قۇم باسقان شەھەر(مەمتىمىن ھوشۇر) 4- باب

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-25 13:16:15

قۇم باسقان شەھەرمەمتىمىن ھوشۇر تۆتىنجى باب ئايدىڭ كېچە سۈپۈرگە بىلەن ھېلىقى خېنىم قانداقتۇر بىر بۇغداي قۇناق كۆكتاتلار تېرىلغان ئېتىزلار، ئېگىز پەس دۆڭلۈكلەرنى ئارلاپ كەتكەن ئاياغ يوللار بىلە...


    قۇم باسقان شەھەر

    مەمتىمىن ھوشۇر  

     

    تۆتىنجى باب

    ئايدىڭ كېچە

    سۈپۈرگە بىلەن ھېلىقى خېنىم قانداقتۇر بىر بۇغداي  قۇناق  كۆكتاتلار تېرىلغان ئېتىزلار،  ئېگىز پەس دۆڭلۈكلەرنى ئارلاپ كەتكەن ئاياغ يوللار بىلەن بىر قانچە كۈن مېڭىشتى . ناتۇنۇش مەھەللىلەر ياغاچلىرى چىرىپ قىيسىيىپ كەتكەن كۆۋرۈكلەردىن ئۆتۈپ چەت-ياقىلاردىكى قونالغۇلاردا تۈنىدى. خېنىم ئۈستىدىكى يېپىنچىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ قويۇپ خېلى ئازادىلىشىپ قالغانىدى. سۈپۈرگە ئۇنىڭ قاۋۇل ياش چوكان ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ئۇ ھ ەقىقەتەنمۇ ئىشچان كۆرۈنەتتى. قونالغۇلاردا سۈپۈرگىنىڭ پۇت قولىنى يۇيۇشقا سۇ ھازىرلايتى. تاماق ئېتەتتى. يېتىشىغا ئۇرۇن تەيارلايتى. چوكان قاشتېشىدەك سۈزۈك ئاپپاق بەدەن گۈزەللەردىن بولمىسىمۇ قاش كۆزى جايىدا تېرىسى قىزىل ئارلاش قارىغا مايىل   قارقۇمچاق ئاياللاردىن ئىدى. ئۇ بەزىدە ئاپتاپتەك ئېچىلىپ سۈپۈرگىگە يېقىملىق جىلۋە قىلىپ ئۇنىڭ ھ ەرقانداق ھاجىتىگە تەييار ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بەرگەندەك قىلاتتى. بەزىدە بولسا جىمىپ  خىيالچان بولۇپ قالاتتى. ئايالنىڭ بەدىنى چىڭ ئۆزى بەستلىك بولغاچقىمۇ  سۈپۈرگە ئۇنى ئېشككە مىندۈرىۋالغۇدەك بولسا ئېشەكنىڭ بىلى ئىگىلىپ كېتەتتى. مۇنداق چاغلاردا سۈپۈرگە ئېشەكنىڭ يېنىدا پىيادە ماڭاتتى. سۈر ئېشەك قولاقلىرىنى مىدىرلىتىپ  ئۆزىنىڭ ئۈستىدە بالا تۇتۇپ ئولتۇرغان بۇ ناتۇنۇش مېھمانغا ھەيران بولۇپ قاراپ قوياتتى. يول ئۈستىدە ئۇلار سايىداپ ئارام ئالغۇدەك بىرەر تۈپ دەرەخ ياكى سۇ ئېقىپ تۇردىغان ئۆستەڭ بويلىرىغا بارغ اندا بىردەم توختاپ دەم ئالاتتى. مۇنداق چاغلاردا چوكان شاھزادىنىڭ لاتىلىرىنى قۇرۇقداپ ئۇنىڭغا ئەمچەك سالاتتى. ئايالنىڭ كۆكسىمۇ ئۆزىگە لايىق يوغان ۋە چىڭ ئىدى. بوۋاق ئۇنىڭغا مەھكەم يېپىشىۋېلىپ ئاچكۆزلۈك بىلەن ئىمەتتى. ئاپئاق سۈت ئۇنىڭ جاۋغايلىرىدىن كۆۋەجەپ چىقاتتى. نىمىشقىدۇر ئايال بەزىدە شاھزادىنى ئىمىتكەندە ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ ئۈنسىز كۆز يېشى قىلاتتى ... .

    ئۇلار چەت ياقىلاردىكى ساراي ياكى دەڭلەرگە پەقەت كۆز باغلانغان چاغلاردىلا يېتىپ كىلەتتى- دە بىر كېچە قۇنۇپ ئەتىگىنى يەنە سەھەردە كۆزدىن غايىپ بولۇشاتتى ئايال بالىنى  كۆتۈرۈپ مېڭىش ئۆزى ئۈچۈن ھىچقانچە مۇشەققەت ئەمەستەك ئىتتىك ماڭاتتى. بەزىدە ئۇ سۈپۈرگىنىڭ ئېشىكىدىنمۇ ئۆتۈپ كېتىپ ئارقىغا قاراپ سۈپۈرگىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتەتتى

    -يا قۇدىرەت دەيتى سۈپۈرگە ئايالغا قاراپ،  خۇدايىم ساڭا يېتەرلىك كۈچ قۇۋۋەت ئاتا قىلغانىكەن، ئەكەل قولۇڭدىكى بالىنى مەن بىردەم ئالاي  چارچىغانسەن؟

    -ئۆزۈۈم كۆتۈرەي دەيتتى ئايال، ئوردا قائىدىسىدە شاھزادىنى باشقىلارغا بېرىشكە بولمايدۇ.

    -ھازىر سەن ئوردىدا ئەمەس  ئاللانىڭ ئاسمىنى كەڭ ئوچۇقچىلىقىدا كېتىپ بارىسەن. قارىغىنە ئەتىراپتىكى ھەممە نېمە قۇياشنىڭ نۇرىدا يېقىملىق تاۋلىنىپ يېتىپتۇ. ئەنە يىراقتىكى دەرەخلەردە كاككۇك سايراپ تۇرۇپتۇ. تورغايلارنىڭ قانچىلىك خۇشخۇي چۇرقىرىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتامسەن؟ بۇ يەردە سەنمۇ، مەنمۇ  ھەممە نېمە ئەركىن .مىنىڭ كىملىكىمنى بىلمەكچى بولساڭ مۇشۇ ئەركىنلىكنى قوغلىشىپ سەيياھ بولۇپ كەتكەن ئادەممەن. خاتىرجەم بول، بۇ يەردە ھېچكىم بىزگە كۆز قۇلاق بولۇپ تۇرغىنى يوق .

    -بىلەمسەن دېدى چوكان،بۇ شاھزادە كۈنلەرنىڭ بىرىدە چوقۇم پادىشاھ بولىدۇ.-ئاللا نىسىپ قىلسا  دەپ ئۇنىڭ سۆزىنى تۈزەتتى سۈپۈرگە. -پادىشاھ بولغۇچىنى پەقەت بەلگىلەنگەن ئادەملا كۆتۈرۈشى شەرت. 

    جاھاندا مەن نۇرغۇن ئىشلارنى كۆرگەن لېكىن مۇنداق لەشكىرى يوق   ئىنىكئانىسىنى ئىمىپ كېتىۋاتقان پادىشاھنى كۆرمىگەنمەن دەپ كۈلدى سۈپۈرگە. 

    -راست ئېيتىسەن، پادىشاھنى كۈتۈشنىڭ قائىدە نىزاملىرىدىن مىنىڭ قىلچە خەۋىرىم يوق .شاھزادىگە كۆز يېشى قىلىپ تۇرۇپ ئەمچەك سېلىشمۇ ئوردىنىڭ قائىدىسىمۇ ؟ نېمە  ئۈچۈن بەزىدە سەن ھۆرمەتلىك بولغۇسى پادىشاھىمىزنى ئىمىتكەندە يىغلايسەن؟

    چوكان ئۇزاق جىمىپ كەتكەندىن كېيىن ئاخىر ئېغىز ئاچتى .

    بىلەمسەن؟ مەنمۇ ساڭا ئوخشاشلا ياقا يۇرتلۇق  مىنىڭ يۇرتۇم ئاۋۇ قارلىق تاغلارنىڭ ئارقىسىدىمۇ ياكى ئاۋۇ يېشىل دۆڭلەرنىڭ ئۇ تەرىپىدىمۇ ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. ئىشقىلىپ مەن تۇغۇلغان يەرنىڭ ئاياللىرى شۇنداق بەستلىك. كۆكسى چوڭ سۈتلۈك كېلىدىكەن،  شاھ ئوردىسىغا لازىم ئىنىكئانىلارنى ئەنە شۇ يۇرتلاردىن تاللاپ ئەكەلگۈزىدىكەن. مەن ئۆزۈمنىڭ قانچە ياشتا ئوردىغا كىرگىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن. بىر ئايالنىڭ بېشىمنى سىلاپ يىغلاپ تۇرۇپ خوشلاشقىنىنى  ئەتراپى چۈمكەلگەن ھارۋىدا ئېرغاڭشىپ ئولتۇرۇپ ئۇزاق يول ماڭغىنىمنى خۇددى چۈشۈمدەك كۆز ئالدىمغا كەلتۈرىمەن. ئېھتىمال  بالا ۋاقتىمدا ناھايىتى چىرايلىق بولسام كېرەك   خاننىڭ ئادەملىرى مېنى توپتوغرىلا ئوردىغا يەتكۈزۈپ كېلىپ  خاننىڭ خىزمىتىگە تۇتۇپ بەرگەن.

    -ھېلىمۇ گۈزەل تۇرۇپسەن سىڭلىم. 

    سۈپۈرگىنىڭ ماختىشىنى بىرىنجى قېتىم ئاڭلىغان چوكان جىلۋە بىلەن لاپ قىلىپ ئۇنىڭغا قارىدى دە سۆزىنى داۋام قىلدى. 

    بەلكىم تاللىنىپ شاھھەرىمىگىمۇ كىرىشكە مۇيەسسەر بولاتتىممىكىن. بىراق مەندەك پۇقرالارنىڭ قىزلىرىنى تۆۋەن نەسەبتىن كېلىپ چىققان دەپ  ھەرگىز شاھ ئوردىسىغا تاللاشمايدۇ. مەن پەقەت خېنىملارغا دېدەكلا بولالىدىم. ساڭا ئېيتسام ئوردىدا بىزدەك دېدەكلەرنىڭ ھالى شۇنچە خاراپ. مانا مېنى ئۇلار 11-12 يېشىمدىلا ئاياغ ئاستى قىلىشقان. 

    -كىىملەر؟ 

    -كىىملەر بولاتتى؟ باشتا مەرتىۋىلىكرەك بىرى ئاياغ ئاستى قىلىدۇ. ئاندىن ئوردا خادىملىرى، قورۇقچىلار، ھارۋىكەش، ئاشپەز، چاكارلار  ھەتتا بەزىدە بالاغەتكە يېتىپ قالغان بەڭۋاش شاھزادىلەرمۇ بىزگە چېقىلىۋېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز ئاتىسىز بالىلارنى تۇغىمىز. بالا تۇغۇلىشى بىلەنلا نازارەتچىلەر ئەچىقىپ كېتىپ بۇغۇپ تاشلىشىدۇ. مۇشۇ يوغان ئەمچە كلىرىمىزگە سۈت تولۇپ تۇرسۇن دەپ ئۇلار بىزنىڭ تۇغىشىمىزغا يول قويىشىدۇ. ئاندىن بالىلىرىمىزنى ئۆلتۈرۈپ بىزنى خېنىملارنىڭ بالىلىرىنى ئېمىتىشكە قويىدۇ. (قۇياش شاھى)نىڭ ئارزۇلۇق خوتۇنلىرى ھەتتا ئىنىكئانىلارنى سېغىپ سۈتىنى ئىچىدۇ. ئادەم سۈتىدە بەدەنلىرىنى سۈرتىشىدۇ.......

    مەن بۇ شاھزادىنى ئىمىتىۋاتقاندا ئۆزەمنىڭ بالىلىرىنى ئويلاپ قالىمەن......

    نېمە  دېدىڭ ؟ سۈپۈرگە ئېشىكى ئۈستىدە قىيسىيىپ ئولتۇرۇپ ئايالدىن سورىدى،-سېنىڭ ئۆز بالىلىرىڭمۇ بارمىدى؟ بىز نىمىشقا ئۇلارنىمۇ بىللە ئېلىپ ماڭمىدۇق؟

    -مەن بىر ئوغۇل، بىر قىز تۇغقان.  قانداق چىرايلىق بالىلار ئىدى دېگىن، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن كىرپىكلىرى كىچىككىنە كۆزلىرى ماڭا تەلپۈنگەن بۇدۇرۇق قوللىرى كۆز ئالدىمدىلا تۇرۇپتۇ ھەر ئىككىسىدىن ئايرىلدىم. قولۇمدىن يۇلىۋېلىشتى-دە ئەكىتىپ يوق قىلدى. مەن نىمىشقا يىغلىماي، قارا  مېنىڭ كۆكسۈمدىن ئېقىۋاتقان ئاپئاق سۈتلەر شۇ بالىلىرىمنىڭ رىزقى ئەمەسمىدى؟......

    ئايال بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتى. سۈپۈرگىنىڭ قەلبىنى بۇ ئايالغا بولغان ئېچىنىش ھېسداشلىق چۇلغىۋالغانىدى. ئۇلار ئىككىسى ئۇزاققىچە جىمىپ كەتتى. سۈپۈرگە ئىككىنچىلەپ ئايالدىن بۇھەقتە گەپ سورىمىدى .

    كىچىك شاھزادىنى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان چوكان بىر كۈنى ناھايىتى خۇشخۇيلىشىپ كەتتى .ئۇلار سۈپسۈزۈك تاغ سۈيى يېيىلىپ ئېقىۋاتقان چىمەنلىككە يىتىپ كەلگەندە، ئايال قائىدىنى بۇزۇپ شاھزادىنى سۈپۈرگىگە تۇتقۇزدى، شاھزادە كۆزىنى يوغان ئېچىۋالغان بولۇپ   ساقاللىق بۇ كىشىگە چەكچەيگىنىچە قاراپ قالغانىدى .

    -ئۇھ٬ بۇ يەر نېمە  دېگەن  چىرايلىق   مەشەدە بىردەم ئارام ئالمايلىمۇ دېدى ئايال. شۇنداق قىلايلى دېدى سۈپۈرگە. ئايال:- ئۆتۈنۈپ قالاي، سەن مەن تەرەپكە قارىما دېدى-دە  سۇنىڭ ئاياغ تەرىپىگە قاراپ كەتتى.  ئېشەك ئەتراپتىكى چۆپلەرنى قېلىن كالپۇكلىرى بىلەن يالماپ   ئىشتىھا بىلەن ئوتلاشقا باشلىدى. ئاز ئۆتمەي سۈپۈرگىنىڭ قۇلىقىغا سۇنىڭ شالاپشىغان ئاۋازى ئاڭلاندى . ئايال نېراققا بېرىپ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ يۇيۇنماقتا ئىدى. سۈپۈ رگە قولىدىكى بوۋاققا قارىدى .كەلگۈسىدە پادىشاھ بولۇشقا تىگىشلىك بولغان بۇ بوۋاقنىڭ سۈپۈرگە ئۆز ئۆمرىدە ئۇچراتقان نارسىدىلەردىن ھىچقانداق پەرقى يوق ئىدى .

    -خوش شا زادەم دېدى سۈپۈرگە بالىغا قاراپ شاھزادە يۆگىكىدە پۇتلىرىنى پىلتىڭلىتىپ تىپىرلاپ قويدى-، سېنىڭ ھېلىقى بارلىق تەخت ۋارىسلىرىنى يوقاتماقچى بولۇپ قۇترىغان، چوڭ ئاكاڭ شۇ تاپتا ئوردا ئىچىدىن سېنى ئىزدەپ تاپالماي قانچىلىك غەزەپكە كېلىۋاتقاندۇر ھە؟ بەلكىم ئۇ قېلىچىنى يالاڭاچلاپ ئوردا ئىچىدىكى ئۇچىرغانلا بوۋاقنى قانغا بوياۋاتقاندۇر؟

    يا بولمىسا ئۇ ئەڭ ئاۋال سېنىڭ مىھرىبان ئاناڭنى دارغا ئاسقاندۇر. ؟ ... پادىشاھلىق ئەڭ ئالىي دۆلەت دېسە مەن ھەرگىز ئىشەنمەيمەن. زوراۋانلىق مۇستەبىتلىك بەدىلىگە ئۆرە تۇرغانلارنىڭ بىر كۈنمۇ كۆڭلىنىڭ ئارامى يوق. ئۇنىڭغا قارىغاندا ئېتىزدا سۆرەم سۆرىگەن دېھقان تاتلىقراق ئۇخلايدۇ. دالىدا يالاڭئاياغ كېتىپ بارغان نامرات ئەركىنرەك نەپەس ئالىدۇ.......خۇدانىڭ تەقدىرىنى قارا مىڭلاپ قوشۇن قوغداشقا تىگىشلىك سەندەك شاھزادىنى ئۆزىنىمۇ قوغدىيالمايدىغان مېنىڭدەك بىر ئاجىزنىڭ قۇچىقىغا تاشلاپتۇ. .. .سەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە راستىنلا شاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ قالساڭ بىزنىڭ سېنى كۆتۈرۈپ يۈرگىنىمىزنى سەن ئۈچۈن بېشىمىز كېتىدىغان خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغانلىقىمىزنى ئېسىڭگە ئالارسەنمۇ ؟

    بوۋاق بۇدۇرۇق قوللىرىنى سۇنۇپ سۈپۈرگىنىڭ ساقىلىنى تۇتىۋېلىشقا تىرىشاتتى.

    -ياق دەپ ئۆز پىكىرىنى رەت قىلدى سۈپۈرگە .

    شاھلاردىن شاپائەت كۈتۈش ئەخمەقنىڭ ئىىشى، ھۆكۈمرانلار ئۆز سىرىنى بىلگۈچىلەرنى ئەڭ بۇرۇن كۆزدىن يوقىتىدۇ. بەندىنىڭ ھەقىقىي شاپائەتچىسى رھھىملىك ئاللانىڭ ئۆزى........

    سۈپۈرگە تېخى بالا شاھ ئۈستىدىكى مۇلاھىزىلىرىنى ئاياغلاشتۇرماي تۇراتتى. يىراقتىن ئايال چىقىپ كەلدى. سۈپۈرگە ھەيران بولۇپ قاراپلا قالدى، ئايال يۇيۇنۇپ تارىنىپ تولىمۇ گۈزەللىشىپ كەتكەنىدى. سۈپۈرگىنىڭ تەسەۋۇرىدا پورەكلەپ ئېچىلىۋاتقان قىزىل گۈل، دەرەخلەر ئارقىسىدىن كۆتۈرۈلىۋاتقان تۇلۇن ئاي پەيدا بولغاندەك بولدى.....شۇ چاغدا سۈپۈرگە بالىنىڭ يۆگىكى ئاستىدا تۇرغان قولىغا ئىسسىق بىر نەملىكىنىڭ تەگكەنلىكىنى سەزگەندەك بولدى دە دەرھال ئېسىگە كېلىپ بالىنى يەرگە قويۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. 

    -ۋاي نېمە  قىلىۋاتىسەن دېگىنىچە يۈگۈرۈپ يېتىپ كەلدى ئايال.

    نېمە  بولدى ؟ 

    سەن شاھلارنى قانداق كۈتۈشنى بىلەمسەن  مەن ساڭا ئېيتمىدىممۇ  نىمىشقا شاھزادىنى يەرگە قويسەن؟

    سەن ئۇنىڭ ئاستىنى قۇرۇقدا   دېدى سۈپۈرگە كۈلۈپ،-ئۆمرۈمدە مەن مۇنداق ئورنىغا سىيىپ چىچىپ ياتىدىغان پادىشاھنى كۆرمىگەنىكەنمەن .

    ئايالمۇ ئىختىيارسىز كۈلىۋەتتى. نىمىشقىدۇر ئۇ بۈگۈن خۇشخۇي بۇلۇپ قالغانىدى. سۈپۈرگىگە مۇلايىم مۇئامىلە قىلغۇسى ئۇنىڭغا سۈركىلىپ ئەركىلىگۈسى كېلىپ تۇراتتى. ئۇمۇ يەردە ياتقان شاھزادىنى دەرھال قولىغا ئېلىشىنى ئۇنتۇپ سۈپۈرگىنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدى-دە،-قارا شۇ تاپتا بىز مۇشۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا٬ بىر جۈپ ئەر ئايالغا ئوخشاپ قاپتىمىز-  دېدى .

    مۇشۇ بىر نەتچە كۈنلۈك سەپەر جەريانىدا سۈپۈرگىنىڭ مىجەزى ئايالغا يېقىپ قالغانىدى. ئۇ بىر ئاز غەلىتە قوپال ساددا كۆرۈنىدىغان بۇ ئادەمىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئەرلەرگە خاس ئاق كۆڭۈللۈك ۋە يوشۇرۇن ئەقىلنى كۆرۈپ يەتكەنىدى. ئايالنىڭ قەلبىدە كۈندىن-كۈنگە ھاۋا ئانام زامانىسىدىن قالغان شۇ ئەرنى ئىگىلەش قولغا كەلتۈرۈش ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىش ئىستىكى يېتىلىۋاتاتتى. سۈپۈرگە ئايالنىڭ ئەر-خوتۇن توغرىسىدىكى گەپلىرىنىڭ مەنىسىگە چۈشەنمىدىمۇ ياكى چۈشەنسىمۇ چۈشەنمەسلىككە سالدىمۇ  ئايالدىن كۆزلىرىنى قاچۇرۇپ  قولىنى يۇيۇش ئۈچۈن سۇ تەرەپكە قاراپ ماڭدى .

    ئۇلار يەنە يولغا چىقتى. ئايال تۇرۇپ كۈلەتتى. دالا گۈللىرىنى ئۈزىۋېلىپ قۇلىقىىغا قىساتتى. بەزىدە غىڭشىپ ناخشا ئېيتاتتى .

    بۇ ب ېشىمغا چۈشكەن كۈننى ھېچكىم بىلمەيدۇ
    توۋا دەيمەن دەرت تارتقانغا كىشى ئۆلمەيدۇ .
    ئوردىدىكى خېنىملارنى شاد خورام دىمەڭ،
    زىبۇ زىننەت يۈك ئۇلارغا قەلبى كۈلمەيدۇ .

    ئۇ ئۆز ناخشىسىدا ئوردىدىكى دىدەكلەرنىڭ كۈلپەتلىرى  ئېگىز تاملار ئىچىگە بەنىت بولغان خانىشلارنىڭ ئىچ پۇشۇغى  بالىسىدىن ئايرىلغان ئانىنىڭ ھەسرەتلىرىنى سۆزلەيتى .شۇ كۈنى ئۇلار خالىي بىر قونالغۇغا كېلىپ چۈشتى. ئايال ئۆزىنىڭ قەلبىدە باش كۆتۈرىۋاتقان ئىستەك  يېڭىدىن يېتىلىۋاتقان مۇھەببەت ھېسىياتى توغرىسىدا كۈيلەيتى.  ئۇنىڭ كەيپىياتىغا جۆر بولۇپ قۇشلار خۇشخۇي چۇرۇرلىشىپ سۇلار قىرغاقلارغا ئۇرۇلۇپ شىلدىرلاپ يۇپۇرماقلار يىنىك شىۋىرلىشىپ پۈتۈن تەبىئەت تەڭ ناخشا ئېيتىۋاتقاندەك قىلاتتى........ئۇ سۈپۈرگىنى مەزىلىك تاماقلارنى تەيارلاپ كۈتتى   كېچىسى ئۇ سۈپۈرگىنى ئۆز قوينىغا چارقىردى.

    ماڭا قارا يولوچى دېدى ئايال ياستۇقىغا جەينەكلىنىپ تۇرۇپ، سەن مېنى نىمىشقا ئەركىلىتىپمۇ قويمايسەن ؟

    -ئەركىىلىتىىپ دەمسەن؟......سېنىما؟ سۈپۈرگە كۈتۈلمىگەن سۇئالدىن ھەي ران بولدى.-سەن كىچىك بالا بولمىساڭ ؟

    لېكىن مەن ئايال كىشى-دە؟ 

    توغرا سەن ئايال كىشى. 

    قوينۇمغا كىرىش خىيالىڭغىمۇ كىرمەمدۇ ياكى مەن ساڭا يارىمىدىممۇ يە؟

    جاھانكەزدى سۈپۈرگە تېڭىرقاپ تۇرۇپقالدى. كىچىك شاھزادە چوكاننىڭ ئۇ تەرىپىدە تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى. تۈن يېرىملىشىپ قالغان بولۇپ ئاي نۇرى ئۇلار ياتقان ھۇجرىنى غۇۋا يورۇتۇپ تۇراتتى. ئايال بولسا كۆرپىنىڭ ئۈستىدە سۈپۈرگىگە قۇچاق ئېچىپ ياتاتتى. تەڭلىكتە قالغان سۈپۈرگە نېمە  دېيىشىنى بىلمەي قالدى .

    ياق   ياق   سەن..... سەن ھەرقانداق ئەرگە يارايدىغان چوكانسەن دېدى ئۇ دۇدۇقلاپ.

    ئۇنداق بولسا نېمىشقا قوينۇمغا كەلمەيسەن؟ دەسلەپكى كۈنلەردە مەن سېنىڭ زورلۇق قىلىشىڭدىن ئېھتىيات قىلدىم،  كىيىنكى كۈنلەردە مەن سېنى كۈتتۈم. بەزى كۈنلىرى سەن يېتىپلا ئۇخلاپ كېتىسەن. مەن ئۇزاققىچە كۆز يۇممايمەن......خوجايىن خېنىم مىنى ساڭا قوشۇپ يولغا سالغاندا(خالىساڭ خوتۇن قىلارسەن)دېگىنىنى ئاڭلىغان بولغىيتىڭ؟

    -شۇۇنداق ئاڭلىغان. 

    -دىمەك بىزگە رۇخسەت قىلىنغان. سەن يەنە نېمىدىن ئېھتىيات قىلىسەن ياكى سەن ئاياللارغا يېقىنلاشماسلىققا قەسەم قىلىۋەتكەنمۇ؟  ياكى سېنىڭ دىنىڭدا ئۆيلىنىشكە بولمامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا  سەن ئۇنداق يارىماس دىندىن چىقىپ كەت. ئاللانىڭ ئۆزى ئەر بىلەن ئايالنى بىر بىرىگە ھاجەتلىك قىلىپ ياراتقان.

    نىمىشقا ئۈنچىقمايسەن؟ مېنى خوتۇنلۇققا ئالساڭ زىيان تارتمايسەن، ئايىغىڭدا يۈرۈپ خىزمىتىڭنى قىلىمەن،  مەن شاھ ئوردىسىدا ئەڭ ئېسىل تاماقلارنى پىشۇرۇشنى ئۆگەنگەن.

     سۈپۈرگىنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. ئۇ ئۆزىنى ئاياللارغا ھەۋەس قىلىدىغان چاغلىرىم ئۆتۈپ كەتتى دەپ قارايتى. سۈپۈرگە بۇ ياش ھەم ساغلام نوتىغا ئۇرۇنۇپ ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى تۆكۈشنى خالىمايتى. ئايال بولسا سۈپۈرگىنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ئەمەس، ئۆزىدىكى غېرىپلىق ۋە يالغۇزلۇقنى بىردەملىككە بولسىمۇ يىراقلىتىش ياكى بولمىسا كېلىپ كېتىدىغان ئۆتكۈنچى تەشنالىقىنى قاندۇرۇش زۆرۆرىيىتىدىن ئۇنى قوينىغا چاقىرماقچى ئىدى. بىر چاغلاردا سۈپۈرگىنىڭمۇ يىگىتلىك مەزگىللىرى ئۆتكەنىدى. ئۇنىڭمۇ ئۆزىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن مەشۇقلىرى بولغان. ئۇ ۋاقىتلار قانچىلىك گۈزەل ۋە ئۇنتۇلماس ئىدى ھە؟ 

    ...يالغۇز ئاياغ يول كەڭ دالا ياكى شەھەرنىڭ قانداقتۇر بىر تار كوچىلىرىدا ئۇنى دېرىزىسىنى ئېچىپ شەرەتلىگەن جانانلار   قايناق بازار ئىچىدە چۈمپەردىسىنى بىلىنەر بىلىنمەس قايرىپ قويۇپ كۈلۈمسىرىگەن گۈزەللەر ئۇنىڭ ئېسىدە  شۇنداقلارنىڭ بەزىلىرى شەھلا كۆزلىرى بىلەن

    ئۇنىڭ يۈرىكىگە ئوت يېقىپ  ئۇنى ئەگەشتۈرۈپ كېتىپ قالاتتى. سۈپۈرگە مۇداق جىلۋە قىلغان جانانلارنىڭ ئۆيىدە بىر كېچە   پەقەت بىر كېچىلا مېھمان بولۇپ ئۆتەتتى –دە ئىككىنچىلەپ ئاياغ باسمايتى   چۈنكى   بىر نىشاننى ئۇزاق ئەگىپ يۈرۈشنىڭ خەتەرگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. چوكاننىڭ جاننى قىينايدىغان ئوتلۇق تەلەپلىرى سۈپۈرگىنى ئەنە شۇنداق خىياللارغا ئەكەتتى .ئايال بولسا توختىماي سۆزلىمەكتە ئىدى .

    گەپ قىلساڭچۇ، دەپ ئالدىرىتاتتى چوكان ياكى سىنىڭ كىشىگە ئېيتقىلى بولمايدىغان بىرەر ئەيىبىڭ بارمۇ؟ ياكى بولمىسا ....

    -قوي سىڭلىم،  مىنىڭ يېشىم ساڭا مۇناسىپ ئەمەس. 

    كۈلۈپ كەتتى چوكان، يېشىم دېدىڭما؟

    -ھەئە، مېنىڭ بالىلىرىم بولغان بولسىمۇ بەلكىم سېنىڭدىن چوڭراق بولغان بولاتتى. 

    -ئوردىىدا بىزگە ئىككى پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان قېرىلارمۇ ئېسىلىشىدۇ. خىجالەت بولما،  بۇ ئىشنى مانا مەن ئۆزەم تەلەپ قىلدىم.... چوكان شۇنداق دېدى-دە  سۈپۈرگىنىڭ قوينىغا ئۆمىلەپ دىگۈدەك كىرىپ كەلدى. مۇنداق قىلما،مۇنداق قىلما دەپ يالۋۇراتتى سۈپۈرگە ئۆزىنى قاچۇرۇپ،-مەن سېنى خوتۇنلۇققا ئالساممۇ ئاۋال بىرەر كىشىنى گۇۋاھ قىلىپ تۇرۇپ نىكاھ ئوقۇتۇشىمىز كېرەك......سەن مېنى گۇناھ كار قىلىسەن.......

    ئەمما چوكان سۈپۈرگىگە بارغانسىرى مەھكەم يېپىشىپ ئۇنىڭ كىيىملىرىنى يەشمەكتە ئىدى. ئۇ كۈچلۈك قوللىرى بىلەن سۈپۈرگىنى ئۆزىگە تارتاتتى .

    ئۇلۇغ شاھزادە بولسا يېنىدىلا سادىر بولىۋاتقان مۇھەببەت پاجىئەسىدىن بىخەۋەر تاتلىق پۇشۇلدايتى. ئاي بۇلۇتلار ئارىسىدا بىر كۆرۈنۈپ، بىر مۆكۈنەتتى . ئايالنىڭ ئوتلۇق ۋە تەشنالىق ئىچىدە پىچچىرلاشلىرى تەسرىدە يۇلتۇزلار تېخىمۇ روشەن چاقناپ  كۆزلىرىنى چىمچىقلىشاتتى.....

    سۈپۈرگىگە چوكاننىڭ مۇھەببىتىنى بۈگۈنگە، مەڭگۈگە   ياكى بىر نەچچە مىنۇتقا بولسىمۇ قۇبۇل قىلماقتىن باشقا چارە يوق ئىدى......

    ئۇنىۇڭدىكى يوقالغان٬ ئۇنىتىلغان سېزىملار ئويغىنىشقا باشلىىدى........

    داۋامى بار

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.