قارا كىتاب 3

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-04 11:19:37

قارا كىتاب ئورخان پامۇكئالتە ئايدىن كېيىن ئۇلار ئىزمىردىن ئەۋەتىلگەن بىر ئاتكىركىنى تاپشۇرۇۋالدى، ئۇلار بۇنى مېررى تاغىنىڭ ئەۋەتكەنلىكىگە ئىشەنمىدى، چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدى...

     


    قارا        كىتاب

       ئورخان پامۇك 

     

    ئالتە ئايدىن كېيىن ئۇلار ئىزمىردىن ئەۋەتىلگەن بىر ئاتكىركىنى تاپشۇرۇۋالدى، ئۇلار بۇنى مېررى تاغىنىڭ ئەۋەتكەنلىكىگە ئىشەنمىدى، چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنىئاللىبۇرۇنلا جەزىملەشتۈرگەنىدى. بەزىلەر ئۇلار توغۇرلۇق ئۇنىڭ ئايالى ئىككىسىنىڭ خىرستىئان دىنى مۇرىتى بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ بىر توپ دىن تارقاتقۇچىلار بىلەن كېنىيىنىڭ شىرلار نەيزە بىلەن بۇغا ئوۋلىيالايدىغان بىر كىچىك تاغ جىراسىدا يېڭى چېركاۋ سېلىشقا باشلىغانلىقى، ئۇلارنىڭ خىرىستېئان دىنى بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ بىرلەشمىسى بولغان يېڭى بىر دىنىي مەزھەپنى قۇرۇپ چىققانلىقى توغۇرلۇق نۇرغۇنلىغان ئۆسەك سۆزلەرنى تارقاتقانىدى. يەنە بەزىبىر بىكارچى، غەيۋەتخور كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ يېڭى كېلىننىڭ ئىزمىردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تونۇيدىغانلىقى، شۇلاردىن ئاڭلىشىچە مېررى تاغىنىڭ شىمالىي ئافرىقىدا بەزىبىر شەرمەندە قىلمىشلىرى (قورال-ياراغ، ئوق-دورا يۆتكەش ۋە پادىشاھقا پارا بېرىش دېگەندەك) ئۇنى بىردىنلا مىليونېر قىلىۋەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئايالى بولسا ھەممە ئادەم بىلىدىغان بىر گۈزەل نازىنىن بولۇپ، ئۇ ئايالى ئۈچۈن ئەس-ھوشىنىمۇ يوقاتقانلىقى، تېخى يەنە ئايالىنى ھوللېۋودقا كىرگۈزۈپ چولپان قىلىش نىيىتىنىڭمۇ بارلىقى توغرىسىدا ھەر يەرلەردە سۆزلەپ يۈرەتتى.  ئەمەلىيەتتە مېررى تاغا ئۆزى ئەۋەتكەن، قورۇدا قولدىن-قولغا ئۆتۈپ كونىراپ كەتكەن شۇ ئاتكىركىدا ناھايتتى ئېنىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ توساتتىن ئۆيگە قايتىشنى قارار قىلىشى، پۈتۈنلەي ئائىلىسىنى، ۋەتىنىنى سېغىنغانلىقى، شۇ ئۆزى تۇغۇلغان يۇرتنى سېغانغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ يېڭى ھەم زامانىۋىي ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىدىيىسى بىلەن قىيىنئاتىسىنىڭ تاماكا ۋە ئەنجۈر كەسپىدىكى بارلىق پېيىغا ئېرىشكەنلىكى، شۇڭا ھازىر ئۆيگە قايتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى. ئەمما بۇ ئاتكىركىدىكى خەتلەر كېيىنچە بارغانسېرى  قارا تەنلىكلەرنىڭ بۈدرە چېچىدەك ئېرماش-چىرماش بولۇپ كەتتى، بەلكىم ھامان بىر كۈنى ئۇرۇق-تۇغقانلار ئارىسىدا قوزغىلىپ، سوغۇق مۇناسىۋەت پەيدا قىلىدىغان مال-مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسى، ئاتكىركىدىكى خەتلەرنىڭ  قورۇنىڭ ھەربىر قەۋەتلىرىدە ئوخشىمىغان مەزمۇندا يېشىلىپ چۈشەنگەنلىكى تۈپەيلىدىن مۇشۇنداق تونۇغۇسىز بولۇپ كەتكەندۇر؟ كېيىن غالىب ئۆز كۆزى بىلەن ئاتكىركىنىڭ ئۈستىدىكى خەتلەرنى كۆرگەندىلا شۇنى بىلدىكى، ئېررى تاغىسىنىڭ خەتتە يازغىنى پەقەت ئاددىيلا قىلىپ ئۆزىنىڭ ئىستانبولغا قايتماقچى بولغانلىقى، يەنە بىر قىزىنىڭمۇ بارلىقى، قىزىغا تېخى ئىسىممۇ قويمىغانلىقىدىن ئىبارەت مەزمۇنلارلا ئىدى.

    غالىب رۇيانىڭ ئىسمىنى تۇنجى قېتىم مومىسىنىڭ ئەينەكلىك رامكىغا تىزىپ قويغان ئاتكىركىلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىرسىدىن كۆرگەن ئىدى. رۇيانىڭ مەنىسى چۈش. بۇنىڭدىن غالىب قىلچە ئەجەبلەنمىدى، ئەكسىچە ئۇلار رۇيانىڭ باشقا مەنىلىرىنى ئىزدەشكە كىرىشىپ كەتتى. كېيىن ئۇلار ‹ئوسمان تۈرك خام سۆز لوغىتى›دىن غالىب دېگەن سۆزنىڭ غەلبە قىلغۇچى ، ھېلال سۆزىنىڭ غەزەپ دېگەن مەنىدە ئىكەنلىكىنى تۇيۇقسىز بايقاپ قالدى، رۇيا سۆزىنىڭ چۈش ئىكەنلىكى بولسا بۇنچە ھەيران قالارلىق ئەمەس ئىدى. ئەجەبلىنەرلىكى، رۇيانىڭ بوۋاق ۋاقتى ۋە كىچىك چاغلىرىدىكى رەسىملەرنىڭ باشقا رەسىملەر بىلەن، مەسلەن، چېركاۋ، كۆۋرۈك، دېڭىز، ئۇچلۇق مۇنار، كېمە، مەسچىت، قۇملۇق، ئەل-ئېھرام، مېھمانخانا، باغچا ۋە ھايۋانلارنىڭ رەسىملىرى بىلەن بىللە تىزىپ قويۇلغان ئىدى. (بۇنىڭغا بوۋاي دائىم خاپا بولاتتى). ئۇ چاغدا، غالىب ئۆزى بىلەن تەڭ دېمەت كېلىدىغان بۇ نەۋرە سىڭلىسىغا ئانچە قىزىقمىغانىدى، ئۇ رۇيانىڭ رەسىملىرى قورۇدا ئايلىنىپ يۈرگەن چاغدىلا، ئۇنىڭ گۈزەل، بىغۇبار،نازىنىنلاردەك چىرايى قورۇدىكى ئەر-ئاياللارنى دەماللىققا گەپ قىلالماس قىلىپ قويغانلىقىنى كېيىن بىلگەنىدى. بۇ چاغلاردا بۇ قورۇدا ئەڭ كۆپ بولىنىدىغان گەپ، مېررى تاغىنىڭ قاچان ئىستامبولغان قايتىدىغانلىقى، ھەمدە ئۇلار كەلگەندىن كېيىن، قورۇدىكى قايسى ئۆيدە تۇرىدىغانلىقى توغۇرلۇق بولاتتى. سەۋەبى، ھېلال مومىسىنىڭ ئۆتىنىشى بىلەن بۇ قورۇغا قايتا قايتىپ كېلىپ، ئۆگزىدىكى ھېلىقى كىچىك ئۆيىدە تۇرۇۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ئۆمۈچۈكلەر قاپلاپ كەتكەن ھېلىقى كونا ئۆيگە قايتىپ بېرىشنى ئەسلا خالىمايتتى. چۈنكى ئۇنىڭ ئاپىسى بىر ئادوۋكاتقا قايتا ياتلىق بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا دوختۇرلار بىرلىككە كېلەلمىگەن غەلىتە بىر كېسەل بىلەن بۇ ئالەمدىن جىمجىتلا كېتىپ قالغانىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ھېلال كېيىن ئۆزى مەخسۇس سەھىپە يازىدىغان شۇ گېزىتخانىغا كىرىپ، پۇتبۇل مۇسابىقىسىدە ئۇتۇۋالغان تەرەپنىڭ قانداق ھىيلەنەيرەڭ ئىشلەتكەنلىكىنى زورلاپ بولسىمۇ يازىدىغان، قايسىبىر بۇلۇڭ-پۇچقاقتىكى قاۋاقخانىلاردا يۈز بەرگەن قاتىللىق ۋەقەلىرىنى مۇبالىغىلەشتۈرۈپ كۆپتۈرىدىغان، ھەمدە قاتىلنىڭ دېلو سادىر قىلغاندىكى ماھىر ئۇسۇللىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەسۋىرلەيدىغان، قارا كاتەكچىسى ھامان ئاق كاتەكچىدىن كۆپ بولغان، قارا كاتەكچىگە ھەرپ توشقۇزىدىغان ئويۇن لاھىيىلەيدىغان بىر مۇخبىر بولۇپ ئىشلىدى. بەزىدە چېلىشىش ماھىرلىرىغا ئائىت ھېكايىلەرنى كەينىدىن ئۇلاپ يېزىپ رومانمۇ قىلىۋېتەتتى، چۈنكى بۇرۇنقى ئاپتور ھاراق ۋە زەھەرلىك چېكىملىككە بېرىلىپ، بۇ ئايىقى ئۈزۈلمەس ھېكايىلەرنىڭ داۋامىنى ئويلاشقا دەرمانى يوق ئىدى. بەزىدە ئۇ يەنە ‹پوچۇركىدىن خاراكتېرىنى بىلىش›، ‹چۈش تەبىرى›، ‹قىياپەتنامە›، ‹بۈگۈنكى تەلىيىڭىز›، ‹ئىشەنمىسىڭىز سىناپ بېقىڭ!› قاتارلىق بىر يۈرۈش سەھىپىلەرنىمۇ يېزىپ كېتەتتى. يەنە بەزىدە ئامېرىكىنىڭ داڭلىق كىنولىرىنىڭ بېلەت سېتىلىشىنىڭ ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىپمۇ بىر نەرسىلەرنى يازاتتى.  ئۇ مول-ھوسۇللۇق ئىجتىھاتلىق ئىدى. ئەگەر ئۇ ئۆگزىدىكى ھېلىقى ئۆيدە يەنە مۇشۇنداق يالغۇز تۇرىۋېرىدىغان بولسا، يەنىمۇ جىق نەرسىلەرنى يېزىپ، ئۆزىنى خېلى ئوبدانلا قامدىۋالاتتى، ئبۇ پۇل ئۇنىڭ ىوتۇن ئېلىشىغىمۇ يېتەتتى، ئەلۋەتتە! كېيىنكى كۈنلەرنىڭ بىر كۈنىلىرى، غالىب تىرامۋاي رېلىسىنىڭ ئارىسىدىكى شېغىل يولنىڭ تۇيۇقىسزلا ماي يولىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بايقىدى. شۇ چاغدا ئۇ ئىختىيارسىز بوۋىسىنىڭ جىن تەگدى دېگەن سۆزىنىڭ قورۇدىكى بۇ بىنانىڭ بەك قىستاڭچىلىقى ياكى ئورنىنىڭ توغرا ئەمەسلىكى ئىشقىلىپ بۇنىڭ باشقا مۇشۇنداق بىر نېمە دېگىلى بولمايدىغان كىشىنى چۆچۈتىدىغان بىرەر ئىش ئىكەنلىكىنى ئويلىدى. شۇڭا، ئۆزى ھەققىدە گەپ-سۆز قىلغۇچىلارنى قىلچە كۆزگە ئىلمىغاندەك، چىرايلىق ئايالى بىلەن گۈزەل قىزىنى ئېلىپ ئىستامبولغا قايتىپ كەلگەن مېررى تاغا، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي، ئۇدۇل ئوغلىنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ كىردى.

     مېررى تاغا بىلەن ئۇنىڭ يېڭى ئائىلىسى كۆچۈپ كېلىپ نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىنكى بىر باھار ئەتىگىنى،غالىب مەكتەپكە كېچىكىپ قالدى. شۇ كۈنى ئۇ چۈشىدىمۇ ئۆزىنى مەكتەپ كېچىكىپ قېلىپ چۈش كۆرگەنىدى، چۈشىدە يەنە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كۆك چاچلىق ناتونۇش بىر قىز بىللە ئاپتوبۇسقا چىقىپ،مەكتەپتىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتاتتى، شۇ كۈنى مەكتەپتە ھەرپ قوراشتۇرۇش دەرىسلىكىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىرنەچە بېتى ئۆتۈلمەكچى ئىدى. غالىب ئويغاندا ئۆزىلا ئەمەس، دادىسىنىڭمۇ ئىشقا كېچىكىپ قالغانلىقىنى بىلدى. ئۇ ئەتىگەنلىك قۇياش چۈشۈپ تۇرغان ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ ناشتا قىلىۋاتاتتى، كۆك ئاق ئارىلاشقان چاقماق داستىخان ئۇنىڭغا شاھمات تاختىسىنى ئەسلىتەتتى، بىر چەتتە ئولتۇرغان ئاپىسى بىلەن دادىسى خۇددى بىنانىڭ شامال ئۆتىشىش يولىنى توسۇۋالغان چاشقانلاردىن ۋە ياكى ئايال خىزمەتكار ئەسىماغا چاپلىشىۋالغان جىن-ئەرۋاھتىن ۋەھىمە يەۋاتقان تەرىزدە بالىخانا ئۆيگە يېڭىدىن كۆچۈپ كەلگەنلەر توغۇرلۇق سۆزلىشىۋاتاتتى، كېچىكىپ قالغانلىقىدىن ئىززا تارتىپ مەكتەپكە ماڭالمايۋاتقان غالىب، ئەمدى ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن كېچىكىپ قالغانلىقىنى ئويلاشتىن، ئۈستىدىكى بۇ بىر ئائىلىلىك كىشىلەرنىڭ زادى قانداق ئادەملەر ئىكەنلىكىنى بىلىشكە ئالدىراۋاتاتتى. ئۇ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى بوۋىسى بىلەن مومىسىنىڭ مەڭگۈ بىرخىللا تۇرىدىغان ئۆيىگە كىرگەندە، ھېلىقى ساتىراچ بىر قولىدا چىرايىدىن خاپىلىق يېغىپ تۇرغان بوۋاينىڭ ساقىلىنى ئالغاچ ئاللىبۇرۇنلا بالىخانىدىكى كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى سۈرۈتۈرۈپ خېلى يەرگە ئاپارغانىدى. ئادەتتە ئەينىك رامكىغا رەتلىك تىزىلىپ قويىلىدىغان ئاتكىركىلار، چەت ئەلنىڭ ھەرخىل ماقالىلىرى بېسىلغان گېزىتلەر يەردە چېچىلىپ ياتاتتى. بۇ نەرسىلەردىن غالىبنى بىر ئۆمۈر ئەسىر قىلىۋالغان ناتونۇش خۇش بۇي پۇراقمۇ ئۆينىڭ ھەممە يېرىنى بىر ئالغانىدى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، غالىبنىڭ بېشى ئايلانغاندەك بولۇپ، ۋۇجۇدىنى بىر خىل تەشۋىش ۋە ئىنتىزارلىق قاپلىۋالدى: بۇ زادى قانداق تۇيغۇ؟ كۆز ئالدىدىكى يېيىلىپ ياتقان ئاتكىركىلاردىكى شۇ ناتونۇش شەھەردىن كەلگەن تۇيغۇمۇ؟ بۇ زادى قانداق تۇيغۇ؟ رەسىمدىكى شۇ چىرايلىق ھاممىسىنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈنمۇ؟ ئۇنىڭ ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا چوڭ ئادەم بولغۇسى كېلىپ كەتتى. غالىب ئۆزىنىڭ چېچىنى ياسىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان چاغدا، مومىسى ناھايتى خۇشال بولدى، ئەمما بۇ ۋالاقتەككۈر ساتىراچ ئۇنى بوۋىسى ئولتۇرىدىغان تۇتقۇچلۇق ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزماي، تاماق ئۈستىلىنىڭ ئۈستىگە كىچىك ئورۇندۇقتىن بىرنى قويۇپ، غالىبنى شۇيەردە ئولتۇرۇشقا بۇيرىدى، تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشقىنى شۇ بولدىكى ساتىراچ غالىبنىڭ بوۋىسىنىڭ بوينىدىكى ئاق كۆك چاقماق رەختنى ئېلىپ، ئۇنىڭ بوينىنى خۇددى ئۆلتۈرۈپ قويىدىغاندەكلا چىڭ باغلىدى. رەختنىڭ تىزىغا كېلىپ ئۇنى قىز بالىغا ئوخشىتىپ قويغىنى، غالىبنى تېخىمۇ بەك ئازابلىدى.

    ئۇلار تۇنجى كۆرۈشۈپ ناھايتى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، غالىبنىڭ ھېساباتى بويىچە 19 يىل 19 ئاي ھەمدە 19 كۈن ئۆتكەندە، غالىب ئايالىنىڭ مامۇق ياستۇققا چۆكۈپ تۇرغان يۈزلىرىگە قارىغاندا، رۇيانىڭ ئۈستىگە يېپىنغان ئاق كۆك رەڭلىك چاقماق يوتقىنى غالىبنى ھېلىقى ساتىراچنىڭ بوۋىسىنىڭ بوينىدىن ئېلىپ، غالىبنىڭ بوينىغا ئۆلگۈدەك چىڭ چىگىپ قويغان ئاق ئارىلاش كۆك رەڭلىك  رەختكە ئوخشاشلا ئۆزىگە خاتىرجامسىزلىك ئەكەلگەنلىكىنى سەزدى. ئەمما بۇ ھېسىياتىنى رۇياغا بىر قېتىممۇ ئېيتىپ باقمىدى، توغرا، ئايالىمۇ بەلكىم ئۇنىڭ بۇنچە مۇجمەل سەۋەبلىرى تۈپەيلىدىن ئۇ يوتقاننى ئالماشتۇرماس!

     بۇ سەھىپىدە ئورخان پامۇكنىڭ ‹قارا كىتاب› ناملىق رومانى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنىپ يوللىنىدۇ، كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.