەن تەڭ ئارىلىشىدۇ؟

    - بىرەر ئىش بارمىدى؟- سورىدىم.

    - يەكشەنبە كۈنى يېنىڭىزغا باراي دېگەن، 15 كۈنلۈك كاماندروپكىغا چىقىدىكەنمەن، شۇنىڭغا سىز بىلەن كۆرۈشۈپ ماڭاي دېگەن، ۋاقتىڭىز باردۇ؟

    - باردۇ ئەمدى.

    - نېمە بولدىڭىز، لەيلى؟-  ئۇ ئاخىرى چىدىماي سورىدى،- كەيپىياتىڭىز دېگەندەك ئەمەسقۇ؟!

    - ياقەي،- ئاۋازىمنى زورلاپ ئوڭشىۋالدىم،-  ھېرىپ قاپتىمەن  باشقا ئىش بولمىسا ئەتىگىچە ئالاقىلىشايلى.

    ئۆيگە كىرىپ قايتا-قايتا ئويلاشتىم، مۇشۇنداق ماڭا قايتا-قايتا ئاسىيلىق قىلىۋاتقان ئادەمنىڭ زادى نېمىسىگە مەن  بۇنچىۋالا تارتىشىمەن؟ بەلكىم، مەن بەك ھېسسىياتقا سادىق، ھسسىياتقا قۇل ئادەم بولىشىم مۇمكىن، ئۆتمۈشنى ئەخلەتنى تاشلىغانغا ئوخشاش تاشلىۋېتەلمەيدىغان. ھىم...دېمەك مەن ھېلىقى قىز بىلەن كۆرۈشۈشۈم  كېرەك، ئىلاھىم شۇ قىز قولىنى قويىۋەتكەي!!!

     (ئاخىرى كېيىنكى ساندا)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.