قۇم باسقان شەھەر(مەمتىمىن ھوشۇر) 5-باب

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-28 21:18:16

قۇم باسقان شەھەر(مەمتىمىن ھۇشۇر)بەشىنجى بابياخشى قال يولۇچىيەنە بىر يېڭى تاڭ ئاتتى. سۈپۈرگە ئورنىدىن سەھەر تۇرۇپ يۇيۇندى. بامدات نامىزىنى ئوقۇپ خۇدادىن ئۆز گۇناھلىرىنى كەچۈرۈشنى تىلىدى. ئۇلار...

     


    قۇم باسقان شەھەر(مەمتىمىن ھۇشۇر)


    بەشىنجى باب

    ياخشى قال   يولۇچى

     

    يەنە بىر يېڭى تاڭ ئاتتى. سۈپۈرگە ئورنىدىن سەھەر تۇرۇپ يۇيۇندى. بامدات نامىزىنى ئوقۇپ خۇدادىن ئۆز گۇناھلىرىنى كەچۈرۈشنى تىلىدى. ئۇلار يەنە يولغا چىقىشتى. چوكان ئۆزىدىكى تەشنالىق ئوتىنى ئازراق بولسىمۇ پەسەيتكەن بولۇپ  بۈگۈن نىمىشقىدۇر كەمسۆز بۇلۇپ قالغانىدى. ئۇ پات پات ئېشەك ئۈستىدە كېتىپ بارغان سۈپۈرگىگە يەر تېگىدىن قاراپ قوياتتى. ئوردىدىكى چاغدا چوكان ئۆزىنىڭ ئەنسىز كىشىنى بىزار قىلىدىغان خورلۇق تۇرمۇشىدىن جاق تويغانىدى. ئۇ قانچە قېتىم شۇنداق  بىر كىشىنىڭ غايىپتىن پەيدا بولۇپ   ئۆزىنى يىراق خاتىرجەم بىر ماكانغا ئەكىتىشىنى تىلىگەنىدى   ئۆزىنى ئەكىتىدىغان ئۇ كىشىنىڭ چىرايىنىڭ قانداق بولىشى  ياش قورامنىڭ قانچىدە ئىكەنلىكى ئۇنىڭ ئۈچۈن بەرىبىر ئىدى. ئۇنىڭغا لازىمى پەقەت ئۆزىگە پاناھ بولالايدىغان بىرەر ئەر كىشى. شۇنداق ئادەم بولسا  ئۇنى دۇنيانىڭ قانچىلىك يىراق يەرلىرىگە ئەكەتسىمۇ مەيلى ئىدى. ئۇ ئۇيەردە ئۇ ئېرىنىڭ ئاش تامىقىنى ئېتەتتى. ساغلام بۇدۇرۇق بالىلارنى تۇغاتتى.  ئۇنىڭ بالىلىرىنى ھېچكىم بۇغۇپ قويمايتى. ئۇ ئۆز بالىلىرىغا قېنىپ ئەمچەك سالاتتى. بالىلار چوڭ بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپى ۋاڭ-چۇڭغا تولاتتى....

    چوكاننىڭ ئۆزىنىڭ ئوردا ئىچىدە ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلىگۈسىمۇ كەلمەيتى. ئوردىدىكى دېدەكلەر  ئىنىكئانىلار  ئايال چاكارلار بىلەن ئوردا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئوغۇرلۇقچە قىلىشىدىغان مۇناسىۋەتلىرى كىشىنى بىزار قىلاتتى. ئوردىدىكى ئېسىلزادىلەر كۆزى چۈشكەن ئايال خىزمەتكارلارنى خۇشى تۇتقاندا چاقىرىپ بىر كېچە قوينىغا ئالىدۇ-دە، بۇ ئىشنى بىرەرىگە تىنىپ قويسىلا كاللىسىنى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ٬ تەھدىت  سېىلپ ئەتىسىلا ھەيدەپ چىقىرىدۇ. ئوردا خىزمەتكارلىرى بىلەن بۇلۇڭ پۇچقاقلاردا قورقۇپ تىتىرەپ تۇرۇپ قىلىشقان ئىشلارنىڭمۇ قىلچە لەززىتى بولمايدۇ. ئاھ  شۇ ھەشەمەتلىك ئوردىدا ئاددى بىر دېھقاننىڭ خوتۇنى بولۇشنى ئارزۇ قىلمايدىغان بىرەر كېنىزەك تېپىلارمۇ؟.....

    ئوردىدىن مانا بۇ شاھزادىنى ئېلىپ قېچىش ئىشىغا شۇڭلاشقا بۇ چوكان ئۆز ئىختىيارى بىلەن قوشۇلغانىدى. ئۇ خەۋىپ ئىچىدە قالغان شاھزادىنى قۇتۇلدۇرماقچى، راستىنى ئېيتقاندا ئوردىدىن يېراق بىرەر جايدا ئۆزىنىڭمۇ خاتىرجەم تۇرمۇشىنى تىكلىمەكچىدى...
    چوكان خىيال ئىچىدە سۈپۈرگىگە قارايتى. بۇ ئادەمنىڭ يېشىنى ئانچە چوڭ دەپ كەتكىلىمۇ بولمايتى .ئۇنىڭدا ئەركەكلەرگە خاس ھەممە خىسلەت تېپىلاتتى،  ئەمما بۇ چوكانغا نىسپەتەن ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىرى بىر ئەر بولغۇچىغا ئەمەس مېھرىبان قېرىنداشقا ئوخشاپ كېتەتتى. بۇ ئادەم يەر تېرىپ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرىدىغان دېھقان ئەمەس،  تۈگىمەس سەرگەردانلىقنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان سەيياھ، چۈشۈنۈپ بولمايدىغان غەلىتە ئادەمدەك قىلاتتى.

    سۈپۈرگە بىلەن چوكان قانداقتۇر بىر تاشلىق ساي  تاشلاندۇق يوللار بىلەن كەڭ ئېدىرلىقنى كېسىپ ئىلگىرلىمەكتە  ئىدى. يىراقتا يېشىللىقلارغا پۈركەنگەن دۈمچەك-دۈمچەك دۆڭلۈكلەر ئۇنىڭمۇ ئارقىسىدا قارلىق ئېگىز تاغلار كۆرۈنەتتى. ئاشۇ دۆڭلۈكلەر تەرەپكە ئەكىتىدىغان يولغا قاراپ چوكاننىڭ كۆزلىرى نۇرلىنىپ كەتتى .

    بىلەمسەن دېدى ئۇ سۈپۈرگىگە،-بۇ يەرلەر ماڭا تونۇشتەك بىلىنىدۇ. مېنى لەشكەرلەر ئوردىغا ئېلىپ ماڭغاندا،  ھارۋا بىلەن ئەنە شۇنداق دۆڭلۈكلەرنى ئارلاپ ماڭغاندەك قىلغان . بىز ئۇزاق يول يۈرگەن  ھارۋىدا يەنە قانداقتۇر يۈكلەرمۇ باردەك قىلاتتى. مەن يوغان ساندۇقلارنىڭ ئوتتۇرسىدا چايقىلىپ ئولتۇرۇپ،  مەپە مىلەڭزىسىنىڭ يوچۇقىدىن ئوغۇرلۇقچە سىرتقا قارىغانىدىم. بەلكىم  ئاشۇ دۆڭلۈكلەردىن ھالقىپ چۈشسەكلا بىزنىڭ يۇرتقا بارارمىزمىكىن.  ئۇلار مېنى ئوردىغا ئېلىپ ماڭغاندا، مەن كىچىك ئىدىم،٬ كېيىن ئاڭلىسام ئاتا-ئانام ھەسرەت چېكىپ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ھازىر يۇرتۇمدا قانداق ئۇرۇق تۇققانلىرىمنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلمەيمەن........

    سەن ئۇ تەرەپلەرنى ئۆزۈڭنىڭ يۇرتلىرىغا ئوخشىتىۋاتساڭ كېرەك دەپ كۈلدى سۈپۈرگە ،-دۇنيادا بىر بىرىگە ئوخشايدىغان دۆڭلۈكلەر ئازمۇ؟ 

    سېنىڭ دىگىنىڭ توغرىدۇر دېدى چوكان،-ئەمما،  شۇ ئەتراپ كۆزۈمگە ئىسسىق كۆرۈنىۋاتىدۇ. شۇ ئەتىراپتىن بىر پارچە يەر سېتىۋېلىپ تېرىغان بولساق،  ساپاننى مەن ئۆزۈم سۆرەيتىم .

    - ئەتىدىن باشلاپ بىز ئۇ تاغ تەرەپكە ئەمەس مانا ماۋۇ چۆللۈكلەرگە قاراپ كەتكەن يول بىلەن ماڭىمىز دېدى سۈپۈرگە،-ئالدىمىزدىكى بۇ يوللاردا ئەمدى بىزگە بەزىدە كۈنلەپ بىرەر كارۋان   ياكى بىرەر يولوچى ھەتتا بىرەر قونالغۇمۇ ئۇچۇرمايدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇ يوللاردا ئادەم شالاڭ، شاھ ئايغاقچىلىرىنىڭ تۇتۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەشنىڭمۇ ھاجىتى يوق،  مەن قۇملۇقلاردىكى ئەڭ يېقىن  ئەڭ مەخپىي يوللارنى بىلىمەن .

     قۇياش شاھىنىڭ تەۋەلىكىدىن چىقىپ كېتىدىغان ئاخىرقى كېچىسى يولوچىلار قونالغۇ تاپالماي  ئېتىزلىقتىكى تاشلىنىپ تۇرغان بىر كونا كەپە ئىچىدىلا تۈنىدى،  كەپىنىڭ ئۈستىگە ياپقان ياغاچلار چىرىپ قارداپ كەتكەن. كەپىنىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىنى قېلىن تور باسقان بولسىمۇ ، كەپىنىڭ ئاستىغا قۇرۇق ۋە يېڭى مەڭگەن يېيىتىلغانىدى. بۇ شۇ ئەتىراپتىكى بىنەم يەرلەرنى تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ يىغىم تېرىم ۋاقتىدا پايدىلىنىدىغان تۇرالغۇسىدەك قىلاتتى. بىر ئىككى كۈندىن بېرى ماڭغان ئوڭغۇل-دوڭغۇل تاشلىق يول سۈپۈرگىنى ئوبدانلا چارچاتقانىدى .

    ئۇ ئېشىكىنى چۈشەپ قويۇپ  كىرىلا ئۇخلاپ كەتتى. چوكاننىڭ كۆزىگە بولسا زادى ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى .

       - كۈندۈزى يول بويىدا كۆرۈنگەن دۆڭلۈكلەردىن ھالقىساقلا بىزنىڭ يۇ رتقا يېتىپ باراتتۇق، - دەپ ئويلايتى چوكان. شۇ دۆڭلەرنىڭ ئارقىسىدا راستىنلا ئۇنىڭ يۇرتى بارمۇ ياكى بۇ بىر خىيالى تۇيغۇمۇ؟ بۇنىسى نامەلۇم ئىدى. نىمىشقىدۇر چوكاننىڭ كاللىسىغا مۇشۇنداق بىر پەرەز ئورنىشىۋالغانىدى. ئۇ يەردە يىراقتىكى ئاق باش تاغلاردىن ئېقىپ كېلىدىغان سۈپسۈزۈك تاغ سۈيى  ئۇزۇنغا سوزۇلغان جلغىلار بار. بىر قېتىم ئاتىسى چوكاننى شۇ يەرلەرگە باشلاپ بېرىپ سايدىن بېلىق تۇتقان. ئاياغ يوللار  ئېتىزلار  ياپيېشىل باراڭلار بىلەن پۈركەنگەن ئاددىي دېھقان ئۆيلىرى كۆكتاتلىقلار ھەممىسى ئۇنىڭ ئېسىدە تۇرۇپتۇ.

     ئەگەر شۇ ئەتىراپتىكى بىرەر ئىشلەمچىنىڭ خوتۇنى بولۇپ قالغان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى-ھە؟......بۇ ناتۇنۇش ئادەم ئەمدى چۆل يوللىرى بىلەن ئۇنى قەيەرلەرگە ئەكىتەر؟ ئېهتىمال ئۇ مۇشۇ كەتكىنىچە مەڭگۈ قايتىپ كېلەلمەس.........

    تۈن يېرىمىدا ئايال ئاستا ئورنىدىن تۇردى،  سۈپۈرگە بىلەن كىچىك شاھزادە شېرىن ئۇيقۇدا ئىدى. چوكان تالاغا چىقتى. ئاي ئەتىراپنى سۈتتەك يورۇتۇپ تۇراتتى. بىراق بىر يەردىن شارقىراپ ئېقىۋاتقان سۇنىڭ بۇغۇق ئاۋازى كېلەتتى. قەيەرلەردىندۇر ئىتلار ھاۋشىپ قوياتتى .

    دېمەك   يېقىن ئەتىراپتا بىرەر يېزا باردەك قىلاتتى. چوكان ئىتلارنىڭ ئاۋازى كەلگەن تەرەپنى نىشان قىلىپ ماڭدى . باشتا ئالدى كەينىگە قاراپ ئاستا ماڭدى،  كەپىدىن يىراقلاشقاندىن كېيىن يۈگۈرۈشكە باشلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ نىمىلەرگە دەسسەپ  قايسى تەرەپكە قاراپ كېتىپ بارغىنىنىمۇ بىلمەيتى . ئەگەر ئوردىدىن شاھزادىنى ئىزدەپ چىققان لەشكەرلەر بۇ ئەتىراپتىن چوكاننى تېپىۋالىدىغان بولسا  ئالدى بىلەن ئۇنىڭدىن شاھزادىنى سۈرۈشتە قىلىدۇ .ئۇ چاغدا ئۇ نېمە  دەپ جاۋاب بېرىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئوردىغا نېمە  كېرىگى ئۇلارغا لازىمى؟.  شاھزادە، ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە  ئۇ شاھزادە پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ قالىدىغان بولسا،  بوۋاق چېغىدا ئۆزىنى تاشلاپ كەتكەن ئىنىكئانىسىنى ئەيىبلەپ كاللىسىنى ئالىدۇ .ئەگەر پادىشاھلىق باشقىلارنىڭ قولىدا بولغان تەقدىردىمۇ،  تەخىتنىڭ كەلگۈسى كۈشەندىسى بولغان شاھزادىنى تاپ دەپ ئۇنىڭغا تۈگىمەس زۇلۇم سالىدۇ. ئەگەر شاھزادىنى ھېلىقى يولوچى ئېلىپ يىراققا كېتىپ قالسا،  ئۇ چاغدا شاھزادىنى ئۇ ئوردا ئادەملىرىگە  قانداق تېپىپ بېرەلەيدۇ؟.......

    چوكاننىڭ كۆز ئالدىغا ئوردىدىكى سۇغا تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈش جازاسى ئەمچەكتىن ئېسىش ، گېلىنى بۇغۇپ كۆزىنى چانىقىدىن چىقىرىش،  قاپقا سولاپ دۇمبالاش  ئالدى-كەينىدىن قوزۇق قېقىش،   تىرىك تۇرغۇزۇپ يۈرىكىنى سۇغۇرىۋېلىش دېگەندەك ھەرخىل جازالار كەلدى. ئۇ بارغانسىرى دەككە-دۇككىگە چۈشۈپ،  يۈگۈرۈشتىن توختاپ قالدى. بوۋاقنى ئويلىغانسىرى كۆكسى چىڭقىلىشقا باشلىدى. (ئاز ئۆتمەي شاھزادە ئويغۇنىدۇ-دەپ ئويلىدى چوكان ،-ئۇ ئېمىشى كېرەك. يولوچى ئۇنى قانداق پەرۋىش قىلىدۇ؟ ئۇنىڭ يىغىسىنى قانداق پەسلىتىدۇ؟ شاھزادە ئۆلۈپ قېلىشى مۇمكىن.......)

    جاۋابكارلىق تۇيغۇسى ۋە ئانىلىق مېھرى چوكاننى ئارقىغا قايتۇردى،  ئۇ كەپىسىگە يېقىنلىشىپ كەلدى. بالا بىلەن سۈپۈرگە يەنىلا تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى. تىنىچ كېچىدە ئۇلارنىڭ چوڭقۇر تىنىقى سىرتقىمۇ ئاڭلىنىپ تۇراتتى. چوكان پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ كىرىپ بالىنى قولىغا ئالدى دە،- دېمىنىمۇ چىقارماستىن كەپىدىن يىراقلاشتى، ئاندىن ئۇ شاھزادىنى مەھكەم قۇچاقلاپ شامالدەك ئىتتىك يۈگۈرۈپ كەتتى. ئايمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يۈگۈرىۋاتقاندەك قىلاتتى.........

    سۈپۈرگە سەھەردە ئويغىنىپ يېنىدا ھېلىقى چوكان بىلەن بالىنىڭ يوقلىقىنى كۆردى. ئۇ تالاغا چىقتى. ئەتىراپقا قارىدى. ھەممە ياق جىمجىت  كېچىچە تۇيۇپ ئوتلىغان سۇر ئېشەك هورۇنلۇق بىلەن توپىغا ئېغىناپ ياتاتتى. ئېشەك ئىگىسىنى كۆرۈپ ئېرىنچەكلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ كېرىلىپ سىلكىندى .چوكاننىڭ قارىسى كۆرۈنمەيتى. سۈپۈرگىنىڭ كۆڭلىدىن بىر گۇمان كەچكەندەك قىلدى-دە قايتىپ كىرىپ ئايال ياتقان ئورۇننى تۇتۇپ كۆردى،  ئورۇن ئاللىبۇرۇن مۇزلاپ كەتكەنىدى. ئۇ يەنە كەپىدىن چىقتى. يىراق ئۇپۇق سىزىقى ئەتىراپىدا شەپەق لاۋۇلداپ يېڭى بىر قۇياشنىڭ كۆتۈرلۈش ئالدىدا تۇرغانلىقىدىن خەۋەر بەرمەكتە ئىدى. ئەتىراپتىكى سەھەرچى قۇشقاچلار چۇرۇقلىشاتتى. سەھەرنىڭ ساپ مۇزدەك ھاۋاسى كىشىنى ئەندىكتۈرەتتى. سۈپۈرگە كەپە ئىچىگە يەنە قايتىپ كىرىپ خۇرجۇننىڭ ئاغىزىنى ئېچىپ،  شاھزادىنىڭ ئانىسى خىراجەت قىلىش ئۈچۈن بەرگەن تىللالار سېلىنغان خالتىنى ئىزدىدى،  خالتا ئۆز جايىدا تۇراتتى. ئۇ قايتىپ چىقىپ   كەپىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ خىيالغا پاتتى. بۇ چوكان قايەرگە كەتكەن بولىشى مۇمكىن؟ توغرا،  ئۇ تۆنۆگۈن مۇشۇ يەردە بىزنىڭ يۇرت بار دېگەندەك قىلىۋىدى. دىمەك،  ئۇ ئۆز يۇرتىنى ئىزدەپ كېتىپ قالغان ئوخشايدۇ. ئۇنداقتا ئۇ شاھزادىنىڭ ئانىسى بەرگەن تىللالارنى نىمىشقا ئەكەتمىدى؟ بەلكىم ئۇ مېنى خۇرجۇندىن تىللا سېلىنغان خالتىنى ئالغۇچە ئويغۇنۇپ كەتمىسۇن دېگەندۇر ياكى ئالدىراشچىلىقتا ئۇنىڭ ئېسىگە خالتىمۇ كەلمىگەندۇر؟ ھىچبولمىغاندا ئۇ تىللالارنى بولسىمۇ ئەكىتىشى كېرەك ئىدى .بۇ پۇللار ماڭا تەئەللۇق ئەمەس،  شاھزادىنىڭ راسخوتى ئۈچۈن بېرىلگەن دۇنيا ئەمەسمىدى...ھەي كەم ئەقىل خوتۇن  سەن بۇنچە ئالدىراپ قاچمىساڭمۇ،  ئۆزۈمنىڭ يۇرتىغا كېتەي دىسەڭ  مەن سېنى توسۇپ قالامتىم؟
       تۇرۇپلا سۈپۈرگىگە غېرىپلىق ۋە يالغۇزلۇق يەتكەندەك بولۇپ قالدى. چوكان ئۆزىنىڭ ئاجايىپ كەچۈرمۈشلەرگە تولغان ئەندىشىلىك پاراڭلىرى بىلەن يول بويى سۈپۈرگىنى زىرىكتۈرمىگەنىدى. ھەر بىر ئۆتەڭ  قونالغۇلاردا ئۇ سۈپۈرگىگە تاماق ئېتىپ بەرگەن،  ئۇنىڭ ھاجەتلىرىدىن چىققانىدى. ھېلىقى شاھزادىچۇ؟ بۇ دۇنيادا ئەڭ پاك،  ئەڭ ياۋاش،  تېخى ھىچبىر گۇناھ ئۆتكۈزۈشكە  ھېچكىمگە زۇلۇم سېلىشقا ئۈلگۈرمىگەن ھۆاكۈمران دەپ مانا مۇشۇ شۇمتەكنى دېسە بولىدۇ. بۇ نارسىدىمۇ ئىنىكئانىسىنىڭ كۆكسىنى مەھكەم قاماللاپ، ئاچ كۆزلۈك بىلەن ئېمىپ،  ئۇلارنىڭ قېشىدا پۇشۇلداپ ئۇخلاپ، ئوبدان ھەمراھ بولۇپ قالغانىدى. سۈپۈرگە چوكاننىڭ قايتىپ كېلىشىنى ئۈمۈد قىلىپ كۈن خېلىلا ئۆرلەپ كەتكۈچە كۈتتى .ئايال قايتىپ كەلمىدى. سۈپۈرگە ھەرخىل پەرەزلەرنى قىلاتتى. (مەن بۇ چوكاننى رەنجىتىپ قويغاندىمەنمۇ يە؟ ياق-مەن ئۇنى خاپا قىلغۇدەك ھېچ ئىش قىلمىدىم دەپ ئويلايتى ئۇ ئۇنىڭ كۆڭلىنى قايتۇرمىدىم،  بەلكىم ئۇ كېچىسى بالىسىنى تالاغا ھاجەتكە ئاچىققان بولسا،  ئۇلارنى ھايۋانلار يەپ كەتكەندىمۇ ياكى جىن ئالۋاستىلار ئېلىپ قاچقاندىمۇ؟ ياق   چوكان ئالتۇن قاچىلانغان خالتىنى ئالمىغان بىلەن شاھزادىنىڭ يۆگەك  پارچە-پۇرات لاتىلىرى چىگىلگەن بوپىنى ئۇنتىماي ئەكىتىپتۇ. دېمەك ئۇ ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ. )

    سۈپۈرگە نەرسە كېرەكلىرىنى ئېلىپ  ئېشەكنىڭ يېنىغا كېلىپ يولغا چىقىشقا تەييارلىق قىلدى. نىمىشقىدۇر ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم ئىدى .

    خوش ئېشىگىم دېدى ئۇ ئىشىگىگە سەكرەپ مىنىپ:-يولدا قوشۇلغان يولداش بولماپتۇ   دېگەن مانا مۇشۇ. يەنە ئىككىمىز يالغۇز قاپتۇق. قېنى خىت،  ئالغا،  بىزنىڭ ھەقىقىي يولداشلىرىمىز تېخى ئالدىمىزدا.

    سۈپۈرگە شۇنداق دېدى-دە،   بىر نەتچە قەدەم ماڭمايلا، تۇيۇقسىز بىر ئىش ئېسىگە كېلىپ ئېشەكنىڭ تىزگىنىنى تارتتى .

    (توختا، بەلكىم شۇ خوتۇننىڭ ئۆزى ئالۋاستىدۇر، بولمىسا ئۇ بىر كېچىدىلا يېنىمىزدىن قانداق غايىپ بولۇپ كەتتى؟ ئۇنىڭ قالدۇرغان ئىزلىرى قېنى؟

    ھېچبولمىغاندا سەن ئېشىكىم ئۇنىڭ قاياققا كېتىپ قالغانلىقىنى بىلىشىڭ كېرەك ئىدىغۇ؟ ئۇ ئۇچقاندىمۇ ياكى.......

    خۇدا ئۆز پاناهىڭدا ساقلا. ئۇنداقتا بىز بۇ بىر قانچە كۈندىن بېرى بىر ئالۋاستى بىلەن ھەمسەپەر بولۇپ ماڭدۇقما؟)

    سۈپۈرگە بايىلا ئۆزى خۇرجۇن چاقىلىرىنى كۆتۈرۈپ چىققان ئەسكى كەپىگە قورقۇنچ ئىچىدە قارىدى دە،  ئېشىكىنى قاتتىق دېۋىتتى.    (خىت .....تېز بول ئېشىگىم،  بۇ سىرلىق يەردىن دەرھال يىراقلىشايلى. كىم بىلىدۇ بەلكىم ھېلىقى نېمىدا؟ ھە(قۇياش شاھى) دەيدىغان بەتچىغەرنىڭ شةھىرىدىن چىقىپلا يولۇققان خوتۇنلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا ئالۋاستىدۇر. بولمىسا نىمىشقا ئۇلار باش كۆزلىرىنى قاپقارا چۈمپەردىلەر بىلەن چۈمكىۋالغان؟.....

    سەن ھېلىقى بالىسىنى بىزگە تاشلاپ بېرىپ كەتكەن ئايالنىڭ چىرايىنى كۆردىڭمۇ؟ مەن غىلپال كۆرۈپ قالغاندەك بولدۇم. ساڭا ئۇنى قانداق تەسۋىرلەپ بەرسەم چۈشىنەرسەن؟

    قىسقىسى، ئۇ بالا تۇغقان ئايالغا ئوخشىمايدۇ. سۈرەتتەك گۈزەل. ئالۋاستىلار ئېزىقتۇرۇش ئۈچۈن ئادەملەرنىڭ كۆزىگە ئەنە شۇنداق پەرىلەرنىڭ سىياقىدا كۆرۈنىدۈ..... ئۇنداقتا (قۇياش شاھى)نىڭ ئۆزىچۇ؟ ئۇ ئەلۋەتتە ئالۋاستىلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى-ئىبلىس دېگەن  گەپ. بولمىسا نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغانىلكى ئادەم قورقۇپ تىتىرەيدۇ؟......ھېلىقى بوۋاق شاھزادىچۇ؟ ئالۋاستى بىلەن ئىنىكانىسى ئالۋاستى بولغاندىن كېيىن،  ئۇ ئەلۋەتتە كىچىك ئالۋاستى دېگەن سۆز. شۇنچە كۈن بىللە يۈرۈپمۇ ئۇنىڭ سەبى بالىلاردەك ۋىلىقلاپ كۈلگىنىنى ياكى قەغىش قىلىپ يىغلاپ باققىنىنى ئاڭلىماپتىمەن. ئاپئاق كۆكرەككە مەھكەم يېپىشىۋېلىپ ئىنىكئانىسىنى شورىغىنى شورىغان. ھېلىقى ئادەملەرنىڭ تاپىنىنى تېشىپ قېنىنى ئىچىدىغان ئالۋاستىلارنىڭ نەق ئۆزى. ئەڭ قورقۇنۇشلىقى  مەن ھېلىقى ئايال ئالۋاستى بىلەن بىر كېچە قۇچاقلىشىپ يېتىپتىمەن. مەن ساڭا قەسەم قىلىپ بېرەي ئېشىگىىم،  ئۇ ئىشقا مېنى ئايالنىڭ ئۆزى زورلىدى. مەن دەسلەپتە خالىمىغانىدىم ).

    سۈپۈرگىنىڭ پىكىرى بارغانسىرى قالايمىقانلىشىپ كەتتى .

    نېمىشقا سەن تۆت پۇتلاپ ماڭىسەن   مەن نېمىىشقا ئىككى پۇتلاپ ئۆرە ماڭىمەن؟ دەپ ئېشىكىگە مۇراجەت قىلاتتى ئۇ( ماڭا قارا ئېشىگىم، نىمىشقا ئىككى پۇتلۇق مەخلۇقلار ئالۋاستىغا ئايلىنىپ كېتەلەيدۇ،  سەن مەڭگۈ ئېشەك پېتىچە قېلىۋېرىسەن؟......سەن دەپباققىنە   زادى ئالۋاستى بولغان ياخشىمۇ   ئېشەك بولغان ياخشىمۈ؟..... نىمىشقا ئۈندىمەيسەن؟ سەن مېنىڭ ئۆزۈڭدىنمۇ دۆتلۈكۈمگە ئىچىڭدە كۈلىۋاتقانسەن ھەقاچان؟) كېچىچە ھاردۇقىنى ئوبدان چىقارغان ئېشەك ئىتتىك مېڭىشىدا كېتىپ باراتتى. ئۇ ئىگسىنىڭ مۇنداق توختىماي مۇلاهىزە قىلىپ،  نىمىلەر توغرىسىدىدۇر سۆزلەپ مېڭىشىغا كۆنۈپ قالغانىدى .

    (بىر ئىش زادىلا ئېسىمدىن چىقمايدۇ دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى سۈپۈرگە،- بۇ ئۇزاق يىللارنىڭ ئالدىدا بولغان ۋەقە،  ئۇ چاغدا سەن تېخى ئاناڭنىڭ قورسىقىدىمۇ تۆرەلمىگەن. مەن سېنىڭ داداڭنىڭ دادىسىنى مىنىپ يۈرگەن چاغلىرىم ئىدى. كەڭ ئوچۇقچىلىقتا كېتىپ باراتتۇق. قەيەردىن پەيدا بولۇپ قالدى بىلمىدىم ئالدىمىزدىن تۇيۇقسىز توي تارتىپ كېلىۋاتقان بىر توپ چىقىپ قالدى. توپنىڭ ئالدىدا كاناي سۇنايچىلار مېڭىپتۇ. ئارقىدىكى ھارۋىدا ناغرا-دۇمباق چالغۇچىلار ئولتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭمۇ ئارقىسىدا تەختىراۋانغا سېلىپ قىزىنى ئەكىتىشىۋېتىپتۇ. ئايھاي،  مەن ئۆمرۈمدە مۇنداق كاتتا توينى كۆرمىگەنىكەنمەن،  ناغرا-سونايلارنىڭ ئاۋازىدىن قۇلىقىم پاڭ بولۇپ قالاي دېدى. بىر چاغدا تەختىراۋاندا ئولتۇرغان كېلىن قىزغا قاراپ قېتىپ تۇرۇپلا قاپتىمەن. ئادەم بالىسىنىڭمۇ شۇنداق چىرايلىق بولىدىغىنىغا ئەقلىم يەتمەي قالدى. تويچىلارنىڭ مېنى قىستاپ يولنىڭ چېتىگە ئەچىقىپ قويغىنىنىمۇ تۇيماي قاپتىمەن. تويچىلار ئۇزاپ  تېخى يولنىڭ چېڭىمۇ بېسىلماي تۇراتتى. بىرى مېنى«يىگىت»دەپ چاقىرغاندەك قىلىپ قالدى. بۇرۇلۇپ قارىسام  ئارقىمدا پۈركەنچىلىك بىر ئايال تۇرۇپتۇ .

    -خېنىم،  مېنى چاقىردىلىمۇ دېسەم.

    -ئۆيلىنەمدىلا دېدى ئۇ.

    بايىقى توي نىڭ قىززىقچىلىقى كاللامدىن كەتمىگەن بولسا كېرەك. ئۆيلىنىدىغان ئىش بولسا ئاشۇ تەختىراۋاندا ئولتۇرۇپ ئۆتۈپ كەتكەن قىزدەك قىزغا ئۆيلەنسە دەپ ساپتىمەن. -ئۆيلىنىدىغان نىيەتلىرى بولسا، ماڭا ئەگىشىپ ماڭسىلا،  مەن سىلىگە ئاشۇ قىزنىڭ سىڭلىسىنى تونۇشتۇرۇپ قوياي،  سىڭلىسى ھەدىسىدىنمۇ چىرايلىق دېدى ئايال.   ئۇ چاغدا مېنىڭمۇ ياش تەلۋە ۋاقتىم. تولا ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا ھېلىقى پۈركەنچىلىك ئايالغا ئەگىشىپ ماڭدىم. قانچىلىك يول باسقىنىمىزنى بىلمەيمەن،  بىر چاغدا چوڭ بىر كۆلنىڭ يېنىدىن چىقىپ قالدۇق. كۆل بويىدا كاتتا بىر ئىمارەت تۇرۇپتۇ. شۇنچىلىك چوڭ ئۆيدە بىرمۇ ئادەم كۆرۈنمەيدۇ. پۈركەنجىلىك ئايال ئىگىلىپ:-

    قېنى خوش دەپ مېنى ئۆيگە باشلىدى. 

    ئىشەكنى ئىشىك ئالدىدا قالدۇرۇپ،  مۇشۇنداق ئەسكى چورۇقلىرىم بىلەنلا قىپقىزىل گىلەملەر سېلىنغان ئۆيگە كىرىپ كەتتىم. پۈركەنچىلىك ئايال مېنى ئۇزۇن كەتكەن دةهلىزلەردىن ئۆتكۈزۈپ ، يۇقىرى-تۆۋەن پەلەمپەيلەر بىلەن ئالاهدە ياسالغان بىر خاس هوجىرىغا باشلاپ كىردى. ھۇجىرا ئىچىدىكى قىممەت باھالىق نەرسە كېرەكلەرنىڭ قانچىلىك ئېسىللىكىنى ساڭا ئېيتىپ بەرسەممۇ سەن بەرىبىر چۈشەنمەيسەن.                                                                                                                                                                                                  سىلى ئېيتقان ھېلىقى قىز مۇشۇ ئۆيدە تۇرامدۇ دەپ سورىدىم مەن.

    ئايال مېنى قات قات كۆرپىلەر ئۈستىگە ئولتۇرغۇزدى دە،  ئۈستىدىكى چۈمپەردىلەرنى ئېلىۋەتتى. ھەيرانلىقتا ئاغىزىمنى ئېچىپلا قاپتىمەن، ئالدىمدا ھېلىقى مەن تەختىراۋاندا كۆرگەن كېلىندىنمۇ چىرايلىق ۋە ياش بىر قىز تۇرۇپتۇ. ماڭا قۇياش بۇلۇتلار ئارىسىدىن تۇيۇقسىز چىقىپ چاقناپ كەتكەندەك ٬ ئاسماندىكى تۇلۇنئاي ئالدىمغا دۇملاپ چۈشكەندەك بىلىندى.

    سەن ئادەممۇ   جىنمۇ دەپ سورىدىم.

    نىمە دىسەڭ شۇ دەپ ئەركلىلىگىنىچە ماڭا تاشلاندى.

    شۇ كېچە قىز بىلەن شېرىن بىر كېچىنى ئۆتكەزدىم. ئۇ مېنى تاڭغا يېقىن ئۇزىتپ قويدى.  -پات پات كېلىپ تۇرۇڭ -دېدى. كەلگەندە ئېزىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۆيىنىڭ پەلەمپەيلىرىنى ساناپ چۈشتۈم. ئۆيىنىڭ ئادىدىكى چوڭ كۆلنى بەلگە قىلىپ ئەتىراپنى ئوبدان كۆرىۋالدىم. ئېشىكىمنى مىنىپ خەيىر دەپ كەتتىم. ئارىدىم بىر كۈن ئۆتمەيلا جاناننى سېغىندىم. ئېشىكىمنىڭ بېشىنى ئارقىغا بۇراپ يېتىپ يېتىپ كەلسەم   ھېلىقى مەن بەلگە قىلىۋالغان يەردە نەدىمۇ چوڭ كۆل،  كاتتا ئىمارەت بولسۇن   كەڭ بىر ئوچۇقچىلىق  تۇتاش كەتكەن چۆل سوزۇلۇپ يېتىپتۇ. ئارىدىن قانچە يىل ئۆتۈپمۇ ھېلىقى قىزنى مەن زادى ئۇنتىيالمىدىم. قانچە يىل ئىزدىدىم.  ئۆمرۈم بويتاقچىلىقتا ئۆتۈپ كەتتى. زادى تاپالمىدىم....... ئېهتىمال  شۇ چاغدىمۇ مەن ھېچقانداق بىر قىزنى كۆرمىگەندىمەن،  بەلكىم ئۇ بىر چۈشتۇر. بىلەمسەن؟  بۇ ھاياتنىڭ تېگىگە ئاللانىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىنىڭ چېكىگە يەتكىلى بولمايدۇ. بىز كۆرۈپ تۇرغان بۇ دۇنيا بەلكىم بىزنىڭ كۆزىمىزگە كۆرۈنگەندەكتۇر ياكى ئۇنداق ئەمەستۇر ياكى ساڭا ئوخشاش ئېشەكلەرنىڭ كۆزىگە باشقىچە  ھېلىقى (قۇياش شاھى) دەك ئىبلىسلارنىڭ كۆزىگە تېخىمۇ باشقىچە كۆرۈنىدىغاندۇر ياكى ھەممىمىز شۇنداق بىر خىيالى دۇنيادا خاتا تۇيغۇ ئىچىدە ياشاۋاتقاندۇرمىز ياكى ئويغاق تۇرۇپ چۈش كۆرىۋاتقاندۇرمىز  كىم بىلىدۇ  بەلكىم بىز ئۈچۈن ھەقىقىي چىن ھايات پەقەت ئاللانىڭ دەرگاهىغا بارغاندىلا باشلىنىدىغاندۇر.....

    ئۆز مۇلاھىزىلىرىنىڭ تەسىرىدە سۈپۈرگە بىر ھازا جىمىپ كەتتى،  ئۇنىڭ ئېشىكى قانداقتۇر بىر ئېتىز يوللىرىنى ئارقىغا تاشلاپ،  بىر خىل مېڭىشىدا ئىلگىرلىمەكتە ئىدى .

      بىز نېمە  پاراڭلارغا چۈشۈپ كەتتۇق؟ دېدى سۈپۈرگە ئۆز ئۆزىگە،- ھېلىقى چوكان بالىسىنى ئېلىپ راستىنلا كېتىپ قالغاندىمۇ ھە؟ ناۋادا ئالۋاستى بولماي ئادەم بولغان تەقدىردە   ھېچبولمىغاندا مېنى ئويغىتىپ (خۇش قال،  يولوچى، مەن كەتتىم) دەپ قويغان بولاتتى .

     

    داۋامى بار


     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.