ياخشىلىق(راست ئىشلار خاتىرىسى)

يوللىغۇچى : halisa يوللىغان ۋاقىت : 2011-08-10 12:35:01

ياخشىلىقئېزىز ساۋۇت 1959-يىلى 5-ئاي باھار پەسلى ئىدى، دەل-دەرەخلەر ياشىرىپ، گۈل-گىياھلار ئېچىلىپ، ئەتراپ كۆكلەمچىلىك-بوستانچىلىققا ئايلانغان. دېھقانلار ئالدىراش ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا كىرىشىپ كە...



     

      ياخشىلىق

    ئېزىز ساۋۇت

     

      1959-يىلى 5-ئاي باھار پەسلى ئىدى، دەل-دەرەخلەر ياشىرىپ، گۈل-گىياھلار ئېچىلىپ، ئەتراپ كۆكلەمچىلىك-بوستانچىلىققا ئايلانغان. دېھقانلار ئالدىراش ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا كىرىشىپ كەتكەن. ھاۋا ئوچۇق، ئىللىق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، مەن قەشقەر دۆلەتباغدىكى يېزا-ئىگىلىك تېخنىكومىنى پۈتكۈزۈپ ئاقسۇ شەھىرىگە-تۇغۇلغان يۇرتۇمغا قايتىپ كەلدىم. مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار مېنى ئارال كوممۇناسىغا (ھازىرقى يېزا ئۇ چاغدا كوممۇنا-خەنزۇچە گۇڭشې دېيىلەتتى) تەقسىم قىلىۋەتتى.

      ئاتا-ئانام: ‹ ئۇ يەر ئىككى دەريانىڭ ئارىلىقى، قىينىلىپ قالارسەنمۇ؟› دېيىشتى. نېمە ئامال؟ ئوقۇغان كەسپىم شۇ تۇرسا، شەھەردە دېھقانچىلىق بولمىسا؟ ئىلاجسىز چىقتىم. دەرۋەقە يوللىرى ئەگرى-بۈگرى، پاتقاق ياكى كاتاڭ-توپىلىق، ئۇ چاغلاردا ھازىرقىدەك تۈپتۈز يوللار، ئاپتۇبۇس، پىكاپ ياكى موتسىكىلىت-ۋېلىسپىتلار نەدە؟ تاپالىساق ھارۋا، بولمىسا پىيادە بېرىش-كېلىش قىلىدىغان گەپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يېزىنى شەرقىي-شىمال تەرەپتىن، بۈيۈك قۇم ئېرىق دەرياسى، غەربىي جەنۇب تەرەپتىن قەدىمىي توشقان دەرياسى ئوراپ ئېقىپ كېلىۋاتقان ‹لاتا چاي› دېگەن يەردە قوشۇلۇپ، ‹ئاقسۇ دەرياسى› بولۇپ، جەنۇبقا-تارىم تەرەپكە ئېقىپ كېتەتتى. شۇڭا بۇ يېزا ئارال دەپ ئاتىلاتتى. ئىككىلا دەريادا كۆۋرۈك يوق، قىش-ياز يولۇچىلار ھارۋىلىق، ئات-ئېشەكلىك، پىيادە سەپەر قىلاتتى. قىش كۈنلىرى دەرياغا ‹قارا› (ئېقىن سۇدىكى قېلىن كۆۋرۈك) چۈشكەندە، يولۇچىلار ئۆتۈۋاتقاندا مۇز سۇنۇپ كېتىپ قالسا ۋەقە يۈز بېرىدىغان، ياز كۈنلىرى ئىككىلا دەرياغا كەلكۈن كەلگەندە ھارۋا، ئات-ئۇلاغ ئادەملەرنى ئېقىتىپ كېتىپ ئۆلۈم-يېتىم كۆرۈلىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇراتتى. بولۇپمۇ ياز كۈنلىرى بەكلا خەتەرلىك ئىدى. دەرياغا سەل كەلگەن چاغلاردا، بىر كىلومېتىر كەڭلىكتىكى دەريا قىنى غەزەپلەنگەندەك، قىنىغا پاتماي لەپشىپ-ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان سىماب رەڭلىك سۇغا قارايدىغان بولسا ئادەمنىڭ تېنى شۈركىنىپ كېتەتتى.

      شۇنداق قىلىپ بۇ يېزىغا كېلىپ خىزمەتكە چۈشتۈم.

      كاتىپقا ئالاقىنى سۇندۇم-دە، ‹لاپپىدە› بىر قاراپ قويدۇم. گەپ قىلىشقا ئېرىنگەندەك، بىر پارچە ئالاقە يېزىپ ‹ھىم› دېگىنىچە قولۇمغا تۇتقۇزدى. ئالاقىدە ‹گۇڭشې ۋېييۈەنخۈينىڭ مۇزاكىرىسىگە بىنائەن گۇڭشې دېھقانچىلىق تېخنىك كېڭەيتىش پونكىتى ھېسابىدىن مائاش ئالىدۇ. پونكىت ئىگىدارچىلىق قىلىپ خىزمەت تەقسىم قىلىدۇ› دېگەن مەزمۇندا يېزىلغانىدى. كېيىن مەن چاغداق دادۈيدە ئىشلەيدىغانغا ئورۇنلاشتۇرۇلدۇم.

      ئادەم ھەممىگە كۆنۈپ كېتىدىكەن، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئارالغىمۇ، بۇ يەردىكى ئىش-خىزمەت، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكىمۇ كۆنۈپ كەتتىم. ئەمما بۇ يېزا ۋە بۇ يېزىدىكى كىشىلەر ئۇنچىۋالا ئەندىشە قىلىپ كەتكۈدەك ئەمەس، بەلكى يېزا-قىشلاقلارنىڭ ئەڭ گۈزىلى-مۇشۇ يېزا ئىكەن. بولۇپمۇ كەنتتىكى كىشىلەر شۇنچە ياخشى، مەرد، سېخىي، ئويۇنخۇمار، ئىشچان ئىكەن. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى باياشات بولغاچقا، قايناتقان مۇسەللەسلىرى ئۇ يىلدىن بۇ يىلغا ئېشىپ قالىدىكەن، كۈز كۈنلىرى مەشرەپ قىزىپ كېتىدىكەن. مەن راۋاپ، دۇتار چالاتتىم، ياشلىرى شوخ، ئويۇنپەرەس كەلگەچكە، ئوچۇق-يورۇق مىجەزىم بىلەن ئاسانلا ئۇلار بىلەن ئۆزلىشىپ كەتتىم. خىزمەت قىلىپ يۈرۈپ مەشرەپلەردە داپ چېلىشنىمۇ ئۆگىنىۋالدىم-دە، بىر مەزگىل ياش قىز-چوكانلارنىڭ تالىشىش نىشانىغا ئايلىنىپ قالدىم. بۇ مېنىڭ ئەمدىلا 18 گە قەدەم قويغان نەۋقىران چاغلىرىم ئىدى.

      8-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ساۋۇت مامۇت ماڭا:

      -ناھىيىلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىدە، پونكىتلارنىڭ يېتىم يىللىق خۇلاسە دوكلات يىغىنى بار ئىكەن، ئىككىمىز بارىمىز، دوكلاتنى سىز تەييارلاڭ، ياخشى يېزىڭ. ئىشلىگەن خىزمەتلەر چۈشۈپ قالمىسۇن، ئۆگۈنلۈككە يولغا چىقىمىز!-دېدى.

      دوكلاتنى تەييارلاپ تاپشۇردۇم. ئەتىسى ئاقسۇ ناھىيىسىگە قاراپ يولغا چىقتۇق. ( ئۇ چاغلاردا ئاقسۇ-ئونسۇ بىر ناھىيە ئىدى) ناھىيىگە بارىدىغان ئاتلىق بىر پىگىلو ھارۋىغا كىرا قىلىپ ‹ئاياقچى› كەنتىنىڭ ئۇدۇلىدىكى دەريا كېچىكىدىن ئۆتۈپ ئۇدۇللا كىرىپ كەتمەكچى بولۇشتۇق، ئاش ۋاقتىدىن ئۆتكەندە، دەريا ساھىلىغا كېلىپ قالدۇق. دەريادا سۇ بەك ئۇلۇغ بولغاچقا سۇغا قاراپلا قورقۇپ كەتتۇق. ھارۋىكەش ‹خاتىرجەم بولۇڭلار، بۇنچىلىك سۇ دېگەن نېمىتى!› دەپ تۇرغاچقا يۈرىكىمىز جايىغا چۈشتى. ئاتلارنى كېچىككە سالايلى دەپ تۇرساق، سۇ يۈزىدە-ئالدىمىزدىلا بىر چۆكۈپ، بىر كۆتۈرۈلۈپ ئېقىپ كېلىۋاتقان بىر ئايالنىڭ گەۋدىسى كۆرۈندى. چېچى چۇۋۇق، چىرايىدا قان دىدارى قالماپتۇ. ‹ھۆپ،ھۆپ...› تىۋىش چىقىرىپ، سۇ پۈركۈپ ئېقىپ كېلىۋاتاتتى.

      -ۋاي ئاۋۇ ئايالكەن!-دېگىنىمچە ئويلاپ ئولتۇرماستىنلا چاپىنىمنى سېلىپ ھارۋىدىن چۈشۈشكە تەمشەلدىم. شۇ ئۈزۈشكە كىچىكىمدىنلا ئۇستا ئىدىم. ساۋۇت مامۇت ‹ كاپ› قىلىپ بىلىكىمدىن تۇتىۋالدى-دە، ئاچچىق بىلەن قارىغىنىچە:

      -نەگە بارىسىلە قارى؟ ماڭا ئۆلۈپ بېرەي دەمسىلە؟-دېدى تەنە بىلەن.

      -ئاۋۇ ئايالنى قۇتقۇزۇۋالايلى، سۇنى بەك ياخشى ئۈزىمەن، خاتىرجەم بولسىلا!

      -‹غىت› قىسىپ يولىمىزغا ماڭايلى، ئادەم قۇتقۇزۇش ۋەزىپىمىز يوق بىزنىڭ. ‹ساۋابنىڭ قازىنى تۆشۈك› دەپ، ئۆزۈڭلىگە ئاۋارىچىلىق تاپماڭلا! ئۇنىمۇ قۇتقۇزىدىغانلار چىقىپ قالار!

      كاللىسى چۆيۇندەك قېتىپ كەتكەن بۇ ئادەمنىڭ يۈزىگە ھەيرانلىق، نەپرەت بىلەن تىكىلدىم.

      -كۆز ئالدىمىزدا ئادەم ئۆلۈۋاتسا، قۇتقۇزمىساق ۋىجدانىمىز كۆتۈرەمدۇ؟ سىلى مېڭىۋەرسىلە! نېمە بولسام مەن بولاي، ئۇ ئايالنى سۈزۈپ چىقىمەن!

      شۇنداق دېدىم-دە، گەپ تالىشىشنى قويۇپ، دەرھال چاپان، ئىشتان-كۆڭلەكلىرىمنى سېلىپ تاشلاپ، كالتە ئىشتان بىلەنلا سۇغا ئۆزۈمنى ئاتتىم. ئۇنىڭغىچە ئايال خېلىلا ئۇزاپ كەتكەنىدى. قۇلىقىمغا قىرغاقتا قالغان ساۋۇت مامۇتنىڭ زارلىنىپ ‹ ۋاي ئەخمەق گۇي› دېگەن غودۇراشلىرى ئاڭلاندى. ( كېيىن بىلسەم ئۇ مېنى بىردەم ساقلاپ بېقىپ، سېلىپ قويغان كىيىملىرىمنىمۇ ئېلىۋالماستىن ئاقسۇغا كېتىپتۇ. يانچۇقۇمدا قىسىپ يۈرۈپ يىغقان 60 يۈەنچە پۇلۇم بار ئىدى، بۇ پۇل ھازىرقى بىر يېرىم مىڭ يۈەن قىممىتىگە توغرا كېلەتتى. شۇ پۇلنىڭ ھەممىسىنى يولدىن ئۆتكەنلەر ئېلىۋاپتۇ). مەن ئون-يىگىرمە غۇلاچ ئۈزۈپلا ھېلىقى ئايالغا يېتىشىۋالدىم-دە، چۆكۈپ كېتەي دېيىشىگىلا ‹كاپ› قىلىپ تۇتۇۋېلىپ شاخاپ تەرەپكە تارتتىم. تۇرغان يېرىمىز غەربىي تەرىپى تىك قاش، سۇ ئەڭ كۆپ يىغىلىپ ئاقىدىغان چوڭقۇر، خەتەرلىك ئېقىن ئىدى. دەھشەتلىك دولقۇنلار تۈرمەللەپ كېلىپ ئۇرۇلۇپ ئېغىزلارغا بىر مۇنچە لاي سۇنى ئىچكۈزۈۋېتىپ، بېشىمىزدىن ھالقىپ ئۆتۈپ كېتەتتى. شۇ چاغدا جان ۋەھىمىسىدە قالغان ئايال قۇتقۇزغۇچىسىغا ئېرىشىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ماڭا چاپلاشتى-دە، قوللىرى بىلەن ئىككى قولۇمنى قىسقىنىچە قۇچاقلاپ تۇتۇۋالدى. ھەرىكەت قىلالماي سۇغا چۆكۈپ كەتتىم. ئۇ ئايال ئۈستۈمدە، ھەر ھالدا نەپەس ئېلىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى. گېلىمگە لاي سۇ كىرىپ كەتكەچكە تىنالماي قالدىم. ئۆلۈم كۆزۈمگە كۆرۈندى، شۇ چاغدا ھېلىقى ساۋۇت مامۇت دېگەن كىشىنىڭ ‹ساۋابنىڭ قازىنى تۆشۈك!› دېگەن گېپى كاللامدىن ‹يالت› قىلىپ ئۆتتى. ‹كۆپ ئىش كۆرگەن كىشىكەن ئۇ. راستىنلا قازان تۆشۈك بولۇپ قالارمۇ؟› جان شۇنداق تاتلىقكەنكى، ئەمدى جېنىمنى قۇتقۇزۇش نۆۋىتى ئۆزۈمگە كېلىپ قالغانىدى. ‹قۇتقۇزۇپ قوياي دېسەم، ماۋۇ خوتۇننىڭ قىلغىنىنى.› بىر چاغلاردا ئۇنىڭ قولى بوشاپ كەتتى. شۇندىلا مەن سۇ ئۈستىگە چىقىپ تىنىۋالدىم. ئۇ ئايال ئەپلىشەلمەي تىمسىقلاپ بوينۇمغا ئېسىلىۋېلىش ئۈچۈن بولۇشىغا تىپىرلاپ ھەرىكەت قىلىۋاتاتتى. بىر كەمدە قارىسام، مېنىڭدىن تامامەن ئاجراپ يانغا ئېقىپ كەتتى. ‹ئۇنى قۇتقۇزىمەن دەپ ئۆزۈم ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن!، قارشى قىرغاققا ئۈزۈپ چىقىپ كەتمەكچى بولدۇم، ئالدىمدا سۇدىن چىقىپ تۇرغان قۇرام تاشلار بىلەن قاپلانغان بىر كىچىك ئارالچە كۆرۈندى. چامامدا ئەتىدىن بېرى 200 مېتىرچە ئاققان ئوخشايمىز، يەنە ئايالغا قارىدىم، ئۇ بىر چۆكۈپ بىر لەيلەپ كېتىپ باراتتى. يەنە چىدىمىدىم، ‹ بوپتۇ، نېمە بولسا بولسۇن، بىر ساۋاپلىق ئىش قىلاي...› شۇ نىيەتكە كېلىپ، بۇ قېتىم ئاۋايلاپ ئۈزۈپ يىراقتىن يېقىنلاشتىم-دە، ئوك تەرىپىدىن كېلىپ قولىنى تۇتۇۋالدىم. ئاندىن پۇت-قوللىرىم بىلەن ھەرىكەتلىنىپ، لەيلەپ-ئېقىپ، ئۇ ئايالنىمۇ سۆرەپ لەيلىتىپ ھېلىقى ئارالچىغا سۈزۈپ چىقتىم. ‹ ئۇھ، ئەلھەمدۇلىللا شۈكۈر!› ئۇ خېلىلا ياش ئايال ئىدى. ئۇزۇن كۆڭلىكى، ئىشتانلىرى ھۆل. ‹قانداق سالدۇرارمەن؟› مۇھىمى ئۇنىڭ قورسىقىدىكى سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك ئىدى، ئۆزۈمنىڭ بىلگىنىچە ئۇنى دومىلىتىپ يۈرۈپ ئۇنى ھوشىغا كەلتۈردۈم. ئاندىن دۈم قىلىپ دولىسىغا مۇشتلاپ بېرىۋىدىم. بىرەر قاپاقتەك سۇنى قەي قىلدى. كالتە ئىشتان بىلەنلا يېنىدا يالىڭاچ ئولتۇرىمەن، ئۇ قەي قىلىپ ياتىدۇ. دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شېغىل تاشلىق ئارالچە بىزنى جاھاندىن ئايرىپ بىزگە ئېچىنغاندەك غەمكىن قىياپىتى بىلەن قۇياش ئاپتىپىغا قاقلىنىپ سوزۇلۇپ ياتىدۇ. ئەتراپىمىزدا شىددەت بىلەن ئۆركەشلەپ ئاققان لاي-لاتقا سۇ! بىزگە ھىمات بولغۇدەك بىرەر تىرىك جاندىن ئەسەرمۇ يوق. كۈن چۈشكە قىيىلدى. سۇدا كۆپ ھەرىكەت قىلغانلىقىم ئۈچۈن مادارىمدىن كېتىپ، قورسىقىم ئاچقىلى تۇردى. ئاۋۇ ئايالچۇ تېخى! كۈن قىزىغانسېرى سۇ تېخىمۇ ئۇلغىيىپ كېتىۋاتاتتى. ‹ھازىرنىڭ ئۆزىدە بىر ئامال قىلىپ قىرغاققا ئېلىپ چىقىپ كېتەيمۇ يا؟ سۇ ئۇلغىيىپ كەتسە ئىش تېخىمۇ خەتەرلىك ئىدى. لېكىن قانداق قىلغاندا ئۇنى قىرغاققا ساق-سالامەت ئېلىپ چىقىپ كەتكىلى بولىدۇ، ئۇ تېخىچە ھوشىنى بىلمەي ياتسا...›

      خېلى بىر ۋاقىتتىن كېيىن ئايال سەل مادارىغا كېلىپ بېشىنى كۆتۈردى. ئاغزى ئاران-ئارانلا گەپكە كەلدى.

      - ۋاييەي...ئىھ...ئىھ...سىلە كىم بولىدىلا؟ بۇ قەيەر؟

      -مەن ئېزىز ساۋۇت بولىمەن، سىلە دەريادا ئېقىپ كېتىۋېتىپتىكەنلا، سۈزۈۋالدىم،ھازىر بىز دەريانىڭ قاپ ئوتتۇرىسدىكى ئارالدا!

      -ھە...راست مەن دەريادا ئاققان...ھەي، يەنە ئۆلمەپتىمەن-دە!

      ھەيرانلىقتا ئۇ خوتۇنغا تىكىلدىم. ‹نېمە دەيدۇ ماۋۇ خوتۇن› ئۇمۇ تىرەجەپ ئۆرە بولۇپ ئولتۇردى. رەڭگىرويى ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى. قارىسام، 25 ياشلاردىكى چىرايلىق، دومىلاققىنا بىر چوكان ئىكەن.

      -قانداقلارچە دەرياغا چۈشۈپ كېتىپ قالدىلا؟ ئەرلىرى بارمۇ؟ ئۆيلىرى قەيەردە؟

      چوكان ماڭا پەرىشانلىق بىلەن كۆز قۇيرۇقىدا لاپپىدە بىر قاراپ قويدى-دە، ئېرەنسىزلىك بىلەنلا

      -ئىسمىم ئىززەتخان، قارا دۆۋە كەنتىنىڭ قارا سۇ بويى مەھەللىسىدىن، ئاتا-ئانام، ئېرىم يوق، ئېرىم بار. ئاشۇ گۇينىڭ دەردى-كاساپىتىدىن ئۆلۈپ تۈگىشەي دەپ، دەرياغا ئۆزۈمنى تاشلىغان...بۇ دۇنيادا ئىززەتخانمۇ بولالمىسام...-دېدى.

      -ئۆلۈۋالغۇدەك قانچىلىك ئېغىر دەرت ئىدى ئۇ؟

      -دەرد ئۇنىڭدىن ئېغىر بولامدۇ؟ ئۇ گۇي مېنى ئىگە-چاقىسىز كۆرۈپ دەپسەندە قىلدى. مەھەللىمىزدىكى بىر پاسكىنىغا ئۆگىنىپ قالغانىدى. ‹ئۇنداق قىلما! ئۆيىمىز بۇزۇلمىسۇن! ئۇنى قوغلاشمىغىن› دېسەم تېخىمۇ ئەدەپ، ئۆيگە ئەكىرىپ كۆز-كۆز قىلدى. ئۆز قولۇم بىلەن بىر نەچچە قېتىم تۇتۇۋالدىم. پىسەنت قىلمىدى.

      -شۇنچىلىك ئىشقىمۇ ئۆزلىرىنى ئۇپراتتىلىمۇ؟ يا بىرەر يىل يۈرەرىدى. بەرىبىر ئەرلىرى يەنە سىلىگە ئېشىپ قالاتتىغۇ؟ كۆڭۈللىرىنى كەڭرەك تۇتقان بولسىلىمۇ بوپتىكەن!

      ئىززەتخان ماڭا نەپرەت بىلەن گۆلەيدى-دە:

      -ئەر خەقنىڭ كۆپىنچىسى ئىپلاس، پەسكەش، بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى. سىلى خوتۇنلىرىنى تۇتۇۋالسىلا قانداق قىلاتتىلە؟

      ئويلاپمۇ باقمىغان بىر سۇئال بولدى-دە بۇ. ‹راست، قانداق قىلاتتىم، گەرچە ئۆيلەنمىگەن بولساممۇ باش قاتۇرىدىغان ئېغىر ئىشكەن بۇ!›

      -مەن تېخى ئۆيلەنمىگەن. خالىمىسىلا ئاجرىشىپ كەتسىلە بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئۆلۈۋېلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلگە دەپ، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلدۇرسىلا بولاتتىغۇ؟ ئەرلەرنى ئىپلاس دەيدىلا، ئاياللارنىڭ ئىچىدىن ئىپلاس چىقمامدۇ؟

      ئىززەتخان گەپ تاپالماي بىردەم ئولتۇرۇپ قالدى، ئاندىن:

      -گەپلىرىغۇ ئورۇنلۇق، ئەمما مېنىڭ گېپىمنى مەھەللە تەشكىللىرى ئاڭلىمىدى. دادۈينىڭ (كەنت باشلىقى)، شودۈيجاڭ (مەھەللە باشلىقى)، شۇجى...دېگەنلەر ئاشۇنىڭ جەددى-جەمەتى تۇرسا، مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلامتى؟ ئۆزىمۇ تېخى ئىتتىپاق ياچېيكا ھەيئىتى تۇرسا...-دېدى.

      مەنمۇ گەپ قىلالمىدىم. ئىززەتخان ئۇشتۇمتۇت يەنە مۇنداق دېدى.

      -سىلە مېنى قۇتقۇزىمەن دەپ سۇدىن سۈزۈۋېلىپ بىر يامان ئىش قىپتىلا. قورسىقىمدىكى بالىنى شۇ گۇينىڭ ئالدىدا تۇغماي دېۋىدىم. كىيىملىرى قېنى؟ سىلە مېنى مۇشۇ يەردە قالدۇرۇپ قويۇپ، قىرغاققا چىقىپ كەتسىلە، مېنىڭ بىلەن كارىلىرى بولمىسۇن!

      ساۋۇت مامۇت كۆز ئالدىمدا يەنە پەيدا بولدى.

      ‹ساۋابنىڭ تېگى تۆشۈك› ئەتىدىن بېرى ئۆلۈمنى بېشىمغا ئېلىپ قويۇپ تارتقان جەبىر-جاپالىرىم ئۈچۈن ھېچ بولمىسا ‹رەھمەت!› ئاڭلارمەن دېسەم ما خوتۇننىڭ قىلغان گەپلىرىگە! غەزىپىم كېلىپ جۇۋامنى تەتۈر كىيدىم.

      ساراڭ خوتۇن! نېمە قالايمىقان بىلجىرلايسىز. مەن دېگەن دۆلەت كادىرى! سىزنى ساق-سالامەت كەنتىڭىزگە تاپشۇرۇپ بېرىمەن، ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ! سۇدىن ئۆتىمىز!

      ھەر نېمە بولسا پوپوزامنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلدى. ئۇ ‹دۆلەت كادىرى› دېگەننى ئاڭلاپ ھېيققاندەك، دومسايغىنىچە ئورنىدىن تۇردى، قەيەردىن، قانداق ئۆتەرمىز؟

      ئارالچىدا كېچىك ئىزدەپ يۈرۈپ بىر ھازا يۇقىرى-تۆۋەن ماڭدۇق. شۇئان غەربىي قىرغاقتا قوللىرىدا ئارا-ئىلمەك، ئارقانلارنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا بىر توپ ئادەملەرنىڭ قارىسى كۆرۈندى. ئۇلار ئىززەتخاننى ئىز-دېرەكلەپ چىققانلار ئىكەن. قوللىرىمنى پۇلاڭلىتىپ ۋارقىراپ بەردىم. ئۇلاردىن بىر قانچىسى تۇلۇملارنى كۆپتۈرۈپ كۆكسىگە بېسىپ بىز تەرەپكە ئۈزۈپ ئۆتتى. ئۇلار قاۋۇل، ئوتتۇرا ياش ۋە ياش كىشىلەر ئىكەن. ئۇلاردىن ئىككىسى ئىززەتخاننى يۆلەشتۈردى. مېنىڭ بىلەن كارى يوق تېخى، يامان كۆزىدە قارىشىۋاتقاندەك قىلىشاتتى. ئىززەتخان مېنى كۆرسىتىپ بىر نېمىلەرنى دېگەندىن كېيىن، ئاندىن بىرسى قېشىمغا كەلدى. زورىغا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:

      -ئىززەتخاننى قۇتقۇزۇۋاپلا-ھە! چوڭ ئىش قىپتىلا، نەدە خىزمەت قىلىدىلا؟-دەپ ھال سوراپ قويغان بولدى. مەن سالاھىيىتىمنى ۋە بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىپ، سۇدىن ئۆتكۈزۈپ گۇڭشې مەركىزىگە يەتكۈزۈپ قويۇشنى تەلەپ قىلدىم، ئەسلى مېنىڭ بىلەن كارى بولمىسىمۇ بولماسكەن. سالاھىيىتىم ئۇلارنى ئويغا سالدى بولغاي، كېيىن ئۆزلىرىگە گەپ كېلىپ قېلىشتىن قورقۇپ تەلىپىمگە ماقۇل بولدى. ئۇلار ئىززەتخاننى. مېنى قىرغاققا سالامەت ئۆتكۈزدى. شۇ يەردە بىرسىنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ كىيگۈزدى. قىرغاقتا قارا سۇ مەھەللىسىنىڭ باشلىقى ۋە كەنت شۇجىسى ساقلاپ تۇرغانىكەن. ئۇلارغا ئەھۋالنى ئېيتتىم ۋە :

      -بۇ ئىشنى ياخشى بىر تەرەپ قىلمىساڭلار، گۇڭشې قانۇن ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىمەن!-دەپ پوپوزىمۇ قىلدىم. ئۇلار ئىشنىڭ ئۇلغىيىپ ئۆزلىرىگە ئاۋارىچىلىق كېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن چېغى، ‹ ۋاي شۇنداق قىلمامدىغان!› دېگەن ياغلىما چەلپەك گەپلىرى بىلەن شۇ يەردىن بىر ھارۋا تېپىپ مېنى گۇڭشېغا يولغا سالدى.

      تۆت كۈن ئۆتۈپ ساۋۇت مامۇت ناھىيىدىن قايتىپ چىقتى. ئۇ ئۆزىچە ماڭا ھۆرپىيىپ قاپتۇ. قارىغاندا، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئايالنى قۇتقۇزىمەن دەپ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغىنىمغا تېخىچە ئاچچىقى يانمىغان بولسا كېرەك. بۇ يەردە مېنىڭ قىلغان ‹ياخشى ئىشىم› نى بىرەرسى تىلغا ئېلىپمۇ قويۇشمىدى. ئەكسىچە تېخى باشقىچە سۆز-چۆچەك، ئىغۋا گەپلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى. شۇڭا ئىززەتخاننىڭ تەقدىرىنى سۈرۈشتە قىلىشقىمۇ قىزىقمىدىم. ئۇ ئىشلار شۇ پېتى قالغان بولدى. 10-ئايدا مېنى بەشتۈگمەن يېزىسىغا يۆتكەپتۇ. يۈك-تاقامنى ئېلىپ يەنە شۇ سۇدىن ئۆتۈپ بەشتۈگمەنگە كەلدىم. شۇندىن كېيىن تالاي يىللار ئۆتتى. ئۇ ئىشلارمۇ ئۇنتۇلۇپ كەتتى...

      1980-يىلى 10-ئايدا، شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 3-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا يازغۇچى سۈپىتىدە ۋەكىل بولۇپ قاتناشتىم. بالدۇر بېرىپ قاپتىكەنمەن، يىغىن باشلانغىچە كوچىلارنى ئايلىنىپ يۈرسەم دۆڭكۆۋرۈكتە ياسىن مەخسۇتقا ئۇچرىشىپ قالدىم. (مەرھۇم ياسىن مەخسۇت ئونسۇ ناھىيە ئارال يېزىسىدىن بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئوپېرا ئۆمەكنىڭ ئىجادىيەتچىسى ئىدى. بىر قانچە يىل بۇرۇن كېسەل سەۋەبى بىلەن قازا قىلغان)، خۇشال-خورام كوچا ئايلاندۇق. كۈن چۈشكە قىيىلغاندا، ياسىن مەخسۇت:

      -قورساقلار ئاچتى، بىرەر ئاشخانىغا كىرىپ قورساق تويغۇزمايمىزمۇ؟-دېدى.

      -كىرسەك كىرىلى،-دېدىم مەنمۇ خۇشياققان ھالدا،-قايسى ئاشخانىغا كىرىمىز، سىز ياخشى بىلىسىز!

      -پويىز ۋوگزالى تەرەپتە ئاراللىق بىر يۇرتدىشىمىز ئاچقان بىر لەڭمەنخانا بار، ئۆزى ئاددىي، ئېشى تەملىك،-دېدى ياسىن مەخسۇت.

    ئۇ ئاشخانا بىزگە يېقىنلا يەردە ئىكەن، ئېگىز بوي، يۈزلىرىنى دانىخورەك باسقان ياش خوجايىن يىگىت دۇكانغا يېقىنلىشىشىمىزغا ئالدىمىزغا چىقىپ قارشى ئالدى.

      -كەلسىلە يۇرتداش يازغۇچى، بۇ مېھمانمۇ بىزنىڭ ئارالدىن ئوخشىمامدۇ؟ ھۆرنىساخان، مېھمانلارغا چاي كەلتۈرۈڭ!-ئىچكىرىگە قاراپ ۋارقىرىدى ئۇ.

      -ئاقسۇ شەھىرىدىن، ئىشقىلىپ ئارالدا كۆپ تۇرغان، مەن بىلەن قەلەمداش، يىغىنغا كەلگەن. ئوبدان قىلىپ لەڭمەن يەيلى.

      ئۈستەللەرگە ئولتۇرۇپ تۇرىشىمىزغا ئېگىز، گەۋدىلىك، كۆكسى، ساغرىلىرى يوغان ھەم تولغان، ئاقسېرىق، 22 ياشلاردىكى بىر قىز بىر قولىدا چەينەك، يەنە بىر قولىدا بىر جۈپ پىيالە كۆتۈرۈپ قېشىمىزغا كەلدى ھەم ئالدىدا ياسىن مەخسۇتقا، ئاندىن ماڭا جەنۇب قىزلىرىنىڭ ئادىتى بويىچە ئىگىلىپ سالام بېرىۋېتىپ، ياسىن مەخسۇتقا قاراپ ئىللىق كۈلۈمسىرىگەن ھالدا:

      -تىنچلىقمۇ ياسىنكا، ئۇزۇن بولدى قارىلىرىنى كۆرمىدۇق، پات-پات كەپ تۇرسىلا!-دېدى.

      ياسىن مەخسۇت ‹ئالدىراش...› دېگىنىچە چاينى ئالدىغا تارتتى.

       -خوجايىنمۇ ئاراللىق، بۇ قىزمۇ ئاراللىق، قارا دۆۋە قارا سۇ مەھەللىسىدىن، بۇ ئاشخانىغا ئۈرۈمچىگە كېلىپ-كېتىپ تۇرغان ئاراللىقلار تاماق يېيىشىدۇ. خىزمەتچىلىرىنىڭمۇ كۆپىنچىسى ئارالدىن. ھېلىقى ھۆرنىسا قىزنىڭ ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن. تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە چىقىپ، مۇشۇ ئاشخانىدا ئىشلەپ قالدى.

      -ھە، توي قىلغانمۇ؟-دەپ سورىدىم.

      -ياق، ئەجەپ بۇنى سوراپ قالدىڭىزغۇ؟

      -بوي-تۇرقى چوپ-چوڭلا ئىكەن، شۇڭا مۇنداقچىلا سوراپ قويدۇم...-دېدىم سەل خىجىل بولۇپ ھەم بىزگە تەخسىلەردە ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان لەڭمەنلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقان قىزنى كۆرۈپ سۆزدىن توختىدىم. ‹ قارا دۆۋە›، ‹قارا سۇ مەھەللىسى› دېگەن ئىسىملار ئىختىيارسىز ئۇزاق يىللار ئىلگىرىكى مەن سۇدىن قۇتقۇزىۋالغان ئىززەتخاننى ئېسىمگە سالغانىدى. قىزغا سەپسالدىم، بويىنىڭ يوغانلىقىنى دېمىسە، چىرايى ئاشۇ ئىززەتخانغىمۇ ئوخشاپ قالاتتى. تېگى-تەكتىنى سوراي دېسەم، ھېلىلا تونۇشتۇم، شۇڭا ئىلاجسىز، تاماق يەپ بولۇپلا قايتىپ چىقتۇق. ياسىن مەخسۇتنىڭ چولىسى تەگمىگەچ ئاشۇ ئاشخانىغا بېرىپ تاماق يەپ يۈردۈم. ھۆرنىسا قىز بىلەن خېلىلا ئوبدان تونۇشۇپ قالدىم. ئۇ قىز ئىشتىن چۈشكەندە ئاشۇ يەردە بىرسى ئاچقان ئەرزان باھالىق ئوپچە ئاياللار ياتىقىدا تۇرىدىكەن. بەزى چاغلاردا تونۇش بىلىشلىرىنىڭكىگە چىقىپ كېتىدىكەن. بىر كۈنى كەچقۇرۇن كوچا دوقمۇشىدا دوقۇرۇشۇپ قالدۇق. ‹جورا›ئىزدەپ يۈرگەن چېغى، مېنى كۆرۈپلا ئۇدۇق-بۇدۇق قىلىپ قىزىرىپ كەتتى.

      -مۇنداقلا ئايلىنىپ يۈرگەنىدىم،-دېدى خىجالەت ئارىلاش يەرگە قاراپ تۇرۇپ، پۇتىدا تېشىلىپ كەتكەن كەش، ئۇچىسىدا كونىرىغان كىيىملەر، ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا ئېچىندىم:

      -يۈرۈڭ، ئايلانغاچ پاراڭلىشايلى،-دېدىم. ئۇ تەكلىپىمنى باشقىچە چۈشەندى بولغاي:

      -ۋىيەي سەت بولارمىكىن، ئۇياقتىن تونۇشۇپ، بۇياقتىنلا!ياسىن ئاكام ئۇقۇپ قالسا سەت بولارمىكىن؟-دېدى. ئەمما بەك ناز قىلىپ كەتمەيلا ياندىشىپ ماڭدى.

      ‹ھەي، بۇ قىز كۆنۈك ئىكەن-دە! ياشاش زۆرۈرىيىتىدىن شۇنداق قىلغانمىدۇ ياكى  ئۆزى ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ؟...› مەن ئۇ قىزدىن خېلىلا چوڭ ئىدىم. راستىنى ئېيتسام، شۇ چاغ ۋۇجۇدۇمغا سۇ يۈگۈرگەندەك مۇرەككەپ بىر خىل سەزگۈ ئويغاندى. ئاقسۇدا قالغان خوتۇن-بالىلىرىم ئېسىمدىن چىقتى. ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا بىر مەرتلىك قىلماقچى بولدۇم. ئۇنىڭ ئۈستۋېشى بەك كۆرۈمسىز ئىدى. يېقىندىكى بىر كەچلىك دۇكاندىن 50 يۈەن قىممىتىدە ( ھازىرقى 500 يۈەنگە توغرا كېلىشى مۇمكىن) ئاياغ، كىيىم-كېچەك ئالدىم. ئۇ چاغلاردا كىيىم-كېچەكلەر بەك ئەرزانچىلىق ئىدى. كونىسىنى تاشلىۋېتىشنى بۇيرۇدۇم. بىر خىلۋەت ھاجەتخانىغا كىرىپ كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ چىقتى. پاھ...كىيىم ھۆسنى-جامالىغا خوپ يارىشىپ باشقىچە ئىسكەت كىرىپ قاپتۇ. ئەمدى كىشىلەر بىزگە گۇمان ۋە كەمسىتىش بىلەن قارىشاتتى.

      -تاماق يېگەنمۇ؟

      -ياق!-دېدى ئۇ تارتىنىپ تۇرۇپ،-ھېلىقى ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتىم. خوجايىن دېگەن گۇي بىر يۇرتلۇق بولغىنى بىلەن بەك ئىنساپسىز نەرسە! مېنى بەك بوزەك ئەتتى، تاپقان پۇللىرىمنى تارتىۋالدى. ئۈرۈمچىمۇ بىزدەك ئىگىسىز سەھرالىقلارغا بىر دوزاخ ئىكەن، يەنىلا ئاشۇ سەھرا بولسىمۇ يۇرتۇم ياخشىكەن.

      ئۇدۇل كەلگەن بىر ئاشخانىغا كىرىپ تاماقلاندۇق.

      ئىشىك تۈۋىگە چىققاندىن كېيىن:

      -قەيەرگە بارىمىز؟-دېدى قىز مېنىڭ جاۋابىمنىمۇ كۈتمەستىن،-ۋوگزالنىڭ ئالدىدىكى قارىياغاچلىققا كېتەيلى، خىلۋەت!

      ئۇ مېنى باشلاپ ماڭدى. ئۈنچىقماي ئەگەشتىم، تونىللاردىن، پەلەمپەيلەردىن كۆتۈرۈلۈپ دېگۈدەك خىلۋەت قارىياغاچزارلىققىمۇ كىردۇق. بۇ يەر ئۇ دېگەندەك ئۇنچىۋالا خىلۋەتمۇ ئەمەسكەن، بىزدىن باشقا كىشىلەرمۇ خېلىلا جىقكەن. مېنىڭ ئوڭايسىزلىنىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلغان قىز ئېرەنسىزلىك بىلەن:

      -كىم بىلەن كىمنىڭ ئىشى، مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇۋېرەيلى!-دېگىنىچە يانتۇ بولۇپ قالغان بىر بوش ئورۇندۇقنى تاپتى. بۇنىڭدىن باشقا ئورۇنمۇ يوقكەن. قىز تۈزۈتسىزلا قوللىرىمنى سىلاشقا باشلىدى. قىياسىمدا ئۇ مېنى ‹ بەزى لۈكچەك، جەللىگۈر، نامەرتلەردىن ياخشى، ئۆزىنى تۇتىۋالغان، ئەدەپلىك ھەم مەرت ئادەمكەن› دەپ چۈشىنىۋالغانىدى. مەنمۇ ئىختىيارسىزلا ئۇنىڭ قوللىرىنى سىلغاچ تېگى-تەكتىنى سۈرۈشتۈردۈم ۋە مۇنۇلارنى ئۇقتۇم:

      ھۆرنىسا قىز ئارالنىڭ قارا دۆۋە-قارا سۇ مەھەللىسىدىن ئىكەن. دەل 22 ياشقا كىرىپتۇ. تۇرمۇشلۇق بولماپتۇ. دادىسى ئانىسىنى قويۇپ بېرىپلا قىزىنى تاشلىۋەتكەن ئىكەن. ئانىسىمۇ ئىگە-چاقىسىز قېلىپ، خورلۇق، قىيىنچىلىق ئازابىدا ئۆپكە كېسىلى بولۇپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ. ھۆرنىسا قىز يالغۇزلۇقتا بەك قىينالغان، باشپاناھسىز بولغاچقا نىكاھلانغۇدەك بىرەرسىمۇ چىقمىغانىكەن. ئاخىرىدا ‹تەلەي›، ياخشىراق تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە چىقىپتۇ.

      قىزنىڭ سەرگۈزەشتىسى مېنى ھەيرەتتە قالدۇردى. قولىنى سىلاشنى توختىتىپ قولۇمنى ئاستا تارتىۋالدىم-دە، قىزغا باشقىچە تەسىر بەرمەسلىك ئۈچۈن، يانغا قاراپ ئولتۇردۇم.

      -ئانىڭىزنىڭ ئىسمى نېمىتى؟

      -ئىززەتخان!-دېدى ئۇ. يۈرىكىم تېز سېلىپ كەتتى، مەندە ھودۇقۇش يۈز بەردى. قىز يەنە:

      -ئانامنى تونۇمتىلە؟ ئارالدا ئۇزۇن ئىشلەپتىكەنلا، بەلكى بىزنىڭ مەھەللىگىمۇ بارغان بولغىيتىلە؟-دەپ سورىدى.

      -ياق! تونۇمايمەن! مۇنداقلا سوراپ قويدۇم،-دېدىم ئۆزۈمنى زورىغا بېسىپ تۇرۇپ.

      -ئانام قەۋەت ياخشى، ئىشچان ئايال ئىدى، ئەمما ئۆمۈر بويى بەختسىز ئۆتۈپ ئۆلۈپ كەتتى. مەنمۇ ئۆمۈر بويى بەختسىز بولۇپ قالدىم. ئۆز ۋاقتىدا ئېزىز ساۋۇت دېگەن بىر ياش بالاڭزا كادىر ئانامنى دەريادىن سۈزۈۋالمىغان بولسا، ئىككىمىز دەريادا غەرق بولۇپ بۇ ۋاپاسىز، تەڭسىز جاھاننىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىدىن بىر يولىلا قۇتۇلاركەنمىز. ئۇ چاغدا مەن قورساقتا ئۈچ ئايلىق ئىكەنمەن. ئانام ئۇ يىگىتنى پاك، جەسۇر، ئىنسانلار ئارىسىدا ياخشىلار قاتارىدىكى بىر ئادەم ئىكەن. لېكىن بىزنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىپ بەك يامان ئىش قىلدى. ئەگەر كۈنلەردە بىر كۈ، شۇ كىشىنى يولۇقتۇرۇپ قالساڭ، مۇبادا بەختلىك بولساڭ، تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ رەھمەت ئېيتقىن، بەختسىز بولساڭ، مېنىڭ بەختسىزلىكىم، تارتقان دەرت-ھەسرىتىم بىلەن قوشۇپ نەپرەت-لەنەت بىلدۈر!-دېگەنىدى.

      مېنى چايان چاققاندەك تولغىنىپ، ئورنۇمدىن ئىختىيارسىز تۇرۇپ كەتتىم.

      -ھە، راستىنلا شۇنداق دېگەنمىدى؟!

      -شۇنداق دېگەن!...

      -ئانىڭىز توغرا دەپتىكەن!-دېدىم ھاياجىنىمنى زورىغا بېسىپ تۇرۇپ.

      -لېكىن ئانامنىڭ تۇرمۇش ئازابلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي دېگەن گېپى! كۆپ چاغلاردا ئۇ ئادەمنىڭ ياخشى گېپىنى قىلاتتى. سۇدا جان تالىشىپ ئېقىپ كېلىۋاتقان ئايالنى كۆرگەن ھەر كىم سەل قارىيالامدۇ؟ بېشىمىزغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى ئۇ يىگىت قىلغان ئەمەس، تەقدىر-قىسمەتتىن. ئەگەر شۇ كىشىنى ئۇچرىتىپ قالسام تىزلىنىپ رەھمەت ئوقۇيتتۇم،-دېدى ئۇ ماڭا تەنتەنە ئاھاڭدا. ‹ئاشۇ كىشى مەن، ئەمسە ماڭا نەپرەت بىلدۈرۈڭ!› دېگۈم كەلدى.لېكىن ئۆزۈمنى ئاشكارىلاشنى خالىمىدىم. ئىچ-ئىچىمدىن قايناپ تۇرغان پىغانلىق يىغا يۈرەك-باغرىمنى قان قىلىپ كېتىپ باراتتى. قىز ھەيران بولۇپ:

      -نېمە تۇرۇۋاللا!؟ ئەپسىز كۆرۈۋاتىلا-ھە، بۇ يەرنى، نېرىسىغا كېتەيلىمۇ ئەمسە؟-دېدى.

      -ياق! قايتىپ كېتەيلى.

      -نېمە؟ ئوينىماملا؟ ماڭا كۆپ چىقىم قىلدىلا، قايتۇرالمايمەن.

      ۋۇجۇدۇمدا مادار قالمايۋاتاتتى، ھېلىلا يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك ئاران-ئاران تۇراتتىم. ئېسىمگە كەلگەن گەپلەر بىلەن تۈزۈت قىلدىم:

      سىڭلىم، ئۇ قانچىلىك چىقىم ئىدى. بولدى ئېغىزىڭىزغا ئالماڭ، ياش پەرقىمىز بەك چوڭ. مەن خىلىڭىز ئەمەس. خوتۇن-بالىلىرىم بار ئادەم مەن، ئوڭايسىزلىنىپ قالدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېچە شامالداپ قالغان چېغىم، تۇيۇقسىزلا مىجەزىم ئۆزگىرىپ قالدى. باشقا بىر خۇشال-خورام پۇرسەت چىققاندا بىزگە بولارمىز، سىزنى ئىزدەپ تۇرىمەن،-دېدىم.

      شۇنداق قىلىپ بىز قايتىشتۇق. كېلىۋېتىپ قىزدىن:

      -ئەمدى قانداق قىلماقچىسىز؟-دەپ سورىدىم.

      -يۇرتۇمغا قايتىپ، نېمە بولسام شۇ يەردە بولاي دەيمەن، بىراق قولۇمدا پۇل يوق، تۆت-بەش كۈن پۇل تېپىۋېلىپ، ئاندىن يولغا چىقسام بولارمىكىن.

      -مەن ئەتە ئاقسۇغا قاراپ يولغا چىقىمەن. بىرگە قايتىمىزمۇ يا. ئارالغا كەتكىچىلىك خىراجىتىڭىزنى مەن قىلىپ بېرەي، خاتىرجەم بولۇڭ!

      خېلىلا كەچ بولۇپ قالغانىدى. كوچا چىراغلىرى يورۇپ كەتكەن، ئادەملەر ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. چىراغ يورۇقىدا قىزنىڭ چىرايىغا سەپسالدىم. ھەمىشە بىر سۇلغۇنلۇق ئىپادىلىنىپ تۇرغان چېھرىدە ئەمدى كۆرۈلۈپ باقمىغان خۇشاللىق نۇرلىرى جىلۋىلەندى.

      -شۇنداق قىلسىلىغۇ قەۋەتلا خۇش بولاتتىم، لېكىن سىلىگە بەك ئېغىرچىلىق چۈشۈرۈپ قويارمەنمىكىن!

      -ئەمسە ئەتە سەھەر لاقا-لۇقىلىرىڭىزنى يىغىشتۇرۇپ بېكەتكىلا كېلىڭ، يولغا چىقىمىز.

      قىزنى قونالغۇسىغا ئاپىرىپ قويۇپ قايتىپ كەتتىم.

      قىز يول بويى ماڭا كۆيۈنۈپ كەلدى. يۈز، پۇت يۇيىدىغان سۇلارنى تەييارلاش، چاي، نان ئەكىلىش، قونالغۇدا ئالدىن تۇتۇپ ياتاق تۇتۇش ۋەھاكازا...لاردا خۇددى مېنىڭ خىزمەتكارىمدەك پايپېتەك بولاتتى. ئاپتوبۇستا بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇق. ياشلىق گۈزەللىكى بەرق ئۇرۇپ تۇرغان قىزنىڭ يۇمشاق تېنى، تېنىمگە تېگىپ تۇرىدۇ. ئۇ ئەتەيلەپ ماڭا سۈركىلىپ تۇرىدۇ. نەچچە قېتىملاپ ئۇخلاپ قالغان بولۇۋېلىپ يا قوللىرىنى مۆرەمگە قويۇۋېلىپ كۆكسىنى تېنىمگە يېقىشقا ئۇرۇنىدۇ. يا بېشىنى تىزىمغا قويۇپ يېتىۋالىدۇ. خۇدۇكسىرەپ ئەتراپىمغا قاراپ قويىمەن. سىلىق ھەرىكەتلىرىم بىلەن قوللىرىنى بوينۇمدىن ئېلىپ ياكى بېشىنى يۆلەپ دېگۈدەك تۈزەشتۈرىمەن. تەلىيىمگە يارىشا ئاپتوبۇستا بىرەر تونۇش-بىلىشمۇ يوقكەن. تۇيۇپ تۇرىمەن. بىچارە قىزنىڭ ماڭا قىلغان بارلىق سۈركىلىشلىرى مېنىڭ قىزىقىشىمنى ئاشۇرۇش، مېنى رازى ۋە خۇشال قىلىش، ئەرزىمىگەن خەيرىخاھلىقىم، لېكىن ئۇنىڭ ئۈچۈن كاتتا تۇيۇلغان ياخشلىقىم ئۈچۈن جاۋاب ياندۇرۇش. چۈنكى ھازىر ئۇنىڭدا ماڭا مىننەتدارلىق بىلدۈرگىدەك ھېچقانداق بايلىق، مەرتىۋە، ئىمكانىيەت يوق. پەقەت كىشىنى ئۆزىگە جەلب قىلىپ تۇرىدىغان ياشلىق لاتاپىتى، بەرق ئۇرۇپ تۇرغان گۈزەل ۋۇجۇدى، لەززەت-ھوزۇر بېغىشلايدىغان خۇلقى-كەرەشمىلىرى بار. ئۇ ئاشۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىپ مېنىڭ ياخشىلىقىمغا ياخشىلىق قايتۇرماقچى.

      كۆزۈمگە بىر قەتر ياش كېلىپ گېلىم بوغۇلدى. ئۆزۈمنى زورىغا بېسىۋالدىم. تەقدىر دېگەن كۆزىگە، يۈرىكىگە زىق تىققۇم كەلدى. ‹ لەنەت ساڭا، قاردەك پاك، ياخشى ئادەملەر ئاشۇ خىسلىتى بىلەن ئۆمۈر بويى خورلۇقتا، سەرسانلىقتا ئۆتىدۇ، شەيتاندەك رەزىل، چاياندەك يىرگىنىشلىك، ئېشەكتەك دۆت، پەسكەش، تۈلكىدەك ھىيلىگەرلەر بولسا بەخت-ئامەت، بايلىق ئۈستىدە...›

       ئاپتۇبۇس كۇچاغا كەلگەندە بۇزۇلۇپ قېلىپ قونىدىغان بولۇپ قالدۇق. كۈن بالدۇر ئىدى. ياتاق تۇتۇپ، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن قىز:

      -ئېزىز ئاكا ( ئۇ تونۇشقاندىن بۇيان مېنى ئىسمى ئوخشىشىپ كېتىدىغان باشقا ئېزىز ساۋۇت سۈپىتىدە تونۇپ كەلدى) كۈن بالدۇركەن، ماۋۇ ئۆستەڭ بويى بەك خۇش ھاۋالىق ئىكەن. ئۆستەڭ ياقىلاپ ئايلىنىپ كەلمەيمىزمۇ؟-دېدى.

      -ئايلىنىپ نېمە قىلىمىز؟

      -ئەجەپكەنلا، نېمە قىلاتتۇق، ھاۋا يەپ كېلىمىز-شۇ!

      قىزنىڭ رايىنى قايتۇرغۇم كەلمىدى. ئۆستەڭ ياقىلاپ ئۈستۈنگە مېڭىپ ئادەممۇ يوق، خىلۋەت بىر بوستان سۆگەتلىككە كېلىپ قالدۇق.

      -بەك ھاۋالىقكەن، مۇشۇ يەردە بىردەم ئولتۇرايلى،-دېدى ئۇ. ئولتۇرۇپ تۇرۇشۇمغا قىز ئۇشتۇمتۇت قوللىرى بىلەن بوينۇمغا گىرە سېلىپ، قۇچاقلاش ئۈچۈن ئۆزىگە تارتتى ۋە كۆڭلىدىكى گېپىنى ئېيتتى.

       -ئېزىز ئاكا، نېمانچە ئۆزلىرىنى قاچۇرۇپ يۈرۈيلا! يېشىمىزدا پەرق بولسا نېمە بوپتۇ؟ ھەر قانداق ئەر، تىرىك جان بۇ ھوزۇر-ھالاۋەتتىن مۇستەسنا ئەمەس. مېنى قىز ئەمەس، كوچىغا چىقىپ قالغان دەپ يىرگىنىپ يۈرەملا يا؟ ئۆزۈمنى پاك ساقلىغىم، ياخشى بىر ئەرنىڭ پېشىنى تۇتۇپ ئۆيلۈك، پەرزەنتلىك بولغۇم بار ئىدى. بۇ بەخت ماڭا نېسىپ بولمىدى. پاناھسىز يېتىمەك قىز ئۈچۈن تىرىكچىلىكتە ئىپپىتىنى ساقلاپ قېلىش قىيىن ئىكەن. مەن ئۇچراتقان ئادەملەرنىڭ ئىچىدە ياخشىراقى سىلە، قىز ۋاقتىمدا ئۇچراپ قالغان بولسىلا، قىزلىق ئىپپتىمنى سىلىگە بېغىشلايتتىم. ئەپسۇس ئۇنى ساقلاپ قالالمىدىم. قىزلىق ئىپپىتىم بولسىمۇ قىزلىق روھىم بار. كەلسىلە، ھوزۇر ئالسىلا!...

      ناھايىتى سىلىق ھەرىكەت بىلەن قىزنىڭ قوللىرىنى بوينۇمدىن ئېلىپ، يۇمران گەۋدىسىنى نېرى ئىتتەردىم-دە، ئورنۇمدىن تۇردۇم، ‹ئەمدى ئۆزۈمنى تونۇتمىسام بولمىدى.›

      -ھۆرنىسا قىز، ئەمدى دېمەي بولمىدى. ئاشۇ يىللاردا دەريادىن ئانىڭىزنى سۈزۈۋالغان، سىلەرنى بەختسىزلىكنىڭ ئازابىغا قالدۇرغان ئېزىز ساۋۇت مانا مەن بولىمەن. ئانىڭىزنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن ئەمدى مېنى ئەيىبلەڭ، لەنەت-نەپرەت ئوقۇڭ، مېنى تازا تىللاڭ!

      مېنىڭ بىلەن تەڭ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكەن قىز ھاڭ-تاڭ قېتىپلا قالدى. بىر ھازادىن كېيىن ئۆزىگە كېلىپ بېشىمدىن ئايىغىمغىچە زەن سېلىپ چىقتى.

      -ۋىيەي سىلە راست ئاشۇ كىشىما؟ راستىنلا شۇ كىشىما؟ راست شۇ كىشى ئىكەنلىكلىرىگە ئىشىنىمەن، سىلە چوقۇم شۇ كىشى. سۆز-ھەرىكەت، سۈپەتلىرىدىن مەنمۇ ئاشۇ كىشىمىكىن دەپ پەرەز قىلىۋىدىم.ھە،،،مېنى ئاياپ، پەزىلەتلىرىنى ساقلاپ يۈرۈپتىكەنلا-دە! سىلىدە ئانام ئېيتقان بارلىق ياخشى سۈپەتلەر راستلا تېپىلىدىكەن. شەپقەتچىم، سىلىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت! ئانا-بالا ئىككىمىزگە قىلغان ياخشىلىقلىرىنىڭ ئەجرى بىزدىن يانمىسا، ئاللادىن يانار! كۆپتىن-كۆپ قۇللۇق!-قىز تىزلىنىپ پۇتلىرىمنى قۇچاقلاپ ھەم سەجدە قىلماقچى بولۇۋىدى، يول قويمىدىم، يۆلەپ تۇرغۇزدۇم.

      -ئۇنداق قىلماڭ، ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ! بىز مۇسۇلمانلاردا ئادەمگە سەجدە قىلىدىغان ئادەت يوق. ھەممىمىز ئاللانىڭ ئالدىدا باراۋەر يارالغان. چاپسان تۇرۇپ كېتىڭ!

      قىزنىڭ كۆزلىرىدىن ياش سىرغىدى، ئەمدى قىزنىڭ روھىي ھالىتى پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەنىدى.

      -مېنى كەچۈرسىلە، ئېزىز ئاكا! سىلىنى بىلمەي قاپتىمەن، گۆدەكلىك قىلىپ قويغان ناشايان قىلىقلىرىمغا نېمىدەپ قالغانلا؟ مېنى راستتىنلا كەچۈرسىلە!

      -بولدى سىڭلىم، ئۇ گەپلەرنى قويايلى!

      قىز ئەمدى ئارقامدىن ئارىلىق قالدۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. ماڭا ھەيران بولۇپ، مېنى كۈزىتىپ كېلىۋاتقانلىقى ئېنىق ئىدى. شۇ تاپتا مەن ئۇنىڭ نەزىرىدە ‹ ئىنتايىن پاك بىر ئەۋلىيا› غا ئايلانغانىدىم. مېڭىش-تۇرۇش، گەپ-سۆز، مۇئامىلە-ھەرىكەتلىرىدە مېنى ھۆرمەتلەش، ئىخلاسمەنلىك، ماڭا بىھۇدە ھالاقىپ يۈرمەسلىك ئىپادىلىرى بىلىنىپ تۇرىدىغان بولدى. بۇ ئىخلاسمەنلىكى ياكى ئۇنى ئارالغا ئۇزىتىپ قويغانغا قەدەر ئۈزۈلۈپ قالمىدى.

      بىز ئاقسۇغا كېلىپلا، ئارالغا ماڭىدىغان بىر تونۇش شوپۇرنى تېپىپ ماشىنىغا سېلىپ قويدۇم ھەم ياخشىلاپ تاپىلىدىم. ئاندىن قولىغا 30 يۈەن پۇل تۇتقۇزدۇم. كابىنكىغا ئوبدان جايلىشىۋالغاندىن كېيىن قىز، مەندىن ئايرىلىشقا قىيالمىغان ھالدا كۆز يېشى قىلىپ خوشلاشتى.

      -سىلىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت! ئېزىز ئاكا، سىلىنى چوقۇم ئىزدەپ تۇرىمەن، مېنىمۇ ئىزدەپ تۇرسىلا، تاشلىۋەتمىسىلە! خۇدا سىلىگە، ئائىلە، بالا-چاقىلىرىغا ئەبەدىي بەخت-سائادەت، ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلغاي، خەي-خوش، ئىھ ئادەملەرنىڭ ياخشىسى!

      قىزنىڭ ماڭا بىلدۈرگەن پاك ھۆرمەت-ئىخلاسىدىن گويا ۋىجدانىي ئازاپ چېكىۋاتقاندەك بولدۇم. مەن  ئۆز-ئۆزۈمگە شۇنداق دەيتتىم: ‹ ھەي ئېزىز ئاخۇن، سىز راستىنلا ئۇ قىز ئويلىغاندەك شۇ قەدەر پاك، ئەۋلىيا سۈپەت ئادەممۇ؟!›كۆز ئالدىمدا كىشىلىك تۇرمۇشتا قىلغان ياخشى ئىشلىرىم بىلەن بىرگە، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان شۇملۇقلىرىممۇ بىر-بىرلەپ ئۆتتى. ‹بۇلارنى قىزغا دېسەم، بىردىنلا ئىخلاسى قايتىپ مەندىن ھۆ بولۇپ كېتەر، دەيمۇ يە؟ دېمىسەم ئۇنىڭ ئالدىدا ساختىپەزلىك، سەمىمىيەتسىزلىك قىلغان بولىمەن› قىز مەندىن جاۋاب كۈتۈپ تۇراتتى. ‹ياق! دېمەي، دەپ نېمە قىلارمەن؟ قىزنىڭ ئىخلاس خاتىرىسىدە پاك، ئادەملەرنىڭ ياخشىسى سۈپىتىدە قالاي!›

      -خەير خوش سىڭلىم ئامان بولۇڭ! كۆرۈشۈپ تۇرارمىز!

      قىزنىڭ ئاپتوبۇسنىڭ قارىسى يۈتكىچە كابىنكىدىن باش چىقىرىپ، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ مېنىڭ بىلەن خوشلىشىپ ماڭدى. ئەپسۇسكى، شۇ خوشلاشقانچە تاكى ھازىرغىچە قايتا ئۇچرىشىش نېسىپ بولمىدى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.