تارىختىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن(ئابدۇقادىر جالالىدىن)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-21 09:49:50

تارىختىن قۇتۇلۇش ئۈچۈنئابدۇقادىر جالالىدىنزۇردۇن سابىر ئاكىنىڭ «ئانا يۇرت» ترىلوگىيىسىنى ئوقۇپ بولۇپ، نېمە ئۈچۈندۇر ئۇزاق خىيال سۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇم، بۇنى ھەرگىزمۇ كىشىگە يەڭگىللىك ۋ...

     

    تارىختىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن
    ئابدۇقادىر جالالىدىن

     



    زۇردۇن سابىر ئاكىنىڭ «ئانا يۇرت» ترىلوگىيىسىنى ئوقۇپ بولۇپ، نېمە ئۈچۈندۇر ئۇزاق خىيال سۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇم، بۇنى ھەرگىزمۇ كىشىگە يەڭگىللىك ۋە ئازادىلىك ئەپكىلىدىغان خىيال دېگىلى بولمايتتى، بەلكى ئۇ، تارىخنىڭ قاتتىق تولغاقلىرى، ئاچچىق ساۋاقلىرى، ئوڭ -سولى يوق نادامەتلىرى بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن ۋىجدان مۇھاكىمىسى ئىدى. شۇ چاغدا مۇئەللىپنىڭ ئۆزى بىلەن راسا مۇڭداشقۇم كەلدى. ئەپسۇس، ئۇ مەزگىلدە تارىخ تېپىشماقلىرىغا ئاشىق بوپقالغان زۇردۇن سابىر ئاكا يېزىق شىرەسىنىڭ ئالدىدىكى ئۇزۇن مۇساپىلىق ئىستىقامەتلىرىدە ھەل قىلالمىغان تېپىشماقلارغا ھەقىقىي جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تارىخنى قان بىلەن ياراتقۇچى شاھىدلارنىڭ قېشىغا كەتكەنىدى. دەرۋەقە، تارىخ بەزىدە ئەرۋاھقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ كىشىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرالىشىدىكى سەۋەب شۇكى، بۇ ئەرۋاھ تىرىكلەرنىڭ ئارزۇ ئۈچۈن بولغان كۈرەشلىرى ۋە ئىنتىلىشلىرىدىن ئوزۇق ئالىدۇ. تىرىكلەر ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىق كۈرىشىگە بولغان سىزىكلىكىنى بىلىشكەنلىرىدە، شۇنداقلا ئارزۇ كەمەرلىرىنى ئەركىن كىڭەيتىشكە مۈمكىنلىك تاپالمىغانلىرىدا ئەجدادلىرىنى يادىغا ئالىدۇ، ئۆتمۈش ئۇلارنىڭ پائالىيەت ماكانىغا ئايلىنىدۇ، كىشىلەر تەبىئىي ھالدا بۇرۇن ئۆتكەن ئەزىمەتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ بۈگۈنىگە باشلاپ كىلىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن بىر روھ، بىر تەن بولىدۇ؛ ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتكەن دەۋرلەر ھەم شۇ دەۋرلەرنىڭ قەھرىمانلىرى ھازىرقى تىرىكلەرنىڭ قېنى بىلەن ھەرىكەتكە كىلىدۇ، بۈگۈنكىلەرنىڭ قېنى ئۆتمۈشتىكىلەرنىڭ تومۇر - تومۇرلىرىدا ئۆركەش ياسايدۇ. ئەگەر بۈگۈنكىلەرنىڭ قېنى ھارارەتلىك، جەڭگىۋار قان بولسا ئەجدادلارنىڭ ئەرۋاھى شۇنچە جۇلالىق كۈچ سۈپىتىدە كىلەچەكنىڭ سەرمايىسىگە ئايلىنىدۇ. ئەگەر بۈگۈنكىلەرنىڭ قېنى سوۋۇغان، سۇس، شالغۇت قان بولسا، ئەجدادلارنىڭ ئەرۋاھى قورۇنغان ھالدا بۈگۈنكىلەرنى تاشلاپ قاچىدۇ. چۈنكى، تارىخ چۈشەنگەنلەر ئۈچۈن ئىيتقاندا، بىر روھتۇركى، ئۇنىڭمۇ تىرىكلەرنى جازالاش ياكى مۇكاپاتلاش قۇدرىتى بولىدۇ. ئۆتمۈش شاھىدلىرى ھامان ئۆزىنىڭ قابىل ھەم قۇدرەتلىك ئەۋلادلىرىنىڭ قەدىمىگە مەدەتكار بولىدۇ. ئۇلار بۇ ئارقىلىق كەلگۈسى تارىخنىڭ ئىنېرگىيە مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ. جەڭچىلەرگە خاس جاسارىتى بولمىغان لامزەللە رولچى باھادىر - ئەزىمەتلەرنىڭ قورقۇنچلۇق جەڭگاھلاردىكى رولىنى ئالغاندا، ئەھۋال قانداق بولىدۇ؟ مىنىڭچە، ھىلىقى باھادىر - ئەزىمەتلەرنىڭ ئۆزىمۇ لامزەللىلىك دەرىجىسىگەچۈشۈپ قالىدۇ. شۇڭا، ئىلگىرىلەش مەنىسىدىن ئىيتقاندا، تارىخىي سېمالار ھامان تېخىمۇ جۇشقۇن ۋارىسلارنىڭ مەردانە قەدىمىدىن ئۆز ئەكىسىنى تاپىدۇ.
     


    قان بىلەن يېزىلغان تارىخ بولمىسا، سىياھ بىلەن يېزىلغان تارىخ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ئەگەر تارىخنىڭ سىياھ بىلەن يېزىلغان قىسمىغا ھالال ئېتىقاد بىلەن يۈرەك قېنى قوشۇلسا، بۇ ئاخىرى ھاياتىي كۈچكە تولغان تارىخىي روھ بولۇپ شەكىللىنىدۇ.



    زۇردۇن سابىر ئاكا «ئانا يۇرت» نى ئۆلىمىگە تاپشۇرۇپ، ئۇزاپ كەتكەندە، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ مەزكۇر تارىخىي رومانىنىڭ شۆھرىتى بىلەن باغلانغان ھالدا يارقىن بىر تارىخىي شەخىسكە ئايلىنىپ كەتتى. ئەمدى بىز بۇ ئاكىمىزنى ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسەرلىرىدىن، شۇنداقلا زامانداشلىرى خاتىرىسىدىن ئىزدەشكە مەجبۇر بولىمىز، ئۇ ئۆزىنىڭ يۈكسەك بىر ئارزۇنىڭ ئىگىسىگە ماس ھالدىكى شىجائەتلىك يازغۇچى ئىكەنلىكىنى ئەمدى ئىسپاتلىدى. شۇ تاپتا، مەن ئۇنىڭ تىرىكلىكتە قالدۇرغان بەزى تەسىراتلىرىنى ئېسىمگە ئېلىپ تۇرۇپتىمەن. مېنىڭ بىلىشىمچە، زوردۇن سابىر ئاكىدەك كۆپ كىتاب كۆرىدىغان، ئۆزىدىن ھەمىشە قانائەت تاپمايدىغان يازغۇچى ئارىمىزدا ئانچە كۆپ ئەمەس. بىزدە بىرەر پارچە ئەسەرنىڭ شۆھرىتى بىلەن ئىجتىمائىي دەرىجە ۋە مەئىشەت ئىزدەيدىغان ئەدىبلەر يوق ئەمەس. زۇردۇن سابىر ئاكا ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئىش قىلغانلىقىنى نورمال رەۋىشتە چۈشىنەتتى - ئۆزىنى پەۋقۇلئاددە تالانتنىڭ رويخېتىگە تىزىپ كەتمەيتتى. ئۇ ئۆزىنى مەن بىر يازغۇچى، ئۆزۇمدە بار قابىلىيەتنى ئىمكانقەدەر تولۇق ئىشقا سالساملا بولدى، دەپ قارايتتى. بولۇپمۇ ئۇ، يازغۇچى قانداق بولمىسۇن، كۆپرەك مەھسۇلات يارىتىشى كېرەك، دەپ تەشەببۇس قىلاتتى. ئاكىمىزنىڭ: ( ئۇيغۇرلاردىمۇ« تىنچ دون»بولۇشى كېرەك) دېگەن سۆزى ھازىرمۇ ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ.



    «تىنچ دون» دون دەرياسى بويىدىكى كازاكلارنىڭ بوران - چاپقۇنلۇق ئۇرۇش يىللىرىدىكى ئېچىنىشلىق بەدەللىرىنى ئاجايىپ چىن تەسۋىرلەپ، ئاپتورنىڭ پۈتكۈل كازاكلارنىڭ ھەركىتى، ئارزۇسى ۋە ھەسرىتى بىلەن سۇغۇرۇلغان يۈرىكىنى مىللەت دەرىجىسىگە كۆتۈرگەنىدى. ساپ مىللىي تۇرمۇش، نازۇك تەسۋىر، ئاپتورنىڭ قويۇق شەخسىيىتى گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرىدىغان جۈملىلەردىن ھاسىل بولغان پۈتكۇل ئەسەر داۋالغۇپ تۇرغان بىر دېڭىزدۇركى، ئۇنىڭدا كازاكلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئايلانغان، ئۆزىدىن غايەت زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن مىخائىل شولوخوف ئۈزۈپ يۈرىدۇ.«تىنچ دون» نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى سىياسىي سۈيقەست ۋە تېررورلۇق بىلەن قاپلانغان ستالېنىزم دەۋرىدىكى بىر ئىنقىلاب بولغانىدى. ئەگەردە شولوخوفتا قورقماس يۈرەك بولمىغىنىدا ئىدى، ئۇ ئۆزىدىكى كاتتا ئىستېداتقا تايىنىش بىلەنلا بۈگۈنكى ھەيۋەتلىك شولوخوفقا ئايلىنالمىغان بولاتتى. « ئەگەر يازغۇچى شىجائەتلىك بولمىسا ئىش تامام» دەيدۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى يۇرىي كازاكوف:« ئۇ قانچىلىك تالانتلىق بولسىمۇ، بەرىبىر پايدىسى يوق، ئىقتىدارى ئۇنى ساقلاپ قالالمايدۇ».



    تېما ئېتىبارىدىن ئېيتقاندا، «ئانا يۇرت» ترىلوگىيىسى بىزنىڭ «تىنچ دون». بەلكى ئۆزىمىزنىڭ كۇرەشلىرى ساپ ئۆز تىلىمىزدا ئەكس ئەتكەنلىكى سەۋەبلىك، «ئانا يۇرت»رومانى بىز ئۈچۇن «تىنچ دون» دىنمۇ قىممەتلىك. ئېھتىمال، بەزىلەر «ئانا يۇرت»رومانىنىڭ بەدىئىي پەللىسىنى «تىنچ دون» غا يەتمەيدۇ، دەپ قارايدىغاندۇ. مېنىڭچە، بۇنداق قاراش يۈزەكى سېلىشتۇرمىدىن كەلگەن. بىر مىللەتنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى ئورنىنى نوقۇل ھالدا بەدىئىي نەتىجىلەرنىڭ ئۆزى ئارقىلىق ئىزاھلاش مەسئۇلىيەتسىزلىك بولىدۇ. بىر مىللەت ئۆزىنىڭ مىللىي خاراكتېرى ۋە ئېستېتىك قاتلىمىنى ئەدەبىيات - سەنئەت ئارقىلىق كۆرسىتەلىسىمۇ، لېكىن بۇ، ھەرگىزمۇ مىللىي قەدىرىيەتنى ئەدەبىيات - سەنئەتتە ئەكس ئېتىدىغان، ئەمما ئەدەبىيات - سەنئەتتىن ھالقىغان ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ساھەلەردە ئىشقا ئاشىدىغان جەريان. قېنى كىم چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى ئورنىنى سىياسىي ۋە ھەربىي كۈچى ئۈستۈنلىكىدە ئايرىپ قارىيالايدۇ؟ ئايتماتوف قىرغىز خەلقىنىڭ پەرزەنتى سۈپىتىدە ئۆز ئانا تىلى بىلەن خەلقىگە يۈزلەندى، رۇس تىلى بىلەن دۇنياغا يۈزلەندى. ئۇ، ئۆز خەلقىنىڭ سەرگۈزەشتىسى ۋە ئىستەكلىرىنى جاكارلايدىغان ھەمراھسىنى رۇس تىلىنىڭ راكېتاسى ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقىغا چىقاردى. تىل ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىسى بولۇش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بىر مىللەتنىڭ ئويلاش، پىكىر قىلىش، تەبىئەت بىلەن ئالاقە قىلىش ۋە سىنتېزلاش شەكلى، شۇنداقلا شۇ مىللەت ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنىڭ كىرىستالى. دېمەك، تىل بىر مىللەتنىڭ ئاڭ فورمىسى. ئايتماتوف رۇس تىلىدا ئەسەر يازىدىغان قىرغىز ئەدىب سۈپىتىدە رۇس مەدەنىيىتىنىڭ كەيپىياتىنىمۇ ئۆزىدە تىپىك نامايان قىلدى. ئەدەبىيات بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى تەسۋىرلەپ بېرەلەيدۇ، لېكىن بېكىتىپ بېرەلمەيدۇ. مەلۇمكى، مەلۇم بىر ئەدەبىي ئەسەرنىڭ دۇنياۋى ئورنى شۇ ئەسەرنى ياراتقان خەلقنىڭ دۇنياۋى ئورنىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى بىر مىللەتنىڭ دۇنياۋى ئورنى شۇ مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ دۇنياۋى ئورنىنى بېكىتىدۇ.

     



    بىز «ئانا يۇرت» نى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەمنى «تىنچ دون» دىن ئىزدىمەيمىز، بەلكى ئانا يۇرتنىڭ ئۆزىدىن ئىزدەيمىز.« يۇرت»، «ۋەتەن» چۈشەنچىلىرى نوقۇل تېررىتورىيىلىك ئۇقۇم ئەمەس، ۋەتەن دېمەك مۇئەييەن ماكان - زاماننى بىرلىك قىلغان خەلق روھىدۇر. ئۆز روھىدىن مۇستەسنا ھالدا بىر قەۋم خەلق سۇپىتىدە مەۋجۇت بولالمايدۇ، دېمەك خەلق دېگەن ئۇزاق تارىخىي ئىزچىللىققا ئىگە روھنىڭ ئىجتىمائىي گەۋدىسى. شۇنداق ئىكەن، خەلقتىن ۋە خەلق روھىدىن مۇستەسنا ھالدىكى تېررىتورىيە ئەنە شۇ خەلققە تەۋە مۇكەممەل ۋەتەن بولالمايدۇ.« ئانا يۇرت» نىڭ مەزمۇن ۋە بەدىئىي ئۆلچەملىرى دەل مۇشۇ ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن خەلقنىڭ تەقدىرى، خۇلقى، دۇنيا تارىخى ھەمدە ئاجىزلىقىدىن ئىشلەپچىقىلىدۇ. ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە ياتىدىغان بۇنداق پۈتۈن مېھنەت بىزدە تېخى روياپقا چىقمىدى. لېكىن، بىز قەدىمىمىزنى ئۆز چىقىش يولىمىزغا قاراپ ئارتقۇزۇۋېرىمىز، بىزنى تولۇق قانائەتلەندۈرىدىغان نەتىجىلەر ئاشۇ تىنىمسىزلىقنىڭ پىشقان بىر نۇقتىسىدا چىراي ئاچىدۇ. بىز قاچاندا ئۆزىمىزنى ھەم ئۆزگىلەرنى ئۆلچەيدىغان مۇستەقىل قىممەت ئۆلچېمىمىزنى زامانغا لايىق ھالدا قۇرۇپ چىقالايدىكەنمىز، شۇ چاغدىن باشلاپ ئۆزىمىزنى ، ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق روھىي ۋە ماددىي بايلىقى ھالال ھەم بىمالال رەۋىشتە بىزگىمۇ مەنسۈپ بولىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، زۇردۇن سابىر ئاكىنىڭ تراگېدىيىلىك تارىخ ئەسلىمىسىدىكى گاڭگىراشلار تەكرار يۈز بېرىدۇ.

     


    « ئانا يۇرت» نى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، كىشى تەبىئىي ھالدا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئاكىنىڭ « ئىز»،«ئويغانغان زېمىن» رومانلىرىنى ئەسلەپ قالىدۇ. تارىخنىڭ مەلۇم بىر دەۋرىدىكى ۋەقە يەنە بىر دەۋردە يۈز بەرگەن ۋەقە بىلەن باغلىنىپ كېتىدۇ، شۇنداقلا بىر يەردە يۈز بەرگەن ۋەقە باشقا بىر يەردە يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ سەۋەبى بولۇپ چىقىدۇ. مانا مۇشۇنداق سەۋەبلەر "يۇرت" دېگەن ئۇقۇمغا مەركەزلەشكەن ھەيۋەتلىك بىر پۈتۈن تارىخنىڭ پائالىيەتچان ئوبرازىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. بىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئاكىنىڭ رومانلىرىدىن تۆمۈر خەلىپە، خوجىنىياز ھاجى قاتارلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرىنىڭ ئوخشاش ماھىيەتتىكى پاجىئەسىنى كۆرىمىز. ئۆتكۈر ئاكا «ئويغانغان زېمىن» رومانىنى تاماملىغاندا، ئىنقىلابنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىنى كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلارنىڭ يېزىشىغا تاپشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ۋەھالەنكى، ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئەنە شۇ ئىنقىلابلارنىڭ بەدئىي ئەينىكى بولغان «ئانا يۇرت» نى ئوقۇپ، تارىخ ھەققىدىكى مۇرەككەپ ئويلارغا گىرىپتار بولۇپ تۇرۇپتىمىز. تېما ئىزچىللىقى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، «ئانا يۇرت» بىر تارىخىي رومان سۈپىتىدە "ئويغانغان زېمىن" نىڭ داۋامىدۇر. زۇردۇن سابىر ئاكىنىڭ «ئانا يۇرت» ترىلوگىيىسىنىڭ بايان ئىستىلى رۇس پروزىلىرىنىڭ تەسىرىگە خېلى روشەن يولۇققان بولۇپ، تەبىئەت ۋە ئۇرۇش ھەققىدىكى تەسۋىرلەر سالماق، ۋەزمىن تۈس ئالغان. مىللىي ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ شىخو، جىڭ قاتارلىق جايلارنى گومىنداڭ قىسىملىرىنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىش جەريانىدىكى ئۇرۇشى كۆز ئالدىمىزدا ھەيۋەت، سۈرلۈك قىياپەتتە نامايان بولىدۇ. ئۇرۇش تەڭسىزلىكنىڭ بۇرۇقتۇرما ھاۋاسىدا شەلۋەرىگەن جاراھەت. بەزىدە بۇ جاراھەتتىن تارتۇق، ۋە بەزىدە جانغا بېرىپ تاقىلىدىغان زەرداپ قالىدۇ. ئۇرۇش تەڭسىزلىكنىڭ رەھىمسىز تاپىنىدىن قۇتۇلۇش ئۇچۇن تەۋەككۈل قىلغان كىشىلەرگە قانچىلىك ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئەكەلمىسۇن، ئۇلار ئۈچۈن بۇ كۆپ ھاللاردا ئاخىرقى تاللاش بوپقالىدۇ. بەزىبىر، ساختا تىنچلىق ئاستىغا كۆمۈلگەن ھاقارەتتىن ئۇرۇش ئوتلىرى ئۈنۈپ چىقىدۇ. خورلانغانلارنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرىگە يوشۇرۇنغان ھەقىقەتنى ئىزدەشتىن لەززەت تاپىدىغان شىجائەتلىك يازغۇچى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇرۇشمۇ بىر سەنئەتكە ئايلىنىدۇ، چۈنكى ئۇرۇشمۇ ئۆز نۆۋىتىدە كۆپ نەرسىلەرنى يېڭىۋاشتىن يارىتىشقا قادىر. لېف. تولىستوي، مىخائىل شولوخوف، ھېمىڭۋايلارنىڭ ئەسەرلىرى ئەنە شۇنداق ھەيۋەتلىك ئۇرۇش مەنزىرىسىنى تەسۋىرلەش بىلەن دىققەتكە سازاۋەر. ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا جەڭنامىلەر خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بۇ، ئاشۇ خىل تېمىدىكى يازما ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى ھازىرلىغان.« ئانا يۇرت» تىكى ئۇرۇش تېمىسى بىزدە ئۇنتۇلۇپ كېتەي دېگەن جەڭنامە ئەدەبىياتىنىڭ زامانىۋى ۋارىيانتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇرۇش بەزىدە چوڭ بىر تارىخىي كۆچۈشنىڭ بەلگىسى بوپقالىدۇ. ئومۇمەن، ئۇ، كىشىلەر ئويلاپ باقمىغان ھالدىكى ئىجابىي ياكى سەلبىي ۋەزىيەتنى پەيدا قىلىدۇ. زوردۇن سابىر ئاكىنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ئۇرۇش مەنزىرىسى ئاپتور قەلبىدىكى باتۇرلۇق، تەۋەككۈلچىلىك، پىداكارلىق كەبى ھەيۋەت خاراكتېرىدىن كېلىدىغان گۇزەللىككە بولغان سېغىنىشىنى ئىزھارلاپ بېرىدۇ. روماندىكى غېنى باتۇر ھېچقانداق ئىجتىمائىي نىزام ۋە ئىسكەنجىدىن تەپتارتمايدىغان، قارام كىشى بولۇش بىلەن بىرگە مۇھەببەت - نەپرىتى ئېنىق، ساددا - تۈز. ئۇنىڭ باتۇرلۇقى بىر قارىسا تومتاقلىققا ئىگە، نېرى - بېرى ئىشلارنى ئانچە ئويلاپ ئولتۇرمايدۇ؛ يەنە بىر قارىسا، ناھايىتى ئىنچىكە، ئۇ ئۆزىنىڭ باتۇرلۇق تەبىئىتى كۆتۈرەلمەيدىغان تەڭسىزلىكلەرنى ۋە قازائى - قەدىرلەرنى كۆرسە، كۆزىگە ئاسانلا ياش ئالىدۇ، ئۇ يەنە خەلقىنىڭ غۇرۇرىغا بېرىپ تاقىلىدىغان چوڭ ئىشلاردا سەزگۈرلىكىنى يوقاتمايدۇ. غېنى باتۇر ۋىجدان يولىدىكى جەڭچى، شۇنداقلا خوتۇنپەرەست. بۇ، جىسمانىي كۈچ تېمىپ تۇرىدىغان باتۇرلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان خۇلق دىئالېكتىكىسى. ئاپتور غېنى باتۇرنى ھەممە پەزىلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئادىمىيلىكتىن يىراق بولغان سۈنئىي ئەۋرىشكىگە ئايلاندۇرۇپ قويمىغان. مېنىڭچە، غېنى باتۇرنىڭ قىزىققان، قەيسەر، ئىشىقباز خاراكتېرى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ھاياتىي كۈچىنى سەمىمىي، چىن رەۋىشتە يارقىنلاشتۇرغان. شۇنى ئىزاھلاپ قويۇش كېرەككى، غېنى باتۇردىكى خوتۇنپەرەستلىك ھەرگىزمۇ ھازىرقى دەۋردىكى ئېتقادسىزلارچە سۇيۇقلۇق ئەمەس، ئۇنىڭ بۇ خىل تۇرمۇشى ئەينى دەۋر كىشىلىرىگە ماس ھالدا ھايالىق ۋە ئىنتىزاملىق ئىدى. زۇردۇن سابىر ئاكا تەبىئەتنىڭ ئەركىسى ۋە شۇ چاغدىكى جامائەت ئەخلاقىنىڭ نادىر ئەسىرى بولغان غېنى باتۇر ئۈچۈن ئاجراتقان سەھىپىلىرىدە بىر يازغۇچىغا خاس زوقمەنلىكىنى روشەن گەۋدىلەندۇرىدۇ. ئۇ گويا غېنى باتۇرنىڭ قورقماس خاراكتېرى ۋە خوتۇنپەزلىكىگە يۇغۇرۇلۇپ كەتكەندەك تەسىرات بېرىدۇ. يازغۇچىنىڭ سۆيىدىغىنى ئىنسان، ھەرگىزمۇ ئىنساننىڭ دەرىجىسى ۋە تەبىقىسى ئەمەس. يازغۇچى ئۆزى مەستانە بولغان گۇزەللىكنى، ئىشەنچ ۋە ئېتقادنى، ئالىي نىشاننى ھەتتا خۇداغا بولغان ئىلتىجاسىنى ئىنساندىن بايقايدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن يازغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئوبرازلارنىڭ ھەممىسى سۆيۈملۇك، زۇردۇن سابىر ئاكا شېڭ شىسەيدەك جاللاتلاردىن ئەقىدە جەھەتتىن نەپرەتلىنىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۆز قەۋمىنىڭ يىراق مەنپەئەتىگە سادىق تەرەپلىرىنى يوشۇرماي كۆرسىتىدۇ. تارىخىي شەخسلەرنىڭ ساۋاقلىرىغا جىددىي قارايدىغان ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن بۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئىبرەت. روماندىكى سۇلايمانوف تىپىك سەلبىي تۇس ئالغان، لېكىن ئاپتورنىڭ پوزىتسىيىسىدە ئۇنى ئىنسان سۈپىتىدە ئاقلاپ چۈشىنىشمۇ مەۋجۇت. دېمەك، يازغۇچى مەيلى سۆيۈملۇك بولسۇن ياكى يىرگىنىچلىك بولسۇن، ئۆزىنىڭ ھەربىر پۆرسوناژىنى ئىنسان سۈپىتىدە چۈشەنمىگەندە، ئەدەبىياتنىڭ چىنلىقى زەئىپلىشىشكە باشلايدۇ.

     



    زۇردۇن سابىر ئاكا ئۆزىنىڭ ھايات ھەققىدىكى قىممەت قارىشىنى قانداقتۇ بىر قانچە تىپىك پېرسوناژىغا مەركەزلەشتۇرۇپ قويمىغان، بەلكى ئۇ روماندىكى چوڭ - كىچىك بارلىق ئېلېمىنتلارغا تەكشى سىڭدۈرەلىگەن. شۇڭا، بىز روماندىكى كىچىك ئامىللارنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ھالدا ئاپتورنىڭ ئىدىيىسى ھەققىدە لىللا چۈشەنچىگە كېلەلمەيمىز. بۇنداق ئەھۋال تولىستوي، دوستويېۋىسكىي رومانلىرىدا تازا ۋايىغا يەتكەن بولۇپ، رۇس پروزىسىدىكى ئوبراز يارىتىش مېتودلىرىنىڭ زۇدۇن سابىر ئاكىنىڭ قەلىمىگە بولغان تەسىرىنى يۇقىرىقى تەرەپلەردە خېلى ئېنىق كۆرەلەيمىز.

     



    ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئاكىنىڭ رومانلىرىدا ئۇسلۇب جەھەتتىن شەرقكە، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىياچە پۇراق خېلى كۈچلۈك. بۇ رومانلارنى ئوقۇغىنىمىزدا ۋ. گ. ياننىڭ «چىڭگىزخان»قاتارلىق ئەسەرلىرىنىڭ تەمىنى ئەسلەپ قالىمىز. مەمتىمىن ھوشۇر ئاكىنىڭ «قۇم باسقان شەھەر» رومانى تارىخىي ھەقىقەتلەرنى ئەپسانىلاشتۇرۇپ كورسىتىشتە، ئۇيغۇر چۆچەكلىرىدىكى ئۇسلۇب بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى. يازغۇچى قانداق ئىپادىلەشتە ئۆزىگە خاس يول تۇتىدۇ. ئەمما يۇقىرىقى ئەسەرلەرگە نۇرمۇھەممەت توختى ئاكىنىڭ« ئالتە كۇنلۇك پادىشاھ» (بۇ تارىخىي ھېكايە ژۇرنىلىمىزنىڭ 2000 - يىل 1 - سانىغا بېسىلغان. - مۇھەررىردىن) ناملىق ھېكايىسىنى بىرلەشتۈرۈپ قارىساق، ئۇلار بەلگۈلۈك ئىجادىيلىق ۋە خاسلىققا ئىگە بەدىئىي يول بىلەن مۇنداق بىر سادانى ئاڭلىتىدۇ: ئۆزىنىڭ غايىسىنى ئېنىق ھەل قىلالمىغان ۋە بۇ غايىنى كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە پروگراممىلاشتۇرالمىغان ئىنقىلابنىڭ ھەممىسى مەغلۇب بولىدۇ. توشقاننى ھارۋىغا قاتسا، ھارۋىنى ئورمانغا تارتىدۇ، چاشقاننى ھارۋىغا قاتسا، كارىۋاتنىڭ ئاستىغا تارتىدۇ. ئەگەر توشقان بىلەن چاشقاننى بىرلا ۋاقىتتا ھارۋىغا قاتسا، ئەھۋال قانداق بولىدۇ؟ بۇنىڭغا بىزدە ھازىرغىچە يېزىلغان تارىخي رومانلار جاۋاب بېرىدۇ. ئوقۇرمەننىڭ سەمىگە سېلىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، تۇرمۇش ھادىسىلىرىدىكى ھەقىقەتلەر، جۈملىدىن ئەدەبىياتتىكى بىشارەتلەر سەگەك پىكىر ئىگېلىرىگە ئايان بولىدۇ.

     



    قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى ئەپلاتون ئىنسان روھىنى ئارزۇ، ئىدراك ۋە غۇرۇردىن ئىبارەت ئۈچ تەركىبىي قىسىمغا بۆلىدۇ. ئارزۇ بىر ئادەمنى ئۆزىدە يوق نەرسىلەرنى ئىزدېتىدۇ، ئىدراك بولسا، بۇ ئىزدىنىشتىن شارائىتقا مۇناسىپ ھالدىكى ۋاسىتە ھەم ئۇسۇللارنى كەشىپ قىلىدۇ. ئىنساندا نان بولمىسا، نان ئارزۇغا ئايلىنىدۇ، ئەركىنلىك بولمىسا، ئەركىنلىك ئارزۇغا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بەزىلەر نان كۈرىشىگە، بەزىلەر ھوقۇق كۈرىشىگە ئۆزىنى ئاتىغان بولىدۇ. بىر ئىنقىلابىي قوشۇن ئەنە شۇنداق ھەرخىل تىپتىكى ئارزۇ ئىگىلىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ. ئىنسان ئەقىل ئىگىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئىنسانغا خاس سۈپەتكە ئىگە بولۇشنى ئويلايدۇ. ئۆزىنى باشقىلار بىلەن ئوخشاش، دەپ قاراش ئىپتىدائىي ئادالەت تۇيغۇسىنى شەكىللەندۇرىدۇ. ئىنسان ئۆزىنىڭ كىشىلىك قەدىر - قىممىتىنى ھېس قىلالمىسا، ئۇنىڭ ئاچچىقى كېلىدۇ، نومۇس ھېس قىلىدۇ؛ ئەگەر ئىنسان ئۆزىنىڭ قىممىتىنى كۆرەلىسە، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلىسە، ئۆزىدىن مەمنۇن بولىدۇ، ئىپتىخارلىنىدۇ. مانا بۇ ئىنساندىكى غۇرۇردۇر. تارىخنى ئىنساندىكى يۇقىرىقى ئۈچ ئامىل يازىدۇ. لېكىن، تارىخنى يېتەكلەيدىغان قىسىم ئالىي مەپكۈرىگە ئايلانغان غۇرۇردۇر.

     



    بىزنىڭ تارىخىي رومانلىرىمىزدا ئەكس ئەتكەن ئىنقىلابلار جاھانگىر كۈچلەرنىڭ ياكى پىكرىي تېيىزلىقنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچراپ كەلگەن. خەلق ئىنقىلابىنىڭ مەقسىتىدىن تارتىپ ۋاسىتىسىغا قەدەر ناقابىللىقنى ئىپادىلەپ كەلگەن. شۇڭا، مەقسەت ۋە ۋاسىتىلەر كۆپ ھاللاردا باشقا يەرلەردىن ئىمپورت قىلىنغان. «باشقىلاردىن ئەكەلگەن نۇقتىئىينەزەر خەتەرلىك بولىدۇ» دەپ يازىدۇ ئەنگلىيە تارىخچىسى ئاكتون:« سەن باشقىلاردىن نۇقتىئىينەزەر ئەمەس، ئۇچۇر قوبۇل قىلىشىڭ كېرەك. نۇقتىئىينەزەر خۇددى تەجرىبىگە ئوخشاشلا ئۆزۈڭنىڭ بولۇشى كېرەك» . بۇ سۆزنى ھازىرقى زامان جۇڭگو ئىنقىلابىدىكى نۇرغۇن پاكىتلار ئەمەلىي ھالدا ئىسپاتلايدۇ. ماۋزېدۇڭ ماركسېزم - لېنىنىزم نەزەرىيىسىنى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتەك ئىجادىي روھنى ئىشقا سالدى. دېڭ شياۋپىڭ غەربنىڭ ئىدىيىسىنى ئەمەس، بەلكى پەن - تېخنىكىسىنى كىرگۈزدى.

     



    ئۇيغۇر تارىخي رومانلىرىنى بەدىئىي جەھەتتىن پىشىپ يېتىلىش باسقۇچىغا يەتتى، دەپ قاراشقا تېخى بالدۇر، بۇنىڭغا مەلۇم بىر جەريان كېرەك، بۇنىڭدا يازغۇچىلارنىڭ ئۆز - ئۆزىنى تەربىيىلىشى مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرى. ھازىرقى كەيپىياتتىن قارىغاندا، كىشىلەر تارىخىي پاكىتلارنىڭ پەردازسىز ھالدىكى ئوبيېكتىپ تەرەپلىرىگە ئېھتىياجلىقتەك تۇرىدۇ. كىشىلەر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇۋەلى ئەلى ئاكىلارنىڭ تارىخىي تېمىدىكى ئەسەرلىرىنى، جۈملىدىن زۇردۇن سابىر ئاكىنىڭ كاتتا ئىجتىھاتىنىڭ سەمەرىسى بولغان "ئانا يۇرت" رومانىنى ئېستېتىك ئېھتىياج ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى تارىخىي ھەقىقەت نۇقتىسىدىن چۈشىنىش ئېھتىياجى ئۈچۈن زۆرۈر بىلدى.

    سابىق سۆۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە چەت ئەلدە سۈرگۈندە يۈرگەن يازغۇچى ئالېكساندىر سولژجېنىتسىن: "ئىنسان ئۈچۈن سەنئەت" دېگەن نۇتقىدا، دوستويېۋىسكىينىڭ: « دۇنيا گۈزەللىك بىلەن قۇتقۇزۇلىدۇ» دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، قان - ياش بىلەن تولغان ئۇزۇن تارىختا گۈزەللىك كىملەرنى قۇتقۇزدى، دەپ سوئال قويىدۇ. گۈزەللىك كىشىلەرنىڭ روھىنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرىدۇ، - دەيدۇ سولژجېنتسىن، - لېكىن گۈزەللىك ئادەملەرنى قانداقمۇ قۇتقۇزسۇن. دوستويېۋىسكىي بىلەن سولژجېنتسىن ئىنسانىيەتنىڭ يىغېسىنى بىر - بىرىگە تامامەن ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل يول بىلەن يىغلېغان بۈيۈك يازغۇچىلار. لېكىن جىددىي تارىخىي پەيتتە، گۈزەللىكنىڭ قۇتقۇزۇچىغا قاراپ تۇرۇشى ھەرقانچە تاقەتلىك ئىنساننىمۇ قىيناپ قويسا كېرەك.

     



    بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇنداق ئىككى يۈزلىنىش بولۇۋاتىدۇ: بىرى، شېئىرىيەت ئىنسان پىسخىكىسىدىكى پەۋقۇلئاددە نازۇك، مۇرەككەپ ھادىسىلەرنى بارغانسېرى ئىچكىرىلەپ كورسىتىۋاتىدۇ. شېئىرىيەت بۇنىڭغا شۇ قەدەر بېرىلىپ كەتتىكى، شائىرلار ئۆزلىرىنىڭ تاشقى دۇنياسىدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە چولىسى تەگمىدى. ياش شائىرلار ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى ئىنسان روھىدىكى تۇغما زىددىيەتلەر ئارقىلىق چۈشەنمەكچى بولدى. ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى تېما قىلىۋاتىمەن، دەۋاتقان يەنە بىر تۈركۇم شائىرلار ھادىسىلەرنىڭ روھىي تەرەپلىرى بىلەن ئانچە ھېسابلاشمىغان ھالدا تۇرمۇشقا قارىتا تەنقىدلىرىنى ئاممىباپلاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى. شۇنداق قىلغانسېرى ئۇلارنىڭ تەنقىدلىرى ئابستراكىت بىر ئىنساننىڭ بىر خىل مۇقامدىكى ئاللا - توۋىسىغا ئايلىنىپ قالدى. شائىر ھەرقانچە ئومۇميەتچىل بولىمەن دېسىمۇ، شائىرلىق شەخسىيىتىدىن ئاجرىيالمايدۇ. بۇنى شېئىرنىڭ ئۆزىدىكى خۇسۇسىيەت بەلگىلىگەن. يۈزلىنىشنىڭ يەنە بىرى، پروزا مىللىي پىسخىكىغا تەسىر كۈرسەتكەن ماكرو مەسىلىلەرنى يەنى ئىنساننىڭ ئىككى دۇنياسىغا تاقالغان تاشقى تۇرمۇش ھادىسىلىرىنى كۆپرەك تېما قىلدى. بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە تارىخىي تېمىدىكى ئەسەرلەر ئوقۇرمەنلەرنى كۆپرەك ئۆزىگە تارتتى.

     



    شېئىرىيەت سۇبيېكتىپلىقى نىسبەتەن كۈچلۇك تۈر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئېستېتىك ئىزدىنىشتە بولدى. پروزا ئوبيېكتىپ جەمئىيەت مەسىلىلىرىنى يازغۇچى سۇبيېكتى بىلەن بىرلەشتۇرگەن ئاساستا تارىخىي، ئىجتىمائىي ئىزدىنىشتە بولدى. شېئىرىيەت بىر مىللەت ئەدەبىياتىدىكى ئېستېتىك ئىزدىنىشلەرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ كەلدى. زۆرۈرىيەت مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈشكە مۇۋەپپەق بولالىغان خەلقلەرنىڭ پروزىسى ئاستا - ئاستا شېئىرىي يۈكسەكلىككە قاراپ ئۆز - ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ كەلدى.

    زۇردۇن سابىر ئاكىنىڭ « ئانا يۇرت» ترىلوگىيىسى بىزدە يېزىلىۋاتقان تارىخىي رومانلار ئىچىدە بەدىئىي تۈسى نىسبەتەن يۇقىرى ئەسەر بوپقالدى. ئاپتور بەدىئىي تەلەپ بىلەن تارىخىي ئۇچۇر سىغىمچانلىقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قانداق بىرتەرەپ قىلىشتا زور كۈچ سەرپ قىلغان. ئەسەردىن قارىغاندا، ئاپتور تارىخىي ئۇچۇرلارنى توپلاش ئۈچۈن ئاجايىپ كۆپ ئەمگەك قىلغان ۋە ئۇنى ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۇزۈشكە جىددىي ئەھمىيەت بەرگەن. بۇ تەرەپ بىزدىكى ئۈگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشقا ئېتىبار بەرمەيدىغان ئەدىبلەر ئۈچۈن بىر ئۈلگە.
    روماندا پېرسوناژلار شۇنچە كۆپ، ئاساسلىق پېرسوناژلار خاراكتېر جەھەتتىن ئۆز مۇستەقىللىقى بىلەن كۆزىمىزگە تاشلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى تارىخىي شەخىسلەر بولۇپ، تارىخىي شەخىسلەرگە ئوبيېكتىپ باھا بېرىش شەرتى بىلەن بەدىئىي سۈپەتتە نامايان قىلىش يازغۇچىدىن ھەم ئۆتكۈرلۈك، ھەم زىللىقنى تەلەپ قىلىدۇ. دىيارىمىز ئۇزاق مۇددەتلىك ئازادلىق كۈرەشلىرى، سان - ساناقسىز قۇربانلار، تالاي تارىخىي ئىبرەتلەر بىلەن تولغانكى، بۇ زېمىندىن پۈتكەن كېسەكلەردىن، بۇ زېمىننىڭ تاغلىرىدىن ئېلىنغان يارما-تاشلاردىن ئارماندا كەتكەن مىليون - مىليون شەھىتلەرنىڭ ئارمانلىق كۆزلىرى قاراپ تۇرىدۇ.

     



    ھايات ھەقىقەتلىرى ئەدەبىي ھەقىقەتلەرنى تۇغىدۇ. تارىخىي تېمىلاردا ئەسەر يېزىش ئىنتىلىشلىرى بىر جەھەتتىن تارىخنىڭ چاقىرىقى، يەنە بىر جەھەتتىن بىز ياشاۋاتقان رېئاللىقنىڭ تەپەككۈر ئېھتىياجى. ھەقىقىي يازغۇچى باشقىلارنىڭ ھەرخىل غەرەزدىكى تەنقىدلىرى ۋە ماختاشلىرىغا قاراپ تۇرمايدۇ، ئۇ ئۆزى يورۇتۇپ بېرىشكە تېگىشلىك ھەقىقەتنى تاپقان كۈندىن باشلاپ، ئاشۇ ھەقىقەت ئۈستىدە مىننەتسىز قەلەم تەۋرىتىشنىڭ بىر خىل نىجاتلىق يولى ئىكەنلىكىنى ئۆز - ئۆزىگە ئىشەنچ بىلەن جاكارلايدۇ. يېزىق شىرەسىنىڭ ئالدىدا تۈن بويى چەككەن ئىزتىراپلار، تۆككەن ياشلار، ئېغىر پىكرىي مېھنەتلەر ھېچكىم سەزمەيدىغان ئاجايىپ بەختىيارلىق تۇيغۇسىنى باشلاپ كېلىدۇ. يازغۇچىنىڭ مۇكاپاتى ئەنە شۇ يەردە. زۇردۇن سابىر ئاكىنىڭ بۇ قېتىمقى ئەسىرى ئۇنىڭ بەدىئىي ئىزدىنىشلىرىدىن كۆرە، تارىخىي ھەقىقەت ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى كۆپرەك ئاشكارىلاپ بېرىدۇ. ئۇ، ئۆزى بىلىدىغان بىر مۇقەددەس سۆزگە ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ھەممە نەرسىسىنى بېغىشلىغانىدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئابىدىسىنى بىۋاسىتە ئۆزى تىكلەپ بولۇپ، بىز بىلەن خوشلاشتى. ئۇ، مۇشۇ روماننى يېزىش جەريانىدىكى سان - ساناقسىز رىيازەتلىرىنى بىرگە ئېلىپ كەتتى. ئىلمىي ئىشلارغا يار - يۆلەك بولۇش ئەمەس، ھەتتا ھېسداشلىقمۇ ئاز ئۇچرايدىغان شارائىتتا، ئۇنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرىنىڭ بىز پەرەز قىلالمايدىغان دەرىجىدە كۆپ بولۇشى مۇقەررەر.



    زۇردۇن سابىر ئاكا قولىمىزدىكى ئەسىر سوۋغىسى بىلەن تىرىكلەرگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇ: بىزدە ئۇيغۇر پروزىچىلىقى ھەققىدە نەزەرىيىۋى ئىزدىنىش باشلىنىشى كېرەك. ئالىي مەكتەپ ۋە ئاكادېمىيەلەرنىڭ ئەدەبىياتخانىلىرى تەتقىقاتنى ئۇنۋان ۋە ئىلمىي دەرىجىلەرنىڭ ۋاسىتىسىغا ئايلاندۇرۇۋالماستىن، مەسىلىلەر ئۈستىدە مەسئۇلىيەت بىلەن تەخىرسىز ئىزدىنىدىغان بولۇشى لازىم.

    نۆۋەتتە، تارىخىي ھەقىقەت توغرىسىدىكى بەدىئىي ئىنكاسلار پەلسەپىۋى ئىنكاسلارغا ئايلىنىش، شۇ ئاساستا مۇپەسسەل تارىخ ئىدىيىسىنىڭ شەكىللىنىشى ئىنتايىن زۆرۈر. چۈنكى تارىخىي بىلىملەر تارىخ ئىدىيىسىگە ئايلانمىغاندا، تارىخنىڭ ئېزىقتۇرۇشى ئاسانلا يۈز بېرىدۇ، ئۆتمۈشتىكى تارىخىي پاجىئەلەر يەنە تەكرارلىنىدۇ.



    2001 - يىل 20 - فېۋرال، ئۈرۈمچى
    مەنبە:«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلى 2001 - يىللىق 2 – سانىدىن ئىلندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.