نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى مۇھەممەد يۇنۇس 1

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-18 17:41:00

مۇھەممەد يۇنۇس2006-يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپىتى ساھىبىبېنگال ( ـ 1940 )مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىمۇھەممەد يۇنۇس 1940-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى، بېنگال دۆلىتىنىڭ چېتاگونگ رايونىدىكى بىر م...



      

    مۇھەممەد يۇنۇس

    2006-يىللىق نوبېل تېنچلىق  مۇكاپىتى ساھىبى

    بېنگال     ( ـ 1940 )

    مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

    مۇھەممەد يۇنۇس 1940-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى، بېنگال دۆلىتىنىڭ چېتاگونگ رايونىدىكى بىر مۇسۇلمان باي ــ بېرلىيات ئىشلەپچىقىرىش سودىگىرى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1966-يىلى ئامېرىكىدا بىلىم ئاشۇرغان. 1969-يىلى ئامېرىكىنىڭ ۋادېرۋىلىت ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد كەسپىي  بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1979-يىلى ئۇ دۆلەتلىك سودا بانكىسى سېستېمىسىدا گېراممېن (مەنىسى يېزا) تارماق بانكىسىنى قۇرۇپ كەمبەغەل بېنگال خانىم-قىزلىرىغا ئاز سوممىلىق قەرز بېرىش كەسپىنى يولغا قويغان. 1983-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى، گېراممېن بانكىسى رەسمىي قۇرۇلۇپ كەمبەغەللەرگە قەرز بېرىشنى باشلىغان. ئۇ قۇرغان يېزا بانكىسى نەچچە مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان نامراتلارنى ئۈنۈملۈك بولغان مالىيە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن.

    مۇكاپاتقا ئېرىشىشتىكى ئاسالىق سەۋەبى: مۇھەممەد.يۇنۇس جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى كىشىلەرنى «ئاز سوممىلىق قەرز» بىلەن تەمىنلەپ، يۈزمىڭلىغان نامراتلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ تۆھپە قوشقان.

     

    قەرز بېرىمەن، ئەمما سەدىقە قىلمايمەن

    2006-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى

    پادىشاھ ئالىيلىرى، ھەرقايسى جانابلار، نورۋىگىيە نوبېل كوممېتىتىنىڭ ھۆرمەتلىك ھەيئەتلىرى، خانىملار، ئەپەندىملەر:

    تولىمۇ داڭلىق بولغان بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىمدىن مەنمۇ، گېراممېن بانكىسىمۇ ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلماقتىمىز. بۇ شان-شەرەپ بىزنى چەكسىز ھاياجانلاندۇردى، چەكسىز سۆيۈندۈردى. نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى نامزاتى ئېلان قىلىنغان شۇ كۈندىن باشلاپ، مەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن سان-ساناقسىز تەبرىكنامىلەرنى ۋە تەبرىك تېلىگراممىلارنى تاپشۇرۇۋالدىم. ئەمما، مەن تاپشۇرۇۋالغان  بارلىق تەبرىك تېلىگراممىلارنىڭ ئىچىدە مېنى ئەڭ ھاياجانغا سالغىنى، بېنگالنىڭ ئەڭ چەت يېزىلىرىدىكى گېراممېن بانكىسىدىن قەرز ئالغان ئاشۇ كىشىلەردىن كەلگەن تېلىگراممىلار بولدى، ئۇلار تېلىفوندا ماڭا پەقەت مېنىڭ مۇشۇنچىلىك دەرىجىدە ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەنلىكىگە چىن كۆڭۈللىرىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنىلا ئېيتىشىتى.

    مۇكاپاتنى ئېلىش ئۈچۈنن ماڭا ھەمرا بولۇپ ئوسلوغا كەلگەنلەردىن يەنە گېراممېن بانكىسىدىن قەرز ئالغان يەتتە مىليون كىشىنىڭ ئىچىدىن سايلانغان  توققۇز نەپەر ۋەكىلمۇ بار. مەن شۇلارغا ۋاكالىتەن نورۋىگىيە نوبېك ھەيئەت كوممېتىتىگە چىن قەلبىمدىن تەشەككۈر ئېيتىمەن، ئۇلارنىڭ بۇ يىلقى نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىنى گىراممېن بانكىسىغا بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. سىلەر ئۇلارنىڭ تەشكىلىگە دۇنيادىكى مۇشۇنداق بىر مەشھۇر مۇكاپاتنى بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارغا چەكسىز، يۈكسەك دەرىجىدىكى شان-شەرەپنى باردىڭلار. سىلەرنىڭ مۇشۇ مۇكاپاتىڭلار بولغاچقا، بۈگۈن، بېنگالنىڭ يېزىلىرىدىن كەلگەن بۇ توققۇز نەپەر ئايال نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى سۈپىتىدە مۇشۇنداق ئېسىل مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا قاتنىشالىدى، شۇنداقلا نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىغا يېپيېڭى بىر مەنە قوشتى.

    مانا ھازىر، گېراممېن بانكىسىدىن قەرز ئالغۇچى بارلىق كىشىلەر بۈگۈننى ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ كۈن سۈپىتىدە كۆتۈپ بۇ كۈننى تەبرىكلىمەكتە. بېنگالنىڭ بارلىق يېزى-قىشلاقلىرىدا، بۇ قەرز ئالغۇچىلار باشقا كىشىلەر بىلەن قوشۇلۇپ تېلىۋېزور ئالدىدا يىغىلىپ ئولتۇرۇشقىنىچە، بۇ قېتىملىق مۇكاپاتلاش مۇراسىمىنىڭ باش-ئاخىرىغىچە دىققەت قىلىشماقتا.

    بۇ يىلقى نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى پۈتۈن دۇنيادىكى نەچچە مىليون خانىم-قىزلارنى ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى شان-شەرەپكە ۋە ئىززەت-غورۇرغا ئىگە قىلدى. ئۇلار ئائىلىسى ئۈچۈن ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە ئاساس سېلىش ئۈچۈنن ھەركۈنى توختاۋسىز –تىنىمسىز كۈرەس قىلىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ مىنۇتلار تارىخىي ئەھمىيەتلىك دەقىقىلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

     

    نامراتلىق تېنچلىققا نىسبەتەن بىر تەھدىت

    بىزگە مۇشۇ مۇكاپاتنى بېرىش ئارقىلىق، نورۋىگىيە نوبېل مۇكاپاتى كوممېتىتى شۇنداق بىر تەشەببۇسنى ـــ تېنچلىق ۋە نامراتلىق تولىمۇ زىچ بولغان ئىچكى باغلىنىشقا ئىگە ـــ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىدى. نامراتلىق تېنىچلىققا نىسبەتەن بىر تەھدىت.

    يەرشارىلاشقان ئۇلۇغۋار نىشانلارنى غايىلەرنى ئىستىگىنىمىزچە يېڭى بىر 1000 يىلغا قەدەم قويدۇق. 2000-يىلى، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت چوڭلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا يىغىلىپ، بىر قاتار تەكلىپلەر ئىچىدىن، ئۇلار بىر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان كۈرەش نىشانىنى قۇبۇللىدى، بۇ نىشاننىڭ ئاساسىي مەزمۇنى بولسا تۆۋەندىكىدەك: 2015-يىلىغا بارغۇچە، پۈتۈن دۇنيادىكى نامراتلارنىڭ سانىنى ئەسلىدىكىدىن يېرىمىنى ئازايتىمىز. ئىنسانىيەت تارىخىدا ئەزەلدىن بۇنداق دادىللارچە نىشان بولۇنۇپ باقمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ۋاقىت ۋە كۆلىمى ئېنىق بەلگىلەنگەن بۇ پىلان ھەرقايسى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بىردەك ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشكەن. بەىىتكە قارشى ئويلىمىغان يەردىن 9.11 ۋەقەسى ۋە ئېراق ئۇرۇشى پارتلاپ، ھەرقايسى دۆلەت چوڭلىرى دىققەت-ئېتىبارىنى نامراتلىققا جەڭ ئېچىشتىن تېرورىنىزمغا قارشى تۇرۇشقا يۆتكىگەن، شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن دۇنيا بۇ ئۇلۇغۋار نىشانغا يېتىش رېلىسىدىن چەتنەپ چىقىپ كەتكەن. مانا بۈگۈنگە قەدەر، پەقەت ئامېرىكا بىر دۆلەتلا ئىراق ئۇرۇشى ئۈچۈن570 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى چىقىم قىلغان.

     

    نامراتلىق پۈتكۈل كىشىلىك ھوقۇققا قىلغان دەخلى-تەرۇز

    كىشىلەر ئەسلىدە تېنچلىقنى بىر خىل ئىنسانىيپەرۋەرلىك شەكلى بىلەن، بىر خىل ئازادە بولغان جەمئىيەت، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي شەكىل بىلەن چۈشەنسە بولاتتى. ئادىل بولمىغان ئىقتىسادىي، جەمئىيەت ۋە سىياسىي تەرتىپلەرنىڭ بولۇشى، دېموكراتىيىنىڭ كەم بولۇشى، مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشى شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ كېمىيىشى بۇلارنىڭ ھەممىسى تېنچلىققا تەھدىت ئېلىپ كېلەلەيدۇ.

    نامراتلىق پۈتكۈل كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تارتىۋېلىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھەر قانداق بىر جەمئىيەتتە، نامراتلىق دەستىدىن پەيدا بولغان ئوڭۇشسىزلىق، دۈشمەنلىك ۋە غەزەپ تېنچلىقنىڭ ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇزاق مۇددەتلىك تېنچلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن، بىز چوقۇم ھەر ئاماللار بىلەن بارچە خەلقنىڭ ئىززەت-ئابرۇيلۇق تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن پۇرسەت بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك. بىز ئۆتكەنكى 30 يىلدا ئۆزىمىزنى بېغىشلىۋەتكەن شۇ كەسپىمىزدە، كۆپ سانلىق نامرات كىشىلەرگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىشنى خىزمىتىمىزنىڭ تۈپ يادروسى قىلىپ كەلدۇق.

     

    گېراممېن بانكىسى

    مەن ھەرگىزمۇ بىر چارە-تەدبىر قىلغۇچى ۋە ياكى تەتقىق قىلغۇچى سالاھىيىتى بىلەن نامراتلىق مەسىلىسىگە سىڭىپ كىرگەن ئەمەسمەن. مېنىڭ بۇ مەسىلىگە چۆكۈپ كىرىشىمنىڭ سەۋەبى نامراتلىق ئەتراپىمدىلا، مەن ھەرگىزمۇ ئۇنى كۆرمەسكە سېلىۋالالمايمەن. 1974-يىلى، بېنگال چېگرىسىدا چوڭ تىپتىكى ئاچارچىلىق ئاپىتى يۈز بېرىۋاتقان ئىجتمائىي ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئۇنۋېرسىتېتلار سالاپەتلىك پىروففرسسورلار ئۆتىۋاتقان ئىقتىساد توغۇرلۇق دەرسلەر زامانغا باب كەلمىگەندەك ھېس قىلدىم. مۇشۇنداق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ئاچارچىلىق ۋە نامراتچىلىق ئالدىدا، بۇ نەزەرىيلەر ماڭا قۇرۇق سەپسەتىدەك بىلىندى. شۇ چاغدىلا مەن ئەمەلىي ئىش قىلىپ ئەتراپىمدىكى بۇ نامرات كىشىلەرگە بىرەر مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ـــ گەرچە مەن شۇ چاغدا شۇ نامراتلار ئىچىدىكى بىرسىگىلا ياردەم قىلالىساممۇ ـــ ئۇلارنىڭ يەنە بىر كۈندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتىۋېلىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشنى ئويلىدىم. مۇشۇ ئوي مېنىڭ نامراتلارنىڭ ھاياتلىق ئۈچۈن قىلىۋاتقان كۈرىشىگە قاتنىشىشىمغا تۈرتكە بولدى. ئۇلارنىڭ كۈن ئكتكۈزۈش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ھەربىر تىرىشچانلىقىنى قوللاش ئۈچۈن، مەن ھەر تەرەپلەرگە چېپىپ مەبلەغ توپلىدىم. بىرەر يېرىم سېنت بولسىمۇ. مەن كىشىنى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان مۇنداق بىر ئىشنى كۆردۈم: بىر دېھقان ئايال يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز بەرگۈچىلەردىن بىر دوللارغىمۇ يەتمىگەن پۇل قەرز ئالغان. ھېلىقى يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز بەرگۈچىنىڭ قەرز بېرىپ تۇرۇشتىكى ئالدىنقى شەرتى، بۇ دېھقان ئايال ئىشلەپ چىقارغان بارلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى خالىغانچە ئېلىۋېلىش بولغان. مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئەڭ نامراتلارنى توپلاشتىكى «قالتىس چارە» ئىدى.

    بىزنىڭ مەكتەپنىڭ ھويلىسى بىر كەنت بىلەن تام خوشنا ئىدى. مەن مۇشۇ كەنتتىكى يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز بەرگۈچىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنىڭ تىزىملىكىنى يېزىپ چىقتىم. بۇ تىزىملىك پۈتكەندە مەن شۇنى بايقىدىمكى: بۇ يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز بەرگۈچىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان 42 كىشىنىڭ بارلىق قەرز پۇلىنى قوغقاندا ئارانلا 27 دوللار ئىدى. مەن ئۆزۈمنىڭ ھەميىنىدىن بۇ ئازغىنە پۇلنى ئېلىپ، ئۇلارنى يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز بەرگۈچىلەرنىڭ ئالۋاستى چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇۋالدىم. ئۆزۈمنىڭ مۇنداقلا قىلىپ قويغان بىر ياردىمىنىڭ بۇ نامرات كىشىلەرگە بۇنچىلىك چوڭ روھىي ئىلھام ئېلىپ كەلگىنىنى كۆرگىنىمدە، بۇ يولنى داۋاملاشتۇرۇشۇم كېرەكلىكىنى ئويلىماي تۇرالمىدىم. ئەگەر مەن مۇشۇنچىلىك ئاز، تىلغا ئېلىشقىمۇ يارىمىغىدەك پۇل بىلەن بۇنچىۋالا كۆپ ئادەمنى بەخىتلىك ھېس قىلغۇزالىغان بولسام، ئۇنداقتا مەن نېمە ئۈچۈن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشنى داۋام قىلىۋەرمىگۈدەكمەن؟

    مانا شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ تا بۈگۈنگە قەدەر مەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى ئىزچىل قىلىپ كېلىۋاتىمەن. مېنىڭ قىلغان تۇنجى ئىشىم: مەكتەپ ھويلىسى ئىچىدىكى بانكىلارنى شۇ كەمبەغەللەرگە قەرز بېرىشقا ئۈندەش بولدى. مما بانكا تەرەپ، بۇ نامرات كىشىلەرگە كاپالەت بولىدىغان كىشىلەرنىڭ يوقلىقىنى ئېيتتى.  ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە ئايلىق تىرىشچانلىقىم شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ شۇ نامرات كىشىلەرگە كاپالەت بولىدىغانلىقىمنى ئېيتقاندىمۇ، بانكا تەرەپ قەرز بېرىشنى يەنىلا رەت قىلدى. مەن بۇ نەتىجىدىن ھاڭ-تاڭ قالدىم. ئەمەلىيەتتە بۇ نامرات كىشىلەر قەرزلەرنى ۋاقتى-ۋاقتىدا قايتۇراتتى. ئۆزۈمنىڭ نامراتلارنى يۆلەش پىلانىمنى بۇ بانكىلاردا كېڭەيەكچى بولغىنىمدا نۇرغۇن توسالغۇلارغا ئۇچرىدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن نامراتلار ئۈچۈن مەخسۇس بانكىدىن بىرنى قۇرۇشنى قەتئىي قارار قىلدىم، 1983-يىلىغا كەلگەندىلا مېنىڭ بۇ ئارزۇيۇم ئاخىرى رېئاللىققا ئايلاندى. مەن بۇ بانكىنى گېراممېن بانكىسى ياكى يېزا بانكىسى دەپ ئاتىدىم.

    ھالا بۈگۈنگىچە، گېراممېن بانكىسى يەتتە مىليوندىن ئارتۇق نامراتلارغا قەرز بەردى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى %97ى ئاياللار؛ گېراممېن بانكىسى قەرزىنىڭ قاپلىنىشى پۈتۈن بېنگال دۆلىتىنىڭ 7300 يېزا –قىشلاقلىرىغىچە بولدى. گېراممېن بانكىسى يولغا قويغان كاپالەتسىز قەرز سوممىسى نامرات ئائىلىلەرگە بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش كەچۈرۈشى، ئۆي سېلىشى ياكى ئۆي سېتىۋېلىشى، مەكتەپلەردە ئوقۇشى، كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنى قۇرۇشى ئۈچۈن چوڭ ياردەمدە بولدى؛ گېراممېن بانكىسى يەنە ئۇ كىشىلەر ئۈچۈن قايتۇرما سوممىسى يۇقىرى بولغان ئامانەت قويۇش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ۋە ھەرخىل سۇغۇرتا كەسىپلىرىنىمۇ تەسىس قىلدى. 1984-يىلى نامراتلار گېراممېن بانكىسىدەك بىر بانكىنىڭ بارلىقىنى بىلگەندىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر، نامراتلارغا بەرگەن تۇرالغۇ-ئۆي جەمئىي قەرز سوممىسى ئۇلارنىڭ 640 مىڭ ئۆيلەرنى سېلىشىغا ياردەمدە بولدى. بۇ ئۆيلەرنىڭ قانۇنىي ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىي گېراممېن بانكىسىدىن قەرز ئالغان شۇ ئاياللارنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇقتۇر. ئۆزۈمنىڭ نامراتلارنى يۆلەش پىلانىمنىڭ يادروسىنى ئاياللارغا قارىتىشىمدىكى سەۋەب، ئاياللارغا قەرز بەرگەندە شۇ ئائىلىگە تېخىمۇ كۆپ پايدا ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغانلىقىمدىدۇر.

    گېراممېن بانكىسى دەسلەپتە مېنىڭ نەچچە ئوقۇغۇچۇم ـــ بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى شۇ يەرلىكلەر ـــ نىڭ ياردىمىدە ئېچىۋالغان يەرلىك بىر كىچىك كارخانىلا ئىدى. مۇشۇنداق نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، شۇ ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ئارىسىدا ئۈچەيلەن ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىم بولۇپ مەن بىلەن بىللە گېراممېن بانكىسىدا خىزمەتتە بولىۋاتىدۇ. بۈگۈن، ئۇلار سىلەرنىڭ بىزگە بەرگەن بۇ ئالىي شان-شەرىپىڭلاردىن تەڭ بەھرىمان بولۇپ تۇرۇپتۇ.

    (ئاخىرى بار)

    (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.