بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ) 20

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-04 23:58:34

بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ) بيۇگ – ژارگالنىڭ بۇ ئاخىرقى سۆزىنىڭ مەنىسىنى ئويلاپ ئولتۇرمايلا ئۇنى قۇچاقلىدىم. مومىسىنىڭ بەزلىشى بىلەن بىر ئاز ئۆزىنى تۇتۇۋالغان مارىنىڭ ئاپپاق پېشانىسىشىن سۆيدۈ...




    بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ)

    بيۇگ – ژارگالنىڭ بۇ ئاخىرقى سۆزىنىڭ مەنىسىنى ئويلاپ ئولتۇرمايلا ئۇنى قۇچاقلىدىم. مومىسىنىڭ بەزلىشى بىلەن بىر ئاز ئۆزىنى تۇتۇۋالغان مارىنىڭ ئاپپاق پېشانىسىشىن سۆيدۈم – دە، ئۇنىڭ ئاخىرقى قارىشى ۋە يالۋۇرۇشى مېنى ئۆز قارارىمدىن يالتايتىپ قويمىسۇن دەپ قورقۇپ، ئالدى – كەينىمگە قارىماستىن يۈگۈرۈپ كەتتىم.

    مەن يۈگۈرگەن پېتىم بىز بېسىپ ئۆتكەن چېغىر يوللارنى بويلاپ كەتتىم، زادىلا كەينىمگە قارىمىدىم، كۆڭلۈمنى پەرىشان قىلىدىغان خىياللارنى بېسىش ئۈچۈن توختىماي يۈگۈرۈپ كېتىۋەردىم، قېلىن چاتقاللارنى، ئازگال – دۆڭلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ، ياكى تاغ ئارىسىدىن چىقىپ كەتكىچە يۈگۈردۈم. ئاخىرى ئېگىز يان باغرىدىن بىئاسۇ قارار گاھىدىكى ھارۋىلارنىڭ ئەگرى – بۈگرى توپى ۋە چىدىر – كەپىلەر خۇددى چۈمۈلە ئۇگىسىدەك قارا بولۇپ كۆرۈنگەندە توختىدىم. مەن يولۇمنىڭ – ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى چېكىگە يېتىپ كەلگەن ئىدىم. ھارغىنلىق ۋە ھاياجاندىن دەرمانىم قۇرۇغان ئىدىم. يىقىلىپ چۈشمەسلىك ئۈچۈن بىر تۈپ دەرەخقە يۆلىنىۋالدىم. شۇ پەيتتە تەقدىرىم يېشىلىدىغان بۇ توقايزارلىق كۆز ئالدىمدا ئىمىر – چىمىر بولۇپ كۆرۈنۈشكە باشلىدى.

    شۇ ۋاقىتقىچە مەن ھەممە غەم – غۇسسە ۋە پەرىشانلىق شارابىنى تولۇپ ئىچىپ بولدۇم، دەپ ھېسابلىغان ئىدىم. لېكىن مەن ئەڭ قاتتىق ئازاپنى، يەنى تاشقى ھادىسىلەر كۈچىدىنمۇ قۇدرەتلىك بولغان ئەخلاقىي كۈچكە بويسۇنۇشنى – بەختلىك بولۇش ۋە مۆرىتى كەلگەندە ئۆز ئىختىيارى بىلەن بەختتىن ۋاز كېچىش كۈچىنى، ياشاش ۋە ياشاشتىن بېرىش كۈچىنى تېخى سىناپ كۆرمىگەن ئىكەنمەن، بۇنىڭدىن بىر نەچچە سائەت ئاۋۋالقى ھاياتنىڭ مەن ئۈچۈن ئەھمىيىتى قانچىلىك ئىدى؟ ئۇ چاغدا مەن ياشاشقا لايىق ئەمەس ئىدىم، چۈنكى، چوڭقۇر ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشاش ئۆلۈم بىلەن باراۋەر ئىدى. بۇ، كىشىنى مەرتلەرچە ئۆلۈشكە مەجبۇر قىلىدۇ. ئەمما، مەن بۇ ئۈمىدسىزلىكتىن قۇتۇلۇپ، مارى بىلەن قايتىدىن ئۇچراشقان ئىدىم. مېنىڭ گۇمران بولغان بەختىم قايتىدىن تىرىلگەن، ئۆتمۈشۈم مېنى ئىستىقبالغا ئېلىپ چىققان ئىدى. دىمەك، مېنىڭ ئۆچكەن ھەممە ئارزۇ – ئارمىنىم خۇددى ئاۋۋالقىدەكلا قايتىدىن چاقناپ يانغان ھەقىقىي ھايات مەشئىلىگە ئايلانغان، ياشلىق باھارىم، يارغا مەپتۇنلۇق، تولۇپ تاشقان مۇھەببەت – بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆز ئالدىمدا خۇددى ئۇپۇقتەك يورۇپ كەلمەكتە ئىدى، كۆڭۈللۈك ھاياتىمنى قايتىدىن باشلىشىم مۇمكىن ئىدى، ئەتراپىمدىكىلەرمۇ، قەلبىممۇ مېنى بۇنىڭغا دەۋەت قىلۋاتاتتى، بۇنىڭدا ھېچقانداق ئەمەلىي توسقۇنلۇق، ھېچقانداق قىيىنچىلىق يوق ئىدى. مەن ئازات بولغاندا، ئۆز بەختىمگە ئېرىشكەندە، ماڭا يەنە ئۆلۈش زۆرۈر بولۇپ قالدى! مەن ئۈچۈن گۈزەل جەننەتكە قەدەم قويا – قويمايلا يەنە ئارقىغا يېنىش زۆرۈر بولۇپ قالدى! قانداقتۇ بىر غۇۋا مەجبۇرىيەت مېنى ئارقىغا چېكىندۈرۈپ، ئەجەلگە قاراپ مېڭىشقا زورلاۋاتاتتى.

    ھىجران ئوتىدا ۋە قايغۇ – ئەلەمدە خازان بولغان روھىي سۇنغانلار ئۈچۈن ئۆلۈم ھېچ گەپ ئەمەس، لېكىن ياش قەلبى ھاياتنىڭ ھوزۇر – ھالاۋىتىدىن بەھرىمان بولۇۋاتقان كىشىگە ئۆلۈمنىڭ سوغاق قولى تەگسە، بۇ نىمە دىگەن دەھشەتلىك! بۇ دەھشەتنى مەن ئەمدىلا ھېس قىلدىم ۋە قەبرە تېگىدىن قايتىپ چىقىپ، بۇ دۇنيادىكى نازۇ – نىمەتلەر، خوشاللىقلار ئىچىدە ئەڭ قەدىرلىك ۋە گۈزەل بولغان مۇھەببەتنىڭ ھېرىسلىق ۋە ئازاپلىقنىڭ لەززىتىنى بىردەم تېتىدىم، ئەمدى بولسا، يەنە قەبرىگە – لەھەتكە كىرىپ كېتىۋاتىمەن!

    بۇ ئاجىز مىسكىنلىكىمنى ئويلاپ، ئۆزەمگە ئېچىنغان، ئەپسۇسلانغانسېرى مەندە قانداقتۇ بىر خىل ئەسەبىيلىك قوزغالدى – دە، چوڭ – چوڭ قەدەم تاشلاپ، توپتوغرا قارارگاھ جايلاشقان دالىغا قاراپ ماڭدىم. شۇ تاپتا مەن ھەممە نەرسىدىن تېزرەك ئادا – جۇدا بولۇشنى خالايتتىم. نېگىرلار قاراۋۇلىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۆزەمنى تونۇشتۇردۇم، پوستا تۇرغان نېگىرلار ماڭا ھەيران بولۇپ قاراشتى ۋە لاگىرغا كىرىشىمگە رۇخسەت قىلمىدى. كۆردۈڭلارمۇ، تەقدىرنىڭ بۇ ئاچچىق مەسخىرىسىنى: لاگىرغا كىرىشىم ئۈچۈن قاراۋۇلغا يالۋۇرۇشقا توغرا كەلدى. ئاخىر، ئۇلاردىن ئىككىسى مېنى بىئاسۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىردى.

    مەن باش قوماندان جايلاشقان غارغا كىرگىنىمدە، ئۇ ئالدىدا تۇرغان قىيناق قوراللىرىنى تاللاپ ئېلىپ، تەكشۈرۈپ كۆرۈۋاتقان ئىكەن، بىزنىڭ ۋاراڭ – چۇرۇڭىمىزنى ئاڭلاپ بۇرۇلۇپ قارىدى – دە، مېنىڭ قايتىپ كەلگىنىمگە ھاڭ – تاڭ بولۇپ قالدى.

    -كۆردۈڭمۇ بۇلارنى؟ - دىدى بىئاسۇ ئالدىدا چېچىلىپ ياتقان ھەرخىل قىيناق قوراللىرىنى كۆرسىتىپ.

    مەن خاتىرجەم قاراپ تۇردۇم. بۇ «ئىنسانىيەت قەھرىمانى» نىڭ زالىملىقىنى ياخشى بىلەتتىم، شۇڭا ھەر قانداق قىيىن قىستاقنى ئۆڭمەستىن، دادىل قارشى ئېلىشقا تەييارلاندىم.

    -ئېھتىمال، لېوگرى دارغا ئېسىلغاندا، ئۇنىڭ راسا ئامىتى كەلگەن بولغىدى – ھە؟ سەن قانداق ئويلايسەن؟ - دەپ سورىدى ئۇ يەنە ھىجىيىپ تۇرۇپ،

    مەن ئۇنىڭ سۇئالىغا مەنسىتمەسلىك نەزىرىم بىلەن جاۋاپ بەردىم.

    -ئىمام ھەزرەتنى چاقىرىپ كېلىڭلار، - دەپ بويرۇدى بىئاسۇ ئاديۇتانتلىرىنىڭ بىرىگە.

    ھەر ئىككىمىز خېلى ۋاقىتقىچە بىر – بىرىمىزگە قارىشىپ ئۈنچىقماي تۇردۇق. مەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىدىم، ئۇمۇ مېنى سىنچىلاپ كۈزىتىپ تۇردى.

    رىگو كىرىپ كەلدى. قارىماققا، ناھايىتى ئالدىراش ئىدى، بىئاسۇغا پىچىرلاپ بىرنىمىلەرنى دىدى.

    -ھەربىي باشلىقلارنىڭ ھەممىسى چاقىرىلسۇن، - دەپ بۇيرۇق بەردى بىئاسۇ خاتىرجەملىك بىلەن.

    چارەك سائەتتىن كېيىن ئاجايىپ – غارايىپ كىيىنىشىۋالغان ھەربىي باشلىقلار غار ئالدىغا توپلىنىشتى.

    -قۇلاق سېلىڭلار، دوستلار – دەپ سۆز باشلىدى بىئاسۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارغا مۇراجىئەت قىلىپ، - ئەتە تاڭ سەھەردە ئاق تەنلىكلەر بىزگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ. بىزنىڭ مۇداپىئەيىمىز ئىشەنچلىك ئەمەس، شۇڭا بۇ يەرنى تاشلاپ كېتىشىمىز كېرەك. كۈن چىقىشتىن بۇرۇن ھەممىمىز قوزغىلىپ، ئىسپانىيە مۇستەملىكىسى چېگرىسىغا يۆتكىلىمىز. ماكاييە، سىز ئۆز قاچاقلىرىڭىز بىلەن ئالدىدا ماڭىسىز. پادرىژدان، سىز پرالوتا توپچى قىسىملىرىدىن غەنىيمەت ئېلىنغان قوراللارنىڭ ئېغىزنى مىجىپ تاشلىشىڭىز كېرەك. بىز بۇ قوراللارنى تاغمۇ – تاغ توشۇپ يۈرەلمەيمىز. كۇرۇئادې – بۇكېنىڭ يىگىتلىرى ماكاييە ئەترىتىنىڭ كەينىدىن ماڭسۇن. تۇسېن لېوگان ۋە ترۇ ئەترەتلىرىنىڭ نېگىرلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ كەينىدىن ھەرىكەتلىنىدۇ. ئەگەر كرىئوت قەبىلىسىنىڭ ئەر – ئاياللىرى ئازراقلا شاۋقۇن – سۈرەن كۆتۈرسە، دەرھال جاللاتلارغا تاپشۇرۇلسۇن! كابرون تۇمشۇقىغا جايلاشتۇرۇلغان ئىنگلىز مىلتىقلىرىنى پودپولكوۋنىك كلۇ باش بولۇپ ئەركىن مۇلاتلار ئەترىتىگە تارقىتىپ بەرسۇن ۋە ئۇلارنى ۋېتى چىغىر يولى ئارقىلىق باشلاپ ماڭسۇن، قېپ قالغان ئەسىرلەر قىرىپ تاشلانسۇن، ئوقلارنىڭ ئۇچى سۈرمەل قىلىنسۇن، ئوقيالار زەھەرلەنسۇن! لاگىردىكى بۇلاقلارغا ئۈچ تۇڭ مىشەك تاشلاپ، سۇنى زەھەرلەرڭلار، چاڭقىغان ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئۇسسۇلۇقى ئوبدان قانسۇن! لىمبېي، دوندون ۋە ئاكيۇل قوشۇنلىرى پۈتۈن تەكىبى بىلەن كلۇ ۋە تۇسېن ئەترەتلىرىنىڭ كەينىدىن ھەرىكەتلىنىشى كېرەك. بارلىق يول – ئېدىرلىقلارنى قۇرام تاشلار بىلەن تولدۇرۋېتىڭلار، چىغىر يوللارنى بۇزۇپ تاشلاڭلار، ئورمانلارنى كۆيدۈرۈڭلار. رىگو، سىز بىزگە ھەمرا بولۇڭ. كاندى، سىز مېنىڭ شەخسىي مۇھاپىزەتچىلىرىمگە مەسئۇل بولىسىز، «قىزىلتاغ» نېگىرلىرى ھەممە قوشۇننىڭ كەينىدە ماڭسۇن ۋە تاڭ يورۇغاندىلا لاگىرنى تاشلاپ يولغا چىقسۇن.

    بىئاسۇ رىگوغا قاراپ ئاستا شۇنداق دىدى:

    -بيۇگ – ژارگالنىڭ بۇ نېگىرلىرى تامامەن يوقالسا بەكمۇ ياخشى بولاتتى – دە! چەڭچىلىرى ھالاك بولسا، ئۇنىڭ داھىيىسىمۇ تېزرەك يوقىلاتتى!

    -ئىشقا كىرىشىڭلار، قېرىنداشلار، - دەپ سۆزىنى تاماملىدى ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، پارولنى كاندى ئارقىلىق بىلىسىلەر.

    ھەربىي باشلىقلار تارقىلىشتى.

    -گېنېرال، - دىدى رىگو، - ژان – فرانسۇئانىڭ ئالدىراش مەكتۇپىنى ئەۋەتىۋېتىش كېرەك ئىدى. بىزنىڭ ئەھۋالىمىز يامان؛ بۇ مەكتۇپ ئاق تەنلىكلەرنى بىر ئاز بولسىمۇ ئىنساپقا كەلتۈرۈشى مۇمكىن.

    بىئاسۇ خەتنى دەرھال يانچۇقىدىن ئالدى.

    -سىزنىڭ بۇنى ئېسىمگە سېلىپ قويغىنىڭىز ياخشى بولدى. بىراق، بۇ مەكتۇپتە ئاق تەنلىكلەر بىزنى مەسخىرە قىلىدىغان خېلى گرامماتىكىلىق خاتالىقلار بار. ماڭا قارا، - دىدى بىئاسۇ خەتنى ماڭا تەڭلەپ، - جېنىڭنى قۇتۇلدۇرۇشنى خالامسەن؟ مېنىڭ كۆڭلۈم تۈز، سەن قانچە جاھىللىق قىلساڭمۇ، مەن يەنىلا ساڭا بۇ تەلەپنى قويۇۋاتىمەن. خەتنى تۈزىتىپ چىقىشقا ياردەملەشكىن، مەن ئۆز پىكىرلىرىمنى ساڭا ئېيتىپ بېرەي، سەن بۇ پىكىرلەرنى «ئاق تەنلىكلەر ئۇسلۇبى» بويىچە تۈزەپ چىق.

    مەن قەتئىي رەت قىلىپ بېشىمنى چايقىدىم. بىئاسۇ بۇ ھەركىتىمدىن راسا رەنجىدى بولغاي:

    -دىمەك، ماقۇل بولمامسەن؟ - دەپ سورىدى.

    -ياق! – دىدىم مەن.

    -ياخشىراق ئويلاشقىن، - دىدى ئۇ قەتئىي ھالدا ئالدىدا تۇرغان قىيناق قوراللىرىنى ماڭا كۆرسەتكەندەك قىلىپ مەنىلىك قاراپ قويدى.

    -مەن ئوبدان ئويلىشىپ بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇ تەكلىپىڭنى رەت قىلىۋاتىمەن، - دەپ جاۋاپ بەردىم، - كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، سەن ئۆزەڭنىڭ ۋە ئادەملىرىڭنىڭ تەقدىرىدىن قورقۇۋاتىسەن، بۇ خەت ئارقىلىق ئاق تەنلىكلەرنىڭ ھۇجۇمىنى ۋە ئۆچ ئېلىشنى توختىتىشقا بولارمىكىن، دەپ ھېسابلاۋاتىمەن. ئەگەر بۇ خەت سېنىڭ ھاياتىڭنى قۇتقۇزۇپ قالالايدىغانلا بولسا، ئۇ ھالدا، بۇ جاننىڭ ماڭا كېرىكى يوق، مېنى قىيناشقا بۇيرۇق بېرىۋەر!

    -گېپىم شۇ، دىگىنە، بالا، - دىدى بىئاسۇ تەنە قىلىپ ۋە پۇتى بىلەن قىيناق قوراللىرىنى تۈرتۈپ قويۇپ، سەن بەلكى، بۇ قوراللارنى كۆرۈپ يۈرىكىڭنى توختىتىۋالغان بولساڭ كېرەك. كۆپ ئەپسۇسكى، بۇ قوراللارنىڭ كۈچىنى ساڭا بىر كۆرسىتىپ، ئەدىۋىڭنى بېرىشكە ۋاقىت بولماي قالدى. بىزنىڭ ئەھۋالىمىز خەۋپلىك بولغانلىقتىن، بۇ ئورۇندىن تېز يۆتكەلگىلىۋاتىمىز. سەن ماڭا كاتىپ بولۇشنى زادى خالىمامسەن؟ مەرھەممەت، سەن توغرا قىلدىڭ. كاتىپ بولغىنىڭدىمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە سېنى، بەرىبىر، ئۆلتۈرۋەتكەن بولاتتىم. كىمكى بىئاسۇنىڭ بىرەر سىرىدىن خەۋەردار بولىدىكەن، ئۇ ھامان ھايات قالمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئەزىزىم، سېنى ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا مەن ئىمام ھەزرەتكە ۋەدىمۇ بېرىپ قويغان ئىدىم، - ئۇ غارغا يېڭىلا كىرىپ كەلگەن باخشىغا بۇرۇلۇپ قارىدى ۋە – ھۆرمەتلىك ئاتا، ئادەملىرىڭىز تەييارمۇ؟ - دەپ سورىدى.

    باخشى ئۈندىمەي بېشىنى لىڭشىتتى.

    -«قىزىلتاغ» نېگىرلىرىنى ئۆز قارىمىقىڭىزغا ئالدىڭىزمۇ؟ پۈتۈن قوشۇن ئىچىدە پەقەت شۇلارغىلا ھۇجۇمغا تەييارلىنىش مەجبۇرىيىتى بېرىلمىدى.

    باخشى يەنە باش لىڭشىتتى.

    بىئاسۇ غارنىڭ بىر بۇلۇڭىغا تىكلەپ قويۇلغان چوڭ قارا بايراقنى ماڭا كۆرسەتتى. مەن بۇ قارا بايراققا خېلى بۇرۇنلا دىققەت قىلغان ئىدىم.

    -سېنىڭ كاپىتانلىق پاگونىڭنى ئورۇن باسارىڭغا ئېلىپ بېرىش زۆرۈرلۈكىنى ئاق تەنلىكلەرگە مانا بۇ قارا بايراق ئارقىلىق ئۇقتۇرۇپ قويىمىز. ھازىرقى پەيتتە بىزنىڭ سەپەرگە ئاتلىنىۋاتقانلىقىمىزنى بىلىپ تۇرۇپسەن. ئېيتماقچى، سەن ئەتراپنى سەيلەپ قىلىپ ھازىرلا قايتىپ كەلدىڭغۇ، دەيمەن. بۇ يەرلەردىكى مەنزىرىلەر قانداقراقكەن، ساڭا ياقتىمۇ؟

    -ھەئە، بۇ تەرەپلەردە سېنى ۋە سېنىڭ شايكاڭنى ئېسىشقا يەتكىدەك دەرەخلەر بار ئىكەن، - دىدىم بىئاسۇغا سوغاققانلىق بىلەن.

    بىئاسۇ زورىغا كۈلۈپ قويدى.

    -سەن بارغان تەرەپلەردە بىر جاي بار، بۇ جاينى تېخى كۆرمىگەن ئوخشايسەن، ھۆرمەتلىك ئاتىمىز ئۇ جاينى ساڭا كۆرسىتىپ قويىدۇ. خەير، ياش كاپىتا، لېوگرىغا مەندىن سالام ئېيتىپ قوي!

    ئۇ خۇددى يىلان ۋىشىلدىغاندەك خىقراپ كۈلۈپ تۇرۇپ، ماڭا ئېگىلىپ تازىم قىلدى – دە، قاراۋۇلغا ئىشرەت قىلىپ، يۈزىنى مەندىن ئۆرىدى. نېگىر مېنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. يۈزىگە نىقاپ تارتىۋالغان باخشى قولىدا تەسۋى تۇتۇپ، بىزنىڭ كەينىمىزدىن بىللە ماڭدى.

    مەن ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسەتمەيلا كېتىۋەردىم، توغرىسىنى ئېيتقاندا، قارشىلىق كۆرسىتىش پايدىسىز ئىدى. بىز ئېدىرلىقنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئېگىز چوققىغا چىقىپ، شۇ يەردەم دەم ئالدۇق. مەن تىك تۇرۇپ، پېتىپ كېتىۋاتقان كۈننى كۈزەتتىم، كۈننىڭ چىقىشىنى كۆرۈش ماڭا نېسىپ بولمىغان ئىدى. كېيىن بىز يەنە يولغا راۋان بولدۇق ۋە ئانچە چوڭ بولمىغان بىر تۈزلەڭلىككە چۈشۈشكە باشلىدۇق. باشقا ۋاقىت بولغان بولسا، بۇ تۈزلەڭ بىزنى قىزىقتۇرغان بولاتتى. بۇ يەردىن ئېقىپ ئۆتكەن تاغ سۈيى مۇنبەت يەرلەرنى سۇغىراتتى ۋە ئاخىرىغا بېرىپ، بىر كۆلگە قويۇلاتتى. بۇنداق كۆللەر سان – دومىنگونىڭ تاغلىق جايلىرىدا كۆپ ئۇچرايتتى. مەن بەختلىك چاغلىرىمدا كەچقۇرۇقلۇقى بۇنداق كۆللەرنىڭ قىرغاقلىرىدا سەيلە قىلىپ، ئىچ پۇشۇقۇمنى چىقىراتتىم ۋە زۇمرەتتەك كۆل يۈزىنىڭ ئاستا – ئاستا كۈمۈش تۈشكە ئايلىنىشىنى ھەمدە يۇلتۇز شولىسىنىڭ سۇ دولقۇنىدا ئالتۇندەك چاقنىشىنى تاماشا قىلاتتىم! مانا ھازىرمۇ كۈن پېتىۋاتىدۇ، ئەپسۇسكى، مەن كۆل قىرغىقىدىن توختىماي ئۆتۈپ كېتىۋاتىمەن! بۇدا كۆزۈمگە قانچىلىك گۈزەل كۆرۈنگەنلىكىنى سۆز بىلەن ئۇقتۇرالمايمەن، ئەتراپىمىزنى ئاجايىپ كاتتا، ئۇلۇغۋار چىنار دەرەخلىرى ئوراپ تۇراتتى، ئۈستى تەپ – تەكشى، بۈك – باراقسان MAURITIA خورمىلىرىنىڭ ھەرخىل تۈرلىرى بار ئىدى. بۇلارنىڭ سايىسى شۇنچىلىك قېلىن ئىدىكى، ئۇنىڭ تېگىدە ھېچقانداق گىياھ كۆكلىمەيتتى. چوڭ – چوڭ گۈل – چىچەك ئاچىدىغان ماگنولىيە دەرىخى خۇددى ئەتەي قىرقىپ ياساپ قويغاندەك تۇراتتى، يېشىل يوپۇرماقلىق كاتالپە دەرىخىمۇ نۇرغۇن ئىدى. بۇ دەرەخزارلىق ئالتۇن رەڭلىك ئالىپ تاغلىرى جىلغىلىرىدىكى تالونزارلارغا ئوخشاش ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى، ئاق، سېرىق كانادا زۇلپى گۈللىرى نېگىرلار «كۇئالى» دەپ ئاتايدىغان زەڭگەر قوڭغۇراق گۈللەر بىلەن چىرمىشىپ كەتكەن ئىدى. باراقسان بولۇپ كۆكلىگەن ياپ – يېشىل سۇمبۇل گۈللەر يەنە بىر چوققىنى توساپ تۇرغان يېشىل پەردىگە ئوخشايتتى. تەبىئەتنىڭ بۇ ئاجايىپ گۈزەل بوستانىدىن شۇنچىلىك خۇش بۇي پۇراق تارىلىپ تۇراتتىكى، بۇنداق خۇشپۇراقنى ئادەم ئاتام بىرىنچى بولۇپ جەننەتتىكى بىرىنچى گۈلدىن پۇرىغان بولغىيدى، بەلكىم!

    شۇنداق قىلىپ، بىز شاقىراتمىنىڭ ئەتراپىدىكى چىغىر يول بىلەن ماڭدۇق. بۇ يول تىك يانباغىر بويلاپ سوزۇلاتتى ۋە گۈمبەزدەك چوڭ ئۆڭكۈر ئىچىگە كىرىپ كېتەتتى. ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدىن شارقىراپ سۇ ئېقىپ چىقىۋاتاتتى ۋە قانداقتۇ ھۆركىرىگەن، گۈلدۈرلىگەن ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بۇنى كۆرۈپ ھەيران بولدۇم.

    نېگىرلار سول تەرەپتىكى ئەگرى – توقاي چىغىر يولغا بۇرۇلدى، كۆرۈنۈشىچە، بۇ يول بىر چاغلاردا سۇ ئاققان ئېرىقنىڭ ئورنى ئىدى.

    بىردىنلا ئۆڭكۈر ئالدىغا كېلىپ قالدۇق. ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزى ئارچا، ئازغان ۋە قارىقات ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن قاپلىنىپ تۇراتتى، ئۇ يەردىن گۈركىرىگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇراتتى. نېگىرلار مېنى ئۆڭكۈرگە ئىتتىرىپ كىرگۈزدى. مەن تېخى بىر قەدەم ئالماستىنلا، باخشى ئالدىمغا كېلىپ، غەلىتە ئاۋاز بىلەن دىدى:

    -ھازىر مەن ساڭا يەنە بىر نەرسىدىن بىشارەت بېرىمەن: بۇ ئۆڭكۈردىن پەقەت ئىككىمىزنىڭ بىرىلا چىقىپ كېتەلەيمىز!

    مەن ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىشنى لايىق كۆرمىدىم. بىز قاپ – قاراڭغۇ جايغا يېتىپ بارغاندا، ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدىكى ئاۋاز تېخىمۇ كۈچلۈك ئاڭلىنىشقا باشلىدى، ھەتتا بىز قەدەم تاۋۇشىمىزنىمۇ ئاڭلىيالمىدۇق. مەن بۇ بىرەر شاقىراتمىنىڭ شاۋقۇنى بولسا كېرەك، دەپ ئويلىۋىدىم. راستىنلا شۇنداق ئىكەن! قاراڭغۇلۇقتا ئون مىنۇت ماڭغاندىن كېيىن، تاغنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا تەبىئەت قولى بىلەن ياساپ قويۇلغان يېرىم دائىرە شەكلىدە بىر مەيدانغا چىقتۇق، يۇقۇرىدىن ئېتىلىپ شاقىراپ چۈشۈۋاتقان تاغ سۈيى مەيداننىڭ چوڭ يېرىمىنى بېسىپ ئۆتەتتى. مەيداننىڭ يۇقىرى تەرىپى خۇددى گۈمبەزگە ئوخشاش دۈگلەك بوشلۇق بولۇپ، بەئەينى يەر ئاستى سارىيىنى ئەسلىتەتتى. گۈمبەز ئەتراپى پۈركەلگەن سۇدىن ياپ – يېشىل دۇخاۋىغا ئايلىنىپ كەتكەن، گۈمبەزنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى دەز كەتكەن چوڭ يوچۇقلاردىن خىرە يورۇقلۇق چۈشۈپ تۇراتتى. كۈن نۇرى يوچۇقلار ئەتراپىدا ئۆسكەن يېشىل ئوت – چۆپلەرنى ئالتۇن رەڭگە كىرگۈزۈپ تۇراتتى. مەيداندا ئايلىنىپ ئاققان سۇ ئۇنىڭ شىمال قىرغىقىدىن چوڭ شارقىراتما بولۇپ، يەر قەرىگە شىددەتلىك ئېقىپ چۈشەتتى. شاقىراتمىنىڭ تېگى يۇقۇرىدىن چۈشكەن يورۇقلۇقتا غۇۋا كۆرۈنسىمۇ، ھاڭنىڭ تۈۋىنى يورۇتالمايتتى، شاقىراتما چۈشۈۋاتقان يار لېۋىدە چوڭ بىر تۈپ دەرەخ بولۇپ، ئۇنىڭ قۇرىغان شاخلىرى سۇ ئۈستىگە ئېگىلىپ تۇراتتى. چوڭ – چوڭ يىلتىزلىرى يار لېۋىدە، يانباغىردا بۆرتۈپ چىقىپ تۇراتتى، دەرەخ يوپۇرماقسىز، قىپ – يالىڭاچ ئىدى، ئۇنىڭ يىلتىزلىرىغا جان بېرىپ، كۆكەرتىپ تۇرغان سۇ ئۆزىنىڭ شىددەتلىك ئېقىمى بىلەن ئۇنىڭ نازۇك شاخ پۇتاقلىرىنى تامامەن سېرىپ – يالىڭاچلاپ قويغان. بۇ يەر تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ بىر مۆجىزىسى ئىدى.

    52

    مۇشۇ قاراڭغۇ جايغا كېلىپ، نېگىرلار توختىدى. مەن ئەجەل سائىتىمنىڭ يېقىنلاپ كەلگەنلىكىنى چۈشەندىم، شۇنى ئېيتىشىم مۇمكىنكى، چوڭقۇر يار لېۋىدە تۇرغان بۇ پەيتتە، بۇنىڭدىن بىر نەچچە سائەت ئاۋۋال مەن ۋاز كەچكەن ئاشۇ بەخت ئىختىيارسىز ھالدا كۆز ئالدىمغا كەلدى، ئاچچىق پۇشايمان ۋە ئەلەمدىن يۈرەكلىرىم ئېچىشىپ كەتتى. شەپقەت سوراپ يېلىنىش يارىماسلىق ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ، ئىختىيارسىز ھالدا ئېغىزىمدىن ئۆتۈنۈش چىقتى:

    -دوستلار، - مۇراجىئەت قىلدىم مەن ئەتراپىمنى ئوراپ تۇرغان نېگىرلارغا قاراپ، - يىگىرمە ياشقا كىرىپ، ئون گۈلۈڭنىڭ بىرى ئېچىلمىغان، راسا يېتىلگەن ۋاقتىڭدا ۋە يار ۋىسالىغا يېتىپ، ئىشق – مۇھەببەتتىن مەس بولغان پەيتتە، بولۇپمۇ سېنى ئارزىقىپ ياش تۆكىدىغان كۆزلەر ساڭا تەلمۈرۈپ تۇرغان پەيتتە ئۆلۈش نەقەدەر ئېچىنىشلىق – ھە!

    مېنىڭ سۆزۈمگە جاۋابەن ياۋايىلارچە قاقاقلىغان كۈلكە كۆتۈرۈلدى. بۇ، پاكار باخشىنىڭ كۈلكىسى ئىدى. بۇ ياۋۇز سىرلىق مەخلۇق كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئالدىمغا كەلدى.

    -ئاھا، جېنىڭغا ئىچىڭ ئاغرىۋاتامدۇ؟ - دىدى ئۇ شۈكرى، - مەن سېنى ئۆلۈمدىن قورقماسمىكىن، دەپ ئەندىشە قىلغان ئىدىم!

    مېنى خىيالغا چۈشۈرۈپ قويغان ھېلىقى ئاۋاز، ئاشۇ كۈلكە يەنە بىر قېتىم ئاڭلىنىۋاتاتتى.

    -سەن ئۆزەڭ كىم، دوزاق بەندىسى؟ - دىدىم مەن ۋارقىراپ.

    -مېنىڭ كىملىكىمنى ھازىر بىلىسەن، - دەپ ئۇ قورقۇنچلۇق ھالدا ۋە، - مانا قارا، - دەپ كۈن نۇرى چۈشۈپ تۇرغان يورۇق تەرەپكە ئۆتتى.

    مەن ئۇنىڭغا ئېتىلماقچى بولدۇم، ئۇنىڭ ئوچۇق تۇرغان يۇڭلۇق مەيدىسىدە ئىككى خىل بەلگە بىلەن يېزىلغان ئىككى خىل ئىسىمگە كۆزۈم چۈشتى. بۇ ئىسىملارنىڭ بىرى «ئېففىنگىم» يەنە بىرى «دې ئوۋېرنە» ئىدى! بۇ ئىسىملارنىڭ بىرى قىزىتىلغان تۆمۈر بىلەن بېسىلغان تامغا، يەنە بىرى يىڭنە بىلەن يېزىلغان خەت ئىدى. مەن ھەيران بولۇپ داڭ قېتىپ قالدىم.

    -خوش، نىمە بولدۇڭ، لېوپولددې ئوۋېرنە؟ مەيدەمگە يېزىلغان ئىسمىڭ مەن توغرۇلۇق ساڭا ھېچ نەرسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىدىمۇ؟

    -ياق! – دىدىم مەن ئۇنىڭ قانداقلارچە مېنىڭ ئىسمىمنى بىلىدىغانلىقىغا ھەيران بولۇپ، - «ئېففېنگىم» ۋە «دې ئوۋېرنە» دىگەن بۇ ئىسىملار پەقەت تاغامنىڭ چاكىرى بولغان خەبىبرانىڭ كۆكسىدىلا بار ئىدى. ئۇ رەھمەتلىك چاكار ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن. بىزگە بەك سادىق ئىدى... سەن ھەرگىز خەبىبرا ئەمەس، بۇنداق بۇلۇشى زادىلا مۇمكىن ئەمەس!

    -خۇددى شۇنىڭ ئۆزىمەن! – دەپ ۋارقىرىدى ئۇ، قانغا بويالغان قالپىقىنى ئېلىپ، يۈزىدىكى نىقاپنى ئاچتى. تاغامنىڭ ئاشۇ بەت – بەشىرە چاكىرى مېنىڭ ئالدىمدا تۇراتتى! ئۇنىڭدا مەن ئادەتتە كۆرۈپ يۈرگەن قىزىقچىلىق، خۇشخۇي قىياپەتتىن ئەسەرمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئۇ ماڭا بەكمۇ سۆرۈن ۋە دەھشەتلىك قاراپ تۇراتتى، تەئەججۈپ ئىچىدە تىترەپ كەتتىم.

    -ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىم، ئەجىبا، ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسى تىرىلگەن بولسا! بۇ راستىنلا تاغامنىڭ قىزىقچى چاكىرى ئاشۇ خەبىبراغۇ!

    -ھەئە، تاغاڭنىڭ چاكىرى ھەم ئۇنىڭ قاتىلى! – دىدى ئۇ خىقىراپ ۋە خەنجىرىنىڭ سېپىنى تۇتۇپ. مەن دەھشەت ئىچىدە كەينىمگە داجىدىم.

    -تاغامنىڭ قاتىلى سەنمىدىڭ، مۇتىھەم؟ دىمەك، تاغامنىڭ قىلغان ياخشلىقلىرىغا ئەنە شۇنداق جاۋاپ قايتۇرۇپسەن – دە!

    -ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرىمىش، تېخى! – سۆزۈمنى بۆلدى ئۇ، - ئۇنىڭ ھاقارەتلىرى ئۈچۈن، دىگىنىڭ تۈزۈك!

    -تاغامنى ئۆلتۈرگەن ئەبلەخ سەن ئىكەنسەن – دە، ئەمدى بىلدىم!

    -ھەئە، مەن! – دىدى ئۇ رەڭگىنى بۇزۇپ، - مەن تاغاڭنىڭ دەل يۈرىكىگە خەنجەر سالدىم.  تاغاڭنىڭ دەل يۈرىكىگە خەنجەر سالدىم. خەنجىرىم شۇنچىلىك جايىغا ئۇرۇلغانكى، ھەتتا تاغاڭ ئويغىنىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي مەڭگۈ ئۇيقۇغا كەتتى، پەقەت ئاستالا «خەبىبرا، قېنى سەن...» دىيىشكىلا ئۈلگۈرەلمىدى. مەن ئۇنىڭ قېشىدا ئىدىم!

    خەبىبرانىڭ بۇ غەلىتە ھېكايىسى، ئۇنىڭ سۈرلۈك قىياپىتى مېنى ھەيران قالدۇردى.

    -قاتىل، مۇناپىق، ۋەھشىي! تاغامنىڭ ساڭا قىلغان شۇنچىۋالا ياخشىلىقنى ئۇنتۇدۇڭمۇ؟ سەن تاغامنىڭ داستىخىنىدىن تاماق يەپ، ئۇنىڭ يۇمشاق تۆشەكلىرىدە ئۇخلىمىغانمىدىڭ؟!

    -ھەئە، تاغاڭ مېنى خۇددى ئىتنى باققاندەك باققان ئىدى. نىمىسىنى ئېيتىسەن، غەزەپ ئەنە شۇنداق بولىدۇ! ئۇنىڭ قىلغان ھەممە «ياخشىلىقلىرى» مېنىڭ تولۇق ئېسىمدە بار: ئۇنىڭ ھەر بىر «غەمخۇرلۇقى» مەن ئۈچۈن بىر ھاقارەت بولغان ئىدى. مەن تاغاڭدىن ئەنە شۇ قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئۆچ ئالدىم. مانا ئەمدى، سەندىنمۇ ئۆچ ئالىمەن! قېنى، ئېيتقىنچۇ، سېنىڭچە، مەن مۇلات بولغانلىقىم ئۈچۈن، قىزىقچى چاكار بولغانلىقىم ۋە پەتەك بولغانلىقىم ئۈچۈن ئادەم ھېسابلانمايمەنمۇ؟ ياق، مەندە قەلب بار، بەلكى سېنىڭ چۈشكۈن، نىمجان قەلبىڭدىنمۇ قۇدرەتلىك قەلب بار! مېنى خۇددى مايمۇنغا ئوخشاش تاغاڭغا سوۋغا قىلىشقان ئىدى، مەن تاغاڭنىڭ ئويۇنچۇقى بولدۇم. ئۇ مېنى مازاقلاپ كۆڭلىنى ئاچاتتى، سەن تاغاڭنىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئۆزىگە يېقىن تۇتىدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتىسەن، مېنىڭ تاغاڭ ئالدىدىكى ئورنۇم گويا مايمۇننىڭ ياكى توغاينىڭ ئورنىغا ئوخشايتتى. لېكىن مەن باشقىچە يول تۇتتۇم ۋە ئۆز مەقسىتىمگە خەنجەر ئارقىلىق يەتتىم!

    مەن ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن تىترەپ كەتتىم.

    -بىلىپ قوي، - دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى مەسخىرىۋاز، - تاغاڭنى مانا مەن ئۆلتۈردۈم، قېنى، ماڭا ئوبدانراق قاراپ باققىنا، لېوپولددې ئوۋېرنە، سەن مېنى ئاز ھاقارەتلىدىڭمۇ؟ خوش، ئەمدى نىمە دەيسەن؟ سەن تاغاڭنىڭ مېنى ھاقارەتلەپ، خورلاپ، ئۆزىگە قىزىقچى چاكار قىلىۋالغانلىقىنى ئېسىمگە چۈشۈرۈشكە جۈرئەت قىلدىڭ. تاغاڭ بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانچىلىك ئۆچمەنلىك بارلىقىنى ئەمدى بىلىسەن! ئۇلۇغ تەڭرىمگە ئايانكى، مەن سىلەرنىڭ مېھمانخاناڭلارغا كىرىپ كەلسەم، ھەممىسى مازاقلاپ كۈلۈشەتتى: مېنىڭ پاكار بويۇم، كېلەڭسىز بەستىم، كۆرۈمسىز رەڭگى – رويۇم، كۈلكىلىك قىياپىتىم، كىشىلەرنى ئېچىندۈرىدىغان تەبىئىي ئاجىز تەن قۇرۇلۇشۇمغا قاراپ، تاغاڭ ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى مەندىن يىرگىنەتتى، شاڭخو قىلىپ، كەمسىتىپ كۈلۈشەتتى. مەنچۇ؟ بىردەم جىم تۇرۇشقىمۇ ھەقىلىق ئەمەس ئىدىم، مەنمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ ئۆز – ئۆزۈمدىن كۈلۈشكە مەجبۇر بولاتتىم. بۇ قىلىقلار مېنىڭ غەزىپىمنى كەلتۈرمەيتتىمۇ؟ سەن، ئادەم بالىسى مۇشۇنداق كەمسىتىشكىمۇ تاقەت قىلىش كېرەك، دەپ ھېسابلامسەن؟ سەن باشقا قۇللارنىڭ كۈن بويى قاقاس ئاپتاپتا، بوينى باغلانغان ھالدا، نازارەتچىلەرنىڭ ئىزا – ئاھانەتلىرى ئاستىدا ئېغىر ئەمگەك قىلىشى، ئازابلىنىشى ئۇلارنىڭ قەھرى – غەزىپىنى قوزغىماسلىقى كېرەك، دەپ ئويلامسەن؟ بۇنى ئاز دەپ يەنە كىشىنىڭ يۈرىكىدە مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدىغان ئۆچمەنلىك قوزغاش ئۈچۈن، شەپقەتسىز ھالدا، مېنىڭ مەيدەمدىكىگە ئوخشاش شەرمەندە تامغىلارنى بېسىپ قويۇش كېرەك، دەپ ئويلامسەن؟ ئۇھ! مەن ئىنتىقام ئېلىشنى قانچىلىك كۈتكەن – ھە؟ ئۆچ ئېلىش پۇرسىتى نىمە دىگەن تېز يېتىپ كەلگەن!

     


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.