خۇدا ۋە يېڭى فىزىكا 21

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-26 18:29:50

خۇدا ۋە يېڭى فىزىكا 21ئونىنچى باب: ئەركىن ئىرادە ۋە دېتېرمىنىزم«ھەممە نەرسە ئېنىق بەلگىلەنگەن، بىز ئۆتمۈشكە ئوخشاشلا، كەلگۈسىنىمۇ كۆرۈپ تۇرالايمىز.» ــــ پىئېر سىمون لاپلاسنيۇتون (ئەنگى...



     خۇدا ۋە يېڭى فىزىكا 21

    ئونىنچى باب: ئەركىن ئىرادە ۋە دېتېرمىنىزم

    «ھەممە نەرسە ئېنىق بەلگىلەنگەن، بىز ئۆتمۈشكە ئوخشاشلا، كەلگۈسىنىمۇ كۆرۈپ تۇرالايمىز.»

                                ــــ پىئېر سىمون لاپلاس

    نيۇتون (ئەنگىلىيىلىك فىزىكا ئالىمى) ئۆزىنىڭ مېخانىكا قانۇنلىرىنى بايقىغان چاغدا، نۇرغۇن كىشىلەر، ئەركىن ئىرادە ئۇقۇمى ئەمدى يوقىلىدىغان بولدى، دەپ قارىغانىدى. نيۇتوننىڭ نەزەرىيىسى، ئالەم بەئەينى بىر غايەت زور سائەتكە ئوخشايدۇ، سائەتنىڭ پۇرژىنىسى قەتئىي ھالدا بەلگىلەپ قۇيۇلغان شەكىلدە بوشىشىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا قايتا بوشىشالمايدىغان ھالەتكە يېتىدۇ، دەپ قارايدۇ. تەكىتلىنىشىچە، ھەربىر ئاتومنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى ئىشتىن بۇرۇن بەلگىلەپ قويۇلغان، ۋاقىت باشلانغان چاغدىلا ئېنىق بەلگىلەنگەن ئىكەن. ئىنسانلار بۇ غايەت زور ئالەم مېخانىزمىدىكى قۇشۇمچە ماشىنا بولۇپ، بۇ مېخانىزم ئىچىگە كىرگەن ھامان ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىكەن. كېيىن، يېڭى فىزىكا بارلىققا كەلدى، بۇنىڭ ئارقىسىدىن يەنە ۋاقىت-بوشلۇقنىڭ نىسبىيلىكى ۋە كۋانتنىڭ ئېنىقسىزلىقى بايقالدى. شۇنىڭ بىلەن، تاللاش ئەركىنلىكى ۋە ۋېتېرمىنىزم مەسىلىسى يەنە يېڭىۋاشتىن قىزىپ كەتتى.

    يېڭى فىزىكىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغۇچى ئىككى نەزەرىيە نىسبىيلىك نەزەرىيىسى بىلەن كۋانت نەزەرىيىسىدىن ئىبارەت. بۇ ئىككى نەزەرىيە قارىماققا بىر-بىرىگە تۈپتىن دۈشمەنلىشىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. بىر تەرەپتىن، كۋات نەزەرىيىسى، كۆزەتكۈچى فىزىكىلىق مەۋجۇتلۇقنىڭ ماھىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رولغا ئىگە، دەپ قارايدۇ؛ بىز، نۇرغۇن فىزىكا ئالىملىرىنىڭ ئېنىق پاكىتلار ئاتالمىش «ئوبيېكتىۋ مەۋجۇتلۇق»نىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىدى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەنىدۇق. بۇ، ئىنسانلارنى بىر خىل تەڭداشسىز ئىقتىدارغا ئىگە قىلىپ، كىشىلەرنى نيۇتون دەۋرىدە ئۇخلىسا چۈشىگىمۇ كىرمەيدىغان بىر خىل ئۇسۇلدا تەبىئىي ئالەمنىڭ تۈزۈلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، نىسبىيلىك نەزەرىيىسى ئومۇمىي ۋاقىت ئۇقۇمىنى يوقىتىپ، مۇتلەق ئۆتمۈش، ھازىر، كەلگۈسى ئۇقۇمىنىمۇ تۈگىتىپ، كەلگۈسىنى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بۇرۇنلا مەۋجۇت نەرسە دەپ تەسۋىرلەپ بەردى، بۇ ئارقىلىق بىزنىڭ كۋانت نەزەرىيىسىنىڭ ياردىمىدە ئېرىشكەن غەلبىمىزنى مانا شۇنداقلا يولغا سېلىۋەتتى. ئەگەر كەلگۈسى بۇرۇنلا مەۋجۇت بولسا، ئۇ ھالدا، بۇ، بىز كەلگۈسىنى ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالمايمىز دېگەنلىك بولامدۇ-يوق؟

    نيۇتوننىڭ ئىلگىرىكى نەزەرىيىسى بويىچە قارىغاندا، ھەربىر ئاتوم بىر بىردىنبىر ئوربىتىنى بويلاپ ھەرىكەت قىلىدۇ، بۇ ئوربىتا مەزكۇر ئاتومغا تەسىر قىلىدىغان بارلىق كۈچلەر تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. مەزكۇر ئاتومغا تەسىر قىلىدىغان كۈچلەر بولسا باشقا ئاتوملار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، قالغانلىرىمۇ مۇشۇ تەرتىپ بويىچە بولىدۇ. نيۇتون مېخانىكىسى، مەلۇم بىر پەيتتىكى ئەھۋالنى چۈشىنىش ئاساسىدا، پرىنسىپ جەھەتتە كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى توغرا مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ. دۇنيادا پۇختا سەۋەب-نەتىجە تورى مەۋجۇت، بىر دانە مولېكۇلىنىڭ ئىنتايىن كىچىككىنە سەكرىشىدىن بىر يۇلتۇز سىستېمىسىنىڭ پارتلىشىغىچە بولغان بارلىق ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى ناھايىتى بۇرۇنلا ئىنچىكە تەپسىلاتلىرىغىچە بەلەىلىنىپ بولغان بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. دەل  مۇشۇنداق مېخانىكىلىق قاراش پېئىر سىمون لاپلاس (1827-1749) (فىرانسىيىلىك ئاسترونومىيە ئالىمى، ماتېماتىكا ئالىمى، فىزىكا ئالىمى)نى ئەگەر كىمكى مەلۇم بىر پەيتتىكى ئالەمدىكى ھەر بىر ئاتومنىڭ ئورنى ۋە ھەرىكەت ئەھۋالىنى بىلەلىسە، ئۇ بارلىق زۆرۈر ئۇچۇرلارنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئالەمنىڭ پۈتكۈل ئۆتمۈشى ۋە كەلگۈسى تارىخىنى ھېسابلاپ چىقالايدۇ، دەپ جاكارلاتقۇزغانىدى.

    ئەمما، بۇ خىل لاپلاسچە ھېسابلاش كۆرۈنۈشتىكىدەك ئۇنداق ئاددىي ئەمەس. ئالدى بىلەن، چوڭ مېڭىنىڭ ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئەھۋالىنى ھېسابلاپ چىقالايدىغان-چىقالمايدىغانلىقى (پرىنسىپ جەھەتتىن ھېسابلىغان تەقدىردىمۇ) بىر مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. ماك كاي، ھەربىر ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تولۇق ھالدا ئۆزىنى ئۆزى  مۆلچەرلەش مۇمكىن ئەمەس. نيۇتونچە مېخانىكىلىق ئالەمدە بولغان تەقدىردىمۇ مۇمكىن ئەمەس، دەپ كۆرسەتكەنىدى. بىر دەرىجىدىن تاشقىرى ئالىم سىزنىڭ چوڭ مېڭىڭىزنى كۆزىتىپ، كەلگۈسىدە مەلۇم بىر سورۇندا نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىڭىزنى توغرا ھېسابلاپ چىقالايدۇ دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ؛ ئەمما بۇ مەنتىقە جەھەتتە سىزنىڭ مەلۇم مەنىدىكى ئەركىن ئىرادىڭىزنىڭ بولۇشىنى چەتكە قاقمايدۇ. سەۋەبى شۇكى، گەرچە بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى ئالىم توغرا ھېسابلىغان تەقدىردىمۇ، لېكىن ئۇ سىزگە (ئىشتىن بۇرۇن) ئۆزىنىڭ مۆلچىرىنى ئېيتىپ بەرسە بولمايدۇ، بولمىسا، ئۇنىڭ ھېسابلىشى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. مەسىلەن: ئەگەر ئۇ سىزگە «توغرا، چاۋاك چالىسىز» دېسە، سىزنىڭ چوڭ مېڭىڭىزنىڭ ئەھۋالىدا جەزمەن مۇشۇ تۈپەيلى ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئۇ سىزگە گەپ قىلىشتىن بۇرۇنقىغا ئوخشىماي قالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ بارلىققا كېلىشى سىزنىڭ ئۇنىڭدىن كەلگەن يېڭى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغانلىقىڭىزدىن  بولىدۇ. بۇ چاغدا، سىز ئۇنىڭ مۆلچىرىگە ئىشىنەلمەيسىز، چۈنكى ئۇنىڭ مۆلچىرى ئۆزگىرىش يۈز بېرىشتىن بۇرۇنقى چوڭ مېڭىڭىزنىڭ ئەھۋالى بويىچە بولغان. شۇڭا، سىزنىڭ كەلگۈسىدىكى ھەرىكىتىڭىزنى توغرا ھالدا مۆلچەرلەپ كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان ھەرقانداق  بىر مۆلچەرنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن، ماك كاي، ھەرىكىتىڭىز تەسەۋۋۇردىكى ھېلىقى مۆلچەرنى ئىگىلەيدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى ئالىمنىڭ نەزەرىدە قانچىلىك توغرا مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان بولسۇن، قانچىلىك ساقلانغىلى بولمايدىغان بولسۇن، لېكىن ئۆزىڭىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەنتىقە جەھەتتە ئۇنى يەنىلا مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ، شۇڭا ھېچبولمىغاندىمۇ ئادەتتە دېيىلىدىغان ئەركىن ئىرادە ساقلاپ قېلىنغان بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

    يەنە بىر مەسىلە شۇكى، ئالەمنى نيۇتون مېخانىكىسى بويىچە مۆلچەرلىگىلى بولامدۇ-بولمامدۇ؟ يېقىندىن بۇيان، مېخانىكىلىق سىستېمىنى ماتېماتىكىلىق تەسۋىرلەش جەھەتتە بەزى ئىلگىرىلەشلەر بولدى. بۇ ئىلگىرىلەشلەر، بەزى كۈچلەرنىڭ بەزىبىر سىستېمىلارنىڭ ئۆزگىرىشى جەريانىدا كۈچلۈك تۇراقسىزلىق پەيدا قىلالايدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن، مۆلچەرلەشكە بولۇشنىڭ بىر ئەھمىيەتسىز ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. «ئادەتتىكى» سىستېمىدا، دەسلەپكى ھالەتنىڭ كىچىككىنە ئۆزگىرىشى سىستېما ھەرىكىتىنىڭ كىچىككىنە ئۆزگىرىشى سىستېما ھەرىكىتىنىڭ كىچىككىنە ئۆزگۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئەمما، ئادەتتىنتاشقىرى سەزگۈر سىستېمىلاردا بولسا دەسلەپكى ھالەتنىڭ كىچىككىنە ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان پەرق تۈپەيلى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھازىرقى زامان ئالەمشۇناسلىقىدىكى بايقاشلاردىنمۇ مەلۇم بولدىكى، بىزنىڭ ئالەم بوشلۇقتا كېڭىيىۋاتقان كۆرۈش دائىرىسىگە ئىگە بولۇپ، ھەركۈنى يېڭى كاشىلا ھەرىكەت ۋە تەسىرلەر كۆرۈش دائىرىسىنىڭ سىرتىدىكى رايوندىن بىزنىڭ ئالەمگە كىرىپ تۇرىدۇ. ئۇ رايونلار ۋاقىت باشلانغاندىن بۇيان بىز تۇرۇۋاتقان بۇ قىسىم ئالەم بىلەن ئەزەلدىن ھېچقانداق سەۋەب-نەتىجە خاراكتېرىدىكى ئالاقە قىلىپ باقمىغان، شۇڭا، بىزنىڭ پرىنسىپ جەھەتتە، تەقدىردىمۇ، بۇ يېڭى كەلگەن تەسىرلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.

    تامامەن مۆلچەرلىگىلى بولۇشقا قارىتا ئەڭ مۇھىم رەددىيە كۋانت ئامىلىدىن كېلىدۇ. كۋانت نەزەرىيىسىنىڭ تۈپ پرىنسىپى بويىچە قارىغاندا، كائىناتنى ماھىيەت جەھەتتە مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. ھېيزېنبېرگ (گېرمانىيىلىك فىزىكا ئالىمى)نىڭ داڭلىق ئېنىقسىزلىق پرىنسىپى بىزگە ئىككىلەمچى ئاتوم سىستېمىسىنىڭ ئايلىنىشى جەريانىدا ھەمىشە بىر خىل يوقاتقىلى بولمايدىغان ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدۇ. مىكرو دۇنيادا، ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئېنىق سەۋەبى بولمايدۇ.

    دېتېرمىنىزىمنىڭ غۇلىشى نىسبىيلىك نەزەرىيىسى بىلەن قارىمۇ قارشىمۇ؟ نىسبىيلىك نەزەرىيىسى، ئومۇمىيلىققا ئىگە ھازىر مەۋجۇت ئەمەس، ئالەمنىڭ پۈتكۈل ئۆتمۈشى ۋە كەلگۈسى ئايرىلماس بىر پۈتۈن گەۋدىدىن ئىبارەت. ئالەم تۆت ئۆلچەملىك بولىدۇ، ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇق، بىر ئۆلچەم ۋاقىتتىن ئىبارەت، بارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى تۆت ئۆلچەملىك ئالەمدە بولغاچقا، قانداقتۇر كەلگۈسىنىڭ «يۈز بېرىشى» ياكى «يېيىلىشى» مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارايدۇ.

    ئەمەلىيەتتە، دېتېرمىنىزمنىڭ غۇلىشى نىسبىيلىك نەزەرىيىسى ب ىلەن قارىمۇقارشى ئەمەس. دېتېرمىنىزمنىڭ دەيدىغىنى، بارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىر ئالدىدىكى سەۋەب تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. دېتېرمىنىزم ئىشلارنىڭ ئۇ يەردە بولۇش-بولماسلىقى مەسىلىسىگە چېتىلمايدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، ئالدىدىكى ئىش تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن بولسۇن-بولمىسۇن، كەلگۈسى كەلگۈسىنىڭ ياڭزىسىدا بولىدۇ. نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ تۆت ئۆلچەملىك كارتىنىسىدا بولسا بىز ۋاقىت-بوشلۇقنى مۇتلەق شەكىلدە كېسىپ ئومۇمىيلىققا ئىگە ۋاقىتقا ئايلاندۇرالايمىز. ئىككى ئىشنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئورۇندا «بىرلا ۋاقىتتا» يۈز بەرگەن-بەرمىگەنلىكى بىزنىڭ ھەرىكەت ھالىتىمىزنىڭ قانداقلىقىغا باغلىق. بىر كۆزەتكۈچى ئۇلا ربىرلا ۋاقىتتا يۈز بەردى دەپ قارىشى مۇمكىن، يەنە بىر كۆزەتكۈچى بولسا ئىككىسى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەردى دەپ قارىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ئالەمنى ھەم ۋاقىت ئىچىدە داۋاملىشىدۇ، ھەم بوشلۇق ئىچىدە داۋاملىشىدۇ دەپ قارىشىمىز لازىم. ئەمما نىسبىيلىك نەزەرىيىسى ۋاقىتنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ ئالەمدە يۈز بەرگەن ئىشلار ئارىسىدىكى پۇختا سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان-ئالمايدىغانلىقى ھەققىدە توختالمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، گەرچە ئۆتمۈش، ھازىر، كەلگۈسىنىڭ ئوبېكتىپ ئەھمىيىتى يوق بولسىمۇ، ئەمما نىسبىيلىكنەزەرىيىسىى ئادەمنىڭ ئىلگىرىكى ھەرىكىتى ئارقىلىق كېيىنكى ئىشنى بەلگىلىشى مۇمكىن ئەمەس دېگىنى يوق (ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئىلگىرى-كېيىنلىق تەرتىپى ۋاقىتنىڭ بىر ئوبېكتىپ خۇسۇسىيىتى، ئەمما ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسى ئۇنداق ئەمەس).

    ئەمما، نۆۋەتتە تېخى ئېنىق بولمىغىنى، ئېنىقسىز ئالەم ئەركىن ئىرادىگە بولغان ئېھتىياجىنى بەرپا قىلغانمۇ-يوق، دېگەندىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە، دېتېرمىنىزىمچىلار، پەقەت ئېنىق ئالەمدىلا ئەركىن ئىرادىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. قانداقلا بولمىسۇب، ئەركىن ئىرادىگە ئىگە ئادەم تەبىئىت دۇنياسىدا سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ مەلۇم ھەرىكەتلەرنى قىلالايدىغان ئادەمدۇر. ھالبۇكى، ئېنىقسىز ئالەمدە، ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ سەۋەبى بولمايدۇ. مەسىلەن: سىزنىڭ ھەرىكىتىڭىزنى سىز كەلتۈرۈپ چىقارمىغان بولسىڭىز، سىز ئۆز ھەرىكىتىڭىزنى سىز كەلتۈرۈپ چىقاردىم دېيەلەمسىز؟ ئەركىن ئىرادىنىڭ ئاقلىغۇچىلىرى، بىر ئادەمنىڭ ھەرىكىتى ئۇنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى، قىزىقىشى، مىجەز-خۇلقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، دەپ قارايدۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر خۇدا فىزىكا