خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى (7- توپىلاڭ)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-13 10:29:32

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى (بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە)نۇرمۇھەممەت توخ

    خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى (بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە)
    نۇرمۇھەممەت توختى

     

    7-  توپىلاڭ

     

    ئۆگەي دادا شاڭ سىنىڭ ئالتۇن-تىللالىرى راسا كۆپىيىۋاتقان، ئۆگەي ئوغۇل يۈ شۇنچىڭ−مۇھەممەتنىڭ دىنىي ئىلمى راسا چوڭقۇرلىشىۋاتقان 1933-يىلى باھاردا سوغراققا شۇم خەۋەر يېتىپ كەلدى. ئون نەچچە يىل بۇرۇن يۈ يىڭخەن دارىن ئەنسىرىگەن ئىش يۈز بەرگەنىدى. قارىقاشتا توپىلاڭ بولۇپ قولدىن كېتىپتۇ. خوتەن قىل ئۈستىدە قاپتۇ، غازى تىۋەنپۇ بىلەن خەن ليەنجاڭ كېرىيىدىكى بىر ليەن ئەسكەرنى باشلاپ خوتەنگە ياردەمگە مېڭىپتۇ. ئەمدى يېڭى ئامبال جاڭ دارىن بىلەن كونا ئامبال ۋاڭ دارىن (بۇ كېرىيىدە ئامبال ئالماشقان، يېڭى ئامبال كەلگەن، لېكىن كونا ئامبال تېخى كېتىشكە ئۈلگۈرمىگەن چاغ ئىدى) بىرلىكتە يارلىق تارقىتىپ، ئامباللىق تەۋەسىدىكى بارلىق ھۆكۈمەت كىشىلىرىنى ناھىيە شەھىرىگە جەم بولۇپ قوغدىنىشقا چاقىرىق قىپتۇ...
    شاڭ سى خەۋەرنى ئاڭلىغان كۈنى كېچىسى بارلىق تەئەللۇقاتىنى ھارۋىغا بېسىپ، ئۇتۇۋالغان خوتۇنى ھەۋزىخان بىلەن ئۆگەي ئوغلى، ئۆگەي قىزىنى باشلاپ كېرىيەگە يول ئالدى. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى كېتىشىمۇ ئون يىل بۇرۇنقى خوتەن شەھىرىدىن چىقىپ كېتىشكە ئوخشايتتى. ئىنس-جىن تۇيمىدى. سوغراقتىكى تەۋەككۈلچىلەرنى يول توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلمايدۇ دەپ كىم ھۆددە قىلىدۇ؟ جازانىگە تارقاتقان قەرزلەر قېلىپ تۇرسۇن، ئامان-ئېسەنلىك بولسا كېيىن ئۆسۈم جازانىسى بىلەن يىغىۋالىمىز، ھازىر ئەڭ ياخشىسى كەتكىنىمىزنى ھېچكىم بىلمەسلىكى كېرەك−شاڭ سى مانا شۇنداق ئويلايتتى. مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ ئۈچۈن ئۆگەي ئاتىسىغا ئەگەشمەسلىككە ھېلىمۇ ئامال يوق ئىدى. ئۇ پەقەت ئۇستازى روزى ئەلەم ئاخۇنۇم بىلەن خۇشلىشالمىغىنى ئۈچۈنلا ھەسرەتتە ئىدى.
    شاڭ سىنىڭ كىچىك كارۋىنى ئۈچىنچى كۈنى كېچىسى تاڭغا يېقىن كېرىيە ئامبال يامۇلىنىڭ دەرۋازىسىنى قاقتى. ئۇلار تولىمۇ تېز يۈرگەنىدى. تېز يۈرۈشكە ئەنسىزلىك سەۋەب ئىدى. ئامبال يامۇلىغا كىرىپ ھېس قىلدىكى، ئامبال يامۇلىنىڭ ئەنسىزلىكى شاڭ سىنىڭ ئەنسىزلىكىدىنمۇ كۈچلۈك ئىكەن. خوتەن قورشاۋدا قاپتۇ، بۇ ياقتىكى چەنتۇلار ئاڭلاپ قالسا توپىلاڭ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. شۇڭا، جىددىي تەييارلىق قىلمىسا بولمايدىكەن. شاڭ سى كۆردىكى: ئامباللىق تەۋەسىدىكى ئەمەلدارلار، باجگىرلار، گۆرۈكەشلەر، يېقىن تاغلاردىكى ئوۋچى-پاۋانلارنىڭ ھەممىسى يامۇلغا يىغىلىپتۇ، سېپىل ئىچىدىكى لەڭزىگىمۇ يىغىلىپتۇ، ھەممىسى 100-150 چە ئادەم ئىكەن، تەدبىرلەر مۇۋاپىق بولسا ناھىيىنى قوغداپ قالغىلى بولىدىكەن. شاڭ سى كېرىيەگە يېتىپ كېلىپلا تەبىئىي ھالدا قوغدىنىش قىسمىغا قاتناشتى، نېمىشقىدۇر ئۆگەي ئوغلى مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭنى قوغدىنىش قىسمىغا قاتناشتۇرمىدى. بالا 19 لەرگە كىرىپ قالغان، لېكىن ۋىجىك، بويى پاكار بولغاچقا يەنىلا كىچىك بالىدەك كۆرۈنەتتى. شاڭ سى خوتۇنى بىلەن ئۆگەي ئوغلى-ئۆگەي قىزىنى يامۇل ئىچىدىن بىر ئۆي تېپىپ ئورۇنلاشتۇردى. ئۆي ئات ئېغىلىغا يېقىنلا يەردە ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ بىر مەزگىل پاناھلىنىپ تۇرۇشقا بولاتتى.
    2-ئاينىڭ 22-كۈنى (جۈمە) ۋاڭ دارىن بىلەن جاڭ دارىن قوراللىق نامايىش ئۆتكۈزۈپ، تاختىكۆۋرۈك يېنىدىكى 800 يىللىق چوڭ جامەگە ناماز ئۆتەشكە كەلگەن چەنتۇلارغا كۈچ كۆرسىتىپ قويدى. چەنتۇلار ئاۋۋالقىدەكلا ياۋاش ۋە بېشىنى پەسكە ئەگكەن ھالەتتە ئىدى. كۈچ كۆرسىتىپ قويسىلا ئۇلارنىڭ بېشى تېخىمۇ پەسكە ئېگىلىدىغاندەك كۆرۈنەتتى. 2-ئاينىڭ 24-كۈنى جاڭ ئامبال بىلەن ۋاڭ ئامبال تەكلىپنامە تارقىتىپ، يۇرت كاتتىلىرىدىن ئابدۇخەبەر ھاجى، نىزامىدىن داموللا ھاجىم، مەتتوختى ئەلەم ئاخۇنۇم، ئىمىن ئەلەم ئاخۇنۇم، ئابدۇللا خەلپىتىم، روزاخۇن مۇنەججىم، ئابلىز ئاخۇنۇم چوڭ، ئىبراھىم ئاخۇنۇم خەلپىتىم قاتارلىق 20 نەچچە نەپەر يۇرت مۆتىۋىرىنى يامۇلغا چايغا تەكلىپ قىلدى. توپاقنىڭ بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزۈپ بېشىنى تىزگىنلەش چارىسى ئوبدان چارە ئىدى. بېشى تىزگىنلەنسىلا توپاق ياۋاشلىنىپ قالاتتى. نەگە ماڭ دېسە شۇ ياققا ماڭاتتى. ئەمما، يامۇلدا تۇرۇۋاتقان يېڭىشەھەرنىڭ شاڭيۇسى دۆلەتنىياز بەگ سىرنى ئاشكارىلاپ قويدى. ئۇ ئابدۇخەبەر ھاجىم، مەمتىمىن باي قاتارلىقلارغا خەۋەر يەتكۈزۈپ «بۈگۈن كېچە جېنىڭلارنى جايلىمىساڭلار، ئەتە چايدا جېنىڭلاردىن ئايرىلىسىلەر» دېدى. خەۋەر ئۇلار ئارقىلىق باشقا تەكلىپ قىلىنغۇچىلارغىمۇ يېتىپ باردى. كىم ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرۇشقا رازى بولسۇن؟ يۇرت مۆتىۋەرلىرى، بايلار، كاتتىلار قېچىشقا باشلىدى. كۆپلىرى خوتەن ياققا قاچتى. «شەنبە بازار»نىڭ «سېسىق ئىلەك» دېگەن يېرىگە كەلگەندە تاڭ ئاتتى، ئاشۇ يەردە ئابدۇخەبەر ھاجى بىلەن سوپى بەگ ئۇچراشتى. ئىمىن ئەلەم ئاخۇنۇم، مەتشېرىپ ئەلەم ئاخۇنۇم، مەمتىمىن باي قاتارلىقلارمۇ يېتىشىپ كەلدى. ئەگىشىپ ماڭغانلار نەچچە يۈز ئىدى. ئۇلار شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئىككى توك-توك ئەمەلداردىن قورقۇپ قېچىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشتى ۋە توختاپ مەسلىھەتكە چۈشتى، ئاخىر كەينىگە قايتىپ كېرىيە ناھىيە بازىرىنى پەتھى قىلىش قارارىغا كەلدى. رەجەپ ئاق ساقال دېگەن ئادەم بوز بايتالغا مىنىپ توپىلاڭ بولغانلىقىنى، ئامبالنى «كۆتۈرۈۋېلىش» كېرەكلىكىنى ئېلان قىلىپ ماڭدى. ئۇنىڭ «مۆمىنلەرنىڭ مال-مۈلكىگە تەگمەيسىلەر، جازانىخور زالىملارنىڭ مۈلكىنى ئولجا قىلىسىلەر» دېگەن جاكارسى تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى جەلپ قىلدى. 4-ئاينىڭ 26-كۈنى (سەيشەنبە) ئون مىڭدەك توپىلاڭچى كېرىيە ناھىيە بازىرىغا بېسىپ كىردى، بۇ چاغدا جاڭ دارىن، ۋاڭ دارىن باشچىلىقىدىكى بىرقسىم ئادەم سېپىل ئىچىگە−لەڭزىگە كىرىۋالغان، «شۆتاڭ»دىكى جاڭ لاۋسى، لەي شەنسىڭ قاتارلىق بىر قىسىملار نىيە تەرەپكە قاچقانىدى. مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭنىڭ ئۆگەي دادىسى شاڭ سى سېپىل ئىچىگە كىرىۋالغانلار سېپىدە ئىدى. ئۇ سېپىل ئىچىگە كىرىۋېلىشتىن ئىلگىرى نەچچە يىلدىن بېرى يىغقان ئالتۇن-تىللالىرىنى ئوبدان جايلاشتۇردى. 11 زىخچا ئالتۇننى مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭنىڭ پاختىلىق چاپىنىنىڭ ئىچىگە شىرىپ تىكىۋەتتى ۋە ئۇنىڭغا چاپاننى كېچە-كۈندۈز ئۇچىسىدىن سالماسلىقنى تاپىلىدى. سەككىز دانە كېسەك ئالتۇننى ئاشۇ ئات ئېغىلى يېنىدىكى ئۆينىڭ ئىچىگە−ئوچاقنىڭ ئىككى تەرىپىگە كۆمدى. پارچە-پۇرات ئالتۇنلارنى بولسا كىچىك ئالتۇنخاننىڭ كىيىملىرى ئىچىگە يوشۇردى. ئۇنىڭچە، مۇشۇنداق قىلغاندا كېسەك ئالتۇن، زىخچا ئالتۇنلارنى ساقلاپ قالغىلى بولاتتى. بولۇپمۇ كىچىككىنە بالىدەك كۆرۈنىدىغان مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ بىلەن كىچىككىنە ئالتۇنخاننى كىشىلەر ئاختۇرۇپ يۈرمەسلىكى مۇمكىن ئىدى. ئوچاقنىڭ ئىككى يېنىغا كۆمۈلگەن كېسەك ئالتۇنلارنى ھېچكىم تاپالمايتتى. شاڭ سى خاتىرجەم بولۇپ، جاڭ دارىن-ۋاڭ دارىنلارغا ئەگىشىپ سېپىل ئىچىدىكى لەڭزىگە كىرىپ بېكىندى. توپىلاڭچى ئالامان ئامبال مەھكىمىسى−يامۇلغا بېسىپ كىرگەندە، ھەۋزىخان ئانا مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭنى ئات ئوقۇرى ئاستىغا يوشۇرۇپ، ئۈستىگە پىچان، سامان دېگەندەك نەرسىلەرنى تاشلاپ قويدى. ۋەھالەنكى، ئۇ چاغدا توپىلاڭچىلارنىڭ ئۇ يەرنى تەپسىلىي ئاختۇرۇشىغا چولىسى يوق ئىدى، سېپىل ئىچىگە ھۇجۇم قىلىشى، لەڭزىنى ئىشغال قىلىشى كېرەك ئىدى، ئۇ يەرنى ئالغاندىلا ئاندىن كېرىيەنى پەتھى قىلغان بولاتتى. بىر كۈنلۈك تىرىشىشتىن كېيىن 4-ئاينىڭ 27-كۈنى (چارشەنبە) سېپىل ئىچىدىكىلەر تەسلىم بولدى. سېپىل ئىچىگە كىرىۋالغان كۆپ قىسىم كىشى قان تۆكۈشمەسلىكنى تەشەببۇس قىلغانىدى. دېمىسىمۇ، كىچىككىنە ئىش ئۈچۈن چوڭ ۋەزىيەت قولدىن كەتكەندە قان تۆكۈشۈپ يۈرۈشكە ئەرزىمەيتتى. ئەتە-ئۆگۈن چوڭ قوشۇن يېتىپ كەلگەندە، توپىلاڭچىلار ئۆزلۈكىدىن تارقىلىپ كېتەتتى-دە، كېرىيە يەنە قايتا قولغا كېلەتتى. بۇ، بۇرۇنمۇ كۆپ قېتىم تەكرارلانغان ئىش ئىدى. شۇڭا، قان تۆكۈشۈپ يۈرۈشكە ئەرزىمەيتتى. سېپىلدىكىلەر تەسلىم بولغاندىن كېيىن ئاشكارا بولدىكى: كونا ئامبال ۋاڭ دارىن تەسلىم بولماسلىقنى قۇۋۋەتلەپتۇ، يېڭى ئامبال جاڭ دارىن تەسلىم بولۇشنى تەشەببۇس قىپتۇ. جاڭ دارىن تەرەپتىكىلەر كۆپ سانلىق بولغاچقا، ئاخىر سېپىل دەرۋازىسىنى ئېچىپ بېرىشىپتۇ، سېپىل ئىچىگە بىرلىكتە بېكىنگەن يەرلىك بەگلەر ۋە ئەسكەر ھېسابىدا يىغىۋېلىنغان ئوۋچى-پاۋانلارنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشى بىلەن سېپىلدىن چىققانلار ئىككى تەرەپكە ئايرىپ تىزىلدى. مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭنىڭ ئۆگەي دادىسى شاڭ سى تەسلىم بولماسلىقنى قۇۋۋەتلىگەن كونا ئامبال ۋاڭ دارىن سېپىدە بولدى. تەسلىم بولۇشنى قۇۋۋەتلىگەنلەر يېڭى ئامبال جاڭ دارىن سېپىگە تىزىلدى. ۋاڭ دارىن، ئوغلى ۋە مۇھەممەد يۈ شۇنچىڭنىڭ ئۆگەي دادىسى شاڭ سى نەق مەيداندا چېپىپ تاشلاندى. جاڭ دارىن، يامۇل ئامانلىقىنى ساقلاش ئەترىتىنىڭ باشلىقى شۈي دارىن باشچىلىقىدىكىلەر قويۇپ بېرىلدى. پېشقەدەملەرنىڭ ئەسلىشىچە، چېپىلىش ئالدىدا ۋاڭ دارىن قەيسەرلىك بىلەن تىك تۇرغانمىش، شاڭ سى يەرگە تىزلىنىپ جېنىنى تىلىگەنمىش. بۇ «نامەرد قورقۇنچاق كېلىدۇ» دېگەن تەمسىلگە ئۇيغۇن. ۋەھالەنكى، كۆتۈرۈلگەن قىلىچ ئاشۇ قىمارۋاز، گۆرۆكەش شاڭ سىنىڭ بېشىنى ئاياپ قويماپتۇ، قىلىچ زەرپ بىلەن ئۇرۇلغاندا ئۇنىڭ بېشى يەرگە ئۇزۇلۇپ چۈشۈپ كاۋىدەك دومىلاپ كېتىپتۇ...
    توپىلاڭ دېگەن بەرىبىر توپىلاڭ-دە، ناھىيىنىڭ خەزىنىسى ۋە ئاشلىق ئامبىرى ساقلاپ قېلىنغان بولسىمۇ، ئەمەلدارلارنىڭ، گۆرۈكەشلەرنىڭ ئۆيلىرى بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرىدى. شۇ قاتاردا مەرھۇم شاڭ سىنىڭ يامۇلنىڭ ئات ئېغىلى يېنىدىكى ۋاقىتلىق تۇرالغۇسىمۇ ئامان قالمىدى. ئالامان ھەۋزىخان ئانىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىگە قەدەر ھەممىنى بۇلاپ-تالىدى. ھەتتا ئۇنىڭ ياغلىقى ئۈستىگە قوندۇرۇلىدىغان سۆسەر تۇمىقىنىمۇ ساق قويمىدى. بۇ چاغدا مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ يەنىلا ئات ئوقۇرى تېگىدە پىچان-سامانلارنىڭ ئاستىدا يوشۇرۇنۇپ ياتاتتى. ئۈستىدە 11 تال زىخچا ئالتۇن شىرىپ تىكىۋېتىلگەن پاختىلىق چاپىنى بار ئىدى. لەۋلىرىدە «پەرۋەردىگارىمىز، بىزنى كەچۈرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىز سەن» دېگەن ئايەت جارى ئىدى. توپىلاڭچىلار ھەۋزىخان ئانىنىڭ تەسلىم بولۇشنى رەت قىلغۇچى، سوغراقتا گۆرۈكەشلىك قىلغان شاڭ سىنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىنى بىلگىنىدە، بىردىنلا بۇ يەردىن ئالتۇن تېپىۋېلىش خىيالىغا چۈشتى، ھەۋزىخان ئانىنى سوراق قىلدى. تىلغا ئالغۇسىز سەت گەپلەر بىلەن ھاقارەت قىلدى. ھەممە يەرنى ئاختۇردى. مانا شۇ ئاختۇرۇشتا ئوقۇر تېگىدىكى مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ تالىپنى تېپىۋېلىشتى، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭنىڭ چىرايىدىن ھېچنېمىنى بىلگىلى بولمايتتى، لەۋلىرى توختاۋسىز مىدىرلاپ تۇراتتى. بۇ ئۇنىڭ ھېلىمۇ «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنى ئوقۇپ تۇرغانلىقىدىن ئىدى. ھەممە يەرنى ئاختۇرۇپ تىمىسقىلاپ ئالتۇن تاپالمىغان توپىلاڭچىلار شاڭ سىنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنى ئاتامانى سوپى بەگنىڭ ئالدىغا سۆرەپ بېرىشتى. توپىلاڭچىلار بۇ بىچارە ئۆگەي ئانا بىلەن ئۆگەي بالىنى ئۆلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىشاتتى. سوپى بەگنىڭ سۈرلۈك نەزىرى ئالدىدا مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ تالىپنىڭ چىرايىدا قىلچىمۇ قورقۇنچ يوق ئىدى، ئۇ يەنىلا ئىچىدە «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنى ئوقۇپ تۇراتتى. سوراق باشلاندى:
    −سەن گۆرۈكەش شاڭ سىنىڭ ئوغلىمۇ؟−سورىدى سوپى بەگ.
    −ئۆز ئوغلى ئەمەس، ئۆگەي ئوغلى،−جاۋاب بەردى مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ تالىپ ساپ يەرلىك تىلدا.
    −ئۇنداقتا سەن مۇنۇ خوتۇننىڭ ئوغلى ئىكەنسەن-دە،−سوپى بەگ قاشلىرى بىلەن مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭنىڭ يېنىدا تۇرغان ھەۋزىخان ئانىنى ئىما قىلدى.
    −ياق، −جاۋاب بەردى يۈ شۇنچىڭ تالىپ،−بۇ مېنىڭ باققان ئانام بولىدۇ.
    −شۇنداقمۇ؟ −ئەمدى سوئالنى ھەۋزىخاندىن سورىدى سوپى بەگ.
    −شۇنداق، بۇ يەردە گەپ جىق، بېگىم، بۇ بىر ئۇزۇن ھېكايە، سىلىدىن سوراپ باقاي، بېگىم، مۇسۇلمان مۇسۇلماننى ئۆلتۈرسە دۇرۇس بولارمۇ؟
    −نېمە دېدىڭ ھوي خوتۇن؟ سەن ئۆزۈڭنى مۇسۇلمان دېمەكچىمۇ؟
    −ياق، ئۆزۈمنى دېگىنىم يوق، مۇنۇ ئوغلۇم مۇسۇلمان، «قۇرئان كەرىم» نى سۇدەك راۋان ئوقۇيدۇ، ئۇنى ئۆلتۈرسىلە بولمايدۇ، بېگىم.
    ھەۋزىخان ئانىنىڭ ئاۋازىدىن ئەنسىزلىك ۋە ئۆتۈنۈش بىلىنىپ تۇراتتى. سوپى بەگنىڭ چىرايىغا ھەيرانلىق ئۆرلەپ چىقتى، ئەمدى مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ تالىپقا بۇرۇلدى.
    −سەن مۇسۇلمانمۇ؟
    −ئەلھەمدۇلىللا مۇسۇلمانمەن.
    − نە ۋاقىتتىن بېرى مۇسۇلماندۇرسەن؟
    − ئەلمىساقتىن بېرى مۇسۇلماندۇرمەن.
    سوراق قىلغۇچى − توپىلاڭچىلار ئاتامانى سوپى بەگمۇ، سوراققا تارتىلغۇچى مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ تالىپمۇ ئابدۇلقادىر ئابدۇۋارىس داموللامنىڭ «شەرايىتىل ئىمان» سەرلەۋھەلىك رىسالىسىنى ئوقۇغانىدى. سوئال-جاۋابلار ئاشۇ رىسالىدىكى تەرتىپ بويىچە كېتىۋاتاتتى، سوپى بەگنىڭ سۈرلۈك چىرايىغا مەمنۇنلۇق ۋە رازىمەنلىك ئۆرلەپ چىقتى. لېكىن، ئۇ نېمىشقىدۇر سوئاللىرىنى توختاتمايتتى، سوئاللار شامالدەك، جاۋابلارمۇ سۇدەك راۋان باراتتى.
    −سەن كىمنىڭ مىللىتىدىندۇرسەن؟
    − كۇڭزى، مېڭزىنىڭ مىللىتىدىندۇرمەن.
    − نېمە دېدىڭ؟ − ئورنىدىن سەكرەپ قوپتى سوپى بەگ، ئۇنىڭ يىرىك ۋە مىس سىمغا ئوخشايدىغان ساقال-بۇرۇتلىرى، قاش-كىرپىكلىرى تىك تۇرۇپ كەتكەنىدى.
    − ئاچچىقلانمىسىلا بېگىم، مەن «ئىبراھىم خەلىلۇللانىڭ مىللىتىدىندۇرمەن» دەپ جاۋاب بېرىش كېرەكلىكىنى بىلىمەن، ئەمما...
    شۇ كۈنى يەنە سوپى بەگ مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ تالىپنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرىگە، ھەۋزىخان ئانىنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرىگە قۇلاق سالدى. مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ تالىپقا «سۈرە ياسىن»نى قىرائەت قىلدۇرۇپ ئاڭلىدى. شۈبھىسىزكى، مۇھەممەت يۈ شۇنچىڭ تالىپ ئامان قالدى، ھەۋزىخان ئانىمۇ ئامان قالدى، تېخى شۇ مەيداندا سوپى بەگ ئۇلارنى ئۆز ھىمايىسىگە ئالغانلىقىنى جاكارلىدى. تېخى يەنە شاڭ سىنىڭ چېپىلىپ كەتكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە تەسەللى بەردى.
    ۋەھالەنكى، توپىلاڭ بولغان ناھىيە بازىرى بەكمۇ قالايمىقان ئىدى. غالجىرلاشقان توپىلاڭچىلارنى ئۆگەي ئانا بىلەن ئۆگەي بالىغا زىيانكەشلىك قىلمايدۇ دەپ ھۆددە قىلغىلى بولمايتتى. سوپى بەگ ئۇلارنى بىر مەزگىل يىغىۋېلىش ئورنىدا ساقلىدى ۋە جاھان سەل تىنچلانغاندىن كېيىن يامۇلنىڭ ئىچىدىكى ئات ئېغىلىنىڭ يېنىدىكى ئۆيگە قايتۇردى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.