خاتىرىلەر(زۇنۇن قادىرى) 6

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-07 13:30:33

خاتىرىلەرزۇنۇن قادىرىموللاقچىلىقنى ئۆگىنىش مەن ھاشىم ھاجى دارۋازنىڭ شاگىرتلىرى ئورۇنلىرىغان دار ئويۇنىنى كۆرگەندىن كېيىن، دار ئويناشقا ھەم موللاق ئېتىشقا قىزىقىپ، ھەر كۈنى شۇلارنى دوراپ ئو...

     

     

    خاتىرىلەر
    زۇنۇن قادىرى


     

    موللاقچىلىقنى ئۆگىنىش


       مەن ھاشىم ھاجى دارۋازنىڭ شاگىرتلىرى ئورۇنلىرىغان دار ئويۇنىنى كۆرگەندىن كېيىن، دار ئويناشقا ھەم موللاق ئېتىشقا قىزىقىپ، ھەر كۈنى شۇلارنى دوراپ ئويناشقا باشلىدىم. موللاق ئېتىش ئۇسۇللىرىنى سوراپ بىلىۋېلىش ئۈچۈن دارۋازلار تۇرىدىغان جاينى ئىزدەپ تاپتىم. ئۇلار قازانچى مەھەللىسىدە ۋاقىتلىق ئىجارە ئالغان چوڭ بىر ھويلىدا تۇرىدىكەن. مەن توختاخۇننى ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. ياز كۈنلىرى ئۇنىڭغا ھەر كۈنى يەل – يېمىش، قوغۇن – تاۋۇز ئاپىرىپ بېرەتتىم. ئۇ مۇلايىم، شېرىن سۆز، كۆڭلى كەڭ بالا بولغىنى ئۈچۈن ماڭا ئويۇن قائىدىلىرىنى زېرىكمەي چۈشەندۈرەتتى. ئېرىنمەي ئويناپ كۆرسىتىپ بېرەتتى. ئۆزىمۇ ھويلىغا ئېسىپ قويۇلغان چىغرىق بالدىقىدا مەشق قىلىپ تۇرىدىكەن. مەن توختاخۇننى بىر كۈن كۆرمىسەم، چىدىمايدىغان بولۇپ قالدىم. كۈندىلا باراي دېسەم دادامنىڭ: «نەگە يوقالدىڭ؟» دەپ سوراققا تارتىشىدىن قورقاتتىم. شۇڭا كۈن ئارىلاپ ياكى ئىككى – ئۈچ كۈندە بىر بېرىپ تۇراتتىم. شۇنداق قىلىپ، مەنمۇ دەرەخكە ئارغامچا باغلاپ، چەنزە بىلەن ئاچا قۇرۇپ، قولۇمدا تەڭشەك تۇتۇپ دار ئويۇنىنى مەش قىلىشقا باشلىدىم. دەسلەپتە ئۆگزە بويى يەرگە مېڭىپ چىققۇچە ئۈچ – تۆت قېتىم يىقىلىپ چۈشتۈم. بۇ مېنىڭ بىرىنچىدىن، قورققانلىقىم، ئىككىنچىدىن، تەڭشەكنى توغرىلاپ تۇتالماسلىقىمدىن بولغانىكەن. چۈنكى تەڭشەك ئارغامچا ئىككى تەرەپكە ئېغىپ كەتمەي تىك تۇرۇشتا ماشىنىنىڭ رولىغا ئوخشاش ئەڭ مۇھىم نەرسە ئىدى. مەن كېيىن جۇۋازچى دارۋازنىڭ ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، تەڭشەكنىڭ ئىككى ئۇچىغا ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى قۇمنى ياغلىققا چىگىپ ئېسىپ قويدۇم. بۇ ئۇسۇلنىڭ پۇتنى ئارغامچىغا چىڭراق دەسسىتىپ تۇرۇشتا ياردىمى بار ئىكەن. ئاخىر مەن ئارغامچىدا مېڭىپ دەرەخكە چىقىشنى ئۆگەندىم. ئارغامچىدا كېتىۋېتىپ ئىككى پۇتىنى ئىككى ياققا تاشلاپ، ئارغامچىدا مىنىپ تۇرۇشنى قىلىپ باققانىدىم، كاسسىلىرىم سۈرىلىپ ئاغرىپ كەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىچىك بىر ياستۇقنى چاتىرىقىمغا تېڭىۋېلىپ ئارغامچىغا مىنىشنى ئۆگەندىم، كېيىن ئارغامچا ئۈستىدىن ئىككى پۇتۇمنى چۈپلەپ، ئىككى ياققا ئېتىشنى ئۆگىنىشكە باشلىدىم. شۇ چاغدا ئۆگزە بويى يەردىن يىقىلىپ، پېشانەم يېرىلدى. نامسىز بارمىقىم قاتلىشىپ، بىرىنچى ئۈگىسىدىن چىقىپ كەتتى. بارمىقىمنىڭ چىقىپ كەتكىنىنى دادامغىمۇ دېمەستىن ياكى ئورنىغىمۇ چۈشۈرگۈزمەستىن يۈرۈۋەردىم، چۈنكى مەن بۇ ئويۇنلارنى دادامغا ئۇقتۇرماي مەشق قىلىپ يۈرگەنىدىم. بارمىقىم ئاغرىپ يۈرۈپ ئاخىر دوناي بولۇپ ساقايدى.
        دار ئويۇنى ئۆگىنىمەن دەپ خېلى پەشۋا يېگەندىن كېيىن، ئۇنى تاشلاپ قويۇپ موللاق ئېتىشنى مەشق قىلىشقا باشلىدىم. مەن بۇ ئويۇننى ئاۋۋال ئىككى قول بىلەن چاقپەلەك بولۇپ پىرقىراشنى ئۆگىنىشتىن باشلىدىم. ئاندىن كېيىن بېشىمنى يەرگە، پۇتۇمنى ئاسمانغا قىلىپ تۇرۇشنى ۋە بېشىمنى تۆۋەن، پۇتۇمنى تامغا قىلىپ قول بىلەن يەرگە تىرەپ تۇرۇشنى خېلى كۆپ مەشق قىلدىم، شۇنىڭدىن كېيىن پۇتۇمنى ئۈستۈن قىلىپ قولۇم بىلەن مېڭىشنى ئۆگەندىم. كېيىنچە ئوڭدامغا بېلىمنى ئېگىپ قول ۋە پۇتۇمنى يەرگە تىرەپ تۆت پۇتلۇق بولۇپ تۇرۇشنى ئۆگەندىم. بۇ شەكىلنى كۆپ مەشق قىلىپ، مەلۇم ۋاقىت چېنىققاندىن كېيىن، ئاۋۋال بەش – ئالتە ياشلىق بىر بالىنى قورسىقىمغا چىقىرىپ خېلى ۋاقىت تۇرغۇزاتتىم، ئۇنىڭدىن كېيىن قورسىقىمغا بىر بالىنى، مەيدەمگە يەنە بىر بالىنى چىقىرىپ تۇرغۇزۇپ كۆردۈم. بۇنىڭغا بىر ئاز كۆنۈككەندىن كېيىن ئالدىچە ۋە كەينىچە ئېگىلىپ موللاق ئېتىپ پىرقىراشنى ئۆگەندىم. بارا – بارا بەلدىڭگە چىقىپ دەسسەپ تۇرۇپ ئارقىچە ئېگىلىپ چۈشۈپ، ئىككى ئالقىنىم بىلەن يەرنى تىرەپ تۇرىدىغان بولدۇم. كېيىن بۇ شەكىلنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۈچ جايغا ئۈچ تال يارماقنى ياكى ئۈچ تال سوقماق تاشنى تىك قويۇپ، ئىككىسىنى قولۇم بىلەن، يەنە بىرىنى بولسا، چىشىم بىلەن چىشلىۋېلىپ بەلدىڭ ئۈستىدە ئۆرە تۇرىدىغان بولدۇم.
         يۇقىرىقىدەك بىر قانچە موللاق شەكىللىرىنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن، كوچىلاردا ئادەم ۋە ئاۋۇن  جايلارغا بېرىپ ئۇلارغا موللاق ئويۇنى كۆرسىتىدىغان بولدۇم. ئادەم يىغىش ئۈچۈن دۇمباق چېلىش كېرەك ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن بۇنىڭغا موللاق ئېتىشنى بىللە مەشق قىلىپ يۈرگەن مەھەللىمىزدىكى قاسساپنىڭ ئوغلى ھەيدەرنى تاللىۋالدىم. ئىككىمىز مەسلىھەتلىشىپ دۇمباق كەرمەكچى بولدۇق. دەسلەپتە بىر ئۆچكە تېرىسىنى تېپىپ قىغقا كۆمۈپ قويدۇق، بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئېلىپ قارىساق، ئۇنىڭ تۈكلىرى تامامەن يۇلۇنما بولۇپ چۈشتى. ئۇنى كونا بىر ئەلگەكنىڭ قاسنىقىغا كېرىپ دۇمباق ياسىدۇق. كېلىشكىنىمىز بويىچە دۇمباقنى ھەيدەر چالىدىغان بولدى. خەلق يىغىلغاندا مەن موللاق ئاتىمەن. ھەيدەر موللاق ئاتقاندا دۇمباقنى مەن چالىمەن. كۆپچىلىك تولاراق مېنىڭ ئويناپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلاتتى. چۈنكى ھەيدەر مەنچىلىك ئەپچىل ئوينىيالمايتتى. ئويۇن كۆرسەتكەنلىكىمىز ئۈچۈن بىز ھەق تەلەپ قىلمايتتۇق. چۈنكى بىز دارۋازلارنى دوراپ ئويناش ئۈچۈن، يەنى ئۆزىمىز ئويۇن – تاماشىغا بېرىلىپ كەتكەنلىكىمىز ئۈچۈن ئويۇن كۆرسىتەتتۇق. بەزىدە بولسا، باشقا مەھەللىنىڭ بالىلىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ ئوينايتتۇق. تومۇز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە سۇ دەرۋازىنىڭ تاشقىرىسىدىكى سامسىپەزنىڭ بالىسى ئىلىچاق بىلەن بەسلىشىپ قالدىم. بەسلىشىش شەرتى بويىچە بىز دەرۋازىدىن يۈز مېتىرچە نېرىدىكى چوڭ ئۆستەڭنىڭ لېۋىگە پۇتىمىزنى ئاسمانغا قىلىپ بارماقچى بولدۇق. پەللىگە بارغىچە يۆتكىگەن قولىمىزنىڭ ئالقىنىنى قورسىقىمىزغا ئۇرۇپ ماڭىمىز. كىم ئۆستەڭ لېۋىگە بۇرۇن بارسا، شۇ ئون سامسا ئۇتىدىغان بولدى. غالىپلار تەرەپ بولغان كىشىلەر بولسا، ئەللىكتىن سامسا تىكىشتى. بىز كۆڭلەكلىرىمىزنى سېلىۋېتىپ ئىشتانچاق بولىۋالدۇق. شۇ كۈنى مەن بار كۈچۈم بىلەن غەيرەت قىلىپ ئىلىچاقتىن ئون نەچچە قەدەم بۇرۇن پەللىگە يېتىپ بېرىپ، ئون سامسا ئۇتۇۋالدىم. ئەمما ئالقانلىرىم قىيىندىلارغا تېگىپ، نەچچە يېرىدىن قان چىقىپ كەتتى. پۈتۈن بەدىنىمدىن تەر قۇيۇلۇپ، چۆپ – چۆپ ھۆل بولۇپ كەتتىم. كۆپچىلىك چۇرقىرىشىپ مېنى ئالقىشلىدى. ئارىدىن بىر تەلۋە يىگىت چىقىپ: «بەرىبىر ئۈستى – بېشىڭ ھۆل بولدى، ئەمدى بىراقلا سۇغا چۆمۈلۈپ چىق» دەپ مېنى كۆتۈرۈپ ئۆستەڭگە تاشلىۋەتتى. ئۆزۈمنى ئوڭشىۋالغىچە سۇغا بېشىمچە ئىككى – ئۈچ قېتىم كىرىپ كېتىپ، سۇدىن ئاران چىقىۋالدىم. ھېلىقى تەلۋە مەن بىلەن سامسىخانىغا بېرىپ: «سېنى سەگىتىپ قويدۇم – ھە؟» دەپ، مەن ئۇتۇۋالغان ئون سامسىنى بىللە يېدى. نېرىقى جوزىدا بولسا، ماڭا دو چىققان كىشى ئۇتۇۋالغان ئەللىك سامسىنى بەش – ئالتە كىشى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ يەۋاتاتتى. بۇ تەلۋە ئۇلارنىڭمۇ قېشىغا بېرىپ، ئىككى – ئۈچ سامسىنى يەپ، بىر سامسىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
       مەن ھاردۇقۇمنى ئېلىپ، ئەمدى ئۆيگە قايتاي دەپ تۇرۇشىمغا ھېلىقى يۈزى قېلىن تەلۋە قازانچىلىق ساۋۇر دېگەن بىر بالىنى باشلاپ كەلدى.
      _ موللاقچى، مانا ئەمدى بۇنىڭ بىلەن بەسلىشىپ كۆر، _ دېدى ئالدىمنى توسۇپ.
      _ قولۇم ئاغرىپ كەتتى، ئەمدى ئوينىمايمەن، _ دېدىم مەن.
      _ بىڭسى بار ئوغۇل بالا ھال ئېيتمايدۇ، يۈر، _ دەپ قولۇمدىن تارتتى ھېلىقى تەلۋە _ بۇ دېگەن قازانچىدىن چىققان قالتىس موللاقچى. ئەگەر بۇ سەندىن قېلىپ قالسا، قۇلىقىمنى كېسىۋېتىمەن.
       ئۇ مېنىڭ ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي، ئىككى قولى بىلەن ئىككىمىزنىڭ بېلىكىدىن تۇتۇپ سۆرەپ، سۇ دەرۋازا ئالدىغا ئېلىپ باردى. شۇ چاغدا، مەھەللە – مەھەللىدىكى بالىلار ئارىسىدا موللاق ئويۇنى ئەۋج ئېلىپ، موللاقچىلار كۆپىيىپ كەتكەنىدى. ساۋۇر مانا شۇنداق ئۇستا موللاقچى دەپ داڭق چىقارغان. ئەگەر مەن بۇنىمۇ يەڭسەم «قالتىس ئۇستا موللاقچى بولىمەنغۇ؟» دېگەن ئويدا ئۇنىڭ بىلەن بەسلىشىپ ئويناشقا ماقۇل بولدۇم.
       مەن ئۆيدىن ئاش ۋاقتى بىلەن چىقىپ كەتكەنىدىم. نامازدىگەر بولغۇچە ئۆيگە كەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن دادام مېنى ئىزدەپ يۈرگەنىكەن. ئۇ مېنىڭ سۇ دەرۋازا ئۆپچۆرىسىدە ئادەم توپلاپ موللاق ئويۇنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىمنى كىشىلەردىن ئاڭلاپ، مەن ئويناۋاتقان جايغا ئاتلىق ئىزدەپ كەپتۇ. قارىسا مەن كىيىمىمنى سېلىۋېتىپ بېشىم تۆۋەن، پۇتۇم ئۈستۈن ھالدا قولۇم بىلەن مېڭىپ يۈرگەن. دادام شۇ يەردىن ئاتلىق ماڭغانچە كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ قامچا بىلەن قورسىقىمغا راسا كېلىشتۈرۈپ بىرنى سالدى. مەن چۆچۈپ كېتىپ، چىرقىراپ يىغلىغان پېتى قاچتىم. دادام كەينىمدىن ئاتلىق قوغلىدى. مەن سېپىل ياقىلاپ ناغرىچى تەرەپكە بۇرۇلۇپ خانىقانىڭ ئارقىسىغا كەلگەندە، دادام ماڭا يېتىشىپ ئاتتىن چۈشتى، مەن يوشۇرۇنغىدەك جاي تاپالماي، ئالدىمدىكى ئېرىقتىكى سۇغا چۈشتۈم – دە، ئۆمىلىگەن پېتىم كۆۋرۈكنىڭ ئاستىغا كىرىپ يېتىۋالدىم. دادام كۆۋرۈك ئاستىغا ئېڭىشىپ: «چىق ماياققا، يېنىپ چىقساڭ ھېچنېمە قىلمايمەن، بولمىسا موللاق ئاتقان پۇت – قولۇڭنى چېقىۋېتىمەن» دەپ توۋلىدى. مەن ئۈنچىقارماي، ئوغرى مۈشۈكتەك كۆزلىرىمنى پارقىرىتىپ، شۈمشەيگەن پېتى كۆۋرۈكنىڭ يورۇق چۈشۈپ تۇرغان چېتىگە قاراپ تۇردۇم. مەن چىقمىغاندىن كېيىن، دادام نەدىندۇر ئۇزۇن بىر چەنزە تېپىپ كەلدى. ئۇ مېنى شۇ چەنزە بىلەن چىقارماقچى بولۇپ، ئۇنى كۆۋرۈك ئاستىغا تىقتى. دادام چەنزىنى تارتىپ ئۆزىنى ئوڭشىۋالغۇچە مەن كۆۋرۈكنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىن ئۆمىلەپ چىقىپ ناغرىچى تەرەپكە قاچتىم، ئۇ يەردىن ئايدۆڭ تەرەپكە كەتتىم. دادام كەينىمدىن ئاتلىق قوغلاپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ يېتىشەي دەپ قالغاندا، شىۋە كوچىسىدىكى ئات ماڭمايدىغان ئەگرى – توقاي ئۆستەڭ قىرى بىلەن يۈگۈرۈپ، تام شورىلىرىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ دادامنىڭ ئىنىسى ئابدۇللا ياۋاشنىڭ ئۆيىگە بېرىۋالدىم. ياخشى، ئۇلار دەرۋازىنى ئىلماپتىكەن، سامانىخانىغا كىرىپ مۆكۈۋالدىم. دادام بولسا چوڭ يول بىلەن يۈرۈپ «ھەقىچان ئۇ مۇشۇ يەرگە كەلدى» دەپ ئويلاپ، تاغامنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ، گۇناھىمنى سۆزلەپ بېرىپ مېنى سۈرۈشتە قىلىپتۇ. تاغام كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتسا دادام:
      _ جەزمەن مۇشۇ ھويلىغا كىردى، يوشۇرما، _ دەپ تاغامغا كايىپتۇ. تاغام:
      _ سىز ماڭا ئاچچىقلانماڭ، بۇ يەرگە كىرسە، مەن نېمىشقا يوشۇرىمەن. سىز سەل ئاچچىقىڭىزنى بېسىپ ئۆيدە ئارام ئېلىپ تۇرۇڭ. مەن ئەتراپنى ئىزلەپ باقاي، _ دەپ دادامنى تىنچلاندۇرۇپتۇ. كېيىن تاغام مېنى ئىزلەپ سامانخانىدىن تاپتى.
       مەن تاغامغا ئېسىلىپ يىغلاپ:  
      _ مېنى بۈگۈن قۇتقۇزۇڭ، بولمىسا دادام ئۇرۇپ پۇت – قولۇمنى چېقىۋېتىدۇ، _ دەپ يالۋۇردۇم.
       _ ئەمىسە، مۇشۇ يەردە سامانغا كۆمۈلۈپ يېتىپ تۇر. مەن بىر ئامال قىلىپ سېنى ئېلىپ قالاي، _ دەپ سامانخانىدىن چىقىپ كەتتى.
       تاغام بەك ياۋاش، مىس – مىس ئادەم ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن گەپنى بوش، سىلىق ئاھاڭدا قىلاتتى، لېكىن تەسىرلىك سۆز بىلەن ھەرقانداق ئادەمنى ئېرىتەتتى. بىرەر كىشى ئۇنى تىللىسا، ئۇ رەڭگىنى ھېچقانداق ئۆزگەرتمەي:
       _ بۇرادەر، ئىمان ئېيتقان ئاغزىڭىزنى بۇلغىماڭ، خۇدا تەلىپىڭىزگە يەتكۈزسۇن! _ دەپ قوياتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىشىلەر ئۇنى ئابدۇللا ياۋاش دەپ ئاتايتتى. دادام بولسا، بىر ئېغىز گەپنىمۇ كۆتۈرەلمەي مۇشت ئېتىشقا تەييار ئىدى. شۇڭا ھەممە ئۇنى توڭ قادىر دەيتتى، بىر ئانىدىن تۇغۇلغان بۇ ئىككى قېرىنداش مىجەزدە ئىككى دۇنيا ئىدى. مانا بۈگۈن دادام ئۇنى تىللاپ:
      _ ھۇ مۇناپىق ھارامزادە، _ دەپ ھاقارەتلىدى. مېنى سۆرەپ ئالدىغا ئېلىپ كەلمىگىنى ئۈچۈن، دادام ئۇنى بىر نەچچە قامچا ئۇردى. شۇنداق بولسىمۇ تاغام:
      _ بالا كىچىك، نادان بولغىنى ئۈچۈن شوخلۇق قىلىدۇ، ئاتنىڭ تېيىمۇ قىيغىتىدۇ، ئۆچكىنىڭ ئوغلىقىمۇ سەكرەيدۇ ئەمەسمۇ، سادىغاڭ كېتەي ئاكا! بۇ قېتىم مەن بالىنى تىلىۋالاي، ئەتىگىچە ئوبدان نەسىھەت قىلىپ ئاپىرىپ قوياي، _ دېگەندەك بىر مۇنچە شېرىن سۆزلەر بىلەن دادامنى ئېرىتىپ، مېنى ئېلىپ قالدى.
      تاغام ۋەدىسى بويىچە ماڭا بۇنىڭدىن كېيىن شوخلۇق قىلماسلىق ھەققىدە نۇرغۇن نەسىھەت قىلدى ۋە ئەتىسى تۈنۈگۈنكى قالايمىقانچىلىقتا يوقىتىپ قويغان كۆڭلىكىم ئورنىغا يېڭى كۆڭلەك ئېلىپ كىيگۈزۈپ ئۆيىمىزگە ئاپىرىپ قويدى.
       شۇنىڭدىن كېيىن، مەن دادامدىن قورقۇپ ئۈچ كۈنگىچە جىم يۈردۈم. تۆتىنچى كۈنى ھەيدەر بىلەن مەسچىتنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ، مورىنىڭ ئاغزىغا كېسەك تىزدۇق، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە بېشىمنى قويۇپ پۇتۇمنى ئۈستۈن قىلىپ بىر نەچچە مىنۇت تۇردۇم، ئاخىرىدا تامنى تۇتۇپ، پۇتۇمنى جۈپلەپ بېشىمچە تىك تۇردۇم. بۇ خەۋەر يەنە دادامغا يېتىپ بېرىپتۇ. لېكىن دادام شۇ كۈنى ماڭا گەپ قىلمىدى. لېكىن ئەتىسى بامداتتىن كىرىپ مېنى ئۇخلاۋاتقان ئورنۇمدىن تارتىپ چىقىرىپ، تاسما چۇلۋۇر بىلەن بىر نەچچىنى ئۇردى ۋە پولنىڭ ئاستىغا سولاپ قويدى. ئۇ ئۆيدىكىلەرگە ماڭا ھېچنەرسە بەرمەسلىكنى جېكىلەپ، ئۆزى ئەتتىگەنلىك چېيىنى ئىچىپ بازارغا چىقىپ كەتتى.
       مەن ئاچلىقتىن، تاسما تېگىپ تىلىنىپ كەتكەن بەدىنىمنىڭ ئازابىدىن زارلىنىپ زەي يەردە ياتاتتىم. پۈتۈن ئەزايىم تور باغلاپ كەتكەن، ئۇ يەر – بۇ يەردىن چاشقانلارنىڭ كىتىرلاش ۋە چىرىلداشلىرى، پاقىلارنىڭ يېنىمدا سەكرەپ كۇركىراشلىرى سۈرلۈك ئاڭلىنىپ تۇراتتى... ئاكام تاغامنىڭ مېنى قۇتقۇزۇپ قېلىشىنى ئىلتىماس قىلىپ، سىڭلىمنى تاغامنىڭكىگە ئەۋەتىۋېتىپتۇ. ئۆزى چۈشتە ئۆيدە ئەتكەن چۆچۈرىدىن بىر ئاپقۇر كۆتۈرۈپ كېلىپ، پولنىڭ ھاۋا كىرىدىغان تۆشۈكىدىن مېنى چاقىردى:
       _ زۇنۇن، پولنىڭ ئاستىغا چۈشىدىغان جايغا دادام قۇلۇپ سېلىپ قويۇپتۇ. تۆشۈكتىن چىنە پاتمايدىكەن، ماۋۇ يەردىن قولۇڭنى سوز.
       مەن ھاۋا كىرىدىغان تۆشۈكتىن ئاكام قوشۇق بىلەن سۇنۇپ بەرگەن چۆچۈرىنى يەپ، قورسىقىمنى چالا تويغۇزۇپ جىمىپ قالدىم. كەچقۇرۇنلۇقى تاغام كېلىپ، يەنە دادامنىڭ توڭىنى يۇمشاق، شېرىن سۆزلىرى بىلەن ئېرىتىپ، مېنى ئازاد قىلدى.
       مەن قەدىرلىك، كۆيۈمچان ياۋاش تاغامنىڭ ماڭا قىلغان ياردەملىرىنى ئۇنتۇلماي، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ بالىلىرىنى ھاپاش قىلىپ بېقىپ، خىزمىتىنى قىلىپ بەردىم، شۇنداق قىلىپ، قېرىنداشلار ئارىسىدىكى يېقىنلىق تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى.

     

    زۇنۇن قادىرىنىڭ ‹خاتىرىلەر › ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.  

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.