ياۋا توڭگۇزلار بىلەن ئېلىشىش(راست ئىشلار خاتىرىسى)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-17 17:46:49

ياۋا توڭگۇزلار بىلەن ئېلىشىش(راست ئىشلار خاتىرىسى)ئېزىز ساۋۇت 1959 - يىلى قەشقەر يېزا ئىگىلىك تېخنىكومىنى پۈتتۈرۈپ، ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ ئارال يېزىلىق يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورنىغا تەقسىم قى...


    ياۋا توڭگۇزلار بىلەن ئېلىشىش
    (راست ئىشلار خاتىرىسى)
    ئېزىز ساۋۇت


         1959 - يىلى قەشقەر يېزا ئىگىلىك تېخنىكومىنى پۈتتۈرۈپ، ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ ئارال يېزىلىق يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورنىغا تەقسىم قىلىندىم. ئارال يېزىسى قۇم ئېرىق ۋە توشقان دەريالىرىنىڭ قوشۇلۇش ئېغىزىنىڭ ئۈستىدىكى ئۈچ بۇرجەك قىسماق ئاچىغا جايلاشقان يېرىم ئارال بولۇپ، مۇھىتى گۈزەل، ياپيېشىل بوستانلىق يۇرت ئىدى. شۇ يىلى 9 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى پۈتۈن يېزا دائىرىسىدە كېلەر يىللىق كۈزگى بۇغداي تېرىلغۇسى باشلىنىپ، ھەممە سەپنىڭ خىزمەت نۇقتىسى مۇشۇ ئىشقا قارىتىلغانىدى.
     
         تەتقىقات ئورنىمىزدا ئالتە نەپەر خادىم بولۇپ، ھەممىمىز پەن - تېخنىكا يېتەكچىسى سۈپىتىدە ھەرقايسى باشقۇرۇش رايونلىرىغا بىردىن تەقىسىم بولۇپ، ئىش ئورنىغا يۈرۈپ كېتىشتۇق. ۋەزىپىمىز مەھەللە - كەنت باشقۇرۇش رايونلىرىنىڭ مەمۇرىي مەسئۇللىرىغا تېخنىكا مەسلىھەتچىسى بولۇش، كۈزگى بۇغداي تېرىلغۇسىنىڭ پەن - تېخنىكا ئۆلچىمىگە نازارەتچىلىك قىلىش، قالاق تېرىقچىلىق ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، زامانىۋى يېڭى يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا ئاساسىدا كۈچلۈك تەدبىرلەر بىلەن دېھقانچىلىقنى يېڭى ئىزغا سېلىش ئىدى.
    مېنى ئارال يېزىسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان جىگدە باشقۇرۇش رايونىغا تەقسىم قىلغانىدى. شۇ كۈنى تۆۋەنكى مەكتەپتە بىر كېچە قونۇپ، ئەتىسى سەھەردىلا جىگدە يېزىسىغا ماڭماقچى بولدۇم. تەلىيىمگە شۇ ياققا بارىدىغان بىرەر ھارۋىمۇ چىقمىدى. نېمە ئىلاج؟ ئاخىر پىيادە مېڭىشقا مەجبۇرى بولدۇم. خۇدا بەردى مەمەت ماڭا يول كۆرسىتىىپ:
     گۈلدۈرمە، قارا سۇ بويى، يەنە مەھەللە ئىچى بىلەن ماڭسىلا بەك ئايلىنىپ يولنى ئۇزارتىۋالىلا، ئۇدۇللا تالا بۇلاق يايلىقىنىڭ ئىچىدىن كېسىپ ئۆتكەن يول بىلەن ماڭسىلا، ئۈچ - تۆت كىلومېتىرلا كېلىدۇ، يېقىن، دېدى.
    پومپىيىپ كەتكەن سومكامنى مۈرەمگە تاشلىدىم. سومكامدا نان، باكىلوچكىدا سۇ، يەنە پەن - تېخنىكىغا ئائىت ماتېرىياللار، ئاغزى رېزىنكە ياپقۇچ بىلەن ھىم ئېتىلگەن بىر قۇتا ئاپتول ئارىلاشتۇرۇلغان بېنزىن، ئامبۇر، كولۇچلار، بولقا، گايكا، ھەتتا مىخقىچىلىك... ھەممىسى تېپىلاتتى. چۈنكى تېرىقچىلىق تېخنكىسىدىن تارتىپ، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىشقىچە بولۇپ ھەممە ئىشلاردا بۇ نەرسىلەر تولىمۇ كېرەكلىك بولاتتى. ئاخىر يول كۆرسەتكۈچىمۇ خوشلىشىپ كېتىپ قالدى. ئىلگىرى يالغۇز زادىلا مېڭىپ باقمىغان ئىككى تەرىپىنى ئېگىز قومۇشلۇق، ئوت - چۆپ بېسىپ كەتكەن ھارۋا يولى بىلەن كېتىپ بارىمەن. ئىككى - ئۈچ يۈز مېتىرچە ماڭغاندىن كېيىن باشقىچە مەنزىرىلەر كۆرۈنۈشكە باشلىدى. «تالا بۇلاق» دېگەن ئارال يېزىسىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى ئون مىڭ مودىن ئاشىدىغان ياپيېشىلچىلىق بىلەن قاپلانغان پايانسىز يايلاق ئىكەن. يايلاقنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئارىلاپ - ئارىلاپ ئون - ئون بەش مو چوڭلۇقىدا قايناپ تۇرغان كۆپلىگەن بۇلاقلار، كۆللەر ئۇچراپ تۇراتتى. كۆل ئىچىدە ئۆسكەن دەرەخلەر، يىقىلىپ چىرىپ كەتكەن دەرەخ قالدۇقلىرى، ئۇچ - تۆت مېتىر ئېگىز ئۆسكەن قومۇش، يىكەنلەر... كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان پار غىلمانلىقىدا سۇس كۆرۈنۈپ تۇرغان گۈزەل، سۈرلۈك بۇ كۆرۈنۈشلەر خۇددى ئەپسانىلەردىكى سىرلىق جايلارغا ئوخشاپ، يالغۇز سەپەرچىگە قورقۇنچ سالاتتى.
       كۆز ئالدىمدىكى يوللار بارغانسېرى قورقۇنچلۇق تۈس ئېلىشقا باشلىدى. قاياقلاردىندۇر غەلىتە ھايۋان، قۇشلارنىڭ ھۆركىرىگەن، چىرقىرىغان، چاڭىلدىغان ئاۋازلىرى كېلىپ تۇراتتى. گاھىدا يىرگىنىشلىك تېنىنى ئەگرى - بۈگرى سۆرىگىنىچە يولدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈۋاتقان يوغان يىلانلارغا، سۇ چاشقىنى (قاما)، تۈلكىلەرگە كۆزۈم چۈشكىنىدە سەسكىنىپ تۇرۇپ قالاتتىم. بۇنداق چاغلاردا يېزا ئىگىلىك كەسپىدە ئوقۇغىنىمغا پۇشايمان قىلاتتىم - دە، شەھەرگە قايتىپ باشقا ئىش قىلماقچىمۇ بولاتتىم. يەنە ئۆزۈمگە ھاي بېرىپ سەپىرىمنى داۋام قىلاتتىم.
        بىر كىلومېتىردەك ماڭغاندىن كېيىن، قارىسام يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەندىن ئىككى - ئۈچ يۈز مېتىرچە نېرىدا، خارتىلداشقىنىچە بىر - بىرىنى قوغلىشىپ يۈرگەن رەڭگى سۇس كۆك، قامىتى زور ئىككى ھايۋانغا كۆزۈم چۈشتى - دە، ئىختىيارسىز تەنلىرىم جۇغۇلداپ كەتتى. ئۇنىڭ تۇرقى ئۆي چوشقىسىغا ئوخشاپ كەتسىمۇ، ئەمما ياۋايىلىق تۈسى ئۆزگىچە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بەتبەشىرە قىياپەتلىك ئىدى. ئىلگىرى ياۋا چوشقىلارنى پەقەت كۆرۈپ باقمىغانىدىم. «ھە، ياۋا توڭگۈز  ياۋا چوشقا دېگەن شۇ ئىكەن - دە! نېمىدېگەن كۆرۈمسىز، قورقۇنچلۇق؟ ئادەمنى يېرىپ تاشلايدۇ، دەپ ئاڭلىۋېدىم. ئەمدى يولدىن قانداق ئۆتەرمەن؟ خىرىس قىلسا نەگىمۇ قاچارمەن؟ ئەتراپ قومۇش - يىكەنلىك، سازلىق تۇرسا! ئىپلاس ئوغرىلار! ھۇ گۇيلار! مېنى قورقۇتۇپ مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن قەستەن مۇشۇ يولغا سېلىپ قويۇشقىنىنى؟! ماڭا قىلىشقان زەھەرخەندىلىكىڭ ئۈچۈن تىلىڭغا كۆيدۈرگە چىقار ئىلاھىم!» دېگەنلەر خىيالىمدىن كەچتى. نېمە قىلارىمنى بىلمەي غېرىبسىنىشقا باشلىدىم. بىردىنلا شەھەردىكى ئاتا - ئانا، ئائىلەمنى سېغىنىپ ھەر خىل خىياللار مېنى چۇلغىۋالدى. بۇ تېخى ئەمدى ئون سەككىز ياشلارغا كىرگەن بويتاق چاغلىرىم بولۇپ، بۇنداق سەھرا، سۈرلۈك جايلارنى كۆرۈپ باقمىغان ۋاقتىم ئىدى.
       سېنتەبىر ئېيى ياۋا توڭگۈزلارنىڭ ئىككىنچى قېتىم جۈپلىشىدىغان ۋاقتى ئىكەن. ھېلىقى توڭگۇزلارنىڭ بىرسى ئەركەك، بىرسى چېشى مېكىجىن بولسا كېرەك. بىر - بىرىنى قوغلىشىپ، پۇراپ - يالىشىپ يۈرۈشكەنىدى.
       ئادەتتە ياۋا توڭگوزلار ئادەم ۋە باشقا جانلىقلارغا ئۆزلۈكىدىن چېقىلمايدۇ. بەلكى ئادەمدىن قورقىدۇ. خىرىسقا دۇچ كەلگەندە، دۈشمەنلىشىش كەيپىياتى كۆرۈنگەندە، يارىدار بولغاندا ئاندىن قارشىلىشىپ چېقىلىدۇ. غالجىرلاشقاندا بولۇپمۇ ئەركەك توڭگۇزلار (قاۋان) ھىڭگايغاندا ئۇزىراپ چىققان قىژغۇچ ئوقرەك چىشى بىلەن رەقىبىنىڭ قورسىقىنى يېرىپ تاشلايدۇ، دەپ ئاڭلىغانىدىم.
        ياۋا توڭگۇزلارمۇ ئىتقا ئوخشاش كوسۇغا كىرىدىكەن، لېكىن ئىتتەك بىرقانچە قانجۇقنى يەتتە - سەككىز ئەركەك ئىتلار تالىشىپ - چىشلىشىپ ئەمەس، بىر جۈپ بولۇپ كوسۇغا كىرىدىكەن. ئەمما كوسۇغا كىرگەندە ئىتلارغا ئوخشاش چىشى مېكىجىننىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇپ، «بۇيرۇق»لىرىغا پىداكار - سادىقلىق بىلەن ئەمەل قىلىدىكەن. مۇبادا قانجۇق بىرەر ئادەم، جانلىق ياكى نەرسىلەرنى كۆرۈپ غەزەپلىنىپ قاۋاپ قويسا، ئەركەك ئىتلار بۇنى «خىزمەت» كۆرسىتىشنىڭ پۇرسىتى دەپ قاراپ دەرھال ھەممىسى شۇ نەرسىگە خىرىس قىلىدۇ. ئېتىلىپ تالاشقا باشلايدۇ. ياۋا توڭگۇزمۇ شۇنداق ئىكەن. چىشى مېكىجىن مېنى كۆرۈپ تۇمشۇقىنى ئېگىزگە كۆتۈرۈپ قويۇۋېدى، قاۋان  «شاپپىدە» بېشىنى كۆتۈردى - دە، ماڭا قاراپ ئېتىلدى.
        «قانداق قاچارمەن؟» دەپ ئويلاشقىمۇ ۋاقىت يوق. جان دېگەن شۇنداق تاتلىق، قارىسام يول چېتىدە يېنىمدىلا تولىمۇ يوغان شاخلىق بىر تۈپ بولجا قاپاق تېرەك تۇرىدۇ. پەس تەرىپىدە شاخ پۇتىقىمۇ يوق سىلىق ئىكەن. شۇنداق بولسىمۇ مايمۇندەك چاققانلىق بىلەن غولىنى قاماللاپ يۈرۈپ تېرەك ئۈستىگە چىقىۋالدىم. ئۈچ مېتىرچە يۇقىرىدا شاخلار بارغانسېرى ئېگىزلىككە قاراپ ئۆسۈپ كېتىۋاتقان ئۇدۇل شاخلىغان ئۈچ ئاچا پۇتىماقنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلىشىپ ئولتۇرۇۋالدىم. تېرەكنىڭ بىر يېنى كۆلىمى تۆت - بەش مو كەلگۈدەك يىكەن باسقان بۇلاقلىق كۆل ئىكەن. ناۋادا تېرەكتىن يىقىلساملا تېگى ئادەمنى شۈمۈرۈپ يۇتۇپ كېتىدىغان ئاشۇ پاتقاق - سازلىق كۆلگە چۈشۈپ كېتەتتىم. توۋا، تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۆرمەمدىغان. پۇتىقى يوق، ئىككى ئادەمنىڭ قۇچىقى ئاران يېتىدىغان بولجىنىڭ غولىغا قانداق ياماشتىم؟ قانداق چىقتىم؟ باشقا ۋاقىت بولسا، تۆت - بەش ئادەم ساغرامدىن يۆلىسىمۇ بۇنداق يوغان تېرەككە چىقالماس ئىدىم.
        تاپانداپ قوغلاپ كەلگەن قاۋان تېرەككە چىقىپ بولغىنىمنى كۆرۈپ، قاتتىق غەزەپلەندى- دە، خارتىلداپ ئەتراپنى چۆرگىلەشكە باشلىدى. ئاڭغىچە مېكىجىنمۇ يېتىپ كەلدى. بۇ بىر جۈپ توڭگۇزنىڭ  قىياپىتى ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق ئىدى.
        توڭگۇزنىڭ  چوڭلۇقى ئادەتتىكى تۆت ياشلىق كالا بوقىسىدەك كېلەتتى. ئالدى تەرىپى كەڭ، يوغان، ھەيۋەتلىك. كەينى بېلى ئىنچىكە، ئون - ئون بەش سانتىمېتىر كېلىدىغان گەجگىسىدىكى يىرىك يايلى كىرپىنىڭ تىكىنىدەك تىكلەشكەن، پۇتلىرى ياپىلاق، ماڭلىيى ۋە جاۋغايلىرى، قىسماق كۆزلىرى كۆرۈمسىز، ھىڭگايغان ئېغىزىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان سارغايغان چىشلىرى ۋە ئىككى تەرەپ قوۋزىدىن ئون سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا چىقىپ تۇرغان سارغۇچ، توم، قىرغۇچ چىشى ماڭا شۇنچە بەتبەشىرە، يىرگىنىشلىك تۇيۇلۇشقا باشلىدى. مېكىجىننىڭ جۇغى قاۋاندىن  سەل كىچىكرەك، ئادەتتىكى تۆت ياشلىق غۇنۇجۇندەك كەلسىمۇ، لېكىن قەبىھ كۆرۈنۈشى قاۋاندىن  قېلىشمايتتى. مېكىجىننىڭ قۇيرۇقى يېرىم كۆتۈرۈلگەن، جىنسىي ئەزاسىمۇ قىزىرىپ ئىششىغان، قاۋاننىڭمۇ  قۇيرۇقى يېرىم كۆتۈرۈلگەن، پۈرىكى (كۆتى) بورتۇپ چىققان. پۈرىكى ئاستىدا ئەتكە چاپلىشىقلىق ئورۇق بەزلىرى تاشتەك بورتۇپ - كۆپۈشۈپ چىققان. بۇ نىجىسلار ئەتىدىن بېرى يولدا «مۇھەببەتلىشىپ»، جۈپلىشىپ يۈرگەن بولسا كېرەك. مېكىجىن ماڭا قاراپ «خورت، خورت» قىلىۋېدى، قااننىڭ يەنە جۇدۇنى ئۆرلەپ چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ ماڭا خىرىس قىلىشقا باشلىدى. ئالدى پۇتلىرىنى ئۆرە قىلىپ تېرەككە چىقماقچى بولۇۋېدى، تېيىلىپ چۈشۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ غەزەپلىنىپ خورتىلدىغىنىچە، قىرغۇچ چىشلىرى بىلەن بولجىنىڭ غولىغا كۈچەپ ئۇرغاندا، شۇنداق زور بولجا گويا ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغاندەك لىڭشىپ كەتتى. كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ، كۆلگە چۈشۈپ كەتمەسلىك ئۈچۈن شاخلارنى چىڭ قۇچاقلىۋالدىم. بولجىنىڭ يىلتىزلىرى كۆلگە قاراپ كەتكەن بولۇپ، بوشتەك قىلاتتى. ئۆرۈلۈپ كەتسە پاتقاق كۆلگە چۆكۈپ كېتىمەن. ئەمما قاپاق تېرەكنىڭ ئوق يىلتىزى يەر قەھرىگە ئۇدۇل كىرىپ كەتكەن بولۇپ مەزمۇت ئىكەن، بولجىنى يىقىلىشتىن ساقلاپ قالدى. قاۋان بولجا غولىغا قىرغۇچ ئۇرغاندا قاتتىق ياغاچنىڭ قارشىلىق كۈچى قىرغۇچنى ئاغرىتىۋەتتىمۇ قانداق، كېيىن ئۇ بۇ ئىشتىن يالتايدى - دە، دولىسى بىلەن بولجىنى كۈچەپ لىڭشىتىپ باقتى. دەرەخ لىڭشىپ كەتكەن بولسىمۇ، يىقىلمىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بۇ ئىشتىن نەتىجە چىقمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ نېرىغا كەتتى. بىر دەم ھاردۇق ئېلىۋالغاندىن كېيىن، يەنە مېكىجىن بىلەن ئىشقىۋازلىقىنى باشلىۋەتتى. بۇلارنى تېرەك ئۈستىدە كۆرۈپ تۇردۇم. بىر تۇرۇپ غەزىپىم تاشسا، بىر تۇرۇپ كۈلگۈم كېلەتتى. بۇ نىجىسلارغا مۇھەببەتلەشكىلى باشقا يەر تېپىلمىغانمىدۇ؟ نېمىشقا مېنىڭ بىلەن قېرىشىدىغاندۇ؟
        ھېرىپ - چارچاپ كەتكەن قاۋان ئاستا چامداپ بولجىنىڭ تۈۋىگە كەلدى - دە، ماڭا قاراپ خورتىلدىغىنىچە بېشىنى ئۇياققا، كۆتىنى مەن تەرەپكە قىلىپ، بولجىنىڭ غولىغا يۆلىنىپ سۇنايلىنىپ ياتتى. مېكىجىن ئۇنىڭ ئالدى تەرىپىدە ئۈچ مېتىرچە نېرى يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا سۇنايلىنىپ ياتتى.
        كۈن چۈشتىن قايرىلغاندا كۆل ئەتراپىدىكى ئوت - چۆپلەر ئارىسىغا يوشۇرۇنغان ئېچىرقاپ كەتكەن پاشىلار توپى ئادەمنىڭ ھىدىنى ئېلىپ، ئۇۋىلىرىدىن توپ - توپ بولۇپ چىقىشىپ مېنى چېقىشقا باشلىدى. چىدىيالمىدىم، كەچكىچە مۇشۇنداق چاقىۋېرىدىغان  بولسا ئىششىپ، نېمە بولۇپ كېتىشىمنى بىلمەيتتىم. بىر قولۇمدا پاشا قورۇيمەن، يەنە بىر قولۇمدا شاخلارنى قاماللاپ تۇرىمەن. توڭگۇزلار ھېچ كېتىدىغاندەك ئەمەس. يولدىن بىر ئادەم، ئىنس - جىنمۇ ئۆتمەيتتى. ۋاقىت ئۆتكەنسېرى مېنى قورقۇنچ بېسىشقا باشلىدى. بۇ ئاپەتلىك كۈلپەتتىن، پانىي دۇنيادىكى دوزاخ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇشتۇمتۇتلا كاللامغا بىر ئەقىل كەلدى - دە، سىناپ كۆرۈشكە تەۋەككۈل قىلدىم.
        سومكىنى پۇتاققا ئىلىپ قويۇپ، قەلەمتىراچنى ئالدىم - دە، ئۈستۈمدىكى چوڭ شاختىن  تۆت مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كەتمەن دەستىسىدەك توملۇقتا بىر  شاخنى كەستىم. شاخ پۇتاقلىرىنى ياساپ ئۇچى تەرىپىنى ئۇچلۇدۇم. سومكىدىن قەغەزلەرنى ئالدىم - دە، ياغاچنىڭ ئۇچىغا قەۋەتلەپ كىيگۈزدۈم. قولۇم بىلەن سىقىپ يۈرۈپ مونەك قىلدىم. تۈۋىنى يىپ بىلەن ياغاچقا باغلىدىم. قۇتىدىكى سىلياركا ئارىلاش بېنزىندىن قەغەز مونەككە بولۇشىچە تۆكتۈم. نەرسىلەرنى يىغىشتۇرۇپ تەييار بولدۇم. ھېرىپ كەتكەن توڭگۇزلار نېمە قىلىۋاتقىنىمنى چۈشەنمەي سۇنايلىنىپ ياتقىنىچە كۆز قىرىدا ماڭا پات - پات قاراپ قوياتتى. يېنىمدىن سەرەڭگىنى ئېلىپ، مايلانغان دۈگىلەك قەغەزگە ياقتىم - دە، پەسكە قارىتىپ مەن تەرەپكە يېنىنى قىلىپ ياتقان قاۋاننىڭ   تېشىغا ئۆرۈلۈپ چىققان پۈرىكىگە يېقىپ تىقتىم. توڭگۇز جان ئاچچىقىدا غەزەپ بىلەن چىرقىرىغىنىچە ئورنىدىن چاچراپ تۇردى - دە، پۇلاڭلىتىپ بېرىپ ئالدىدا ياتقان مېكىجىننىڭ دۈمبىسىگە قىرغۇچ ئۇرۇپ ئوتتۇز سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا يېرىۋەتتى. دۈمبە قىسمى سۆڭەكلىك بولغاچقا ئىچ ئەزاسىغا زەرەر يەتكۈزەلمىدى. مېكىجىننىڭ دۈمبىسىدىن قىپقىزىل  يېرىق ئېچىلىپ قالدى. قاۋان مېكىجىننى يېرىپ بولۇپلا ئاللىقاچان قومۇشلۇق ئىچىگە ئۆزىنى ئاتقانىدى. مېكىجىنمۇ چاچراپ تۇرغىنىچە سەت چىرقىراپ قومۇشلۇققا كىرىپ كەتتى. باشقا توڭگۇزلارمۇ قومۇشلارنى شاراخلىتىپ چەيلىگىنىچە ساراسىمە ئىچىدە ئىككى تەرەپكە قېچىپ كېتىپ باراتتى. بەش يۈز مېتىرچە ئۇزاپ كەتكىچە توڭگۇزلارنى كۆرۈپ تۇردۇم. ئاندىن كېيىن پەقەت قومۇشلارنىڭ شىرىقلاپ ئىككى تەرەپكە قايرىلغىنىنى كۆرەلىدىم. توڭگۇزلار خېلىلا يىراقلارغا كېتىشكەنىدى.
       تەدبىرىم ئۈنۈم بەردى، خۇشال بولۇپ ئۆز - ئۆزۈمگە كۈلۈپ قويدۇم. ئەمما دەرھال تۆۋەنگە چۈشۈشكە پېتىنالمايتتىم. يارىدار قاۋان ئايلىنىپ كېلىپ قىساس ئېلىش ئۈچۈن  ماراپ ياتقان بولمىسۇن يەنە، دەپ ئېھتىيات قىلدىم. ئاشۇنداق ئەندىشە ئىچىدە تۇرغىنىمدا تەلىيىمگە مەن كەلگەن تەرەپتىن ھارۋىنىڭ غىچىرلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. دەم ئۆتۈپ كۆز ئالدىمدا زور بىر قارا كالا قوشۇلغان، ئۈستىگە تولدۇرۇلغان تاغارلار بېسىلغان بىر يارىيار چاقلىق كالا ھارۋىسى پەيدا بولدى. تاغارلارنىڭ ئۈستىدە ئوتتۇرا ياش، قارا ساقال بىر دېھقان ئوڭدامچە سۇنايلىنىپ ياتقىنىچە ئاسمانغا قارىغان ھالدا «ئايشەمگۈل» دېگەن ناخشىغا غىڭشىپ كېلىۋاتاتتى. چامامدا  بۇ دېھقان يېزا ئاشلىق پونكىتىدىن ئۇرۇقلۇق بۇغداي ئېلىپ قايتىپ كېلىۋاتسا كېرەك. «خۇداغا شۈكرى» دېدىم خۇشال بولۇپ.
    ئۇ ئادەم مېنى كۆرمىدى، چاقىرمىسام ئۆتۈپ كەتكۈدەك، شۇڭا:
     ـ ھوي ئاكا! ھوي ئاكا! دەپ ۋارقىرىدىم. بۇ باياۋان جاڭگالدا ئۇشتۇمتۇت دەرەخ ئۈستىدىن كەلگەن ئادەم ئاۋازىدىن دېھقان قاتتىق چۆچۈپ كېتىپ ساراسىمە ئىچىدە تۆت تەرەپكە قاراپ ئاخىر مېنى كۆردى - دە، مەڭدىگەن ھالدا:
     سەن... سەن نېمە ئادەم؟ نېمىشقا دەرەخ ئۈستىگە چىقىۋالدىڭ؟ دېدى تىترەك ئاۋازدا.
        ـ قورقمىسىلا ئاكا! دېدىم ۋە ئۆزۈمنى، بولۇپ ئۆتكەن بارلىق ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىم. ئاندىن توڭگۈزنىڭ ياتقان يېرىنى، تۈرتكەن يەرلەرنى، قىژغان دەرەخ غولىنى، قېچىپ كەتكەندە چەيلەپ يول قىلىۋەتكەن قومۇشلۇقنى، ئوت ياققان نوتا ياغاچنى... كۆرسەتتىم. دەسلىپىدە گەپلىرىمگە ئىشەنمىگەن دېھقان، پاكىت ئىزلىرىنى كۆرۈپ ئاندىن ئىشەندى - دە، كۈلۈپ كەتتى.
        - بوش ئەمەسكەنلا ئۇكام، يۈرەكلىرى قاپتەك بار ئىكەن. ھېلىمۇ كاللىلىرىغا شۇ ئەقىل كەپتۇ! ياۋا توڭگۇزلار بوغرىسىغا (كۈيلەش پەسلى) كىرگەندە بەك غالجىرلىشىپ كېتىدۇ. خەتەرلىك توڭگۇزلار ھاقارەتلىنىپ قاتتىق  يارىدار بوپتۇ. ئۇلارنى بىرەر پىنھاندا مۆكۈپ يېتىپ ئۆچ ئالمايدۇ، دېگىلى بولمايدۇ. ئەمدى بۇ يول بىلەن ئالدىمىزغا مېڭىش خەتەرلىك، دەرەختىن چۈشۈپ ھارۋىغا چىقسىلا! ئارقىمىزغا قايتىپ، گۈلدۈرمە، قاراسۇ بويى يولى بىلەن كېتەيلى! دېدى.
     سومكامنى ئېلىپ پەسكە چۈشتۈم. دېھقانغا مىڭ رەھمەت ئېيتىپ ھارۋىغا چىقتىم - دە، يۈرۈپ كەتتۇق.

    «بۈگۈن» ژۇرنىلى 2002 - يىل 3 - سانىدىن

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-8-15 20:54:37]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.