ئۈچ ئادەمنىڭ خىسلىتى ۋە ئاجايىپ توغرا كېلىش(ئېزىز ساۋۇت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-08 07:06:24

ئۈچ ئادەمنىڭ خىسلىتى ۋە ئاجايىپ توغرا كېلىش(ئەسلىمە) ئېزىز ساۋۇت بۇ راست بولغان ئىش.بۇ ۋەقەنى ماڭا يارى - بۇرادىرىم مۇھەممەت ئىبراھىم سۆزلەپ بەرگەن. مۇھەممەت ئىبراھىمگە (بۇ كىشى ئاقسۇ شەھەر ئىچ...

    ئۈچ ئادەمنىڭ خىسلىتى ۋە ئاجايىپ توغرا كېلىش
    (ئەسلىمە)
    ئېزىز ساۋۇت

    بۇ راست بولغان ئىش.
    بۇ ۋەقەنى ماڭا يارى - بۇرادىرىم مۇھەممەت ئىبراھىم سۆزلەپ بەرگەن. مۇھەممەت ئىبراھىمگە (بۇ كىشى ئاقسۇ شەھەر ئىچىدە ئولتۇرۇشلۇق، ھايات.) رەجەپ ئىسىملىك بىر قازاق قېرىنداش سۆزلەپ بەرگەن ئىكەن.
     ئاقسۇ شەھىرىدىكى ھېلىقى كونا باشلانغۇچ مەكتەپ ھېلىمۇ بارمۇ؟ دەپ سورىدى رەجەپ ئىسىملىك 30 ياشلاردا بار گەۋدىلىك باتۇر قىياپەتلىك بىر قازاق يىگىت، مېنىڭ ئاقسۇدىن ئىكەنلىكىمنى باشقىلاردىن ئاڭلاپ كېلىپ ئالاھىدە ھال سورىغان ھالدا.
     ھەئە بار، دېدىم مەنمۇ قىزغىنلىق بىلەن جاۋاب بېرىپ، بۇنى سوراپ قالدىڭىزغۇ؟
     ھەئە، شۇ جايدا ياشلىق ھاياتىمغا ئۆچمەس خاتىرە بولۇپ قالغان مۇھىم بىر ۋەقە بولۇپ ئۆتكەن... بىز ئىدارىنىڭ ئورمانلىرىغا سۇ كىرىدىغان ئېرىق بويىدىكى يوغان تىرەك ئاستىغا قويۇلغان شادا ياغاچ بەندىڭگە ئولتۇردۇق. بۇ 1956 - يىلى 5 - ئاينىڭ بىر كۈنى ئىدى. بۇ چاغدا مەن ئاقسۇدىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى قارمىقىدىكى مائارىپ نەشرىياتىغا يۆتكەپ كېلىنىپ خىزمەت قىلىۋاتقان چاغلىرىم ئىدى. رەجەپ (ئاتىسىنىڭ ئىسمى ۋە يۇرتىنى سورىۋالماپتىمەن، ئېھتىمال كۆنەسلىك بولسا كېرەك) بولسا 1945 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، شۇ يىلى 8 - ئايدىن 10 ئاي ئاخىرىغىچە جەنۇبى يۆنۈلۈش ئۇرۇش فرونتى - ئاقسۇ رايونىدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى جەڭلەرگە قاتناشقان. 1950 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 5 - كورپۇسىغا ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، 1951 - يىلى كەسىپ ئالماشتۇرۇپ ئۆلكىلىك ئەدلىيە نازارىتىگە نازىرنىڭ شوپۇرى بولۇپ ئالمىشىپ كېلىپ ئىشلەپ يۈرگەن ۋاقتى ئىكەن. 1957 - يىلى كۈزدە مەن ئاقسۇغا قايتىپ كەلدىم. قايتا ئۇچرىشالمىدىم. ھاياتمۇ - قازا قىلدىمۇ بىلەلمىدىم.
    
    1945 - يىلى 7 - ئاي ئاخىرىدا، جەنۇب يۆنۈلۈش فرونتى  ئاقسۇ رايونىدا پارتىزانلىق ھەرىكەتلەر ئارقىلىق، گومىنداڭنىڭ ئاقسۇ رايونىدىكى ھەربى كۈچلىرىنى جەلپ قىلىپ، ئايلانما ئۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق تۇتۇپ تۇرۇپ شىمالغا  ئاساسلىق جەڭ يۆنۈلۈشى  شىخو ئۇرۇش فرونتىغا ياردەم بىرەلمەيدىغان قىلىۋېتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان 200 كىشىلىك چاققان بىر پارتىزان ئەترىدى. باينىڭ قېيىر رايونىدىن جەنۇبقا داۋان ئېشىپ ئۆتتى. بۇ ئەترەتكە ئابدۇكېرىم ئابباسوف كومىسسار، سوپاخۇن سوۋۇروپ ھەربى ئىشلارغا مەسئۇل ئەترەت كوماندىرى، قاسىمجان قەمبىرى ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە بىزگە باش بولدى. مەن (رەجەپ) ۋە ئابدۇكىرىم سابىر (ئەسلى ئاقسۇ ئايكۆل يېزىسىدىن، 43  يىللاردا ئېلىغا چىقىپ تېكەس خاڭلىرىدا ئىشلىگەن. ئىنقىلاب پارتىلىغاندا پارتىزان بولغان ھەم غۇلجا شەھىرىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. كېيىن غۇلجا زاپاس 4 - پولىك تەركىبىگە ئۆتۈپ مۇئاۋىن ئىزۋوت كوماندىرى بولغان) زاپاس 4 - پولىكتىن قىچىپ چىقىپ، سوپاخۇنلار ئەترىتىگە قوشۇلىۋالغانىدۇق. ئابدۇكىرىم سابىروف بىلەن غۇلجا ئۇرۇشىدىمۇ سەپداش ئىدۇق. ئابباسوف قوشۇلماي سوپاخۇننىڭ سالا - سۇلۇسى بىلەن جەنۇبى فىرونتقا بېرىشقا ئاران ئۇنىدى.
    ئەترەت جاپالىق يۈرۈش ئارقىلىق قار - مۇزلۇق داۋانلاردىن غەلىبىلىك ئېشىپ، قېيىر چىگرىسىنى ساقلاپ ياتقان گومىنداڭنىڭ كۈچەيتىلگەن بىر لىيەن ھەربى مۈچىنى تارمار قىلدى. قېيىر يېزىسىنى، باي ناھىيىسىنى، ئاقسۇ كونا شەھەردىكى (ھازىرقى ئونسو) مۇز داۋان قورغان سېپىل - ئىستىھكامدىكى جەڭگىۋار بىر لىيەننى (300 كىشىلىك) تارمار قىلىپ قورغاننى، ئاقسۇ كونا شەھەر (ئونسو) ناھىيىسىنى غەلىبىلىك ئازاد قىلدۇق. ئارقىدىنلا گومىنداڭنىڭ جەنۇبى شىنجاڭدىكى كۈچلۈك مۇداپىئە ئىستىھكامى  كونا ئۇۋىسى ئاقسۇ شەھىرى كاتتا سىپىلىنى قورشىۋېلىپ، كۈچلۈك تەھدىت شەكىللەندۈرۈپ، سىپىلدىن چىقالماس قىلىۋىتىپ، شىمال - شىخو ئۇرۇش يۆنۈلۈشىنىڭ ئۈنۈملۈك، بىمالال ھۇجۇم قىلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردۇق. لېكىن بۇ ئۇرۇشتا كۆپ قۇربانلارنى بەردۇق. كۆپلىگەن جەڭچى - پىدائىيلار ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىش يولىدا ئىسسىق قانلىرىنى تۆكۈپ، ھېچ تەمتىرىمەستىن قىممەتلىك جانلىرىنى تەقدىم ئەتتى، ئەپسۇس، كۆپلىگەن جەڭچى - پىدائىيلارنىڭ پاك تەنلىرى جەڭگاھتا قېلىپ قالدى، خورلاندى. جەڭگاھتىن ئېلىپ چىقىپ يەرلىكتە قويۇشقا مۇيەسسەر بولالمىدۇق. ئەنە شۇ قۇربانلارنىڭ بىرى ئابدۇكېرىم سابىروف ئىدى.
    
    1945 - يىل 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئىدى. نامازدىگەر ۋاقتى، پارتىزان ئەترەت كوماندىرىمىز پود پولكوۋنىك سوپاخۇن سوۋۇرۇپ، ئاديوتانتى (فوگۈەن) فىلىد فىل - ئەمەت ئەيسا بىلەن بىللە ئاتلىق ئابارونىمىزغا كېلىپ قالدى. ئېگىز، گەۋدىلىك بۇ ئادەمنىڭ قەيسەرلىك چىقىپ تۇرغان چىرايى تۇتۇلغان، غەزەپلىك ئىدى.
     پروپورچىك ئابدۇكېرىم! دەپ چاقىردى ئۇ، تەخسىلىك سېۋىتىكى دىگتار قول پىلىموتنى تازىلاپ ئولتۇرغان ئىزۋوت كوماندىرىمىزنى چاقىرىپ.
     بار! دەپ دىققەتتە تۇردى ئابدۇكېرىم سابىروف. ئاباروندىكى 40 نەپەر جەڭچىمۇ دىققەتتە تۇردۇق.
     راھەت! دېدى سوپاخۇنكام، ئەمما ئابدۇكېرىم يەنىلا دىققەتتە تۇرىۋەردى.
     بۇيرۇق! دېدى سوپاخۇنكام ھەربىيلەرچە كەسكىن تەلەپپۇزدا، ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ئىنقىلاۋى ھۆكۈمەت ۋە مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتاۋى، بىزنى ئۈچ ۋىلايەت ئازاد رايونىغا قايتىپ كېلىشنى ئۇقتۇردى. ئابباسوف، قاسىمجانلار، يارىدارلار، شىتاپ خىزمەتچىلىرى، قورالسىز پۇقرالارنى ئېلىپ ئەتىگەندە ئېلىغا قاراپ يولغا چىقتى. بىز بىر پولىك قوراللىق جەڭچىلەر مۇداپىئەدە تۇرۇپ ئەتە ئەتىگەندە چېكىنىمىز!
    ئابدۇكېرىم باشلىق ھەممە جەڭچىلەر بۇ بۇيرۇقتىن ھەيرانۇ - ھەس قالدۇق. چىرايلىرىمىزدا غەزەبلىنىش، نارازىلىق ئىپادىلىرى ئىپادىلەندى.
     نېمىشقا ئەمدى؟ دۈشمەنلەرنى ئۈنۈملۈك قامال قىلىپ، ئۇلارنىڭ گۇمران بولۇش ۋاقتى ئاز قالغان ئىدى. بۇ قانداق بۇيرۇق؟! دەۋەتتى ئۆزىنى باسالماي قالغان ئابدۇكېرىم نازارىلىقىنى يوشۇرالماي.
    سوپاخۇننىڭ چىرايىدىن، ئۆزىنىڭمۇ بۇ بۇيرۇققا رازى ئەمەسلىكى چىقىپ تۇراتتى. راستىنلا بىرقانچە قېتىملىق، ئۇزۇن ۋاقىتلىق قورشاۋ سىپىل ئىچىدىكى دۈشمەنلەرنى خېلىلا ھالسىراتقان. گەرچە بىزنىڭ سىپىلگە ھۇجۇم قىلىپ چىقىش، سىپىلنى ئىشغال قىلىش جەڭ ھەرىكەتلىرىمىز، دۈشمەننىڭ قۇدرەتلىك سېپىل ئىستىھكام ھەم قوراللىق ئۈستۈن ئوت كۈچى مودائىپەسى ئارقىلىق ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، سىپىل ئەتراپىنى قورشاپ، سالجىدەك يېپىشىۋىلىپ، ھەر كۈنى ئوق ئېتىپ باش كۆتەرتمەي تۇرۇشىمىز، دۈشمەننىڭ سىپىل سىرتىغا چىقىپ  بىزگە ئاكتىپ ھۇجۇم قىلىش ئىرادىسىنى چەكلىگەن، ئاشلىق - تەمىنات تۈگىگەن، سىپىل ئىچىدە ۋەھىمە كۆپەيگەن، ئايغاقچىلىرىمىزنىڭ مەلۇماتىدىن، ئامال بولمىغاندا، ئوت كۈچىنى توپلاپ قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىپ قەشقەر ياكى خوتەنگە قېچىشنى پىلانلاپ قويغان ئىكەن. شۇڭا سىپىلنىڭ شەرقى دەرۋازىسىنى ئوچۇق قويغان ئىكەن، سوپاخۇنكام بىر كەسپى ھەربى بولۇش سۈپىتى بىلەن غەلىبە پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىۋاتقان بۇنداق بۇيرۇققا قاتتىق نارازىلىقى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسىر بولغاچقا، نارازىلىقىنى جەڭچىلەر ۋە قول ئاستىدىكى تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفىتسىرلار ئالدىدا چاندۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى، يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىدا تېخىمۇ چوڭ غەلىبە - ئومۇم ۋەزىيەت كۆزدە تۇتىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئۆزىنى قاتتىق تۇتىۋالغانىدى. شۇڭا ئۇ ئابدۇكېرىمگە تەنبىھ ئاھاڭىدا:
     سىز بىر ئوفىتسىر بۇيرۇقنى ئىجرا قىلماسلىقنىڭ ھەربى ئىنتىزامسىزلىق ئىكەنلىكىنى بىلىسىز! يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىدا چوڭ ئىشلار نەزەردە تۇتۇلغان بولىدۇ. ئەتە قايتىش ئۈچۈن، ئەستايىدىل، پۇختا ۋە جىددىي تەييارلىق قىلىڭلار! مۇھىمى دۈشمەننىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇشتۇمتۇت قىلىدىغان كېچىلىك ھۇجۇمىدىن پەخەس بولۇڭلار! ئۆز بېشىمچىلىق قىلسىڭىز ئېتىپ تاشلايمەن!
     خوپ! بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىمەن كوماندىر! ئابدۇكېرىم دىققەتتە تۇرۇپ چاس بەردى. سوپاخۇن سالامغا جاۋاب قايتۇرۇپ، باشقا ئابارونلارغا بېرىش ئۈچۈن ئېتىنىڭ بېشىنى بۇرىدى. ئابدۇكېرىم باشلىق 40 نەپەر جەڭچى نېمە قىلارىمىزنى بىلمەي ئىلاجىسىز دىققەتتە تۇرغىنىمىزچە قالدۇق. سوپاخۇن 10 قەدەمچە مىڭىپ بىراقلا ئاتنىڭ بېشىنى بۇراپ قىشىمىزغا قايتىپ كەلدى.
     ئولتۇرۇڭلار! راھەت! دېدى تېخىچە دىققەتتە تۇرغان جەڭچىلەرگە غەمخورلۇق بىلەن. ئۇنىڭ چېھرىسىدىن بايامقى كەسكىنلىك، خاپىلىق يوقۇلۇپ، مىھرىۋانلىق ئىپادىلىرى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ ئايلاپ، ھەپتىلەپ ئىسسىق ئورۇن، يۇمشاق تاماق، پاكىز كىيىم كۆرمەي، داق يەردە يېتىپ، قۇرۇق نان گاھىدا سوغۇق سۇ ئىچىپ، كىر - پىتقا كۆمۈلۈپ كەتسىمۇ قىلچە نالىماي، ئەزىز جانلىرىنى دوغا تىكىپ، پىداكارلىق بىلەن دۈشمەننى مەغلۇپ قىلىش بۇرچىنى سادىقانە ھالدا ئىجرا قىلىۋاتقان جەڭچى سەپداشلىرىغا كۆزى قىيمىدى بولغاي ئەتىمالىم، بايامقى بۇيرۇقنىڭ قوپال تەلەپپۇزىدا بىرىلگەنلىكىنى ئويلاپ، ھەممىمىز ئولتۇرغاندىن كېيىن ئىزاھات بەردى.
     ھەي پىداكار جەڭچىلەر، دەسلەپتە مەنمۇ سىلەردەك ئويلىغان، شىمال، ئوتتۇرا يۆنۈلۈش ئۇرۇشى غەلىبىلىك بولدى. ئالتاي، چۆچەك، شىخو ئىشغال قىلىنىپ، ماناس دەرياسىغا قىستاپ بېرىپ ئۈرۈمچىگە تەھدىت شەكىللۈندۈرۈلدى. بىز جەنۇب فىرونت جەڭچىلىرىمۇ، پارتىزانلىق ھەرىكەتلەر ئارقىلىق دۈشمەننى شىمالغا ياردەم بېرەلمەيدىغان قىلىۋىتىش بۇرچىمىزنى ناھايىتى ياخشى ئورۇندىدۇق. بىئەپ - قورقۇنچلۇق ئورۇنغا چۈشكەن گومىنداڭ دائىرلىرى كۈزىمىز بىلەن ھېسابلىشىپ، تىنچلىق سۆھبىتىنى تەلەپ قىلدى. بۇ تەكلىپنىڭ ئارقىسىدا نېمە مۇددىئا بار بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ. دۈشمەننىڭ سۆھبەت ئارقىلىق ئوڭشىلىۋالماقچى بولىۋاتقانلىقى ئېنىق، نېمە ئامال. سۆھبەت قىلمىساق بىزنى ئۇرۇش خۇمار دەپ دۇنياغا جاكارلاپ قوللاشقا ئىرىشمەكچى، كۆرۈپ باقىمىز. چۈشەنگەنسىلەر! تەمكىن تېخىمۇ جاسارەتلىك بولايلى! بولۇپمۇ دۈشمەننىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ھۇشيار تۇرۇڭلار! ئەتە دۆڭدە - شىتاپتا چېلىنغان كارناي ئاۋازى بىلەن تەڭ توپلىنىپ قوزغىلىمىز. سوپاخۇنكام جەڭچىلەر بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ خوشلۇشۇپ كېتىپ قالدى.
    
    بىز چۈشكۈن قىلغان ئابارون  قورو، ئۆز ۋاقتىدىكى خەنزۇلار گورۇستانلىقىنىڭ (ھازىرقى دولان تانسىخانىسى، ئەتراپى  شۇ چاغدا لىيەن شىتابى شۇ يەرگە جايلاشقان)  غەربىدىن 400 مېتىرچە نىرى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ (ھازىرقى بۇ مەكتەپ ئورنىدا ۋىلايەتلىك تەمىنات سودا كاپىراتىپ ۋە سودا سانائەت بانكىسى بار) ئارقىسىدىكى خەيچاڭ مەلىسىگە قاراشلىق ئىسمائىل مەزىناخۇننىڭ جايى ئىدى. (ھازىرقى بۇ يەرگە «خۇشناۋا» رېستۇرانى سىلىندى) ئىسمائىل مەزىن ئاخۇنۇم خەيچاڭ مەھەللىسى تۆت تار كوچا دوقمۇشىدىكى مەسچىتنىڭ  (ھازىرقى بۇ مەسچىت خىش بىلەن يېڭىلاپ سېلىندى) مەزىنى ئىكەن. ئۇرۇش - يىغىلىقتىن قورقۇپ، خوتۇن بالىلىرىنى ئېلىپ، ئۆيىنى تاشلاپ، يىراق يېزىغا كېتىپ قالغان ئىكەن. بۇ قورۇ ئالدىمىزدا باشلانغۇچ مەكتەپ (ئوغۇللار مەكتىپى، گومىنداڭچىلار سىپىل تاملىرىغا يېقىن ئۆيلەرنى كۆيدۈرۈپ تۈزلىۋەتكەن لېكىن مەكتەپكە تەگمىگەن) سىپىلغا يېقىن مەكتەپنى دالدا قىلىپ تۇرۇپ سىپىلغا يېقىنلىشىپ ھۇجۇم قىلشى ئەپلىك بولغاچقا ھەم قورۇدا ئادەم يوق بوش، بىزگە ئەپلىك ئىدى.
    سوپاخۇنكام (ھازىرقى بۇ كىشى ئۈرۈمچىدە ھايات) كەتكەندىن كېيىن ئابدۇكىرىم ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى. ئېزۋوتىمىزدا بىر دىگتار قول پىلىموت، تۆت دانە دىگتار ئاپتومات بار ئىدى. قالغىنى بەش ئاتار مىلتىق، قىلىچ ۋە ئازغىنە گىرانات. ئوقلىرىمىز يېتەرلىك، ھەر بىرىمىزدە بىردىن ئات، تۆت ئاپتوماتچىكنى تۆت تەرەپكە قويدىل قول پىلىموتنى كاماندىر ئىزۋوت ئبادۇكېرىم ئۆزى تۇتۇپ، سىپىل تەرەپنى مۇداپىئە قىلماقچى بولدى ۋە مېنى ياردەمچىلىككە تاللىدى. قالغان جەڭچىلەرمۇ تىگىشلىك ئورۇنلارغا جايلاشتۇرۇلدى. ناۋادا دۈشمەن ھۇجۇم قىلىپ قالسا، قورۇنىڭ شىمال تېمىدىن بۆسۈپ چىقىپ لەنگەر ئارقىلىىق، ياتالماستىكى باش شىتاپقا چىكىنىپ ئاساس قىسىم بىلەن قوشۇلۇش ئۇقتۇرۇلدى. ئاتنى توقۇپ تەق قىلىپ، سۇغۇرۇپ ئوتقا قويۇلدى. شىڭلى چاپان - چارا، نەرسە - كېرەكلەر سەرەمجان قىلىنىپ ئاتلارغا تىڭىلدى. ئىش قىلىپ دەرھال ئاتلىنىپ يولغا چىققىدەك تەق بولدۇق.
    كەچلىك غىزالىنىپ بولغاندىن كېيىن، جاي - جايلىرىمىزغا بېرىپ ئورۇن ئالدۇق. ئەتراپ جىمجىت ئاسماندا يۇلتۇزلار پاراخلاپ يېنىپ تۇراتتى. كۈزنىڭ سوغ، نەم شامىلى غۇرۇلداپ ئۇچۇپ، تېخى يازلىق يېلىڭ كىيىملەر بىلەن تۇرىۋاتقان جەڭچىلەرنىڭ تىنىنى شۈركەندۈرەتتى. ئالەمنى قاراڭغۇلۇق باسقان، ئۇرۇش ۋەھىمىسىدىن كۆپۈنچە كىشىلەر يېزا - كەنتلەرگە قېچىپ كىتىشكەن، ئەتراپ جىم - جىت، ئىتلارنىڭ قاۋاشلىرى، توخۇلارنىڭ قىچىرىشلىرىمۇ ئاڭلانمايدۇ. سىپىل تەرەپ جىم - جىت، دۈشمەنلەرنىڭ ھۇجۇم ھەرىكەتلىرىنىڭمۇ ئىپادە - شەپىسى يوق. نۆۋەتلىشىپ ئۇخلاشقا بۇيرۇق بېرىلگەن بولسىمۇ، نېمىشقىدۇر جەڭچىلەرنىڭ ئۇيقۇسى قاچقان، كىلو - كىتو پاراڭلارنى سېلىشىپ ئولتۇراتتى. ھەممىمىزنىڭ ئويىدا ئۇرۇش توختۇتۇپ، سۆھبەتكە شارائىت ھازىرلاش ھەر ئىككىلا تەرەپ ئەمەل قىلىدىغان ئىش بولغاندىن كېيىن، دۈشمەنلەرمۇ كېلىشىمگە رىئايە قىلىپ ھۇجۇم قىلماس دېگەن خىيال ھۆكۈمران  بولدى.
    نەدىكىنى!؟ دۈشمەنلەر ئىشپىيون ئايغاقچىلىرىنى ئىۋەتىپ تىڭ - تىڭلاپ يۈرۈپ، ئۇرۇشنى توختۇتۇپ ئەتىسى چېكىنىدىغان ۋاقتىمىزغىچىلىك بىلىپ بولغان ئىكەن ھەم، كېچىچە خۇپىيانە ھالدا پۈتۈن قىسىملىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، شوتا بىلەن سىپىلدىن چۈشۈرۈپ، شىمال، جەنۇپ ۋە غەرب (ئۇدۇل)دىن قورشاۋغا ئېلىپ ئەتراپىمىزنى قورشاپ ئەپلىك پۇرسەت كۈتۈپ مۈكۈپ ياتقان ئىكەن. بىز ھەقىقەتەن بىخۇتلۇق قىپتۇق. تۈن نىسپىدىن ئاشقاندا چارچاپ كۆزىمىز ئۇيقىغا كېتىپ قاپتۇ. ئەمما پوستلىرىمىز ئويغاق ئىدى. تۈن نىسبىتىن ئېشىپ ئاي تۇغقان ۋە خېلىلا ئېگىز كۆتىرىلگەن، ئەتراپ ئاپئاقچىلىق ئىدى. بىزنىڭ ئۇيقۇسىراپ بوشاشقان مەزگىلنى تاللاپ دۈشمەنلەر تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. ئوقلار ئەتراپىمىزغا تاراسلاپ چۈشمەكتە، دۈشمەنلەرنىڭ قورشاۋ ھالقىسىنى تارايتىپ، قىلىشقان پاراڭلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. شۇ ئەسنادا شىمال، جەنۇب، دۆڭ ئۈستى تەرەپلەردىمۇ ئوق ئاۋازى ياڭراپ، ئېتىشىشلار باشلىنىپ كەتتى. دۈشمەنلەر ھەممە تەرەپكە تەڭ ھۇجۇم قىلغان ئىكەن. بىزنىڭ پوستلار ۋارقىرىشىپ كەتتى.
     دۈشمەن ھۇجۇم قىلدى! تىز تۇرۇڭلار!
    چاچراپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ قوراللىرىمىزغا ئېتىلدۇق. شۇ چاغدا ئابدۇكېرىم ھۇدۇقماي مەردانە ئاۋازدا!
     جەڭچىلەر! ھودۇقماڭلار، تۈنۈگۈنكى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىنچە ھەرىكەت قىلىڭلار! قاتتىق تۇرۇپ دۈشمەن ھۇجۇمىنى چېكىندۈرەيلى، ئاندىن نۆۋەتلىشىپ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقايلى، زورلاپ ئۆلۈپ بەرمەيلى، تىرىك ئەسىرگە چۈشمەيلى! قاتتىق ئىتتىپاقلىشىپ بىر - بىرىمىزنى تاشلاپ كەتمەيلى! مۇبادا قازالاپ كۆرىشەلمىسەك خەي - خوش! ئالدى بىلەن مىلتىقلىقلار چىكىنىسىلەر! ئاندىن ئاپتوماتچىلار، ئاخىرىدا رەجەپ بىلەن مەن سىلەرنى قوغداپ تۇرۇپ چېكىنىمىز. ئالدىدا بۆسۈپ چىققانلار دۈشمەننىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ ئوق ئېتىپ چىكىنىپ، بىزنىڭ بۆسۈپ چىقىشىمىزغا يول ھازىرلايسىلەر! قېنى ئېتىڭلار!
    قەڭچىلىرىمىز بىردەك ھەرىكەت بىلەن دۈشمەنگە قارشى ئوت ئاچتى «ۋايجان!» دېگەن ئېچىنىشلىق ئاۋاز بىلەن شەرقى تامدىكى بىر جەڭچىمىز شىھىت بولدى. ئابدۇكېرىم پىلىموتنى ماڭا تاشلاپ، ھېلىقى جەڭچىنىڭ قىشىغا كەتتى. جان ئۈزگىنىنى كۆرۈپ قەھىرلەنگەن ھالدا، جەڭچىلەرگە مەدەت بېرىپ:
     رەجەپ ئەپكە مەن ئاتاي! سەن مىلتىق بىلەن مېنى مۇداپىئە قىل! دېدى. قەھىر بىلەن بىر پەس ئېتىشقاندىن كېيىن، دۈشمەننىڭ ھۇجۇمى پەسلىدى. ئارقىسىغا چىكىندىمۇ ياكى بىر دالدىغا مۆكۈنىۋېلىپ قايتۇرما ھۇجۇم ئۈچۈن پۇرسەت كۈتۈپ ياتتىمۇ  ئۇقالمىدۇق. ھەرھالدا ئابدۇكېرىم پۇرسەتتىن ئايدىلىنىپ، مىلتىقلىقلارنى ئوڭۇشلۇق چىكىندۈردى. ئارقىدىن تۆت نەپەر ئاپتوماتلىق ئوتدلىنىيە كوماندىرلىرىنى چىكىندۈردى. ئۇلار چىكىنىۋاتقاندا، دۈشمەن تەرەپكە غەزە بىلەن ئېتىپ تۇردى. مەن دىسكىلارغا ئوق قاچىلاپ تۇردۇم، ئاخىرىدا ئابدۇكېرىم:
     رەجەپ ئەمدى بىز چىكىنەيلى، سەن ئالدىدا ماڭ! دېدى، مەن قوغداپ ماڭاي دېسەم ئۇنىمىدى. قورۇدىن تار يول ئاغزىغا چىقىپ تۇرۇشىمىزغا، دۈشمەنلەر ئوق دېگەننى تۆكۈۋەتتى. ئەسلىە ئۇلار دالدىلارغا مۆكۈنۈپ ئۈستىمىزگە بېسىپ كىرىشكە پىتىنالماي ھەم چېكىنىۋاتقىنىمىزنى ئۇقالماي تۇرۇپ قالغانى ئىكەن. بىز تەرەپتىن ئېتىش پەسەيگەندىن كېيىن «ئوقى تۈگىدى» دەپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن ئىكەن.
    يولدىن ئۆتىۋاتقاندا دۈشمەننىڭ تەخمىنەن ئاتقان ئوقى ئابدۇكېرىمنىڭ ئوڭ پاقالچىغىنى چىقىپ تاشلىدى. يانا قورساققا، سول قۇلاققا (قۇلاقنى يۇلۇپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەن) ئوق تەگدى. ئغىر يارىلىنىپ يولغا يىقىلىپ ھۇشىدىن كەتتى. ھودۇقۇم كەتتىم، دۈشمەنلەر كوچا تېمىنى ياىلاپ يېقىنلاشماقتا، ئۇلار بىزنى كۆرمىگەن چېغى، ئېھتىيات بىلەن ئاستا كېلىۋاتاتتى. ئەمما مەن ئۇلارنى كۆرۈپ تۇراتتىم. دەرھال ئىسىمگە كەلدىم - دە، ئابدۇكېرىمنى بىر ئامال قىلىپ ھاپاش قىلىپ، پىلىموت، مىلتۇق، ئوق، گىراناتلار بىلەن قوشۇپ كۆتەردىم. ئالدىمدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئىچىگە غىپپىدە كىرىۋالدىم. مۇنداق ھايات - ماماتلىق پەيتتە ئادەمگە كۈچ، ئەقىل، تەدبىر پەيدا بولۇپ تۇرىدىكەن. بۇ ئەتراپتا ئوبدانراق دالدا بولغۇدەك مەكتەپتىن باشقا ئۇرۇنمۇ يوق ئىدى. ئوچۇقچۇلۇق، ئېتىزلىق، ئۈستى بېشىم غەرق قان. ئابدۇكېرىمنى مەكتەپ ئىچىدىكى قۇدۇقنىڭ قېشىغا ياقۇزدۇم. (مەكتەپ ئاللىقاچان تاقىلىپ، ئوقۇغۇچىلىرى تارقاپ، ئوقۇتقۇچىلىرىنى سىپىل ئىچىگە ئەكىرىۋالغان ئىكەن) مەكتەپ ئىچىدە ئىنسى - جىن يوق. شۇ چاغ ئابدۇكېرىم:
     سۇ! سۇ! ئۇسساپ كەتتىم! دەپ ھۇشىغا كەلدى. چىرايىغا قارىسام بىردىن قارىداپ كەتكەندەك بىلىندى. توختىماي لەۋلىرىنى يالايتتى. خىلى ياخشى سۇداندا ئازراق سۇ بار ئىكەن، ئىچۈردۈم. سەل جان كىردى. ساكراتتا ئاخىرقى مىنۇتتا ئاەم بەك زىرەكلىشىپ كېرىدىكەن. سەپدىشىم ئابدۇكېرىمگە قاراپ ئىچىم سىرىلىپ كېتىپ باراتتى. يا تىببى ياردەم يوق، ئەتراپىمىزدا لىق دۈشمەن، ئابدۇكېرىم ئىنقىلاب مەنپەئىتى، قول ئاستىدىكى 40 نەپەر جەڭچىنىڭ ھاياتى ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلدى. كۆزلۈرۈمدىن ياش قۇيۇلدى. ئۇنى يۆلەپ ھاپاش قىلىپ ئېلىپ كەتمەكچى بولدۇم - دە، يۆلەشتۈردۈم، ئۇنىڭ كۆزى يوغان ئېچىلدى. توۋا! شۇ دەمدە ئۇنىڭ كۆزلىرى ھەقىقەتەن يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇراتتى. بىرھازا ماڭا تىكىلىپ قاراپ كەتتى. چىرايىدا ئاچچىق تەبەسسۇم جىلۋىلەنگەندەك بىلىندى. بۇ چاغدا شەرقى ئۇپۇق ئاقىرىپ تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغان ئىدى. باشقا يەردىكى ئابارونلاردا ئېتىشمىلار داۋام قىلىپ «ۋايجان! ۋاييەي!»، «سا! سا!» دېگەن ۋايساش ۋە چۇقانلار قۇلىقىمغا كىرىپ تۇراتتى. ئابدۇكېرىم قولۇمنى شۇنداق قاتتىق قىستىكى ۋارقىرىۋېتىشكە تاسلا قالدىم.
     جەڭچىلەر چىكىنىپ بولدىمۇ؟
     ھەئە!
    بىز ھازىر مەكتەپ ىچىدە تۇرغاندەك قىلىمىز، قۇدۇق يېنىدا!...
     ھەئە، مەكتەپ ئىچىدە، قۇدۇق يېنىدا، (ئۇنىڭ ھۇشيارلىقىغا ھەيران قالدىم).
     رەجەپ قېرىندىشىم، مەن ئاتا - ئانام يوق بىر يىتىم بالا، ئايكۆلدىكى ئۇرۇغ - تۇققانلىرىم بىلەنمۇ كۆرىشەلمىدىم. ئۇلارنى ئايىدىم، كۆپ جاپا چەككەن يىتىمەك ئىدىم. ئىنقىلاپتىن بۆلەك چىقىش يولۇم يوق ئىدى. مىرادىمغا يەتتىم. مەن ئۆلۈپ كېتىمەن، بۇنىڭغا قىلچە ئۆكۈنمەيمەن، رەھبەرلەرگە قەڭچى دوستلۇرۇمغا سالامىمنى، جەڭدىكى قىسمىتىمنى يەتكۈزۈپ قويارسەن، خەير - خوش ئەمدى دەرھال چىقىپ كەت!
     ياق! سىز ئۆلمەيسىز! مەن سىزنى ئېلىپ كېتىمەن! ئۇنى يۆلەشتۈردۈم.
     رەجەپ كاجلىق قىلما يۈرىكىڭنى چۈشىنىمەن، ناھايىتى ئېغىر يارىلاندىم. ھالىم ئۆزۈمگە ئايان، ساناقلىق تىنىقلىرىم قالدى. دۈشمەن قولىغا تىرىك چۈشمەيلى، سەن بولساڭمۇ ئامان قىلىپ سەپداشلارغا قوشۇلۇپ ئىنقىلاپنى داۋاملاشتۇر. مېنى ئېتىۋەت! قول پىلىموتنى چاپىنىمغا يۆگەپ قۇدۇققا تاشلىۋەت! دۈشمەنگە قالمىسۇن!
     نېمە؟ سىزنى ئاتىمەنما؟ قۇلاقلىرىمغا ئىشىنەلمىدىم، كۆزۈمدىن ياشلار بۇلدۇقلاپ قۇيۇلماقتا، يوق گەپنى قىلماڭ! مەن سىزنى سالامەت ئېلىپ چىقىپ كېتىمەن!
     خۇدا ھەققى مېنى ئېتىۋەت! جىنىم قىينىلىپ كەتتى! تىرىك ئەسىرگە چۈشمەيلى! يۈدۈپ ماڭساڭ 10 - 20 قەدەمدىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىمەن، ئىككىمىز قىينىلىپ كىتىمىز. سەن ئەسىرگە چۈشۈپ قالىسەن! بۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ توغرىسى مېنى ئىتىۋېتىپ تېز كەت. ۋەزىيەت شۇ! ئەھۋالغا قاراپ ئىش قىلايلى، ئىنقىلاب كۆرەش شۇنى تەلەپ قىلىدۇ. ھېچكىم، ھېچقاچان، تارىخ سېنى ئەيىپلىمەيدۇ.
    شۇ ئەسنادا تام سىرتىدا گۇمىنداڭ قىسىملىرىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە قىلىشقان پاراڭلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى، ئارىلاش قىسىم ئىكەن.
    بۇ، ئوغرىلار قاياققا قاچقاندۇ؟ مايەردە قان ئىزى باردەك قىلىدۇ؟
     ئۇلار تېخى يىراققا كېتەلمىدى؟ ھېلىقى ئەسىرگە چۈشكەن يارىدار ئوغرى نېمە دەيدۇ؟
     ئۇ موڭغۇل ئىكەن، پۇتىدىن يارىلىنىپتىكەن، گەپكە جاۋاب بەرمەي كۆزىنى ئالايتىپ چارقىتىپلا تۇردى. جى بانجاڭ بىرنى قويىۋىدى چاچراپ قوپۇپ قورالغا ئېسىلدى. دەرھال ئېتىۋەتتىم. ئاپتوماتنى ئېلىپ كەلدىم، مانا!
     ھەي پوق يىگەن كالۋا، شىتاپقا نېمە دەيمىز؟ ئەسىرلەرنى ئىمكان بار تىرىك ئەپكىلىڭلار دېگەن. شېۋىتىسكى ئاپتومات ئىكەن، بوپتۇ. مۇشۇنى ئاپىرايلى! يۈرىكىم قارتتىدە قىلىپ قالدى. 3- ئودلىنىيە كوماندىرى (بەنجاڭ) موڭغۇلكۆرەلىك تارغىن، مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ كەتكەن ئىدى. تۇتۇلۇپ قاپتۇ دە! رەمەتلىك! ئۇنىڭغا كۆپ ئېچىندىم، شۇ چاغ دۈشمەن كومانىدىرىنىڭ:
     قان ئىزىغا قارىغاندا، مەكتەپ ئىچىدە چوقۇم يارىدار بار، بەلكى كۆپىنچىسى شۇ يەرگە مۆككەن بولۇشى مۇمكىن، مەكتەپ ئىچىنى ئاختۇرۇڭلار!
     دۈشمەنلەرنىڭ قەدەم تىۋىشلىرى، مەكتەپنىڭ ئارقا ئىشىكى تەرەپتىن كېلىشكە باشلىدى. ھەيرانمەن، كۈتۈلمىگەندە، ساكراتقا چۈشكەن ئابدۇكېرىمنىڭ گەۋدىسى لىككىدە كۆتۈرۈلدى. دىگتار پىلىموتنى قانداق كۆتەرگەندۇ؟ پىلىموت ماڭا توغرىلانغانىدى.
     دۈشمەنلەر بېسىپ كىردى! بۇيرۇقنى ئىجرا قىلمامسەن؟! ئەمىسە مەن سېنى خائىن سۈپىتىدە ئاتىمەن!
    شۇنى دېدى - دە مادارىدىن كېتىپ «گۈپپىدە» يانغا يىقىلىپ خىقىراشقا باشلىدى. ئويلاپ ئولتۇرۇشقا ۋاقىت يوق ئىدى. مىلتىقنى ئالدىم، ئاخىرقى بىر تال ئوق قالغان ئىكەن، يۈرىكىنى چەنلىۋېلىپ ئاندىن بېشىمنى يانغا بۇراپ كۆزۈمنى يۇمۇپ ئېتىۋەتتىم. ئۇ ئارام تاپتى، چىرايىغا قاراشقىمۇ پېتىنالماي ھەسرەتلىك، جۇدالىق ئىلكىدە ۋىلادالاشتىم - دە ئۇنىڭ ۋەسىيىتىگە ئەمەل قىلماي، ئوقى قالمىغان مىلتىقنى قۇدۇققا تاشلىۋېتىپ، ئازراق ئوقى بار پىلىموتنى ئالدىم، تام دالدىسى بىلەن مەكتەپنىڭ يان ئىشىكىدىن «غىپپىدە» چىقىۋالدىم. دۈشمەنلەرنىڭ:
     ئوق ئاۋازى! ئىلى ئوغرىلىرى مۇشۇ يەردىكەن ئەمەسمۇ؟ تىرىك تۇتىمىز! دېگەن چۇقانلىرى قۇلۇقۇمغا كىرىپ تۇردى. چىقىپ كىتىۋېتىپ دۈشمەنلەرنىڭ مەكتەپ ئىچىگە بېسىپ كىرىشكىنىنى كۆردۈم. سۇ يۇق ئېرىق ئىچى ۋە قويۇق ئورمانلارنىڭ دالدىسىدا شىمال تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتىم. بۇ ئىشلار بەكمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بولۇپ ئۆتتى، بارى - يوقى 5 - 10 مىنۇت ئۆتكەندۇ...
    
    ئۇپۇق تەرەپ سۈزۈلۈپ قالغان باش ئەزان ۋاقتى ئىدى. ھېرىپ - چارچىغىنىمغىمۇ قارىماستىن، شىمالغا - مەركىزى پارتىزانلار باش شىتابى جايلاشقان ياتالماسقا قاراپ ئىلگىرلەپ كېتىپ بارىمەن. گاھ ئۆمىلەيمەن، گاھ مۆكۈپ - چۆكۈپ ماڭىمەن. جەڭگاھ شۇ تاپتا خۇمدان بېشى، ىەنزۇ گورىستانلىقى، پاشاغوقىنىڭ شاللىغى (ھازىرقى گوفاڭتۈەن سىلىڭبوسى) «توم قارا» (ھازىرقى تۈرمە ئورنى) ۋە ياتالماستىكى باش شىتاپ، لەنگەر (ھازىرقى چوڭ خانىقادىن شىمالغا، جاڭ دوختۇرنىڭ جوڭيى دوختۇرخانىسىغىچىلىك چوڭ يول) قاتارلىق جايلارغىچىلىك سوزۇلغان. بۇ جايلاردا  ھىلىغىچىلىك قورشاۋ قىلىش بىلەن قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىش جېڭى كەسكىن ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. پارتىزانلار ھايات - ماماتلىق بۇ ئېلىشىشتا جان جەھلى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتسە، دۈشمەنلەر پۈتۈن ئەقىل - پاراسەت، تەكتىكىسىنى ئىشقا سېلىپ، جەسۇرلۇق بىلەن ئېلىشىپ، پارتىزانلارنى ئىلى تەرەپكە چىكىنگخلى قويماي پاك - پاكىزە يوقۇتۇپ تاشلاش نىيىتىگە كېلىپ، توپقا - توپ، پىتىراپ كەتكەنلەرگە تارقاقلاشتۇرۇپ جەڭگە سالغان ئىدى. دۈشمەنلەر سۆھبەت، ئۇرۇش توختۇتۇش، چىكىنىش كېلىشىمگە خىيانەت قىلغانىدى.
    ئېزىپ - تىنەپ ئىتىز ئارىلاپ لەنگەر چوڭ يولىغا چىقىپ قالدىم. «مە، يول تېپىلدى. ئەمدى شىتاپنى، سەپداشلىرىمنى تاپالايمەن» شۇ ئوي بىلەن يول لىۋىدىكى سۈيى يوق ئېرىقتىن ئاتلاپ ئۆتۈپ ئۈچ - تۆت قەدەم مېڭىپ تۇرۇشۇمغا، ئارقامدا بىرسى باردەك بېلىندى. تۇيغۇم ئەزەلدىن مېنى ئالدىمايتتى. تېز ئارقامغا بۇرۇلۇپ قارىسام، ئېرىق ئىچىدە گومىنداڭنىڭ ئەسكىرى پورمىسىنى كەيگەن بىرسى، نەيزىلىك مىلتىقىنى ئېرىق لىۋىگە قويۇپ، جەڭگىۋار ھالەتتە بۆكتۈرمىدە ياتقان ئىكەن. گەۋدىلىك، قاراماتاق كەلگەن بۇ ئەسكەرنىڭ چىرايى كۈلۈمسىرەپ تۇرغاندەك بىلىندى. دەرھال قول پىلىموتنى ئۇنىڭغا توغرۇلۇدۇم.
     ھاي، ھاي بۇرادەر، ئىنساپ قىلىڭلار، دېدى ئۇ ساپ قەشقەر شىۋىسىدە، ئورنىدىن قوزغالماي تۇرۇپ، ئۇزايىدىن ئۇنىڭ قارشىلىشىش نىيىتى يوقتەك ئىدى، سىلىنى كېلىۋاتقان ۋاقتىلارددىلا كۆرگەنىدىم. ئېتىۋەتسەم ياكى ئەسىرگە ئالسام ئىمكان مەندە ئىدى. ئەمما قان - قېرىنداش، دەردىمىز بىر دەپ ئاتمىدىم. خەير - خوش تېز كېتىڭلار!
    ھەيرانۇ ھەسلىك ئىچىدە تۇرۇپلا قالدىم. پىلىموت ئىختىيارسىز ئۈستۈنگە قارىتىلدى.
     نىيىتىڭىزنى بىلمەي قاپتىمەن قىرىنداش، كۆپ رەخمەت، بىزگە قوشۇلۇپ كىتەمسىز - يا!؟
     قوشۇلۇپ كەتكىم بار ئىدى. مەن قەشقەر كوناشەھەر بۇلاغ سۇدىن، ئىسمىم تۇراپ قادىر. زۇلۇم، سىتەم چەككەن نامرات دېھقان بالىسى. مەجبۇرى ئەسكەرلىككە تۇتۇلغان. ئەسكىرى تۇرمۇشتا تاياق - ھاقارەت، يىمىگەن پوق، كۆرمىگىنىم زىنران قالدى. دەردىمىز بىر ئىكەن، سىلەرگە قوشۇلۇپ كەتسەم، ئاقسۇدىن ئۆيلىنىپ بالا - چاقىلىق بولغان ئىدىم. گومىنداڭچىلار خوتۇن - بالىلىرىمنى ئۆلتۈرىۋېتىدۇ. ئىلاجىم يوق. ھازىر قەيەرگە بارماقچىسىلە؟!
     توم قارادىكى باش شىتاپقا، سوپاخۇنغا قوشۇلىمەن، بۇيرۇق شۇنداق ئىدى. تۇراپ ئاچچىققىنا كۈلۈپ كەتتى.
     ھازىر ئۇ يەردە باش شىتاپ - سوپاخۇن نېمە ئىش قىلىدۇ. ھەممىسى سەھەرلىك ھۇجۇمدا تار - مار بولۇشتى. شىتاپ بىزنىڭكىلەرنىڭ قولىغا ئۆتتى. كۆپ قىسىم قەيسەر ئادەملىرىڭلار قەيسەرلىك بىلەن ئېتىشىپ تۇرۇپ قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىپ كەتتى. ئەپسۇس، بىرقىسىم ئادەملىرىڭلار ھولۇقۇپ كېتىپ، ھۈركۈگەن ھالدا پاشا غوجىنىڭ شاللىقى (ھازىرقى گوفاڭتۈەن ئىچى) تەرەپكە قاچقان ئىكەن، شاللىققا كىرىپ قېلىشتى. شەرقى تەرەپ ياداڭلىققا تاقىشىپ قاچالمىدى، توپ - توپ قېرىلىپ كەتتى.
     ئۆلگەنلەر كۆپمۇ؟
     شاللىقتا يىتىپ كەتكەن ئۆلۈكلەر بىرەر مىڭچە كېلەرمىكىن دەيمەن. كۆپىنچىسى تۇماق، دوپپىلىق، ئۇزۇن چاپان كىيگەن ئادەملەر ئىكەن، ھەربى تەربىيە كۆرمىگەن، كېيىن قوشۇلغان كىشىلەردەك قىلىدۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتىم.
     بىرەر مىڭچە؟ شۇ يەردە بەرمىدىڭىز؟ سىزمۇ ئاتتىڭىزمۇ؟
     قىزىقكەنسىلەر ئەلۋەتتە ئاتتىم - دە! ئەمما مىلتىق بىلەن، تەگدىمۇ - تەگمىدىمۇ بىلمەيمەن. ئەمما يىقىلغاننى كۆردۈم. ئەدىناسى ئۇلرنى پىلىموتچىلار بەك كۆپ قىرىۋەتتى. ئۇ خىجىل بولغاندەك قوشۇپ قويدى، بىزگە نېەم ئىلاج، سىلىمۇ ئەسكەر، بۇيرۇق بويىچە ئاتمىساڭلار، ئېتىپ تاشلىنىسىلەر.
     توغرا دەيسىز، ئېچىنغان ھالدا ئۇلۇغ - كىچىك تىندىم.
     ئۇ جايلار بېسىقتۇرۇلغاندىن كېيىن، بىزنى پىتىراپ كەتكەنلەرنى يىغىشتۇرۇش ئۈچۈن يەككە ۋە بەن، پەي بويىچە پىستىرمىغا چىقاردى. ماڭا ھازىر نازارەتچى يوق، سىلىنى ئاتماي قويىۋەتتىمغۇ! تىز ئۆزۈڭلەرنى ياقىغا ئېلىڭلار!
     راست شۇنداق قىلدىڭىز، شاپائەتچىم، ياخشىلىقىڭىزنى ئۆمۈرۋايەت ئۇنتىمايمەن. مەن قازاق بالىسى، ئىسمىم رەجەپ، ئۆلمىسەك كۈنلەردە بىر كۈن كۆرۈشۈپ قارارمىز.
     مەنمۇ قازاق بالىسى ئىكەن دەپ ئويلىغان ئىدىم. ھايات بولساق كېيىن ئۇچرىشىپ قالارمىز، ھازىر نەگە بارماقچىسىلەر؟
     ۋەزىيەت ئۆزگىرىپتۇ، نېمە قىلارىمنى، نەگە ۋە قانداق بارارىمنى بىلمىدىم، تىنەپ تۇرىمەن.
     ياخشىسى، دېدى تۇراپ سەمىمى نىيەت بىلەن يول كۆرسىتىپ تۇرۇپ، يولنىڭ ئۇ قېتىدىكى تار كوچا ئارقىلىق ئېتىز جاڭگاللىققا چىقىپ، پاشالىق باغ (ھازىرقى ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ھەربى قىسىم جايلاشقان جاي)نىڭ ئارقىسى بىلەن  سەكپاچىغا ئۆتۈپ، شۇياققا بۆسۈپ ئۆتكەن بىر توپ ئادەملىرىڭلارغا قوشۇلۇڭلار، تېخى ئۇلار ئۇزاپ كەتمىدى.
     ھېلى تېخى بىز باش شىتاۋىڭلارنى قورشىغاندا، 500 چە توپ غەرب تەرەپكە بۆسۈپ چىقىپ كەلدى. يېنىمدا پىلىموتچى قادىر بەنجاڭ بار ئىدى. ئىككىمىز يالغۇز ئىدۇق. ماڭا قارىدى، كۆز قىسىپ قويدۇم، ئوقنى باشقا ياققا قارىتىپ ئېتىپ، ئۇلارنى ئۆتكۈزىۋەتتۇق. ئانچە ئۇزاپ كەتمىدى، مۇشۇ يول بىلەن تېز ماڭساڭلار يىتىشەلەيسىلەر، ئۇ تەرەپلەردە تېخى بۆكتۈرمە قويۇلمىدى، قېنى تېز! مېنى بالاغا قويماڭلار!
    ۋىدالىشىپ كۆرسۈتۈلگەن يولغا كىدىم. تۇراپ ئاخۇن بىلەن بولۇنغان پاراڭمۇ چاقماق تېزلىكىدە بولدى. كوچىدىن مېڭىپ، دەسسىلىپ كەتكەن قوناغلىققا چىقىپ  قالدىم. ئاڭغىچە تاڭمۇ سۈزۈلۈپ قالدى. تەۋەككۈل قىلىپ تىرىش چىقارماسلىققا تىرىشىپ، ئۆمىلەپ ھەم ئۆرە مىڭىپ، بىر جاڭگاللىققا چىقىپ قالدىم. ئەترەپتا يېقىن ئارىدىكى ئۆيلەردە تىم - تاس، ئادەم يوق. ھەممىسى مۈكۈشكەن ياكى يىراق - يېقىنغا قېتىپ كەتكەنىدى. جاڭگاللىقتا مەن تونۇيدىغان ۋە تونۇمايدىغان پىتىراپ كەتكەن بىزنىڭ جەڭچىلەردىن 10 چە ئادەم بار ئىكەن. بىرسى يىنىك يارىدار ئىكەن، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ يارىدارنى نۆۋەتلىشىپ يۆلەشتۈرۈپ، شىمالغا قاراپ ماڭدۇق. تۆت كىشى ئالدى - ئارقا، ئىكى يان كۆزەتچى قويۇپ ماڭدۇق. قولىمىز قورال چاقمىقىدا، توساتتىنلا ئورمان يېنىدىن كونا شەھەرگە (ئونسوغا) چىقىپ كېتىدىغان يولغا چىقىپ قالدۇق. ئىككى تەرىپى بۆك - باراقسان خىلۋەت بىر يېزا يولى ئىكەن. دۈشمەن ئۇچرىمىدى. تاڭ ئېتىپ، ئەتراپ يورۇپ كەتتى، ئوق ئاۋازلىرى ئارقىدا قالدى. يىرىم سائەت ماڭغاندىن كېيىن، ئاتلىق، ئېشەكلىك، پىيادە كىتىشىپ بارغان ھېلىقى توپقا قوشۇلدۇق. ئىلگىرى چېكىنگەن بىزنىڭ جەڭچىلەرمۇ شۇ توپتا ساق - سالامەت بار ئىكەن. ئابدۇكېرىمنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاپ يىغا - زارە قىلىشتۇق. سوپاخۇن بار توپقا قوشۇلالمىدۇق. سەكپاچى، قاراموقچى، توتچان، يۇقارقى سۇ بۇلاق ئارقىلىق ئونسونى يانداپ شىمال بىلەن ئات ئويناق ئارقىلىق تاغ ئىچى بىلەن مېڭىپ قورغاندا سوپاخۇنلارغا قوشۇلدۇق. ئاڭغىچە دۈشمەنلەر ئىز بېسىپ قوغلاپ قورغانغا يىتىپ كەلدى. جەڭ بىلەن چىكىنىپ مۇز داۋان بىلەن ئېلىغا - موڭغۇل كۆرە - شوتىغا كېلىۋالدۇق. ئاقسۇدا بىزنىڭ ئىزۋوتتىن ئابدۇكېرىم، ئەخمەت ۋە موڭغۇل بەنجاڭ تارغىننىڭ مۇبارەك جەسەتلىرى ئىگىسىز، جەڭ مەيدانىدا - دۈشمەن قولىدا قالدى. 37 ئادەم ئىلىغا ساق كەلدۇق.
    
    1949 - يىل 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 5 - كورپۇسى بولۇپ قۇرۇلدى. مەن 13 - دىۋىزىيە 40 - پولىكقا ئايرىلىپ ئۈرۈمچىگە كەلدىم. (45 - يىلدىن كېيىن غۇلجىدا تانكا - بىروۋنىك باتالىئونغا ئالمىشىپ تانكىس، شوپۇر بولۇپ، يىتىشىپ چىقتىم ھەم شىتاپتا رەھبەرلەرنىڭ كىچىك ماشىنا شوپۇرى بولۇپ خىزمەت قىلغانىدىم) 1951 - يىلى كەسىپ ئالماشتۇرۇپ، ئەدلىيە نازارىتىنىڭ نازىر ئولتۇرىدىغان كىچىك ماشىنا شوپۇرى بولۇدم. (مەھەممەت ئىبراھىم  نازىرنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ  قاپتىمەن دېدى.) شۇ يىلى كۈزدە (10 - ئايدا) نازىر بىلەن جەنۇبى شىنجاڭدىكى تۈرمە ۋە مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈراشكە بىرگە چىقتىم. (بۇ مەركەزنىڭ مەملىكەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىكەن) جايلارنى ئايلىنىپ قەشقەرغە كەلدۇق. ھازىرقى قەشقەر گېزىتى ئىدارىسىنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئۇدۇل تۈرمە ئىكەن تاملىرى ئېگىز، دەرۋازىسى سۈرلۈك، خىلۋەت، ئادەم ھېيىقىدىغان بىر يەر ئىكەن. نازىر بىلەن بىرگە يانا، شۇ چاغدىكى جەنۇبى شىنجاڭ مەمۇرى مەھكىمىنىڭ بىرىنچى باشلىغى، 13 - دىۋىزىيەنىڭ بىرىنچى قول قوماندانى، جۇڭگو گۇڭچەنداڭى جەنۇبى شىنجاڭ كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، جەنۇبى شىنجاڭ ھەربى رايوننىڭ مۇئاۋىن قوماندانى گېنرال مايور مەمتىمىن ئىمىنوفمۇ بىللە ئىدى. يانا باشقا مۇناسىۋەتلىك باشلىقلار بىلەن بىرگە، تۈرمە، ياتاق، يوتقان - كۆرپە، ئاشخانىلارغىچىلىك كۆزدىن كۆچۈرۈپ بولۇنغاندىن كېيىن، مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسى تۈرمە سەيناسىغا ئېلىپ چىقىلدى. مەن بىر چەتتە تۇراتتىم، باشلىقلار مەھبۇسلارغا قاراپ، ئەمدى گەپ سوراپ باقايلى دەپ تۇرۇشىغا، مەھبۇسلارنىڭ ئارىسىدىن، كىيىمى مەينەت، يىرىق ساقال بىر ئۇيغۇر مەھبۇس تۇيۇقسىز يۈگۈرۈپ چىقىپ ئالدىمغا كېلىپ تىزلىنىپ پۇتلىرىمنى قۇچاقلىغىنىچە:
     مېنى تونۇدىلىمۇ؟ ھازىر چوڭ باشلىق ئىكەنلا مەن تۆھمەتكە قالدىم، مېنى قۇتقۇزۇپ قويسىلا! دەپ ياش تۆكۈپ يىلىندى. ھاڭ - تاڭ تۇرۇپلا قالدىم. ئاڭغىچە مەھبۇسلارغا قاراۋاتقان قوراللىق جەڭچىلەردىن ئىككىسى «توختا! توختا!» دەپ ئاپتوماتلىرىنى شاراقلىتىپ يۈگۈرۈپ يىتىپ كەلدى. ئىمىنوف بىلەن نازىر جەڭچىلەرگە توختاش ئىشارىسىنى قىلىپ، قىشىمغا يىتىپ كەلدى.
     سىلىنى تونۇيالمىدىم!
     راست تونىيالمىغانلار؟ ئۇ كىچىدىكى ئىشلار ئىدى. ھازىر مەن پاسكىنا بىر مەھبۇس، سىلە چوڭ باشلىق، ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتتى ئەمەسمۇ؟!
    ئۇنىڭ سۆزلىرى نەشتەرلىك ئىدى. سەل تىرىكتىم (ئاڭغىچە جەڭچىلەرمۇ توختاپ قالدى. باشلىقلارمۇ، بۇ ئىشقا قىزىقىپ، سۆھبىتىمىزگە قۇلاق سىلىپ تۇرماقتىدى)
     نېمە گەپتى؟ ئوچۇق ئېيتە! قوپاللىق قىلدىم.
     1945 - يىل 10 - ئاينىڭ بىر كېچىسى ئاقسۇ شەھىرى لەنگەر كوچىسىدىكى ئىش ئېسلىرىدىمۇ؟ سىلە ئۇ چاغدا مىللى ئارمىيە جەڭچىسى ئىدىلە. شۇ كېچىسى سىلە قورشاۋغا چۈشۈپ قالغاندا قويۇپ بەرگەن تۇراپ قادىر مەن بولىمەن. ئوبدانراق قارىسىلا!
    شۇ كىچىدىكى ئىش ئېسىمگە كەلدى - دە، توك تەپكەندەك تەسىر قىلىپ بېشىم پىرقىراپ، پۇت - قولۇم ماغدۇرسىزلاندى. سەل ئېسىمگە كېلىپ سىنچىلاپ قارىسام راست شۇ!
     شەپقەتچىم! دېدىم ئۇنى قۇچاقلاپ ئورنىدىن تۇرغۇزۇۋېتىپ، راست شۇ تۇراپ قادىر ئىكەنلا! تونۇيالماي تۇزكورلۇق قىپتىمەن، كەچۈرسىلە! قانداقلارچە بۇ ھالغا چۈشتىلە؟ ئىككىمىزنىڭ كۆزلىرىدىن ھاياجانلىق ياشلار قۇيۇلدى، تۇراپ قادىر:
     1946 - يىل پولكىمىز يەركەنگە يۆتكەلگەن. 1949 - يىلى 10 - ئايدا ھەقىقەتكە قايتىپ ئازادلىق ئارمىيەنىڭ بىر پولكى بولۇپ ئۆزگىرىپ، شىزاڭنى ئازاد قىلغىلى سەپەر قىلدى. مېنى ھەقىقەتكە قايتقان ئەسكەر سۈپىتىدە بوشاتتى، خوتۇن - بالىلىرىمنى ئېلىپ يۇرتۇم بۇلاقسۇغا قايتىپ كېلىپ، دېھقانچىلىققا كىرىشىپ تۇراتتىم، بىر يىل ئۆتە - ئۆتمەيلا «سەن ئاقسۇدا ئۈچ ۋىلايەت جەڭچىلىرىنى قىرغان جاللات! تارىخى ئەكسىل ئىنقىلابچى ئىكەنسەن!» دەپلا ئەكېلىپ تۈرمىگە تاشلاپ قويدى. ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۆزلىرى بىلىدىلا، ھۇجۇم پەيتىدە ئۈستىمىزدە بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىدىغان ئوفىتسىرلار بار ئىدى. يوق چاغدا قىلغىنىمنى ئۆزلىرى بىلىدىلا.
     بۇ ھادىسىگە، مەھبۇسلار، جەڭچىلەر، باشلىقلار ھەيرانۇ - ھەس قالدى. ئۆز - ئارا كۇسۇر - كۇسۇر، مۇھاكىمىلەر باشلاندى. بەزى ئەدلىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ چىرايلىرىدا خىجالەت، ئوڭايسىزلىق ئىپادىلىرى پەيدا بولدى.
     راستتىنلا دەلىل - ئىسپاتسىز قامالغانمۇ؟ دېدى نازىر كەسكىن تەلەپپۇز بىلەن  شۇ يەردىكى جامائەت جەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىمىغا قاراپ.
     دەلىل - ئىسپات بار! دېدى مەسئۇل خادىم سەل ھودۇققان ھالدا، شۇ قىسىمدا بىللە ئىشلىگەن، كېيىن خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىگە ئۆزگىرىپ، شىزاڭدا تۇرىۋاتقان پەيجاڭ موللانىياز قاۋۇز ئىسپات بەرگەن.
     ئۇ 1954 - يىلى ئاقسۇدىكى ئۇرۇشتا يوق ئىدى. 1946 - يىلى كۈزدە قاغىلىقتىن يەركەندىكى پولكىمىزغا ئەسكەر بولۇپ كەلەن، دەپ ئېتىراز بىلدۈردى تۇراپ قادىر، ئۇ باشقىلارنىڭ ئاقسۇ ئۇرۇشى ھەققىدىكى ھېكايىلىرىدىن ئاڭلىغىنى بويىچە ئىسپات بەرگەن. بۇ ماڭا تۆھمەت بولدى! ھەقىقىي ئەھۋالنى مانا رەجەپ باشلىق بىلىدۇ!
     مەن باشلىق ئەمەس! دەپ ئەسكەرتتىم خىجالەت بولغان ھالدا، ئاددى شوپۇر. ئاڭغىچە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگان خادىمى:
     ھەي! سەن بىر مەھبۇس تۇرۇپ، تىگىشلىك ئەمەس سورۇندا گەپ قىلىشقا نېمە ھەددىڭ! دېدى پوپوزا بىلەن، شۇ چاغدا گېنرال ئىمىنوف قولىنى كۆتۈرۈپ:
     ھاي! توختاپ تۇرۇڭ! دەپ ئۇ خادىمنى توسۇپ قويدى، ئاندىن ماڭا قاراپ:
     بۇ قانداق ئىش؟ دېدى. ئۆز ۋاقتىدىكى ئەھۋالنى يىپىدىن - يىڭنىسىغىچە سۆزلەپ بەردىم.
     بۇنىڭغا جەزمەن بېشىم بىلەن ھۆددە قىلىمەن! ئۇ چاغدا ئىككىمىز يالغۇز ئىدۇق. بۇنىڭغا قانداقلارچە يانا بىر گۇۋاچى تاپقىلى بولىدۇ؟ ئۇلارمۇ نەق مەيداندا يوق بىر گۇۋاھچىنىڭ گىپى بىلەن قاماپتۇغۇ؟ ھازىر نەق مەيداندا ھەممەيلەن كۆردۇق، تۇراپ قادىر ئۆزى تونۇپ شۇ تارىخنى ۋە ھازىرقى ھالىنى ئۆزى ئېيتتى. مېنىڭ ئۇنى يەتتە يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم!
    ئىمىنوف، نازىر ۋە باشقىلار بىر - بىرىگە قارىشىۋالدى. غۇلغۇلا  كۆتۈرۈلدى.
     سىز قانداق قارايسىز؟ ئىمىنوف نازىرغا قارىدى. نازىر:
     دەرھال بۇ ئەنزىنى قايتا قاراپ چىقىش كېرەك. مەسىلە بولسا دەرھال تۈزۈتىپ، تۆھمەت قىلغۇچىنى قاماپ تىرگەۋ قىلىپ ئېغىرلىتىپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. مەركەز ئەدلىيە ئورگىنىنىڭ بۇ قېتىمقى ئارزۇسى، ئورۇنلاشتۇرۇشىمۇ خاتا، ئۇۋال ئەنزىلەرنى ئىنىقلاپ زەربە بېرىش نىشانىنى دەلىللەشتۈرۈش! دېدى.
     توغرا! دېدى ئىمىنوف كەسكىن ھالدا، يانا شۇنى تەكلىپ قىلماقچىمەن ھەممىنى  نەق مەيداندا كۆردۈڭلار، ئاڭلىدىڭلار! بۇنىڭدىن ئارتۇق نەق دەلىل - ئىسپات بولمايدۇ. تۇراپ قادىر ھازىرلا بوشۇتۇلۇپ، مۇۋاپىق خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئائىلە، بالا - چاقىلىرىغا ئۆمۈرلۈك نەپىقە بىرىلسۇن! قالغان ئىشلارنى قانۇن - نىزام بويىنچە پاكىتلاشتۇرۇلۇپ بىر تەرەپ قىلساڭلارمۇ كىچىكمەيسىلەر! قانۇنغا بېسىم قىلىپ قويدۇممۇ - يا؟ نازىر ۋە باشقىلار كۈلۈپ كېتىشتى!
     ياق! دېدى نازىر مېنىڭچىمۇ خاتا ئەنزىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ بۇ قەدىمى دەل بولدى. شۇنداق قىلغان تۈزۈك. ئۇنى شۇ يەردىلا قويۇپ بېرەيلى، قالدى ئىشلارنى تۈرمىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئاياغلاشقاندىن بىرلەشتۈرۈپ مۇھاكىمە قىلايلى!
    تۇراپ قادىر قويۇپ بېرىلدى. ئۇ بوينۇمغا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى، ئەتراپتىكى كۆپچىلىكمۇ ئىختىيارسىز كۆز يىشى قىلىشتى. تۇراپ، باشلىقلارغا گومىنداڭ ئەسكىرى قائىدە بويىنچە سەجدە قىلماقچى بولۇۋىدى ئۇلار ئۇناشمىدى...
    

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-8-15 20:50:45]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.